مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 507 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: فرانسىيە ئالدى بىلەن لىۋىيەگە ئوت ئاچتى
Naprat2009
دەرىجە: ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى: 4456
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 219
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە219دانە
ياخشى باھا: 239 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 7211 سوم
تۆھپىسى: 319 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 2865(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-07-21
ئاخىرقى كىرىشى: 2011-03-21  

0 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2011-03-20 11:20 AM

0 فرانسىيە ئالدى بىلەن لىۋىيەگە ئوت ئاچتى

ئەسكەرتىش: بۇ يازما سەھرا ئوغلى تەرىپىدىن قۇلۇبلاندى (2011-03-20)
فرانسىيە ئالدى بىلەن لىۋىيەگە ئوت ئاچتى
يەر شارى تورىنىڭ 20-مارت خەۋىرى: ب د ت لىۋىيەدە ئۇچۇشنى چەكلەش رايونى تەسىس قىلغاندىن كېيىن، ئەنگىلىيە فرانسىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر پارىژدا يىغىن ئېچىپ، لىۋىيەگە قانداق ھەربىي ئارىلىشىش ئىشىنى مەسلىھەتلەشتى. 3-ئاينىڭ 20-كۈنى سەھەردە، فرانسىيەنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئالدى بىلەن ئوت ئېچىپ،  لىۋىيە ھۆكۈمىنىڭ ھەربىي ماشىنىلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، نەچچە دانە تانكىسىنى پاچاقلاپ تاشلىدى. ئامېرىكا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ قارارىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە دەسلەپكى مەزگىلدىكى ھەربىي ھەركەتكە قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئەمما فرانسىيە ئەمەلدارىنىڭ ئاشكارلىشىچە، ئامېرىكا ھەربىي ھەركەتتە «ماسلاشتۇرغۇچى» لىق رولىنى ئوينايدىكەن.
ھەر قايسى تەرەپلەر پارىژدا يىغىن ئاچقاندىن كېيىن، لىۋىيەگە ھەربىي ھەركەت قوللىنىشنى قارار قىلدى. ئەنگىلىيە، فرانسىيە ۋە كانادا ئۈچ دۆلەت ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ 19-مارت كەچ لىۋىيەگە ھاۋا ھۇجۇمى قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئارقىدىن فرانسىيە كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى تۇنجى بولۇپ ئوت ئېچىپ، لىۋىيەنىڭ ھەربىي ماشىنىلىرى، كۆپلىگەن تانكىلىرىنى پاچاقلاپ تاشلىدى. فرانسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستېرلىكىنىڭ بىلدۈرىشىچە، فرانسىيە 3-ئاينىڭ 20-كۈنى «دېگول» ناملىق ئاۋىئاماتكىسىنى لىۋىيەگە ئاتلاندۇرىدىكەن.
فرانسىيە لىۋىيەگە ھەربىي ھەركەت قوللىنىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى ھىلارى ئامېرىكىنىڭ لىۋىيەگە ھەربىي ئارىلىشىش ھەركىتىنى قوللايدىغانلىقىنى، ئەمما دەسلەپكى ھەركەتكە قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ «باشقا ھەركەت» قوللىنىش قوللانماسلىقى لىۋىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەر ھەركىتىگە ئىنكاس قايتۇرۇشىغا باغلىق ئىكەن. بىرلا ۋاقىتتا، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى ئوتتۇرا دېڭىزغا 3 دانە يادرولۇق سۇ ئاستى پاراخوتى ئورۇنلاشتۇرغان ھەمدە «جەڭ پالتىسى» ناملىق چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن لىۋىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا دېڭىز قىرغىقىدىكى ھاۋا مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى ۋەيران قىلماقچى بولغان.
ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيە دېڭىز ئارمىيىسى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى سەھەردە لىۋىيەنىڭ دېڭىز قىرغىقىغا 100 دانىدىن ئارتۇق «جەڭ پالتىسى» چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەن ھەمدە لىۋىيەنىڭ ھاۋا مۇداپىئە سېستىمىسىنى «ئېغىر پالەچلەندۈرۈش» نىشانىغا يەتكەن. فرانسىيە ئەمەلدارىنىڭ ئاشكارلىشىچە، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە ۋە فرانسىيەنىڭ لىۋىيە زېمىنىغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغاش ھەركىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش گېرمانىيەدىكى ئامېرىكا قوماندانلىق شىتابىىدا ئېلىپ بېرىلغان.
ئەنگىلىيە، فرانسىيە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر ئالدى بىلەن لىۋىيەگە ھۇجۇم قوزغىغاندىن كېيىن، ئىسپانىيە 4 دانە F-18 كۈرەشچى ئايروپىلاننى لىۋىيەدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشقا ئەۋەتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئىسپانىيە يەنە بىر دانە بوئىڭ707 ماي قاچىلاش ئايروپىلانى، بىر سۇ ئاستى پاراخوتى، بىر قوغلىغۇچى پاراخوت ۋە بىر رازۋېتكا ئايروپىلانى ئەۋەتكەن. بىرلا ۋاقىتتا سەئۇدى ئەرەبىستان لىۋىيەگە 24 دانە كۈرەشچى ئايروپىلان (كۆلەڭگە-2000 تىپلىق ۋە F-16 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلان) ئەۋەتىشنى قارار قىلغان، قاتارمۇ 4 دانە كۆلەڭگە-2000-5 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلاننى ئىشقا سالغان. ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ھەر قايسى تەرەپلەر يەنە لىۋىيەگە ئامېرىكىنىڭ B-2 بومباردىمانچى ئايروپىلانىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى قارار قىلغان.
مەنبە: ئوكيان تورى
[ بۇ يازما OBRAZ تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]
تېما تەستىقلىغۇچى : سەھرا ئوغلى
تەستىقلانغان ۋاقىت :
2011-03-20, 03:24

تېمىنى تەۋسىيە قىلىڭ:   

-سىز كۆرۋاتقان تىما فرانسىيە ئالدى بىلەن لىۋىيەگە ئوت ئاچتى,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى: