|مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       6208 
  •    ئىنكاس 
       104 

پاشىنىڭ غىڭشىشى ۋە تۇلپارنىڭ كىشنىشى

قەۋەت ئاتلاش
menggutash
دەرىجە:ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.29549

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   51 

 نادىرلانغان تېمىسى:   12 

 مۇنبەر پۇلى:   33160 (سوم)
 ياخشى باھا:   295 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   489  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2234
 سائەت
دەرىجىسى:
2234 سائەت 66 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-02-08
ئاخــىرقىسى:2011-06-15
— تېما باشقۇرغۇچى گۈلىستان تەرپىدىن نادىرلاندى. (2011-04-12) —

بۇ ئەسەر ئىجادىي ئەسەر، قەلىمىمگە تەۋە...
بىر قېتىم ئامېرىكىدا مەشھۇر كومىدىيە چولپىنى چارلىز چاپلىننى دوراش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈپتىكەن، چارلىز چاپلىنمۇ چاندۇرماي قاتنىشىپ ئۆزىنى سىناپ بېقىپتۇ. ئويلىمىغان يەردىن چارلىز چاپلىن مۇسابىقىدە ئىككىنچى بولۇپ قاپتۇ. oI#a_/w  
بىزنىڭ بەزى ئىشلىرىمىزغا قاراپ ھەيرانۇ- ھەس بولۇپ قالىمەن. سۆيۈشۈش  غەربلىكلەرنىڭ نەزەرىدە قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەنچىلىكلا ئورۇندا تۇرىدىغان سالاملىشىش ياكى مۇھەببەت ئىزھار قىلىش ۋاستىسى بولۇپ كەلگەن. ئەمدى بەزى قىز- يىگىتلەرنىڭ تازا ئادەم توپلاشقان جايلاردا چىرمىشىپ، سۆيۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرسەم، بۇ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغۇچى غەربلىكلەر ئىككىنچى بولۇپ قالىدىغاندەك ھېس قىلىمەن. خەلقىمىزدە >كۆرگەن كۆرگەننى قىلۇر، كۆرمىگەن نېمىنى قىلۇر< دېگەن ماقالىغا يارىشا، كۆرگىنىمىز كۆپەيگەنسېرى دورايدىغىنىمىزمۇ كۆپىيىشكە باشلىدى. بولۇپمۇ غەلىتىرەك ئىش- ھەركەتلەرنىڭ ئاۋام تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشى تېزرەك بولىدىكەن. مەدەنىيەت زور ئاپىتى مەزگىلى دوراش مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە گۈللەنگەن مەزگىل. بىراۋنى «يوقالسۇن» دەپلا قالسا ئۇ ئاتىسى بولسىمۇ تەڭ قارغاش كېرەك. ئاتا- بالىلىق مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشمۇ ھەم شۇنىڭ ئىچىدە. شۇنداق ئالامانلار ئىچىدە ياشلىق باھارىنى توزۇتقانلار ئارىمىزدا تالايلاپ تېپىلىدۇ. شۇڭىمۇ مەيدانىنى ئېغىر دەرىجىدە يوقاتقان كىشىلەرنى بەزى ئادەملەر«بۇرنى بولمىسا پوق يەيدىغان» دەپ زەھەردەك چېقىۋالىدۇ. ئەينى چاغدا شوخلا زەھەرلىك مېۋە، دەپ قارىلىپ ھېچكىم يېيىشكە پېتىنالمىغان ئىكەن. ئۇزۇن يىللاردىن كېيىن بىرەيلەن جاننى ئالقانغا ئېلىپ قويۇپ شوخلىنى يەپتۇ. شۇندىن تارتىپ شوخلا قازان بېشىغا ئۆتۈپتۇ. ئەلۋەتتە، شوخلىنى قىيام قىلىش، كونسېرۋا ئىشلەش، قاق قىلىپ قۇرۇتۇشلار كېيىنكى تەرەققىياتنىڭ مەھسۇلى. شوخلىنى بايقاشنىڭ پاتېنتى ھېلىقى كىشىگە مەنسۇپ. مۇستەقىل تەپەككۇر ۋە تەۋەككۇلچىلىك روھى يېپيېڭى بىر ئالەمنى كۆز ئالدىمىزغا يايىدۇ. +EAT:,  
جاھان بىپەرۋا ئادەملەرگە تولۇپ كەتكەندە، ئاقىللارنىڭ كۆزىدىن ئاقىدىغان ياشمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ. غېرىبلىققا ئىت كۆنگەن بىلەن ئادەم كۆنمەيدۇ. بۇمۇ ئىنساننىڭ چىدامسىز يارىتىلغانلىقىنىڭ ئىسپاتى بولسا كېرەك. كەلمىشتىن كەتمىشكىچە كۈلپەت تارتىشتىن مۇددىئا نېمىدۇر؟ ئۆزۈمنى بىلسەم، بۇ دۇنيا تىنىمسىز ئۆزگىرىش ئىچىدە ئىكەن. مەن تەۋە بولغان بۇ قەۋمنىڭ ھېسابسىز بايلىق ئۈستىدە مېڭىپ يۈرگەن ئېشەك ھارۋىلىرى ئۇ مەھەللىدىن بۇ مەھەللىگە، ئۇ قەلبتىن بۇ قەلبكىچە توختىماي قاتناۋېتىپتۇ. ئەنئەنىنىڭ جىمجىت يۈزىدە بوۋا، ئاتا، بالىدىن ئىبارەت ئۈچ ئەۋلادنىڭ سۇسلىشىۋاتقان قانلىرى داۋالغۇپ تۇرۇپتۇ. ئەنئەنىنىڭ ساپلىقى ۋە ئۇلۇغلۇقىدىن بەھىرلەنگۈچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن قەلبىمنىڭ پىنھان بۇلۇڭلىرىغا گېن تارىخىمنى پۈتۈپ قويۇپ رىئاللىققا قايتىپ كەلدىم. U5 r7j  
مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ بىر ھېكايىسىدىكى باش پېرسۇناژنىڭ ئىككى ئەر كىشىنى بىرسىگە تونۇشتۇرغاندىكى «بۇ ھازىرقى ئايالىمنىڭ بۇرۇنقى دوستى. مانا بۇ بۇرۇنقى ئايالىمنىڭ ھازىرقى دوستى» دېگەن دىئالوگىنى ئويلىسام ئىختىيارسىز بىر كۈلكە چىرايىمغا تېپىپ چىقىدۇ. ئۇيغۇر تىلىنىڭ مەنە ئىپادىلەش ئىمكانىيىتىنىڭ كەڭلىكى ھەم ئانا تىلدا تەپەككۇر قىلىپ، ئانا تىلدا پۈتۈك پۈتۈش شەرىپىگە ئېرىشكەن ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرى ئۈچۈن پەخىرلىنىپ قالىمەن. بۇنداق چاغدا «سۇ بويىدا» قاتارلىق كىلاسسىك ئەسەرلەرنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا يۇقىرى ماھارەت بىلەن تەرجىمە قىلىنغانلىقىنى ئاڭلىغان بىر خەنزۇ زىيالىينىڭ « سىلەرنىڭ ئاشۇ 32 ھەرىپىڭلار شۇنچە چوڭ ھەجىملىك ئەسەرنى تەرجىمە قىلىشقا يەتتىمۇ » دەپ سورىغاندا بىر ئۇيغۇر زىيالىينىڭ «يېتىپلا قالماي تېخى يەنە ئىككى تاغار سۆز ئېشىپ قالدى» دېگەن چاقچاق پارىڭى يادىمغا يېتىپ، مەستخۇشلۇققا چۆكىمەن. بىز ھەقىقەتەن كىلاسسىكلىرىمىزغا قەرزدار. «ئۆتنە جاھان» دېگەن شۇ بولسا كېرەك. ئاۋام تىلىدا ئاددىيلىق ئىچىدە پەلسەپە، سىداملىق ئىچىدە رەڭدارلىق بار. ئاتىلارنىڭ «ھۆل باشنى كۆتۈرۈپ يۈرمەك ئاسان ئەمەس» دېگەن بىر جۈملىسىنىڭ ئۆزىلا ئۇيغۇرنىڭ ئەسىر- ئەسىرلەردىن  بۇيانقى تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى داۋامىدا ھاياتىنىڭ ھەر بىر كېچىكلىرىدە كۆرگەن كۆرمىش- ئەتمىشلىرىنىڭ يىغىنچاقلىنىشى، تىرىكچىلىك دوقمۇشلىرىدا ئۇرۇلۇپ- سوقۇلۇپ كېتىۋاتقان ھالىتىنىڭ تېز سىزمىسى. 5~yNqC  
مەڭگۈ تاشلارنى ساقلاپ ياتقان ئۇرخۇن ۋادىلىرى، گىياھ تاشلارنى ساقلاپ ياتقان باياۋانلار، بوستانلارنى ساقلاپ ياتقان كارىزلار، ئالتۇن كەبى ئۈگۈت- ھېكمەتلەرنى ساقلاپ ياتقان يۇمران ۋە ئىسسىق قەلبلەر بىز ئۈچۈن غەنىيمەت. قېنىمىزدا ئىنسان تۇنجى باسقان قەدەمدىن قالغان بىر گېننىڭ سەپىرى داۋاملاشماقتا. بىخلىنىش، ئاينىش، سولۇش، قۇرۇش گىياھتىن تارتىپ ئادىمىزاتقىچە داۋام قىلىۋاتقان قانۇن. ياپراق سولدى، لېكىن ئۇنىڭ يېشىللىق ئارخىپى ساقلىنىپ ئىككىنچى بىر گىياھتا ئايان بولدى. ئىنسان ئۆلدى، لېكىن ھاياتلىق گېن خەرىتىسى ئوغلى ياكى قېرىنداشلىرى ئارقىلىق داۋام قىلدى. مەيلى بۇلاڭچى مەيلى شاھ مەيلى مۇناپىق بولسۇن، يەر شارىدا ئاۋۇشتىن ئىبارەت توسالغۇسىز سەپەر ئۈستىدە كۈچ ئۇلاش تايىقىنى بىر - بىرىگە يەتكۈزۈپ جاھىلانە ياشاپ كەلمەكتە. كاللا مۇنارلىرى تىكلەندى، لېكىن ھاياتلىق ناخشىلىرى ئۈزۈلۈپ قالمىدى. بىر كۆز يۇمۇلسا يەنە بىر كۆز ئويۇلغان كۆزنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۈنسىز ئۈستىگە ئېلىپ مۇقەددەس بۇرچىنى ئادا قىلدى. قوللار ئۈزۈلدى، پۇت ھەركەتكە كەلدى. قىرغىنچىلىق، تۇتقۇنلۇق، باسقۇنچىلىق، خىروئىن، ئەيدىز ئىنساننىڭ داۋاملىق ياشاپ قېلىش ئىرادىسىنى سۇندۇرالمىدى. كېيىنكىلەر جەسەتلەرنى دەسسەپ ئۆتۈپ تۇغنى ھېچكىم تېخى قاداپ باقمىغان پەللىلەرگە قاداشقا قادىر بولدى. ئىنساننىڭ تاش قورال دەۋرىدىن ئۇچۇر دەۋرىگىچە يىغلىغان يىغىسى ۋە كۈلگەن كۈلكىلىرىگە يەر شارىنىڭ ئارخىپى پۈتۈلگەن. مەن بۈگۈن ئېيتقان بىر جۈملە سۆزنى نەچچە مىڭ يىل بۇرۇن نىل دەريا ۋادىسىدىكى بىر ئەركەك دەپ بولغان بولۇشى مۈمكىن. يەر شارىدا تۈرلۈك قەبىلە، ئۇرۇقلار ئۆزىگە خاس مەدەنىيەتلەرنى ياراتقان بولسىمۇ ، ئۇلار ماھىيەتتە ئوخشاش بىر مۇزىكىنى ئوخشىمىغان چالغۇلاردا ئورۇنلىغۇچىلاردۇر. ئاياللارنى «غەلىتە مەخلۇق» دەپ قارايدىغان جاھالەت دەۋرىدىن ئاياللار مىنىستىر بولۇپ ئەرلەرگە نۇتۇق سۆزلەۋاتقان زامانىمىزغىچە، قىزلارنى خەتنە قىلىش تارىخىغا ئەمدىلا خاتىمە بېرىلگەن مىسىردىن تەكلىماكاننىڭ بىر بۇرجىكىدىكى جىدەل قۇرۇمىغان ئۇيغۇر ئائىلىسىگىچە دۇنيا توختاۋسىز يوسۇندا قاسراق تاشلاپ كەلدى. بۇ قاسراقلارنىڭ ئىچىدە يەنە ئەپسانە- رىۋايەتلەرنىڭ يالىلداپ تۇرغان ئاجىز چوغىدا قەلبىنى ئىسسىتىپ تۇرغان يېزا- سەھرالارنىڭ رىئاللىقى بار. ئاسىيانىڭ مەركىزىي رايونىدا قەيسەر يۇلغۇنلاردەك ياشاش ئۇدۇمىنى داۋاملاشتۇرۇپ، تارىخىدا سەلتەنەتلىك سەھىپىلەرنى، گاھىدا لەنەتلىك يادنامىلەرنى پۈتۈپ كەلگەن، غەرب سەيياھلىرى تۇغۇلۇشنى ئارزۇ قىلغان بۇ قىسمەتلەرگە باي شورلۇق زىمىندا مەنىلىك يىغلاپ، مەنىلىك كۈلەلەيدىغان بۇ قەۋمنىڭ ئالەمگە تەڭداش ئارمانلىرى بار. C+l?k2  
بوۋىلار كەتتى. ئاتىلار يولغا چىقىش ئالدىدا. تۈنۈگۈنكى گۆدەكلەر بۈگۈن ئاتا بولدى.  ھازىرقى ئاتىلارنىڭ زور كۆپچىلىكى مەدەنىيەت تەلۋىلىكى دەۋرىنىڭ ئالدىدا تۇغۇلغان، قىزىل قۇيۇن تامغىسى چوڭقۇر ئىزلارنى يادىكار قىلغانلار بولدى. بۇ بەختسىزلىكنىڭ باشلىنىشى ئىدى. بۇ ئاتىلارنىڭ پەرزەنتلىرى بۈگۈنكى كۈندە تازا قىيامىغا يېتىپ پەرزەنتلىك بولدى. ئادەمنىڭ قىممىتى خەسە ئورنىغا چۈشكەن زاماننىڭ ساقىندىلىرى بولمىش بۇ پەرزەنتلەر كۆتە ئائىلە تەربىيىسى، ئۆچكەن ئېتىقاد، شەرم- ھايا مۇھىتىدا تەكلىماكان ۋادىسىدا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك قۇمۇشلىرىدەك بوي تارتىپ ئۆسمەكتە ئىدى. ئۇلارنىڭ ئېڭىدا يۇلغۇن ئەمەس، بامبۇك بىخ سۈرەتتى. توغراق ئەمەس، سېرىس گۈلى ئىغاڭلايتتى. h[H%:743  
كەلگۈسىدە ئۇچقۇچى بولۇشىنى ئارزۇ قىلىپ يېمەي يېگۈزگەن پەرزەنتلىرىنىڭ كەچلەردە سالامەت قايتىپ كىرىشى ئاتا- ئانىلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئارمىنىغا ئايلانغان ئىدى. ,TJ/3_lH  
>گاھىدا خۇدا بىلەن رۇسۇل، گاھىدا ناخشا بىلەن ئۇسسۇل< ھازىرقى ھالىتىمىزنىڭ ئەينەن تەسۋىرى بولسا كېرەك. >مۇقام< ماركىلىق ھاراقنى ئىچىپ، خۇدىنى بىلمەي ئۇسسۇل ئويناش، >ئوغۇزخان< ماركىلىق ھاراقنى ئىچىپ ئىپپەت جاڭگاللىرىدا ئات چاپتۇرۇش، >راۋاپ< ماركىلىق ئامېرىنونى ئىچىپ، بېشىغا كۇسار كىيىپ كوچىغا چىقىش زامانغا لايىقلاشقانلىقنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالدى. كۈل توزۇغان كۆزلەردە ھاياتقا ھىيلە ئىشلىتىپ چارچىغان داپشاق تىرىكچىلىك مەنتىقىسى پىلىلداپ تۇرىدۇ. ھەرەم ئاغىلىرىدەك ھىجىيىپ يۈرگەن ئادەملەرنى ھەر بىر دوقمۇشتا ئۇچرىتىپ قالىسىز. ئەينى چاغدا ھۆكۈمران تائىپىنىڭ ئەتراپىدىكى ئەڭ ئىشەنچلىك ئەر مۇلازىملارنىڭ خانىش، كېنىزەكلەرگە قارا سانىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئاختا قىلىۋېتىلگەن. ئاغۋاتلارنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى شۇ. ئەرلىك رىغبەتتىن مەھرۇم قىلىنغان بۇ تائىپە تەدرىجىي يوسۇندا ناجىنىسلىققا مايىل بولغان. ئۇلاردا ئاياللاردىكى مۇلايىملىق بىلەن، ئەرلەردىكى مەردانىلىق بولمىغاچ، تارىختىن بۇيانقى ئىنسان قەلبى بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان تەڭداشسىز نومۇسسىزلىقلارنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىدا مۇشۇ ھەرەم ئاغىلىرىنىڭ قارا كۆلەڭگىسى بار. z,M'Tr.1|  
>ياخشىنى ياخشى<، >ياماننى يامان< دەپ ئېتىراپ قىلىش، كۈلگۈسى كەلگەندە كۈلۈپ، يىغلىغۇسى كەلگەندە يىغلاش ئۈچۈنمۇ جۈرئەت كېرەك بولىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە پات- پاتلا مەمەت ئاۋاقنى، ۋاللاتسىينى، غېنى باتۇرنى سېغىنىپ قالىدىكەن كىشى. يېزىلارنىڭ ئۇپراپ كېتىۋاتقان غۇرۇرىدا مويسىپىتلارنىڭ ھەسرەتلىك تىنىقلىرى بار. مەختۇمسۇلانىڭ سۇدا ئاققان چاچلىرىدا بىر قەۋمنىڭ چاچتەك ئۇزۇن ھەم زۇلمەتلىك ئىپپەت تارىخى بار. تاشۋاي پەدىسىدە مۈرىسىگە خۇرجۇننى سېلىپ تەۋەككۈل دەرياسىغا كېمە سالغان قەشقەرنىڭ يېتىملىك سىمفونىيىسى بار. سوپىيانە قۇمۇلنىڭ تاغ- تۇرالىرىدا نەرە تارتقان پالۋاننىڭ باسقان ئىزى بار. ھەسرەتلىنىش ئۈچۈنمۇ سەۋىيە كېرەك. ھەسرەتنىڭ دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى- تۆۋەنلىكى سىزنىڭ ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىڭىزنىڭ ئاددىي ياكى يۈكسەكلىكىنى بەلگىلەيدۇ. ھەسرەتتىن يىغا تۇغۇلىدۇ. ئادەم بوۋاق ھالىتىدە قورسىقى ئۈچۈنلا يىغلىسا، بىلىدىغان نەرسە كۆپىيىپ، ئەقىل ئۇلغايغانچە كۆزدىن تۆكۈلگەن ياشلارغا نۇرغۇن نەرسىلەر قوشۇلۇپ ئاقىدۇ.   تۇلپارنىڭ كىشنىشى بىلەن ئېشەكنىڭ ھاڭرىشىدا ئاسمان- زىمىن پەرق بار. لېكىن كىشىلەرنىڭ ھەقنى ئاڭلايدىغان قۇلاقلىرىغا زاماننىڭ كىرى تولۇپ كەتكەندە تۇلپارنىڭ كىشنىشى پاشىنىڭ غىڭشىشىغا ئوخشاش تۇيۇلۇشى مۈمكىن. تىلىدىن بال- كەۋسەر تۆكۈلىدىغان زىيالىينىڭ تۇرمۇشىغا قاراپ ئاۋام ھەيرەتكە چۆممەكتە.«يامانلىقنى كۆرگەندە تىلى بىلەن نارازى بولۇش» سەۋىيىسىگە يېتىشمۇ ئادىمىگەرچىلىكتىكى خېلى يۇقىرى سەۋىيە ھېسابلىنىدىغان بولۇپ قالدى.  كۆنۈش، يول قويۇش، ئاينىش، سېتىش، سېتىلىش، ئامالسىزلىق، خىيانەت، رازى بولۇش، پەخىرلىنىش... ھاياتلىق زەنجىرىدە تەتۈر ئايلىنىش ۋەزىيىتى كۆرۈلۈشكە باشلىدى. شەيتان ئەمدى بالا - ۋاقىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ رەسمىي يوسۇندا قەلبىمىزگە كىرىپ ئورۇنلاشقان ئىدى. tx2Vyu  
  لىنكولىننىڭ بىر جۈپ پايپىقىنى مۇنچە مىڭ دوللارغا سېتىۋېلىشقا رازى بولىدىغان، لېكىن دۇنيانىڭ يەنە بىر يېرىدىكى ئاچلىقىنى سېغىزدىن ياسالغان پىرەنىك بىلەن بېسىۋاتقان كۆك نامراتقا بىر سىنت ياردەم بېرىشنى خالىمايدىغان، مېھىر- مۇھەببەتمۇ سىياسىي دەسمايىگە ئايلانغان، ئورۇقلاش كۇلۇبلىرى قۇرۇلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە پەزىلەتتە يىگانە بىر زاتنىڭ «قەبرىستانلىقتىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئادەم، ئىسىت، مۇشۇ قەبرىدىكى ئۆلۈك مەن بولۇپ قالسامچۇ، دەيدىغان كۈنلەر كەلمىگىچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ.» دېگەن مۇبارەك سۆزىنى ئەسلەپ قالىمەن. I>A^5nk  
تارىخ بەتلىرىنى ئالدىغا ۋاراقلىغانسېرى قان تامچىغان ئىزلارنى شۇنچە كۆپ چېلىقتۇردۇم. تەخت ئۈچۈن بەزىدە ئاتا بالىنى قەتلى قىلسا، بەزىدە بالا ئاتىسىغا تىغ كۆتۈرەتتى. پىتلاپ كەتكەن تۆشەكلەردە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئۆلگەن يېڭى جانلار تۆرەلمەكتە ئىدى. نەمخۇش يىلتىزىدا گۈلنىڭ ھاياتلىق خەرىتىسى يوشۇرۇنۇپ ياتقاندەك تۇغۇم يېزىلاردىن باشلاندى. يېزىلار بىزنىڭ يىلىكىمىزنى ساقلاپ ياتماقتا. تارىخنىڭ يىرىڭ داغلىق ۋاراقلىرىدا شىرمەتلەرنىڭ ئۆلۈمگە ئۆزىنى پەرۋانىدەك ئۇرۇۋاتقان سىماسى ئايان بولىدۇ. سەددىچىندىن ئەلئېھرامغىچە ئىنساننىڭ خارلىق ئازگىلىدىن يۈكسىلىش سەپىرىگە يۆتكىلىش داۋامىدىكى دىئالوگلىرى ياڭرايدۇ. سەددىچىن ۋەھىمە ۋە نومۇس تۇيغۇسىدا ئۆرە قىلىنغان بولسا، ئەلئېھرام قورقۇنچ ۋە تىۋىنىش ھېسسىياتىدا قوپۇرۇلغان. ئىككى مۆجىزىنى بىنا قىلغۇچىلارنىڭ شۇ دەۋردىكى روھىي ھالىتىنى تەتقىق قىلىشمۇ بىر چوڭ تېما.شىۋىتسارىيىلىك سائەت ئۇستىكارى ت. بوك 1560 -يىلى ئېھرامنى زىيارەت قىلغاندا >ئېھرامنىڭ قۇرغۇچىلىرى قۇللار ئەمەس، شاد-خۇرام، ئەركىن كىشىلەر بولۇشى مۈمكىن<دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان. بوك ئەسلىدە فىرانسىيىلىك كاتولىك دىنى مۇرىتى بولۇپ، 1536  -يىلى رىم كاتولىك ھۆكۈمرانلىرىنىڭ دوگما پەتىۋالىرىغا قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن تۈرمىگە تاشلانغان. ئۇ ئۇستا ھۈنەرۋەن بولغاچقا، تۈرمىدە باشقىلار بىلەن سائەت ياساشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلىنغان بۇ جايدا ، گۇندىپايلار ھەرقانچە بېسىم قىلىپمۇ ئۇلارغا كۈنلۈك ۋاقىت پەرقى 10\1 سېكونتتىن تۆۋەن بولغان سائەتنى ياسىتىپ چىقالمىغان. ئەمما تۈرمىگە تاشلىنىشتىن بۇرۇن ئۇلار ئۆز دۇكانلىرىدا سائەتنىڭ ۋاقىت پەرقىنى 10\1 سېكونتتىن تۆۋەن قىلىپ ياسىيالايدىكەن. بوك كېيىن بىلگەنكى، سائەتنىڭ توغرا ياسىلىشىغا ھەقىقىي تەسىر كۆرسەتكىنى مۇھىت بولماستىن، بەلكى سائەت ياساۋاتقان چاغدىكى ھېسسىيات ئىكەن. «ئېھرامنىڭ قۇرغۇچىلىرى ئەركىن كىشىلەر ئىكەن» دېگەن ھۆكۈمنى ئۇ سائەت ياسىغان چاغدىكى ھېسسىياتى ئاساسىدا چىقارغان. چۈنكى، بىر توپ يالقاۋ ۋە قارشىلىشىش ئىدىيىسىدىكى كىشىلەرنىڭ ئېھرامغا ئىشلەتكەن قورام تاش كاۋاكلىرىغا بىر تال بىرىتۋامۇ سىغمىغۇدەك ھالدا ياساپ چىقالىشىنى تەسەۋۋۇر قىلماق تەس. ( ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى< ژۇرنىلىنىڭ  2006 -يىللىق 1-سانىدىكى «گىگانت جوڭگونىڭ يېنىدىكى پەتەك ياپونىيە» ناملىق ماقالىدىن ئارىيە)
ياۋروپادا «قىيامەتنى قايىم» قىلغان، پاكار ئەمما يۈگۈرۈك ھون ئاتلىرىغا مىنگەن ھون چەۋەندازلىرىنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇملىرىدا دۇنيا بىر قېتىم ئەر تەمىنى ھېس قىلغان ئىدى. ئەرلەردىكى قىسقا لېكىن كۈچلۈك شەھۋەت بىلەن خاراكتىرلەنگەن بۇ يۈرۈشلەر بېسىقىغا چۈشكەندە ئەنە ئاشۇ شىرمەتلەر شىرىن خۇلۇقلۇق چىن قىزلىرىنىڭ قۇچاقلىرىغا يىقىلغان بىر دۆۋە لايغا ئايلانغان ئىدى. [:R P9r}  
ئات باشلىق غىجەكنىڭ يۈرەكنى ئېزىدىغان كۈيلىرىگە ئەگىشىپ موڭغۇل يايلاقلىرىغا سەپەر قىلىمەن. دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك ئېمپىرىيىلەرنىڭ بىرىنى قۇرغان موڭغۇللارمۇ كىشى زوقلانغۇدەك، ئەيمەنگۈدەك جاسارەت بىلەن مەشرىقتىن مەغرىبكىچە توسالغۇسىز ئىلگىرىلەپ، ھەر بىر ئىنسانغا ۋەتەننىڭ مۇقەددەسلىكىنى تونۇتقان، تالاي ئەزىمەتنى شېھىدلىك مەقامىغا يەتكۈزگەن ئىدى. ۋەتىنى بارلار ۋەتىنىدىن مەھرۇم بولغان، ۋەتەنسىزلەر ۋەتەننىڭ ھېدىنى ھىدلاپ يۈرگەن بىتەققاس ئالامانلار ئىنسانىيەتنىڭ قايغۇسىنى ئاشۇرۇپ كەلدى. Y%?!AmER  
 ئەزىز  تۇپرىقىنىڭ قات- قاتلىرىغا قانلىرىنى سىڭدۈرۈپ يۇغۇرۇپ چىققان ۋەتەنلەر بىپەرۋالىق، مۇرەسسە، سۈلھ سەۋەبىدىن خاراب بولغان مىساللار تارىختا ئاز ئەمەس، ئەلۋەتتە. يايلاق مىللەتلىرىدىكى قاراملىق، چۇسلۇق، ئوچۇق خاراكتىر ھاكىمىيەتنى ئۇزۇن مۇددەت تۇتۇپ تۇرۇشقا  لايىق كەلمەيدۇ. بۇ خىل ئەسكەرچە خاراكتىر جەڭ مەيدانىدا ئەسقاتقىنى بىلەن سىياسەت، تەدبىرگە ناقابىللىق قىلىدۇ. يايلاق مىللەتلىرى ئاتلىرىنىڭ تۇياقلىرىدىن چاڭ توزۇتۇپ غەرب تامان ئۇزاپ كېتىۋاتقىنىدا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خەلق ئاي توقاچ ئارقىلىق ئەركىنلىك تۇغىنى تىكلەشنىڭ تەرەددۇتىنى قىلىپ بولغان ئىدى.
سەلتەنەت يۇلتۇزى تۈركلەرنىڭ بۇرجىدا پارلىغان، دۇنيا سەنئەت ۋە جەسۇرلۇقنىڭ تەمىنى يەنە بىر قېتىم تېتىشقا مۇيەسسەر بولغان ئوتتۇرا ئەسىردىن گئورگى. بوش دوللار ۋە ئاۋىئاماتكا بىلەن يەتتە ئىقلىمدا ھەيۋە قىلىشقا چۈشكەن زامانىمىزغىچە ئىنساننىڭ بارلىق ئىزدىنىشلىرى ئوخشىمىغان مەپكۈرىلەر ئارىسىدا كۈچ سىنىشىشنىڭ چەمبىرىكىدىن چىقالمىدى. قىلىچ- نەيزىدىن ئاپتومات، لازىر نۇرلۇق قورال، يادرو ئوق بېشىغىچە ئىنسان ئەقىل- پاراسىتىنىڭ كۆپ قىسمى ھالاكەت ئۈچۈن مەبلەغ جۇغلاشقا سەرپ قىلىندى. «قوزۇقلار ئىگىسى» دەپ نام بېرىلگەن فىرئەۋن ئۆزىنى«تەڭرى»دەپ ئېلان قىلىپ، ئۆزىگە ئىتائەت قىلمىغانلارنى ئوڭ پۇتى بىلەن سول قولىنى چەپ قىلىپ كېسىپ، زۇلۇمدا ھەددىدىن ئاشقانلىقتىن دېڭىز يۇتقان ئىدى. قايىللىق ئاساسىدىكى ئىتائەت بولمىغانلىقتىن زۇلۇم بىلەن زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش ئارىسىدىكى توقۇنۇش بىر كۈنمۇ توختاپ قالمىدى. ھەرقانچە تەسىرلىك نۇتۇقمۇ رىئاللىقنىڭ ئالدىدا ھامان سۇغا چىلىشىدۇ. دۇنيا سىياسىي ئويۇنلارنىڭ مەيدانىغا ئايلانغان،(بالىلىق ئويۇنىدا بىر ئىككى بالا زىيان تارتىدۇ، سىياسىي ئويۇندا بىر پۈتۈن مىللەت ياكى جامائە ھالاك بولۇشى مۈمكىن) ھالاكەت تەھدىتى بوسۇغىمىزدا تۇرغان شارائىتتا ئۆزى ھەققىدە ئويلىنىش ئاز بىر قىسىم مىللەت زەكىيلىرىنىڭ زىممىسىگە چۈشىدۇ. بىلىش ئۇلارنىڭ بەختى ھەم بەختسىزلىكى. كاللا ئىشلەتمەي ، پۇت- قولنى كۆپرەك ھەركەتلەندۈرۈش كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ مەشغۇلاتىغا ئايلاندى. كوللىكتىپ ئۇسۇللىرىمىز بىغەملىكىمىزنىڭ كوللىكتىپلىق دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىنىڭ ئالامىتىمۇ؟نەغمە - كۈي كىشىگە ئۆزىنىڭ نېمە قىلالايدىغىنىنى ۋە نېمە قىلىشى كېرەكلىكىنى ، نېمىنىڭ مۇھىملىقىنى ئۇنتۇلدۇرىۋېتەلەيدۇ. ئاتا- بوۋىلىرىمىز بىزنىڭ ئۇنۇتقاق، ئاسان ھاياجانلىنىدىغان، بۇزۇشقا ھېرىسمەن خاراكتىرىمىزنى كۆزدە تۇتۇپ ئالتۇندەك نەسىھەتلىرىنى ساقراق تۇرارمىكىن، دەپ تاشلارغا ئويۇپ قالدۇرغان، قەغەزلەرگە يازمىغان ئىدى. ئورخۇن ۋە قاراخانىلار خانلىقى دەۋرىدە ناخشا- ئۇسسۇل مەۋجۈت بولسىمۇ بۈگۈنكىدەك كەڭ كۆلەمدە ئەۋجىمىگەن. قولى كۆتۈرۈلگەنلىكى ئادەم ئۇسسۇلچى، ئاۋاز پەردىسى تىترەيدىغان ھەر بىر ئادەم ناخشىچى. بىر قېتىم «تەڭرىتاغ گۈلزارى» ) باشقىلار ئۇنىڭغا تەڭرىتاغ يىغا - زارى، دەپ نام قويىۋاپتۇ. چۈنكى، ھەر بىر ئارتىس جاپالىق كۈنلىرىنى تىلغا ئالغاندا كۆز يېشى قىلماي قالمايتتى( پىروگىراممىسىدا سەھنىلەردە كۆزگە كۆرۈنۈپ قالغان بىر خوتۇن ئۆزى ھەققىدە سۆزلەپ كېلىپ«مېنىڭ چوقۇنغۇچىلىرىم» دېگەن بىر گەپنى قىلغان ئىدى. پۈتۈن ئەزالىرىم تىكەنلىشىپ كەتتى. لېكىن بىز ئۇنۇتماقتىمىز، تۈنۈگۈنكى پاجىئە بۈگۈن ئۇنتۇلماقتا. ئۇنۇتقاقلارنى دۇنيامۇ ئۇنتۇيدىكەن. ئۇنتۇلغانلار ئۇنتۇلمىغانلارنىڭ قولىدىكى رىئاللىققا تەلمۈرۈپ ئولتۇرىدىكەن. بۇ دۇنيا ئۇنتۇلۇشتىن بۇرۇن ئۆزىنى تونۇتقانلارغا مەنسۇپ ئىكەن. بۇ دىياردا دۇنيانىڭ باشقا يېرىدە ئاقىدىغان مۇۋاپپىقىيەت فورمىلالىرى ئاقمايدۇ. غۇرۇرى پايخان قىلىنغاندىمۇ ھىجىيىپ تۇرىدىغان يالقاۋلىق، قېرىنداشلىرىنىڭ ھەسرىتىگە بەكرەك خۇشاللىنىش،توخۇنى ئۆلتۈرۈپ تۇخۇمنى ئېلىۋېلىش... Sl<-)a:  
 ئۇرۇش مەيدانىغا توشۇلىۋاتقان قورال- ياراقلارنى يامغۇردىن قوغداش ئۈچۈن  بالىسىنىڭ ئەدىيلىنى يېپىپ قويۇۋاتقان ئانىنىڭ گېنىرالغا ئېيتقان: مەن بالىنى قايتا تۇغالايمەن، بىراق، ۋەتەننى تۇغالمايمەن... دېگەن جاۋابى ھەم ئۇرۇش خارابىلىكى ئىچىدىن بىر تەشتەك گۈلىنى قۇچاقلاپ ئولتۇرغان نېمىس موماينىڭ سىماسىنى ھەر قېتىم ئەسلىگىنىمدە بىر مىللەت ئانىلىرىنىڭ ساپاسىنىڭ شۇ مىللەت مەۋجۇتلۇقىدا تۇتىدىغان ئورنىنىڭ قانچىلىكلىكىنى ھېس قىلىمەن. «بىزنىڭ ئانىلىرىمىزمۇ شۇنچىلىك جاۋابلارنى بېرەلەرمۇ» دېگەن سۇئال كاللامدا بىخلىنىش بىلەن تەڭ خەۋپسىرەشكە چۈشىمەن. چۈنكى ۋەتەننى سۆيۈش ئۈچۈنمۇ ساپا كېرەك. قەدىردان ئۇيغۇر ئانىلىرىمىز تالاي باتۇرلارنى تۇغقان. مېھرىبان، ئاتەش قۇچاقلىرىدا كېلىچەكتىكى جەڭچىلەرنى ئەللەيلىگەن. ئۇلار ساۋاتسىز لېكىن ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەققىدىكى چۈشەنچىسى دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر ئانىدىن كەم ئەمەس.  ھايات- ماماتلىق تاللاش پەيتلىرىدە تىلىنى ئەمەس، ۋىجدانىنى سۆزلىتەلەيدىغان ئانىلارنىڭ كۆپىيىشى بىر قەۋمنىڭ بەختى. بۇنداق ئانىلار ئوغلىنىڭ ۋەتەن ئۈچۈن قۇربان بەرگەنلىكى ھەم ۋەتەن ئۈچۈن قۇربان بەرگۈدەك ئوغۇل تەربىيىلەپ چىقالىغانلىقى ئۈچۈن ئىپتىخارلىنىدۇ. ھالبۇكى، رىئاللىقنىڭ تاشقى پوستىدىن ھاياتلىق مەپكۇرىسىنى ئىزدەپ يۈرگەن قەۋمنىڭ ئانىلىرى ئەتىكى ھەسرەتنىڭ ئىنىك ئانىلىرىدۇر. كېلەچىكى ھايات- ماماتلىق تاللاشقا دۇچ كېلىش ئالدىدا تۇرغان مىللەتنىڭ ئانىلىرى مېخانىك ھالدىكى بالا تۇغۇش ئىقتىدارى بىلەن قويغا، بايتالغا ئەمەس، تەربىيە ۋە ئاقارتىش ، پەرزەنتنىڭ كېلەچەك نىشانىغا ئىگە بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىنسانغا ئوخشىشى لازىم.ۋەتەن دەل مۇشۇنداق ئانىلار بىلەن بەركەت تاپىدۇ.  ئانىلار خورلانغان، ئانىلار ھەسرەتلەنگەن، ئانىلار ئانىلىق سۆيۈنۈش تاپالمىغان جەمىئىيەت ھۇقۇش ئۇۋىسىغا ئايلىنىدۇ. جەڭگە ئاتلانغان ئوغلىنىڭ پىشانىسىگە سۆيۈپ تۇتۇپ ئۇزىتالىغان ئانا ئۆزىنى ھەقىقىي ئانىلىق مەقامىغا يەتكۈزەلىگەن ئانىدۇر. ئۆزىنى«مەن  قەھرىمان تۇغۇۋاتىمەن» دەپ قارىيالىغان ئانا بىلەن «كەلگۈسىدە مېنى باقىدىغان ئوغۇل تۇغۇۋاتىمەن» دەپ قارىغان ئانىنىڭ روھىي دۇنياسىدا مەشرىق بىلەن مەغرىپتەك مۇساپە بار. بىراق، بۇ يەردىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە، ئاشۇ قەھرىماننىڭ قەھرىمانلىقنى كىم ئۈچۈن، نېمە مۇددىئا ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقانلىقى، قەھرىمانلىققا مەجبۇرلاۋاتقان قەلبنىڭ قايسى ئەقىدە بىلەن سۇغۇرۇلغانلىقى. ناۋادا بۇ باتۇرلۇق شەخسىي ئاتاق ياكى زەئىپ ئىستەك يولىدا كۆرسىتىلگەن قەھرىمانلىق بولىدىكەن، بۇ شەخسنى قەھرىمان دائىرىسىدىن چىقىرىپ ئۇرۇش تەلۋىسى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىشقا مەجبۇرلىنىمىز. dvWlx]'  
ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىننىمۇ ئارماندا قويغان بۇ دۇنيا تۈرلۈك ئالامانلىرى بىلەن دوقمۇشلارنى ئاۋات، چۆللەرنى رابات قىلىپ، كولدۇرما سادالىرىدا كۆڭۈللەرگە ۋەسۋەسە ئوتلىرىنى سېلىپ، گاھىلارنى خىسراۋشاھتەك مەغرۇرلاندۇرسا، گاھىلارنى ئاپتاپ سوققان گىياھتەك سولاشتۇرۇپ، بېكىتىلگەن نۇقتىغا قاراپ ئىلگىرلىمەكتە. ! tPK"k  
ئىنسانىيەت يېڭى بىر ئېرانىڭ بىرىنچى بېكىتىگە كىرە- كىرمەيلا يېڭى بىر قېتىملىق ئەسىر بورىنىغا دۇچ كەلمەكتە. مىلتىق ۋە زەمبىرەك بىلەن ئىدىيە ئۆزگەرتىش دەۋرى كەلمەسكە كېتىپ، كىچىككىنە ئۆزەك ئارقىلىق مىڭىنى كونتىرول قىلىش سىناق قىلىنماقتا. كىلون جانلىقلار تۇغۇلماقتا. ئىنسانىيەتنىڭ نەفسى ئۇنى يەر قاتلىمىدىن 10 نەچچە كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى نېفىتنى تارتىپ چىقىرىشقا قەدەر ئېلىپ كەلدى. ئۇچىسىنى ياپقۇدەك كىيىم تاپالمىغان ئاۋارىلەرنىڭ ئىڭرىغان ساداسى غالىبلارنىڭ سوقۇشتۇرغان قەدەھ سادالىرى ئىچىدە غايىپ بولدى. :8L61d2(  
 مىڭلىغان ئىدىيە، مەپكۈرىلەر مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ قەلبىنى ماكان قىلىپ ئۈلگۈرگەن، مىليونلاپ ئىنسانلار خاتا ئەقىدىلەرنى ھاياتلىق مىزانى قىلىپ، ئاشۇ باتىل نىشان ئۈچۈن جان تەسلىم قىلىۋاتقان، مۇساد ۋە باشقا سۈيىقەستچىلەر ھەقىقەتنى يوقىتىش مۇسابىقىسىغا چۈشكەن، ئىللىق كۈن نۇرى ئاستىدا قاباھەتلەر داۋاملىشىۋاتقان رىئاللىق ئىنسانىيەتنىڭ ئاخىرقى نىشانى ئەمەس ئىدى. 6)<oO(  
ياراتقۇچىغا شۈكرىلەر بولسۇنكى، ھەقىقەت تارىخ ئېقىمىنىڭ بەھەيۋەت دولقۇنلىرىدا پاخالغا ئېسىلىپ قالغان چۈمۈلە كەبى تىپىرلىغان ھالەتتە يەنىلا ئۆزىنى گاھ ئاشكارىلاپ، گاھ باتىن ھالەتكە ئۆتۈپ، ئىنسانىيەت مەنىۋىيىتىنى تەرتىپلەشكە ھەركەت قىلماقتا ئىدى. >)Z2bCe  
ئابدۇقادىر داموللام ھەسرەت  بىلەن كەتتى، ئابدۇخالىق جادۇدا توغرالدى. مەن بۈگۈن يېگەن پۇشايمانغا ئاتام جاۋابكار ئەمەس. زىنا قىلغان ئەر- ئايالغا جىنسىي ئەزاسى ئەمەس، ئۇنىڭ ئاشۇ قەلبى جاۋابكار بولۇشى لازىم. EGr5xR-  
قانغا تولغان كۆزلەر ۋە ياشقا تولغان چاناقلاردا ھەقىقەت ۋە ھەقىقەتكە قارشى ئۈنسىز كۈرەش داۋام قىلماقتا ئىدى. ھاياتنىڭ خۇلاسىسى بولۇشى كېرەك. بۇ خۇلاسە دەپتىرى ئوڭ تەرەپتىن بېرىلىدىغان دەپتەر بولسۇنكى، ئۇنى قولىغا ئالغانلار مالامەت چەكمىگەي. يىرتىق چاپانلار ۋە تۆشۈك چورۇقلار، ئاپئاق ساقاللار، نۇرلۇق يۈزلەر ھەقىقەتنىڭ تەنتەنە قىلغۇچىلىرى سۈپىتىدە ئاخىرقى نەپسىنى تاماملىغاي.
12- ئاپرىل ;S27m]Q?  

مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 15 پارچە
Alpida001 مۇنبەر پۇلى +300 05-14 -
turankaxkar مۇنبەر پۇلى +1000 04-16 نادىر تېمىڭىزنىڭ قىممىتىنى مۇنبەر پۇلى بىلەن باھالاش ئاقىلانىك ئەمەس لىكىن بۇ باھا مۇنبەر يازمىڭىغا قوشۇلغان باھا... نادىر تېمىڭىزنى ئوقۇپ بىدە ھاياجانغا تولغان بولسام بىردە نۇرغۇنلىغان يورۇق ئوي- پىكىرلەر ئەقلىمنى ئىچىشقا مەجبۇرلىدى... قەلىمىڭىزگە قەلبىڭىزگە تەشەككۈر.
WaPaDaR0994 مۇنبەر پۇلى +100 04-16 -
sarkarda01 مۇنبەر پۇلى +100 04-15 قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي...سىزگە قايىل بولماي تۇرالمىدىم...ئىجادىيەتلىرىڭىزگە ئۇلۇغ ئاللاھتىن بەركەت تىلەيمەن....
مۇرات مۇنبەر پۇلى +300 04-13 تەپەككۇرلىرىڭىز بىلەن ئۇيقۇسىرىغان كۆزلىرىمنى ئېچىشىمغا سىگنال بەردىڭىز.....مۇشۇنداق تېمىلىرىڭىزىغا تەشنامىز.
قەھۋە مۇنبەر پۇلى +500 04-13 ئەسەرلىرىڭىزنى سۆيۈپ ئوقۇپ كېلىۋاتىمەن ئاكىجان. قەلىمىڭزگە كۆز تەگمىسۇن!
YuqunAdam مۇنبەر پۇلى +300 04-13 تولىمۇ ۋاقتىم قىس تەسىتە ئوقۇپ تۈگەتتىم. رەھمەت قېرىندىشىم.
alafasy مۇنبەر پۇلى +1000 04-13 -
Kiyok مۇنبەر پۇلى +100 04-13 ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىننىڭ ماقالىسىنى ئوقۇغاندەك بولدۇم ، رھمەت سىزگە ئۇستاز .
arkakzat مۇنبەر پۇلى +100 04-13 تىما جانلىق يېزىلغاندىمۇ،مەندەك ناداننى بېسىپ مىجىۋەتكىدەك جانلىق يېزىلىپتۇ.تىمىللىرىڭىز مۇنبەردىن ئۈزۈلمىگەي.ئاللاھ سىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن.ئۆز-ئۆزۈمنى يەنە بىر تونۇشقا،ۋە سەگىتىۋىتىشكە ئۈندىدى بۇ تىما.
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

تېتىقسىز

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
تۇغۇڭنى تۇغۇلغان تۇپراققا قادا.
FEDOR
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.36377

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   37 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   83 (سوم)
 ياخشى باھا:   0 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 18
 سائەت
دەرىجىسى:
18 سائەت 2 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-04
ئاخــىرقىسى:2011-05-08
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 04-12

مانا نادىر تىما دىگەن ......... |EU08b]P29  
V:npcKpu  
ھەقىقەتەن نادىرلاشقا تىگىشلىك تىمىدىن بىرسى مەيدانغا كەپتۇ .........
مەن دۆلىتىم ئۈچۈن جان پىدا قىلالايمەن ، دۆلىتىم مىنى سۈيىشى كىرەك  خۇددى مەن دۆلىتىمنى سۆيگەندەك ...    { ئا ت }
زامانى
دەرىجە:ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2839

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1095 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3472 (سوم)
 ياخشى باھا:   407 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   605  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1157
 سائەت
دەرىجىسى:
1157 سائەت 33 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-20
ئاخــىرقىسى:2011-06-15
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 04-12

ساقلاپ ساقلاپ تاقىتتىم تاق ياكى جۇپ بوپ تۇراتتى ttOsL')|  
ئەسەرلىرىڭىزنى قويماي لىكىن بارلىق ئىشلىرىمنى قويۇپ   ئىزدەپ سوراپ كۆرىۋاتىمەن ئاكا fe,CY5 B{  
نادىر ئەسەر  پۇتلىشىپ كەتمەڭلەر.....
.......يېغىپلا تۇرسا مىھر يامغۇرى،
     يۈركى كىمنىڭ ئاڭا چىلاشماس،
   ئىنساني سۆيگۈدە ئىنساننى سۆيسەك،
    قايسى بىر يۈرەك ئىشىكنى ئاچماس،
مىھىر-مۇھەببەت قەلبىمىزگە،ھەممىمىزگە يار.
zapar
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1766

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   4240 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   27925 (سوم)
 ياخشى باھا:   445 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   428  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3668
 سائەت
دەرىجىسى:
3668 سائەت 102 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-31
ئاخــىرقىسى:2011-06-15
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 04-12

نادىر تېما. xC]/i(+bA  
<<بۇكىشى بۇرۇنقى ئايالمنىڭ ھازىرقى ئېرى .بۇ  يىگىت ھازىرقى ئايالىمىنىڭ ئاشنىسى.  >> مەمتىمىن ھۇشۇرنىڭ داپ ناملىق ھىكايىدە تىلغا ئېلىنغان دىئالوگلار. غەزەپ ئىچىدە كۈلۈش. j(hC't-   
<<يەنەنەچچە تاغار ئېشىپ قالدى>>.ئابدۇكېرىم خوجا ئانا تىلدىن چەكسىز پەخرلىنىش تۇيغۇسىدا دېگەن. W\.(~-(So  
يەنىلا چەكسىز پەخرلىنىش تۇيغۇسى.
باتۇرلۇق ئوقنى تەدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دەل تېگىدۇ!
AynaK

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.436

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   1093 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   7930 (سوم)
 ياخشى باھا:   527 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   542  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 6366
 سائەت
دەرىجىسى:
6366 سائەت 284 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-23
ئاخــىرقىسى:2011-06-15
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 04-12

نادىرلاشقا تېگىشلىك تېمىكەن قەلەم ئىگىسىگە تەشەككۈر .
ھامان ئاشكارە.پۈشايمان قىلمايمەن دىسەڭ بۇگۈن كۈچەپ ئېھتىيات قىل،نەپسىڭنى ھەپسىىگە ئېلىپ تۇر.ئۆلچەم ئۆزۇڭدىن بولسۇن .ئەتەڭنىمۇ ئويلاپ قوي. .
نەزەر
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.5613

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   428 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6182 (سوم)
 ياخشى باھا:   180 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   271  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 896
 سائەت
دەرىجىسى:
896 سائەت 4 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-04
ئاخــىرقىسى:2011-06-12
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 04-12

تىمىڭىز تولىمۇ ئىسىل چىقىپتۇ ،بىزنىڭ 32ھەرىپىمىز تۈگمەس ئابىدە 32ھەرىپىمىزنى لاۋزا چاخچاق ،ئەرزىمەس تىل -ھاقارەتلەرگە ئەمەس مۇشۇنداق ئىسىل ۋە نادىر تىملارغا ئىشلەتسەك تىلىمىزنىڭ تىخىمۇ جۇلالىنىلىشى تۇرغانلا گەپ ..............ئەسىرىڭىز يارقىن سۆز -ئىبارىلەر بىلەن تولىمۇ چۈشىنىشلىك چىقىپتۇ ......
مىنى ئەسلىسەڭ ئاللاھنىڭ نامى بىلەن ئەسلىگىن ،مىنى ئىزدىسەڭ دىن قىرىنداشلار قاتارىدىن ئىزدىگىن ،ساڭا ۋە ماڭا ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن .........
turkinaz0992
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.36864

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   301 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1351 (سوم)
 ياخشى باھا:   4 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   6  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1151
 سائەت
دەرىجىسى:
1151 سائەت 39 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-08
ئاخــىرقىسى:2011-06-14
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 04-12

ھەقىقەتەن نادىرلاشقا لايىق تېما !!!    
ئەقىل ئىگىلىرىنى ئىككى ئىش ئەپسۇسلاندۇرىدۇ .بىرسى ،قابىلىيەتلىك كىشىلەرنى ئۆز كەسپىگە قويماسلىق ، يەنە بىرسى قابىلىيەتسىز كىشىلەرنى مۇھىم ۋەزىپىلەرگە تەيىنلەش .
eternal
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.30706

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   18 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1203 (سوم)
 ياخشى باھا:   107 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   107  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1449
 سائەت
دەرىجىسى:
1449 سائەت 71 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-02-17
ئاخــىرقىسى:2011-06-13
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 04-12

شۇنداق تاققا-تۇققىدك كونا پاراڭلار.
نەزەر
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.5613

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   428 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6182 (سوم)
 ياخشى باھا:   180 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   271  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 896
 سائەت
دەرىجىسى:
896 سائەت 4 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-04
ئاخــىرقىسى:2011-06-12
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 04-12

قاراپ باقتىم ئومومىي يازمىڭىز 22 نادىر تىمىڭىز 5 بۇ ساندىنلا سىزنىڭ ھەقىقىي ئورۇنلۇق گەپ قىلىدىغانلىقىڭىزنى بىلۋالغىلى بولىدۇ ،بولسا بۇندىن كىيىنمۇ داۋاملىق ئىسىل تىمىلىرىڭىزنى بىزدىن ئايىمىغايسىز............
مىنى ئەسلىسەڭ ئاللاھنىڭ نامى بىلەن ئەسلىگىن ،مىنى ئىزدىسەڭ دىن قىرىنداشلار قاتارىدىن ئىزدىگىن ،ساڭا ۋە ماڭا ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن .........
avare
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.35999

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   156 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   921 (سوم)
 ياخشى باھا:   3 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   3  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 274
 سائەت
دەرىجىسى:
274 سائەت 76 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-01
ئاخــىرقىسى:2011-06-10
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 04-12

ئەسسالامۇئەلەيكۇم مەن ماۋزۇغا قاراپلا سىزنىڭ يازمىڭىز ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلغان خاتا چىقمىدى. { VK   
ئەقلى ئويغاق سىزدەك كىشلىرىمىزدىن يەنە قانچىلىق باردۇ دەپ قالىمەن دائىم،پىكىرلىرىڭىزنى مۇنبەرنى كۆرۈپ تۇرالىغىنىمىز بىزنىڭ بەختىمىز
ئىسمى نېمىلىكى نامەلۇم بىر گۈل،
ئۆزى بىلمەيدىغان يوچۇن بىر جايدا.
دېدى شائىرغا: >ئەي، دىلكەش ئامرىقىم،
بىز تۇغۇلغانمۇ ئوخشاش تۇپراقتا؟
alafasy
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.22705

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   2635 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2 (سوم)
 ياخشى باھا:   1099 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   401  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4735
 سائەت
دەرىجىسى:
4735 سائەت 215 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-12-17
ئاخــىرقىسى:2011-06-16
ئاپتورنىڭلا 10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 04-12

تېمىنى ئوقۇپ نېمە دىيىىشمنى بىلمەي قالدىم. ياخشى يېزىلغان تېما ئىكەن، مۇشۇ تېما نادىرلانسا، نۇرغۇنلىرىمىز ئوقۇغان بولسا ياخشى بولاتتى. 5`t MHgQO  
.......................................................................................................... IN!,|)8s  
بىر نەرسە دەي دىگەن، تىلىم گاللىشىپ قالدى، 2N /4.  
r5wy]z^  
;;{!wA+"D  
&i{>Li  
تېما ئىگىسىگە: سىزگە قايىل بولدۇم، سىزگە مالاللىق يەتمىسۇن.
[ بۇ يازما alafasy تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]

ھەقىقەتەن راستچىللىق ياخشىلىققا باشلايدۇ، ياخشىلىق جەننەتكە باشلايدۇ.
يالغانچىلىق بولسا گۇناھقا باشلايدۇ، گۇناھ دوزاخقا باشلايدۇ.
altunboxuk
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.26927

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   80 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4701 (سوم)
 ياخشى باھا:   194 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   282  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 723
 سائەت
دەرىجىسى:
723 سائەت 47 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-19
ئاخــىرقىسى:2011-06-15
ئاپتورنىڭلا 11- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 04-12

«قانغا تولغان كۆزلەر ۋە ياشقا تولغان چاناقلاردا ھەقىقەت ۋە ھەقىقەتكە قارشى ئۈنسىز كۈرەش داۋام قىلماقتا ئىدى. ھاياتنىڭ خۇلاسىسى بولۇشى كېرەك. بۇ خۇلاسە دەپتىرى ئوڭ تەرەپتىن بېرىلىدىغان دەپتەر بولسۇنكى، ئۇنى قولىغا ئالغانلار مالامەت چەكمىگەي. يىرتىق چاپانلار ۋە تۆشۈك چورۇقلار، ئاپئاق ساقاللار، نۇرلۇق يۈزلەر ھەقىقەتنىڭ تەنتەنە قىلغۇچىلىرى سۈپىتىدە ئاخىرقى نەپسىنى تاماملىغاي.» 1Vi3/JM @  
تېمىدىكى ئاساسى ئىدىيە مۇشۇ ئابزاسقا يىغىنچاقلانغانمۇ-قانداق؟
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى