تېمىڭىزغا بۇ ياڭاق شاھىنىڭ ئورنى، ئېرىشكەن شان- شەرەپلىرى ھەمدە ئۇ ھەققىدىكى رىۋايەتلەرنى قوشۇپ يوللىغان بولسىڭىز، تېمىڭىز تولىمۇ مۇكەممەل تېما بولغان بولاتتى، < دۇنيادا بىرلا خوتەن بار > دېگەن كىتابتا بۇ توغۇرلۇق ماتىرياللار بار.خوتەن ياڭاق پادىشاھىغا دۆلەت مىڭ ياشقا كىرگەن ياڭاق پادىشاھى دەپ نام بەرگەن ئىكەن. ھازىر ئۇ ياڭاق دەرىخىنى <خوتەندە 4 مىڭ> دېگەن نامنىڭ بىرىدە قوللىنىدۇ، قاراقاش ناھىيسىدىكى مىڭ يىللىق چىنار پادىشاھى، خوتەن ناھىيسدىكى مىڭ يىللىق ئەنجۈر پادىشاھى، ياڭاق پادىشاھى، 2000 يىللىق ئۈزۈم پادىشاھى. يەنە مىڭ يىللىق توغراقلار خوتەن ۋە تەكلىماكان بويىدىكى باشقا يەرلەردىمۇ بار.