ئاچچىق ئۈمۈتلەر
(كۆزۈم)
يۈرىگىم بىھۇشلۇق ھەسرەت ئىچىدە.
خىيالىم مەسىت قىلار سېغىنىپ سىنى.
گۇناھىم نىمىدۇر بىلمىدىم ئېيتقىن.
قەلبىمدە بىر تۈگۈن تىلسىمات كەبى.
بۇ سوغۇق سۈيۈشكە ياتسىراپ تىنىم،
بولدۇمغۇ كۆلدىكى نىمجان بېلىقتەك.
مۇڭ پىغان ھەسرىتىم تاشتى شۇنچىلىك،
ئۆتمۈشۈم ئايلاندى تاڭدىكى چۈشتەك.
تۈنجىرەت ئالدىنىش قىينىدى بىھۇش،
ئۇچۇرۇپ كەتتىغۇ باھار پەسلىمنى.
دەرت تۈكۈپ ھالىمنى ئېيتتىم بىر تۈمەن.
نە ئامال تاپمىغاچ ۋىسال دورىسى.
خىيالىم ئۈمۈتسىزچاڭ باستى تامان.
كەچمىشلەر يىتىرقاپ بولدىغۇ سەرسان.
قېنى ئۇ چۈشۈمدە ئوخچىغان يۈرەك،
ئولگۈدەك قىينالدى قالدۇرغاچ ھىجران.
ئۇزاپ كەت بىر ئەسىرقايتمىغىن مەڭگۈ.
شۇ قەدەر ھالىممۇ دوزاختىن بەتتەر.
بولدۇڭغۇ چۆلدىكى ئېزىتقۇ ئالۋۇن.
يىگانە چۇشلەرگە ئايلانسۇن قەتھەر.
تاپىمەن يۇلۇمنى يىراقمەس شاتلىق.
بۇ جىمغۇر كۆڭلۈمگە سىغماس يىتىملىك.
نە ھالىم بوپ كىتەر ئېيتقىنە شۇندا.
ماڭغىمۇ لايىقتۇر بۇلۇش بەخىتلىك.
مەن ئۈچۈن ئەمەستۇر دۇنيا قاراڭغۇ.
سۆيگۈنىڭ چۆلىدە قالماسمەن تەنھا.
قاچقىنىڭ يېنىمدىن بەلكىم بىر بەختىم.
ئۈمۈدۈم تىلىگىم ئەمدى شات- ياشا.
كۆزۈم
[ بۇ يازما kuzum تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]