مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1897 
  •    ئىنكاس 
       27 

ئىشرەتخانا خوجايىنىنىڭ كىيىنكى تەقدىرى

قەۋەت ئاتلاش
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1107 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9561 (سوم)
 ياخشى باھا:   231 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   318  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2836
 سائەت
دەرىجىسى:
2836 سائەت 154 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-06-24
— بۇ تېمىنى OBRAZ مۇنبەر ئۇقتۇرۇشى دىن بۇ يەرگە يۆتكەپ ئەكەلدى (2011-02-06) —

ئىشرەتانا خوجايىنىنىڭ كىيىنكى تەقدىرى UXJ eAE-  
ھىكايە 8V'~UzK  
كەچ كىرىشى بىلەنلا ساۋۇت خابانىڭ قاۋاقخانىسى يەنە ئادەم بىلەن لىق تولدى.بۇ جاي ھازىر يېزا ياشلىرىنىڭ چىركىنلەرچە تەلپۈنىدىغان ئۇنۋېرسال كۆڭۈل ئېچىش سورۇنىغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى. XWBA^|-N  
-ھەي ئاغىنە، بۈگۈن تازا بىر پەيزى قىلىپ ئوينايلى قانداق دىدىم؟ B6MB48#0gs  
-بولىدۇ مەنمۇ تازا زېرىكىپ تۇراتتىم نەگە بارىمىز؟ W=~ ~5jFX  
-نەگە بولاتتى ساۋۇت خابانىڭكىگە، ئۇ يەردە ئوينايدىغان،يەيدىغان، ئىچىدىغان،چىكىدىغان ،ئاتىدىغان ھەممە نەرسە تەييار. l{*@v=b(  
-كىچىككىنە بۇ يېزا بازىرىدا ئەل تېخى ياغاچ قۇرۇلمىلىق، بىر قەۋەتلىك ئاددى ئۆيلەرنى جايلاپ سالالمايۋاتسا،ساۋۇت خابا بىتۇن قۇرۇلمىلىق، ئۈچ قەۋەتلىك ھەشەمەتلىك ئۆيلەرنى سېلىپ ھەممەيلەننى تاڭ قالدۇرۇپتۇ ،ئېيىتقىنا ئۇ پۇللارنى نەدىن تاپىدىغاندۇ؟ S|Q@:r"  
-نەدىن تاپاتتى.دەسلىپىدە قاسساپلىق قىلىپ،ۋە ئاشخانا ئېچىپ، كىيىن قاۋاقخانا ئېچىپ، نەچچە يۈزمىىڭ كوي پۇل تاپتى.ئەمەسمۇ؟ 7`*h2 mgY  
-ئۇنىڭ سالغىنى دىگەن ئۈچ قەۋەتلىك بىنا تۇرسا ئۇنچىلىك پۇل نىمىگە يېتىدۇ؟ \j$&DCv   
-سەن تېخى بىلمەيسەن؟ئۇنىڭ بانكا باشلىقى مۇسا بىلەن كۆڭلى بەكمۇ يېقىن،باشقىلار ئون مىڭ كوي قەرىز ئېلىش ئۈچۈن نەچچەيۈز كوي خەشلەپ مىھمان قىلمىسا قەرىز ئالالمايدۇ ،لىكىن،ساۋۇت بولسا   بانكىدىن قانچىلىك قەرىز كېرەك بولسا ئالالايدۇ.ئۇ بۇرۇن تاپقان پۇللىرىغا يەنە بانكىدىن توققۇز يۈز مىڭ يۈئەن قەرىز ئېلىپ ئۇنى قوشۇپ ئاندىن بۇ بىنانى سالدۇردى. ik)|{%!K]H  
-توۋا، نىمانچە چوڭ ھەشەمەتچىلىك بۇ،بىنا سالسىمۇ سالسۇن ماقۇل، لىكىن لايىقىدىراق سالسا بولماسمىدى.ئەمدى بۇ خابا بانكا قەرزىنى قانداقمۇ قايتۇرۇپ بولار؟ P\E<9*V  
-ئەخمەقكەنسە ،ساۋۇتنىڭ تاپاۋىتى يامان دەيمە،ئۇنىڭ كۈندىلىك تاپاۋىتى 10مىڭ سومدىن ئاشىدۇ.قارىمامسەن بىناسى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ ، قىسقىغىنە بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە بانكا قەرزىنى تولۇق تۈگىتىپلا قالماي، يەنە تېخى بانكىغا نەچچە يۈزمىڭ يۈئەن پۇلنى ئامانەت قويۇپمۇ ئۈلگۈرۈپتۇ دىگىنە.  6fkRrD  
-پاھ،پۇلنى چويلىدا سۈزگەندەكلا سۈزۈپتىغۇ،ئۇ پۇلنى قانداق تاپىدۇ؟ ^ gdaa>L  
-نەدىن تاپاتتى،بۇنچىۋالا كۆپ پۇلنى يەنە شۇ بىنانىڭ ئۆزى ۋە ساۋۇتنىڭ يولغا قويغان ئۈنۈملىك تىجارەت يوللىرى تاپتى.ئۇنىڭ تۈرلۈك  ئاسان ھەم كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدىغان، خېرىدارلارنىڭ پۇلىنى دەرەختىن غازاڭ سېرىغاندەك سېرىۋالىدىغان تىجارەت ئۇسۇللىرى بار دەيمە. { a =#B)6  
-ئاشخانا ۋە قاۋاقخانا ئاچقانلار نۇرغۇنغۇ؟ نىمە دەپ باشقىلار باي بولالماي ساۋۇت خابالا باي بولالايدۇ؟ p?02C# p  
  -ساۋۇت خابا ئۆيلىرىنىڭ ئاستىنقى قەۋىتىنىڭ بىر قىسمىنى ھەشەمەتلىك قىلىپ تازا بىزەپ تېز تاماقخانا قىلدى. بۇ تاماقخانىدا توخۇ قورۇمىلىرىدىن تارتىپ،ھەر خىل ئىسىل تاماق، ھەر خىل ئىسسىق سوغاق سەيلەر،ئۇنى يەپ ئىچىدىغان ئايرىمخانىلار بار. باشقا ئاشخانىلاردا ھاراق ئىچكىلى قويمىغان بىلەن بۇ ئايرىمخانىلاردا رەڭلىك سورۇن ئۇيۇشتۇرغىلى يەپ ئىچىپ ئوينىغىلى بولىدۇ. ئاستىنقى قەۋەتتىكى ئۆيلىرىنىڭ  يەنە بىر قىسمىنى قاۋاقخانا قىلىپ، ئۇنىڭغىمۇ 5-6كىچىك بالىخانا ئۆيلەرنى چىقىرىپ، ئىسىل لۆم-لۆم ئورۇندۇق،ۋە ئىسىل شىرەلىرىنى قويۇپ، ھاراق ئىچىدىغانلارنىمۇ ئەلا مۇلازىمەت بىلەن تەمىن ئەتتى.بۇلاردىن باشقا، كۆلىمى 40كىۋادىراتمېتىردىن ئاشىدىغان بىر ئالاھىدە مىھمانلار ئۆيى بار،ئاڭلىشىمچە، ئۇ باشقىچە ئالاھىدە بېزەلگەن ئىكەن.لىكىن ئۇ يەرگە بىزدەك ئاددى پۇخرالار كىرەلمەيمىز. D(~U6SR  
-نىمىشقا؟ _qF+tm  
-بۇ يەرنىڭ كۇرسى يۇقۇرى ، ئادەتتىكى ئىچىپ قۇسۇپ بۇلغاپ تۇرىدىغانلار،ئاددى پۇخرالار كىرەلمەيدۇ. ساۋۇتاخۇن بۇ ئۆينى پەقەت چوڭ چوڭ- بايلار،ياش بايۋەتچىلەر،يېزا ئورگاندىكى كادىرلار ۋە ئۇلار باشلاپ كىرىدىغان ئىسىل مىھمانلار ئۈچۈنلا خاس ياسىغانمىش.مۇشۇ بىر ئېغىز ئۆينى بىزەشكىلا نەچچە تۈمەن پۇل كەتكەنمىش.  {y)=eX9  
-ۋاھ،قالتىس ئىسىلكەندە ئۇنداقتا،بوپتۇ، بىزدەكلەرگىمۇ ھامان بىر كۈنى ئولتۇرۇش نىسىپ بولۇپ قالار. ncaT?~u j  
-ئۈچ قەۋەتلىك دەۋاتاتتىڭ ئىككىنچى قەۋىتىنى نىمىگە ئىشلىتىپتۇ؟ y5vvu>nd  
-ئىككىنچى قەۋىتىنى تۇرمۇش ئۆيلىرى ۋە مەخپى قىمارخانا قىلدى.ھەر كۈنى كەچتە نە-نەلەردىن قىمار مەستانىلىرى ماشىنا ماشىنىلاردا كىلىپ ساۋۇتنىڭ ئىككىنچى قەۋەتتىكى ئىچكىرى ئۆيلىرى ئارىسىدىكى نامدا مىھمانخانا، ئەمەلىيەتتە قىمارخانا قىلىنغان خاس ئۆيگە كىرىۋېلىپ، پاخلان ،ئوغلاق گۆشلىرى بىلەن قورسىقىنى راسا تويغۇزىۋېلىپ ئاندىن  قىمار ئوينىشىدۇ. QFA8N  
-ساقچىلار توسمامدۇ؟ @="Pn5<]C  
-بۇ دىگەن مەخپى قىمارخانا تۇرسا،ئۇ يەرگە پەقەت ئىشەنىچلىك،تونۇش،مەخسۇس قىمار ئويناش ئۈچۈن كەلگەن قىمارۋازلارلا كىرەلەيدۇ.جاسۇسلۇق قىلىدىغانلارنى ساۋۇت تونۇۋالىدۇ ياكى كىرگۈزمەيدۇ.ئۇندىن باشقا ساۋۇت مۇناسىۋەت باغلاشقىمۇ ئۇستا، ئۇ قارىماققا ئاددى كۆرۈمسىز ئاشپەزدەك تۇرغىنى بىلەن، يۇقۇرى تۆۋەندىكى خېلى خېلى باشلىقلار بىلەن مۇناسىۋەت تورى بارمىش. RH W]Z Pr<  
-ئۈچىنچى قەۋىتىنى نىمە قىپتۇ؟ z(ONv#}p  
-ئۈچىنچى قەۋىتىنى بۇ يېزىدا مىھمان كۇتۈش ياتىقى بولمىغاچقا مىھمانخانا قىلدى،لىكىن، بۇ يەردە ياقا يۇرتتىن كەلگەنلەرمۇ،يېزا ئىچىدىن كىرگەنلەرمۇ،ئاشنا ئوينايدىغان‹‹ئاشىق-مەشۇق››لارمۇ ياتالايدۇ. ياتاق بۆلۈملىرى ساپلا 2-3كىشىلىكتىن كىچىك- كىچىك قىلىپ سېلىنىپ،چىرايلىق بىزەلگەن، خۇددى شەھەردىكى مىھمانخانىلارنىڭكىدەك ئالى دەرىجىلىك لۆم-لۆم كارۋاتلار ۋە ئىسىل ئىشكاپ،رەڭلىك تىلىۋىزور، دىۋىدى ئاپاراتلىرى  قويۇلغان.بۇ  ياتاق ھوجرىلارنىڭ بىر كۈنلىكى ئەھۋالغا قاراپ 100يۈئەندىن 300يۈئەنگىچە بولسىمۇ ھەرگىز بوش تۇرۇپ قالمايدۇ، بەلكى، مىھمانلارغا كارۋات يىتىشمەي قالىدۇ تېخى. "S[450%  
-نىمىشقا ئەمدى؟ :U|1xgB  
- بۇ يەرنىڭ مۇنداق سىھرى كۈچكە ئىگە بولۇشىدا ساۋۇت خابا، تېز تاماقخانىسى ۋە مىھمانخانىسى ئۈچۈن نەلەردىندۇر تەكلىپ قىلىپ كەلگەن،ياش، چىرايلىق ،قونچاقتەك ياسىنىپ يۈرىدىغان،مىھمانلارغا ئىنتايىن قىزغىن مۇئامىلە قىلىدىغان 7-8 مۇلازىمەتچى قىزلىرىنىڭ بولغانلىقى سەۋەپ بولغان. بۇ قىزلار ئىشنىڭ يولىنى بىلىدىغان،مىھمان ئۆگەيلىمەيدىغان،تارتىنىپ قورۇنۇپ يۈرمەيدىغان،مىھمانلارنىڭ قانداق تەلىپى بولسا، باھاسى مۇۋاپىق بولسىلا ئورۇنداپ بىرەلەيدىغان ‹‹ئالتۇن تىزەكلەيدىغان مىدە ئىشەك››لەر . [>I<#_^~  
-غەلىتىلا بىر ئوخشۇتۇش بولدىغۇ بۇ؟ uo9B9"&  
-ھەرگىز غەلىتە ئەمەس،بۇ قىزلار ئۆزلىرى پۇل تېپىپلا قالماستىن،بەلكى يەنە ساۋۇتقىمۇ ھەر كۈنى نەچچە مىڭ يۈئەنلەپ پۇل تېپىپ بىرىدۇ ئەمەسمۇ.ئۇنىڭ مىھمانخانىسى ۋە تاماقخانىسى مۇشۇ قىزلار بولغاچقا ئاۋات. n` _{9R  
ئىككى دوست شۇنداق قىزغىن سۆھبەتلەر بىلەن ساۋۇتنىڭ ئۇنۋېرسال بىناسى ئالدىغا كىلكىپ قالغانلىقىنى سەزمەي قېلىشتى.بۇلارنىڭ بىرى 4-5يىل بۇرۇن ئۈرۈمچى تەرەپلەرگە تىجارەت بىلەن چىقىپ كىتىپ تېخى يېقىندىلا قايتىپ كەلگەن بولۇپ، يېزىدىكى نۇرغۇن ئۆزگۈرۈشلەردىن تېخى خەۋەرسىز بولغاچ، دوستىنىڭ تونۇشتۇرۇپ سۆزلىشىگە توغرى كەلگەن ئىدى. Qp5VP@t  
قەدىرلىك ئوقۇرمەن ئەمدى بىز  باياتىندىن بېرى گىپى بولغان ساۋۇت خابانىڭ تۇرقىنى ككرۈپ باقايلى.ساۋۇت يېشى قىرىق بەش ياشلارغا كىرگەن بولسىمۇ بويى تېخىچە باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان يەتتە ياشلىق بالىلاردەك ،بويى ئاران80سانتىمېتىرچە كىلىدىغان، تولىمۇ پاكار كەلگەن پاپا ئادەم.ئۇنىڭ چىرايى قارامتۇل،يۈزلىرى كىچىك .شۇنداق بولسىمۇ ھىندىستاننىڭ ‹‹ھاراقكەش›› ناملىق كىنوسىدىكى ماسلارىك ئىسىملىك پاكار ئادەمنى دوراپ يوغان شاپ بۇرۇت قويىۋالغان بولغاچقا،بۇ بۇرۇت كىشىگە‹‹ئۆزى مۇشتەك قۇيرۇقى نوغۇچتەك›› دىگەن تەمسىلنى ئەسلىتىپ،ئۇنىڭ تۇرقىنى تېخىمۇ ھەجۋى كۆرسۈتۈپ تۇرىدۇ. يول ماڭسىمۇ سىمىز بەدىنىنى قىسقا پاچاقلىرى بىلەن ئاران كۆتۈرۈپ، ئۆدەكتەك ئىككى يانغا ئىغاڭلاپ ئاران ماڭىدۇ.ئىڭىشمىكى ئىش قىلمىقى تەس  . ساۋۇت خابا بەكمۇ تىرىشچان ئادەم بولغىنى ئۈچۈن بىردەم بىكار تۇرمايدۇ.مىليۇنلاپ پۇلى بولسىمۇ، لىكىن پاكىز يېڭى كىيىم كىيمەي، كونا مەينەت كىر كىيىملەرنى كىيىۋالىدۇ.بېشىغا يازدا كىرلەشكەن شاپاق دوپپا،قىشتا قوي تېرىسىدىن تىكىلگەن كونا سالۋا ئاق تۇماق كىيىۋالىدۇ.كىيملىرىگە قاراپ ئۇنى تۇرمۇشتىن ھوزۇرلىنىشنى بىلمەمدىكىن دەپ قالماڭ،نەچچە يۈز مىڭ يۈئەنگە سېتىۋالغان تويوتا ماشىنىسى شۇنداق ئىسىلكى بۇنداق ماشىنا ھەتتا يېزىنىڭ شۇجىسىدىمۇ يوق.شوپۇر ئىشلەتمەيدۇ.ماشىنىغا مايمۇن تامغا ياماشقاندەك ئىنجىقلاپ ئاران چىقىپ، شوپۇر ئورۇندىقىدا رولغا قولى ۋە بويىنى ئاران يەتكۈزۇپ، ئالدى تەرەپنى ماراپ دىگۈدەك كۆرۈپ غۇيۇلدىتىپ ھەيدەيدىغان بولسا، باشقا سۈرئەت چەكلىمىسىدىن قورقۇپ ماشىنا ھەيدەيدىغان شوپۇرلار ھەيران قالىدۇ.ئەمدى لەقىمىگە كەلسەك بويى ئەشۇنداق پاكار بولغاچقا، كىشىلەر ئۇنى مودىكەش تەتەيلەر، ياۋروپالىقلار سۆلەت ئۈچۈن يىتىلىۋالىدىغان ھىلىقى مۈشۈكتەك كىچىك ماشكا ئىتلارغا ئوخشۇتۇپ، بىزنىڭ بۇ يەردە ماشكا ئىتلارنى ‹‹خابا›› دەپ ئاتىغاچقا ئۇنىمۇ‹‹ساۋۇت خابا›› دەپ ئاتايدىغان بولغان.ئەمما ئۇ تولىمۇ ئاچچىقى يامان چۇس مىجەز ئادەم بولغىنى ئۈچۈن كىشىلەر ئۇنى ئالدىدا ‹‹ساۋۇت لوبەن››دەپ چاقىرىپ قويىدۇ. {lzWrUGO  
ساۋۇتنىڭ خوتۇنى نۇرئەلاخان ئۇنىڭ ئەكسىچە تولىمۇ ئىگىز ھەم قاۋۇل چوكان بولۇپ، بويى بىر مېتىر سەكسەن بەش سانتىمىتىرچە كىلىدۇ. تۇرقىنى كۆرسىڭىز ئامېرىكىنىڭ ئاياللار بوكىس كىنولىرىدىكى ئايال بوكىس ماھىرلىرىنى ئەسلەپ قالىسىز. ئەگەر ئىككىسى قاتارلىشىپ بىللە مېڭىپ قالغۇدەك بولسا ،ساۋۇت ئۇنىڭ تېقىمىغا ئاران كەلگەچكە، يىتىلىشىپ ماڭغان ئانا -بالىغا ئوخشاپ قالىدۇ.شۇنداقلىقىغا باقماي ساۋۇت خوتۇنىنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭغا گۈلدۈرمامىدەك ۋاقىراپ ،تىللاپ تۇرۇپ بۇيرۇق ۋە مۇئامىلە قىلىدۇ.نۇر ئەلاخان يۇۋاش ۋە رايىش چوكان بولغاچقا، ساۋۇتنىڭ بۇ خىل مۇئامىلىلىرىگە كۆنۈك.تىترەپ تۇرۇپ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈپ ھەرگىز قارشىلاشمايدۇ.نىمىشقا دىسىڭىز بۇ ئايالنى ساۋۇت نامرات چاغلىرىدا ئالغان بولۇپ ھازىر ئوتتۇرا ياشلارغا كىرىپ قالغاچقا ،ھەم ساۋۇتنىڭ جاپاسىنى كۆپ تارتقاچقا چىرايىدىن خېلى كىتىپ قالغان.ئازراقلا چىشىغا تىگىىپ قويسا‹‹ ئۆمۈچۈكتەك مۇناسىۋەت تورى››تارتىپ كەتكەن ساۋۇت ئۆيىدىن چىقماي تۇرۇپلا نۇرئەلاخاننىڭ ئاجرىشىش خىتىنى ئۆيىگىچە ئەكەلدۈرۈپ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويالايدۇ. /KaZH R.  
ئۇلارنىڭ ئىككى بالىسى بار .چوڭى قىز بولۇپ ئىسمى گۈلسەنەم،18ياشلاردا، ئىگىز بوي ،چۈمۈلە بەل بۇ قىزنىڭ ئىسمى چىرايلىق بولۇپلا قالماي، ئۆزىمۇ شۇ ئىسىمغا لايىق چىرايلىق.شۇڭا ساۋۇتلار:‹‹بۇ بىزنىڭ قىزىمىز›› دىسە ھىچكىمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ.ساۋۇت بۇ قىزىنى تولۇقسىزغىچىلا ئوقۇتۇپ، مەكتەپتىن چىقىرىۋېلىپ تىجارىتىگە ياردەملەشتۈرىۋالغان بولۇپ، تىجارەتكە دادىسىدىنمۇ ماھىر بولۇپ كەتكەن.بۇ ئائىلىنىڭ تىجارىتى بۇرۇندىن ساغلام بولمىغاچقا، بۇ قىزمۇ بەزى شاللاقلارچە ئەركە مىجەزنى ئۆگۈنىۋالغان ،ئەگەر ئۇ بەزى ياش ئەر خېرىدارلارنىڭ كۆزىگە شەھۋانى نەزەر بىلەن بىر تىكىلىپ قاراپ، ۋىلىققىدە بىر كۈلۈپ تەبەسسۇم قىلىپ قويسا، ئۇلار بەلكىم بۇ قىز دوزاخقا باشلىسىمۇ كەينىدىن مەستانىلارچە ئەگىشىپ كىتىشى مۈمكىن.گۈلسەنەم كۈندۈزى تېز تاماقخانىدا كىرگەن خېرىدارلارنى كۈتۈۋېلىش، ئورۇنغا باشلاش،تاماق بۇيرۇتمىلىرىنى ئېلىش ۋە پۇل يىغىش ئىشلىرىنى قىلسا،ئاخشىمى ئىككىنچى قەۋەتتىكى مەخپى قىمارخانىدا قىمارۋازلارغا ھەمراھ بولۇپ ئۇلارغا يەيدىغان،ئىچىدىغان،چىكىدىغان،نەرسىلىرىنى تەييارلاپ بەرگەچ بىر تەرەپتىن ئۇ نەرسىلەرنىڭ پۇلىنى بىرگە ئىككى قىلىپ يىغىۋالسايەنە بىر تەرەپتىن ئۇتقانلاردىن چوتا ئالىدۇ. ئۇتتۇرىۋېتىپ خۇمارى قانمىغانلارغا يۇقۇرى ئۆسۈم بىلەن دادىسى ساۋۇتتىن جازانە قەرىز ئېلىپ بىرىپ ئۇلارنى ھەسسىلەپ قەرىزگە بوغىۋېتىدۇ.بۇ تىجارەت ساۋۇت خابانىڭ تىجارەتلىرى ئارىسىدىكى ساپ پايدىسى ئەڭ كۆپ تىجارەت بولۇپ، ئايلىق ساپ پايدىسىلا 2-3يۇز مىڭ يۈئەندىن ئاشىدۇ. 9.M4o[  
بالىلىرىنىڭ ئىككىنچىسى ئوغۇل بولۇپ 15-16ياشلاردا،ئىسمى داۋۇت،ئۇ يالغۇز ئوغۇل بولغاچ كىچىكىدىن بەكمۇ ئەركە بېقىلىپ، مەيلىگە قويۇۋېتىلگەن ،ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپتىمۇ تۈزۈك ئوقۇمىغان،ئۇنىڭ ئۈستىگە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن كىيىنمۇ ساۋۇت خابا ئۇنى تىجارىتىگە ياردەملەشتۈرۈش ئۈچۈن مەكتەپتىن چىقىرىۋالغان بولۇپ تۈزۈكرەك ئوقۇمىغان،شۇنداقلىقىغا قارىماي داۋۇت ئۆزى خان -ئۆزى بەگ ھالەتتە بۇ ئائىلىدىكى‹‹ ئىككىنچى چوڭ خوجايىن››غا ئايلانغان.ئۇ دادىسىغا ياردەملىشىپ قۇشخانىدا مال سويغۇزۇش،گۆش ،ئۇن،ماي،گۈرۈچ،ھاراق-شاراپ،تاماكا قاتارلىق كېرەكلىك نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بىرىش قاتارلىق ئىشلارغا مەسئۇل.باشقا ۋاقىتلاردا ھوجرا ئۆيگە كىرىۋېلىپ كومپىيۇتېر بىلەن تورغا چىقىپ ،ئويۇن ئويناش،توردا مۇھەببەتلىشىش،ھەرخىل يېشىغا ماس كەلمەيدىغان كىنولارنى كۆرۈش بىلەن كۈنلىرىنى ‹‹ھالاۋەت››ئىچىدە ئۆتكۈزىدۇ.ئۇ تېخى كىچىكلىكىگە باقماي، تاماكا چىكىدۇ،ھاراق ئىچىدۇ،ئاخشاملىرى مۇلازىمەتچى قىزلاردىن كۆزىگە چىرايلىق كۆرۈنگەنلىرى بىلەن يۇشۇرۇنچە كۆڭۈل ئاچىدۇ.ئۇمۇ ئانىسىنى دوراپ ئىگىز، ئۇستىخانلىق ئۆسكەن بولۇپ، ساۋۇت بىلەن بىللە تۇرسا،كۆرگەن كىشىنىڭ ئىسىگە ئابدىكىرىم ئابلىزنىڭ  ھەجۋى ئىتوتى ‹‹ ئاتا ۋە بالا›› كىلىپ كۈلكىسى قىستاپ كىتىدۇ. C3f' {}  
ساۋۇت خابانىڭ شۇنچىۋالا تىجارەتلەرنى توسقۇنسىز قىلالىشى، ئۇنىڭ ئۇچۇر ۋە مۇناسىۋەتكە ئەھمىيىت بەرگەنلىكى،تىجارەتنىمۇ قارىماققا قانۇنلۇق قىلىۋاتقاندەك تەسىر بەرگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى.تاپقان پۇللىرىنى يالغۇز يۇتۇۋالماي‹‹ مۇناسىۋەتلىكلەر››نىمۇ نەپكە ئىگە قىلاتتى.كۈندۈزى ئاشخانىىسىنىڭ ئالدىدىكى چوڭ بىرنەچچە داشقازانلارغا تۈرى بويىچە ،قوي،كالا،تۆگە گۆشلىرىنى سېلىپ پىشۇرۇپ ساتاتتى.ھەتتا كىيىك ،قىرغاۋۇل،توشقان قاتارلىق ياۋايى ھايھانلارنىڭ گۆشى لازىم بولسىمۇ ئۇنىڭ قاسساپخانىسىدىن تېپىپ يىگىلى بولاتتى.ئۇ كۈندۈزى قاسساپخانىسنىى باشقۇرسا ئاخشىمى قاۋاقخانىسىنى باشقۇراتتى.چۈنكى يېزىدا قاۋاقخانىلار كۈندۈزى ئادەمسىز،كىچىسى قايناق بولۇپ كىتەتتى. تاماقخانىغا ئادەم ئىشلىتىش،قاۋاقخانا،مىھمانخانا ئېچىش قانۇنلۇق، باشقا قانۇنسىز تىجارەتلىرى يەڭ ئىچىدە مەخپى قىلىنغاچقا، ئىشلىرى ھازىرچە توسقۇنسىز راۋان يۈرۈشمەكتە ئىدى. W+c<2?d:  
بۈگۈن كەچ ساۋۇت خابانىڭ قاۋاقخانىسىدىكى ھىلىقى ئالاھىدە دەرىجىلىك چوڭ ئايرىمخانا يېزىلىق ھۆكۈمەتتىن كىرگەن ئەمەلدار مىھمانلار بىلەن لىق تولدى.بۇ ئالاھىدە ئايرىمخانىنىڭ ئاستىغا ئوتقاشتەك قىزىل ئىمپورت گىلىمى سېلىنىىپ، ئۈستىگە تام ياقىلىتىپ يۇمشاق، يېڭى پاختىلىق يىكەنداز سېلىنغان. يىكەندازلار ئوتتۇرىسىدىكى داستخىان سېلىنىدىغان بوشلۇققا داستىخان ئورنىغا چوڭ قىلىپ تۆت چاسا شەكىلدە ياسالغان ،ئىگىزلىكى 35سانتىمتىر كېلىدىغان ئالى دەرىجىلىك تۆت چاسا شىرە تىزىلغان.بۇ يەردە مىللىچە ياكى ياپۇنچە ئولتۇرۇپ ھاراق شاراپ ئىچكىلى ،زىياپەت يىگىلى،ناخشا ساز ئاڭلاپ،ئۇسۇل تانسىلارنى  ئوينىغىلى بولىدۇ.تاملارغا ئىسىل تۈركىيە گىلەملىرى تارتىلىپلا قالماي ،رەڭلىك گەج نەقىش بىلەن زىننەتلەنگەن،ھەر خىل زىننەت چىراقلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان، مىھراپ ۋە ئويۇقلار ياسالغان بولۇپ ،ئۇلاردا قەشقەردىن ئەكەلدۈرۈلگەن، ئىسىل ياسالغان، دۇتار، تەمبۈر،راۋاپ،ۋە داپلار ،ئىسىل گۈل لوڭقىلىرى تىزىۋېتىلگەن.ئۇدۇل تەرەپتىكى تام ياقىسىغا ئون نەچچە مىڭ يۈئەنگە يارايدىغان ئىسىل تىلىۋىزور ئىشكابى قويۇلغان بولۇپ، ئۈستىدە 51 دىيۇملۇق،سۇيۇق كىرىستال ئىكرانلىق داڭلىق تىلىۋىزۇر.لازىر نۇرلۇق دىسكا قويغۇچ،ۋە نەچچە مىڭ يۈئەنلىك ئىسىل ئاۋاز ياڭراتقۇلار تىزىلغان ئىدى. بۈگۈن بۇ يەرگە كىرگەنلەرنىڭ  ئىچىدە يېزا باشلىقى،مۇئاۋىن يېزا باشلىقلىرى، يېزىلىق ئامانەت قەرىز كوپىراتىپى بانكىسىنىڭ باشلىقى مۇسا قورۇققاتارلىق چوڭ باشلىقلار بىلەن بۇ باشلىقلارنىڭ چاپىنىنى كۆتۈرۈپ ،ماختاپ ئۇچۇرۇپ،يىگۈزۈپ- ئىچكۈزۈپ ئەمىلىنى ساقلاپ قېلىش ياكى‹‹ يۇقۇرىغا ئۆرلەش پەلەمپىيى›› قىلىش ئۈچۈن كىرگەن كەنىت شۇجىلىرى،مۇدىرلىرى بار ئىدى. داستىخان ئورنىدىكى ھىلىقىئالى چوڭ تۆت چاسا شىرە مەزىلىك پاخلان گۆشلىرى، كۈنجۈت سىپىلگەن كىيىك،ئوغلاق كاۋاپلىرى،تەملىك پىچىنە پىرەنىكلەر،بادام،ياڭاق،كىشمىشلەر،ياخشى ساقلانغان ئۈزۈم، ئالما،بانان،ئاپلىسىنلەر،شىرىن قوغۇن تاۋۇزلار ۋە ھەر بوتۇلكىسى نەچچە يۈز يۈئەنگە توختايدىغان ،ئادەتتە يېزا قاۋاقلىرىدىن تېپىلمايدىغان، لىكىن ساۋۇت خابا ۋىلايەتتىكى ھاراق تاماكىنى توپ تارقىتىش باش شىركىتىدىن ئايرىم ئەكەلدۈرۈپ  ساقلاپ قويغان ئىسىل ھاراقلار قكاتارلىق تۈرلۈك ناز نىمەتلەر خۇددى ھەرە كۆنىكىدىكى ھەرىلەردەك زىچ تىزىلىپ كەتكەن بولۇپ، كاتتا ھەشەمەت ۋە باياشاتچىلىقتىن دېرەك بىرىپ تۇراتتى. @gEUm_#HTs  
ئادەتتە يېزا رەھبەرلىرى ئايدا بىر ئىككى قېتىم زېرىكىپ قالغانلىرىدا ،ۋە ياكى  ئېزىز مىھمانلىرى(يۇقۇرىدىن كەلگەن باھالاش ئۆمىكى ياكى يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار) كىلىپ قالغان ۋاقىتلاردا ئۇلارنى يېزا ئورگىنىداكۈتسە تۈزۈمگە خىلاپ بولۇشىدىن قورقۇپ ‹‹تاماققا باشلاش›› باھانىسىدا بۇ يەرگە ئېلىپ كىرىپ كۈتۈپ مەمنۇن قىلاتتى.بۈگۈنكى بۇ سورۇندا ساۋۇت خابانىڭ  ‹‹گۈزەل مەلىكىلىرى››مۇلازىمەتكە ھازىر بولۇپلا قالماي يەنە، بازارلىق باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ‹‹گۈلى›› ھېساپلىنىدىغان دۇتاردىن چاڭ  چىقىرىۋېتىدىغان گۈزەلنۇر تومۇچۇقمۇ ‹‹ئالاھىدە تەكلىپ›› بىلەن قاتناشقان ئىدى.ئۇنىڭ يولدىشى شۇ مەكتەپنىڭ ئىلمى مۇدىرىلىققا يېقىندا ئۆستۈرۈلگەن بولۇپ،ئۇ‹‹خوتۇنىنىڭ يېزا باشلىقلىرى ئۈچۈن دۇتار چېلىپ بىرىپ ھاردۇق سوراپ قوشۇمچە خىزمەت قىلىشى››نى توغرا چۈشىنىپ قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغان،كۈنچىلىك قىلمايدىغان ‹‹ زامانغا باققان مەدەنى›› كىشى ئىدى. net@j#}j-  
ئەمدى تونۇشتۇرۇشنى توختۇتۇپ تەسۋىرنى قىزىپ كەتكەن سورۇن ئەھۋالىغا بىرەيلى. بۇنداق سورۇنلاردا ئادەتتە ۋاقىراپ جاقىراپ ھەممىنى قورقۇتۇپ يۈرىدىغان ساۋۇت خابا چىرايىددىن تەبەسسۇم،ئاغزىدىن  كۈلكە چاخچاق چۈشۈرمەي بۇ سورۇننىڭ ‹‹قىزىقچى تۇداخۇنى››غا ئايلىناتتى. jRlYU`?  
بۈگۈنكى ئولتۇرۇش مىھمانلارنىڭ ساۋۇتنى ھەجۋى قىلىپ چاخچاق قىلىپ كۆڭۈل ئېچىشى بىلەن باشلاندى.ئادەتتە لەقىمى تىلغا ئېلىنسا تە بولۇپ توقۇمنى قارنىغا ئالىدىغان ساۋۇت، بۇ يەردە قانچە كەمسىتىلسىمۇ چاخچاققا يۆلەپ كۈلۈپ ئۆتكۈزىۋېتەتتى.پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بۇ مىھمانلارنى خوش قىلىش ئۈچۈن تىرىشىپ، ئىلكىدە بارنىبۇنداق سورۇنلارغا ئايىماي تۆكەتتى.بۇنىڭ پايدىسىغا  ئۇلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ تىجارەتلىرىنى ئوڭۇشلۇق يۈرگۈزەتتى. 2a)xTA#  
يېزىلىقلار‹‹ قا شاڭجاڭ›› دەپ ئاتاپ ئادەتلەنگەن، يوغان قوساق سېلىپ تۇلۇمدەك سەمرىپ كەتكەن،بوينى بۇقىنىڭ بوينىدەك كۆپۈپ تۇرىدىغان  يېزا باشلىقى قاسىم ئالدى بىلەن چاخچاق باشلىدى:  _"yh.N&  
-ساۋۇتاخۇن، بويۇڭلار تۇداخۇندىنمۇ پاكار تۇرۇپ نىمىدەپ رامبودەك قاۋۇل خوتۇن ئېلىۋالدىڭلار؟جېنىڭلارغا چۈشلۇق بىرەرسىنى ئالساڭلار بولمامدۇ؟ Ta0|+IYk<  
  -سىلىچە كىمنى ئالسام توغرا بولاتتى قا شاڭجاڭ؟ {z5--TogJ  
-سىسلىگە نۇرالاخاندەك يوغان خوتۇن ئەمەس، ‹‹ئىللىق دۇنيا مېيىپلار سەنئەت ئۆمىگى››نىڭ قىزلىرى مۇۋاپىق كىلىدىكەن.شۇلاردىن بىرەرنى ئالغان بولساڭلا بوپتىكەن ئەسلى . { 
-ئىلتىپاتىڭلىغا رەخمەت شاڭجاڭ،بوسا بىرەرسىنى بى تونۇشتۇرۇپ، قوش خوتۇنلۇق قىلىپ  قويمامسىلە مىنى؟ ~W'{p  
  -مەن ئېلىپ  بەرگەن بىلەن نۇرالاخاننىڭ كۈنچىلىكى كىلىپ، ئىككىڭلىنى ئىككى توشقاننى تۇتقاندەك پۇتۇڭلاردىن تەتۈر تۇتۇپ كۆتۈرۋېلىپ ئۈسۈشتۈرۈپ يۈرۈپ ۋايجىنىڭلىنى چىقىرىۋىتەرمىكىن؟  
  -ھەركىم بېشىدىن ئۆتكەننى سۆزلەيدۇ دىيىشىدىكەن.بىز دىگەن خۇنەن خورىزىدەك راۋرۇس ئوغۇل بالا جۇمۇ!ھەرقايسىلىرىدەك خوتۇننى كۆرسەك مۈشۈكنىڭ ئالدىدىكى ساچقاندەك بولاپ قالمايمىز. wssRA?9<  
قادىر جاۋاپ قايتۇرۇپ بولغىچە شوردوڭ كەنتىنىڭ مۇدىرى ۋايىتباشلىقىغا بولۇشۇپ، ساۋۇتنى گەپتە سوقۇش ئارقىلىق قادىرغا ئۆزىنىڭ ھەر جەھەتتىن سادىق غالچا ئىكەنلىكىنى كۆرسۈتۈپ قويغۇسى كىلىپ كەتتى: %XDc,AR[  
-ساۋۇتاخۇن،پونى ئازراق ئېتىڭلا دەيمە،ھازىر پونى تازا ئاتقان بىلەن نۇرالاخان  كىرىپ قاسا مۈشۈكتىن قاچقان ساچقاندەك قورقۇپ كىتىپ ،كىرىۋالىدىغان كامار تاپالماي قالماڭلار يەنە؟ Sq V},  
ۋايىتنىڭ لەقىمى ئىنەك ئىدى.ساۋۇت دەرھال ۋايىتنى چاخچاقتا پۇتلاپ ھازىرجاۋاپلىق ماھارىتىنى كۆرسەتتى: $9#H04.x  
-ساچقان قاچسىغۇ كامارغا كىرىۋالا.بۇقىدىن قاچقان ئىنەك بوسا نەگە كىرىۋالا؟ c|y(2K)o[=  
ۋايىت ئۆپكىدەك قىزىرىپ دەمال بىرنىمە دىيەلمەي كىكەچلەپ قالدى.ئاڭغىچە كونا قۇدۇق كەنتىنىڭ شۇجىسى راخمان چاخچاققا ئارىلاشتى. ئۇنىڭ لەقىمى ماز ئىدى: G6P?2@  
-ساۋۇتاخۇن ئاڭلىساق سىسلىنى نۇرالاخان ئاخشىمى بوزەك قىلىپ يوتقىنىغا كىرگىلى قويمايدۇ دەيدۇ.كىرگىلى قويمىسا نەدە ياتىسىلە؟ ZY55|eE  
- نەدە ياتاتتىم ،خوتۇن كونا كۆرپىلەردىن چۇۋۇپ  تاشلاپ قويغان مازنىڭ تۆپىدە ياتىمەن. zkrM/ @p#  
كۆپچىلىك پاراققىدە كۈلۈشۈپ كەتتى. -HbC!w v  
راخمانمۇ تازا ئۆڭدى، شۇنداقتىمۇ تەن بەرمەي چاخچاقنى داۋاملاشتۇردى: z+wA rPxc  
-ساۋۇتاخۇن ،باياتىندىن بېرى مەن خوتۇنۇمدىن قوقمايمە دەپ تازا پو ئاتتىڭلا، ماقۇل سىسلىنى خوتۇنىدىن قوقمايدىمۇ دەيلى ،خوتۇنۇڭلا بىلەن ئۇرۇشۇپ قاساڭلا يا بويۇڭلا يەتمىسە قاندا ئۇرۇسىلە؟ ".V$~n(  
-بىزنىڭ خوتۇننىڭ مەسىلىسىنى قويۇپ تۇرىلى راخمىناخۇن،قايسى كۈنى خوتۇنۇڭلا گۆش لازىم بولاپ ئالدىمغا كەپتىكەن، ئىككەيلەن گەپ تالىشىپ ئۇرۇشۇپ قاغان،قانداق ئۇرىدىغىنىمنى ئاخشاملىققا خوتۇنۇڭلىدىن سورىساڭلا دەپ بىرىدۇ... faX#**r  
ساۋۇت گەپكە چاققان،چاخچاققا ئۇستا ئىدى،بۇنداق سورۇنلاردا ھىچكىمگە گەپ بەرمەيتتى.ئۇلار چاخچاقتا بارغانسېرى تاپتىن چىقىپ، ئېغىزغا ئالغۇسىز بىمەنە چاخچاقلارنى قىلىشقاچ داستىخاندىكى مەزەلەردىن يىگەچ ئىچىشۋازلىقنى باشلىۋىتىشتى.گۈزەلنۇر خانىممۇ  قا دىرنىڭ يېنىدىن ئورۇن ئېلىپ ئولتۇرۇپ، قادىرغا ناز كەرەشمە ھۈنەرلىرىنى كۆرسەتكەچ ئەرلەر بىلەن تەڭ ئىچەلمىسىمۇ ئەرلەر ئىككىنى ئىچكەندە بىردىن ئىچىپ ،كۈلكە چاخچاقلارغىمۇ لايىقىدا ئارىلىشىپ بىللە ئولتۇردى. بىردەم ئىچىشكەندىن كىيىن يالغۇز تىرەك كەنتىنىڭ مۇدىرى سايىم كەيىپلىكتە قادىرنى ماختاشققا چۈشتى: %QGC8Tz  
-سىلىزە كارامەت ئىستىدات ئىگىسى جۇما قا شاڭجاڭ،خىزمەت قىلىشنىمۇ ،ئويناشنىمۇ بىلىلا! ئىشلەشنىلا بىلىپ ئويناشنى بىلمىگەن كادىرنى جىڭ كادىر دىگىلى بولمايدۇ جۇما! A]0 St@  
يەنە بىر مۇدىر ئۇنىڭ گىپىنى تەستىقلىدى: F?*-4I-  
-راس دەيسىلە سايىماخۇن،قا شاڭجاڭ ئالامەت كەسكىن باشلىق ، باشقا يېزىنىڭ شاڭجاڭلىرىدەك شۇجىنىڭ ئاغزىغىلا قاراپ ،قوپ دىسە قوپۇپ،ئولتۇر دىسە ئولتۇرۇپ ،قۇرۇق ئۆستەڭگە مىراپ بولۇپ ئولتۇرمايدۇ. ئىش دىگەننى كىسىپ- كىسىپ قىلىپ،دىيىشكە تىگىشلىكنى دەپ، يىيىشكە تىگىشلىكنى يەپ،قىلىشقا تىگىشلىكنى قىلىپ،پۇتۈن سۈرۈك بىر يېزىنى ئالقىنىدا ئوينىتىۋاتىدۇ. *8Xh(` Mj7  
-قوسىقىنىڭ كەڭلىگى،نىيىتىنىڭ دۇرۇسلىغىچۇ تېخى،بۇرۇنقى شاڭجاڭلار،نەپ دىگەننى ئېلىپ –ئېلىۋېلىپ،يەيدىغاننى يەپ يىۋېلىپ،ئۆزىنىلا سەمرىتىپ ،بىز بىلەن چاتىغى يوق ئادەملەر ئىدى.يۈزىنى قېلىن قىلىپ، قۇلاق يوپۇرۇپ يۈرىۋېرەتتى.قا شاڭجاڭ بوسا بىز بىلەن جاپادىمۇ ھالاۋەتتىمۇ بىللە،يەيدىغان چاغدىمۇ ئوينايدىغان چاغدىمۇ بىزنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ. بۇنداق باشلىقنىڭ كەگىنى بىزنىڭ تەلىيىمىز جۇما ! cWaSn7p!X  
-ئادەم خىزمەتكىلا بىرىلىپ ئويۇنغا ۋاقىت چىقىراممىسا،ھادۇق چىقمايدىكەن،خىزمەتنڭ مەززىسمۇ بوممايدىكەن.ئىلگىرى كالىدەك ئىشلەپتىكەممىز.خىزمەتنىڭ جاپاسىنى كۆرۈپ، راھىتىنى كۆمەپتىكەممىز.قا شاڭجاڭ كەگەندىن بۇيان،خىزمەتنىمۇ قىلىدىغان،ئوياننىمۇ ئوينىيالايدىغان بولدۇق.تەلىيىمىزگە قا شاڭجاڭ يېزىمىزدا ئۇزاق تۇغاي. Nq[uoaT  
-ھازىر بۇ خىل ئولتۇرشىمىز ئايدا بىرە ئىككى قېتىم بولىۋاتىدۇ.ئادەم راھەتنىڭ تەمىنى تېتىغاندا ئۇنىڭدىن كۆپرەك بەھرە ئاغىسى كىلىدىكەن.بۇندىن كىيىن مۇشۇنداق ئولتۇرۇشىمىز كۆپرەك بوسىكەن دەيمە. 5E;qM|Ns  
-كۆپرەك راھەت كۆرۈش ئۈچۈن پۇل كىتىدۇ دەيمە،ئوياننى كۆپرەك قىلىمىز دىسەك پۇلنى نەدىن تاپىمىز؟ 61>.vT8P  
-قاپاقۋاش نىمىكەنساۋا ئاداش-دىدى قادىر سۆزلىگۈچىگە تەنبىھ بىرىپ-پۇل دىگەننى ھازىرغىچە نەدىن تاپقان بوساڭ يەنە شۇ يەردىن تاپمامسەن؟ ‹‹ئۆيۈڭ سۇ بېشىدا بولسا سۇ ئىچىشتىن نىمە غەم›› دەپتىكەن.سېغىن ئىنىكى تۇرۇپ سېغىپ ئىچىشنى بىلمىگەن ئادەمنى ھاماقەت دەيمىز.ھەرقايسىڭنى بىردىن كەنىتكە باشلىق سايلاپ قويدۇق.كەنتىڭلاردىكى نەچچە مىڭ ئۆيلۈك دىخان دىگەن پۇل بولماي نىمە؟‹‹بەشتە بىر تۇتاش›› قىلىمىز دەپ دىخاننىڭ تېرىشتىن تارتىپ يىغىشقىچە بولغان بارلىق خىراجەت جەريانىنى ئالقىنىمىزغا ئېلىۋالدۇق.دىخاننىڭ ھەممە پۇلىنى بىز باشقۇرۇپ بەرگەندەك باشقۇرۇپ بىرىۋاتىمىز.شۇنداق تۇرۇپ پۇلدىن نىمە غەم قىلىسە؟ R6.hA_ih  
-راس دەيدۇ.قا شاڭجاڭ كارامەت ئەقىللىق جۇما!كىۋەز ئۇرۇق پۇلى،سۇلياۋ يوپۇق پۇلى،قوناق ئۇرۇق پۇلى،بۇغداي ئۇرۇق پۇلى،تىراكتۇر مەشغۇلات پۇلى،تاۋار يە پۇلى،ھاشا پۇلى دەپ يىل بويى دىخاندىن پۇل يىغىمىز.شۇنداق چاغدا ھەر مو يەر ئۈچۈن نەچچە پۇڭدىن ھەتتا نەچچە موچەندىن پۇلنى ئارتۇق چېچىۋەتسەك كىم بىلەتتى.ئۇ پۇللارنى كۈندە مۇشۇنداق سورۇن ئۇيۇشتۇرۇپ يەپ ئىچسەكمۇ تۈگەتكىلى بولمايدۇ ئەمەسمۇ؟ T{.pM4Hd  
-ھەي قاپاقۋاش-دىدى يەنە قادىر-  كۈندە بەزمە مەشرەپ ئويناپ يەپ ئىچىۋەرسەڭ خەقنىڭ پىكرى چىقمامدۇ؟ ئويۇن- تاماششا دىگەن سىغا –پاتا لايىقىدا بولغىنى ياخشى.‹‹يىيىشنىلا بىلىپ سىڭدۇرۇشنى بىلمىگەن ئادەم نەپسى بالاسىدىن ئۆلەر››دىگەن گەپ بار.ئويلاپراق گەپ قىل. m)t;9J5  
پاھ-پاھ- پاھ،يەنىلا چوڭنىڭ ئەقلى چوڭ- دە،قا شاڭجاڭ توغرا ئېيتتى.ھەر ئىش قىلغاندا ئاقىۋىتىنى ئويلاپ قىلىش كىرەك.مىنىڭچە پۇلنىمۇ تاپايلى،ئويۇننىمۇ لايىقىدىراق ئوينايلى.ھەممىمىڭلارغا مەلۇم، ھەممىمىزنىڭ كەنتىدە بىزگە ئاپشاركىدەك تىكىلىپ تۇرىۋاتقان،ئىز بېسىپ ھەر بىر ئىشىمىزنى كوچىلاپ موللاق ئاتقۇزۇش كويىدا بولىۋاتقان پىتنىخور ئەرزىخولار ئاز ئەمەس،تېخى بۇلتۇرلا بىرنەچچىسى ئۈستىمىزدىن ئەرز ئېيتىپ مەركەزگىچە بېرىپ كەلدى.شۇڭا ئىھتىيات قىلماي بولمايدۇ. 2d #1=+V  
-‹‹ئىتتىن قوققان گاداي بولماس›› دىگەن گەپ بار. بۇنداق قوققىلى تۇساق نېنىمىزنىمۇ يىيەلمەيمىز.پۇلنىمۇ تاپايلى- شاڭ چىقارماي تاپايلى.ئويناشنىمۇ ئوينايلى- بۇس چىقارماي ئوينايلى.مىنىڭچە ئويۇننى مەشەدە،ھەپتىدە بىر ئوينىساق قانداق؟ @ $ ;q ;  
-چىقىمنى قانداق چىقىرىمىز؟ Eu d*_>|  
-قاتا چاي ئوينىغاندەك نۆۋەتلىشىپ چىقىرىمىز.ھەربىر كەنىت رەھبەرلىرى بىر ھەپتىدىن نۆۋەت ئېلىپ، ھەر يەكشەنبە كەچ باشقىلارغا سايىپخانلىق قىلساق، نەچچە ئايدا بىر نۆۋەت كىلىدۇ.بىزگىمۇ تەس كەممەيدۇ.ئويۇنمۇ ئوبدان داۋاملىشىدۇ. ^e_hLX\SW  
-ھەببەللى ما ئەقىل جايىدا،ئەمىسە شۇنداق قىلايلى.پىلانىمىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشى ئۈچۈن خوشە! qZtzO2Mt  
... QvlObEhcS  
ئۇلار مۇشۇ تەرىزدە تا يېرىم كىچىگىچە ئويناپ كۈلۈپ يەپ ئىچىشتى.بىردە گۈزەلنۇر خانىمنىڭ شوخ دۇتارلىق ناخشىلىرىغا كەلتۈرۈپ ئۇسۇل ئويناشسا،بىردە لازىر نۇرلۇق دىسكا قويغۇچ ئارقىلىق تانسا مۇزىكىلىرىنى قويۇۋېلىپ گۈزەلنۇر خانىم ۋە ساۋۇتنىڭ قىزلىرى بىلەن بەل قورۇشۇپ، ھاياسىز بېقىشىپ،بەزىلىرى ھەتتا ماگنىتلانغاندەك چاپلىشىپ،  تانسىغا چۈشۈشۈپ كۆڭۈللىرىنى شات ئىتىشەتتى. {OkV%Q<  
ۋاقىت يېرىم كىچىلەردىن ئاشقاندا سورۇندىكىلەر قادىر بىلەن گۈزەلنۇرنىڭ بەكرەك كۇسۇرلىشىپ چاپلىشىپ قېلىۋاتقانلىقىنى سېزىپ، سورۇننى ئاخىرلاشتۇرۇپ تارقاشنى قارار قىلىشتى. كەنىت ئەمەلدارلىرى ئوڭغۇل- دوڭغۇل دەسسىشىپ سىرتقا چىقىپ، ھارۋىلىرى ئۈستىدە مۈگدىشىپ ئولتۇرغان ھارۋىكەشلىرىنى چاقىرىشىپ ئۇلارنىڭ يۆلىشى بىلەن ھارۋىلىرىغا چىقىشىپ ئۆيلىرىگە قايتىشتى. yy^q2P  
يېزا باشلىقى قادىر بولسا كىتىشكە ئالدىرىمىدى.بىر ئىشارە بىلەن ساۋۇت ئۇنى ئىككىنچى قەۋەتتىكى ئۆزىنىڭ مىھمانخانا ئۆيىگە باشلاپ چىقىپ ئورۇن سېلىپ بەردى.گۈزەلنۇر خانىممۇ قادىر بىلەن بۇرۇنلا پۈتۈشۈۋالغان بولغاچقا، قادىر چىقىپ كىتىپ بولغاندىن كىيىن ئاستا ئارقىسىدىن چىقىپ، ئۆزىگە تونۇش بولۇپ كەتكەن مىھمانخانا ئۆيگە كىرىپ يىشىندى- دە قادىرنىڭ قوينىغا كىرىپ مۇڭلۇق سايراپ بىرىشكە باشلىدى... !Y0Vid  
ئۇلار بىر بىرىگە راسا قېنىشىۋالغاندىن كىيىن، تاڭ ئاتارغا يېقىن ئۇستىنكى قەۋەتتىكى مىھمانخانىدا ئارام ئېلىپ ياتقان قادىرنىڭ شوپۇرى رۇستەم گۈزەلنۇرنى قادىرنىڭ ماشىنىسىغا چىقىرىپ ئۆيىنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ قويۇپ كىلىپ ئاندىن يەنە ئارامىنى ئالدى. mZS >O_E  
بۈگۈن ساۋۇت خابانىڭ مەخپى قىمارخانىسىدا  قىمار قىزىپ كەتتى.بۈگەنكى قىمارغا ناھىيە ئاتلاپ ئەتراپتىكى خوشنا ناھىيەلەرنىڭ داڭلىق قىمارۋازلىرىمۇ كەلگەن بولۇپ ،ي ناھىيەسىدىن كەلگەن غالىپ جەمشىد،س ناھىيەسىدىن كەلگەن شىرىپ شىجىكاڭ،پ ناھىيەسىدىن كەلگەن ھېكىم تۈلكە، م ناھىيەسىدىن كەلگەن قاسىم گاۋجېن قاتارلىق داڭلىق قىمارۋازلار بار ئىدى. ئۇلار قىمار ئۈچۈن نەچچە تۈمەندىن پۇل غەملەپ ئالايىتەن كىلىشكەن ئىدى.ئۇلار ساۋۇت خابانىڭ تونۇردا  ئوخشىتىپ پىشۇرغان ئوغلاق كاۋىپىدىن تويغىچە يەپ پۇلىنى ساۋۇتنىڭ دىگىنى بويىچە  بىرىپ، بىرەر پىنەكتىن چىكىشىۋالغاندىن كىيىن قىمارنى باشلىۋېتىشتى. { M4gF8(M  
سورۇنغا ساۋۇت كىرىپ چىقىپ يۈرۈپ،  كېرەكلىك نەرسىلەرنى تېپىپ بىرىش،ئامانلىق چارلاش مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللاندى.قىمارخانىدا بولسا بۇ قىمارخانىنىڭ ‹‹قىمار خانىشى››ساۋۇتنىڭ قىزى گۈلسەنەم قىمارۋازلارغا كورت تارقاتقاچ ئۇتقان قىمارۋازلاردىن چوتا ئېلىپ يېنىنى توملاش ئۈچۈن  ئولتۇردى.ئۇلار ھەممىسى داڭلىق قىمارۋازلار بولۇپ ھەر بىرى قىمارنىڭ مەلۇم تۈرىگە باشقىلاردىن بەكرەك ماھىر ئىدى.غالىپ جەمشىد دىجۇغا،شىرىپ شىجىكاڭ شىشىخال ئويۇنىغا،قاسىم گاۋجىن كورت ئويۇنىغا،ھېكىم تۈلكە قىماردا ساختا ئىشلىتىشكە ماھىر ئىدى. O>b C2;+s  
ئۇلار ئالدى بىلەن بىرقانچە نۆۋەت ئىچ پۇشىقى ئۈچۈن  2-3يۈز يۈئەندىن پۇل تىكىشىپ ،ھەر بىرى بىردىن قارت ئېلىپ چوڭ كىچىك ئويۇنى ئويناشتى.چوڭ قارت ياكى كىچىك قارت ئۇتۇش شەرتىنى گۈلسەنەم بەلگىلەپ بەردى.ئۇلار بۇ ئاددى قىمار شەكلى ئارقىلىق بىر بىرىنى دەڭسەپ بېقىشتى.ئىككىنچى قېتىم تۆۋىنى بەش يۈز، يۇقۇرىسى مىڭ يۈئەندىن دو تىكىشىپ شىشخال ئويۇنى ئويناشتى.بۇ قىماردا شىرىپ شىجىكاڭ ھەممىسىنى ئۇتۇپ يېرىم سائەتچە ۋاقىت ئىچىدىلا ئىككى تۈمەنگە يېقىن پۇل ئۇتۇۋالدى.ئۈچىنچى قېتىم ئۇلار تۆۋىنى مىڭ يۈئەن يۇقۇرسى 4-5 مىڭ يۈئەندىن تىكىشىپ دىجۇ ئويناشتى.بۇ ئويۇندا ھېكىم تۈلكە بىرەر تۈمەن،غالىپ جەمشىد 4-5 تۈمەن پۇل ئۇتۇۋالدى.ئاخىرىدا ئۇلار شاڭگاڭ قىمار كىنولىرىدىكى قىمار شاھلىرىغا تەقلىد قىلىپ، ھەر بىرى بەشتىن قارت ئېلىپ بەسلىشىپ، ئۇتقان ئۇتتۇرغاننى بەلگىلەيدىغان قارت ئويۇنىغا تۈمەنلەپ پۇل تىكىشىپ كىرىشىپ قالدى.بۇ خىل قارتتا ھەر بىرىنىڭ تۆتتىن قارتى ئېچىقلىق تۇرۇپ، بىردىن قارتى دۈم كۆمتۈرۈگلۈك ھالەتتە يېپىق ھالەتتە تۇراتتى.بىرىنچى مەيداندا ھېكىم تۈلكىگە ئۈچ ماتكا،شىرىپ شىجىكاڭغا تۆت ئونلىك،قاسىم گاۋجىنغا رەڭ قاتار ،غالىپ جەمشىدكە ئۈچ كارۇل  چىققان بولۇپ ھەممىسى ئۆز قارتلىرىغا ئىشىنىپ بىر تۈمەندىن پۇل تىكىشكەن ئىدى.شىرىپ شىجىكاڭ ھەممىنى ئۇتۇپ باشقىلارنىڭ ئۈچ تۈمەن پۇلىنى بىر قېتىمدىلا يىغىۋالدى. kzQ+j8.,U  
ئىككىنچى قېتىمدىن باشلاپ ئۇلار ھەر بىرى بەشتىن قارت ئېلىپ، ئۈچتىن قارت ئالماشتۇرۇپ، چوڭ كىچىكلىكىنى سېلىشتۇرۇپ، ھەممىدىن چوڭ قارت چىققىنى ھەممىسىنى ئۇتۇدىغان قارت ئويۇنىنى تاللاپ ئويناشقا باشلىدى.بۇ ئويۇن بىرنەچچە نۆۋەت ئوينالغاندىن كىيىن، ھېكىم تۈلكە بىلەن قاسىم گاۋجىن ھەممە پۇللىرىنى ئۇتتۇرۇپ قاق سەنەم بولۇپ كەتتى.قاسىم پۇللىرىنىلا ئەمەس بەلكى، ھەيدەپ كەلگەن يۈز نەچچە مىڭ يۈئەنگە يارايدىغان  ئىسىل ماشىنىسىنىمۇ غالىپ جەمشىدكە ئۇتتۇرىۋەتكەن بولغاچقا، بىر بۇلۇڭغا چۆكۈپ دەردىنى نىشىدىن ئېلىشقا باشلىدى.ھېكىم تۈلكە بولسا ئۇتتۇرىۋەتكىنىگە چىدىماي قاتۇرۇپ قويغان مۇز ھەيكەلدەك مۈكچىيىپ ئولتۇراتتى.ئاخىرىدا غالىپ جەمشىد بىلەن شىرىپ شىجىكاڭ ئىككىسى قېلىپ بىر بىرى بىلەن دو تىكىشىپ يەنە شۇ بەش قارت ئويۇنىنى داۋاملاشتۇردى.قارت تارقىتىلىپ تۇراقلاشقاندىن كىيىن شىرىپقا تاپاننىڭ ئونلىكى،ساللات،ماتەك ۋە كارولى چىققان بولۇپ، قارتلىرىنڭ تۆتى ئوچۇق بىرسى يېپىق تۇراتتى.غالىپقا بولسا چىتىرنىڭ 7لىكى، 8لىكى ۋە ئىككى ئون چىققان بولۇپ قارتلىرىنڭ يەنە بىرسى يېپىقلىق ھالەتتە ئىدى. ئىككىسى يۇقارقى قارتلىرىغا ئاساسەن ھەرقايسىسى ئۆزىنىڭ ئۇتۇشىغا ئىشىنىپ دو تىكىشىۋەرگەچكە، بارا بارا سورۇنغا تۈمەن -تۈمەنلەپ پۇل دۆۋۈلىنىپ كەتتى.باشتا غالىپ  بەش مىڭ  يۈئەن پۇل تىكىۋىدى،شىرىپ ئونمىڭنى تىكتى.شۇنىڭ بىلەن غالىپ ئونمىڭنى قوشتى.ئۇلار قىزىشىپ بىر بىرىنى مەڭسىتمەي ئاخىرىدا ھەر بىرىنىڭ تىككەن پۇللىرى يۈزمىڭ يۈئەندىن بولۇپ قالغاندىلا توختىشىپ بىر بىرىنىڭ قارىتلىرىنى كۆرۈشۈپ ئۇتقان ئۇتتۇرغاننى ئايرىشماقچى بولۇشتى. شىرىپنىڭ يېپىقلىق قارتى تاپان تۇزى بولۇپ ئۇنىڭغا رەڭ قاتار چىققان.غالىپنىڭ يېپىقلىق قارتى ئونلىك غىش بولۇپ ئۇنىڭغا ئۈچ ئون چىققان ئىدى.شۇنىڭ بىلەن غالىپ جەمشىد شىرىپ شىجىكاڭنىڭ يۈزمىڭ يۈئەن پۇلىنى بىر قېتىمدىلا ئۇتۇۋالدى. گۈلسەنەم پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ ئۇنىڭدىن بەش مىڭ يۈئەن چوتا ئېلىۋالدى. 3 
‹‹يىقىلغان چېلىشقا تويماپتۇ›› دىگەندەك شىرىپنىڭ بۇنداق ئاسان بولدى قىلغۇسى كەلمىدى.ئۇنىڭ يېنىدا يەنە ئىككى تۈمەنچە پۇلى بار ئىدى.لىكىن كاللىسى قىزىپ قالغاچقا يەنە چوڭ ئويناپ ئۇتتۇرىۋەتكەنلىرىنى ھەسسىلەپ قايتۇرىۋالغۇسى  كەلدى.ئۇ غالىپقا قاراپ: HSE!x_$  
- بۈگۈن يا ئۇيان يا بۇيان ،ئوينىغاندىكىن تولۇق ئاخىرلاشتۇرايلى.بۇ قېتىم 20تۈمەندىن تىكىشىپ ئوينايلى،قانداق؟ -دىۋىدى،غالىپ: RNEp4x  
-سەندە يەنە كۆپ پۇل بار ئوخشىمامدۇ؟يەنە نىمەڭنى تىكىسەن؟-دەپ سورىدى. UJAv`yjG  
شىرىپ مەيدىسىگە مۇشتلاپ: abmYA#  
-مەندە كۆپ پۇل قالمىدى.لىكىن تېخى ئالدىنقى ھەپتىلا 240مىڭ كويغا سېتىۋالغان يېڭى ماشىنام بار.مەن شۇنى 200مىڭغا ھېساپلاپ تىكىمەن قانداق؟ 0y'H~(  
-ئاداش،بولدى قىلساق قانداق؟ سەن گەرچە ئون تۈمەننى ئۇتتىرىۋەتكەن بولساڭمۇ قولۇڭدا يەنە خېلى پۇلۇڭ بار.قارىسام سەندىن ئامەت قاچقاندەك تۇرىدۇ.ئەمدى  بولدى قىل!ماشىناڭنىمۇ ئۇتتۇرىۋەتسەڭ پىيادە قالمىغىن يەنە؟ mA}TJz  
- كىم مەندىن ئامەت قاچتى دەيدۇ؟ئەتىگەندىن بۇيان ئۇتقىنىمنى كۆرمىدىڭمۇ؟ بىر قېتىم ئۇتتۇرسىلا ئامەت قاچقان بولامدىكەن؟قوققان بولساڭ مەيلى،بولمىسا ئوينىغىنىم ئوينىغان! K*vt;L  
-بوپتۇ ئەمىسە،ھېلى پىيادە قالغان چاغدا مىنى ئاگاھلاندۇرمىدى دەپ مەندىن خاپا بولماڭلا ئەمىسە ئاداش،بىز قىماۋازلانىڭ ئادىتىنى بىلىسىلە،ئۇتۇۋالغاندىن كىيىن يۈز خاتىر قىلىدىغان ئىش يوق. |/|5UiX7  
-بولدى –بولدى تولا پوپۇزا قىلىۋەرمىگىنە ئوينامسەن- يوق؟ O_ muD\  
-بولدى ئويناي،ئويناي،ئەمىسە باشلىدۇق،قېنى گۈلسەنەم قارت تارقىتىڭە! ]KKS"0a  
-قايسىڭلار ئۇتساڭلا ماڭا بەشمىڭ چوتا بىرىسىلە جۇمۇ ئەمىسە؟ F`9xVnK=  
-چوتا سىزدىن ئايلانسۇن،جېنىمنى دىسىڭىزمۇ بىرىمەن،قېنى تومۇچۇقۇم قارتنى بىر تارقىتىۋىتىڭە –دىدى غالىپ جەمشىد ئۇنىڭغا يەۋەتكۈدەك شەھۋانى نەزەردە تىكىلىپ قاراپ.گۈلسەنەم غىلجىڭشىپ قويۇپ قارت ساناشقا باشلىدى. t:x\kp  
بۇ دۆرەممۇ ھەر بىرىگە  باشتا ئۈچتىن كىيىن ئىككىدىن جەمئى بەشتىن قارت تارقىتىپ بىرىلدى.بۇ قارتلارنىڭ تۆتى ئوچۇق.بىرسى يېپىق ھالەتتە ئىدى. غالىپ جەمشىت بايا ئۇتىۋالغان ئىككى يۈزمىڭ يۈئەننى ،شىرىپ شىجىكاڭمۇ ماشىنىسىنىڭ تالۇن،ئاچقۇچ ۋە رەسمىيەتلىرىنى دو قىلىپ ئوتتۇرىغا قويدى.باياتىندىن بېرى ئىچىپ- چىكىپ ئولتۇرغان باشقا قىمارۋازلارمۇ ئىككى قىمارۋازنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان بۇ چوڭ قىمارنى كۆرۈش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئەتراپىغا ئولۇشۇپ بويۇنداشتى.بۇ دۆرەم شىرىپ شىجىكاڭنىڭ ئوچۇق قارتلىرى ئۈچ ماتەك،بىر ئونلۇق بولۇپ، ئاخىرقى بىر قارتى يېپىقلىق ھالەتتە ئىدى.غالىپ جەمشىدنىڭ ئوچۇق قارتلىرى ئۈچ توققۇزلۇق،بىر كارۇل بولۇپ ئاخىرقى بىر قارتى يېپىقلىق ئىدى.قارىماققا بۇ نۆۋەت شىرىپ شىجىكاڭنىڭ تەلىيى ئوڭدىن كەلگەندەك قىلاتتى.ئىككىسىنىڭ بارلىق دەسمىسى بىر قېتىمدىلا ئوتتۇرىغا تاشلانغان بولغاچقا ھەيۋە قىلىشىش،دو قويۇشۇشلار بولمىدى. ئەمما، ھەر ئىككىلىسىنىڭ يۈرىكى  خەۋىپتىن ئەنسىرىگەندەك  تېز- تېز سوقماقا ئىدى.پەقەت ئىككىلىسىنىڭلا يېپىقلىق قارتلىرى ئېچىلىپ قارشى تەرەپكە كۆرسىتىلسىلا يېڭىش يىڭىلىش ئايدىڭلىشاتتى.غالىپ جەمشىد قارتىغا بىر قارىۋالغاندىن كىيىن شىرىپ شىجىكاڭغا قاراپ: I3{PZhU.  
-ئاداش،ئىشىڭلا يەنە چاتاقتەك قىلىدۇ.يېپىق قازاننى يېپىق پېتى قويساق قانداق-دىۋىدى.ئۆزىنىڭ ئۇتۇشىغا زور ئىشەنچ باغلاپ تۇرغان شىرىپنىڭ جۇدۇنى ئۆرلىدى: 2G & a{  
-ئادىش،بايا ئۇتتۇرىۋېتىپ مەنمۇ چىدىغان،تولا پوپاڭچىلىق قىلماي قارتىڭلارنى بىر ئېچىڭلا!-دىدى گۈركىرىگەندەك.غالىپ جەمشىد مىيىقىدا كۈلۈپ قويۇپ: `!3SF|x&  
-بوپتۇ ئەمىسە ئاداش،ئۆز شورۇڭلا ئۆزۈڭلىگە-دەپلا قارتىنى ئېچىۋىدى.ھەممەيلەننىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپلا قالدى.غالىپ جەمشىدنىڭ قولىدىكى قارت توققۇزلۇق تاپان ئىدى. >W=,j)MA  
شىرىپنىڭ كۆزىگە بۇ قارت ئەزرائىلدەك كۆرۈندىمۇ قانداق قارتقا قاراپ كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ بىر ھازا قېتىپ تۇرۇپ قالغاندىن كىيىن بوش ئاۋازدا: e9Wa<i 8  
-بوپتۇ،چىدىغانغا چىقارغان،ئۇتتاغىنمىغا تەن بەردىم- دىدى.غالىپ گۈلسەنەمگە يەنە بەش مىڭ يۈئەن تاشلاپ بىرىپ تاۋكادىكى پۇل ۋە ماشىنا رەسمىيەتلىرىنى يىغىشتۇرۇشقا كىرىشتى. +5g_KS  
قىمارۋازلار قىماردىن تارقىغاندا كىچە تۈن تەڭدىن ئاشقان بولۇپ غالىپ شىجىكاڭ قاسىم گاۋجىندىن ئۇتۇۋالغان ماشىنىنى ساۋۇت خاباغا ئامانەت قويۇپ،ھېكىم تۈلكە بىلەن شىرىپتىن ئۇتىۋالغان ماشىنىغا چىقىپ قايتىپ كەتتى.قاسىم گاۋجىن بىلەن شىرىپ شىجىكاڭ بولسا شۇ ئۆيدە قونۇپ قالدى. ]Grek<  
شۇ قېتىمقى قىمار جەريانىدا غالىپ جەمشىد بىلەن گۈلسەنەمگە ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىپ بىر بىرىنى ياخشى كۆرۈشۈپ قالغان ئىدى.بىر ھەپتىدىن كىيىن غالىپ جەمشىد ئامانەت قويۇپ قويغان ماشىنىسىنى ئالغىلى كىلىپ، پەيتنى توغرىلاپ گۈلسەنەمنى ئاقىچىپ كەتتى.ئۇلار ئۆيدىن بىللە چىقىپ كەتمىگەن،غالىپ جەمشىد ماشىنىسىنى ھەيدەپ چىقىپ كىتىپ 7-8 كىلومېتىر نېرىدىكى خوشنا يېزا بازىرىدا ساقلاپ تۇرغان.گۈلسەنەم ئارقىسىدىن كوچا ئاپتۇبۇسىدا بېرىپ ئاندىن ئۇنىڭ ماشىنىسىغا چىقىپ ئاندىن بىللە قېچىپ كەتكەن بولغاچقا، ھىچكىم ئۇنىڭدىن گۇمانلىنىشقا پېتىنالمىدى.ئادەتتە بويىغا يەتكەن قىزنىڭ باشقىلار بىلەن قېچىپ كىتىشى تۇرمۇشتا بار ئىش بولغاچقا،ساۋۇت خابا ئانچە بەك چىچاڭلاپمۇ كەتمەي قىزىنىڭ ئۇچۇرىنى ساقلاپ ئولتۇردى.نورمال ئەھۋالدا ئەر بىلەن قاچقان قىزنىڭ ئۇچۇرى ئۈچ كۈن ئىچىدە چىقىپ، ئەپقېچىپ كەتكەن يىگىت تەرەپ مال سويۇپ سوغا سالام تەييارلاپ، قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە ناماقۇللۇققا كىلىپ، توينىڭ مەسلىھەتىنى قىلىشاتتى. ئەمما ئۈچ كۈن ئۆتۈپ كەتسىمۇ گۈلسەنەمنىڭ ھىچبىر دىرىگى بولمىدى.تېلىفۇن قىلسىمۇ تىلىفۇنى ھامان ئىتىكلىك ئىدى.شۇنىڭ بىلەن قاتتىق ساراسىمىگە چۈشكەن ساۋۇت خابا ساقچىغا مەلۇم قىلدى.ساقچىلار قىزنىڭ سۈرىتىنى  ھەرقايسى ناھىيە شەھەرلەردىكى ج خ تارماقلىرىغا تور ئارقىلىق ئەۋەتىپ گۈلسەنەمنى ھەمكارلىشىپ ئىزدىشىپ بىرىشكە تەكلىپ قىلدى.بۇ گەپ مەشەدە تۇرۇپ تۇرسۇن ئەمدى گەپنى ساۋۇت خابانىڭ ئوغلى داۋۇتتىن ئاڭلايمىز. kUL' 1!j7  
داۋۇت كىچىكلىكىگە باقماي ئىچىش چىكىشنى ئۆگىنىۋېلىپلا قالماي، يەنە ئاق تاماكا چىكىشنى ۋە قىمار ئويناشنى ئۆگىنىۋالغان ئىدى.ئۇ كۈندىن كۈنگە ئورۇقلاپ چىرايى سارغىيىپ كىتىۋاتاتتى. ئاتا ئانىسى نىمە ئىشلىقىنى سورىسا دەپ بەرمەيتتى.ئۇنىڭ ئۈستىگە دادىسىنىڭ تاپقان پۇللىرىنى ئاستا –ئاستا چاندۇرماي ئاق تاماكىغا خەشلەپ تۈگەتمەكتە ئىدى.ئارىدىن ئىككى ئۈچ ھەپتە ئۆتۈپ كەتتى.ساۋۇت خابا قىزىنى ھىچيەردىن ئىزدەپ تاپالماي بېشى تازا قېتىپ تۇرغان پەيتتە يەنە بىر كۈنى ئوغلى داۋۇتمۇ مال سېتىۋالغىلى كەتكەن جايىدىن قايتىپ كەلمەي يوقاپ كەتتى.تەرەپ تەرەپكە پالاقلاپ ساقچىغىمۇ مەلۇم قىلىپ ئىزدىگەن بولسىمۇ ھىچيەردىن دېرىگى چىقمىدى. ساۋۇت  ھەممە تەئەللۇقاتىغا چىدىسىمۇ مۇشۇ ئوغلىغا چىدىمايتتى.ئۇنىڭدىن ئايرىلىش جېنىدىن ئايرىلىشقا باراۋەر ئىدى.ئۇ تازا غەمگە چۆكۈپ تۇرغان پەيتتە ئىككى كۈندىن كىيىن نامەلۇم بىر تېلىفۇن تاپشۇرىۋالدى.بۇ تېلىفۇن شىرىپ شىجىكاڭ بىلەن ھېكىم تۈلكىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇلار ھېلىقى كۈندىكى قىماردىن كىيىن تارتقان زىيىنىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن پۇرسەت كۈتكەن ۋە داۋۇتنىڭمۇ قىمارغا قىزىقىدىغانلىقىنى بىلىپ، ئۇنى باشقا بىر شەھەرگە تېلىفۇن ئارقىلىق چاقىرتىپ بېرىپ ‹‹قىلتاق قىمار›› ئۇيۇشتۇرۇپ دەسلەپكى نەچچە قېتىمدا ئۇنىڭغا 20-30مىڭ يۈئەننى ئۇتتۇرۇپ بىرىپ كىيىن ئۇنى چوڭ قىمارغا قىزىقتۇرۇپ ئۇتۇۋېلىپ ئۈچ يۈزمىڭ يۈئەن قەرىزدار قىلىپ قويغان ئىدى.ئۇلار ساۋۇتقا كىملىكىنى بىلدۈرمىدى. ساۋۇتقا:‹‹دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلماي ئۆزلىرىگە ئۈچ يۈزمىڭ يۈئەن نەق پۇل ئەكىلىپ بىرىشى كېرەكلىكى،پۇلنى ئەتە كەچكىچە بەلگىلەنگەن يەرگە ئەكىلىپ بەرمىسە داۋۇتنى ئۆلتۈرىۋېتىدىغانلىقى ياكى ئىچكىرىگە ئەكىرىپ ئادەم سودىگەرلىرىگە سېتىۋىتىدىغانلىقى›› ھەققىدە  تەھدىت سېلىپ تېلىفۇن بەردى. بۇ تېلىفۇننى ئېلىپ ساۋۇت خابانىڭ پۇت قولىدا جان قالمىدى.ئۇ ئوغلىغا خەتەر يىتىپ قېلىشنى خالىمايتتى.ئۇنى قۇتۇلدۇرۇش يولىدا  پۈتۈن ئەسلى-ۋەسلى كىتىشكە رازى ئىدى.شۇڭا دەرھال بانكىغا چېپىپ دەرھال 300مىڭ يۈئەن پۇل ئاجرىتىپ ماشىنىسى بىلەن ھېكىم تۈلكىلەر كۆرسىتىپ بەرگەن مەنزىلگە بېرىپ، يەنە تېلىفۇن ئارقىلق ئالاقىلىشىپ پۇلنى  ئاۋال ئۇلار كۆرسەتكەن جايغا قويدى.ئاندىن ئوغلى داۋۇتنى ئۇلارتېلىفۇندا  كۆرسىتىپ بەرگەن بىر قېلىن ئورمانلىققا بېرىپ،داۋۇتنى باغلاقلىق تۇرغان جايىدىن يىشىۋېلىپ،  بىر ھازا قۇچاقلىشىپ يىغلاشقاندىن كىيىن قايتۇرۇپ كەتتى.بۇ ئادەتتىكى تۇقۇن قىلىش ئەمەس،بەلكى قىمار ئارقىلىق قەرىز بولۇپ قېلىپ قەرىز قايتۇرۇش بولغاچقاساقچىغىمۇ مەلۇم قىلالمىدى. -lr vKrt7  
  يېقىندىن بۇيان يېزا كادىرلىرىنىڭ ئالاھىدە ئايرىمخانىدىكى ھەپتىلىك ئويۇنلىرى ئازلاپ قالدى.ساۋۇت سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرىۋىدى.يېزىدىن ناھەقچىلىككە چىدىمىغان دىخانلاردىن بىرنەچچىسى ئاپتونۇم رايۇنغىچە ئەرىز قىلىپ بېرىپتىكەن.ئۇلار ئەرزنى قوبۇل قىلىپ تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتمەكچى بوپتۇدەك .شۇڭا ئۇلار ھەممىسى جىددىلىشىپ پۇتى كۆيگەن توخۇدەك بولۇشۇپ ھېساپلىرىنى توغرىلاش،‹‹گۇناھىنى تاپىدىغان يوچۇق››لىرىنى ئىتىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كىتىشكەن ئىدى.دىگەندەك ئارىدىن ئىككى ھەپتىمۇ ۋاقىت ئۆتمەي ۋىلايەت ۋە ئاپتونۇم رايۇنلۇقئىنتىزام تەكشۇرۈش،ۋە رىۋىزىيە تارماقلىرىدىن كەلگەن  بىرلەشمە كادىرلار يىتىپ كىلىپ تەكشۈرۈشنى باشلىۋەتتى.ئۇلار ھەتتا ساۋۇتنىڭ ئۆيىگە كىلىپ ھېلىقى ئالاھىدە ئايرىمخانىنىمۇ تەكشۈرۈپ سۈرەتكە ئېلىپ، ساۋۇت خابادىن ئەھۋال ئىگەللىدى.ساۋۇت خابا كادىرلارنىڭ بۇ ئۆيگە كەلگەنلىكىنى قەتئى تەن ئالمىدى.ئىددىيەۋى تەربىيەلەرمۇ كار قىلمىدى.لىكىن،‹‹ ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك›› ئىدى. پاكىت دىگەن ئۇ يەردىن تېپىلمىسا بۇ يەردىن تېپىلاتتى.ئەلگە يامانلىق قىلىپ يىلىكىنى شورىغانلار ھامان جازاسىنى تارتاتتى.بىر ھەپتىگە سوزۇلغان تەكشۈرۈپ دەلىللەشتىن كىيىن تەكشۈرگۈچىلەر يېزا باشلىقى قاسىم قاتارلىق بىر قىسىم يېزا ۋە كەنىت دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ دىھقانلاردىن تۈرلۈك ناملار بىلەن ئارتۇق يىغىپ بۇزۇپ چېچىپ خەشلىۋالغان 380مىڭ يۈئەندىن ئارتۇق پۇلنى ئېنىقلاپ چىقىپ قايتىپ كىتىشتى. تەكشۈرۈش مەزگىلدە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ خىزمىتى توختۇتۇلۇپ تۇرۇلغان ئىدى.ئۇلار قايىپ كىتىپ ئون كۈنلەرچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن.يۇقۇرى دەرىجىلىك مەمۇرى ئورۇنلار،ئىنتىزام تەكشۈرۈش تارماقلىرى ۋە قانۇن ئورۇنلىرى ھەرقايسىسى ئۆز فونكىسسىيەسى بويىچە قاسىم قاتارلىق 18 كىشىگە پارتىيە ئىنتىزامى، مەمۇرى ئىنتىزام ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇنلار بويىچە ‹‹پارتىيەدىن چىقىرىش›› ‹‹خىزمىتىدىن قالدۇرۇش›› ھارام پۇل ماللارنى قايتۇرۇۋېلىش،جەرىمانە قويۇش،مۇناسىپ قاماق جازاسى بېرىش  قاتارلىق تۈرلۈك جازا تەدبىرلىرىنى قوللۇنۇپ، يېزا كەنىت ئورگانلىلىرىنى بىر قىسىم پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنڭ ئوبرازىغا داغ كەلتۈرىدىغان مىتە قۇرتلاردىن تازىلاپ، ئاممىنىڭ ئالقىشى ۋە قوللاپ قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشتى. ^&9zw\x;z  
ئەمدى گەپنى گۈلسەنەمدىن ئاڭلايمىز،غالىپ جەمشىدنىڭ ئۆيىدە ئەسلىدىنلا خوتۇنى بار ئىدى.ئۇ گۈلسەنەمنى توقال خوتۇنلۇققا ئېلىپ كۆڭۈل خوشى قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن ئېلىپ قاچقان ئىدى.شۇڭا ساۋۇتنىڭ ئۆيىگىمۇ ناماقۇللۇق سوراپ كىلەلمىگەن ئىدى. غالىپ جەمشىد ئۇنى سىرتقى جايلاردا بىرەر ئىككى ئايچە خوتۇن قىلىپ ئوينىغاندىن كىيىن ئۇنىڭدىن بارا بارا زېرىكتى. شۇنىڭ بىلەن كۆڭلىگە بىر شۇملۇقنى پۈكۈپ،ماشىنىلىرىنى سېتىۋېتىپ ،گۈلسەنەمنى شەھەر كۆرسۈتۈپ ساياھەت قىلدۇرۇش باھانىسى بىلەن گۇاڭجوغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇ يەردە ساياھەت ۋە قىمار بىلەن بىرەر ئايچە تۇرۇپ قالدى. كېيىن ئۇ يەردىكى قارا گوروھلار ئارا ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق قىمارغا قاتنىشىپ قېلىپ بارلىق پۇللىرىنى ئۇتتۇرۇپ بولۇپلا قالماي يەنە، گۈلسەنەمنىمۇ نامەرتلەرچە ئۇتتۇرىۋېتىپ ئاران دىگەندە ئۆزى قېچىپ قۇتۇلدى. 5 Aw"B  
گۈلسەنەم بۇ يەردە ياتلار قولىدا يەتكىچە خورلاندى. بالدۇر ئېچىلىپ جۇدۇنغا يولۇققان گۈلدەك بەرگىلىرى توزىدى.قاچاي دىسە قاچالماي ،ياشاي دىسە ئىنسانى قەدىر قىممىتى بولماي،جىنسى قۇل قىلىنىپ 2-3ئايچە سولىنىپ ياشىدى.ئۆمۈر بويى ئىسىدىن چىقمىغۇدەك ئاجايىپ قاباھەتلىك كۈنلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى.تاسادىپى بىر كۈنى خوجايىننىڭ دىققەتسىزلىكىدىن پايدىلىنىپ قېچىپ چىقىپ شۇ يەردىكى ساقچىخانىغا كىرىپ قۇتۇلدۇرۇشنى تەلەپ قىلغاندىن كىيىنلا ئەركىنلىككە ئېرىشىپ ،ھۆكۈمەت ۋە ج خ ساقچىلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن ئۆيىگە قايتىپ كىلەلىدى. GLH0 ]  
ساۋۇت خابا ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ بېشىغا شۇنچىۋالا كۈنلەر كەلگەن بولسىمۇ ئۇ يەنىلا ھۇشىنى تاپماي قاۋاقخانا ۋە ‹‹مىھمانخانا››سىدىكى ھارام تىجارىتىىنى داۋاملاشتۇرۇپ،ئىككى بالىسى ئۈچۈن تارتقان زىيىنىنىڭ ئورنىنى تولدۇرىۋالماقچى بولاتتى. x xHY+(m  
كونىلار ‹‹كوزا كۈندە سۇنمايدۇ،كۈنىدە سۇنىدۇ›› دەپ توغرا ئېيتقان ئىكەن.ساۋۇت خابانىڭ بۇ قاۋاقخانىسى ۋە مىھمانخانىسى تۈپەيلىدىن، يېزىدىكى نۇرغۇن ياشلار ھاراق ۋە زىناغا بىرىلىپ نەچچە ئون ئىناق ئائىلىدىكى ئەر-خوتۇنلار ئاجرىشىپ،نەچچە ئونلىغان بالىلا رتىرىك  يىتىم  بولۇپ قېلىشتى. يەنە بىر قىسم ياشلار قىمار تۈپەيلى بار يوقىدىن ئايرىلىپ،كاتتا بايلاردىن نامرات پېقىرلارغا ئايلىنىپ قېلىپ نىكاھى كىرىزىسقا ئۇچرىدى.  قانچىلىغان ھاراق ئىچىدىغان ئەرلەر ماشىنا چاقى ئاستىدا  دەسسىلىپ ياكى سوغاقتا توڭلاپ ئۆلۈپ،  بالىلىرىنى يىتىم ، ئاياللىرىنى ياش تۇل قىلىپ قويۇشتى. يەنە قانچىلىغان نومۇسلۇق يۈز ئابرويلۇق ئائىلىلەرنىڭ قىز-ئوغۇللىرى يولدىن چىقىپ ئەدەپ ئەخلاقنى شەرمى ھايانى بىلمەي كەيىپ ساپا كوچىسىغا قاتراپ ھايۋانلارچە ياشاشقا باشلىدى .خەلىق جىنايەت ۋە خىيانەت مەنبەسى بولغان ساۋۇت خابانىڭئۈچ قەۋەتلىك بىناسىدىن نەپرەتلىنىپ يۇقۇرىغا ئارىز سۇنۇشتى. 1SQ3-WU s  
مەلۇم بىر كېچىسى ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ ۋە تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ بىرلەشمە خادىملىرى پۇقراچە ياسىنىپ كىلىپ ،ساۋۇت خابانىڭ بىناسىنى قورشاپ، تېز ھەم تۇيۇقسىز تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى.بۇ چاغدا تاماقخانا تاقىلىپ بولغان بولۇپ،مەخپى قىمارخانىدا بۇ يېزا ۋە خوشنا يېزىدىن كەلگەن ئون نەچچە قىمارۋاز قىمار ئويناۋاتاتتى.نۇرالاخان ئۇلارنىڭ يېنىدا كورت تارقىتىپ بەرگەچ چوتا يىغىۋاتاتتى. بۇ ئۆينىڭ بۇلۇڭىدا بىرنەچچە ئۇتتۇرىۋەتكەن قىمارۋاز ساۋۇت خابادىن سېتىۋالغان نىشىلىرىنى قاپاق چىلىم بىلەن چىكىپ ئازاپلىرىنى ئۇنتۇشقا تىرىشىۋاتاتتى. gs^Xf;g vI  
گۈلسەنەم ھىلىقى پاجىئەدىن كىيىن قىمارۋازلارغا ئارىلىشىش،چوتا ئېلىشتىن قول ئۈزگەن ئىدى.ساقچىلار قىمارخانىغا تۇيۇقسىز باستۇرۇپ كىرىپ قىمارۋازلارنىڭ ھەممىسىنى زاڭ پۇللىرى ۋە چىكىۋاتقان نىشىلىرى بىلەن قولغا چۈشۈردى.بۇلار ئون نەچچە ئادەم ئىدى. ch*8 B(:  
بۇ چاغدا  ساۋۇت خابا ئۈستىنكى قەۋەتتىكى مىھمانخانا ئۆيلەرنىڭ بىرىدە مۇلازىمەتچى قىزلىرىدىن سانىيە ئىسىملىك بىرى بىلەن كارۋات ئۈستىدە كۆڭۈل ئېچىۋاتاتتى. ئۇ بۇ ئۆز ئۆيۈم دەپ قاپ يۈرەكلىك قىلىپ ئىشىكنىمۇ تاقىمىغان ئىدى.ساقچىلار باستۇرۇپ كىرگەندە ئۇ سانىيەنىڭ ئۈستىدە ئانىسىنى ئىمىۋاتقان بۇرۇتلۇق كىچىك بالىدەك قىپ يالىڭاچ  چاپلىشىپ ياتقان بولۇپ، ساقچىلارنىڭ پاكىت ئۈچۈن نەخ مەيداندىن تارتقان سۈرىتى تولىمۇ كۈلكىلىك چىققان ئىدى.ساقچىلار ئۇ ئىككىسىنىڭ كىيىملىرىنى كىيدۈرۈپ قولىغا‹‹بىلەيزۈك››سېلىپ قويغاندىن كىيىن OR P\b  
باشقا ئۆيلەرنىمۇ ئاختۇرۇپ،ساۋۇتنىڭ مۇلازىنەتچى قىزلىرى بىلەن كۆڭۈل ئېچىۋاتقان يولدىن چىققان بويتاق ياشلار،خوتۇن بالىلىرى بار تۇرۇپ بۇزۇلغان پاھىشىۋازلار،ياقا يۇرتلاردىن پاھىشە ئىزدەپ كىلىپ قونۇپ قالغان قېرى بۇزۇقلار، ئاشنىلىرى بىلەن كىلىپ بۇ يەردە قونۇپ ئىپپىتىنى سېتىۋاتقان يۈگەنسىز ئەرلىك خوتۇنلار، بولۇپ 20دىن ئارتۇق پاھىشىۋازنى نەخ مەيداندا تۇتۇپ قولغا چۈشۈردى. `P@<3]  
تۇتۇلغانلار دەرھال قوللىرىغا كويزا سېلىنىپ،2-3ساقچى ماشىنىسى بىلەن كېچىلەپ ناھىيىگە ئېلىپ كىتىلىپ ج خئىدارىسىنىڭ ۋاقىتلىق تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا ۋاقىتلىق توختۇپ قويۇلدى. ج خ كادىر ساقچىلىرى بىلەن تەپتىش ئورگىندىكىلەر ئۆز- ئارا ھەمكارلىشىپ تۇتۇلغانلارنى بىر بىرلەپ سوراق قىلىپ ئۇلارنى جىنايەتلىرىگە ئىقرار قىلدۇرۇشتى.دىلو مەلۇماتى ناھىيەلىك پارتىكوم ۋە خەلىق ھۆكۈمىتىگە،ۋىلايەتلىك قانۇن ئىجرا ئورۇنلىرىغا مەلۇم قىلىنغاندا ئۇلار،جىنايات تۈرلىرى ۋە چېتىلغان ئادەملەرنىڭ كۆپلىكىنى ئۇقۇپ قاتتىق چۆچىدى. ئۇلار تىزلىكتە قابىل قانۇن خادىملىرىدىن ئالاھىدە گۇرۇپپا تەشكىللەپ، بۇ دىلونى ئۈزۈل كىسىل ئېنىقلاپ چىقىش،بىرمۇ جىنايەتچىنى قانۇن تورىدىن قاچۇرۇپ قويماسلىق،ئادىل جازا بىرىپ بىرمۇ كىشىگە ئۇۋال قىلىپ قويماسلىق، خەلىق ئاممىسىنىڭ تەلىپى بويىچە ساۋۇتنىڭ ئۈچ قەۋەتلىك جىنايەت ئۇۋۇسىنى پىچەتلەپ، دىلو بىر تەرەپ قىلىنىپ بولغاندىن كىيىن پايدىلىق جامائەت ئىشلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىش توغرىسىدا يوليۇرۇق بەردى. M> 
ۋەقەدىن كىيىن چېتىشلىق ئادەم كۆپ،جىنايەت تۈرلىرىمۇ بىرقانچە خىل بولغاچقا، 4-5 نۆۋەت سوت ئېچىلىپ ساۋۇت خابا،نۇرالاخانلارنىڭ مۇلازىمەتچى قىزلىرى.قىمارۋازلار ۋە پاھىشىۋازلارغا.. بىر بىرلەپ جىنايى ئىشلار قانۇنى بويىچە جازا بىرىلىپ قانۇننىڭ ھەيۋىسى كۆرسۈتۈلۈپ نوپۇزى قوغدالدى.سوتتا نۇرالاخانغا ئون يىلللىق،ساۋۇتقا 20يىللىق قاماق جازاسى بېرلىپ بارلىق مال مۈلكى مۇسادىرە قىلىندى.ئىككى بالىسىنىڭ تۇرۇشى ئۈچۈن بۇرۇنقى كونا ئۆيلىرىدىن ئۈچ ئېغىز ئۆيى قالدۇرۇپ قويۇلدى. xWH.^o,"  
تۈگىدى.2011-يىل 5-پېۋرال كىچە سائەت بىر يېرىمدا يېزىپ تاماملاندى. }`@vF|2L  
6-پىۋرال سائەت بىر يېرىمدا قايتا تەھرىرلىنىپ ئاخىرلاشتۇرۇلۇپ تورغا يوللاندى. LRxZcxmy  
                           u4cnE"  

مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

تېتىقسىز

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Gusman
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.11837

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   228 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5851 (سوم)
 ياخشى باھا:   187 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   250  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 541
 سائەت
دەرىجىسى:
541 سائەت 109 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-27
ئاخــىرقىسى:2011-05-19
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 02-06

ئوبدان بوپتۇ  ، ھەر قانچە بىر ئىش بولسىمۇ چىكىدە بولمامدۇ ، ئاشۇرۋەتسە ئاخىرىدا r.&Vw|*>  
X=&ET)8-Y  
ئاشۇنداق يامان ئاقىۋەت چىقىدۇ .   بۇنى ئۆزىنىڭ شورىدىن كۆرسە بولىدۇ .
Merter007
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.18197

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   421 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5835 (سوم)
 ياخشى باھا:   164 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   216  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2458
 سائەت
دەرىجىسى:
2458 سائەت 62 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-20
ئاخــىرقىسى:2011-06-20
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 02-06

ياخشى بولسا ئېشىنى يەر، يامان بولسا بېشىنى دېگەن شۇ! 0@iY:aF  
---------------------- WlC:l  
تېما ئىگىسىگە: سىز بۇزۇقچىلىققا ئائىت تېمىلارنى يېزىشقا بەك ھىرىس ئوخشايسىز ھە!؟ يازغان تىمىلىرىڭىزنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇپ چىقىپتىمەن. ساپلا شۇ تىمىدىكى مەزمۇنلار ئىكەن، بۇداقىسىدا ئەدەپ-ئەخلاق ، گۈزەل ھايات توغرىسىدا يېزىپ باقامسىز، چوقۇم قاملاشتۇرالايسىز!

تېما ئىگىسىگە قالدۇرۇلغان سۆز

سىز ئەينەكنى نىمە ئۈچۈن ئىشلىتىسىز؟ K`zdc`/  
ئەيىپ نۇقسانلارنى كۆرسۈتۈش ئۈچۈن ئەمەسمۇ؟ھەممىلا ئادەم مەدھىيەگە چۈشۈپ كەتسە ئىللەتلىرىمىزنى كىم كۆرسۈتۈپ بىرىدۇ؟سىز بولسىڭىزمۇ توغرا چۈشۈنۈڭ قېرىندىشىم.


ياشلىقىڭدا تىرىشمىساڭ ، قېرىغاندا پۇشايمان قىلىسەن.
تارىم
دەرىجە:ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.155

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   4763 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   32871 (سوم)
 ياخشى باھا:   1891 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   31144  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 9062
 سائەت
دەرىجىسى:
9062 سائەت 388 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-20
ئاخــىرقىسى:2011-06-25
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 02-06

ئاۋال ئىنكاس يىزىپ قۇياي،كەچكىچە ۋاقىت چىقىرىپ ئوقۇپ بولۇپ ئاندىن ئىنكاسىمنى تەھرىرلەيمەن

←★ئەزىز قېرىندىشىم،سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنۇتماڭ دەپتىكەن.
‹‹مىسرانىم››دا كۆرۈنگەن خەنزۇچە(ئىنگلىزچە)خەتلىك ئېلانلارنى كۈندە بىر قېتىم چىكىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالمايلى!
ئەلدىن ئەلگە نەپ! بۇ بىزنىڭ‹‹مىسرانىم››نى قوللىغانلىقىمىزنىڭ كىچىككىنە ئىپادىسى...
تەكلىماكان
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2644

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   957 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   874 (سوم)
 ياخشى باھا:   272 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   339  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5688
 سائەت
دەرىجىسى:
5688 سائەت 252 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-13
ئاخــىرقىسى:2011-06-25
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 02-06

پۇل مالغا تۇيۇنغان <بۇرۇتلۇق بالا> ساۋۇتىنىڭ ئاخىرىقى تەقدىرى ئېچىنشىلىق بۇپتۇ، لىكىن ئۇنىڭ قىلغان ئەتكەنلىرىنىڭ جەمئىيەتكە كەلتۈرگەن زىيىنىنى ئويلىغاندا، جازا يەڭگىل بۇپ قاپتۇ.  
ساۋۇتنىڭ ئايالى نۇرئەلاخاننىڭ تىمىدىكى ئوبرازى رايىش، مۇلايىم ئايال ئىدى، شۇ ۋەجىدىن ساۋۇتقا قارىغاندا ئايالىغا جازا ئېغىر كەتكەندەك بىلىنۋاتىدۇ. Qh\60f>0  
?m"( S oh  
رىئاللىققا يېقىنلاشقان تىما ئىكەن.
ئىنسان دۇنيانى ئۆزگەرتىمەن دىيىشتىن بۇرۇن، ئاۋال ئۈزىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك.
muallim
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1943

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   22 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5081 (سوم)
 ياخشى باھا:   191 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   259  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4662
 سائەت
دەرىجىسى:
4662 سائەت 288 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-01
ئاخــىرقىسى:2011-06-11
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 02-06

ۋەقەلىك ئىجىتمائى تۇرمۇشتا بار رىئال جەميتتە يۇز بىرىۋاتقان ئىشلار ئىكەن ، TarY|P7_  
سىيوژىت راۋاجى سەل پەل تىزدەك ھىس قىلىدىم تەربىيۋى قىممتى بار تىما بولغاندىكىن ئەسلى كىڭەيتىپ پوۋسىت قىلىغان بولسىڭىىز ئۇنۇمى تىخمۇ ياخشى بولاركەن
taxyurak
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1542

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   12 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5667 (سوم)
 ياخشى باھا:   189 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   259  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 17
 سائەت
دەرىجىسى:
17 سائەت 3 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-30
ئاخــىرقىسى:2011-06-11
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 02-06

اللە غا ئۇشكىرى قىلمىغاننڭ جازاسى
UYGUR==DOLAN
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7491

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   243 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6023 (سوم)
 ياخشى باھا:   181 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   255  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 167
 سائەت
دەرىجىسى:
167 سائەت 33 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-23
ئاخــىرقىسى:2011-06-19
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 02-06

بۇنداق ئىش قىلغانلارنىڭ قايسى بىرى ياخشى كۈن كۈرىدۇ   
ئۇيغۇردولان
xabnam1212
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.28870

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   25 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2100 (سوم)
 ياخشى باھا:   150 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   200  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 113
 سائەت
دەرىجىسى:
113 سائەت 27 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-02-02
ئاخــىرقىسى:2011-02-10
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 02-06

ئاللاھ ئۇلۇغدۇر! لىكىن ئۇنىڭغا بىرىلگەن جازا بەك يېنىك بولۇپ قاپتۇ!
شەبنەم 1212
DAWRAN0991
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3503

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   276 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6873 (سوم)
 ياخشى باھا:   187 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   258  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4136
 سائەت
دەرىجىسى:
4136 سائەت 204 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-07
ئاخــىرقىسى:2011-06-24
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 02-06

ياخشى يىزىلغان ئەسەر ئىكەن،ئەمەلىي تۇرمۇشقا يىقىن چىقىپتۇ.
zongtong
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.20392

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   145 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5024 (سوم)
 ياخشى باھا:   164 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   215  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 718
 سائەت
دەرىجىسى:
718 سائەت 52 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-12-02
ئاخــىرقىسى:2011-06-16
ئاپتورنىڭلا 10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 02-06

يەنە بىر ياخىشى ئەسەر مونبەرگە چىقىپتۇ ، ساقلىۋىلىپ ئالدىرىماي ئوقۇي      
ئشىنىڭ ئۇتتۇرا ھالى ياخشىدۇر
dilkarxah
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3493

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   142 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5628 (سوم)
 ياخشى باھا:   186 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   260  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1403
 سائەت
دەرىجىسى:
1403 سائەت 117 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-06
ئاخــىرقىسى:2011-05-21
ئاپتورنىڭلا 11- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 02-06

ئاۋال ئىنكاس يىزىپ قوياي، ۋاقىت چىقىرىپ ئاندىن ئوقوي>>>>
ئنسانىيەتنىڭ ساغلاملىقى ئۇيغۇر تىبابىتىگە مۇھتاج!!!!
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى