ئالدى تەرەپتىن ئىنتايىن پوكىس كىيىنگەن بىر سەتەڭ قىز كېلىۋاتاتتى.ئۇنىڭغا قارىماسلىققا ئامالىم يوق .گۈزەل چىراي ئەۋرىشىم بەدەن.ئۇنىڭ شۇ چىرايلىق كىيىملىرىمۇ ئۇنىڭغا ئۆزگىچە ھۆسۈن قوشۇپ تۇراتتى.بۇنداق قىزلار ئىسقارتقانغا ۋاقىرغانغا بىزگە قاراپ قوياتتىمۇ !ئۇ يىنىمدىن يۈرىكىمگە بىر ئوت سېلىپ ئۆتۈپ كەتتى.ئۇ يىنىمدىن ئۆتۈپ كەتسىمۇ مەن ئۇنىڭ كەينىدىن قاراپ تۇرىۋەردىم.ئەڭ بولمىغاندا ئۇنى خىيال ئېكرانىمغا چوڭقۇر ئورنېتىۋېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا كۆز ئۈزمەي قاراپ تۇردۇم.ئۇ ئۇدۇل ماڭمىدى.ئۇ نېمە قىلىدىغاندۇ؟ئۇ بىر بېسىپ ئىككى بېسىپ بىر تۇرۇبۇنىڭ يىنىغا كەلدى.ئو !ما قىز تۇرۇبۇدىن سۇ ئېچەي دەپتىدە قانداق ئىچىدىغاندۇ ئاغزىنى تۇرۇبىغا ئەكىلىپمۇ ياكى قولىغا ئېلىپمۇ ؟مەن يەنە داۋاملىق ئۇنى كۈزىتىپ تۇردۇم.تۇرۇبۇدىن سۇ تامچىپ ئېقىپ تۇراتتى.ئۇ بوينىغا چىگىۋالغان سۆسۈن رەڭلىك ياغلىقىنى ئالدى دە ئۇنىڭ تۇرۇبۇنىڭ ئاغزىنى چىگىپ قويدى.سۇ تامچىلاشتىن توختىدى.ئۇ مەمنۇن ھالدا كۈلۈمسىرىگىنىچە ئېگىز پاشنىلىق ئايىقىنى تاقىلدىتىپ كېتىپ قالدى.مەن تۇرغا يەرىمدە قوزۇقتەك تۇرۇپ قالدىم.كۆزۈم ئۇنىڭ سۆسۈن رەڭلىك ياغلىقىدا ئىدى.بىردىنلا ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمەت تۇيغۇم كۈچۈيىپ ئۇنى مۇنداقلا كەتكۈزۋەتكىم كەلمىدى.مەن ئۇنىڭ كەينىدىن يۈگۈردۈم .ئۇنىڭغا بېرىپ نېمە دەيمەن ،بۇنىسى ماڭا قاراڭغۇ.لېكىن ئۇنىڭ شۇ ھەركىتى مېنىڭ دىلىمنى ۋاللىدە يورۇتىۋەتتى.................