مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى
ئالدىنقى تىماكىيىنكى تىما
مەزكۇر يازما 674 قېتىم كۆرۈلدى
«123»Pages: 1/3     Go
تىما : -ئىپپەتئاي-<سۈزۈك ئاينىڭ يېڭى چۆچىكى>
.: Www.MisraniM.CoM :.

دەرىجىسى: كۆنگەن ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 1729
  جىنسى: خانىم
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە198دانە
ئۆسۈش: 1.98%
  نادىر تىما: 1
  يوللانما: 198
  ياخشى باھا: 44 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 2083 سوم
  تۆھپىسى: 4 كىشى
  ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
  ۋاقتى: 220(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-31
  كىرىشى: 2010-07-05

0

 -ئىپپەتئاي-<سۈزۈك ئاينىڭ يېڭى چۆچىكى>



باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى: تېما باشقۇرغۇچى sahraogli تەرپىدىن نادىرلاندى. (2010-07-01)
ئىپپەتئاي

(چۆچەك)
"ئىپپەتئاي"ناملىق ئىسىمدىن كەلگەن ئىلھام...





ھايا ۋە ئىپپەت پەردىسىگە ئۇرۇنۋالغان ئاياللارلا ئەڭ گۈزەلدۇر.
                                                                             - ھېكمەت خاتىرلىرىدىن.

بۇرۇننىڭ بۇرنىسىدا بىر ئاۋات شەھەر بار ئىكەن.بۇ شەھەردە ئىپپەتخان ئىسىملىك بىر ئايال بولۇپ،يولدىشى سودىگەر بولغاچقا داۋاملىق ئۆيدە تۇرالمايدىكەن.شۇڭا،ئۇ قىزى ئىپپەتئاي بىلەن دائىم يالغۇز قالىدىكەن.ئىپپەتخاننىڭ ئىپپەتلىكىدىن ،نۇمۇسچانلىقىدىن پۈتكۈل مەھەللىدىكى ھەممەيلەن ئۇنىڭغا قايىل ئىكەن.ئۇنى ئىسىمى-جىسمىغا لايىق "ئىپپەتخان"دەپ تەرىپلىشىدىكەن.ئۇنىڭ قىزى ئىپپەتئايمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش ئاقكۆڭۈل،نۇمۇسچان ،چىرايلىق قىز ئىكەن.
كۈنلەر،ئايلار بىر-بىرىنى قوغلىشىپ ئۆتۈپ ،ئىپپەتئاي شۇنداق گۈزەل قىز بولۇپ چوڭ بوپتۇكى،ئۇنىڭ گۈزەللىكى پۈتكۈل يۇرتقا داڭق كېتىپتۇ.شۇڭا ئىپپەتخان قىزىدىن ئەنسىرەپ قاپتۇ.قىزىغا ئۆزىنى قانداق قوغداش ،يامان نىيەتلىك كىشىلەردىن قانداق قۇتۇلۇش ھەققىدە سۆزلەپ بەرمەكچى بوپتۇ.
بىر كۈنى ئىپپەتخان قىزى ئىپپەتئاينى يېنىغا چاقىرىپتۇ.ئىپپەتخان بىر ساندۇقنى كۆتۈرۈپ ئەپچىقىپ ئىپپەتئاينىڭ ئالدىغا قويۇپتۇ.ئىپپەتئاي ئالدىراپ ئانىسىدىن سوراپتۇ:
-ئانا ،بۇ ساندۇقتا نېمە بار؟ قۇلۇپ بىلەن چىڭ تاقالغانغا قارىغاندا ،ئىچىدە ئېسىل ئۈنچە مەرۋايىت بار ئوخشىمامدۇ؟-دەپتۇ.ئىپپەتخان ساندۇقنى ئاچماق ئۈچۈن تەرەددۇتلىنىپ:
-قىزىم،بۇ مەن ئۈچۈن ئۈنچە-مەرۋايىتىنمۇ قىمەتلىك گۆھەر .مۇشۇ گۆھەر بىلەن مەن باشقىلار ئالدىدا ئىززەتلىك،ھۆرمەتلىك ئايال بولالىغان.بۇ ئاتاڭنىڭ ئىززىتى،مېنىڭ ھۆرمۈتۈم،-دەپتۇ ۋە ساندۇقنى ئېچىپتۇ.ئىپپەتئاي ساندۇق ئىچىدىكى گۆھەرنى كۆرۈپ ھەيران قاپتۇ.ساندۇق ئىچىدىن ئاپئاق بىر پارچە رەخت بىلەن غىلاپلانغان بىر دانە خەنجەر چىقىپتۇ.قىز ھەيرانلىقتىن گاراڭ ،سەبىي كۆزلىرىنى ئانىسىغا تىكىپ سوراپتۇ:
-ئانا ،بۇ ئاق رەخت ،خەنجەرنىڭ نېمە خاسىيىتى بار؟
ئىپپەتخان گۆدەك قىزىغا ئەستايىدىللىق بىلەن چۈشەندۈرۈشكە باشلاپتۇ.
-قىزىم،قارا بۇ رەختكە،-دەپلا رەختنى ئېچىپتۇ.رەختنى ئېچىشىغىلا قىپقىزىل بىر نۇر غۇۋا ئۆي ئىچىنى نۇرغا چۈمكەپتۇ،-بۇ قىزىل نۇرنى كۆردىڭمۇ؟مانا بۇ مېنىڭ قىممەتلىك گۆھىرىم.
-ئانا،نېمىدىگەن چىرايلىق نۇر -بۇ؟!
-شۇنداق قىزىم.بۇ دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك ،گۈزەل نۇر.بۇ ئاللاھنىڭ دۇنيادىكى بارلىق قىزلارغا ئاتا قىلغان قىممەتلىك نۇرى.بۇ نۇر پەقەت ئىككى تەننىڭ بىر بولمىقى بىلەنلا ئۆز خاسىيىتىنى تاپىدۇ.بۇ نۇر ئاللاھنىڭ قىزلاغا بەرگەن ئامانىتى.پەقەت ھالال ئەرلەرلا بۇ مۇقەددەس نىسىۋىدىن بەھرىمان بولالايدۇ.بۇ مۇقەددەس توي كېچىسىدىكى مۇقەددەس نۇر،قىزىم.قىز ئۆزىنى پاڭ تۇتۇپ ھالال ئەرلىرىگىلا بۇ نۇرنى سالامەت تاپشۇرغاندىلا ئاندىن ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولىدۇ.پەقەت ھالال ئەرلەرلا بۇ قىممەتلىك ،مۇقەددەس نۇرنىڭ ھەقىقي ئىگىسى.ئاڭلا قىزىم،ھارام يوللار بىلەن ئېرىشىكەن پاكلىقنىڭ ھېچقانداق قىممىتى بولمايدۇ.ئالدىڭدىكى بۇ رەختتىكى نۇر مېنىڭ پاكلىقىم ،مېنىڭ ئىززىتىم.شۇڭا ئۇنى تا بۈگۈنگىچە ساقلاپ كەلدىم.ئېسىڭدە بولسۇن،ھەر قاچان بۇ پاكلىق نۇرۇڭنى ھاياتىڭدىنمۇ ئەزىز بىلىپ ساقلىغايسەن. شەيتاننىڭ ئەقلىڭگە تىزگىن سېلىۋېلىشىدىن ساقلان.نۇرۇڭ سېنىڭ قىزلىق غۇرۇرۇڭ،سېنىڭ قىممىتىڭ.ئۇنى ھالال ئىگىسىگە يەتكۈچە پاك ساقلىغىن."ئىپپەتئەي"غا خاس ئىپپەتلىك قىز بولغىن.بۇ خەنجەرنى ئانام ماڭا بەرگەن .ئەمدى ساڭا بېرەي.ئۇنى يېنىڭدىن ھەرگىز ئايرىما.ناۋادا،ناپاكلار ساڭا قارا قۇلىنى ئۇزاتماقچى بولغىنىدا ئۆزۈڭنى قوغدىغىن،-دەپتۇ.ئانىسىنىڭ ھەر بىر سۆزىنى چۈشەنگەن ئەقىللىق قىزنىڭ يۈرەكلىرى قايتا ئويغانغاندەك بولۇپ ،ھەربىر سۆز ئۇنىڭ يۈرىكىگە نەقىش كەبى ئۇيۇلۇپتۇ.ئىپپەتئاي شۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ئىپپەتلىك ،ھايالىق،نۇمۇسچان قىز بولۇپ ئۆسۈپتۇ.
  

ئىپپەتئاينىڭ گۈزەللىكى ،ئىپپەتلىكلىكى يۇرت-يۇتلارغا تاراپ كېتىپتۇ.بۇ شەھەردىن خېلىلا يىراق بىر تاغ بولۇپ ،تاغدا بىر توپ قاراقچى ياشايدىكەن.قاراقچىلارنىڭ "سەمەر"ئاتلىق بىر ئاتامانى بولۇپ ،ئۇ ئىپپەتئاينىڭ نامىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا ئاشىق-بىقارار بوپتۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىپپەتئاينىڭ پېيىگە چۈشۈپتۇ.
بىر كۈنى ئىپپەتئاي بازارغا سودىلىققا چىققاندا،قاراقچى سەمەرنىڭ ئادەملىرى ئىپپەتئاينى بۇلاپ قېچىپتۇ.ئىپپەتخان بىلەن يولدىشى قىزىدىن ئايرىلىپ قالغىنىدىن ھەسرەت چىكىپ ،تولا يىغلاپ ئاغرىپ يېتىپ قاپتۇ،لېكىن ئامال قىلالماپتۇ. ئىپپەتئاي قانچە قىلسىمۇ قاراقچىلارنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلالماپتۇ.سەمەر ئىپپاتئايغا زورلۇق قىلماقچى بولۇپ ئۇنىڭغا ئېتىلىپتۇ. بۇ چاغدا ئىپپەتئاي يېنىدىكى خەنجەرنى شارتتىدە چىقىرىپ ،مەردانە ھالدا سەمەرگە دەپتۇ:
-سەندىن ئۆتىنەي.جېنىمنى ئالساڭ ئال !بىراق،مېنى بۇلغىما...بۇ جايغا پاك كەلدىم،ئۆلسەم مەيلىكىن،ناپاك ھالدا كېتىشكە رازى ئەمەسمەن.ئۆلسەم كۆزۈم يۇمۇلمايدۇ.ماڭا زورلۇق قىلىپ ئىپپىتىمنى بۇلغۇساڭ ،ئالدىڭدىلا ئۆلۈپ بېرىمەن.ئىپپەتئاينىڭ مەردانە سۆزلىرىدىن سەمەر سەل پەس كويغا چۈشۈپتۇ.سەمەر قاراقچى بولغان خېلى كۆپنى كۆرگەن كىشى بولغاچقا ئىپپەتئايغا سەل ھۆرمىتى قوزغىلىپتۇ.سەمەر ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ:
-ئەي قىز ،بۇنداق مەردانە سۆزلىرىڭگە ،جۈرئەتلىكىڭگە نېمە سەۋەب بولدى؟-دەپ سوراپتۇ.ئىپپەتئاي ئانىسى ئىپپەتخاننىڭ سۆزلىرىنى ۋە كۆرگەنلىرىنى بىرمۇ-بىر سۆزلەپ بېرىپتۇ.سەمەر ئىپپەتخانغا قايىل بوپتۇ ۋە ئىپپەتئايغا:
-ھەي مەزلۇمە،ئاناڭنىڭ ئىپپەتلىكىدىن تەڭرى ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!غەيرىتڭگە ئاپىرىن!قاراقچى بولۇپ يۈرگىنىمگە تالاي يىللار بوپتۇ.مۇشۇ كەمگىچە ھېچقانداق بىر ئايال زاتى ئالدىمدا بۇنداق دېگەن ئەمەس...مەنمۇ ئەسلى بىر ياخشى يىگىت ئىدىم،بىراق ئاتا -ئانامدىن كىچىك قېلىپ باي -غوجىلارنىڭ زۇلۇمىغا چىدىماي تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە مۇشۇ يولغا كىرىپ خەلق قاغىشىغا كەتكەنمەن.بىرمۇ ئۇرۇق-تۇغقىنىم يوق.سەن ھەقىقەتەنمۇ ئىسىمى-جىسمىغا لايىق"ئىپپەتئاي"ئىكەنسەن.مەن ئۆمرۈمدە ياخشى ئىش قىلغىنىمنى بىلمەيمەن.سېنى قۇيۋېتەي .بىراق بىر شەرتىم بار .مېنى ئۆزۈڭگە لايىق كۆرسەڭ ،مېنى ھالال جۈپتىم بولۇشقا قۇشۇلساڭ...،-دەپتۇ .ئىپپەتئاي سەمەرنىڭ كۆزلىرىدىن سەمىمىيلىك،مەردلىك قەتئىيلىك چىقىپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ:
-مېنىڭمۇ بىر شەرتىم بار.سىز قاراقچى دېگەن يامان ئاتاقتىن قۇتۇلۇپ ھالال كەسىپ ،توغرا يولدا مېڭىپ ،گۇۈاھلىرىڭىزغا تۆۋە قىلىپ ،ئاۋامنى رازى قىلىڭ.شۇنداق قىلسىڭىز مەن سىزنىڭ پىكىرىڭىزگە ھۆرمەت قىلىمەن.مۇبادا،قۇشۇلمىسىڭىز بۇ گەپلەرنى دېمىگەن بولاي،-دەپتۇ.ئىپپەتئاينىڭ سۆزلىرى سەمەرگە قاتتىق تەسىر قىپتۇ.ئۇنىڭدىن تەسىرلەنگەن سەمەر:
-بولىدۇ.سىزگە رەھمەت.ئاۋۋال ئاتا-ئانىڭىزنى رازى قىلاي.ئاندىن ئەلنى رازى قىلىپ ئۆمرىمنىڭ ئاخىرىدا بولسىمۇ ھالال ،پاك ياشاي،-دەپتۇ.شۇنىڭ بىلەن سەمەر ئىپپەتئاينىڭ ئاتا -ئانىسىنى رازى قىلىپ ،ئۇنى ئەمرىگە ئاپتۇ.ئىپپەتئاينى قەدىرلەپ ،بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈپتۇ.قاراقچىلىقتىن پۈتۈنلەي قول ئۈزۈپ،ئىپپەتئاينىڭ ئاتىسى بىلەن بىرگە سودا قىلىپ ،ئۆمرىنىڭ ئاخىرىنى ھالال ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزۈپتۇ.ئۇنىڭ ئىشلىرى تېزلا يۈرۈشۇپ ،خېلى ئابرويلۇق ،باي سودىگەرگە ئايلىنىپتۇ.ھېلىقى قاراقچى ئاستا -ئاستا خەلق يۈرىكىدىن ئۆچۈپتۇ.ئىپپەتئاينىڭ ئىپپەتلىكىدىن قاراقچىنىڭ ياخشى ئادەمگە ئايلانغانلىقىدەك ھېكايىلەر ئېغىزدىن-ئېغىزغا داستان بولۇپ تاراپتۇ.
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا،نۇزۇگۇم،ئىپارخان قاتارلىق ئىسىل،پاك  قىزلىرىمىز ئەنە شۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئىكەن.





قۇشۇمچە:

قىزئىپپىتى -زىمىن ئىپپىتى


مودىلىشىش،غەرىپلىشىشنىڭ كۈندىن -كۈنگە ئەۋج ئېلىشى،بالدۇر مۇھەببەت باغلاشنىڭ كۆپىيىشى،ئەخلاق،شەرمى-ھايا ،نۇمۇسنىڭ كۈندىن-كۈنگە سۇسلىشىپ كېتىشى ،يىگىت-قىزلىرىمىزنىڭ ئىدىيىسىدە ئاتالمىش "مەدەنىيەت" نىڭ بەلگىسى بولۇپ قېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە،بىزنىڭ ئىپپەتئايغا ئوخشاش غۇرۇرلۇق،ئېسىل قىزلىرىمىز ئاز ئەمەس.قىزلارنىڭ ھەممىسىنى بىر تاياقتا ھەيدەپ ئۈمۈدسىزلىك ئىچىدە گاڭگىراپ يۈرگەن يىگىتلىرىمىز پەقەت ئېغىزىدىلا ياكى قارا سىياھ بىلەنلا "پاك ياشا ئۇيغۇر قىزلىرى"دەپ شۇئار توۋلاپ ،ئەشۇ ئاجىز قىزلارنى ۇھەببەتتە ئالداپ ئۇلارنىڭ قىزلىق غۇرۇرىنى قوغدىماي،ھەدىسلا ئۇلاردىن ئاغىرنىپ يۈرىيدىغان يىگىتلىرىمىز گە شۇنداق دېگۈم كېلىدۇ.ھەي يىگىت،سىز ھەقىقىي ئەركەك بولسىڭىز شېرىن مۇھەببەت دەملىرىنى ھالالىقتىن ئىزدەڭ! ھەرگىز ناپاكلىق قاپلىغان چۆل كەبى بوستانلاردىن مىۋە ئىزدەش كويىدا بولماڭ.سىزدە ھەقىقي ئەركەككە خاس جاسارەت ،شىجائەت بولسۇن.مۇھەببەت ھەرگىز ھەۋەس ياكى شەھۋەت ئەمەس...ئۇ ئەڭ پاك تۇيغۇ.سىز مىللەتنىڭ تۈۋرىكى بولغاچقا كەلگۈسىنىڭ ئۈمىد-يۇلتۇزلىرىنى قوغداش ۋە ئاسراش مەجبۇرىيىتىڭىز بار.جەمئىيەت ئالدىدىكى بۇ مۇقەددەس بۇرچىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ!
ھەي سۈيۈملۈك قىز.ئۇيغۇرغا خاس لاتاپەت بىلەن ياشاڭ.پاكلىق سىزدىكى بىردىبىر قىممەتلىك بايلىق.ھايا ۋە نۇمۇس روھىڭىزدا ،جىسمىڭىزدا تۇلۇق ئەكىس ئەتسۇن.ئۆزىڭىزنى بوياق بىلەن بوياشتىن بۇرۇن روھىڭىزنى پاكلىق بىلەن بېزەڭ.قىممەتلىك بەرگىللىرىڭىز ھەرگىز ناپاك جايلاردا ئىز سالمىسۇن...نۇمۇسچانلىقىڭىزدىن ئايمۇ سىزدىن خىجىل بولسۇن .مانا بۇ سىزنىڭ ھەقىقي گۈزەللىكىڭىز،زىبالىقىڭىز...ساختپەزلىك بىلەن بىراۋنى ئالدىماڭ.بىراۋنى ئالدىغىنىڭىز بىلەن تەڭرىنى مەڭگۈ ئالدىيالمايسىز...زىمىن ئىپپىتى-قىز ئىپپىتى...مىللەت كەلگۈسىدۇر!
ھەي ئاتا -ئانا بولغۇچى،پەرزەنتىڭىزگە ئىپپپەت تەربىيىسى بەردىڭىزمۇ؟ پەدىشەپ ھېس قىلامسىز؟ قاچانغىچە پەدىشەپ ھېس قىلىسىز....؟؟؟ ئىپپەت توغرىسىدىكى تەربىيە ھەرگىز پەدىشەپ ئەمەس...مۇبادا پەرزەنتىڭىز يامان ئىش قىلىپ بولغاندا پۇشايمان قىلسىڭىز بۇنى كىمدىن كۆرەتتىڭىز؟بىپەرۋالىق قىلىپ يۈرمەڭ ...راستىنلا بۇنىڭغا سەل قاراپ پەرزەنتتىڭىزگە  بۇ تەربىيىنى كەم قىلسىڭىز بۇ سىزنىڭ مەڭگۈلۈك جىنايىتىڭىز...




ھەي ئۇيغۇر قىزى ھايا ۋە ئىپپەتنى قەبلىگاھ قىلغىن...ھەممىمىزنىڭ ئۈمىدلىك كۆزلىرىمىز سەندە،گۈلۈم.
2010-يىلى (ئۈرۈمچى)
ئەسكەرتىش:بۇ ئەسەرنىڭ ھۇقۇقى مىسرانىم مۇنبىرىگە تەۋە قالايمىقان كۈچۈرۈپ ئىشلىتىشكە ياكى يۆتكەپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ!ئەسەر ھۇقۇقىغا دىققەت قىلىڭ!

                      
        مەنبە:قەلىمىم
[ بۇ يازما sahraogli تەرپىدىن 2010-07-01 08:41 PM دە ]
-سىز كۆرۋاتقان تىما -ئىپپەتئاي-<سۈزۈك ئاينىڭ يېڭى چۆچىكى>,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
بۇ يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • مۇنبەر پۇلى:+1(TANHA204) تەربىۋىي ئەس ..
  • مۇنبەر پۇلى:+100(تارىم) نادىر
  • مۇنبەر پۇلى:+1(Zinnura) ئىسىل ئەسىرى ..
  • مۇنبەر پۇلى:+100(sahraogli) ئىسىل تىما،، ..
  • مەزكۇر تىما مىسرانىم باشقۇرغۇچىسى Misranim تەرىپىدىن تەستىقلاندى،تەستىقلانغان ۋاقىت :2010-07-01, 10:31
    مىسرانىم مۇنبىرىدە دۆلەتنىڭ قانۇن -نىزاملىرىغا زىت ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بۇزىدىغان تىما ۋە ئىنكاسلار ئاپتۇماتىك سۈزۈلۈپ قېلىنىدۇ.خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭIP سى خاتىرلىنىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىلىدۇ.ئۆزىڭىز ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ ئىناقلىقى ھەم بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ساغلام بولغان تىمىلارنى يوللىغايسىز،،،

    دەرىجىسى: كۆنگەن ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 1422
      جىنسى: خانىم
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە216دانە
    ئۆسۈش: 2.16%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 216
      ياخشى باھا: 7 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 1274 سوم
      تۆھپىسى: 1 كىشى
      ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
      ۋاقتى: 271(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-29
      كىرىشى: 2010-07-05

    بىرىنچى قەۋەتكە  مەن دەسسەي ، ئەمدى ئوقۇشنى باشلايمەن...........
    .: Www.MisraniM.CoM :.

    دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 2839
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە58دانە
    ئۆسۈش: 1.93%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 58
      ياخشى باھا: 21 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 818 سوم
      تۆھپىسى: 1 كىشى
      ياخشى باھا: 1 نۇمۇر
      ۋاقتى: 23(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-06-20
      كىرىشى: 2010-07-04

    ھايا ۋە ئىپپەت ئىماننىڭ جۇملىسىدىندۇر
    مىسرانىم مۇنبىرىدە دۆلەتنىڭ قانۇن -نىزاملىرىغا زىت ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بۇزىدىغان تىما ۋە ئىنكاسلار ئاپتۇماتىك سۈزۈلۈپ قېلىنىدۇ.خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭIP سى خاتىرلىنىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىلىدۇ.ئۆزىڭىز ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ ئىناقلىقى ھەم بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ساغلام بولغان تىمىلارنى يوللىغايسىز،،،
    .: Www.MisraniM.CoM :.

    دەرىجىسى: كۆنگەن ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 129
      جىنسى: يوشۇرۇن
    ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە634دانە
    ئۆسۈش: 6.34%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 634
      ياخشى باھا: 73 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 3199 سوم
      تۆھپىسى: 2 كىشى
      ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
      ۋاقتى: 166(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-20
      كىرىشى: 2010-07-03

    سۇزۇكئاي نىمانداق قاملاشتۇرۇپ،خۇددى يازغۇچىلاردەكلا يىزىۋەتكەنسىز.
    بۇنداق ئىلھام كىلىش تەس جۇمۇ.مەن تىخى بىرەر ژورنالدىن كۆچۇرۇپ كەلگەن ئوخشايدۇ-دەپ قارىسام،مەنبە:قەلىمىڭىزئىكەن.
    راسلا ياخشى چىقىپتۇ.سىزنىڭ ئىلھاملىرىڭىزدىن تەلىم ئالاي.
    مىسرانىم مۇنبىرىدە دۆلەتنىڭ قانۇن -نىزاملىرىغا زىت ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بۇزىدىغان تىما ۋە ئىنكاسلار ئاپتۇماتىك سۈزۈلۈپ قېلىنىدۇ.خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭIP سى خاتىرلىنىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىلىدۇ.ئۆزىڭىز ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ ئىناقلىقى ھەم بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ساغلام بولغان تىمىلارنى يوللىغايسىز،،،
    .: Www.MisraniM.CoM :.

    دەرىجىسى: مۇنبەر باشقۇرغۇچى

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 782
      جىنسى: يوشۇرۇن
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە167دانە
    ئۆسۈش: 1.67%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 167
      ياخشى باھا: 8 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 2627 سوم
      تۆھپىسى: 2 كىشى
      ياخشى باھا: 1 نۇمۇر
      ۋاقتى: 377(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-25
      كىرىشى: 2010-07-05

    ئىسىل تىما  ،،،،،،نادىر تىما ،،،تەربىيەۋى ئەھمىيتى زور تىما ،،،،،،،،،،،،،،،
    .: Www.MisraniM.CoM :.

    دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 1670
      جىنسى: خانىم
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە134دانە
    ئۆسۈش: 4.47%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 134
      ياخشى باھا: 1 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 912 سوم
      تۆھپىسى: 1 كىشى
      ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
      ۋاقتى: 194(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-31
      كىرىشى: 2010-07-05

    جان چىكىتىدىغان ئىش بولسىمۇ ئىپپەتنى يوقاتمايلى !
    قەلەم قۇۋۋىتىڭىزگە ئاپىرىن ، بەك ياخشى تىما يوللاپسىز .......
    مىسرانىم مۇنبىرىدە دۆلەتنىڭ قانۇن -نىزاملىرىغا زىت ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بۇزىدىغان تىما ۋە ئىنكاسلار ئاپتۇماتىك سۈزۈلۈپ قېلىنىدۇ.خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭIP سى خاتىرلىنىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىلىدۇ.ئۆزىڭىز ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ ئىناقلىقى ھەم بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ساغلام بولغان تىمىلارنى يوللىغايسىز،،،

    دەرىجىسى: كۆنگەن ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 971
      جىنسى: يوشۇرۇن
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە263دانە
    ئۆسۈش: 2.63%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 263
      ياخشى باھا: 42 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 1795 سوم
      تۆھپىسى: 2 كىشى
      ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
      ۋاقتى: 404(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-26
      كىرىشى: 2010-07-05

    نادىرلىغىدەك تىما ئىكەن ماۋۇ، رەخمەت سىڭلىم تولىمۇ ياخشى يىزىپسىز، بەك تەسىر قىلغىدەك ياخشى چىقىپتۇ، بەزى يەرلىرىدە سەل ئىملا خاتالىقى باركەن، دىققەت قىلسىڭىز.
    .: Www.MisraniM.CoM :.

    دەرىجىسى: كۆنگەن ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 1729
      جىنسى: خانىم
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە198دانە
    ئۆسۈش: 1.98%
      نادىر تىما: 1
      يوللانما: 198
      ياخشى باھا: 44 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 2083 سوم
      تۆھپىسى: 4 كىشى
      ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
      ۋاقتى: 220(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-31
      كىرىشى: 2010-07-05

    نەقىل ئېلىش
    ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 3قەۋەت  kugul كە 2010-07-01 06:49 PMئەۋەتىلدى  :
    سۇزۇكئاي نىمانداق قاملاشتۇرۇپ،خۇددى يازغۇچىلاردەكلا يىزىۋەتكەنسىز.
    بۇنداق ئىلھام كىلىش تەس جۇمۇ.مەن تىخى بىرەر ژورنالدىن كۆچۇرۇپ كەلگەن ئوخشايدۇ-دەپ قارىسام،مەنبە:قەلىمىڭىزئىكەن.
    راسلا ياخشى چىقىپتۇ.سىزنىڭ ئىلھاملىرىڭىزدىن تەلىم ئالاي.


    ئوماق ياقتۇرغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت .مۇنبەرگە يوللانغان ئەسەر مېنىڭ ئەسىرىم ھەرگىز كۈچۈركەشلىك يوق ... مەنمۇ تېخى تەلىم ئېلىۋاتىمەن...
    مىسرانىم مۇنبىرىدە دۆلەتنىڭ قانۇن -نىزاملىرىغا زىت ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بۇزىدىغان تىما ۋە ئىنكاسلار ئاپتۇماتىك سۈزۈلۈپ قېلىنىدۇ.خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭIP سى خاتىرلىنىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىلىدۇ.ئۆزىڭىز ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ ئىناقلىقى ھەم بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ساغلام بولغان تىمىلارنى يوللىغايسىز،،،
    .: Www.MisraniM.CoM :.

    دەرىجىسى: كۆنگەن ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 1729
      جىنسى: خانىم
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە198دانە
    ئۆسۈش: 1.98%
      نادىر تىما: 1
      يوللانما: 198
      ياخشى باھا: 44 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 2083 سوم
      تۆھپىسى: 4 كىشى
      ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
      ۋاقتى: 220(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-31
      كىرىشى: 2010-07-05

    نەقىل ئېلىش
    ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 6قەۋەت  0999nazuk كە 2010-07-01 06:58 PMئەۋەتىلدى  :
    نادىرلىغىدەك تىما ئىكەن ماۋۇ، رەخمەت سىڭلىم تولىمۇ ياخشى يىزىپسىز، بەك تەسىر قىلغىدەك ياخشى چىقىپتۇ، بەزى يەرلىرىدە سەل ئىملا خاتالىقى باركەن، دىققەت قىلسىڭىز.


    شۇ ئامال يوق 30 مىنۇتتىن كىيىن تەھرىرلىگىلى بولمايدىكەن ئەمەسمۇ سۈيۈملۈك ھەدە...
    مىسرانىم مۇنبىرىدە دۆلەتنىڭ قانۇن -نىزاملىرىغا زىت ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بۇزىدىغان تىما ۋە ئىنكاسلار ئاپتۇماتىك سۈزۈلۈپ قېلىنىدۇ.خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭIP سى خاتىرلىنىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىلىدۇ.ئۆزىڭىز ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ ئىناقلىقى ھەم بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ساغلام بولغان تىمىلارنى يوللىغايسىز،،،
    .: Www.MisraniM.CoM :.

    دەرىجىسى: كۆنگەن ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 524
      جىنسى: خانىم
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە271دانە
    ئۆسۈش: 2.71%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 271
      ياخشى باھا: 6 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 1362 سوم
      تۆھپىسى: 0 كىشى
      ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
      ۋاقتى: 369(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-23
      كىرىشى: 2010-07-05

    تەسەۋۋۇرغا باي ئىكەنسىز ،مۇشۇنداق تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بار تېمىلارنى كۆپرەك يوللاپ تۇرۇڭ ھەمشىرە

    دەرىجىسى: كۆنگەن ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 1422
      جىنسى: خانىم
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە216دانە
    ئۆسۈش: 2.16%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 216
      ياخشى باھا: 7 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 1274 سوم
      تۆھپىسى: 1 كىشى
      ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
      ۋاقتى: 271(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-29
      كىرىشى: 2010-07-05

    سىزگە بارىكاللا تاتلىق قىز. تولىمۇ ئەھمىيەتلىك  تېما يوللاپسىز .
    ئىجادىيىتىڭىز  تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولغاي.............

    ھايا ---------قىز بوينىدىكى زۇننار.
    ئالدىنقى تىما كىيىنكى تىما
    «123»Pages: 1/3     Go