ئۆچمەس مۇھەببەت
سەن زېمىستان قىلغان قەلبىمگە،
مەن باھارنى چىللىيالمىدىم.
شىرىن چۈشتەك ئۆتكەن كۈنلەرنى،
ئۇنتاي دىدىم ئۇنتالمىدىم.
سەن كۆزۈمدىن يۈتكەندىن بىرى،
ھەر كۈن سەھەر، ھەر تۈنۈم كۈتۈش.
بۇ ھىجرانغا قالدىم چىدالماي،
بەربات بولدى ھەم شىرىن چۈش.
مەن بىلىمەن كەلمەيسەن ئەمدى،
بارالمايمەن مەنمۇ ھەم پەقەت.
ئۆكسۈشلەرگە كۆمۈلۈپ قالدى،
كۈل ئاستىدا چوغدەك مۇھەببەت.
بەخىتلىك بول، دېگىنىم راستۇر،
بەخىتلىكمىن دېگىنىم يالغان.
ئۈمىدلىرىم قالسىمۇ مۇزلاپ،
چېھرىڭ بىلەن قەلبىم يانغان.
ئۆتمۈش ئەمدى گۈزەل ئەسلىمە ،
ئاسرالمىدۇق چىن سۆيگۈمىزنى.
مىسكىنلارچە ئۆتەرمىز ئەسلەپ،
يىللار ھامان ئۇنتار بىزنى.
 |