ئېتراپ قىلىشقا بولمايدىغان ئىككى پورتېرىت
Moza".fiN يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق
mNTzUoZF'@ ھەيرانلىق ۋە ئەپسۇسلۇق
«شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ 2010 – يىللىق 1 – سانىغامەشھۇر رەسسامىمىز غازى ئەمەتنىڭ «ئۇلۇغ ئالىملىرىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلەن مەھمۇد كاشغەري پورترېتلىرىنىڭ يارىتىلىشى ھەققىدە» نامىدىكى ماقالىسى بېرىلدى. ماقالە مېنىڭ 2006 – يىلى «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 5 – سانىدا ئېلان قىلىنغان، 2007 – يىلى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان، «11 – ئەسىردىكى ئۇيغۇر ئىدىئولوگىيەسى» دېگەن كىتابىمغا كىرگۈزۈلگەن «ئىككى ئالىمنىڭ پورتېرىتى ۋە مىللى خاراكتېرى» دېگەن ماقالەمگە جاۋابەن يېزىلغان ئوبزور ئىدى. مەن ماقىلىنى ئوقۇپ بىر تەرەپتىن ھەيران قالدىم، يەنە بىر تەرەپتىن ئەپسۇسلاندىم. ھەيران قېلىشىمدىكى سەۋەب، ماقالىدا مەن ئوتتۇرىغا قويغان قانۇنىيەتلىك ئىلمىي ۋە تارىخى مەسلىلىەرگە قارىتا كۆزىنى يۇمۇۋېلىش پوزىتسىيەسىدە بولغان، ھېچ بولمىغاندا «قۇتادغۇبىلىك» بىلەن «دىۋان لۇغەت تۈرك» دېگەن شاھىت ئەسەرلەرنى ئەستايىدىل بىرەر قېتىم ۋاراقلاپ كۆرۈپ بېقىپ ئاندىن پىكىر قىلماي، ئەكسىچە مېنى «يېتەرلىك بىلىم ئاسىسى بولمىغان ئوبزورچىلارنىڭ ئاساسسىز ۋە ئورۇنسىز باھا ۋە تەقرىز يېزىشى كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ» دەپ ئەيىبلەيدۇ. ^k">A:E2
ئاپتور «يېتەرلىك بىلىم ئاساسى بولۇش» دېگەن تەلەپنىڭ سالمىقىنى مۆلچىيەرلىيەلمىگەن بولسا كېرەك، بۇ پىكىردىن «مەندەك بىر مەشھۇر رەسسام ئۈچۈن، ھېچكىمنىڭ ئوبزور يېزىشىغا ھەققى يوق» دېگەن مەنا چىقىدۇ. مەن رەسسام ئەمەس، رەسساملىق سەنئىتىنىڭ ئىچكى قانۇنىيەتلىرىنى تازا چۈشەنمەيمەن، شۇڭا ئىككى ئالىمنىڭ رەسىملىرىدە ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن سەنئەت ئۆلچىمى ھەققىدە پىكىر قىلمىدىم، بەلكى مەن 30 يىلدىن بېرى تەتقىق قىلىش جەريانىدا ھاسىل قىلغان بىلىش نەتىجىلىرىمگە، تارىخى پاكىتلارغا ئاساسەن ئىلمى نۇقتئىي نەزەردە تۇرۇپ سەمىمىي تەكلىپلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم. مەن ئۆمرۈمنى ئىككى ئالىمنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى چۈشۈنۈشكە سەرپ قىلدىم، ئۇلار بىلەن بىرگە ماڭدىم، بىرگە ياتتىم ھەم پىكىرلەشتىم. «قۇتادغۇبىلىك» ھەققىدە بىر قانچە كىتاب يازدىم، ھەمدە بىر قانچە يىل سەرپ قىلىپ «دىۋان لۇغەت تۈرك» كە شەرھى يازدىم. بۇ جەريانىدا مەھمۇد كاشغەرى بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مەنىۋى ۋە جىسمانىي سىماسى دىلىمغا چوڭقۇر ئورناشتى. شۇڭا، ئۇلار توغرۇلۇق پىكىر قىلىشقا ئۆزۈمنى تامامەن ھەقلىق دەپ قارايمەن.
ئەپسۇسلىنىشىمدىكى سەۋەپ شۇكى، غازى ئەھمەت ئاكىنىڭ ئىلمىي مەسلىلەرگە قارىتا ئىلمىي پوزىتسىيەدە بولمىغانلىقى ۋە سەمىمىي بولمىغانلىقى بولدى. بىز ھېچ بولمىغاندا تارىخقا ئوبدانراق نەزەر سېلىشىمىز، تارىخقا ھۆرمەت قىلىشنى ئۆگۈنىۋېلىشىمىز لازىم. بىر- بىرىمىزگە سەمىمىيەتسىزلىك، ھۆرمەتسىزلىك قىلساق كارايىتى چاغلىق، تارىخقا ھۆرمەتسىزلىك قىلساق تارىخقا يۈز كېلەلمەيمىز. تارىخ ھەرگىزمۇ كۆز بويامچىلىقنى كۆتۈرمەيدۇ. بىزنىڭ قىلغان ھەر- بىر ئىشىمىز تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، تارىخ ئېتىراپ قىلىدىغان بولىشى كېرەك. يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلەن مەھمۇد كاشغەرى 11- ئەسىردىكى قاراخانىلارنىڭ يۇقىرى تەبىقىسىگە مەنسۇپ بولغان ئۇيغۇر ئالىملىرى، ھەرگىزمۇ ئەرەب ياكى پارس شائىرلىرى ئەمەس، يەنە بىر تەرەپتىن ھازىرقى دەۋردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىپىدىن ئەمەس. شۇڭا مىڭ يىل بۇرۇنقى مىللىي مەدەنىيەتنى، ئىتنىك ئالاھىدىلىكنى، مىللىي خاسلىق ۋە تارىخى ئالاھىدىلىكنى بىلمەي تۇرۇپ، تارىخى شەخسلەرنىڭ پورتېرىتى ھەققىدە تەسەۋۋۇر قىلىش ئەلۋەتتە شۇ تارىخى شەخسلەرگە نىسبەتەنمۇ ھۆرمەتسىزلىك بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا كىتابخانلارنىڭ ئېڭىدا شەكىللىنىپ قالغان بەزى مۈجۈمەل چىگىشلەرنى يېشىۋېلىشىغا ياردىمى بولار دېگەن نىيەتتە بىر قىسىم مەسلىلەرگە قارىتا كونكرىتراق پىكىر قىلىشقا توغرا كەلدى.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە مەھمۇد كاشغەرىنىڭ پورتېرىتى نامىدا ئوتتۇرىغا چىققان يۇقارقى ئىككى رەسىم ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ مۇنداق ماھىيەتلىك نۇقتىلاردا ئۇيغۇنلۇق بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئېتىراپ قىلىنمايدۇ.
بىرىنچى، تارىخىيلىق ۋە دەۋر ئالاھىدىلىكى ئەكىس ئەتمىگەن.
ئىككىنچى، مىللىي ئالاھىدىلىك ۋە خاسلىقتىن يىراقلىشىپ كەتكەن.
ئۈچىنچى، ئۇيغۇرلارنىڭ خاقانىيە دەۋرىدىكى ئېرقىي ئالاھىدىلىك نەزەردىن ساقىت قىلىنغان، نەتىجىدە ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلىرى بىلەن بىر تىپ قىلىپ قويغان.
تۆتىنچى، شەخسىنىڭ ئىندىئۇدال ئالاھىدىلىكى ۋە ئۆز دەۋرىدىكى سالاھىتى، ئىجتىمائىي ئورنى ۋە سالاپىتىنى ئىپادە قىلىدىغان پاكىتلارغا زادىلا نەزەر ئاغدۇرۇلمىغان.
بەشىنچى، تارىخى پاكىتلار ۋە «قۇتادغۇبىلىك» بىلەن «دىۋان لۇغەت تۈرك» تىكى ئۇچۇرلارغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىنمىغان. ھېچ بولمىغاندا رەسسام ئىككى ئالىمنىڭ ئەسەرلىرىنى باشتىن- ئاياغ بىر قېتىممۇ كۆرۈپ باقمىغان. پەقەت باشقىلار يازغان ماقالە ئەسەرلەردىكى ئۈزۈندىلەردىنلا پايدىلانغان. شۇڭا بۇ ھەرگىزمۇ سالا- سۈلھى قىلىدىغان ئىش ئەمەس، بىر مىللەتنىڭ تارىخى، مەدەنىيتى ۋە ئىپتىخارىغا تاقىشىدىغان مۇھىم تارىخى مەسلە. بىز مۇنداق ئېغىر سەۋەنلىكلەرنى ئۆزىمىز ھېس قىلىپ تۈزەتمىسەك بەرىبىر تارىخ ئۇنى ئىنكار قىلىۋېتىدۇ. تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشىلىق بېرەلمەيدۇ.
«قۇتادغۇبىلىگ» كە بەدىئىي ئەدەبىيات نۇقتىينەزەرىدىمۇ سەپ سېلىشقا توغرا كېلىدۇ
ئالدى بىلەن دېققىتىمىزنى تارتىدىغان تەرەپ، ئىككى ئالىمنىڭ رەسىمىنى سىزىشتا ياش قۇرامى ئېتىبارغا ئېلىنمىغان، ئەسلىدە بۇ ھەرگىزمۇ سەل قاراشقا بولمايدىغان مۇھىم ئامىل ئىدى، بىراق رەسسام غازى ئەھمەد بۇ ھەقتىكى پاكىتنى ئېتىراپ قىلمايلا قالماي، بەلكى مېنىڭ رەسىمنى چۈشىنىش ئىقتىدارىمنىڭ تولىمۇ چولتا ئىكەنلىكىنى ئەيىبلىگەن، ھەم ئىككى ئەسەرنى رەسساملىق نەزەر بىلەن كۆزەتمىگەن دەپ: «ئىككى ئالىمنى ئەڭ ياخشى چۈشىنىدىغان ئاپتور بۇ ئىككى ئالىمنىڭ كىتابلىرىنى رەسساملىق نەزىرى بىلەن ئەستايىدىل ئوقۇپ باقىمىغان بولسا كېرەك» دەپ بولۇپ، ئۆزىنىڭ رەسسامغا خاس نەزەرى بىلەن قايتا – قايتا ئوقۇپ چىققانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ پوترىتىنى سىزىپ چىقىشقا:
365 تەككۈزدى ماڭا قولىن ئەللىك ياشىم،
قوغۇ قىلدى قۇزغۇن تۈسىدەك باشىم.
دېگەن بېيىتقا ئاساسەن يۈسۈپ خاس ھاجىپنى ساقاللىرى ۋاقىتسىز شۇنچە ئاقىرىپ كەتكەن قىلىپ سىزغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. {ئەمەلىيەتتە يۇقارقى بېيىتتا گەپ ساقال توغرىسىدا ئەمەس، باش (چاچ) ھەققىدە بولۇنغان بولسىمۇ} ئەسلىدە يۈسۈپ خاس ھاجىپ يۇقىرىقى بېيىتلارنى ھاياتنىڭ قانۇنىيىتى، ياشلىقنىڭ پۇرسەتلىرى ۋە قىممىتى، قېرىلىقنىڭ مەھرۇملۇقلىرى ۋە مۇشەققەتلىرىنى بەدىئىي يۈكسەكلىكتە ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئەۋلاتلارغا، ياشلارغا نەسىھەت قىلىپ، ئىبرەت كۆزىنى ئېچىشقا، ھاياتىنى قەدىرلەشكە دالالەت قىلماق بولىدۇ. بايانلىرىدا ئەلۋەتتە مۇبالىغە (كۆپتۈرۈش) تەك بەدىئىي ئامىللار بار. ئەگەر ئۇنداق ئەدەبىي ۋە بەدىئىي ئامىللارنى نەزەرگە ئالماي، «رەسساملىق نەزىرى بىلەنلا» ئۇدۇلمۇ - ئۇدۇل چۈشەنگەندە، يۈسۈپ خاس ھاجىپنى ئەما، پالەچ، دوك قىلىپ سىزىشقا توغرا كېلىدۇ.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇ بىلىگ» ئەسىرىنىڭ 371 – بېيىتىدا «ئوقتەك تۈز قەددىم يادەك ئىگىلدى» دېسە، 374 – بېيىتىدا «كىشەنسىز تۇرۇپ قەدەم ئالالماس بولۇپ قالدىم، نۇرلۇق كۆزلىرىم قاراڭغۇ كىچىدەك يورۇماس (كۆرمەس) بولۇپ قالدى» دەيدۇ. 6529، 6530، 6532 بېيىتلىرىدا: « ئىپاردەك قارا باشقا كاپۇر پۈركۈدۈم، قىيىىندەك تۈز قەددىم ئەگرى يادەك ئىگىلدى (مۈكچىيىپ قالدىم). ئەرغۇۋاندەك قىزىل مەڭزىم زەپىراندەك سارغايدى.»دەيدۇ، بۇ ئارقىلىق، ھاياتتا ئىنساننىڭ بېسىپ ئۆتۈشى مۇمكىن بولغان تەبىئىي قانۇنىيىتىنى «مەن» ئوبرازدا ئەكىس ئەتتۈرىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە بۇنىڭغا رەسساملىق نەزەرى بىلەنلا سەپ سالماي، يەنە بەدىئىي ئەدەبىيات نۇقتىينەزەرى بىلەنمۇ نەزەر ئاغدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. مەن راسىتنلا «رەسساملىق نۇقتىئىنەزەر» دېگەننىڭ نېمىنى نەزەردە تۇتىۋاتقانلىقىنى چۈشەنمىدىم. رەسساملىق نۇقتىئىنەزەر دېگەن بىر تەرەپنى كۆرۈپ، يەنە بىر تەرەپكە كۆزىنى يۇمىۋېلىشمىدۇ؟ ئىنساننىڭ تەبئىي يېتىلىش قانۇنىيتىنى ھېسابقا ئالماي، شەيئىنى ماھىيەت جەھەتتىن كۈزەتمەي، ھادىسىلىك تەرەپكە ئېسلىۋالىدىغان «نەزەر» مىدۇ دەپ قالدىم. ئەمەلىيەتتە، رەسساملىق سەنئىتى بىلەن بەدئىي ئەدەبىيات قارىمۇ– قارشى قۇتۇپتىكى ئىلىم ئەمەس، بىرى بوياق بىلەن ئوبراز ياراتسا، يەنە بىرى تىل سەنئىتى ئارقىلىق ئوبراز يارىتىدۇ. ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئورتاق بىر پىرىنسىپى بار، ئۇ بولسىمۇ تۇرمۇش ۋە شەيئىلەرنى چىنلىق بىلەن ئەكىس ئەتتۈرۈش. رەسىمدە ھەقىقەتەنمۇ چىنلىق ئەكىس ئەتمىگەن. ئاپتور ماقالىدا يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەسلى ياش قۇرامىنى سۈپەتلەپ مۇنداق دەيدۇ. «ساقال- بۇرۇتى چۈشۈرىۈۋېتىلسە، ياش يىگىتتەك كۆزلىرىدىن نۇر يېغىپ، چىرايى پارقىراپ، قەددى- قامىتىنى تىك تۇتۇپ تۇرغان ھەم جۇشقۇن ھەم روھلۇق ھالىتىنى كۆرگەن بولاتتۇق»، مەن تەكىتلىمەكچى بولغان قانۇنىيەتكە مۇخالىپ ئىشنىڭ بىرى دەل شۇ ئىدى. شۇنچە ئۈمۈدۋار، شۇنچە جۇشقۇن، كۆزلىرىدىن نۇر يېغىپ، چىرايى پارقىراپ تۇرىدىغان، ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان، ئېسىل تەبىئەتلىك بىر ئادەمنىڭ ساقاللىرىنى چۈشكۈنلەشكەن، ئۈمۈدسىزلەنگەن، ئېرسىي كېسەلگە كىرىپتار بولغان ئادەمنىڭكىدەك، قىران ئادەمنىڭ ئېڭىكىگە يەتمىش ياشلىق بوۋاينىڭ ساقىلىنى چاپلاپ قويۇش قايسى مەزھەپىتىكى رەسساملىقنىڭ مەنتىقىسىدۇ. بىزگە ياش قۇرامى ئەللىك ياشتىن ھالقىغان، روھىيتى بىلەن جىسمانىيتى بىر گەۋدىگە ئايلانغان يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئوبرازى لازىم. ھەرگىزمۇ ساقىلى يەتمىش ياشلىق بوۋاي، ئۆزى تېخى ياش يىگىت بولغان سەھنىدە رول ئېلىۋاتقان ئارتىسنىڭ ئوبرازى ئەمەس. رەسسام غازىكام يېتەكلىگەن مەنزىل بىلەن ماڭغاندا نىشان خاتا تاللانغان بولىدۇ، 50 ياشلاردىكى جۇشقۇن، ئۈمۈدۋار، روھلۇق بىر ئادەمنىڭ چاچ- ساقاللىرىنىڭ شۇنچە ئاقىرىپ كەتكەنلىكىنى يۇقارقى بېيىتتىن باشقا چۈشۈندۈرىدىغان ئاساس بارمۇ؟ يۇقارقى بېيىتلاردا قويۇلغان چاچ ھەققىدىكى ئوبرازلىق بايانلارنى بەدئىي ئەدەبىيات نۇقتىسىدىن «قارا چاچلىرىمغا ئاق سانجىلدى» دەپ چۈشىنىلىدۇ، يەنە بىر تەرەپكە نەزەر ئاغدۇرغاندا قەلەم ھەم ئەلەمدە يېتىلگەن بۇ غورۇرلۇق ئالىمنىڭ بويۇن- كۆكرەكلىرىدىن بۇغدىيەكنىلا ئېلىۋەتسە، بۇرۇتلىرى خەت تارتمىغان ياش يىگىتلەرنىڭ كۆكرىكىدەك سىدام، مويسىز سىزىلىپ قالغانلىقىنى كۆرىمىز. ساقاللىق شۇنچە ۋىژدانلىق، غورۇرلۇق يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مەيدىسىدە ئازراقمۇ تۈك يوق بولغىيمىتى. يۈز- چىرايىدىكى ئالامەتلەر بىلەن، بويۇن ۋە كۆكرىكىدە ماسلىق ئەكىس ئەتكەنمۇ؟ باش تەرىپىنى توسۇپ تۇرۇپ، بويۇن ۋە كۆكرىكىنى تەجىربىلىك رەسساملاردىن بىرىگە كۆرسەتسە قانداق باھا بېرەر؟ ئۆز ۋاقتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بەدىنى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ سۈرىتىدەك ئۇنداق مويسىز ئەمەس ئىدى. 1082- يىلدىكى قانۇن ھۆججىتىدە گۇۋاھلىققا چىققان ئەرنىڭ بەدەنلىرىنى «تۈكلۈك» دەپ سۈپەتلىگەن، ئوغۇزخانمۇ شۇنداق تۈكلۈك خاقان ئىدى. مەنىۋىيەت بىلەن جىسمانىيەىتنىڭ بىرلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرۈشتە ئەلۋەتتە بۇ تەرەپلەرگىمۇ نەزەر ئاغدۇرۇش لازىم ئىدى. ئۇيغۇرلاردا ‹‹مەيدىسىدە تۈكى بار›› دېگەن ئېدىئوم ئېسىل تەبىئەتلىك، غورۇرلۇق، كۈچ قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرغان كىشىلەرنىڭ سۈپىتىدۇر، دېگەن. رەسىم دېگەن رەسسام ئۆز نەزىرى بىلەنلا قاراپ ھوزۇرلىنىش ئۈچۈن سىزىلمايدۇ، بەلكى ئاۋامنىڭ بەھرىمەن بولىشى ئۈچۈن سىزىلىدۇ، ئاۋامنىڭ نەزىرى بىلەن قارىغاندا، يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلەن مەھمۇد كاشغەرىنى يۇقارقى پورتېرتىدىن ئۇلارنىڭ ياش پەرقى نۇقتىسىدىن نېمىنى ھېس قىلالايدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپنى مەھمۇد كاشغەرىدىن 10ياش ئەتراپىدا كىچىك دەپ ھېس قىلالامدۇ؟ قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلىنمىغاچقا، يۈسۈپ خاس ھاجىپ مەھمۇد كاشغەرىدىن 20 ياش ئەتراپىدا چوڭدەك تەسىرات بېرىدىغان ھالەت شەكىللەنگەن. ئەمەلىيەتتە ئىككى ئالىم ياش قورامى جەھەتتىن تەڭتۇش ھېسابلىنىدۇ.
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ سىماسىنى ئىزدەش يولى
«قۇتادغۇبىلىك» ئۇيغۇرلارنىڭ ئىدىيە تارىخىدىكى مۆجىزىلىك بەدىئىي پىرامىدا، ھاكىمىيەتچىلىك ئېڭىنىڭ زامان ۋە ماكاندىن ھالقىغان ئىلغار تىپى، 11 – ئەسىردىكى بىلىش نەتىجىلىرىنىڭ بەدىئىي يۈكسەكلىكتە ئەكىس ئېتىشى. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئىلغار ھاكىمىيەتچىلىك ئېڭىدا تۇرۇپ، پادىشاھتىن تارتىپ دۆلەتنىڭ بارلىق تەبىقىلىرىنىڭ ئۆزىدە ھازىرلاشقا تېگىشلىك ئىنسانىي ساپا ۋە كەسپىي ساپاسى ھەققىدە ئۆلچەم قويۇپ چىقىدۇ. ئەسەردىكى ئىدىيىۋىي سىستېما دۆلەت ۋە قانۇن سىمۋولى كۈنتۇغدى ئىلىگ، بەخت ئىقبال سىمۋولى ئايتولدى، ئەقىل پاراسەت سىمۋولى ئۆگدۈلمىش، ئاقىۋەت ۋە قانائەت سىمۋولى بولغان ئودغورمىشلار ئوتتۇرىسىدا بولۇپ ئۆتكەن سۆھبەت ۋە مۇنازىرە ئارقىلىق تۇرغۇزىلىدۇ. ئەسەردە يارىتىلغان ھەربىر ئوبراز ئىدىئال تىپ بولۇپ، ئۇلار يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ غايىسىدىكى ئىدىئال دۆلەتنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىجراچىلىرى. ئەلۋەتتە، بەدىئىي ئەدەبىياتنىڭ پىرىنسىپى ئەسەرگە ئاپتورنىڭ مەنىۋىي ئوبرازى مەلۇم دەرىجىدە سىڭىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلمايدۇ. ئۇنداق بولسا يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئوبرازىنى «قۇتادغۇبىلىك» تىكى قايسى قاتلامدىن ئىزدىسە مۇۋاپىق. بۇ مەسىلىدە يەنىلا «قۇتادغۇبىلىك» نى ئۇزۇن تەتقىق قىلغان مەشھۇر ئالىملارنىڭ پىكرىگە مۇراجەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
مەشھۇر ئالىم رەشىد رەھەتى ئارات يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىگ» تىكى ئوبرازىنى ئىزدەشكە توغرا كەلسە «ئاي تولدى بىلەن ‹ئوقۇش – ئەقىل›گە سىمۋول بولغان ئۆگدۈلمىشنىڭ كىشىلىكىدە شائىرنىڭ ئۆزىنى تەسۋىرلىگەنلىكىنى ئېيتالايمىز. ئەسەردىن بۇ ئىككىسى ھەققىدە ئۆگەنگەنلىرىمىز، يۈسۈپنىڭ شەخسىيىتى ھەققىدە بىلىدىغانلىرىمىزغا ماس كېلىدۇ. تەبىئىيكى، بۇ سېلىشتۇرمىدا ئەسەردىكى ھەرىكەتلەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە ھەرىكەتكە ئىشتىراك قىلغان شەخسلەرنىڭ ئوينىغان رولى سەۋەبىدىن زۆرۈر بولغان پەرقلەرنى نەزەرگە ئېلىش كېرەك»①دەيدۇ. رەسىد رەھمىتى ئارات يۇقىرىقى كۆز قارىشىنى يۇقىرى ئىقتىدارغا ئىگە بولغان ئايتولدى كۈنتۇغدى ئىلىگنىڭ ئەتراپىغا ئىستىداتلىق كىشىلەرنى توپلاۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇش ئىستىكىدە ئۇزۇن مۇساپىلەرنى بېسىپ پايتەخىتكە كېلىپ، كېيىن ئوردىغا قوبۇل قىلىنغانلىقى ھەمدە كۈنتۇغدى ئىلىگنىڭ ئەڭ ئەتىۋارلىق ۋەزىرلىرىدىن بولۇپ قالغانلىقى بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپ شۇنچە يۇقىرى ئىقتىدارغا ئىگە بولسىمۇ، 50 ياشلارغىچە زاماننىڭ كۈلپەتلىرىدىن دىلى جاراھەتلەنگەن، نۇرغۇن قىسمەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن ئالىم بالاساغۇندىن ئورداكەنت «قەشقەر» گە كېلىپ، ئېدىئال دۆلەت غايىسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن «قۇتادغۇبىلىگ» ئەسىرىنى بۇغراخانغا تەقدىم قىلغاندىن كېيىن، ئوردىغا قوبۇل قىلىنىپ، بۇغراخاننىڭ يۈكسەك قەدىرلىشىگە ئېرىشكەنلىكى ۋە تارتۇقلىنىپ خاس ھاجىپلىق مەرتىۋىسى بېرىلگەنلىكىدەك بىر قاتار ئىقتىدار ۋە vXZOy%$o
سەرگۈزەش ئورتاقلىقى قاتارلىقلار نەزەردە تۇتىلىدۇ.
غازىكام ماقالىدا يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ پورتىرىتىنى «قۇتادغۇبىلىگ» تىكى خاس ھاجىپ قانداق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇشى كېرەكلىكى ھەققىدە بايان قىلغان 31 – بابتىكى تەلەپلەرگە ئاساسەن تۇرغۇزۇپ چىققانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇ خىل ئىزدىنىش مەنتىقىغا چۈشمەيدۇ. رەسىمىدە ياراتماقچى بولغان ئوبراز «قۇتادغۇبىلىگ» نىڭ ئاپتورى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئوبرازى، ھەرگىزمۇ يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇبىلىگ» تە ئېدىئال دۆلەتنىڭ ئۇلۇغ خاس ھاجىپى سۈپىتىدە بايان قىلىنغان ئادەمنىڭ تەسۋىر كۆچۈرۈلمىسى ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئەسەردىكى خاس ھاجىپ بەدئىي ئوبراز دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈپ تەسۋىرلەنگەن پېرسۇناژ ئوبرازى ئەمەس، يانداشما ئوبرازمۇ ئەمەس، ئۇ بىر ئەدەبىي دېتال، يەنى «قۇتادغۇبىلىك» تىكى ئۆگدۈلمىشنىڭ ئوبرازىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدىغان ۋاستە. ئۇنتۇماسلىق كېرەككى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇبىلىگ» نى يېزىشتىن بۇرۇن خاس ھاجىپ ئەمەس ئىدى. ئەگەر بۇغراخان يۈسۈپكە ۋەزىرلىك، ئىشىك ئاغىلىق، غەزىنىدارلىق، يالىۋاچلىق، سۇباشىلىق، پۈتۈكچىلىك قاتارلىق مەرتىۋىلەرنىڭ بىرەرىنى بەرگەن بولسا، يەنىلا بۇ ئوبرازلاردا ئەكىس ئەتكەن قىياپەت ۋە مەنىۋىي كامالەت يۈسۈپ خاس ھاجىپتا« تولۇق ھازىرلانغانلىقىغا جەزىم» قىلارمىتى. شۇڭا، رەشىد رەھمىتى ئارات ئۆگدۈلمىشنىڭ ئوبرازىدا يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ سىماسى ئەكس ئەتكەنلىكىنى بايان قىلغاندا مۇنداق دېگەن: « ئايتولدىنىڭ ئوغلى چوڭ بولۇپ ، ھۆكۈمدارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ دادىسىنىڭ ئورنىغا ۋەزىر بولىدۇ . شائىر ھەر تۈرلۈك پەزىلەت ۋە خىسلەتلەرگە ئىگە بولغان بۇ ئالىم ۋەزىرنى دۆلەت ئىشلىرىلا ئەمەس ، بەلكى يەنە شەخسىي چۈشەنچە ۋە ھەرىكەتلەردىمۇ ھۆكۈمدارنىڭ ياردەمچىسى سۈپىتىدە سەھنىگە چىقىرىدۇر . شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي مۇئەسسەسىلىرى ھەققىدە سۆز قىلىش پۇرسىتى بېرىدۇ . بەزىدە ھۆكۈمدارنىڭ ۋە بەزىدە ئۇدغۇرمىشنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىش شەكلىدە سۆزلەنگەن بۇ پىكىرلەر دۆلەت تەشكىلاتىنىڭ پەلسەپەسىنى ۋە ئەخلاقىي ئاساسلىرىنى تەشكىل قىلغان بولۇپ ، قەدىمكى ۋە يېڭى دەۋرلەرنى بىر بىرىگە باغلاش جەھەتتىن تەڭداشسىز بىر قىممەتكە ئىگە . شۇڭا ، نۆۋىتى بىلەن ھۆكۈمدار ، ۋەزىر ، قوماندان ، ھاجىب ، ئىشىك ئاغىسى ، ئەلچى ، پۈتۈكچى ، غەزىندار ، باش ئاشپەز ، شارابدار مەنسەپلىرى ۋە بۇ ئورۇنلارنى ئىگىلىگەن كىشىلەرنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى ۋە ۋەزىپىلىرى ئايرىم بابلاردا چۈشەندۈرۈلگەن . » يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەسەردىكى سىيماسىنى «قۇتادغۇبىلىك» تە يارىتىلغان مۇكەممەل ئوبرازلاردىن ئەمەس، بەلكى مۇكەممەل ئوبرازلار بايان قىلىۋاتقان بەدئىي دېتالدىن ئىزدەش ئەلۋەتتە ئازغۇنلۇق بولىدۇ. ئەگەر، بۇ ئىلمىي كۆز قاراشلار ئېتىبارغا ئېلىنمىسا يېڭىلىش كېلىپ چىقىدۇ. &B1Wt