~
مەن شۇنداق بىر ئىنسان ، دەسمايىسى يوق؛
سۆلىتىم بەك چوڭ، بىر پۇڭ ياندا يوق:
بىلىم دىسە ياق، مەكتەپ دىسە ياق
يايامدىمەن قاق، تېنىم بولسا ساق.
بېشىم ئاغرىيدۇ، ئىشلە دىسە ياق،
خىزمەت قىلغۇم يوق، پۇت- قولۇمغۇ ساق.
كىرىپ دىباغا، پۇلنى خەجلەيمەن،
ئاتام ئاغرىسا،باشنى قاشلايمەن.
ئانام يىغلىسا،بالام تۈزەل دەپ،
بالاڭزىغۇ مەن،دەپ گۆكىرەيمەن .
شۇنداق تەرىقتە،توي يېشىم يەتتى،
ئاتا-ئانامنىڭ باشلىرى قاتتى.
ئۇرۇپ- چاقتىم مەن،تويۇمنى قىل دەپ،
بىچچارە ئاتام ئۆي ساتتى پۇل دەپ.
كارىم بولمىدى،قېرى نەدە دەپ،
ئىزدەپ قويمۇدۇم،ئۇلار بارمۇ دەپ.
خوتۇن بىر كۈنى،پۇل تاپ چىق دىدى،
نەدىن تاپارمەن، ئويلار چېچىلدى.
شۇندىلا يەتتى، ئاتام يادىمغا ،
دەرھال يۈگۈردۈم ئۆيۈم ئالدىغا.
جىنازا كۆتۈرۈپ، چىقتى مەھەللە،
ھەيران بوپ قالدىم، بۇ كىم دىگىنە؟
تەستەككە تەگدى، ئېغىرغىنە قول،
ھوشۇمغا كەلدىم، ئىتتىرۋېتىپ غول.
ئانام ئېسىلدى، ئاتاڭ كەتتى دەپ،
يىغلاشمۇ تەسكە چۈشتى ئاتا دەپ.
ئەتراپ سۈكۈتتە، مەن ئويغاقمۇ راس،
بىر تال بالىتىم، ئانام ساقمۇ راس.
كەلسەم ئانام يوق، نەگە كەتكەندۇ؟
تىترىدى تېنىم، باغرىم شۇكەنغۇ؟
يۈگۈردۈم ئېتىز، ئانام يەنە يوق،
ئىزدەپ بەك ھاردىم، كۆڭلۈم يەنە توق.
جىرىڭلاپ تېلفۇن، ئالدىم قولۇمغا،
ۋاي ئېسىت ئانام...! چۈشتۈم ئوڭدامغا.
ئاتاممۇ كەتتى، ئاناممۇ كەتتى،
مەن پۇل تاپالماي، خوتۇنمۇ كەتتى.
بىلىم بولمىغاچ، ھۆنەر بولمىغاچ،
جاننى باقالماي، ياتتىم يىغلىغاچ.
قەدرى ئۆتۈلدى ، مىھرىبان ئاتام،
مەن قانداق قىلاي،مىھرىبان ئانام.
مەن شۇنداق بىر ئىنسان، ھەسرەتتە قالغان،
مەندەك بوپقالما، بىلىم ئال، ئويغان...!
مەنبە: زۇلايخا
قاراماي
2011-تىلى4-ئاينىڭ12- كۈنى
[ بۇ يازما hokumran تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]