قۇتۇلدۇرۇشنى تەلەپ قىلش سىگنالى ـــ SOS (تېپىشماق) oq9gG)F
بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن بانكا خىزمەتچىسى جون ئۆز ئۆيىدە باشقىلار تەرپىدىن بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بايقالدى. ساقچى باشلىقى بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىپ ساقچىلارنى باشلاپ نەق مەيدانغا دەرھال يىتىپ كەلدى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۆلگۈچىنىڭ سائەت 12 ئەتراپىدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكى جەزىملەشتۈرۈلدى. چاي ئۈستىلىدىكى ھاراق ئىچىلگەن ئىككى رومكا، كۈلداندا بىر نەچچە تاماكا قالدۇقى تۇراتتى، رومكىدىكى بارماق ئىزى سۈرتىۋېىتىلگەنىدى. ساقچى باشلىقى بۇ ئەھۋاللارنى تەھلىل قىلىپ، قاتىل بىلەن ئۆلگۈچىنىڭ مۇناسىۋىتى يىقىن بۇلۇشى مۇمكىن دەپ قارىدى ۋە بارلىق ساقچىلارنى ئۆلگۈچىنىڭ تۇنۇش – بىلىشلىرىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى. q
O
X=M
قاتتىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق گۇمان بوبى غا مەركەزلەشتى. ساقچى باشلىقى پورتتىكى سەيلە كېمىسىدىن بوبىنى تېپىپ، ئۇنىڭ ھېلىقى كۈنى ئەتىگەن سائەت 9 دىن 2 گىچە نېمە ئىش قىلغانلىقىنى سورىدى. بوبى بىر پەس ئويلىنۋالغاندىن كېيىن: $z'_Hr'
ـــ ئۇ كۈنى مەن ئەتىگەن سائەت 9 يېرىمدا جونغا: «ئىككىمىز دېڭىزغا چىقىپ سەيلە قىلىپ كېلەيلى» دەپ تىلىفۇن بەردىم، ئۇ ماڭا چۈشتە بىرىسى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى، ۋاقتى يوقلىقىنى ئېيىتتى. شۇڭا مەن ئۆزۈم كېمەمنى ھەيدەپ دېڭىزغا چىقتىم. سائەت 12 يېرىم بولغاندا كېمەمنىڭ ماتورىدىن چاتاق چىقتى، كاشلىنى ئوڭشىيالدىمىدىم. ئۇ چاغدا شامال توختىغان، دېڭىز يۈزى تىپتىنچ ئىدى. ئامال تاپمىسام بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ ئاق داستىخانغا «SOS» دېگەن بەلگىنى يېزىپ، داستىخاننى بايراق خادىسىغا ئېسىپ قويدۇم. بىردەمدىن كېيىن سېرىق رەڭلىك قۇتۇلدۇرۇش كىيىمى كەيگەن بىر ئەپەندى كېمە ھەيدەپ مىنىڭ قېشىمغا كەلدى، ئۇ ماڭا لەپىلدەپ تۇرغان بايراقتىكى قۇرۇلدۇرۇشنى تەلەپ قىلىش سىگنالىنى كۆرۈپ قۇتۇلدۇرغىلى كەلگەنلىكىنى ئېيىتتى، ھەمدە مىنىڭ كېيمەمنى سۆرەپ قىرغاققا ئاچىقىپ قويدى. ـــ دېدى. ^
ــــ سىز ماڭا ھېلىقى ئەپەندىنىڭ ئىسمىنى، كېمىسىنىڭ نۇمۇرىنى دەپ بىرەلەمسىز؟ ــ دەپ سورىدى ساقچى باشلىقى. ^?o> (K
ـــ مەن قىرغاققا چىقىشقا ئالدىراپ كىتىپ، ئۇ ئادەمنىڭ ئىسمىنىمۇ سورىماپتىمەن، كېمىسى سۇس سېرىق ئىكەنلىكىلا ئىسىمدە قاپتۇ... DyPb]Udb:
ساقچى باشلىقى بوبىنى گپ قىلىشتىن توختىتىپ: EGJrnz8
ـــ توقۇغان ھېكايىڭىز بەك تەسىرلىك ئىكەن، شۇغىنىسى سەل مۇجمەل بۇلۇپ قالدى، قالغىنى ساقچى ئىدارىسىگە بېرىپ ئېيىتىڭ؟ ـــ دېدى. c-bTf$6}
سوراق قىلىش جەريانىدا بوبى جوننى ئۆلتۈرگەن جىنايىتىنى ئىقرار قىلدى. [eO6H2@=z
ئۇنداقتا ساقچى باشلىقى بوبىنىڭ قاتىل ئىكەنلىكىنى قانداق بىلۋالدى؟ :dj=kuUTbu
مەنبە: «تېپىشماق» دىگەن كىتابتىن ئېلىندى. _Q6` Wp6m