ئەخلاق كېرىزىسى 21-ئەسىردە بىز يولىقىدىغان ئەڭ ئېغىر پاجىئەلەرنىڭ بىرى ھېساپلىنىدۇ .ئۇنى ۋاقتىدا تۇنۇش ۋە ئۇستەل يۈزىگە ئەپچىقىپ بەس مۇنازىرە قىلىش ،ئۇنىڭ يەنىمۇ يامانلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ھەر بىر ئاتا-ئانىنىڭ ،ئوقۇتقۇچىنىڭ،جەمىيەت ئەربابىنىڭ شۇنداقلا يۈزمىڭلىغان «مەن»لەرنىڭ باش تارتىپ بولماس بۇرچى.يۇقۇرىدا بىر تورداش ياخشى ئىيتىپتۇ .ئەخلاقسىزلىق ئۇ بىر دۇنياۋى ھادىسە،ئۇ ھەممىلا مىللەتتە بار ئىللەت.ھەر بىر مىللەتنىڭ ئۇنىڭ يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇل تەدبىرلىرى ئوخشاشمايدۇ . ئۇزاق تارىخلاردىن بۇيان ھەربىر مىللەت توپى ئاشۇ ئەخلاق دۇردانىلىرىنى قامۇس قىلىپ يېزىپ ،ئەۋلاتمۇ -ئەۋلات يەتكۈزۈپ كەلگەن. بىزنىڭمۇ ئەجداتلىرىمىز «قۇتاتقۇ بىلىگ»كە ئوخشاش قومۇسلارنى يېزىپ ئەۋلاتلارنىڭ ئەخلاق كېرىزىسىنىڭ يامانلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان.ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ،ئاشۇ ئېسىل دۇردانىلەر ئەۋلاتلارنىڭ ئۆگىنىش قورالى قىلىنماي،ھەر كىم ئۆزى توغرا دەپ بىلگەن ئەخلاق قاراشلىرىنى ئەۋلاتلىرىغا يەتكۈزۋاتىدۇ.(ھاراقكەشمۇ ئۆيىگە مەس كېلىپ خوتۇن بالىسىغا ئەخلاق سۆزلەيدۇ )ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاق دەرىسى سۆزلىگەندە ،مىللەتنىڭ خاس مىللىي پىسىخىك ئالاھىدىلىگىدىن چىقىش قىلماي ،ئومۇمىي ئەخلاق قايئىدىلىرىنى كۆپرەك سۆزلىگەچكە ،ئۇنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلمەۇۋاتىدۇ.مېنىڭچە،ئەخلاق دەل مەدەنىيلىكنىڭ بەلگىسى بولۇش سۈپۈتى بىلەن سېپى ئۆزىدىن مەدەنىيەت ھادىسىسىدۇر. شۇڭا ،مەكتەپلەر ئەخلاق دەرىسىنى شۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۇرۇپ ،مىللىلىگىنى گەۋدىلەندۇرگەن ئاساستا سۆزلىسە ئۈنۈمى يوقۇرى بولىدۇ.ئىدىيە دەرسى دۆلەتنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئايرىم تەسىس قىلىنىپ ،تەلەپ بويىچە سۆزلەنسە بولىدۇ.بولمىسا ئەخلاق كېرزىسىدىن مەڭگۇ قۇتۇلالمايمىز.