مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى
ئالدىنقى تىماكىيىنكى تىما
مەزكۇر يازما 128 قېتىم كۆرۈلدى
تىما : مۇھەببەت  لىرىكىسى

دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 3207
  جىنسى: خانىم
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە1دانە
ئۆسۈش: 0.03%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 1
  ياخشى باھا: 3 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 615 سوم
  تۆھپىسى: 1 كىشى
  ياخشى باھا: 1 نۇمۇر
  ۋاقتى: 1(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-07-02
  كىرىشى: 2010-07-05

0

 مۇھەببەت  لىرىكىسى



       قۇلىقىمغا ئاڭلىنۋاتقىنى يەنىلا شۇ مۇڭلۇق پىغانلىق ناخشا ...ناخشا رىتىمى ئەۋجىگە كۈتۈرۈلگەنسىرى ۋۇجۇدۇمنىڭ ئازاپلىق تولغىنىپ تىترەۋاتقانلىقىنى، قەلبىم قەسىرلىرىدىن پەريادلىق كۈيلەرنىڭ ئەلەملىك ئۆكسۈشلىرىنىڭ دەۋرەپ تاشقىنلاۋاتقانلىقىنى ،كۆز-چاناقلىرىمدىن شەبنەمدەك ئۈنچىلەرنىڭ تاراملاپ تۈكۈلۋاتقانلىقىنى سىزىمەن.
 مەن خىيالەن ئاشۇ كۆز ياشلىرىم ئىچىدىن يۈتكەن بەختىمنى ، شاد-كۈلكىرىمنى كۆرگەندەك بۇلاتتىم ، شۇنداق ھايات ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك ، دۇنيادا ھەممە ئادەم ھاياتىنى مەنىلىك ، خۇشال- خورام كۈڭۈللۈك ئۆتكۈزۈشنى خالايدۇ خالاس، بىراق ھەممە ئادەمنىڭ تەغدىرى ئوخشاش بولمايدىكەن ، رەڭگارەڭ بىزەلگەن بۇدۇنيادا بەزىلەر پۈتۈن ئۈمرىنى ھاياتنىڭ قاينام تاشقىنلىرى بىلەن بىزىسە ، بەزىلەر ھەتتا ياشاش پۇرسىتىگىمۇ ئاران ئېرىشەلەيدىكەن
ئەمما مەن گويا ھاياتلىق بىلەن ئۈلۈم ، ياخشىلىق بىلەن رەزىللىكنىڭ ھىچقانداق پەرقى قالمىغاندەك ، روھىم شۇ قەدەر زەئىپ ، شۇ قەدەر چۈشكۇن ئىدى . ئەسلىدە مەن ھاياتلىقتىن ۋازكىچىش قارارىنى خېلى بۇرۇنلا مۇقۇملاشتۇرۇپ بولغان ئىدىم ...مىنى بارلىق خۇۋلۇق نىسىۋىلەردىن ، ھەتتا كىيىكى ئازغىنە تەسەللىدىنمۇ مەھرۇم قىلىپ ھالاكەت يولىغا قىستىغان بۇ تۇرمۇش يۇلى ھەرمىنوت كۆزۈمگە كۆرۈنۈپ روھىمغا دەممۇ - دەم تەھدىت سىلىپ كىلۋاتقان غەزەپلىك ، نەپرەتلىك تۇرمۇشۇمدىن قۇتۇلىشنى ، ئاشۇ مۇسىبەت بىلەن تەڭلا مىنى تاشلاپ كەتكەن بەختىمنىڭ قۇلىقىم ئەتراپىدا دائىملا گۈمبۈرلەپ سەزگۈلىرىمنى پاراكەندە قىلىپ كىلىۋاتقان ئاچىچىق- قەھىرلىك قورقۇنۇشلۇق ئاۋازىدىن ئۈزۈمنى چەتكە ئىلىشنى ئىستىگەن ئىدىم ...دىمەك پانىي ئالەمدىن ئۈمۇت ئۈزۈشلا مەن ئۈچۈن بىردىن بىر چىقىش يۇلى ئىكەنلىكىنى ئويلاپ ئۈلەۈرگەن ئىدىم .
 شۇنداق تۇرۇقلۇق تېخىچىلا ھاياتلىقلار قاتارىدا تىمسىقىلاپ يۈرگۈنۈمگە. گۆرۈستاندەك قاپقاراڭغۇ شۇبھىلىك تەقدىرىمنىڭ يىراقتىن غۇۋا كۆرۈنۈپ تۇرغان ئەگرى- توقاي  يوللىرىغا يەنىلا ئۈمتۈلەپ تەلمۈرۈپ تۇرۋاتقىنىمغا ھەيران بولغان ھالدا ئۆز- ئۈزۈمگە سانسىز سۇئاللارنى قوياتتىم ....مەن بۇ دۇنيادا زادى نىمەگۇناھ قىلغان بولغىيتىم ؟   نىمە ئۈچۈن مىنى بۇنچە خورلىققا ئازاپلارغا دۇچار قىلىدىغانسەن ؟ مەنمۇ باشقىلاردەك ئىچ- ئىچىمدىن كۈلۈپ ياشىسام بولمامتى ؟  مەن ھاياتقا شۇنچە ئۈمۈتلۈك قاراپ كەلگەنتىمغۇ مەن ئازاپلىق ئۆتمۈشلىرىمنىڭ تىنىمسىز ئازاپلىشى تۈپەيلىدىن ئارامسىزلىنىپ بارغانسىرى چۈشكۈنلىشىپ بىر خىل مەيۈس قىياپەتكە كىلىپ قالغان ئىدىم . ئەسلىدە مەن نۇرغىلىغان ئارزۇ- ئارمانلىرىمنى كۆڭلۈمگە پۈككەن ئىدىم . قىنى شۇ ئۈمۈتلىرىم ، قىنى شۇ خىياللىىرم ؟ ئاھ خۇدا مىنىڭ قان ئاققان غېرىبانە كۆڭلۈمنى كۆرۋاتامدىغانسەن  ؟
مەن  تەسەۋۋۇرۇمنى ئىچىمگە سىغدۇرالمىغان ئىدىم . ئىسىمنى بىلسەم شۇنداق سەبىي  چاغلىرىم ئىدى .مەن تۇلۇق 3-يىللىقتا ئوقىۋاتقان مەزگەىللىرىم ....مۇئەللىم سىنىپقا كىرىپلا يىڭى ئوقۇغۇچى كەلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى .بىر ئوغۇل بالا سىنىپىمىزغا كىرىپ كەلدى ، پۈتۈن سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلار ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى ئۇ ئوتتۇرا بوي ئاق يۈزلۈك ، قاش كۆزلىرى خۇددى سىزىۋالغاندەك شۇنداق قاپقارا ، كىرپىكلىرى قىزلارنىڭكىدەك تۈكۈلۈپ تۇراتتى ، قارماققا ھىندىستانلىق چولپانلارغا ئوخشاپمۇ قالاتتى . كەينىمدىكى ساۋاقداشلىرىم ئاغزى- ئاغزىغا تەگمەي نىمانداق كىلىشكەن بالا بۇ  دەپ كۇسۇرلىشىپ كىتىشتى ، بىردىنلا مۇئەللىم بولدى تېش ئولتۇرۇڭلار  بۇ ساۋاقدىشىڭلار فەرۇق بولىدۇ  ،  بۇندىن كىيىن بىزنىڭ سىنىپنىڭ ئەزاسى بولىدۇ ، دىدى  ھەممىمىز قىزغىن  قارشى ئىلىپ چاۋاك چىلىشتۇق . فەرۇقنىڭ يۈزلىرى قىزارغان ھالدا بىشىنى كۈتۈرۇپ  سىنىپ تىكىلەرگە لەپپىدە قاراپ قويدى .مۇئەللىم فەرۇقنى بىرەر سىنىڭ يىنىدا ئولتۇرغۇزۇش ئۈچۈن ھەممە ياققا بىر قۇر قارغاندىن كىيىن مىنىڭ يىنىمغا كىلىپ يۇلتۇزئاي ساۋاقدىشىڭىز سىز بىلەن بىرگە ئولتۇرسۇن دىدى  ، مەن بىشىمنى لىڭشىتىپ  جىم  ئولتۇردۇم  كەينىمدىكى ساۋاقداشلىرىم نىمىلەرنىدۇ دىيىشىپ كۇسۇرلاشقىلى تۇردى  .بۇ يەرگە كىلىپ ئولتۇرۇڭ دىدى مۇئەللىم ،فەرۇق مىنىڭ يىنىمغا كىلىپ ئولتۇدى .  مۇئەللىم  ماڭغا كۇلۇپ قاراپ يۇلتۇزئاي ساۋاقدىشىڭىزغا كۆپرەك ياردەم قىلىڭ دىدى . مەن بۇلىدۇ  دەپ بىشىمنى لىڭشىتتىم  ، ئارىدىن خېلى كۇنلەر ئۆتتى  ، بىز تۇلۇق3- يىللىقتا بولغاچقا ھەممىمىز شۇنداق جدىي دەرىس تەكرارلاۋاتاتتۇق ، ساۋاقدىشىم فەرۇق يىنىمدا ئولتۇرغان بىلەن بىز بىرەر قىتىممۇ پاراڭلىشىپ باقمىغان ئىدۇق..
بۇگۈن ئۇ يىنىمغا كىلىپ ،بۇ يەرنى چۈشەندۈرۈپ قۇيىڭە دىدى ، مەن بۇلىدۇ دەپلا چۈشەنمىگەن جاينى ئەستايىدىل تەپسىلىي چۈشەندۈرۋاتاتتىم ، بىشىمنى كۈتۈرۈپ ئۇنىڭ ماڭغا تىكىلىپ نىمىلەرنىدۇ خىيال سۈرۋاتقانلىكىنى سىزىپ قالدىم مەن دەرھال ئۇنىڭغا  نىمە ئويلاۋاتىسىز ؟ ھازىرقى يەرنى چۈشەندىڭىزمۇ ؟ دىسەم ، ئۇ خىجىل بولغان ھالدا چۈشەندىم ، رەخمەت سىزگە دىدى . شۇنداق قىلىپ ئۇ پات- پات مەندىن دەرىس سورايدىغان بۇلۇپ قالدى ، مەنمۇ زىرىكمەي چۈشەنمىگەن جايلارنى تەپسىلىي چۈشەندۈردۈم، كۆزنى يۇمۇپ ئاشقۇچە  ئوقۇش مەۋسۈمى باشلىنىپ 2 ئايمۇ ئۇتۇپ قاپتۇ ، كۈن بارغانسىرى سوغۇق بۇلۇشقا باشلىدى . بىر كۈنى سەھەر قوپۇپ دېرىزىدىن تالاغا قارسام تۇنجى قار لەرزان ئۇچۇپ چۈشۋىتىپتۇ ،مەن خۇشاللىقىمدىن كىچىك بالىلاردەك سەكرەپ ئويناپ كەتتىم.
 قىشنىڭ قەھرىتان سوغۇق كۈنلىرى ئىدى ، مەن ئىسسىق ئۈيۈمدە دەرىس تەكرارلاۋاتقان ئىدىم ، تۇيۇقسىزلا تىلفۇن جىرىڭشىپ كەتتى ،ئاپام مىنى چاقىردى ، مەن چوقۇم ساۋاقدىشىم ئابىدە ، دەپ ئويلاپ يۈگرۈپ كىردىم -دە تىلفۇننى ئالدىم ،ۋەي ئاداش  بۇسەنمۇ دىسەم  ، مەن فەرۇق دىدى  ، ئەسلى ساۋاقدىشىم فەرۇق ئىكەن  بۇ مىنىڭ تىلفۇن نۇمۇرىمنى قانداق بىلگەندۇ ، دەپ ھەيران بولدۇم .ئۇنىڭدىن بىرەر ئىشىڭىز بارمۇ دىسەم ؟ ئۇ ماڭغا ھازىر تالاغا چىقالامسىز دىدى سىزنى مەن ئۈيۈڭىزنىڭ دوقمىشىدا ساقلايمەن دىدى ، مەن سەل  ئىككىلىنىپ بىرەر مۇھىم ئىشىڭىز بارمىتى ؟ دىسەم ،ئۇ سىز چىققاندا دەپ بىرەي دىدى ، مەن بۇلىدۇ  ، دەپلا  ئىككى خىيال ئىچىدە قىلىن كىيىملىرىمنى كىيىپ تالاغا قاراپ ماڭدىم ،مەن يولدا ماڭغاچ ھەرخىل خىياللارنى سۈردۈم ،قارسام دوقمۇشتا فەرۇق مىنى ساقلاپ تۇرغان ئىكەن ،بىز  كۈرۈشۈپ ئادىيغىنا سالاملاشتۇق ،بىرەر ئىشىڭىز بارمىتى ئۇ ماڭغا كۈلۈپ قاراپ يۈرۇڭ مەن سىزنى بىر يەرگە ئىلىپ  باراي دىدى ،
.مەن سەل ئىككىلىنىپ ئۇنىڭ  بىلەن ماڭدىم ، گەرچە ئۇ مىنىڭ ساۋاقدىشىم بولسىمۇ ، ئوغۇل ساۋاقداشلىرىم بىلەن بىرەر يەرگە بىرىپ باقمىغاچقىمىكىن شۇنداق ھودۇقۇپ سەل خىجخل بولدۇم ،فەرۇق مىنى بىر مۇھىتى ئازادە يول ئۈستىدىكى بىرتورتخانىغا  ئىلىپ كىردى ،دېرىزە تۈۋىدىكى پاكىزە رەتلىك قويۇلغان بىر ئۈستەلگە كىلىپ  ئولتۇردۇق . فەرۇق كۈتكۈچىلەرگە بىر مۇنچە نەرسىلەرنى بۇيرىدى ، ئاندىن مىنىڭ ئۇدۇلۇمغا كىلىپ ئولتۇر دى ، بىز ئىچىملىك  ئۇششاق يىمەكلىكلەر بىلەن  ئۆز ئارا پاراڭلىشىپ ئولتۇردۇق ، ئۇ ماڭغا بىر خىل مەنىلىك قاراپ قۇياتتى ،بۇنداق چاغلاردا مەن بىر خىل خىجىللىق يىس قىلىپ يەرگە قارۋىلاتتىم  ، يۇلتۇزئاي بۈگۈن قانداق كۈن بىلەمسىز ؟  دەپ سورىدى  مەن بىر دەم  ئويلىنىپ  ، بۈگۈن راس ئاشىق -مەشۇقلار بايرىمىكەنغۇ دىدىم ، فەرۇق شۇ ھامان چاپىنىنىڭ قوينىدىن بىر تال قىپقىزىل ئەتتىر گۈلنى ئىلىپ ماڭغا سۇندى ،مەن نىمە قىلارىمنى بىلمەي تۇرۇپلا قالدىم .بۇ نىمە قىلغىنىڭىز دەپ سورىدىم .ئۇ ماڭا كۈلۈپ تۇرۇپ قۇبۇل قىلمامسىزما ؟ دەپ سورىدى مەن نىم دىيىشىمنى  بىلمەيلا قالدىم  ، ئۇ مەن سىزنى ياىشى كۈرۈمەن  دىدى . مەن خىجىللىقتىن يۈزلىرىم قىزىرىپ نىمە دىيىشنى بىلەلمەي قالغانتىم ئۇ گۈلنى قۇلۇمغا تۇتكۇزدى .مەن ئىلاجىسىز گۈلنى ئالدىم ۋە ئارانلا رەخمەت دىيەلىدىم
.ئۇ ماڭا بىر پارچە خەت بەردى ، بۇخەتنى ئۈيىڭىزگە بارغاندا كۈرۈڭ دىدى .بىز تورتخانىدىن چىقتۇق ، فەرۇق مىنى ئۈيۈمنىڭ دوقمىشىغا ئەكىلىپ قويدى ، مەن ئۆيگە كىرىپ كەتتىم ، كەشلىك تاماقتقىن كىيىن غۇجرامدا دەرىس تەكرارلىماقچى بۇلۇپ ئۈستۈلۈمدىكى فەرۇق سۇنغان گۈلنى كۆردۈم- دە ،ئۇنىڭ ماڭا يازغان خىتىنى ئىسىمگە ئالدىم . دەھال خەتنى يانچۇغۇمدىن ئىلىپ ئوقۇشقا باشلىدىم ؛-يۇلتۇزاي مەن سىز بىلەن بىر سىنىپقا كىرگەندىن بۇيان سىزنىڭ كۆپ غەمخورلىقىڭىزغا ئېرىشتىم ،سىزنى تۇنجى قىتىم كۆرگەندىن چېغىمدا سىزنىڭ ئەشۇ ئوتلۇق كۆزلىرىڭىز يۈرۈكۈمگە بىرخىل ئىللىق ھارارەت ئاتا قىلدى ، سىزنىڭ سەبىي ئۇماق چېھرىڭىز مىنى جەلىپ قىلىۋالدى ، مەن جىق ئويلاندىم ، سىزگە قانداق دىيىشنى بىلەلمىدىم ،ئاخىرى بۈگۈن سىزگە كۆڭلۈمدىكى يۈرەك سۆزلىرىىمنى دىمەكچى بۇلۇپ چاقىرغان ئىدىم ، مەن سىزنى كۆرسەملا خىجىل بۇلۇپ دىمەكچى بولغان سۈزۈمنى قىلالمايدىكەنمەن ،شۇڭا سىزگە خەت بىلەن دىمەكچى بولدۇم ،مەن راستىنلا سىزنى ياخشى كۆرۈمەن ، مىنىڭ كۆڭلۈمنى رەت قىلمىغايسىز ، سىزنى بىر ئۈمۈر بەخىتلىك قىلسام دەيمەن ،سىز قۇشۇلارسىزمۇ ؟ پاك بېغۇبار قەلبىڭىزدىن ماڭا بىر كىشلىك ئورۇن بىرەر سزمۇ ؟ مەن تۇنجى قىتىم سىزنى ياخشى كۈرۈپ قىلىشىم ، سىزنىڭ جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن ، فەرۇق
 مەن خەتنى كۆرۈپ بۇلۇپلا چوڭقۇر ئويغا چۆكتۈم ، ياق مەن تىخى كىچىك مەن ئوقۇشۇم كېرەك ھازىرچە مىنىڭ  مۇخابەتلەشكىم يۇقتى قانداق قىلسام بۇلار ؟ مەن شۇ خىيالار بىلەن قاچانلاردىن ئۇخلاپ قالغىنىمنىمۇ بىلمىدىم  ، ئەتىسى مەكتاپە بارسام فەرۇق مەن بىلەن سالاملىشىپ بۇلۇپلا ،ئاخشام ياخشى ئۇخلاپسىزمۇ ؟ دەپ سورىدى ، مەن  ھەئە دەپ جاۋاپ بەردىم ، مەن ئالدىراش دەرىس تەكرارلاشقا باشلىدىم ، بىر چاغدا سەل بىئارام بۇلۇپ كۈڭلۇم ئاينىغاندەك بۇلۇپ بىشىم قاتتىق ئاغرىپ ، كۆز ئالدىم قاراڭغۇ بۇلۇشقا باشلىدى ، بەك چارچاپ كەتكەن ئوخشايمەن دەپ  بىشىمنى قۇلۇمنىڭ ئۈستىگە قويۇپ بىردەم ياتتىم ،كۈزۈم شۇنداق ئىلىشىپ كىتىۋاتاتتى ، بىشىم شۇنداق قايغاندەك بولدۇم ، بىرسى مىنى نۇقۇپ چاقىردى بۇ فەرۇق ئىدى ، يۇلتۇزاي سىزگە نىم بولدى دىدى . بىر دەم يىتىالاي ،دىسەم ئۇ يەنە نىم بولدىڭىز مىجەزىڭىز يوقمۇ نىمە ؟ بىشىمنى  شۇنداق كۈتۈرگىنىمنى بىلىمەن  ، كۆزئالدىم قاراڭغۇ بۇلۇپ يەرگە چۈشۈپ كىتىۋاتقاندەك بولدۇم ،قالغىنى ئىسىمدە يوق ،كۈزۈمنى ئاچسام دوختۇرخانىدا  ياتىمەن .
قارسام ئاپام يىنىمدا ئولتۇرۇپتۇ ،مەن نىمە بولدۇم سورىدىم ئاپامدىن ؟ سىنىپىڭىزدا يىقىلىپ قاپتىكەنسزى ساۋاقداشلىرىڭىز دوختۇرخانىغا ئىلىپ كەپتۇ ،دىدى ئاپام ،مەن شۇ چاغدىلا سىنىپتىكى بىشىم قايغان ئىش ئىسىمگە كەلدى ،مەن دوختۇرخانىدا بىر ھەپتە ياتتىم ،ساۋاقداشلىرىم مىنى يۇقلاپ كەلدى ،ساۋاقدىشىم فەرۇق ماڭغا بىر دەستە ئەتىرگۈل ئىلىپ كەلگەن ئىكەن ، مەن گۈلگە قارسملا ئۇنىڭ ماڭغا يازغان خىتى يادىمغا كىلەتتى ،كاللامنى بىرخىل چىگىش خىياللار قاپلىۋالغان ئىدى .مەن بۈگۈن دوختۇرخانىدىن چىقىپ مەكتەپكە كەلدىم ، ساۋاقداشلىرىم مىنى كۈرۈپ ھەممىسى مەندىن ئەخۋال سوراپ كىتىشتى ، پارتامغا كىلىپ ئولتۇرسام فەرۇق ماڭغا قاراپ يۇلتۇزاي ياخشى بۇلۇپ قالدىڭىزمۇ ؟ سورىدى ،مەن ياخشى بۇلۇپ قالدىم ، دەپ جاۋاپ بەردىم ، ئۇ سىزدىن بەك ئەنسىردىم دىدى ، مەن ئۇنىڭغا كۈلۈپ تۇرۇپ ياخشى تۇرمامدىم مانا دىسەم  ، ئۇ خەتنىڭ جاۋابىنى سورىدى ، فەرۇق بىز ھازىرچە ئۇ ئىشلارنى ئويلىماي ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلايلى دىدىم . بۇ دىگىنىڭىزغۇ توغرا بىز ئۈگۈنىشىمىزگە تەسىر يەتكۈزمەيمىز بۇلامدۇ ؟ دەپ تۇرۋالدى ،ياخشى ئويلىنىپ جاۋاپ بىرىڭ سىزنى كۈتىمەن  .
ئارىدىن ئون نەچچە كۈن ئۆتتى ،بىز دەرىس تەكرارلاش ئۈچۈن كەشلىك دەرىسخانىدا كۈندە قالاتتۇق ،بىر كۈنى تۇيۇقسىزلا فەرۇق مەكتەپكە كەلمىدى . مەن ئادەتتە ئۇ بولسا ئانچە كارىم يۇقتى ، بۈگۈن كەلمىۋىدى كۆڭلۈم ئاجايىپ بىر خىل تەشۋىش ئىچىدە قالغان ئىدى ،ئۇنىڭغا نىم بولغاندا ، ئاغرىپ قالغانمىدۇ ، ياكى بىرەر ئىشى چىقىپ قالغانمىدۇ ،توۋا مەن بۈگۈن نىم بولدۇم نىمىلەرنى ئويلاپ كەتتىم ،كىيىن ئۇقسام ئۇ ئاغرىپ قاپتۇ ،بىز ساۋاقداشلىرىمىز بىلەن بىرگە ئۇنى يوقلاپ باردۇق ئۇ دوختۇرخانىنىڭ كارۋىتىدا ياتقان ئىكەن ،قارىسام بەكمۇ ئېغىر ئەمەسكەن ، بىز بىردەم ئولتۇرۇپ  ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ ماڭدۇق ،لىكىن ئۇ مىنى چاقىردى مەن بىلەن بىردەم پاراڭلىشىپ ئولتۇرسىڭىز بوپتىكەن دىدى ،مەن رەت قىلالماي  قالدىم ،مەن ئاستا كىلىپ كارۋاتنىڭ قىرىدا ئولتۇردۇم ،ئۇ ماڭا قاراپ نەچچە كۈندىن بۇيان ياخشى تۇردىڭىزمۇ دەپ سورىدى ، ھەئە دىدىم ،بۈگۈن ماڭا خىتىمنىڭ جاۋابىنى بىرەلەمسىز ؟ گەپ قىلىڭە ؟  بىز يۈرۈپ قالايلى بۇلامدۇ ؟ ھە مەن جىم تۇرۋالدىم
ئۇ ماڭا ئۈگۈنىشىمىزگە تەسىر يەتكۈزمەيمەن بۇلامدۇ ؟ بولمىسا مەن خاتىرجەم بۇلالمايدىكەنمەن ،ماڭا ماقۇل دەڭ ،دەپ قۇلۇمنى ئىسسىق ھارارەتلىك قۇلى بىلەن تۇتتى ،مەن خىجىل بۇلۇپ قۇلۇمنى تارتتىم ،لىكىن ئۇ قۇلۇمنى چىڭ تۇتۇپ گەپ قىلىڭە دەپ تۇرۋالدى ،يۈزلىرىم قىزارغانچە نىمە دىيىشمنى بىلمەي قالدىم ،سىزنى راستىنلا ياخشى كۆرىمەن ،ماقۇل دەڭ ، مەن ئۇنىڭغا ئەمسە سىزگە ماقۇل بۇلاي  ، بىراق ئوقۇشىمىزغا تەسىر يەتكۈزمەيمىز بۇلامدۇ ؟ بۇلىدۇ ، رەھمەت سىزگە مەن چۇكۇم سىزگە مەڭگۈ كۈيىنىمەن ،سىزنى مەڭگۈ ئاسرايمەن ،كۈنلەر شۇتەرىقىدە ئۆتمەكتە ئمتىھانمۇ يڭتڭپ كەلدى مەن ئەرتىسلىككە ئمتىھان بەردىم ،مەن ئمتىھاندىن ئۆتكەن ئىدىم ، شۇنداق خۇشال بۇلۇپ ئۆيگە كىلىپ ئاتا- ئانامغا دىسەم ، مىنىڭ ئەرتىسلىكتە ئوقۇشۇمغا   قارشى تۇردى ئاپام  ماڭا سىز دىگەن قىز بالا تۇرسىڭىز ناخشا ئېيتسىڭىز قانداق بۇ لىدۇ ، بۇ كەسىپتە ئوقىماڭ بولدى  دىدى ،بۇ گەپنى ئاڭلاپ لەسسىدە بۇلۇپ قالدىم ،چوڭلارنىڭ گىپى بۇيىچە بۇ كەسپتىن ۋاز كەشتىم
 فەرۇق ئىمتىھاندىن ئۈتەلمىگەن ئىدى ، مەن ئۇنىڭغا جىق نەسھەت قىلىپ ، باشقىدىن ئىمتىھان بىىرىش ئۈچۈن يەنە بىر يىل قايتىلاپ  ئۇقۇدى ،بىر كۈنى بىز باغچىغا بىرىپ باغچا ئايلانغاچ كەلگۈسىمىز توغرىسىدا نۇرغۇنلىغان پىلانلارنى دىيىشتۇق فەرۇق مىنى تۇرۇپلا يىقىملىق چاقىرىپ قالدى ، مەن يىنىڭىزدا تۇر مامدىم  ئۇكۈلۈپ كىتىپ سىزنى چاقىرغۇم كىلىپ قالدى ، بىز مەڭگۈ ئايرىلمايمىز مەيلى قانداق ئىش بۇلىشىدىن قەتئىي مەڭگۈ ئايرىلمايلى ، بىزنىڭ مۇھابىتىمىز مەڭگۈ بۇزۇلمىسۇن دىدى .خىجىللىقتىن قىزارغان يۈزۈمنى ئۇنىڭدىن ئىلىپ قىچىپ باشقا يەرگە قارۋالدىم ،مەيىن شامال چاشلىرىمنى شۇنداق لەرزان يەلپۈندۈرۋاتاتتى ، فەرۇق سىز مەڭگۈ مىنىڭ دەپ قۇلۇمنى چىڭ تۇتقان ھالدا ماڭا ئوتلۇق كۆزلىرىنى تىكتى ، مەن خىجىل بۇلۇپ بىشىمنى كۈتۈرۈپ ئۇنىڭغا قارالمىدىم ، مەنمۇ ئۇنى شۇنداق ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدىم ، كۈنلەر شۇ تەرىقىدە شۇنچە تېزئۈتۈپ كىتىۋاتاتتى ،ھەش- پەش دىگۈچە يەنە سوغۇق قىش پەسلىمۇ يىتىپ كەلدى ،مەن ئوقۇشتىن توختاپ قالدىم ،فەرۇق مەكتەپتە ئوقىۋاتاتتى ،ئۇ ھەر شەنبە ،يەكشەنبە كۈنى ماڭا تىلفۇن قىلىپ چاقىراتتى بىز بىرەر ۋاخ تاماق يەپ  سىرتلارنى ئايلىنىپ قايتىپ كىلەتتۇق ،ئۇ مىنى بەك ھۆرمەتلەيتى ، ھەمىشە مىنىڭ رايىمغا باقاتتى
ئۇنىڭ بۇ ئىشلىرى مىنى بارغانسىرى ئۆزىگە جەلىپ قىلىۋاتاتتى ، ئۇنىڭغا بولغان مۇخانىتىممۇ بارغانسىرى كۈچۈيىپ بارماقتا ئىدى ،بۇگۈن قار شۇنداق قىلىن يېغۋاتاتتى ،دېرىزىدىن تالاغا قاراپ مۇڭلۇق ناخشامغا جۇر بۇلۇپ ئولتۇراتتىم تۇيۇقسىزلا تىلفۇن سايراپ كەتتى ، مەن تېلفۇننى ئالدىم ، ۋەي - بۇ مەن يۇلتۇزاي ياخشى تۇرۋاتامسىز ؟ دىدى مەن ياخشى ، سىزچۇ ؟ دىسەم،ئۇ مەنمۇ ياخشى شۇ سىزنى كۆرگۈم كەلدىم دىدى ، مەنمۇ شۇ دىدىم ،يۇلتۇزاي قىلىنراق كىيىنىپ سىرتقا چىقالامسىز ؟ دىدى ، ھازىرما ؟ دىسەم ھەئە  قار يېغۋاتسا دىسەم ، سىز ئاۋال چىقمامسىز دىدى ،مەن بۇلىدۇدەپلا ،تىلفۇننى قويۋەتتىم ،قىلىن كىيىمىمنى كىيىپ چىچىمنى ئاددىي تاراپلا ئۇنىڭ ئالدىغا چىقتىم ،ئۇ مىنى بىر ماشىنىدا ساخلاپ تۇرغان ، ئىكەن ،مەن ماشىنىغا چىقتىم ،ماشىن كىتىۋاتاتتى ،مەن نەگە بارىمىز ؟دىسەم ئۇماڭا كۈلۈپ قاراپ سەل تۇرۇپ بىلىپ قالىسىز دىدى ،ماشىنا بىردەم ماڭغاندىن كىيىن ئادەم ئاز بارىدىغان بىر يول بۇيىدا توختىدى ،يول بۇيىدىكى مەزمۇت قارغاي دەرەخلىرى قىلىن قارلاربىلەن قاپلانغان كەڭ دالىغا بەكمۇ ياراشقان ئىدى
 ماشىنا كەتتى ،فەرۇق قۇلۇمنى تۇتۇپ يۈرۈڭ دەپ ھىشكىم ئاياغ باسمىغان قار ئۈستىگە باشلاپ ماڭدى بىز بىرگە ھەرخىل ئىزلارنى چىقىرىپ قار ئۈستىدە شۇنداق كۈڭۈللۇك ئوينىدۇق ،قارشۇنداق لەرزان چۈشۈپ چاچلىرىمىزنى ئورىۋالغان ئىدى ،فەرۇق ماڭغا ، يۇلتۇزاي سىز قار ياغقان چاغنى ياخشى كۆرىدىغانلىكىڭىزنى ماڭغا دىگەنتىڭىز ، قارسام بۇگۈن قار شۇنداق قىلىن ياغدى ، شۇڭا بۈگۈن سىزنىڭ گىپىڭىز ئىسىمگە كىلىپ سىزنى چاقىردىم ،دىدى، مەن شۇنداق خۇش بولدۇم ، ۋە -رەھمەت سىزگە ،مىنىڭ سۈزۈمنى ئۇنتۇپ قالماپسىز ، فەرۇق كۈلۈمسىرەپ قاراپ ، سىزنىڭ ھەر بىر ئېغىز گىپىڭىز قۇلىقۇم تۈۋىدىلا ، قانداقمۇ ئۇنتۇپ قالاي ، دىدى بىز بىرگە قار ئۈستىدە كىتىۋاتاتتۇق .
 فەرۇق يوغان بىر دەرەخنى كۆرسىتىپ  يۈرۈڭ ئاۋۇ دەرخنىڭ يىنىغا بارايلى ،دەپ مىنى تارتىپ يوغان دەرەخنىڭ يىنىغا باشلاپ ئەكەلدى ، ئىككىمىز خۇدى لەمپىنىڭ ئاستىدا تۇرغاندك  تۇردۇق ، بۇ دەرەخنى تىپەيمۇ  دىدى فەرۇق ،نىمىشقا دىسەم ، قار ئۇچقۇنلىرى چۈشىدۇ ،دەپلا دەرەخنى بىرنى تەپتى قار شۇرقىراپ چۈشۈشكە باشلىدى مەن  قاچماقچى بۇلۇپ شۇنداق مىڭىشىمغا فەرۇق شۇنداق تېزلىكتە قۇلۇمنى تۇتىۋىلىپ مىنى ئۆزىگە تارتىپ مىنى چىڭ قۇچاقلاپ تۇرۋالدى ، ئۇ جىم تۇرۇڭ دەپ مىنى باغرىغا تېخىمۇ چىڭ بىسىپ خېلىغىچە مىدىرلىماي تۇرۋالدى ،ئۇ قۇلۇقۇمغا ئاستا پىچىرلاپ ،سىزنى سۈيىمەن  ..سىزنى سۈيىمەن ...دىدى ،مەن شۇنداق خىجىل بۇلۇپ يۈزلىرىم قىزىرىپ كەتتى ، ئۇ يەنە ؛ مىنىڭ ئوقۇشۇم تۈگسىلا سىز بىلەن توي قىلىمەن ، ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن سىزنى خۇددى  بىرسى مىنىڭدىن تارتىۋالدىغاندەكلا  ھېس قىلىۋاتىمەن ، سىزمىنىڭ
مەن بىشىمنى كۈتۈرەلمىدىم ، ئۇ يۈزۈمنى بوشقىنە سىلاپ ئىڭكىمنى ئاستا كۈتۈرۈپ ماڭا قارىدى ، نىمە بولدىڭىز ؟ مەندىنمۇ خىجىل بۇلامسىز ؟قاراڭڭە يۈزلىرىڭىز قىزىرىپ كىتىپتۇ ، دەپ مىنى باغرىغا بىسىپ ، چىچىمنى مىھىرلىك ئالقانلىرى بىلەن سىلاپ تۇرۇپ مەن دىن ھەرگىز ئايرىلماڭ بۇلامدۇ ؟ دەپ ئىڭكىمنى كۈتۈرۈپ يۈزۈمگە بوشقىنە بىرنى سۈيۈپ قويدى ، مەن  خىجىل بۇلۇپ ئۇنۇڭ چىرايىغىمۇ قارىيالمىدىم ،توڭلىدىڭىزمۇ ؟ دەپ سورىدى ، مەن ياق دىدىم ، سىزنى ئاپىرىپ قۇياي سەل تۇرۇپ بەك كەچ بىلىپ كەتمىسۇن دەپ  ، قۇلۇمنى تۇتۇپ قار ئۈستىدە يولغا قاراپ ماڭدۇق ، فەرۇق ئاغىنىسىغا تىلفۇن قىلۋىدى ، ھايال بولماي ماشنمۇ كەلدى ،ئۆينىڭ ئالدىغا كەلگەندە ، مەندىن ئايرىلىشقا كۈزى قىيمىغان ھالدا ، سىزدىن پەقەتلام ئايرىلغۇم كەلمەيۋاتىدۇ ، دەپ ماڭا ئوتلۇق كۈزلىرىنى تىكتى ، مەن بارغۇ يەنە كۈرۈشىدىغان تۇرساق ،بولدى سىزمۇ ئارام ئىلىڭ دىدىم ،ئۇ قۇلۇمنى كۈزى قىيمىغان ھادا قۇيۇپ بەردى  ، ئەمسە خوش دەپ ئۆيگە كىرىپ كەتتىم
 كۆڭلۈمدە  ئۇنىڭدىن مەڭگۈ ئايىلمايمەن  دەپ ئويلىدىم ، كەشلىك چايغا ئەمدى ئولتۇر شۇمغا ، تۇيۇقسىز تىلفۇن كەلدى مەن تىلفۇننى ئالدىم بىر ئوغۇل بالا ئاۋازلىرى تىترىگەن ھادا ؛ سىز يۇلتۇزايمۇ ؟ دەپ سورىدى ،مەن ھۇدۇقۇپ ھەئە مەن شۇ دىسەم دوختۇرخانىغا تېز كىلىڭ چوڭىغا دەپلا تىلفۇنى قويۋەتتى ،مەن قاتتىق چۈچۈپ كەتتىم ، قوللىرىمدىن تىلفۇنمۇ چۈشۇپ كەتتى ، ئاپام نىم بولدى ؟ قىزىم دەپ سوراپ كەتتى ، مەن ئىشنىمە دەپ چاپىنىمنى ئىلىپ تالاغا قاراپ ماڭدىم ،قوللىرىم ، ئىختىيارسىز تىترەپ يۈرەكلىرىم سىلىپ كڭتىۋاتاتتى ،قانداقلارچە دوختۇرخانىغا بارغىنىيمنىمۇ بىلمىدىم ،دوختۇرخانىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كەلگەندە پۇتلىرىم قولاشماي ئاران مىڭۋاتىمەن ،جىددىي قۇتقۇزۇش بۈلۈمى ئالدىدا فەرۇقنىڭ ئاتا - ئانىسىمۇ باركەن ،ئاغىنىسىمۇ باركان ، مىنى كۈرۈپ ئالدىمغا يۈگرۈپ كەلدى ،مەن ئالاقىزادە بۇلۇپ فەرۇق قىنى ؟ ئۇنۇڭغا نىم بولدى ؟ئۇ بايام تىخى ساختىغۇ ؟ ھە گەپ قىلىڭڭە ؟ ئاڭغىچە دوختۇر چىقتى ، دوختۇر مەيۈس قىياپاتتە ئۇنۇڭ بىلەن ۋىدالىشۋىلىڭلار دىدى .بۇ گەپنى ئاڭلاپ بىشىمدا چاقماق سوققاندەك تۇرغان جايىمدا قىتىپلا قالدىم .
 فەرۇقنىڭ ئاغىنىسى مىنى چاقىردى ،مەن دەرھا ئۇنىڭ يىنىغا كىردىم ،قارسام باشلىرى تىڭىۋىتىلگەن پۈتۈن كىيىملىرى قان ياتاتتى .ئۇمىنى چاقىرماقچى بۇلۇپ ئاغزىنى ئاران مىدىرلىتاتتى ،قۇلىنى ماڭا سۇندى مەن ئۇنىڭ قۇلىنى چىڭ تۇتۇم -دە ،مەيدىسىگە بىشىمنى قۇيۇپ سىزگە نىم بولدى ؟ ھە گەپ قىلىڭە ؟ دەپ يىغلاپ كەتتىم ، ئۇنىڭ قۇلىنى يۈزۈمگە سۈرتۈشكە باشلىدىم ،كۈزلىرىمدىن ياشار توختىماي چۈشمەكتە ،فەرۇق يۈزۈمنى سىلاپ تۇرۇپ ، ئۆزىڭىزنى كۆپ ئاسراڭ ، سىزنى مەڭگۈ بەخىتلىك قىلىمەن دىگەن ئىدىم ، بىراق مەن  بۇلالمىدىم ،سىزدىن بۇرۇن كىتىدىغان بولدۇم ، ئاھ..مەن ئۈچۈن بولسىمۇ ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ ، سىزنى سۈيىمەن  ، سىز... مەن ئۆزۈمنى تۇتالماي  ، ياق ،، ئۇنداق بولمايدۇ ، بىز بىرگە ياشايمىز ، سىز كەتسىڭىز بولمايدۇ .. مەن قانداق قىلىمەن ، گەپ قىلىڭ ، مەن  تۇيۇقسىز بولغان بۇ ئىشقا بەرداشلىق بېرەلمەي  ئۈن سىلىپ يىغلاپ كەتتىم ، فەرۇقنىڭ قۇلى تۇيۇقسىزلا يۈزۈمدىن چۈشۈپ كەتتى ،ياق ، فەرۇق كۈزىڭىزنى ئىچىڭ سىز ماڭغا مەڭگۈ ھەمرا  بۇلىمەن دىگەنتىڭىزغۇ ، ئەمدى مىنى يالغۇز تاشلاپ كىتەمسىز ؟ مەن قاتتىق يىغلاپ كەتتىم كەينىمدىن بىرسىلىرى مىنى يۈلەپ تارتىشقا باشلىدى ، مەن فەرۇقنىڭ قۇلىنى چىڭ تۇتىۋالغان ئىدىم ئۇلار مىنىڭ قۇلۇمنى تەسلىكتە ئاجراتتى فەرۇقنىڭ يۈزىگە دوختۇرخانىنىڭ ئاق رەختىنى يىپىپ قويدى ، كۆزۈمگە ئىشەنمەي بىردىنلا كۆزئالدىم قاراڭغۇلىشىپ يىقىلىپ قالدىم .
ئەتىسى مەن فەرۇقمىڭ ئۈيىگە باردىم ، فەرۇقنىڭ ئاتا- ئانىسى مىنى كۈرۈپ تېخىمۇ يىغلاپكەتتى ،جىنىم قىزىم بىز فەرۇق بالامدىن ئايرىلىپ ىالدۇققۇ ، ئەمدى مەن قانداق چىدايمەن دەپ ماڭا ئىسىلىپ يىغلاپ كەتتى ،مەن .ۈزۈمنى تۇتالماي تىخىمۇ ئىسەدەپ يىغلاپكەتتىم ،مىنى مۇشۇنداقلا تاشلاپ كىتەمسىز ؟ .ئەمدى مەن قانداقمۇ بەرداشلىق بېرەي ،.ئاھ ، خۇدا بۇ ماڭا نىمە كەلگۈلۈك ، جامائەت تاۋۇتنى ئىلىپ ماڭدى ،مەن فەرۇقنى ئىلىپ ماڭغان تاۋۇتنىڭ ئارقىسىدىن كۆز ئۈزمەي تاكى قارىسى يۈتكىچە قاراپ تۇرۇپ قالدىم ، كۆزلىرىمدىن ياشلىرىم توختىماستىن ئارقا- ئارقىدىن تۈكۈلمەكتە ،شۇنداق قىلىپ فەرۇق ماڭغا ھىجران ئازابىنى تاشلاپ بۇ دۇنيادىن ۋاقىتسىزلا كىتىپ قالدى ، مەن بولسام يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك يەككە - يىگانە قالدىم ، ئۆيگە كىلىپ ئۆزۈمنى كارۋىتىمغا ئىتىپ خۇددى روھى چىقىپ كەتكەندەك بىر نۇقتىغا كۆز تىكىپ يەنە خىياللارغا پاتتىم ،
.دېرىزىدىن ئايىنىڭ يورۇق نۇرى ماڭا چۈشۈپ تۇراتتى . مەن ئاينىڭ يورۇق ھەم چىرايلىق ئىكەنلىكىگە ھەۋەس بىلەن قاراپ ياتتىم ، فەرۇق سىزنى بەكمۇ سېغىندىم كۆزۈمدىن ئەلەملىك ياشلىرىم تۈكۈلمەكتە ،...يۇلتۇزاي...ھە  شۇنداق يىقىملىق چاقىردى .. فەرۇق قاچان كەلدىڭىز ،؟ سىزنى كۈرگىلى كەلدىم ،سىزگە نىمە بولدى ؟ نىمىشكا يىغلايسىز ؟ فەرۇق كارۋىتىمىنىڭ يىنىدا ئولتۇردى ،ئۇ مىھىرلىك قوللىرى بىلەن مەڭزىمدىكى ياشلىرىمنى سۈرتڭشكە باشلىدى .
ئۇ يىغلىماڭ جىنىم ، مەن سىزنىڭ يىغلىغىڭىزنى ئەمەس بەلكى كۈلكىڭىزنى كۆرگۈم بار ،ماڭا بىرنى كۈلۈپ بىرىڭگە تىز بۇلۇڭ ، مەن ئۇنىڭغا ئۆزۈمنى ئاتتىم ،فەرۇقمۇ مىنى باغرىغا چىڭ بىسىپ مىنى قانماي قۇچاقلاپ كەتتى .مەنمۇ ئۇنى شۇنداق چىڭ قۇچاقلىدىم ،تۇيۇقسىزلا ئۇ يىنىمدىن يۇقاپ كەتتى فەرۇق سىز قىنى ،مىنى تاشلاپ كەتمەڭ ،مىنى تاشلاپ كەتمەڭ............. مەن ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتىم كۆزۈمنى ئاچسام كارۋىتىمدا يىتىپتىمەن  ، ئەسلىدە مەن چۈش كۆرگەن ئىكەنمەن ،ئەجىبا مەن راستىنلا فەرۇقتىن ئايرىلىپ قالدىممۇ ؟ كۈنلىرىم سېغىنىش ، ھەسرەت ،نادامەت ئىچىدە ئۆتمەكتە ئىدى..
       مەن فەرۇقتىن ئايرىلىغىلى نەچچە ئاي بولدى ،مىنىڭ ھىچ يەرگە چىققۇم كەلمەيتى ، ئۆيگە بەنىت بۇلۇپ ئولتۇردىغان بۇلۇپ قالدىم ،بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىر چۈش بۇلۇپ قىلىشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتىم ، لىكىن بۇ چۈش ئەمەس رىئاللىقدە ، نىمىشقا ، نىمىشقا مىنى يالغۇز تاشلاپ كىتىسىز ، فەرۇق مىنىمۇ ئىلىپ كىتىڭ مەن بەك غېرىپسىندىم ، مەنمۇ سىز بىلەن كىتەي ، ئۈنۈمنىڭ بارىچە يىغلىدىم ، لىكىن ھىچ يەردىن ماڭا سادا كەلمىدى .


ئاپتۇرى:يۇلتۇزئاي
[ بۇ يازما ئەلشىر تەرپىدىن 2010-07-04 07:53 PM دە قا ]
-سىز كۆرۋاتقان تىما مۇھەببەت  لىرىكىسى,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
بۇ يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • مۇنبەر پۇلى:+100(kun^kiz) ئىسىل يازمىل ..
  • مەزكۇر تىما مىسرانىم باشقۇرغۇچىسى kun^kiz تەرىپىدىن تەستىقلاندى،تەستىقلانغان ۋاقىت :2010-07-04, 11:21

    دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 3209
      جىنسى: يوشۇرۇن
    ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە5دانە
    ئۆسۈش: 0.17%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 5
      ياخشى باھا: 1 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 515 سوم
      تۆھپىسى: 1 كىشى
      ياخشى باھا: 1 نۇمۇر
      ۋاقتى: 1(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-07-02
      كىرىشى: 2010-07-04

    مۇشۇنداق ياخشى   تىمىغا  ھىچكىم ئىنكاس يازمىغىنىنى .  كالۋا بولساممۇ  مەن يېزىپ  قۇياي . ياخشى   ئەسەركەن ،  
    .: Www.MisraniM.CoM :.

    دەرىجىسى: كۆنگەن ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 314
      جىنسى: خانىم
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە244دانە
    ئۆسۈش: 2.44%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 244
      ياخشى باھا: 11 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 1316 سوم
      تۆھپىسى: 1 كىشى
      ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
      ۋاقتى: 175(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-22
      كىرىشى: 2010-07-05

    ساقلىۋىلىپ ئەتە ئوقۇيچۇ ھازىر ۋاقتىم قىس بوپ قالدى
    .: Www.MisraniM.CoM :.

    دەرىجىسى: كۆنگەن ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 742
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە341دانە
    ئۆسۈش: 3.41%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 341
      ياخشى باھا: 52 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 1908 سوم
      تۆھپىسى: -2 كىشى
      ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
      ۋاقتى: 157(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-25
      كىرىشى: 2010-07-05

    ھەي  مۇشۇ لېرىكا بولسا تازا چۈشنىپ كەتمەيمەن  چۈنكى ئۇيغۇرچە سەۋيەرەم بەل توۋان     بەلەن  گەپ لەركەن بىلۋالدىم
    مىسرانىم مۇنبىرىدە دۆلەتنىڭ قانۇن -نىزاملىرىغا زىت ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بۇزىدىغان تىما ۋە ئىنكاسلار ئاپتۇماتىك سۈزۈلۈپ قېلىنىدۇ.خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭIP سى خاتىرلىنىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىلىدۇ.ئۆزىڭىز ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ ئىناقلىقى ھەم بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ساغلام بولغان تىمىلارنى يوللىغايسىز،،،

    دەرىجىسى: مۇنبەر باشقۇرغۇچى

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 120
      جىنسى: يوشۇرۇن
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە284دانە
    ئۆسۈش: 2.84%
      نادىر تىما: 2
      يوللانما: 284
      ياخشى باھا: 139 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 6494 سوم
      تۆھپىسى: 6 كىشى
      ياخشى باھا: 1 نۇمۇر
      ۋاقتى: 228(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-20
      كىرىشى: 2010-07-05

    ئىچكى  ھېسيات ياخشى ئىپادىلنىپتىكەن، قارىسام بۇ تېمىڭىزنىڭ داۋامى باردىكلا تۇرىدۇ، ئەسلى بۇنى ھېكايە شەكلىدە قىلىپ ماۋزۇسىنى ئۆزگەرتىپ،دىئالوگلىرىنى ئايرىپ ( دىئالوگلارنى سىزىقچە..قاتارلىق تىنىش بەلگىلىرى بىلەن ئايرىپ ،بولۇپمۇ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىپ)يازغان بولسىڭىز جەلپ قىلارلىقى تېخىمۇ ئاشاركەندۇق....
    بۇ مېنىڭ شەخسى كۆزقارىشىم، يازمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي.....

    دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 1005
      جىنسى: يوشۇرۇن
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە45دانە
    ئۆسۈش: 1.5%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 45
      ياخشى باھا: 1 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 635 سوم
      تۆھپىسى: 1 كىشى
      ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
      ۋاقتى: 189(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-27
      كىرىشى: 2010-07-05

    گەرچە دىئالوگلىرى ئولچەملىك بولمىغان بولسىمۇ ..لىكىن بۇ لىرىكىنى تەپسىلى ئۇقىسا ئادەمگە  مۇكەممەل ھىكايىدىن بىرنى ئۇقىغاندەك تەسىر بىرىدىكەن ....يازمىنىڭ ئۇمۇمى مەزمۇنى ياخشى تاللانغان .............
    مىسرانىم مۇنبىرىدە دۆلەتنىڭ قانۇن -نىزاملىرىغا زىت ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بۇزىدىغان تىما ۋە ئىنكاسلار ئاپتۇماتىك سۈزۈلۈپ قېلىنىدۇ.خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭIP سى خاتىرلىنىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىلىدۇ.ئۆزىڭىز ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ ئىناقلىقى ھەم بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ساغلام بولغان تىمىلارنى يوللىغايسىز،،،
    .: Www.MisraniM.CoM :.

    دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 2875
      جىنسى: خانىم
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە57دانە
    ئۆسۈش: 1.9%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 57
      ياخشى باھا: 11 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 743 سوم
      تۆھپىسى: 1 كىشى
      ياخشى باھا: 1 نۇمۇر
      ۋاقتى: 137(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-06-23
      كىرىشى: 2010-07-05

    بەك ياخشى يىزپىسز ،ھارمىغايسىز............
    مىسرانىم مۇنبىرىدە دۆلەتنىڭ قانۇن -نىزاملىرىغا زىت ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بۇزىدىغان تىما ۋە ئىنكاسلار ئاپتۇماتىك سۈزۈلۈپ قېلىنىدۇ.خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭIP سى خاتىرلىنىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىلىدۇ.ئۆزىڭىز ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ ئىناقلىقى ھەم بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ساغلام بولغان تىمىلارنى يوللىغايسىز،،،
    ئالدىنقى تىما كىيىنكى تىما