\}%_FnP0ZU
1r*yYm'
ئەتتىگەندە ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئادىتىم بۇيۇنچە بىرىنجى بۇلۇپ،تىلفۇنۇمنى قۇلۇمغا ئالدىم <<مەن تۇردۇم دادىسى،سىزمۇ ئەمدى تۇرۇڭ ئورنىڭىزدىن، ئوبدان ناشتا قىلىپ ،رەتلىك كىيىنىپ ئاندىن ئىشقا چىقىڭ، سىزنى سۈيىمەن.....>> .مەن ھەر كۈنى تىلفۇنىمدا مۇشۇ خەتلەرنى قىسقا ئۇچۇر قىلىپ يوللاپ بولغاندىن كىيىن باشقا ئىشلىرىمنى قىلاتتىم ، كىيىن بولغاندىمۇ 20 مىنۇتلارغىچە ئۇنىڭدىن جاۋاپ كىلىپ بۇلاتتى << خۇتۇن مەنمۇ تۇردۇم،قانداق ياخشى ئۇخلاپسىزمۇ؟ ئوغلۇممۇ تۇردىمۇ ئورنىدىن؟ ئۇ يەنە خاپا قىلمىغاندۇ ؟سىلەرمۇ ئوبدان ناشتا قىلىپ ئاندىن ئىشقا مېڭىڭلار، مەنمۇ سىزنى سۈيىمەن جېنىم، سىزنى بەكمۇ سېغىندىم>>... بۇ خەتلەرنى كۆرۈپ ئىچ –ئىچىمدىن شۇنچىلىك سۈيۈنۈپ كىتەتتىم. گەرچە بىز تخى توي قىلمىغان بولساقمۇ ئۇ مىنى خۇتۇن دەپ ئاتايتتى، مەنمۇ ئۇنى دادىسى دەيتتىم، ئەمما بۈگۈن سائەت 8 بولغىچىمۇ ئۇنىڭدىن جاۋاپ كەلمىدى.<<ھۇ ھۇرۇن ئاخشام ئازراق ئوينىشىپ ، تېرىكتۇرۇپ قويسام كىچىچە ئۇخلىماي ، ئەتىگەندە ئۇخلاپ قاپتۇدە.->>مەن ئىچىمدە ئۆزۈمگە ئۆزۈم شۇنداق ئەركىلىگىنىچە كىيىملىرىمنى كىيىپ خىزمەتكە مېڭىپ كەتتىم .
سائەت 9 ،10 مۇ بولدى ئۇنىڭدى تېخىچە جاۋاپ يوق ...... ئىچىمگە بىر خىل ئەنسىزچىلىك كىرىپلىۋالدى.مەن تاقەتسىزلىنىپ ئۇنىڭغا تىلفۇن قىلدىم. كىم بىلسۇن تىلفۇننىمۇ ئالدىغان ئادەم يوق، يۈرۈگۈم مۇزلاپ لەسسىدە ئولتۇرۇپ قالدىم .نەچچە رەت تىلفۇن قىلغان بولساممۇ ئۇ پەقەت تىلفۇننى ئالمىدى ،مەن خۇددى روھى چىقىپ كەتكەن ئادەمدەك بۇلۇپلا قالغانىدىم، پۇتۇن بەدىنىم u\
/TR#b
ھالسىزلىنىپ كەتكەن ئىدى.چۈنكى ئۇ ئەزەلدىن تىلفۇنىمنى ئالماي قالغان ئەمەس.ئەتتىگەن سائەت ئون بولغۇچە بىز نەچچە قېتىم تىلفۇندا كۈرىشىپ بۇلاتتۇق. ياكى بولمىسا ئۇچۇرلىشاتتۇق.مەن تىلفۇننى ئالماي قالسام ئۇ پۇتى كويگەن تۇخۇدەك تۇرالمايلا قالاتتىدە ئارقا- ئارقىدىن ئۇچۇرلارنى ياغدۇرۋىتەتتى....... دائىم ئۇنىڭ بىلەن قېرىشىپ تىلفۇنىنى بەك تەس ئالاتتىم. ئەمما ئۇ پەقەت ئۇنداق قىلمايتتى ، ئەگەر بىرەر قېتىم تەسراق ئېلىپ قالسىمۇ ئۇششۇقلۇق قىلىپ نەچچە سائەت تىلفۇنىمنى ئىتىۋالاتتىم .بەزىدە ئۇ خاپچىلىقتا ئاچچىقىنى ھاراقتىن ئالاتتى چۇنكى مەن دائىم ئۇنىڭدىن ئاغرىنىپ قالساملا ئايرىلىپ كىتىمەن دەپ تۇرۋالاتتىم.... ئەمما بۇ يۇرەك سۈزۈم ئەمەس ئىدى ئۇنى بەكمۇ سۈيەتتىم ئۇ مىنىڭ ھاياتىم مىنىڭ بارلىغىم ئىدى. ئۇ مىنى بەكمۇ ياخشى كورگەچكە بار ئېغىرچىلىقلىرىمنىمۇ كۇتۇرەتتى مىنىڭ ئۇششۇقلۇق قىلىپ ئەركىلەشلىرىمگىمۇ كۇنۇپ كەتكەن ئىدى.بىراق بۇەۇن تۇنجى قېتىم ئۇنىڭغا قىلغان تىلفۇنۇممۇ ئۇچۇرلىرىممۇ جاۋاپسىز قالغان ئىدى ئەمما مەندە نە ئۇنىڭدىن ئاغرىنغۇدەك ماغدۇرمۇ قالمىغان ئىدى ئەكسىچە بارا – بارا ئۇنىڭدىن ئەنسىرەشكە باشلىدىم ئاخشام يەنە ئۇنىڭ بىلەن ئازراق گەپتە تەگىشىپ قېلىپ تىلفۇنىمنى ئىتىۋالغان ئىدىم يەنە ئۇنىڭغا <<بىز ئەمدى ئايرىلىپ كىتەيلى ، سىزمۇ ئۈزىڭىزگە لايىق بىرسىنى تېپىڭ ئەمدى .مىنى ئۇنتۇپ كىتىڭ>> دىگەنىدىم . ئۇ شۇنىڭغا خاپا بۇلۇپ قالدىمۇ يا؟ ئەمما ئۇ بۇنىڭ چاقچاق ئىكەنلىكىنى ، مىنىڭ ئەركىلەپ دەپ قويغىنىمنى بىلىشى كىرەك ئىدىغۇ؟ . ياكى ئۇ مىنىڭ بۇنداق ئۈزىنى يالۋۇرتىشلىرىمدىن زىرىكىپ قالدىمۇ نىمە؟ئەمدى ماڭا قارىماي قۇيارمۇ؟ راستلسا شۇنداق بۇلۇپمۇ قالارمۇ؟ ....ياق....مەن ئۇنسىز قاتتىىق ۋاقىردىم،يۇزلىرىمنى ئالقىنىم بىلەن ئىتىپ ئۈزۈمنى باسالماي يىغلاپ تاشلىدىم.ئىشخانىغىمۇ كىرمەي مەكتەپ ئارقا ھويلىسىدا ئەنە شۇنداق ئىزتىراپ ئىچىدە تۇراتتىم.ئاخىرى بۇلالماي ئاكىسىغا تىلفۇن ئالدىم. vO53?vN[m9
-ۋەي ،ياخشىمۇسىز ئالىم ئاكا ، مەن گۇلشەن ،ياخشى تۇرىۋاتامسىز؟
ئۇ تۇلىمۇ پەس ئاۋازدا Yt{Z+.;9OI
44w
"U%+
-مەن سىزگە سەل تۇرۇپ تىلفۇن قىلاي،- دىدىدە،تىلفۇننى قۇيىۋەتتى.
نىمە ئىشلىقىنى ئاڭقىرالماي تېخىمۇ تىت تىت بۇلۇشقا باشلىغانىدىم.ئىچ –ئىچىمدىن بىر خىل سۇغۇقلۇق چىقاتتى،مەن ئەنە شۇنداق ھالەتتە چۇشلۇك تاماق ۋاختىنىڭ ئۇتۇپ كەتكىنىمۇ سەزمەيلا قالغان ئىدىم.بىر دەمدىلا مەكتەپكە بالىلار ئارقىدىن ئۇقۇتقۇچىلار كىلىشكە باشلىدى.مەن ئامالسىز ئېغىرلىشىپ كەتكەن ئەمما جانسىز ئەشۇ پۇتلىرىمنى تەستە يوتكەپ ئىشىانامغا ماڭدىم،ئىشخانا ئالدىغا كىلىشمگە تۇيۇقسىز بىرسىنىڭ چاقىرغان ئاۋازىدىن چۇچۇپ كەتتىم.
- ئاداش گۇلشەن قانداق تۇرسەن ؟- ئۇ مىنىڭ يېقىن دوستۇم نادىرە ئىدى.
_ھە سەنمىدىڭ ئاداش ،-دىدىم مەن تۇلىمۇ پەس ئاۋازدا>- ياخشى
مەن شۇ گەپنى ئاران ئارانلا دىيەلىدىم دە ئۇنىڭغا ئۈزۈمنى ئېتىپ ئاران قالغان
دەرىت-ھەسرىتىمنى بىراقلا تۇكىۋېتىدىغاندەك قاتتىق ھوڭرەپ يىغلاپ تاشلىدىم.
ئۇمۇ مىنى قۇچاقلاپ تەڭلا يىغلاپ كەتتى
-گۈلشەن جېنىم ئاداش ئۈزۈڭنىمۇ ئايا ، ئۇ ياخشى بۇلۇپ كىتىدۇ ، يىغلىماي
تىزراق يولغا چىققىن.
ئۇنىڭ كىيىنكى گىپى قۇلىقىمغا كىرمىدى .كۆزۈمنىڭ قاراڭغۇلاشقانلىقىنى بىلىمەن…….. ئىسىمگىە كەلگىنىمدە ياتاق ئۇيۇمدە ياتاتتىم.پۇتۇن جىسمىدىن شوخلۇق يېغىپ تۇردىغان ئەشۇ ئۇماق ئوغلۇم شۇكلەپ ، يىغلاپ كوزلىرىمۇ قىزىرىپ ئىششىپ كەتكەن ئىدى.ئۇلارغا قاراپ يۈرىگىم مۇجۇلۇپ ئۈزۈمنى تۇتالماي يەنە قاتتىق يىغلاپ تاشلىدىم.
yUO%@;
- ئۇ كۈمۇر گازىدىن زەھەرلىنىپ دوختۇرخانىدا جىددى قۇتقۇزىۋېتىپتۇ تىزراق يولغا چىققىن ئاداش،- نادىرەنىڭ بۇ سوزلىرىنىڭ راسلىقىغا پەقەت ئىشەنگۈممۇ كەلمەيتتى. yMD0Tj5ZQ
!wro7ilMB
.داۋامى بار nGTqW/k[+s
C"k]U[%{
مەنبە ئۆزۈم |Y2n6gkH[
[ بۇ يازما kuzum تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]