1 _ شۇنداق بىر زامانلار كېلىدۇكى ، ئەرلەر ئاياللىرىغا ئۆزىنىڭ كىيىم -كېچەكلىرىنى ئۆزلىرى كىيگۈزۈپ قۇيىدۇ .ئەرلەر ئاياللارنىڭ كىيىملىرىنى كىيىپ كۇچىلاردا يۈرىۋېرىدىغان بۇلۇپ كېتىدۇ .
2 _ ئەرلەر بىلەن ئاياللار ئوتتۇرسىدىكى پەردىشەپ يۇقاپ ئەر -ئاياللار بىرلىكتە شاراپ ئچىشىپ ، ئەيشى - ئىشىرەت قىلىشىپ يۈرسىمۇ ئۇلارنى تۇسۇيدىغان ئادەم چىقمايدۇ .
3 _ ئادەملەر ئۆزلىرىگە زىيان كەلتۈردىغان تائاملارنى بىر - بىرىدىن تالىشىپ ، كۆز - كۆز قىلىشىپ ئىستىمال قىلىشىدۇ . شۇ چاغدىمۇ ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانا قەۋىم - قېرىنداشلىرى ئۇلارنىڭ ئۈلۈم ئالدىدىكى نىمجان ھالىتىگە
ئىچ ئاغرىتمايدۇ .
4 _ شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇكى ، ئىنسانلار ئۇسسۇزلۇقتىن چاڭقاپ كەتسىمۇ ئالدىدىكى لەخمىدە ئېقىۋاتقان سۇنى ئىچىشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ . چۈنكى ئۇ سۇغا ئۆزلىرى چوڭ - كىچىك تەرەت قىلغان بۇلىدۇ .
5 _ چوڭلار كىچىكلەرگە روبىرو تۇرۇپ پەندى - نەسىھەت قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ .
كىچىكلەر چوڭلارنى ھۆرمەت قىلمايدىغان كۈنلەر كېلىپ ، بۇزۇقچىلىق جاھاننى قاپلاپ ، ئاياللار ئەرلەردىن قورقماس بۇلۇپ كېتىدۇ .
6 _ ئەرلەر خۇتۇن باللىرىنى تاشلاپ ئۆيدىن چىقىپ كېتىپ ، ئېتىز -ئېرىق يىغىم - تېرىم ئىشلىرى شۇنداقلا ئائىلە ئىشلىرىدىن باللىرىنى بېقىشقىچە بارلىق ۋەزىپە ئاياللارنىڭ زىممىسىگە چۈشىدۇ .
7 _ قۇلىدىن ئىش كەلمەيدىغان ئەرلەر كۈپىيىپ ئاياللىرىغا تاماق ئېتىپ ، كىر - قاتلىرىنى يۇيۇپ ئۆي ئىشلىرى
بىلەن بۇلىدۇ . ئاياللىرى تالادىن پۇل تېپىپ كېلىپ ئۇلارنى باقسىمۇ شۇ ئەرلەر شۇنىڭغا مۆھتاج بۇلىدۇ .
8 _ ئەرلەر بىلەن ئاياللارنى يىراقتىن پەرىق ئەتمەك قىيىن بۇلىدۇ . ئەرلەرمۇ ئاياللاردەك زىبۇ - زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقاپ ئۆزىگە گىرىم قىلىپ پەرداز بىلەن يۈرۈيدۇ . ئاياللار ساتىراچخانىلارغا ئەرلەر بىلەن بىللە كىرىپ پەردازلىنىدۇ .
9 _ ئەي ئوغۇل - قىزلىرىم شۇنداق بىر زامانلار كېلىدۇكى ، جانسىز نەرسىلەر ئادەملەر قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىپ ئادەملەرنى بىكار قىلىۋېتىدۇ . ئادەملەر قىلالمايدىغان ئىشلارنى ، ئادەملەر دىيەلمەيدىغان گەپلەرنى قىلالايدىغان ، ئاسماندا ئۇچۇپ سۇدا بىمالال ئۈزەلەيدىغان ، ئادەملەر مېڭىپ تۈگىتەلمەيدىغان يوللارنى بىرئاز
ۋاقىت ئىچىدىلا تاماملىيالايدىغان، كىشىلەردىن نەچچە مىڭ ھەسسە كۈچلۈك مەخلۇقلار پەيدا بۇلىدۇ .
10 _ كىشىلەرنىڭ ئېتىقادى سۇسلۇشۇپ كىشى ھەققىدىن يەنى ،يىتىم - يىسىر ، تۇل خۇتۇن ، يىتىم ئوغۇللارنىڭ ھەققىنى يىيىشتىن قورىقمايدىغان << ئاللاھ >> ئالدىدا قارا يۈزلەرچە قەسەم قىلىپ ،ئاتا -ئانا ئۇرۇق - تۇققانلىرىدىن دۇنيا تالىشىپ يۈز ئۆرۈپ كېتىدىغان مۇناپىقلار كۈپۈيۈپ كېتىدۇ . كىشىلەر قەرىزدىن قورىقمايدىغان بۇلۇپ كېتىدۇ .
11 _ كۇچىلاردا يالىڭاچ يۈرۇيدىغان خۇتۇنلار پەيدا بۇلۇپ ، مومىنلەرنى ئازدۇرۇپ كۆپلىگەن گۇناھلارغا شىرىك قىلىدۇ . بۇلارنى دوراپ ئېتىقادى << ئىمانى >> سۇسلار كۈپىيىپ ئاتا -ئانىلاردىن يۈز ئۆرۈپ پاھىشخانىلاردا ، كۇچىلاردا سەرسان بۇلۇپ يۈرۈپ << ئاللاھ >> ئالدىدا ئاتا - ئانىلىرىنى قارا يۈز قىلىدۇ . بۇنىڭ بىلەن ئاتا - ئانا بالىغا ، بالا - چاقا ئاتا - ئانىغا قارىماس بۇلۇپ يۇرىت بۇزۇقچىلىغى بۇلىدۇ .
12 _ ئىنسانلار باش - كۆزىنى رەڭمۇ - رەڭ بۇياپ ، ئاكا - سىڭىللار بىر - بىرى بىلەن بىلمەي زىنا قىلىدىغان ھادىسىلەر كۆرۈلۈپ بەندىلەر << دوۋزاق >> ئازابىغا مۇپتىلا بۇلىدۇ .
13 _ ئىشىرەتخانىلار كۈپىيىپ پەرۋاسىز ئاتا - ئانىلار قىز - ئوغۇللىرىدىن ۋاقىتسىز ئايرىلىپ << ئاللاھ >> ئالدىدا ئۆز بۇرىچىنى ئادا قىلالماي باقى ئالەمگە قارا يۈز بارىدۇ .
14 _ قىزلىرىمىز ئىبلىس يۇلىنى تۇتۇپ ، ئۆز شەكلىنى ئۆزگەرتىپ << قىزىل باش >> لارنى كۆپەيتىۋىتىدۇ .
15 _ ئەي ئوغۇل - قىزلىرىمىز دىققەت قىلىڭلاركى ، سىلەرنىڭ دوست - بۇرادىرىڭلارنىڭ سىياقىغا كىرىۋالغان
<< ئىبلىس >> شايكىلىرى شىرىن سۆزلەر بىلەن سىلەرنى ئازدۇرۇپ ئۆز ئىرادەڭلەرگە يات بولغان يوللارغا باشلاپ پۇل - مېلىڭلارنى بۇزۇپ گۇناھلارغا شىرىك قىلىپ ئاقىۋەت سېنىڭ << قىزىل باش >> ھالىتىڭدىن ھۇزۇرلۇنۇپ جاھانغا پاتماي قاقاقلاپ كۈلگىنىچە << ئىبلىس >> بىلەن بىللە جاھاننى لەرزىگە سېلىپ كوكتە پەرۋاز قىلىدۇ .
16 _ ئۇنداق زامانلارنىڭ ئالامەتلىرى كۈرىنىشكە باشلىغاندا ياخشى دوست يۈزگە يەتتى دىگەندىمۇ تۇقسەن توققۇزى سېنىڭ خائىنلىرىڭدۇر . بىرسى ۋاپادار بولغىنىدا قالغان تۇقسەن توققۇزى سېنىڭ بايلىقىڭ بىلەن تەڭ يۇقالغان بۇلىدۇ .
17 _ ئەرلەر ئەرلىك غۇرۇرىنى يۇقۇتۇپ ئاياللارغا ئوخشاش غەيۋەتخور بۇلۇپ ، سېنىڭ كىچىككىنە ئەيىپىڭنى تېپىۋالسا سېنىڭ قۇلۇڭدىن يىگەن ئاش تۇزۇڭنىڭمۇ ھۆرمىتىنى قىلماي ئەيىپىڭنى ئالەمگە ،كۇچا دوقمۇشىغا چىقىۋېلىپ ئولۇشۇپ ئولتۇردىغان خۇتۇنلىرى ئارقىلىق يايىدۇ ۋە ياكى غۇجىدارىڭغا چاقىدۇ .
18 _ پادىشاھ ،ئەمەلدارلار نەپسىگە بېرىلىپ كېتىپ ، قول ئاستىدىكى غېرىپ - غۇرىۋالار يامان كۈندە قالىدۇ .
19 _ ئەرلەر ئاياللاردىن ئۆزىنى پىنھان تۇتسىمۇ ،ئاياللار ئەرلەرنى قوغلۇشىدىغان ، نۇمۇسسىزلارچە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى تۈرلىك يوللار ئارقىلىق بۇزۇشقا ئىمكان ئىزدەيدىغان شەقىقىلەر كۆپىيىپ كىشىلەر كوپ توي قىلىپ ، ئاز پەرزەنتلىك بۇلۇپ پەرزەنتلىرىگە ئىگە بولمايدىغان ئاتا - ئانىلار كۈپىيىپ جاھاننى ھارامزادىلەر قاپلاپ كېتىدۇ .
20 _ ئاتا - ئانىسىز ، ئاتا - ئانىسى ھايات بولسىمۇ كۇچىلاردا سەرسان بۇلۇپ يۈرۇيدىغان بالىلار كۈپىيىپ جاھاننى ئوغرى - بۇلاڭچى ، قاراقچىلار قاپلاپ ئۇلارنى باشقۇرىدىغانلار ئازلاپ كېتىدۇ . چۈنكى باشقۇرغۇچىلارمۇ پۇل بىلەن مال ئالدىدا ئۇلارنى قوغدايدۇ .
21 _ پارىخور، نەپسانىيەتچى ئەمەلدارلار كۈپىيىپ كىشىلەر بىر - بىرىنى تۇرلىك ئۇسۇللار بىلەن ئالداپ مال - دۇنياسىنى ئېلىۋالسىمۇ ، سوراقچىلار ئالدامچىلارنىڭ سۆزىنى قىلىدىغان ، قەسەمخورلار تەرەپدارىدا تۇرۇپ سوراق سورايدىغان بۇلۇپ ،كەمبەغەل - يوقسۇللار ئىش پۈتتىرەلمەي سەرسانلىق ئىچىدە ئەمەلدارلاردىن زارلىنىپ توپلۇشۇپ ئۈلۈپ كېتىدۇ .
22 _ كىشىلەر ئاتا - ئانىلىرىدىن قالغان كىچىككىنە دەپنى دۇنيانى دەپ بىر - بىرىنى قىرغىن قىلىشىدىغان ،قېرىنداشلار كۈيۈمسىز ، ئاتا - بالا رەھىمسىز ، جاھان بىۋاپا ، قۇسۇرچىلار يۇرۇت سورايدىغان ، ھالال بىلەن ھارام ئارلىشىپ كەتكەن ، ھالال نەرسىنى ھارام قىلىپ يەيدىغانلار يامىراپ ، پاك دىندىن قۇسۇر ئىزدەپ كىشىلەر ئارىسىغا سوغۇقچىلىق سېلىپ ئۆز قېرىنداشلىرىدىن يىراقلىشىدىغان ، راسىتنى يالغان ، يالغاننى راسىت قىلىۋېتىدىغانلار كۈپىيىپ كېتىدۇ .
23 _ يەر يۈزىدە ئاتنىڭ تۇۋىقىچىلىق يەرمۇ بىكار قالمايدۇ . يەر جاھاننى قۇرغاقچىلىق قاپلاپ ئىچكىدەك سۇمۇ قالماي ئىنسانلار ئىسسىق دەستىدىن قىرغىن بۇلىدۇ . بۇ ئالامەتلەرنى ئىنسانلار ئۆزلىرى كەلتۈرىپ چىقىرىپ ئاخىرى ئۆزلىرى پۇشايمان قىلسىمۇ ئورنىغا كەلمەي << ئاللاھ >> غا مۇراجەت قىلىشىپ ، لەۋلىرى چاك - چاك يېرىلىدۇ .
24 _ شۇنداق زامانلار كېلۇدىكى ؛ ئۇچار قۇشلارغا دان بېرىدىغان ئادەملەر قالمايدۇ . ياغۇ - دەشىتلەردىكى جانۇ - جانىۋارلار ، ھەتتا يىرىتقۇچ ھايۋانلارمۇ ئىنسانلار ئارىسىغا كېلىپ ئۆزلىرىنىڭ ۋەھشى يىرىتقۇچ مەخلۇقلىغىنى ئۇنتۇپ ، ئىنسانلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ ھايات كەچۈرىدۇ .
25 _ شۇ زامانلار كەلگۈچە ئىنسانلار خۇددى يىرىتقۇچ قېرى يولۋاس ئەمدىلا يۇرۇق دۇنياغا كۆز ئاچقان كىيىك ئوغىلىغىنىڭ نالىسىگە قارىماي يەۋەتكەندەك ، ئىنسانلارمۇ بىر - بىرىنى يەپ بارىدۇ . ئۇنداق بولمىغاندا قېرى يولۋاس ئۆزىنى كۈتىرەلمەي يۇغىناپ كەتكەن قېرى بۇغا - ماراللارنى ئۇزۇق قىلغان بۇلاتتى .
مەنبە ؛ << شىنجاڭ مەدەنىيىتى >> ژۇرنىلى .
مىسرانىم تورى ،ھازىر كۈندىلىك ئېقىم مىدارى ئۈچ يۈز مىڭدىن ھالقىغان مۇكەممەل توربەتكە ئايلاندى تور بېكىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى مىسرانىمنى قوللىغانلارنىڭ تۆھپىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ مىسرانىمدىن ھەرقانداق ئىجادىي تېما كۆچۈرسىڭىز ئاپتور بىلەن مەنبە ،ئۇلىنىش ئادىرسى قاتارلىقلارنى چوقۇم قوشۇپ مېڭىڭ مودا ناخشىلارنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز مىسرانىم تور بېكىتى مۇزىكا سەھىپىسىگە كىرىڭ مۇھەببەت لىرىكىلىرى مىسرانىمنىڭ ئۆزگىچە خاس بىر سەھىپىسى!مەن مىسرانىم تورىنى ياخشى كۆرىمەن مىسرانىم تور بېكىتى بەك ياخشى مىسرانىمنى گۈللەندۈرۈشكە تېرىشايلى بۇ تېما مىسرانىمدىن بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ كېلىندى. تېمىنىڭ ئەسلى كېلىش مەنبەسى مىسرانىم تورى تور ئادىرسى بۇ تېمىنى كۆچۈرۈپ ھەممە توربەتنىڭ خاسلىقىغا تەسىر يەتكۈزمەڭ . ئەگەر تېمىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز ئەسلى ھەقىقىي مەنبەنى ئەسكەرتكەن ھالدا ئىشلىتىڭ مىسرانىم تورىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن مەڭگۈ تېرىشايلى مىسرانىم تورى ،ھازىر كۈندىلىك ئېقىم مىدارى ئۈچ يۈز مىڭدىن ھالقىغان مۇكەممەل توربەتكە ئايلاندى تور بېكىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى مىسرانىمنى قوللىغانلارنىڭ تۆھپىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ مىسرانىمدىن ھەرقانداق ئىجادىي تېما كۆچۈرسىڭىز ئاپتور بىلەن مەنبە ،ئۇلىنىش ئادىرسى قاتارلىقلارنى چوقۇم قوشۇپ مېڭىڭ مودا ناخشىلارنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز مىسرانىم تور بېكىتى مۇزىكا سەھىپىسىگە كىرىڭ مۇھەببەت لىرىكىلىرى مىسرانىمنىڭ ئۆزگىچە خاس بىر سەھىپىسى!مەن مىسرانىم تورىنى ياخشى كۆرىمەن مىسرانىم تور بېكىتى بەك ياخشى مىسرانىمنى گۈللەندۈرۈشكە تېرىشايلى بۇ تېما مىسرانىمدىن بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ كېلىندى. تېمىنىڭ ئەسلى كېلىش مەنبەسى مىسرانىم تورى تور ئادىرسى بۇ تېمىنى كۆچۈرۈپ ھەممە توربەتنىڭ خاسلىقىغا تەسىر يەتكۈزمەڭ . ئەگەر تېمىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز ئەسلى ھەقىقىي مەنبەنى ئەسكەرتكەن ھالدا ئىشلىتىڭ مىسرانىم تورىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن مەڭگۈ تېرىشايلى