ھازىرقى زامان ئاياللىرى
`kXs;T6& قىش ئايلىرنىڭ مەلۈم بىر كۈنى ئىشتىن چۈشۈپ تۇرسام بىر دوستۇم تېلفۇن قىپتۇ. ئەسسالام! ئالىيە تىچ تۇردىڭمۇ؟ تىچلىق ئاداش ئۆزەڭچۇ؟ ئەجەپ يۇقاپلا كەتتىڭغۇ؟ ۋاي شۇ باردى كەلدىنىڭ جىقلىقىدا بولمامدۇ ئاداش،ئۆزەڭمۇ يۇقاپلا كەتتىڭغۇ؟ نەگە چاقىرساق بارغىلى ئۇنمايسەن ئاشۇ ئۆيىڭدە ئىرىڭگە قاراپ ئولتۇرۇپ تويمىدىڭما؟ۋاي نىمە دەيدېغانسە نەفىسە؟ مەن سىلەرگە ئوخشاش ماڭغىلى تۇرسام ئىرىم تۆت كۈن بولماستىلا خېتىمنى بىرىدۇ. شۇڭا ئۆزەمنى سوراپ بەزى سورۇنلاردىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇۋاتىمەن.
A]oV"`f بولدىدىلا ئاداش ئۆز گىپىمىزگە كىلەيلى ھە!ماقۇل نىمە ئىش بىلەن تېلفۇن قىلغانتىڭ ؟ئالىيە بۈگۈن كەچتە بىز ئارلىشىدېغان قىزلار ئولتۇرماقچى ئىدۇق.سەن ئۇزۇن بولدى قاتاردىن قەپ قالغىلى شۇڭا بۈگۈن ئولتۇرۇشقا بارامدىكىن دەپ تېلفۇن قىلغان ئىدىم.ۋاي نەفىسە مەن بارالمايمەن يولدۇشۇم ئىشلەيدۇ.بالامغا قارايدېغان ئادەممۇ يوق .ھەم يولدۇشۇممۇ قويمايدۇ. بولدى،قىلە بۈگۈن بانا كۆرسىتىمەن دەپ خام- خىيال قىلما بارساڭمۇ -بارساڭ بارمىساڭمۇ -بارسەن.ئەگەر بارمىساڭ سىنىڭ ئۈيىڭگىلا بارمىز قىزلار شۇنداق دېيىشكەن.ئۇف ماقۇل نەفىسە مەن ئالدىرماي باراي.دەپلا تېلفۇننى قويۋەتتىم.
*P=VFP يولدا ئېغىر قەدەملىرىم بىلەن خىيالغا پېتىپ مېڭىۋاتمەن .ھەي بۇ قىزلارنى زە ! بارمايمەن دېسىمۇ ئادەمنى زورلىغان مۇشۇ ئولتۇرۇشتىن قېچىپ ھېلىمۇ نۇرغۇن دوسلۇرۇم بىلەن ئارلاشماسلا بولدۇم. ئويلاپ قالىمەن بۇ قىزلارنىڭ ئۆيدە قىلغىلى ئىشى يوقمىدى. ئەرلىرى ئاشۇنداق كۈندە تاماقمۇ ئىتىپ بەرمەي نە-نەلەردە يۈرسە ھە!دەپ بالىنى بېقىپ ئولتۇرامدىغاندۇ؟ ئىسىت شۇ قۇرۇق گەپ سېتىپ ئىسراپقىلۋاتقان ۋاقىت ئىقتىسات ، بىچچارە باي قۇشلار مائاش چىقىپ بولغۇچە پالانچى يەردە پالانچى كىيىم مودا چىقىپتۇ .دەپ توختىماي ئېلۋاتقان كىيىملەر؟ يەنە ئاۋۇپ كىتۋاتقان قائىيدە يۇسۇنلار. بىرەر دوستىمىز بالىسىنىڭ خەتنە تويىنى ياكى گۈل چېيىنى قىلدىمۇ؟ توي ئىگىستىن بەتتەر جىددىيلىشىپ نەچچە يۈز يۋەندىن ئارتۇق پۇل غەجلەپ بىر-بىرى بىلەن بەسلىشىپ كىيۋاتقان كىيىملەر . شۇ خىياللار بىلەن ئېچىم ئاچچىق بۇلۇپ ئۆيگە بېرىپ ئىرىمگە نىمە دەرمەن دەپ ئويلاپ كىتۋاتمەن. بولدىلا راس گەپنىلا قىلاي مەن يالغان ئېيتىشنى ئۇخمىغاچقا بىرەر ئېغىز يالغاننى قاملاشتۇرالمايمەن. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى راس گەپنى دەي .
jLm ;ty2; ئۆيگە كەلسەم بالاممۇ تېخى كەلمەپتۇ .ئىرىممۇ يوق ئالدىراشلا تاماققا تۇتۇش قىلدىم.تاماق پىشاي دېگەندە دادا،بالا كۈلۈشكىنىچە كىرىپ كەلدى.ۋاي نىم بۇلۇشتىڭلا ئەجەپ خوش بۇلۇپ كىتىپسىلەرغۇ؟ئوغلۇم ئاپا-ئاپا مەن دادامنى يىڭۋالدىم ،راسما ئوغلۇم يارايسىز ، نەگە باردىڭلار ؟نىمىدە يىڭۋالدىڭىز ؟ ئاپا بىز سوقما توپ ئويناپ كەلدۇق،دادام بۈگۈن ماڭا يىڭىلىپ قالدى. بىز تىكىشكەن ئىدۇق ئەگەر مەن يىڭلىپ قالسام 2 روماننى ئۇقۇپ تۈگتىدېغانغا ،دادام يىڭىلىپ قالسا ھەپتىدە 3 قىتىم سوقما توپ ئوينىغىلى باردىغانغا دىيىشكەن ئىدۇق .مانا دادام يىڭىلدى ، مەن شۇنىڭغا بەك خوش ئاپا، يارايسىز ئوغلۇم ئۇيۇننىمۇ ئويناڭ كىتاپمۇ ئۇقۇڭ بۇلامدۇ؟ ماقۇل ئاپا، يولدۇشۇمغا قاراپ بەك كۈلگۈم كىلىپ كۈلۈپ كەتتىم، ۋاي نىمىگە كۈلسىز شۇ بالىنىڭ كۆڭلى خوش بولسۇن دەپ يىڭىلىپ بەردىمغۇ؟ بولدىلا پو ئاتمىڭە ؟ ئۆتكەندىمۇ ماڭا يىڭىلىپ قالغانغۇ ؟ شۇ چاغدىمۇ سىزگە يىڭىلىپ بەردىم. بۇپتۇ تەن ئالمىسىڭىز مەيلى سىلەر ئەرلەرغۇ زادى شۇنداق؟ تۇلا كۈتۈلداۋەرمەي تاماقنى تىز پۇشرىڭە مەن ئىشقا بارمەن .مانا تاماق پىشىپ بولدى.سىلەرنى ساقلاپ تۇرغان شۇ؟
Z=o2H Bm7 مەن تاماق يىگەچ ئىرىمنىڭ بۈگۈن كەيپىياتى ياخشى ئىكەن ئەمدى دەي دەپ ئۇنىڭغا دىدىم. پەرھات بۈگۈن قىزلار تېلفۇن قىپتىكەن يىغلىپ ئولتۇرساق دەپ مەن بارايمۇ؟ ۋاي يەنە شۇ غەيۋەتچى قىزلارمۇ ؟ بۇپتۇ بارغىڭىز بولسا بېرىڭ لېكىن بالدۇر قايتىپ كىلىڭ بالا قورقىدۇ. ماقۇل رەھمەت سىزگە، يولدۇشۇمنى ئىشقا يولغا سېلىپ قاچا قۇمۇشلۇرۇمنى يىغىشتۇرۇپ بۇلۇپ كىيىم ئىشكاۋىمنى ئېچىپ نىمە كىيشىمنى بىردەم ئويلاپ ئاخىرى بىر دوستۇمنىڭ قىزنىڭ گۈل چېيىغا ئالغان كۆينىگىمنى قۇلۇمغا ئالدىم.
n 0L^e ئەينەك تۈيگە كىلىپ سۇسقىنا گىرىم قىلىپ بالىنى ئۆيگە سۇلاپ قۇيۇپ ماڭدىم. ئىشىكتىن چىقشىمغا نەفىسە يەنە تېلفۇن قىلغىلى تۇردى. مانا ئاداش ھازىر ماڭدىم سىلەر نەدە؟ تىز بۇلە بىز ئاقيول رىستۇرانىدا ماشىنا تۇسۇپلا كىلە ھەممەيلەن سىنىلا ساقلاپ قالدۇق.ماقۇل دەپلا ماشىنا تۇسۇپ ئاقيول رىستۇرانىغا باردىم .رىستتۇران ئىشىك تۈۋىدە سەۋرىناز ساقلاپ تۇرۇپتىكەن .مەن خىجىللىق بىلەن ئەتراپىمغا قارماي دوسلۇرۇمنىڭ يېنىغا باردىم،دە،ئۇلار بىلەن بىرمۇ بىر يۈز يېقىشىپ كۆرشۈپ بۇلۇپ بىر ئورۇنغا ئولتۇرۋالدىم.ئولتۇرشۇمغىلا قىزلار ھەممىسى ماڭا قاراپ گەپ باشلىدى.ئاردىن يۇلتۇز ھەي ئالىيە سەن بىزدىن تېنىپلا كەتتىڭ دېسە؟ بۈگۈن نەفىسە قاتتىق قوللۇق قىلمىغان بولسا قاراڭنىمۇ كۆرسەتمەيىتتىڭ ھەقىچان؟ ئۇنداقمۇ دەپ كەتمەڭلار ھەممىمىز ئۆي تۇتقان قىزلارغۇ؟قاچانغىچە مۇشۇنداق ۋاقتىمىزنىڭ يۇقلاڭ باردى-كەلدىلەرگە ئىسراپ قىلىپ بالىمىز ،ئىرىمىز بىلەن كارىمىز بولماي يۈرۈيمىز؟
xY(*.T
9K يۇلتۇز ،ۋاي بولدى قىلە بۇنداق سەپ-سەتلىرىڭنى ئەرلىرمىزمۇ تالادا كۈن بۇيى ئويناپ يۈرۈيدىغۇ؟ بىز ئانچە-مۇنچە يىغلىپ ئولتۇرۇپ ھال-مۇڭ بۇلۇشساق نىمە بۇپتۇ؟ ئارمىزدىن سەنلا مۇشۇنداق ئەرگە تويمىغاندەك كۈن بۇيى ئۆيىڭدىن چىقمايسەن؟شۇ مەن ئاشۇنداق مىنىڭ ئىرىم سىلەرنىڭ ئەرلىرىڭلارغا ئوخشىمايدۇ. سىلەردەڭ ماڭغىلى تۇرسام ئەتىلا خېتىمنى قۇلۇمغا تۇتقۇزۇپ قۇيدۇ.
=-n}[Y}A سەۋرىناز ئاچچىق كۈلۈپ ھا...ھا...ھا...ئالىيە ئۇنداقتا سىنىڭ ئىرىڭ غورورلۇق مەسئۇلىياتچان ياخشى ئەركەندە؟ ئالدىمىزدا تۇلا ئىرىڭنى ماختىما ئىرىڭنىڭ بەزى ئىشلىرنى دېسەم ئىچىڭ ئاچچىق بۇلۇپ قالىدۇ.ھەقىچان ،قېنى دىمەمسەن مىنىڭ ئىرىمگە تۆھمەت قىلمەن دىمە؟ ئۇ ماڭا ئاپپاق مەن ئۇنىڭغا ئىشىنىمەن. ئاردىن نەفىسە ھەي،ھەي، قىزلار بولدى ئالىيەنىڭ ئىرنى قۇيۇپ تۇرايلى .بۈگۈن سەۋرىنازنىڭ 36 ياشقا كىرگەن قۇتلۇق تۇغۇلغان كۈنى ھەممىمىز قىزغىن ئالقىش بىلەن تۇغۇلغان كۈن ناخشىسى ئېيتىپ سەۋرىنازنى تەبرىكلەيلى. قىزلارنىڭ ھەممىسى تەڭ باش لىڭشىتتى. مەن ئىچىمدە ،ۋاي توۋۋا بۇ نەفىسەنى ماڭا راس گەپ قىلسىچۇ؟ بۇنداق تۇغۇلغان كۈن دېگەنلەرگە كەلمەسلىكىمنى بىلىپ شۇڭا يۇشۇرۇپتىكەندە؟ شۇ خىياللار بىلەن بىر نوختىغا قاراپ جىم ئولتۇرسام ئارقىمدىن بىرسى بىللە تاڭسا ئوينىساق بۇلامدۇ؟ دەپ سالام قىلىپ تۇرۇپتۇ.كەچۇرۇڭ ئەپەندىم مەن تانسا ئويناشنى بىلمەيمەن. باشقا قىزلار بىلەن ئويناڭ دىدىم. ئۇ ئەپەندىم خىجىل بولدىمۇ قانداق ئەتراپىمدىكى قىزلارغا قارمايلا ئۆز ئورنىغا كەتتى.
y_-0tI\J ئاردىن نەفىسە قاخشىغىلى تۇردى .ھەي ئالىيە قۇپۇپ ئوينىساڭ بولمامدۇ؟ ھەقنى خىجىل قىلىپ قويدۇڭ مانا،ۋاي نىمە بۇپتۇ . خەقنىڭ كۆڭلىنى دەپ تۇنمىغان بىر ئەرنىڭ قۇلىنى تۇتۇپ تاڭسا ئوينىسام بۇلامتى؟ بۇنداق قىلىش مىنىڭ خاراكتىرىمدە يوق مەن بىر ئىرىمنىڭلا قۇلىنى تۇتمەن.نەفىسە، ۋاي،ۋۇي، بولدى.ساڭا گەپ قىلسا ئادەمنى تۇيغۇزۇپلا قۇيدىكەنسەنغۇ؟ بۇپتۇ ئوينىماي جىم ئولتۇر ھېلى بىر ئاز ئامرىينو ئىچىپ قويساڭ ئوينايدېغان بۇلۇپ قالىسەن. ئاچچىقىمدا نىمە داۋاتىسەن دەپ نەفىسەگە ئالىيىپ قويدۇم.
I,vJbvvl! ئۇسسۇلغا چۈشۈپ كەتكەن قىزلار قايتىپ ئورۇنلىردا ئولتۇرۇشتى. ھەي قىزلار باشلايلى دەپ ئۈستەلگە باياتىن گىپىنى قىلغان ئامرىينوسىنى چىقاردى. يۇلتۇز سەۋرىناز غا تەڭلەپ سەن قۇيغىنە سەن سايىپخان بولغاندىكىن دەپ بەردى.
7;wd(
8 ئىچىمدە بۇ سورۇنغا كەلگىنىمگە قاتتىق پۇشايمان قىلىپ كەتتىم. بىر-بىرلەپ ئىچىپ نۆۋەت ماڭا كەپتۇ.سەۋرىناز ماڭا تەڭلەپ تۇردى.ياق سەۋرىناز مىنى بۇنداق ھارام نەرسىلەرگە زورلىما مەن بۇ سورۇندىن ھازىر كەتسەم كىتمەنكى بۇ ھارام نەرسىنى ھەرگىز ئىچمەيمەن. دەپ قاتتىق تۇردۇم،قىزلار ماڭا ئالىيىپ قارشىپ مەندىن بۇ نىجىس نەرسە ئۆتۈپ كەتتى.
)Y{L&A يۇلتۇز ،ھەي قىزلار سەۋرىنازنىڭ قۇتلۇق كۈنىگە ئاتاپ ئەكەلگەن سوۋغىلىرىڭلارنى چىقرىڭلار تىزىملىۋېتەي بىكار ھېلى كاللىدىن كىتىپ قالساق كىم نىمە ئەكەلدى بىلەلمەي قالمايلى .ئۇ چاغدا سەۋرىنازغا پايدا بۇلىدۇ .
lq;
Pch ھەممىسى ئەكەلگەن سوۋغىلىرنى يۇلتۇزغا تىزىملاتقىلى تۇردى. بۇ ئىككى ئۈستەلدىكى قىزلار ھەرخىل سوۋغىلارنى ئەكەلگەن ئىدى.بەزىسى پۇل بەزىسى ئالتۇن ئۈزۈك ،ئالتۇن زەنجىر دېگەندەك .قىممەت باھالىق بۇيۇملىرنى سوۋغا قىلدى. نەفسە سەۋرىنازغا ئالتۇن زەنجىر 500 يىۋەن پۇل يازدۇردى. مانا ئەڭ ئاز يازغىنىمۇ 500 يىۋەن بۇپتۇ.
6mxfLlZ مەنمۇ ئەل قاتارىدىن قالماسلىق ئۈچۈن 500 يىۋەننى يىغلاپ تۇرۇپ چىقاردىم. بىر تۇغۇلغان كۈنىگىمۇ شۇنچە قىلىش كىتەمدۇ. قېرىغاندا قېرى تارتۇق قىلىقلىرى ئۇنىڭدىن ئارتۇق دەپ چىقارمىغان قائىيدە يۇسۇنلار قالمىدىغۇ؟
],Do6
@M- داستىخاننى يازدۇرۇپ بۇلۇپلا مىنىڭ پەقەتلا ئولتۇرغۇم كەلمىدى.ئۈزلۈكسىز بۇلۋاتقان غەيۋەت شىكايەت .ھەرخىل ئادەمنىڭ غىدىقىنى كەلتۈرگۈدەك چاخچاق پاراڭلار مىنى بۇ يەردىن بەكلا زىرىكتۈرۈپ قويغان ئىدى.
jasy
مەن سەۋرىنازنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلاپ تۇرۇپ ئاداش مەن قايتاي بالام يالغۇز قالغان ئىدى. دىسەم ئۇ رەنجىپ بۇ گەپنى ماڭا دىمەي نەفىسەگە ،دە، مەن كەتكىلى قويساممۇ باشقا قىزلار ئۇنىمايدۇ.دەپ يېنىمدىن كەتتى. $}
مەن نەفىسەگە پىچىرلىدىم ۋاي بولدى قىلە ئاران بىر كەلگىنىڭدە بۇنداق بالدۇر كىتىپ نىمە قىلىسەن. يا ئۇ ئامراق ئىرىڭ ئۆيدە بولمىسا جىم ئولتۇر بۇ يەردىن يېنىپ سەۋرىنازنىڭ ئۆيگە بارمىز تېخى دەپ مىنى گەپ قىلدۇرۇتمىدى.
z[qDkL
مەن قۇشۇلغان بۇلۇپ ئولتۇرۇپ بىردەمدىن كىيىن تازلىق ئۆيگە چىقىپ كىرەي دەپلا ئاستا قاچتىم. U 0P~
ماشىنا توسۇپ ئۆيگە كەلسەم بالام تېخى ئۇخلىماپتۇ.بالامغا نەسىردىن ئەپەندىمنىڭ كىتاۋىنى ئۇقۇپ بىرىپ ئۇخلىتىپ قويدۇم. TJXT-\Vk
باتاتىمقى سورۇندىكى قىزلارنىڭ چاخچاقلىرى ھەم ئەرلىرى ئۈستىدىن قېينى ئاپىلىرى ئۈستىدىن قىلغان گەپلىرنى ئويلاپ يېتىپ ھازىرقى بەزى قىز ئاياللىرىمىزغا بەكلا ئېچىندىم. 5vnrA'BhBU
R%[ c;i
بۈگۈن ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن مۇشۇنچىلىك يازاي ھازىرقى زامان ئاياللىرنىڭ ئاخىرى داۋاملىق يېزلىدۇ. PB\x3pV!}
.U]-j\
مەنبە ئاچچىق ھىسلىرىم[ بۇ يازما ئۇيغۇرۇم007 تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]