كۆزلۈرۈمدىن تۆكۈلدى يېشىم،
جېنىم ئاتا سېنى سېغىنىپ.
ياتقان جايىڭ جەننەتتە بولسۇن،
يۈرەكلىرىم كەتتى ئۆرتۈنۈپ.
...
مەن مىھرىڭگە قانماي تۇرۇپلا،
كىتىپ قالدىڭ جان ئاتا يىراق.
رازى ئەمما جان ئاتا سەندىن،
سېغىنىدىكەن بالىلىق پىراق.
.......
قەدرىگە يىتڭ مىھرىزات سىڭلىم،
بېقىۋېلىڭ بەك ياخشى سىڭلىم.
كىتىپ قالسا ئاتا ئالەمدىن،
كەلمەيدىكەن قايتىدىن سىڭلىم .
.....
باغرىم شۇندا يېرىلسىمۇ چاك،
كۆرەلمىدىم ھەتتا بىرە رەت.
ئارمانلىرىم قېپقاپتۇ مۇندا،
قىينايدۇ داۋاملىق كىچىككىنە دەت.
..............
ئاتامغا ئەركىلەپ ئۆتۈپتىكەنمەن،
كەتمەس ھەم، دەپ قېلىپ يۈرۈپتىكەنمەن .
كەتكەندە داڭ قالدىم ھەسرىتىم ئاتام،
ئارمانلار قالدى ،بىلمەپتىكەنمەن .
...