دادا تەرىپىدىن چەيلەنگەن غۇنچە ( داۋامى)
ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتتى، دادىسىنىڭ قىزىنى بېقىش جەريانىدا قىلمىغانلىرى قالمىدى، لېكىن قىز يەنىلا دادىسىغا ئوچۇق چىراي ئېچىپ چىش يېرىپ بىرنەرسە دېمەيتتى. بىر كۈنى دادىسى قىزغا تاماق ئەكىرىپ بېرىش ئۈچۈن چىقىپ كەتتى.
- بۇ كىشى سىزنىڭ ئۆز دادىڭىزما؟- دەپ سورۇدۇم قىزنىڭ ئاغزىنى تاتلاپ، راستىنى ئېيتسام ئىچىمگە بىر قۇرۇت كىرىۋالغاندەك، قىزنىڭ بەختسىز كەچۈرمىشلىرىگە بولغان قىزىقىش مېنى ئارامىمدا قويمىغان ئىدى.
- ھە، ئۆز دادام، -دېدى قىز. بىر ياتاقتا ياتقان نەچچە كۈندىن بېرى بۇ قىز ماڭىمۇ تۈزۈك گەپ قىلىىپ باقمىغان ئىدى.
- سىزنى دوختۇرخانىغا ئاپىڭىز ئېلىپ كەلمەي، ئەجەب دادىڭىز ئېلىپ كەپتا؟-دېدىم يەنە، راستىنى ئېيتسام قىزدىن قانداق ئۇسۇلدا، قايسى سوئاللارنى سورىسام ياخشى بولىدىغانلىقىىنى ھېچ بىلەلمەي قالغان ئىدىم. قىز بىردىنلا ئېسەدەپ يىغلاشقا باشلىدى.
- خاپا بولماڭ، مەن ئورۇنسىز سوئال سوراپ ساپتىمەن، كۆڭلىڭىزنى بۇزماڭ.....-دېدىم مەن نېمە دەپ تەسەللى بېرىشنى بىلمەي.
- ئۆلۈپلا كەتكەن بولسام بۇنداق نومۇسسىزلىقلاردىنمۇ، ئازابلاردىنمۇ قۇتۇلار ئىدىم،-دېدى قىز يىغلاپ تۇرۇپ.
- كۆڭلىڭىزنى بۇزماڭ، سىز تېخى كىچىك، بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ،-دېدىم قىزغا.
- ھەقاچان مېنى مۇشتەك تۇرۇپ بۇزۇلۇپ كەتكەن نېمىكەن دەپ قالغانلا، دەرتلىرىم ئىچىمگە پاتماي قالدى، مەن سىلىگە ھەممىنى دەپ بېرەي، بولمىسا ساراڭ بولۇپ قېلىشىم مۈمكىن، نەچچە كۈندىن بېرى ئۆزۈمنى ئۆلتۈرىۋالاي دەپ ئويلىغان ئىدىم، بىراق ما مۇناپىق دادام كەينىمدىن ئەگىشىپلا تۇرىۋېلىپ ئۆلگىلى قويمايۋاتىدۇ، -دېدى قىز يەنە يىغلاپ.
-دادىڭىز گەرچە ئەركىشى بولسىمۇ سىزنىڭ ھالىڭىزدىن شۇنداق ئوبدان خەۋەر ئالدىغۇ، دادىڭىز سىزگە شۇنداق كۆيىنىۋاتسا ئۇنى نېمىشقا تىللايسىز؟- دېدىم مەن سەل ئاچچىقىم بىلەن.
- ئۇ ماڭا كۆيۈنگەن بولسا، ئۆز پۇشتىدىن تامغان قىزىنى مۇنداق ھالغا چۈشۈرۈپ قويمايتتى، ئۇ دادا ئەمەس ھايۋان، مۇناپىق ھايۋان،-قىز شۇنداق دەپلا ھۆركىرەپ يىغلاشقا باشلىدى. مەن قىزنىڭ قېشىغا بېرىپ بېشىنى سىيلاپ تەسەللى بەردىم، ئۇ بىردەم يىغلىۋالغاندىن كېيىن مەن سۇنۇپ بەرگەن چاينى ئىچىپ سەل تىندى.
مەن ئۇنىڭ ئاغزىدىن‹‹ قانداق گەپ چىقاركىن ››دەپ قاراپ تۇردۇم.
- بىز x شەھرىدىن كەلدۇق ( ئۇلارنىڭ تەلەپپۇزىدىن شۇ يەرلىك ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلغان ئىدىم)مەندىن چوڭ بىر ئاچام، ئىككى ئاكام بار، چوڭ ئاكام بىلەن ئاچام توي قىلىپ بولدى، مەندىن چوڭ ئاكام تېخى توي قىلمىدى. ئاكام مەن بالىنىڭ كىچىكى، تولۇقسىزنىڭ 1- يىللىقىدا ئوقۇيمەن، ئۆتكەن يىلى ئاپام تۇيۇقسىز ماڭالمايدىغان بولۇپ قالدى، ئۇنىڭ ئالدىدىمۇ ‹‹پۇتۇم ئاغرىپ كەتتى›› دەپ يۈرەتتى، تەكشۈرتسەك ئولتۇرغۇچ نېرۋا سېسىپ كېتىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن خېلى كۆپ دوختۇرخانىلارغا ئاپىرىپ داۋالاتتۇق، لېكىن كېسلى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كەتتى، دەسلەپتە ئاپامنىڭ ھالىدىن دادام خەۋەر ئالدى، كېيىن ئاچام ئۆيىگە ياندۇررۇپ ئەكەتتى، ئۆيدە دادام، ئاكام، مەن ئۈچىمىز قالدۇق، دادام ئاكام بىلەن بىللە تىجارەت قىلاتتى، ئارىلاپ –ئارىلاپ ئاكام ئاغىينىلىرى بىلەن مال ئالغىلى سىرتقا چىقىپ كېتىپ، ھەپتە -ئون كۈنلەردە كېلەتتى، مەن مەكتەپتىن كېلىپ ئۇلارنىڭ تامىقىنى ئېتىپ، كىر –قاتلىرىنى يۇيۇپ بېرەتتىم، ئىككى كۈندە بىر دېگۈدەك ئاچامنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئاپامنى كۆرۈپ كېلەتتىم، بىر كۈنى ئاكام يەنە‹‹ مالغا بارىمەن›› دەپ كەتتى، ئۆيدە دادام بىلەن ئىككىمىز قالدۇق، كەچتە دادامغا ئورۇن سېلىپ بېرىپ ئورنۇمغا كىرىپ ياتتىم، بىر ۋاقىتتا ئۇخلاۋاتسام بىر قول بەدىنمنى سىيلىغاندەك مەلۇم بولدى، چۆچۈپ ئويغانسام دادام يېنىمدا ياتىدۇ، گەرچە ئۇ ئۆز دادام بولسىمۇ، دادامغا شۇنداق ئامراق بولسامممۇ، لېكىن مەن قىز بالا بولغاچقا ئايرىم ياتاتتىم، دادامنىڭ قانداق بولۇپ قېشىمغا كىرگىنىنى ئۇقماي قالدىم، مەن ئۇنىڭدىن ئۆزۈمنى قاچۇرسام :

- مەن دېگەن سىزنىڭ ئۆز دادىڭىز، قېشىڭزدا ياتسام ھېچنىمە بولمايدۇ، -دېدى.
- دادا، ئورنىڭىزغا چىقىپ كېتىڭ، مەن خىجىل بولىدىكەنمەن، -دېسەم ئۇ:
-مەن دېگەن كىچىكىڭىزدىن سىزنى بېقىپ چوڭ قىلغان دادىڭىز تۇرسام، نېمىشقا خىجىل بولاتتىڭىز، -دېدى، ئادەتتىمۇ بەزىدە مەكتەپتىن كېلىپلا دادامغا ئەركىلەپ بوينىغا ئېسىلىۋالاتتىم، شۇڭا دادامنىڭ قېشىمدا يېتىشىغا بەك قارشى تۇرۇپ كەتمىدىم، شۇنداق قىلپ ئەتىسى دادام قېشىمغا يەنە كىردى، بىر ۋاقىتتا ئۇخلاۋاتسام بەدىنمگە شۇنداق قاتتىق ئاغرىق كىرىپ كەتتى، كۆزۈمنى ئاچسام داداممۇ ، مەنمۇ يالىڭاچ يېتىپتىمىز، مەن بەك قورقۇپ كېتىپ چىرقىراپ يىغلىدىم، دادام :
- قورقماڭ قىزىم، ھېچنىمە بولمايدۇ، مەن دېگەن سىزنىڭ دادىڭىز، -دەپ مېنى سۆيۈپ ئەركىلەتتى، بەدىنىم چىدىغۇسىز ئاغرىپ كېتىۋاتاتتى، مەن دادامغا بەدىنىمنىڭ ئاغرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئېيتسام، ئۇ مېنى چىڭ قۇچاقلاپ:
- ھازىر ساقىيىپ كېتىسىز ،قىزىم،- دېدى، شۇنداق قىلىپ تا ئاكام مالدىن كېلىپ بولغۇچە دادام بىرنەچچە كۈن مېنىڭ قېشىمدا ياتتى، مەن دادام بىلەن بىللە ياتقان شۇ كۈنلەردە بەدەنلىىرىم چىدىغۇسىز ئاغرىپ كېتەتتى، مەكتەپكە بېرىشمۇ خوش ياقمايتتى، ‹‹مەكتەپكە بارمايمەن›› دېسەم دادام:
- بارمىسىڭز مەيلى قىزىم، ئوبدان ئارام ئېلىڭ،- دەيتى. قىز شۇ گەپلەرنى قىلۋاتقاندا، ئاپىسىنىڭ بىرگە كەلمەسلىكى، ئۇنىڭ دادىسىغا تۇتقان قوپال مۇئامىلىسى، دادىسىدىن بۆرىدىن قاچقاندەك قېچىشلىرى، دادىسىنىڭ ئوڭايسىز ھالەتلىرىنىڭ مەنىسىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم .
- سىز دادىڭىزنىڭ ئۆزىڭىزگە قانداق ئەسكىلىكلەرنى قىلغانلىقىنى پەقەتلا ئۇقمىدىڭىزما؟ نېمىشقا بۇئىشلارنى ئاپىڭىزغا ياكى ئاچىڭزغا دېمەيسىز؟ - دېدىم مەن قاتتىق غەزەپلىنىپ.
- مەن دەسلەپتە دادامنىڭ ماڭا ئەسكىلىك قىلغانلىقىنى تازا ئۇقمىغان، كېيىن دادامنىڭ ھەر قېتىم مېنىڭ قېشىمغا كەلگەندە مېنى يالىڭاچ قىلىشلىرىنى ئويلاپ، تېلىۋېزوردىن ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا قىزلارغا ئەسكىلىك قىلغانلىقىغا دائىر كۆرگەن كىنولارنى ئەسلىدىم، بۇ كىنولاردىمۇ ئەرلەر قىزلارنى يالىڭاچ قىلىپ، ئۇلارغا ئەسكىلىك قىلىدىكەن، مەن دادامنىڭ ماڭىمۇ شۇ ئەرلەرگە ئوخشاش ئەسكىلىك قىلغانلىقىنى ئازىراق ئۇقتۇم، لېكىن بۇ ئىشلارنى ئاپامغا ياكى ئاچامغا دېيىشتىن قورقتۇم، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاپامنىڭ كېسىلى بەكلا ئېغىرلىشىپ قالغان ئىدى ھەم يەنە بىر تەرەپتىن ‹‹مەن تولۇقسىزنىڭ 1- يىللىقدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى، بۇ ئىشلار باشقىلارنىڭ ئاغزىغا چىقىپ قالسا ماڭىمۇ ، دادام دېگەن ھايۋانغىمۇ ياخشى ئەمەس ››دېگەننىمۇ ئويلۇدۇم، شۇنىڭ بىلەن بۇ گەپلەرنى ھېچكىمگە دېيەلمىدىم،-دېدى قىز كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياشلارنى تۆككىنىچە. مەن قىزغا تەسىللى بېرىپ ئۇنىڭ ياشلىرىنى سۈرتتۈم. بۇ ۋاقىتتا دادىسى تاماق ئېلىپ كىردى، مەن ئۇ مۇناپىق، ھايۋان دادىنىڭ قىلىقلىرىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ تېنىم شۈركىنىپ، ئۇنىڭغا نەپرەت بىلەن تىكىلدىم، قىز دادىسى ئەكىرگەن تاماقنى ئىشتىھاسىزلارچە يىيىشكە باشلىدى.
- تاماقنى كۆپرەك يەپ بېرىڭ، قۇۋۋەت بولمىسا بەدىنىڭز ئاجىزلاپ كېتىدۇ، ئۆزىىڭزنى ئۆزىڭىز ئاسراڭ،- دېدىم قىزغا. قىز ماڭا قارپ سۇسقىنا كۈلۈمسىرەپ قويۇپ تامىقىنى يەۋەردى. قىزىنىڭ بۇ كۈلكىسىنى كۆرۈپ دادىسى خوشال بولۇپ كەتكەن چېغۋا:
- قىزىم، قارىسام چىرايىڭز خېلى ئېچىلپ قاپتۇ، نەچچە كۈندىكىگە قارىغاندا خېلى ياخشى بولۇپ قالغان ئوخشايسىز، -دېدى، قىز ئۇنىڭ گېپىگە ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىدى. قىز تامىقىنى يەپ بولدى، ئۇنىڭمۇ، مېنىڭمۇ ئوكۇلۇم تۈگىگەن ئىدى، ئوكۇل تۈگىسە يېتىپ ئۇخلاشتىن باشقا ئىش يوق ئىدى. يېتىپمۇ زېرىكىپ كېتىدىكەن ئادەم دوختۇرخانا دېگەندە.
- مەن سىرتقا چىقىپ بىردەم ئولتۇرۇپ كىرەيمىكىن، سىزمۇ چىقامسىز ھاۋا يېگەچ؟ نەچچە كۈن بولدى سىز كارۋاتتىن تۈزۈكرەك يەرگە چۈشۈپ باقمىغىلى، -دېدىم قىزغا. قىزنىڭ ھېكايىسىنىڭ داۋامنى شۇنداق ئاڭلىغۇم كېلىپ كەتكەن ئىدى.
- بېشىم قېيىپلا تۇرىدۇ، پۇت –قوللىرىمدا پەقەتلا جان يوق ، -دېدى قىز.
- نەچچە ۋاقىتتىن بېرى سىرتنىڭ ھاۋاسىنى كۆرمىگەچكە شۇنداق بولۇپ قالغانسىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىز ئەمەس توي قىلغان ئاياللارمۇ ھامىلە چۈشۈرگۈزسسە نەچچە ئايغىچە ماغدۇرسىزلىنپ كېتىدۇ، سىز تېخى كىچىك تۇرسىڭىز،- دېدىم نەپرەتلىك كۆزلىرىمنى دادىسىغا تىكپ تۇرۇپ.
- ئەمسە سىلى بىلەن بىرگە چىقاي، -دېدى قىز ۋە ساپما كەشىنى كىيىپ ماڭدى.
- مەنمۇ بىللە چىقاي قىزىم،-دېدى دادىسى ۋە ماڭماقچى بولدى.
- سىز چىقماڭ، مەن بۇ خانىم بىلەن بىردەم پاراڭلىشىپ كىرەي، نەگە بارسام كەينىمدىن كۇچۇكتەك ئەگىشىپ يۈرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، -دېدى قىز دادىسىغا غەزەپلىك كۆزلىرىنى تىكىپ. نەچچە ۋاقىتتىن بولسا بۇ قىز دادىسىغا بۇنداق گەپلەرنى قىلسا چوقۇم بىرنەرسە دېگەن بولاتتىم، لېكىن بايام قىزنىڭ بۇ ھايۋان دادا توغرۇلۇق ئېيتقانلىرى كاللامدا ئورناپ، ئىچ –ئىچىمدىن بىر خىل نەپرەت ھېسياتى ئويغانغاچقا قىزنىڭ دادىسىنى بۇ خىل ھاقارەتلەشلىرىگە سۈكۈت قىلىپ ئارتۇق ئىپادە بىلدۈرمىدىم. دادىسىمۇ قىزىنىڭ بۇخىل ھاقارىتىگە ئوڭايسىز ھالەتتە قېلىپ ئىپادە بىلدۈرەلمىدى، بەلكىم ئۆزىنىڭ قىلغانلىرى ئۈچۈن ئېغىز ئېچىشقا ئامالسىز قالغان بولسا كېرەك.
قىز بىلەن ئىككىمىز سىرتقا چىقىپ ئورۇندۇقتا ئولتۇردۇق، مەن قىزنىڭ ئاغزىدىن‹‹ يەنە قانداق گەپ چىقاركىن ؟ ›› دەپ ئۇنىڭغا قارىدىم.

- ئارىدىن بىر ئۈچ ئايدىن ئارتۇقراق ۋاقىت ئۆتتى، مىجەزىم كۈندىن –كۈنگە بوشاپ، پۇت –قوللىرىمدا پەقەتلا ماغدۇر يوق، ماڭسام يىقىلپ چۈشىدىغاندەك، نېمىلا يېسەم يېنىپ چىقىدۇ، كۆڭلۈم ئېلىشىپلا تۇرىدۇ، تاماققا قارا تەزىم يوق بولۇپ كەتتى، مەكتەپكىمۇ بارالمىدىم، دادام مەندە يۈز بېرىۋاتقان بۇ ئۆزگۈرۈشلەردىن ئەنسىرىدىمۇ قانداق دوختۇرخانىغا ئاپاردى. دوختۇرلار مېنىڭ ئەھۋالىمدىكى ئۆزگۈرۈشلەرنى سوراپ ئەھۋال ئىگىلىگەندىن كېيىن ‹‹ئۆتتە ياكى جىگەردە مەسىلە بارمىكىن؟ ››دەپ B تىپلىق ئاپاراتتا تەكشۈرۈتۈپ بېقىشنى ئېيتتى، B تىپلىق ئاپاراتتا تەكشۈرتكەندىن كېيىن ‹‹ئۆتتە مەىسلە يوقكەن، قورساق ئىچىدە بىرنەرسە بار ئىكەن، تازا ئېنىق چىقمىدى›› دېدى. دادام مېنى ئۆيگە ياندۇرۇپ ئەكەلدى، ئەھۋالىم كۈندىن –كۈنگە ناچارلاشقىلى تۇردى، ھېچقانداق نەرسە سىڭمەيتتى، تاماق بۇرنۇمغا پۇرىسىلا ‹‹ھۆ›› تۇتۇپ ياندۇراتتىم، دادام مەكتەپكە بېرىپ مۇئەللىمگە ‹‹قىزىم ئاغرىپ قالدى، دوختۇرخانىدا بىر مەزگىل ياتقۇزۇپ داۋالىتىمەن››دەپ رۇخسەت ئاپتۇ، ئاپام، ئاكام ۋە ئاچاملارغا ‹‹ سىرتنى كۆرسۈتۈپ مۇھىت ئالماشتۇرۇپ ئەكىلەي، مىجەزى سەل بۇزۇلغىلى تۇرغان ئوخشايدۇ›› دەپتۇ، بۇ گەپلەرنى ئاچام ماڭا دەپ بەردى، مەن ئۆزەمدە يۈز بېرىۋاتقان بۇ ئۆزگۈرۈشلەردىن بەكلا قورققان ئىدىم. كاللامدىن ‹‹ مەن نېمە كېسەل بولغاندىمەن؟››دېگەن خىيال كەتمەيتتى. بىز بۇ دوختۇرخانىغا كىرىشتىن بۇرۇن دادام خەقتىن سوراپ يۈرۈپ، مۇشۇ شەھەردىكى كىشىلەر ‹‹ ئۇستا ››دەپ داڭلىغان بىر تىۋىپنىڭ قېشىغا ئېلىپ باردى، تىۋىپ تومۇرۇمنى تۇتۇپ كۆرۈپ، دادامغا‹‹قىزىڭىزنىڭ بويىدا بار ئىكەن››دېدى، بۇ گەپنى ئاڭلاپ شۇ يەردىلا ھۇشۇمدىن كەتكەندەك بولۇپ قالدىم، قان يىغلىدىم، دادامنى قاتتىق تىللىماقچى بولغان ئىدىم، لېكىن تىللاشقىمۇ ماغدۇرۇم يوق بولۇپ كەتتىم، دادام مېنى تىۋىپنىڭ قېشىدىن ياندۇرۇپ، كىشىلەردىن ئىزدەپ –سوراپ يۈرۈپ بۇ دوختۇرخانىغا ئېىلپ كەلدى، مەن ئۆلىۋېلىشنى ئويلىغان بولساممۇ، لېكىن قانداق ئۆلىۋېلىشنى ئۇقمۇدۇم، ئۇنىڭ ئۈستىگە دادام كەينىمدىن بىرگىلا يۈرگەچكە ئۆلىۋېلىشقا پۇرسەتمۇ بولنمىدى، ساراڭ بولۇپ قېلىشقا ئازلا قالدىم، نېمە قىلارىمنى پەقەتلا بىلمىدىم، ئامالسىزلىقتىن دادام قەيەرگە باشلىسا شۇ يەرگە ماڭدىم، ئۇ دادام بولغاچقىلا ئۇنىڭ كەينىدىن مېڭىشقا مەجبۇر بولدۇم، بۇ دوختۇرخانىغا كەلگەندىن كېيىن ئاۋۇ ئالدىدىكى بىنادىكى كېسەل كۆرۈش ئۆيىدە بىر دوختۇر ئەھۋالىمنى سوراپ، بىر پارچە خەت يېزىپ بەردى، ئاندىن بۇ يەرگە كىرسەك سېستىرالار سىلى بار ياتاققا ئەكىرىپ قويدى، قالغان ئەھۋاللار سىلى كۆرگەندەك، مەن ئۆزەمنىڭ بۇ ئەھۋاللارغا دۇچار بولۇپ قالغىنىمغا بەك ئېچىنىمەن، مۇناپىق، ھايۋان دادامغا قاتتىق نەپرەتلىنىمەن، ئۇ ئۆز دادام تۇرۇپ ماڭا شۇنداق ئەسكىلىك قىلدى، مەن دەسلەپتە ئۇققان بولسام ئۇنىڭغا ھەرگىزمۇ ئۇنىمايتتىم. مۇناپىق دادام مېنى گوللاپ مۇشۇ ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى، ئەمدى بۇ ئەھۋالدا مەن قانداقمۇ قىلالايمەن؟.....،- دېدى قىز ئېچىنىشلىق يىغلاپ تۇرۇپ، قىزنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ بارغانسېرى غەزىپىمنى باسالماي قالدىم، شۇ تاپتا قولۇمدا ھوقۇق بولىدىغان بولسا، ئۆز پۇشتىدىن تامغان نارسىدە، سەبىي قىزىنىڭ نومۇسىغا تېگىپ، ئىپپىتىدىن ئايرىپ ھامىلدار قىىلپ قويغان بۇ مۇناپىقنى دارغا ئېسىۋەتكەن بولار ئىدىم، لېكىن مېنىڭ قولۇمدىن پەقەت بۇ بىچارە قىزغا ئىچ ئاغرىتىش ۋە تەسەللى بېرىشتىن باشقا ھېچنەرسە كەلمەيتتى، مەن قىزنى باغرىمغا بېسىپ ئۇنىڭغا نۇرغۇن تەسەللىلەرنى بەردىم، قىز يىغىدىن توختىغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا:
- سىز دوختۇرخانىدىن چىقىپ ئۆيىڭىزگە بارغاندىن كېيىن، بۇ گەپلەرنى ئاچىىڭزغا دەڭ، دادىىڭز بۇنداقلا قۇتۇلسا بولمايدۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆتكۈزگەن جىنايىتى ئۈچۈن بەدەل تۆلىشى كېرەك،-دېدىم، قىز نېمە دەپ جاۋاب بېرىشنى بىلمىگەندەك بىر ھازا تۇرۇپ كەتتى، بىز كىرىپ كېتىش ئۈچۈن ئورنىمىزدىن تۇرغاندا قارىسام، سەل نېرىدىكى گۈللۈك ئىچىدە قىزنىڭ دادىسىنىڭ بىزگە قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم، قىزمۇ كۆردى، لېكىن چىرايىدىن دادىسىنىڭ بىزنى ماراپ تۇرغانلىقىدىن قىلچىمۇ ئەنسىرىگەندەك ئالامەت چىقمايتتى، بىز ياتاققا قايتىپ كىردۇق، ئادەم سۈرەتلىك ئالۋاستى دادىمۇ كەينىمىزدىن كىردى، ئۇنىڭ شۇ تاپتىكى تاتىرىپ كەتكەن چىرايى ئۆتكەنلەردە بىچارە نارسىدە قىزىنىڭ ھامىلىنى چۈشۈرگۈزگەن ۋاقىتتىكى چىرايى بىلەن ئوخشاپ قالغان ئىدى، قارىغاندا ئۇ ئۆزىنىڭ ھايۋانلارچە قىلغان نومۇسسىزلىقلىرىنى قىزىنىڭ ماڭا دېگەنلىكىگە گۇمانلىنىۋاتقاندەك قىلاتتى، دېمىسىمۇ گۇمانلىنىشقا ھەقلىق ئىدى، چۈنكى مېنىڭ غەزەپ ئۇچقۇنلىرى چاقناپ تۇرغان كۆزلىرىم بۇ مۇناپىقنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلىپ تۇراتتى.

كۆڭلۈمدە بولسا قايسى بىر يەردە كۆرگەن‹‹بىر بايتالنى نەسىللەندۈرۈش ئۈچۈن بالىسىنىڭ كۆزىنى تېڭىپ قويۇپ ئاپىسىغا چېپىلدۇرۇپتۇ، بالىسىنىڭ كۆزى ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئاپىسىغا چېپىلدۇرغانلىقىنى ئۇقۇپ، چاپقان پېتى بېرىپ ھاڭدىن ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلىۋاپتۇ››دېگەنگە ئوخشاش بىر ھېكايە ئېسىمگە كەچتى، ھايۋان جېنىدا ئۆزىنىڭ ئاپىسىغا قىلغانلىرى ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان تۇرسا، بۇ مۇناپىق دادىدا ھايۋانچىلىكمۇ ھېسيات يوقمىدۇ؟ ئۇ نومىسىغا تەككەن قىز باشقا بىرى ئەمەس، دەل ئۆزىنىڭ قىزى ئەمەسمۇ؟ بۇنداق ھايۋاندىنمۇ پەس ئورۇندا تۇرىدىغان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان نىجىىسنى قانداقمۇ ‹‹دادا ››دېگىلى بولسۇن؟ دېگەنلەرنى ئويلۇدۇم.
‹‹توۋا قىلدىم›› دېگەن سۆز ئېغىزىمدىن ئىختىيارسىزلا چىقىپ كەتكەن ئىدى، ئۇ مۇناپىقنىڭ كۆزلىرى چەكچەيگەن پېتى ماڭا تىكىلىپ قالدى. ‹‹ئى مېھرىبان ئاللاھ، بەندىلىرىڭنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرگەيسەن...!›› دەپ نىدا قىلدىم ئىچىمدە.... ئارىدىن بىرنەچچە كۈن ئۆتۈپ، مەسئۇل دوختۇر قىزنىڭ بالنىستتىن چىقسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى، ئۇلار مەن بىلەن خوشلۇشۇپ يۇرتىغا كەتتى. ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشالمىغانلىقىم ئۈچۈن قىزنىڭ دادىسى ئۈستىدىن ئەرز سۇنغان ياكى سۇنمىغانلىقىنى ئۇقالماي قالدىم، لېكىن قىزنىڭ دادىسىنىڭ ھايۋانلارچە قىلىقلىرى ھازىرغىچە كۆز ئالدىمدىن كەتمىدى
تۈگىدى...>>>
مەنبە: ئۆز قەلىمىم
ئەسكەرتىش: رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە يوللاشقا بولمايدۇ.
[ بۇ يازما sultan تەرپىدىن 2010-06-27 02:40 AM دە قا ]