مەكتەپ پۈتتۈرۈپ خېلى كۈنلەر ئۆتۈپ كەتتى. يېشىممۇ ھەش-پەش دىگۈچە 18 نىڭ قارىسىنى ئېلىپ ئىلگىركى گۆدەك سىماھىمنىڭ ئورنىنى، يىگىتلىك قامىتىم ئىگەللىدى. ئىيۇل كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ئانام :
- ئوغلۇم ئەلى، يېشىڭمۇ 18 گە كىرىپ قالدى. ئەمدى چوڭ بولدۇڭ دىگەن گەپ. رەھمەتلىك داداڭ ...بەش ۋاق ناماز ئوقۇيتى. ئەلۋەتتە سەنمۇ ئۇنىڭ ئىزىنى بېسىپ...ناماز ئوقۇپ ،بىرەر ئايەت ئۆگۈنۈپ قويساڭ ...بىز كەتكەندىن كىيىن تۇپراقبېشىغا چىقىپ ...دۇئا -تەكبىر يەتكۈزۈپ تۇرساڭ ...ئۇ ئالەم ،بۇ ئالەم رازى بولاتتىم بالام..- دەپ قالدى.
ئەلۋەتتە، مەندەك ئويۇندىن بېرى كېلەلمەيدىغان ئادەمگە تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەك ناماز ئوقۇ -دىسە...ئاسمانغا چىقىپ چۈشمەكتىنمۇ قىيىن تۇيۇلدىكەن. بولۇپمۇ سەھەردىكى ئۇيقۇدىن ۋاز كېچىپ ..تاھارەت ئالماق...يەنە كېلىپ ئاخشىمى ئۇيقۇ كەلگەندە خۇپتەن نامىزىغا تۇرماق ...ئەڭ تەس. ئۆزۈمگە ئايان...مېنىڭ ئۇيقۇم بەك قاتتىق. بىر ئۇخلاپ قالسام بىچارە ئانام كانىيىنى قىرىپ تۇرۇپ ۋارقىرمىغىچە تۇرمايمەن. بېشىمغا جىرىڭلايدىغان سائەتنى قويۇپ قويسام، مېيى تۈگەپ كەتكەندە ئاران تۇرىمەن... ھەي...قىلالارمەنمۇ؟ ئانامغا قارىدىم. ئۇ مەندىن يەنىلا باياقى سۇئالنىڭ جاۋابىنى كۈتۈپ...كۆزۈمنىڭ ئچىىگە قاراپ تۇرۇپتۇ. شۇ ئەسنادا كاللامغا بىر ئەقىل كەلدى- دە دەررۇ جاۋاپ بەردىم:
-ئەمما ئانا، ناماز ئوقۇسا ساقچى تۇتۇپ كېتەرمىش دەيدۇ. بىكار ئۆزۈمگە ئىش تاپقۇم يوق. كىيىنچە بىر گەپ بولمامدۇ؟ خەقلەرمۇ تاماكىنى قىڭغىر چىشلەپ يۈرۈيدىكەنغۇ؟ ئاپپاق ئانا، ماقۇل دەڭە، ئوقۇمىسام...
ئانامغا سۈركىلىپ ئەركىلەپ قويدۇم. بۇ گەپلىرىم ئانامغا شۇنچىلىك كۈلكىلىك تۇيۇلۇپ كەتتىمىكىن...خېلى بىر ھازاغىچە كۈلۈپ كەتتى.
-ھەي..تەنتەك! قارا ما گېپىڭنى. سەن 18 كە توشتۇڭ. ناماز ئوقۇساڭ قانۇندا چەكلەنمەيدۇ. ھۆكىمەتمۇ دىن ئۈچۈن نۇرغۇن قولايلىق شارائىتلارنى ھازىرلاپ، ياخشى كىتاپلارنى نەشىر قىپ ..مەسچىت سالدۇرۇپ..بېرىۋاتسا ، سەن نىمىلەرنى دەپ يۈرۈيسەن بالام؟ قولغا دىگەننى، قانۇنسىز دىنى پائاليەت بىلەن شۇغۇللانغانلارنى ئالىدۇ بالام...
ئانام خېلى ئۇزۇن گەپ قىلىپ مېنى ئازراق قايىل قىلدى. بەلكىم...كىيىنچە مەسچىتكە چىقسام، جامائەت بىلەن بىللە...نەزىرلەرگە بېرىپ پولۇ يەپ كېلىشكە پايدىسى بولار. ئەمما ئۇ ئايەتلەرنى ئۆگۈنۈپ بولغۇچە، ئاغزىم نەچچە بۇرجەك بوپ كېتىدىغان ئوخشايدۇ...
يەكشەنبە كۈنى بازارغا بېرىپ شىنخۇا كىتاپخانىسىدىن ناماز ئايەتلىرى ۋە ئوقۇش قائىدىسىنى سېتىۋالدىم. شۇنىڭدىن باشلاپ...كۈنلىرىم ئايەت يادىلاش بىلەن ئۆتتى. ئىشنىڭ يامان تەس يېرىگە كەلگەندە...<ئايەت يادىلايمەن!> دەپ ئېتىزنى تاشلاپ كىرىپ كېتىدىغانمۇ بولىۋالدىم. گاھىدا بىر جۈملىنى يادىلاپ بولغۇچە بېشىمدىن سۇ چىقىپ كېتەتتى. ۋە گاھى ئايەت يادىلاشتىن زېرىكسەم ناخشىدىن بىرە پەدە توۋلاپمۇ قوياتتىم.
ئارىدىن ساق بىر ھەپتە ئۆتكەندە..ياما ن ئەمەس بىرنىمىلەرنى بىلىپ قالدىم. ئەمما ..تاھارەت ئالغىلى ئوبۇرناغا كىرسەملا كاللامغا تۈمەن خياللار كېلىۋېىلىپ...مۈگدەپ قالدىغان، جاينامازغا چىققاندا يادىلىغان ئايەتلىرىمنى ئۇنتۇپ قېلىپ...نامازنى بۇزۇپلا كىتاپقا قاراپ تۇرۋالدىغان ئادەت شەكىللىنىپ قالدى. كىتاپتا دىيىشچە، نامازدا تۇرغاندا ئۇيان-بۇيانغا قارىسا بولمايمىش. ...ھەي...ئەڭ ياخشىسى مەسچىتكە بېرىپ جامائەتتىن ئۆگەنسەم بولغۇدەك.
سۈبھى يورىغان چاغدا ئانامنىڭ ئىسمىمنى چاقىرغان ئۈنى ئاڭلاندى.چالا ئۇيقامدىن خۇدۇ ھالەتتە تۇرۇپ تاھارەت ئېلىشقا تۇردۇم. ئەلۋەتتە، بۈگۈن مەسچىتكە بارىمەن. جامائەت بىلەن بىرگە ناماز ئوقۇيمەن. ئىلگىرى يولدىن ئۆتۈپ كېتىپ بارغاچ ھەيرانلىق نەزىرىدە قاراپ قويدىغان ئاشۇ كۆك رەڭلىك قەلئەگە قەدەم ئالىمەن....
مەسچىت بىلەن ئۆيىمىزنىڭ ئارلىقى خېلى يىراق. تەخمىنەن 15 مىنۇت ماڭسا ئاران بارغىلى بولىدۇ. شۇلارنى ئويلاپ ھاپلا -شاپلا غەر-غەر ، مەززە-مەزززە قىلىپلا مەسچىتكە قاراپ ماڭدىم. تاڭدىكى تىمتاسلىق ،جىمجىتلىق ئادەمگە بىرخىل سۈرلۈك سېزىمنى شەكىللەندۈرسە...مەسچىتكە بولغان دەسلەپكى قىزىقىش ...يەنىلا ئاللىقانداق ھېسياتلاردىن ھالقىپ چۈشەتتى. قوش قاناتلىق ياغاچ ئېشىكتىن بىسمىللاھ دىگىنمچە ئوڭ پۇتۇمنى ئالدىم. پەلەمپەي تۈۋىگە سېلىنغان بىر پارچە كىگىز يېنىدىكى ئاياغ دۆۋىسىگە مەنمۇ ئايىقىمنى سېلىپ جامائەت ناماز ئوقۇۋاتقان ئۆيگە كىردىم.
-ئەسسسالامۇ ئەلەيكۇم!
30 دەك جامائەتنىڭ بىرەرىدىن سالامىمغا جاۋاپ قايتمىدى. خۇددى مەسچىت ئىچىدە چەتئەللىكنى ۋەياكى ئاللىقانداق غەلىتە مەخلۇقنى كۆرۋالغاندەك
شاپاق دوپپا، سەللىلىك، شەپكىلىكلەنىڭ ھەممىسى ئارقىغا بۇرۇلۇپ يەيدىغان قاراپ كەتتى. ئۆزەمچە تەمتىرەپ جايىمدا قېتىپ قالدىم. ئۇلارنىڭ قېتىدا ياشلاردىن پەقەت مەنلا... ھەددىدىن زىيادە تەمتىرەپ كەتتتىمۇ تاس قالدىم ئارقىمغا يېنىپ چىقىپ كەتكىلى. سېرىق سىردا سىرلانغان، تاملىرىغا ئەرەپچە يېزىقتا ھۆسىنخەتچىلەپ يېزىلغان بۇ مەسچىت ...ۋە گۈمبەز شەكىللىك مېھراپ..ماڭا غەلتىلا تۇيۇلدى. خۇددى بۇنىڭ ئىچى بىر دۇنيا، مەسچىتنىڭ سىرتى بىر دۇنيادەك. بەلكىم ئارتۇقچە ئويلاپ كەتكەندىمەن. ئەمما بۇ يەر ھەقىقەتەن سۈرلۈك ئىدى. توساتتىن بىرى ماڭا ئولتۇرۇشنى ئىما قىلدى. ئاشۇ كىشىنىڭ يېنىغا بېرىپ ئولتۇردۇم. ئاندىن سۈنئەت ئوقۇماقچى بولۇپ ئورنۇمدىن تۇردۇم. ئادەتتە ئەزەلدىن خەقلەر قاراپ تۇرۋالسا...بارچە ئشىم قولاشمايدىغان خۇيۇم بار. بىرنجى رەكئەتنى ئوقۇپ سەجىدە قىلدىغان چاغدا ..يەرگە 3 نى ئۈسىۋەتكىنىمنىمۇ تۇيماپتىمەن. بىر چاغدا تەكبىر ئېيتىلدى. ئەمما بۇ مەزىناخۇنۇمنىڭ ئېيتقىنى بىلەن كىتاپتىكىسى قەتئىي ئوخشىمايتى. بەلكىم بۇ كىشى بەك قېرىپ كەتكەچكە توغرا دىيەلمىگەندۇ. ئەمما ئايەتنى توغرا دىمىسە يامان بولىدىكەن. سەپكە قېتىلدىم. كەكە ساقال ئىمام ئاخۇنۇم..قىرائىتىنى باشلىدى. تولىمۇ ئەپسۇسكى، يولدا كېتىۋاتقان پاق-پاق تېرەكتۇرنىڭ ئۈنىدە قۇلىقىم ھېچ نەرسىنى ئاڭلىمدى. ئىمام ئاخۇنۇمنىڭ خڭ-خىڭ ئاۋازىغا كۆنۈپ كەتكەن جامائەت..بەلكىم ئۇنىڭ تىنىقلىرىدىن تارتىپ يادا بوپ كەتكەندۇ...
پەرىز ئاياغلاشتى. جامائەت چەمبىرەك شەكىلدە ئولتۇرۇشۇپ تەسبىھ ئېيتىشقا باشلىدى. تەسبىھ تۈگىشىگىلا ئىمام ئاخۇنۇم قىرائىتىنى باشلىدى. بۇ كىشىنىڭ ئاۋازىنىڭ بوشلىغىدىن قۇلىقىمنى نەچچە كوچىلاپ كەتتتىم. ئەمما ئۈنۈمى بولمدى. جامائەتلەرگە قارىسام...تەڭدىن تولىسى بۇخاراغا كەتكەندەك كۆزلىرىنى چىڭ يۇمۇشۇپ ..شامالدا قالغان قېرى سۆگەتتەك ئىككى يانغا ئىغاڭلايتتى. شۇ ئەسنادا مېنىمۇ ئۇيقۇ تۇتتى. ئەمما لېكىن مەسچىتنىڭ سالقىنلىقىدا ئۇخلايدىغان بولسا...مېھمانخانىدىنمۇ ئېسىل بولدىغانلىقىغا كۆزۈم يەتتى. تامغا يۆلەنگەن پېتى ئىمامنىڭ ئاشۇ جامائەتلەرنى ئۇخلىتىپ قويدىغان قىرائىتىگە جۆر بولۇپ كۆزۈمنى چىڭ يۇمۇپ ئۇيقۇغا كەتتىم. بىر چاغدا يېنىمدىكى بىر كىشى بېقىنىمنى نوقۇپ ...بىر قۇتا سۇنى تەڭلىدى. بەلكىم بۇ سۇ ئۇسساپ كەتكەنلەر ئىچىدىغان سۇدۇ...ياكى ئۇخلاپ قالغانلارنى سەگىتىش ئۈچۈن بېرىدىغان سۇدۇ...
- ئىتتىك بولىسلا..
ئۇ كىشى تۈگۈل جامائەتنىڭ ھەممىسى ئاشۇ قۇتىغا قاراپ تۇراتتى. قۇتىنى قولۇمغا ئېلىپ نەپىسىمنى چوڭ بىر تارتتىمدە ئىچىمدە <خوششە!> دىگىنىمچە غوپۇلدېتىپ ئىچىپلا كەتتىم.
-ھەي! بۇ ئىچىدىغان نەرسە ئەمەس، دىمىدە!
قۇتىدىكى سۇنىڭ يېرىمنى ئىچىپ بولغاندا يېنىمدىكى كشى قولۇمدىن سىىلكىگەن پېتى قۇتىنى تارتىۋالدى ۋە ھومىيىپ قاراپ قويدى. بىر دەمدە...كۇسسۇر- كۇسسۇر پاراڭلار يېغىپ كەتتى.
-ۋوي قانداق بالا ئۇ؟
-شۇنى دەيمەن...
-خۇدايىم توۋا...
-پىجۇ ئىشكەندەك ئىچىپ كەتتا ئۇ دېمىدىنى!
-بەلكىم، مەسچىتكە يېڭى كىرگەندۇ...
-...
شۇنداق خىجىل بولدۇمكى تاس قالدىم تىركاڭ-تىركاڭ قىپ قالغىلى. بىر چاغدا مەسچىتتىن چىقتۇق. ئۇلارنىڭ ئادىتىمىكىن...مەسچت ھويلىسىدا سەپ بولۇپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەندىن كىيىن ئاندى تارقىلدىكەن. ھەممىمىز تەييار بولدۇق. ئەمما ئىمام ئاخۇنۇم نىمىنىدۇر بىرنەرسىنى ئىزدىگەندەك يەرگە ئېڭىشىپ يۈرەتتى.
-ھوي ئىمام ئاخۇنۇم! نىمىنى ئىزدەيلا؟
-ۋاي ئايىقىم يوق تۇرىدۇ...ئايىقىم!
جامائەت بىر -بىرسىگە قارىشىپ ...ئىمامئاخۇنۇمىڭ ئايقىنى ئىزدەشكە چۈشۈپ كەتتى.
-ما بالا يېڭى كەلگەن. بەلكىم بايا سىلىنىڭ ئاياقلىنى سىقىپ قويۇپ ئاندى نامازغا كىرگەن چېغى...
-راس..راس دەيدۇ..
-چوقۇم شۇنداق..
-ھازىر ياش باللار مەسچىتتە نىمىش قىلىدۇ؟ ئويۇنىنى ئوينىماي..
-ھەي...ئۇنداق دىمەڭلا ، بۇ دىگەن ياخشى ئادەمنىڭ بالىسى جۇمۇ!
-ئەمسە ئايىقىم قېنى!
ئىمام ئاخۇنۇم ماڭا غەزەپ بىلەن قارىدى. كۆزۈم پەلەمپەي يېنىدىكى ئىشكاپنىڭ بۇلۇڭىدىكى بىر قارا نەرسىگە چۈشتى. ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ تارتىپ ئالدىم.دەرۋەقە ئۇ سىرى چۈشۈپ كەتكەن سېرىق رەڭلىك كونا ئاياق ئىدى.
-ئاخۇنۇمكا، مۇنۇ سىلىنىڭ ئاياقلىرىمۇ؟
ئۇنىڭغا ئاياقنى سۇندۇم. ئىمام ئاخۇنۇم بىر پەس قارىۋەتكەندىن كىيىن ...ساقىلىنى سىيلاپ تۇرۇپ:
-ھەي...ئېسىم قۇرسۇن.. مەن ئاياقنى ئاشۇ بۇلۇڭغا قىستۇرۇپ قويۇپ ئۇنتۇپ قاپتىمەن ئەمەسمۇ...ھې...ھې..ھې...
ئىمامئاخۇنۇمغا بىر پەس قارىۋەتكەندىن كىيىن جامائەتتىن ئايرىلدىم.
-ھوي بالاموي! كېتىمەن دىمەي، 2-شودۈيدىكى روزاخۇن ئۆلۈپ كېتىپتۇ. نەزىرىگە بارغاچ پولۇ يەپ ماڭ..!
- رەھمەت! پولۇ يەيمەن دەپ ئاياق ئوغرىسى بوپ قالماي يەنە... ئۆزۈڭلا يەڭلا ئۇ پولۇرۇڭلىنى!
ئۆيگە ئالدىراپ كېتىۋاتىمەن. ئىچىمدە بىر پاتمان سۇئال...خۇددى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك ۋەياكى ئاشۇ ئىمام ئاخۇنۇمنىڭ قوييۇق ساقاللىرىدەك... بەكمۇ كۆپ...بەك ئۇزۇن خىياللار بارىسىدا چوڭ-چوڭ دەسسەپ كېتىپ بارىمەن....
(تۈگىدى)
---------------------------------------
(ئۆرۈكجان)
[ بۇ يازما ئىدىرىسجان تەرپىدىن 2010-07-03 09:04 AM د ]