پەرىشتىنىڭ يۇرىكىدىكى داغ
ئاپتۇرى: سىرداشىم
ۋارىس قولىدىكى تەكرارلاش كىتاۋىنى ئاستا يېپىپ ، ياتاق تەرەپكە كىتىۋاتقان دىلنازنىڭ ئارقىسىدىن قاراپلا قالدى . ەەقىقى ئۇيغۇر گۈزەللىرىگە خاس بۇلاقتەك چوڭ-چوڭ كۆزلەر، ئاينى خىجىل قىلىدىغان ئەگىم قاشلار، نىپىز ئوتقاشتەك لەۋلەر ، شامالدا لەرزان يەلپۇنىۋاتقان ئۇزۇن چاچلار، ئىگىز ئەۋرىشىم قامەت ...ئاھ ئىنسان بالىسى دىگەنمۇ مۇشۇنداق گۈزەل بۇلامدۇ ھە ؟...مۇشۇنداق بىر پەرىنى ماڭا نىسپ قىلسا خۇدايىم ؟...ۋارىس ئاستا-ئاستا يىراقلاۋاتقان دىلنازنىڭ سىماسىغا قاراپ، ئۆزىنىڭ خىياللىرىدىن ئۆزى خىجىل بولغاندەك، ئوتتەك قىزىپ كەتكەن يۈزىنى ئاستا سىلاپ قويدى . ئۇ بۇ قىزنى پات-پات ياتاق بىناسى ئالدىدا ئۇچرىتىپ قالاتتى، ھەر قانداق ئادەمگە ئىللىق تەبەسسۇم بىلەن جاۋاپ بىرىدىغان بۇ قىزدىن ئۇ ھېچقانداق بىر ئەيپ نوقساننى تاپالمايتتى . ئەتراپتىكى تىكىلگەن نۇرغۇن كۆزلەر ئىچىدە ئۇنىڭ كۆزلىرىمۇ بۇ قىزغا ەەۋەس بىلەن يۇشۇرۇن قارايتتى. ئارىدىن 2 كۈن ئۆتمەي مەكتەپ ئۆتكۈزگەن كۈڭۈل ئېچىش پائالىيىتىدە ۋارس بۇ قىزنى يەنە بىر قېتىم ئۇچراتتى. سەھنىدە ئەدىبىيات كەسپىدە ئۇقۇيدىغان دىلناز كۈڭۈل ئېچىش پائالىيىتىگە رىياسەتچىلىك قىلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ تىتىك، يېقىملىق ئاۋازى، پىشقان رىياسەتچىلەردەك تالانتى تۇۋەندە ئولتۇرغان بارلىق ئۇقۇغۇچىلارنى ھەيران قالدۇراتتى، زال ئىچىدە ھەممە سۈيۈنۈش ئىچىدە ئۇنىڭ گۇزەللىكىگە، تىرىشچانلىقىغا، تالانتىغا قول قوياتتى. ۋارس شۇ تاپ دىلنازغا قاراپ ئاجايىپ ھىس تۇيغۇلارغا چۈكۈشكە باشلىدى. ئۆزىدە بۇرۇن ھېچقاچان بولمىغان بىر خىل سىزىمنىڭ پۇتۇن بەدەنلىرىگە تارىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدى. ئۇ نىمىشقىدۇر ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا دىلنازنىڭ ئاۋازىغىلا مەپتۇن بولۇپ، ئارىلىقتا ئېيتىلىۋاتقان مۇڭلۇق ناخشىلارغا، لەرزان ئۇسۇللارغا قىلچىمۇ دىققەت قىلمىدى. زال ئىچىدىكى قىزغىن پاراڭلار، جاراڭلىق كۈلكىلەر، چاۋاكلار ئۇنىڭ قۇلىقىغا كىرمەيتتى.
-ھەي ئاشىق...
ۋارىس قۇلاق تۈۋىدىكى بۇ ئاۋازدىن چۇچۇپ كەتتى. يېنىدا ئۇنىڭ يۇرتداش دوستى ، ساۋاقدىشى مۇرادىل كۇلۇپ تۇراتتى.
- ئاغىنە، دىلناز قىزغا قاراپ قېتىپلا قاپسەنغۇ ؟ سەنمۇ ئۇنىڭغا ئاشىقمۇ نىمە ؟...بىلەمسەن. ئۇ دىگەنچۇ مەكتەپتىكى بىر نۇرلۇق چولپان، ئۇنى مەكتەپتىكى نى –نى يىگىتلەر قولىنى ھەر قانچە سۇزۇپمۇ ئۈزىۋالالمىغان ، سەن ئاخماق بولما جۇمۇ...
ۋارس بىر پاكولتىتتا ئۇقۇيدىغان خوشچاقچاق ، يۇمۇرلۇق بۇ دوستىغا ھەيرانلىق نەزىرى بىلەن تىكىلدى.
-نىمە؟ سەن ئۇنىڭ ئىشلىرىنى قانداق بىلىسەن؟ يا ئۇ بىزنىڭ فاكولتىتتا بولمىسا؟...
-بىزنى كىم چاغلاپ قالغان ئاغىنە، مەكتەپتىكى گۈزەل قىزلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئارخىپى بار جۇمۇ بىزدە.
ۋارىس مۇرادىلنىڭ سۆزلىرىدىن بىر نەرسىنى قىزغانغاندەك تۇرۇپلا قالدى. تىرىشچان، ھەممە ئىشتا ئېپى بار، شەھەر تۇرمۇشىغا سىڭىپلا كەتكەن بۇ دوستىنىڭ كۆزىگە مىختەك تىكىلدى.
-قارىغاندا سەنمۇ ئۇ قىزنى خۇپىيانە ياخشى كۆرىۋاتقانلارنىڭ بىرسىمۇ نىمە؟ مىنىڭ ھالىمغا يىتەر بولساڭ ، سەن ئۇنداق خىياللاردا بولما جۇمۇ...
-تۆۋە دىگىنە، مەنچۇ ئۇ قىزنى ياخشى كۆرەي دىسەممۇ ياخشى كۆرۇشكە پېتىنالمايمەن. سەنمۇ ھەم شۇنداق. بىز دىگەن كىم؟ ئۇ دىگەن كىم؟ بىزدەك جەنۇبى شىنجاڭنىڭ بىر يېزىسىدىن كەلگەن يالاڭتۆشلەرگە ئۇ پەرشتە قانداقمۇ نىسىپ بولسۇن؟ بىلەمسەن ئاغىنە، ئۇ دىگەن گۈزەللىكتە تەڭداشسىز بۇلۇش بىلەن بىرگە ئىزچىل ئەدىبىيات فا كولتىتى بويىچە بىرىنچىلىكنى قولدىن بەرمەي ئۇقۇۋاتقان قىز، ئۇنىڭ ئۇستىگە ئۇ بىر نازىرنىڭ يالغۇز ئەتىۋارلىق قىزىمىش. مەكتىۋىمىزدە مۇشۇ شەھەرنىڭ نى-نى قاملاشقان يىگىتلىرى بۇ قىزنىڭ پىراقىدا شامدەك كۆيۇپ ۋىسالىغا ئىرىشەلمىگەن يەردە بىزدەك سەھرالىقلارغا كۆيۇشنى نەدە قويۇپتۇ، سىنىڭمۇ دوستۇم، ئاۋۇ كۆيگەن يۈرۈگۈڭ مۇشۇ يەردىلا سۇۋۇپ قالسۇن.
ۋارس مۇرادىلنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ يىنىكككىنە بىرنى تىندى. لېكىن <نازىرنىڭ قىزى، شەھەرلىك نى-نى يىگىتلەر، سەھرالىق...> دىگەندەك سۆزلەر ئۇنى جىمىتىپلا قويدى. ئۇ مۇرادىل بىلەن خوشلۇشۇپ ، سەھنىدە ئۇماق تەبەسسۇم بىلەن رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان دىلنازغا مۇھەببەت ھەم ھېيقىش ئارلىشىپ كەتكەن بىر خىل ھىسياتتا ئاستا قاراپ قويۇپ، زال سىرتىغا چىقتى.
ئۇ ياتاق بىناسى تەرەپكە قاراپ ماڭدى. لېكىن نىمىشقىدۇر قەدەملىرىنىڭ ناھايىتى ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى، قانداقتۇر بىر خىل ئوتنىڭ يۇرىكىنى كۆيدۇرۇش بىلەن بىرگە، تاشتەك ئېغىر بېسىمنىڭ يەلكىسىنى بېسىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدى. -توۋا ،- دەپ پىچىرىلىدى ئۇ ئۆزىگە،-ئەجەپ سىنىپتا نۇرغۇن قىزلار تۇرسا، مەكتەپتە بىر يۇرتلۇق، بىر مەھەللىلىك قىزلار تۇرسا ، نىمانداق ماۋۇ ساراڭ كۆڭلۇم شۇ قىزنىلا ئويلايدۇ؟ نىمە دەپ شۇ قىزغىلا ئىنتىلىدۇ؟ بۇگۇن تەلىيىم كىلىپ بۇ قىزنىڭ ئەھۋالىنى بىلدىم. ئەگەر ئايغا تاش ئېتىپ ، بۇ قىزغا كۆڭلۈمنى ئىزھار قىلغان بولسام نىمە سەتچىلىكلەر كۆرۇلەر ئىدى ھە ؟<ماۋۇ سەھرالىق تومپاينىڭ ھالىغا باقماي گىپىنى قارا، كۆڭلىنى قارا> دەپ مازاق قىلىپ كۇلۇپ كىتەر بولغىيتتى . ئۇھ ، مۇرادىل ئاغىنەمگە مىڭ مەرتىۋە رەخمەت...،-ۋارىس خۇددى ئېغىر بىر يۇكتىن قۇتۇلغاندەك بېشىنى چايقاپ قويدى. لېكىن قەدىمى ياتاق تەرەپكە كىتىۋاتسىمۇ نىمىشقىدۇر كۆڭلۇنىڭ بىر يەرلىرى يەنىلا زال ئىچىدىكى رىياسەتچى قىزغا تەلپۇنەتتى.
ئالى مەكتەپنىڭ ئالدىنقى 3 يىلىدا ئىزچىل سىنىپ بويىچە < 3تەياخشى> بۇلۇپ ئۇقۇۋاتقان ۋارىسنىڭ دەرس ۋاقتىدىكى ئاكتىپ ھالىتىدە ئۆزگۇرۇش بولۇشقا باشلىدى. بەزى-بەزىدە دەرسكە كىچىكىپ قالىدىغان، ئۇقۇتقۇچىلىرىنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاپ بىرەلمەيدىغان، ماتىرىيال كۆرىۋېتىپ، ئۇگۇنۇش قىلىۋېتىپ ئۇزۇن-ئۇزۇن خىيال دەرياسىغا غەرق بولۇپ كىتىدىغان بولۇپ قالدى. جۇشقۇن، تىتىك كەيپىياتىنىڭ ئورنىنى سۇلغۇن چىراي، ئويچانلىق ئىگەللىدى. ئۇ دىلنازنى غايىۋانە ياخشى كۆرۇپ قالغاندىن بۇيان بۇ كۇيۇكتىن ئەسلا قۇتۇلالمىدى. بۇنىڭ تۇلىمۇ بىمەنىلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرسىمۇ كۆڭلى يەنىلا شۇ قىزنى سېغىناتتى، كۆز ئالدىدا ھەر ۋاقىت شۇ قىزنىڭ سىماسى جىلۋە قىلاتتى.
ۋارىسنىڭ بۇ ھالىتىگە مۇرادىلدىن باشقا ساۋاقداشلىرىنىڭ ھەممىسى ھەيران ئىدى. بۇنداق تىرىشچان يىگىتنىڭ تۇرۇپلا ئۆزگۇرۇپ كىتىشى ئۇلار ئارىسىدا قىزىق نوقتا بۇلۇپ، دائىملىق پاراڭ تىمىسىغا ئايلىنىپ قالدى.
بۇگۇنكى مۇئەللىمنىڭ يۇمۇرىستىك دەرس نۇتۇقلىرىمۇ، قىزىق ئەمىلى تەجرىبىلىرىمۇ ۋارىسقا خوشياقمىدى. ئۇ كەچلىك تەكراردىن شۇنچە ھارغىن چۇشتى. ساۋاقداشلىرىن ئايرىلىپ كونا جايغا، دىلناز قىز ياتاققا ماڭىدىغان يول بويىدىكى گۇللۇككە كىلىپ ئولتۇردى. ئۇ بۇگۇنمۇ دىلنازنى يەنە بىر ئۇچراتسامكەن، ئۇنىڭ ئىللىق تەبەسسۇم چىرايىنى يەنە بىر كۆرسەمكەن، ۋۇجۇدۇمدىكى سېغىنىش ئوتىنى بىردەم بولسىمۇ ئۇچۇرسەمكەن دىگەن ئۇمۇتتە ئىدى. ئۇ دىلنازنى مۇشۇ يەردە تۇنجى ئۇچراتقان شۇ كۇندىن باشلاپ، بۇ گۇللۇككە قانچە قېتىم كەلگىنىنى ، قانچە سائەت ئولتۇرغۇنىنى، دىلناز قىزنى يۇشۇرۇن نەچچە يۇز قېتىم كۆزەتكىنىنى ساناپ بىرەلمەيتتى. ئارىدىن يېرىم يىلدەك ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۇ مەڭگۇ ئەمەلگە ئاشمايدىغان بۇ رىئاللىقنىڭ شىرىن چۇشلىرىدىن تېخى قۇتۇلۇپ بۇلالمىغان ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ پەقەت بىر يۇشۇرۇن كۆيىۋاتقان ئوت ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. بۇ ئوتنى دىلنازغا كۆرسۇتۇشكە، تۇتاشتۇرۇشقا ئۇنىڭدا قىلچىلىك جۇرئەت يوق ئىدى. ئۆزىدەك نامرات دىھقان بالىسىنىڭ بۇنداق يۇقىرى مەرتىۋىلىك قىزغا كۇڭۇل ئىزھار قىلىش بىر كۇلكۇلۇك ئىش ئەمەسمۇ؟ بۇ قىز ئۇنىڭ تەلىۋىمنى قۇبۇل قىلدىمۇ دەيلى، لېكىن كىيىنكى تۇرمۇش قانداق بولىدۇ؟ بۇنىڭغا بۇ قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى قانداق قارايدۇ؟ ئوغلىنى يىمەي-ئىچمەي مىڭبىر جاپادا ئۇقۇتىۋاتقان ئاتا-ئانىسى بۇ ئەھۋالنى ئۇقسا نىمە بۇلۇپ كىتىدۇ؟...بۇ ئەمىلىيەتتىمۇ مۇمكىن بولمايدىغان ئىشقۇ؟...ۋارىس ئېغىر بىر تىنىپ، ھەممە غەملەردىن بىراقلا قۇتۇلماقچى بولغاندەك كۆزلىرىنى چىڭ يۇمۇپ، ئىككى ئالقىنىنى يۇزىگە ياقتى. ئۆزىنى شۇ قەدەر بىچارە، شۇ قەدەر ئاجىز ھىس قىلدى...ئۇ بىر ھازا سۇكۇت ئىچىدە تۇرغاندىن كىيىن، كۆزىنى ئېچىپ يۇلتۇزلۇق ئاسمانغا قارىدى. ئۇ شۇتاپ كۆكتىن ئۆزىنىڭ يۇلتۇزىنى ئىزدەۋاتاتتى، ئالاھىدە نۇر چاقنىتىپ تۇرغان چولپان يۇلتۇزنىڭ ئۆزىنىڭ يۇلتۇزى بۇلۇپ قېلىشىنى تىلەۋاتاتتى. ئۇ بىر ھازا يۇلتۇزىنى ئىزدەپ ھارغاندىن كىيىن، ئاستا كۆزىنى يەنە دىلناز قىزنىڭ ياتاق بىناسى تەرەپكە ئاغدۇردى. ئۇنىڭ چىرايى تېخىمۇ سۇلغۇن بۇلۇپ، كۆز جىيەكلىرى قىزىرىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ تۇيۇقسىز گۇللۇك تەرەپكە قاراپ كىلىۋاتقان تۇنۇش چىرايغا قاراپ تۇرۇپلا قالدى. دىلناز قولىدا ماتىرىيال تۇتقان ھالدا شۇنچە سالماق قەدەم بىلەن ۋارس تەرەپكە قاراپ كىلىۋاتاتتى. ۋارىسنىڭ يۇرىكى ئەنسىز سۇقۇپ كەتتى. دىلناز قىز خۇددى ئاستا كىلىپ، ئۇماق لەۋلىرى بىلەن ئۇنىڭغا مۇھەببەت ئىزھارقىلىدىغاندەك، چىرايلىق يۇمران قوللىرى بىلەن ئۇنىڭ سۇلغۇن چىرايىنى مىھىر بىلەن سىلايدىغاندەك ، ئاپئاق قولياغلىقى بىلەن ئۇنىڭ كۆز ياشلىرىنى سۇرتىدىغاندەك بىلىنىپ كەتتى. ئۇ جىددىلىكىنى پەسەيتمەكچى بولغاندەك دەرھاللا كىتاۋىنى ئېچىپ ئۇقۇغان قىياپەتكە كىرىۋالدى. لېكىن كۆزى ھېچنەرسىنى كۆرمەيتتى. پۇتۇن دىققىتى دىلناز قىزنىڭ ئاياق تىۋىشىدا ئىدى. دىلناز قىزنىڭ ئاياق تىۋىشى شۇنچىلىك يىنىك، شۇنچىلىك رىتىملىق بۇلۇپ، ئۇنىڭغا بارغانسىرى يېقىنلىشىۋاتاتتى...
-كەلدىڭىزما؟- يان تەرەپتىكى گۇللۇكتە ئولتۇرغان بىر يىگىت تىزلا گۇلنازنىڭ ئالدىغا كەلدى،- مەن تېخى سىزنى چىقمامدىكىن دەپتىمەن، بۇگۇن كۆڭلۇمنى يەردە قويمىدىڭىز ، سىزگە رەخمەت جۇمۇ. قېنى بۇياققا كىلىپ ئولتۇرۇڭ.....
ۋارىس تا ھازىرغىچە گۇلنازنى بىرەر يىگىت بىلەن كۆرۇپ باقمىغان ئىدى. ئۇنى دائىم چىرايلىق قىزلار ئارىسدا ئۇگۇنۇش بىلەنلا مەشغۇل ھالەتتە كۆرەتتى. بۇگۇنكى بۇ مەنزىرىدىن ۋارىسنىڭ يۇرىكى ئېغىزىغا كەپلىشىپلا قالدى. ۋۇجۇدىدا رەشىك ئوتى يالقۇنجاپ كۆيۇپ، يۇرۇكىنى بىئارام قىلىۋەتتى. بۇ قىزنىڭ گۇزەل ئوبرازى، جىسمى ھەم پۇتۇن كەلگۇسى پەقەت ۋارىسقا تەئەللۇقتەكلا غەزەپتىن تىترەپ كەتتى. ئۇ گەرچە ئورنىدىن تۇرۇپلا كىتىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، قانداقتۇر بىر خىل قىزىقىش ھەم غەزەپ ھىسياتى يان تەرەپتىكى ئۇرۇندۇقتا ئولتۇرغان گۇلناز بىلەن ھېلىقى يىگىتنىڭ پاراڭلىرىنى ئاڭلاشقا مەجبۇرلىۋاتاتتى. ئۇ ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا خۇددى كىنولاردىكى شىپىيۇنلاردەك ئاستا بۇ ئىككى گەۋدىگە يېقىنلاپ، سۇس چىراق نۇرىدا كىتاپ كۆرىۋاتقان قىياپەتتە ئۇلارنىڭ پارىڭىغا قۇلاق سالدى.
-چاقىرتىپتىكەنسىز ئەكرەم.
-شۇنداق، مەقسىتىمنى دىمىسەممۇ بىلىسىزغۇ، مەن سىزنىڭ ئوتىڭىزدا ساراڭ بۇلاي دىدىم، مىنى بۇنداق قىينىماڭ، مەن بۇ دۇنيادا بىرەر قىزنى سىزنى ياخشى كۆرگەندەك كۆرۇپ باقمىغان، ھەم بۇنداق يىلىنىپ باقمىغان. بۇ قېتىملىق تەلىپىمنىڭ سىز ئۇچۇن نەچچىنچى قېتىملىق تەلەپ ئىكەنلىكىنى ئۆزەممۇ بىلمەيمەن، سىز ئۇدا مىنىڭ كۆڭلۇمنى رەت قىلىپ كەلدىڭىز، مىنى قانچە رەت قىلغانسىرىڭىز ، مەندىن قانچە قاچقانسىرىڭىز مەن سىزگە شۇنچە ئاشىق بۇلۇپ قالدىم، تۇرغان ، ماڭغان تۇرقۇم خۇددى ئۆزەمنىڭ ئەمەستەكلا...مىنىڭ بۇ كۆڭلۇمنى قاچانمۇ چۇشۇنەرسىز؟؟؟
- بولدى ئەكرەم، سۆزلىمەڭ. مەن بۇگۇن ئەدەپ يۇزىسىدىن، سىزنىڭ ھىسياتىڭىزغا ھۆرمەت قىلغانلىقىم ئۇچۇن بۇ يەرگە چىقتىم. لېكىن مەن سىزگە يەنىلا <ياق> دىگەن جاۋاپنىلا بىرەلەيمەن. مەن سىزگە نۇرغۇن قېتىم دىدىم: ھەر قانداق ئادەمنىڭ مۇئەييەن نىشان، ئارزۇسى بولىدۇ. مۇنىڭ بىردىنبىر نىشانىم ياخشى ئۇقۇش ، مەكتەپنى ئەڭ ياخشى نەتىجە بىلەن پۇتتۇرۇش. مەن ھازىرغىچە مۇھەببەت توغرسىدا ئويلانمىدىم ھەم ئويلانمايمەن. ھەم سىزگە نىسپتەن قىلچىلىك مۇھەببەت تۇيغۇلىرىدا، سۇيۇلۇش تۇيغۇلىرىدا بولۇپ باقمىدىم. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى مىنى ئۇنتۇپ كىتىڭ.
- ياق، ياق...مەن ئۇنتۇپ كىتەلمەيمەن، سىزنى كىم بۇنداق گۇزەل، لاتاپەتلىك بولسۇن، بۇنداق ئەقىللىق، خۇشخۇي بولسۇن دەپتىكەن؟ سىز ماڭا يۇلۇقمىغان بولسىڭىز، مىنىڭ قەلب قەسىرىمگە بۇسۇپ كىرمىگەن بولسىڭىز مەن بۇنداق كۇنگە قالمايتتىم. سىز مىنى ساراڭ قىلىپ قويدىڭىز.
- ئەكرەم، ئويلۇنۇپ باقتىڭىزمۇ؟ سىز ئۆزىڭىزياخشى كۆرمەيدىغان ، قىزىقمايدىغان بىرسىگە كۆڭلىڭىزنى بىرەلەمسىز؟ ئۇنى باغرىڭىزغا باسالامسىز؟...كۇڭۇل دىگەننى مەجبۇرلاپ تاڭغىلى بولمايدۇ، ئۇنداق بولمايدىكەن ئۇنىڭ ئاقىۋىتى تىراگىدىيە بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. شۇڭا بۇندىن كىيىن مىنى ئىزدىمەڭ، مىنىڭ ياتىقىمغا تېلىفۇن قىلماڭ، سىنىپنىڭ دەرىزىسىدىن قالايمىقان قارىماڭ، مەكتەپ ئىچىدە مىنىڭ ئالدىمنى قالايمىقان توسماڭ...ئەگەر سىز بۇنداق قىلىۋەرسىڭىز مىنىڭ مەكتەپتىكى ئوبرازىمغا يامان تەسىر بىرىپ قويىسىز، سىز مىنىڭ شاللاق قىز نامىنى ئېلىپ قېلىشىمنى خالىمايدىغانسىز؟؟؟
- قاراڭ دىلناز، مەن سىزگە ھەر ۋاقىت ناھايىتى سەمىمىلىك بىلەن، يىلىنىپ تۇرۇپ كۆڭلۇمنى ئىزھار قىلىپ كەلدىم. مەن ھېچقاچان بىر قىزنىڭ ئالدىدا بۇنداق كۇنگە قالمىغان، مىنىڭ قانداق ئەكرەم ئىكەنلىكىمنى ئوبدان بىلىسىزغۇ؟..شۇڭا ئوبدان ئويلۇنۇپ بېقىڭ، مەن سىزنىڭ <ياق> دىگەن جاۋابىڭىز كېرەك ئەمەس. لۇكچەك قىياپىتىم ئاشكارىلىنشتىن بۇرۇن تەلىۋىمگە ئۆز ئىززىتىڭىز بىلەن ماقۇل دەۋېلىڭ...
- نىمە؟...ماڭا پوپوزا قىلىۋاتماسىز، مەن بۇ يەرگە سىزنى ئادەم قاتارىدا كۆرۇپ چىقتىم. مىنى ئۇنداق باشقا قىزلارغا ئوخشاتماڭ،مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئوغلى بولسىڭىز نىمە بوپتۇ؟ ...بىلىپ قۇيۇڭ، مەن بۇ مەكتەپكە ئۆزەمنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئۇقۇشقا كىرگەن، ھەم مەكتەپ تەلىۋى بويىچە ئەڭ ياخشى نەتىجە بىلەن ئۇقۇپ كىلىۋاتىمەن. مەن پەقەت سىزنى ياخشى كۆرمىگەنلىكىم، سىزگە قىلچىلىك قىزىقمىغانلىقىم ئۇچۇن <ياق> دىدىم. ئەگەر ماڭا باشقىچە نىيەتتە بولىدىغان بولسىڭىز مەكتەپ رەھبەرلىكىگە ، دادىڭىزغا دوكلات قىلىمەن.
ۋارىس كىتاپتىكى ئىمىر-چىمىر خەتلەرگە تىكىلگىنىچە ئويلۇنۇپ قالدى. بۇ ھېلىقى تەنتەربىيە فاكولتىتىدا ئۇقۇيدىغان، ھەر ۋاقىت مەكتەپنى بېشىغا كىيىپ يۇرىدىغان ، مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئوغلى ، جىدەلخور ئەكرەم قوپالغۇ، بۇ ئەبلەخمۇ دىلنازنىڭ پېيىدە يۇرۇپتىكەندە، شۇنچە مەمەدان، ھېچقانداق ئۇقۇتقۇچى-ئۇقۇغۇچىنى كۆزگە ئىلمايدىغان گۇينىڭمۇ قىزلارغا يىلىنىدىغان ۋاقىتلىرى بولىدىكەن ھە، مۇھەببەتنىڭ شاھنىمۇ گاداي قىلىۋېتىدىغانلىقى راس ئوخشىمامدۇ؟ لېكىن دىلناز ئەجەپ قورقمىدا بۇ قۇپالدىن؟ شۇنداق زەردىلىك گەپلەرنى قىلىۋاتىدۇ؟ بۇ ئەبلەغ دىلنازغايامانلىق قىلمىسىلا بولاتتىغۇ؟...ئۇ ئۆز-ئۆزىگە سۇئال قويغاچ يەنىلا پاراڭغا قۇلاق سېلىشقا باشلىدى.
- دوكلات قىلىمەن. قېنى دوكلات قىلىڭ، بولسا ھازىرلا دوكلات قىلىڭ، ئەكرەم مىنى ياخشى كۆرۇپ قاپتۇ، ماڭا كۇيۇپ قاپتۇ، مىنىڭ دەردىمدە ئېلىشىپ قاپتۇ دەپ دوكلات قىلامسىز؟ مەن سىزگە شۇنى دەپ قوياي دىلناز، مەن بۇ مەكتەپتە ئۆزەم ئىرىشەلمىگەن نەرسىنى ھېچقانداق ئادەمگە ئىرىشتۇرمەيمەن. مەن سىزنى ئۇقۇش پۇتتۇرگۇچە بۇ مەكتەپ دەرۋازىسى ئىچىدە بىرەر يىگىت بىلەن ئۇچرىتىپ قالماي ھە؟!
- خاتىرجەم بولۇڭ، مەن سىزگە دىدىمغۇ: مىنىڭ خىيالىمدا پەقەت ئۇقۇشلا بار، بەلكىم ئۇقۇش پۇتتۇرگەندىن كىيىنمۇ ئاسپىرانت، دوكتۇرلۇقنى پۇتتۇرگۇچە بىرەر يىگىت بىلەن ئارلىشىپ قالماسلىقىم مۇمكىن...
- كۆرىمىزغۇ...
- بولدى ئەكرەم، تەگەشمەيلى، ياتاقنى تاقايدىغان ۋاقىتمۇ بولۇپ قاپتۇ. مەن سىز بىلەن يەنىلا ياخشى دوست بۇلۇپ، ئۆز-ئارا ھۆرمەتلىشىپ ئۇتۇشنى ئۇمۇت قىلىمەن. مىنى تەڭلىكتە قويماڭ، تەڭرىم سىزدەك قاملاشقان يىگىتكە مەندىنمۇ ياخشى قىزنى ئاتا قىلىدۇ . مەن قايتاي.
- بوپتۇ، قايتىپ كىتىڭ. لېكىن مىنىڭ كۆڭلۇمنى يەرگە ئۇرغۇنىڭىزنى، غۇرۇرۇمنى دەپسەندە قىلغىنىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ. بىلىپ قويۇڭ، مەن بېشىمغا ئېلىپ كۆتۇرگەن قىزلارنى يەنە يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىشنى بىلىمەن جۇمۇ...
دىلناز ئەكرەمنىڭ سۆزىگە جاۋاپمۇ بەرمەي سۇكۇت ئىچىدە ئورنىدىن قوزغالدى. ئۇ ۋارىسنىڭ ئالدىدىن ئېغىر <ئۇھ> تارتىپ ئۇتۇپ، ياتاق بىناسى تەرەپكە قاراپ ئاستا قەدەملەر بىلەن يۇرۇپ كەتتى. ۋارىس بىردەم دىلنازغا، بىردەم كۇچەپ تاماك چىكىۋاتقان ئەكرەمگە يۇشۇرۇن قاراپ ئېغىر سۇكۇتكە چۆمدى. دىلنازنىڭ ھەقىقى ئىسىمى-جىسمىغا لايىق گۇزەل ئوبرازى ئۇنىڭ قەلبىدە تېخىمۇ يۇكسەكلىككە كۆتىرىلىۋاتاتتى. مۇشۇ ياشتىمۇ ئۆزىنى تۇتىۋېلىپ ، پۇتۇن دىققىتىنى ئۇقۇشقا ئاتىۋەتكەن قىزنى ئۇچرىتىش تەس بۇلىۋاتقان بۇگۇنكى كۇندە، ۋارىس ھەقىقەتەن بىر ئۇلۇغ پەرىشتىنى ياخشى كۆرگەنلىكىدىن سۇيۇنۇپ كەتتى. ئۇنىڭ بايامقى رەشىك ئوتلىرىمۇ ئاللىقاياقلارغا ئۇچۇپ كەتكەن بۇلۇپ، دىلنازنىڭ بارلىق سۆزلىرى ئۇنىڭغا < ئەكرەم، مەن سىزنى ياخشى كۆرمەيمەن، مىنىڭ لايىقىم بار، مەن پەقەت ۋارىسنىلا ياخشى كۆرىمەن، ۋارىستىنلا بارلىق بەختىمنى تاپىمەن....> دىگەندەك بىلىنىپ كەتتى. لېكىن بۇنىڭ ھەممىسى شىرىن چۇش ئىدى. ئەكرەمدەك مەكتەپ مۇدىرىنىڭ سۆلەتۋاز، بايۋەچچە ئوغلىنى رەت قىلغان دىلناز قانداقمۇ ۋارىسنىڭ ساددا مۇھەببىتىنى قۇبۇل قىلالىسۇن....
_______________________________________ داۋامى ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ.[ بۇ يازما Jidelhor تەرپىدىن 2010-08-09 06:04 PM دە ]