5- ئۆكتەبىر: بۈگۈن مەن پەيدا بولدۇم،يوق ئىدىم،ئەمدى بار بولدۇم،بەك ياخشى ئىش بولدى!مېنىڭ پەيدا بولغىنىمنى دادام-ئانام تېخى بىلمەيدۇ.
بىر ئالمىنىڭ ئۇرۇقىدىنمۇ كىچىكمەن ، شۇنداقتىمۇ ئىشقىلىپ مەن مەۋجۇتمەن .بەدەنلىرىم تېخى روشەن يارىتىلمىدى ، يۈزۈممۇ تېخى يوق، ئەمما مېنىڭ مەۋجۇتلۇقۇم مېنىڭمۇ بىر تىرىك جان ئىكەنلىكىمنى چۈشەندۈرىدۇ. ئىنشائاللاھ بىر قىز بوۋاق بولۇپ تۇغۇلىمەن، گۈللەرنى سۆيىمەن،گۈل كەبى بىر ىقىز بولىمەن.
19-ئۆكتەبىر : بىر ئاز چوڭ بولدۇم ، ئەمما مىدىرلىشىم مۇمكىن ئەمەس ، ئانام تېخىچە بىلمىدى ، ھازىر ئۇنىڭ ئۇنىڭ قېنى بىلەن چوڭ بولىۋاتىمەن . ئۇنىڭ يۈرىكىدىن كەلگەن ئىسسىق قان ماڭا ئېقىپ كىرىۋاتىدۇ . بۇ يۈرەكنىڭ مېنى چوقۇم بەك ياخشى كۆرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن . ئانام مېنى كۆرسە چوقۇم خوش بولىدۇ .
23- ئۆكتەبىر : مەن كۆرەلمەيدىغان بىر غايىۋانە قول مېنىڭ ئېغىزىمنى يارىتىۋاتىدۇ ، لەۋلىرىمنى،تاماقلىرىمنى .... ئويلاپ بېقىڭلارچۇ بىر يىلدىن كىيىن بۇ ئېغىزىمدىن تەبەسسۇملار تۆكۈلىدۇ، ھەر خىل سۆزلەر تۆكۈلىدۇ،ئەڭ ئاۋال " ئانا!" دەيمەن. ئانا!! گىپىمنى ئاڭلاۋاتامسەن؟ بۇ ئېغىزلىرىمدا ئانامنىڭ كۆكسىدىن چىققان سۈتنى ئىمىمەن،يەنە ناننىڭ كىچىك ئۇۋاقلىرىنى يەيمەن .شۇنداقمۇ ئانا ؟ ھەي تىزراق گەپ قىلالىسامتىم!؟!؟
27- ئۆكتەبىر : بۈگۈن مەن بەك خۇشال ، تولىمۇ ھاياجانلىنىۋاتىمەن ،ھازىر بىر يۈرىكىممۇ بار بولدى ،سوقۇشقا باشلىدى . ئەمدى بىر ئۆمۈر مۇشۇنداق گۈپۈلدەپ سوقىدۇ .بۇ يۈرىكىمنى سۆيگۈ ۋە مىھىر- مۇھەببەت بىلەن تولدۇرىمەن .خۇددى ئانامنىڭ يۈرىكىگە ئوخشاش.
ئانام بەدىنىدە ھازىر ئىككى يۈرەكنىڭ سوقۇۋاتقانلىقىنى بىلسە قانچە خوش بوپ كىتەر ھە ؟!
2-نويابىر :ھەر كۈنى ئاز- ئازدىن چوڭ بولىۋاتىمەن. قول-پۇتلىرىممۇ شەكىللىنىشكە باشلىدى.قوللىرىم يەنە ئازىراق چوڭ بولسۇنچۇ قېنى،سېنى قانداق قۇچاقلايدىكەنمەن ئانا، شۇ پۇتلىرىممۇ بىر تولۇق چىقسۇنچۇ ،سەن بىلەن ھويلىمىزدا قوغلىشىپ ئوينايمەن .
12- نويابىر : ۋاھ!! نېمىدىگەن پەيزى، بارماقلىرىممۇ چىقىشقا باشلىدى، بۇ بارماقلىرىمم بىلەن ئەڭ گۈزەل گۈللەرنى ئۈزىمەن،ئانامنىڭ قوللىرىنى چىڭ سىقىمدايمەن ،قەلەم تۇتىمەن،تېخى گۈزەل شئېىرلارنى يازىمەن. ئانا ئاڭلاۋاتامسەن، قوللىرىڭنى تۇتۇش ئۈچۈن بەكمۇ تاقەتسىزلىنىۋاتىمەن جىنىم ئانا .
20- نويابىر : ئۇف !ئانام ئاخىرى دوختۇرخانىغا كەلدى،مېنىڭ بارلىقىمنى ئۇقتى .دوختۇر ئاجايىپ ،ئالاھىدە بىر ئۈسكىنە بىلەن مېنى كۆردى،ھەتتا رەسىمىمنىمۇ تارتىۋالدى . خوشو بولدۇڭمۇ ئانا.يەنە بىر يىلغىمۇ يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە دادام ئىككىڭلارنىڭ قوللىرىدا بولىمەن....
25- نويابىر : داداممۇ مېنىڭ بارلىقىمنى ئۇقۇپتۇ ، ئەمما قىز ئىكەنلىكىمنى تېخى بىلمەيدۇ.ئۇلارنى ھەيران قالدۇرۋىتىمەن .
10-دىكابىر : بۈگۈن يۈزۈم پۈتۈنلەي پۈتۈپ بولدى، ئىككى كۆزۈم،كىچىككىنە بىر بۇرنۇم، مەڭزىم ۋە ئويماقتەك ئاغزىم بار، ھى ھى ھى چوقۇم ئانامغا ئوخشايمەن .
13- دىكابىر :ھازىر ئەتراپىمغا قارىيالايمەن، تۆت چۆرەم قاپقاراڭغۇ ،مەيلى شۇنداقتىمۇ يەنىلا بەختلىكمەن .ئاز كۈنگە قالماي قۇياش نۇرىنى كۆرىمەن ،ھەرخىل رەڭلەرنى ،گۈللەرنى كۆرىمەن. يەنە تېخى ھەرخىل ئوماق قونچاقلارنى ئوينايمەن....
ئانو!! دادو!!! سىلەرنىڭ چىھرىڭلارنىمۇ كۆرىمەن. چوقۇم بەختلىك بولىمىز.
24- دىكابىر : ھازىر قۇلاقلىرىممۇ ئاڭلىيالايدىغان بولدى. ئانا سېنىڭ يۈرەك سوقۇشلىرىنىڭنى ئاڭلاۋاتىمەن .مېنىڭ يۈرەك سوقۇشلىرىمنى سەنمۇ ئاڭلاۋاتقانسەن ھە؟ مەن ھازىر ئاۋازىڭنى تونۇيالايمەن، ئاۋازىڭ بەك چىرايلىق ھەم تاتلىق جىنىم ئانا. مەنمۇ چوقۇم ساغلام ۋە تاتلىق بىر قىز بولىمەن،قوللىرىڭدا ياۋاشلىق بىلەن ئۇخلايمەن، يۈزۈڭگە قاراپ ياتىمەن،تاتلىق ئاۋازىڭنى ھەر كۈن ئاڭلايمەن، يەنە ماڭا ئەللەي ناخشىسى ئىيتىپ بىرىسەن شۇنداقمۇ ئانا؟ مېنى چوقۇم تولىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسەن ئانا !!!
28- دىكابىر: ئانا غەيرى بىر ئىشلار يۈز بېرىۋاتىدۇ، دوختۇر ئايال غەمكىن ھالدا بېشىنى چايقاپ ماڭا قاراۋاتىدۇ. ئانا سەن نېمە بولدۇڭ،يۈرەك سوقۇشۇڭ تىزلىشىپ كەتتىغۇ ؟ نېمىشقا گەپ قىلمايسەن ئانا؟! ئانا ! ئانا !! يۈزۈمگە مۇزدەك سوغۇق بىر نەرسە تىگىۋاتىدۇ. ئانا ! ئانا !يۈزۈمنى كىسىۋاتىدۇ،ئانا ئۇلارغا گەپ قىل ،ئاھ!!!! قول پۇتلىرىمنى پارچىلاشقا باشلىدى ،جىنىم چىقىۋاتىدۇ ئانا ،ئانا مېنى قۇتقۇزىۋال، مېنى ساڭا باغلاپ تۇرغان تومۇرنى ئۈزىۋەتمەكچى بولىۋاتىدۇ... ئانا !! ئا.....نا....... ئاھ !!!
-- مۇبارەك بولسۇن خانىم !! ھامىلە چۈشۈرۈش ئوپىراتسىيىڭىز مۇۋاپىقىيەتلىك بولدى...
ئەسەر ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىڭ،ئەسەرلىرىمنى خالىغانچە يۆتكەپ كەتمەڭ!