ئۇلۇغ جۈمەدىن بېرى ئىچىمگە بىر ئوت كىرىۋالدى شۇڭا تورداشلار بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولۇپ بۇ ئىشلارنى تورغا يوللىدىم .
مېنىڭ بىر قىز ئوقۇغۇچۇم بار ئىدى ،(ئوقۇش پۇتۇرۇپ كەتكەن )جۈمە كۈنى بۇ قىز ئوقۇغۇچۇم ئۆيۈمگە كەلدى، كۆزلىرى ياشلانغان ھالدا كەپتۇ ،سورىسام قونۇپ قالغۇسى بارلىقىنى ئېيىتتى ،مەنمۇ ئارتۇق گەپ قىلماي قوشۇلدۇم .ئۇ قىز ئوقۇغاندا بەك ياخشى ئوقۇغاچقا ئامراق ئىدىم، بەك قۇلىقى يۇمشاق ،يۇزى تۆۋەن قىز ئىدى .
تاماقتىن كىيىن ئايرىم ئۆيگە ئەكىرىپ گەپ سورىدىم .قىزنىڭ ئېيتىشىچە ئانىسى ئىككى ئۆگەي ئۇكىسى بىلەن قىزنى ئۆگەي دادىسىغا تاشلاپ بېرىپ ئۈرۈمچىگە قېچىپ كېتىپتۇ .قىز بۇنى كېيىن بىلىپتۇ ،مەھەللىدىكىلەر قىزغا <ئانىڭىز پالانى بىلەن قېچىپ كەتتى >دەپ ھەممىنى ئاشكارىلاپ قويۇپتۇ .قىز قانداق قىلىشىنى بىلەلمەي مېنى ئىزدەپ كەپتۇ .مەن بىر ئۇستازى بولۇش سۈپىتىم بىلەن نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەي قالدىم .قىزنىڭ مېنى چوڭ كۆرۇپ ئىزدەپ كەلگەنلىگىدىن سۆيۈنسەممۇ يېنىمدا داۋاملىق ئېپ قالغۇدەك ئاساسىم يوق ئىدى .
قىز ئاخىرىدا ئۆگەي دادىسىنىڭ يېنىغا قايتىشقا جۈرئەت قىلالماي كەلگىنىنى دىگەن چاغدا ئاشۇ يېشى بىلەن قىلغان ئىشى ماس كەلمىگەن رەھىمسىز ئانىدىن شۇنداق نەپرەتلەندىم .بىچارە قىز !مىللىتىمىزدە ئەسلىدىن ئەخلاقلىق ھىساپلىنىدىغان ئاشۇ ئاياللىرىمىز ئىچىدە شۇنداق مەسئۇلىيەتسىز ئانىلارمۇ بار ئىكەن .
ئەگەر كۆپچىلىكنىڭ ئىچىدە مەسلىھەت بېرەلىگۈدەكلەر بولسا ماڭا مەسلىھەت بەرسەڭلا .ئازاپ ئىچىدە قالغان ئاشۇ ناتىۋان قۇتۇلۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس .
مىسرانىم تورى ،ھازىر كۈندىلىك ئېقىم مىدارى ئۈچ يۈز مىڭدىن ھالقىغان مۇكەممەل توربەتكە ئايلاندى تور بېكىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى مىسرانىمنى قوللىغانلارنىڭ تۆھپىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ مىسرانىمدىن ھەرقانداق ئىجادىي تېما كۆچۈرسىڭىز ئاپتور بىلەن مەنبە ،ئۇلىنىش ئادىرسى قاتارلىقلارنى چوقۇم قوشۇپ مېڭىڭ مودا ناخشىلارنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز مىسرانىم تور بېكىتى مۇزىكا سەھىپىسىگە كىرىڭ مۇھەببەت لىرىكىلىرى مىسرانىمنىڭ ئۆزگىچە خاس بىر سەھىپىسى!مەن مىسرانىم تورىنى ياخشى كۆرىمەن مىسرانىم تور بېكىتى بەك ياخشى مىسرانىمنى گۈللەندۈرۈشكە تېرىشايلى بۇ تېما مىسرانىمدىن بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ كېلىندى. تېمىنىڭ ئەسلى كېلىش مەنبەسى مىسرانىم تورى تور ئادىرسى بۇ تېمىنى كۆچۈرۈپ ھەممە توربەتنىڭ خاسلىقىغا تەسىر يەتكۈزمەڭ . ئەگەر تېمىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز ئەسلى ھەقىقىي مەنبەنى ئەسكەرتكەن ھالدا ئىشلىتىڭ مىسرانىم تورىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن مەڭگۈ تېرىشايلى مەنبەسى:
ئۆزۈم
[ بۇ يازما ARKU تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]