ئاداش : <<身材>> رىم چىقىپتىمۇ ؟
مەكتەپ سۇخانىسىدا قولۇمنى يۇيىۋاتاتتىم ، ماڭا دۈمبىسىنى قىلىپ پاراڭلىشىۋاتقان ئىككى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالدىم .
__ ئاداش ، قارا ماۋۇ ئىشتان لىق كەپتىمۇ ؟ فىگورۇم چىقىپتىمۇ ؟
__ ۋىيېي ئاداش ، شۇنداق 〈苗条〉بولۇپ كېتىپسەن ، يانپاشلىرىڭ .... ھې ھې ھې
بەلكىم مېنى كۆرمەي قالغاندۇ ، ياكى قەستەن شۇنداق پاراڭ قىلىشقاندۇ . ئەنە ئاشۇ تېخى 15 ياشقا كىرمىگەن بۇ قىزلارنىڭ سۆزى مېنى نۇرغۇن خىياللارغا تاشلاپ قويدى . نىمىشقا بايا مەنمۇ ئاۋۇ سىڭىلچاقنى ماختاپ قويمىغاندىمەن ھە ! ئەمدى بولسىمۇ ماختاپ قوياي : ۋاي ، شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ . ئالامەت چىقىپتۇ ، ئالمىدەك .... لىرىڭىز كىشىنى جەلىپ قىلغۇدەك ئىكەن . تولغان ساغرىلىرىڭىز بۇرۇتى ئەمدى خەت تارتقان << يىگىت >> لەرنى مەستخۇش قىلغۇسى ، بەدىنىڭىزگە چاپلاشقان كىيىملىرىڭىز سىزنى << مەكتەپ گۈلى >> قىلغۇسى .... يەنىلا قىش ياخشىمۇ قانداق ، سوغوق بولسا شۇ سەبىيلەر قېلىن كىيىنەتتى ، جېنىدىن ئۆتكەن ھەر بىر سوغوق شامال ئۇچۇرۇپ كېتىمەن دىسە بۇ قىزلار << ياق >> دەپ بوينىغا ئارتىۋالغان شارپىلىرىنى مەھكەم باغلايتى .... ھېي ، سۇ يۈزىگە شاخلىرىڭنى توختىماي ئۇرغان مەجنۇنتال ، سەنمۇ ياشلىقىڭدا شاماللارغا شۇنداق بوزەك بولغانمۇ ؟
يىگىتلەر يىغلايدۇ ، قىزلار يىغلايدۇ ،
ئۆتكەن يىللار شۇ ياشلارنى تىللايدۇ .....
مىسرانىم تورى ،ھازىر كۈندىلىك ئېقىم مىدارى ئۈچ يۈز مىڭدىن ھالقىغان مۇكەممەل توربەتكە ئايلاندى تور بېكىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى مىسرانىمنى قوللىغانلارنىڭ تۆھپىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ مىسرانىمدىن ھەرقانداق ئىجادىي تېما كۆچۈرسىڭىز ئاپتور بىلەن مەنبە ،ئۇلىنىش ئادىرسى قاتارلىقلارنى چوقۇم قوشۇپ مېڭىڭ مودا ناخشىلارنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز مىسرانىم تور بېكىتى مۇزىكا سەھىپىسىگە كىرىڭ مۇھەببەت لىرىكىلىرى مىسرانىمنىڭ ئۆزگىچە خاس بىر سەھىپىسى!مەن مىسرانىم تورىنى ياخشى كۆرىمەن مىسرانىم تور بېكىتى بەك ياخشى مىسرانىمنى گۈللەندۈرۈشكە تېرىشايلى بۇ تېما مىسرانىمدىن بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ كېلىندى. تېمىنىڭ ئەسلى كېلىش مەنبەسى مىسرانىم تورى تور ئادىرسى بۇ تېمىنى كۆچۈرۈپ ھەممە توربەتنىڭ خاسلىقىغا تەسىر يەتكۈزمەڭ . ئەگەر تېمىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز ئەسلى ھەقىقىي مەنبەنى ئەسكەرتكەن ھالدا ئىشلىتىڭ مىسرانىم تورىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن مەڭگۈ تېرىشايلى بالام مەندىن رازى ئەمەس
__ دادا ، سەن بىر سائەتتە قانچە پۇل تاپالايسەن ؟
__ تەخمىنەن 10 سوم ئەتراپىدا ، نىمە قىلىسەن بۇنى سوراپ ؟
__ مەن يىغىپ قويغان 10 سوم پۇلۇمنى ساڭا بېرەي ئەتە بىر سائەت بالدۇر كېلىپ مەن بىلەن پاراڭلىشامسەن ؟......
دادا بۇلۇپ نېمە قىلدىم ؟ پۇلنىڭ قۇلى بولغان ئاجىز بەندىمەن . مېنى دادام ۋېلىسپىتنىڭ كەينىگە ئېلىپ باغچىلارغا ئېلىپ بارغان . مەن ئاغرىپ قالسام ھەممە ئىشنى تاشلاپ مېنىڭ قېشىمدا بولغان ، يەنە دادام .........، ئەمما مەن بالامغا نېمە قىلدىم ؟ قولىدىن يېتىلەپ ( ۋاقىت چىقىپ قالسا ) << بالىلار تۈرمىسى >> گە ئاپىرىپ بەردىم ، چۈشلۈك تامىقىنى << يات >> نىڭ قولىدا يېدى ، يەنە شۇ << يات >> نىڭ تىلى بىلەن مېنى << بابا >> دېدى . مەن خۇشال بولدۇم ، بالامدىن سۆيۈندۈم ، بالامنىڭ ئاتالمىش << ئىلغار مەدەنىيەتلىك >> بولغىنىدىن خوشال بولدۇم . ئەمما مانا مۇشۇ كۈنگە كەلگىچە بالامغا قەرىز بولۇپ قالغىنىمنى بىلمەي يۈرۈپتىمەن . ئەجىبا بالامنىڭ ئاشۇ 10 سوم پۇلىغا بىر سائەت ۋاختىمنى << ساتايمۇ >> ؟ كەچۈر بالام ، داداڭ بوۋاڭدەك بولالمىدى .
رەنجىپ يۈرمە جېنىم بالام ، داداڭ ئالدىراش ،
زارلىنىمەن ھەر تىنىقتا ، قانغا ياش ئارلاش .....
مىسرانىم تورى ،ھازىر كۈندىلىك ئېقىم مىدارى ئۈچ يۈز مىڭدىن ھالقىغان مۇكەممەل توربەتكە ئايلاندى تور بېكىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى مىسرانىمنى قوللىغانلارنىڭ تۆھپىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ مىسرانىمدىن ھەرقانداق ئىجادىي تېما كۆچۈرسىڭىز ئاپتور بىلەن مەنبە ،ئۇلىنىش ئادىرسى قاتارلىقلارنى چوقۇم قوشۇپ مېڭىڭ مودا ناخشىلارنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز مىسرانىم تور بېكىتى مۇزىكا سەھىپىسىگە كىرىڭ مۇھەببەت لىرىكىلىرى مىسرانىمنىڭ ئۆزگىچە خاس بىر سەھىپىسى!مەن مىسرانىم تورىنى ياخشى كۆرىمەن مىسرانىم تور بېكىتى بەك ياخشى مىسرانىمنى گۈللەندۈرۈشكە تېرىشايلى بۇ تېما مىسرانىمدىن بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ كېلىندى. تېمىنىڭ ئەسلى كېلىش مەنبەسى مىسرانىم تورى تور ئادىرسى بۇ تېمىنى كۆچۈرۈپ ھەممە توربەتنىڭ خاسلىقىغا تەسىر يەتكۈزمەڭ . ئەگەر تېمىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز ئەسلى ھەقىقىي مەنبەنى ئەسكەرتكەن ھالدا ئىشلىتىڭ مىسرانىم تورىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن مەڭگۈ تېرىشايلى كېلىڭلار غەيۋەت قىلىمىز ....
غەيۋەت بىلەن يىقىتتۇق مانا ، مۇشۇنداق لاۋزىلارنى بىز يىقىتمىساق كىم مەيدىسىنى كېرىپ چىقىدۇ ؟ << ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى >> نى بىزگە بەرمىگەندىكىن شۇنداق بابلايمىز . پەيتى كەلسە يىقىلغان يېرىدىن قوپالماس قىلىۋېتىمىز . ئاھ ، غەيۋەت دىگەن جاننىڭ ھۇزۇرى ئىكەنغۇ ! مۇشۇ غەيۋەتنى << ئاپىرىدە >> قىلغاننىڭ ئېغىزىغا ناۋات ..... غەيۋەتنى كۆپ ئادەم قىلسا قىزىيدۇ . بۇگۈن كەچتە بازارنىڭ ئەڭ قايناق دوقمۇشىدا ياكى كوچىنىڭ بوش ئورۇندۇقلىرىدا غەيۋەت بار . ھەر قايسىڭلارنىڭ مول غەيۋەت تېمىسىنى يانچۇقۇڭلارغا قاچىلاپ ، ئېغىزىڭلارنىڭ قۇرۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۆيدىن بىرەر قۇتا ناۋات بىلەن دەملەنگەن چاي ئېلىۋېلىشىڭلارنى ئەسكەرتىپ قوياي . ئاڭلىساق بىر نەچچە ئەدەبىياتچىمىز << دوئېل >> غا چۈشۈپتۇ . بىز شۇلارنىڭ كەينىدىن ھە ھۇ دىيىشىپ غەيۋەتكە چۈشەيلى ، تېخى بىر ناخشىچىمىز چەتئەلگە چىقىپ ئالقىشقا ئېرىشىپ قايتىپ كەپتۇ ، چۇقۇم ناتوغرا يول تۇتقان گەپ ....
بىردەمدىلا يېنىمغا بىر ئاغىنەم كىلىپ غەيۋەت باشلىدى .
__ ئاداش ، ئاڭلىدىڭمۇ ؟ ئاۋۇ قوشنىمىزنىڭ قىزى ......... ، ھە ، راست ئىشكەن . مەن ئىچى-ئىچىمدىن خۇش بۇلۇپ مۇنداق دىدىم : __ خو ، << نادىر غەيۋەت >> .......
بۇرادەرلەر ، بىكار يۈرمەي غەيۋەت باشلايلى ،
بەكلا كۈلۈپ كەتتى مىللەت ، پىتنە تاشلايلى .....
مىسرانىم تورى ،ھازىر كۈندىلىك ئېقىم مىدارى ئۈچ يۈز مىڭدىن ھالقىغان مۇكەممەل توربەتكە ئايلاندى تور بېكىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى مىسرانىمنى قوللىغانلارنىڭ تۆھپىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ مىسرانىمدىن ھەرقانداق ئىجادىي تېما كۆچۈرسىڭىز ئاپتور بىلەن مەنبە ،ئۇلىنىش ئادىرسى قاتارلىقلارنى چوقۇم قوشۇپ مېڭىڭ مودا ناخشىلارنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز مىسرانىم تور بېكىتى مۇزىكا سەھىپىسىگە كىرىڭ مۇھەببەت لىرىكىلىرى مىسرانىمنىڭ ئۆزگىچە خاس بىر سەھىپىسى!مەن مىسرانىم تورىنى ياخشى كۆرىمەن مىسرانىم تور بېكىتى بەك ياخشى مىسرانىمنى گۈللەندۈرۈشكە تېرىشايلى بۇ تېما مىسرانىمدىن بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ كېلىندى. تېمىنىڭ ئەسلى كېلىش مەنبەسى مىسرانىم تورى تور ئادىرسى بۇ تېمىنى كۆچۈرۈپ ھەممە توربەتنىڭ خاسلىقىغا تەسىر يەتكۈزمەڭ . ئەگەر تېمىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز ئەسلى ھەقىقىي مەنبەنى ئەسكەرتكەن ھالدا ئىشلىتىڭ مىسرانىم تورىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن مەڭگۈ تېرىشايلى مەن ھاللىق تۇرمۇشتىن بەھىرلەندىم ....
تۈنۈگۈن- تارىخ ، تۈنۈگۈن- ئالدىنقى ئەسىردىكى يىغلاڭغۇ قىز .
ئەتىگە ئۈمىد باغلىدىم . چۈنكى ئېغىلىمدىكى كالام تۇغاتتى . شۇنىڭ بىلەن << ھاللىق سەۋىيە >> گە يەتتىم .
بوينۇمغا شەرەپ گۈللىرى تاقىلاتتى . بەلكىم يېزا ئاڭلىتىش ئۆيىدە بىر نەچچە ئېغىز باي بۇلۇش يولۇمنى باشقىلارغا سۆزلەپ بېرەتتىم . بەلكىم شەھەرگە بېرىپ يىغىنغا قاتنىشىشىممۇ مۈمكىن . ئەمما مەن تۈنۈگۈن ھاشارغا بېرىپ ئىشلەپ كەلدىم . كىچىچە كىچىك ئوغلۇم دۈمبەمگە دەسسەپ يۈرۈپ ئاران بەل ئاغرىقىدىن << يەرلىك ئۇسۇل >> دا داۋالىنىپ قۇتۇلدۇم . دوختۇرغا بارسا پۇل جىق كېتىدۇ ئەمەسمۇ ؟ مېنى زاڭلىق قىلماڭلار ھە ، بىز سەھرا تومپايلىرى ھەر بىر تىيىن پۇلنىمۇ سىقىپ خەجلەيمىز ، چۈنكى بىزدە << ئۆلمەسلىكنىڭ دورىسى >> يوق . ئاڭلىسام مەن كىيگەن ئىشتاننى شەھەرلىك باقمىچىلار كالا بوردىغاندا كىيىدىكەن ، ئەمما بۇ مېنىڭ مىھمانلىق ئىشتىنىم . يەنە ئاڭلىسام شەھەرلىكلەر بالىلىرىغا كىچىك كىلىپ قالغان كىيىملىرىنى تاشلىۋېتىدىكەن ، ئەمما مانا چوڭ ئوغلۇم كىيگەن كىيىمنى كىچىك ئوغلۇم كىيىۋاتقىلى 2 يىل بولدى ..... ھوي نىمىلەرنى دەپ كەتتىم ؟ ھە راست ، مەن باي بولاي دەپ قالدىم . نىمىشقا دەمسىز ؟ بىرلا ئېغىز گەپ : سىياسەت << خو >> ......
ئېغىلدا بىر كالام بار ، ئۆيدە تۆت بالام ،
قاراڭ ، ئاۋۇ ئوتۇن يۈدىگەن مېنىڭ ئانام ....
مىسرانىم تورى ،ھازىر كۈندىلىك ئېقىم مىدارى ئۈچ يۈز مىڭدىن ھالقىغان مۇكەممەل توربەتكە ئايلاندى تور بېكىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى مىسرانىمنى قوللىغانلارنىڭ تۆھپىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ مىسرانىمدىن ھەرقانداق ئىجادىي تېما كۆچۈرسىڭىز ئاپتور بىلەن مەنبە ،ئۇلىنىش ئادىرسى قاتارلىقلارنى چوقۇم قوشۇپ مېڭىڭ مودا ناخشىلارنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز مىسرانىم تور بېكىتى مۇزىكا سەھىپىسىگە كىرىڭ مۇھەببەت لىرىكىلىرى مىسرانىمنىڭ ئۆزگىچە خاس بىر سەھىپىسى!مەن مىسرانىم تورىنى ياخشى كۆرىمەن مىسرانىم تور بېكىتى بەك ياخشى مىسرانىمنى گۈللەندۈرۈشكە تېرىشايلى بۇ تېما مىسرانىمدىن بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ كېلىندى. تېمىنىڭ ئەسلى كېلىش مەنبەسى مىسرانىم تورى تور ئادىرسى بۇ تېمىنى كۆچۈرۈپ ھەممە توربەتنىڭ خاسلىقىغا تەسىر يەتكۈزمەڭ . ئەگەر تېمىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز ئەسلى ھەقىقىي مەنبەنى ئەسكەرتكەن ھالدا ئىشلىتىڭ مىسرانىم تورىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن مەڭگۈ تېرىشايلى مەندە گۇناھ يوق ، ئانامنى تىللا ....
كىچىك چاغلىرىمدا بالىلار بىلەن دە-تالاش قىلىپ قالسام ھەر قانداق تىللىرىغا چىدىيالايتىم ، ئەمما << ئاناڭنى .....>> دىگەن سۆزى بىلەنلا ئۆزۈمنى يوقىتىپ قوياتتىم ، سەبىيلىكىم بىلەن ئانامنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن يۈز-كۆزۈمنى قان قىلاتتىم . مانا خېلى يىللارغىچە شۇنداق ياشاپ كەلدىم . ئەمما << يىگىت >> بولۇش بەك تەس ئىكەن . ئاخىرى چىدىماي چاپاننى تەتۈر كىيىپ شۇنداق دېدىم : << ئوغۇل بالا بولساڭ مېنى تىللىماي ئانامنى تىللا >> ، مانا شۇندىن بېرى ئاقكۆڭۈل ئانام ئۆيدە ئولتۇرۇپ ھارغىچە << تىل >> ئاڭلىدى . مەن تىلدىن قۇتۇلۇپ قالدىم . دىلىمدا شۇنداق بىر سېما ئەكىس ئېتىدۇ خالاس . ئېھ ، ئانىلار ! سىلەرگە نېمە ئېغىر كەلگەن ؟ سەھەرلەردە ھارام بولغان ئۇيقۇلار ، قوشنا-قۇلۇملارنىڭ تاپا-تەنىلىرى ، كىر-قات يۇيۇپ يېرىلغان قوللار ، بالا ئۈچۈن ئىزتىراپ بولغان كۆڭۈللەر ، كەلگۈسى ئۈچۈن ئاقارغان چاچلار ...... ، مەندە راستىنلا گۇناھ يوق . پەقەت ئاشۇ ئانىلارنىڭ گۇناھى بار . كىم ئۇلارنى توققۇز ئاي توققۇز كۈن قورساق كۆتۈرسۇن دەپتۇ ، كىم ئۇلارنى << بالام >> دەپ ئوت ئىچىگە كىرسۇن دەپتۇ ، كىم ئۇلارنى بىزگە بەخىت تىلىسۇن دەپتۇ ..... قىسقىسى كىم ئۇلارنى << ئانا >> بولسۇن دەپتۇ ....
ئانا ، چېچىڭنى سۈپۈرگە قىلغىن ،
بالا ، شۇ چاچتا كوچا سۈپۈرگىن ....
مىسرانىم تورى ،ھازىر كۈندىلىك ئېقىم مىدارى ئۈچ يۈز مىڭدىن ھالقىغان مۇكەممەل توربەتكە ئايلاندى تور بېكىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى مىسرانىمنى قوللىغانلارنىڭ تۆھپىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ مىسرانىمدىن ھەرقانداق ئىجادىي تېما كۆچۈرسىڭىز ئاپتور بىلەن مەنبە ،ئۇلىنىش ئادىرسى قاتارلىقلارنى چوقۇم قوشۇپ مېڭىڭ مودا ناخشىلارنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز مىسرانىم تور بېكىتى مۇزىكا سەھىپىسىگە كىرىڭ مۇھەببەت لىرىكىلىرى مىسرانىمنىڭ ئۆزگىچە خاس بىر سەھىپىسى!مەن مىسرانىم تورىنى ياخشى كۆرىمەن مىسرانىم تور بېكىتى بەك ياخشى مىسرانىمنى گۈللەندۈرۈشكە تېرىشايلى بۇ تېما مىسرانىمدىن بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ كېلىندى. تېمىنىڭ ئەسلى كېلىش مەنبەسى مىسرانىم تورى تور ئادىرسى بۇ تېمىنى كۆچۈرۈپ ھەممە توربەتنىڭ خاسلىقىغا تەسىر يەتكۈزمەڭ . ئەگەر تېمىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز ئەسلى ھەقىقىي مەنبەنى ئەسكەرتكەن ھالدا ئىشلىتىڭ مىسرانىم تورىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن مەڭگۈ تېرىشايلى يىللار ، مەندە ھەققىڭ بارمۇ ؟؟؟
<< ياشا >> دېدىڭ ، سۆلىتىم بىلەن ياشاۋاتىمەن ، << ئوينا >> دېدىڭ ، مانا ئويناۋاتىمەن . يەنە قانداق خىياللىرىڭ بار ؟ ھەممىنى ئورۇندايمەن . ئەمما مەندىن ساپا ، ۋىجدان ، غورۇر سورىما . مەن ساپارىمنى ئۆيۈمنىڭ تېمىغا ئېسىپ قويغان ، ۋىجدانىمنى ئىتقا تاشلاپ بەرگەن ، غورۇرۇمنى نايناقلارغا ئىئانە قىلىۋەتكەن . يەنە بەزىدە مەندىن سوراپ قالىسەن : << سەن بالا ئىدىڭ ، نىمە ئۈچۈن بالىلارچە ياش تۆكمەيسەن ؟>> دەپ . ئەجىبا سېنىڭ ماڭا ئاتا قىلغان << قورۇقلىرىڭغا >> ياش تۆكەمدىم ؟ ياكى << ھارام >> يېگەن تائاملىرىمغا ياش تۆكەمدىم ؟ ئاڭلا يىللار : مەن ناخشا-ئۇسۇل ماكانىدا ئىشتىنىم چۈشۈپ كەتكۈچە پىقىرايمەن ، ئاۋازىم پۈتۈپ قالغۇچە كاكىرايمەن ، ئەمما ياش تۆكمەيمەن ....
ئېيتە يىللار ، مەندە ھەققىڭ بارمۇ ؟ بالىلىقىمنى ئېلىپ كەتتىڭ ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە سەبىي ، پاك ، غۇبارسىز قەلبىمنىمۇ ئېلىپ كەتتىڭ . مېنىڭ تاتلىق بۆشۈكۈمنى ، يەنە ئانامغا ئەركىلەشلىرىمنى ئېلىپ كەتتىڭ . ئەمدى دادامنىڭ بوينىغا مىنەلمەيمەن ، ئەمدى << ئاق >> قەلىبلەر يوق . مەندە بارى : ھىيلە-مىكىر ، يالغانچىلىق ، ساختا خوشامەت ، يەنە پاسكىنىچىلىق ...... ھەي ، ئاسىي يىللار ، ئەمدى مەندە ھەققىڭ قالمىدى . خالىساڭ قەبرە تېشىمغا شۇنداق يېزىپ قوي : << بۇ بىر گەپ ئاڭلىمايدىغان بالا ئىدى >> دەپ .....
تۈن كېچە بىر بوۋاق يىغلىماق بولدى ،
يىغلىمىدى ، تۇنجۇقتى ، ئۆلدى .....
مىسرانىم تورى ،ھازىر كۈندىلىك ئېقىم مىدارى ئۈچ يۈز مىڭدىن ھالقىغان مۇكەممەل توربەتكە ئايلاندى تور بېكىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى مىسرانىمنى قوللىغانلارنىڭ تۆھپىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ مىسرانىمدىن ھەرقانداق ئىجادىي تېما كۆچۈرسىڭىز ئاپتور بىلەن مەنبە ،ئۇلىنىش ئادىرسى قاتارلىقلارنى چوقۇم قوشۇپ مېڭىڭ مودا ناخشىلارنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز مىسرانىم تور بېكىتى مۇزىكا سەھىپىسىگە كىرىڭ مۇھەببەت لىرىكىلىرى مىسرانىمنىڭ ئۆزگىچە خاس بىر سەھىپىسى!مەن مىسرانىم تورىنى ياخشى كۆرىمەن مىسرانىم تور بېكىتى بەك ياخشى مىسرانىمنى گۈللەندۈرۈشكە تېرىشايلى بۇ تېما مىسرانىمدىن بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ كېلىندى. تېمىنىڭ ئەسلى كېلىش مەنبەسى مىسرانىم تورى تور ئادىرسى بۇ تېمىنى كۆچۈرۈپ ھەممە توربەتنىڭ خاسلىقىغا تەسىر يەتكۈزمەڭ . ئەگەر تېمىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز ئەسلى ھەقىقىي مەنبەنى ئەسكەرتكەن ھالدا ئىشلىتىڭ مىسرانىم تورىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن مەڭگۈ تېرىشايلى ئويناڭ دەردى بار باللا !
ئوڭ پۇتۇمنى ئېلىپ ئەسىر بۇسۇغىسىدىن ئاتلىدىم << ياپ بىسمىللاھ >> ، ئىشلار ئوڭۇشلۇق كىتىپ بارىدۇ . تارىخ بىزنى ئوينىغىلى قويمىغان ئىدى . چۈنكى دەردىمىز جىق ئىدى . ئەمدى دەردى بار بالىلارنىڭ ئوينايدىغان زامانىسى كەلدى . دەردىڭ بولسا سېنى شۇ دەرتتىن خالاس قىلىدىغان كەيىپلەر بار ، ھوزۇرلىناي دىسەڭ ئاناڭنىڭ ئاپپاق چېچىدەك << ئاق تۈتۈن >> لەر بار، ئۆزۈمنى ئۇنتاي دىسەڭ بوۋاڭنىڭ نەسىھەتلىرى ئورنىنى باسالمايدىغان << زەمزەم >> لەر بار . دەردىڭ يىنىك بولسا << كىچىك تۈتۈنلەر >> بار ، ئەرلىكنى نامايان قىلاي دىسەڭ << سىڭىلچاق >> لار بار . باشقا نەرسە تەلەپ قىلساڭمۇ كەم ئەمەس ...... ھېي ، ئويناڭ دەردى بار باللا ! ياشلىق ئاتقان ئوق ، ياشلىقىڭدا ئوينىۋال . ئۆي-ئوچاقلىق بولغاندا توي-تۆكۈن جىق ، ھازىرقىدەك << ئەركىن >> بولالمايسەن . يەنە بالاڭ بولىدۇ ، شۇ بالىنى دەپ يىللارغا سېتىلىپ كېتىسەن . ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن مەندىن يامانلىما . ئوتتۇرا ياش ۋاختىڭدىمۇ ئوينىغىلى بولىدۇ . پەقەت << كۆڭۈل >> كۆتۈرسىلا ھېلىقى كەيىپلەر يېنىڭدا ھازىر بولىدۇ . تېخى سىڭىلچاقلار سەن ئۈچۈن << بالىچاق >> بولىدۇ . ئەجىبا دەردى يوقلارلا ئوينىسا بولامتى ، دەردىڭ بولسىمۇ ئوينا . شۇ دەرتلەر ئۇيۇن بىلەن غايىپ بولغۇسى . شۇ ئويۇنلار بىلەن << مىللەت >> تۆرەلگۈسى ، يەنە شۇ ئويۇنلار بىلەن << ئۇرغۇي >> ئارام تاپقۇسى ....... ھە ، ئويناڭ دەردى بار باللا ........
مەن ئوينايمەن ، سەن ئوينايسەن ، ئۇمۇ ئوينايدۇ ،
باشقا مىللەت كۆرەلمەيدۇ ، ئويۇندىن بىزنى كۈنلەيدۇ ....
مەنبەسى : بۇرۇن توربەتلەردىن ساقلىۋالغانلىرىم .
[ بۇ يازما tang-xamili تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]