مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى
ئالدىنقى تىماكىيىنكى تىما
مەزكۇر يازما 301 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تىما : مەڭگۇلۇك خوشلىشىش!
.: Www.MisraniM.CoM :.

دەرىجىسى: كۆنگەن ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 129
  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە634دانە
ئۆسۈش: 6.34%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 634
  ياخشى باھا: 73 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 3199 سوم
  تۆھپىسى: 2 كىشى
  ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
  ۋاقتى: 166(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-20
  كىرىشى: 2010-07-03

0

 مەڭگۇلۇك خوشلىشىش!




( مەڭگۇلۇك خوشلىشىش)

< ھېكايە>

پۇتۇن يەرجاھان قاراڭغۇلۇققا چۇمۇپ ،تىمتاسلىققا چۇمگەن بۇ تۇندە ،مەنلا يالغۇز خىيالغا پاتتىم. بۇ خىياللار مىنى بەكمۇ قىينايتى،مەن يەنىلا خىيالىمدىن قۇتۇلۇپ كېتىش ئۇچۇن ،ئورنۇمدىن ئاستا تۇرۇپ،دېرىزە تەكچىسى يېنىغا كىلىپ تالاغا قارىدىم.تالادا بىرمۇ ئادەم قالماپتۇ ،پەقەت كۇچا چىراقلىرى پالىلداپ يىنىپ تۇراتتى.
مەن بىردەم سالقىن ھاۋادا نەپەس ئىلىپ،مىنى چىرمىۋالغان خىياللىرىمنى بۇلىۋىتىش نىيىتىمدە ،دىرىزە ئەينىگىمنى ئاچتىم.
دېرىزەمدىن كىرگەن، ئىللىق مەيىن -شامال دىمىقىمغا ئۇرۇلۇپ ،روھلۇنۇپ قالغاندەكلا بولۇپ قالدىم.
يەنىلا بۇ مەيىن شامالدىمۇ يەنىلا ئەسلىمەم بارئىكەنغۇ؟مەن زادى بۇ خىيالدىن قىچىپ بۇلالمامدىم!
كۆزۇمدىن مارجاندەك سىرغىپ چۇشكەن، يېشىم تارام-تاراملاپ چۇشۇپ، ئۇخلاش كىيمىمنىمۇ ھۆل قىلىۋەتتى.
قانداق قىلىمەن؟تەغدىرىمنىڭ بوران -چاپقۇنلىرىغا ،بوي سۇنمايمۇ ئامالىم قانچە؟ئۆلگەنلەر -تىرىكلەرنى قان يىغلىتىپ كىتىدىغان جاھانكەنغۇ بۇ!بىزمۇ ئۆتكۇنچى مېھمانكەنمىز بۇ دۇنياغا!ھاياتلىقىمىزدا بىر-بىرىمىزنىڭ قەدىرىنى قىلىشماي ئۇتىدىكەنمىز،ئۆلگەندە بولسا ئېسىت دەپ قالىدىكەنمىزغۇ؟................................

مەن ئالدىراش خىزمەتتىن چۇشۇپ ،ئۇدۇل يالقۇننىڭ يىنىغا قاراپ يۇگۇردۇم.يالقۇن مىنىڭ تۇنجى سۆيگەن ،ماڭا مۇھەببەتنىڭ ھەقىقى تەمىنى، ھېس قىلدۇرغان ئادىمىم ئىدى.ئۇ ئۆلۇپ كەتسە بولمايدۇ!ياق...ياق ..ئۇ چۇقۇم مۆجىزە يۇز بىرىپ ئۇنىڭ جىسمىنى قېيناۋاتقان -كېسەلنى يىڭىپ، مەن بىلەن يىڭى تۇرمۇشقا قەدەم باسىدۇ.
مەن شۇ خىيال بىلەن ،ئۆزۇمنىڭ دوختۇرخانا ئىشىگى ئالدىغا كىلىپ ،گۇللۇك ئالدىدا تۇرۇپ ،يىغلاپ- ئىسەدەب كەتكەنلىگىمنى تۇيماي قاپتىمەن.

-ئاداش نىمە بولدۇڭ؟يالقۇنغا بىر ئىش بولمىغاندۇ؟كۆڭلۇڭنى يېرىم قىلمىغىنە... يالقۇننى كۆرۇپ چىقاي دەپ ، سىنى ساقلاپ تۇرغانتىم.

مەن تۇيۇقسىز يىنىمدىلا چىقىۋاتقان ،بۇ ئاۋازدىن چۇچۇپ يىنىمغا قارىدىم،ماڭا تەسەللىي بىرىۋاتقان، دوستۇم شېرىنگۇل ئىكەن. (شېرىنگۇل مۇشۇ دوختۇرخانىنىڭ سېستىراسى ئىدى .)مەن ئۇنى كۆرۇپ قۇچاقلاپ ،تىخىمۇ بەك ئېزىلىپ يىغلاپ كەتتىم.

-ئاداش يالقۇن تۇگەپ كىتەرمۇ؟مەن ئۇنىڭ كىتىشىگە قانداقمۇ چىداپ تۇرالايمەن،ئۇنىڭ بىلەن كەتسەم دەيمەن.
ئۇنىڭ كېسەل كارۋىتىدا تولغۇنۇپ-ئىڭىراشلىرىغا ،مەن جىنىمدا چىداپ تۇرالمايۋاتىمەن.بۇ نىجىس كېسەل ئۇنىڭغا نەدىن چاپلاشقاندۇ؟ئاداش ،يالقۇن تېخى ياش قېران بۇركۇتتەك يىگىتتىغۇ؟بۇ كېسەل ئۇنى بىراقلا ئۆرىۋەتتى،كىرىپ كۆرۇپ باققىن ،تىرىك مۇردىغا ئوخشاپ قالدى.

مەن يەنە نىمىلەرنى دەپ كەتتىم ئېسىمدە يوق،دوستۇمنى باشلاپ يالقۇنۇمنىڭ يىنىغا كىردىم.يالقۇن كارۋاتتا، يەنىلا ئۆرۇلۇشكىمۇ ماغدۇرى يوق تۇگۇلۇپ يىتىپتۇ،يالقۇننىڭ بىچارە -جاپاكەش ئانىسى بولسا ، يىنىدا تۇرۇپ يالقۇننىڭ بەدەنلىرىنى سىيلاپ ئولتۇرۇپتۇ .ئۇلارنىڭ بۇ ھالىنى كۆرۇپ ئۆزۇمنى زورىغا باسساي دىسەممۇ،
ئۆزۇمنى قەتئي باسالماي كۆز يېشى قىلدىم.مەن يىغا ئارىلاش چىققان ئاۋازىم بىلەن ،دوستۇمنى قۇلۇم بىلەن شەرەت قىلىپ ، ئۇنىڭ يالقۇننى يوقلاپ كىرگەنلىكىنى ئېيتىپ، يالقۇنغا كۆرسەتتىم.
دوستۇممۇ نىمە دىيىشىنى بىلمەي،يالقۇننىڭ يىنىغا كىلىپ، بەك جىق خىيال قىلماي دوختۇرغا ماسلىشىپ ئارام ئالسا ساقىيىپ كىتىدىغانلىقىنى، ئېيىتىپ قۇيۇپ كەينىگە ئۆرۇلۇپ چىقىپ كەتتى.مەن شېرىنگۇلنى ئۇزۇتۇپ چىقسام، ئۇمۇ قۇلى بىلەن ئاغزىنى تۇتىۋىلىپ، يىغلاپ كۆزى قىزىرىپ كىتىپتۇ.ئۇ ماڭا قاراپ: مىنىڭ كىرىپ كىتىشىمنى، ئىشارەت قىلىپ قۇيۇپ ،قەدىمىنى تېز......تېز يۆتكەپ كىتىپ قالدى.
مەن كەينىمگە ئۆرۇلۇپ يالقۇننىڭ يىنىغا كىردىم،ئۇ ماڭا قاراپ ئۆزى ئاغرىپ تۇرىۋاتسىمۇ ، زورىغا كۇلۇمسىرەۋاتاتتى.مەن يۇگۇرۇپ كىلىپ يالقۇننىڭ بىشىنى قۇچىغىمغا ئالدىم.

مەن بۇرۇن ئۇنىڭ ئانىسىنى كۆرسەم ،نۇمۇس قىلىپ قىچىپ كىتەتتىم.بىراق يالقۇننىڭ كېسىلى ئېغىرلاشقان ياقى،مەن يالقۇننىڭ ئانىسى بىلەن ئانا -بالا بوپ كەتكىنىمنىۇ تۇيماي قالدىم.يالقۇن ئۇيىنىڭ بىر تاللا ئارزۇلۇق ئوغلى ئىدى،ئۇ ئەمدىلا ئالىي مەكتەپنى پۇتتۇرۇپ ،خىزمەتكە چىققىلى 3يىلمۇ بولمىغان ئىدى .ئەمما بۇ كاج تەغدىرنىڭ -يالقۇندىن بۇ بەخىتنى بەك بالدۇر... تارتىۋالىدىغىنىنى كىم ئويلىغان دەيسىز.

مەن يالقۇن بىلەن گەرچە بىر مەكتەپتە ئۇقۇمىغان بولساممۇ ئۇنىڭ تىرىشچان بالا ئىكەنلىگىنى بۇرۇنلا باشقىلاردىن ئاڭلىغان ئىدىم.بىز بىر قىتىملىق، مەكتەپتىن تەتىل قۇيۇپ بېرىش ۋاقىتىدا ، ئابتۇبۇستا تاساددىبي بىرگە- بىر ئورۇندا ئولتۇرۇپ ،يۇرتقا مىڭىش جەريانىدا تۇنۇشۇپ قالغانتىم.ئۇ تۇلىمۇ خۇشخۇي بالا ئىدى،مەنمۇ بەك چاخچاقچى قىز ئىدىم.بىز تېزلا چىقىشىپ قالدۇق،نەچچە سائەتلىك يول ئارلىقىمۇ ،ئىككىمىزنىڭ پاراڭلىرى بىلەن بىردەمدىلا تۇشۇپ قالغان ئىدى.بىز يۇرتقا يىتىپ كىلىپ، بىكەتتە خوشلۇشۇپ قايتتۇق.شۇنىڭدىن كىيىن ئۇنىڭ بىلەن يىرىم يىلدىن كىيىن ،مەكتەپلەر ئارا ئۆتكۇزۇلگەن ،مۇزىكا كىچىلىگىدە يەنە ئۇچىرىشىپ قالدىم.
بۇ كىچىلىكتە يالقۇننىڭمۇ نۇمۇرى بارئىكەن، مەن ئۇنىڭ چالغان مۇزىكىسىنى ئاڭلاپ ،ئۆزۇمچىلا بىرخىل بۇلۇپ قالدىم.ئۇمۇ نۇمۇرىنى ئورۇنلاپ بۇلۇپ چۇشكەندە ،مىنى كۆرۇپ خۇددى ئۇزۇن يىل كۆرۇشمىگەن، ساۋاقدىشىدەك قېزغىن سالاملىشىپ كۆرۇشتى.كىچىلىك تۇگەپ مۇسابىقىگە چۇشكەنلارنىڭ نۇمۇرى ئېلان قىلىندى،يالقۇن 2-لىكنى قولغا كەلتۇردى.باھالىنىپ بولغاندىن كىيىن،زال ئىچىدە گۇلدۇراس ئالقىشلار ياڭراپ كەتتى.ئۇنىڭدىن كېيىن تانسا باشلاندى،ئۇ خۇددى مىنى بىرى تارتىپ -ئىلىپ كىتىدىغاندەك ،يۇگۇرگەندەك مىڭىپ كىلىپ تانسىغا تەكلىپ قىلدى،ئۇ ۋالىسنى بەكمۇ ياخشى ئوينايتى. شۇكۇندىن باشلاپ چۇشۇمدىمۇ ئويلاپ باقمىغان، مۇھەببەت مىنى قۇلىغا ئالدى.مەن ئۇنىڭدىن بىر يىل كىيىن مەكتەپ پۇتتۇردۇم،ئۇ بەش يىلنى تاماملاپ مەندىن، بىريىل بۇرۇن مەكتەپ پۇتتۇردى.شۇنداق قىلىپ بىزنىڭمۇ ، يۇرۇۋاتقىنىمىزغا ھەش-پەش دىگۇچە 5يىل بولدى .

ئىشتىن چۇشكەندە ،يالقۇن ماڭا دەيدىغان مۇھىم گىپى بارلىقىنى ئېيتىپ تېلىفۇن قىپتۇ ،شۇنىڭ بىلەن بىز خالىي بىر ئاشخانىدا ئۇچىرشىپ ،شۇنداق قىزغىن پارڭلىشىپ -تاماقلىنىپ ئولتۇرغاندا،يالقۇن تۇيۇقسىزلا مەيدىسىنى تۇتۇپ تولغۇنۇپ كەتتى.
مەن دەسلەپتە ئۇنى قىززىقچىلق قىلىۋاتقان چىغى،- دەپ ،ئىشەنمەي كۇلۇپ ئولتۇرۇپتىمەن.بىراق،مەن ئۇنىڭ بارا ..بارا كۇكۇرۇپ كېتىۋاتقان چىرايىغا قاراپ ،قورقۇپ كەتكىنىمدىن چىقىراپ كەتتىم .ئاۋازىمنى ئاڭلىغان ئاشخانىدىكى ئاشپەز ئۇستاملار يۇگۇرۇشۇپ كەلدى، مەن ئۇلارنىڭ ياردىمىدە، يالقۇننى ماشىنىغا سېلىپ دوختۇرخانىغا كەلدىم.دوختۇرلار جىددي قۇتقۇزۇش ئۇيىدە ئۇنى گۇزىتىۋاتاتتى،مەن قورققۇنۇمدىن ئۇنىڭ يىنىدا تەلمۇرۇپ تۇردۇم.دوختۇرلار يالقۇندىن قان ئېلىپ تەكشۇرۇش قىلىدىغانلىقىنى ،ماڭا پۇل تاپشۇرۇشنى ئېيتتى.مەن يۇگۇرگەن پىتى ئۆيگە كىلىپ ،ئانامغا قانداق چۇشەندۇردۇم بىلمەيمەن ،ئىشقىلىپ پۇلنى ئىلىپ كىلىپ،دوختۇرغا پۇلنى تاپشۇردۇم.دوختۇر مىنى چاقىرىپ يالقۇننىڭ ،ئۇرۇق-تۇققانلىرىنى چاقىرىپ كىلىشىمنى ئېيتتى.

راس گەپ قىلسام، بۇ مىنىڭ يالقۇننىڭ ئانىسىغا ،بىرىنچى قىتىملىق تېلىفۇن قېلىشىم ئىدى.بىچارە ئانىسىمۇ، تېلىفۇننى قۇيۇپ ئۇچۇپ كەلگەندەكلا، دوختۇرخانىدا پەيدا بولدى.دوختۇر بىزنى ئىشخانىسىگە ئەكىرىپ ئۆزىمىزنى تۇتىۋىلىپ،ئاڭلىشىمىزنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دىدى:يالقۇننىڭ كېسىلى راك كېسىلىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچقا كىلىپ قالغانلىقنى ،يەنە نەچچە ئايلىقلا ۋاقتى قالغانلىقىنى ئېيتىتى.

-ياق....ياق..راك...راك...ياق..ياق،بۇنداق بۇلىشى مۇمكىنمۇ، دوختۇر-بىزنى، قەستەن ئالداۋاتىسىزغۇ دەيمەن؟
بۇ مىنىڭ بىرتال ئوغلۇم ،مەن ھەگىزمۇ ئىشەنمەيمەن.ياق.....ياق...يالغان دەۋىتىڭە ،دوختۇر بالام....

مەن يالقۇننىڭ ئانىسىنىڭ ھۆكىرەپ يىغلاشلىرىغا،دوختۇرنىڭ بىزگە ئېيتقان كېسەل دۇكىلاتىغا ئېشەنگۇم كەلمەي،
جايىمدا يالقۇنۇننىڭ، راك كېسەل دەپ دېئاگىنوز قويغان ئىسپاتىنى، چىڭ سېقىمدىغىنىمچە، جايىمدا نىمە قىلارىمنى بىلەلمەي قىتىپ قالدىم.بۇ مۇمكىن ئەمەس دەيتىم ،ئىچىمدە.................راك...راك بۇنداق بۇلىشى، مۇمكىنمۇ؟مۇمكىن ئەمەس!قەتئي مۇمكىن ئەمەس!مەن يۇگۇرگىنىمچە ،يالقۇن ياتقان قۇتقۇزۇش ئۇيىگە كىردىم.دوختۇرلار ئۇرغان تىنىچلاندۇرۇش ئۇكۇلى ،ئارام بەردىمۇ ،يالقۇن سەل ئوڭشۇلۇپ قاپتۇ.ئۇ مىنىڭ ئەلپازىمنى كۆرۇپ ھەيران قالدى.مەنمۇ ئۇنىڭ ياخشىلىنىپ قالغان ھالىتىگە قاراپ ،ئۆزۇمنى زورىغا بىسىپ كۇلەي دىسەممۇ كۇلەلمەيتىم.
توۋا! يالغاندىن بولسىمۇ كۇلۇپ قۇيۇش ، بۇنداق ۋاقىتتا ھەجەب تەسكىنا. يالقۇن ماڭا قاراپ، نىمە بولغانلىقىنى سوراشقا باشلىدى.

-رازىيە سىزگە نىمە بولدى؟مەن نىمە كېسەل ئىكەنمەن؟نىمانداق ،چىرايىڭىز تاتىرىپ كەتتى؟قۇلىڭىزدىكى نىمە قەغەز ؟ئەكىلىڭە مەن كۆرەي.
-ھىچ...ھىچنىمە بولمىدى،سىزگە ئېسسىق ئۇتۇپ قاپتۇ.ئاشقازىنىڭىزدا ئازىراق مەسىلە بارئىكەن،دوختۇرخانىدا يىتىپ داۋالانسىڭىز ، تېزلا ساقىيىپ كىتىدىكەنسىز.بۇ قەغەز مىنىڭ، ئالىدىغان دورامنىڭ تالونى.مەن چىقىپ ئەكىرىۋالاي ،سىز جايىڭىزدا مىدىرلىماي يىتىپ تۇرۇڭ ھە.

دەپ قۇيۇپ ئۇنىڭ يېنىدىن ئاران چىقىۋالدىم،قانداق قىلارمەن؟ئۇ كېىسىلىنى بىلسە قانداق بۇلۇپ كىتەر؟ ياق..ياق ئۇ بىلسە بولمايدۇ.بۇ بەلكىم خاتا قۇيۇلغان، دىئاگىنوز بۇلۇپ قالسىچۇ؟بۇ دوختۇرلار نىمىنى بىلەتتى،ياراتقان ئىگەمدىن بى سوراق قىل تەۋرىمەيدۇ.بۇ كالۋا دوختۇر لار ئاغزىغا كەلگەننى، جۆيلۇۋاتىدۇ-ھەقىچان.مەن ئۆز-ئۆزۇمگە شۇنداق سۆزلەپ تەسەللي بەردىم.مۇشۇنداق خىيال قىلىپ تۇرىشىمغا ،يالقۇننىڭ ئانىسىنىڭ ئاۋازى خىيالىمنى بۇزدى.ۋاي راس!ئانىسىنى تۇسىۋالاي- يالقۇنغا دەپ قويمىسۇن يەنە...

-ئانا! يالقۇن ئۇقمىسۇن،ھەرگىز چاندۇرۇپ قويمايلى . يالقۇننىڭ يىنىغا سىز بىردەم تۇرۇپ كىرىڭ ،ئۇ گۇمان قىلىپ قالمىسۇن.ھەرگىز چىنىپ قالمىسۇن -بۇلامدۇ ئانا! بۇ يەرگە كىلىپ ئولتۇرۇپ تۇرۇڭ.
مىنىڭ قانداق قىلىپ ئاغزىمدىن ئانا!دىگەن سۆزنىڭ، چىقىپ كەتكەنلىگىنى بىلمەي قىلىپ،يۇزۇمنى ئوت ئىلىپ كەتتى.ئىتتىكلا چاندۇرماسلىققا تىرىشىپ، يالقۇننىڭ يىنىغا كىرىپ كەتتىم.

يالقۇن مىنىڭ يەنە قۇرۇق قول كىرىپ كەلگىنىمدىن ،ھەيران بولدىمۇ؟يەنە مەندىن سوراشقا باشلىدى.

-رازىيە قېنى دورا؟ئالماپسىزغۇ؟ بۇگۇن سىزنىڭ نىمانداق ،كەيپىياتىڭىز ياخشى ئەمەس .بەك جىددىيلىشىپ كەتكەن ئوخشايسىز، كىچىككىنە ئاغرىقىڭىزغا مۇشۇنداق قىلامسىز؟دورىنى ئىلىپ ئىچسىڭىز ياخشى بوپ كىتىسىز.

ئاھ خۇدا!يالقۇن ماڭا تەسەللىي بىرىۋاتىدۇ-يا!ئۇ ،مەن ئەمەس-ئۆزىنىڭ كېسەل ئىكەنلىگىنى بىلسە، قانداق بوپ كىتەر؟ بىلمەيمۇ قالارمۇ؟ئۇنىڭغا قانداقمۇ دەرمىز؟مەن يالغان كۇلۇشنى قاملاشتۇرالمىساممۇ ،ئىشقىلىپ بىرنىمىلەرنى قىلىپ يىنىغا كىلىپ ئولتۇردۇم.

-يالقۇن مەن دورىنى ئالمايمەن،ئويلاپ باقسام دورىغا كۇنۇپ قالسام بولمايدۇ.شۇڭا ئۆزۇمنى ئېسسىق تۇتۇپ كۇتۇنسەملا ياخشى بۇلۇپ قالىمەن.ھەراس،ئۆزىڭىز قانداق تۇرىسىز؟

-رازىيە سىز بەك قەيسەر قىز جۇمۇ،قاراڭ سىزنى دورا ئىچمەي، كىسەلنى ئۆزىڭىزگە بويسۇندۇرۇشنى ئويلاۋىتىپىسز.
مەندىن ئەنسىرمەڭ، بايام بەك تولغاپ ئاغرىپ كەتكەنتى،قاراڭ ياخشى بۇلۇپ قالدىم.

ئۇ شۇنداق دەپ قۇلۇمنى تۇتۇپ ،چاچلىرىمنى ئويناشقا باشلىدى.مەن خۇددى گۇناھكار جىنايەتچىدەك ،ئۇنىڭ يىنىدا يەردىن بىشىمنى ئالماي ئولتۇردۇم.يالقۇن مىنى قەيسەردەپ ماختاپ كىتىۋاتىدۇ،كېيىن قانداق ئىشلار ،يۇز بىرە؟ئويلىغانسىرى بەكلا قورقۇشقا باشلىدىم.يالقۇننىڭ چاچلىرىمنى ئويناپ خىيالىدا يوق ،ئولتۇرىشىغا قاراپ،يۇرۇگۇم پىچاق تىلغاندەك ئېچىشىپ كىتىۋاتاتتى.....يالقۇن قۇلۇمنى بىردەم سىيلىغاندىن كېيىن ،ماڭا باشقىچە يىقىنچىلىق قىلىپ كەتتى.
-رازىيە رەنجىمەي ،ئاۋۇ چاپىنىمنى بۇياققا ئىلىۋىتىڭە. ( ئۇ ئىلغۇغا ئېسىپ قويغان چاپىنىنى كۆرسەتتى.)
ئۇنىڭ قۇلىدا ئۇكۇل بولغاچقا ،مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ ،ئىلغۇدىن چاپىنىنى ئىلىپ بەردىم.ئۇ قۇلۇمدىن چاپىنىنى ئېلىپ يانچۇغىدىن بىرنەرسە ئالماقچى بولدى،مەن ئىلىپ بىرەي دىسەم ئۇنىماي تۇرىۋالدى،يالقۇن ماڭا قاراپ.
-رازىيە قىشىمغا يىقىنىراق كىلىپ ئولتۇرۇپ كۆزىڭىزنى يۇمۇڭ ،سىزگە بىرنىمە كۆرسىتىمەن.

-نىمە ئۇ؟ئۇكۇل تۇگىگەندە ،كۆرسەتسىڭىزمۇ بۇلاتتىغۇ؟ مانا كۆزۇمنى يۇمدۇم-تېز بۇلۇڭ ھە.

ئۇ قۇلۇمغا بىرنەسە تۇتقۇزغاندىن كىيىن ،يۇزۇمگە بىرنى سۇيۇپ قويدى.مەن كۆزۇمنى ئىچىپ، قۇلۇمدىكى نەرسىگە قاراپ ھەيران قالدىم.قۇلۇمدىكى بىردانە ئالتۇن ئۇزۇك ئىدى،ئۇزۇككە قاراپ كۆڭلۇم ،شۇنداق يېرىم بوپ كەتتىكى، يالقۇنغا ئېسىلىپ يىغلاپ كەتتىم.ئۇمۇ مىنى ھاياجانلىنىپ كەتتى دەپ، ئويلىغان بولسا كېرەك مىنى باغرىغا بەك چىڭ باستى.مەن بۇنداق كۆرۇنۇشنى پەقەت تېلىۋىزورلاردىلا كۆرەتتىم،مانا ئەمدى مىنىڭ تۇرمۇشۇمدىمۇ يۇز بېرىۋاتىدۇ،ئاھ خۇدا!مىنىمۇ، يالقۇن بىلەن بىللە ئىلىپ كەتكىن.بىردەم ئۇنسىز يىغلىغاندىن كىيىن ،يالقۇننىڭ بەدەنلىرى ئاغرىپ كەتمەسلىگى ،ئۇچۇن ئاستا ئۆزۇمنى تارتتىم.

بىردەمدىن كىيىن يالقۇننىڭ ئانىسى كىرىپ كەلدى،يالقۇن ئانىسىنى كۆرۇپ ھەيران قالدى.
-ھۇي ئانا ،سەن نىمە قىلىپ يۇرۇيسەن؟نەدىن ئاڭلاپ قالغانسەن.بولدى كۆڭلۇڭنى يېرىم قىلما!ماڭا ھىچ ئىش يوق.قارىغاندا بولغۇسى كېلىنىڭ خەۋەر قىپتۇ-دە.

-بالام،قانداقىراق تۇرىسەن!جىنىم قوزام مىنى ئەنسىرەتمىگىن.سەن مىنىڭ دۇنيالىقتىكى بىرلا بالامسەن!داداڭ رەھمەتلىكمۇ مىنى بالدۇر تاشلاپ كەتكەنتى،سەن بولساڭمۇ مىنى قورقۇتمىغىن.مەن ئەمدى كۇتۇرەلمەيمەن.ھۇ....ھۇ

بىچارە ئانا ئىچ-ئىچىدىن ئىسەدەب يىغلاپ كەتتى،مەنمۇ ئۇنىڭ يىغىسىنى ساقلاپ تۇرغاندەكلا، تەڭ يىغلاپ كەتتىم.يالقۇن بىزگە قاراپ كۇلۇپ كەتتى..ھا....ھا

-نىمە بولدۇڭلار؟بولدى قىلىڭلارچۇ؟رازىيە سىزمۇ ،ئانامغا دىمىسىڭىز بوپتىكەن،ئانامغا قانداق تېلىفۇن قىلىپ قالغانسىز؟ئۆيگە ئاپىراي دىسەم ،ۋاقتى توشقاندا باراي دەپ ،ئۇنىمايتىڭىز ھا...ھا.ئانا ماڭا قارا ،يىغلىما بولدى. مانا بۇ ياق بۇگۇن ساڭا دەپ ،تۇنۇشتۇرماقچى بولغان بولغۇسى كېلىنىڭ بۇلىدۇ.تۇلىمۇ ئەپسۇس، دوختۇرخانىدا كۆرۇشۇپ قالدىڭلار.رازىيە بۇ ھېساب ئەمەس. سىزنى ،ياخشى بۇلۇپ قالسام ئۆيگە قايتا ئاپىرىمەن. ئانامنىڭ ئالدىدا دەۋىرەي،بىرگەپ بار ئاڭلامسىز؟ئانا سەنمۇ ئاڭلىغىن.

-يالقۇن قۇلقۇم سىزدە،دەڭە نىمە گەپ بارتى؟ ؟ بالام دىگىنە ،مەنمۇ بۇ قىزىم بىلەن تەڭ ئاڭلاپ باقاي.

-ماڭا تىگىشكە قۇشۇلامسىز؟بايام ئاشخانىدا دىيىشكە نېسىب بولمىدى،بۇمۇ بىر ھېسابتا ياخشى بوپتۇ.ئانامنىڭ يىنىدا قوقماي دەۋالدىم.قۇشۇلامسىز-يوق؟

-قۇشۇلىمەن،سىزگە تىگىمەن.مەن مۇشۇ كۇننى تۆت كۆزۇم بىلەن كۇتكەن،تېز ساقىيىڭ بىز توي قىلايلى.

مەندە قىلچىمۇ خىجىل بۇلۇش تۇيغۇسى يوق ئىدى،يالقۇنمۇ ماڭا سەل ھەيران بولدى.ئانىسى مىنىڭ كەيپىياتىمنىڭ ئۆزى بىلەن ئوخشاشلىقىنى، بىلگەچكە ھەيران قالغاندەك كۆرۇنمەيتى.ئانىسى مەن بىلەن باشقىدىن ئورنىدىن تۇرۇپ ،سالاملىشىپ كۆرۇشۇپ باغرىغا باستى.ئاھ !ئانا ،باغرى- ھەقىقەتەن بەك ئىللىق ھە! بىزنىڭ بۇنداق قۇچاقلىشىپ -قېزغىن كۆرۇشكەنلىگىمىزدىن ،يالقۇن بەكمۇ..بەكمۇ سۇيۇندى.

مەن يالقۇننىڭ ئانىسى بىلەن چاندۇرماسلىققا تىرىشتۇق،ئارلىقتا دوختۇرلار يالقۇننىڭ، قان بىسىمى ۋە يۇرەك سۇقۇشىنى تەكشۇرۇپ ، ئېسىقلىق ئاسما ئۇكۇلغا يەنە ئۇكۇل قۇشۇپ،يالقۇنغا قۇياپ قۇيۇپ چىقىپ كەتتى.
بىردەمدىلا بىرنەچچە سائەت ئۇتۇپ ،بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر تاماق ئىلىپ كەپتۇ.مەنمۇ ئۆيدىكىلەرنى يالقۇن ۋە ئانىسىغا تۇنۇشتۇردۇم.قۇدىلار ئۆز-ئارا سالاملاشتى ،ئارلىقتا يالقۇندىن يۇشۇرۇن كۆز يىشى قىلىشتى.
مانا شۇكۇندىن باشلاپ، بىر ياقتىن خىزمەتكە بارىمەن بىرياقتىن دوختۇرخانىغا، يەنە بىر ياقتىن ئىككى ئانامنىڭ ئۇيىگە يۇگۇرۇپ يۇرۇپ، يالقۇنغا تاماق تۇشۇپ يۇردۇم. يالقۇننىڭمۇ خىزمەتداشلىرى ،دوسلىرى يالقۇننى ،بىركۇنمۇ يالغۇز تاشلىماي كىلىپ تۇردى .يوقلايدىغانلارنىڭ ئايىغى، دوختۇرخانىدىن ئۇزۇلمەي قالدى .يالقۇننىڭ كېسىلى كۇندىن -كۇنگە ئېغىرلاشتى.ئۇ كېسىلى ئېغىرلاشقانسىرى، كېسىلىنى سەزگەندەك بولدىمۇ.بىر كۇنى مىنى يالغۇز قېشىدا ،ئولتۇرغۇزۇپ يۇرەك سۆزىنى دىدى.

-رازىيە مەن سىزنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرىمەن،بۇ دۇنيادا ئىككىمىزنىڭ رىسقى قېتىلمايدىغان ئوخشايدۇ ،شۇڭامەن تۇگەپ تارتىپ كىتىپ قالسام ،ھەرگىزمۇ ئۆزىڭىزنى ئالدۇرۇپ قويماڭ.چۇقۇم جاسارەتلىك بۇلۇڭ! خۇشال يۇرسىڭىز ،مەن ئۇ دۇنياداخاتىرجەم ياتىمەن.سىزگە يۇز كىلەلمەيمەن.مۇھەببىتىمىزنى يېرىم يولدا قۇيۇپ قۇيىدىغان بولدۇم. بىر تەكىلىۋىم بار تى ،بىچارە ئانامنى يوقلاپ تۇرسىڭىز ،ئانام مىنى ئالىي مەكتەپتە ئۇقىتىمەن دەپ تارتىمىغان جاپاسى قالمىدى.دادامدىن كىچىك قالغان ئىدىم،ئانام بۇ دۇنيادا تىكەندەك يالغۇز قالىدىغان بولدى.سىز مىنىڭ ئورنۇمدا ئانامغا قاراپ قويسىڭىز ....

يالقۇن شۇگەپتىن كىيىن ،ئىككى قۇلى بىلەن بېشىنى قاماللىغىنىچە ،ئۆكسۇپ-ئۆكسۇپ يىغلاپ كەتتى.
مەن ئۆزۇمنى تۇتالمىدىم.بولدى قىلىڭ، يالقۇن سىز چۇقۇم ياخشى بۇلۇپ كىتىسىز!خاتىرجەم بۇلۇڭ. سىزنىڭ ئانىڭىز مىنىڭ ئانام!ماڭا ئىشىنىڭ ،سىزنى شۇ ئانىڭىز توغمىسا مەن سىزنى قانداق تاپقان بۇلاتتىم.ئۇتۇنۇپ قالاي ،چۇقۇم ياخشى بۇلۇپ كىتىڭ.بىز قۇچاقلىشىپ يىغلاپ كەتتۇق.بۇنداق يىغلاشلار كۇندە داۋاملىشاتتى.....

ئاخىرى شۇم ئەجەل !يالقۇننىڭ ياشلىق باھارىغا چاڭ سالدى.دوختۇرلار كەينى-كەينىدىن كىلىپ ،يالقۇننى قۇتقۇزۇشقا تىرىشپ باققان بولسىمۇ ،ئاللاھدىن كەلگەن ئەجەل ئالدىدا ئامالسىز بىشىنى ئەگدى.

<خاتىمە>

شۇنداق قىلىپ يالقۇن بىزنى تاشلاپ، ئۇئالەمگە سەپەر قىلغىلى يىرىم يىل بولدى.مەن شۇ كۇندىن باشلاپ، ئۇنىڭ تەلىۋىنى يەردە قويماسلىق ئۇچۇن،كۇندۇزى ئېشتىن چۇشۇپ ئۆزۇمنىڭ ئۇيىدە ،كەچلىگى يالقۇننىڭ
چوڭ بۇلۇپ ئۆسكەن ئۇيىدە ، ئانىسىغا ھەمرا بۇلۇپ قۇنۇپ كىلىۋاتىمەن .گەرچە يېرىم يىل بولغان بولسىمۇ ،
ئۇ بۇ دۇنيادىن كەتكەن بولسىمۇ ، لىكىن ئۇ ھازىرلا ئىشىكتىن كىرىپ ،مىنى قۇچاغلاپ كۇتىرىۋالىدىغاندەك
تۇيۇلاتتى.ئۇ كىلەرمۇ؟چۇقۇم كىلىدۇ؟ مۇشۇنىڭ بىلەن بىز مەڭگۇلۇك ئايرىلىپ قالغانمىزمۇ؟


يالقۇن جىنىم بالام!كۆز نۇرۇم جان بالام!مىنى تاشلاپ كەتمىگىن!ھەي ئاللاھ بالامنى قۇيۇپ قويغىن -مانا مىنى ئېلىپ كەتكىن!يالقۇنۇمنى مەندىن ،بۇ يورۇق ئالەمدىن ئېلىپ كەتمىگىن!مەن ياشاپ بولدۇم مىنى ئەكەتسەڭ بولماسمۇ!جىنىم بالام نەدە سە!!يالقۇنۇم!!!!

دېرىزە ئالدىدا يالقۇننىڭ خىيالىنى قىلىپ تۇرغىنىدا ، بۇ ئانامنىڭ يالقۇنغا چىدىماي يىغلىغان ئاۋازنى، ئاڭلاپ يۇگۇرگەن پىتى، ئانامنىڭ ھوجىرسىغا كىردىم،ئانام يالقۇننىڭ كۆينىگىنى چىڭ قۇچاقلاپ يىغلاۋىتىپتۇ.
ئانا يىغلىماڭ!بولدى قىلىڭ!مەن سىزنىڭ يالقۇن بالىڭىز!ئاھ يالقۇن!سەن نەدە؟؟؟؟؟؟


تۇگىدى.


باشقۇرغۇچىلار رەنجىمەي، تىمام چىچىلىپ كەتكەن بولسا، رەتلەپ قويساڭلار!
-سىز كۆرۋاتقان تىما مەڭگۇلۇك خوشلىشىش!,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
مەزكۇر تىما مىسرانىم باشقۇرغۇچىسى ئىدىرىسجان تەرىپىدىن تەستىقلاندى،تەستىقلانغان ۋاقىت :2010-07-02, 21:25
مىسرانىم مۇنبىرىدە دۆلەتنىڭ قانۇن -نىزاملىرىغا زىت ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بۇزىدىغان تىما ۋە ئىنكاسلار ئاپتۇماتىك سۈزۈلۈپ قېلىنىدۇ.خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭIP سى خاتىرلىنىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىلىدۇ.ئۆزىڭىز ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ ئىناقلىقى ھەم بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ساغلام بولغان تىمىلارنى يوللىغايسىز،،،

دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 2986
  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە58دانە
ئۆسۈش: 1.93%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 58
  ياخشى باھا: 21 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 800 سوم
  تۆھپىسى: 1 كىشى
  ياخشى باھا: 1 نۇمۇر
  ۋاقتى: 109(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-06-24
  كىرىشى: 2010-07-05

ھەسرەتلىك تېراگىدىيە ،
تۇرمۇشقا ئۈمىدۋارلىق بىلەن قاراش ئادەمگە ئىرادە ، كۈچ-قۇۋۋەت بېغىشلايدۇ ،
خېلى ياخشى چىقىپتۇ .
.: Www.MisraniM.CoM :.

دەرىجىسى: كۆنگەن ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 1576
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە612دانە
ئۆسۈش: 6.12%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 612
  ياخشى باھا: 119 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 3201 سوم
  تۆھپىسى: 2 كىشى
  ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
  ۋاقتى: 308(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-30
  كىرىشى: 2010-07-05

ياخشى يىزپسىز،تۇرمۇش دىگەن شۇنداق ئەگرى-تۇقاي يۇللار بىلەن بىزنى ئالغا قارتىدۇ

دەرىجىسى: ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 1579
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە339دانە
ئۆسۈش: 3.39%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 339
  ياخشى باھا: 65 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 1835 سوم
  تۆھپىسى: 1 كىشى
  ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
  ۋاقتى: 242(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-30
  كىرىشى: 2010-07-05

تراگېدىيە ، نېمىشقىدۇر ئۇ مۇھەببەتكە شۇنچە ئىجىل ...

دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 2281
  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە87دانە
ئۆسۈش: 2.9%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 87
  ياخشى باھا: 12 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 831 سوم
  تۆھپىسى: 2 كىشى
  ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
  ۋاقتى: 207(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-06-03
  كىرىشى: 2010-07-05

چۈنكى ئېرىشەلمىگەن نەرسە ئەڭ تاتلىق بولىدۇ....
مۇھەببەتنى تېخىمۇ تاتلىق تۈسكە كىرگۈزۈش ئۈچۈن بولسا كېرەك.
.: Www.MisraniM.CoM :.

دەرىجىسى: ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 183
  جىنسى: خانىم
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1252دانە
ئۆسۈش: 6.59%
  نادىر تىما: 1
  يوللانما: 1252
  ياخشى باھا: 52 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 4175 سوم
  تۆھپىسى: 3 كىشى
  ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
  ۋاقتى: 441(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-20
  كىرىشى: 2010-07-05

ماۋۇ ئەسىرىڭىزتەسىرلىك چىقىپتۇ ،تىراگىدىيەنىمۇ ياخشى يازىدىكەنسىز .
[ بۇ يازما دىلسىرى تەرپىدىن 2010-07-03 11:20 AM دە ق ]
بۇ يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • مۇنبەر پۇلى:+1(مەلىكە) چ چ دا مەلىكە ..
  • مىسرانىم مۇنبىرىدە دۆلەتنىڭ قانۇن -نىزاملىرىغا زىت ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بۇزىدىغان تىما ۋە ئىنكاسلار ئاپتۇماتىك سۈزۈلۈپ قېلىنىدۇ.خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭIP سى خاتىرلىنىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىلىدۇ.ئۆزىڭىز ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ ئىناقلىقى ھەم بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ساغلام بولغان تىمىلارنى يوللىغايسىز،،،

    دەرىجىسى: تېرىشچان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 77
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە704دانە
    ئۆسۈش: 5.42%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 704
      ياخشى باھا: 172 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 3900 سوم
      تۆھپىسى: 3 كىشى
      ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
      ۋاقتى: 709(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-20
      كىرىشى: 2010-07-05

    كۆڭۈل قىز تېمىڭىز بەك تەسىرلىك چىقىپتۇ ،،،،،،،،،،،ھەر قانداق مۇھەببەتنىڭ ۋىسال شاربى ئىچىپ ئەڭ ئاخىرىغىچە بىلە ياشىشىنى ئۈمۈت قىلمەن ..بۇ تېمىنى ئۇقۇپ ھەقىقى مۇھەببەتنىڭ چىن - رىشتە بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى تۇنۇپ يەتتىم ........... رەھمەت سىزگە قەلمىڭىزنى تېخىمۇ نادىر تېمىلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشىنى ئۈمۈت قىلمەن .

    كىچىكىنە سەمىمىي تەكلىپ بىرەي خاپا بولماڭ ھە!!

    يالقۇن بىلەن رازىيەنىڭ مۇزىكا كىچىلىگىدە ئۇچراشقان ئارلىق بىلەن ئاشخانىدا يالقۇننىڭ كىسىلى تۇيۇقسىز قوزغالغانغىچە بولغان ئارلىققا ئىككىسىنىڭ  مۇھەببەت جەرياننى ئازراق قۇشۇپ يازغان بولسىڭىز تېمىڭىز مىنىڭچە تېخىمۇ ياخشى چىققان بۇلاتتى دەپ قارايمەن ،،،،،،،،،،بۇنداق دىسەم خاتا چۈشەنمەڭ ھە .!!!
    .: Www.MisraniM.CoM :.

    دەرىجىسى: ئالىي ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 90
      جىنسى: يوشۇرۇن
    ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە827دانە
    ئۆسۈش: 6.36%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 827
      ياخشى باھا: 61 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 3794 سوم
      تۆھپىسى: 3 كىشى
      ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
      ۋاقتى: 498(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-20
      كىرىشى: 2010-07-04

    تىمىڭىز بەكلا تەسىرلىك چىقىپتۇ،بىر تەرەپتىن ئوقۇپ بىر تەرەپتىن شۇ مەنزىرلەر كۆز ئالدىمغا كىلىپ كۆزلىرىم نەملىشىپ كەتتى......
    ھەقىقەتەن تەسىرلىك يىزىپسىز....خۇدايىم ئاشىق-مەشۇقلارنى مەزگىلسىز ئايرىمىغاي!
    بۇ يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • مۇنبەر پۇلى:+1(دىلسىرى) ئاداش ،نىمە ..
  • مىسرانىم مۇنبىرىدە دۆلەتنىڭ قانۇن -نىزاملىرىغا زىت ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بۇزىدىغان تىما ۋە ئىنكاسلار ئاپتۇماتىك سۈزۈلۈپ قېلىنىدۇ.خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭIP سى خاتىرلىنىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىلىدۇ.ئۆزىڭىز ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ ئىناقلىقى ھەم بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ساغلام بولغان تىمىلارنى يوللىغايسىز،،،
    .: Www.MisraniM.CoM :.

    دەرىجىسى: كۆنگەن ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 314
      جىنسى: خانىم
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە244دانە
    ئۆسۈش: 2.44%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 244
      ياخشى باھا: 11 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 1316 سوم
      تۆھپىسى: 1 كىشى
      ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
      ۋاقتى: 175(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-22
      كىرىشى: 2010-07-05

    ئاپىرىن قولڭىزغا دەت كەلمىگەي

    دەرىجىسى: كۆنگەن ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 1849
      جىنسى: خانىم
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە240دانە
    ئۆسۈش: 2.4%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 240
      ياخشى باھا: 18 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 1387 سوم
      تۆھپىسى: 2 كىشى
      ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
      ۋاقتى: 215(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-06-01
      كىرىشى: 2010-07-05

    ئوقۇپ بولۇپ ئىچىم بىر خىل بولۇپ قالدى ....ئەمدىلا باشلانغان مۇھەببەت تىرادىگىيە بىلەن ئاخىرلاشتى ......ھەي .... تۇرمۇش دىگەنگە نىمە دىگۈلۈك !

    دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 645
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە106دانە
    ئۆسۈش: 3.53%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 106
      ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 939 سوم
      تۆھپىسى: 2 كىشى
      ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
      ۋاقتى: 16(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-24
      كىرىشى: 2010-07-05

    ھايات دىگەن ئەنە شۇنداق ئەگرى -توقايلىققا تولغان بولىدۇ،
    تىمىڭىز ياخشى چىقىپتۇ
    مىسرانىم مۇنبىرىدە دۆلەتنىڭ قانۇن -نىزاملىرىغا زىت ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بۇزىدىغان تىما ۋە ئىنكاسلار ئاپتۇماتىك سۈزۈلۈپ قېلىنىدۇ.خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭIP سى خاتىرلىنىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىلىدۇ.ئۆزىڭىز ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ ئىناقلىقى ھەم بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ساغلام بولغان تىمىلارنى يوللىغايسىز،،،
    ئالدىنقى تىما كىيىنكى تىما
    «12»Pages: 1/2     Go