مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 83 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىقچىلىق ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈش
deris
دەرىس
دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى: 14626
  جىنسى: خانىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 135
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە135دانە
ياخشى باھا: 239 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 5949 سوم
تۆھپىسى: 384 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 110(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-10-20
ئاخىرقى كىرىشى: 2011-04-02  

0 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 16:15

0 ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىقچىلىق ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈش

قەلبىنۇر مۇھەممەد
       (قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتى شۆبە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى)
 
ئەدەبىيات تىل سەنئىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلىرىنى، نازۇك ھېسسىيات –پىسخىكىلىرىنى، مۇرەككەپ خارەكتىر –خۇسۇسىيەتلىرىنى، ئەگرى-توقاي كەچمىش-كەچۈرمىشلىرىنى ۋە گۈزەل تۇرمۇش كارتىنىلىرىنى پاساھەتلىك، گۈزەل تىللار ئارقىلىق ئىپادىلەپ، ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا قايتا نامايەن قىلىپ بېرىدۇ. بىر مىللەتنىڭ ئۆتمۈشىنى تەتقىق قىلىش، بۈگۈنىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش شۇنداقلا گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشتا  ئەدەبىياتنىڭ  جۈملىدىن ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ ئوينايدىغان رولى ناھايىتى چوڭ.
دەۋر روھىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىيەلەيدىغان، دەۋرىمىزنىڭ بۈگۈنىنى نامايەن قىلىپ، ئۆتمۈشى ئۈستىدە ئىزدىنەلەيدىغان ۋە گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتالا-يدىغان قەلەم قۇۋۋىتى كۈچلۈك، ئىقتىدارلىق تەتقىقاتچى ۋە يازغۇچىلار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشتا ئەدەبىيات ئۇقۇتۇشى ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ.
ئوتتۇرا مەكتەپ تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش،چۈشىنىش، ئاڭلاش ئىقتىدارىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈپلا قالماستىن، يېزىقچىلىق ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈشتىمۇ ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ. چۈنكى  ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىقچىلىق ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈش- ئوتتۇرا مەكتەپ ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدىكى مۇھىم ھەم قىيىن نۇقتىلارنىڭ بىرى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.
مەن ئەدەبىيات ئوقۇتىشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىقچىلىق ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈشتە پۇختا ئاساس سېلىش ۋە قەدەممۇ-قەدەم يىتەكلەشكە ئەھمىيەت بېرىشنىڭ ناھايىتى مۇھىمىقىنى  چوڭقۇر تونۇپ يەتكەچكە، ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن يېزىقچىلىق  مەشقىدە بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ئەتراپلىق، سېستىمىلىق، قاراتمىلىققا ئىگە بىر يۈرۈش تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلىدىم. چۈنكى يېزىقچىلىق مەشقى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسىي بىلىم ۋە ئاساسىي ماھارىتىنى يىتىلدۈرۈشتىكى مۇھىم ئەمىلىي پائالىيەت. يېزىقچىلىق مەشقى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپىدىكى تۈرلۈك تۈمەن شەيئىلەرنى ۋە ھەر خىل مەسىلىلەرنى كۈزىتىش ئىقتىدارىنى، ئويلاش-تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىنى، بىلىش سەۋىيىسنى، ئىپادىلەش قابىلىيىتىنى، شۇنداقلا يېزىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشتە ناھايىتى موھىم رول ئوينايدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىقچىلىق ئىقتىدارىنىڭ قانداق بولۇشى-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش سەۋىيىسىنىڭ قانداق بولىشى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. يېزىقچىلىق ئوقۇتۇشىنى چىڭ تۇتۇش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى ئوقىغان كىتابلىرىدىن ئالغان تەسىراتلىرىنى ياخشى يازالايدىغان، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۇچرىغان ۋە ھىس قىلغان ھەر خىل ئۇچۇرلاردىن خاتىرە قالدۇرالايدىغان، تۈرلۈك شەيئىلەر ۋە ھادىسىلەر توغرىسدا ئويلىغانلىرىنى، تەسىرات-چۈشەنچىلىرىنى، مەنتىقى پىكىر، راۋان سۆز-جۈملىلەر، مۇكەممەل قۇرۇلما، سېستىمىلىق مەزمۇنغا ئىگە قىلىپ ئىپادىلەپ بەرەلەيدىغان ئىقتىدارنى يىتىلدۈرۈش ناھايىتى مۇھىم.
ئوتتۇرا مەكتەپ ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ يىزىقچىلىق ئىقتىدارىنى ھەقىقى يىتىلدۈرۈش ئۈچۈن مەن تۆۋەندىكى بىر قانچە تەدبىرلەرنى ئەمىلىلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بەردىم.
1. يېزىقچىلىق بىلىملىرىگە دائىر زۆرۈر نەزىرىيىۋىي بىلىملەرنى ئىگىلىتىشكە ئەھمىيەت بەردىم. يېزىقچىلىق مەشقىنى ياخشى ئېلىپ بېرىش ۋە بىرەر پارچە ماقالىنى مۇۋاپىقىيەتلىك يېزىپ چىقىش ئۈچۈن، يېزىقچىلىق بىلىملىرىگە دائىر زۆرۈر نەزىرىيىۋىي بىلىملەرنى ئىگىلىشىگە توغرا كېلىدۇ. شۇڭا مەن ھەر بىر تېكىستنى ئۆتكەندە شۇ تېكىستكە مۇناسىۋەتلىك ۋە يېزىقچىلىق تەلىپىگە مۇناسىۋەتلىك نەزىرىيىۋىي بىلىملەرنى تولۇقلاپ سۆزلەپ بەردىم. چۈنكى ھەر خىل ماقالىلەرنى يېزىشقا قويىلىدىغان تەلەپلەر، يورۇتۇپ بېرىدىغان نۇقتىلار، يەتمەكچى بولغان نىشان قاتارلىقلار ئوخشىمايدۇ، ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى، قوللانغان ۋاستە، ئىشلەتكەن تىل ... قاتارلىقلارمۇ ئوخشىمايدۇ. قارىغۇلارچە قەلەم تەۋرىتىشتىن، گەپنى نەدىن باشلاپ، نەدە ئاخىرلاشتۇرۇشنى ۋە قانداق ماتىرىيال تاللاشنى، قايسى جايلارنى تەپسىلى، قايسى جايلارنى ئىخچام يېزىشنى بىلەلمەي تەمتىرەپ قىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن يازماقچى بولغان ھەر بىر ماقالىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان نەزىرىۋىي بىلىملەرنى ئىگىلەشمۇ ئىنتايىن مۇھىم.
2.ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىتاپ ئوقۇش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈشىكە ۋە ئوقۇغان كىتاپلىرىدىن خاتىرە قالدۇرۇپ مېڭىش ئادىتىنى يىتىلدۈرىشىگە يىتەكچىلىك قىلدىم. ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىقچىلىق قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇلارنى ئۆزلىرىگە ماس كېلىدىغان ھەر خىل ژانىردىكى، ھەر خىل تېمىلاردا يېزىلغان نادىر ئەسەرلەرنى، ئۈلگىلىك ماقالىلەرنى كۆپلەپ ئوقۇپ، بۇ ماقالە-ئەسەرلەردە پىكىرنىڭ قانداق ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى، باش تېمىنىڭ قانداق گەۋدىلەندۈرۈلگەنلىكى، ئەسەرنىڭ باش-ئاخىرىنىڭ قانداق ماسلاشتۇرۇلغانلىقى، ئابزاس- بۆلەكلەرنىڭ قانداق ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى... پۇختا ئىگەللەشكە يىتەكلىدىم. چۈنكى كىتاپ-ئىنسانىيەتنىڭ جاھاننامە ئەينىكى، شۇنداقلا ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ بىباھا خەزىنىسى. ئوقۇغۇچىلارغا بۇ خورىماس خەزىنىدىكى قىممەتلىك ھايات ھېكمەتلىرىدىن ئۇچۇر بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ توغرا بولغان گۈزەللىك ۋە رەزىللىك، ياخشىلىق ۋە يامانلىق، ھەق-ئادالەت، ئادىمىيلىك...قارىشىنىڭ شەكىللىنىشىگە، توغرا بولغان ئەخلاق قارىشى، قىممەت قارىشى، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشىنىڭ شەكىللىنىشىگە ياردەم بەرگىلى بولىدۇ، مۇشۇنداق ئۇسۇللارنى قوللىنىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى كۆپ ئوقۇشقا، كۆپ يېزىشقا يىتەكلەپ، ئۇلارنىڭ چۈشىنىش قابىلىيىتىنى يۇقۇرى كۆتۇرۇشكە ياردەم بېرىپلا قالماستىن، يېڭى بىلىم ۋە يېڭى ئۇچۇرلارغا ئىگە قىلغىلى بولىدۇ. ئۆزىنى ۋە ئۆزگىنى چۈشىنىش شۇنداقلا دۇنيانى بىلىش ۋە چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.
3. يېزىقچىلىق مەشقىنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇنقى تەييارلىق خىزمەتنى ئىشلەشكە ئەھمىيەت بەردىم. ئوقۇغۇچىلارغا يېزىقچىلىق مەشقىنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن، يېزىقچىلىق مەشقىنىڭ تەلىپىنى ئېنىق، توغرا چۈشەندۈرۈپ، يېزىقچىلىق مەشقىنىڭ تەلىپىگە لايىق كۆرسەتمە بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەلەپنى ئېنىق چۈشەنگەن ئاساستا يېزىقچىلىق مەشقىنى ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلدىم. چۈنكى شۇنداق قىلغاندىلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىقچىلىق مەشقىنىڭ تەلىپىنى ئېنىق چۈشىنەلمەسلىك سەۋەبىدىن يېزىقچىلىق مەشقىنى ئىشلەشتە قىينىلىپ قالىدىغان ياكى يېزىقچىلىق مەشقىنى ئىشلەشتىن بىزار بولىدىغان ئەھۋاللاردىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
4.تەسەۋۋۇر ۋە باغلانما تەسەۋۋۇردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردىم. باغلانما تەسەۋۋۇر- كۆز ئالدىمىزدىكى شەيئى بىلەن كاللىمىزدىكى يەنە بىر شەيىنىڭ ئوخشاشلىق يېرى بولسا، شۇنىڭغا باغلاپ يەنە بىر شەيئىنى تەسەۋۋۇر قىلىشتۇر. 《قاشتىشىغا مەدھىيە》،《ھايات》  《دىكابىردا ئۈرۈك گۈللەپتۇ》قاتارلىق ئەسەرلەرنى باغلانما تەسەۋۋۇرنىڭ ياخشى ئۈلگىسى دىيىشكە بولىدۇ. مەن مۇشۇنداق مۇۋاپىقىيەتلىك چىققان ئەسەرلەردىكى باغلانما تەسەۋۋۇرلارنى ئوقۇغۇچىلارغا قايتا-قايتا چۈشەندۈرۈش، ئۈلگە كۆرسىتىش، تەقلىد قىلىپ يازدۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى يىتەكلىسە ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئۆز ئەمەلىيىتىم ئارقىلىق چوڭقۇر ھېس قىلدىم.
5.ماتىرىيال توپلاشقا ۋە شەيئىلەرنى كۈزىتىشكە ئەھمىيەت بېرىشكە ئىلھاملاندۇردۇم. يېزىقچىلىق مەشقى ئىشلىگەندە بەزى ساۋاقداشلار قولىغا قەلەمنى ئالسىلا كاللىسى قۇپقۇرۇق بولۇپ قېلىپ ھىچنەرسە يازالمايدۇ، يەنە بەزى ساۋاقداشلارنىڭ يازغان ماقالىلىرى جانسىز بولۇپ، قۇرۇق گەپ دۆۋىسىگە ئوخشاپ قالىدۇ. بۇنداق بولۇش كۆپ تەرەپلىمە ئامىللارغا باغلىق بولسىمۇ، لېكىن تۇرمۇشنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزىتىش ئارقىلىق مول تۇرمۇش ماتىرىيالىغا ئىگە بولۇش-بولماسلىق،   شەيئىلەرنى ئەتراپلىق  كۈزىتىشكە ماھىر بولۇش –بولماسلىق قاتارلىقلار يېزىقچىلىق مەشقىنى ياخشى  ئېلىپ بېرىشقا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرسى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. ئادەتتە كۈزىتىش ئارقىلىق بىرىنچى قول ماتىرىيالغا ئىگە بولغىلى ۋە بۇ ماتىرىياللارنى بىۋاستە توپلىغىلى بولىدۇ. كۈزىتىش يېزىقچىلىق ماتىرىيالىغا ئىگە بولۇشنىڭ بىرىنچى قەدىمى. شەيئى ۋە مەنزىرىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ھېس قىلىشنىڭ ئاساسى. شۇڭا يېزىقچىلىق مەشقى ئېلىپ بىرىشتا ئالدى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈشكە، شەيئىلەرنى، ھادىسىلەرنى كۈزىتىشكە ۋە ئۇلارنىڭ ماھىيىتى، قانۇنىيىتىنى پەرق ئېتىشكە ئەھمىيەت بېرىشكە، ماتىرىيال توپلاشقا، توپلىغان ماتىرىياللاردىكى مۇھىم مەزمۇنلارنى چۈشىنىشكە ماھىر بولۇشقا يىتەكلىدىم  . ئەمەلىي تۇرمۇشقا يېقىن، ئوقۇغۇچىلارغا ئەڭ تونۇشلۇق بولغان، تەسەۋۋۇر قىلالايدىغان تېمىلار بويىچە يىتەكلەش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ تەپەككۇر، تەسەۋۋۇر ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بەردىم . چۈنكى  ماتىرىيال قانچە كۆپ ۋە ئەتراپلىق كۈزىتىلگەن بولسا يېزىلغان ماقالىمۇ شۇنچە مەزمۇنلۇق ۋە جانلىق بولىدۇ.
  يىغىنچاقلىغاندا، ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا ئوقۇتقۇچىنىڭ ياخشى يىتەكلىشىدىن باشقا، ئوقۇغۇچىلارمۇ ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، مول بىلىم جۇغلانمىسى ھاسىل قىلىش يولىدا توختىماي تىرىشچانلىق كۆرسەتسە ۋە جاپاغا چىداپ مەشق قىلسا، چوقۇم ياخشى بولغان يېزىقچىلىق ماھارىتىنى يىتىلدۈرۈپ، مۇۋاپىقىيەت ئىشىگىنى ئاچالايدۇ.
مەنبە: ئوقۇتۇش تەتقىقاتى
[ بۇ يازما Eltekin تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]
تېما تەستىقلىغۇچى : OBRAZ
تەستىقلانغان ۋاقىت :
2011-04-01, 08:43

تېمىنى تەۋسىيە قىلىڭ:   

-سىز كۆرۋاتقان تىما ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىقچىلىق ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈش,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
kok-sultan
دەرىجە: ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى: 3170
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 753
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە753دانە
ياخشى باھا: 401 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 12403 سوم
تۆھپىسى: 510 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 1147(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-07-02
ئاخىرقى كىرىشى: 2011-04-01  

1 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 17:24

ياخشى ئۇسۇللىرىڭىز باركەن، مەنمۇ ئوقۇتۇش جەريانىدا پايدىلانسام بولغىدەك...
بۇ يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • مۇنبەر پۇلى:+200(مېھرىزات) ئەجىر!
  • پۇرسەت تەييەرلىقى بار  كىشىلەرگىلا كېلىدۇ
    srlk
    توسالغۇ ئالغا ئىلگىرلەشنىڭ شوتىسى.
    دەرىجە: پائالىيەتچان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى

    تىزىم نۇمۇرى: 5357
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 3709
    ئۇنۋان:جان كۆيەر ھازىرغىچە3709دانە
    ياخشى باھا: 1163 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 47937 سوم
    تۆھپىسى: 1091 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 3632(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-01
    ئاخىرقى كىرىشى: 2011-04-02  

    2 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 18:17

    بىلىپقۇيۇشقا  تىگىشلىك ........... رەھمەت  سىزگە  مەن  ساقلاپ  قۇياي
    http://www.65933.com/29003