مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى
ئالدىنقى تىماكىيىنكى تىما
مەزكۇر يازما 1480 قېتىم كۆرۈلدى
«12345»Pages: 1/5     Go
تىما : ئارمان، بەختىمىزگە كۆز تەگمىسۇن(ھېكايە)
.: Www.MisraniM.CoM :.

دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 945
  جىنسى: خانىم
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە40دانە
ئۆسۈش: 1.33%
  نادىر تىما: 1
  يوللانما: 40
  ياخشى باھا: 22 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 955 سوم
  تۆھپىسى: 3 كىشى
  ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
  ۋاقتى: 36(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-26
  كىرىشى: 2010-07-04

0

 ئارمان، بەختىمىزگە كۆز تەگمىسۇن(ھېكايە)



باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى: تېما باشقۇرغۇچى Misranim تەرپىدىن نادىرلاندى. (2010-06-22)
ئارمان، بەختىمىزگە كۆز تەگمىسۇن
(ھېكايە)

"چاڭ" قىلىپ تەگكەن بىر كاچاتتىن ئوڭدامغا ئۇچۇپ كەتكىلى تاس قالدىم. مەڭزىمدىن ئوت چىقىپ كەتتى. تۇيۇقسىز تەگكەن زەربىدىن تېڭىرقاپ، كۆزۈمدىن ئىككى تامچە ئاچچىق ياش سىرغىپ چۈشتى. ئالدىمدا تۇرغان بۇ قىزنىڭ مېنى ئۈن - تىنسىزلا بىر كاچات سالغىنىغا ئەقلىم يەتمەيتتى. مەن تېخى ئىنكاس قايتۇرۇپ بولالماستىلا ئۇ مېنى يەنە بىر كاچات سالماقچى بولۇپ قولىنى كۆتۈرىۋىدى، كۈچلۈك بىر قول كېلىپ ئۇنىڭ بېغىشىدىن كاپپىدە تۇتتى."نىجات!"؟ قىز چۆچۈگىنىچە توۋلىۋەتتى. نىجات قىزنىڭ قولىنى قاتتىق سىلكىپ قويىۋەتكەنىدى، قىزنىڭ مېنى ئۇرماقچى بولغان قولى بوشلۇقتا لەيلەپ قالدى.قاتتىق خورلۇق ھېس قىلماقتا ئىدىم. ئون سەككىز ياشلىق ھاياتىمدا بىرەرسى قول تەگكۈزۈش ئەمەس، قاتتىقراق تىلمۇ تەگكۈزۈپ باققان قىز ئەمەس ئىدىم. تېزلىك بىلەن ئارقامغا ئۆرۈلگىنىمچە پۈتۈن كۈچۈم بىلەن يۈگۈرۈپ بۇ نىجىس جايدىن يىراقلاشتىم. كۆزۈمگە ھېچنىمە كۆرۈنمەيتتى. غورۇرۇمنىڭ بىراۋلار تەرىپىدىن رەھىمسىزلەرچە دەپسەندە قىلىنىشى ماڭا قاتتىق ھار كەلدى. ئۆزۈمنىڭ "تۆھمەت قۇربانى" بولۇپ قالغىنىمنى ئويلىساملا ئىچىم ئاچچىق بولۇپ، كۆزۈمدىن توختىماي ياشلار تۆكۈلىۋاتاتتى... ياتاققا قايتىپلا كارىۋىتىمغا ئۆزۈمنى ئاتتىم. ياتاقتىكىلەر مەندىن نېمە ئىش بولغانلىقىنى سوراپ ماڭا تەسەللىي بەرمەكچى بولاتتى. شۇ تاپتا ھېچكىمگە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلغۇم يوق.يانفۇنۇمنىڭ سايرىشىغىمۇ پەرۋا قىلمىدىم. ئىچىمدە" ئارمان، ئارمان..." دىگەن بىرلا ئىسىمنى يادلايتتىم. ياتاقداشلىرىمدىن كىمدۇر بىرى تېلىفۇنۇمنىڭ ئېكرانىغا قاراپلا" نىجاتكەن" دىگىنىچە يانفۇنۇمنى قولۇمغا تۇتقۇزدى. بىردەملىك ئىككىلىنىشتىن كېيىن تېلىفۇننى ئالدىم. نىجات جىددىيلىشىپ سۆزلەشكە باشلىدى:
- سىزنى تېلىفۇننى ئالمىسا قانداق قىلارمەن دەپ ئەنسىرىگەنىدىم. ئىشلارنىڭ بۈگۈنكىدەك بولۇپ كېتىشىگە مەن سەۋەبچى. يۇلتۇزنىڭ نىيىتىنىڭ بۇنچىلا رەزىل ئىكەنلىكىنى ئويلىماپتىمەن. ئۇنىڭ سىزگە يەنە زىيانكەشلىك قىلىشىغا ھەرگىز يول قويمايمەن،ماڭا ئىشىنىڭ، مەن ئۇنى...- نىجاتنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ تۆكۈلۈپلا كەتتىم:
-ماڭا يەنە قانچىلىك كۆڭۈل ئاغرىقى تېپىپ بېرەي دەيسىز نىجات؟! سىزگە ئىزچىل دەپ كېلىۋاتىمەنغۇ مېنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىم بار، دەپ؟!... مەن ئۆزۈمنى سىزدىن قانچە تارتقانسېرى، يۇلتۇزنىڭ سىزنى شۇنچىلا ياخشى كۆرىدىغىنىنى، تاھازىرغىچە ئۇنتىيالمايۋاتقىنىنى بىلىپ تۇرۇپ، ماڭا يۇلتۇزنىڭ كۆزىچىلا شۇنچە يېقىنچىلىق قىلىپ، يۇلتۇز ئىككىلىمىزنىلا ئوڭايسىز ئەھۋالدا قويدىڭىز... باشقىلارنىڭ كەينىمدىن تاپقان سۆز-چۆچەكلىرى ئازمۇ؟ مەن ھېلىمۇ چىداپ كېلىۋاتىمەن. كىملەرنىڭ ئارىدا ئويۇن ئويناۋاتقىنىنى بىلمەيمەن، بىلىشنىمۇ خالىمايمەن. ئەمدى مېنى ئىزدىمەڭ، ماڭا يېقىن كەلگۈچى بولماڭ! - سۆزلىگەنسېرى ئۆزۈمنى تۇتالماي قالدىم. ئۇنىڭغا يەنىمۇ قاتتىق گەپ قىلىپ غورۇرىغا تېگىپ قويۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن تېلىفۇننى قويىۋەتتىم. بېشىم قاتتىق ئاغرىپ كېتىۋاتاتتى. كارىۋاتتىن چۈشۈپ ئاستا ئەينەكنىڭ ئالدىغا كەلدىم. ئەينەكتىكى مەن، كۆزلىرىم ياش يۇقى، ئوڭ مەڭزىم قىزىرىپ سەل ئىششىغان، چىرايىمدىن ئاجايىپ سۇلغۇنلۇق چىقىپ تۇراتتى. كۆڭلۈم تېخىمۇ بۇزۇلدى. مەن مۇشۇنداق زۇلئايمىدىم؟ باشقىلار نىمە ئۈچۈن ماڭا شۇنداق ئۇۋال قىلىدىغاندۇ؟ بۇ ئىشلار قاچان تۈزىلىپ، ئىزىغا چۈشەر-ھە؟! قاچانمۇ باشقىلارنىڭ دەخلىسىسىز ئۆتىدىغان كۈنلەر كېلەر؟!
مەن مۇشۇنداق بۇرۇقتۇرمىچىلىق ئىچىدە ئۆتىۋاتقىنىمغا بىر قانچە ھەپتە بولۇپ قالدى. نىجات ماڭا سىنىپتا بىر مۇنچە بالىلارنىڭ ئالدىدىلا"سىزنى ياخشى كۆرىمەن" دىگەن سۆزنى قىلغان شۇ كۈندىن باشلاپ، مېنىڭ تىنچ تۇرمۇشۇم بۇزۇلدى... نىجات ئىككىمىز بىر سىنىپتا ئوقۇيتتۇق. يۇلتۇز بولسا باشقا كەسىپتە، ئەمما بىز بىلەن بىر قاراردا ئىدى. نىجات بىلەن يۇلتۇز ئالىي مەكتەپكە چىقىپ بىر مەزگىل ئىنتايىن قىزغىن مۇھەببەتلەشكەنىدى.بۇنى سىنىپىمىزدىكى ھەممەيلەن بىلەتتى. كېيىن ئۇلار ئايرىلىپ كەتتى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، يۇلتۇزنىڭ يۇقىرى يىللىقتا ئوقۇيدىغان ئاكىسى نىجاتنى ئۆزلىرى بىلەن بىر يەرلىك ئەمەس،دەپ ئۇلارنىڭ ئىشىغا قارشى تۇرۇپ، نىجاتنىڭ يۇلتۇزغا يېقىنلىشىشىغا يول قويماپتىمىش... يۇلتۇز بىلەن ئايرىلىپ كېتىپ، نىجات باشقىچىلا بىر ئادەمگە ئايلاندى. بۇرۇنقى گەپدانلىقى - جىمغۇرلۇققا، خۇشپېئىللىقى - تەرسالىققا، ئەلتەكلىكى - ياۋايىلىققا ئۆزگىرىپ، ھېچكىم بىلەن ئارىلاشماي ئۆزى يالغۇز يۈرەتتى. مۇھەببىتىدىن ئايرىلغان قىسمەن كىشىلەرنىڭ خاراكتېر ۋە باشقا جەھەتلەردە ئۆزگىرىپ كېتىشى نورمال بولسىمۇ، ئادەم ھامان ئالدىغا قاراپ مېڭىشى، مۇھەببەتتە مەغلۇپ بولغانلىقى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ كېيىنكى ھەربىر قەدىمىنىڭ مەغلۇبىيەت بىلەن تولغانلىقىنى بىلدۈرمەيدىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك، دەپ ئويلايتتىم. شۇڭلاشقىمۇ، نىجاتنىڭ شۇ خىل روھىي ھالىتىگە نىسبەتەن ھېسداشلىق قىلاتتىم... نىجات گەرچە پاسسىپ بىرخىل روھىي كەيپىياتتا تۇرسىمۇ، ئۆگىنىشنى تاشلىۋەتمەسلىكى ئۇنىڭ تېخى ئۆزىنى پۈتۈنلەي تاشلىۋەتمىگەنلىكىدىن دېرەك بېرىپ تۇراتتى...
ئالىي مەكتەپنىڭ تۇنجى ئوقۇش مەۋسۇمى ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇراتتى. يەنە بىر ئاي ۋاقىت بولسىمۇ، ھەممەيلەن ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىپ جىددىي تەكرار قىلىش بىلەن ئالدىراش. دەرسلەر ئاساسەن تۈگەپ، سىنىپقىمۇ چىقمىغاچقا، ساۋاقداشلار بىر-بىرىمىزنى كەمدىن كەم ئۇچرىتاتتۇق. مەكتەپ كۈتۈپخانىسى مېنىڭ كۈندە دىگۈدەك كىرىدىغان ئەڭ ياخشى ئۆگىنىش سورۇنۇم ئىدى. تىنچ مۇھىت ماڭا روھىي ئازادىلىك بېغىشلاپ، ئۆگىنىش ئۈنۈمىمنىڭ يۇقىرى بولۇشىغا شارائىت ھازىرلاپ بېرەتتى. بۇ يەردە تەكرار قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار، ئاسپىرانتلارنىڭ كۆپلۈكىدىن بەزىدە ئورۇنمۇ يېتىشمەي قالاتتى. شۇ سەۋەبتىنمۇ، سەھەردە ھەممىدىن بالدۇر تۇرۇپ، ئىشلىرىمنى تۈگەتكەندىن كېيىن كۇتۇپخانىغا قاراپ يۈگرەيتتىم... كۇتۇپخانا دېرىزىسىدىن مەكتىپىمىزنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى كۆرگىلى بولاتتى. مەن ئاشۇ ئورۇندا ئولتۇرۇپ تەكرار قىلىشنى تولىمۇ ياقتۇراتتىم. ئاشۇ كۈنىمۇ يەنىلا ئادىتىم بويىچە ئۆزۈم ياقتۇرىدىغان ئورۇندا ئولتۇرۇپ تەكرار قىلىشنى باشلىۋەتتىم. قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكىنىنى بىلمەيمەن. كىمدۇر بىرىنىڭ ئارقامدىن "زۇلئاي..." دەپ بوشقىنە چاقىرىشىدىن ئاستا قايرىلدىم.
-نىجات؟ سىزمۇ تەكرار قىلغىلى كىرىپسىزدە. قاچانراق كىرگەنىدىڭىز؟
-ئۇزاق بولمىدى. كەينىڭىزدىن قاراپ سىزنى شۇمىدۇ، ئەمەسمىدۇ، دەپ ئىككىلىنىپ ئولتۇرۇپ ئەمدى چاقىرىشىم. دەرسلىكتىن چۈشىنەلمىگەن جايلار بار ئىدى، كىمدىن سوراشنى بىلەلمەي سىز يادىمغا كېلىپ، ئۇدۇللا كۇتۇپخانىغا كىرىشىم...
-ئەسلى مۇنداقكەندە. بولىدۇ، مەن كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ياردەم قىلىمەن.
-يېنىڭىزدا ئولتۇرسام بولامدۇ؟- دېدى ئۇ يېنىمدىكى بوش ئورۇننى كۆرسىتىپ.
-ئەلۋەتتە بولىدۇ، قېنى ئولتۇرۇڭ،- دېدىم مەنمۇ ماقۇللىقىمنى بىلدۈرۈپ....بىز تەكرارنى باشلىۋەتتۇق. ئۇنىڭ كاللىسىنىڭ شۇنچىلىك ئۆتكۈرلىكىگە ھەيران قالدىم. مەن ئۇ چۈشىنەلمىگەن نۇقتىلارنى بىرلا قېتىم يېشىپ بەرگىنىمدە، دەرھال چۈشىنەلەيتتى... شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇمۇ ھەركۈنى كۇتۇپخانىغا كىرىدىغان بولدى. بەزىدە مەندىن بالدۇر كىرىپ، ماڭا ھېلىقى مەن ياقتۇرىدىغان ئورۇننى ئېلىپ قوياتتى. بەزىدە ئۇنىڭ تەكرار قىلىۋاتقاچ چوڭقۇر خىيالغا پېتىپ ئولتۇرغىنىنى كۆرسەم، يۇلتۇز بىلەن بولغان ئىشلىرى يادىغا كېلىپ قالدىمىكىن، دەپ ئويلاپ قالاتتىم...
-زۇلئاي،-دېدى ئۇ بىر كۈنى تەكرار قىلىۋېتىپ، -سىزدىن بىر سوئالنى سورىسام بولارمۇ؟ باشقىچە چۈشىنىپ قالماڭ ھە~
-قېنى سوراڭ...-دىدىم مەن كۈلۈپ تۇرۇپ.
-سىزنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىڭىز بارمۇ؟
-...
-جاۋاب بەرگۈڭىز يوقمۇ؟ سوراشقا تىگىشلىك بولمىغان سوئالدىن بىرنى سوراپتىمەندە، كەچۈرۈڭ...
- ياقەي، ھېچقىسى يوق...-دەماللىققا نىمە دەپ جاۋاب بېرىشنى بىلەلمىدىم. ئۇنىڭ سوئالى ماڭا يىراقتىكى بىراۋنى ئەسلەتتى.- ئۇ بۇ يەردە ئەمەس،- بۇ سۆزنى قىلغاچ چوڭقۇر ئۇھسىنىپ كەتتىم.
-باشقا يەردە ئوقۇمدۇ؟
-شۇنداق. ئۇ ئۇنىۋېرستىتىمىزنىڭ ماگىستىرلىقنى قوشۇپ يەتتە يىل ئوقۇيدىغان كىلىنكىلىق داۋالاش كەسپىدە ئوقۇيدۇ. شاڭخەيدە ئىككى يىل ئوقۇپ ، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن مۇشۇ يەردە يەنە بەش يىل ئوقۇيدۇ. شاڭخەيدىكى ئوقۇشى تۈگەيدىغانغا يېرىم يىل بار.
-ئۇ سىزدىن بىر قارار يۇقىرى ئوقۇمدۇ؟
-ھەئە، بىز تولۇق ئوتتۇرىنى بىر مەكتەپتە ئوقۇغان. ئۇ شاڭخەيگە كېتىپ، بىر يىلدىن كېيىن مەنمۇ تىببىي ئۇنىۋېرستىتقا ئۆتتۈم. ئەپسۇس، ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش بىر كەسىپكە تاللىنالمىدىم.
-مۇنداق دەڭ... ئۇنداقتا ئۇ يېرىم يىلدىن كېيىن مەكتىپىمىزگە قايتىپ كېلىدىكەندە...ئۇنىڭ ئىسمىنى بىلسەم بولامدۇ؟
-ئارمان...
ھەر ئىككىمىز جىمىپ كەتتۇق. مەن كىتابقا قاراپ ئولتۇرغىنىم بىلەن خىياللىرىم يىراقتىكى ئارمان تامان قانات قېقىپ كەتكەنىدى... ئارمان بىلەن تولۇق ئوتتۇرىنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدا تونۇشقان. بۇ چاغدا ئۇ تولۇق ئۈچىنچى يىللىقتا ئوقۇيتتى. جاھاندا ئاجايىپ تونۇشۇشلار بار. ئارمان ئىككىمىزنىڭ تونۇشىشىمۇ ئاشۇ ئاجايىپ تونۇشۇشلار ئىچىدىكى ئاجايىپى ئىدى. مەكتەپ ئۆيۈمگە يېقىن بولغاچقا ئۆيگە قايتقاندا ئوبدان ئارام ئېلىش ئۈچۈن تاپشۇرۇقلىرىمنى سىنىپتىلا ئىشلىۋېتىپ، بىردەم تەكرار قىلىپ ھەممىدىن كېيىن قايتاتتىم. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى ئادىتىم بويىچە ئىشلىرىمنى تۈگەتكەندىن كېيىن دېرىزىدىن سىرتقا قارىسام خېلى بەكلا قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتكەنىدى. ئالدىراپ كىتابلىرىمنى يىغىشتۇراي دەپ تۇرۇشۇمغا تۇيۇقسىز توك كەتتى. يانفۇنۇمنىڭ يورۇقىدا كىتابلىرىمنى يىغىشتۇرۇپ، ئىشىكنى تاقىماقچى بولغىنىمدا يانفۇنۇمنىڭ توكى تۈگەپ ئۆزلىكىدىن ئۆچۈپ قالدى. قاراڭغۇدا تىمسىقلاپ يۈرۈپ ئىشىكنى ئاران تاقىيالىدىم. تام ياقىلاپ مېڭىپ كارىدور پەلەمپىيىنىڭ ئالدىغا كېلىپ قالدىم. يىقىلىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن بىر قەدەم بىر قەدەمدىن چۈشىۋاتسام ئارقامدىن بىرىنىڭ ئاياق تىۋىشى ئاڭلاندى. سەل قورقۇپ تۇرساممۇ، ماڭا ئوخشاش تەكرار قىلىپ قايتماقچى بولغانلاردىن بىرى بولسا كېرەك، دەپ ئويلاپ قەدىمىمنى تېزلەتتىم. "چاراس" قىلىپ يورۇلغان چاقماقنىڭ يورۇقى پەلەمپەينى سۇس يورۇتتى. قايرىلىپ كەينىمگە قارىدىم، كەينىمدە ناتونۇش بىر ئوغۇل بالا تۇراتتى. "ئېھتىيات قىلىڭ" دېدى ئۇ مۇلايىملىق بىلەن. ئاندىن ئۇمۇ پەلەمپەيدىن چۈشۈشكە باشلىدى.
-سىزمۇ تەكرار قىلىپ كەچ قاپسىزدە،-دىدىم ئەدەپ يۈزىسىدىن.
-ھەئە، بايام ئەمدى قايتاي دەپ تۇرىشىمغا توك كەتتى، شۇڭا ئالدىراپلا قايتماقچى بولغانىدىم. - ئۇ شۇنداق دىيىشىگە چاقماق ئۆچۈپ قالدى. يەنە شۇ قاراڭغۇلۇق...
-قورقۇۋاتامسىز؟ -دېدى ئۇ چاقماقنى يورۇتماي تۇرۇپ.
-ياقەي، قورقمىدىم...
ئۇ يەنە چاقمىقىنى يورۇتتى. چاقماق يورۇشى بىلەن ئىككىمىزنىڭ كۆزى ئۇچرىشىپ قالدى. تېزلىكتە كۆزۈمنى ئۇنىڭدىن قاچۇرۇپ پەلەمپەيدىن چۈشۈشنى داۋام قىلدىم. ئۇھ... ئالتىنچى قەۋەتتىن ئاخىرى چۈشۈپ بولدۇق. كارىدورنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كەلگەندە ھەر ئىككىمىز تېڭىرقىغىنىمىزچە تۇرۇپ قالدۇق. ئىشىك تاقاق ئىدى. توك بولمىغاچ كەچلىك مۇزاكىرە قىلىنمايدىغان بولغاچقا، بىز ئالتىنچى قەۋەتتىن چۈشكىچە مەكتەپنىڭ ئامانلىق ساقلاش خادىمى كارىدورنىڭ ئىشىكىنى تاقىۋەتكەنىدى. كاللامدىن بىر چېلەك سوغوق سۇ قۇيغاندەك ئەندىكىپ كەتتىم. ئەمدى بىر ئوغۇل بالا بىلەن مۇشۇ كارىدوردا قاراڭغۇدا بىللە تۇرۇپ...
-كارىدورنىڭ يان ئىشىكىگە بېرىپ باقايلى، -دېدى ئۇ ئارىدىكى جىمجىتلىقنى بۇزۇپ.مەن بېشىمنى لىڭشىتىپ ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدىم.
-ئىسمىڭىز نىمە ؟-ئۇنىڭ ئىسمىمنى سورىغانلىقى ماڭا سەل تاساددىپىي تۇيۇلدى.
-زۇلئاي- دىدىم مەن بوش ئاۋازدا.
-ئىسمىڭىز چىرايلىقكەن.- ئۇنىڭ ئوغۇللارنىڭ قىزلارنى ماختىغاندىكى ئەڭ ئومۇملىشىپ كەتكەن بىر ئېغىز سۆزنى قىلغىنىغا كۈلگۈم كەلگەن بولسىمۇ، رەسمىيەت يۈزىسىدىن ئېيتتىم:
-رەھمەت، سىزنىڭچۇ؟
- ئارمان،- دېدى ئۇ تېزلىك بىلەن. قارىغاندا مېنىڭ ئۇنىڭ ئىسمىنى سورايدىغانلىقىمنى پەرەز قىلغان بولسا كېرەك.
بىز مېڭىپ كارىدورنىڭ يان ئىشىكىگە كەلدۇق. بۇ ئىشىكمۇ تاقاق ئىدى. قاتتىق ئۈمىدسىزلىك بىلەن "ئەمدى قانداق قىلارمىز؟" دىگەندەك ئۇنىڭغا قارىدىم.
-سىزدە مەكتەپ ئامانلىق قوغداش ئىشخانىسىنىڭ تېلىفۇن نومۇرى بارمۇ؟ - ئۇنىڭ بۇ سوئالى بىلەن ئەقلىمگە كەلگەندەك يانچۇقۇمغا قولۇمنى سېلىپلا، تېلىفۇنۇمنىڭ توكى تۈگەپ كەتكەنلىكى يادىمغا يېتىپ يەنە لاسسىدە بولۇپ ئۇنىڭغا:
-تېلىفۇنۇمدا ساقلىۋالغان، بىراق ھازىر توكى تۈگەپ كەتتى،- دېدىم.
- نومۇر كارتىڭىزنى ماڭا بېرىڭ، -دېدى ئۇ نېمىنىدۇر ئەسكە ئالغاندەك. ئۇنىڭ مەقسىتىنى چۈشەندىم.چاقماقنىڭ يورۇقىدا كارتامنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا بەردىم. ئۇ كارتىنى ئۆزىنىڭ تېلىفۇنىغا كىرگۈزدى. ئامانلىق قوغداش ئىشخانىسىنىڭ نومۇرىنى تېپىپ تېلىفۇن بەردۇق. ھايال ئۆتمەي ئامانلىق قوغداش خادىمى يېتىپ كەلدى... سىرتقا چىقىپ چوڭقۇر ئۇھ تارتقىنىمنى ئاڭلاپ، ئۇ كۈلۈپ كەتتى ۋە:
-بايام قورقتىڭىزغۇ دەيمەن ھە؟ بەك جىددىيلىشىپ كەتتىڭىز...- دېدى مەنىلىك قىلىپ. مەنمۇ كۈلۈپ قويدۇم. بىز گەپ - سۆز قىلماي مېڭىپ مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىقتۇق.
- بەك كەچ بولۇپ كەتتى، ئۆيىڭىزگە ئاپىرىپ قويايمۇ؟
-رەھمەت، ئۆيۈم يېقىنلا يەردە، بىردەمدىلا بېرىپ قالىمەن. سىزنى ئاۋارە قىلماي...- ئۆزرە ئېيتىپ ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشتىم...شۇندىن باشلاپ ئارمان بىلەن مەكتەپتە ئۇچرىشىپ قالساق سالاملىشاتتۇق. بەزىدە ئۇ مەندىن ئۆزىگە لازىملىق ماتېرىياللارنى سوراپ تۇراتتى.
مەكتىپىمىزنىڭ "سەنئەت بايرىمى" يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا تولىمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتىم.مەن سىنىپىمىزنىڭ سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان رېژىسسورى بولۇپ تاللىنىپ، ھەركۈنى دىگۈدەك "مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان" نى كىچىك تىپتىكى مۇزىكىلىق ئوپىرا قىلىپ ئۆزگەرتىپ ئىشلەپ چىقىش ئۈچۈن بالىلارنى قايتا - قايتا رېپىتىس قىلدۇراتتىم. ئۆزەممۇ بۇ ئوپېرادا راست گۈلەندەمنىڭ رولىنى ئالىدىغان بولغاچقا، چارچاپ كەتسەممۇ رولنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇندىمىسام بولمايتتى. قېرىشقاندەك، مەكتىپىمىزنىڭ "سەنئەت بايرىمى" غا تۆت كۈن قالغاندا ئوپېرادا ئامىرنىڭ رولىنى ئالىدىغان جۈرئەت جىددىي خاراكتېرلىك سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى بىلەن ئوپىراتسىيە قىلىنىدىغان بولۇپ قالدى. ۋاقىت قىستاپ قالغاندا بۇنداق بولۇپ قېلىشى مېنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرىۋەتتى. سىنىپتىكى ئوغۇللاردىن مۇۋاپىق نامزات تاپالمىدىم. ئەھۋالنى سىنىپ مەسئۇلىمىزغا ئېيتتىم. ئۇ ماڭا ئامالى تېپىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، خاتىرجەم بولۇشۇمنى تاپىلىدى. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سىنىپ مەسئۇلىمىز ماڭا تولۇق ئۈچىنچى يىللىقتا ئوقۇيدىغان بىر ئوغۇل بالىنى تاپقانلىقىنى، ئۇنىڭمۇ ئۆگىنىشكە تەسىر يەتكۈزمىگەن ئاساستا بۇ رولنى ئېلىشقا قوشۇلغانلىقىنى ئېيتتى. كۆڭلۈم جايىغا چۈشتى. چۈشتىن كېيىنكى دەرستىن چۈشۈپ مۇئەللىم ئۇنى سىنىپقا باشلاپ كىرىۋىدى، ھەيران بولۇپ تۇرۇپلا قالدىم. كۆز ئالدىمدا ئارمان ماڭا قاراپ كۈلۈپ تۇراتتى. سىنىپ مەسئۇلىمىز بىزگە ياخشى تەييارلىق قىلىپ ئوپېرانىڭ " سەنئەت بايرىمىدىكى نادىر نومۇر" بولۇپ باھالىنىشىغا كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەكلىكىنى ئېيتىپ چىقىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ "يېڭى ئامىر" بىلەن رېپىتىسنى باشلىۋەتتۇق. ئۇ رولنى شۇنچىلىك تەبىئىي ئالاتتى. ئۇسسۇلنىمۇ ئىنتايىن سىلىق ۋە جانلىق ئويناپ، بىردەمدىلا بىزگە ماسلىشىپ كەتتى. بۇنىڭدىن ھەممەيلەن خاتىرجەم ھەم خۇشال بولدۇق. رېپىتىس ئاخىرلىشىشى بىلەن باشقىلار ئالدىراپلا كېتىپ قېلىشتى. مەن ھەممىنىڭ ئاخىرىدا سىنىپنى تاقاپ ماڭاي دەپ، سىنىپتىن ئەمدىلا چىقىشىمغا ئارمان كارىدوردا مېنى ساقلاپ تۇرغانىكەن.
-سىزنى تەكرار قىلغىلى قويماي ۋاقتىڭىزنى ئېلىپ قويدۇق، كەچۈرۈڭ، ئەسلىدە...-شۇنداق دىيىشىمگىلا ئۇ گېپىمنى تارتىۋالدى:
-ھېچقىسى يوق زۇلئاي، بۇ مېنىڭ قىزىقىشىم ھەم ئىختىيارىم بىلەن بولدى. تەكرارنى تولۇقلىۋالسام بولىدۇ. سىز رولنى تولىمۇ ياخشى ئالىدىكەنسىز، كېيىنچە ئاكتىيور بولسىڭىزمۇ بولغۇدەك.
-رەھمەت، ئاشۇرىۋەتتىڭىز، مېنىڭچە سىز رولنى بەك تەبىئىي ھەم جانلىق ئالىدىكەنسىز... بىراق، مېنىڭ ئاكتىيور بولغۇم يوق، بۇ پەقەت مېنىڭ قىزىقىشىم، خالاس...
-ھە~ ئۇنداقتا سىزنىڭ ئارزۇيىڭىزنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلىپ بېقىشقا بولارمىكىن؟
-بۇ دىگەن مەخپىي، دىسەم بولمايدۇ،- شوخلۇق بىلەن ئۇنىڭغا قاراپ كۆزۈمنى قىسىپ قويدۇم ۋە قايتۇرۇپ ئۇنىڭدىن سورىدىم:
-سىزنىڭچۇ؟ سىزنىڭ ئارزۇيىڭىز نىمە؟
-سىزنىڭ مەخپىي بولسا، ئەمىسە مېنىڭمۇ مەخپىي، دىمەيمەن تازا،- ئۇنىڭ گېپىدىن ھەر ئىككىمىز كۈلۈشۈپ كەتتۇق. بىز گەپلىشىپ ماڭغاچ مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىقتۇق. ئۇ ماڭا قاراپ يەنە چاقچاق قىلغىنىچە:
-ئۆيىڭىز يېقىن بولغاندىكىن ئاپىرىپ قويمىدىم ئەمىسە، ئىككى چامدىسىڭىزلا بېرىپ قالىسىز...-دېدى.
-ئىم، ماقۇل... ئەسلى شۇ، ئىككى چامداپلا بېرىپ قالىدىغان بولساممۇ ئاپىرىپ قويارمىكىن دىسەم، سىز بۇنداق دىگەن يەردە تۈزۈت قىلماي كىتىۋەردىم ئەمىسە...
بىز شۇنداق كۈلكە-چاقچاقلار بىلەن خوشلاشتۇق. مەن مېڭىۋېتىپ كەينىمگە قارىسام ئۇمۇ ماڭا قاراپ تۇرغانىكەن. قەلبىمنى ئاجايىپ ئىللىق بىر سېزىم چىرمىۋالدى. "ئارمان..."دەپ ئاستاغىنە پىچىرلاپ قويدۇم...
مەكتىپىمىزنىڭ "سەنئەت بايرىمى" كۈنى يېتىپ كەلدى. مەن شەھىرىمىزنىڭ سەنئەت ئۆمىكىدىن ئىجارە ئېلىپ كەلگەن كىيىملەرنى بالىلارغا بىر كۈن ئاۋۋال تارقىتىپ بەرگەچكە، ھەممەيلەن رەتلىك كىيىنىپ تەييار بولۇشقانىدى. سائەتكە قارىدىم، باشلىنىدىغانغا يېرىم سائەت قالغان بولسىمۇ ئارمان تېخىچە كەلمەيۋاتاتتى. ئۇنىڭغا تېلىفون بەرسەم"كەچۈرۈڭ، سىز چاقىرغان ئابونت تېلىفونىنى ئىتىۋەتكەن..." دىمەسمۇ، مېڭەمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى. ئالدىراپ-تېنەپ مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىقىپ قارىسام ئۇنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى. قاتتىق ئۈمىدسىزلىنىپ ئاستا مېڭىپ مەكتەپ ئىچىگە كىرىپ كەتتىم. كارىدورغا ئەمدى كىرەي دەپ تۇرىشىمغا "زۇلئاي" دەپ توۋلىغان تونۇش ئاۋازنى ئاڭلاپ تېزلىكتە كەينىمگە بۇرۇلدۇم. ئارمان "ۋېلىسپىتنى ئۇچقاندەك مىنىپ كېلىۋاتاتتى. قاتتىق ھاياجانلىنىپ كەتتىم. ئۇ ۋېلىسپىتتىن چۈشۈپلا:" كەچۈرۈڭ، كېچىكىپ قالدىم، جىددىي ئىشىم چىقىپ قېلىپ..."دىيىشىگە، مەن ئۇنىڭ گېپى ئاخىرلاشماستىلا ئالدىراپ :" كەلسىڭىزلا بولغىنى... تېز بولۇڭ، باشلىناي دەپ قالدى!" دىگىنىمچە ئۇنى تارتىپ يۈگۈردۈم. پەلەمپەيدىن چىقىۋېتىپ ئۇنىڭغا قارىدىم، ئۇچىسىدىكى ئازادلىق ئارمىيە فورمىسى شۇنچىلىك يارىشىپ كەتكەنىدى. ۋېلىسپىتنى كۈچەپ مىنگەنلىكتىن پېشانىلىرىدە ئۇششاق تەر تامچىلىرى يالتىرايتتى...بىز زالغا كىردۇق. تاماشىبىنلار ئورنى ئوقۇغۇچى، ئوقۇتقۇچى، مەكتەپ رەھبەرلىرى، ئاتا-ئانىلار ۋەكىللىرى بىلەن لىق تولغانىدى. بىزنىڭ نومۇرىمىز ئالدىدىمۇ كەينىدىمۇ ئەمەس بولۇپ ئانچە جىددىيلىشىپ كەتمىدۇق. باشقىلارنىڭ نومۇرلىرىنى كۆرۈپ مەندە سەل بېسىم پەيدا بولۇشقا باشلىدى. بىر-بىرىدىن سەرخىل سەنئەت نومۇرلىرى قىزغىن ئالقىش سادالىرىنى قوزغايتتى...
نۆۋەت بىزگە كەلدى."گۈل نىمىشقا شۇنچە قىزىل" دىگەن ناخشا چىقىشى بىلەن ئارمان، ياق، "ئامىر" قولىدا بىر تال قىزىلگۈلنى تۇتقىنىچە سەھنىدە پەيدا بولدى...ئامىر بىلەن راست گۈلەندەم بېقىشىپ ئۇسسۇل ئوينايدىغان يېرىگە كەلگەندە ئارماننىڭ كۆزىگە قارىدىم، كۆزلىرىمىز ئۇچرىشىپ بىر قانچە سىكونت شۇ تەرىقىدە ئۆزىمىزمۇ تۇيمىغان ھالدا بىر-بىرىمىزگە تىكىلىپ قالغانىدۇق. خىيالىمدا بىز سەھنىدە رول ئېلىۋاتقان ئەمەس، بەلكى رىئاللىقتىكى زۇلئاي بىلەن ئارمان ئوتلۇق نەزەردە بېقىشىپ بىر - بىرىگە كۆڭۈل سىرلىرىنى بايان ئەيلەۋاتاتتى... يالغان گۈلەندەم سەھنىدە پەيدا بولۇشى بىلەن دەرھال ئېسىمنى يىغىۋالدىم... ئامىر راست-يالغان گۈلەندەمنىڭ ئوتتۇرىسىدا زىددىيەتلىك تاللاش ئۈستىدە تۇرىۋاتاتتى...يالغان گۈلەندەمنىڭ ئەسلى قىياپىتى، رەزىل ئەپتى - بەشىرىسى خەلق تەرىپىدىن ئېچىپ تاشلاندى... ئامىر قولىدا بىردەستە قىزىلگۈلنى راست گۈلەندەمگە سۇندى...گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى خېلى ئۇزۇنغىچە توختىمىدى. دىمەك، بىز ئوپېرانى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغانىدۇق... "ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن" دىگەندەك، ئەڭ يۇقىرى باھا بىلەن بىزنىڭ نومۇرىمىز" سەنئەت بايرىمىدىكى نادىر نومۇر" بولۇپ باھالاندى. شۇ چاغدىكى خۇشاللىقىمنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بېرەلمەيتتىم. ئارمانغىمۇ سىنىپ كوللېكتىۋىمىز نامىدىن يېنىش - يېنىشلاپ رەھمەت ئېيتتىم. ئۇ مەمنۇنلۇق بىلەن :"ھەممىسى كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدىن بولدى..."دەپ كۈلۈمسىرەيتتى.
شۇنىڭدىن كېيىن ئارمان بىلەن ياخشى دوستلاردەك تېخىمۇ ئىجىل بولۇپ كەتتۇق. ئۇ ماڭا كۆيۈنەتتى، دەم ئېلىش كۈنلىرى بىللە بولۇپ قالساق "بىر كۈنى..." دەپ بىر يۇمۇر باشلىغىلى تۇرسا كۈلۈپ تېلىقىپ قالاتتىم. بەزىدە ماڭا خۇددى ئۆز سىڭلىسىدەك پەندى - نەسىھەتلەرنى قىلىپ كېتەتتى. يەنە بەزىدە بىللە ئولتۇرۇپ تەكرار قىلغانلىرىمىزدا بولسا ئۆگىنىش ئۇسۇلى ۋە دەرسلىكتىن چۈشىنەلمىگەن نۇقتىلارنى ئەستايىدىل چۈشەندۈرۈپ قوياتتى... ئۇ ئاستا - ئاستا مېنىڭ ھاياتىمغا سىڭىپ كىردى. ئۇنىڭ كېلىشكەن بەرنا قامىتى، قاپقارا كۆزلىرى يۈرىكىمگە ئويۇلۇپ كەتتى. چوڭقۇر مەناغا تولغان سۆزلىرى، ئەخلاق مىزانى، ئۆز ئىستىقبالى ئۈچۈن ھەر تەرەپتىن ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇشقا ئىنتىلىشى مېنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمەت ۋە ئىشەنچىمنى ھەسسلەپ ئاشۇراتتى.... راستىنى ئېيتقاندا، مەن ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغانىدىم! بىراق...ئۇ مېنى ياخشى كۆرەرمۇ؟ ئەگەر ئۇنىڭ باشقا ياخشى كۆرىدىغان ئادىمى بولسىچۇ؟... دىگەننى ئويلىسام بىر قىسمىلا بولۇپ قالاتتىم. "تەنھا سۆيگۈ - بىر تەرەپنىڭ يەنە بىر تەرەپنى يوشۇرۇن ياخشى كۆرۈشى، ئەمما مۇھەببىتىنى ئىپادىلىمەسلىكى سەۋەبىدىن ئازاب بىلەن ئاخىرلىشىدۇ" دىگەن بۇ سۆزنى قايسىبىر تېلىۋىزىيە تىياتىرىدا ئاڭلىۋالغان بولغىيتتىم؟... نۇرغۇن خىياللارنى قىلدىم. يۈرىكىمدە يىلتىز تارتىشقا باشلىغان تۇنجى مۇھەببەت بىخلىرى، ئۆگىنىش بېسىمى، ئارماننىڭ ئالدىدىكى چوڭ بىر ئۆتكەل، ۋاقىتنىڭ تەخىرسىز ھالدا قىستاپ كېلىۋاتقانلىقى... ئاخىرىدا كاللامدىكى زىددىيەتلىك مەسىلىلەردىن كەسكىن خۇلاسە چىقىرىپ، شۇنداق نىيەتكە كەلدىم: مەن ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغان بولساممۇ، ئۇنىڭغا بىلىندۈرمەسلىكىم، ئۇنىڭمۇ كۆڭلىنى بۆلمەسلىكىم، ئۆگىنىشىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىكىم، مۇھىمى، ئۇنىڭ دىققىتىنى بۇراشتىن ساقلىنىشىم كېرەك ئىدى. تەبىئىي ھالدا ئاستا ئۇنىڭدىن ئۆزۈمنى تارتماقچى بولدۇم. ئەكسىچە مېنىڭ بۇ ئاسىي كۆزلىرىم، ئوقۇغۇچىلار توپىدىن تەقەززالىق بىلەن ئۇنىڭ تونۇش سىماسىنى ئىزدەيتتى. ئەگەر ئۇنى ئۇچرىتىپ قالغۇدەك بولسام يۈرىكىم دۈپۈلدەپ سوقۇپ، جىددىيلىشىپ كېتەتتىم.... ئارمان، ھەي ئارمان... يۈرىكىمنىڭ تىنىق كۆلىگە تاش چۈشۈپ، سۇ بېتىدەك تىپتىنىچ قەلبىم داۋالغۇپ بارماقتا. سىز ئارمان ئەمەس، "يۈرەكتىكى ئارمان" بولۇپ قالدىڭىز...
قىشلىق تەتىل ۋاقتى مەكتەپنىڭ تەكرارغا ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ناھايىتى قىسقا بولغاچقا تېزلا ئۆتۈپ كەتتى. تولۇق ئۈچىنچى يىللىقنىڭ ئىككىنچى مەۋسۇمى شۇ يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ۋە ھالقىلىق بىر مەۋسۇم ئىدى. جىددىي ئۆگىنىش رېتىمى، تەكرارنىڭ كۈچەيتىلىشى ئارماننى خېلىلا چارچىتىپ قويغان بولسا كېرەك، ياداپ قالغاندەك كۆرۈنەتتى. بىر كۈنى ئۇ ماڭا تولۇق ئىككىنچى يىللىقنىڭ ئەدەبىيات كىتابىنى بېرىپ تۇرۇشۇمنى ئېيتتى. مەن كىتابىمنى ئەپچىقىپ ئۇنىڭغا بەردىم. تۇيۇقسىزلا ئۆزۈمنىڭ بىر پارچە شېئىر يېزىپ، ئاشۇ ۋاراقنى كىتابنىڭ ئارىسىغا قىستۇرۇپ قويۇپ ئېلىۋەتمىگىنىم ئېسىمگە كەلدى. ئارمان خۇددى ئۇ شېئىرنى ئوقۇسا يۈرىكىمنىڭ پىنھان جايىغا ساقلانغان كۆڭۈل سىرلىرىمنى بىلىۋالىدىغاندەك يۈرىكىم ئەنسىز سوقۇپ باراتتى. شېئىر مۇنداق يېزىلغانىدى:

سەن ئېسىمدىن كەچكەن دەقىقە،
چوغلىنىدۇ ۋۇجۇدۇم قەۋەت.
ئاقىرىدۇ ھىجران تۈنلىرى ،
ياغار دىلغا سۆيگۈڭدىن شەپقەت.

سەن ئېسىمدىن كەچكەن دەقىقە،
بەخت نۇرى چاقنار كۆزۈمدە.
مەۋج ئۇرار قەلبىمدە ئارمان،
باغلىنىمەن ئۈنسىز سېھرىڭگە.


چىگىش خىياللار ئىچىدە ئارماننىڭ كىتابىمنى قايتۇرۇپ بېرىشىنى كۈتتۈم. ئەتىسى سەھەردە ئۇ مېنى سىنىپنىڭ ئالدىدا ساقلاپ تۇرغانىكەن. مۇشۇ كۈنلەردە ئۇنى كۆرسەملا گېپىمنى تاپالمايدىغان، كۆزلىرىگە تىكىلىپمۇ قارىيالمايدىغان بولۇپ قالغانىدىم.
-كىتابىڭىزنى قايتۇرۇپ بېرەي دەپ ساقلاپ تۇرىۋىدىم، رەھمەت سىزگە. ھەراست، شېئىرنى ياخشى يازىدىكەنسىز، مەنمۇ يېزىپ بېقىۋىدىم، قاملاشمىغاندەك تۇرىدۇ ...
-ياقەي، ئانچە يازالمايمەن، شۇ مۇنداقلا يېزىپ بېقىشىم ئىدى،-دەپ كۆزلىرىمنى يەرگە تىكتىم ۋە،- سىزنىڭكىنى بىر كۆرەيچۇ،- دەپ ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ سىنىپقا كىرىپلا ئالدىراپ كىتابىمنى ئاچتىم.

كەچمەك بولدۇم سەندىن بەزىدە،
كېتەلمىدىم ئەمما يېنىڭدىن.
سەنمۇ ماڭا قىيا باقىسەن،
سۆيگۈ نۇرى چاقناپ كۆزۈڭدىن.

ئوتلىرىڭدا كۆيۈپ تۇرۇپمۇ،
پەرۋانىدەك ئۇرۇپ ئۆزۈمنى،
دىيەلمىدىم ھەتتا دۇدۇقلاپ،
"ساڭا ئاشق" دىگەن سۆزۈمنى.

ئاشىقلىقنىڭ ئوتى بەك يامان،
تاۋلىنىمىز ئۇنىڭدا ھامان.
شۇڭا تاتلىق مۇھەببەت دىگەن،
ياشىغاچقا قەلبتە پىنھان.

شېئىرىمدىن ئۇ ھەممىنى چۈشەنگەن ۋە ئۆزىنىڭمۇ كۆڭلىدىكىنى مۇشۇ ئۈچ كۇبلىت شېئىر ئارقىلىق دەۋالغىنى ئېنىقلا تۇراتتى. "مەن ئارتۇقچە ئويلاپ كەتتىممۇ قانداق؟" دەپ ئويلاپ ئۆزۈمگە تەسەللىي بەرمەكچى بولساممۇ، بىراق " ئۇ كۆڭلۈمدىكىنى بىلىپ قاپتۇ" دىگەن قاراش ئۇ ئويۇمنى بېسىپ چۈشەتتى. ئاھ،خۇدا... ئەمدى ئارمانغا قانداق قارايمەن؟ ئەجەبمۇ كەم ئەقىللىق قىپتىمەن، ئاشۇ شېئىرنى ئېلىۋېلىپ بەرسەمچۇ كاشكى. ئۇ شېئىرنى مۇنداقلا يېزىپ باققانمىدۇ ياكى ئۇمۇ...؟ مەن ئويلاپ ھېچ بىر خۇلاسە چىقىرالمىدىم. ئويلىغانسېرى كاللام قالايمىقانلىشىپ كېتىۋاتاتتى. شۇ كۈنى ئىمكانقەدەر ئارمانغا كۆرۈنمەسلىك ئۈچۈن سىنىپتىن چىقمىدىم. مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندە بولسا ھەممىدىن ئاۋۋال سىنىپتىن چىقىپ تېز قەدەملەر مېڭىپ ئۆيگە قايتتىم. شۇ تەرىقىدە ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ يۈرۈپ بىر قانچە كۈن ئۆتۈپ كەتتى. شەنبە كۈنى يېرىم كۈنلۈك تەكرارنى تۈگىتىپ، دەم ئېلىش كۈنىنى قانداق ئۆتكۈزۈش ئۈستىدە ئويلانغاچ ئۆيگە قاراپ كېتىۋاتاتتىم.توساتتىنلا كەينىمدىن "زۇلئاي" دەپ توۋلىغان تونۇش ئاۋازدىن چۆچۈپ، ئىزتىراپ بىلەن كەينىمگە قايرىلدىم. ئارمان قوشۇما قاشلىرى ھىمىرىلگەن، كۆزلىرى ماڭا تىكىلگەن ھالدا تېز قەدەملەر بىلەن مېڭىپ كېلىۋاتاتتى. ئۇنى كۆرۈش بىلەنلا يۈزلىرىم قىزىپ كەتتى، سۇس تىترەۋاتقىنىمنى سېزىپ تۇرساممۇ، " جۈرئەتلىك بول زۇلئاي " دەپ ئۆزۈمگە مەدەت بەردىم. ئۇ مېنىڭ ئالدىمغا كېلىپ توختىدى.
-نەچچە كۈن بولدى، سىزنى ھېچ ئۇچرىتالمىدىمغۇ؟
-مەن ... شۇ سىزنى ئاۋارە قىلماي دەپ...- گەپلىرىم ھېچ قولاشمايۋاتاتتى.
-مېنى ئاۋارە قىلماي دەپ؟ سىزنى ئۇچراتسام ئاۋارە بولۇپ كىتەمدىكەنمەن؟
-ياقەي، دىمەكچى بولغىنىم...
-توختاڭ، زۇلئاي. مېنىڭچە سىز مەندىن ئۆزىڭىزنى قاچۇرىۋاتىسىزغۇ دەيمەن.
-ئارمان، سىز مېنى خاتا چۈشىنىپ قاپسىز. سىزنىڭ ئۆگىنىش ۋە تەكرار ۋاقتىڭىزغا دەخلى قىلماي دەپ ئويلىغانتىم،- شۇ سۆزنى قىلىپلا بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا قارىدىم. ئۇ تېخىچىلا ماڭا تىكىلىپ تۇراتتى. شۇ دەقىقىدە دىمىقىم ئېچىشقاندەك بولدى. چارچىغانلىقتىن ئۇنىڭ كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ كەتكەنىدى. بۇرۇنقىدەك كۈلۈپلا تۇرىدىغان ئارمان مانا ئەمدىلىكتە چىرايىدىن مۇڭ تۆكۈلۈپ تۇرۇپتۇ. ئىچىمدە خىتاب قىلماقتىمەن: "ئارمان،مەن سىزنى سۆيىمەن، بىراق سىزگە <سىزنى سۆيىمەن> دىيەلمەيمەن. سىزنىڭ كەلگۈسىڭىز، ئىستىقبالىڭىز ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىشتىن باشقا سىزگە ھېچ ئىش قىلىپ بېرەلمىگۈدەكمەن. مېنى كەچۈرۈڭ..."
-ئارمان، قايتىپ كېتىڭ، تەكرار قىلىپ چوقۇم بەك چارچاپ كەتتىڭىز. قايتىپ ياخشى ئارام ئېلىڭ. كېيىن كۆرۈشەيلى،-ئۇنىڭغا شۇنداق دىگىنىمچە قايرىلىپلا ماڭماقچى بولدۇم.بىراق ئۇ تېزلىك بىلەن قولۇمنىڭ بېغىشىدىن كاپپىدە تۇتتى.
-ئەخمەق قىز! نىمىشقا كۆڭلىڭىزدىكىنى دىيەلمەيسىز؟ نىمىشقا ئۆزىڭىزگە ئىشەنمەيسىز؟ سىزنى ياخشى كۆرىمەن زۇلئاي، سىزنى ياخشى كۆرىمەن! ئەجەبا سىز بۇنى ھېس قىلالمىدىڭىزمۇ؟ سىزمۇ شۇنداق تۇرۇپ يەنە نىمىشقا مېنىمۇ، ئۆزىڭىزنىمۇ قىيناپ مەندىن ئۆزىڭىزنى قاچۇرىسىز؟ مېنى بۇلارنى ئويلاپ يىتەلمەيدۇ، دەپ ئويلاپ قالغانمىدىڭىز؟-ئارمان سۆزلىگەنسېرى ھاياجىنىننى باسالمايۋاتاتتى.
-ياق، ئارمان! خاتالاشتىڭىز...كىم دەيدۇ مېنى سىزنى ياخشى كۆرىدۇ،دەپ؟ مەن سىزنى ئاكامدەك كۆرىمەن. بۇ مۇھەببەت ئەمەس، قېرىنداشلارچە، دوستلارچە ياقتۇرۇش ،- بۇ سۆزنى قانداق دەۋەتكىنىمنى بىلمەيمەن. ئەمدى ماڭا بۇنىڭدىن باشقا يول يوق ئىدى. باشقا يوللارنى ئويلاپ يىتەلىگۈدەك كاللا مەندە تېخىمۇ يوق ئىدى. ھېچنىمىنى ئەسلىيەلمەيمەن. ھېچنىمىنى ئەسلىگۈم، ئويلىغۇممۇ يوق. پەقەتلا ئۆز مۇھەببىتىمنى قۇربان قىلىش، سۆيگۈمنى قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىرىغا يوشۇرالمىساممۇ ، نەزەربەنت قىلىۋېتىشىم كېرەكلىكىنى بىلىمەن.
-زۇلئاي، سىز مېنىڭ كېيىنلىكىمنى ئويلاپ شۇنداق دەۋاتىسىز ،شۇنداقمۇ؟
-كېيىنلىك؟ ياقەي، ئۇلارنى ئويلىغۇدەك بولمىدىم. مەن پەقەت ئۆزەمنىڭ كۆز ئالدىمدىكىنى ئويلاۋاتىمەن. سىزنى ئاكامدەك كۆرىدىغان تۇرسام، "مېنى ياخشى كۆرۈپ قاپسەن" دىگىنىڭىز قىززىق...-ئۆزۈمنى پەرۋاسىز كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۇيان - بۇيانغا قاراپ تۇرىۋالدىم ۋە:
-باشقا گەپ بولمىسا مەن ماڭاي، كېيىن كۆرۈشەيلى، خوش...-دېدىمدە، ئۇنىڭ خوش دىيىشىنى كۈتمەستىنلا يۈگۈرگىنىمچە كېتىپ قالدىم... زىددىيەتلىك ئوي - خىياللاردىن چارچىغان مېڭەمنى بىردەم بولسىمۇ ئارام ئالدۇرۇش ئۈچۈن ئۆيگە قايتىپلا كومپىيۇتىرىمنى قوزغىتىپ ناخشا ئاڭلىماقچى بولدۇم.

ئېسىڭدىمۇ بىز تونۇشقان خەيرىلىك ئاخشام،
ساڭا باقسام دولقۇنلايدۇ قەلبىمدە ناخشام.
......

مەن ئەڭ ئامراق مۇنۇ ناخشىمۇ باشلىنا - باشلانمايلا يۈرىكىمدىكى يارامنى قوزغاپ، مېنى تولىمۇ بىئارام قىلىۋەتتى. "بېشىڭنى يەيدىغان ساراڭ كۆڭلۈم، كەچكەندىكىن ئەمدى ئويلىما" دەپ ئۆزۈمنى ئەيىپلەپ كەتتىم. تەكرار قىلاي دەپ كىتابىمنى ئېلىپ قانچە ئوقۇساممۇ كاللامغا ھېچنىمە چۈشمىدى. بىر قانچە دوستلىرىمغا تېلىفۇن قىلىپ بىللە سىرتقا چىقىپ ئويناپ كېلىش تەكلىپىنى بەردىم. ئۇلارنىڭ ھەممىسى قوشۇلدى. مەنغۇ ئۇنداق بۇنداق يەرلەردە ئويناپ يۈرىدىغان قىزلاردىن ئەمەس. بىراق، شۇ كۈندىكى ئىچىمنى مۈشۈك تاتىلىغاندەك بىئارامچىلىقتىن ئازراق بولسىمۇ نېرى بولۇش ئۈچۈن دوستلىرىم بىلەن شەھىرىمىزدىكى ئەڭ ئاۋات بىر دىسكو كۇلۇبىغا كەلدۇق.
دەم ئېلىش كۈنى بولغاچقىمىكىن كۇلۇبتا ئادەم جىق ئىدى. بىز چەتتىرەك بىر جايغا كېلىپ ئولتۇرۇپ مىۋە شەربىتى بۇيرۇتتۇق. ئاۋاز ياڭراتقۇدىن چىقىۋاتقان قۇلاقنى يارغۇدەك ناخشا ئاۋازى قانلىرىمىزنى قىزىتقاچ ئويۇنىمىزنى باشلىۋەتتۇق. كەينى - كەينىدىن تولغىما ئۇسۇل، مىللىيچە ئۇسۇل ئويناپ ھارغاندىن كېيىن ئورنۇمغا كېلىپ مىۋە شەربىتى ئىچكەچ باشقىلارنىڭ ئوينىشىغا قاراپ ئولتۇردۇم. بىر ئازدىن كېيىن تۇيۇقسىزلا قىقاس - چۇقان كۆتۈرۈلۈپ، ئويناۋاتقانلار، ئولتۇرغانلار، ئۆرە تۇرغانلار سەھنە ئەتراپىغا يىغىلىشقا باشلىدى. نىمە ئىش بولدىكىن دەپ قىزلاردىن بىر نەچچىسى قاراپ باقماقچى بولدى. دەل شۇ ئەسنادا "مىنى سۆيەتتىڭ" ناملىق مۇڭ ناخشا ياڭرىدى... نىمە دىگەن تونۇش ئاۋاز بۇ ، دەپ ئويلاپ ئاستا مېڭىپ سەھنىگە چىقتىم... تونۇش ئاۋاز، كۆز ئالدىمدا تۇرغان تونۇش سىما... ئەجەبا ئۇ... ئارمان؟!... كۆزلىرىمگە ئىشەنمەيلا قالدىم. ئۇ قانداقلارچە...؟ تانسا ئويناۋاتقانلارغا ئۇرۇلۇپ - سوقۇلۇپ ئۆزۈممۇ تۇيمىغان ھالدا ناخشا ئېيتىش سۇپىسىغا يېقىنلاشتىم. ئارمان باياتىن بېرى مېنىڭمۇ بۇ يەردە ئىكەنلىكىمنى كۆرگەن بولسا كېرەك، مېنى كۆرۈپ قىلچە جىددىيلەشمەستىن ناخشىسىنى داۋام قىلدى. ئۇنىڭ چىرايىدىن يەنە ئوخشاشلا مۇڭ تۆكۈلۈپ تۇراتتى. ماڭا نىمىلەرنىدۇر ئىلتىجا قىلىۋاتقاندەك كۆزلىرىنى ئۈزمەي قارايتتى. ئۇ ناخشىسىنى تۈگىتىش بىلەنلا ئۇدۇل مېنىڭ يېنىمغا كەلدى - دە، قولۇمدىن تارتىپ سىرتقا قاراپ ماڭدى. مەنمۇ ئۈن - تىنسىز ئۇنىڭغا ئەگەشتىم.
بىز دەريا بويىنى بويلاپ گەپ - سۆز قىلىشماي ماڭدۇق.دەريادىكى جۈپ- جۈپ ئاققۇلار كىشىگە ئاجايىپ رومانتىك تۇيغۇ بېرەتتى. بىراق بىزنىڭ ئارىمىزدا قانداقتۇر رومانتىكا ئەمەس، ھەسرەتلىك ئېغىر تىنىشلا باردەك قىلاتتى. ئارمان پات - پاتلا ماڭا قاراپ قوياتتى. نىمىلەرنىدۇر دىيىشكە تەمشەلگەندەك قىلاتتىيۇ، يەنە ئالدىغا قارىۋالاتتى. بىردىنلا ئۇ قەدەملىرىنى توختاتتى ۋە ماڭا:
-زۇلئاي، سىز مېنى راستىنلا ياخشى كۆرمەمسىز؟- دەپ كۆزلىرىمگە تىكىلدى. ئۇنىڭ ئوتلۇق قاراشلىرىغا بەرداشلىق بېرەلمىدىم.
-ئارمان، مەن...- سۆزۈم ئاخىرلاشماستىلا ئۇ گېپىمنى تارتىۋالدى.
-بىلىمەن، سىز ئېتىراپ قىلمايۋاتىسىز. خۇددى ماڭا ئوخشاشلا سىزمۇ مېنى ياخشى كۆرىسىز، شۇنداقمۇ؟ ماڭا چىن كۆڭلىڭىزدىكى جاۋاب لازىم، زۇلئاي...
-...
-بۇنداق گەپ قىلماي تۇرسىڭىز بەك بىئارام بولۇپ كېتىدىكەنمەن. تونۇشقاندىن بۇيان تا ھازىرغىچە سىز ھېچقاچان بۇنچىلىك مەيۈس كۆرۈنمىگەنىدىڭىز. سىزگە زادى نىمە بولدى؟ سىزنىڭ مەندىن ئۆزىڭىزنى قاچۇرۇشلىرىڭىز، تىكىلىپ قارىغىنىمدا كۆزلىرىڭىزنى ئەپقېچىشلىرىڭىز، چوڭقۇر ئۇھ تارتقاندىكى ئېغىر تىنىشلىرىڭىز ماڭا ھەممىنى ئاشكارىلاپ بولدى. لېكىن سىز ئېتىراپ قىلىشقا پېتىنالمايۋاتىسىز. مەن ھەممىنى سېزىپ تۇرىۋاتىمەن زۇلئاي. ھازىر نېمىنى ئويلىغان بولسىڭىز قانداقلا دىسىڭىز مەيلى، ئېتىراپ قىلماي تۇرىۋالماڭ، بولامدۇ؟ - ئارماننىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ چىداپ تۇرالمىدىم. كۆزلىرىمدىن سىرغىپ چىققان ئىككى تامچە بەڭۋاش ياش مېنىڭ ئاجىزلىقىمنى ئاشكارىلاپ قويدى. ئارماننىڭ مېھرىبانلىق بىلەن ياشلىرىمنى سۈرتىشى يۈرىكىمنى تېخىمۇ ئېزىۋەتتى.
-يىغلىماڭ زۇلئاي، نىمىشقا يىغلايسىز؟ كۆڭلىڭىزگە كەلگۈدەك بىرەر گەپ قىلىپ قويدۇممۇ؟
-مەن... مەن ھەقىقەتەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن. بىراق، نۇرغۇن ئىشلاردا تولىمۇ ئامالسىزمەن. دىققىتىڭىزنى بۆلمەسلىكىم، كەلگۈسىڭىزگە توسالغۇ بولماسلىقىم كېرەك،- سۆز ئارىلىقىدا ئېسەدەپ كەتتىم- بىراق ماڭا بەك تەس كەلدى ئارمان... قانداق قىلىشىم كېرەكلىكىنى پەقەتلا بىلەلمىدىم. شۇڭا مەن مۇشۇنداق...
-سىزنى "ئەخمەق قىز" دىسەم ئىشەنمەيسىز، راستىنلا ئەخمەق جۇمۇ سىز. مېنىڭ تەكرارىمدىن، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىمدىن ئەنسىرەپ مېنىمۇ، ئۆزىڭىزنىمۇ قىيناپ يۈرۈپسىز. مەن سىزگە ۋەدە بېرەي زۇلئاي، ھەرگىز سىز ئەنسىرىگەندەك بولمايدۇ. مەن ھازىرقىدىنمۇ ھەسسىلەپ كۈچەپ چوقۇم تىببىي ئۇنىۋېرسىتىتقا ئۆتىمەن.
-تىببىي ئۇنىۋېرستىت؟- ئاۋازىم تىترەپ كەتتى. ياش يۇقى كۆزلىرىم بىلەن ئۇنىڭغا ھەيرانلىق نەزىرىدە قارىدىم. تا ھازىرغىچە ئۇنىڭ مەن بىلەن ئوخشاش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى بىلمەي يۈرۈپتىمىنا؟
-ھەئە، ھەيران قالدىڭىزغۇ؟ ئەجەبا سىزمۇ...؟
-مېنىڭمۇ شۇ تىببىي ئۇنىۋېرستىتتا ئوقۇغۇم بار...
-ئاھاي~ ياشىسۇن قىزلار شاھى سۇلتانى زۇلئاي!-ئارمان شۇنداق دەپ توۋلىغىنىچە مېنى قۇچاقلىۋالدى،- بالدۇرراق ئېيتماي سىزنى ئەنسىرىتىپ يۈرۈپتىمەن، مېنى كەچۈرۈڭ زۇلئاي، - قۇلاق تۈۋىمدە پىچىرلاپ ئېيتىلغان بۇ سۆز كۆڭلۈمدىكى بارلىق غەم - ئەندىشىلىرىمنى، تېڭىرقاش - گۇمانلىرىمنى تۇماندەك ئاللىقاياقلارغىدۇر تارىتىۋەتتى. 

          بىز دەريا بويىدا ئولتۇرۇپ كەلگۈسىمىز ھەققىدە نۇرغۇن شېرىن - ئارزۇ ئارمانلارنى قىلىشتۇق. ئۆز ئىستىقبالىمىز، بەختىمىز ئۈچۈن ھەرقانداق قىيىن ئۆتكەللەرنى قەيسەرلىك بىلەن يېڭىپ كېتىش ھەققىدە ئەھدۇ - ۋەدىلەرنى بېرىشتۇق. ھاۋا سوغوق بولسىمۇ، يۈرىكىمىزنىڭ مۇھەببەتلىك ھارارىتى تەپتىدە سوغوقمۇ قىلچىلىك بىلىنمىدى. بىردەمدىلا ئاسماننى گۇگۇم پەردىسى قاپلاپ، قاراڭغۇ چۈشۈشكە باشلىدى. بىز قايتىشقا تەمشەلگەندە ئارمان مېنى ئۆيۈمگە ئاپىرىپ قويماقچى بولدى. يولدا كېتىۋېتىپ ئۇ نېمىنىدۇر ئېسىگە ئالغاندەك:
-بايا كۇلۇبقا نىمىگە كىرگەنىدىڭىز؟ سىز ئادەتتە ئۇنداق جايلارغا كىرمەيتتىڭىزغۇ؟ 
-شۇ، چۈشتە سىز بىلەن خوشلىشىپ ئۆيگە قايتىپ قىلغان ھېچقايسى ئىشىم كۆڭلۈمدىكىدەك بولمىۋىدى، دوستلىرىمنى چاقىرىپ ئويناپ كەلسەم بىردەم بولسىمۇ كۆڭلۈم ئېچىلىپ قالار دەپ ئويلاپ كىرگەنىدىم. سىزچۇ؟ سىز ئۇ جايغا دائىم كىرەمسىز؟ ناخشىمۇ ئېيتىپ قويىدىكەنسىزغۇ ئۇ يەردە؟
-ھە، مەنمۇ سىز چۈشتە "خوش" دەپلا ماڭا گەپ قىلغىلى پۇرسەت بەرمەي كېتىپ قالغاندىكىن بىر نەچچە دوستلىرىمنى چاقىرىپ ئىچ پۇشۇقۇمنى چىقىرىپ كېلەي، دەپ بارغانىدىم. ئۇ جاينى مېنىڭ دوستۇمنىڭ ئاكىسى ئاچقان. ئارام كۈنلىرى بەزىدە بالىلار بىلەن بىللە بېرىپ ئويناپ كېلىمىز. لېكىن قەتئىي ناچار ئىشلارغا ئارىلاشمايمىز. ھەرقېتىم بارساقلا ئۇلار "ناخشا ئېيتىپ بەر" دەپ تۇرىۋالىدۇ. 
    گەپ بىلەن بولۇپ كېتىپ بىردەمدىلا ئۆيۈمنىڭ ئالدىغا كېلىپ قالغانىدۇق. بىز بىر - بىرىمىزگە قىيمىغان ھالدا خوشلاشتۇق. ئۆيگە قايتىپ ھوجرامغا كىرىپلا دېرىزەمدىن ئاسماندىكى بۇلۇتلار ئارىسىدا ماراپ تۇرغان ئايغا قارىدىم. ھىلال ئاي ماڭا بەخت تىلەۋاتقاندەك جىلمىيىپ تۇراتتى.

    ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى يېقىنلاشقانسېرى ئارمان تەكرارنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ بېرىۋاتاتتى، بۇ جەرياندا قانچىلىك بېسىم ۋە جاپادىن چارچاپ كېتىدىغانلىقى ماڭا ئايان ئىدى. ئۇنىڭ ئۆزىگە بۇنداق قاتتىق تەلەپ قويىشى مېنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچىمنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى... كۈنلەر بىر - بىرىنى قوغلىشىپ، بىر قانچە ئاي ئۆتۈپ كەتتى. كىشىنى ئىنتايىن جىددىيلىككە، ئالاقزادىلىككە سالىدىغان، مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا ئادەمنىڭ كېيىنكى ھاياتىغا ئۇل سالغۇچى ئۆتكەل - ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئاخىرى شۇنچىلىك ئەندىشە، بىسەرەمجانلىق ۋە خاتىرجەمسىزلىك ئىچىدە ئاياغلاشتى. ئىمتىھان تۈگەپ، ئارزۇ تولدۇرىدىغان ئىشلارمۇ بىر قۇر تاماملانغاندىن كېيىنلا ئارمان بىلەن كۆرۈشتۇق. ئۇ ماڭا ئەمدى پۈتۈن ئەندىشىسىنىڭ ئىمتىھان نومۇر چېكىدىلا قالغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ بارلىق پەنلەرنىڭ نەتىجىسىنى تەخمىنەن ھېسابلاپ ،خېلى يۇقىرى چىقارغان بولسىمۇ يەنىلا ئەندىشىسى بېسىلمايۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئۈچۈن مەنمۇ جىددىيلىشەتتىم... نومۇر چېكى ئېلان قىلىنغان كۈنى ئۇ تېلىفۇن بېرىپ ئىنتايىن ھاياجانلانغان ھالدا:
-زۇلئاي، مەن نومۇر چېكىدىن ئاشۇرۇپتىمەن، خېلى بەكلا ئاشۇرۇپتىمەن ! ۋاھ... خۇشاللىقىم ئىچىمگە پاتمايلا قېلىۋاتىدۇ. ئەمدى خاتىرجەم چاقىرىق كېلىشىنى كۈتىمەن زۇلئاي! ...-دېدى. دەرۋەقە، ئۇ ئەمدى ئالىي مەكتەپنىڭ چاقىرىقىنى كۈتسىلا بولاتتى. ئۇنىڭ ئۈچۈن خۇشال بولغان بولساممۇ، يەنە بىر تەرەپتىن كۆڭلۈم يېرىم بولاتتى. ئارمان ئوقۇشقا كەتسە ، مەن...
    بىر قانچە ھەپتە زارىقىپ كۈتكەندىن كېيىن ئاخىرى ئۇنىڭ چاقىرىق قەغىزىمۇ كەلدى. يېڭىدىن تولۇق ئۈچىنچى يىللىققا چىققانلارغا تەتىللىك تەكرار ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولغاچقا، ئۇ چاقىرىقىنى ئالغىلى كەلگەن چاغدا مەن دەرستە ئىدىم. ئارماننىڭ قىسقا ئۇچۇرىنى تاپشۇرىۋېلىپ، دەرستىن چۈشۈش قوڭغۇرىقى چېلىنىشى بىلەنلا ئۇنىڭ يېنىغا چاپتىم. ئۇ مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا قولىدا چوڭ ھەم قىپقىزىل كونۋېرتنى تۇتقىنىچە كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى. 
-مۇبارەك بولسۇن، قايسى كەسىپكە تاللىنىپسىز؟
-تىببىي ئۇنىۋېرستىتىنىڭ ماگىستىرلىقنى قوشۇپ يەتتە يىل ئوقۇيدىغان كىلىنكىلىق داۋالاش كەسپىگە.
-يەتتە يىل؟ ۋاي نىمانچە ئۇزۇن؟
-ئىككى يىلنى شاڭخەيدە ئوقۇپ، ئۈچىنچى يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭغا قايتىپ كېلىپ ئوقۇيدىكەنمەن.-دېدى ئۇ ھاياجان بىلەن. ئۇنىڭ شاڭخەيدە ئىككى يىل ئوقۇيدىغىنىنى ئاڭلاپ، لاسسىدە بولۇپ قالدىم. ئۇ مېنىڭ روھىي ھالىتىمدىكى بۇ ئۆزگىرىشنى كۆرۈپ:  
-تۇتۇلۇپ كەتتىڭىزغۇ زۇلئاي؟تەتىلدە قايتىپ كېلىمەن ئەمەسمۇ؟ مەن ئۈچۈن خۇشال بولمامسىز؟ - دەپ ئەركىلەتكىنىچە مەڭزىمنى يىنىككىنە چىمداپ قويدى. توغرا، مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن خۇشال بولۇشۇم، جاپالىق ئەجرىنىڭ چىچەكلەپ مىۋە بەرگىنىدىن ئۇنىڭ شادلىقىغا جۆر بولۇشۇم كېرەكتە؟! مۇشۇلارنى ئويلاپ ئۇنىڭغا قاراپ تاتلىققىنە كۈلۈمسىرەپ قويدۇم. مېنىڭ تەتىللىك تەكرارىم ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئاياغلاشتى. شۇنىڭدەك، ئارماننىڭ ئوقۇشقا ماڭىدىغان ۋاقتىمۇ بارغانسېرى يېقىنلاپ كېلىۋاتاتتى... بىز بىر - بىرىمىزدىن ئايرىلىدىغىنىمىزغا ئاز قالغانسېرى بىللە بولغان چاغلىرىمىزنى تېخىمۇ قەدىرلەيدىغان بولۇپ كەتتۇق...
    ئارمان ئوقۇشقا ماڭىدىغانغا بىر نەچچە كۈن قالغاندا ھەر ئىككىمىز دوستلىرىمىزنى چاقىرىپ خوشلىشىش مۇناسىۋىتى بىلەن قانغۇچە ئويناپ كەلمەكچى بولۇپ، ھېلىقى دىسكو كۇلۇبىغا باردۇق. كۇلۇبتا يەنىلا ئوخشاش ئادەم كۆپ ئىدى. بىز بىردەم ئويناپ ھارغاندىن كېيىن، مەن بىر ئىشنى پىلانلاپ ، ئارمانغا تازىلىق ئۆيىگە كىرىشنى باھانە قىلىپ ئۇنىڭ يېنىدىن ئايرىلدىم... ھايال ئۆتمەيلا ئاۋاز ياڭراتقۇدىن مۇڭلۇق ناخشا ياڭراشقا باشلىدى:

ئېسىڭدىمۇ بىز تونۇشقان خەيرىلىك ئاخشام ،
ساڭا باقسام دولقۇنلايدۇ قەلبىمدە ناخشام .
.......
كەتتىڭ يىراق جايغا يار مېنى تاشلاپ ،
تەنھا قالدىم ھەسرەتتە كۆزۈمنى ياشلاپ .

    بۇ قېتىم ناخشا ئېيتقان باشقا بىرى ئەمەس، دەل مەن ئىدىم. ئاۋازىم تىترەپ كەتمىگىيدى، دەپ ئۆزۈمنى يىغىدىن ئاران - ئاران تۇتۇپ تۇردۇم. ئولتۇرغانلار ئارىسىدىن ئارماننى ئىزدەپ قانچە قىلساممۇ، رەڭگارەڭ چىراغ نۇرىنىڭ تەسىرىدىن ھەم كۆزۈمنى سۈزۈك ياش پەردىسى قاپلىۋالغاچقا ئېنىق كۆرەلمىدىم... ھەسرەتلىك خىياللار بىلەن ناخشامنى ئاخىرلاشتۇرغىنىمدا، ئارمان مېنىڭ ئالدىمدا بىر تال قىزىلگۈلنى تۇتقىنىچە ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى...
   ئاشۇ كۈنى كەچتە بىز بىللە دەريا بويىنى ئايلاندۇق. ئۇ خىلمۇخىل قىزىق يۇمۇرلارنى ئېيتىپ مېنى كۈلدۈرۈپ تېلىقتۇرىۋېتەتتى. بىراق، يۈرىكىمنىڭ قات - قېتىدىن كۈلكە ئەمەس، ئازابلىق ھىجران، پەرىشانلىق ھېس - تۇيغۇلار بالقىپ تۇراتتى. ئارىنى بىر ھازا جىمجىتلىق باستى. ئاسماندىكى تولۇنئايمۇ ئۆزىنىڭ پەرىشانلىقىنى يوشۇرماقچى بولغاندەك بۇلۇتلار كەينىگە مۆكتى. مېنىڭ چوڭقۇر ئۇھسىنغىنىمنى ئاڭلىغان ئارمان قولۇمدىن ئاستا تارتتى. ئاپئاق ئايدىڭ كېچىدە ئۇنىڭ باغرىغا سىڭىپ كەتتىم.... 
-ماڭا قىيمايۋاتامسىز زۇلئاي؟ ئەجەپ ئۇھ تارتىپ كەتتىڭىزغۇ؟
-ئارمان، مۇشۇ كەتكەنچە قاچان قايتىپ كېلىسىز؟
-قىشلىق تەتىلدە قايتىپ كېلىمەن. مېنى كۈتەمسىز؟
-ھەئە، كۈتىمەن. سىز قايتىپ كەلگۈچە كۈتىمەن. 
-ئەمدى ئۈمىدىم سىزدىلا قالدى. چوقۇم تىببىي ئۇنىۋېرستىتقا ئۆتۈڭ. مەنمۇ سىزنى ساقلايمەن.
-ئەمىسە ماڭا ۋەدە بېرىڭ.
-نىمە دەپ ۋەدە بېرىمەن؟
-سىزدىن باشقىغا كۆڭۈل بەرمەيمەن، دەپ...
-ماقۇل، ۋەدە بېرەي. يۈرىكىم سىز ئۈچۈنلا سوقىدۇ. سىزدىن باشقىلارغا كۆڭۈل بېرىشكە ئامالسىزمەن. مەن ... سىزنى سۆيىمەن ،زۇلئاي...- ئۇ شۇنداق دەپ ئوتلۇق كۆزلىرى بىلەن لەۋلىرىمگە تەلمۈردى. مەن ھايا بىلەن كۆزلىرىمنى يۇمۇۋالدىم...
    ئارمان كەتتى. ئاللاھتىن ئارماننىڭ ئورتاق ئارزۇ - ئارمىنىمىز ئۈچۈن، كەلگۈسى بەختىمىز ئۈچۈن تاشلانغان بۇ قەدىمىنىڭ خەيرلىك بولۇشىنى تىلىدىم. ھىجرانلىق كۈنلەر باشلاندى. مەن قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، پۈتۈن دىققىتىمنى ئۆگىنىشكە، تەكرارغا قاراتتىم. ئارماننىڭ ئۆز ۋاقتىدا مۇشۇنداق جىددىي ھەم ئادەمنى چارچىتىدىغان ۋاقىتلاردىمۇ جاپاغا چىداپ ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئويلىسام بۆلەكچىلا روھلىنىپ كېتەتتىم. ئارمانمۇ پات - پات ماڭا تېلىفۇن ئۇرۇپ مەدەت بېرىپ تۇراتتى...
    ئەنە شۇنداق قىلىپ بىر يىل جاپالىق تەكرار قىلىش بىلەن ناھايىتى تېزلا ئۆتۈپ كەتتى. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا ئازلا ۋاقىت قالغاندا ئارمان ماڭا دەخلى يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن تېلىفۇن قىلمىدى. ئۇنىڭ ھەر تەرەپتىن ئەتراپلىق ئويلايدىغىنى مېنى تولىمۇ سۆيۈندۈرەتتى... ئىمتىھان ئاخىرلىشىپ، ئىمتىھاندىن كېيىنكى رەسمىيەتلەرمۇ تولۇق پۈتۈپ نەتىجىمۇ ئېلان قىلىندى. نەتىجەم نومۇر چېكىدىن ئاشقان بولسىمۇ، ئارمان بىلەن ئوخشاش كەسىپكە تاللىنالمايدىغىنىمنى كۆڭلۈم تۇيۇپ تۇراتتى. ئارىلىقتا ئارمانمۇ قايتىپ كەلدى. كۈنلىرىمىز تولىمۇ خۇشال ھەم كۆڭۈللۈك ئۆتىۋاتقان بولسىمۇ، چاقىرىق كەلمەسلىكىدىن ئەنسىرەپ، بۇرۇقتۇرما بولۇپ كېتىۋاتاتتىم. خېلى ئۇزۇنغا سوزۇلغان ۋاقىتتىتا تىببىي ئۇنىۋېرستىتنىڭ چاقىرىقنى تاپشۇرىۋالدىم. ئويلىغىنىمدەك چىقتى، مەن ئارمان بىلەن ئوخشاش كەسىپكە تاللىنالمىغانىدىم. شۇنداقتىمۇ، ئۇ قايتىپ كەلسىلا يەنە ئوخشاش بىر مەكتەپنى ئوقۇيالايدىغىنىمنى ئويلاپ، ئۆزۈمگە تەسەللىي بەردىم... 

    مەن ئالىي مەكتەپكە چىققاندىن كېيىنكى تۇنجى مەۋسۇم ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇراتتى. ئارمان بىلەن يازلىق تەتىلدە كۆرۈشكەن پېتى. ئۇنى تولىمۇ سېغىنىپ كېتىۋاتاتتىم. كۈندە دىگۈدەك تېلىفۇندا ئالاقىلىشىپ، كۆڭۈل سىرلىرىمىزنى ئىزھار قىلىپ، بىر - بىرىمىزگە بولغان سېغىنىشىمىزنى پىچىرلاپ تۇرۇپ دىيىشىۋالاتتۇق...ئەنە شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە نىجات تۇرمۇشۇمغا بۆسۈپ كىرىپ، ماڭا بىر مۇنچە كۆڭۈل ئاغرىقى تېپىپ بەردى. غورۇرۇم يات بىراۋلار تەرىپىدىن پايخان قىلىندى. 
    نىجات بىلەن كۈتۈپخانىدا بىللە تەكرار قىلىۋاتقان بىر كۈنى چۈشتە، ماڭا رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن ئۆزىنىڭ مېنى چۈشلۈك تاماققا تەكلىپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن ئۆزرە ئېيتىپ رەت قىلماقچى بولساممۇ، ئۇنىمىغىنىمغا ئۇنىماي، مېھمان قىلىمەن، دەپ تۇرىۋالدى. ئامالسىز ئۇنىڭغا ماقۇل بولدۇم. بىز مەكتەپ ئەتراپىدىكى ئازادە بىر تىز تاماقخانىغا كىردۇق. تىز تاماقخانىدا ئادەم كۆپ بولۇپ، كۆزۈم بىردىنلا بىرقانچە قىزلار بىلەن بىللە تاماق يەپ ئولتۇرغان يۇلتۇزغا چۈشۈپ قالدى. دەل شۇ ۋاقىتتا نىجات ماڭا:" زۇلئاي، جۈرۈڭ. ئاۋۇ يەرگە بېرىپ ئولتۇرايلى " دەپ بىلىكىمدىن تارتىشى، يۇلتۇز بېشىنى كۆتۈرۈپ نىجات ئىككىمىزنىڭ بىللە تۇرغىنىنى كۆرۈپ چىرايىدا ئاجايىپ بىر خىل غەلىتىلا ئىپادە ئەكس ئەتتى. مەن نىمە قىلارىمنى بىلەلمەي قاققان قوزۇقتەك تۇرۇپلا قالدىم. نىجات يۇلتۇزنى كۆرۈپ قىلچە جىددىيلەشمەستىن مېنى تارتىپ ماڭدى. بەكلا ئوڭايسىزلىنىپ كەتتىم. تاماق يەۋېتىپمۇ يۇلتۇزنىڭ بىزگە قاراپ تۇرغىنىنى سېزىپ قالدىم. نىجاتمۇ شۇنى سەزگەنمۇ، ماڭا بۆلەكچىلا يېقىنچىلىق قىلىپ كەتتى. بۇ ئەھۋال مېنى خۇددى بىراۋلارغا يۈز كېلەلمەيدىغاندەك ھېسسىياتقا كەلتۈرۈپ قويدى. ئۇ ئىش ئۆتۈپ بىرقانچە كۈندىن كېيىن نىجات ئىككىمىز كۇتۇپخانىغا كىرىپ كېتىۋېتىپ ، يەنە شۇ يۇلتۇز بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالدۇق. نىجات قەستەن يۇلتۇزغا كۆرسىتىپ قويۇش ئۈچۈن مەن كۆتۈرىۋالغان بىر مۇنچە ماتېرىيالنى كۆتۈرۈشۈپ بېرەي دەپ، ماڭا قاراپ ئىللىق كۈلۈمسىرىگىنىچە قولۇمدىن ئالدى. مەن نىمە بولغىنىنى ئاڭقىرىپ بولغىچە يۇلتۇز ماڭا سۈركىشىپلا ئۆتۈپ كەتتى. نىجاتنىڭ زادى نىمە ئويلايدىغىنىغا ھېچ ئەقلىم يەتمەيتتى. ماڭا ئەڭ ئەلەم بولغىنى، كۇتۇپخانىدىن تولىمۇ كەچ قايتىپ چىققان ۋاقتىمىزدا نىجاتنىڭ "ياتاق بىناسىنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ قويىمەن" دەپ مەن بىلەن بىللە مېڭىپ بىنانىڭ ئالدىغا كەلگەندە، قارشى تەرەپتىن كەلگەن يۇلتۇزنىڭ ماڭا قاراپ يوغان بىرنى ئالىيىۋېتىپ كەتكىنى بولدى. ئۇنىڭ بۇ قىلىقىدىن تېنىم شۈركىنىپ كەتتى. ئەمدى نىجاتتىن ئۆزۈمنى تارتمىسام، ئۆزۈمگە ئاۋارىچىلىق تېپىۋالغۇدەكمەن، دەپ ئويلاپ، شۇ كۈنى كەچتىلا نىجاتقا تېلىفۇن بېرىپ ئۇنىڭغا گەپنى ئەگىتىپراق ئېيتتىم."سىزمۇ خېلى يېتىشىپ قالدىڭىز، مېنىڭچە ئەمدى مۇستەقىل تەكرار قىلسىڭىزمۇ چوقۇم ئۈنۈمىنى كۆرەلەيسىز. <تەكرار قىلدۇق> دەپ دائىم بىللە يۈرسەكمۇ باشقىلاردا خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىپ قويىمىز..." دىگەن گەپلىرىم نىجاتنى قايىل قىلالمىدى...
    بىر نەچچە كۈن ئۆتۈپ سىنىپتىكى ساۋاقداشلار مەسلىھەتلىشىپ، دەرس توختىتىلغان بولسىمۇ كەسپىي دەرسلىك ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنى بىزگە تەكرار قىلىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدۇق. بىزنىڭ تەكلىپىمىز ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنى قەۋتلا خۇشال قىلىۋەتكەچكە ئۇلار تېزلا ماقۇل بولدى. بىرقانچە كۈن داۋاملاشقان تەكرار ھەقىقەتەن ئۈنۈمىنى كۆرسەتتى. مۈجىمەل بولۇپ قالغان بەزى نۇقتىلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تۇنجى قېتىملىق ئىمتىھاندا چوقۇم ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىمەن، دەپ ئويلايتتىم. نىجات ئەمدى سىنىپتىمۇ يېنىمغا كېلىپ ئولتۇرىۋالىدىغان بولدى. ئۇنىڭ بۇ قىلغىنىنىڭ سىنىپتا ئۇچۇپ يۈرىدىغان سۆز-چۆچەكلەرنىڭ باش تېمىسىغا ئايلىنىپ قالغىنىنى مەن ئەڭ يېقىن دوستۇم گۈلقىزدىن ئاڭلىدىم. مەن ئەنسىرىگەن ئىش ئاخىرى يۈز بەردى. ئاشۇ كۈنى دەرستىن چۈشۈش قوڭغۇرىقى چېلىنىشى بىلەن نىجاتتىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ ئولتۇرغان بۇلۇڭدىكى ئورنۇمدا كىتابتىن نېمىلەرنىدۇر ئاختۇرىۋاتاتتىم. نىجات ماڭا قاراپ كېلىۋاتقاچ:"زۇلئاي، سىرتقا چىقسىڭىز بوپتىكەن، سىزگە دەيدىغان گېپىم بار ئىدى" دېدى. ئۇ بۇ گەپنى قىلغاندا سىنىپتىكىلەرنىڭ بىزگە قاراپ قالغىنىنى سەزدىم. ئوڭايسىزلانغان ھالدا:" قانداق گەپ بولسا مۇشۇ يەردە دېسىڭىز بولامدۇ؟ ھازىر كىتابتىن مۇھىم بىر نەرسىنى ئىزدەۋاتاتتىم" دەپ سىرتقا چىقىشنى رەت قىلدىم. نىجات يېنىمغا كېلىپ ئولتۇردى. مەن نېرىراق سۈرۈلۈپ بەردىم. مېنىڭ بۇ قىلغىنىم ئۇنىڭغا تاساددىپىي تۇيۇلغان بولسا كېرەك، سەل تېڭىرقاپ قالدى... "سىزنى ياخشى كۆرىمەن زۇلئاي" مۇنۇ گەپ ئۇنىڭ ئاغزىدىن شۇنچىلىك تېز ھەم ئۇرغۇلۇق چىقىپ كەتتى. مەن ئالمان - تالمان بېشىمنى كۆتۈردۈم. سىنىپتىكى بەزىلەرنىڭ ھەيرانلىقتىن كۆزلىرى چەكچەيگەن ،يەنە بەزىلەر بىر - بىرىنىڭ قۇلىقىغا نىمىلەرنىدۇر پىچىرلىشىۋاتقان ئىدى. ئۇنىڭ بۇ سۆزنى شۇنچىلىك ئىختىيارىي، شۇنچىلىك توسالغۇسىز، شۇنچىلىك ئوچۇق - ئاشكارا دېيىشى بىلەن خىجىللىقتىن ئۆلگۈدەك بولدۇم. ئۇ زادى نېمىنى ئويلايدىغاندۇ؟ بۇنداق قىلسا شۇنچىۋالا ساۋاقداشلارنىڭ ئارىسىدا تەسىرى ياخشى بولمايدىغىنىنى بىلمەمدىغاندۇ؟ شۇئان كىتابىمنى ئېلىپ ئورنۇمدىن دەس تۇرغىنىمچە ھېچكىمگە قارىماستىن مېڭىپ سىنىپتىن چىقىپ كەتتىم. ئۇنىڭ تەنتەكلىكىگە، ئۆزىنى تۇتىۋالالمايدىغىنىغا ئۆچلۈكۈم كەلدى. يەنە ئۆزۈمنىمۇ ئەيىپلەيتتىم: نىمىشقىمۇ دەسلەپتىلا ئۇنىڭ بىلەن بىللە تەكرار قىلىشقا ماقۇل بولغاندىمەن؟ نىمىشقىمۇ ئۇنىڭ يۇلتۇزنىڭ كۆزىچىلا ماڭا يېقىنچىلىق قىلغانلىرىنى توسۇپ قالالمىغاندىمەن؟ نىمىشقىمۇ سىنىپتىكى سۆز-چۆچەكلەرنىڭ "باش قەھرىمانى" بولۇپ قالغاندىمەن؟!... نېرۋىلىرىم قالايمىقانلىشىپ كەتتى. ئارمان بىلەن تېلىفۇندا سۆزلەشكەندىن كېيىن، ئۆزۈمنى سەل يېنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلدىم. بىراق ئۇ مېنىڭ كەيپىياتىمدىكى ناچارلىقنى سېزىپ قالغاندەك مەندىن يېنىش - يېنىشلاپ بىرەر ئىش بولغان - بولمىغانلىقىنى سوراپ تۇرىۋالدى. مەن تەكرار قىلىمەن دەپ چارچاپ قالغان ئوخشايمەن دىگەن باھانىدە ئۇنى خاتىرجەم بولۇشقا دەۋەت قىلدىم. نىجاتنىڭ يېنىكلىك بىلەن قىلغان ئاشۇ بىر ئېغىز گېپى يۇلتۇزنىڭ قۇلىقىغا قانداق يەتتىكىن، ئاشۇ كۈنى كەچتىن باشلاپ ئۇ ماڭا تولا تېلىفۇن بېرىپ، مېنىڭ نىجاتقا چاپلىشىۋالماسلىقىمنى، نىجاتنىڭ ياخشى كۆرىدىغىنى مەن ئەمەس بەلكى ئۆزى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ماڭا بولغان ھېسسىياتىنىڭ مۇھەببەت ئەمەس پەقەتلا ۋاقىتلىق قىزىقىش ئىكەنلىكىنى چالۋاقاپ بىر ھازا سۆزلەيتتى. مەن چۈشەندۈرەي، دەپ قانچە قىلساممۇ ئۇ ماڭا زادىلا چۈشەندۈرۈش پۇرسىتى بەرمىدى. ئامالسىزلىقتىن نىجاتنى ئىزدەپ ئۇنىڭدىن يۇلتۇز ئىككىسىنىڭ ئارىسىغا مېنى مەجبۇرىي قىستۇرىۋالماسلىقىنى، يۇلتۇزغا بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىزنىڭ ھەرگىز ئۇ ئويلىغاندەك ئەمەسلىكىنى ئېنىق ئېيتىشنى تەلەپ قىلدىم. ئەپسۇس، ئىشلار بارغانسېرى مۇرەككەپلىشىپ كەتتى...
       ھاۋا سوغوق بولغاچ زۇكام تېگىپ، مىجەزىم يوق مەكتەپ دوختۇرخانىسىغا ئاسما ئوكۇل سالغۇزۇشقا كىرىشىمگە، يانفۇنۇم سايراپ كەتتى. نىجاتنىڭ ئىسمى تېلىفۇن ئېكرانىدا كۆرۈنىشى بىلەن بىر خىل بىزارلىق ھېس قىلىپ تېلىفۇننى ئالمايلا بېسىۋەتتىم. ئوكۇلنى سالغۇزۇپ ئارىدىن بىر ئاز ۋاقىت ئۆتۈپ ئوكۇل سۇيۇقلۇقىنىڭ تەسىرى بىلەن ئۇيقۇغا كېتىپتىمەن. كۆزۈمنى ئاچسام نىجات كارىۋات قىرىدا ماڭا قاراپ ئولتۇراتتى. چۆچۈگىنىمچە ئۇنىڭدىن:
-سىز قانداق بولۇپ بۇ يەرگە كىردىڭىز؟-دىيىشىمگە، ئۇ ماڭا چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى:
-بايام مەن ئۇرغان تېلىفۇننى ئالمىغانىدىڭىز، ياتىقىڭىزغا تېلىفۇن بەرسەم سانىيە سىزنى مەكتەپ دوختۇرخانىسىغا ئوكۇل سالدۇرغىلى چىقىپ كەتكەن دىۋىدى، ئۇدۇللا مۇشۇ يەرگە كېلىشىم. خېلى ياخشى بولۇپ قالدىڭىزمۇ؟
-ياخشى بولۇپ قالدىم. مېنىڭچە، سىز قايتىپ كېتىڭ. بۇ يەردە ئولتۇرسىڭىز باشقىلار خاتا چۈشىنىپ قالىدۇ. مېنىڭ باشقىلارنىڭ نەزىرىدە سىزنى ئازدۇرغۇچى " شەيتان " بولۇپ قالغۇم يوق. قايتىپ يۇلتۇزنى ئىزدەڭ، ئۇ سىزنى ھېلىھەم ياخشى كۆرىدۇ. قايتىپ كېتىڭ نىجات...
-سىز مۇشۇ ھالدا تۇرسىڭىز مەن سىزنى تاشلاپ چىقىپ كېتەلمەيمەن. سىزگە چىدىمايدىغىنىمنى بىلىسىز...
-مەن بىلمەيمەن. بىلگۈممۇ يوق. ئىككىمىزنىڭ بىرگە بولالىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. سىز يۇلتۇزنى قەدىرلىشىڭىز كېرەك. ئاكىسىنىڭ قارشى تۇرىشى بىلەن يۇلتۇز پەقەتلا ئامالسىزلىقتىن سىزدىن ئايرىلدى. ئەكسىچە سىز ئۇنىڭغا كۆرسىتىپ قويۇش ئۈچۈنلا مېنى ئاراڭلارغا چېتىۋېلىۋاتىسىز. مەن بەك چارچاپ كەتتىم نىجات. مېنى ئارامىمدا قويۇڭ. قايتىپ كېتىڭ...-مېنىڭ قايتا-قايتا ئۇنى قايتىپ كېتىشكە زورلىشىم بىلەن ئۇ ئاستاغىنە چىقىپ كەتتى.
        ئوكۇل تۈگەپ ئېغىر قەدەملەر بىلەن ياتاققا قايتىپ كىردىم. ياتاقتا سانىيە ئۆزى يالغۇز كىتاب كۆرۈپ ئولتۇراتتى. ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ ماڭا لاپپىدە بىر قاراپ"قايتىپ كىردىڭىزما ؟" دەپ قويدى. ئۇنىڭ قارىشىدىن مەن ئەزەلدىن ھېس قىلىپ باقمىغان بىر شۇملۇقنى سەزگەندەك بولدۇم. سانىيە يۇلتۇز بىلەن بىر يۇرتلۇق ئىدى. ئەجەبا سانىيە ئۇ...؟ شۇلارنى خىيال قىلغىنىمدا گۈلقىز قارلىغاچتەك ۋىچىرلىغىنىچە كىرىپ كەلدى:
-قارىغىنە ، ئاغرىپ دوختۇرخانىدا ئوكۇل ئۇرغۇزغان تۇرۇقلۇق ماڭا دەپمۇ قويماپسەن. ھېلىمۇ ياندىكى ياتاقتا بولۇپ قالغىنىم. بۈگۈن ھاممامنىڭ ئۆيىگە بارغانىدىم، ئەمدى قايتىپ كېلىشىم. نىجات ئۇچراپ دىمىگەن بولسا بىلمەسكەنمەن. ئوكۇل ئۇرغۇزىۋاتقىلى خېلى بىر ۋاق بولۇپ قالدى ،دىگەچكە بۇ كەمگىچە تۈگىگەندۇ، دەپ ئۇدۇللا ياتىقىڭغا كىرىشىم. بىر كۈن كۆرمىسەم نىمانچىلا جۈدەپ كەتتىڭ؟ 
     گۈلقىز بىلەن ئىككىمىز بىر سىنىپتا ھەم قوشنا ياتاقتا. ئالىي مەكتەپكە چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئىچەكىشىپ، يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالغانىدۇق. ئۇنىڭ ماڭا ھەر تەرەپتىن كۆيۈنۈپ ، تەسەللىي بېرىپ ماڭا دوستلۇقىنى يەتكۈزدى. بىر يەرلىك بولمىساقمۇ ئاچا - سىڭىللاردەك ئۆتكىنىمىزگە قاراپ مەيلى سىنىپتا بولسۇن ياكى ياتاقتا بولسۇن ھەممەيلەننىڭ ھەۋىسى كېلەتتى. بۈگۈنمۇ مانا ئۇنىڭ كۆڭۈل بۆلۈپ دىگەن سۆزلىرى بىردەمدىلا كۆڭلۈمنى كۆتۈرىۋەتتى. گۈلقىز بىلەن تاغدىن - باغدىن پاراڭلىشىپ ئولتۇرغىنىمىزدا ماڭا تېلىفۇن كېلىپ قالدى. يۇلتۇزنىڭ تونۇش نومۇرى كەيپىمنى ئۇچۇرغانىدى. تېلىفۇننى ئېلىشىمغىلا ئۇ ئالدىراپ - تېنەپ مەن بىلەن كۆرۈشكۈسى بارلىقىنى، تېزدىن بىزنىڭ ئىنىستىتۇت بىناسىنىڭ كەينىدىكى مەيدانغا كېلىشىمنى ئېيتتى. ئۇنىڭ ماڭا قانداق مۇھىم گېپى باردۇ، دەپ ئويلاپ ئىككىلىنىپ قالدىم. شۇ ئارىدا ياتاقتىكى قىزلار بىر-بىرلەپ كىرىپ كەلدى. مېنىڭ ئىككى ئويلۇق بولۇپ قالغىنىمنى كۆرگەن گۈلقىز قۇلىقىمغا پىچىرلاپ بىر نىمىلەرنى دىگەندىن كېيىنلا تازا تاۋىم يوق تۇرسىمۇ ئامالسىزلىقتىن ئورنۇمدىن قوزغالدىم. يۇلتۇزنىڭ يەنە بىر دوستى بىلەن بىللە مېنى ساقلاپ تۇرغىنىنى كۆرۈپ ئاستا مېڭىپ ئۇلارنىڭ قېشىغا باردىم. تېخى بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماستىنلا ئۇنىڭ ماڭا ئۆچمەنلىك نەزىرى بىلەن قاراشلىرى تېنىمنى شۈركەندۈرىۋەتتى...

    كۆز ياشلىرىمنىڭ تەسىرىدىنمىكىن، مەڭزىمنىڭ ئېچىشىشى تېخىچە بېسىلمايۋاتاتتى. مېنىڭ ئەلەملىك چىرايىمنى، ھەرخىل مۇرەككەپ ھېسلار ئىپادىلىنىپ تۇرغان مىسكىن ھالىتىمنى كۆرسىتىپ تۇرغان بۇ ئەينەكنى چېقىپ پارە - پارە قىلىۋەتكۈم كەلدى. بىراق...ئەينەكتە نىمە گۇناھ؟! گۈلقىز كەينىمدىن كېلىپ قولىنى مۈرەمگە ئاستا قويىشى بىلەن قايرىلىپلا ئۇنى چىڭ قۇچاقلىۋالدىم. "سېنىڭ ياشلىرىڭ ھەرگىز بىكارغا ئاقمايدۇ، مەن بۇ ھېسابنى چوقۇم ئالىمەن" دېدى ئۇ قۇلىقىمغا پىچىرلاپ تۇرۇپ. بۇ چاغدا ماڭا تەسەللىي نەزىرىدە قاراپ تۇرغان ياتاقداشلىرىم ئارىسىدا سانىيەنىڭ كۆزلىرىدە مەمنۇنىيەت ئۇچقۇنلىرىنىڭ چاچراۋاتقىنىنى سېزىپ قالدىم...
    سىنىپقا چىقىشقا ئەسلا رايىم يوق، تۈزۈك بىر نىمە يىمىگىلى نەچچە كۈن بولۇپ قالدى. كۈتۈپخانىغا سەھەردە بىر كىرىپ كەتسەم چۈشلۈك تاماق ۋاقتى بولغاندا گۈلقىز مېنى ئىزدەپ كىرىپ تاماققا چىقىشقا زورلىمىغۇچە جايىمدا مىدىرىماي ئولتۇرىمەن. كەچلىكى تېخى ئۇيقۇدىن بىدار. ئارمان تېلىفۇن ئۇرسا قانچە چاندۇرماسلىققا تىرىشساممۇ، ئۇ بىر نەرسىنى سېزىۋالغاندەك دائىم مەندىن نىمە ئىش بولغىنىنى سوراپ تۇرىۋالىدۇ. راستىمنى ئېيتسام يۇرتۇمغا تېزراق قايتقۇم، ئاتا - ئانامنىڭ يېنىدا كۈنلىرىمنى خاتىرجەم، غەم - ئەندىشىسىز ئۆتكۈزگۈم، ئارمان بىلەن تېزرەك كۆرۈشۈپ ئۇنىڭغا ئەركىلەپ، قېيداپ، يۈرىكىمگە تولۇپ كەتكەن سۆزلىرىمنى ئېيتقۇم كېلىپ چىدىيالمايلا قېلىۋاتاتتىم. شۇڭلاشقىمۇ مىجەزىم ئوساللىشىپ ئۈششۈك ھەرىسىدەك ئۇدۇل كەلگەن ئادەمنى چاققۇملا كېلىپ تۇراتتى. كۈتۈپخانىدىن كەچرەك كىرىپ كىتاب جازىسىغا رەتلىك تىزىپ قويۇلغان كىتابلىرىمنىڭ ئۈستەلدە قالايمىقان چېچىلىپ ياتقىنىغا; كەچلىكى شۇ سوغوققا قارىماي بىر نەچچە كۈن ئىشلىتەرمەن، دەپ ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي ئەكىلىپ قويغان لىق بىر چايدان قايناقسۇنىڭ مەن ئىشلەتمەي تۇرۇپلا يېرىملاپ قالغىنىغا; ئاپام ئېلىپ بەرگەن چاچ قىسقۇچۇمنىڭ كىمنىڭ ئىشلىتىپ بۇزۇپ قويۇپ تاشلىۋەتكىنىگە... مانا مۇشۇنداق كىچىك ئىشلارغىمۇ چېچىلىپ، سەل قايناپ سالدىم. بىراق ياتاقداشلىرىمنىڭ مېنىڭ رايىمغا بېقىپ ئارتۇق گەپ-سۆز قىلماسلىقى مېنى خېلىلا خىجىل قىلىپ قويدى. 
   مەۋسۈملۈك ئىمتىھان ۋاقتى ئاخىرى يېتىپ كېلىپ، جىددىيلىك ئىچىدە تېزلا ئاخىرلاشتى. ئۆزۈمنىڭ جاپالىق ئۆگەنگىنىمگە چۇشلۇق، چوقۇم ياخشى نەتىجىگە ئېرىشەلەيدىغىنىمغا ئىشەنچىم بار ئىدى. ھەممە ئىمتىھاننى نىجات بىلەن بىر مەيداندا بەردۇق. ئىزچىل ئۇنىڭغا قاش كۆتۈرۈپ قاراپ باقمىدىم. ئۇمۇ يېنىمدىن ئۆتۈشكە توغرا كەلسە بېشىنى تۆۋەن سېلىپ، چوڭقۇر ئۇھ تارتىپ ئۆتۈپ كېتەتتى. تەتىلگە قويۇپ بېرىلگەن كۈنى يۈك-تاقىلىرىمنى يىغىشتۇرۇپ، ئالدىراپ گۈلقىز بىلەن خوشلىشىپ ئاپتوبۇس بېكىتىگە ماڭدىم. تەتىلگە قويۇپ بېرىلگەن ۋاقىت ئوخشاش بولغاچقىمىكىن ئۇزۇن يوللۇق قاتناش بېكىتى يۇرتىغا قايتماقچى بولغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن لىق تولغانىدى. سەپەردىشىم ھەم تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرىنى بىرگە ئوقۇغان، ئالىي مەكتەپتىمۇ ئوخشاش بىر كەسىپتە، بىر سىنىپتا ئوقۇۋاتقان قەدىناس ساۋاقدىشىم مۇرادىل بىلەن بىللە بېلەت ئالغاندىن كېيىن ماڭىدىغىنىمىزغا يەنە بىر ئاز ۋاقىت بولغاچ ئاپتوبۇس ساقلاش زالىدا ئولتۇرۇپ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىنى كۈتتۇق. ئۇنىڭ مىجەزى ئېغىر - بېسىق، كۆزلىرىدىن مۇلايىملىقى، چېچەنلىكى چىقىپ تۇرىدىغان، ئۆگىنىشتە تىرىشچان، ئەستايىدىل، ئىزدىنىشچان، كىشىلىك مۇناسىۋەتتە سەمىمىي بولۇشتەك بىر قاتار خىسلەتلىرى ھەممەيلەننىڭ ھۆرمىتىنى قوزغايتتى. مۇرادىل بىلەن ئۇزۇن يىللىق ساۋاقداش بولغىنىمىز ئۈچۈن دائىم دىگۈدەك سىردىشىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ساۋاقداشلىق مېھرىنى يەتكۈزۈشۈپ تۇراتتۇق. ئۇ يېقىندىن بۇيان مەندىكى كەيپىيات ۋە يۈرۈش-تۇرۇش ئۆزگىرىشلىرىنى بايقاپ، مېنىڭ بىلەن سۆزلىشىپ بېقىش پۇرسىتىنى ئىزدەپ يۈرەتتىكەن. مەن "ھېچ ئىش بولمىدى، ئۆگىنىش بىلەن بولۇپ كېتىپ چارچىغاندىكىن شۇنداق بولۇپ قالدىم" دەپ تۇرىۋالساممۇ، گېپىمگە قەتئىي ئىشەنمىدى.
-ھەراست، سىنىپىمىزدىكى سانىيە ئاجايىپلا قىزكەن. سەن بىلەن بىر ياتاقتا تۇرۇپمۇ سېنىڭ ئىشلىرىڭنى سوراپ كېتىشلىرى بار...
-نىمە؟ ئۇنىڭ بىلەنمۇ يېقىن ئۆتەمسەن؟
-سەن تېخى بىلمەمسەن؟ بۇرۇن شۇنداق ئىدى. دەسلەپ قارىسام خېلى يامان ئەمەس قىزدەك قىلىۋىدى، كېيىن بارا - بارا غەلىتىلىك ھېس قىلىپ قالدىم. ئادەمگە تەكەللۇپسىزلا سۈركىلىشلىرى، ھەددىدىن ئارتۇق كۆپ ئەركىلەشلىرى، گەپ-سۆزلىرىدىكى بەزى ناچار تەرەپلەر، بولۇپمۇ سەن بىلەن بىر يۇرتلۇق، كونا  ساۋاقداش ھەم يېقىن ئۆتىدىغىنىمىزنى ئاڭلاپ ، بۆلەكچىلا يېقىنچىلىق قىلىپ سېنىڭ بۇرۇنقى ئىشلىرىڭنى بىلىشكە ئۇرۇنىشى بىلەن ئۇنىڭدىن ئۆزۈمنى تارتتىم... ئۇ نىجاتنىڭ بۇرۇنقى يۈرگىنى بىلەن بىر يۇرتلۇقكەنغۇ؟ سانىيە بىلەن ياخشى ئۆتىدىغانسىلەر؟
-ھەئە، ئەلۋەتتە ياخشى ئۆتىمىز.
-ئۇ نىمىشقا دائىملا سېنىڭ ئىشلىرىڭنى سوراپ تۇرىۋالىدىغىنىغا ھەيرانمەن.
-قانداق دەيسەن؟
-سېنى نىجاتقا كۆڭلى بارمىكەن؟ يۈرۈشكە ماقۇل بوپتىمۇ؟ سىزمۇ زۇلئاينى ياخشى كۆرەمسىز؟...دىگەندەك سوئاللارنى سورايدىغانغۇ؟
-سەن بىلەن مېنى شۇنداقمۇ سوراپ باقتىمۇ؟
-سورىمايچۇ. تېخى سېنىڭ تەرىپىڭنى قىلىپ قويسام دومسىيىپ قېيداپ كېتىدۇ خۇددى مېنىڭ مۇھەببىتىمدەك. - مۇرادىلنىڭ سۆزلىرى كاللامنى قايمۇقتۇرىۋەتتى. يۇلتۇز بىلەن سانىيە، يۇلتۇزنىڭ يۈرىكىمدە ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان ھاقارىتى، سانىيەنىڭ كۆزلىرىدىن چاقنىغان مەمنۇنىيەت ئۇچقۇنلىرى، سانىيەنىڭ مۇرادىل بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ ئەسلى قويۇقلىقى، مۇرادىلنىڭ سانىيە ھەققىدە ئېيتقانلىرى... بۇلار ئوتتۇرىسىدا قانداق باغلىنىش باردۇ؟ ئويلىغانسېرى خىياللىرىم چىگىشلىشىپ كەتتى. 
-ئوھوي، قارىغاندا ساڭا راستىنلا كۆڭلى بار ئوخشايدۇ. ئۇغۇ ياخشى قىز، ئارىلىشىپ باقساڭ بولماسمىدى؟- مۇرادىلنىڭ سۆزلىرىنى يەنە داۋاملىق ئاڭلاپ باققۇم كېلىپ شۇنداق دەپ سورىدىم.
-ۋاي ماڭە، ماڭا بەرگەن تەسىرى ئانچە ياخشى ئەمەس. گەپ - سۆزلىرىدىنلا چاندۇرۇپ قويدى.
-نىمىنى چاندۇرۇپ قويدى؟
-نىمىنى بولاتتى، سېنى كۆرەلمەيدىكەن.
-كۆرەلمەيدىكەن؟
-تازىمۇ دۆتكەنسەن. سېنى قوغلىشىۋاتقانلار ئازمۇ؟ نىجاتنى ئالايلى، يۇلتۇز بىلەن ئايرىلىپ، يۈرىكىدىكى يارىغا مەلھەم بولارمىكىن دەپ سېنى قوغلاشسا، سەن ئارمانىڭنىڭ كېلىشىنى كۈتكەچكە ئۇنىڭغا پەرۋا قىلىپ قويمىدىڭ. نىجاتنى ئۇنتۇيالماي، ئۇنىڭ بىلەن يارىشىۋېلىش كويىدا يۈرگەن يۇلتۇز سېنىڭ نىجاتنىڭ قوغلىشىش ئوبىكتى ئىكەنلىكىڭنى بىلىپ، ساڭا چىش - تىرنىقىغىچە ئۆچ بولۇپ كەتكىنى ئېنىققۇ؟ 
-سەن كىمدىن ئاڭلىدىڭ؟
-سانىيەدىن. گېپىمنىڭ داۋامىنى ئاڭلا، مەن بايا يېپىپراق دىسەم سەن ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمىدىڭ، قارىغاندا بىلمەيدىغان ئوخشايسەن. سانىيە ئۆزىنىڭ ماڭا كۆڭلى بارلىقىنى تېلىفۇندا نەچچە رەت ئېيتقان. سەن بىلىسەن، مەن قىزلارنىڭ تەشەببۇسكار بولىشىنى ياقتۇرمايمەن. ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرمىگەن ئاساستا ئىككىمىزنىڭ ئىشى ئاخىرىغا چىقمايدۇ، مەن ئايىغى چىقماس ئازابلىق مۇھەببەت كەچۈرمىشلىرىنى كۆپ ئاڭلىغان، سىزنىڭ شۇ تۈپەيلى يۈرىكىڭىزدە ئاچچىق بىر ئەسلىمە قالدۇرۇپ قويۇشقا كۆڭلۈم ئۇنىمايدۇ. ئۆزىڭىزنىڭ ھەقىقىي بەختىڭىزنى تاپالىشىڭىزغا ئىشىنىمەن، بىز يەنە داۋاملىق دوست بولۇپ ئۆتسەك بولىدىغۇ، دىسەم، سېنى چېتىۋېلىپ بىر ھازا سۆزلىدى. بولۇپمۇ زۇلئاي بۇرۇندىنلا باشقىلارنىڭ بەختىنى تارتىۋېلىشقا خۇشتارمىدى، دىگەن سۆزىنى ئاڭلاپ خۇيۇم تۇتۇپ "ئۇ ئۇنداق شاللاق ئەمەس، باشقىلارنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشماڭ" دەپ تېلىفۇننى قويىۋەتتىم. شۇندىن كېيىن خېلى ئۇزۇنغىچە ئۇ تېلىفۇن ئۇرسا ئالمىدىم، ئۇچۇر يازسا قايتۇرمىدىم... ئۇنىڭ ساڭا تۇتقان مۇئامىلىسىدە ئۆزگىرىش بولغىنىنى بايقىمىدىڭمۇ؟ 
-مەن بۇلارنى بىلمەيدىكەنمەن... ھېچكىم ماڭا ئېيتمىسا...
-سەنمۇ ئۆزۈڭگە تازا پۇختا ئەمەسسەن زۇلئاي. مۇشۇ كەمگىچە يۇلتۇز بىلەن ئاراڭلاردا نىمە ئىشلارنىڭ بولغىنىنى بىلمەيمەن. دىمىسەممۇ بىلىسەن، ئەتراپىڭدا ساڭا قاراپ كۈلگەنلەرنىڭ ھەممىسىلا سېنىڭ دوستۇڭ ئەمەس. ھېچ ئايانماستىن سېنى سېتىۋېتىدىغانلارمۇ، سېنى كۆرەلمەي ھەرخىل ۋاستىلەر بىلەن زەربە بېرىپ باقىدىغانلارمۇ يېقىنلىرىڭ ئارىسىدىن چىقىدۇ...ئويلاپ باق، نىجاتنىڭ ساڭا قىلغان يېقىنچىلىقلىرى نىمە ئۈچۈن شۇنچە تېزلا يۇلتۇزنىڭ قۇلىقىغا يېتىدۇ؟ نىمە ئۈچۈن يۇلتۇزنىڭ ئاڭلىغانلىرى ئىچىدە سېنىڭ نىجاتنى قايتا - قايتا رەت قىلىشلىرىڭ يوق؟ ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا سېنىڭ ئارمان بىلەن تېلىفۇنلىشىشلىرىڭنى ياتاقتىكىلەرنىڭ ھەممىسى كۆرگەن بولۇشى، ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭنى بىلىپ بولغان بولۇشى مۇقەررەر. يۇلتۇز نىمىشقا بۇلارنى ئاڭلىمايدۇ، بىلمەيدۇ؟ سەن بۇلارنى ئويلاپ يىتەلمەيدىغان يەردە ئەمەستىڭغۇ؟!
-مۇرادىل، سەن بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىدىكەنسەنغۇ؟ سەن قانداق بولۇپ...
-سېنىڭ ئارمانىڭ سېنى ماڭا تاپشۇرغانىكەن، ئۇنىڭغا يۈز كېلەلىشىم كېرەكتە. سانىيە ئىچىدە گەپ ياتمايدىغان قىز، ئۇنىڭ مۇشۇ ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىپ يۇلتۇزنىڭ ساڭا قانداق مۇئامىلە قىلىۋاتقىنىنى، سەن توغرىلىق نىمىلەرنى دىگەنلىكىنى، سېنىڭ ئۈستۈڭدە قانداق پىلان سوقىۋاتقىنىنى بىلىپ تۇردۇم. سەن توغرىلىق سۆزلىسەم، سورىسام سانىيە مېنى سېنى ياخشى كۆرىدىكەن، دەپ ئويلاپ قاپتۇ. 
-ئارمان؟! بۇ ئىشلارنى ئۇنىڭغا دىدىڭمۇ؟
-ياق، دىمىدىم... ئەگەر مەن بۇئىشلارنى دىسەم ئۇ سەندىن ئەنسىرەپ ئوقۇشىنى خاتىرجەم ئوقۇيالمايدۇدە! ئۆزۈم ئويلاپ يىتەلەيدىغان، ھەل قىلالايدىغان دائىرىدىكى ئىشلارنى ئۇنىڭغا دىمەسلىكنى قارار قىلغانىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە سەن بىلەن ئۇزۇن يىللىق ساۋاقداش تۇرساق، سېنىڭ ئەھۋالىڭدىن خەۋەر تېپىشىم، قىيىنچىلىقىڭنى ھەل قىلىشىپ بېرىشىم تەبىئىيغۇ؟ ھازىر مەن سېنىڭ مەندىن يەنە بىر ئىشنى يوشۇرىۋاتقىنىڭنى بىلىمەن. بۈگۈن مەن نەرسە-كېرەكلىرىمنى يىغىشتۇرىۋاتسام سانىيە تېلىفۇن قىپتىكەن، سەن بىلەن بىرگە ماڭىدىغىنىمنى ئاڭلاپ بىر ھازا جىمىپ كەتتى. ئاندىن سېنىڭ بۇ بىر نەچچە كۈندىن بۇيان ماڭا بىرەر گەپ قىلغان-قىلمىغىنىڭنى سورىدى. شۇئان كۆڭلۈمگە كەچمىگەن خىياللار كېچىپ، ساڭا چوقۇم بىرەر ئىش بولغىنىنى پەملىدىم. ماڭا راستىنلا دىمەمسەن؟ ياكى دىگىلى بولمايدىغان ئىشمۇ؟- مۇرادىلنىڭ مۇلايىملىق بىلەن سورىشى يۈرىكىمدىكى ئەلەملىك يارىنى قوزغاپ، پىغانىمنى ئۆرلىتىپ قويدى. ئۇنىڭغا ھېلىقى كۈنى بولغان ئىشلارنى سۆزلىگەچ، ئىچىم ئۆرتىنىپ يىغلاپ تاشلىدىم. 
-مانا قارا، ئەھۋال ناھايىتى چۈشىنىشلىك،-دېدى مۇرادىل ماڭا قەغەز سۇنىۋېتىپ،- سەن ئوكۇل سالغۇزغىلى چىقىپ كەتكەندە نىجات سېنىڭ تېلىفۇنۇڭنى ئالالماي، ياتىقىڭغا تېلىفۇن بەرگەن، سانىيە نىجاتنىڭ سېنى ئىزدەپ بارىدىغانلىقىنى پەملەپ ، يۇلتۇزغا تېلىفۇن قىلغان. يۇلتۇز ئاڭلىسا چىدىيالارمۇ؟ ئۇ سەندىن ئۆچىنى قانداق ئېلىشنى ئويلاپ ئۈلگۈرەلمەيۋاتقاندا سانىيە قۇتراتقۇلۇق بىلەن تېلىفۇن قىلىپ"بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقۇش" ئويۇنىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك رېژىسسورلۇق قىلغان. يۇلتۇزنىڭ ئۆچ ئېلىشى بىلەن ئۇمۇ پۇخادىن چىقىدۇ ئەمەسمۇ؟! بۇ قىزلارنىڭ نىيىتى نىمىدىگەن يامان! تېخى سېنىڭ مىجەزىڭ يوق ۋاقتىدا دىگىنە! ئەگەر گۈلقىز نىجاتقا يۇلتۇزنىڭ سەن بىلەن كۆرۈشىدىغىنىنى ئېيتىپ تېلىفۇن بەرمىگەن، نىجات ۋاقتىدا يېتىپ بارمىغان بولسا، ئۇ چاغدا سەن ئۇ زەربىگە چىدىيالارمىدىڭ؟ 
    مۇرادىلنىڭ سۆزلىرى مېنى ئوبدانلا سەگىتىپ قويدى. يۇلتۇز ۋە سانىيەگە مەن ھېچقاچان يامانلىق قىلمىغان، يۇلتۇزنى ئادەتتىكى بىر تونۇشۇم، سانىيەنى بولسا ياتاقدىشىم، ساۋاقدىشىم دەپلا قاراپ كەلگەنىدىم خالاس. بولۇپمۇ سانىيە ئىنچىكىلىك بىلەن پىلانلىغان سۈيقەستىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى بىلەن بىر چەتتە تۇرۇپ غالىپلارچە تاماشا كۆرۈشى مېنى يىرگەندۈرىۋەتتى. ھەممە ئىشلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يېنىككىنە تىن ئالدىم...
    كونىلار "تۇغۇلغان يەرنىڭ تېشى گۆھەر، سۈيى كەۋسەر" دەپ يۈرەككە تەگكۈدەك ئاجايىپ ئېسىل ھېكمەتنى قالدۇرغانىكەن. ئۇزۇن سەپەردە بارغانسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان ئانا يۇرت سېغىنىشى باشئەگىم دىيارىمىزدىكى ئانا دەريانى كۆرۈش بىلەنلا مۇرادىل ئىككىمىزنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سېلىۋەتتى. سوغوق ، يات شەھەردە بىراۋلار يۈرىكىمدە قالدۇرغان خورلۇق داغلىرى ئۇلۇغ ئېقىۋاتقان سۆيۈملۈك ئەزىم دەريانىڭ ئابىھاياتتەك سۈزۈك سۇلىرىدا يۇيۇلۇپ، ۋۇجۇدۇمنى پاكلاۋاتقاندەك بىلىنەتتى...

خاتىمە

    كېيىنكى يېرىم يىلدا ئارماننىڭ قايتىپ كېلىشىنى كۈتكەچ، ئاتا - ئانامنىڭ ئارزۇسى ۋە ئارمان ئىككىمىزنىڭ ئورتاق غايىسى ئۈچۈن پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى كەسپ ئۆگىنىشكە ئاتىۋەتتىم. دۇنيادا خاتالىق ئۆتكۈزمەيدىغان ئادەم يوق. ئاددىي ئىنسان بولغۇچىنىڭ ئۆز ھاياتىدا بىر كىملەرنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىپ قويۇشتىن ساقلانمىقى بەسى مۈشكۈل. "ئىنسانىي نۇقتىدىن چىقىش قىلغاندا ئەپۇچانلىق - ھاياتلىق خىسلەتلىرىنىڭ ئەڭ يارقىن، نۇرانە پەللىسى." يۈرىكىمدە چىڭ ساقلىۋالغان مۇشۇ ھېكمەتنىڭ تەسىرىدە يۇلتۇز، سانىيەنىڭ بۇرۇنقى ئىشلىرىنى چىن كۆڭلۈمدىن كەچۈرىۋەتتىم...مۇرادىل، گۈلقىزلاردەك سىرداشلىرىمنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشلىرى، دوستلۇق، ساۋاقداشلىق مېھرىنى يەتكۈزۈشى، ئارماننىڭ ئارىلىق يىراق بولسىمۇ ئۈن-تىنسىز ماڭا ئۆز مۇھەببىتىنى بېغىشلىشى، ئائىلەمدىكىلەرنىڭ يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ كەلگۈسى ئىستىقبالىم ئۈچۈن تىنماي كۈرەش قىلىشلىرى، مېنىڭ جۇشقۇن ياشلىق ھاياتىمنى رەڭدار بېزەكلەر بىلەن جۇلالاندۇرۇپ تۇرۇپتۇ. تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق - چۈچۈك ساۋىقى مېنى بۇرۇنقى بىپەرۋا، تەنتەك زۇلئايدىن ھەر ئىشتا ئېھتىياتچان ئەمما ئەستايىدىل،  دادىل ھەم كەسكىن بىر قىزغا ئايلاندۇردى...

    ئىچكىرىدىكى ئوقۇشىنى تاماملاپ قايتىپ كەلگەن ئارمان بىلەن بىر مەكتەپتە ئوقۇۋاتقىلى ئىككى يىلدىن ئېشىپتۇ. ئاز - بولمىغان ئىسسىق سوغوقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، تۇرمۇش ۋە مۇھەببەتنىڭ خىلمۇخىل سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرىپ كېلىۋاتقان ئارمان بىلەن مەن، بىر-بىرىمىزنىڭ قولىنى قويىۋەتمەستىن، كەلگۈسىمىز ئۈچۈن ھېلىھەم توختاۋسىز ئىلگىرىلەپ ماڭماقتىمىز. ئانا دىيارىمىزدىكى ئەزىم دەريا - پاك مۇھەببىتىمىزنىڭ شاھىدى; كەڭ ئالەمنى يورۇتۇپ، ھارارىتىنى بېغىشلاۋاتقان ئالتۇن قۇياش - مۇھەببەتتىن ئاپىرىدە بولغان ھاياتلىق سەپىرىمىزنىڭ نىجاتكارى بولۇپ بىزگە ھاياتىي كۈچ ۋە چىن ئىنسانىي غورۇر بەخش ئېتەتتى...

    ئاڭلا ، يۈرىكىمنىڭ شىۋىرلاشلىرىنى. ئۇ ساڭا خىتاب قىلىۋاتىدۇ، ساڭا ئىلتىجا قىلىۋاتىدۇ... ئىللىق شامال قەلب تىۋىشلىرىمنى سەن تامان ئېلىپ كەتتىمىكىن؟!

يانار تاغنىڭ تەپتى بار يارغا كۆيگەن ۋۇجۇدتا،
يالقۇن بولساڭ پەرۋانىدەك ساڭا ئۆزۈم ئۇرىمەن.
تۇيغۇم قۇشى پەر قېقىپ، ئارمانلىرىم كۈلگەندە،
چىمەنلىكتە ۋەسىلنىڭ بەزمىسىنى قۇرىمەن.



ئارمان، بەختىمىزگە كۆز تەگمىسۇن...

تامام..........
-سىز كۆرۋاتقان تىما ئارمان، بەختىمىزگە كۆز تەگمىسۇن(ھېكايە),دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
بۇ يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • مۇنبەر پۇلى:+2(padixah) ياخشى ھىكايى ..
  • مۇنبەر پۇلى:+2(TANHA204) نادىر تېما `ھ ..
  • مۇنبەر پۇلى:+100(sahraogli) نادىر تىما ، ..
  • .: Www.MisraniM.CoM :.

    دەرىجىسى: ئالىي ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 183
      جىنسى: خانىم
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1252دانە
    ئۆسۈش: 6.59%
      نادىر تىما: 1
      يوللانما: 1252
      ياخشى باھا: 52 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 4174 سوم
      تۆھپىسى: 3 كىشى
      ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
      ۋاقتى: 440(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-20
      كىرىشى: 2010-07-05

    ھىكايىڭىزنى تەپسىلى ئوقۇپ چىقتىم ،ۋەقەلىكنى ئېنىق تەپسىلى يېزىپسىز ،ئەمما بىراق ...نى نىمە نىمانداق كۆپ ئشلەتتىڭىز دىمەكچى بۇنى ئادەتتە رومان ،پوۋىسىتلارغا ئىشلىتەتتى ،ياخشى ئويلاپ باققان بولسىڭىز .نادىر تېما قاتارىدىن ئۇرۇن ئالسا بۇلىدۇ ،لىكىن مەن بۇنى ئۇقۇپ بولغاندەكلا تۇرىمەن دىسە،ئارمان بەختىمىزگە كۆزتەگمىسۇن تولىمۇ تۇنۇش ماۋزۇ غۇ ،ياكى سىز بۇرۇن يازغانلىرىڭىزنى يوللاپ قويدىڭىزمۇ ؟
    [ بۇ يازما دىلسىرى تەرپىدىن 2010-06-22 06:10 PM دە ق ]
    بۇ يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • مۇنبەر پۇلى:+1(yiltiz) ۋەقەلىك خېلى ..
  • مىسرانىم مۇنبىرىدە دۆلەتنىڭ قانۇن -نىزاملىرىغا زىت ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بۇزىدىغان تىما ۋە ئىنكاسلار ئاپتۇماتىك سۈزۈلۈپ قېلىنىدۇ.خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭIP سى خاتىرلىنىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىلىدۇ.ئۆزىڭىز ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ ئىناقلىقى ھەم بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ساغلام بولغان تىمىلارنى يوللىغايسىز،،،
    .: Www.MisraniM.CoM :.

    دەرىجىسى: ئالىي ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 495
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە236دانە
    ئۆسۈش: 2.36%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 236
      ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 724 سوم
      تۆھپىسى: 1 كىشى
      ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
      ۋاقتى: 82(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-23
      كىرىشى: 2010-07-04

    ياخشى يىزىلغان ئەسەر ، بۇرۇن بىر قىتىم ئوقۇپ بولغان ئىدىم . نادىرلانسا بولىدۇ دەپ ئويلايمەن .
    مىسرانىم مۇنبىرىدە دۆلەتنىڭ قانۇن -نىزاملىرىغا زىت ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بۇزىدىغان تىما ۋە ئىنكاسلار ئاپتۇماتىك سۈزۈلۈپ قېلىنىدۇ.خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭIP سى خاتىرلىنىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىلىدۇ.ئۆزىڭىز ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ ئىناقلىقى ھەم بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ساغلام بولغان تىمىلارنى يوللىغايسىز،،،

    دەرىجىسى: تېرىشچان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 1766
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە799دانە
    ئۆسۈش: 6.15%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 799
      ياخشى باھا: 13 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 3269 سوم
      تۆھپىسى: 1 كىشى
      ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
      ۋاقتى: 308(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-31
      كىرىشى: 2010-07-05

    مۇھەببەتلەشتىم ئاق-بولدۇم، كۆك بولدۇم دىمەي بەلەن ئۇقۇڭ-ھە!تۇلۇق ئوتتۇرا2-يىللىقتىن  باشلاپ دەڭ -تېخى. ھەي قىزلار ھەي قىزلار. بەلەن ئۇقۇڭلار سىلەر تۇلۇق ئوتتۇرىدا، قىزلىرىڭلار تۇلۇقسىزدا،نەۋرەڭلار يەسلدىلا

    (ئاپتورغا قارتىلمغان)
    .: Www.MisraniM.CoM :.

    دەرىجىسى: ئالىي ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 495
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە236دانە
    ئۆسۈش: 2.36%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 236
      ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 724 سوم
      تۆھپىسى: 1 كىشى
      ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
      ۋاقتى: 82(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-23
      كىرىشى: 2010-07-04

     3(zapar)  نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس



    تاس قالدىم ئىنكاسىڭىزنى خاتا چۈشىنىپ قالغىلى .  ھەجەپ ئاياقتىن يوللاپ بولغىچە بۇياقتىن ئوقۇپ تۈگىتىپسىز، خەت ئوقۇش سۈرئىتىڭىزگە قايىلمەن .
    مىسرانىم مۇنبىرىدە دۆلەتنىڭ قانۇن -نىزاملىرىغا زىت ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بۇزىدىغان تىما ۋە ئىنكاسلار ئاپتۇماتىك سۈزۈلۈپ قېلىنىدۇ.خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭIP سى خاتىرلىنىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىلىدۇ.ئۆزىڭىز ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ ئىناقلىقى ھەم بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ساغلام بولغان تىمىلارنى يوللىغايسىز،،،
    .: Www.MisraniM.CoM :.

    دەرىجىسى: مۇنبەر باشقۇرغۇچى

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 1090
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە491دانە
    ئۆسۈش: 2.58%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 491
      ياخشى باھا: 114 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 10110 سوم
      تۆھپىسى: 92 كىشى
      ياخشى باھا: 103 نۇمۇر
      ۋاقتى: 391(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-27
      كىرىشى: 2010-07-05

    قىزلار دىگەن مۇنداق بولمامدۇ؟ مۇھەببىتى ئىككى يىل باشقا يەردە بوپ قالسا بەزى قىزلار ئاز دىگەندىمۇ 5 ئادەم بىلەن يۈرۈپ بولىدۇ ھازىرقى نەزىرىيەدە
    مىسرانىم مۇنبىرىدە دۆلەتنىڭ قانۇن -نىزاملىرىغا زىت ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بۇزىدىغان تىما ۋە ئىنكاسلار ئاپتۇماتىك سۈزۈلۈپ قېلىنىدۇ.خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭIP سى خاتىرلىنىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىلىدۇ.ئۆزىڭىز ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ ئىناقلىقى ھەم بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ساغلام بولغان تىمىلارنى يوللىغايسىز،،،

    دەرىجىسى: يېڭى ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 1588
      جىنسى: خانىم
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە21دانە
    ئۆسۈش: 7%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 21
      ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 564 سوم
      تۆھپىسى: 2 كىشى
      ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
      ۋاقتى: 71(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-30
      كىرىشى: 2010-07-03

    گۇزەل كەلگۇسىنى بىرلىكتە يارتىڭلار ،بەخىت سىلەرگە يار بولسۇن.
    مىسرانىم مۇنبىرىدە دۆلەتنىڭ قانۇن -نىزاملىرىغا زىت ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بۇزىدىغان تىما ۋە ئىنكاسلار ئاپتۇماتىك سۈزۈلۈپ قېلىنىدۇ.خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭIP سى خاتىرلىنىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىلىدۇ.ئۆزىڭىز ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ ئىناقلىقى ھەم بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ساغلام بولغان تىمىلارنى يوللىغايسىز،،،
    .: Www.MisraniM.CoM :.

    دەرىجىسى: مۇنبەر باشقۇرغۇچى

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 782
      جىنسى: يوشۇرۇن
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە167دانە
    ئۆسۈش: 1.67%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 167
      ياخشى باھا: 8 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 2627 سوم
      تۆھپىسى: 2 كىشى
      ياخشى باھا: 1 نۇمۇر
      ۋاقتى: 377(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-25
      كىرىشى: 2010-07-05

    ئۇھ ئاران ئوقۇپ بولدۇم ،،،،،،،نادىرلىغىدەك تىمىكەن ،،،،،
    .: Www.MisraniM.CoM :.

    دەرىجىسى: ئالىي ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 90
      جىنسى: يوشۇرۇن
    ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە827دانە
    ئۆسۈش: 6.36%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 827
      ياخشى باھا: 61 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 3794 سوم
      تۆھپىسى: 3 كىشى
      ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
      ۋاقتى: 498(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-20
      كىرىشى: 2010-07-04

    ئورۇن ئالدىم-ھە،ئوقۇپ بولۇپ تەھرىرلەيمەن
    مىسرانىم مۇنبىرىدە دۆلەتنىڭ قانۇن -نىزاملىرىغا زىت ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بۇزىدىغان تىما ۋە ئىنكاسلار ئاپتۇماتىك سۈزۈلۈپ قېلىنىدۇ.خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭIP سى خاتىرلىنىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىلىدۇ.ئۆزىڭىز ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ ئىناقلىقى ھەم بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ساغلام بولغان تىمىلارنى يوللىغايسىز،،،
    .: Www.MisraniM.CoM :.

    دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 594
      جىنسى: خانىم
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە137دانە
    ئۆسۈش: 4.57%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 137
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 921 سوم
      تۆھپىسى: 1 كىشى
      ياخشى باھا: 12 نۇمۇر
      ۋاقتى: 252(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-24
      كىرىشى: 2010-07-01

    ھارمىغايسىز ، چىن مۇھەببەتنى  تەسۋىرلەپسىز ،   توۋا دىگۈم كىلىدۇ  نىمىشقا ھازىرقى ياشلار بالدۇر مۇھەببەتلىشىپ قالىدىغاندۇ ؟<   ئەسلىدە مۇھەببەت قانچە كىيىن بولسا شۇنچە ياخشى بولىدۇ .چۈنكى بالدۇر ئىچىلغان گۈل بالدۇر توزىيدۇ >
    مىسرانىم مۇنبىرىدە دۆلەتنىڭ قانۇن -نىزاملىرىغا زىت ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بۇزىدىغان تىما ۋە ئىنكاسلار ئاپتۇماتىك سۈزۈلۈپ قېلىنىدۇ.خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭIP سى خاتىرلىنىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىلىدۇ.ئۆزىڭىز ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ ئىناقلىقى ھەم بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ساغلام بولغان تىمىلارنى يوللىغايسىز،،،
    .: Www.MisraniM.CoM :.

    دەرىجىسى: ئالىي ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 183
      جىنسى: خانىم
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1252دانە
    ئۆسۈش: 6.59%
      نادىر تىما: 1
      يوللانما: 1252
      ياخشى باھا: 52 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 4174 سوم
      تۆھپىسى: 3 كىشى
      ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
      ۋاقتى: 440(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-20
      كىرىشى: 2010-07-05

     9(mihir)  نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس



    راس دەيسىز، ئەسلىدەغۇ شۇنداقتى لىكىن ھازىر ھامىلە قورساقتا تۇرۇپ تەرەققىى قىلىپ كىتىۋاتقاندەكلا زادى ،ھازىر ماۋۇ ھىكايىدە دىيلگىنى تۇلۇق 2-يىللىق خېلە ئەقىل ئىگىسى بۇلۇپ قالدىغان مەزگىل ئشقىلىپ ئىشلارنى ياخشى ئويلاپ بىرتەرەپ قىلالايدۇ ،ئەمما تۇلۇقسىز دا تۇرۇپمۇ ،بۇنداق قاملاشمىغان ئىشلارنى قىلىپ بىر ئۆمۈر ھەسىرەت چىكىپ ئۆتۈپ كىتىدىغانلارمۇ كۆپۈيۈپ كەتتى .تېما ئىگىسىگە دىمىدىم بىر قىسىم ئىشلارغا قارىتا كۆزقارىشىمنى ئوتتۇرغا قويدۇم .
    مىسرانىم مۇنبىرىدە دۆلەتنىڭ قانۇن -نىزاملىرىغا زىت ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بۇزىدىغان تىما ۋە ئىنكاسلار ئاپتۇماتىك سۈزۈلۈپ قېلىنىدۇ.خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭIP سى خاتىرلىنىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىلىدۇ.ئۆزىڭىز ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ ئىناقلىقى ھەم بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ساغلام بولغان تىمىلارنى يوللىغايسىز،،،
    ئالدىنقى تىما كىيىنكى تىما
    «12345»Pages: 1/5     Go