مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       3692 
  •    ئىنكاس 
       73 

مۇنبەر ئىسلامىي تېمىلار توغرىسىدا بىلدۈرگۈ

قەۋەت ئاتلاش
Asman

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3590

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   429 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   18121 (سوم)
 ياخشى باھا:   327 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   488  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3459
 سائەت
دەرىجىسى:
3459 سائەت 41 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-08
ئاخــىرقىسى:2011-06-24


   ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مىسرانىم مۇنبىرىمىزنىڭ بارلىق كونا-يېڭى ئەزالىرى ۋە باشقۇرغۇچىلىرى!
مىسرانىم مۇنبىرى قايتا ئېچىۋىتىلگەندىن كىيىن نۇرغۇنلىغان ئىسسىق-سوغۇقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلارنىڭ داڭلىق مۇنبەرلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى  ، بۇ مۇۋاپىقىيەتلەرگە ئېرىشىشتە سىلەر ئەزالارنىڭ قوللىشى ھەمدە يىتەكلىشى ئالاھىدە ئورۇننى تۇتۇپ كەلدى.

   مۇنبىرىمىز ئېچىۋىتىلىپ بىر مەزگىل ئىسلامىي تېمىلارنى تەستىقلىماسلىق يولغا قويۇلغان ئەمما ئەزالارنىڭ قاتتىق تەلىۋى ، بېكەت مەسئۇللىرىنىڭ تېرىشچانلىقى شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ قوشۇلىشى بىلەن مۇنبەرگە قانۇن-تۈزۈمگە رىئايە قىلىنغان ئاساستىكى ئېنىق ئاپتورى ۋە مەنبەسى ئەسكەرتىلگەن كىشلەرنى ياخشىلىققا ئۈندەيدىغان ئىسلامىي تېمىلار ، دۆلىتىمىز ئىچىدە قانۇنلۇق ئورۇنلار تەرىپىدىن نەشىرلەنگەن كىتاب-ماتىرياللاردىن پارچىلار ، <<جۇڭگۇ مۇسۇلمانلىرى>> قاتارلىق ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان ئىسلامىي يازمىلارنىڭ مۇنبەرگە يوللىنىشى ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان ئىدى. 
  ئەمما يېقىندىن بېرى بىرقىسىم ئەزالار مەنبەسى ۋە ئاپتورى ئېنىق بولمىغان ھەمدە چەتئەلدىكى بىرقىسىم ئورۇنلار تەرىپىدىن قانۇنسىز تارقىتىلغان ئىسلامىي كىتاب-ماتىرياللاردىكى مەزمۇنلارنى مۇنبەرگە يوللاۋاتىدۇ. مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ كىيىنكى نورمال تەرەققىياتىنى كۆزدە تۇتۇپ ئىسلامىي تېمىلار توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىشقا مەجبۇر بولدۇق ، ئەزالارنىڭ ئاڭلىق رىئايە قىلىشىنى شۇنداقلا توغرا چۈشىنىشىنى سەمىمىي سورايمىز:

1. دۆلەت قانۇن-تۈزۈلمىلىرىگە قارشى مەزمۇندىكى ، بىدئەتچىلىكنى تەرغىب قىلىدىغان ، مەزمۇنى قەستەن ئۆزگەرتىۋىتىلگەن ئىسلامىي تېمىلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ.
2. جۇڭگۇ ئىچىدە چەكلەنگەن تور بېكەتلەردىن كۆچۈرۈلۈپ ئەكىلىنگەن ھەرقانداق ئىسلامىي تېمىلار تەستىقلانمايدۇ.
3. ئېنىق ئاپتورى ۋە ئېنىق مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن  ئىسلامىي تېمىلار تەستىقلانمايدۇ. تېما مەنبەسىگە چوقۇم كۆچۈرۈلۈپ ئەكىلىنگەن بېكەتتىكى شۇ تېما بار تور ئادىرىس تېما مەزمۇنىنىڭ ئاستىغا قوشۇپ قويۇش تەلەپ قىلىنىدۇ.
4. بىرقىسىم ئىختىلاپ يۈز بېرىش ئىھتىمالى بولغان ئىسلامىي تېمىلارنى باشقۇرغۇچىلار قاراپ چىقىپ قۇلۇپلاپ تەستىقلايدۇ ياكى ئىسلامىي تېمىلاردا ئەزالار مۇنازىرە جەريانىدا ئىختىلاپ شەكىللەنگەندە باشقۇرغۇچىلار شۇ تېمىنى قۇلۇپلاشقا ھوقوقلۇق.
5. مۇنبەرنىڭ ئۇنۋىرساللىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ئىسلامىي تېمىلارنىڭ ئارقا-ئارقىدىن كۆپلەپ يوللىنىشى چەكلىنىدۇ ، بۇ ئەھۋالدا باشقۇرغۇچىلار ئەزالارنىڭ تېمىسىنى قايتۇرۋىتىشكە ھوقوقلۇق.
6. يۇقارقىي تۈزۈلمىلەر قايتىدىن تۈزۈتىلىدۇ ھەمدە قوشۇمچە تۈرلەر قوشۇلىدۇ ، مەزكۇر ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىنغان ۋاقىتتىن باشلاپ رەسمىي كۈچكە ئېگە.

 
       بارلىق ئەزالارنىڭ يۇقارقىي تۈزۈلمىگە ئاكتىپ رىئايە قىلىشىنى ھەمدە قوللىشىنى سەمىمىي سورايمىز! 



 مىسرانىم مۇنبىرى باشقۇرۇش گورۇپپىسى
 2011-يىل 4-ئاينىڭ 7-كۈنى

مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

تېتىقسىز

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
ئۇيغۇرتىلىمىزدىكى < ئو ، ئۇ ، ئۆ ، ئۈ > ھەرپلىرىنى توغرا ئىشلىتىشكە ئادەتلىنىڭ. < ئۈ > ھەرىپىنى چىقىرىش ئۈچۈن كونۇپكا تاختىسىدىكى < V >نى بېسىڭ. < ئۆ > ھەرىپىنى چىقىرىش ئۈچۈن < shift+k >نى بېسىڭ.   ئۆز ئانا تىلىمىز ، ئانا يېزىقىمىز ھەممىمىزنىڭ قوغدىشىمىزغا مۇھتاج!
OZTURK02
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3117

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1563 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4086 (سوم)
 ياخشى باھا:   531 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   746  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2769
 سائەت
دەرىجىسى:
2769 سائەت 221 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-01
ئاخــىرقىسى:2011-06-10
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 04-07

قوللايمىز ، مىسرانىم مۇنبىرى ئاقىلانە  قارار چىقارغانلىقىدىن سۆيۈندۇم .
بۇ نىزاملارنىڭ ئىقى قەغەز  قارسى سىياھ بولۇپ قالماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن .
ئۆزۈم ھەرجايدىمەن،كۆڭلۈم سەندىدۇر.
UYGHURAAA
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3750

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   962 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   12130 (سوم)
 ياخشى باھا:   429 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   412  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 239
 سائەت
دەرىجىسى:
239 سائەت 31 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-11
ئاخــىرقىسى:2011-06-17
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 04-07

مۇنبەرداشلار مائۇسنى مىدىرلىتىپ ماۋزۇنى ماراپلا، ماقالىلارنىڭ مەزمۇنىنى مۆلچەرلەش مەنىسىزلىك.

مىسرانىم مۇھاكىمە مۇنبىرى مەملىكىتىمىز مىقياسىدىكى مىڭلىغان، مىليونلىغان مىھرىبان،
مەدىنىيەتلىك مۇنبەرداشلارنىڭ مەڭگۈلۈك مۇڭدىشىدىغان مەھەللىسى. مەيدانى. مۇزىكانت، مەشرەپچى، مۇقامشۇناس، مودىللارنىڭ مەشىق مۇھىتى.  مۇھتاج مىھمانلارنىڭ مۇلازىمەت، مەسلىھەت مەنزىلى.

مەلۇماتلىق مۇخپىرلار، مەشھۇر مەرىپەتچىلەر، ماھارەتلىك ماھىرلار مىھنىتىمىزنى مۇئەللىملەر ماقۇللايدۇ.
مەيۈسلەنمەڭ مۈشكۈللىمەي، مىشىلدىماي مۇشۇنداقلا ماڭساق مۆمىنلەر مەدەتلىنىپ،مەيدىمىز مىداللىنىپ
مۇنبەردە مۇئاشلىنىمىز. مەزكۈر مۇنبىرىمىز ماگىزىندىكى مەيلەنگەن مىۋىلەردەك مەپتۇنلۇق،مەسئۇلىيەتچان مۇھەررىرلەر مىڭىمىزنى مەينەتلەيدىغان ماۋزۇسى مىش-مىش، مەزمۇنى مايماق، مەنىسىز، مىللىتىمىزنى مەسخىرىلەيدىغان، مۇئامىلە، مۇناسىۋەتكە ماسلاشمايدىغان مەرەز مەكتۈپلارنى مۇزاكىرەلەشمەيلا مىخلىغۇچتا مەجبۇرى،مەخپى مۇددەتسىز مىخلايلى. مەڭگۈ مىدىرلىيالمىسۇن.

مۇشۇنداقلاردىن مۇستەھكەم، مۇقەررەر مۇھاپىزەتلىنەيلى.مۇھىمى مەندەك مۇنبەرداشلار ماشىناڭلارنى مىسرانىم مۇنبىرىگە ماڭدۇرۇڭلار!
[ بۇ يازما UYGHURAAA تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]

مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 2 پارچە
YuqunAdam مۇنبەر پۇلى +100 04-09 نادىر ئېنكاس
Bashliq مۇنبەر پۇلى +500 04-07 ئىجادىي!
ئۇيغۇر كەلگۈسى ئۈچۈن قانۇن،بىلىم ئۈگىنىش كېرەك.

ياخشىنى بىرى تارقاتسا،ئىغۋانى مىڭى تارقىتىدۇ.
zumrettash

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.14907

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   2455 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   17306 (سوم)
 ياخشى باھا:   235 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   344  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4922
 سائەت
دەرىجىسى:
4922 سائەت 28 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-22
ئاخــىرقىسى:2011-06-24
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 04-07

ئورۇنلۇق،مىسرانىمغا پايدىلىق بولسا بىز قوللايمىز.ئاسمان جاپا تارتىۋاتىسىز.مەن پەرمان بەردارمەن.
مۇھەببەتىڭنى  بىرگە  ئاتا  قىل  ،  لىكىن  مىھرىڭنى مىڭغا  بەر
بۇلبۇلناز
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.15319

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   216 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2267 (سوم)
 ياخشى باھا:   185 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   260  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2450
 سائەت
دەرىجىسى:
2450 سائەت 70 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-26
ئاخــىرقىسى:2011-06-24
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 04-07

مسىرانىمنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز دىققەت قىلىمىز .

تورداشلارنىڭمۇ بىز باشقۇرغۇچىلارغا يېقىندىن ماسلىشىپ ئىسلامىي تېمىلارنى يوللاشتا يۇقارقى مەزمۇنلارغا دىققەت قىلىشىنى ھەم بىزنى چۈشىنىشنى ئۈمىد قىلىمەن .
kapTalis
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.25474

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1235 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   114 (سوم)
 ياخشى باھا:   204 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   266  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2055
 سائەت
دەرىجىسى:
2055 سائەت 35 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-08
ئاخــىرقىسى:2011-06-24
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 04-07

باشلىق قانداق پەرمان چۇشەرسە بوي سۇنماي ئامال يوق .
مىسرانىمنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشقا تەييارمەن .
ئابدۇ.....
apchil
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1033

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   264 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6789 (سوم)
 ياخشى باھا:   222 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   268  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1829
 سائەت
دەرىجىسى:
1829 سائەت 61 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-27
ئاخــىرقىسى:2011-06-21
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 04-07

ئىسلامى يۇمشاق دىتاللارچۇ؟
  <<كۆپ تىللىق قۇرئان كەرىم>><< سۈرە يادىلاش دىتالى>>... قاتارلىقلارمۇ قانۇنغا ۋە مۇنبەر تۈزۈمىگە خىلاپمۇ. ئۆز كومپىيۇتېرمىزدا ساقلىساق بولامدۇ
پاك ياشا پاك دىل ياشا، پاك بولساڭ يول كەڭ تاشا.
jassur2
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.29944

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   621 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   542 (سوم)
 ياخشى باھا:   205 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   322  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3175
 سائەت
دەرىجىسى:
3175 سائەت 65 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-02-11
ئاخــىرقىسى:2011-06-24
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 04-07

ئەمدى بۇ ھەقتىكى تۇلۇق چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇق،لىكىن بەزى سەزگۈرلۈكى ئۇنچىۋالا يۇقىرى ئەمەس ئىسلامى تېمىلارمۇ تەستىقلانغان بىلەن ئىنكاس يازغىلى بولمايدىغان قىلىپ قۇلۇبلىنىپ قۇيۇلىدىكەنغۇ؟تۆنۈگۈنمۇ ياكى ئالدىنقى كۈنىمۇ ئەيتاۋۇر بىر تېمىنى كۆرسەم شۇنداقكەنتۇق.
كىشىنى كىشىگە مؤەتاج قىلىشتىن خؤدا ساقلىسؤن
al.ansar
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.25966

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   812 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5847 (سوم)
 ياخشى باھا:   128 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   239  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2555
 سائەت
دەرىجىسى:
2555 سائەت 195 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-12
ئاخــىرقىسى:2011-06-21
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 04-07

پەرمانبەدارمىز، ئۆز تەپەككۇرىمىزدىن پايدىلىنىپ يازغان ياخشى تىمىلار بولسىمۇ بولامدۇ؟ (ئىسلامى)
ئەي ئەركەك! قىز ئاياللىرىڭغا ھىزى بول!!!

ئۆز تەقدىرىنى ئويلىمىغان مىللەتنىڭ كەلگۈسى بولمايدۇ!
alafasy
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.22705

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   2645 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   373 (سوم)
 ياخشى باھا:   1140 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   402  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5058
 سائەت
دەرىجىسى:
5058 سائەت 212 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-12-17
ئاخــىرقىسى:2011-06-24
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 04-07

مەنمۇ بۇ تۈزۈملەرنى بىلۋالدىم، رەھمەت.
راستچىللىق ئادەمنى توغرا بولغا باشلايدۇ، توغرا يول ئادەمنى جەننەتكە باشلايدۇ.
يالغانچىلىق ئادەمنى گۇناھقا باشلايدۇ، گۇناھ ئادەمنى دوزاخقا باشلايدۇ.
gherip
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1695

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   2351 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5266 (سوم)
 ياخشى باھا:   474 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   525  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 7507
 سائەت
دەرىجىسى:
7507 سائەت 283 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-31
ئاخــىرقىسى:2011-06-24
ئاپتورنىڭلا 10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 04-07

ئەمدى ئاقىلانىلىك بىلەن قارار چىقىرىپسىلەر .     
بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ دۇنيانىمۇ ئويلاپ قويايلى.
تىرەن
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.36679

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   174 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   847 (سوم)
 ياخشى باھا:   4 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 915
 سائەت
دەرىجىسى:
915 سائەت 125 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-06
ئاخــىرقىسى:2011-06-24
ئاپتورنىڭلا 11- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 04-07

جاپا تاتماى ھالاۋەت يوق   .       تىرىشايلى         
كىشلەرنىمە كويدا
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى