مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى
ئالدىنقى تىماكىيىنكى تىما
مەزكۇر يازما 1715 قېتىم كۆرۈلدى
«12345»Pages: 1/5     Go
تىما : ئايرىلغاچقا بەختىمنى تاپتىم (پوۋېست )
دۇنيادىن ئاغرىنما

دەرىجىسى: ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 42
  جىنسى: خانىم
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە319دانە
ئۆسۈش: 2.9%
  نادىر تىما: 5
  يوللانما: 319
  ياخشى باھا: 82 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 2070 سوم
  تۆھپىسى: 7 كىشى
  ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
  ۋاقتى: 334(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-19
  كىرىشى: 2010-07-25

0

 ئايرىلغاچقا بەختىمنى تاپتىم (پوۋېست )



باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى: تېما باشقۇرغۇچى hijran تەرپىدىن نادىرلاندى. (2010-07-07)
ئايرىلغاچقا بەختىمنى تاپتىم



(پوۋېست )
ئاپتورى : مىسرانىم مۇنبىرىدىن
كەپسىز قىز

قەدىرلىك تورداشلار !مۇنبىرىمىز ئوقۇرمەنلىرىگە ئۆزىنىڭ چۈچۈك تىلى ،جانلىق تىرەن پىكىرلەرگە تۇيۇنغان ئەسەرلىرىنى سۇنۇپ ،مەنىۋىيتىمىزنى بېيىتىپ كىلىۋاتقات كەپسىز قىزنىڭ يېڭى يازمىسىغا مۇبارەك !
ئەسەرنىڭ مەنا قاتلىمى ،تىلىنىڭ جانلىق ،ئوبرازلىرىنىڭ يارقىنلىقىنى، شۇنداقلا كەپسىز قىزنىڭ ،ئەسلىي خەنزۇتىلى مەكتىۋىدە ئوقىغىنىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىغا ئاپىرىن ئېيىتىپ ، ئۇنىڭ مەزكۇر يازمىسىدا ئىملا خاتالىقى ،ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسىغا زىت بولغان ، تىنىش بەلگىلەرنى جايىدا قوللانمىغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلغان ئاساستا ،مەزكۇر يازمىنى نادىرلىدۇق. ئەسلى مۇنبىرىمىزنىڭ تەلىپى بۇيىچە ئىملا خاتالىقى،لوگىكا ،گىرامماتىكا قائىدىلىرىگە رىئايە قىلماي يېزىلغان  ئەسەر لەرنى نادىرلىمايتۇق .لىكىن كەپسىز قىزنىڭ شارائىتى شۇنداقلا مۇنبىرىمىز باشقۇر غۇچىلىرىنىڭ ۋاقتىنىڭ قىسلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ بۇيازمىنى نادىرلىدۇق .
ئىشىنىمىزكى بۇپوۋېسىت مۇھەببەتكەتەشنا قەلىپلەرنى لەرزىگە سالغۇسى.


_  ھىجران

-نەمۇنە سىزنى بىرسى ئىزدەپ كەپتۇ
- نېمە مىنى ؟
-ھەئە
ئىدارە نۈۋەتچىسىنىڭ شۇنداق دېيشىدىن كومپويوتۇرنى ئۆچۇرۇپ كىمنىڭ مىنى ئىزدەپ كەلگنى بىلىپ بېقىش ئۇچۇن ئىشخاندىن چىقىپ بىرىنجى قەۋەتىكى دىجۇرنىلىك ئۆيگە كېردىم
تۇنۇش سىما ،تۇنۇش گەۋدە ،تۇنۇش نۇرلۇق كۆز
نەمۇنە ياخشىمۇسەن ئۇزاق بولدى ھە ئىككىمىزنىڭ كۆرشىمگىلى
نادىر ماڭا سالام قىلغاچ شۇنداق دەپ ئالدىمغا كەلدى
يۈركۇم نادىرنى كۆرۇپ خۇشاللىقتا پارتىلاپ كېتەيلا دەپ قالغان ئىدى  ،يۈزلۇرۇم كۇيشۇپ پۇتۇن بەدىنىم ئوت بۇلۇپ يېنىپ ئۇنىڭ باغرىغا ئۈزۇمنى ئاتقۇم بولسىمۇ دىجۇرنىي ئۆيدىكى خىزمەتداشلىرىمدىن خىجىل بۇلۇپ ئۈزۇمنى زورىغا بېسىپ ،چېرايىمغا زورلاپ كۈلگە يۈگۇرتۇپ تۇرۇپ
ياخشىمۇسەن نادىر ھەئە ئۇزاق بولدى ئىككىمىز كۆرمىشىگىلى دېدىم سۇسلا (تېخى قايسى كۇنى ئۇنى ماگزىن ئارلاۋېتىپ كوچىدا كۆرگەن ئۇ ماڭا پەرۋا قىلماي ئۆتۇپ كەتكەن )
ۋاقتىڭ بولسا سېرىتقا چىقىپ پاراڭلاشساق دېدى ئۇ
مەنمۇ ئەتگەندىن بېرى  باشلىقىنىڭ   ماتىريالىنى تەرجىمە قىلىپ ،كومپويوتۇردا ئۇرۇپ چۇش سائەت ئىككى بولغان بولسىمۇ تېخى تاماق يىمگەن ئىدىم ،شۇڭا ئۇنىڭ نۇرلۇق كۆزلىرىگە تىكىلىپ تۇرپلا
بۇلدۇ ،ماڭە دەپ ئالدىدا يول باشلىدىم ،ئۇمۇ ئۇنسىز ماڭا ئەگىشىپ ماڭدى ،
بىز  ئىدارنىڭ ئالدىدىكى بىر ھامبۇرۇك بولكاخانسىغا كىردۇق ،ئۈزىمىزگە لازىملىق نەرسىلەرنى بۇيرۇتۇپ پۇلنى مەن تۈلەي دېگىنمگە ئۇ قويماي ماڭا ئاليىپ تۇرۇپ
ساڭا ئوخشاش باشلىقىنىڭ  كاتىۋېى بولمىساممۇ بىرەر ۋاخ تاماق پۇلى تۇلگۈچىلكۇم بار دېدى
مەن ئۇنىڭ كۆزگە زەردە بىلەن تېكىلىپ  قۇيۇپ گەپ قىلمايلا ئىلەنگۈچلۇك بىر ئورۇنغا كېلىپ ئولتۇردۇم ،ئۇمۇ يىمەكلىكلەرنى ئېلىپ كەينمىدىن يېتىپ كېلىپ
مۇشۇ يەردە ئولتۇرامدۇق دەپ كۆزۇمگە تېكىلدى
ھە دېدىم مەنمۇ بۇيۇنتاۋلۇق قىلىپ
قاچان ئۆزگىرەسەن نەمۇنە
ئۆلگەندە
چېرايلىق گەپ قىل دېدى ئۇ چېچىلىپ
ئەتگەندىن بېرى ماتىريالغا ئىشلەيمەن دەپ تۈزۇك تاماق يېمگەچكە ئۇنىڭ سېسىق گەپلىرىگە پەرۋا قىلمايلا ،ئىشتاھا بىلەن ھامبۇرۇك بولكۇسىنى يېيىشكە باشلىدىم
ئۇ يەنە كۆزۇمنىڭ ئىچىگە قاراپ يوغان بىرنى ئالايدى
ئۇنىڭغا قاراپ ئىختىيارسىز كۈلۈپ كەتتىم
يائاللا مىنى جىلە قىلىپ مەن قىلما دېگەن ئىشنى قىلۋالساڭ جېنىڭ يايراپ كېتىدۇ ھە دېدى ئۇ تېخمۇ چېچىلغان ھالدا
ھى،،،،،ھى،،،،،كىچكىمدىن شەيتىنىم شۇنداق كۆچلۇك بولغاچقىمكىن نەزىر -چېراغلارغا بېرىپ بىرەر قىزىق ئىشلارنى كۆرۇپ قالدىمۇ بولدى ،ئۈزۇمنىڭ  نەدىلكىمنى ئىسىمدىن چېقىرىپ قاتتىق كۈلۇپ كېتەتتىم ،مانا ھازىرمۇ ئۈزمچىىلا كۈلۇپ كېتۋاتاتتىم
نىمگە كۈلسەن دېدى نادىر بىرخل چۇشنۇكسىز ھالدا
ئۈزۇممۇ بىلمەيمەن ،بەلكىم سىنى كۆرۇپ بەك خۇشال بۇلۇپ كېتۋاتقان بولسام شۇنىڭغا كۇلدىمىكىن دېدىم ،يەنە ھىجاراپ
لاۋزا  دېدى ئۇ
شۇندىلا سەل ئورغام قايندى
نىمىشقا بىكاردىن تېلايسەن دېدىم ئاچىقلاپ تۇمشۇقۇمنى ئۇشلاپ تۇرۇپ
سەن بىكاردىن كۈلگەندىن كېيىن شۇڭا تېلدىم
خىڭ بىكاردىم كۈلمدىم ،سېنىڭ ئۆزگىرۇپ كەتكىنىڭگە ئېچىنىپ كۈلۋاتمەن
مەن قانداق ئۈزگىرۇپتىمەن
قارا ئەزەلدىن بۇنداق تاماقخانلارغا كىرمەيدىغان ئادەم كېردىڭ ،مۇنداق ئورۇنغا ئۆچلۇك قىلدىغان ئادەم كېلىپ ئولتۇردۇڭ، ھاراق ،تاماكىغا يېقىن يۇلمايدىغان ئادەم ........... ۋاي بولدىلا  يەنە ئۆزگەرمدىدىم دېيەلەمسەن
بۇ كىم ئۈچۇن ؟
مەن نىمە بىلەي
سەن بىلمەيسەن مەڭگۈ بىلەميسەن شۇنداقمۇ
شۇنداق مەن دۈترەك بولغاندىن كېيىن بىلمەيدىغان ئوخشايمەن
ئىسىت ساڭا قىلغان ئەقىدەم دېدى ئۇ كۆزىگە ياش ئېلىپ
نېمە ؟خىڭ سەن كىمگە ئەقدە قىلدىڭ ؟ماڭمۇ ياكى ئاۋۇ نايناق مەھبۇبەگىمۇ ؟
تۇلا قالايمىقان بىلجىرلىما ،مىنىڭ كۆڭلۇمنى بىلمەيدىغاندەك گەپ قىلما دېدى ئۇ ئەۋزەيلەپ
شۇ بىلمەيمەن ،مەن يە مەھبۇبە بولمىسام سېنىڭ نىمە قىلىپ نىمە ئويلاۋتقىنىڭنى بىلدىغان دېدىم مەنمۇ پەرۋاسىز ئىشتاھا بىلەن ھامبۇرۇك بولكۇسنى چىشلەپ كۇلادىن ئىچىپ تۇرۇپ
نادىر مىنىڭ بۇ بىپەرۋا تۇرغان ھالىتىمگە قاراپ چېرايلىرى ئۈڭۇپ ،ئۇزاق ئولتۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن
بولدى نەمۇنە ئىككىمىز ھېلمۇ يەتتە يېل ئېيتىشتۇق ئەمدى توختايدىغان ۋاقتىمىز بولدى ،بىزمۇ كىچىك ئەمەس 25 كە كېرىپ تۇرمۇش ئىشنى ئويلىشدىغان ۋاقتىمىز كەلدى ،سەنمۇ ئەمدى مىنى ساقلاپ ئولتۇرىۋەرمەي بىرسىنى تېپىپ تويۇڭنى قىلۋال ،مەنمۇ مەھبۇبەنى ئالاي دېدى ئۇ
نېمە ؟
ئەمدى قۇلۇمدىكى كۇلانى  ئاغزىمغا ئېلىپ ئىچىشكە تەمشىلۋاتاتتىم ،ئۇنىڭ مەھبۇبەنى ئالاي سەنمۇ تويۇڭنى قىلۋال دېگەن سۆزنى ئاڭلاپ ئاغزىمدىكى كۇلانى ئۇنىڭ يۇزىگە پۇركۇپ يۈزلىرنى  ،قاترۇپ كېيۋالغان كاستۇملىرىنى ھول قىلۋەتتىم
ئۇ سەل چېچلىغان بولسىمۇ ئۆزنى زورلاپ بېسىپ قەغەز بىلەن يۈزلىرىنى سۈرۇتكەچ
قارسام يېقىندىن بېرى سەل ئۇرۇقلاپ قالغاندەك قىلسەن ئۈزۇڭگە دېققەت قىل دېدى
ئۇنىڭ مەھبۇبە بىلەن توي قىلمەن دېگەن گېپى قۇلاق تۇۋۇمدە جاراڭلاپ تۇرغاچقا ئۇنىڭ كېيىنكى سۆزلىرى زادىلا قۇلقۇمغا كېرمەيتتى
ساڭا گەپ قىلۋاتمەن
ئۇنىڭ شۇنداق دەپ قاتتىق ۋاقىرشى بىلەن ئۇنىڭ كۆزلىرىگە تېكىلدىم
ماۋۇ قاشاڭ كۆز ياشلىرىم ئىرادەمگە خىلاپ ھالدا تۈكۇلمەكچى بولۋېدى بۇ ئەبلەخنىڭ ئالدىدا يېغلاپ سالماسلىق ئۇچۇن لېۋىمنى چىڭ چىشلەپ تېترەڭگۈ ئاھاڭدا
نىمە ؟دەپ ئۇنىڭغا ۋەقىردىم
ئۇنىڭمۇ كۆزلىرى ئاچىق ئەلەم يېشىغا لىق تولغان ئىدى
ھىچنىمە ،شۇ ئۈزۇڭگە دېققەت قىل دەۋەتمەن ،بۇرۇنقىغا قارغاندا ئۇرۇقلاپ ،بىرخل بىچارە چېراي بۇلۇپ قاپسەن
خڭ مىنىڭ بىلەن نىمە كارىڭ ،ئەمدى ماڭا ئەمەس ئاۋۇ مەھبۇبەگە كۆڭۇل بۈل
خاتىرجەم بول سېنىڭ بىلەن ئەمدى كارىم يوق
ئۇ شۇنداق دېگەچ قۇيۇن يانجۇقىغا سېلۋالغان بىر تال باغاقچىنى ماڭا تەڭلەپ تۇرۇپ
ئەمسە پۇشايمان قىلما دۇشەنبە كۇنى مەن مەھبۇبە بىلەن توي قىلمەن مانا ماۋۇ سېنىڭ "تەكلىپنامە"ڭ بۇگۇن مۇشنى ئەكىلىپ بەرگلى كەلگەن ۋاقىتڭ  بولسا باراسەن خوش
دېگىنچە "تەكلىپنامىنى"ئۇستەل ئۇستىگە قۇيۇپ قۇيۇپ ئالدى -كەينىگە قارماي چىقىپ كەتتى ،
ئاغزىمنىڭ ھەم بوينۇمنىڭ قاتىقلىقىدىن ئۈزۇم يەتتە  يىل ياخشى كۆرگەن ،يەتتە يىل ئىنتىزار بۇلۇپ كۈتكەن ،يەتتە يىل تەلمۇرگەن ئادىمدىم مۇشۇنداقلا ئايرىلىپ قالغان ئىدىم
ئۇ تاماقخاندىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئاسىي كۆز ياشلىرىم يېپى ئۈزۇلگەن مارجاندەك تاراملاپ ئېقىپ چۇشۇشكە باشلىدى ،
شۇنچە نادىرنىڭ كەينىدىن يۈگرۇپ چىقىپ ئۇنىڭ باغرىغا ئۈزۇمنى ئاتقىم ،ئۇنىڭ ئوتلۇق لەۋلىرىگە قانغۇچە سۈيگۈم بولسىمۇ مەندىكى بۇ جۇرئەتسىز يۈرەك پېتنالمايۋاتاتتى ،
ئالدىمدىكى ئىچملىكىنى ئىچىپ سەل كەيپىياتىمنى توغۇرلىماقچى بولدۇميۇ لىكىن بىر يۇتۇم نەرسىمۇ گېلىمدىن ئۆتمەيۋاتاتتى ،ئاستا تاماقخاندىن چىقىپ ئىشخانغا قاراپ ماڭدىم ،كۆزلۇرۇمدە ئەلەملىك ياش ،دېلىمدا مەھبۇبەگە بولغان نەپرەت ئوتى بىلەن نادىرغا بولغان كۈيەك ئوتى لاۋىلدىماقتا ئىدى
يولدىن -ئۆتكەن كەچكەنلەرنىڭ ھەمىسى ماڭا ھەيرانلىق نەزىردە قارايتتى ،بۇلۇڭدا تېلەمچىلىك قىلىپ ئولتۇرغان ئوتتۇر ياشلىق تىلەمچى ئايالمۇ مىنى مەنستمىگەندەك ماڭا قاراپ كۈلگەندەك تۇيلاتتى
ئۇ دېۋانىگە قاراپ مىنىڭ تۇرمۇشۇمنىڭ ئۇنىڭچىلكىمۇ ئەمەسلىكىنى ھىس قىلۋاتاتتىم ،ئۇ گەرچە تېلەمچى بولسىمۇ كۆڭلىدە سۈيگەن يارى ،ئۆيگە بارسا شوخ ئەركىلەپ بېردىغان چېچەن باللىرى ئۇنى كۇتۋالاتتى ، ئۇ گەرچە مەنىۋيەتتە گاداي بولسىمۇ ئەمما روھىيتتى باي لىكىن مېنىڭچۇ   ؟
پۇلۇم بار ،ياخشى خىزمەت ئورنۇم بار ،يېراقتا بولسىمۇ ئاتا -ئانام بار ،لىكىن ماڭا ،مىھىر -مۇھاببەت بېردىغان ،ماڭا كۈيدىغان ئاشىقىم يوق. شۇڭا مەن سۈيگۈ كوچسىدىكى بىر دېۋانە ،
كۆز ياشلىرىمنى زورلاپ توختۇپ ئىشخانغا كېرىپ بايدىن بېرى رەتلەپ تەرجمە قىلىپ  بېسىپ چىقارغان ماتىريالارنى باشلىققا  بېرىپ ئۇنىڭدىن بۇيىللىق دەم ئېلشىمنى بېرىشنى ئۆتۇندۇم ،
ئۇ دەسلەپ ھازىر يىل بېشى يېغىن كۆپ دەپ ئۇنماي تۇرۋالدى ،
بۇ ئىرادەمگە خىلاپ گەپ بىلەن بايقى نادىرنىڭ "تەكلىپنامىسى"مىنى قىينىغاچقا كىچىك قىزلاردەك باشلىقىمنىڭ  ئالدىدا تاز يېغلىدىم ،ئۇ خەنزۇ يولداش بىر ھازا ماڭا قاراپ تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن
بولدى يېغلىما ناھايتتى بىر ھەپتە دەم ئالدىكەنسەنغۇ بوپتۇ بېرىپ دەم ئىلىپ كەيپىياتىڭنى ياخشلاپ كەل دەپ دەم  ئېلىشىمغا تەستىق سېلىپ بەردى ،
مەن تەستىقىنى كادىرلار بۈلمىگە ئاپىرىپ بېرىپلا ئۇدۇل ئۆيگە قاراپ ماڭدىم
ئۆيگە كەلسەم  مۇمام ئۆيدە يوق ئىكەن
ياتاق ئۆيۇمگە كېرىپ ئاۋازىمنى بۇلشىغا قۇيۇپ بېرىپ راس ۋاقىراپ يېغلاپ قاچانلاردا توختىغىنمنى بىلمەيمەن ،بىر چاغدا ئىسىمنى يىغىپ ئۇ ۋىجدانسىز ئەبلەخكە مۇناسۋەتلىك بارلىق نەرسىلەرنى كۆيدۇرۇش ئۇچۇن بىر تەلەڭگە ئەكىرىپ ئۇنىڭ ماڭا يازغان خېتى ،ئىككىمىز بىرگە چۇشكەن سۈرەتنى ھەم كۈندۇلۈك خاتىرەمنى  تەلەنگىگە سالدىم دە ئوت يېقىش ئۇچۇن سەرەڭگىنى قۇلۇمغا ئېلىپ بۇلۇپ يەنە بۇ نەرسىلەرگە قىيماي ئۇ نەرسىلەرنى ئېلىپ باشتىن ۋاراقلاپ چىقتىم ،
نادىر بۈگۇن مانا سەن مەندىن رەنجىگىلى ئىككى كۇن بولغان كۇن ،سەن بىلەن كۇندە تېلغۇنلۇشۇپ كۈنۇپ قالغاچقىمكىن ،ھازىر كۆڭلۇم شۇنچىلىك يېرىم !
نادىر مەن سېنى بەك سېغىدىم سەنچۇ ؟
نادىر تاماق يېدىڭمۇ ؟مەن يەي دېگەن لكىن سەنسىز تاماق گېلىمدىن ئۆتمەيۋاتدۇ !
نادىر سېنى بەك ...بەك ...بەك سېغىندىم !
نادىر چوڭ دادام قازا قىلدى ،كۆڭلۇم بەك پەرىشان بىر قېتىم تېلغۇن قىلىپ تەسسەللىي بېرىپ قويساڭ بولمامدۇ ؟
نادىر بۈگۇن سېنىڭ توغۇلغان كۈنۇڭ ئۆيىڭگە تېلغۇن قىلىپ بىرگە تاماق يەيلى دېسەم ماڭا نېمانچە قۇپاللىق قىلسەن ؟
نادىر ،بۈگۇن ئاپاڭ ماڭا نىمانچە قۇپال تېگدۇ ،سەن نىمىشقا مۇنچە تېز ئۈزگۈرۇپ كېتسەن ،؟
نادىر بۈگۇن تۇغلغان كۈنۇمدە  تېلغۇنىڭنى كۆتۋاتمەن ،تېلغۇن قىلمىساڭ بىر پارچە قىسقا ئۇچۇر بولسىمۇ يولاپ قويساڭ بولمامدۇ ؟
نادىر بۈگۈن يەنە مەھبۇبە بىلەن سېنى كوچىدا كۆردۇم ،يۈركۇم سېلىپ ،ئۈزۇمنىڭ نەدىلكىنى ئەستىن چىقىرىپ سېلەرنىڭ كەينىڭلاردىن قاراپ جايىمدا قىمىر قىلماي قانچىللك تۇرغىنمنى بىلمەيمەن ؟
ھوھ ئولمەيدىغان ساراڭ ،بىرەر قېتىم تېلغۇن قىلساڭ ئۈلەمتىڭ بۈگۇن خانىم -قىزلار بايرىمى تۇرسا ئەبلەخ !
ئىككەڭنى يەنە كوچىدا كۆردۇم ،ماشىنا تېگىدە قېلىپ ئۈلشەرسەن ئىلاھىم !
نادىر ئۈزۇڭنى ئۇنچە قاتىس بىلىپ كەتمە ،ھامان قەدىرمىگە يېتىپ قالسەن !
پىت يەپ ئەقلى قالمىغان ،نىمىشقا ماڭا پەرۋا قىلمايسەن ؟.............
خاتىرە دەپتىرىمدىكى ئېغىزغا ئالغۇسىز سەت تىلار بىلەن تېلاپ يېزىلغان خەتلەرنى ئەمدى ئوقۇشقا تاقتىم قالماي رەسىم ئەلبۇمنى قۇلۇمغا ئېلشىمغا كۆزۇم


تۇيۇقسىز  مەھبۇبەگە چۇشتتى
تۇفىي سەت جومباق ،سەن قايسى ھالىڭغا مەندىن نادىرنى تالىشسەن ،سەن كىمتىڭ ؟دەپ ئۇنىڭ سۆرتىگە قاراپ ئۇنى توختىماي تېلاپمۇ ھاردىم
تۇيقىسىز كۆز ئالدىمغا يەنە قەدىردانىم نادىر كەلدى ،مەھبۇبە بىلەن نادىرنىڭ سۆرتىنى ئېلىپ بىر ھازا قارغاندىن كېيىن ئۇلار بىلەن تۇنجى كۆرۇشكەندىن تارتىپ بۈگۇنگۈچە بولغان ئىشلار نى ئەسلىمە ئىچىدە ئەسلەشكە باشلىدىم .
ئاپام قەشقەرلىك دادام ئاقسۇلۇق ئىكەنتۇق ،ئاپام خىزمەتكە قاتنىشىپ ئۇزاق بولماي دوختۇرخانسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرشى بىلەن  ھەپتە قالغان تۇينى توختۇپ مەركىزى شەھەر ئۈرۇمچىگە بىلىم ئاشرۇشقا مېڭىپتۇ ،ماشىنا سەپەر ئۇستىدە ئاقسۇدىن يۇلۇچى ئېلىش ئۇچۇن ئاقسۇ يولۇچىلار بىكتىگە كېرىپتۇ ،شۇ ئەسنادا ئاقسۇدىن كېلىشكەن ،قامەتلىك دادام ماشىنغا چىقىپ ئاپام بىلەن بىر ئورۇندا ئولتۇرۇپ يول بۇيى ئاپامغا سەپەرداش بوپتۇ ،شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككىسى بىر كۆرۇپ ئاشىق بۇلۇش دېگەننى ھەقىقىي ئىشقا ئاشرۇپ مۇھاببەت بېغىغا كېرىپتۇ ،ئاپام ئىككى يىل ئۈرۇمچىدە بىلىم ئاشرۇپ بۇلۇپلا قەشقەرگە قايتماي سەپەرداش ئاشقى بولغان دادام بىلەن ئاقسۇدا  قاپتۇ ،دادام ئۈزى مۇستەقىل ئىگلىك تىكلىگەن كارخانچى بولغاچقا ،ھەممە جەھەتتە ھېلقى ئاپام تەگمەكچى بولغان ئاددىي مۇئەللىمدىن ئۇستىن تۇرغاچقا ئاپام ئۈزنىڭ نەچچە  يىللىق   ئاشىقغا قارماي يېرىم يولدا ئۇچراپ قالغان بۇ دادامغا ياتلىق بۇلۇپ ھەشەمەتلىك ئەمما دەككە -دۈكىسى تۇلا بۇ تۇرمۇشقا كېرشىپتۇ .
ئۇلار توي قىلىپ ئىككى يلىدىن كېيىن ئاپام مىنى تۇغۇپتۇ ،ئاپامنىڭ توغتى قىيىن كەلگەچكە مىنى تۇغۇپ بۇلۇپلا تۇغۇتىن قاپتۇ ،شۇنڭ بىلەن دادام ئاپام ،يالغۇز بالمىز دەپ ماڭا قىلىپ بەرمگەن نەرسىى قالماي ،مىنىڭ مەيلىمگە قۇيۇپ بەرگەچكە ،مەن ھاكاۋور ،مەنمەنچى ،ھەسەتخور ،ياسانچوق چوڭ بوپتمەن ،
مېنىڭ  تۇلۇقسىز ئۈچىنجى يىللىقنىڭ  بىرنجى مەۋسۇمدىكى تەتلىمدە دادام ،ئاپام ۋاقىت ئاجىرتىپ مېنى ئېلىپ قەشقەردىكى چوڭ ئۆيدىكلەرنى يوقلاپ كېلىشكە بارماقچى بولدى ،
قەشقەردىكى چوڭ ئاپامغۇ شۇنداق ياخشى لىكىنزە چوڭ دادام دېگەن قېرى سېپى ئۈزدىن بىر ئالجوقا ساراڭ ،مەن يېڭى تۇلۇقسىزغا چىقاندا بىر قېتىم ئۇنىڭدىن قورقۇپ كەتكەنچە  قەشقەرگە ئاياق باسمىغان ئىدىم ،مانا بۈگۇنمۇ  بارمايمەن دېگىنمە ئاپام قويماي مىنى مەجبۇرىي ئېلىپ ماڭغان ئىدى
ئامالسىز بۇ ئىككىسىگە ئەگشىپ قەشقەرگە كەلدىم
چوڭ دادام ،چوڭ ئاپاملار بىزنى قىزغىن كۇتۋالدى ،ئاپامنىڭ يەنە بىر ئاكسى بۇلۇپ ئۇ تاغاشمۇ ئوقۇش پۇتتۇرپ مەرگىزى شەھەردە قالغاچقا بۇ ئىككى قېرى بۇ ئۆيدە يالغۇز تۇراتتى ،ھەر ئىككىسى مائارىپ خىزمەتچىسى ماۋۇ بوۋاي تېخى مەكتەپ مۇدىرى ئىدى ،
بۇ ئۆيگە كېلىپ ئەتىسلا بۇ قېرى مەن بىلەن ئېيتىشىپلا قالدى  ،ھېلى تاماق يېيشىمدىن خۇسۇر تاپسا ھېلى كېيۋالغان كىيمىدىن خۇسۇر تاپاتتى ،ئەتگىنى سائەت يەتتە بولماستىن بېشىمغا كېلۋېلىپ
ئورنۇڭدىن تۇر ،توخو جېندا قونداقتىن چۇشۇپ بولدى دەيتتى
ھەي ئۆيدە بولسا ئاخشىمى 12 گىچە تورغا چىقىپ ئوغۇللار بىلەن مۇڭداشسام ئەتگىنى چۇش سائەت 12 گىچە ئوخلاپ ئورنۇمدىن تۇرمايتتىم ،دادام ،ئاپامنىڭ خىزمىتى ئالدىراش بولغاچقا مەن بىلەن كارى بولمايتتى ،لىكىن بۇ قېرى ................
بۇ ئۆيدە كۇنلۇرۇم خۇددى قەپەستىكى قۇشتەك شۇنچىلىك بۇرۇقتۇرما ئىچىدە ئۆتمەكتە ئىدى ،ئەتگىنى يەتىتىدە ئويغاتسا سەككىز بىلەن ئاران ئۇيقۇمنى ئاچاتتىم .بوۋاي شۇنچىلىك قاخشىسىمۇ ماڭا كار قىلمايتتى ،ئورنۇمدىن تۇرۇپلا چوڭلارغا ئەگشىپ تۈگمەس تۇقانلارنىڭ مىھماندارچىلىقىغا  باراتتۇق ،ئىككى كۆزۇم تۆت تۆت كۆزۇم سەككىز بۇلۇپ تەققازابولغان ئۆيگە قايتىش كۇنمۇ ئاخىرى يېتىپ كەلدى
ئەتە ئۆيگە قايتىمىز دەپ قاتتىق تەييارلىق قىلىپ نەرسە -كېرەكلەرنى يۇغۇشتۇرۋاتساق ماۋۇ پوقباش قېرى ئاپام، دادام قېشىغا كېرىپ
بالام ئاپاڭ ئىككىمىزمۇ قېرىپ قالدۇق ،ئاكاڭنىڭ ئائىلسىدىن ، بالىرىدىن زادى غېمىم يوق ئۇلار شۇنداق ياخشى چوڭ بولدى لىكىن دەپلا لاپىدە ماڭا قاردى
خڭ!!! نىمە بولدى چوڭ دادا، مەن ياخشى ئەمەسمىكەنمەن دېدىم ئۇنىڭغا باتناپ
ياق بالام سەنمۇ ياخشى بىراق پەقەت قائىدە ئوقمايدىكەنسەن ،بىزنىڭ ئەنئەنمىزنى تاشلاپ باشقا دۈلەتكە يۈرۇش قىپسەن شۇڭا مەن سەندىن سەل ئەنسىرەپ قالدىم ،ئاپاڭ، داداڭ ئۆيگە قايتقاش تۇرسۇن سېنى مەن تەتلىڭ پۇتكەندە ئاندىن يولغا سېلىپ قۇياي دېدى ئۇ سەمىملىيلىك بىلەن
نېمە ؟
چوڭ دادامنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ مېڭەم پىر قىلىپ قايدى
ياق ،،،،ياق مەن ئۇنمايمەن چۇقۇم كېتمەن دېدىم پۇتۇمنى يەرگە ئۇرۇپ يىغلامسىرغاچ
مەن تېخى دادامنى قۇشۇلمايدۇ دەپ ئويلىغان لىكىن بۇ دادام ئاپامدىن بۇرۇن چوڭ دادامغا ئىپادە بىلدۇرۇپ
ماقۇل دادا شۇنداق بولسۇن  نەفىسە ئىككىمىزمۇ شۇنداق ئويلىغان دەپ ئاسانلا قۇشۇلدى
كارىم يوق ،ئىشقىلىپ كىم قالسا قالسۇن مەن قالمايمەن دېدىم ئاۋازىمنى بۇلشىغا قۇيۋېتىپ ھۆڭرەپ
ئەزەلدىن بىر يىغا بىلەن دادام ئاپامنى قورقۇتۇپ دېگىنمگە  كەلتۇرەتتىم لىكىن ھالال بۈگۇنكى كۇنگە كەلگەندە بۇلار خۇددى جۇملاڭما چۇقسىدىكى قار يۇقۇرى ھارارەتلىك كۇن نۇرىغا پەرۋا قىلمىغاندەك مىنىڭ ئاقتۇرۋاتقان  كۆز ياشلىرىمغا پەرۋا قىلمايۋاتاتتى ،
مەن شۇ كۇنى كچسى كېچچە  يىغلاپ زادىلا ئوخلمدۇم ،ئەتسى دادام ماڭار چېغدا
نەمۇنە گەپ ئاڭلاڭ ھە چوڭلارنىڭ گېپىنى رەت قىلسا بولمايدۇ ،شۇڭا سىز بۇ يەردە بىر ھەپتە تۇرۇڭ بىر ھەپتىدىن كېيىن سىزنى چۇقۇم ئېلىپ كېتمەن دەپ ماڭا تۈگمەس ۋەدىلەرنى بېرىپ كېتىپ قالدى ،،،
دادامدىن ئەيمىنىپ ماڭا يوغان قارمايدىغان چوڭ دادام ئەمدىلىكتە بۆرە تېرىسىنى كېيۋالغاندەك ماڭا ھۈكىرەپ مىنى ئارامىمدا قويمايۋاتاتتى
كۇندە تاماقتىن كېيىن قاچلارنى  يۇغىزاتتى ،لىكىن مىنىڭ مۇنۇ كالۋالىقىم  ئۇنى جىلە قىلاتتى ،قاچا يۇ دېسە كەم دېگەندە بىر -ئىككى چىنە ھىچ بولمىغاندا قۇشۇق چاقاتتىم ،تاماقتىن كېيىن مەينەت قاچلارنى يۇيۇپ بۇلۇپ چۈمۇچ بىلەن قازانىڭ تۇۋقىنى يۇيۇشنى ئۇنتۇيتۇم ،كېيمڭنى قولۇڭدا يۇ دېسە سۇغا چېلاپلا پاسكىنا پېتى ئېلىپ يېيىپ قۇياتتىم
ئۆي تازلىغاندا بولسا ئۇستەلگە قۇيۇلغان لوڭقا ،بىزەك بۇيۇملىرىنى چېقىپ ئارام بەرمەيتتىم ،
مۇنۇ ئىككى قېرى قاخشاپ -قاخشاپ توختاپ قالاتتى .
كىچكىمدىن خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇغاچقا ئۇيغۇرچە خەت يازالمايتتى ،شۇڭا بوۋاي ماڭا ئۇيغۇرچە ئىسمىنى يېزىشنى ئۈگەتمەكچى بولغاندا بىر ھەپتىدە ئاران ئىسمىنى يېزىشنى ئۆگەنگەن ئىدىم ،
توۋا،،،،،،توۋا ،،،بۇنىڭ بېىشى بىر قاپاقكەن دېسە ،،،،،ھەي كالۋا مەكتەپتە قانداق ئوقۋاتسەن دەيتتى بوۋاي ماڭا كايىپ
كۇندە ئەتگەن سەھەر يەتتە بىلەنلا بوۋاي  بېشىمدا بىر ئىستىكان سوغوق سۇ تەييار قىلىپ  ئويغۇتاتتى ،شۇنداق قوپقلى ئۇنمىسام بېشىمغا قۇياتتى ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،
ھەي نەس كۇنلەر ئاخىرلىشايلا دەپ قالغاندا ئاپام مۇنداق دەپ تېلغۇن قىلدى ،
بالام ئىدارىدىن مىنى  ئىككى يىللىق ئۆگنىشكە ئىچكىر -ئۆلكىگە ئەۋەتمەكچى ،مەنمۇ باراي دەپ تەييارلىق قىلۋاتمەن ،سېنى ئۆيگە قايتۇرۇپ كەلسەم ماۋۇ ئۆي خىزمەتچىسىنى يەنە ئۆيدە تۇرغۇزۇشقا توغرا كېلدۇ ،لىكىن ھازىرقى ئۆي خىزمەتچىلىرى ،بالا بىلەن داداىنى تەڭ باقىدىغان بۇلۇپ كەتتى ،ئۇنى كەتكۇزۋېتەي دېسەم داداڭ ئالدىراش سەن ئۆز ھالىڭدىن خەۋەر ئالالمايسەن شۇڭا داداملا قېشىدا تۇرىۋەر
نېمە ئالجىغان ماز خوتۇن كارىم يوق مەن كېتىمەن
مەن شۇنداق دېيشىمگە مۇنۇ قېرى بوۋاي تېلغۇننى قۇلۇمدىن سېلكىپ ئېلىپ
ھە قىزىم خاتىرجەم كېتىۋەر قىزىڭغا بىز بار دەپلا تېلغۇننى قويۇپ
ئەقلى يوق ئاپسىنمۇ ماز دەپ تېلامدۇ دەپلا چالۋاقاپ كەتتى
ھەي پىشانەمنىڭ شورلىقىنى كىمدىن كۆرەي ،دادامنىڭ ئاپسى ئۆگەي شۇڭا مىنى ئۇ چوڭ ئۆيگە ئاپىرىپ قۇيشى مۇمكىن ئەمەس ،ماۋۇ دادامنىڭ ئىككى ھەدىسىنىڭ مىنىڭ بىلەن ئەسلا خوشى يوق مېنىڭ ئۇلاردىن ئۆتە خوشۇم يوق ئامال قانچە دەيسىز تارىخ ئاجىىزلارنىڭ كۆز يېشىغا ئىشنەمەيدۇ ،تەقدىرگە تەن بەرمەي مەندە نىمە ئامال
ئامال يوق دادامغا قاخشاپ باقتىم ئۇنىڭ خىيالىغا كېرىپ چىقمدى ،ئاپام بولسا ئۆزنىڭ ئوقىشغا كەتتى ،مەن يەنە بۇ نەس باسقا قېرىلارنىڭ زىندانىدا قالدىم
ئاپسى نەمۇنەنى ئەتىدىن باشلاپ بىزنىڭ مەكتەپكە ئاپىرىپ بېرەيمىكىن دەيمەن
نېمە توۋا دەڭلا دادسى سېلنىڭ مەكتەپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تۇرسا ،نەمۇنە ئەمدى تۇلۇقسىز ئۈچكە چىقان  تۇرسا
باشقا مەكتەپكە بەرسەك بۇ ئادەم بولمايدۇ ،شۇڭا بىزنىڭ مەكتەپتە بۇنىڭ نوخنىسىنى تارتىپ ئادەم قىلاي ،دەرىسكە بەك قاراتماي ،ئۇيغۇرچە ئۆگەنسۇن ،كىچىك بولغاندىن كېيىن قايتىلاپ ئوقتارمىز دېدى
نېمە ؟ياق مەن ئۇيغۇرچە مەكتەپتە ئوقمايمەن
مومام بوۋام بىلەن قىلغان مەسلھەتىنى ماڭا ئېيتقاندا مەن قاتتىق نارازى بولدۇم ،بىراق ئۇلار قىرىغا ئېلىپ قويماي مىنى يەنلا شۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئاپىرىپ بەرمەكچى بولدى
خىڭ ھەر قايسىڭ مىنىڭ گېپىمگە كېرىشمىسەڭ مەن كېرەتىممۇ !
ئەتسى بوۋاي مەكتەپكە بېرىشكە تەييار بۇلۇپ مىنى تېز بۇلۇشقا ئۈندىدى
ماقۇل دەپلا تېزى ئىككى يەردىن يېرتىلغان پادىچىلار ئىشتىنى بىلەن خەپخپچىلارنىڭ ئۆزدىن يوغان مايكىسنى كەيدىم ،قۇلقۇمنى ئاقسۇدىكى چاغدا تۆت يەردىن تەشتۇرگەن ئىدىم ھەمىسىگە ھەرخل ھالقىنى سالدىم ،كالتە بۇدۇر قىلىنغا چېچىمنى چاچ يېلمى بىلەن تازا كۆپتۇردۇم ،ئەمدى بىزنىڭ مەكتەپتىكى قىزلار ئارسىدا مودا بولغان بۇرۇننى تەشتۇرشكە مەنمۇ ئورتاقلاشقان ئىدىم ،بۇرنۇمغىمۇ ھىندىستانلىقىنى دوراپ كىچىك پاتۇرما ھالقا سالدىم دە ياتاق ئۆيدىن مىھمانخاندا سائىتىگە قاراپ تىت -تىىت بۇلۇپ ئولتۇرغان بوۋاي ،موماي قېشىغا چىقتىم
بۇ ئىككى قېرى مىنىڭ بۇ زامانىۋېىي ھالىتىمگە قاراپ ئارقىسىغا ئۇچۇپ كەتكىلى تاس قالدى
نىمە بۇ كىيۋالغىنىڭ ،سەن قايسى دۈلەتىن كەلدىڭ ،ماۋۇ قايسى يۇرىت ،ئەلە -مەھەللە ئالدىدا يۇزۇمنى پوق قىلدىغان ئوخشايدۇ بۇ قۇلاق كەستى ،ماڭە كېرىپ ئالماشتۇرۇپ چىق دېدى بوۋاي يوق ساقالىرىنى زەردە بىلەن سېلاپ تۇرۇپ
مەن پەرۋاسىز كېرسلوغا كېلىپ ئولتۇردۇم
ۋاي دادسى بولدى چېچىلماي خىزمەتكە بېرىڭ دېدى موماي بوۋاينى بەزلەپ
بۇنى قانداق مەكتەپكە ئاپىرىمەن توۋا،،،،،توۋا،،،،،،،دېدى بوۋاي ئىشىكنى ئېچىپ سېرتىقا ماڭغاچ
مومام تېز كەينىدىن چىق دەپ مىنى ئىما قىلدى
مەن بەخرامان ھالدا بوۋاينىڭ كەينىدىن  سېرىتقا چىقتىم
بوۋاي كونا توز ماركىلىق سىيالكىسنى سۈرتۇپ تۇرۇپ
كۆزۇمگە سەت كۆرۇنمەي چىقە كەينىمگە دېدى
ھى،،،،،ھى،،،، ئۆزۇڭگە ئۆزۇڭ قىلدىڭ قېرى دەيتىم ئىچىمدە
بىچارە بوۋاي جېنى قىيناپ مىنى تەستە سۆرەپ كونا ۋېلسىپىتى بىلەن ئۈزىگە قاراشلىق مەكتىۋىگە ئاپاردى ،
بىز مەكتەپكە كەلسەك  ئوقۇغۇچى-ئوقۇتقۇچىلار تېزىلىپ گىمناستىكا ئويناۋاتقان ئىكەن ،ھەممە ئوقۇغۇچى خۇددى ئادەم كۆرۇپ باقىمغاندەك غەلىتە نەزىرى بىلەن ماڭا قاراۋاتاتتى ،مەن خىيالمدا يوق ھالدا بوۋايغا ئەگىشىپ ئوقۇتقۇچىلار توپىغا كەلدىم
گىمناستىكا تۈگكەندە بوۋاي رەنا ئىسىملىك بىر مۇئەللىمنى چاقىرىپ
رەنا ماۋۇ بىزنىڭ ئۇدۇل خوشنىمىزنىڭ نەۋرىسى ،خەنزۇچىدە ئوقۇپتىكەن ،تېخى تۇلۇقسىزنمۇ پۇتۇرمىگەن شۇڭا سىزنىڭ سېنىپىڭىزگە  كېرىپ دەرىستە ياخشى بىرى بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ  ساۋادىنى چىقارسۇن دەپلا ماڭا قاراپمۇ  قويماي ئىشخانسى تەرەپكە قاراپ كېتىپ قالدى
ھېلقى رەنا ئىسملىك ئولتۇرا بوي ياش مۇئەللىم مىنى قولتۇقلاپ ئوقتۇش بىناسى تەرەپكە ئېلىپ ماڭغاچ
ئىسمىڭىز نېمە دەپ سوردى
نەمۇنە دېدىم ئادىليلا
ھە ئەمسە سىز مۇدىرنىڭ نەۋرىسىكەنسىزدە دېدى ھېلقى مۇئەللىم ھەيرانلىقتا
خىڭ ئۇ قېرى مىنى ئىتراپ قىلمىسا مەن قىلاتىمۇ شۇڭا مۇئەلىمگە قاراپ
ئەمەس ،دېدىم
چۇقۇم شۇ ئۆتكەندە مۇدىر تېخى
قىزىم نەفسەنىڭ نەمۇنە دەپ بىر قىز بار شۇنداق ئەقىللىق، چوڭ بولسا چۇقۇم ھەممىگە نەمۇنە بۇلدۇ دەپ بىزگە ماختاپ بەرگەن سىز چۇقۇم شۇ نەمۇنە دېدى ئۇ كۈلۇپ ماڭا قاراپ  
بوۋامغا خۇشامەت قىلىش ئۇچۇن شۇنداق دەۋاتدۇ دەپ ئۇ مۇئەللىمنىڭ گەپلىرىگە ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمىدىم
مۇئەللىم مىنى ئېلىپ سېنىپقا كېردى
ھەممە ساۋاقداشلار خۇددى ئادەم كۆرۇپ باقمىغاندەەك ماڭا ھەيرانلىق نەزىردە  قاراۋاتاتتى
بۇ قىزنىڭ ئىسمىنى نەمۇنە بۇندىن كېيىن سېلەر بىلەن بىرگە ئوقۇيدۇ ،ھەراس بۇ قىز مىنكاۋخەن شۇڭا نادىر سەن نەمۇنەنىڭ  ئۇيغۇرچە  ئۆگىنشىگە ياردەم قىل  مەھبۇبە سىز ئالىم قېشىغا بېرىپ ئولتۇرۇڭ دېدى
شۇندىلا ئولتۇرا گۇرۇپنىڭ ئىككىنجى ئورۇندا ئولتۇرغان بىر قىز  كۆزۇمنىڭ ئىچىگە قاراپ تۇرۇپ بىرنى ئالايغانچە ئەڭ كەينىدىكى  بىر ئوغۇل بالنىڭ قېشىغا بېرىپ ئولتۇردى
نەمۇنە ئەمدى سىز نادىر قېشىغا بېرىپ ئولتۇرۇڭ دېدى ئۇ بايقى قىزنىڭ قېشىدىكى ئاقپىشماق كىلىشكەن بىر بالىنى كۆرسۇتۇپ تۇرۇپ
مەن گەپ قىلمايلا ئۇ بالىنىڭ قشىغا كېىلىپ ئولتۇردۇم
مۇئەللىم ئۇرۇنلاشتۇرۇش قىلىپ چىقىپ كېتشىگە بايقى قارمالتاق ئىگىز بوي ئۇرۇق قىز قېشىغا كېلىپ قېچىپ تۇراملا ماتىريالىمنى ئېلۋالاي دېدى
مەن ئارتۇق گەپ قىلماي ئۇنىڭغا ئۇرۇن بۇشاتتىم
نادىر بۇ قىزگە دېسلە ئۇ ئالىم بىلەن ئولتۇرسۇن دېدى ئۇ نادىرنىڭ قۇلقىغا پىچىرلاپ
لىكىن مۇئەللىم ئۇنداق دېگەن تۇرسا دېدى نادىر
شۇندىلا دەرىسكە كېرىش قوڭغۇرقى چېلىنىپ ئولتۇرا بوي ساپسېرىق بىر مۇئەللىم سېركولنى كۆتۇرگىنچە سېنىپقا كېرىپ كەلدى ،
ھەممىز ئۇنىڭغا ھۆرمەت بىلدۇرۇپ بۇلۇشىمىزغا ئۇ تېگىي يوق ماتىماتكا دەرسىنى سۆزلەشكە كېرىشتى
ئۇھ دەيتىم بۇ ئۇيغۇرچە دەرس بىلەن خۇشۇم يوق ماتىماتكا دەرسنى ئاڭلاپ سېرلىق تىلسىمغا كېرىپ قالغاندەك
ئۇ مۇئەللىم ئىشتاھا بىلەن دەرس سۆزلەۋاتاتتى ،مەن بولسام ئاقسۇدىكى چاغدا دوسلۇرۇم بىلەن بىرگە بارغان غالتەكخانا ،دېسكوخانلارنى ئەسلەش بىلەن ئاۋارە ئىدىم ،دەرستىن چىقىش قوڭغۇرقى چېلىندى ،ئۇھ دەپلا بىېشىمنى ئۈستەلگە قۇيۇپ ياتتىم ،ئىككنىجى سائەتلىك دەرىسكە يەنە بىرئەر مۇئەللىم كېردى ،مەن ئۇ مۇئەللىمگە پەرۋا قىلماي بېشىمنى ئۇستەلگە چاپلاپ يېتىۋەردىم
نادىر ئاۋۇ يېنىڭىزدىكى قىزنى ئويغىتۋېتىڭ دېدى ئۇ مۇئەللىم نادىرغا
ھەي سېلىنى مۇئەللىم چاقىرۋاتدۇ دېدى نادىر مىنى  نوقۇپ
ۋايجان مىجەزىم يوق مەن بىلەن كارىڭ بولمىسۇن
مىجەزىڭىز بولمىسا ئۆيىڭىزگە بېرىپ دەم ئىلىڭ سىنىپتا ئوخلاپ قېلىپ ساۋاقداشلىرىڭىزنى خاتا ساناپ قالماڭ دېدى  مۇئەللىم
سېنىپتىكى ساۋاقداشلار مۇئەللىمنىڭ گېپىنى ئاڭلاپلا پاراقىدە كۈلشۇپ كەتتى ،مەن مۇئەللىمنىڭ بۇ گېپنى ئانچە چۇشنۇپ كەتمگەن بولساممۇ لىكىن مىنى مازاق قىلۋاتقىنى پەملەپ سومكامنى كۆتۇرپلا ئۆيگە قايتتىپ كەلدىم ،مۇمام ئالدىراش چۇشلۇك تاماققا تەييارلىق قىلۋاتقان ئىكەن مىنى كۆرۇپلا ھەيران قېلىپ
نىمە بولدى يەنە بوۋاڭ بىلەن سوقۇشتىڭما دەپ سوردى
مەن ئۇنىڭغا جاۋاب بەرمەيلا ياتاق ئۆيىمگە كېرىپ كەينىمدىن كېرۋاتقان مۇمامغا پەرۋا قىلماي ئىشكىنى يۈزىگە ياپتىم
توخنىڭ پوقى
مۇمام شۇنداق دەپ قۇيۇپلا ئاشخانا ئۆيگە كېرىپ كەتتى ،مەن mp3 قۇلقۇمغا تىقىپلا كارۋاتقا ئۆزۇمنى تاشلاپ شېرىن ئۇيقىغا غەرىق بولدۇم ، قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتى ئۇقمايمەن ئىشكىنىڭ قاتتق  چېكىلشى بىلەن ئويقۇدىن ئويغۇنۇپ ئىشىكنى ئاچتىم
سەت ماڭقا شۇم نىمىشقا مەكتەپتىن قاچسەن دېدى بوۋام ئاچىقتا تېترەپ تۇرۇپ
مىجەزىم يوق
نەرىڭنىڭ
ئاشقازنىمنىڭ
نىمە ؟سېنىڭ ھېلى ئاشقازنىڭ ھېلى نان قازنىڭ مىجەزى يوق  ھە ساقتىپەز كېلەر نۈۋەت يەنە شۇنداق قىلدىغان بولساڭ
قانداق قىلسەن
چاڭ
تەستەككە بىرنى سالدى ئۇ قېرى
ھۇ ئۆلمەيدىغان قېرى
مىنى ئۆلتۇرۇپ نىمە قىلماقچى ئىدىڭ ماڭا دەرىس تەكرار قىل دېدى ئۇ
قايسى دەرىسنى دېدىم يىغلاپ تۇرۇپ
ئۇ بىر ئۇيغۇرچە ئىلپە كېتابنى ماڭا بېرىپ  ئوقتۇش ئۇستىلگە كېلىپ ئولتۇرغاچ مىنى قېشىغا چاقىردى
مەن ئامالسىز ئۇ قېرىنىڭ قېشىدا ئولتۇرۇپ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئا ،ئە ،ئې ،ئى لەرنى ئۆگنىشكە باشلىدى
دەلتە چېرايلىق يازا خەتنى
ئۇ تۇرۇپ -تۇرۇپ شۇنداق دەپ مىنى تېلاپ قۇياتتى ،مومامنىڭ تاماق يەڭلا دېگىنگە قارماي ماڭا ھەربىر ھەرىپنى بەش ۋاراقتىن يازغۇزۇپ بۇلۇپ ئاندىن تاماققا چىقتتى
تاماقتىن كېيىن يۇمايمەن دېگىنمگە ئۇنماي قاچلارنى نازارەت ئاستىدا ماڭا يۇغۇزدى ،
ھېرىپ كارۋاتقا ئاران ئۈزۇمنى ئاتتىم ،ئەتسى بۇقېرى ئەتگەن سائەت بەش بىلەن مىنى ئويغۇتۇشقا باشلىدى ،پەقەت تۇرغۇلى ئۇنمىدۇم شۇندىلا بۇ قېرى بىر ئىستاكان سوغوق سۇنى بېشىمغا ئەكىرىپ قۇيدى
ۋايجان جاق تويدۇم قېرى سەندىن دەپ قاتتىق توۋلىدۇم
تويساڭمۇ كارىم يوق تېز تۇر دېدۇ ئۇ بۇيرۇق تەلەپپۇزدا
مەن ئامالسىز كېيملىرمنى كېيىپ ھۈل چېچىمنى تېخمۇ كۆپتۇرۇپ تاراپ ناشتا قىلىش ئۇچۇن مىھمانخانا ئۆيگە چىقتىم
ئۇپ ،،،،نىما ئاۋۇ بېشىڭدىكى دېدى بوۋاي ھەيرانلىقتا
مەنمۇ نىمە بولغىنى بىلىش ئۇچۇن ھاجەتخانا يېندىكى قول يۇيۇش ئورنىغا كېلىپ تامغا چاپلانغان ئەينەككە قاردىم ،چېچىمدە ھىچ نىمە يوق ئىدى
قايسى ھىچ نىمە يوقكەنغۇ دېدىم بۇۋايغا تىكلىپ ،
قارا خورازنىڭ تاجدەك تۇرمامدۇ دېدى ئۇ
ھى،،،،،ھى،،،،،بۇ دېگەن ھازىرقى مودا دېدىم چېچىمنى سېلاپ بوۋايغا قاراپ ئەركىلگەچ
تېز تۇزلە بولمىسا مەن قىرقىۋېتىمەن دېدى بوۋاي ماڭا تەھدىت سېلىپ
خىڭ كارىڭ بولمىسۇن ناشتاڭنى قىلىپ چاققان سىيالكىنى توقۇ مەكتەپكە بارمىز دېدىم بۇۋايغا ھىجىيىپ بۇيرۇق تەلەپپۇزدا
بۇ سۆزلۇرۇم بوۋاينىڭ ئورغىسنى قايناتقان بولسا كېرەك چاچراپ تۇرۇپ ياتاق ئۆيگە كېرىپ بىر قايچىنى كۆتۇرگىنچە چېچىمدىن تۇتۇپ ئالا يېشىل چاچلىرىمنى قىرقىشقا باشلىدى
مۇما ئادەم ئۈلدى مىنى قۇتقۇزۋال دەپ بوۋاينىڭ قۇلدىن يۇلقۇپ چىقماقچى بولدۇميۇ لىكىن قېرىغاندىمۇ ئۈكۇزدەك كۇچى بار بۇ قېرىنىڭ ئالقىندىن قېچىپ قۇتلامىدىم ،مۇماممۇ ماڭا بۇلشۇپ بوۋاينىڭ قۇلغا ئېسلىيتتى يۇ لىكىن بۇ قېرى ئوغرىغا كۈچى يەتمەيتتى
بىر چاغدا بۇۋاي چېچىمنى قىرقىشتىن توختىدى مەن ئاستا ئەينەككە قاردىم دە
ھا،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،ھا،،،،،،،،،،،،،،،،دەپ قاتتىق چېقىراپ يەردىكى مودا چاچلىرىمغا قاراپ چېچىمنى تۈلە دەپ يېغلاشقا باشلىدىم
نىمە خىڭ ماڭا مەكتەپكە بارمىز دېدى بوۋاي
ھۆ،،،،،ھۆ  ،،،،سەت پوخۋاش قېرى ،ئۆلمەيدىغان قېرى ،ھۇ ئوغرى ئالمايدىغان ،قاراقچى بۇلىمايدىغان داۋانە پۇراپ قالغان سېسىق قېرى دەپ چوڭ دادامنى تېلاپ يىغلاۋاتاتتىم ،چوڭ دادام ماڭا ئوزاق قاراپ تۇرغاندىن كېيىن چاپنى ئۈشنىسىگە ئارتىپ چىقىپ كەتتى ،قارغاندا مەكتەپكە ماڭغان بولسا كېرەك
مەن بوۋاينىڭ چىقىپ كەتكىنگە كۆرۇپلا دادامغا تېلغۇن قىلدىم
ھۆ ،،،،،،ھۆ ،،،،،،دادا مىنى يەنە بىر ھەپتە بۇ يەردە تۇرغۇزساڭ بۇ قېرى مىنى ئۆلتۇۋېتىدىغان ئوخشايدۇ ،چېچمنى توخنىڭ پىينى يۇڭدىغاندەك يۇڭداپ تاز قىلىپ قويدى ،ھۆ،،،،،ھۆ ...ئۆيگە كېتىمەن ،مىنى ئالغلى كەلمىسەڭ ئۆزۇمنى ئۆلتۇۋالمەن دېدىم دادامغا يېغلاپ
دادام بىر ھازا سۈكۇتتە تۇرغاندىن كېيىن
ماقۇل ،،،ماقۇل دەپلا تېلغۇنى قويدى
ئاپامغا تېلغۇن قىلدىم ،ھەمىنى قىلغان سەن ماز خوتۇن ،مىنى ئۆيگە ئېلىپ كەتمىسەڭ مەن ئۈلۋالمەن دەپ ئاپامغا تەھدىت سالدىم ،شۇندىلا سېرىتىن ھېلقى قېرى كېرىپ زەردە بىلەن تېلغۇنى قۇلۇمدىن ئېلىپ
ۋاي قىزىم قىزىڭدىن خاتىرجەم بول ئۇ ھازىر ناھايتتى ياخشى دېدى
يالغانچى قېرى مەن نەدە ياخشى دەپ ۋاقىرىدىم
ئاپام چوڭ دادامغا بىرنىملەرنى دەپ تېلغۇننى قۇيۋەتتى
ماڭە سەتراشخانغا چىقمىز دېدى بوۋام كۆزۇمگە تېكىلىپ
بارمايمەن دېدىم جاھىلىق بىلەن
مۇمام قۇلمدىن سۆرىگەنچە ساتىراچخانغا ئېلىپ چىقىپ چېچىمنىڭ ھەمىنى چۇشۇرۋەتتى ،ئەينەكتى ئۈزۇمنىڭ ئايپاڭ كالامغا قاراپ تېخمۇ ئاچىقىم كېلۋاتاتتى ،مۇمام شۇ ساتراچخاندىكى خۇجايىندىن بىر يالغان چاچ ئېلىپ بەردى
ھەي مەن ئامالسىز تاز بېشىمنى يۇشۇرۇش ئۇچۇن شۇ چاچنى كېيىپ ئەتسى يەنە مەجبۇرىي بۇ قېرى بىلەن كونا سىيالكىسىغا چىقىپ مەكتەپكە باردىم
ساۋاقداشلىرىم ماڭا يەنە غەيرى نەزىرى بىلەن قاراۋاتاتتى
مەن مەكتەپكە كەلمىگەن  كۇندىن بېرى ماۋۇ مەھبۇبە دېگەن قىز نادىر بىلەن بىرگە ئولتۇرغان ئىكەن مىنىڭ سېنىپقا كېرگىنمى كۆرۇپلا قاپاقلىرىنى تۈرۇپ ئورنىغا كەتتى
دەرىسلەر ماڭا شۇنچىلىك ئەھمىيەتسىز بىلنىۋاتاتتى
ئەتگەن ھېلقى قېرىنى كۆرۇپ ئىشتاھا تۇتۇلغاچقىمكىن ناشتا قىلمىغان ئىدىم ،ئەمدى ئىككىنجى سائەتلىك دەرىسكە كىرىگەندە قۇرسۇقۇم ئېچىپ ۋىژىلداپ كەتكەن ئىدى ،مۇئەللىم دوسكىغا خەت يېزۋاتقان پەيىتتە ئاستا يانجۇقىمغا قۇلۇمنى سالدىم ،يانجۇقۇمدا بىر تال قاق بۇلۇپ چىقتى ،ئۇنى ئېلىپ شۇنداق ئاغزىمغا سېلىشقا تەمشىلشىمگە نادىر قۇلۇمغا
ۋاقىدە بىرنى ئۇرۇپ دەرىسكە دېھقەت دېدى
قۇلۇمدىكى قاق ئۇچۇپ بېرىپ ئەينەك دوسكۇغا تېگىپ چاس قىلىپ ئاۋاز چىقاردى
قۇرسۇقۇم ئېچىپ ئاران تۇرغاندا ئۇنىڭ بۇ قىلغىنى شۇنداق ئاچىقىمنى كەلتۇردى
نىمە كارىڭ ساراڭ دېدىم ئۈنلۇك قىلىپ
مۇئەللىم بىلەن ساۋاقداشلىرىم ھېلقى قاقنىڭ سەۋەبىنى بىلىش ئۇچۇن ئاران تۇرغاندا منىڭ بۇ ۋاقىرشىمنى ئاڭلاپ ھەيرانلىق بىلەن ماڭا قاردى
نىمانداق قىزبالا سېلە ،كالا بولمىغاندىن كېيىن دەرىس ۋاقتىدا بىر نەرسە يېمىسىلە دېدى نادىر
قەشقەرنىڭ سىلە دېگەن ھۆرمەت سۈزىنى تۇلا ئاڭلىغان بولساممۇ لىكىن ئۈزۇم بىلەن تەڭتۇشلارنىڭ مىنى سېلە دېيشىنى پەقەت ياقتۇرمايتتىم ،ھازىرمۇ نادىرنىڭ مىنى سىلە دەپ گەپ قىلشى مىنىڭ ئورغامنى تېخمۇ قاينىتىشقا باشلىدى
سەن مۇئەللىمتىڭ ئىشىڭنى قىلە قاراقچى
نىمە قانداق ساراڭ قىز بالا سېلە مەن قاراقچى بولسام سېلە ئوغىرىما دېدى ئۇ
ئاغزىڭنى يۇمە ئىپلاس دەپلا ئۇنىڭ تەستىكىگە بىرنى سالاي دەپ تەمشىلشىمگە ماۋۇ مەھبۇبە دېگەن بىرنىمە كېلىپلا قۇلۇمنى كاپلا تۇتتى
نىمانداق قىزبالا سېلە ،دېدى ئۇمۇ
قانداق قىز بالا ئىكەنمەن ساراڭ دېدىم ئۇنىڭغا زەردە بىلەن تېكىلىپ
ساراڭ دېگەن سەن قارا تۇرقۇڭغا سەن كەيگەن كېيىملەرنى ساراڭمۇ كىيمەيدۇ دېدى ئۇ
نېمە دەپلا ئۇنىڭ تەستىكىگە بىرنى سالدىم سىنىپتىن قىيا -چېيالار كۆتۇرلىدى ،مۇئەللىممۇ سەت ئاۋازلىرى بىلەن بىزگە كاكىراۋاتاتتى ،مەھبۇبە ئەمدى مىنى ئۇرۇشقا تەمشىلۋېدى ،سىنىپ ئىشكى "جاڭ "قىلىپ ئېچىلىپ بۇ سېنىپنىڭ سىنىپ مەسھۇلى رەنا مۇئەللىم بىلەن چوڭ دادام سېنىپقا كېرىپ كەلدى ،
نىمىش بۇ، يىپ بازىرمۇ بۇ ياكى مەكتەپمۇ دېدى بوۋاي ئوقۇغۇچىلارغا كايىپ
ھېلقى بىزگە دەرىس سۆزلەۋاتقان مۇئەللىم بوۋاينى كۆرۇپ تاتارغانچە يەرگە قاراپ تۇردى
ھەمىنى قىلغان مۇشۇ دېدى مەھبۇبە مىنى كۆرسۇتۇپ تۇرۇپ
ئاغزىڭنى يۇمە دېدىم ئۇنىڭغا شېلتىڭ ئېتىپ
سەن ئاغزىڭنى يۇم جىن سارڭى دېدى ئۇ
مەن ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭ چېچىدىن تۇتۇپ ئۇنى راسا  ئۇرغلى تۇرۇدۇم ،ئۇمۇ بوش كەلمىدى ئەلۋەتتە ،يالغان چېچىمنى بىر تارتىپلا ئېلۋەتتى ھەممە ساۋاقدېشىم پاراقدە كۈلۇپ مىنى زاڭلىق قىلۋاتاتتى
قۇلۇڭنى تارتىش دېدى بوۋاي چېچلىپ مەھبۇبە ئىككىمىز تەڭلا توختۇدۇق
يائاللا نەمۇنە نەگە پاتارسەن ھە ،،،،قانداق قىلسام تۇزلىسەن دېدى بوۋاي تېتىرەك ئاۋاز بىلەن
ھەمىنى قىلغان سەن قېرى ،سەن مىنى نابۇت قىلدىڭ دەپلا يۈگۇرگەن پېتى ئاقسۇغا قايىتش ئۇچۇن ئۇدۇل يولۇچىلار بىكتىگە قاراپ يۈگۇردۇم ،يالغان چېچىم يەنلا مەھبۇبەنىڭ قۇلدا قالغان ئىدى ،مەن ئايپاڭ كالام بىلەن بىر تاكسىنى تۇسۇپ بىكەتكە كېلىپلا يىقان  پۇللارغا  بېلەت سېتۋېلىپ ئەمدى ماشىنغا چىقىشقا تەمشىلشىمگە بوۋاي ئالدىمدا پەيدا بولدى
نەگە بارسەن دېدى ئۇ
ئۆيگە دېدىم مەن يىغلاپ تۇرۇپ
ماڭە مەن بىلەن كەت دېدى ئۇ
ياق دېدىم مەنمۇ قەتئىي
ئۇ ئۇنمىغىنمغا قارماي مىنى سۆرەپ ئېىلىپ ماڭدى
قۇتقۇزۇڭلار ،،،،ئادەم ئۈلدى ،،،،بۇ قېرى مىنى تۇتقۇن قىلۋالدى ھا،،،،،،قۇتقۇزۇڭلار ،،،،،،،،،،،،،،،
مەن توختىماي شۇنداق دەپ ۋاقىراپ ماڭماقتا ئىدىم ،
ئەتراپتىكلەر بۇ بوۋاينى ياخشى تۇنغاچقا ماڭا قىلچە پەرۋا قىلماي ئۈز ئىشى بىلەن مەشخۇل بۇلۋاتقان ئىدى ،
بوۋاي مىنى بىر ماشىنغا چىقىرىپ ئۆيگە قايتۇرۇپ كەلدى ،
مەن ئىككى كۇن ياتاق ئۆيدىن چىقماي ،تاماقمۇ يېمەي يېتۋالدىم ،بوۋاي ،مومايلار شۇنچە يالۋۇرغان بولسىمۇ يەنلا ئۇلارنىڭ گەپلىرىگە پەرۋا قىلمدىم ،
ئىككىنجى كۇنى كەچتە بوۋاي بىر قاچا پولونى كۆتۇرۇپ مىنىڭ قېشىمدا پەيدا بولدى ھەم
ساڭا نىمىشقا نەمۇنە دەپ ئىسىم قويغانلىقىمىزنى بىلەمسەن دەپ سوردى
مەن يەنلا گەپ قىلمدىم
ئۇ سەل ئولتۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن
بۇ ئىسىمنى مەن سەن تۇغۇلغاندە ئاقسۇغا بېرىپ ئۆزۇم قويغان ،مەخسىدىم ،سېنىڭ چوڭ بولغاندا ھەممە ئادەمگە نەمۇنە بۇلشۇڭ ئۇچۇن ئىدى ،سەن مىنىڭ بارلىقىم ،ئۈمىدىم ئىدىڭ ،ئاپاڭ بىلەن تاغاڭ سېرىتتا بولغاچقا ئىزچىل سېنى قېشىمغا ئەكىلۋېلىپ بېقىشنى ئويلىغان ،بىراق ئاپاڭ سېنى تۇغۇپلا تۇغۇتتىن قالدى ،شۇڭا ئېغىز ئاچالىمىغان ئىدىم ،ھەممە ئارزۇيۇم ساڭا يۈكلەنگەن ئىدى ،لىكىن سەن مىنى بەك ئۈمىدسىزلەندۇردىڭ ،سېنى چو ڭ بولغاندا  ۋەتەن ئۇچۇن ،خەلىق ئۇچۇن ھەسسە قۇشسۇن دېگەن ئۈمدىم بولغاچقا شۇنداق قاتىق قوللۇق قىلغان ،ئادەم ئەڭ ئامراق ئادىمدىنلا شۇنداق چوڭ ئۈمىدلەرنى كۆتۇدۇ ،بىلسەڭ نەمۇنە مەن سېنى ياخشى كۆرگەچكىلا ساڭا قاتىقلىق قىلدىم ،بولدى بۈگۇندىن باشلاپ سېنى مەيلىڭگە قۇيۋېتىمەن ،سەن بىلەن كارىم يوق
بوۋاي شۇنداق دەپلا چىقىپ كەتتى ،
قۇرسۇقۇم ئېچىپ ھالسىزلانغاچقا ھېلقى بىر قاچا پولۇنى كۆرمىدۇم دەپلا سوقۋەتتىم ،ئالاھەزەل بىرەر سائەت ئۆتكەندە مۇمام قېشىمغا كېرىپ
بالام ،،،بىز سېنى سۈيگەچكە شۇنداق قىلغان ،بوۋاي ھازىر يىغلاۋاتدۇ ،مەن ئەزەلدىن ئۇنىڭ يىغلىغنى كۆرۇپ باقمىغان ،مانا ھازىر سەن ئۈچۇن يىغلاۋاتىدۇ ،بىز سەندىن چوڭ بولغاندا بىزنى باقسۇن دەپ ئۈمىد كۈتمەيمىز پەقەت چوڭ بولغاندا ياخشى ئادەم بۇلۇپ ئۈز كۇنىنى ئۈزى ئەتسۇن دەپلا ئاللاھتىن تېلەيمىز ،سەن بىزنى پەقەت ياقتۇرمىساڭ ئاقسۇغا كەت ،ئاپاڭمۇ بىزگە باللىق مىھىرنى بەرمەي كەتكەن سەنمۇ نەۋىرنىڭ مىھىرنى بەرمەي ئىككى قېرىنى تاشلاپ كەت دېدى ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ
ھەي ئادەم يۇركى تاش ئەمەستە ،ئۇ ئىككى قېرىغا قاراپ ئىچىم ئاغرىپ قالدى ،مانا تاغام ،ئاپاملار كەتكەندىن بېرى بۇ ئىككىسى يالغۇز غېرىپلىقتا بالا مىھىرگە تەشنا بۇلۇپ كۇنلىرىنى ئۆتكۇزدى ،لىكىن باللىرىمۇ بالام دەپ بۇلارنى ئەسلەپمۇ قويماي ئۈز تۇرمۇش  ھالاكەتچلىكدە يۇردى ،بۇلار ئامالسىز كۇنلىرنى مائارىپقا كېيىنكى ئەۋلاتلارغا بېغىشلاپ مللىي  مائارىپ ئۇچۇن ئۇنسىز تېرىشتتى ،ھەي
ئاخىر كالامدىن ئۆتۇپ بۇلارغا ۋاپادار نەۋرە بولماقچىمۇ بولدۇم ،لىكىن يەنلا مەكتەپكە  بارغىم كەلمەيۋاتاتتى
يالغان چاچلىرمنى باللار يۇلۇپ ،سېنىپتا مۇشلاشقان تۇرسام قايسى يۈزۇم بىلەن مەكتەپكە بارمەن دەپ كېچىچە كۆزۇمگە ئۇيقۇ كەلمەيۋاتاتتى ،ئەتسى بوۋاي ئويغاتمىسىمۇ تاڭ سەھەر بەش بىلەنلا ئورنۇمدىن تۇرۇپ پەسكە چۇشۇپ سۈت ئەكىرىپ بۇ ئىككى قېرىغا قاينىتىپ تەييار قىلدىم ،مۇماي بىلەن بوۋاي مەمنۇن بولدى بولغاي تەبەسۇم بىلەن ماڭا قاردى ،مەن ناشتىدىن كېيىن قاچلارنى يۇيۋاتسام ئىشىك قوڭغۇرقى چېلىندى مۇمام بېرىپ ئىشكىنى ئېچىپلا
ۋاي باللىرىم ئۆيگە كېرىڭلار دەپ تەكەلۇپ قىلىپ كەتتى
قاق سەھەردە مۇمامنىڭ قايسى باللىرى كەلگەندۇ دەپ قىزقسىنپ مىھمانخانا ئۆيگە چىقتىم ،سىنپتىكى قېرىقتىن ئارتۇق ساۋاقداشلىرىم بوۋام ،مۇمامغا سالام بېرىپ ئۇلارنىڭ ئۆيگە كېرىڭلار دېگىنگە ئۇنماي ئىىشىك تۇۋىدە تۇراتتى
ساۋاقداشلىرىم مىنىڭ ئايپاڭ كاللا ھالدا ئاشخانا ئۆيدىن پەرتۇق تاقاپ چىقىنمى كۆرۇپ كۈلگىسى قىستىغان بولسىمۇ زورىغا بېسىپ ماڭا سالام قىلۋاتاتتى
مەن ئۇلارنى كۆرۇپ ھەقىقەتەن ھەيران قالغان ئىدىم ،
نەمۇنە مىنى كەچۇرۇڭ ھەممە ئىشقا مەن ئەيلىپلىك دېدى نادىر بىر قەدەم ئالدىغا چىقىپ ماڭا يەر تىېگىدىن قاراپ تۇرۇپ
ئۇڭغۇچە مەھبۇبەمۇ سومكىسىدىن يالغان چېچىمنى ئېلىپ ،ماڭا تەڭلەپ ئۈلگۈردى ،ئۇلارغا قاراپ ھەقىقەتەن تەسىرلەنگەن ئىدىم ،بىزرىپ تۇرىۋەرمەي مەنمۇ نادىردىن ھەم مەھبۇبەدىن كەچۇرۇم سوردۇم ،ئۇلارمۇ مىنى ئاسانلا كەچۇرگەن ئىدى ،
نادىر ۋاقىت تۇشاي دەپ قالدى دەپ ساۋاقداشلارنى ئالدىرتۋاتقان ئىدى ،مەنمۇ پەرتۇقنى ئېلۋېتىپ ساۋاقداشلىرىم بىلەن بىرگە مەكتەپكە بارماقچى بۇلۇپ يالغان چېچىمنى كىچىك چاچ قامقى بىلەن كېلشتۇرۇپ قاماللاپ پەسكە چۇشتۇم ،ھەممە ساۋاقداشلىرىم كېتىپ پەقەت نادىرلا مىنى ساقلاپ تۇرغان ئىكەن ،
ۋېلىسپىتكە چىقىسلا  دېدى ئۇ ۋېسپىتنىڭ كەينى ئىشارەت قىلىپ
مەن ئۈنسىز ئۇنىڭ كەينىگە چىقىپ ئۇنىڭ بىلەن مەكتەپكە قاراپ كېتۋاتمەن لىكىن يۈركۇم بىر خل تاتلىق سېزىمدە ئەلەيلىنۋاتقان ئىدى ،
مىنى كەچۇردىلمۇ  دېدى نادىر كەينىگە قايرىلىپ قاراپ
ھى،،،،ھى،،،،مەن ئاشۇرۋەتتىم ئەسلى مەن كەچۇرۇم سورسام بۇلاتتى دېدىم مەنمۇ يۈزۇمنى قىزارتىپ
ياقەي دوس بۇلۇپ قالدۇق ئەمدى ياخشى پارتىداش بۇلايلى دېدى ئۇ
ئۇنىڭ بۇ سۆزى مىنى ئىللىق ھارارەتلىك بىر دۇنياغا باشلاپ كېرگەندەك ماڭا مىھىرلىك تۇيلىۋاتاتتى ،
ئەنە شۇ كۇندىن باشلاپ نادىر ئىككمىز ياخشى پارتىداش ،ياخشى سېرداش دوسلاردىن بۇلۇپ قالغان ئىدۇق ،ئۇ ماڭا ئۇيغۇرچە ئۆگەتكەندىن سېرىت نۈۋەتىكى دەرسلەرنى  ھەم ۋېلىسپىت مىنىشنى ئۆگەتكەن ئىدى ،ۋاقىت ئۆتكەنسېرى ئۇنىڭغا شۇنداق كۇنۇپ قالغاچقا ئۇنىڭسىز بىر كۈنۇمۇ ئۆتمەيتتى ،
بىر كۇنى ماتىماتكىدىن بىر ھېسابلاشنى زادى چۇشنەلمەي نادىرنىڭ ئۆيگە تېلغۇن قىلدىم ،ئىككى ئۈچ قېتىم قىلسامۇ نادىرنىڭ ئاپسى
نادىر سېرىتقا چىقىپ كەتكەن بەش مىنۇتىن كېىن قايتا ئۇرۇڭ دېدى ،يەنە قايتىلاپ تېلغۇنى ئۇرىۋەردىم ،ئالاھەزەل 20 مىنۇتچە ئۆتكەندە نادىر ئاخىرى تېلغۇنى ئۈزى ئالدى
نەگە كەتتىڭ دېدىم نادىرغا ئاچىقلاپ تۇرۇپ
ناماز ئوقۋاتقان دېدى ئۇ
نېمە ؟چاقچاق قىلمىڭە سىزمۇ ناماز ئوقۇمسىز دېدىم ئۇنىڭ بۇ گېپىگە ئىشەنمەي
ھەئە مەن ئون بەش ياش ۋاقتىمدىن باشلىغان دېدى ئۇ
ئۇنىڭدىن ھېلقى ھېسابلاشنى چۇشنۇپ بۇلۇپ تېلغۇنى قۇيۇپ خېلى بىر ۋاقىتقىچە كۆزۇمگە ئۇيقا كەلمدى
نادىرنىڭ يالغۇز دەرىسلەردىلا ياخشى بۇلۇپ قالماي يەنە مۇسۇلماللارنىڭ ئۆتەشكە تېگشلىك مەجبۇريىتىنىمۇ ئۇنۇتمىغانلقى مىنىڭ قايلىقىمنى قوزغاۋاتاتتتى
ئەتسى ئەتگەن مەكتەپكە بېرىپلا نادىرنى سېرىتقا چاقىرىپ ئەپچىقىپ
نادىر ئەگەر سىز ماڭا نامازنى نىمىشقا ئوقۇيدىغانلىقىمزنىڭ سەۋەبىنى ئېيتىپ بېرەلىسىڭىز مەنمۇ سىزگە ئەگىشىپ ناماز ئوقۇيمەن دېدىم
گېپىڭىز گەپ ھە دېدى نادىر پىشانەمدىن نۇقۇپ
ئەلۋەتتە دېدىم مەنمۇ
بامدات نامازنى بىز بىر كۇنلىك ئىشلىرىمزنىڭ خەيرلىك بۇلشى ئۇچۇن ئوقۇيمىز ،پىشىن ناماز ۋاقتى دوزاق ئوتنىڭ ئەۋج ئالغان ۋاقتى بولغاچ بىز ئاللاھتىن شۇ دوزاق ئوتۇدىن ساقلىشى ئۇچۇن ئوقۇيمىز ،ئەسىر ناماز بولسا ھاۋا ئانا بىلەن ئادەم ئاتنىڭ چەكلەنگەن مىۋېنى يەپ گۇناھقا پاتقان ۋاقتى ،شۇڭا بىز ئاللاھتىن بىلىپ -بىلمەي قىلىپ قالغان گۇناھىمىزنى تېلەش ئۇچۇن ئەسىر نامزى ئوقۇيمىز ،شامام نامزى بولسا بىزنىڭ ئاللاھتىن ئارزۇيۇمىزگە يەتكۇزشى ئۇچۇن ئوقۇيمىز
خۇپتەن نامزى بولسا  ئاللاھتىن كېچە قاراڭغۇلقىدىن ،شەيتان ۋەسۋەسىدىن ساقلىنىشى ئۇچۇن ئوقۇيمىز  دېدى ئۇ
توۋا دەپ ئۇنىڭ ئاغزىغا قاراپلا قالدىم .
نادىر سىز بەك قالتىس ئىكەنسىز جۇمۇ  دېدىم ئۇنىڭغا قايىل بۇلۇپ باش بارمىقىنى چېقىرىپ  
ھى،،،،،،ھى،،،،،،،مېنىڭ ئىسمىم نادىر
ھەممە ئىشقا بۇلمەن دادىل
دەپ ئاڭلىغانمۇ مەن دېگەن ھەمىگە نادىر دېدى ئۇ پوچىلىق قىلىپ
خىڭ پو ئاتما دېدىم  ئۇنى سەنلەپ
نىمىشقا سەن دەيلا دېدى ئۇ قەشقەر پەردىسدە
ئامراق بولغاندىكىن ،مەن ئامراق ئادىمنى سەن دەيمەن ،سەنمۇ سەن دە دېدىم ئۇنىڭغا
ماقۇل مەنمۇ ساڭا ئامراق دېدى ئۇ
توۋا چوڭ ئاپام كۇندە قاخشاپ ئۆگتەلمىگەن بۇ نامازنى ئەمدى بۇ نادىردىن قېتىرقىنىپ ئۆگنۇپ چوڭ ئاپامدىنمۇ ئاشرۇپ ئەستايىدىل بۇلۋاتقان ئىدىم
كۇنلەر شۇ تەرەقىدە ئۆتۇپ يازلىق تەتىلگىمۇ چىقتۇق ،ئاپاملا قەشقەرگە كېلىپ چوڭلارنى يوقلاپ بۇلۇپ مىنى ئاقسۇغا ئېلىپ كەتتى ،بىر ھەپتە ئۈز ئۆيۇمدە تۇرۇپ خۇددىي بىر نەرسەم كەمدەك كۇندە نادىرغا تېلغۇن قىلدىم ،دادام ئاپام بۇيرىمسىمۇ ئۇلارنىڭ ياتاق ئۆيلىرنى تازلاپ ،ئاپامغا تاماقلارغا قارشىپ ،كېرلەرنى يۇيشۇپ بېرۋاتاتتىم ،قىسقىغىنە نەچچە ئايدا مىنىڭ بۇ ياخشى تەرەپكە قاراپ ماڭغىنىمنى  ئاتا -ئانام كۆرۇپ مەندىن بەكرەك چوڭ ئاپام -چوڭ داداملاردىن مەنمۇن بۇلۋاتاتتى ،
مەن ھەپتە ئاقسۇدا تۇرۇپلا چوڭ ئۆيگە كېتمەن دەپ يەنە قەشقەرگە قايتىپ كەلدىم
كېلىپلا چوڭ ئاپام چوڭ داداملارغا ئۆي تازلاپ ،كېرلىرىنى يۇيۇپ بەردىم ،بىكار بۇلۇپلا نادىرغا تېلغۇن بېرىپ بىزنىڭ ئۆيگە كېلىشكە تەكلىپ قىلدىم ،ئۇ يېندا مەھبۇبەنىڭ بارلىقىنى ئۇنمۇ بىرگە ئېلىپ ھازىرلا مىنىڭ ئۆيۇمگە كېلدىغانلىقىنى ئېيتتى
بوۋام ،مۇماملار تۇقانلارنىڭ ئۆيگە بارمەن دەپ كەتكەچكە مەن ئۆيدە ئۇ ئىككىسىنى ساقلاپ ئولتۇردۇم ،ئۇلارمۇ ھايال ئۆتمەي بىزنىڭ ئۆيگە كېلىپ بولدى
ئۇلار بىلەن ئىككى ئۈچ سائەت پاراڭلاشقاندىن كېيىن ئۇلار ئۆيلىرىگە كەتكەن ئىدى ،ئۇلار كەتكەندىن كېيىن مەھبۇبەنىڭ ماڭا باشقىچە قاراشتا بۇلۇپ قالغىنى ئازراق ھىس قىلغان ئىدىم ،تەتل كۈنۇم نادىر بىلەن مەھبۇبە بىلەن بىرگە ئۇيغۇرچە ھەم نۈۋەتىكى دەرسىلەرنى تەكرار قىلىش بىلەن ئالدىراش تېزلا ئۆتۇپ كەتتى ،ئەمدى تۇلۇق ئىككىگە قەدەم قۇياي دەپ تۇرساپ ماۋۇ خۇسۇرچى قېرى  مىنى يەنە قايتا تۇلۇق بىردە ئوقۇ دەپ چىڭلا تۇردى
خىڭ مەنمۇ ئۇنچە گۆل ئەمەستە، تەستە بۇ سىنىپتىكى ساۋاقداشلارغا كۇنۇپ قالغان تۇرسام يەنە قايسى سېنىپتا ،كىملەر بىلەن جېدەلدە ئۆتىدۇ كۇنلۇرۇم پەقەت ئۇنمىدۇم ،بوۋايمۇ ئامالسىز مىنى شۇ سېنىپتا قالدۇرۇپ قويدى ،شۇنداق قىلىپ مەن تۇلۇقسىز ئۈچىنجى يلىقىنىڭ كىيىنكى مەۋسۇمنى تۇلۇق بىرىنجى يىللىقىنىڭ  ئالدىنقى مەۋسۇمنى تاماملىمايلا  ھەسىنكام قاپ بەلدىن دەپ تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىنلا ئوقۇشنى باشلىۋەتتىم
نادىر ھەر جەھەتتە مىنىڭ ئۆگنۇش ئۈلگەم ، خۇلاسە ئىمتاھانلاردا كۇچۇردىغان ياردەمچىم ،باش پاناھ سېردىشىم ئىدى ،لىكىن نىمىشقىكىن مەھبۇبە بۇ ئىككىمىزنىڭ كەينىدىن پايلاپ يۇرگەندەك دائىم بىزنىڭ پىيمىزدىلا بۇلاتتى ،
مانا ئالدىراش تۇلۇق ئىكىكىنجى يىلقىنىڭ دەرسلىرىگىمۇ كېرشىپ كەتتۇق  ،شۇنداق بولغاچقىمىكىن نادىر كۇندە بىزنىڭ ئۆيگە بېرىپ مەن بىلەن بىرگە دەرىس تەييارلايتتى ،چوڭ داداممۇ مىنىڭ بۇ ئىككى مەكتەپ نەمۇنچىسى بىلەن بىرگە دەرسى تەكرالاپ ئۇلارنىڭ ياخشى تەرەپلىرنى ئۈزۇمگە ئۈلگە قىلغىنمدىن ناھايتتى مەمنۇن بولغاچقا ئۇلار بىزنىڭ ئۆيگە كەلسە ئۇ ئىككىسىگە قىلدىغان قىلىق تاپالماي قالاتتى ،بۇ ئىكىكىسىمۇ بىزنىڭ ئۆينى ئۆزلىرنىڭ ئۆيدەك بىلىپ كۇندە كەچكى تاماقىنى مۇشۇ ئۆيدە يەپ تاپشۇرۇقلارنى ئىشلەپ، دەرسلارنى تەكرار قىلىپ بولغاندا ئاندىن ئۆيلىرىگە قايتاتتى بۇلار بىلەن بىرگە دەرىس تەكرالاش جەرياندا پات -پات بۇلارغا شوخلۇق قىلىپمۇ قۇياتتىم ،لىكىن نادىر  دائىم قاپقىنى تۇرۇپ
ئۆگنىشڭنى قىل بولمىسا ئەتە مۇئەللىم سىناش قىلسا گۇشيۇپ تۇرسەن دەپ ماڭا قۇپال تېگەتتى
كۇنلەر شۇ تەرقىدە ئۆتكەن كۇنلەرنىڭ بىر شەمبە كۇنى نادىر مەھبۇبە ئىككىمىزنى ئۆيگە كېلىپ ئويناپ كېتىشكە تەكلىپ قىلدى ،بۇگۇن دەم ئېلىش كۇنى بولغاچقا نادىرنىڭ  دادىسى ھەم ئاپسى ئۆيدە بار ئىكەن ،ئۇلار نادىرغا ئوخشاش شۇنداق مىھمانداس بولغاچقا بىزنى قىزغىن قارشى ئالدى ،دەسلەپ نادىرنىڭ ئاپسى مىنىڭ مەكتەپ مۇدىرنىڭ  نەۋرىسى ئىكەنلىكىمنى ئۇقۇپ خۇشامەت قىلىپ كەتكەن بولسا ئاپامنىڭ ئىسمىنى ئۇ مەكتەپ مۇدىرنىڭ نەفىسەنىڭ دادسى   ئىكەنلكىنى ئۇقۇپ نادىرنىڭ دادسى بىلەن چېرايلىرىنى ھەر قىسما قىلغاندىن كېيىن  
قىزلىرىم سېلەر قىز بالا ھازىر بويۇڭلارغا يېتىپ قالدىڭلار ،خورازنىڭ كەيندىن ماڭغان مىكايندەك كۇندە نادىرنىڭ كەينىدە ماڭساڭلار بولمايدۇ بۇندىن كېيىن بىرگە دەرىس تەكرار قىماي ئۆزۇڭلارنىڭ ئۆگنىشنى ئۆزۇڭلار قىلڭلار ،نادىرمۇ سېلەرگە دەرىس تەكرالاپ بېرىپ كۆپ دەرىستە چېكىندى ،بۇندىن كېيىن پەقەت ساۋاقداش بۇلۇپ ئۆتۇڭلار ،ساۋاقداشلىق  شۇ سېنىپتا قالسۇن ،دەپلا بىزگە تاماقمۇ قىلىپ بەرمەي ئۆيلىرىمىزگە يولغا سالدى ،مەن بۇ ئىشنىڭ تېگىنى بىلىپ بۇلالماي ئۆيگە قايتىپ تۇرسام نادىر ماڭا تېلغۇن قىلىپ ،مەندىن ئاپسىنىڭ ئەدەبسىزلىكىنى كەچۇرشىمنى ،ئاپسى بىلەن ئاپامنىڭ ئولتۇرسىدا كىشىگە دېگىلى بولمايدىغان مەخپىيەتلىكىنىڭ بارلىقىنىڭ ئاپسىنىڭ بۇندىن كېيىن مەن بىلەن قەتئىي باردە -كەلدى قىلماسلقىنى ئېيتقانلىقىنى ئېيتتى
شۇنداقمۇ ئەمسە ئىزدەشمەيلى دېدىم مەنمۇ رەنجىپ
ساراڭ ئاپام نېمە دېسە مەيلى مەن سەندىن ۋاز كەچمەيمەن دېدى ئۇ
ئۇنىڭ بۇ گېپنىڭ قايسى مەندە ئېيتلىغىنى دەسلەپ بىلىپ كەتمىسەممۇ لىكىن مەنمۇ ئۇنىڭدىن ئايرىلالمغاچقا ئۇنىڭ ئاپسىنىڭ دېگەنلىرىنى بەكمۇ كۆڭلۇمگە ئېلىپ كەتمىدىم ،شۇنداق قىلىپ تۇلۇق ئىككىنجى يېللىق ھاياتىمىز تېزلا  ئاخىرلىشىپ بىزىمۇ تۇلۇق ئۈچىنجى يىلىقنىڭ ئالداراش پەسلىي ئالىي مەكتەپ جېڭگىگە جۇشقۇن كەيپىيات بىلەن باشچلاپ كېرىپ كەتتۇق ،چوڭ داداممۇ ياشقا چوڭ بولغاچقا دەم ئېلىشقا چىقتتى ،ئاپاممۇ مۇدەتتىن بۇرۇن ئوقۇشنى تاماملاپ ئاقسۇغا قايتىپ كېلىپ مىنى قايتۇرۇپ كەتمەكچى بولدى ،لىكىن مەن بۇ ئىككى قېرىنىڭ كوت -كوتلىرىغا ،نادىرنىڭ ئىللىقلىقىغا ،مەھبۇبەنىڭ خۇسۇرچىلىقىغا ،سېنىپىتكى ساۋاقداشلىرىمنىڭ ،مۇئەللىمنىڭ كۈينىشلىرىگە مۇيەسەر بولغاچقا بۇ بەختىيار تۇرمۇشتىن ۋاز كېچشىكە قىيماي يەنلا قەشقەردىكى ئوقۇشمنى داۋام قىلدىم.
ھەي مۇشۇ ئالىي مەكتەپ  ئىمتاھانسىنى كىمۇ ئىجات قىلغان بولغۇيتتى ،بۇ ئىمتاھانغا تەييارلىق قىلمەن دەم بىز بىچارە تولۇق ئۈچىنجى يىلىلىق ئوقۇغۇچىلىرنىڭ جېنى چىقايلا دەپ قالدى ، بەزى ساۋاقداشلار  ئىمتاھاننىڭ سۈردىن قورقۇپ جىدىلىشپ كەتكەچكىمكىن كەيپىياتى شۇنچىلىك تۇراقسىز ھازىر ئۇرشىمەن دەپ تۇردىغان سوقۇشچى خورازدەك گەپتىن ئازراقلا قىڭغىر كەتسە ئادەمگە ھۈرپۇيۇپ تۇردىغان  ،بەزى ساۋاقداشلار بولسا ئىمتاھاندىن قورقۇپ كەمسۆز بۇلۇپ ئون ئېغىز گەپ قىلسىمۇ بىر ئېغىز جاۋاب قايتۇرۇشقا ئىرىنچەكلىك قىلدىغان ،يەنە بەزى ئۇيۇنچى ساۋاقداشلار بولسا كىچىك تۇرۇپ قىز -يېگىت قۇشلاپ تۇلۇق ئولتۇرا مەكتەپتە مۇھاببەتلىشۋالمىسا ئالىي مەكتەپتە مۇھاببەت قالمايدىغاندەك ئالدىراش بىر -بىرىگە مۇھاببەت ئىزھار قىلشىپ مۇھاببەت بېغىغا باشچىلاپ كېرىشۋاتقان ئىدى .
مەن ئۇلارغا قاراپ مازاق قىلۋاتقان چاغلاردا ئەدەبىياتتا ئاجىز بولغۇنۇم ئۇچۇن نادىرنىڭ ئەدەبىيات كونسىپكىدىن ئەدەبىيات تەكرار قىماقچى بۇلۇپ ئۇ خاتىرنى قۇلۇمغا ئېلىپ تۇرشۇمغا قېتىدىن بىر پارچە قەغەز يەرگە چۇشتتى ،ئەزەلدىن باشقىلارنىڭ نەرسىلىرىگە قالايمىقان چېقىلمايدىغان مەن بۈگۇن نېمە بولدۇم ئۇ خەتكە قىزقسىنىپ ئېچىپ ئوقدۇم
نادىر ياخشىمۇ سېلى  ؟سېلىنى كۇندە سېنىپتا كۆرۇپ تۇرساممۇ لىكىن ،،،،،،،،،،،،
نادىر مەن راسلا  سېلىگە ئاشىق ،سىېلىنى بۇ سېنىپتا تۇنجى كۆرگەندىلا سېلىگە ئاشىق بولغان ،سېلىنىمۇ دەسلەپ مەندەك ئويدا دەپ قاراپ كەلگەن ئىدىم ،لىكىن ئىكىكىنجى مەۋسۇمدىن باشلاپ نەمۇنە تۇرمۇشمىزداپەيدا بۇلۇپ بىزگە شۇم بۇيا بولدى ،سېلە بىلەن مەن قاچانغىچە مۇشۇنداق يۇرىمىز ،سېلە ئۇ بىشەم نەمۇنەنى ياخشى كۆرمەيلا شۇنداقمۇ ؟قەلىبلىرىدە پەقەت مەنلا بار شۇنداقمۇ ؟نەمۇنە بىزنى ئايررىۋەتكەن قارا تېكەن شۇندامۇ ؟
مانا مەن مۇشۇ خەتنى سېلىگە قايتا -قايتا بەش قېتىم يازدىم سېلى نىمىشقا ماڭا جاۋاب قايتۇرمايلا ،نەمۇنەدىن قورقۋاتاتملا ،ئۇ سېلنى نىمسىگە ئۆزگە قارتىۋالدى ،يە دەرىس ئوقمايدۇ ئۇ دۆت ،يە ماڭا ئوخشاش سېلىنى ئايماي خۇددى سېلى ئۇنىڭغا قەرىزدەك سەن ،،،،سەنلا دەيدىكەن ،ئۇ سېلىنى نىمىشقا ھۆرمەتلىمەيدۇ ،مەن ئۇنىڭغا ئۆچ مەڭگۈ !!!!!
نادىر جاۋابىلىرىنى كۆتۇپ سۈيگەنلىرى  
                                                         مەھبۇبە
خەت مۇشۇنداق تامام بولغان ئىدى ،بۇ خەتنى كۆرۇپ غەزەپتىن تېترەپ شۇنداق ئاچىقىم كېلىپ تۇرشىغا نادىر بىر توپ ئوغۇللار بىلەن سېرىتىن كېرىپ مىنىڭ قۇلۇمدىكى ئەدەبيات خاتىرسىنى كۆرۇپلا ھەممە ئىشنى چۇشەندى بولغاي قېشىمغا كېلىپ
نەمۇنە مەن ساڭا چۇشەندۇرەي دېدى
نىمنى چۇشەندۇرسەن ؟مېنىڭ شۇم بۇيا بۇلۇپ مەھبۇبە ئىككىڭلار ئاراڭلار ئۈنگىنمنى چۇشەندۇرەمسەن ،خاتىرجەم بول نادىر ئەمدى سېلەرگە دەخلى بولمايمەن دەپلا  نەرسە كېرەكلىرمنى يۇغۇشتۇپ ئالدىكى بىر بوش ئۇرۇنغا كېلىپ ئولتۇردۇم ،بايا ئاۋازىم ئۈنلۇك چىقىپ كەتكەن بولسا كېرەك ھەممە ساۋاقداشلار نادىر بىلەن ئىككىمىزگە قاراپ مەھبۇبەنىڭ نادىرغا خەت يازغان ئىشىدىن خەۋەر تاپتى ،دەل شۇ چاغدا مەھبۇبەمۇ مەيدان تازلاپ سېنىپقا كېرىپ ساۋاقداشلارنىڭ كۇسۇرلاپ ئېيتىۋاتقان سۆزلىرىگە قاراپ ئۇدۇل بېرىپ نادىردىن نىمىش بولغۇننى سوردى ،مەن ئالدىكى ئورۇندۇقتا ،ئۇستەلگە بېشىمنى قۇيۇپ يىغلاۋاتقان ئىدىم
نادىر مىنى ھەم ساۋاقداشلارنى ئاڭلسۇن دېگەندەك  ئۇنلىك ئاۋازدا
ھەممىنى قىلغان سەن (نادىر بىلەن مەھبۇبە ئەزەلدىن بىر -بىرنى سېلە دېيشەتتى ،بىراق ھازىر نادىر ئاچىقتا ئۇنى سەنلەپ سۆزلەۋاتاتتتى )
ئالا ماۋۇ خەتلىرڭنى مەن ئەزەلدىن سېنى ياخشى كۆرۇپ باقمىغان ،مەن ھازىرمۇ ،كېيىنمۇ ھەم كەلگۈسىدىمۇ پەقەت نەمۇنەنىلا ياخشى كۆرمەن ،ئۇ خالىسلا ،كىملەرنىڭ قارشى تۇرشىدىن قەتئى نەزەر نەمۇنە قۇشۇلسىلا ئۇنى ئالمەن دېدى ئۇ قۇلدىكى  مەھبۇبە يازغان  خەتلەرنى  مەھبۇبەگە  گۈدەكلەرچە يۈزگە ئاتتى ،سېنىپتىكى ھەممە ساۋاقداشلار ھوھ
ھوھ...........ھوھ،،،،،،،،،،،دەپ توۋلاشقا باشلىدى ،نادىرنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئورۇندۇقتىن بېشىمنى كۆتۇرۇپ  نادىرغا ياشلىق كۆزلىرمنى تىكتىم ،مەھبۇبە بولسا خەتلەرنى كۆتۇرۇپ سېنىپتىن يېغلىغان پېتى چىقىپ كەتتى
توۋا ھازىر ئويلىسام  نادىر ئۇ چاغلاردا بەكلا كىچكىلىك  قىلغان ئىكەن ،ھەر قانچە بولسمۇ ئۆزنى ياخشى كۆرگەن بىر قىزغا ئۇنچىلىك قۇپاللىق قىلماسلقى كېرەكتە ،،،
شۇ كۇندىن باشلاپ نادىر ئىككىمىزمۇ سىنىپتىكى باشقا ساۋاقداشلار غا ئوخشاش مۇھاببەتللىك ھاياتىمىزنى باشلدۇق ،مەھبۇبە بولسا تۆت كۇن مەكتەپكە ئاغرىپ قالدىم دەپ كەلمدى ،مەن بۇ مۇھاببەت جېڭىدە نەتىجە قازانغاچقا كۇنلىرۇم شۇنچىلىك خۇشال ئۆتمەكتە ئىدى ،لىكىن نادىرنىڭ ئاپسى ئىككىمىزنىڭ ئارلىشىغا قارشى ئىدى ،نادىر بىلەن ئىككىمزنىڭ ئارلىشۋاتقىنمىزنى كىمدىن ئاڭلىدىكىن تاڭ بىر كۇنى تاتارغان ھالدا چوڭ ئاپام چوڭ داداملارنىڭ ئۆيگە بېرىپ ئۇلارغا مىنى تېلاپ تۇرۇپ
بۇ نەۋرەڭلا ئاپسىنى دوراپ يېگت كەلتۇرۇشنى زاكسىدا تۇرۇپلا ئۈگنىپتىكەن ،كىچكىنە تۇرۇپ نىمە مۇھاببەت بۇ قىزغا ،كېلەر قېتىم نەۋرەڭلار يەنە ئوغلۇمغا چاپىشۋالدىغان بولسا نەۋرەڭلارنى ئاياپ قويمايمەن دەپ بۇرمۇنچە ھاقارەت سۆزلىرنى   چوڭ ئاپام ھەم چوڭ دادامنىڭ ئالىدىدا ماڭا كۆرسەتكۇچ بارمىقىنى تەڭلەپ تۇرۇپ  سۆزلەپ كەتتى ،چوڭ ئاپام ئۇ ئايالغا بۇرمۇنچە ھۆزرە قويدى ،چوڭ دادام بۇ ۋاتۋات خوتۇنغا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمدى ،ئۇ ئايال كەتكەندىن كېيىن مىنى بۇلار راسا ئەدەبلەيدىغان بولدى دەپ تۇرسام ھەر ئىككىسى ئارتۇق گەپ قىلمدى ،ئەتسى بۇ ئىشلارنى مەكتەپكە بېرىپلا نادىرغا ئېيتتىم ،نادىر قۇلۇمنى تۇتۇپ مەندىن كەچۇرۇم سوراپ
خاتىرجەم بول نەمۇنە ساڭا بولغان ساداقىتىمنى ھىچقانداق ئادەم ئۈزگەرتەلمەيدۇ دەپ ماڭا تۈگمەس ۋەدىلەرنى بەرگەندىلا ئاندىن ئۇنىڭدىن رەنجىمىگەن ئىدىم
ھەي تۇرمۇشمدا 100 ئادەمگە يۇلۇقسام 90 ئادەم مىنى سەن بەك دۈت دەيدۇ ھازىر ئويلاپ باقسام مەن راسلا شۇنداق دۈت ئىكەنمەن ،ئەينى چاغدا نادىرنىڭ نىمىشقا ئاپامنى قۇشۇپ تېلايدىغانلقىنى  چوڭ ئاپامدىن سوراپ باقمىغىنىمغا ھازىرغىچە پۇشايمان قىلمەن .
كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانسىغا بىر ئايچە ۋاقىت قالغان ئىدى ،مەھبۇبە بىزدىن قېچىپ ئۈز ئۆگنىشى ھالاكچىلكىدە نادىر ئىككىمىزمۇ بىرگە دەرىس تەكراپ جەڭگە تەييارلىنۋاتقاندا مەن تۇيۇقسىز نادىردىن
نادىر مۇبادە مەن ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمەي مەھبۇبە بىلەن سەن بىر مەكتەپكە ئۆتۇپ كەتسەڭ قانداق قىلسەن دەپ سوردۇم
ھا،،،،ھا،،،،ئەخمەق قىز ،قانداق قىلاتتىم سنى ھېلقىغۇ بىر يىلكەن ئون يىل بولسىمۇ ساقلايمەن ،سەن قايتىدىن ئىمتھان بېرىسەن مەن كۇندە ساڭا توردا دەرىس تەكرار قىلىپ بېرمەن دېدى ئۇ
راسلا ساقلامسەن دېدىم ئۇنىڭ بوينىغا ئېسلىپ
ئەلۋەتتە دېدى ئۇمۇ
مانا  شېرىن ھىس تۇيغۇ بىلەن جەڭگاھقىمۇ كېردۇق ،ئەڭ ئاخىرقى  ئونۋېرسال ئىمتاھاننى بېرىپ سېرىتتا چىقسام نادىر ئالبۇرۇن ئىمتاھاندىن چىقىپ بىر دەستە گۈلىنى تۇتۇپ مىنى ساقلاپ تۇرغان ئىكەن ،ئۇنىڭ بۇ قىلغىندىن شۇنچىلىك مەمنۇن بولدۇم ،ئۆزۇمنى بۇ دۇنيادىكى ئەڭ بەختىيار قىز ساناپ گېدىيىپ ئۇنى قولتۇغلىغانچە بىر ھامبۇرۇك بولكاخانسىنىڭ ئالدىغا باشلاپ ئاپاردىم
ساراڭ بۇنداق يەرلەرگە ئۈلسەممۇ كېرمەيمەن دېدى ئۇ كەينىگە داجىپ
سەھرالىق ،بىر قېتىم كېرگەنگە نېمە بۇلاتتى دېدىم تۇمشۇقمنى ئۇشلەپ
ياق ئىمانغا دەخلىسى بۇلدۇ دېدى ئۇ قەتئىي
ئەمسە ماڭا ئاۋۇ توخو قورداقخانسىغا كېرەيلى دېدىم بۇ ھامبۇرۇكخاننىڭ قارشى تەرپىدىكى بىر توخو قورداقخانسىنى كۆرسۇتۇپ
ياق ئۇ يەرگىمۇ كېرمەيمەن ،دېدى ئۇ
ۋايجان خۇراپى دېگىنمگە قويماي مىنى خۇنجاڭ تەرەپتىكى ئازادە بىزەلگەن بىر ئۇيغۇرلار ئاشخانسىغا باشلاپ پولو ئېلىپ بەردى ،
مۇھاببەت ئىچىدە بۇ لەزەتلىك تاماقنى يەپ خۇشپۇراق گۈلىنى  پۇراپ ئۇنىڭغا ئەركىلەپ ئۇنىڭ بىلەن قول تۇتشۇپ ئۆيگە قايتتىپ كەلدىم ،ئۇ مىنى ئۆيگە ئەكلىپ قويغاندىن كېيىن ئۆيگە قايتىپ كەتتى ،بىز ئەتسى ھەممە ئارزۇنى ئوخشاش تولدۇرۇپ بۇلۇپ سېنىپتكى بىزگە ئوخشاش مۇھاببەتلىشۋاتقان بەش جۇپكە قۇشلۇپ شەھەر سېرتىدىكى مارجان بۇلاققا بېرىپ بىرگە سۇغا چۇملۇپ ،ئالتىنجى ئاينىڭ گۈزەل تەبئەت مەنزىسىنى تاماشا قىلپ قايتىپ كەلدۇق ،
مەن ئىمتاھاننى بېرىپ بۇلشۇمغا دادام ئاپام منى ئاقسۇغا قايتىپ كەل دەپ قىستىغلى تۇرغان مەن ئامال يوق قىيمىغان ھالدا دادام ماڭا ئېلىپ بەرگەن يان تېلغۇننى نادىرغا بېرىپ ئاقسۇغا قايتىپ كەلدىم ،ئۆيگە قايتىپ كەلگەن بىلەن كۇندە توردا ياكى تېېلغۇندا نادىر بىلەن بەش -ئالتە سائەتلەپ پاراڭلىشىپ كېتەتتۇق ،
تەقازا ئىلكىدە كۇتكەن ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانسىنىڭ نەتىجىسىمۇ  چىقتى ،ئىمتاھان نەتىجەمنى ئەتگەندىلا دادام -ئاپام بىلەن بىرگە تەكشۇرگەن ئىدىم ئۇمۇمىي نۇمۇرۇم 450 توۋا
بۇ نۇمۇرنى ئاڭلاپ قۇلقۇمغا ئىشەنمەي قالدىم ،مەندەك يا ئۇيغۇرچى خەتنى جايلاپ يازالمايدىغان بىر قىزنىڭ بۇنچلىك نۇمۇرنى ئالمىقى بىر مۈجىزە ئىدى ،دادام -ئاپام تېلغۇنى قۇيۇپلا مىنى قۇچاقلاپ سۈيۇپ كەتتى ،چوڭ ئۆيگە تېلغۇن قىلىپ نۇمۇرمنى دېگەندە چوڭ دادام مەندىن بەكرەك خۇشال بۇلۇپ شاتلىقىا چۇمگەن ئىدى ،دادام ،ئاپام ماڭا چۇشتە ھاردۇق چېيى بېردىغانلىرنى دەپ ئالدىراش خۇشال ھالدا خىزمەتلىرىگە يول ئالدى ،نادىرنىڭ ئىمتاھان قاتنىشىش كىنشكە نۇمۇرى مەندە بولغاچقا ئۇنىڭكىنى سۈرۇشتە قىلدىم
ئىچىمدە نادىر مەندىن ئەقللىق ،دەرىستە مەندىن ياخشى بولغاچقا چۇقۇم 500 -600 ئالدى دەپ ئويلغان ،لىكىن ئىشلار مىنىڭ ئويلىغنمدەك چىقمدى
نادىر ئاران 320 ئالغان ئىدى ،كېنىشكە نۇمۇرنى خاتا خاتىرلىۋالغان بولسام كېرەك دەپ ئۇنىڭغا تېلغۇن قىلدىم ،ئۇنىڭ كەيپىياتتى شۇنچىلىك تۈۋەن ئىدى ،
ئۇنىڭغا شۇنچە تەسەللىيلەرنى بېرىپ  قېشىغا بارماقچىمۇ بولدۇم ،لىكىن ئۇ
ماڭا تەسەللىي بەرمە ،سېنىڭ نۇمۇرىڭنى ئاڭلاپ شۇنداق خۇشال بولدۇم ،پەقەت سەن ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلىسەڭلا مىنىڭ غېمىم تۈگەيدۇ ،خاتىرجەم بول مەن ئۇنچە ئاجىز ئەمەس ،پەقەت سەن مىنى تاشلاپ كەتمىسەڭلا مەن ھەممىنى قايتىدىن باشلاپ نەدىن يېقىلغان بولسام شۇ يەردىن ئورنۇمدىن دەس تۇرمەن دېدى ئۇ
نادىرنىڭ بۇ سۆزلىرنى ئاڭلاپ كۆڭلۇم خېلى جايىغا چۇشكەن ئىدى ،ئۈھ دەيتتىم ،ھەم ئۇنىڭدەك بىر ئىسىل يېگىت بىلەن مۇھاببەت بېغا بىرگە كېرەلىگنمدىن  خۇشال بۇلاتتىم ،ئۇنىڭ ئۆگتۇپ قويغان ئايەتلىرنى سېلىپ جەينىماز ئۇستىگە چىقىپ قۇلۇمنى ئىگىز كۆتۇرۇپ ئۇنىڭ ئىنسابى بىلەن ئۇنىڭمۇ مەن بىلەن بىرگە ئالىي مەكتەپكە بېرشنى ئۇلۇغ ئاللاھتىن تېلەيتتىم ،
دادام ئاپام ،مەن خۇددى ئۇلارغا ئاسماندىكى ئاينى ئۈزۇپ بەرگەندەك ،ماڭا قىلدىغان قىلىق تاپالماي قېلۋاتاتتى ،نۇمۇر سېزقى چىقىپ چاقىرقلارمۇ كېلىشكە باشلىدى ،مەن ئۈزۇم ئوقۇغان مەكتەپ بۇيۇنچە تۆتىنجى بۇلۇپ شىنجاڭ پىداگوكىكا ئىنستىتوغا قوبۇل قىلنىغان ئىدىم ،نادىرنىڭ نۇمۇر سېزىقى مەخسۇس كۆرۇسقىمۇ چۇشمىگەچكە قايتا ئوقۇش ئۇچۇن قايتا تۇلۇق ئولتۇرا  مەكتەپكە بارغان ئىدى ،
بىر كۇنى ئۆيدە ئولتۇرسام نادىرنىڭ ئۆيدىن تېلغۇن كەلدى ،نادىر كۆپۇنچى چاغلاردا ماڭا يان تېلغۇندا تېلغۇن قىلاتتى ھەيرانلىق ئىلكىدە تېلغۇننى ئالدىم
ھۇ كىچىك قويمۇچى ،مۇھاببەتنى دەسمىيگە سېلىپ ئۈز نىشانىغا يېتىدىغان قاراقچىلا ،بالامنى نابۇت قىلىپ ،ئۇنىڭ ئىستىقبالىغا ئولتۇرۇپ ئۈزۇڭ داڭلىق مەكتەپكە ئۆتۇڭمۇ ،ئىسىت ساڭا بالامنىڭ يۇلقۇپ قالغىنى بالامنىڭ شور پىشانسى ،باشتىلا قاتتىق توسىغان بولسام بالام بۇ كۇنگە قالمايتتى ،قاراپ تۇر سېنىڭ شۇنداق كۆرەڭلىگىنىڭگە بالامنى بۇ يىل سەن بار مەكتەپكە قانچە پۇل خەجلىسەممۇ كېرگۈزمىسەم ،
ئالا ئىنەكنىڭ بالسى چالا قۇيرۇق دەپ شۇنداقمۇ توغرا ئېيتقان بولغۇيمىتى كونىلار ،ۋۇ جا...................بالسى ،ئىتنىڭ كۇچكى
قارشى تەرەپتىن شۇنداق سەت ئېغىزغا ئالغۇسىز تېلار چىقۋاتاتتى ،تۇيقسىز ئىشىك ئېچىلىپ ئاپام ئىشتىن قايتىپ كەلدى ،ئۇ مىنىڭ تېلغۇننى تۇتۇپ ئولتۇرۇپ يېغلاۋاتقىنمۇ ،تېلغۇن تۇرۇپكىسدىن سەت تېلارنىڭ جاراڭلاپ چىقۋاتقىنى كۆرۇپ تېلغۇن تۇرپكىسنى قۇلۇمدىن تارتىپ ئېلىپلا
كىمۇ سەن قىزمنى تىلاشقا پېتىنغا دەپ ۋاقىردى
كىمۇ ؟خىڭ سەت جەدال ،مەن ئايشەم
قايسى ئايشەم
نۇمۇس قىلماي قايسى ئايشەم دەيسىنا ،مەن ھېلقى .ئىرشاتنىڭ ئايالى ئايشەم ،ئۇنتۇپ قالدىڭمۇ نۇمۇسىز
نىمىشقا بىزنىڭ ئۆيگە تېلغۇن قىلسەن دېدى ئاپاممۇ ئۈڭۇپ
نىمىشقا ؟خىڭ ئاۋۇ نۇمۇسىز قىزىڭ سەن ئېرىمنى ئازدۇرغاندەك ئوغلۇمنى ئازدۇرۇپ ئوغلۇمدىن كۆچۇرۇپ ئالىي مەكتەپكە ئۆتۇپ ئوغلۇمنى داغدى قويدى ،يائاللا قىزىڭ سەن رەسۋانىلا دوراپتىكەن دېيشىگە ئاپاممۇ ئۇ ئاپاشنى ئاياپ ئولتۇرماي سەت تېلارنى ياغدۇرۇپلا كەتتى
ئۇلارنىڭ تېلىرى زادى قۇلقۇمغا كېرمەيتتى ،ئاپام باشقا ئىشلاردا يامان بولمىغنى بىلەن مۇشۇ بىشەملىكتە ئالتۇن مىدالىغا ئىرشسىمۇ ئازلىق قىلدىغان ئايال بولغاچقا دادام ئادەتتە ئاپامغا تىكلىپ قاراشقىمۇ جۇرئەت قىلالمايتتى ،ئاپام يوق چاغلاردا بولسا يەنە قىلغۇلۇقنى قىلاتتى ،
ئۇ ئىككىسىنىڭ جېدىلدە ئاپام ئۇ ئاپاشنىڭ ئۆتىنى يارغۇدەك سەت تېلارنى ياغدۇرۇپ ئۇ ئاپاشنى يەڭگەندەكمۇ قىلاتتى
بىر چاغدا تېلغۇننى قۇيۇپ كۈز ياشلىرمنى سۈرتۇپ بۇلۇپ مەندىن بۇنىڭ نىمە ئىشلىقىنى سوردى ،مەن نادىر بىلەن تۇنۇشقاندىن تارتىپ ئىككىمىز مۇھاببەتلىشكچە بولغان بارلىق ئىشلارنى سۆزلەپ بەردىم ،ئاپام منىڭ گېپىمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئېغىر خۇرسۇنۇپ
جاھان نېمانداق تاردۇ ،سەن راسلا نادىرنى ياخشى كۆرەمسەن دەپ سوردى
نادىر مەندىن ئىككى ياش چوڭ بولسمۇ مەن ئەمدى 16 دىن ئاشقان بولساممۇ ھەقىقەتەن نادىرنى  ياخشى كۆردىغىنمۇ بۇنىڭ كۈنۇكمۇ ياكى كۈيۇكمۇ بىلمەيدىغانلقىنى ئاپامغا ئېتتىم
ئاپام گېپىمنى ئاڭلىغانىدىن كېيىن ئارتۇق گەپ قىلماي چۈشلۇك تاماقمۇ ئەتمەي ياتاق ئۆيگە كېرىپ كەتتى ،مەنمۇ ياتاق ئۆيۇمگە كېرىپ قاتتىق يېغلىدىم ،دېمسىمۇ مەن نادىرنىڭ ئىستىقبالىغا ئولتۇرغان ئىدىم ،مەن بولمىغان بولسام ،مەن ئۇنىڭ ئۆگنىشىگە تەسىر كۆرسەتمىگەن بولسام ئۇمۇ بۇ كۇنگە قالمايتتى دەپ ئۈزۇمنى ئەيىپلەيتتىم
لىكىن نادىر تېلغۇن قىلىپ بۇ ئىشلارنى مەندىن كۆرمىيدىغانلقىنى ئېيتقاندىلا  ئازراق يەڭگۈلەپ قالغاندەك بۇلاتتىم ،مەن ئۇ ئاپاشنىڭ ئاپام ئىككىمىزنى نىمىشقا قۇشۇپ ھاقارەتلەيدىغانلىقىنى ئاپامدىن سوردۇم ،ئاپام ئەسلى ساڭا ئېيتىپ بېرەي دېگەن ئىدىم بىراق سەن نادىرنى ھەققىيى ياخشى  كۆردىكەنسەن ،شۇڭا بىز چوڭلارنىڭ ئىشى كىچكلەرنى بىئارام قىلمىسۇن بىلمەيلا قوي دەپ قەتئىي ئېيتىپ بەرگلى ئۇنمىدى
ئالىي مەكتەپكە تېزىمغا ئالدۇرۇش كۇنمۇ يېتىپ كېلىپ مەركىزى شەھەرگە دادام ،ئاپامنىڭ ھەمرالىقدا باردىم ،بىز ئايرۇپىلان بىلەن ئۈرۇمچىگە چۇشكۇچە ئاپامنىڭ ئاكىسىنىڭ ئائىلىسدىكىلىرى ،ئايرۇپىلان ئىستانسىدا بىزنى ساقلاپ تۇرغان ئىكەن
توۋا تۇقان بىلەن ئىزدەشسە تۇقان بولىمسا ئادەم ياتلىشىدىكەن دېسە ،بۇ تاغاملار بىلەن چوڭلار ئىزدىشىپ مەن ئانچە كۆرشۇپ باقىمغاچقا تاغامنىڭ مەندىن بىر ياش چوڭ  قىزى يەھيا بىلەن مەندىن ئۈچ ياش چوڭ ئوغلى يارىم  ماڭا شۇنداق ناتۇنۇش بىلنىپ كەتتى ، بىز ئايرۇپىلاندىن چۇشمىزگە يارىم ماڭا بىر تەستە گۈل بىر ئوماق قونچاق سوغا قىلىپ قۇچاقلاپ پىشانەمگە سۈيۇپ قويدى ،يەھيامۇ ماڭا بىز ئۇيغۇرلارنىڭ كۆزلۇك دوپىسنى بېشىمغا كەيدۇرۇپ ئۈزنىڭمۇ مەن بىلەن بىر مەكتەپكە قۇبۇل قىلنىغانلقىنى بۇندىن كېيىن ياخشى تۇقان ،يېقىن دوس بۇلۇپ ئۆتشىمىز نى ئۈمىد قىلدىغانلقىنى ئېيتتى ،بىز تۇقانلار بىلەن ئۇلارنىڭ ئۆيگە بېرىپ ئۇرۇنلىشىپ ئەتسى ئىككى ئائىلە چوڭلىرنىڭ ياردىمدە مەكتەپكە تېزىمغا ئالدۇردۇق
نەمۇنە ماڭا سەن ئاۋال كېرىپ ياتقىڭنى  كۆرۇپ چىق ،ئاندىن مەن نەرسە كېرەكلىرڭنى ئەكىرىپ بېرەي دېدى يارىم
مەن تۈنگۈن يارىم سوغا قىلغان قونچاقنى كۆتۇرۇپ مەكتەپتىن بەرگەن ياتاققا كېرىپ ھۇشۇمدىن كەتكلى تاس قالدىم ،ياتاقتا مەھبۇبە  ئىككى قىز بىلەن سۈپۇرگە تۇتقۇنچە ياتاق تازلاۋاتاتتى
توۋا ماۋۇ جاھانىڭ تارلقىنى كۆرمەمدىغان دەپ خىيال بىلەن ياتقتىكى قىزلارغا سالاممۇ قىلماي ،ئۇستىدىكى بىر كارۋاتقا قونچاقنى قۇيۇپ
بۇندىن كېيىن مەن مۇشۇ كارۋاتتا ياتمەن ،يەنە ماۋۇ ئىشكاپنى ئىشتىمەن جۇمۇ دەپلا چىقىپ كەتتىم
سېرىتتا مىنى ساقلاپ تۇرغان چوڭلار ياتقىمغا نەرسە كېرەكلىرمنى ئەكىرىپ بېرىپ يەھيانىڭ ياتقىغا چىقشتى ،يەھيا ئىككىنجى قەۋەت مەن بىرىنجى قەۋەتتە ئىدۇق
بىز بىر قۇر ئۇرۇنلۇشۇپ بولغاندىن كېيىن چوڭلار بىلەن بىرگە سېرىتقا چىقىپ تاماق يەپ كەچلىكى بۇ تۇقانلار بىلەن بىر مۇزىكىلىق ئارامگاھقا بېرىپ پۇخادىن چىقىچە ئويناپ ئۆيگە قايتتۇق ،بۇ يارىم ماڭا باشقىچلا يېقىنچلىق قىلۋاتاتتى ،مەن نەۋرە ئاكام بولغاندىن كېيىن دەپ  ئۇنىڭغا ماسلىشاتتىم ،
ئاپام داداملار بۇ شەھەردە تۆت كۇن تۇرغاندىن كېيىن ماڭا تۇرلۇك لازمىلىقىنى ئېلىپ بېرىپ يۇرتقا قايتىپ كەتتى  ،ماۋۇ يارىمۇ ئىچكىردىكى بىر ئوفىسىرلار مەكتىۋىدە ئوقۇغاچقا ئالدىراش مەكتىۋېىگە قايتتى ،يېڭى ئالىي مەكتەپ ھاياتتىم ناھايتتى مەنسىز باشلانغان ئىدى
ياتاقتا مەھبۇبەنىڭ چېرايىغا قاراپ مىنۇت تۇرغۇم كەلمەيتتى ،ياتاقداشلارغىمۇ تۇزۇك ئارلاشماي يەھيا بىلەنلا بىرگە يۈرەتتىم يەھيا مەندىن بىر ياشچە چوڭ بولغاچقا ھەممە ئىشتا ئۇنىڭ ئاغزىغا قارايتتىم  لىكىن ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى ئادىممۇ مۇشۇ مەكتەپتە بولغاچقا ئۇ كۇپۇنچە شۇ بالا بىلەن بىرگە ئىدى
،مەكتەپ يېڭى كەلگەن ئوقۇغۇچىلاردىن بىر قېتىملىق خەنزۇتىلى سېناش ئىمتاھانسى ئالدى ،مەن ئىمتاھاندا شۇ نۈۋەتلىك ئوقۇغۇچلار بۇيۇنچە بىرنجى بولغاچقا مۇئەللىم ھەيران بۇلۇپ مىنىڭ ئارخىۋىمدىن مىنىڭ خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇغۇنۇمنى بىلىپ مېنى خەنزۇ باللار بار سېنىپقا يۈتكەپ قويدى ،
مەھبۇبەدىن بېزار بۇلۇپ ياتاق ئالمىشاي دېسەم نادىر ئۇنمىغاچقا مەن يەنلا شۇ قىز بىلەن بىر ياتاقتا قالدىم
مەن بىلەن بىرگە كەلگەنلەر تەييارلىقتا ئوقۇشقا باشلىدى مەن بولسام خەنزۇ ساۋاقداشلىرىم بىلەن بىرگە بىۋاستە كەسىپكە چۇشۇپ بىر يىل  ئوقۇش ۋاقتىمنى قىسقارتقاچقا ئاتا-ئانام بۇنىڭدىن مەمنۇن بۇلۇپ ماڭا ئۈرۇمچىدىن بىر يۈرۇش ئۆي ئېلىپ بەردى ،كۇنلۇرۇم باياشات ،دەرسىلىردە ئالدا ماڭساممۇ لىكىن نادىرغا كۈنۇپ قالغاچقا كۇندە بىر نەرسەم كەمدەك بۇلۇپ قالدىم ،نادىر تېلغۇن قىلسىلا سېنى سېغىدىم دەپ يېغلايتتىم ،ئامال بولماي نادىرنى ئۈرۇمچىگە كېلىپ ئوقۇمساڭ سەنىدىن ئايرىلىپ كېتمەن دەپ تەھتىد سالدىم ،ئۇمۇ ئاپسىنى قانداق ئۇنۇتىكىن ئاخىرى بىزنىڭ مەكتەپنىڭ تولۇق ئولتۇرسىغا كېلىپ قايتىلاپ ئوقۇدى ،ئىككىمىز يەنلا بۇرۇنقىدەك ئاپپاق -چاپپاق بۇلشۇپ بىرگە تاماق يەپ بىرگە دەرىس تەكرار قىلاتتۇق ،لىكىن نادىرنىڭ ئاپسىنىڭ كۆڭلىنى بۇنى سېىزىپ قالدىمۇ ۋە ياكى  مەھبۇبە خەۋەر يەتكۇۈزدىمۇ ،نادىرغا كۇندە تېلغۇن قىلىپ مېنىڭ يامان گېپىمنى قىلاتتى ،بۇنداق چاغلاردا نادىر مىنىڭ ئالدىمدا شۇنداق خىجىل بۇلاتتىيۇ لىكىن يەنلا چاندۇرمايتتى
كۇنلەر ئۆتۇپ نادىرنىڭ ئىمتاھانسىمغمۇ ئاز قالدى ،مەن كۇندە دېگىدەك ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ خەنزۇچە ماتىرياللارنى تەرجىم قىلىپ بېرەتتىم ،مىنىڭ كەسپىم خىميە بولغاچقا ئۇ ماڭا تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ خىميە دەرسلكىنى تەكرار قىلىپ بېرەتتى ،ئىمتاھانغا بىر ئاي قالغاندا نادىرنىڭ ئاپسى ئۇنى قەشقەرگە ئېلىپ كەتتى ،قارغاندا يەنە مىنىڭ دەخلى قىلشىمنى خالىمغان بولسا كرەك ،نادىر ئىمتاھانمۇ بەردى ،تەتلىدە يەنە شۇ نادىرنى دەپ قەشقەرگە باردىم ،مىنىڭ كەينىمدىن ماۋۇ يارىم بىلەن يەھيا باردى ،چوڭ ئاپامنىڭ قاغجىراپ قالغان ئۆيى ئۈچ نەۋرىسى بىلەن ئاۋاتلىشىپ  ئىككى قېرىنى ھەرخل قىلقىلار بىلەن كۈلدۇرۇپ ئۇلارنى خۇشال قىلاتتۇق ،بۇلار چوڭ ئۆيدە بولغاچقا مەن بۇ ئىككى تۇقۇنۇمدىن خېجل بۇلۇپ نادىر بىلەن تۇزۇك كۆرشەلمدىم ،بۇ يارىم كۇندە ماڭا چاپلىشۋېلىپ چاقچاق قىلدىم دەپ كۆڭۈل ئىزھار قىلاتتى ،مەن مۇھاببىتىم بار دېسەممۇ پەرۋا قىلمايتتى ،ساراڭ ئىككىمىز ئاكا -ئۇكا دەيتىم ئۇنىڭغا ئەسكەرتىپ بىراق ئۇ زادىلا پەرۋا قىلمايتتى .
ئۇڭغۇچە نادىرنىڭمۇ ئىمتاھان نەتىجىسى چىقتى ،500 نەتىجە  بىلەن ھەممىنى ھاڭ -تاڭ قالدۇرغان ئىدى ،بۇ قېتىم قەشقەر سەپىردە نادىر بىلەن ئاران ئىككى قېتىم كۆرشكەن ئۈچۇنجى قېتىم كۆرشۇپ بولغۇچە بۇ ئىككى نەۋرە تۇقۇنۇم  بىزنى ئاقسۇدىكى ئۆيۇڭگە ئاپار دەپ ئالدىرتىپ تۇرۋالغان ئىدى ،مەن ئامالسىز ئۇلار بىلەن بىرگە ئاقسۇغا قايتىپ تەتل توشقىچە ئاقسۇدا تۇرۇپ ئوينايدىغان ھەممە جايلاردا ئويناپ چىقان ئىدىم ،نادىر مىنىڭ بۇلار بىلەن بىرگە دىسكوخانا ،غالتەكخانلاردا يۇرگنىمنى ئاڭلاپ ماڭا خاپا بۇلۇپ ماڭا ئاڭلىتالماي ئامالسىز پەرۋا قىلماي قويغان ئىدى
ھەي ئادەم قاشاڭ بۇلۋاسىمۇ ئامال يوقتە
نادىرغا بىيجىڭ پىداگوگىكا ئىنستىتوتىدىن چاقىرىق كەلگەن ئىدى ،ئۇنىڭغا قىيمىساممۇ يەنە بىر قېتىم ئۇنىڭ ئىستقبالىغا ئولتۇرشنى خالىماي ئۇنى ئىچكىر ئۈلكىدىكى مەكتەپكە يولغا سالدىم
ئۇ كەتكەندىن كېيىن مەنمۇ مەكتەپكە كېلىپ ئالدىراش دەرس تەكرارلاشقا چۇشۇپ كەتتىم ،كۇندە نادىرنى سېغىنسام ئۇنىڭ سۈرتىگە قاراپ ،ئۇنى سۈيۇپ قۇياتتىم ،كۇندە ئۇنىڭ بىلەن تېلغۇنلىشاتتىم ،لىكىن ۋاقىت پەرقى چوڭ بولغاچقا ئۇ تۇزۇك پاراڭلاشمايلا تېلغۇننى ئۈزەتتى ،ئۇ ماڭا تېلغۇن قىلغاندا يارىم  ئۇنىڭدىن چاققان كېلىپ تۈگمەس ۋەدىلەر بىلەن مىنى ئۈيقۇغا غەرىق قىلاتتى ،ئۇنىڭ نىمە دېيشى بىلەن مىنىڭ ئانچە كارىم بولمغاچقا مەن ئۇنىڭ سۈزلىرىگە پەرۋا قىلماي يانغۇنى تۇتۇپ يېتىپ ئوخلاپ قالاتتىم
مانا بۈگۇن كچىمۇ يارىم يەنە تېلغۇن قىلىپ تاغدىن -باغدىن سۆزلەشكە باشلىدى ،مەنمۇ ئۇيقۇمنى داۋام قىلدىم ،تۇيۇقسىز ياتاق تېلغۇنى جېرىڭلاپ تۇرشىغا  مەھبۇبە تېلغۇنى ئېلپ ھە بار دەپلا كارۋېتىم بېشىغا كېلىپ
نەمۇنە ساڭا تېلغۇن كەپتۇ دەپلا كارۋىتىغا چىقىپ يېتۋالدى (بۇ نادىر بىلەن ئىككىمىز ئارلاشقاندىن بۇيانقى ئۈچ يىل جەرياندا ئۇنىڭ ماڭا تۇنجى قېتىم گەپ قىلشى ئىدى )مەن ئېرىنچەكلىك بىلەن  يارىغا ئەتە تېلغۇن قىلاي دەپ  تېلغۇنى ئۈزۇپ   كارۋېتىمدىن چۇشۇپ تېلغۇننى ئالدىم
ۋايجان كىمۇ سەن يېرىم كىچىدە دېدىم ئەسنەپ تۇرۇپ
باشقىلار بىلەن پاراڭلاشساڭ يېرىم كېچە بولسا مەيلى ،ماڭا كەلگەندە يېرىم كىچە بوپتۇما  دېدى نادىر قوپاللار
ۋاي تاتلىق سەنمىتىڭ دېدىم مۇلايىملىق بىلەن
ھە مەن بايدىن بېرى كىم بىلەن تېلغۇنلاشتىڭ
يارىم بىلەن
نېمە قايسى يارىڭ بىلەن
ئىچكىردىكى ھېلقى يارىمچۇ
نادىر مىنىڭ گېپىمنى ئاڭلاپ مىنى چاقچاق قىلۋاتدۇ دەپ قالدى بولغاي
نەدە مەن بىلەن پاراڭلىشسەن ،ئىچكىردە مەندىن باشقا يەنە يارىڭ بارمىتى دېدى ئۇ
ئۇنىڭ بۇ گېپنى ئاڭلاپ بەك كۈلۇپ كەتتىم ،
كالۋا سېنى دېمدىم ھېلقى ئاپامنىڭ ئاكسنىڭ ئوغلى يارىمچۇ ،شۇ نەۋرە ئاكام تېلغۇن قىپتكەن تېلغۇننى تۇتۇپ ئوخلاپ قاپتىمەن دېدىم كۈلۇپ تۇرۇپ
شۇ چاغدىلا ئۆزۇمنىڭ ئۇرۇق -تۇقانلىرىم توغرىسىدا نادىرغا سۆزلەپ بەرمىگىنىم ئېسىمگە كەلدى ،مەن ئۆزمنىڭلا تۇرمۇشىغا قىزقىپ باشقىلارغا ئانچە ئىتبار بەرمىگەچكە ئۇنىڭ ئالدا يەنلا خاتالاشقان ئىدىم
نادىر تېلغۇن تۇرپكىسىنى ئۇزاق تۇتۇپ تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن گەپ قىلمايلا تېلغۇننى قۇيۋەتتى ،بۇ خىل ئەھۋال كۆپ قېتىم تەكرارلاندى ،يارىممۇ ماڭا توختىماي تېلغۇن قىلاتتى
ئۇزاق ئۆتمەي يېڭى يىل كېرىپ مەكتەپتىن بىزنى ئۈچ كۇنلۇك قۇيۇپ بەردى ،نادىرلارنىمۇ ئۈچ كۇن قۇيۇپ بېرىپتىكەنتۇق
نادىر سېنى بەك سېغىدىم ،دەم ئېلىشڭدا ئۈرۇمچىگە كېلە دېدىم ئۇنىڭغا  يالۋۇرۇپ
بولمايدۇ ،ئىمتاھانغا ئاز قالدى ،ياخشىراق دەرىس تەكرار قىلۋالاي
ياق .....ياق ...كارىم يوق يېڭى يىلدا كلىپ مىنى ئوينات بولمىسا باشقىلار بىلەن ئوينايمەن دېدىم ئۇنىڭغا تەھدىت سېلىپ
بىراق ئۇ مىنى چاقچاق قىلۋاتدۇ  دەپ
مەيلىغۇ ،سەن جاھىل ،مەنمەنچى ،مۇستەقل يول مېڭىشنىمۇ بىلمەيدىغان قاپاقباشنى كىم يارتىدۇ ،نوچى بولساڭ باشقىنى تېپىپ باقە دېدى ئۇ
خىڭ سەندەك گالۋاڭ چىقا مەندەك دۆتنى ياخشى كۆردىغان دېدىم ئۇنىڭغا ئەركىلەپ ،دېگەنلىرىمنىڭ ھەمىسى چاقچاق ئىدى ،مەن نادىرنى بەكلا سېغىنغاچقا شۇنداق دېگەن ئىدىم ،ئەتە يېڭى يىل دېگەن كۇنى كىچىچە نادىر بىلەن تېلغۇن سۆزلۇشۇپ چىقتىم ،كەيپىياتىم شۇنداق ياخشى بولغاچقا بىر -بىرىمىزگە شۇنداق تاتلىق كەلگۈسى خېياللارنى سۆرشۇپ بەرگەن ئىدۇق
كىچە  سائەت ئىككى  بىلەن ھەر ئىككىمىز تېلغۇنى  قۇيۇپ قارشى تەرەپكە يېڭى يىللىق سالام ،ئامەت ،بەخىت تېلەپ تېلغۇننى قۇيۇپ ئۇيقىغا غەرىق بولغان ئىدۇق
ئەتگەن سائەت سەككىز بولماستا ياتاقنىڭ ئىشكىنى ئىككى ناتۇنۇش قىز چېكىپ مىنى ئىزدەيدىغانلقىنى ئېيتۇپتۇ ،ياتاقتىكى مەندىن تۆت  ياش چوڭ ئاتۇشتىن كەلگەن  ئوماق بىر قىرغىز  ھەدەش مىنى ئويغۇتۇپ سېرىتا مىنى بىرسىنىڭ ساقلاپ تۇرغۇننى ئېيتتى ،
كىچە بەك كېيىن ئوخلىغاچقىمكىن ،تەستە كۆزلۇرۇمنى ئېچىپ يۈزۇمنى يۇمايلا ،ئوخلاش كىيمنىڭ ئۇستىگە يوغان ھەم ئۇزۇن چاپنىمنى كېيىپ ساپما كەش بىلەنلا سېرىتقا چىقتىم
توۋا ماۋۇ يارىم شاڭخەيدىن كەلگەن ئىدى ،قۇلدا بىر دەستە قىزىل ئەتىرگۈل ،بىر قۇتا شاكلات ،سېغىز تۇراتتى ،بىرنجى ئاينىڭ جېرىڭ -جېرىڭ سوغقىغا قار جۈر بولغان بۇلۇپ پۇتكۈل كائىنات ئاپپاق تون كەيگەن ،يارىم قىزلار ياتاق بىناسىدا گۈلنى تۇتقانچە ئاپپاق قاردا قار بوۋايغا ئوخشاپ قالغان ئىدى
ياتاق بىناسى ئىشكىدىن چىقىپ يارىمنى كۆرۇپ شۇنچىلىك رۇمانتىكلىق ھس قىلغان بولساممۇ لىكىن دەرھاللا ھەي يارىمنىڭ  ئورنىدا نادىر بولسچۇ دەپ ئويلاپ قالغان ئىدىم ،مەن ئاستا يارىم قېشىغا  باردىم
ئۇ گۈلىنى قۇلۇمغا تۇتقۇزۇپ پىشانەمگە بىر سۈيدى
ھە ھۇرۇن تېخچە ئوخلاپ ياتقانمۇ ،چاققان كىيملىرڭنى ئالماشتۇرۇپ چىق سېنى بۈگۈن راسا ئوينۇتۇپ كېلەي دېدى ئۇ
لكىن ئاكا بۈگۈن دەرىس تەكرار دەپ بولغۇچە
ئۇنداق قىلما مەن سېنى دەپ شاڭخەيدىن كەلدىم ،چاققان بول دېدى ئۇ سوغاقتا تېتىرەپ تۇرۇپ
ئەمسە سەن ئۆيگە كېرىپ كەتكەچ تۇر مەن ساڭا تېلغۇن قىلاي دېدىم ئۇنىڭ سوغاقتا قىزارغان يۈزلىرىگە قاراپ
ياق سېنى ساقلايمەن ،مەڭگۈ مۇشۇنداق ساقلايمەن
ئۇ شۇنداق دەپ بولغۇچە  مەكتەپ چايخانسىدىن چاي كۆتۇرۇپ ياتاققا ماڭغان مەھبۇبە بىلەن ئۇنىڭ يېقىن دوستى شېرىن بىزنىڭ ئالدىمىزغا كېلىپ
باللار شاش ھە ئاداش ،ئۇياقتا رەسمىسىنى ،بۇياقتا دەسمىسىنى تەڭ ئېلىپ ماڭدۇ ،
شۇنى دېگىنە ئاداش ئىككى قېيىققا تەڭ دەسىە سۇغا چۇشدۇ شۇ دەپ قاقاقلاپ كۈلۇشكىنچە ياتاق بىناسىغا قاراپ كېرىپ كەتتى
ئىچىم ئۈرتۇنۇپ بىر خل شۇملۇقنى سەزگەندەك بولسىمۇ لىكىن مۇنۇ ئاكامنى ئۈمىدسىزلەندۇرمەسلىك ئۇچۇن ياتاققا كېرىپ كېيىملرىمنى ئالماشتۇرۇپ ،يەھيانىڭ ياتقىغا چىقتىم ،يەھيا مەن بىلەن بىرگە چىقسا ئاكسى ئۇنداق كۆڭۇل ئىزھار قىلالمايتتى
كەچۇر ھە نەمۇنە مەنمۇ بىرسى بىلەن دېيشىپ قويغان ھېلقى  ئوتتۇرا مەكتەپتكى بالا بىلەن بۈگۈندىن باشلاپ يۇردۇم ،شۇڭا شۇنىڭ بىلەن بىرگە سېرىقتا چىقىپ ئويناپ كەلمەكچى ئىدىم دېدى ئۇ
ئۇ ئۇنداق دەۋاسا يەنە نېمە دېگۈلۇك ،ئامال يوق يارىم قېشىغا يالغۇز چىقتىم ،بىچارە سوغاقتا توڭلاپ كۆكۇرۇپ كەتكەن ئىدى ،بىز ئىككىمىز دەسلەپ بىر تاماقخانغا كېرىپ ناشتا قىلدۇق ،ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن بىرگە غالتەكخانغا بېرىپ راسا كانكا تېيلىدىم ،تۇيۇقسىز يارىمغا كىچىك ئاپاملار تېلغۇن قىلدى ،شۇ چاغدىلا مەن يانغۇنۇمنى بايا ياتاقتا تاشلاپ قويغۇنۇمنى ئەسكە ئالدىم ،ئىچىم بىرخل بىئارام بۇلۇپ قىيلىنۋاتاتتى شۇندىمۇ يارىغا چاندۇرمايتتىم ،بۇ يەردە چۇشكۇچە ئويناپ چۇشتىن كېيىن تاماقلىنپلا يارىمنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتكى ساۋاقداشلىرنىڭ يېڭى يىللىق ئولتۇرشىغا باردۇق ،ھەممسى كىچكدىن ئۈرۇمچىدە چوڭ بولغان باللار بولغاچقا شۇنچىلىك شوخ ئادەمنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۇرەتتى ،
بۇ مىنىڭ قىز دوستۇم دەپ تۇنۇشتۇردى يارىم مىنى بىۋاستە
ساراڭ ئۇنداق دېمە دەپ ئۇنى نۇقۇپ قويساممۇ ئۇ پەرۋا قىلمايتتى
ئوخو يارىم نەدىن تاپتىڭ بۇ كىچىك قىزنى دېدى ھەمىسى ھەيران بۇلۇپ
ئامەت دېگىنە دېدى يارىم كۈلۇپ  
بۇرۇنقىسچۇ دېدى ئۇنىڭ شابۇرۇىت ،بىزنىڭ مەكتەپتكى بىر قەشقەرلىك يەنە كېلىپ مەھبۇبە بىلەن پات -پات ئىزدىشىپ تۇردىغان بىر قىزنى قىز دوستۇم دەپ تۇنۇشتۇرغان بىر يېگىت
قاچانقى گەپنى قىلۋاتسەن ئۇ قىز ئالبۇرۇن مىنى تاشلاپ كەتكەن ،ئاللاھ خالىسا مۇشۇ نەمۇنەنى ئالمەن دېدى ئۇ بىر رۇمكا ھاراقنى ئىچىپ تۇرۇپ
ئۇلار ئېچىلىپ يېيلىپ ئىچىش ،چېكىش سورۇننى باشلىۋەتكەن ئىدى ،بىز قىزلار باشقا ئۇرۇنغا ئالمىشىپ شۇ يەردە پاراڭ سوقۇپ ئولتۇرساق ھېلقى قەشقەرلىق قىز مەندىن
سىز نادىر بىلەن ئايرلىپ كەتىڭىزمۇ دەپ سوراپ قالدى
ياق دېدىم كەسكىن قىلىپ
ئەمسە ؟؟؟دېدى ئۇ قىز دېلغۇل بۇلۇپ سوئالىنىڭ داۋامنى سوريالماي
بۇ منىڭ نەۋرە ئاكام ،ئۇنىڭ قىز دوستى بۇنىڭدىن يۈز ئۈرۇپتىكەن شۇڭا بۈگۈن سورۇنغا يالغۇز كەلگۈسى كەلمەي مىنى بىرگە كېلىشىپ بەر دېگەن دېدىم مەن
ھە ،،،،دېدى ئۇ قىز سەل گۇمان نەزىردە
دېمسىمۇ يارىم مەس بۇلۋېلىپ ماڭا چىڭلا يېپىشقان بىر قارغان كىشىگە ئىككىمىز ئاكا -سېڭل ئەمەس بەلكى كونا ئاشىق -مەشۇقتەك تەسىر بېرەتتۇق
يارمنىڭ ھاراق ئىچىپ مەس بۇلۋېلىپ توختىماي مىنى ئۇسۇل -تاڭسىغا تەكلىپ قىلشى مىنى تۇلمۇ بىئارام قىلغان ئىدى ،شۇڭا يارىمنىڭ كېچىچە بۇلار بىلەن يېڭى يىل ئۆتكۇزمىز دېگىنگە ئۇنماي كېتىمەن دەپ قەتئىي چىڭ تۇردۇم ،ئۇمۇ مىنىڭ جاھىل مىجەزىمنى بىلگەچكىمىكىن ئارتۇق گەپ قىلماي دوسىلرى بىلەن خوشلۇشۇپ مىنى ئېلىپ سېرىتقا چىقتى ،بىز بۇ سورۇندىن چىقاندا ئالبۇرۇن كىچە سائەت 11 بۇلۇپ بولغان ئىدى ،بۇچاغدا مەكتەپكە قايتاي دېسەم ياتاقنى تاقايتتى ،تاغاملارنىڭكىگە بۇنداق كىچىدە مەس ئوغلى بىلەن كىرگلى بولمايتتى ،تورخانلار بىخەتەر بولمىغاچقا يارىم بىلەن ئاپاملار ماڭا ئېلىپ بەرگەن ئۆيگە  باردىم ،يارىم گەرچە مىنىڭ نەۋرە ئاكام بولسىمۇ لىكىن مەسلىك پەسلىك دەپ ئۇنىڭدىن ئىھتيات قىلمىسام بولمايتتى ،شۇڭا ئۆيگە كېلىپلا ئۇنڭغا پەرۋا قىلماي ياتاق ئۆيۇمگە كېرىپلا ئىشكىنى ئىچىدىن قۇلۇپلىغاننى ئاز دەپ ئورۇندۇق بىلەن ئىشكىنى تېرەپ قويدۇم .ئەمدى ئۇخلاي دەپ كۆزۇم ئۇيقۇغا بېرشىغا ئۆيگە تېلغۇن كەلدى ،كېىچە سائەت بىردىن ئاشقاندا كىمنىڭ تېلغۇن قىلغنى بىلەلمەي يۈگرۇپ مىھمانخانا ئۆيگە چتىم
يارىم  كىملەر بىلەندۇر سوقشۋاتاتتى
يۈگرەپ بېرىپ ئۇنىڭ قۇلدىن تېلغۇن تورۇپكىسنى تارتىپ ئالدىم
كىمۇ ؟سىز كىمۇ ؟
قاقباش مەن نادىر ،ئىسىت ساڭا شۇنچە ئىشەنسەم دېدى ئۇ ئۈھ سىنىپ
مەن ....مەن قانداق قلدىم دېدىم جىدىلەشكەن ھالدا
يېنىڭدىكى كىم
ئاكامغۇ
ئۇڭغۇچە يارىم تۇيقسىز مىنىڭ بىلمدىن قۇچاقلدى ،نەمۇنە قۇيۋەت بولدى تېلغۇنى مەن سېنى ياخشى كۆرمەن ،دەپلا ماڭا ئېسلىدى
مەن يارىمنى ئېتىرۋېتىپ تېلغنغا قۇلقۇمنى يېقىن ئەكەلدىم
تېلغۇن ئالبۇرۇن ئۈزۇلگەن ئىدى ،يارىم يەنە كېلىپ مېنى ئۆزگە قارتىپ لېۋىنى لېۋمگە يېقىن ئەكەلشكە باشلىدى .
نەدىن كەلگەن كۇچكىن ئوقمايمەن ،ئۇنى كۈچەپ بىرنى سېلىپ ياتاق ئۆيگە كېرىپ قاتتىق يېغلىدىم ،توۋا ئەركەك ئەۋلادىلا ۋاپا ،ۋىجدان قالمىدىمۇ نېمە دەپ ئۆزۇمگە خىتاب قىلاتتىم ،لىكىن ئۈزۇمنىڭمۇ ئاكامتىغۇ دەپ بەك چەكتىن ئاشۇرۋەتكىنمنى ھىس قىلماقتا ئىدىم ،يېغلاپ يېتىپ تەڭ سەھەردە ئوخلاپ قاپتىمەن ،ئويغۇنۇپ مىھمانخانا ئۆيگە چىقسام يارىم يوق ،ئاشخانا ،تازلىق ئۆيلىردىمۇ ئۇ كۇرۇنمەيتتى ،ھەي كېتىپدۇ دەپ ئويلاپ نادىرغا تېلغۇن قىلدىم
تېلغۇنى ئېتىك ،ياتقىغا ئۇردۇم ،ئالدىغانغا ئادەم يوق ،تىىت ئىچىدە بىر كۇن تېلغۇن قۇلۇمدىن چۇشمىدى ،يەنلا ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلشالمدىم ،كېچە تاڭنىڭ قانداق ئاتقىنى بىلمەيمەن ،ئۇنىڭغا توختىماستىن بىر كىچە -كۇندۇز تېلغۇن قىلىپ چىقتىم يەنلا ئېلىنمايتتى ،ئەتسى سەھەردىلا ياتاققا قايتتىپ يانفۇنۇمنىڭ ئۈلۇشكۇن بىر كۇن نادىرنىڭ تېلغۇنى ھەم ئۇچۇرى بىلەن تۇلۇپ كەتكىنى كۆردۇم ،نادىرغا يەنە تېلغۇن قىلدىم ،ئوخشاشلا ئېتىك بۇلۇپ چىقتتى ،كۇندە دەرسكە چىقۋاتمەن لىكىن كۆڭلۇم بەك پاراكەندە كۇندە دېگدەك نادىرغا تېلغۇن قىلۋاتمەن لىكىن ئۇنىڭ بىلەن كۆرشەلمەيۋاتمەن ،يەھيادىن ئاڭلىشمچە يارىممۇ مېنىڭ ئۆيۇمدىن يېنىپ چىقان كۇنلا شۇنچىلىك روھسىز ھالدا شاڭخەيگە قايتىپ كېتىپتۇ ،ھەي مەندە نېمە ئامال نەۋرە ئاكام تۇرۇپ ئىزتنى قىلغاننى بىلمىگەندىن كېيىن شۇنداق بۇلدۇ دە شۇنداق قىلىپ ئۇمۇ نادىرمۇ مېنىڭ تۇرمۇشۇمدىن شۇنداقلا يوقىدى ،نادىر بىلەن تۇنۇشقاندىن بۇيان بۇنچىلىك ئۇزاق ئالاقىمىز ئۈزلۇپ قالمىغاچقا ئىچىم ئۆرتۇنۇپ كۇندە يېغلاپلا يۇردۇم ،بىر ھەپتىدىكى ھارغىن ئوقۇش ئاخىرلىشىپ جۇمە كۇنمۇ ئاخېرى يېتىپ كەلدى ،مۇئەللىم بىزگە يېڭى يىللىق ئولتۇرش قىلىپ بەرمىگەچكە سېنىىپتىكى ساۋاقداشلىرىم ئۈزلىرى ئولتۇرماقچى بولدى ،بىزنىڭ سېنىپتا ئۈچ  ئويغۇر  بىر قازاق ئوغۇلنى ھېساپقا ئالمىغاندا ھەممسى خەنزۇ ساۋاقداشلار بولغاچقا بۈگۇنكى ئولتۇرشقا مەن بارمايمەن دېسەم ئۇلار قەتئىي ئۇنماي قويدى ،بۇ مەكتەپكە كەلگەن ئۈچ يېلغا يېقىن ۋاقىتا مەن سېنىپ كوللىكتىپ پائالىيتىگە پەقەت قاتنىشىپ باقمىغاچقا بۈگۇن ئۇلار مىنى زادى بارسەن دەپ چىڭلا تۇردى ،مەن ئامالسىز ئۇلار بىلەن بىرگە نەنمىن تەرەپتىكى بىر كارائوكقا  باردىم ،نادىر بىلەن ئالاقىلشالماي ھەسرەتتە ئولتۇرغاچقىمكىن بۇ سورۇن ماڭا پەقەت خوش ياقمايتتى،ئىككى ئويغۇر ئوغۇل ساۋاقدېشىم توختىماي مىنى تاڭسىغا تەكلىپ قىلغىلى تۇردى ،دەسلەپ پەقەت ئوينىغىلى ئۇنمىدۇم كېيىن ئۇلار مەندىن رەنجىگىلى تۇردى ئامالسىز  سېنىپىمزدىكى ئاقسۇلۇق ئويغۇر بالا بىلەن ئەمدى تاڭسا ئويناشقا تەمشىلشىمگە نادىر ئاسماندىن چۇشكەندەكلا ئالدىمدا پەيدا بۇلۇپ تەستىمگە بىرنى سېلىپ
ھۇ پەسكەش ،سېنىڭ بۇنداق قىز ئىكەنلىكىڭنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن دەپ ئالدى كەينىگە قارماي سېرىتقا قاراپ يۈگۇردى
مەنمۇ نىمىش قىلىشنى بىلەلمەي تۇرۇپ كېتىپ دەرھال ئېسىمنى يېغىپ ئۇنىڭ كەينىدىن سېرىتقا چىقتىم ،ئۇ يۈگرۇپ نەنمىن تىياتېرخانسىنىڭ ئالدىغا كەلگەن ئىكەن ،ئۇنىڭغا يۈگرۇپ يېتشىۋېلىپ  ئۇنىڭغا بولغان ئىشلارنى چۇشەندۇرمەكچى بولدۇم ،بىراق ئۇ زادىلا پىسەنىت قىلماي يۇلنى داۋام قىلدى ،ئۇنىڭغا بۇلارنىڭ ساۋاقدېشىم ئىكەنلكىنى قەسەم قىلىپ تۇرۇپ دېدىم بىراق ئۇنىڭ نەزىردە مەن بىر تاپتىن چىقان قىز بۇلۇپ قالغان ئىدىم خالاس  ،ئۇ چوڭ يولغا چىقىپ تاكسى تۇسۇپ كېتىپ قالدى ،قېلىن قاردا مۇز تۇتقان يوللاردا يېقىلىپ قۇپۇپ ئۇ تاكسىنىڭ كەينىدىن يۈگۇردۇم ،بىراق ئۇ مىنى كەينىدە قالدۇرۇپ كۆز ئالدىمدىن غايىپ بولدى ،تۇيۇقسىز يانتېلغۇنۇم سايراپ منى سەل ئۈمىدكە باشلىغان بىراق تېلغۇننى نادىر ئەمەس ئاپام بەرگەن ئىدى ،يېغلاپ تۇرۇپ تېلغۇننى ئالدىم ،
ئاپام مىنىڭ نىمىش بولغۇنۇمنى سورمايلا مەندىن بەكرەك يېغلاپ تۇرۇپ چوڭ دادامنىڭ تېخى يېرىم سائەت ئالدىدا جان ئۈزگىننى  تاغاملار بىلەن بىرگە قەشقەرگە كېلىشمنى ئېيتتى ،تېلغۇننى قۇيۇپلا تاغاملارغا تېلغۇن قىلدىم ئۇلار مىنى دەرھال ئايرۇپىلان ئىستانسىغا كېلشىمنى ئېيتتى ،تاغام ،ئايالى ،يەھيە تۆتىمىز كېىچە ئوندا قەشقەرگە ئۇچىدىغان ئايرۇپىلان بىلەن قەشقەرگە كەلدۇق ،
ئۆيگە يۈگرۇپ كېلىپ بوۋامنىڭ ياتاق ئۆيگە كېردىم ،ئۇ شۇنچىلىك خاتىرجەم ھالدا ئاپپاق رەخلەر ئىچىدە ياتاتتى ،چېرايلىرى ئازراق ساغارغان بولسىمۇ لىكىن ئازابسىز ئۇ دۇنياغا كەتكەن ئىدى ،يېغا -زارە ،قىيا -چىيا ئىچىدە بۇ رەھمەتللىك سۇنماس مائارىپ خىزمەتچىسنى يەرلىكىدە قويدۇق ،بىچارە ئاپام بىلەن تاغام يېغلاپ ھالسىرغان ،چوڭ ئاپام خۇددىنى يۇقاتقان ھالدا چوڭ دادامنىڭ مەكتەپ فورمىسى بىلەن چۇشكەن سۆرتىگە قاراپ ئولتۇراتتى ،كاللام خارامۇچ ،نادىرنى ئويلاشقا مادارىم يەتمەي قالغان ئىدى ،مانا كونلار ئېيتقان ئازاب مۇشۇ  بولسا كېرەك يۈركۇم ئاغرىپ ھازىرلا پارتىلاپ كېتىدىغاندەك قىلۋاتاتتى ،بىر ھەپتە قەشقەردە تۇرۇپ چوڭ دادامنىڭ نەزىرسىنى بېرىپ بۇلۇپ يەھيا ئىككىمىز مەكتەپكە قايتتۇق ،چوڭلار يەنلا چوڭ ئۆيدە قالدى ،ئىمتاھان ۋاقتى بولغاچقا ھەممە ساۋاقداشلىرىم ئالدىراش دەرس تەكرار قىلۋاتقان ئىكەن  ،مەن ياتاققا ئەزەلدىن كېيىپ باقمىغان ئۇزۇن قارا پەلتۇ بىلەن ئاپپاق ئاق ياغلىق ئارتىپ كەلدىم ،ھەممە ياتاقداشلىرىم بىلەن بىر قۇر قۇچاقلالىشىپ كۆرشۇپ بۇلۇپ تۇرشۇمغا مەھبۇبە ياتاققا كېرىپ mp3 نىڭ ئاۋازىنى سېرتىغا چىقىرىپ ھەرخل ناخشىلارنى ئالتاغىل ئېيتقىلى تۇردىكى ياتاقتىكى قىزلارنىڭ ئۇنداق قىلما دېيشىگە پىسەنىت قىلماي قاقاقلاپ كۈلەتتى ،بۇنى ئاز دەپ تېلغۇننىڭ ياڭراتقۇسىنى ئېچۋېتىپ نادىرغا تېلغۇن قىلىپ
نادىرمۇ جېنىم مەن سېزنى سېغىندىم دېدى
نادىر ھە دەپ ئۇنىڭ بىمەنە سورغان سوئاللىرىغا ،ناياقلىنشىغا ماسلىشۋاتاتتى ،يۈركۇم پىچاق بىلەن قوچىغاندەك قاتتىق ئاغرىپ ئۇنىڭ بۇ قىلقىغا چېداپ تۇرالماي سۇخانغا چىقىپ بىرنجى ئاينىڭ سوغقىغا قارماي بېشىمدىكى ئاق ياغلىقىنى ئېلىپلا تۇربا ئاستىغا بېشىمنى تۇتۇم  
مۇزدەك سوغوق سۇ بېشىمدىن كېرىپ پۇتۇن بەدىنمگە تاراپ مىنى جالاقلىتىپ تىترەتمەكتە ئىدى ،يېرىم سائەتچە بېشىمنى سوغوق سۇغا چېلاپ تۇرغاندىن كېيىن ياتاققا كېرىپلا ھۈل بېشىم بىلەنلايوتقانغا كېردىم ،بېشمدىن تارتىپ تاپنىمغىچە ئوت بۇلۇپ ،پۇتۇن بەدىنىم كۈيشۇشكە باشلىدى ،كېچە بىئارام بۇلۇپ ئەتسى ھېلقى قىرغىز ھەدەشنىڭ ئويغۇتشى بىلەن ئورنۇمدىن تۇردۇم
چۇشتۇن بۇرۇن ئىمتاھانىڭىز بار ئىكەن ئونۋېرسال بىنا 120 سىنپقا كېرىپ ئىمتاھانغا قاتنىشىڭ دېدى ئۇ
شۇنچە تۇرشقا تەمشەلسەممۇ ئۇستىخانلىرىم ئۈزۇمنىڭ ئەمەستەك ماڭا بويسۇنمايۋاتاتتى ،ھېلقى ھەدەش مېنى يۈلەپ تۇرغۇزۇپ كىيملىرمنى ئالماشتۇرۇپ يۈلەپ ئىمتاھان مەيدانىغا ئېلىپ كېردى
ئىمتاھاننى قانداق بەردىم ئۇقمايمەن ،ئېسىمگە كەلسەم دوختۇرخاندا يېتىپتىمەن ،قان ئازلىق كىسلى ياخشى داۋالان دېدى دوختۇرلا
ئامال يوق  ئىمتاھانغا قاتناشماي مەكتەپ دوختۇرخانسىدىن فاكولتىتكە ئىسپىراپكا ئېلىپ بېرىپ ئاقسۇغا قايتىپ كەلدىم ،ھالىم بەكمۇ خاراب ،بىرەر ئايغىچە پەقەت ياخشى بۇلالمىدىم ،دادام ،ئاپام چوڭ ئاپامنى ئېلىپ ئاقسۇغا قايتىپ كېلىپ ماڭا ئەستايدىل قاردى ،
ئىشىق -مۇھاببەتكە ،قېرىنداشلىردىن ئايرىلغانغا ،ئازابلانغانغا بۇ جان چىقمايدىكەن ،شۇنچە ئازاب مىنىڭ بۇ كىچكىنە سېرتقى  يارام ئالدىدا ھىچ نەرسە ئەمەس ئىدى ،شۇندمۇ خېلى ياخشى بۇلۇپ قالغاندا چوڭ ئاپام بىلەن قەشقەرگە باردىم ،مەخسدىم ،نادىرغا ھەممە ئوقۇشماسلقىنى ئېيتىش ئىدى ،ماشىندىن چۇشۇپلا نادىرنىڭ ئۆيگە باردىم ،بۇ چاغدا نادىرمۇ تەتلىگە چىققان بولغاچقا ئۇنىڭ ئۆيدە بارلىقىغا ئىشەنچ قىلغان ئىدىم
نادىرنىڭ ئۆينىڭ ئىشكىنى چەكسەم نادىرنىڭ ئاپسى چىقىپ مىنى كۆرۇپلا چېرايلىرنى ئومچەيتتىپ
توۋا جاھاندا سىزدەك يۈزى قېلىن قىزنى كۆرۇپ باقماپتىكەنمەن ،يەنە قايسى يۈزىڭىز بىلەن نادىرن ئىزدەپ كەلدىڭىز ،قېنى ھېلقى يارىڭىز ،ئاپسنى شۇنداقمۇ دورىغان بارما ،بۇسۇغامغا  دەسىگۈچى بولماڭ ،ئۆيۇم سىزدەك نۇمۇسىزلارنى قارشى ئالمايدۇ دېيشىگە نادىر ياتاق ئۆيدىن چىقىپلا مىنى كۆرۇپ بىر قىسىم بۇلۇپ كەتتى ،ئۇڭغىچە مەھبۇبەمۇ ئۇنىڭ كەيدىن چىقىپ نادىرنىڭ ئاپسىغا قۇشلۇپ مىنى ھاقارەتلەۋاتاتتى ،توۋا ماۋۇ نادىرىمۇ ئۇلارغا ئېغىز يېرىپ گەپ قىلماي قاراپ تۇراتتى ،ئۇلار مىنى ھاقارەتلەپ ھارغاندىن كېيىن ئىشكىنى يۈزۇمگە يېپىپ كېرىپ كەتتى ،بىر -ئىككى سائەت خۇددى قەلەندەردەك نادىرنىڭ ئىشىك ئالىدا تۇردۇم
توغرا مەن ھازىر قەلەندەر ئىدىم ،نادىردىن مۇھاببەت تەلەپ كەلگەن قەلەندەر ئىدىم ،
يۈركۇم پۇچۇنلۇپ يەنە لەپشىپ يېغۋاتقان قاردا كەچ كىرگىچە تۇردۇم ،كونا كېسەل يەنە قوزغۇلۇپ مۇمامنى خېلى ئەنسىرەتتىم ،يەنە ياخشى بولغاندا قۇلۇم  نادىرنىڭ تېلغۇننى ئىختىيارسىز بېسىشقا باشلدى
نىمە دەيسەن دېدى نادىر قۇپال ھالدا
نادىر مەن
بولدى قىل نەمۇنە ئىككىمىز ئالبۇرۇن ئايرۇلدۇق
بۇ شوينا ئۈزۇن شوينا
ئاسمانغا ئېتىپ ئوينا
مەن سېنىڭ خىلىڭ ئەمەس
خېلىڭىنى تېپىپ ئوينا
ئۇ شۇنداق دەپلا تېلغۇننى قويدى ،ئازاپتا ئاۋازىمنى قۇيۇپ راس يېغلىدىم ،يېغلىغاندۇمۇ قاتتىق يېغلىدىم ،مەن ئىپلاس ،توغرا مەن سەندەك گالۋاڭنى ياخشى كۆرۇپ قالغاندىكىن مەن ئىپلاس دەيتتىم ئۈزۇمگە
ئازاب ئىچىدە تەتىلمۇ توشتتى ،مەن قەشقەردىن ئاقسۇغا بېرىپ ئاندىن مەكتەپكە قايتتىم ،مەكتەپكە بېرىپ ئەتسى بىزنىڭ ياتاق بىناسى ئالدىدا مەھبۇبە بىلەن نادىرنى قول تۇتۇشقان ھالدا ئۇچراتتىم ،يۈركۇم پۇچلانغان پېتى ياتاققا كېرىپ يەنە يىغلدىم ،
ئەتسى مەھبۇبە نادىرنى ئىچكىرگە ئۇزتىمەن دەپ چىقىپ كەتتى ،يەنە دەرسكە چىقماي ياتاقتا ياتتىم
مەن ساڭا ئۈچ بولدۇم دېدى ھېلقى قىرغىز ھەدەش ،ماڭا ئاليىپ
گاراڭ كاللام بۇنچىلىك گەپنمۇ پەرىق قىلالمايتتى ،يەنە ھاڭۋېقىپ تۇرسقا قاراپ ياتىم
كالۋا قىز تۇرە ئورنىڭدىن دېدى ئۇ سەكرەپ كارۋېتىمغا چىقىپ
سېنى دەسلەپ كۆرگەندە شۇنچىلىك چېچەن كۆرگەن ئىدىم ،بىراق سەن بىر ھاڭۋاقتى ئىكەنسەن يەۋاتقان تامقىڭنى كىشى تارتىۋالسىمۇ بىلەي ئازابلىنىپ يات ،ھەممە ئىمتاھاندا سىنى قالدۇرۇپ قۇيۇپتۇ ،بۇ مەۋسۇم يەنە ئۈچ پەندىن قالساڭ سىنىپ قالسەن ،ساڭا كەلگۈسى كېرەكمۇ ياكى مۇھاببەتمۇ ؟مەھبۇبەگە مۇشنداقلا تەتۇر قاراپ،بىكار ئازابلىنىپ يېتىپ نارازىلىق بىلدۇرمەكچىمۇ ؟مۇشۇنداق قىلساڭ ئاپاڭغا ،داداڭغا يۈز كېلەلەمسەن ،سەن ئادەممۇ ؟سەن ھەي
مەن ساڭا دېسەم سېنىڭ مۇشۇ كۇنگە چۇشۇپ قېلشىغا ئۈزۇڭ سەۋەبچى مەھبۇبە ياردەمچى
قارا ئۇ نادىر بىلەن سېنى ئايرۋېتىش ئۇچۇن سېنىڭ ئاكاڭ بىلەن سۆزلەشكەنلىرڭنى ئۇن ئالغۇغا ئېلىپ ئۇنى ھەم ئاكاڭنىڭ يېڭى يىلدا ساڭا سوغات تەقدىم قىلۋاتقان ،پىشانەڭگە سۈيۋاتقانلارنى رەسىمگە تەرتىپ ئەۋەتىپ بەردى ،يەنە سېنىڭ ھېلقى قېتىمقى ساۋاقداشلار ئولتۇرشىڭغا باشلاپ بېرىپ سېنى مۇشۇنداق ئۇيۇنچى بولۇپ كەتتى،دەپ ساڭا قارا سۈكەپ قىلمىغان ئىشىڭنى قىلدى دەپ قارا چاپلاپ يۈردى ،سەن ئۈزۇڭنى ئاياش ئۇياقتا تۇرسۇن ئۇنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئويناپ ھازىرقى خار ھالغا كەلدىڭ دېدى دە مەھبۇبەنىڭ كۈندىلىك خاتىرسىنىڭ كۆپەيتمىسنى قۇلۇمغا تۇتقۇزۇپ قۇيۇپ كارۋېتىمدىن چۇشۇپ سېرىتقا چىقىپ كەتتى ،
توۋا بۇ ئىپلاس ساراڭنى كۇندىلىك خاتىرسىنىڭ ھەممە يېىرگە
قاراپ تۇر نەمۇنە مەن ھامان نادىر ئىككەڭنى ئايرىمەن دەپ تۇشۇپ كەتكەن ئىدى
مانا مەھبۇبە دېگىنى
كېلىپ ئىككىمىز ئايىرلىدۇق ،مەن ئازاب چەكتىم ،لىكىن نادىرچۇ ؟ئۇ بىپەرۋا ھالدا مەھبۇبەنىڭ دامىغا چۇشۇپ ئۇنىڭ بىلەن ئاپپاق -چاپپاق بۇلۇپ يۈرەتتى ،ئەينى چاغدا ماڭا قىلغان شېرىن -شېكەر گەپلىرنى سىنى بىر ئۈمۈر ساقلايمەن ،ياخشى كۆرمەن دېگەن ۋەدىلىرىنى چۆرۇپ ماڭا قاراپمۇ سالمىغان ئىدى ،شۇ خېيال بىلەن ئولتۇرسام مەھبۇبە ئىشكىنى ئېچىپ ياتاققا كېردى ئورنۇمدىن تۇرپلا ھېلقى كۆپىيتلىمە خاتىرنى ئۇنىڭ يۈزىگە ئېتىپ تۇرۇپ
ھۇھ پەس ئەمدى رازى بولدۇڭمۇ دېدىم زەردە بىلەن
ئۇ  خاتېرىنى  كۆرۇپ ماڭا قاراپ بەخرامان
بۇ نىمنى چۇشەندۇردۇ ،خىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە نادىر ئىككەڭ ماڭا قانداق ھاقارەتلەرنى قىلمىغان ،ئەمدى جازاسىنى تارتىشسەن .
ئىپلاس ئەمدى بولدى قىل سەن نادىرنى ياخشى كۆرسەنغۇ ،مەن بولدى  ئۇنى ساڭا ئۆتىنەي سەن ئۇنىڭ بىلەن ياخشى ئۆت
خىڭ ياخشى كۆرسەن ؟بۇرۇن شۇنداقتى ھازىر ئۇنداق ئەمەس سېنى نابۇت قىلىپ بولدۇم ،قارا سېنپىڭ بۇيۇنچە كەينىدىن سانغاندا بېرىنجى ،،،،ھا،،،،،ھا،،،،بىر يىل قىسقارتىم دەپ خۇشال يۈرەتىڭ يەنە مۇشۇنداق يۇرسەڭ مەندىنمۇ كېيىن ئوقۇش پۇتتۇرسەن ،نادىرمۇ ھازىر سەندىن ئايرىلدى ،ئۇنىڭغا تېخى كۆرگۈلۇكنى ئالدۇرماي كۆرسىتمەن ،بۇرۇن ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئالىدىدا قانداق ھاقاراتلىگەن بولسا مەنمۇ ئۇنى شۇنداق ھاقارەتلەيمەن دېدى ئۇ
كارۋاتتىن سەكرەپ چۇشۇپ ئۇنىڭ تەستىكىگە بىرنى سالدىم
ھەي ئۇ نىمانچە كۆچلۇك دەيمەن ،مەن بىرنى سېلىپ بولغۇچە چېچىمدىن تۇتۇپ ياتاقتا پىرە ئوينۇتۇپ ،ئۇرۇپ ھالالىلقىمنى قويمىدى ،مەن شۇنچە قارشىلىق كۆرسەتكەن بولساممۇ لىكىن ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمدىم ،
ھۇ ئۈلگۈر جادىگەر ،ئالۋاستى ،قاراقچى ،چېچىمنى قوي دەپ قاتتىق ۋاقىرايتتىم ،لىكىن ئۇ منىڭ تېلىمغا پەقەت پىسەنىت قىلمايتتى ،
شۇ ئەسنادا سېرىتىن ياتاقتىكى باشقا قىزلار كېرىپ قېلىپ ئىككىمىز نى ئاجراتتى ،باشقا قىزلارنىڭ ئۇنى تۇتۇپ تۇرغان پۇرسىتىدىن پايدىلنىپ تامغا تېرەپ قۇيۇلغان پول سۈرۇتكۈچنىڭ تايقى بىلەن ئۇنىڭ بېشىغا بىرنى سالدىم ،ئۇنىڭ بېېشى يېرىلىپ قانلار چېقىشقا باشلىدى ،قىزلار ئالىدىراش ئۇنى مەكتەپ دوختۇرخانسىغا ئەپكېتىپ يېرىم سائەتچە بولغاندا نادىر ماڭا تېلغۇن قىلىپ
ئىسىت قانجۇق سېنى ئادەمىكىن دېسەم ،مەھبۇبەنى نىمە قىلىدىڭ ؟مەھبۇبەگە بىر ئىش بۇلدىغان بولسا سېنى ھەرگىز بوش قويمايمەن دەپلا تېلغۇنى قويدى
يەردە كىچىك قىزلاردەك ئولتۇرۇپ ،ئىغناپ ،يېغلىدىم ،قاخشىدىم ،مانا مەن بىلەن ھىچكىمنىڭ كارى بولمايۋاتاتتى ،يۈزلۇرۇم مەھبۇبەنىڭ تاياق زەردىسدە ئاغرىيتتى ،يۈركۈم نادىرنىڭ ئاچچىق سۆزلىرى بىلەن نەشتەر بۇلۇپ يۈكۈمگە سانجىلىپ يۈركۈمنى لەختە قىلماقتا ئىدى ،
ھېلقى قىزغىز نۇرئايىم ھەدەش ياتاققا كېرىپ مىنى يۈلدى ،ئىسىق سۇغا لۈڭگىنى چېلاپ يۈز كۆزلۇرۇمنى سۈرتۇپ ،ماڭا نۇرغۇن نەسھەتلەرنى قىلدى ،
توغرا مۇھاببەت تۇرمۇشۇمنىڭ ھاياتىمنىڭ ھەممە قىسىمى ئەمەس ،مەن چۇقۇم تېرشىپ مىنى بىر پۇتلاش بىلەن يېقىتقانلارنىڭ ئالىدىغا ئۆتشۇم ،مىنى خاتا چۇشەنگەنلەرگە ساپ ئەقىدەم ،مۇھابىتىم ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرۇش قارارىغا كېلىپ شۇ كۇندىن باشلاپ بىكار دەرىس يوق چاغلاردا ئىنگلىس كۇرسىغا قاتناشتىم ،نۇرئايىم ھەدەمدىن قىرغىز تېلى ئۆگەندىم ،باشقا ياتاقتكى ئۇيغۇر قىزلاردىن ئانا تېلىمنىىڭ ئەدەبياتىنى تېرشىپ ئۆگنۇپ كۇنلىرمنى مۇھابەتسىز بولسىمۇ ئەمما ئالدىدارش ئەھمىيەتلىك ئۆتكۇزدۇم ،
مەھبۇبەمۇ ھەپتە دوختۇردا يېتىپ چىقتى ،ئۇ بۇ ئىشنى ھىچكىمگە تىنمىغاچقا ئىشلار جىملا بېسىقان ،لكىن ئىككىمىزنىڭ مۇھاببەت جېڭى ئاخىرلاشمىغان ئىدى
ئادەم ئايرلىغانغا ئۈلۇپ قالمايدىكەن ،قەشقەرگىمۇ ئاياغ باسماي تەتىلدە  ئۆز بىلمىمنى مۇستەھكەملەش يۇلدا ئىزدەندىم ،ئاللاھ ئەجىر بېرىپ ھەر يېلى مەكتەپ بۇيۇنچە بىرنجى دەرجىلك ئوقۇش مۇكاپات پۇلغا ئېرشىپ ئۆيدىكلەرنى بۇلۇپمۇ مىھرىبان مومامنى شاتلاندۇردۇم ،نەۋرە ئاكام يارىمنىڭ ئوقۇشى پۇتۇپ ئۈرۇمچىگە قايتتىپ كەلدى ،ئۇ بۇرۇنقىدىن خېلى ئەقىلگە كېلىپ قالغاچقا بۇرۇن قىلغان ئىشلىرى ئۇچۇن مەندىن ئەپۇ سوردى ،ھەم مىنى ئۇنتۇش ئۇچۇن باشقا قىزلار بىلەنمۇ مۇھاببەتلەشكەنمۇ بولدى ،مەھبۇبە بولسا تېلغۇندا نادىر بىلەن مەكتەپتە باشقا ئوغۇللار بىلەن مۇھاببەتلىشىپ نادىرنىڭ ئەقدىسىنى دەپسەندە قىلدى ،مەن بۇ ئىشلارنى شۇنچە نادىرغا ئېيتىپ قۇيۇشنى ئويلىغان بولساممۇ لىكىن تېلغۇن قىلپلا ئۇنىڭ ئاچچىق گەپلىرىنىڭ زەربىسىگە ئۇچۇرغاچقا كېيىنچە ئۇنىڭغا تېلغۇن قىلماس بولدۇم ،تەتلىگە چىقىدىغاندا نادىر ئۈرۇمچىگە كېلىپ مەھبۇبەنى بىرگە ئېلىپ كېتەتتى ،بىز تۇلا ئۇچۇرشۇپ قالساقمۇ بىراق خۇددىي ناتۇنۇش كىشلەردەك ئۆتشۇپ كېتەتتۇق ،
مانا مەنمۇ ئەلا نەتىجە بىلەن ئالىي مەكتەپنى پۇتتۇردۇم ،تاغاملارنىڭ ئۈرۇمچىدە قال دېگىنگە ئاپامنىڭ ئاقسۇغا كەلدەپ قاخشاشلىرىغا  قارماي مومامغا ھەمراھ بۇلاي دەپ قەشقەرگە قايتىپ ئۇزاق ئۆتمەي ،شەھەرللىك ھۆكمەتتىن ئېلىنغان كاتىب تاللاش ئىمتاھاندا بېرىنجى بۇلۇپ شەھەر ھاكىمغا تەرجىمانلىق قىلىپ يۇردۇم ،نادىر بولسا مەھبۇبە بىلەن بىغەملەرچە قولتۇقلۇشۇپ يۇرىۋەردى ،ھەر تەتلىدە تولۇق ئوتتۇرا ساۋاقداشلار يېغلىشىغا چىقساق ئۇ ئىككىسى مىنى كۆرسۇن دېگەندەك بىر -بېرىگە ساقتا مىھرىبانلىق قېلىپ كېتەتتى ،كېيىنچە مەن خىزمەت ھالاكچىلكىدە ئۇنداق سورۇنلارغا بارماسلا بولدۇم ،نەچچە قېتىم نادىرنىڭ ئاپسى ماڭا كوچىدا ئۇچراپ قېلىپ تۈكرۇپ قۇيۇپ ئۆتۇپ كەتتى ،ئۇنىڭغىمۇ چىدىغان ئىدىم ،مەن خىزمەتكە قاتنىشىپ بىر يىل بولغاندا مەھبۇبە ئوقۇش پۇتتۇرۇپ يۇرتقا قايتتى ،بىراق ۋېلايەتتىن ئالغان ئىمتاھاندىن ئۆتەلمەي ئۆيدە ياۋاشلاپ ئولتۇردى ،نادىرمۇ ئىككىنجى يېلى ئوقۇش پۇتتۇرپلا بىر مەكتەپكە تەكلىپلىك مۇئەللىم بولدى ،مەھبۇبە ئۇنىڭدىن ئۆچ ئالمەن دېگىنى بىلەن نادىرنى ئۆلگىدەك ياخشى كۆرگەچكە يەنلا نادىرنىڭ كەيندىن سوكۇلداپ يۈرەتتى ،مانا ھەش -پەش دېگىچە يەتتە يېل بولغان بۈگۇنكى كۇندە نادىر بىر باغاقچىنى كۆتۇرۇپ كېلىپ مەھبۇبە بىلەن توي قىلمەن دەپ ماڭا كۆز -كۆز قىلىپ كېتىپ قالغان ئىدى ،بۇ يەتتە يېلدىن بېرى  مەن ئاز ئازاب چەكتىممۇ؟ ئاتا -ئانامنى تاشلاپ قەشقەرگە نىمشىقا كەلدىم ؟ئەجبا بۇنى نادىر ئويلىمامدىغاندۇ ،ئىچىم لەختە بۇلۇپ يۈركۇم ئازابتا پۇچلنۇپ ئالدىمدىكى بۇ رېئالىقىنى قۇبۇل قىلالمايۋاتقان ئىدى ،تۇيۇقسىز نەدىن كەلگەن غەيرەتكىن بىلمدىم ،نادىرنىڭ تېلغۇنغا تېلغۇن قىلدىم
سالام نادىر تېلغۇننى قۇيۋەتمە،گېپىمنۇ بۈلمە ،مەن ئاخىرقى قېتىم ساڭا ئىچمدىكىنى دەۋالاي ،ئەسلى نادىر مەن ساڭا ئاشىق ئىدىم ،سېنىڭسىز مىنىڭ كۈنۇپ ئۆتمەيتتى ،سەن مىنى خاتا چۇشەندىڭ ،مىنىڭ گۇناھىم شۇ ئاكام بىلەن ھەم ساۋاقداشلىرىم بىلەن بىرگە ئولتۇرشقا بارغىنىم ،مەن ئۇنىڭدىن باشقا ساڭا يۈز كېلەلمەيدىغان ئىش قىلىپ باقمىدىم ،ئاللاھنىڭ نامىدىن ساڭا قەسەم قىلاي ،مىنى قىينىما ،مىنىڭ يەتتە يېلدىن بېرىقى ساڭا قىلغان ئەقىدەمنى خارلىما ،مىنىڭ بەش يىللق كۈندىللك خاتىرەمنى بىر ئوقۇپ باق مەن بىلەن بۇرنقىدەك بىر پاراڭلىشىپ باق ،مەن سەنسىز ياشيالمايمەن نادىر دەپلا ئاۋازىمنى قۇيۇپ بېرىپ ھۆڭرەپ يېغلىدىم ،ئۇمۇ گەپ قىلماي ماڭا قۇشلۇپ يېغلاۋاتقاندەك قىلاتتى ،
سەن نەدە دەپ سوردۇم ئۇنىڭدىن
دوڭخۇغا كەل دېدى ئۇ تەستە
كېچە سائەت 10 بولغان بولساممۇ بەش يېلدىن بۇيانقى سېغنىش ھېجراننى يازما شەكلدە بايان قىلغان خاتىرەمنى ئېلىپ قەشقەر شەھەردىكى شەرىق كۈل رايۇنغا كەلدىم ،ئۇ سوغوقتا دۈگدۇيۇپ ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچۋاتقان ئىكەن ،ئەزەلدىن ھاراقتىن قاچىدىغان نادىر بۈگۇندە بولسا مانا زوبۇيغا ئايلىنىپ خۇدىنى بىلمەي ئولتۇراتتى ،
نادىر مەن ،،،مەن نەمۇنە مەن كەلدىم دېدىم ئۇنىڭ مۇزلاپ كەتكەن يۈزلىرنى ئالقىنمغا ئېلىپ، ئۇ ئوزاقىچە ماڭا قاراپ ئولتۇرۇپ كۆز يېشى قىلدى ،كېيىنچە مىنى قۇچاقلاپ توختىماي ئىسمىنى چاقىرۋاتاتتى ،
بىز بىر ئاش پىشىم شۇنداق تۇردۇق ،ئۇنىڭ ئۈنى تۇيۇقسىز ئۈچتى ،مەن قورقۇنۇمدىن نىمە قىلارمنى بىلەلمەي  جىددىي قۇتقۇزۇشقا تېلغۇن قىلىپ ئۇنى ئىككىنجى دوختۇرخانغا ئېلىپ باردىم  ،دوختۇرلار تەكشۇرۇش قىلۋاتقاندا ئۇنىڭ ئۆيگە تېلغۇن قىلىپ خەۋەرلەندۇردۇم ،تېلغۇننى نادىرنىڭ دادسى ئالغان ئىكەن ،ئاپسى ھەم دادسى ئون بەش مىنۇتىلا دوختۇرخانغا كېلىپ بولدى
ماۋۇ نادىرنىڭ تەرسا ئاپسى ياقامغا ئېسلىپ ئوغلمنى نېمە قىلدىڭ دەپ مىنى سوتلاۋاتاتتى ،مەھبۇبەمۇ يېتىپ كېلىپ ئۇ ئاپاشنى ئاجىراتتى ،دوختۇرلار نادىرنى تەكشۇرۇش قىلىپ بۇلۇپ
چوڭ چاتاقنىڭ يوقلىقىنى ،نادىرنىڭ ھاراقنى كۆپ ئېچۋالغاچقا ئاشقازنىڭ قانغانلقىنى ئېيتتى ،ھەممىز سەل خاتىرجەم بولغان بولساقمۇ لىكىن نادىرنىڭ ئاپسى يەنلا مىنى توختىماي ھاقارەتلاۋاتاتتى

ھەمممنى قىلغان مۇشۇ ئالدامچى تۇلكى جىن ،بۇ بالامغا بىر قەدەم يېقىنلاششا بالامنى بىر پالاكەت باسماي قويمايدۇ ،ھۇ ۋېروس ،باكتىريە ،
ھەي نىمە دېيشىمنى نېمە قىلارمنى بىلەلمەي قالدىم ،مەھبۇبە مىنى سېرىتقا  چېقىشقا ئىشارەت قىلدى ،كېچە سائەت 1 بولغان بولسىمۇ ئۇنىڭ كەيپىياتتى جۇشقۇن ئىدى
ئاڭلا نەمۇنە مىنىڭ ھازىر بۇيۇمدا بار نادىرنى تارتىپ كېتشىڭ خام خېيال ،بۇنى نادىرنىڭ ئاتا -ئانسىمۇ بىلدۇ ،شۇڭا سەن نىيتىڭدىن يان دېدى ئۇ
نىمە ؟مۇمكىن ئەمەس دېدىم مەنمۇ بوش كەلمەي
بىز مۇشۇ ھەپتە توي قىلمىز ،نادىر ماڭا مەسھۇل بولمىسا بالسى بىلەن قۇشلۇپ ئۈلۋالمەن
ماقۇل ئۈلسەڭ ئۈل
نىمە ؟سەن تەرسا ئۈزگەرمەپسەن ھە ،مەن مۇنداقلا ئۈلمەيمەن ،بالام ئىككىمىز ئۈلسەك بىزنىڭ ئۈلمىزگە سەن سەۋەپچى بۇلسەن ،ئوقۇپ قوي مەن بۇنداق ئاسان ۋاز كەچمەيمەن
مەنمۇ شۇ دېدىم گەپ يىمەي
مەھبۇبە مىنىڭ قەتئىي نىيەتكە كەلگىنمنى بايقىدى بولغاي تەلەپپۇزنى سېلىق قىلىپ ماڭا يالۋۇرۇشقا باشلىدى
سەندىن ئۆتىنەي نەمۇنە ،ھازىر مىنىڭ خىزمىتىممۇ يوق ،ئۇنىڭ ئۈستىگە مانا قورسۇقمدا نادىرنىڭ بالسى بار ئاتا -ئانام بۇنى تېخى بىلمەيدۇ ،سەن بۇ شەھەرگە كەلمىگەن بولساڭ ماڭا بۇ ئاۋارچىلىق بولمايتتى ،سەن سەۋەبلك نادىر مەس بۇلۇپ قېلىپ ماڭا چېقىلغان ،مېنىڭمۇ ئۇنىڭغا مەيلىم بولغاچقا ئۇنى ئىختىيارىغا قويغان ،سەندىن ئۆتىنەي ،مىنى دېمسەڭمۇ ،نادىرنى قۇرسۇقۇمدىكى بالامنى ئويلا ،مەن سەندىن ئۆتىنەي
ئۇ شۇنداق دەپ يېغىغا چۇشتتى
ئىپلاس نادىر ،ئەبلەخ دەپ نادىرنى تېلاپ ئۇنىڭغا يەنە بىر قېتىم نەپرەتلىنۋاتقان ئىدىم
ئۇنسىز دوختۇرخاندىن ئۆيگە قايتتىم ،يولدا كەلگىچە كالام خارامۇش ھالدا ئۆيگە قايتتىم ،لىكىن كۆزۇمگە نادىرنىڭ زابوي ھالىتى كېلۋېلىپ مىنى ئارامىمدا قويمايتتى ،ئىلگىرى ئۇنىڭ قۇلنى تۇتساممۇ
قېلىن نامەھرەم بۇلدۇ ،نۇمۇس  قىلشنى بىلمەمسەن دەپ قىزىرىپ كېتەتتى ئەمدى ،؟؟؟؟
ئۇنىڭدىن تۇيقسىز سوۋۇپ ،ئۇنىڭ مەن تەققازا ئىكىدە كۆتكەن نادىر ئەمەسلكىنى ھىس قىلغاندەك بۇلۇپ قالغان ئىدىم
ئەتگەن سائەت سەككىزدە نادىرنىڭ ئاپسى ماڭا تېلغۇن قىلىپ بىزنىڭ قورونىڭ ئالىدا ئىكەنلكىنى مەن بىلەن پاراڭلاشماقچى بولغانلىقىنى ئېيتتى ،مەن ئالىدراش ئۇ  ئاپاشنىڭ قېشىغا چىقتىم ،ھەم ئۇنى ئېلىپ قورو سېرتىدىكى بىر ئەتگەنلىك ناشتخانغا باشلاپ كېرىپ ناشتا قىلغاچ ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالدىم
ئۇ يەنە شۇ كونا گېپنى قىلىپ نادىرغا يېقىن يۇلماسلقىمنى ،يەنە نادىرغا ئېسلىۋالسام مىنى ئىشقلىپ چۇشنۇكسىز سۆزلەرنى قىلىپ كەتتى
ھەدە سز نىمىشا ماڭا ئۆچ دېدىم ئۇ ئاپاشنىڭ سۆزنى بۈلۇپ
ئۇ سەل تۇرۇپ كەتكەندىن كېىن ،
سىز نادىرنى بۇندىن كېيىن ئاۋارە قىلماسلىققا  ۋەدە بەرسىڭىز دەپ بېرمەن دېدى ،مېنىڭمۇ ئەمدى نادىرغا ئېسلۋېلىشمىم مۇمكىن ئەمەس بولغاچقا ئىكلەنمەيلا قۇشۇلدۇم
ئاپىڭىز ،مەن نادىرنىڭ دادسى ئۈچمىز ساۋاقداش ،ئالىي مەكتەپ بېرشتىن بۇرۇن مەن نادىرنىڭ دادسى بىلەن مۇھاببەتلەشكەن ،ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانسىدا نادىرنىڭ دادسى بىلەن ئاپىڭىز ئۈرۇمچىدىكى ئالىي مەكتەپكە ،مەن قەشقەردىكى پىداگۈگىكا مەكتىۋېىگە ئوقۇشقا كېردىم ،ئۇ ئىككىسى تەتلىدە بىرگە ئۆيگە قايتىش جەرياندا ماڭا ئاسىيلىق قىلىپ تېپشۋاپتۇ ،ئەسلى ئاپىڭىز مىنىڭ يېقىن دوستۇم ئىدى ،كېيىن ئۇ ئىككىسى مىنى شۇنداق ئازابلىدى ،ئاپىڭىز بەك ۋىجدانسىز ،ئۇ ئوقۇش پۇتتۇرپ نادىرنىڭ داداسىى بىلەن توي قىلمەن دەپ يۈرگەندە خىزمەت ئورنىدىن ئۇنى بىلىم ئاشۇرشقا ئەۋەتتى ،ئۇ يولدا دادىڭىزغا ئۇچراپ قېلىپ نادىرنىڭ دادسىنىڭ ماڭا قىلغان ۋاپاسىزلىقىغا ئوخشاش ئۇنى تاشلاپ كېتىپ قالدى ،بىچارە ئاپىڭىزنى بىر يىل ساقلاپ ئاخىر ئاپىڭىزنىڭ ئايرىلايلى دېگەن  سۆزى بىلەنلا بەش يىللق مۇھابىتدىن ۋاز كېچىشتتى  ،شۇنىڭدىن كېيىن نادىرنىڭ دادسى قايتىدىن مىنىڭ قېشىمغا قايتتىپ كەلدى ،شۇڭا بىز ئاپىڭىزغا ئۆچ ،مانداق قارسام سىزمۇ ئاپىڭىزدىن قېلشقۇسىز چوڭ بوپسىز ،ئوغلۇمغا سىز ئازاب بەرسىڭىز بېرىسىزكىن ۋاپا بەرمەيسىز شۇڭا سىزگە ئەسكەرتىپ قۇياي قېرى جېنىم ئامان بولسىلا سىزنى ئوغلۇمغا يېقىن يۇلاتمايمەن ،ئەمدى ئاستا ئاپىڭىز قېشىغا كېتىڭ دەپلا چىقىپ كەتتى ئۇ
ئولتۇرپلا قالدىم ،ھەي ماۋۇ جاھاننىڭ تارلقىنى ،ئەمدى چوڭلارنىڭ گۇناھنىنى بىز پەرزەنتلەر يۇيدىغان چاغ كەپتۇدە دەپ ئويلاپ قالدىم ،
شۇندىن كېيىن نادىرنى دوختۇرخانغا يوقلاپمۇ بارماي ئەتسى ئىشقا چۇشۇپلا يۇقۇرنىڭ ئىچكىرگە بېرىپ ئىككى يىل بىلىم ئاشۇرۇپ كېلىش ئوقتۇرشنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ ئاقسۇغا قايتىپ دادام ئاپام بىلەن خوشلۇشۇپ ئوقۇشقا ئاتلاندىم ،  دوسلۇرمدىن ئاڭلىشمچە نادىر بىلەن مەھبۇبە توي قىپتۇ ،مىنىڭ ھېلقى يارىم ئاكاممۇ باشقا قىزنى ئاپتۇدەك ،مەن بۇ يەرگە كېلىپ يېرىم يلىدىن كېيىن مۇمام ئالەمدىن ئۆتتى ،دەرىس جىددىي بولغاچقا قايتالمدىم ،
ھەي مۇھاببەتتىن قانچە تېز ئايرىلغان بولسام بۇ شەھەرگە ئوقۇشقا كەلگەندىن كېيىن ئاقسۇلۇق پارتىكومدىكى بىر بالا بىلەن ساۋاقداش ئوقۇپ شۇنچە تېزلا ئۇنىڭ بىلەن مۇھاببەت باغلىدىم ،ئۇنىڭ ھەممە ئىشى ،ھەممە قىلقى شۇنداق ياخشى بىر مىنىڭ گېپمدىن ،سىزغان سىزقىمدىن چىقمايدىغان يېرنى ھېساپقا ئالمىغاندا ،،،،
شۇنداق قىلىپ بۇ ئېگز بويلۇق ،بۇدىرە چاچ ،يېگىت بىلەن بۇ يەردە بىر يىل مۇھاببەتلىشىپ ئىككى يىللق ئوقۇشنى تاماملاپ ئۇنىڭ بىلەن ئاقسۇغا قايتىپلا توي قىلدىم ،خىزمەت ئىشمنى بۇ  يولدۇشۇم ھەل قىلىپ بەردى ،بۇ ھەر جەھەتتە نادىرغا يەتمىسمۇ لىكىن نادىردەك تەرسا ،جىلەخو ئەمەستى ،ئەڭ مۇھىمى مىنى نادىردىن نەچچە ھەسسە ياخشى كۆرەتتى ،شۇنداق بولغاچقىمۇ مەن بۇنى  نادىردىن بەكرەك ياخشى كۆرۇپ قالغان ئىدىم ،ھەممە ئىشتا يولدۇشۇمغا تايناتتىم ،
بىز توي قىلىپ بىر يىل بولغاندا مىنىڭ بۇيۇمدا قالدى ،كۇنلىرىمىز شۇنچىلىك مەنللىك ئۆتۋاتقان كۇنلەرنىڭ بېرىدە ئاپام مىنى قەشقەرگە بېرىپ چوڭ ئاپامنىڭ بۇرۇن تۇرغان ئۆينى سېتۋېتشىمنى ئېيتتى ،قەشقەردە تۈزۇك ئۇرۇق -تۇقۇنمىز بولمىغاچقا مەن ئىدارىدىن تۆت كۈنلۇك دەم ئېلىش ئېلىپ قەشقەرگە كەلدىم ،ئۇ ئۆينى سېتىشقا پۇتۇشكەن كىشى مىنىڭ تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ساۋاقدېشىم بۇلۇپ چىقتتى ،ئىككىمىز قىزغىن پاراڭلىشىپ ئوتۇرساق ،ئۇ ساۋاقدشىمغا يەنە باشقا بىر ساۋاقدشمىز تېلغۇن قىلىپ بۈگۈن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتكى ساقداشلار يېغلىشى بارلىقىنى ئېيتتى ،شۇنىڭ بىلەن بىز ئىككىمىز ئىشمىزنى تۈگتۇپ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بەلگىلەنگەن ئورۇنغا باردۇق ،بىز كەلگەندە ساۋاقداشلىرىمىز ئاساسىي جەھەتتىن كېلىپ بولغان ئىدى ،ھەممە ساۋاقداشلىرىم مىنى كۆرۇپ ھەيران قېلىشتتى ،مەن ئۇلار بىلەن قەشقەر پەردىسىدە قۇچاقلىشىپ كۆرشۇپ تۇرشۇمغا مەھبۇبەمۇ كېلىپ كەلدى ،ئۇنىڭ بىلەنمۇ ئۇزاق قۇچاقلاشتىم ،بىز بىر قۇر ئەھۋال سورشۇپ ئۇستەلگە كېلىپ ئولتۇرۇپ چاقچاقلاشتۇق ،ھەممە ساۋاقداشلارغا بىر قۇر كۆز يۈگۇرتۇم نادىر ئۇلارنىڭ ئارسىدا كۈرۇنمەيتتى ،مەن مەھبۇبە بىلەن بىر ئورۇنغا كېلىپ ئولتۇرۇپ شۇ ئۇستەلدىكى قىزلار بىلەن تۇلۇق ئوتتۇرا ھاياتمىز سۆزلەشتۇق
ھا،،،،،،ھا،،،،،،،
تۇيقسىز ئەينى يىلاردا نادىر ئىككىمىزنىىڭ كەينىدە ئولتۇرغان ،مۇكا بېلىق دەپ نامى بار كۇماك بىر قىز كۈلۇپ كەتتى ،ھەممىز ھەيران بۇلۇپ ئۇنىڭ نىمگە كۈلگەنلىكىنى سوردۇق ،ئۇ كۈلكىسنى زورلاپ توختۇپ
ماۋۇ نەمۇنەگە كۇلۋاتمەن ،ھېلقى چاغدا مەھبۇبە بىلەن ئۇرشۇپ قالغاندا مەھبۇبە بۇنى بىر ئۇرۇپلا يالغان چېچىنى ئۇچۇرۋەتكەن دېيشىگە باشقا قىزلارمۇ ئۇنىڭغا ئەگشىپ كۈلىشكە باشلىدى ،ئۇ ئەسنادا نادىر كېلىپلا مەھبۇبەگە ،
كېلىپ بولدۇڭمۇ ،مەن ھازىر تېخى نەمۇنەنى چوڭ ئۆيگە ئاپىرىپ قۇيۇپ كەلدىم دېدى
ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم
ماڭە يالغانچى مەن مانغۇ ،مېنى نەدە چوڭ ئۆيگە ئاپىرىپ قۇيسەن دېدىم ئۇنىڭغا چاقچاق قىلىپ ئۇ دەسلەپ كۆزىگە ئىشەنمىگەندەك چەكچىيىپ قاراپ كەتتى
ھەممە قىزلار تەڭلا
ھە نادىر كونا ئوتلا قايتا يېنۋاتامدۇ دەپ توۋلىشۋاتاتتى
ھى،....ھى......قانداق ئوتكەن ئۇ ئۈچمەيدىغان دېدىم مەنمۇ ئۇلارغا ماسلىشىپ ئۇ سەل ھۇدۇقتى بولغاي ئارتۇق گەپ قىلماي ئوغۇللار بار ئۇستەلگە كەتتى ،
ئۈچ يىلدىن كېيىن كونا ئاشىقمنى كۆرۇپ ھىېچقانداق ھىسياتتا بولماي ،ئۈزۇمنىڭ ئۇنىڭغا كۈيۇك ئەمەس كۈنۇكلىكىمنى ھىس قىلدىم ،ھازىر يولدۇشمغا نادىردىنمۇ بەكرەك ئامراق چىقتىم  
ھەممىز خۇش كەيپىياتتا سورۇندىن تارقىدۇق ،ئەتسى سېنىپتىكى ساۋاقداشلىرىم منى  بىر -بىرلەپ ئۆيگە چاقىرشقا باشلىدى ،نادىرمۇ كەچكى تاماققا تەكلىپ قىلغان ئىدى ،مەن بالدۇرلا ئۇلارنىڭ ئۆيگە باردىم
ئىشىكىنى چېكشىمگە ئۇلارنىڭ ئوماق قىزى ئىشكىنى ئاچتى ،بۇ قىزمۇ ئۇچ ياشتىن ئېشىپ قالغان ئىكەن  
ئۆيگە كېرىپ ئۇلار بىلەن كۆرشۇپ بۇلۇپ قىزنى قۇچقۇمدا ئولتۇرغۇزۇپ ئىسمنى سوردۇم
تاتلىق قىزىم ئىسمىڭىز نېمە ؟
نەمۇنە
نېمە ؟نىمىشقا نەمۇنە
دادامنىڭ دېيشچە مەن چوڭ بولغاندا ھەممە ئىشقا نەمۇنە بۇلدىكەنمەن شۇڭا نەمۇنە
ھەدە سىزنىڭچۇ دېدى ئۇ
مىنڭمۇ نەمۇنە
ئەمسە سىز چوڭ بۇلۇپ ھەممە ئىشتا نەمۇنە بولدىڭىزمۇ دەپ سوردى ساددا قىز
ھى،،،،ھى،،،، ئۇيۇندا ،ئۇرۇشتا ،،،،نەمۇنە دېدىم كۈلۇپ تۇرۇپ نادىر ماڭا چاي قۇيغاچ گېپىمگە رەدىيە بېرىپ
قىزىم بۇ ھەدىڭىز شۇنداق ياخشى نەمۇنە بولدى ،ئۇيغۇرچە ،خەنزۇچە ،ئىنگلىسچە ،قىزغىز ،ئۈزبەك بۇلۇپ بەش خل تىل بىلدۇ ،خىزمەت ئورنىمۇ شۇنداق ياخشى سىزمۇ چوڭ بولغاندا مۇشۇ نەمۇنە ھەدىڭىزدەك بۇلۇڭ جۇمۇ دېدى
نەدىكى گەپنى قىلمىغىنە ،ھەدە دېمەي ئاپا دەڭ مەنمۇ ئاپىڭىز بىلەن تەڭ
لىكىن سىز ئاپامدىن چېرايلىق ھەم ياش ئىكەنسىز دېدى نەمۇنە باللارچە چۈچۇك تېلى بىلەن
نەمۇنە شۇنداق داۋاتقاندا ئاشخانا ئۆيدىن  تەخسىدە گۈش كۆتۇرۇپ چىقۋاتقان مەھبۇبە تۇرۇپ قالدى ،
بىز تاماق يەپ بۇلۇپ ئىلگىرى ھىچ ئىش يۈز بەرمىگەندەك ئېچىلىپ پاراڭلاشتۇق
نەمۇنە بۇيۇمدا بار دەيسەن ئوغۇل تۇغساڭ قىزمنى ئېلىپ بېرەمسەن دېدى نادىر كۈلۇپ تۇرۇپ
ياق دېدىم كەسكىن
نىمىشقا ؟
مېنىڭ ئوغلۇم تۇغلۇپ چوڭ بولغۇچە قىزىڭ قېرىپ كېتىدۇ ،قېرى قىزنى ئوغلۇمغا ئېلىپ بېرەمتىم دېدىم شوخلۇق بىلەن  
مەھبۇبە بەك كۈلۇپ كەتتى ،تاماقتىن كېيىن مەھبۇبە مىنى سېرىتنى ئايلىنىپ كېرەيلى دەپ سېرىتقا ئەپچىقتتى ھەم ئۈزنىڭ ئىلگىرى مۇھاببەتنىلا كۆزلەپ ماڭا يۈز كېلەمەيدىغان نۇرغۇن ئىشلارنى قىلغانلقىنى ،شۇڭا مىنىڭ ئۈزنى كەچۇرشنى ئۈمىد قىلدىغانلقىنى ئېييتى
بولدى كەچۇرۇم سورما ،ئەمدى ئوتمىشنى ئەسلمەيلى ،كەلگۈسىدە ياخشى دوس بۇلۇپ ئۆتەيلى دېدىم ئۇنىڭغا ،
ئۇمۇ قۇشلدى
تۇيقسىز قىزقسىنىپ ئۇنىڭ قىزغا نىمىشقا نەمۇنە دەپ ئىسىم قويغۇننى سوردۇم
سېنى نادىرغا ئۇنتۇلدۇرش ئۇچۇن دېدى ئۇ
مەن يەنلا چۇشەنمىگەن ئىدىم ،ئۇ تۇرۇپ كېتىپ ،
ئەگەر قىزمنىڭ ئىسمىنى نەمۇنە قويمىسام ،نادىر بىرەر يەردە ياكى ساۋاقداشلار ئاغزىدا نەمۇنە دەپ ئىسىم ئاڭلاپ قالسا سېنى ئەسلەپ قالدۇ ،قىزمنىڭ ئىسمىنى شۇنداق قۇيۇپ كۇندە نەمۇنە ،،،،،،نەمۇنە دەپ چاقىرۋەرسەك ،نەمۇنە دېگەن ئىسمنى ئاڭلىغاندا سېنى ئەمەس قىزىمىزنى ئەسكە ئالدۇ دېدى ئۇ
ھەي قاخۋاش ،سەن راسلا قېرى قاقۋاش دېدىم كۈلۇپ كېتىپ
بىز كۈڭۇلۇك پاراڭلىشىپ خوشلاشتۇق ،مەنمۇ مومانىڭ ئۆيگە قايتتىپ كېردىم ،كېرىپ تۇرسام نادىر تېلغۇن قىلىپ كۆرشەيلى دېدى ،مەن ئۇنى مۇشۇ ئۆيگە كېلشىنى  ئېيتتىم  ،ئۇ يېرىم سائەت ئىچىدە كېلىپ بولدى
بىز ئۆتمۇشتكى ئوقۇشماسلقىنى بىر -بىرلەپ سۆزلەشتۇق ،ئۇمۇ توي قىلىپ  بىر ئايدىن كېيىن  مەھبۇبەنىڭ ماڭا قىلغانلىرنى مەھبۇبەدىن ئاڭلىغانلقىنى ،ئەينى چاغدا ماڭا سوغوق تەكەنلىكىگە پۇشايمان قىلغانلقىنى ،مەن ئوقۇشقا كەتكەندە دوختۇرخاندىن چىقىپلا مىنى كۆپ ئىزدىگەن بولسىمۇ لكىن خەۋرىمنى ئالالمىغانلقىنى ،كېيىنچە مىنىڭ باشقا بىرسى بىلەن ئارىلىشىۋاتقىنمنى بىلگەندە ماڭا چىن قەلبىدىن بەخىت تېلگەنلىكىنى ئېيتتى ،ھەم مۇمكىن بولسا قايتدىن دېيشىگە مەن
ساراڭ غۇجام ئەمدى پايدىسى يوق
كونىلار
ئاللاھ راۋاھ كۆرسىلا
ئاپىرىپ بېرەر مەھەلىسىگە
ئالغىلى ئۇنمىسا
ئارتىپ قۇيار چەلىسىگە  دەپتىكەن ئىككىمىزنىڭ پىشانمىز قۇشۇلماپتۇ ،مەھبۇبەنى قەدىرلە دېدىم
ئۇمنىڭ توقىغان قوشاقلىرمنى ئاڭلاپ قاقاقلاپ كۈلەتتى ،بىز ئىچىمزدىكىنى دەۋېلىپ خېلى بۇشغاندا نادىر قايتتىپ كەتتى ،ئەتسى يەنە بىر ساۋاقدېشىم جۇلا رېستۇرانغا تەكلىپ قىلدى ،شۇ جايدا تۇرسام يولدۇشۇم تېلغۇن قىلىپ مىنىڭ نەدىلكىمنى سوردى ،مەن ئۈزۇمنىڭ بار جايىمنى دەپ بېرىپ بەش مىنۇت بولماي ئۇ قېشىمدا ئۈنۇپ بولدى  ،
ھەيران قالدىم نىمىشقا كەلدىڭ دېدىم ئۇنىڭغا
سېنى سېغىنىپ سەنسىز بىر مىنتۇممۇ ئۆتمەيدىكەن دېدى ئۇ ھەممە ساۋاقداشلىرمغا ئاڭلىتىپ ، ساۋاقداشلىرىم مىنىڭ بەختىمگە ھەۋەسلىنىپ قاراپ قېلىشقا ،بۇلۇپمۇ مەھبۇبە ماڭا ھەيرەتتە قالغان ئىدى
مەن بۇ يەردىكى ئىشلارنى تۈگتۇپ بۇلغاندا دەم ئېلىشمۇ تۇشۇپ قالغان ئىدى ،مەن ساۋاقداشلىرىم ،نادىر ،مەھبۇبەلەر بىلەن خوشلۇشۇپ يولدۇشۇم بىلەن ئاقسۇغا قايتىپ كەلدىم ،شۇنىدىن كېيىن مەھبۇبە نادىرلار بىلەن كۇندە دېگىدەك تېلغۇنلۇشۇپ  يېقىن دوسلاردىن بۇلۇپ ئۆتتۇق ،مەن يەڭگىگەندە بولسا نادىر بىلەن مەھبۇبە ئىككىسى مىنى ھەم ئوغلۇمنى يوقلاپ كەلگەن ئىدى
شۇنداق قىلىپ مىنىڭ بۇ دولقۇن گىرافىكىدەك ئەگىرى -توقاي تۇرمۇشۇم ئۈز رېىتمغا چۇشۇپ ،مەنمۇ ،مەھبۇبەمۇ ،نادىرمۇ ئۈز بەخىت بۇشكىمىزدەك ئەلەيلىنىپ ھايات پەيزىنى ،تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق -چۇچكىنى تېتىۋاتقان ،ھاياتقا ،مۇھاببەتكە ئۈمىد بىلەن قاراۋاتقان ئىدۇق ....
[ بۇ يازما hijran تەرپىدىن 2010-07-07 06:59 PM دە قا ]
-سىز كۆرۋاتقان تىما ئايرىلغاچقا بەختىمنى تاپتىم (پوۋېست ),دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
بۇ يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • مۇنبەر پۇلى:+100(تارىم)
  • مەزكۇر تىما مىسرانىم باشقۇرغۇچىسى ئەلشىر تەرىپىدىن تەستىقلاندى،تەستىقلانغان ۋاقىت :2010-07-06, 16:24
    يۈركىڭدە يالقۇنجاپ تۇرغان ئوت بولسۇن ،لىكىن كۆزلىرىڭدە زەررىچە ياش تامچىسى بولمىسۇن
    ھەممە ئۈتۈپ كىتىدۇ ....

    دەرىجىسى: دائىملىق ئــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 16
      جىنسى: خانىم
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە47دانە
    ئۆسۈش: 0.94%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 47
      ياخشى باھا: 17 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 2492 سوم
      تۆھپىسى: 5 كىشى
      ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
      ۋاقتى: 310(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-19
      كىرىشى: 2010-07-25

    مەن ئەزەلدىن ئەسەرلىرىڭىزنى ياختۇرۇپ كۈرىۋاتقان ئۇقۇرمەنلىرىڭىزنىڭ بىرسى .
    ھەرقانداق نەرسە ئۆز خاسلىقى بىلەن جۇلالىنىپ تۇرىدۇ . ئەسەرلىرىڭىزنى مىسرانىمدىلا  پارلىسىكەن دەيمەن ؟!
    باشقىلار ھەۋەس قىلغىدەك ۋە ھەسەت قىلغىدەك ياشاشنىڭ ئۈزى بىر بەخىت !
    ەەممىنى باشتىن باشلاش كىرەك.

    دەرىجىسى: كــۆنگەن ئــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 632
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە659دانە
    ئۆسۈش: 4.71%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 659
      ياخشى باھا: 50 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 1546 سوم
      تۆھپىسى: 4 كىشى
      ياخشى باھا: 33 نۇمۇر
      ۋاقتى: 405(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-24
      كىرىشى: 2010-07-23

    بۇ ھىكايە بەك ئۇزۇنكەن كېيىنچىرەك ئۇقاي

    دەرىجىسى: شەرەپلىك ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 1766
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1053دانە
    ئۆسۈش: 5.27%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 1053
      ياخشى باھا: 17 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 4431 سوم
      تۆھپىسى: 3 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 395(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-31
      كىرىشى: 2010-07-25

    ئەسەرلىرىڭىزدكى تىل قوپاللىقى ، زىتلىقى، ئىملا خاتالىقى، مېنى ئەسرىڭىزنى تۇلۇق ئۇقۇشقا بولغان قىزغىنلىقىمغا سۇغۇق سۇ سەپتى.
    مەنىۋىيىتى گاداي روھى باي دىگەن نىمە گەپ.
    چوڭ دادا- موملىرىڭىزنى قۇسۇرچى قېرى، ئاق قېرى.كۆك قېرى دىگەندەك تەرپىلىشىڭىز ماڭا ياقمىدى. ئەلۋەتتە ئەسەردىكى سىز ئەمەس.لىكىن سىز يارتىۋاتقان پىرسوناژ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا مەسئۇل بۇلۇشىڭىز كېرەك.
    بېخللارچە ئىشلەتكەن تىنىش بەلگىڭىز مېنى بىئارام قىلدى.
    ئۇيۇن بىلەن كۆڭلى خوش،جاپا بىلەن خۇشى يوق....ئەمە ..

    دەرىجىسى: كــۆنگەن ئــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 428
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە591دانە
    ئۆسۈش: 4.22%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 591
      ياخشى باھا: 70 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 2667 سوم
      تۆھپىسى: 2 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 503(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-23
      كىرىشى: 2010-07-22

    چاشقانداشنى ئوقۇپ بۇلالماي، كۆزۈم خىرەلىشىپ كەتتى. ساقلىۋېلىپ ئەتە كۆرەي.
    ۋاقتىنچە پۈچەك ئىنكاس دىمەڭلار ھە.
    ئۇيۇن بىلەن كۆڭلى خوش،
    جاپا بىلەن خۇشى يوق....
    ئەمەس ئۇنداق، لاتا بىز.
    .
    دىلناز

    دەرىجىسى: مەستانە ئـــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 1849
      جىنسى: خانىم
    ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە455دانە
    ئۆسۈش: 4.14%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 455
      ياخشى باھا: 28 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 2051 سوم
      تۆھپىسى: 4 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 405(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-06-01
      كىرىشى: 2010-07-24

    ئۇھ ...............ئاخىرى ئوقۇپ بولدۇم ...ئەمدى ئىنكاسىمنى يازاي :
    ئەسەرلىرىڭىزنى ئەزەلدىنلا ياختۇرىمەن .....بۇ ئەسەرنى ئوقۇپ تالانتىڭىغا راسلا قول قويدۇم .......شاگىرت قوبول قىلامسىز ؟؟؟؟
    ۋاقىت ئەقىللىكرەك . ياخشىراق ، تولۇقراق ۋە مۇكەممەلرەك بولۇپ يېتىلىشىمىز ئۈچۈن ، بىزگە ئىنئام قىلىنغان ئەڭ ئېسىل سوغىدۇر !!!

    دەرىجىسى: يېـــڭى مـــېھان

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 3358
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە1دانە
    ئۆسۈش: 0.33%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 1
      ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 5 سوم
      تۆھپىسى: 2 كىشى
      ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
      ۋاقتى: 1(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-07-05
      كىرىشى: 2010-07-21

     (kapsizkiz) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس



    جاھاننىڭ ئىشلىرى دائىم سىزنىڭكىدەك بولىشى ناتايىن . مەنمۇ ئايرىلىش ئالدىدا تۇرمەن . ئۇمۇدىم ئۇنى سىز نادىرنى ئۇنتۇغاندەك ئۇنتۇلۇپ كەتسەم دەيمەن . ئەمما ................
    زىمىندىكى يىگانە تەڭرى ___ ئانا .

    دەرىجىسى: تېرىشچان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 3137
      جىنسى: يوشۇرۇن
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە167دانە
    ئۆسۈش: 2.09%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 167
      ياخشى باھا: 51 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 1651 سوم
      تۆھپىسى: 3 كىشى
      ياخشى باھا: 3 نۇمۇر
      ۋاقتى: 185(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-07-01
      كىرىشى: 2010-07-15

    تىمىسىنى كوروپلا سىزلىكىڭىزنى بىلگەنتىم .بۇرۇن ئوقوپمۇ شۇنداق ياقتۇرغان ئىدىم .

    مۇشۇ ئىلھاملىرىڭىز مەڭگۇ توختاپ قالمىسۇن
    HALKIM UQUN   JENM   PIDA

    دەرىجىسى: دائىملىق ئــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 716
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە158دانە
    ئۆسۈش: 3.16%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 158
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 997 سوم
      تۆھپىسى: 4 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 274(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-25
      كىرىشى: 2010-07-25

    بۇتىمنى مەن بۇرۇن بىر ئۇقۇغان ،قايەردە ئۇپتمكىن تاڭ ياخشى يېزلغان ئەسەر بۇ     
    خەلقم ئۇچۇن ياشايمەن
    دىلنىڭ سىر دىشى -----

    دەرىجىسى: يازما چولپىنى

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 183
      جىنسى: خانىم
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1454دانە
    ئۆسۈش: 5.82%
      نادىر تىما: 1
      يوللانما: 1454
      ياخشى باھا: 58 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 4958 سوم
      تۆھپىسى: 5 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 586(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-20
      كىرىشى: 2010-07-25

    نەقىل ئېلىش
    ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 8قەۋەت  otyurak0998 كە 2010-07-07 12:17 PMئەۋەتىلدى  :
    بۇتىمنى مەن بۇرۇن بىر ئۇقۇغان ،قايەردە ئۇپتمكىن تاڭ ياخشى يېزلغان ئەسەر بۇ     

    بىر يىل بۇرۇن ئۆزى يېزىپتىكەن ھە .
    [ بۇ يازما دىلسىرى تەرپىدىن 2010-07-07 12:41 PM دە ق ]
    مەن يىقلىپ كەتتىم ،بۇرنۇمدىن قان ئوقتەك ئېتىلىپ چىقىۋاتىدۇ ،لىكىن ئالدىمغا قاراپ ماڭدىم ،قان توختايدىغاندەك ئەمەس ،مەن يەنىلا مېڭىشنى داۋاملاشتۇرۋاتىمەن .
    قەدىرلىكىم ،قەدىرلىگىن ،قەدىرلىكىڭنى ،قەدىرلىك ..

    دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 3438
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە73دانە
    ئۆسۈش: 7.3%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 73
      ياخشى باھا: 22 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 68 سوم
      تۆھپىسى: -2 كىشى
      ياخشى باھا: 153 نۇمۇر
      ۋاقتى: 5(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-07-06
      كىرىشى: 2010-07-09

    نىمىنى ئۇنتۇيسىللەر دوسلار `!  ھا   ھا  ھا  
    مەن دىگەن مەن ~!
    ئالدىنقى تىما كىيىنكى تىما
    «12345»Pages: 1/5     Go