كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى
ئاپتورى:ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد
1
ئاشخانا ئېچىپ قويغان بىلەن ئۇنىڭ دەردى بەش پاتمان، يەرلىك سودا-سانائەت كادىرلىرى، باجگىرلار، ساقچىلار پات-پات كىرىدۇ، بىكارلىق تاماق يەپ، پىۋا ئىچىپ، رەسمىيەتلەرنى قائىدە بويىچە بېجىرىپ، ئالىدىغىنىنى ئېلىپ، يەيدىغىنىنى يەپ كېتىدۇ. تاماق جوزىسىدا مەينەت-قاچا-قۇچا، سەي، ھاراق، كاۋاب زىخلىرى قالىدۇ. ئۇلار ھارامنى يېسىمۇ يېسە ياسىننى مۇشۇ شەھەردىن قوغلىۋەتمىسە، بولسا قوغداپ قالسا بولاتتى.
ئىلگىرى ئۇ بېيجىڭدا كاۋابچىلىق قىلغاندا گەرچە كۆپ پۇل تاپالمىسىمۇ چوڭ شەھەردە ياشىيالىغانلىقىدىن مەمنۇن ئىدى، چىرايلىق خوتۇنى بىلەن ئوغلىمۇ ئوبدان ياشايتتى، ئۇ كۆپ پۇل تېپىپ، ئوغلىنى ياخشى يەسلىگە بېرىپ، ئۆرلەپ ئوقۇتۇشنى ئۈمىد قىلاتتى؛ ئەتىگەندىن كەچكىچە كاۋابقا زىخ ئۆتكۈزۈپ، ئاخشىمى يەنە ھېرىپ قالغىنىغا قارىماي ئۆزىنى رازى قىلىدىغان خوتۇنىغا قىممەت باھالىق ئۈزۈك ئېلىپ بېرىشنى ئويلايتتى.
ئۇنىڭ بىلەن باردى-كەلدى قىلىشىدىغان كاۋابچىلار، بازار ئوينايدىغانلار ئىچىدە توختىماي ئىش چىقىپلار تۇراتتى، بىرلىرى ئاجرىشىپ، باشقا بىرى بىلەن تېپىشاتتى؛ بىرلىرى ساقچىغا تۇتۇلۇپ ئۈن-تىنسىز يوقاپ كېتەتتى. بىرلىرى ئېتىلىپ، بىرلىرى پىچاق يەپ، يەنە بىرلىرى ئۆيىدە كۆمۈرگازىدا زەھەرلىنىپ ئۆلۈپ كېتەتتى. ۋاقىتلىق ئەر-خوتۇن بولۇشقاننىڭ تويىغا ياكى بالىسىنىڭ سۈننەت تويىغا بېرىپ كەلگەن ياسىن بىرەر ئايدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى، بالىسىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلايتتى. بۇ ئىشلار قولى چاققان يانچۇقچىنىڭ ھەرىكىتىدەك شۇنچىلىك تېز يۈز بېرەتتىكى، بىر ئىشقا ھەيران قېلىپ بولغىچە ئۇنىڭدىنمۇ ئېچىنىشلىق يەنە بىر ئىش يۈز بېرەتتى.
كۇلىغا چىققاننىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆپكىسى يوق دەپ ئويلايتتى ياسىن، يۇرتىدىكى ناھەقچىلىك ۋە نامراتلىققا چىدىماي، ئالە شەرىڭنى دەپ ئىچكىرىگە ماڭىدۇ؛ بارار جايىنى تاپقاندىن كېيىن پۇل تېپىشقا ئالدىرايدۇ، ئالدىرىمىسا جان باقالمايدۇ، بۆرىدەك بۆسكەك بولمىسا ئىتتەك خارلىنىدۇ. ئەتىگەندە بىرسىمۇ تۈزۈك ناشتا قىلماي، چۈشلۈك تاماق، كەچلىك ھاراق ئۈچۈن باغرى تاش شەھەرنىڭ قوينىغا شۇڭغۇيدۇ، نېسىۋىسىنى ھالالدىنمۇ، ھارامدىنمۇ تاپىدۇ. ئازراق پۇل تاپقانلار كەيپ-ساپاغا ئالدىرايدۇ، خوتۇن تېپىشقا، بۇرۇن قاندۇرالمىغان نەپسىنى قاندۇرۇشقا ئاتلىنىدۇ، پۇلنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرۈپ ئۆگىنىپ قالغانچە جاپالىق ئىشلەش خوشياقمايدۇ، ھالال ئىش-ھۈنەرنى تاشلاپ ھارام سودىغا كىرىشىپ قالىدۇ. ياسىن ئويلاپ باقتى: ئاخىرىدا توزۇپ كەتكەنلەرنىڭ ھەممىسى جاپالىق ئىشلەشكە تاقىتى يوق شاتراق گۇيلار، نەپسىنى يۈگەنلەشنى بىلمەي قالغان ئېشەك گۇيلار ئىكەن! ھەممىسى ھارامغا دۈم چۈشۈپ، پالاكەت بېسىپ تۈگەشتى... ھايۋانمۇ ئۆزىگە خىل كەلمەيدىغان نەرسىنى جىق يەۋالسا قارنى كۆپۈپ ئۆلىدۇ، ئادەممۇ شۇ... ھايۋان ئۆزىنىڭ نەپسىنى مەيلىگە قويۇۋېتىدۇ، ئەمما ئادەمچۇ؟...
ياسىن ئۆز تۇرمۇشىدىن رازى ئىدى، ئەمما خاتىرجەم بولالمايتتى؛ مەھەللىسدىكى دېھقانلارغا سېلىشتۇرغاندا ئۇ ئەركىن ئىدى، پۇلىمۇ بولدى، ئەمما پەقەت خاتىرجەم ئەمەس ئىدى، خاتىرجەملىكتىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى ئويلىسا يۈرىكى سىقىلاتتى. ئۆزىدىن كۆرە خوتۇنى ۋە بالىسىدىن بەكرەك ئەنسىرەيتتى، بىر قېتىم ئۆزى يېقىن بىلگەن بىر ئاغىنىسى خوتۇنىغا چاقچاق قىلىپ، ئىشتىن چاتاق چىقارغىلى تاس قالدى، ياسىن ۋاقتىدا ئۈلگۈرۈپ كىرىپ قالمىغان بولسا قانلىق ۋەقە چىقىشى مۇمكىن ئىدى؛ بىر قېتىم بالىسى يېرىم كۈن يوقاپ كېتىپ، قوشنا خەنزۇلارنىڭ ياردىمى بىلەن تېپىۋېلىندى. ئۇنىڭ ئۈستىگە قارا كاۋاپچىلىقنىڭ كاشىلىسى جىق ئىدى، شەھەر باشقۇرۇش خادىملىرى نەچچە قېتىم كاۋابدانلىرىنى ماشىنىغا بېسىپ ئېلىپ كەتتى؛ قانۇنلۇق كاۋاب ساتاي دېسە، رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بەرمەيتتى؛ ساقچىلارمۇ پات-پات تىمىسقىلاپ كىرىپ، نوپۇس تەكشۈرۈپ ئاۋارە قىلاتتى، ۋاقىتلىق تۇرۇش كېنىشكىسى بېجىرمىسەڭ بولمايدۇ دەيتتى، ئەمما بارسا بېجىرىپ بەرمەي ئاۋارە قىلاتتى. ئۇ بۇ شەھەردە قانۇنلۇق ۋە خاتىرجەم ياشاشقا شۇنچىلىك ئىنتىلسىمۇ، كاشال، دوقاللارغا تولا ئۈسۈپ ئاخىرى رايى يېنىپ كەتتى، بۇ قىسمەتنىڭ ئۆز پېشانىسىگە پۈتۈلۈپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدى. دېمىسىمۇ، ئۆز يۇرتىغا سىغمىغان ئادەم خەقنىڭ شەھرىگە سىغامتى؟ ئۇنى ئاز كەلدى دەپ يۇرتۋازلىقتىن شەكىللىنىپ قالغان كىچىك-كىچىك قارا گۇرۇھلار ئۇنىڭغا تەھدىت پەيدا قىلاتتى، ئۇ ھېچقايسىسىغا قېتىلماي مۇستەقىل ياشايمەن دېيەلمەيتتى، چوقۇم ئۇلار بىلەن ئارىلىشىشى، بىرەرخوجا ئاكىسىنىڭ پېشىنى تۇتۇشى كېرەك ئىدى. ئۇ بۇنى قەتئىي خالىمىغاچقا ئۇيغۇرلار كۆپ بارمايدىغان بىر رايونغا غىپپىدە كېلىپ، كاۋابچىلىقىنى قىلىۋەردى، ئەمما كۆڭلى يەنىلا دەككە-دۈككىدە ئىدى. ئۇ بېيجىڭغا دەسسىگەندىن باشلاپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى، قانداق ئادەملىكىنى، خوتۇن-بالىسى بار-يوقلۇقىنى باشقىلار بىر-بىرىگە يەتكۈزۈپ بولاتتى؛ شۇندىن تارتىپ ئۇنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقى، قانچىلىك بىر ئىشلارنى قىلىپ كەتكەنلىكى ۋە قانچىلىك پۇل تاپقانلىقى ھەممىگە تەخمىنەن مەلۇم بولۇپ تۇراتتى؛ ئۇ ياشىسا ئۇنى ھەممىسى بار، پالانى يەردە كۆرگەن دەيتتى؛ ئۆلسە شۇ ھامان خەۋىرى ھەممىگە يەتكۈزۈلۈپ، نامىزى چۈشۈرۈلەتتى.
ياسىن جۈمە كۈنى دەم ئالاتتى، مەسچىتكە بېرىپ يۇيۇنۇۋالسا، جۈمە نامىزى ئوقۇۋالسا جېنى يايراپ كېتەتتى. بۇ كۈندە ياسىندەك ھالال ياشايدىغانلارمۇ، ھارامنى قىلىۋېرىپ جەھەننەمگە كېتىشكە ئاز قالغانلارمۇ بارلىق جىددىي ئىشلىرىنى قايرىپ قويۇپ، جۈمەگە كېلەتتى، نامازدىن تارىغاندا بىر-بىرىگە دىدار غەنىمەتتەك قارايتتى، ئاي-يىللاپ بىر-بىرى بىلەن كۆرۈشەلمىگەنلەر كۆرۈشۈۋالاتتى. نامازدىن چىقىپ ھەر قايسىسى ئۆز يولىغا ماڭاتتى، قىلىدىغىنى قىلىۋېرەتتى، سەل ئىمان-ئىنساپى بارلىرى قولىنى يىغىۋالسىمۇ، كۆپ قىسمى "تىرىكچىلىك"ىنى قىلىۋېرەتتى. بۇ يەردە بىر كۈن ئۆتسە شۇ ھېساب ئىدى، ھېچكىم قېرىغىچە بەختلىك ياشاشقا كېپىللىك قىلالمايتتى، ئاق چېكىپ ئۆلگەنلەر يۇقۇملۇق كېسەل بىلەن ئۆلگەندەكلا ئۆلەتتى، ھېچكىم ھەيران قالمايتتى. بۇزۇق قىزلار يانچۇقچى، ئاقچىلارنىڭ خوتۇنىغا ئايلىناتتى، بۇنىڭغىمۇ ھېچكىم ئەجەبلەنمەيتتى، مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن ئۇلار ئايرىلىپ كەتسە جاھاندا بۇنىڭدەك تەبىئىي ئىش بولمايتتى، ئەگەر ئىناق ئۆي تۇتۇپ كەتسە بۇ ھەيران قالارلىق ئىش ئىدى.
كۈنلەر ئۆتۈپ، بېيجىڭدا ئولېمپىك يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا بارلىق كاۋابچىلار، ماتاڭچىلار، تېلېفونچىلار، دوللارچىلار، يانچۇقچىلار، پاھىشىلەر، تار كوچىغا كىچىككىنە ئاشخانا ئېچىۋالغان خوجايىنلار قاتتىق تەكشۈرۈلدى، كۆپ قىسمى سالاھىيىتى ئېنىق ئەمەس، قانۇنسىز تىجارەت قىلغان، رەسمىيتى تولۇق ئەمەس دېگەن سەۋەب بىلەن پايتەختتىن، مەركەزدىن ھەيدەلدى. شۇ قاتاردا ياسىنمۇ كۈدە-كۆرپىسىنى يۈدۈپ، تاپقان-تەرگىنىنى بانكا كارتىغا ئۆتكۈزۈپ، خېبېينىڭ بېيجىڭغا يېقىن بىر ناھىيىسىگە كەلدى، بۇ ناھىيە بازىرىدا ئاشخانا ئاچقان بۇرادىرى ئۇنىڭغا ئاشخانىسىنى ساتماقچى بولۇپ تېلېفون قىلغانىدى، كېلىپ كۆرۈپ باق دېگەنىدى. ياسىن كېلىپ كۆردى، ئورنى خېلى ئاۋات يەردە ئىدى، ئالدىدا قاتار كەتكەن ساتراچخانىلارنىڭ پىقىرىغۇچلىرى ئايلىنىپ تۇراتتى، ئىشىك ئالدىدا يوتىلىرى ئوچۇق تەتەي قىزلار كۆز قىسىپ قاراپ تۇراتتى. ياسىن باھادا كېلىشىۋالغاندىن كېيىن ئاشخانىنى تەۋەككۇل دەپ ئالدى، ئاشپەزلەر بۇرۇنقىدەك ئىشلەۋېرىدىغان بولدى. بۇرادىرى شىنجاڭغا مېڭىپ بولغىچە ئۇ ئاشخانىنىڭ رەسمىيەتلىرىنى ئۆتەپ، ئىچىنى ئازراقلا بېزەپ، شۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارغا ئازراق نەزىر بېرىپ، ئاشخانىسىنى ئېچىۋالدى، ئەر-خوتۇن سەھەر تۇرۇپ كەچ يېتىپ ئىشلەپ، بىر ئايدىن كېيىن ئاشخانىسىنى ئوبدانلا ماڭدۇرۇۋالدى.
ياسىن ھەر كۈنى كەچتە خوتۇنى بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ كۈندىلىك ھېساباتىنى قىلىپ، تاپقان پايدىسىدىن رازى بولۇپ خۇداغا شۈكرى قىلاتتى، ھاردۇقى چىقىپ قالغاندەك بولاتتى. ئۇلار ئوغلىنى ئۇخلىتىپ قويۇپ، بىر-بىرىنىڭ ھاجىتىدىن چىقىشقاندىن كېيىن ئەتىدىكى ئىشلار ھەققىدە پاراڭلىشىپ ئۇخلاپ قالاتتى. بىر كۈنلۈك جاپادىن كېيىن كېلىدىغان كېچىلىك راھەت ئۇلارنى بەخت تۇيغۇسىغا چۆمدۈرەتتى. ياسىن خوتۇنى ئۇخلاپ قالغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ياشلىق باھارى جىلۋىلىنىپ تۇرغان چىرايىغا، پەستىكى گىلەمدە ئۇخلاۋاتقان ئوماق ئوغلىغا قاراپ، " بۇ جىگەر پارىلىرىمگە كۆز تەگىمىگەي" دەپ خۇدادىن تىلەيتتى؛ ئوغلى تېپىپ ئېچىۋەتكەن يوتقاننى ئۈستىگە يېپىپ قوياتتى، خوتۇنىنىڭ يېنىغا كىرىپ ياتقاندىن كېيىن ئۇنى چىڭ قۇچاقلاپ، ھىدىنى پۇراپ ئىختىيارسىز سۆيۈپ كېتەتتى.
بىر كۈنى كەچتە ئۇلار بالىسىنى ئۇخلىتىپ قويۇپ، ئىشلىرىنى تۈگەتكەندىن كېيىن ئىناق سۆھبەتلىرىنى باشلىدى.
__ بۇ گۇي ئەجەپ تېز يوغىناپ كەتتى، يەسلىگە بېرىدىغان ئىش ئىدى،_دېدى ياسىن پەستە ياتقان ئوغلىغا زوقلىنىپ قاراپ قويۇپ.
__ يەسلىگە ئالارمۇ؟ نوپۇسى يوق دەپ تۇرۇۋالامىكىن دەيمەن.
__ جاجىسى پۇل، بۇ گۇيلار پۇلنىلا تونۇيدۇ.
__ جىقراق پۇل كەتسىمۇ مەيلى ئىدى، ئوقۇۋالسا...
__ ئەسلىدە بېيجىڭدا ئوقۇتالىغان بولساق ئوبدان بولاتتى، بۇ يەردە نېمە ئوقار دەيمەن..._ دېدى ياسىن كۆڭۈلسىز ھالدا.
__ ئوخشاش ئوقۇيدىغاندۇ، خەت تونۇۋالسا بولدى.
__ خەتنىغۇ تونۇيدۇ، مەن ئۇنى ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى ئوقۇتاي دېگەن.
__ بېيجىڭدا تۇرالمىدۇق، بولمىسا...
__ بۇ يەردە بىر نەچچە يىل ئوقەت قىلىپ پۇل تېپىۋالغاندىن كېيىن بېيجىڭغا ھامان بارىمىز، بالىنى ئوقۇتىمىز.
__ بولارمۇ سىزنىڭچە، چوڭ شەھەردە ياشىساققۇ ياخشى، لېكىن ئادەم پەقەت خاتىرجەم بولالمايدىكەن.
__ بۇ يەرنى تىنچ دەمسەن، نەگىلا بارساق بىزگە خاتىرجەملىك يوق. بىرلا ئامال پۇل تېپىش، پۇللا تاپساق خاتىرجەم بولىمىز، بالىنى ئوقۇتالايمىز،__ دېدى ياسىن ئاندىن ياستۇققا يۆلىنىپ تاماكىسىنى ئىزدەشكە باشلىدى.
__ بىرەر قېتىم بولسىمۇ چەكمەي ئۇخلىمايسىز __ دېدى خوتۇنى ئۇھ تارتىپ،__ ماڭىغۇ مەيلى، بالىغا زىيان قىلامدىكىن دەيمەن..
__ مۇشۇ بىرنىلا چېكىپ چەكمەي...
__ ئۇ شۇنچە خۇمارى كۈچلۈك نەرسىمىدۇ دەيمەن، بەزىدە ئويلاپ قالىمەن، مېنىمۇ شۇ تاماكىدەك دائىم سېغىنىپ تۇرسىڭىز... مېنىڭ خۇمارىم ئۇنىڭغا يەتمەمدۇ يا!
ياسىن خوتۇنىنىڭ چىرايلىق دومسىيىشلىرىغا قاراپ كۈلۈپ كەتتى:
__ ئىككىسى ئوخشىمايدۇ، ئاچچىقسۇ بىلەن لازا ئوخشامدۇ؟
__ مۇشۇ تاماكا ئاخىرى بېرىپ ئاق تاماكىغا ئايلىنىپ قالامدىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن...
__ نەچچە دېدىم ساڭا، مېنى ئۇنداق نىجىسقا يېقىن كېلىدۇ دەپ ئويلىما، يېنىمدا خوتۇن-بالاملا بولسا ماڭا جاھاندا ئۇنىڭدىن ئارتۇق نەرسە يوق.
__ ئەمدى دەيمەن، شۇ نەرسىگە ئۆگىنىپ قالغان ئادەم ھەممىدىن كېچىپ كېتىمىش، ھەتتا ئۆزىنىڭ جېنىدىن...
__ خۇدا ساقلىسۇن، مۇشۇ كەمگىچە پاكىز ياشاپ كەلدۇق. مەن ئىش كۆرمىگەن ئادەم ئەمەس، ئاشۇ گۇيلارنىڭ قانداق ئۆلگەنلىكىنى جىق كۆرۈپ كەتتىم، ئويلىسام قورقىمەن.
__ ئاشۇنداق قورقۇپ تۇرۇڭ، بولمىسا قىزىقىپ كېتىسىز...__ دېدى خوتۇنى ئۇنىڭغا چىرمىشىپ__ سىزدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن بەك قورقىمەن...
ياسىن خوتۇنىنى باغرىغا بېسىپ:
__ ئەنسىرىمە، جاھاندا سەندىنمۇ ئېسىل نەرسە بار دېسە مەن ھەرگىز ئىشەنمەيمەن، سەندىن ئايرىلغان كۈنى مەنمۇ بۇ دۇنيادا يوق...-دېدى.
خوتۇنى كۆزلىرىنى يۇمۇپ، ياسىننىڭ تۈكلۈك مەيدىسىگە بېشىنى قويدى، ئەتە نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بىر كۈن بولسىمۇ ئېرىنىڭ قوينىدا ياتسا بەخت دېگەن شۇ ئەمەسمۇ.
ياسىن بىر مۇنچە پۇل خەجلەپ بالىسىنى بىر شەخسىي يەسلىگە بەردى، كۈندە سائەت 8 گە ئۈلگۈرۈپ بالىسىنى توكلۇق موتوغا مىندۈرۈپ يەسلىگە ئاپىراتتى، ئاندىن تونۇش خۇيزۇ قاسساپتىن گۆش ئېلىپ قايتاتتى، كېيىنچە تىجارەت ياخشىلانغانچە گۆشلەر يېتىشمەي قالدى؛ خۇيزۇ قاسساپمۇ بېيىغاندىن كېيىن ماشىنا ئېلىپ، بىر نەچچە قوينىڭ گۆشىنى ئۆزى ئەكىلىپ بېرىدىغان بولدى.
ياسىننىڭ بۇ كىچىككىنە ئاشخانىسىنىڭ سودىسى ئاساسەن كاۋاب بىلەن كۆتۈرۈلۈپ كەتتى، ياز كىرىشى بىلەن بۇ يەردىكى خەقلەر قىززىق كاۋاب يەپ، مۇزدەك پىۋا ئىچەتتى؛ بۆرەك كاۋابنىڭ باھاسىنى ياسىن بىر نەچچە كوي ئۆستۈرۈۋەتكەن بولسىمۇ، ھېچكىم غىڭ قىلماي تىلىنى تامشىتىپ يەۋەردى.
بۇ ئاشخانىنىڭ ئالدىدىكى ساتراشخانىلارنىڭ بىرىدە ئىشلەيدىغان بىر سەتەڭ كۈندە كەچتە دېگۈدەك بۆرەك كاۋاب يەپ پىۋا ئىچەتتى، يالغۇ كېلىپ يالغۇز كېتەتتى؛ ئۇ ئىچىپ تەڭشىلىپ قالغاندا بىر نەچچە قېتىم ياسىنغا سۈركىلىپ "بۆرىكىڭنى ئۆستۈرۈۋاپسەن، مېنى يېمسىۇن دەمسەن، باھاسىنى ماڭىلا چۈشۈرۈپ بەر" دەپ غىلجىڭلاپ تۇرۇۋالدى. ياسىن ئۇنى ئۇدۇل قوشنا ھېسابلاپ ماقۇل دېدى. سەتەڭ ناھايىتى خوش بولۇپ: " لاۋ داگې، نى تەي شۈەي لا" (ئاكا، سەن قالتىس جۇمۇ) دەپ ئەركىلەپ قويدى.
ياسىن پۇل تاپقانچە ئۆزىنى راستىنلا لاۋبەن بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلدى، ئۆيىدە خوتۇنى، ئاشخانىدا بولسا ئىشلەمچىلەر ئۇنىڭ ئاغزىغا قارايتتى، خوجايىنلىق ھۇزۇرىنى قايسى ئەر ياخشى كۆرمىسۇن؟! ئەمما غوجامنىڭ غوجاكىسى بار دېگەندەك، بىر كۈنى ناھايىتى بەستلىك، ئۇچىسىغا ئاق رەڭلىك كاستۇم بۇرۇلكا، كۆزىگە قارا جەمئىيەتنىڭ كاتىۋېىشىدەك كۆزەينەك تاقىغان بىرسى ئاق چېكىدىغاندەك كۆرۈنىدىغان ئىككى ئەرۋاھنى باشلاپ ئۇنىڭ ئاشخانىسىغا كىرىپ كەلدى. ياسىن ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ كۆرۈشتى. "قارا كۆزەينەك" ئاشخانىنىڭ تۆت تېمىغا بىر قۇر قاراپ چىققاندىن كېيىن دېرىزە تەرەپتىكى بىر جوزىغا كېلىپ ئولتۇردى، ئاندىن كۆزەينىكىنى ئېلىۋېتىپ ياسىنغا قارىدى. ياسىن ئۇنى بىر يەردە كۆرگەندەكمۇ قىلمايتتى. بۇ چەت يەردە بۇنداق ئۇيغۇرنى ئۇچرىتىپ قالارمەن دەپ ئەسلا ئويلىمىغانىدى. ئۇنىڭ نېمە غەرەزدە كەلگەنلىكىنى بىلەلمەي، ئاللىقانداق خىياللارنى سۈرۈپ تۇرۇپ قالدى.
__ بۇ ئاشخانىنى ئوبدان ئېچىۋاپسەن، مۇبارەك بولسۇن...__ دېدى "قارا كۆزەينەك" غاراڭ-غۇرۇڭ ئاۋازدا،__ نەزىرگە بىزنى چاقىرماپسەن، بولمىسا بۇ يەردىن ئانچە يىراق ئەمەستۇق.
__ ھە ئۇقماي قاپتۇق،__ دېدى ياسىن ئۇنىڭ ئالدىغا چاي قۇيغاچ،__ نەزىر دېگۈدەك چوڭ نەزىرمۇ قىلمىغان، ئەتراپتىكى ئۇيغۇلارلا كەلگەن... ئۇ چاغدا يېڭى كەلگەندىكىن جىق ئادەمنى بىلمەيتتۇق، ئۇققان بولساق ئەلۋەتتە چاقىراتتۇق.
__ چاقىرمىساڭمۇ ئۆزىمىز كەلدۇق، چۈپەيلىك قىلماي ياخشى كۈت، سەن بىزنى توخۇ ئۆلتۈرۈپ مېھمان قىلساڭ، بىز سېنى قوي سويۇپ مېھمان قىلىمىز.
__ ئەلۋەتتە، سىلەردەك مېھمانلارنىڭ خىزمىتىدە بولمىساق بولماس.
"قارا كۆزەينەك" يېنىدىكى ئاۋاققا بۇيرۇق قىلدى:
__ مېنى بۇ ئىنىمىزگە تونۇشتۇرۇپ قوي!
__ ھە بۇ ئاكىمىز غېنى شاڭجاڭ بولىدۇ، مۇشۇ يەرنىڭ لاۋداسى...
ياسىن "لاۋدا" دېگەن گەپنى ئاڭلاپ ئەرۋاھى ئۇچتى، غېنى شاڭجاڭغا قايتىدىن نەزەر سالدى، بىر قارىسا ئۇ راستىنلا شۇنداق كۆرۈنەتتى، بىر قارىسا شۇنداق بولۇۋالغان پور كۆتەكتەك قىلاتتى. ياسىن ئۇنىڭ نامىنى ئاڭلىغان بىلەن لاۋدالىقىنى ئاڭلاپ باقمىغانىدى ھەم بۇ يەردە ئۇنداق بىر ئادەم بولىدۇ دەپ ئويلاپ باقمىغانىدى.
ياسىن ھەر قانچە قىلسىمۇ چىرايىغا خۇشامەت كۈلكىسى يۈگۈرتەلمەي:
__ غېنىكامنى نەچچە ۋاقىتتىن ئۇقماي يۈرۈپتۇق-دە! __ دەپ قويدى.
__ بۇ يەردە "ئەي شاڭجاڭ" دېسە بىلمەيدىغان ئادەم يوق، ساقچىلارمۇ ياخشى تونۇيدۇ...__ دېدى يەنە بىر ئاۋاق،__ سېنىڭ بىلمىگىنىڭ قىززىق!
__ ئۆزىنىڭ ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەن گەپ، توغرا چۈشىنىمىز،__ دېدى غېنى شاڭجاڭ،__ ئاڭلاپ تۇردۇق، سوداڭ ياخشىكەن ، بالاڭنى يەسلىگە بېرىپسسەن، بۇ يەردە ھېچكىم تېخى ئۇنداق قىلىپ باقمىغان.
__ شۇ بالىنى بىر ئوقۇتۇپ قويىلى دەپ قالدۇق، ئۆيدە قويساق بوسۇققا چىچىپ ئولتۇرىدىكەن، بىر ئادەم مەخسۇس قارىمىسا بولمايدىكەن...
بۇ گەپلەر قۇلىقىغا كىرمىگەن ياسىن شاڭجاڭ:
__ ئاشخاناڭدا چىرايلىق تومۇچۇقلار يوقمۇ؟ مۇنەك تازلارنىڭ ھەممىسىنى ھوشۇقتەك يىغىۋالدىڭمۇ نېمە؟__ دېدى خىرىلداپ كۈلۈپ، ئىككى ئاۋاق ئۇنىڭغا ئەگىشىپ قەستەن كۈلۈشتى.
__ بۇ يەر پۇت يۇيىدىغان ساتراشخانا بولمىغاندىكىن ئەكىرمىدۇق.
__ بۇ گېپىڭ بولمىدى، سەن سودا قىلىشنى بىلمەيدىكەنسەن _ دېدى ياسىن شاڭجاڭ قولىنى سىلكىپ،__ بۇ يەرگە تاماق يېگىلى كىرگەنلەر قارنى ئاچ قېلىپلا كىرمەيدۇ، شىنجاڭلىق قىزلارنى كۆرگىلى كىرىدۇ، كۈتكۈچىلىرىڭ چىرايلىق بولسا خېرىدارىڭمۇ كۆپ بولىدۇ. ئەگەر مۇشۇ سەت تازلىرىڭنى گۇندىپايدەك قارىتىپ قويساڭ، ئەتە-ئۆگۈن ئاشخاناڭغا ھېچكىم كىرمەيدۇ، كىرگەن خەقمۇ يېگەن تامىقىنى ياندۇرۇۋېتىپ چىقىپ كېتىدۇ...
يەنە سەت كۈلۈشمەك بولدى، ياسىننىڭ ئاچچىقى كەلدى، ئەمما چاندۇرمىدى. ئالدىراپ كەتسە بولمايتتى، كۇلىغا چىققان ھولولۇپلار ئۆپكىسى يوقلۇقىدىن زىيان تارتىپلا كېلىۋاتاتتى، ھەممىگە سەۋر-تاقەت، چىدام-غەيرەت كېرەك ئىدى.
شۇ ئەسنادا ياسىننىڭ خوتۇنى ئاشخانىغا كىرىپ يېڭىدىن بىكار بولغان جوزىلاردىكى قاچا-قۇچىلارنى يىغىشتۇرۇپ، ئىچكىرىكى ئۆيگە ماڭدى.
كۈلكىسى بېسىقمىغان غېنى شاڭجاڭ ئۇنىڭغا قاراپ قېتىپ قالدى.
__ پەرىزاتتەك بىرسى بار ئىكەنغۇ ئەنە...
__ كىمنى دەيسىز ئاكا؟__ دېدى باشقا ياققا قاراپ خىيالىي ئولتۇرغان ئاۋاق.
__ بايا كىرىپ كەتكەن قىزچۇ؟ __ دېدى ياسىن شاڭجاڭ كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ، __ خوتۇنۇڭ ئەمەستۇ-ھە!
__ ئون يىللىق خوتۇنۇم،__ دېدى ياسىن قاپىقىنى تۈرۈپ.
غېنى شاڭجاڭ جىمىپ قالدى، گۆشنى كۆرگەن تەمەخور مۈشۈكتەك يالتىراپ كەتكەن كۆزلىرى خىرەلەشتى.
__ ھېچ ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ، ئون يىللىق چوكىنىڭ 20 ياشلىق قىزدەكلا تۇرىدىغۇ؟! يەسلىدىكى بالاڭنى مۇشۇ قىز تۇغقانما؟
ياسىن ئۆزىنى تەستە تۇتۇپ ئولتۇردى، جوزىدىكى پىۋا بوتۇلكىسىغا قاراپ-قاراپ قويدى.
غېنى شاڭجاڭ ئۇنىڭ كەيپىياتىنى پەملەپ بولدى، تۇخۇمنى چېكىپ باقىمەن دەپ چېقىپ قويسا بولمايتتى.
__ ئارتۇق ئويلاپ كەتمە ئۇكا،__ دېدى ئۇ ئاۋازىغا سالماق تۈس بېرىپ،__ چاقچاقمۇ قىلىشتۇق. سېنى كۆرمەستىلا خوتۇنۇڭنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ بولغان، ھەقىقەتەن چىرايلىقكەن. چىرايلىق بولۇش ئەيب ئەمەسقۇ-ھە؟ پەخىرلىنىش كېرەك. مەن سەندىن پەخىرلىنىمەن ئۇكا. بىزنى دېسەڭ، خوتۇن-قىزلارغا كۆز-قارنىمىز توق، ھازىرمۇ ئۈچ خوتۇنۇم بار، بىر-بىرىدىن چىرايلىق، بىرى قانۇنلۇق، ئىككىسى مەخپىي. ئاشخانامدىمۇ چىرايلىق قىزلار ئىشلەيدۇ، ھەممىسىنى مىللىيچە ياساندۇرۇپ قويدۇق، خېرىدارلار ئارىسىدا كېپىنەكتەك ئۇچۇپ يۈرۈيدۇ كاساپەتلەر، سوداممۇ شۇنىڭدىن بېرى ياخشى بولۇپ كەتتى. ياخشى كۆڭلۈم بىلەن دەۋاتىمەن، ئەگەر سەندە قىزلار كەم بولسا، مەن بېرىپ تۇراي. مېنى ئاكا دەمسەن، لاۋدا دەمسەن، چاتىقىم يوق، ئەمما ئارىلشىپ ئۆتەيلى، قانداق دېدىم؟
ياسىن بۇ گەپلەردىن ئويلىنىپ قالدى، ئاچچىقىدىن ياندى. ئەر خەقنىڭ يات خوتۇنلارغا قىزىقىشى تەبىئىي ئىش؛ ئۇ نېمىدىن ئەنسىرەيتتى؟ پۈتۈن سۈرۈك بىر ئەر تۇرۇپ خوتۇنىنى قوغدىيالمامتى؟ ئەڭ يامىنى، ئىچىدىكى دېمەيدىغان، ئىچ سىرىنى ئۇققىلى بولمايدىغان ناچار ئوغرىلار . غېنى شاڭجاڭ نەپسى يامان كۆرۈنگەن بىلەن، ئىچىدە نېمە بولسا شۇنى دەيدىكەن؛ ھەددىدىن بەك ئېشىپمۇ كەتمىدى، ئاقسالىق ياكى زوتالىق قىلمىدى. ئارىلىشىپ ئۆتىلى دېگەننىڭ يامىنى يوق. ئۆزىنى چىڭ تۇتسا ئوغرىمۇ ھېچنېمە قىلالمايدۇ، قورغاننى چىڭ ساقلىسا دۈشمەن بۆسۈپ كىرەلمەيدۇ.
__ بولىدۇ، ئارىلىشىپ ئۆتەيلى، كۇلچىلىقتا يالغۇز ئۆتكىلى بولمايدۇ __ دېدى ياسىن.
__ ما گېپىڭ جايىدا، بىزمۇ ئادەملەرنىڭ ئادىمىنى تېپىپ ئارىلىشىمىز ئۇكا، كەلسە-كەلمەس گۇيلارنى يېقىن يولاتمايمىز.
جوزىغا ئارقا-ئارقىدىن سەيلەر چىقىشقا باشلىدى، ھاراقلار قۇيۇلدى، ياسىن ئاق ھاراق ئىچمەي، ئازراق پىۋا ئىچىپ ئولتۇرۇشۇپ بەردى.
ئۇلار تاغدىن – باغدىن پاراڭ سېلىشىپ بىر نەچچە سائەتنى ئۆتكۈزدى، غېنى شاڭجاڭ پات-پات جىمىپ قالاتتى، ئاخىرىدا ئۇ ئۇزاق ئولتۇرۇشقا تاقەت قىلالماي گەپنى ئۈزدى:
__ گەپنى ئەمدى توختىتايلى، ۋاقىتمۇ بىر يەرگە بېرىپتۇ، بۇ ئىنىمىزنى ھېلىمۇ كۆپ ئاۋارە قىلىپ كەتتۇق، ئەمدى ماڭايلى...
__ بىر دەم ئولتۇرۇپ ماڭساڭلارمۇ بولاتتى،__ دېدى ياسىن بىردىنلا يېنىكلەپ قالغاندەك بولۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ.
__ يەنە كېلەرمىز، ئۇنداق قىلماي ئايالىڭنى ئېلىپ بىز تەرەپكىمۇ ئۆت، ئۆيدە مېھمان قىلىمەن؛ ئۇنتۇپ قالما، بىرەر ئىش بولسا تېلېفون قىل، قىزلارنىڭ ئىشىنى ئوبدان ئويلىنىپ باق. سېنىڭ ئىشىم مېنىڭ ئىشىم، ئاكاڭدەك كۆرسەڭ بولىدۇ بىزنى...
ياسىن ماقۇللۇق بىلدۈرۈپ، ئۇلارنى ئۇزىتىپ قويدى
2
يەپ-ئىچىش، كەيپ-ساپا، جىنسىي مۇناسىۋەت... مانا بۇلار كۇلىچىلارنىڭ غايىسى. ئۇلار ئارىسىدا يەيدىغان، ئىچىدىغان، چېكىدىغان نەرسىلەر، ئېقىپ كېلىپ قالغان قىز-چوكانلار كەم بولمايدۇ. خارلىنىپ يۈرگەن بىر تاز بىر كېچىدە قىمار ئويناپ ئۇتۇۋالسا ئەتىسى لاۋبەن بولۇپ كېرىلىپ يۈرۈيدۇ، كۆزى چۈشكەن خوتۇننى يۇلۇپ ئالالايدۇ. ئەمما بۇ كۈنلىرى ئۇزاققا بارمايدۇ. ئاسان قولغا كەلگەن نەرسە ئاسان قولدىن كېتىدۇ؛ ئۇنىڭغا جاپا چېكىپ ئېرىشمىگەندىكىن ھېچكىم ئاھ ئۇرۇپ يۈرمەيدۇ. ياسىن بۇنداقلارنى جىق كۆرگەن، چۈمۈلىدەك ياشىمايدىغانلار پارازىتتەك ياشايتتى، بىر يىل جاپا چېكىپ ياشىغاندىن، بىر كۈن ئۆلگۈدەك راھەت سۈرۈپ ئۆلۈشنى ئەۋزەل كۆرىدىغان ھارامتاماقلار، جېنىنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىدىغان خىروئىنكەشلەر، توم-توم ھەميانلارنى ئوغرىلاپ بولغىچە قولىغا كويزا چۈشۈپ نەچچە يىل تۈرمىدە ياتىدىغان زىيانكەشلەر بۇ يەردىمۇ باردەك قىلاتتى.
تونۇشۇپ بىر ھەپتە ئۆتمەيلا غېنى شاڭجاڭ ياسىنغا تېلېفون قىلدى:
__ ئالدىراشمۇ ئۇكا، ھېچ كېلەيمۇ دېمەيسەن؟
__ ئىش تۈگىمەيدىكەن ئاكا، ئوقەت دېگەننى ئۆزىڭىز بىلىسىز.
__ گەپنى سوزماي، بۈگۈن چوڭ خوتۇننىڭ تۇغۇلغان كۈنى، قاتنىشىپ بېرەلەمسەن؟ خوتۇنۇڭمۇ كەلسۇن، ئاشخانىدىن چىقارمايلا قېرىتىۋەتمە ئۇنى!
ياسىن تۇرۇپ قالدى، بىللە بارسا تېخى، خوتۇنىنى يالغۇز تاشلاپ قويسا تېخى... ئاشخانىنى ئوڭچە تاشلاپ قويۇپ كەتكىلى تېخى بولمايدۇ.
__ قانداق بولار ئاكا، خوتۇن بالىغا قارىمىسا بولمايدۇ.
__ ئۇنداقتا ئۆزەڭلا كەل، سېنى ساقلايمىز. كەچ سائەت ئالتىدە.
__ ئورنىنى تازا بىلمەيتتىم.
__ ئالدىڭغا ماشىنا ئەۋەتىمەن.
ياسىن بىر چاغدا ئۆزىنى غېنى شاڭجاڭنىڭ كاتتا رېستۇرانىدا كۆردى، بازارنىڭ نەق ئاۋات يېرىدە ئېچىلغان بۇ رېستۇران ياسىننىڭ ئاشخانىسىدەك ئون ھەسسە چىقاتتى، ئىچى كۆركەم بېزەلگەنىدى. بوي بەستى تەكشى "كېپىنەك قىزلار" ھەقىقەتەن ياسىن شاڭجاڭ ماختاپ بەرگەندەك چىرايلىق بولۇپ، رېستۇرانغا باشقىچە ھۆسن قوشۇپ تۇراتتى.
__ سەل تۇرۇپ سودىنى توختىتىپ، ئولتۇرۇشىمىزنى باشلايمىز، ئاڭغىچە بىر دەم پارىڭىمىزنى قىلىۋالىلى... __ دېدى غېنى شاڭجاڭ ياسىننى جوزىغا باشلاپ،__ بىرەر تەخسە لەغمەن يەۋالامسەن يا باشقا بىر نېمىنى كۆڭلۈڭ تارتامدۇ؟
__ ياق، قورساق توق...
__ ئاشخانا ئاچقان ئادەم دائىم ئاچ قالىدۇ، تارتىنما...
__ چارەك لەغمەن بولسا بىرنى يەپ قوياي.
__ شۇنى دەيمەن، بىزنىڭ لەغمەننىمۇ تېتىپ باق، ئىچىشنى ھازىر باشلامدۇق يا ھېلى ...
__ ھازىرچە چاي ئىچكەچ تۇرمامدۇق.
__ بۇ گېپىڭ بولمىدى، بىر قۇتا پىۋا ئىچىپ قويىلى.
غېنى شاڭجاڭ ياسىنغا ناھايىتى قىزغىن ئىدى، ئۆزىنىڭ لاۋدالىقىنى بىر دەمدە ئۇنتۇپ قالغاندەك قىلاتتى.
ئىككەيلەن پىۋا ئىچىشكەچ تاماكا چېكىپ، ئەتراپنى ئىسلاشقا باشلىدى. كۈتكۈچى قىزلار ئىككى خوجايىننىڭ ئەتراپىدا پەرۋانىدەك ئايلىنىپ خىزمەت قىلاتتى.
__ رېستۇرانىڭىزنى كاتتا قىلىپ ئېچىۋاپسىز، ئۇزۇن بولدىمۇ؟
__ مېنى تېخىچە يات كۆرۈۋاتامسەن؟ "سەن"لا دېگىنە بولدى، خېنىم مىجەزلىك بىلەن خوشۇم يوق.
__ لاۋدانى ھۆرمەتلىمىسەك بولماس،_ دېدى ياسىن كۈلۈپ.
__ ھۆرمەتنى ھۆرمەت جايىدا قىلىسەن، ئەمما بۇ يەردە كۆڭۈل دېگەن نەرسە بار-دە، كۆڭۈل دېگەن نەرسە ئۈستۈن-تۆۋەنلىكنى كۆتۈرمەيدۇ. سەن مېنىڭ كۆڭلۈمگە يېقىپ قالدىڭ، شۇڭا سېنى بۇنىڭدىن كېيىن ئىنىم ۋە ئاغىنەمدەك كۆرىمەن.
__ شۇ ياخشى كۆڭلۈڭگە رەھمەت ئاكا، مەنمۇ بۇ مۇساپىرچىلىقتا سېنىڭدەك ئادەم بىلەن تونۇشۇۋالغىنىمغا خوش.
__ بىز بۇ يەرگە قانداق كېلىپ قالدۇق؟ قانداق تونۇشۇپ قالدۇق؟ قانداق بولۇپ بىر يەرگە كېلىپ ئولتۇرۇپ قالدۇق؟ ئويلىساڭ بىر تۇرۇپ ئەجەبلىنىسەن، خەق بىزنى ئەسكىلىكىدىن يۇرتىغا پاتماي چىقىپ كەتكەنلەر دەپ ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە بىز ئۇنداق ئەمەس. بىز يۇرتقا ئەمەس، ئىچىمىزگە پاتماي چىققانلار. توغرا، بىز ئىچىمىزگە سىغمىدۇق. نى نى ئارمانلىرىمىز، پىلانلىرىمىز ئىشقا ئاشمىدى. مەن بىر دادۈيجاڭ ئىدىم، شاڭجاڭ بولغۇم بار ئىدى، بولالمىدىم، ئەرزىمەس بىر ئىش ئۈچۈن دادۈيجاڭلىقتىن قالدۇرۇلدۇم. خەقلەر مېنى كۆزىگە ئىلمىدى. ئاددىي دېھقان بولۇپ ئۆتىۋېرىشكە چىدىمىدىم. كالىنى توخۇنىڭ كاتىكىگە سولاپ قويغىلى بولامدۇ دەيسەن؟ شۇنىڭ بىلەن تەۋەككۇل دەپ كۇلىغا چىقتىم، سۆزلىسەم گەپ تولا، بېيجىڭ، شاڭخەيلەردە نەچچە يىل ئىتنىڭ كۈنىنى كۆردۈم، ئەمما نىيىتىمدىن يانمىدىم. پۇل ئۈچۈن قىلمىغان ئىشىم قالمىدى. بېيجىڭدا بىر مەزگىل تاشچىلىق قىلدىم، تاشنىڭ سودىسى ياخشى كېتىپ باراتتى، پوققا چىۋىن ئولاشقاندەك ھەممىسى ئولاشتى، راست-يالغان ئارىلىشىپ كەتتى. ئىشتىن چاتاق چىققىلى قوپتى. كاللامنى ئىشلىتىپ، ئىسسىقىدا بۇ يەرگە كېلىۋالدىم. بۇرۇن بۇ يەرگە بىر ئىش بىلەن بىر قېتىم كەلگەن، ئۆزەمگىمۇ يېقىپ قالغانىدى، دېگەندەك، كېلىپلا ئۇزۇن ئۆتمەي ئايىغىم يارىشىپ قالدى. پەملەپ باقسام، ئادەم دېگەن ئەخمەق بولىدىكەن، چوڭ شەھەرگە ئىنتىلىدىكەن، بېرىۋالسا كاداڭ خوتۇنغا چاپلاشقاندەك مەھكەم چاپلىشىپ ئۆلە-تىرىلىشىگە قارىماي ئىشلەيدىكەن، نەدە تۇرۇپ، نەدە يېتىشى بىلەن كارى يوق، قارنى ئاچ قالمىسىلا ياشاۋېرىدىكەن، تېخى پالانى شەھەردىمەن دەپ ئۆز كۆڭلىنى خوش قىلىدىكەن. ئەمەلىيەتتە چوڭ شەھەردە قىلالمىغان ئىشنى مۇشۇنداق كىچىك شەھەردە مىليونېردەك قىلغىلى بولىدۇ. كىچىك شەھەرنىڭ ئادەملىرىمۇ يۇۋاش، ساددا؛ باجگىر دەمسەن، ساقچى دەمسەن، ئارتۇق گېپى يوق، ئازراقلا مېھمان قىلىپ قويساڭ رازى بولۇپ كېتىدۇ. ھەممە نېمىسى ئەرزان، ئەڭ ئاددىيسى، بېيجىڭدا بېشىڭنى يۇيۇپ گەدەن پاتىڭىڭنى تۇتۇپ قويسا 40 كوي، بۇ يەردە 40 كوي بەرسەڭ خالىغىنىڭنى قىلالايسەن. بېيجىڭغا بەك بارغىڭ كېلىپ كەتسە ناھايىتى بىر كۈنلۈك يول. بېيجىڭدا قاتناش توسۇلۇپ قالسا بىر يەرگە بېرىش ئۈچۈنمۇ بىر كۈن كېتىدۇ، ئويلاپ باق، قايسىسى ياخشى... مەن شاڭجاڭ بولالمىساممۇ ھازىرقى كۈنۈم شۇ يەردىكى شاڭجاڭ، ھاكىملارنىڭكىدىن ياخشى، يەيدىغىنىم، ئىچىدىغىنىم، ئوينايدىغىنىم تۇرۇپتۇ، ھۇزۇر-ھالاۋەتنىڭ كۆپلۈكىدىن شۇنىڭغا بەزىدە يېتىشىپ بولغىلىمۇ بولمايدۇ تېخى...
__ كاللاڭ راستىنلا ئىشلەيدىكەن ئاكا، شاڭجاڭ دېگەن لەقىمىڭنى شۇڭا قويۇۋاپتىكەنسەن دېگىنە...
__ ھەي... ئارقامدا يۈرۈيدىغان مۇشۇ خوشامەتچى گۇيلار بولمامدۇ. بۇرۇنقى ئىشلىرىمنى دەپ بەرسەم شۇ لەقەمنى قويۇۋېلىشتى. مەنمۇ بوپتۇ دېدىم، شاڭجاڭ دېسە خەنزۇلارمۇ ئېسىدە ئاسان تۇتۇۋالىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ لەقەم ئاقچى، كۆكچى، شاپاقچى دېگەن لەقەملەردىن ياخشى، ئۆزەمگىمۇ يارىشىدۇ، شاڭجاڭلارغا ئوخشىمامدىمەن يا؟
__ ئوخشايسەن ئاكا، مەنمۇ دەسلەپتە كۆرگەندە بۇ ئادەم ھەرگىز تاڭجاڭ ئەمەس، شاڭجاڭ دەپ ئويلىغان.
غېنى شاڭجاڭ قاقاخلاپ كۈلۈپ كەتتى:
__ كەلدى ما گەپ ھە...
__ ئاكا، بىر گەپنى دېسەم كۆڭلۈڭگە كېلەرمۇ؟
__ نېمە گەپ؟
__ ھېلىقى كۈنى ساڭا ئەگىشىپ كەلگەن ئاقسالار خىرئىن چېكەمدۇ؟
__ قاراپلا بىلمىدىڭمۇ؟
__ بىلدىم، شۇنداقتىمۇ سوراپ باقتىم.
__ ئەمدى سەن نېمە دېمەكچى؟ مېنى ھاكچىلىق قىلىدۇ دەپ ئويلاپ قالدىڭما؟
__ ياق، ئۇنداق دېگىنىم ئەمەس...
ئارىنى بىر خىل ئوڭايسىزلىق قاپلىدى.
__ ئىچىڭدىكى يوشۇرماي دەۋەر ئۇكا، ئارىمىزدا يوشۇرغىدەك ھېچ گەپ يوق.
__ شۇ بىر ئاز ئەنسىرەپ قالغانتىم.
__ شۇڭا مەندىن ئۆزەڭنى تارتىۋالغان يېرىڭمۇ ئۇ؟
__ بۇرۇن شۇنداقلار بىلەن ئارىلىشىپ جاق تويۇپ كەتكەنمەن دېگىنە ئاكا، كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلسام، سېنىڭمۇ ئۇ قاتاردىن بولۇپ قېلىشىڭنى خالىمايمەن.
__ سېنىڭچە مەن شۇنچىلىك دۆتمۇ؟ شۇنچە چىرايلىق خوتۇنلىرىمنى، ئاشخانامنى تاشلاپ قويۇپ، ئۆلۈم جازاسىغا ئۆزەمنى تۇتۇپ بېرەرمەنمۇ؟
ياسىن بۇنىڭغا نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي خىجىل بولۇپ كەتتى، غېنى شاڭجاڭ گېپنى داۋاملاشتۇردى:
__ جاھاندا ئەڭ دۆت، ياشاشنى ئۇقمايدىغان نېمىلەر شۇ ئىشنى قىلىدۇ. چەككەنگە مەن قارشى ئەمەس، مەن قارشى تۇرغانغا ئۇ تۈگەپ كەتمەيدۇ. چېكىپ ئۆلۈپ كەتسە تۈكۈرۈپ قويۇپ ئۆتۈپ كېتىۋېرىمەن، نامىزىغىمۇ بارمايمەن. جاننڭ راھىتىنى كۆرەي دېسەڭ، نى پەيزى ئىشلار تۇرسا، شۇنى بىلمىگەن ئادەمدىنمۇ دۆت ئادەم بولامدۇ جاھاندا؟ ئۇلارنىڭ ئېشەكچىلىكمۇ ئەقلى يوق. ئېشەكلەر جېنىدا ئۆزىگە زىيان قىلىدىغان نەرسىنى پۇراپ بېقىپ يېمەيدۇ. ئەقلى بولسا پۇل تاپسۇن، پويىزدا ماڭماي ئايروپىلاندا ماڭسۇن، پۇلىنى تۈگۈپ قويۇپ تالادا ياتماي بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىدا ياتسۇن، خوتۇنىنىڭ چىرايلىقىنى ئالسۇن، تاماقنىڭ ياخشىسىنى يەپ، كىيىمنىڭ نوچىسىنى كەيسۇن...
__ راست دەيسەن ئاكا، پۇل تاپقان بىلەن خەجلەشنى بىلمىسە بىكار-دە!
بىر دەمدىن كېيىن غېنى شاڭجاڭ رېستۇرانىنى دۈم تاقاپ، خوتۇنىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئولتۇرۇشىنى باشلىۋەتتى. ئاشپەز بالىلار ۋە "كېپىنەك قىزلار" بىر دەمدە جوزىلارنى راستلاپ، يەيدىغان، ئىچىدىغاننىڭ ھەممىنى توشۇپ "ئاغچا خېنىم"نى چۆرىدەپ قاتار ئولتۇرۇشتى، ئەمدى ئوينايدىغان ئىشلا قالغانىدى. شوخ-ناخشا مۇزىكىلار قويۇلدى، قىزلار بەس-بەستە ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، خېنىم ئاچىسىنى ئوتتۇرىغا تارتىپ چۈشۈپ، بېقىشىپ ئويناشتى، ئاشپەز بالىلارمۇ ئولتۇرالماي قالدى، ھازىر ئوينىۋالمىسا قاچان ئوينىۋالىدۇ، كىم ئۇلارنى ئاشخانىدا ئىس ۋە ماي پۇراپ يۈرۈشتىن باشقىنى بىلمەيدۇ دەيدۇ؟! ئەمما ئۇلار قىزلار بىلەن بېقىشىپ ئۇسسۇل ئوينىغان بىلەن غېنى شاڭجاڭنىڭ رۇخسىتىسىز خالىغانچە تانسا-پانسا ئوينىيالمايتتى. ئۇسسۇللار پەسكويغا چۈشكەندىن كېيىن غېنى شاڭجاڭ خوتۇنىنى تانسىغا تارتتى، ئىشنىڭ مۇقەددىمىسى مۇشۇنداق باشلىناتتى. ئاندىن غېنى شاڭجاڭ خوتۇنىنى باشقا خوتۇنلار بىلەن پاراڭغا سېلىپ قويۇپ، بېلى نازۇك كۈتكۈچى قىزلارنى بىر-بىرلەپ تارتىپ ئويناشقا باشلىدى، قىزلار ئەتلەس كۆينىكىنى سېلىۋەتكەن بولۇپ، ھەر خىل مودا كىيىملەرنى ئۆزلىرىگە ياراشتۇرۇپ كىيۋالغانىدى. غېنى شاڭجاڭ ئۆزىنى قىزلاردىن يىراقراق تارتىپ ئويناۋاتقان بولسىمۇ قورسىقى قىزلارنىڭ كىندىكىگە تېگىپ تۇراتتى، ياي شەكلىدە جىپسىلىشىپ كەتكەن بۇ ھالەت بىر قارىسا كىشىگە تولىمۇ ھەجۋى تۇيۇلاتتى. ياسىن ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈپ قويۇپ ئولتۇردى، غېنى شاڭجاڭ قىزلار بىلەن ئۆزى بىر قاتاردىن ئويناپ چىققاندىن كېيىن باشقا بالىلارنى ئۆز ئارا تانسا ئويناشقا رۇخسەت قىلدى.
__ قىزلىرىمىز بولامدىكەن؟__ دېدى غېنى شاڭجاڭ خۇش كەيىپ ھالدا كۆزلىرىنى قىسىپ،__ مەن ئاشخانامغا مودېل بولغۇدەك قىزلارنى تاللاپ ئەكەلگەن... كاساپەتلەرگە بەك ئىچىم كۆيىدۇ..
__ خام يېگۈدەك قىزلاركەن...__ دەپ قويدى ياسىنمۇ قىزىقچىلىق قىلىپ.
__ كاۋابچىدەك گەپ قىلدىڭ... ئەمەلىيەتتە ئادەم دېگەن گۆشخور ھايۋان، بەزىلەر ئاچ، بەزىلەر تويۇپ كېكىرىپ كېتىدۇ.
__ شۇڭا ئاچمۇ قالماي، كېكىرىپمۇ كەتمەي ياشىغان ياخشى.
__ بۇ ئۆزەڭنىڭ گېپى،__ دېدى غېنى شاڭجاڭ قايىل بولماي،__ ھاجىتىڭدىن ئېشىپ-تېشىپ تۇرسا زىيان قىلمايدۇ، بولۇپمۇ قىز-چوكان دېگەننىڭ خۇمارى يامان، بۇ باشقا خۇمارغا ئوخشىمايدۇ. باشقا خۇمارلار سېنى ھالاك قىلىدۇ، قىمار ئوينىساڭ ھەممە نېمەڭنى ئۇتتۇرىۋېتىسەن؛ خىروئىن چەكسەڭ ئۆلىسەن يا ئېتىلىسەن. ئەمما قىز-چوكان خۇمارى سېنى ئادەم قىلىدۇ، ھەتتا ئەقىللىق قىلىدۇ، بۇ خۇمارغا قانچە قانساڭ شۇنچە ياشىرىسەن...
__ لېكىن ئاكا، بۇ گېپىڭنى پاھىشۋازلار ئاڭلاپ قالسا سېنى كۆتۈرۈپ ئاسمانغا ئاتىدۇ جۇمۇ...__ دېدى ياسىن پەسرەك ئاۋازدا.
__ ئەمەلىيەتنى سۆزلەۋاتىمىز، مېنىڭ دېگىنىم بۇزۇقچىلىق ئەمەس، پاسكىنا گۇيلار پەملەپ ئوينىماي ئۆزىگە ئەيدىز يۇقتۇرۇۋالىدۇ. تاپقاندىكىن پاكىزراقىنى تېپىپ ئوينىسا شۇ ئىشمۇ چىقمايدۇ. مەن ئەزەلدىن پاھىشە مەينەتلەرگە يېقىن يولاپ باقمىدىم، ئويلاپ باق، ئاپتوبۇس ياخشىمۇ ياكى مەخسۇس ماشىناڭ ياخشىمۇ؟ پاھىشە دېگىنىڭ دەل ئاشۇ كوچا ئاپتوبۇسىغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭغا ھەممە ئادەم چىقىدۇ، مەرەزنىڭ ھەممىسى يۇقىدۇ... بىڭسىڭ بولسا پاكىز، چىرايلىقنى تاپ، بولمىسا كۆتۈڭنى قىس دەيمەن-دە...
__ شۇ خۇمارغا يامان ئۆگىنىۋاپسەن ئاكا، پاكىز خۇمار دېگىنە، ئۆزەڭنى يامان بەلەن ئاقلايدىكەنسەن. يەڭگىمىزمۇ ساڭا يېتىپ ئاشاتتى ئەسلىدە...
__ يەڭگەم دەپ خوتۇنۇمنى قېرى كۆرسەتمە، سەندىن كىچىك ئۇ! ئۈرۈمچىدىن چېكىپ تاللاپ ئالغانمەن، تېخى داشۆسىڭ دېگىنە.
ياسىن بۇنىڭغا ئانچە ھەيران قالمىدى، ئادەم پاخاللىشىپ، پۇل ئەتىۋارلىشىپ كەتكەن بۇ زاماندا بۇرۇن چوڭ بىلىنگەن ھەممە نەرسە ئەرزانلىشىپ كەتتى. غېنى شاڭجاڭ بۇ پۇرسەتلەردىن ياخشى پايدىلىنىۋاتقان گەپ.
غېنى شاڭجاڭنى بىر ئاشپەز بالا چاقىرىپ قالدى.
__ تارتىنماي ئويناپ ئولتۇر ئۇكا، مەن ھازىر كېلىمەن.
غېنى شاڭجاڭ مېڭىشىغا ياسىن ئۇنىڭ كەينىدىن قاراپ قالدى، سېمىزلىكىدىن بولسا كېرەك، ئۇ سەل ئالچاڭلاپ ماڭاتتى، "ئىشتىنىغا پاتماي قالغان ئوغرى" دەپ ئويلىدى ياسىن، " مۇشۇ سېمىزلىكى بىلەن خۇمارىنى ھېلىمۇ قاندۇرۇپ يۈرۈيدىكەن، كىم بىلىدۇ، "يىقىلغان چېلىشقا تويماپتۇ" دېگەندەك، شۇ ئىشنى قىلالمىغانسېرى تېخىمۇ ئويلايدىغان، ۋاز كەچمەيدىغان بولۇپ كەتتىمۇ تېخى..."
ياسىن ئۇنىڭ ئۈرۈمچىلىك، داشۆسىڭ خوتۇنىغا قايتىدىن نەزەر تاشلىدى. ئۇ يېشى كىچىك ھەم چىرايلىق بولغان بىلەن چوڭ چىراي كۆرۈنىدىغان چوكانقىز ئىدى، بەلكىم خوجايىنلىق سۈپىتى ئۇنى شۇنداق چوڭ كۆرسىتىۋەتكەندۇ... ئۇمۇ ياسىنغا نەچچە قېتىم قاراپ قويدى، كۈلۈمسىرىدى، ئەمما يېنىغا كېلىپ ۋاي دەپ كەتمىدى، "ئوينىغاچ ئولتۇرۇڭ" دېگەن گەپنىمۇ قىلمىدى.
بىر دەمدىن كېيىن غېنى شاڭجاڭ قايتىپ كېلىپ، جايىدا مىدىرلىماي ئولتۇرغان ياسىنغا كايىپ كەتتى:
__ تېخىچە ئولتۇرغان گەپما، نېمەڭگە نېمەڭ يېتىشمەي قالدى ئەمدى؟
__ ئاۋۋال بىر ئولتۇرە ئاكا، ئۆپكەڭنى بېسىپ ما ھارىقىڭنى ئىچىۋەت...__ دېدى ياسىن شىر كەيىپ ھالدا،__ مۇشۇ تانسا دېگەن نېمە بىلەن ئېقىم كېلىشمەيدۇ. مەستلىكتە قالايمىقان دەسسەپ سالىمەن.
غېنى شاڭجاڭ قىزلاردىن بىرىنى چاقىرىپ:
__ ما ئاكىڭىز سىلەرنى تانسىغا تارتىشتىن خىجىل بولىدىكەن، ئاق تانسا ئوينايمەن دەيدۇ، ئۆگىتىپ قويۇڭ.
قىز ياسىننىڭ ئالدىغا كېلىپ، تارتىنىپ كۈلۈپ تۇرۇپ تانسىغا تارتتى.
__ قىزلىرىمدىن ئەڭ چىرايلىقى ساڭا قاراپ تۇرۇپتۇ، ئەمدىغۇ قوپارسەن...__ دېدى غېنى شاڭجاڭ ھاراقنى قولىغا ئېلىپ.
ياسىن ئىلاجىسىز ئورنىدىن قوپۇپ تانسىغا چۈشتى، تانسا ئوينىمىدى، بەلكى بۇ چىرايلىق قىزغا ئېسىلىپ ئۇياق-بۇياققا ماڭدى، نەچچە قېتىم قىزنىڭ پۇتىنى دەسسىۋالدى. بەدەنلەر ئاندا- ساندا تېگىشتى، نەپەسلەر ئۆتۈشتى. كەيىپچىلىكمۇ ياكى قىزنىڭ بەدىنىدىن كېلىۋاتقان ھارارەتمۇ، ئەيتاۋۇر ياسىننىڭ ئىچى قىززىپ، يوشۇرۇن ئىستەكلىرى لاۋۇلداپ يېنىشقا باشلىدى، بۇ ئوت ئۆيىدە قالغان خوتۇنىغا كېتىپ بارامدۇ ياكى ئالدىدىكى بۇ قىزغا كېتىپ بارامدۇ، ئاڭقىرالماي قالدى.
تانسا تۈگەي دېگەندە ياسىننىڭ تېلېفونى جىرىڭلاپ كەتتى.
__ تېلېفونىڭىز بەك توۋلاپ كەتتى،__ دېدى قىز.
__ ھە... ئويناپ نەگە كەلدۇق...
__ ئويناپ توختىغان يەرگە،__ دېدى قىز ياسىننىڭ كەيىپلىكتە خۇمارلىشىپ كەتكەن كۆزىگە قاراپ كۈلۈپ.
بۇ ئوماق كۈلكە ۋە چىرايلىق جاۋاب ياسىننىڭ ئېسىدە قالدى. ئۇ تېلېفونغا قاراپ خوتۇنىدىن كەلگەنلىكىنى بىلىپ، قايتۇرۇپ ئۇردى.
__ بىر ئىش چىقمىغاندۇ خوتۇن؟
__ ئىلشات قىززىپ قالدى، دوختۇرخانىغا ئاپارمىساق بولمىغۇدەك...
__ ھوي قاچان، بايىلا ساپ-ساق تۇراتتىغۇ؟
__ سىز كېتىپلا ئۆزگىرىپ قالدىغۇ تاڭ... ئەنسىرەپ قالدىم.
__ ماقۇل، مەن ھازىر باراي.
ياسىن غېنى شاڭجاڭغا ئەھۋالنى ئېيتتى.
__ سورۇن ئەمدى قىززىۋاتقاندا بالاڭنىڭ قىززىپ كەتكىنى چاتاق بوپتۇ...
__ مېنىڭغۇ ئولتۇرغۇم بار ئىدى، كىم ئويلىغان دەيسەن ئاكا بۇ ئىشنىڭ چىقىشىنى...
__ تۈزۈك ئوينىيالماي كېتىپ قالىدىغان بولدۇڭ-دە، بوپتۇ، كېيىن يەنە پۇرسەتلەر جىققۇ، ھە راست، مەن دېگەن ئىشنى ئويلىشىپ باققىن، ئاشخاناڭغا زادى بىر قىز لازىم.
__ ھە.. مەن ئويلىشىپ ئاندىن ساڭا تېلېفون قىلاي.
ياسىن تاكسىدىن بىرنى توسۇپ ماڭدى، ئېغىرلىشىپ كەتكەن بېشىنى يۆلەنچۈككە تاشلاپ كۆزىنى يۇمدى، خوتۇن-بالىسىنى ئويلىسا كاللىسى شۇنچىلىك ئېغىر، بايىقى قىزنى ئويلىسا شۇنچىلىك يەڭگىل. ئۇ ئاشخانىسىغا بارغىچە مۈگدەپ قالغانىدى، تاكسى توختىغاندا ئىختىيارسىز چۆچۈپ ئويغانىدى. پۇلنى بېرىپ تاكسىدىن چۈشۈپ ئۆيىگە كىردى، ئوغلى بىر تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتى، خوتۇنى يوتقاندا ئۇنى ساقلاپ ياتقانىدى.
__ بالىنى ئاغرىپ قالدى دەۋاتاتتىڭ، كىيىمىڭنى كىيمەي يوتقانغا كىرىۋاپسەنغۇ...
__ دورا ئىچۈرۈپ قويغانىدىم، ياخشى بولۇپ قالدى...__ دېدى خوتۇنى ناز بىلەن كۈلۈپ.
__ ھەي سېنى، مەندىن ئەنسىرەپ تاپقان ئويۇنىڭمۇ بۇ؟!
__ شۇ.... سىز بولمىسىڭىز پەقەت ئۇخلىيالمايدىكەنمەن. مېنى ئۇخلىتىپ قويامدىكىن دەپ چاقىردىم، بولماپتىما؟
ياسىن گەپ قىماي يېشىنىپ كىرىپ ياتتى، ئاندىن خوتۇنىنىڭ تاقەتسىز شەھلا كۆزلىرىگە تىكىلىپ:
__ سەن تۇرساڭ ماڭا ئۇنداق يەردە نېمە بار-ھە... __ دېدى ۋە ھاياجاندا تىپىرلىدى، تانسا ئوينىغاندا ۋۇجۇدىدا پەيدا بولغان ئوت ئاستا-ئاستا ئۇلغايدى، كۆيۈپ-كۆيۈپ ئۆچتى؛ ئەمما نېمىشقىكىن بۇ قېتىمقى ھېسسىيات بۇرۇنقىغا ئانچە ئوخشىماي قالدى، ئايالىنىڭ ۋۇجۇدىغا بايىقى قىزنىڭ ۋۇجۇدى ئارىلىشىپ كەتكەندەك بولۇپ قالدى، بۇ نېمە ئىش؟ ئۇ خوتۇنىنىڭ چىرايىغا نەچچە قېتىم ئەندىكىپ-ئەندىكىپ قاراپ كەتتى، بىراق خوتۇنى كۆزىنى يۇمۇۋالغان بولغاچقا بۇنى بايقىيالماي قالدى.
3
ياسىن كۈنلىرى ئاشخانىسىنى ماڭدۇرۇش بىلەن ئالدىراش ئۆتەتتى، ئۇ ھەممە ئىشقا چېپىلىۋالمىغان بىلەن دائىم ھەممە ئىشنىڭ بېشىدا تۇراتتى، يوقنى تېپىپ، ماڭىدىغان يولنى مېڭىپ تۇراتتى. ئاشپەزلەرنىڭ دەردىنى تىڭشىمىسا بولمايتتى. بىر يىل ئىشلەپ بەرگەن سوگوزىچى يۇرتقا كېتىۋىدى، ئاشخانا چۆلدەرەپ قالدى. بۇ كىچىك شەھەردە دەرھال ئاشپەز تاپقىلى بولمايتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ غېنى شاڭجاڭغا تېلېفون قىلدى.
ـــ كاۋابچى دېسەڭ تولا گەپ، ھەتتا خەنزۇلارمۇ قىلالايدىغان بولۇپ كەتتى ئۇ ئىشنى. ئەمما ئاشپەز تاپماق تەس.
ـــ ئەجەپ ئەتىۋار بولۇپ كەتتى بۇ گۇيلار، ــ دېدى ياسىن جىلە بولۇپ،ــ ئاشپەز بولمىسا ئىش توختاپلا قالىدىكەن، يا خوتۇننى سەي قورۇڭلا دېگىلى بولمىغان.
ـــ ياق-ياق، خوتۇنۇڭنى جىم قوي، بىر چىرايلىق خوتۇنۇڭنى جاپاغا سېلىپ، قېرىتىپ قانداق قىلسەن، مەن بىر ئامالىنى قىلىپ ساڭا تېلېفون بېرەي.
ـــ ئاۋارە قىلدىم ئاكا، ئەمىسە چوقۇم تېلېفون قىل.
ياسىن غېنى شاڭجاڭغا دېمەيدىغان گەپلەرنى دەپ سالغاندەك بىئارام بولدى، ئەمما بېشىغا ئىش كەلگەندە نوچىلىق قىلىپ يۈرۈۋەرگىلى بولمايدۇ، ئاشخانىىسىنى ماڭدۇرۇشى، پۇل تېپىشى كېرەك. ئالدىغا ماڭمىسا كەينىگە چېكىنىدىغان گەپ.
ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن غېنى شاڭجاڭ ياسىنغا تېلېفون قىلىپ ئۇنىڭ قېشىغا بارىدىغانلىقىنى ئېيتتى ۋە ھايال ئۆتمەيلا دىقماق بىر بالىنى باشلاپ ياسىننىڭ ئاشخانىسىغا كەلدى. ياسىن ناھايىتى خۇرسەن بولۇپ، ئۇلارنى جوزىغا باشلىدى. ياسىن بىر قاراپلا ئۇ بالىنىڭ چەكمەيدىغانلىقىنى، ساغلام ھەم تېتىكلىكىنى، بويسۇندۇرۇپ كېتەلەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدى.
ـــ نەچچە كۈندىن بېرى مەنمۇ ساڭا ئوخشاش جىددىيلىشىپ قالدىم،ـــ دېدى غېنى شاڭجاڭ تاماكىسىنى تۇتاشتۇرۇپ،ـــ ئاخىرى مۇشۇ بالىنى مىڭ تەستە ئۈرۈمچىدىن چاقىرىپ كەلدىم، ئۇ يەردىكى ئىش ھەققى تۆۋەن ئىكەن، سەن جىقراق بېرەرسەن...
ـــ ئۇنىڭدا چاتاق يوق، بىز ئۇنچىلىك چۈپەي ئادەم ئەمەس،ــ دېدى ياسىن ئۇ بالىغا بىر قاراپ قويۇپ،ــــ قارىسام بولىدىغاندەك قىلىدۇ.
ـــ ھازىر ماختىسام بولمايدۇ، كېيىن بىلىپ قالىسەن، ئاشخاناڭنى ئەمدى ئادەم باسىدۇ.
ـــ دېگىنىڭ كەلسۇن ئاكا، بۇ بالىنى تونۇشتۇرۇپ قويمىدىڭ.
ـــ ھاشىم دوغىلاق،ـــ دېدى غېنى شاڭجاڭ چاقچاق قىلىۋاتقاندەك،ــ شۇنداق دېسەك بولار ھاشىمجان؟
ھاشىم دوغىلاق كۈلۈپ قويۇپ گەپ قىلمىدى.
ـــ بۇ بالا يېڭى كەلگەچكە تارتىنىپ گەپ قىلمايۋاتىدۇ.
ئەمما ياسىن ئۇنىڭ بۇ تەرىپىنى ياقتۇرماي قالدى، ” بۇ ئاداش مۆڭمۇ نېمە، يا گەپ قىلىشنى بىلمەمدۇ “ دەپ ئويلىدى.
ـــ بايا قارىسام خېلى ئوچۇق كۆرۈنۈۋاتاتتى، ئادەمنى تېشىدىن بىلمەك تەسكەن جۇمۇ، ـــ دېدى ئۇ ھاشىمغا قاراپ چاندۇرماي كۈلۈپ.
ـــ بەك شوخلىشىپ كەتسە باشقۇرالماي قالىسەن ئۇكا، يۇۋاشراق بولغىنى ياخشى.
ـــ باشقىسى مەيلى، ھۈنىرى جايىدا بولسىلا بولدى.
ـــ ئۇنىڭدىن ئەنسىرىمە، ئۆزەمگە ئېلىپ قالماي ساڭا ئەكەلدىم بۇنى...
غېنى شاڭجاڭ ئاشخانىنىڭ ئىچكىرىسىگە پات-پات قارايتتى، چىرايلىق جۇۋان ھېچ چىقاي دېمەيتتى، ياسىندىن«خوتۇنۇڭ كۆرۈنمەيدىغۇ؟» دەپ سورىيالماي، گەپنى باشقا ياققا يۆتكىدى:
ـــ ھە راست، پەقەت سورىماپتىمەن، ھېلىقى كۈنى بالاڭ قانداق بولدى؟
ـــ ھە، چوڭ ئىش يوقكەن، ساقىيىپ قالدى.
ـــ تۈزۈك ئولتۇرالماي كەتتىڭ، قانداقراق بولدى سېنىڭچە ئۇ ئولتۇرۇش؟
ـــ پەيزى بولدىغۇ، مۇساپىرچىلىقتا ئۆز يۇرتىمىزدا توي ئوينىغاندەك بولدۇق.
ـــ ئەمدى ئالدىمىزدا ئاشقىلار بايرىمى كېلىمىش، ئۇنىڭدىن كېيىن ئاياللار بايرىمى، ياشلار بايرىمى، ئانىلار بايرىمى.... مېنىڭ بۇ خوتۇنۇم قالتىس دەيمەن، ھېچقانداق بايرامنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ، ئالاھىدە كۈنلەردە ئالاھىدە سوۋغات ئالمىساڭ كېچىپ كېتىمەنلا دەيدۇ، ئادەتتىكى كۈنلەردە گۈل سوۋغا قىلىپ تۇرمىساڭ قاپىقى ئېچىلمايدۇ...
ـــ ساڭىمۇ تەسكەن دېگىنە ئاكا، مېنىڭ خوتۇنۇمنىڭ ئۇنداق بايرام بىلەن قەتئىي چاتىقى يوق.
ـــ ئوبدان خوتۇنكەن، خۇدايىم بېرىپتىكەن سەن گۇيغا، مېنىڭمۇ مۇشۇنداق خوتۇنۇم بولىدىغان بولسا، ئۈچ خوتۇن ئەمەس، بىرەر يۈز خوتۇندىن كېچىپ كېتەتتىم جۇمۇ...
غېنى شاڭجاڭ ياسىننىڭ قاپىقىنىڭ تۈرۈلۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ گېپىنى يىغىشتۇرۇۋالدى:
ـــ باشقىچە چۈشەنمەۋا گۇي، خوتۇنۇڭنى ماختاپ قويغانغا كۈنلەۋاتامسەن، كۈنلەمچىنىڭ كۆزى يامان دەپ، ئادەمگە سەت قارىما. ئەر كىشىنىڭ چىرايلىق خوتۇندىن زوقلىنىشى تەبىئىي ئىش، ھەتتا ئاپاڭ بولسىمۇ زوقلىنىسەن، قانداق دېدىم؟ چۈنكى ھەممىمىز ئايال كىشىنىڭ شۇ يېرىدىن چۈشكەن، مەمىقىنى شوراپ ئەمگەن، يالغانمۇ يا؟ ئەر كىشى دېگەن خوتۇن خەق ئالدىدا مەڭگۈ بالا، كېچىدە بېشىڭنى خوتۇنىڭنىڭ مەيدىسىگە چاپلاپ ياتمىساڭ ئۇيقۇڭ كەلمەيدىغاندۇ؟
ياسىن نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدى، دوغىلاق ھاشىم ئاغزىنى ئېچىپلا قالغانىدى.
ـــ خوتۇنىنى كۈنلىمىگەن ئەر ئەر ئەمەس، مەنمۇ گەپنى ئوچۇق قىلاي،ــ دېدى ياسىن.
ـــ مانا ئوغۇل بالا، يىگىتتەك گەپ قىلدىڭ.
ـــ لېكىن ئاكا، سەنمۇ بەزى گەپنى بەك ئاشۇرۇۋېتىدىكەنسەن.
ـــ مېنىڭ ئېغىزىم شۇنداق، ئىچىمدە گەپ ياتمايدۇ، بەزى ئىشنى ئاشكارا دېيىش كېرەك، يوشۇرۇپ نېمە قىلاتتۇق؟
ـــ مەنمۇ مۇشۇ يېرىڭنى دەيمەن-دە، لېكىن بەزىدە ئېغىزىڭدىن كېتىپ قالىسەن.
ـــ دەيدىغاننى دەۋالمىسام قىينىلىپ كېتىدىكەنمەن،ــ دېدى غېنى شاڭجاڭ چايدىن بىر ئوتلاپ،ـــ ئەلۋەتتە گەپنى چاغلاپ قىلىش كېرەك.
ياسىن دوغىلاق ھاشىمنىڭ جىمغۇرلۇقىنى ياراتمىغاچقا، غېنى شاڭجاڭنىڭ ئوچۇقلۇقىنى كۆڭلىدە ماختىدى، دوغىلاق ھاشىم بۇ گەپلەر ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتسىزدەك خىيالىي ئولتۇراتتى.
ـــ بۇ بالا پەقەتلا گەپ قىلمامدۇ نېمە؟ـــ دېدى ياسىن ئۇنىڭغا قاراپ ئىچى سىقىلىپ.
ـــ چوڭلارنىڭ گېپىگە قوشۇق سالماي دېگەندۇ، گەپ قىلسا ئېشىپ كەتتى دەيسەن، گەپ قىلمىسا مۆرىمىدى دەيسەن، ساڭا قانداق ئادەم بولسا بولاتتى؟
ـــ ئادەم دېگەنغۇ بىر قېلىپتىن چىقمايدۇ...__ دېدى ياسىن غودۇڭشىپ.
ـــ شۇ ئەمەسمۇ، ئارتۇق گەپنى قويۇپ بۇ بالىنى قولۇڭغا ئال، ئاشخاناڭنى ماڭدۇرۇۋال.
غېنى شاڭجاڭ ئۇزاپ ماڭدى، ياسىن ئۇنىڭ كەينىدىن چىقىپ، بالىنىڭ كىراسىنى بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ـــ ئا... مېنى نېمە كۆرۈۋاتىسەن ئۇكا، بەك بەرگىڭ كېلىپ كەتسە، شۇ بالىنىڭ ئىش ھەققىگە قېتىپ بەر، تونۇشۇمنىڭ ئوغلى دېگىنە، قاراپ قويارسەن.
ياسىن ئارتۇق تارتىشمىدى، خوتۇنىنى كۆرەلمەي ئارماندا كەتكەن غېنى شاڭجاڭنى ئۇزىتىپ قويۇپ، ئاشخانىغا كىردى. ھاشىم دوغىلاق ئاشخانىنىڭ ئۇدۇلىدىكى ساتراچخانىدا يوتىلىرىنى چىقىرىپ ئولتۇرغان تەتەي قىزلارغا قاراپ كۆزلىرىنى پارقىرىتىپ ئولتۇراتتى.
ـــ كۆزۈڭ تېشىلىپ كەتمىسۇن ئۇكا، بوشراق قارا، كۆزىنى قىسقاننىڭ ھەممىسىگە قاراۋەرمە..
ــــ ياقەي... نېمانداق كۆپ ساتراچخانا بۇ دەپ ھەيران قېلىۋاتىمەن.
ياسىن ئۇنىڭ دەرھال زۇۋان سۈرگىنىدىن خۇرسەن بولدى، دۇتارنىڭ زىل تارىسىدەك چىقىۋاتقان ئاۋازىغا قاراپ، ناخشىچى بولسا بولىدىغان گۇيكەن بۇ دەپ ئويلىدى.
ــــ ئۈرۈمچىدە كۆرمىگەنمۇ بۇنداق يەرلەرنى؟
ــــ كۆرگەن، لېكىن بۇنداق قاتار كەتكەن ساتراچخانىلارنى كۆرمىگەن.
ــــ يەنە نېمىنى كۆرمىگەن، ئاق يوتىلىق، سېرىق چاچلىقلارنى كۆرمىگەنمۇ؟
ــــ كۆرگەن، لېكىن بۇلار بەك ئاشكارە...
ــــ توي قىلغانمۇ؟
ـــ ياق، تېخى ئەمدى 20 گە كىردىم.
ـــ ئىش كۆرۈپ باققانمۇ؟
ھاشىم دوغىلاق جاۋاب بەرمىدى.
ـــ ئۈرۈمچىلىكتەكمۇ قىلمايسەن، بىكار ئولتۇرۇپ قالساڭ چاتاقمۇ نېمە؟ كاللاڭنى يىغىپ، ما ئاشخانىنىڭ ئىشىغا كەل، ھازىرلا كىرىپ چۇفاڭنى بىر تازىلىۋەت، ئەتە سەي چىقىرىپ سودىنى باشلىمىساق بولمايدۇ.
ھاشىم دوغىلاق ئىتائەتكارلىق بىلەن ئورنىدىن قوپتى. ئۇ بىر مۇنچە سەتەڭلەر جايلاشقان، ئورنى ياخشى مۇشۇنداق بىر ئاشخانىغا كەلگىنىدىن خۇشالدەك كۆرۈنەتتى.
بىر مۇنچە سېرىق سەتەڭلەر كۈندۈزى ھاشىم دوغىلاقنىڭ كۆز ئالدىدا، كېچىسى تەسەۋۋۇرىدا ئايان بولاتتى، ئارام بەرمەيتتى. ئارقا ھويلىدىكى ئاشپەزلەر ياتىقىدا 17 سۇڭلۇق كونا تېلىۋىزوردىن بۆلەك ئۇنى جەلپ قىلغۇدەك ھېچ نېمە يوق ئىدى، ئۇ نەچچە قېتىم بۇ ياتاقنى ئۆزگەرتىپ بېقىشنى، تامغا يالىڭاچ قىزلارنىڭ رەسىملىرىنى چاپلاشنى، ئۆز ئالدىغا ۋىدىيو ئاپپاراتى ئېلىپ سېرىق فىلملەرنى كۆرۈشنى ئويلىدى، ئەمما ميەنجاڭ بالىنىڭ ئۇنداق ئىشلار بىلەن خوشى بولمىغاچقا، ئويلىغىنىنى قىلالمىدى. تاماكا خۇمارى ئۇنىڭ ئۈچۈن پەقەت بولمىغاندا سېغىنىدىغان، ئىچ پۇشۇغىنى چىقىرىدىغان ئەڭ رەزگى خۇمار ئىدى، قازان بېشىدا ئىشلەپ چارچىغاندا ياكى خېرىدار ئۈزۈلگەندە ئۇ جوزىلارنى رەتلەپ بولۇپ، دېرىزە يېنىغا كېلىپ تاماكا چەككەچ ساتراچخانا قىزلىرىغا قارايتتى.
بىر كۈنى ئۇ شۇنداق قاراپ ئولتۇرغاندا ياسىننىڭ شۇ ساتراچخانىلاردىن بىرىدىن چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپلا قالدى، تاماكىسىنى يەرگە تاشلىۋەتتى؛ ئاندىن ئۇنى دەسسەپ ئېزىۋەتكەندىن كېيىن ئاشخانىنى تازىلاشقا چۈشتى. خوجائاكىسى ئۇ يەردە نېمە ئىشلارنى قىلىپ چىققاندۇ؟ چېچىنى ياساتقانمىدۇ؟ بەدىنىنى تۇتقۇزغانمىدۇ؟ پۇتىنى يۇغۇزغانمىدۇ؟ ياكى باشقا ئىشلارنىمۇ قىلدىمۇ؟...
ھاشىم دوغىلاق كۆڭلىدە خۇشال بولدى، ياسىننى ئەزەلدىن ئۇ يەرگە كىرمەيدۇ دەپ ئويلىغانىدى ھەم ئۇنىڭ ئۇ يەرگە كىرگەنلىكىنىمۇ كۆرمىگەنىدى. ئەر كىشى ئەمەسمۇ، خوتۇنى چىرايلىق بولغان بىلەن باشقىسىنىمۇ تېتىپ باققۇسى كېلىدىغاندۇ...
ياسىن ئاشخانىغا كىرگەندە ئۇ تېخى يەرلەرنى سۈرتۈپ بولالمىغانىدى، بېشىنى كۆتۈرۈپ خوجايىنىغا قارىدى، چېچىنى ياساتقاندەك قىلاتتى.
__ جاپا چېكىۋاتىسەن ئۇكا، چىداپ ئىشلەپ تۇرغىن،__ دېدى ياسىن ئىچكىرىكى ئۆيگە ماڭغاچ،__ يېقىندا ھامماچامنىڭ ئوغلى كېلىدۇ، سەن ئەمدى قازان بېشىغىلا مەسئۇل بولىسەن.
ھاشىم دوغىلاق بۇ خەۋەردىن خۇش بولمىدى، قازان بېشىدىلا يۈرسە تالانى كۆرەلمەيدۇ، ھامماچىسىنىڭ ئوغلى كەلسە ياتاقنى تېخىمۇ تارلاشتۇرىدۇ، ئىككى ئادەم ئارىسىدا ھاشىم تېخىمۇ قىسىلىدۇ، شىرىن خىيال سۈرەلمەيدۇ، مىجەزى كېلىشەلمىسە ھەتتا ئۇرۇش-جېدەل چىقىدۇ، لاۋبەن ئاكىسى ئۇنىڭغا يان باسىدۇ. بۇ چاغدا بۇ يەردىن كەتمەي ئىلاج يوق، سېرىق سەتەڭلەرنى كۆرەلمەيدۇ، خىيالىغا يېتەلمەي ئارماندا كېتىپ قالىدۇ...
ئۇ بېلىنى رۇسلاپ ئۆرە بولدى، توختاپ دېمىنى ئېلىپ تالاغا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن قالغان يەرلەرنى چالا-پۇچۇق سۈرتۈپ ياتىقىغا كىرىپ كەتتى.
كەچتە ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقىتلاردا خېرىدار كېلەتتى، شۇنىڭغىچە ئۇ تاماكا چەككەچ كەيپ سۈرۈپ، ئىس-تۈتەكتەك يەڭگىللەپ، بىر-ئىككى سائەت ئارام ئېلىۋالالايتتى.
بۈگۈن ياسىن ئۇنى بالدۇرراق توۋلاپ قالدى، ئۇ ئېرىنچەكلىك بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، خېمىردەك ئېزىلىپ ياتقان ميەنجاڭ بالىنى نوقۇشلاپ ئويغىتىپ قويۇپ، ھارغىن قەدەملىرىنى سۆرەپ ئاشخانىغا ماڭدى.
يېڭى كەلگەن خېرىدار ۋاقىت قارىشى يوق بىر جۇپ ئاشىق-مەشۇق ئىدى، بىر-بىرىگە قارىشىپ يۇقىرى ئاۋازدا پاراڭ سېلىپ كۈلۈشۈپلا ئولتۇراتتى. ياسىننىڭ خوتۇنى ئۇلارغا چاي قۇيۇپ تاماق تىزىملىكىنى بەردى. ئىككىسى تەڭلا بۇ چىرايلىق جۇۋانغا قاراپ گەپتىن توختاپ قېلىشتى؛ قىز بالدۇرراق ئېسىگە كېلىپ، ئوغۇل دوستىغا مەسلىھەتمۇ سالماستىن تاماق بۇيرۇتتى.
ھاشىم خان ئاچىسىنىڭ يېقىملىق ئاۋازىنى ئاڭلىدى، بۇ سادا ھەر كۈنى تەكرارلىناتتى:
__ بىر داپەنجى، لازا چاۋرۇدىن بىر، گۇڭباۋ جىدىڭدىن بىر...
ھاشىم دوغىلاق خان ئاچىسىنى ھەر بىر كۆرسە خوجايىنىغا بىر قېتىم ھەۋەسلىنەتتى. بۇنداق گۈزەل ئايال بەرىبىر ئۆزىگە تەۋە بولمىغاچقا ئۇنىڭدىن تېزلا ۋاز كېچىپ، ھامان بىر كۈنى پۇل بىلەن بولسىمۇ ئېرىشىشى مۇمكىن بولغان سېرىق چاچ قىزلارنى خىيال قىلىپ، شۇنىڭ بىلەن كۆڭلىنى ئاۋۇندۇراتتى.
ئۇ بۇ كەچتە 11 گىچە ئىشلەپ قالدى؛ چارچاپ ھالىدىن كېتەي دېگەندە ياتىقىغا كىرىپ، قەدىناس كارىۋىتىغا يانپاشلاپ، مايلىشاڭغۇ كىيىملىرىنى سىلىپ تاشلاپ، شىرىن خىيال سۈرۈپ ياتتى. چۈشىدە سېرىق سەتەڭلەرنى كۆرۈپ ئەتىسى بىر ھازا چۈشىنى ئەسلىدى.
بۇ ئەتىسى ياسىن خوتۇنىنىڭ قۇچىقىدا ئويغىنىپ، ئويلىمىغان سوئال-سوراققا دۇچ كەلدى:
__ چېچىڭىزنى ياسىتىپسىزمۇ دەيمەن، نەدە ياساتتىڭىز؟
__ ساتراچخانىدا بولمامدۇ...__ دېدى ياسىن ئۇيقۇلۇق كۆزلىرىنى ئاچالماي.
__ قايسى ساتراچخانىدا؟
__ ئالدىمىزدىكىسىدە بولمامدۇ... يەنە نەگە بېرىپ يۈرەتتىم.
__ ئۆيدە بىر قات كىرنى يۇيۇپ بولغىچە كۆزۈمدىن قېچىپسىز-دە!
__ ھەممە ئىشنى ساڭا دەپ قويۇپ قىلامتىم؟
__ ئەركىشىگە ياساتتىڭىزمۇ يا شۇ مايماقلارغا ياساتتىڭىزمۇ؟
__ بۇ يەردە ئەر ساتراچ نېمە ئىش قىلىدۇ دەيسەن، ھەممىسى خوتۇن خەقنىڭ پۇتىنى يۇيۇش بىلەن ئالدىراش تۇرسا...
__ شۇڭا مەن سوراۋاتىمەن، پەقەت ياسىتىپلا قويدىڭىزمۇ ياكى باشقا ئىشنىمۇ قىلغۇزدىڭىزمۇ؟
__ چاچنى يۇيدى، كەينىدىن ياساتتىم، نېمە بولدى ئەمدى سوراپ كەتكۈدەك؟
__ بېشىڭىزنى يۇغاندا ئەنمو قىلىپ قويغاندۇ تايىنلىق... دائىم بۆرەك يەيدىغان ھېلىقى بىر نېمىنىڭ ئالدىغا كىردىڭىزغۇ دەيمەن.
ياسىن خوتۇنىنىڭ بۇ ئىشقا بولغان سەزگۈرلۈكى ۋە نارازىلىقنى ھېس قىلىپ بىئارام بولدى. دەرۋەقە ئۇ ئاشۇ سەتەڭنىڭ ئالدىغا كىرىپ چاچلىرىنى يۇيغۇزۇپ، بېشىنى تۇتقۇزغان ھەمدە ئاللىقانداق غىدىقلىنىش ئىچىدە غېنى شاڭجاڭنىڭ " بېيجىڭدا بېشىڭدا تۇتقۇزساڭ 40 كوي، بۇ يەردە خالىغىنىڭنى قىلالايسەن" دېگەن گەپلىرىنى ئويلاپ قالغانىدى. سەتەڭ ئۇنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ، قۇلاق تۈۋىگە يېقىن كېلىپ شۇ ئىشنىڭ شەپىسىنى پۇراتقان چاغدا چۆچۈپ، تېزلا رەت قىلىۋەتكەنىدى. بۇنى خوتۇنىنى دەپ شۇنداق قىلغانىدى، بىر ھېسابتا نەپسىنى يەڭگەنىدى. بۇمۇ ياسىن ئۈچۈن ئاسان ئىش ئەمەس ئىدى. ئەمما خوتۇنى قوپۇپ ئۇنىڭغا ئىشەنمەيۋاتقاندەك گەپ قىلىۋاتاتتى.
__ ئەتىگەندە ساڭا نېمە بولدى؟__ دېدى ياسىن ئۇۋاللىققا ئۇچرىغان ئادەمدەك زارلىنىپ، __ مېنى شۇنداق پەس چاغلاپ قالدىڭما؟
__ بېشىڭىزنى تۇتقۇزغىنىڭىز راستمۇ؟
ياسىن گەپ قىلماي تۇرۇپ قالدى، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ھېچقانچە ئىش ئەمەس ئىدى.
__ گەپ قىلمىغىنىڭىزغا قارىغاندا تۇتقۇزۇپسىز-دە!
__ تۇتقۇزغانغا نېمە بولاتتى؟__ دېدى ياسىن جىلە بولۇپ،__ ئىشلەپ چارچىغاندا چاچ ياسىتىپ، باشنى تۇتقۇزۇپ قويسا كاللا ئارام تېپىپ قالىدىكەن. بۇنىڭ نېمىسى يامان؟
__ كەچتە مەن تۇتۇپ قويسام بولمامدۇ؟ چوقۇم شۇ يەرگە بېرىش كېتەمدۇ؟
__ بۇندىن كېيىن تۇتۇپ قويارسەن، بولدىمۇ ئەمدى...
__ كۆڭلۈمنى ئەجەپ يېرىم قىلدىڭىز...__ دېدى خوتۇنى چىرايلىق كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ.
__ ھوي نېمە بولدۇڭ بىر دەمدە، مانى قارا، توۋا...__ دېدى ياسىن خوتۇنىغا قاراپ ئەجەبلىنىپ،__ نېمىگە يىغلايسەن، مەن ھېچ چۈشەنمىدىمغۇ؟
__ سىز چۈشەنمەيسىز... كۆڭلۈمنى قاچان چۈشىنىپ باققان سىز...__ دېدى خوتۇنى كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ،__ بېشىڭىزنى تۇتقۇزۇشىڭىز سىز ئۈچۈن چوڭ ئىش ئەمەس، ئەمما مەن ئۈچۈن چوڭ ئىش. باش دېگەن مۇھىم نەرسە، بۈگۈنىسى بېشىڭىزنى تۇتقۇزسىڭىز ئەتىسى قوپۇپ باشقا بىر نېمىڭىزنى تۇتقۇزغىڭىز كېلىدۇ. ئاخىرى كېلىپ ئىشتىن چاتاق چىقىدۇ، مەن شۇنىڭدىن ئەنسىرەيمەن...
__ مەن سەندەك بەك ئويلاپ كەتمەپتىمەن...
__ سىز ئويلىمىغاننى مەن ئويلايمەن، خوتۇن خەق دېگەن نازۇك كېلىدۇ، بۇنى بىلمەمتىڭىز؟ ئېرىمنىڭ بېشىنى باشقا مەينەت قوللار تۇتۇپ يۈرسە كۆڭلۈم ئېلىشمامدۇ، سىز بىلەن بىر ياستۇققا قانداق باش قويىمەن؟!
__ توغرا دەيسەن، بۇنىڭدىن كېيىن دىققەت قىلاي.
ياسىن بىر دەم خوتۇنىنىڭ كۆڭلىنى ياساپ، ئۇنى خاتىرجەم قىلدى. ئەمما ئۆز خىيالىغا قايتقاندا بولسا خوتۇنىنىڭ بەك چەكلەپ قويغىنىدىن ئىچى سىقىلغاندەك بولدى. ئۇ كۈندۈزى ئاشخانىسىنى چۆرىلىپ، كېچىسى خوتۇنىغا ھەمراھ بولۇپ ياشاۋاتقان بىلەن ئاشۇ كۈنى غېنى شاڭجاڭنىڭ رېستۇرانىدا ئوينىغان تانسىنى، قىزنىڭ نازۇك بېلىنى، ئوماق كۈلكىسىنى ئۇنتۇپ قالغىنى يوق. خوتۇنىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ساتراچخانىدىكى قىلمىشىدىن سەسكىنگەندەك قىلغان بىلەن، ئاشۇ سەتەڭنىڭ بېشىدىن قاس چىقىرىۋەتكەن راھەتلىك قوللىرىنى، قۇلاق تۈۋىگە كېلىپ شەيتاندەك شىۋىرلاشلىرىنى ئېسىدىن چىقىرىۋەتكىنى يوق... خوتۇنىغا ۋاپادار، ئالىيجاناپ كۆرۈنگەن بىلەن، بۇنىڭغا ماس كەلمەيدىغان گۇناھلىق ئىشلارنى سېغىنىپ يۈرگىنىدىن ئەنسىرىگىنى يوق... ئۇنچىلىك ئىشلار ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا خوتۇنىغا خىيانەت ھېسابلانمايدۇ، ئوقەتچىلەر ئىچىدە ئۇنىڭدەك پاكىز، ياخشى ئەر نەدە؟! مەست بولغۇدەك ئىچمەيدۇ، ئۆلگۈدەك چەكمەيدۇ، قىمار ئوينىمايدۇ، پاھىشۋازلىق قىلمايدۇ، ئەخمەت شاڭجاڭنىڭ ئۈچ خوتۇنى بار، تېخى خوتۇنىنى قارىتىپ قويۇپ بارلىق كېپىنەك قىزلىرى بىلەن تانسا ئوينىيالايدۇ. خوتۇنى ئەمدى يەنە نېمىدىن رازى بولمايدۇ؟... بۇلارنى ئويلاپ ئۇنىڭ قارنى سەل كۆپتى. ئەمما ئارزۇلاپ ئالغان خوتۇنىنىڭ گۈزەللىكى ۋە جان كۆيەرلىكى ئالدىدا ئۇنى ئەيبلەشكە ھېچ باھانە تاپالماي قالدى. پەستە ياتقان ئوغلىغا قاراپ يۈرىكى ئاغدى، بالىسىنىڭ ۋۇجۇدىدىكى پاكلىق، سەبىيىلىك ئۇنىڭ كاللىسىغا شۇئان تەسىر قىلدى.
ئەتىگەندە ئۇ خوتۇنىنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىپ قويسا بىر كۈن كەچكىچە كۆڭۈلسىز ئۆتىدىغانلىقىنى بىلەتتى. شۇڭا ئېزىلىپ ئولتۇرماي خوتۇنىغا ناشتىلىق تەييارلىشىپ بەردى، چاقچاق قىلىپ كۆڭلىنى ئالدى، بىر ئوبدان ناشتا قىلغاندىن كېيىن، ئوغلىنى موتوغا مىندۈرۈپ، يەسلىگە ئېلىپ كەتتى.
داۋامى ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ ھە[ بۇ يازما تارىم تەرپىدىن 2010-07-01 04:24 PM دە قاي ]