مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى
ئالدىنقى تىماكىيىنكى تىما
مەزكۇر يازما 43 قېتىم كۆرۈلدى
تىما : ئەدەبىيات نەزىريىسى ۋە تىنىش بەلگىلەرنىڭ رولى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

دەرىجىسى: يېڭى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 3333
  جىنسى: خانىم
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە2دانە
ئۆسۈش: 0.67%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 2
  ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 453 سوم
  تۆھپىسى: -2 كىشى
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  ۋاقتى: 13(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-07-04
  كىرىشى: 2010-07-05

0

 ئەدەبىيات نەزىريىسى ۋە تىنىش بەلگىلەرنىڭ رولى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات



باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى: بۇ تېمىنى Tughrul مىسرانىم تور ئەسەرلىرى دىن بۇ يەرگە يۆتكەپ ئەكەلدى (2010-07-04)
     تور بىتىمىزدە ئىملا ھەققىدە نۈرغۇن تەۋىسىيەلەر ۋە بۇ ھەققىتىكى بىلىملەر تۇختىماي تەكىتلىنىپ كېلىۋاتىدۇ. بەزى تورداشلىرىمىز بۇنىڭغا نىسپەتەن ئالاھىدە ئىتىبار بىلەن قاراۋاتىدۇ، ئەمما يەنە بەزى تورداشلار قۇرۇق ئاۋاز قوشۇپ قويۇش بىلەن چەكلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. شۇنداقتىمۇ مەن يەنە ئىملا ھەققىدىلا ئەمەس ئەدەبىيات نەزىريىسى ۋە بەزى گرامماتىكا بىلىملىرى ئۇستىدە يەنە تۇختىلىشنى مۇۋاپىق كۆردۇم.   Vh>Z,()>>@  
     قەدىردان قىرىنداشلىرىم، ئۆزىمىزنىڭ ئانا تىلىمىزنىڭ مۇكەممەللىكى مەتبۇئات ۋە مۇنبەردە ئۇنى-بۇنى يېزىپ كۆڭلىدىكىنى ئىپادىلەپ، ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن ئەجىر قىلۋاتقان بىزدەك كىشىلەرنىڭ قولى، ئەقلى تەپەككۇر ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن ئېلىپ ئىيتقاندا يازمىڭىز قانچىلىك ياخشى بولسىمۇ ئەمما ئىملا، ئەدەبىيات ۋە گرامماتىكا جەھەتتىكى نۇرغۇن نوقسانلار سەۋەبىدىن ئادەمنى زادىلا جەلىپ قىلالمايدۇ. شۇڭا يەنە دەيدىغىنىمىز ئانا تىلىمىزنىڭ جېنى ئىملا، ئەدەبىيات ۋە گرامماتىكا قائىدىلىرى. شۇڭا بۇ نوقتىلارغا ئالاھىدە ئىتىبار بىلەن قارايلى.   OtFh,}E  
VK@!lJ u!  
Cu6%h>@K$  
e{Z &d  
بۆلەك ۋە ئابزاس ھەققىدە
YuB+k^  
    ھەر قانداق بىر ئەسەر يەنى ماقالە ۋە پۇرۇزا ئەسەرلىرى بۆلەكتىن تۇزۇلىدۇ، بۆلەكلەر ئابزاستىن تۇزۇلىدۇ، يەنى ھەر بىر بۆلەك بىرنەچچە ئابزاستىن تەشكىل تاپقان بولىدۇ.     tBpC: SG  
O$4yAaD X  
qW b+r  
بۆلەك
X.:]=,aGW  
k1Q ?'<`  
L@fY$Rw  
        بۆلەك_ ئەدەبىي ئەسەرلەردە يەنى ماقالە ۋە پۇرۇزا ئەسەرلىرىدە بىر قەدەر كەڭ مەزمۇننى ئىپادىلەيدىغان، بەلگىلىك مۇستەقىللىققا ئىگە بولغان قىسمى بۆلەك بولىدۇ. بىر بۆلەكتە باش تىمىغا مۇناسىۋەتلىك بىر مۇستەقىل مەزمۇن ئىپادىلىنىدۇ. B5$kHM%p  
1@$Ko5  
~y7jCcd`  
       ئەسەرلەرنى بۆلەككە ئايرىشتا تۆۋەندىكىدەك جەھەتلەرگە دىققەت قېلىشىمىز كېرەك:
^aW Z!gi  
1> بۆلەكلەر ۋاقىت تەرتىۋى بويىچە بۆلۇپ ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.   fum0>tff  
2> بۆلەكلەر ئورۇننىڭ ئۆزگىرىشى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.     !^ _ "~  
3> بۆلەكلەر ماتىريال ۋە تىمىنىڭ خارەكتىرى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.   M+x,opl  
4> سەۋەپ، نەتىنجە، جەريان قانۇنىيتى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. r hfb ftw  
SCTA=l.  
{` w;39$+  
ئابزاس
()H:UvM=t  
Y3=_ec3w  
      ئابزاس_ئەسەردىكى ئەڭ كىچىك مەزمۇن بىرلىكى ئابزاس دەپ ئاتىلىدۇ. ئابزاسلار  باش قۇردىن يېزىلغاندا قور بېشىدىن باشلاپ يېزىلماي، قور بېشىدىن سەل بوشلۇق قويۇپ ئاندىن يىزىلىدۇ. m1*O0Tg]"  
    مەسىلەن؛ x]33LQ1]  
ھەر كۈنى كۈن شەرىقتىن چىقىپ، كەچ بولغاندا غەرىپتە ئولتۇرىدۇ. بىز ئەنە شۇ بىر كۈن جەريانىدا ئاجايىپ ئالدىراش بولۇپ كېتىمىز.  (بۇنداق يېزىلمايدۇ) c}0@2Vf  
y.Z?LCd<  
     ھەر كۈنى كۈن شەرىقتىن چىقىپ، كەچ بولغاندا غەرىپتە ئولتۇرىدۇ. بىز ئەنە شۇ بىر كۈن جەريانىدا ئاجايىپ ئالدىراش بولۇپ كېتىمىز. (مانا مۇنداق يېزىلىدۇ) NG6& :4!  
l(#)WWr +  
Tq4-wE+  
     ئابزاسلار ئەسەر مەزمۇنىنىڭ ئىھتىياجىغا ئاساسەن ھەر بىر كىچىك مەزمۇنىنى بىرلىك قىلغان ھالدا ئايرىلىدۇ. WH \)) y-  
YGsWu7dG  
a 7,C>%I  
     ئۇيغۇر يىزىقىدىكى ھەر بىر مۇنبەردە شېئىرلار بىر قەدەر كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ، ئەمما يېزىلىۋاتقان شېئىرلارنىڭ كۆپىنچىسى مەزمۇنغىلا ئىتىبار بېرىلىپ شېئىرى خۇسۇسىيەت ۋە ئالاھىدىلىككە ئەھمىيەت بەرمەيۋاتىدۇ، نەتىنجىدە بۇ شېئىرلارمۇ ئوخشاشلا ئادەمنى جەلىپ قىلالمايۋاتىدۇ. شۇڭا مەن تۆۋەندە شېئىر ھەققىدىمۇ بىر ئاز تۇختۇلۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. HC}YY2  
r#Oo nZ  
Jtk|w[4L  
شېئىرلارنىڭ شەكىل جەھەتتىكى ئالاھىدىلىگى
QD>"]ap,o  
     شېئىرلار ئادەتتە ۋەزىن، تۇراق، رىتىمدىن تەشكىل تاپىدۇ. q+vx_4  
M )2`+/4  
     ۋەزىن_شېئىرلاردىكى سۆزلەرنى مۇنتىزىم ئاھاڭغا سالىدىغان قىلىپتىن ئىبارەت. _\GC(  
Q(oN/y3,  
     رىتىم_بىر خىل مىقداردىكى بۆغۇملارنىڭ بەلگىلىك تەرتىپتە قاتارلىشىپ تەكرارلىنىشى نەتىنجىسىدە مەيدانغا كەلگەن ئاھاڭدارلىقتىن ئىبارەت. X]dwX%:Z!j  
`u&Zrdr,  
     تۇراق_ئوخشاش ساندىكى بوغۇملارنىڭ شېئىرى مىسرالاردا بەلگىلىك تەرتىپتە گۇرۇپىلارغا بۆلۇنۇپ كىلىشىدىن ئىبارەت. A?pbWt ~}  
L ');!/:  
    ۋەزىن، رىتىم، تۇراق شېئىرنىڭ جېنى. $ . 9V&  
   [+DW >Et  
    بىز ئادەتتە كۆپ يىزىۋاتقان ئارۇز ۋەزىنلىك ۋە بارماق ۋەزىنلىك شېئىرلار بىرنەچچە كۆپلىتتىن، ھەر بىر كوپلىت 2، 4، 5، 6  مىسرادىن، ھەر بىر مىسرا ئوخشاش بوغۇمدىن تۇزۇلىدۇ. {R? U.eJW  
Xn%pNxUL  
    تورداشلىرىمىز ئەڭ كۆپ كەتكۇزۇپ قويۋاتقان مەسىلىنىڭ بىرسى ئاھاڭدارلىق، يەنە بىردى بوغۇم مەسىلىسى. يەنە تەكىتلەيمەنكى، شېئىردا بىرىنجى مىسرا نەچچە بوغۇمدىن تۇزۇلگەن،  2-3-4-مىسرالىرىمۇ ئوخشاشلا شۇنچە بوغۇمدىن تۇزۇلىدۇ.   #odIEC/  
      مەسىلەن؛ S-|)QGxV6  
                          ۋەتىنىم كۆرىمەن ئەتەڭنى،   ( 9 بوغۇم ) Y/ .Z .FD`  
                          بۈگۈننىڭ ئەڭگۇشتەر كۆزىدە.   ( 9 بوغۇم ) -- c"0,7  
                          ئۇ ساڭا راسلاپتۇ پايانداز،   ( 9 بوغۇم )   "$N+"3I  
                          تەبەسسۇم جىلۋىسى يۈزىدە.  ( 9 بوغۇم )   u*ObwcI/Bn  
`u teg=  
%~E ?Z!_W  
      تورداشلار ھەممىدىن بەك ئەھمىيەت بەرگەن مەسىلە قاپىيە بولغاچقا بۇ مەسىلە ئۇستىدە تۇختالمىساممۇ بولىدۇ. لىكىن قاپىيەنىڭ تۈرلىرى ھەققىدە قىسقىچە تۇختۇلۇپ ئۆتەي. f>UXD  
rFj-kojg  
    قاپىيە ئادەتتە جۈپ قاپىيە، يانداش قاپىيە، ئالماش قاپىيە، ئەركىن قاپىيە دىگەن تۇرلەرگە بۆلىنىدۇ. ~^r29'3  
    جۈپ قاپىيەدە_ھەر بىر كوپلىت شېئىرنىڭ  2-مىسراسى بىلەن 4-مىسراسى ئۆز-ئارا قاپىيداش كېلىدۇ.     =pS5uR~  
    يانداش قاپىدە_ 1-مىسرا بىلەن 2-مىسرا، 3-مىسرا بىلەن 4-مىسرا ئۆز-ئارا قاپىيداش كېلىدۇ.         %B5wH_p  
    ئالماش قاپىيەدە_1-مىسراسى بىلەن 3-مىسراسى، 2-مىسراسى بىلەن 4-مىسراسى ئۆز-ئارا قاپىيداش كېلىدۇ. #AL=f'2=f  
    ئەركىن قاپىيەدە_1-مىسراسى بىلەن 4-مىسراسى، 2-مىسراسى بىلەن 3-مىسراسى ياكى  ئۆز-ئارا قاپىيداش كېلىدۇ . pxCK;]  
x:7b/ j-  
y}My.c  
تىنىش بەلگىلەرنىڭ رولى
CsoiyY -2  
%t" CX5 n  
    ئۇيغۇر يېزىقىدا ئىشلىتىلىدىغان تىنىش بەلگىلەر تۆۋەندىكىچە؛  
+wN^c#~7  
   1. چېكىت  (.)   2.سۇئال بەلگىسى  (؟)    3.  ئۈندەش  (!)     4. پەش   (،)     5. چېكىتلىك پەش  (؛) K1\a#w  
    6. قوش چېكىت   (:)     7. قوش تىرناق   ( « » )     8. يالاڭ تىرناق    (<>)    9. تىرناق     ( ()  ) :UF%K>k2  
    10. سىزىقچە   (-)       11. سىزىق   (_)     كۆپ چېكىت    (...) bzuEfFaL  
$c:ynjL|P-  
    چېكىتنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى:
[z`31F  
     1. بايان جۈملىنىڭ ئاخىرىغا چېكىت قويىلىدۇ. F`Q[6" 
      مەسىلەن: كۈن چىقىپ، ھاۋا ئېچىلدى. #\.,?A}9  
     2. ئۆتۈنۈش، مەسلىھەت، تىلەك مەنىسىدىكى بۇيرۇق جۈملىدىن چېكىت قويىلىدۇ. %l}D.ml  
      مەسىلەن: سىز مېنىڭ ئورنۇمغا نۆۋەتچىلىك قىلىپ بەرگەن بولسىڭىز بوپتىكەن. b&~4t/Vq  
     3. قىسقارتىپ يىزىلغان خاس ئىسىمدىن كېيىن چېكىت قويىلىدۇ. . OWjk=u2Lz  
      مەسىلەن: ل.مۇتەلىپ،    م.باغراش KxYwJ  
     4. پىكىرنىڭ رەت تەرتىۋىنى بىلدۇرىدىغان قاتار ساندىن كېيىن چېكىت قويىلىدۇ. tiB_a}5IB  
      مەسىلان: بىز سىنىپتا تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا ئەھمىيەت بېرىمىز؛ Oiz ,w7LRh  
                   1. تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىمىز.   JJ}0gZ   
                   2. تىرىشىپ ئۈگۈنىمىز.   ewa wL"  
                   3. ............................................ =XucOli6  
           U3T#6Rptl  
S M0~fAtE  
     سۇئال بەلگىسىنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى:
gVq;m>\|F  
     سۇئال مەنىسنى بىلدۇرگەن جۈملىدىن كېيىن سۇئال بەلگىسى قويىلىدۇ. p7veQ`yNc  
NO|K VZ~  
U=DmsnD,  
_hRcc"MS`  
     ئۈندەش بەلگىسىنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى:
';TT4$(m  
     شۇئار، چاقىرىق مەنىسىدىكى بۇيرۇق جۇملىدىن كېيىن، ھىس-ھاياجاننى بىلدۇرىدىغان جۈملىدن كېيىن، كۆتۈرەڭگۇ ئىيتىلغان ئىملىق سۆز ۋە قاراتما سۆزدىن كېيىن ئۈندەش بەلگىسى قويىلىدۇ.     PZE0}>z  
     مەسىلەن:  تېرىشىپ ئۈگۈنۈپ، ۋەتەننىڭ ياراملىق قۇرغۇچىلىرىدىن بولۇڭلار !  (چاقىرىق) -BRc8 /  
                   تىرىشىپ ئۈگۈنۈپ يۇرتىمىزنى گۈللەندۇرەيلى !   (شۇئار)   ofPHmh`  
                   بىزنىڭ يۇرتىمىز نېمېدېگەن گۈزەل-ھە !  (ھاياجان) #JgH}|&a$  
                   ھوي بالىلار! بۇياققا ئۆتۈڭلار. (كۈچلۈك ئىيتىلغان قاراتما سۆز)   qQA}Z*( m  
GB>QK  
)Y2{_ bx4"  
       پەشنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى:
S{;sUGcu  
      1. مۇرەككەپ جۇملە تەركىبىدىكى ئاددى جۈملىدىن كېيىن پەش قويىلىدۇ. V,q](bg  
       مەسىلەن: بۈگۈن ھاۋا تۇتۇلۇپ،  يامغۇر يىغىپ، يوللار تىيىلغاق بولۇپ كەتتى.   5]n[]FW  
      2. جۈملىنىڭ تەڭداش بۆلەكلىرىنىڭ ئارىسىغا پەش قويىلىدۇ. ]|MEx{BG-  
      مەسىلەن: مەن بازاردىن ئالما، ئۆرۈك، ئەنجۇر سېتىۋالدىم.   Z @^9PQG$  
       W#KpPDgZE  
g=QDu7Ux  
       سىزىقچىنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى:
vH#huZA?7  
       1. جۈپ سۆزلەرنىڭ ئوتۇرسىغا سىزىقچە (-) قويىلىدۇ. w *oeK  
       2. جۈملە ئاخىرىغا كەلگەن ھە، دە، يۇ، يە، يا يۈكلىمىلىرىدىن كېيىن سىزىقچە (-) قويىلىدۇ.   ~NQ72wph{  
       مەسىلەن: ئۇ يۈگۈرۈپ كىردى-دە، مېنى كۆرۈپ تۇرۇپلا قالدى. 73xAG1D$r  
_>| =L W@7  
#7MUJY+ 9  
       سىزىقنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى :
hnDBFQ{  
       دىئالوگلار يىڭى قوردىن باشلانغاندا ئۇنىڭ ئالدىغا سىزىق (_) قويىلىدۇ، ياكى ئوتۇرغا ئاپتۇر سۆزى قىسىلغاندا، ئاپتۇر سۆزىدىن ئالدى ھەم كەينىگە سىزىق (_) قويىلىدۇ.   O+]Ifm[  
      مەسىلەن: n2oz"<?$S  
      _نەگە ماڭغان ئىدىڭىز؟ \=6l9Lrj>h  
      _بازارغا،_ئۇ تەئەجۈپ بىلەن جاۋاپ بېرىپ ياندۇرۇپلا سورىدى،_سىزچۇ؟   ~zJ?H<>  
/+@p7FqlE  
      مەن يۇقىرىدا ئوتۇرغا قويغان مەزمۇنلار بىز ئەڭ كۆپ قوللىنىدىغان مەزمۇنلار. شۇڭا مەن  موھىم دەپ قارىغان مەزمۇنلاردىن قىسقىچە نەزىريىۋى مەزمۇنلارنى سۆزلەپ ئۆتتۇم، ئەسلى بەزى مەزمۇنلار بولۇپمۇ تىنىش بەلگىلەرنىڭ رولى ھەققىدىكى مەزمۇنلار بەك كۆپ ئېدى. ئەگەر پايدىلانغۇچىلار بولسا يەنە داۋاملىق يوللاپ تۇرسام بولىدۇ. مېنىڭچە يۇقىرىقى مەزمۇنلارمۇ بىزنىڭ ھازىرقى ئىھتىياجىمىزدىن چىقالايدۇ دەپ ئويلايمەن.  
1+}{8D_F  
%k'!Iq+  
O"F_*  
    مەنبە: ئۆزەم rvnT6Ve  
    ئەسكەرتىش؛ مەن بۇ نەزىريىۋى ماقالىنى ئانا تۇپراق مۇنبىرىدە ئىلان قىلغان ئىدىم، بىر قىسىم تورداشلار باشقا مۇنبەرگە يۆتكەشنى ئىلتىماس قىلغان. شۇڭا بۈگۈن مىسرانىمدىكى مۇنبەرداشلارغىمۇ ئاز-تولا پايدىسى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دەپ بۇ مۇنبەرگىمۇ بەردىم. مۇنبەرداشلارغا ئاز-تولا پايدىسى بولۇپ قالسا مەن شۇنىڭغا رازى. Fsif6k=4  
    باشقا مۇنبەرگە رۇخسىتىمسىز يۆتكىمەسلىكىڭلارنى سورايمەن.
[ بۇ يازما Tughrul تەرپىدىن 2010-07-04 09:25 PM دە ق ]
-سىز كۆرۋاتقان تىما ئەدەبىيات نەزىريىسى ۋە تىنىش بەلگىلەرنىڭ رولى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
بۇ يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • مۇنبەر پۇلى:+10(aysiz~keqa) ياخشى تېما
  • مۇنبەر پۇلى:+200(Tughrul) ئەھمىيەتلىك
  • مەزكۇر تىما مىسرانىم باشقۇرغۇچىسى Tughrul تەرىپىدىن تەستىقلاندى،تەستىقلانغان ۋاقىت :2010-07-04, 13:18
    مىسرانىم مۇنبىرىدە دۆلەتنىڭ قانۇن -نىزاملىرىغا زىت ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بۇزىدىغان تىما ۋە ئىنكاسلار ئاپتۇماتىك سۈزۈلۈپ قېلىنىدۇ.خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭIP سى خاتىرلىنىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىلىدۇ.ئۆزىڭىز ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ ئىناقلىقى ھەم بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ساغلام بولغان تىمىلارنى يوللىغايسىز،،،

    دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 2986
      جىنسى: يوشۇرۇن
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە58دانە
    ئۆسۈش: 1.93%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 58
      ياخشى باھا: 21 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 800 سوم
      تۆھپىسى: 1 كىشى
      ياخشى باھا: 1 نۇمۇر
      ۋاقتى: 109(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-06-24
      كىرىشى: 2010-07-05

    ئەمما ماۋۇ تېما تەكرار بوپقاپتۇ ، تۈنۈگۈن بىرسى ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ يوللاپ بولغانتى . ئىككىنىڭ بىرىنى ...
    .: Www.MisraniM.CoM :.

    دەرىجىسى: كۆنگەن ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 530
      جىنسى: يوشۇرۇن
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە263دانە
    ئۆسۈش: 2.63%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 263
      ياخشى باھا: 36 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 1536 سوم
      تۆھپىسى: 2 كىشى
      ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
      ۋاقتى: 358(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-23
      كىرىشى: 2010-07-05

    مۇنبەردىكىلەر  ئۈچۈن تۇلۇمۇ  مۇھىم بولغان تېمىنى يوللاپسىز،رەھمەت سىزگە ! \hM|(*DL  
    مەن ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقتىم ھەم ئۈزەمدىكى كەمچىلىك،خاتالىقلىرىمنى تۇنۇۋالدىم سىزگە يەنە بىر قىتىم رەھمەت ئېيتىمەن  !
    مىسرانىم مۇنبىرىدە دۆلەتنىڭ قانۇن -نىزاملىرىغا زىت ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بۇزىدىغان تىما ۋە ئىنكاسلار ئاپتۇماتىك سۈزۈلۈپ قېلىنىدۇ.خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭIP سى خاتىرلىنىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىلىدۇ.ئۆزىڭىز ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ ئىناقلىقى ھەم بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ساغلام بولغان تىمىلارنى يوللىغايسىز،،،
    ئالدىنقى تىما كىيىنكى تىما