رەسىم:
جۇدۇن سوققان يوپۇرماق
(پوۋېست)
ئابدۇجېلىل جاپپار ھىجران
* * *
ئەسكەرتىش: پەقەتلا مىسرانىم تورىغا مەنسۇپ،باشقا توربەتلەرگە كۆچۈرۈشكە قەتئىي بولمايدۇ .
ئەقلىمگە كەلسەم،دادام بىلەن ئاپام بەك تولا سوقۇشىدىكەن.ئۇلار دائىم سوقۇشقاندا،ئاپام:《مېنى ئويلىمىساڭمۇ ئوغلىمىزنى ئويلىغىن،ئۇنىڭغا دادا كېرەك...》دەپ يىغلاپ دادامغا يالۋۇراتتى.دادام ئاپامنىڭ يىغلاپ-يالۋۇرۇىشىغا پەرۋامۇ قىلماي،《مەن تېخى بالىنى تاشلىۋەتمىدىم،ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمىغاندا گېپىڭ بولسا قىل.تولا بالىنى دەستەك قىلماي خېتىڭنى ئال،سەن قەلەندەرنىڭ قىزىدىن جاق تويدۇم.كۆزۈمگە چوشقىدەك سەت كۆرۈندۈڭ》دەپ ئاپامنى قاتتىق ئۇراتتى.
كېيىن ئاپام ئۆزىنى يەرگە ئېتىپ،ئۇزاقتىن-ئۇزاق ئېچىنىشلىق يىغلاپ كېتەتتى.ئۇنىڭ يىغىسى يۈرەك-باغرىمنى ئېزىپ،لەختە-لەختە قان قىلىۋېتەتتى...
ئۇ چاغلاردا بۇ ئىشلارنى چۈشىنىپ يېتەلمىگەچكە،ئاپامنىڭ يېنىدا يىغلاپ تۇرۇشتىن باشقىنى بىلمەيتتىم.
ئەمدى ئويلاپ باقسام،دادام ئاپامنى《ھېچقانداق بىر ئىگە-چاقىسى يوق》دەپ ئانى تېپىپتىكەن.ئۆزىنىڭمۇ ئاتا-ئانىسىدىن كىچىك قېلىپ،يېتىملىك كوچىسدا چوڭ بولغىنىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ قالغان چېغى.دادام ئاپامنى بىھۇدە ئازاپلاپتىكەن.تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ قېلىپ قولى ئىككى-تۆت تال كۆرۈپ قالغاندا،كوچىدىكى خوتۇنلارغا بۇزۇلۇپ ئاپامنى رەشىك ئوتىغا تاشلاپتىكەن.
شۇ كۈنلەر ئاپام ئۈچۈن تولىمۇ ئازاپلىق ئىدى.دادام گىلەم سودىگىرى بولۇپ،گىلەملىرىنى ساتىمەن دەپ بىر چىقىپ كەتسە،نەچچە ئايلاپ ئۆيگە قايتمايتتى.بۇرۇنقى خوتۇنىدىن بولغان لۈكچەك ئوغلى دادامنىڭ ئۆيدە يوقلۇقنى بىلىپ كېچىلىرى ئىشىكىمىزنى تېپىپ ئارام بەرمەيتتى.ھاراق ئىچىپ مەست بولۇۋالسا،ئاپامنى سەت تىللار بىلەن تىللاپ قۇلۇم-قوشنىلارنىڭ ئالدىدا ئاپامنىڭ شەنىگە داغ تەگكۈزەتتى...
ئاپام ئەلەم ۋە خورلۇق دەستىدىن يۈرىكىگە مۇشتلاپ يىغلاپ كېتەتتى...ئاپامنىڭ بۇ ھېسسىياتىنى چۈشىنىدىغان،ياشلىرىنى سۈرتۈپ تەسەللى بېرىدىغان بىرەر يېقىن ئادىمى يوق ئىدى.
ئاپامنىڭ ئاشۇ چاغدىكى نالىسىگە چىدىماي《خەپ،چوڭ بولسام ئاپامنى تىللىغان ئاغزىڭغا چوغ يېقىپ،ئىشىكىمىزنى تەپكەن پۇتۇڭنى سۇندۇرۇۋېتىمەن》دەپ مۇشتۇمۇمنى چىڭ تۈگكىنىم ھېلىمۇ ئېسىمدە.
مەن تولۇق ئوتتۇرنىڭ 2-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان يىلى ئائىلىمىزگە ئېغىر بەخىتسىزلىك كەلدى.دادام ئۆيدىن ئالتە ئاي ئايرىلىپ ئاپامنىڭ كۆزىچىلا ئۆيىمىزگە گۈلئامىنەم ئىسىملىك بىر خوتۇننى باشلاپ ئەكەلدى.
ئۇ ئەل-يۇرت ئالدىدا بىر ئەردە بولىدىغان ئەخلاق-پەزىلەت،ۋىجدان-غۇرۇر دېگەنلەر بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرماي،ئاپامنى تالاق قىلىپ سوتقا ئاجرىشش توغرىسىدا ئەرىز سۇندى.بەلكىم،ئۇ چاغلاردا ئاپامنىڭ سەۋر-تاقىتى توشقان چېغى،دادام بىلەن ئۈنسىز ئاجراشتى.مېنى تەلەپ قىلىپ ئۆزى ئالدى.
دادام ئاپام بىلەن ئاجراشقاندىن كېيىن،گۈلئامىنەم بىلەن قۇلاقنى يارغۇدەك ناغرا-سۇناي چېلىپ چوڭ توي قىلدى.شۇ كۈنى ئاپام بۇرۇنقىدەكلا ئازاپلىنىپ يىغلىدى.مەنمۇ ئاپامغا ھەمدەم بولۇپ يىغلىدىم.
ئولتۇرۋاتقان ئۆيىمىزنى سوتتىن ئاپام بىلەن ئىككىمىزگە بۇيرۇغانىدى.دادام گۈلئامىنەم بىلەن ئۆينى تارتىۋېلىش ئۈچۈن نىيىتى بۇزۇلۇپ قاتتىق ئەسكىلىك قىلغان بولسىمۇ،قىلغانلىرىنىڭ ھېچقايسسى كار قىلمىدى ۋە ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ يەردىن كەتتى.مەن ئۇ چاغدا《ئاھ خۇدا،ھېلىمۇ پەرىشتىدەك ئاپا بېرىپتىكەنسەن،دادام تاشلىۋەتكەن بولسىمۇ ئاپامنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدىن مەھرۇم بولمىدىم》دەپ چەكسىز سۆيۈندۈم.ئەپسۇس،مىڭ ئەپسۇس،مېنىڭ ئاپام بىلەن ئۆتكۈزگەن كۈنلىرىممۇ ئۇزۇنغا بارمىدى.ئاپام بىر كۈنى بامدات نامىزىنى ئۆتەش ئۈچۈن تاھارەت ئېلۋېتىپ يىقىلىپ چۈشكەن پېتى قان سەپرا قىلىپ ئىككى كۈندىن كېيىن قازا قىلدى.
مەن ئاپامدىن ئايرىلىپ قالغاندىن كېيىن،ئۇ يەر-بۇ يەردە تەمتىرەپ يۈرۈپ كىشىلەرنىڭ قازىنىغا تەلمۈرۈپ سەرسان تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلىدىم.كىشىلەرگە ياللىنىپ ئەتىگەندىن-كەچكىچە ئىشلەپ قورسىقىم تويغۇچە تاماققىمۇ ئېرىشەلمىگەن چاغلىرىمدا،ئاپامنىڭ تۇپراق بېشىغا بېرىپ ئۇزاقتىن-ئۇزاق يىغلىدىم.
بۇ دۇنياغا تۇغۇلۇپ قالغىنىمغا ئۆكۈندۈم.كوچىلاردا شادىمان كېتىۋاتقان كىشىلەر توپىغا بىچارىلىك ۋە زارىقىش ئىچىدە تەلمۈردۈم.كىمدۇر بىرىنىڭ بېشىمنى سىلاپ ماڭا مېھىر-مۇھەببەت بېرىشىگە تەشنا بولدۇم.
ئاشۇنداق سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن كۈنلەردە دادام ئاسماندىن چۈشكەندەكلا پەيدا بولۇپ قالدى.مېنى بازارغا ئاچىقىپ جىق كىيىم-كېچەك ئېلىپ بەردى ۋە سامسا،گۆشگىردە،زىخ كاۋاپلاردىن تويغۇدەك يېگۈزدى.مەن دادامنىڭ ماڭا يەتكۈزگەن بۇ ئىلتىپاتىدىن خوش بۇلۇپ كەتتىم.ئەمما،ئۇنىڭ نېمىلەرنى ئويلىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتمىگەن،ئۇنىڭ مېنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى،بارلىقنى ئاشۇ گۈلئامىنەمگە ئاتىۋەتكەنلىكىنى ھېس قىلمىغانىدىم.ئەسلىي مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن ئارتۇق يۈك ئىكەنمەن.ئۇنىڭ مېنى ئويلاشقا،بەخىت-ئىستىقبالىم ئۈچۈن بەدەل تۆلەشكە،ماڭا ئەجىر قىلىپ ياخشى تەربىيلەشكە ئەسلا رايى يوق ئىكەن.
شۇ كۈنى دادام مېنى باغچىغا ئەكىرىپ ئويناتتى.كەچتە ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە:
-ئوغلۇم،مەيلى نېمىلا بولسۇن،مەن سېنىڭ داداڭ.ئاپاڭنىڭ ئۆلۈمى مېنىمۇ ئازاپلىدى،لېكىن مىڭ ئازابلانغان بىلەنمۇ ئۇنى قايتۇرۇپ كېلەلمەيمىز،مېنى كەچۈرگىن،بولامدۇ،-دېدى.بىز بىر-بىرىمىزگە ئېسىلىشىپ بىر ھازا يىغلىشىپ كەتتۇق...
-ماقۇل دادا،سېنى كەچۈردۈم،مەيلى نېمىلا بۇلسۇن،سەن بەرىبىر مېنىڭ ئۆز دادام.بۇ دۇنيادا سەندىن باشقا ھېچنىمەم يوق،-دېيەلىدىم تەستە يىغىدىن ئۆزۈمگە كېلىپ.
-ئوغۇلبالىدەك گەپ قىلدىڭ،يارايسەن بالام،-دېدى دادام،-بۇ دۇنيادا خاتالىق ئۆتكۈزمەيدىغان كىم بار؟مېنىغۇ ئەسكى دەيلى،ئەمما ئاپاڭمۇ ئانچە ياخشى ئايال ئەمەس ئىدى.تولا يىغلاپ،بېشىمنى ئاغرىتاتتى،شۇڭا ئۇنىڭدىن ئاجىرىشىپ كەتكەن.
دادامنىڭ ئاپامنىڭ يامان گېپىنى قىلغىنىنى ئاڭلاپ غۇژژىدە ئاچچىقىم كەلدى-دە،قولۇمدىكى يەۋاتقان سامسىنى داستىخانغا پاققىدە تاشلىدىم:
-دادا،ئاپام ساڭا نېمە يامانلىق قىلدى!؟
-ھېچ...ھېچنىمە...مەن شۇ مۇنداقلا دەپ قويدۇم بالام.
دادامنىڭ شۇلارنى دەۋېتىپ چىرايى باشقىچە بولۇپ كەتتى.
-ئاپام نېمىلا بولسۇن ئون نەچچە يىل سېنىڭ ھالىڭدىن خەۋەر ئالدى.كىر-قاتلىرىڭنى يۇيۇپ،تامىقىڭنى ئەتتى.ئۇنى ئاز دەپ،سېنىڭ بىھۇدە خورلاشلىرىڭغا چىدىدى.تېخى ئاپامنى سېنىڭ ئاۋۇ ھارامزادە بالاڭمۇ بوزەك تاپتى.بىلمىدىم،ئاپام زادى سىلەرگە ياخشى بولالماي،تۇرمۇشنىڭ ھېچ خۇۋلۇقىنى كۆرەلمەي ئۆلۈپ كەتتىغۇ ئاخىر!
بۇ گەپلەرنى دەۋېتىپ ئۆزۈمنى تۇتالماي يىغلاپ تاشلىدىم.دادام ئۆزىنىڭ خاتا سۆزلەپ قويغىنىنى بىلىپ،ئۆزىنى تېزلا ئوڭشىۋالغانمۇ بولدى.
-با...بالام،خاپا بولما،مۇنداقلا دەپ قويغان گەپ بۇ.
دادامنىڭ ئۆزى قان يۇتقۇزۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن ئاپامنى ئۇ دۇنياغا كەتكەندىمۇ گۆرىدە تىنچ ياتقىلى قويماي چىشلەپ-تارتىشلىرى،بىچارە ئاپامنى يەنىلا يامان كۆرۈشى مېنىڭ غۇرۇرۇمغا تەگكەنىدى.مەن روھىم چىقىپ كەتكەن ئادەمدەك تېخىمۇ غەمكىن بولۇپ قالدىم.دادام ئاخىر كۆڭلىدە ئويلىغانلىرىنى ماڭا ئېيتتى.
-ئەمدى بالام،كىشىلەردىن سېنى ئاپىسى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن بويۇن قىسىپ قالدى،دەپ ئاڭلاپ يۈرىكىم ئېچىشتى.ساڭا چىدىماي سېنى ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن كەلدىم.سەن مېنىڭ يۈرەك پارەم.سېنى دەپ بۇ يەردە تۇراي دېسەم،مېنىڭ تىجارىتىم ئاقسۇدا بولغاچقا ماڭا بۇ يەر قولايسىز بولۇپ قالىدۇ.سېنى تاشلاپ كېتەي دېسەم،تېخى كۆڭلۈم ئۇنىمىدى.شۇڭا،ماۋۇ ئۆينى سېتىپ گۈلئامىنەم ئاپاڭغا ئىلگىرى مەن ئېلىپ بەرگەن ئۆيدە تۇرايلى دېمەكچىمەن.بۇنىڭغا قوشۇلامسەن،قېنى ئويلىنىپ باق.
مەن دادامنىڭ دېگەنلىرىنى ئۇزاق ئويلاندىم.مەن يىلتىزى يوق قامغاقتەك ئۇ يەر-بۇيەرگە سوقۇلۇپ ياشاشنى ئاسلا خالىمايتتىم.شۇڭا كېيىنكى ئۈمىدىمنى ئۇنىڭغا باغلىدىم ۋە دېگىنىگە قوشۇلۇپ ئۆي سېتىش توختامنامىسىگە قول قويۇپ بەردىم.
دادام ئۆينى سېتىۋەتكەندىن كېيىن،مېنى ئاقسۇغا ياندۇرۇپ كەلدى.ھەي نادانلىقىم،ئىلگىرى باشقىلاردىن 《ئۆگەينىڭ نامىلا يامان بولماستىن،ئۆزىمۇ يامان》دېگەنلەرنى ئاڭلاپ بۇ گەپلەرگە چىنپۈتمىگەنىدىم.
دادام مېنى گۈلئامىنەمنىڭ يېنىغا ئەكەلگەندىن كېيىن،ئۆگەي ئاپىنىڭ قانداق بولدىغانلىقنى چۈشەندىم.ئۇنىڭ دادامغا ئۆگەي ئۈچ بالىسى مەندەك بىر مەدىكارنى تېپىۋالغىنىدىن قەۋەتلا خوش ئىدى.بۇ ئۆينىڭ ھەممە ئىشلىرى مېنىڭ زىممەمگە ئارتىلدى.
دادام تىجارەت قىلىمەن دەپ ئالدىراش،مەن بىلەن كارى يوق.گۈلئامىنەم بولسا دادام يوق چاغلاردا يوچۇن ئەرلەر بىلەن بەزمە قىلىمىز دەپ ئالدىراش ئىدى.
گۈلئامىنەم ماڭا دەسلەپتە ئۆيدىن ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان ئاشۇ ئەرلەرنى《بۇلار مېنىڭ تۇغقانلىرىم،ئىچى پۇشۇپ مەن بىلەن ھال-مۇڭ بولغىلى كەپتۇ》دەپ چۈشەندۈردى.كېيىن مەن ئۇنىڭ بىر ئەر بىلەن سۈيىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالغاندا بولسا《تۇغقان دېگەن سۆيۈپمۇ،كۆيۈپمۇ قويىدۇ.داداڭغا ئۇششاق گەپ قىلىدىغان بولساڭ،تىلىڭنى كېسىۋالىمەن.ئاۋۇ ئىككى تايغان ئوغلۇمنى كۆردۈڭمۇ،ھايتلا دېسەم...قالغىننى ئۆزەڭ بىل》دەپ زەھىرىنى چېچىپ تەھدىت سالدى.شۇ چاغدا ئازاپ ۋە خورلۇق دەستىدىن《ھەي ئەخمەق دادا،ئاپامنى خورلاپ ئۇنىڭ ئازاپلىرى بەدىلىگە ئالغان خوتۇنۇڭ يولدىن چىققان بىر بۇزۇق ئىكەنغۇ》دەپ يۇم-يۇم يىغلىدىم.
كېيىن دادام قايتىپ كەلگەندە نېمە بولۇشۇم بىلەن قورىقماي،گۈلئامىنەمنىڭ قىلغانلىرىنى ئېيتتىم.لېكىن ئۇ ماڭا ئىشەنمەي:
-ئەمدى ماڭا بۇنداق يالغان-ياۋىداق گەپلەرنى قىلغۇچى بولما،گۈلئامىنەمدەك پاك،پەرىشتە سۈپەت ئايال بۇ دۇنيادا ئاز تېپىلىدۇ.ئۇنى ئۆگەيلەپ بۇنداق گەپلەرنى يەنە قىلىدىغان بولساڭ،مەندىن يامانلىما،-دەپ ئاچچىقلىدى.شۇنىڭدىن باشلاپ گۈلئامىنەم مەيلى نېمىلا قىلسۇن،كۆرسەممۇ كۆرمەسكە سېلىپ لېۋىمنى چىشلىدىم.ئۆز دادامنىڭ ماڭا ئىشەنمىگەنلىكى گۈلئامىنەمنى جېنىدىنمۇ ئەزىز كۆرىدىغانلىقىنىڭ دەلىلى ئىدى.
كېيىنكى كۈنلەردىمۇ دادام سودا ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش يۈردى.گۈلئامىنەمنىڭمۇ بەزمىلىرىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى.بۇنىڭ نېمە سەۋەبتىن بولغان ئىش ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن.مەن گۈلئامىنەمگە《بىكار يۈرۈۋەرمەي بىرەر ھۈنەر ئۆگىنەي》دېسەم،ئۇ رەت قىلدى.كېيىن 30تۇياق قوي ئېلىپ شۇ قويلار بىلەن مېنى تاغقا چىقىرىشنى دادامغا ئېيتىۋىدى،دادام ئىككىلەنمەيلا《قوينىڭ پايدىسى ياخشى.گۆشىنى يېگىلى،تۆللىسە قوزىسىنى ساتقىلى بولىدۇ،ياخشى پىكىر》دەپ تېزلا قوشۇلدى.
مەن دادامنى چوقۇم《تاغنىڭ ھاۋاسى شالاڭ،بالام قىينالمامدۇ؟ئىسسىقسىز قالمامدۇ؟سېنىڭ بالاڭ بالا،مېنىڭ بالام بالا ئەمەسمىكەن،ياق چىقمايدۇ.ھۈنەر ئۆگىنىمەن دېسە،ئۆگەنسۇن.قوي باقىمەن دەپ ۋاقىتنى بىھۇدە ئىسراپ قىلغۇچە ھۈنەر ئۆگەنسە ئۆزىگىمۇ،ماڭىمۇ ياخشى》دەيدۇ دەپ ئويلىغانىدىم.ئۇنىڭدىن بۇنداق ئىككى ئېغىز ياخشى گەپ چىقمىدى.مەن ئىلاجسىز قويلارنى ھەيدەپ تاغقا چىقتىم.
غۇربەتچىلىك،يوقسۇزلۇق،بىچارىلىك بىلەن بىر يىللىق ھاياتىم تاغدا پادىلار ئارىسىدا ئۆتتى.قويچى يىگىتلەرنىڭ ياۋايى،جىمغۇر مىجەزى تولىمۇ غەلىتە ئىدى.ئۇلار بىلەن سىرداشقۇم،زوق-شوق بىلەن پاراڭلىشىپ مىسكىن كۆڭلۈمنى ئاۋۇندۇرغۇم بولسىمۇ،ئۇلارنىڭ ئاشۇ مىجەزى مېنى ئېغىز ئېچىشقا پېتىندۇرمايتتى...كۈنلىرىم زېرىكىش،يېتىرقاش ئىچىدە توختام سۇدەك مەنىسىز ئۆتتى.تاغنىڭ چوققىسىغا چىقىپ يىراقتىكى ئاقۇش ئۇپۇقلارغا ئۇزاقتىن-ئۇزاق تىكىلىپ قارايتتىم.تاغدىن چۈشۈپ كىشىلەر توپىغا قېتىلىپ شادىمان-خوشال ياشاشقا ئىنتىلەتتىم.كىملەرنىڭدۇر باغرىغا تاشلىنىپ يىغلىغۇم كېلەتتى...
مەن بۇ تۇرمۇشقا ئاخىر چىدىمىدىم.بىر كۈنى دادام ۋە گۈلئامنەمنىڭ رۇخسىتىنى ئالمايلا قويلارنى ھەيدەپ تاغدىن چۈشتۈم.مېنىڭ بۇ ئىشىمدىن ئۇلار قاتتىق نارازى بولدى.گۈلئامىنەم ئەسەبىي تىللارنى ياغدۇرۇپ قارغىدى.تاغنىڭ سوغۇق شامىلى يالاپ قارىداپ،يېرىلىپ،قېنى قاچقان مەڭزىممۇ دادامنىڭ شاپىلىقىدىن قۇتۇلۇپ قالالمىدى.
مەن بۇ دۇنياغا ئېزىلىش ۋە خورلۇق تارتىش ئۈچۈنلا يارالمىغاندىكىن،ئاخىرى دادامغا ئېغىز ئېچىپ:
-بولدى،ساڭا يۆلىنىۋالمايمەن.جېنىمنى ئۆزۈم باقاي،ئۆينى سەن سېتىۋەتكەن.شۇڭا،ماڭا باش تىققۇدەك ئىككى ئېغىز بولسىمۇ ئۆي سېلىپ بەر.ئۆلۈكۈمگىمۇ-تىرىكىمگىمۇ ئۆزۈم ئىگە،-دېدىم.
دادام گەپلىرىمنى ئاڭلاپ قاپاقلىرىنى تۈردى:
-ۋوي نوچى،مەندىن ئۆي تالاشقۇدەك بولدۇڭمۇ تېخى!تاغنىڭ ھاۋاسى بەك خىل كەلگەن ئوخشىمامدۇ؟ساڭا تىل چىقىپ قاپتۇ-ھە!؟
-تاغنىڭ ھاۋاسى خىل كېلىپ تىل چىقىپ قالمىسىمۇ خۇدايىم تىلىم بىلەن يارىتىپتىكەن.سېنىڭ گۈلئامىنەمدەك ۋاپادار ئايالىڭ،ئىسسىق ئۆيۈڭ،يانچۇقۇڭدا پۇلۇڭ بار.كۆڭلۈڭ توق،ئەمما مېنىڭ ھېچنىمەم يوق.شۇڭا ماڭا ئۆي كېرەك.
-ۋوي مانى،گەپ قىلماي جىم تۇرۇپ بەرسەم ئەجەپ ئېغىز غېرىچلايدا خۇددى ماڭا ئۆي سېلىشىپ بەرگەندەك.
-ئاپامنىڭ ئېيتىشىچە،ئۇ ئۆينى دادىسى سېلىپ بېرىپتىكەنغۇ!؟ئەمدى مەن سالغان دەيسەن،بۇ نېمە گەپ ئەمدى؟
ئېغىزىمغا چاڭ قىلىپ تەگكەن تەستەك بىلەن تەڭ لەۋلىرىم قانغا بويالدى.ئاسماندىن چۈشكەندەكلا پەيدا بولغان گۈلئامىنەم يەڭلىرىنى شىمايلاپ مېنى يەنە ئۇرماقچى بولۇۋېدى،دادام توسۇۋالدى:
-بولدى قىلىڭلا،كىچىك ئەمەسمۇ،ئەقلى يوق تېخى ئۇنىڭ.
-نېمە دەۋاتىلا ئەركىشى،مۇشۇ كىچىكمۇ،18ياشقا كىرگەن بىر نېمىنى كىچىك دەۋاتقىنىنى ماۋۇ ئادەمنىڭ.ھەي سېرىق تۈك،تېخى بىزدىن ئۆي تالاشقۇدەك بولدۇڭمۇ سەن!؟بىلىپ قوي،ماۋۇ دېگەن سېنىڭ داداڭ،مەن ئۆگەي بولساممۇ سېنىڭ ئاپاڭ،بىزگە بويۇنتاۋلىق قىلىشنى كىم ئۆگەتتى.ساڭا!؟《مال ئىگىسىنى دورىمىسا ھارام》دەپ،تېخى ئۆي دەيدۇيا.ئىككى قولۇڭ ساق بولغاندىكىن ئۆينى ئىشلەپ پۇل تېپىپ ئال.نەچچە يىل بېقىپ قويغىنىمغا مۇشۇنداق جاۋاپ قايتۇرماقچىمۇ سەن تۇزكور!بىلىپ قوي،ئۆينى ساتقان بولساق پۇلغا قىزىمنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتتۇق.مەن داداڭنىڭ خوتونى.شۇڭا،داداڭنىڭ پۇلى مېنىڭ پۇلۇم.ماۋۇ ئۆيدە يېگەن ئاش-نانلار بىقىنىڭغا ئۈسكەن بولسا ئۆيدىن چىق،سەندەك بىرنېمىنى ئەمدى بىر مىنۇتمۇ تۇرغۇزغۇم يوق بۇ ئۆيدە...
گۈلئامىنەمنىڭ گەپلىرى يۈرىكىمگە نەشتەردەك قادالدى.يۈرەك-باغرىمنى ئاچچىق پىغانلار ئۆرتەپ چاناقلىرىمغا پاتمىغان ياشلىرىم مەڭزىمنى بويلاپ سەلدەك ئاقتى.مەن بۇ دەقىقىلەردە ھەممىنى چۈشەنگەنىدىم...مېنىڭ دادام مېنى ئالداپ ئۆينى سېتىپ،ئۇنىڭ پۇلىغا ئۆگەي قىزىنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتۇپتۇ،ئاھ،خۇدا!...بۇلارنى قانداقمۇ ئەقلىمگە سىغدۇراي.مەن تاغدا پادا باققان كۈنلەردە ئۇ قىز ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپتۇ.ئەجەبا،ئۇ قىز ئوقۇغان ئالىي مەكتەپتە مەن ئوقۇسام ماڭا ياراشمامدۇ!؟مېنىڭ ئوقۇشۇم ئۇنىڭدىن ياخشى ئىدىغۇ؟...
مەن ئۇلارغا ھېچقانداق گەپ قىلمىدىم،شۇ تۇرقى ئۇلارغا ئارتۇقچە گەپ قىلغۇدەك ھەپسىلەممۇ قالمىغانىدى.
شۇ كۈنى كېچىدە بۇ ئۆيدىن چىقىپ كەتتىم.كوچىلارنى ئۇزاق ئايلانغاندىن كېيىن،بىر تونۇرنى تېپىپ ئۇنىڭ ئىچىدە تۈنىدىم.《ئۆزۈم چوپچوڭ يىگىت بولغاندىكىن،جاپا چەكسەممۇ تىرىشسام تىرىشچانلىقلىرىم بىكار كەتمەيدىغۇ》دەپ ئويلىدىم ۋە تاڭ ئاتقاندا بۇ يەردىن كېتىش قارارىغا كەلدىم.
گاراژغا كەلگىنىمگە خېلى ئۇزۇن بولدى.بېلەت سېتىش زالىنى نەچچە قېتىم ئايلاندىم.ئەمما،كۆزنەككە بېرىپ بېلەت ئېلىشقا قۇربىم يەتمەيتتى.ئەتراپقا ئۈمىد بىلەن قارايتتىم.《بىرەر تونۇش-بىلىشلەر ئۇچراپ قالسىكەن》دەپ كۆزلىرىمنى ھەر يانغا ئاغدۇراتتىم.
گاراژدا كەچ بولغىچە لاغايلاپ يۈردۈم.ئاخىر قورسىقىم ئېچىپ پەقەتلا چىدىماي ئاخشامقى تونۇرنىڭ يېنىغا كەتمەكچى بولدۇم.بۈگۈنمۇ ئۇ تونۇردىن كۆيۈپ كەتكەن نان چىقىپ قالسا ئەجەب ئەمەس(ئاخشام تونۇردىن كۆيۈپ كەتكەن بىر پارچە ناننى تېپىۋېلىپ قورسۇقۇمنى ئەستەرلىگەنىدىم).
گاراژدىن چىقىۋېتىپ بىرىنىڭ چاقىرغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ كەينىمگە بۇرۇلدۇم...
-ھەي بالا،بىر يەرگە بارامتىڭ!؟
مەن مېنىچاقىرىۋاتقان ساقاللىق شوپۇرنىڭ يېنىغا كەلدىم.
-شۇنداق.
-نەگە باراتتىڭ؟
-بىلمەيمەن.نە بولسىلا مەيلى...
-سەن ساقمۇ ياكى؟...نە بولسىلا مەيلى دېگەنمۇ گەپمۇ؟
-ھە...ئۈرۈمچىگە چىقماقچى ئىدىم...
-يانچۇقۇمدا پۇلۇم يوق،شۇڭا بۇ چاغقىچە ماڭالمىدىم،دېگىن.بوپتۇ،سېنى ئالغاچ كېتەي،ئاپتۇبۇس ھازىرلا ماڭىدۇ.تېز بول،چىققىن،كەينىدە بىكار كارۋات بار.
شوپۇرنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ يۈرىكىم شۇررىدە قىلىپ قالدى.دادام بولسىمۇ بۇنداق قىلماس،ماڭا بۇنچىلىك كۆيۈنمەس ئىدى.ئۇنىڭغا رەھمەتتىن باشقىنى دېيەلمىدىم...يولدا شوپۇر بەرگەن ئىككى نان ۋە بىر بوتولكا مېۋە سۈيى بىلەن قورسىقىمنى ئەستەرلىدىم.ئاندىن ئۇ بىر ئۆتەڭدە توختىغاندا بىر قاچا لەڭمەن ئېلىپ بەردى.
ئاخىر ئۈرۈمچىگىمۇ كەلدىم.شوپۇرغا رەھمەت ئېيتىپ گاراژدىن چىقماقچى بولغىنىمدا،ئۇ چاقىرىپ قالدى.
-ئۇكام،توختىغىنا.
مەن قەدەملىرىمنى توختاتتىم.
-نېمە ئىش ئاكا!؟
-ئۇكام،سولغۇن چىرايىڭغا،ئولتۇرۇشقان كۆزلىرىڭگە قارىسا ئىچى ئېچىشىدىكەن كىشىنىڭ،قارىسام،بىرەر دەردىڭ باردەكلا...
شوپۇرنىڭ گېپىگە دەماللىققا جاۋاپ بېرەلمىدىم،بويۇمغا يىغا ئولاشقان بولسىمۇ چاندۇرماسلىققا تىرىشتىم.
-ياق ئاكا،شۇ تۇغقان يوقلاپ كەلگەن.بەك چارچاپ كېتىپتىمەن...سىزگە شۇنداق كۆرۈنگەن چېغى.
-ھە،مۇنداق دېگىن.سەن ھېچ ئۇنداقتەك قىلمايسەن.ئەگەر ئۆيدىن قېچىپ چىققان بولساڭ بۇ ناتونۇش شەھەردە تېنەپ قالىسەن.بىرنەچچە كۈن مەن بىلەن تۇرغىن،ئاندىن سېنى بىللە ئېلىپ كېتەي،بولامدۇ؟
شوپۇرنىڭ دېگەنلىرى،ئۇنىڭ سەمىمىي كۆيۈنۈشلىرى ماڭا تەسىر قىلدى.شۇنداقتىمۇ ئۇ ئۆيگە قايتالمايتتىم.شۇڭا،شوپۇرغا رەھمەت ئېيتىپ گاراژدىن چىقتىم.ئىلگىرى مەھەللىدىكى ئۇ يەر-بۇيەرلەرگە چىقىپ كەلگەن بالىلارنىڭ ئاغزىدىن《يۇرت ئاتلاپ مۇساپىر بولۇپ قالساڭ،بىرەر ئىشنىڭ پېشىنى تۇتۇپ بولغۇچە بىرەر ئاشخانىغا كىرسەڭ ئۇلار سېنى ھەرگىز كېتىڭ دېمەيدۇ.ئاشخانىدا چىنە يۇيساڭمۇ،يۇندا تۆكسەڭمۇ قورسىقىڭ ئاچ قالمايدۇ.ئاخشىمى ياتىدىغان يەردىن غەم قىلمايسەن》دېگەنلىرىنى ئاڭلىغانىدىم.
شۇڭا،نېرى-بېرىسىنى ئويلاپ ئولتۇرمايلا ئالدىمغا ئۇچىرىغان چوڭراق بىر ئاشخانىنىڭ ئالدىغا كەلدىم.ئاشخانىنىڭ ئىچىگە كىرەلمەي تۇرغىنىمدا ئىچىدىن تەخسە كۆتۈرۈپ چىققان مەن دېمەتلىك ئورۇق بىر بالىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ يېنىغا كەلدىم.
-ماۋۇ ئاشخانىغا ئىشلەمچى ئالامدۇ؟
بايامقى بالا ئۈستۋېشىمغا لاپپىدە بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن،جاۋاپ بەردى:
-نەدىن كېلىشىڭ؟
-ئاقسۇدىن.
-كىملىكىڭ بارمۇ؟
-يوق،ئېلىۋالماپتىكەنمەن.
-كىملىكىڭ بولمىسا،بىرەر يەردە ئىشلەي دەپمۇ ئىشلىيەلمەيسەن.كوچىلاردا لاغايلاپ يۈرسەڭ،كىشىلەرگە يامان تەسىر بېرىپ قويىسەن.مۇنداق بولسۇن،ھازىرچە مېنىڭ ياتىقىمغا كىرىپ ئارام ئېلىپ تۇرغىن.مەن ھېلى خۇجايىنغا سېنى《نەۋرە تۇغقىنىم》دەپ تونۇشتۇرۇپ باقاي.ئۇ ئېلىپ قالسا ئەجەب ئەمەس.
ئاق پىشماق،يۇمىلاق يۈزلۈك،سول مەڭزىدە چېكىتتەك قاپقارا بىرتال مېڭى بار بۇ بالىنىڭ ماڭا قىلغان ئىللىق مۇئامىلىسى قەلبىمنى ۋىللىدە ئىللىتتى.ئۇ مېنى ئارقا ئىشىك بىلەن ياتىقىغا باشلاپ ئەكىرىپ كاۋىتىنى كۆرسەتتى.
-ئاۋۇ يېشىل كىرلىك سېلىنغىنى مېنىڭ كارۋىتىم،ياندىكى تازىلىق ئۆيى يۈز-كۆزلىرىڭنى يۇيۇپ ئارام ئېلىپ تۇرغىن.مەن يېنىڭغا ھېلى كىرىمەن،ھازىر سەل ئالدىراش بولۇپ قالدىم.
-ماقۇل.
-ھە راست،ئېتىڭ نېمە؟
-غەيرەت.
-مېنىڭ ئېتىم دىلمۇرات،خۇجايىننى گەپكە كۆندۈرۈشكە تىرىشىمەن.بولسا بىللە ئىشلەپ قالايلى.بىرەر يېقىن ئادىمىڭ بولمىسا،غېرىبسىنىپ قالىسەن بۇ شەدە.ئەمسە شۇنداق بولسۇن،مەن ھېلى كىرىمەن،ئارام ئېلىپ تۇرغىن.
ئۇ چىقىپ كەتتى.مەن سۇخانىغا چىقىپ يۈز-كۆزلىرىمنى يۇيغاندىن كېيىن كارۋاتقا چىقىپ ياتتىم.《يول ئازابى گۆر ئازابى》دەپ بەك چارچاپ كەتكەن بولسام كېرەك،خېلى ئۇزۇن ھېچنەرسىنى سەزمەي قاتتىق ئۇخلاپتىمەن.بىر چاغدا دىلمۇرات مېنى ئويغاتتى.
-غەيرەت،قوپە ئاداش،تاماق يەۋالغىن...
قارىسام،ئۇ بىر تەخسە لەڭمەننى كۆتۈرۈپ كىرىپتۇ.
-رەھمەت ئاداش!...
-نېمىگە رەھمەت دەيسەن؟-دېدى ئۇ،-ھەممىمىزنىڭ بېشىغا كۈن چۈشىدۇ.كىممۇ مەن360كۈن خوشال ياشايمەن دەپ ئېيتالىسۇن؟
-قىلغانلىرىڭغا ھامان جاۋاب قايتۇرىمەن،ئاداش.
-بولدى...ياخشى ئارام ئال،يېنىڭغا ھېلى كىرەي-ھە!
-ماقۇل.
دىلمۇرات مېنى خوجايىنغا ئېيتىپ مېنى بۇ ئاشخانىدا ئېلىپ قالدى.
ئۇنىڭ بىلەن چىقىشىپ قالدۇق.كېيىن مەن ئۇنىڭغا يۈرىكىمدىكى ئازابلىرىمنى،تارتقان خورلۇق-ئەلەملىرىمنى،كۆڭۈلسىز ئۆتمۈشۈمنى قالدۇرماي ئېيتىپ بەردىم.ئۇنىڭ گەپلىرىمنى ئاڭلاپ《مەنمۇ ساڭا ئوخشاش شور پېشانە بالا》دېگىنىدىن باشقا ھېچقانداق بىر گېپىنى ئاڭلاپ باقمىدىم ھەم سوراشنىمۇ لايىق تاپمىدىم.دىلمۇرات بىلەن مېنىڭ كۈنلىرىم ئاشخانىدا ئالدىراشچىلىق بىلەن ئىشلەپ ئۆتۈۋاتاتتى.
بىر كۈنى كەچتە ئۇ ئېغىز ئېچىپ قالدى.
-غەيرەت،مەن ئۇزۇندىن بېرى بىرەر دوسىت تېپىشنى ئويلاپ كېلۋاتقان،يالغۇزلۇقۇم جېنىمغا پاتقان.ئەمما،ئۆزۈمنىڭ ئويلىغىنىدەك بىرەر دوستنى ئۇچراتمىغان.تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن بىز تونۇشۇپ قالدۇق،خالىساڭ بىز ئايرىلماس جانجىگەر دوستلاردىن بولۇپ قالساق،قانداق دەيسەن.
-بولىدۇ ئاداش،-دېدىم مەن ئىپتىخارلىق ئىچىدە،-سېنىڭ ماڭا ئىشەنگىنىڭ،مېنى يېقىن كۆرۈپ بۇ گەپنى دېگىنىڭدىن مەن بەك خوشال بولدۇم.مەنمۇ سەندەك بىر دوستقا مۇھتاج.سەن بىلەن دوست بولۇش مېنىڭ بەختىم.
-مېنىڭ تۇرمۇشۇمنى بىلىشنى خالامسەن،-دېدى ئۇ تورۇسقا ھەسرەت بىلەن تىكىلىپ.
-ئېيتىپ بەرسەڭ،ئەلۋەتتە خالايمەن،-دېدىم.ئۇ قولىدىكى تاماكىسنى كۈچەپ شورىۋەتكەندىن كېيىن سۆزىنى داۋام قىلدى:
-مەن بۇ دۇنيادا يەككە-يېگانە،ئاتا-ئانامدىن كىچىك قېلىپ ئۇرۇق-تۇغقانلارنىڭ ئۆيىدە چوڭ بولغان.گەرچە،ئاتا-ئانىسىز قەلبىمنىڭ بىر يەرلىرى يېرىم بولسىمۇ بۇنىڭغا ئامال يوق كۆنۈپ قالدىم.رېئاللىق دېگەن رەھىمسىز بولىدىكەن.ھەممىمىزنىڭ بېشىغا ئوخشىمىغان قىسمەتلەر پۈتۈلىدىكەن،بۇلارنى تارتماي ئامال يوق ئوخشايدۇ...بىر بالىنى بېقىش ئۇنچە ئاسان ئاسان ئىش ئەمەس.تۇغقانلاردىن چەكسىز مىننەتدارمەن.ئەمما،يېشىم چوڭايغانسېرى ئۇلارنىڭ ئۆيىدە تۇرۇشتىن يېتىرقايدىغان بولۇپ قالدىم.دائىم تۇغقانلارنىڭ قولىغا تەلمۈرۈپ تۇرۇش مېنى خىجىل قىلدى.ئادەم دېگەننىڭ يېشى چوڭايغانسېرى چىقىمىمۇ چوڭىيدىكەن،ھەممىنى ئۇلارغا ئارتىشقا يۈزۈم قىزاردى.كىچىك چېغىمدىن تارتىپ چىدامچان چوڭ بولغانىدىم.شۇڭا،بىر كۈنى ئۇلارغا:《مەنمۇ چوڭ بولدۇم،تۇرمۇشقا پىشمىسام بولماس،ئۈرۈمچىگە چىقىپ باقاي،بىرەر ئىشنىڭ پېشىنى تۇتۇپ قالسام ئەجەب ئەمەس》دېدىم.ئۇلار گېپىمنى ئاڭلاپ باشتا قارشى تۇردى،كېيىن جاھىللىقىمنى كۆرۈپ قوشۇلدى ھەم رازىلىق بەردى.ئاخىر قېقىلىپ-سوقۇلۇپ مۇشۇ ئاشخانىغا كېلىپ قالدىم.بۇ يەردە ئىشلەۋاتقىنىمغا بىر يىل بولدى.ئىش ھەققى يۇقىرى بولمىسىمۇ،قورسىقىم ئاچ قالمايدۇ.ئانچە-مۇنچە ئىقتىسادمۇ قىلدىم،ئىشلار جاپالىق بولسىمۇ ھالال مېھنىتىم بىلەن ياشايمەن.خۇجايىنمۇ ياخشى ئادەم،ئەمدى بولسا سەن بىلەن تونۇشۇپ تۇرمۇشۇمغا يېڭى مەن قېتىلدى.ئىككىمىز بىر نىيەت بىر مەقسەتتە تىرىشساق ئىشلىرىمىزمۇ يۈرۈشۈپ قالار.جاپا تارتساقمۇ بەل قويۇۋەتمەيلى،بولامدۇ غەيرەت؟
ئۇ قولىدىكى تاماكىسىنى كۈچەپ شوراپ ئىسىنى پۈۋلىدى.ئۆينى ئاقۇچ تاماكا ئىسى قاپلىدى.ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇپ دېدىم:
بولىدۇ ئاداش.مېنى چوڭ بىلگىنىڭگە،ماڭ ئىشەنگىنىڭگە رەھمەت!
-رەھمەت دېگۈدەك ئىش ئەمەس بۇ،مەن بىلەن جاپادىمۇ-ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇپ چىن دوسىت بولۇشقا قەسەم قىلالامسەن؟
-بولىدۇ،قەسەم قىلاي!
ئىككىمىز قوللىرىمىزنى مەھكەم سىقىپ قەسەم بېرىشتۇق.شۇنىڭدىن باشلاپ ئۆزۈمنى تاغدەك يۆلەنچۈكۈم باردەك ھېس قىلدىم.كۆڭلۈمدىكى مىسكىنلىك،پەرىشانلىق ئاستا-ئاستا كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى.دىلمۇراتنىڭ ماڭ ھەر جەھەتتىن كۆيۈنۈپ ھېسداشلىق قىلىشى ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچىمنى ئاشۇرۇپ باراتتى.ئاشخانىدىكى كۈنلىرىمىز جاپالىق بولسىمۇ،مەنىلىك ئۆتىۋاتاتتى.
بىر كۈنى دىلمۇراتنى يېنىمغا چاقىرىپ يېقىندىن بېرى ئويلىغىنمنى ئېيتتىم:
-ئاداش،ئەمدى ئوغۇلبالىغا 70خىل ھۈنەرمۇ ئازلىق قىلىدۇ دەپتىكەن.ئاشخانىدا نەچچە يۈز يۈەنگە ئىشلىگىچە ھۈنەر ئۆگىنىۋالساق،مەيلى نەگىلا بارايلى خار بولۇپ قالمايمىز.
ئۇ دېگەنلىرىمگە تېزلا قوشۇلدى.
-بولىدۇ ئاداش،ياخشى ئويلاپسەن،يەنە بىر نەچچە ئاي ئىشلەپ ئازراق پۇل ئىقتىساد قىلىۋالغاندىن كېيىن،خۇجايىنغا ئېيتىپ سەن دېگەندەك قىلايلى.ھۈنەر ئۆگەنسەك تۇرمۇشىمىزغا ئەسقاتىدۇ.
-ماقۇل ئەمسە،سەن دېگەندەك بولسۇن.
دىلمۇرات بىلەن شۇلارنى دېيىشىپ بىر ئايدىن كېيىن ھۈنەر ئۆگىنىشنى باشلىۋەتتۇق.خۇجايىن يېقىن ئەتراپتىن بىر ئۆينى ئىجارىگە ئېلىپ بەردى.
ھەش-پەش دېگۈچە بىر يىل ئۆتۈپ كەتتى.
ئۇستامنىڭ قاپىقى يامان ئىدى،كونا شاگىرتلار بىزدەك يېڭى شاگىرتلارنى بوزەك قىلاتتى،ئىشلارمۇ جاپالىق ئىدى،ھەممىسىگە چىشىمىزنى چىشلەپ چىدىدۇق.ئاخىر ئۈگرە،پولۇ ئېتىش،كىچىك تەخسىلىك سەيلەرنى قورۇش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان بولدۇق.خۇجايىن بىزگە مۇقىم ئىش ھەققى بېكىتىپ بەردى.ئۇستاملارمۇ بۇرۇنقىغا قارىغاندا سىلىق مۇئامىلە قىلىدىغان بولدى.
بىز بۇنچىلىك ئىشلارنى قىلالايدىغىنىمزدىن قەۋەتلا خوشال ئىدۇق.مەيلى قانچىلىك جاپا چېكەيلى،چوقۇم يېڭىپ چىقمىساق بولمايتتى.
كۈز دەرەخلەرنىڭ يوپۇرماقلىرىنى تۆكۈپ،ئوت-چۆپلەرنى سارغايتىپ،قىش ئۆزىنىڭ سوغۇقى بىلەن پۈتۈن تەبىئەتنى توڭلىتىپ بولۇپ،ئاخىر باھارنى باشلاپ كەلدى.
كۈزدە ياشلىرىم يوپۇرماقتەك تۆكۈلگەن بولسا،باھار ماڭا ئۈمىد ۋە ئىشەنچى ئاتا قىلدى.باغچىلاردا،يول دوقمۇشلىرىدا ئېچىلغان گۈل-چېچەكلەر،بالىلارنىڭ چۇرقىرىشىپ ئۇچۇرتۇشى بىلەن كۆكتە لەرزان ئۇچۇۋاتقان رەڭدار لەگلەكلەر،جەنۇب تەرەپتىن توپ-توپ بولۇپ ئۇچۇپ كېلىۋاتقان پەسىل قۇشلىرى ماڭا ھاياتنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلدۇرماقتا ئىدى.
* * *
نەچچە كۈندىن بېرى مىجەزىم يوق،ئاشخانىغا بارمىدىم.ئەسلىي دورا ئىچسەممۇ بولاتتى،بىراق دىلمۇراتنىڭ زورلىشى بىلەن ئاسما ئوكۇل ئۇرغۇزدۇم.
يولدا كەلگۈچە دادامغا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغان بىرسىنى كۆرۈپ،بىردىنلا دادام مېڭەمگە كىرىۋالدى.مەن دادامنى بەكلا سېغىنغانىدىم.مەيلى ئۇ نېمىلا بولسۇن،ئۇ مېنىڭ دادام،تومۇرۇمدا ئاققىنى ئۇنىڭ قېنى-دە!
بىر يىل ئاز ۋاقىت ئەمەس.ئۇنىڭ مېنى سېغىنغان ياكى سېغىنمىغىنىنى بىلمەيمەن،ئەمما ئۇنىڭغا بولغان سېغىنىشىمنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بېرەلمەيمەن.ئۇنىڭغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىم ۋولقاندەك ۋۇجۇدۇمنى ئۆرتەپ تۇرىدۇ.ئەمما،ئۇ ئۆيگە بېرىشقا جۈرئەت قىلالمايمەن.ئاشۇ قەدىرسىز كەچمىشلىرىمنى قەلبىمنىڭ تەكتىگە قانچە چوڭقۇر كۆمىۋەتكەن بولسام،ئۇنىڭغا بولغان سېغىنىشلىرىمنىمۇ تۇنجۇقتۇرۇپ تۇرۇشقا مەجبۇرمەن.
يانفۇنۇمنىڭ تۇيۇقسىز سايرىشى بىلەن خىياللىرىم ئۈزۈلدى.
-ئاداش قانداقراق؟ئوكۇل سېلىپ ياخشى بولۇپ قالدىڭمۇ!؟
بۇ دىلمۇراتنىڭ ئاۋازى ئىدى.
-ھەئە،ئاداش.خېلى ياخشى بولۇپ قالدىم.
-كەچتە نېمە ئالغاچ باراي،شۇنى سورىغىلى تېلىفۇن بېرىشىم...
-بولدى،كۆڭلۈم ھېچنىمە تارتمايدۇ،ئەكەلمە.
-ئاھاي،نەدىكى گەپنى قىلدىكەنسەن،ياخشى ئوزۇقلانمىساڭ قانداق بولىدۇ.سەن تونۇردا پىشۇرغان توخۇ گۆشىگە بەك ئامراق ئىدىڭغۇ،شۇنى ئالغاچ باراي ئەمسە.شۇنداق بولسۇن،ياخشى يېتىپ ئارام ئال،كەچتە كۆرۈشەيلى-ھە...
ساقىيىپ ئاشخانىغا كەلگىنىمگىمۇ بىر ھەپتىدىن ئاشتى.
ئەتىگەندىن بېرى دىلمۇرات روھى كۆتۈرەڭگۈ كۆرۈنەتتى.ئۇنىڭ ئاشخانىغا كىرىپ چىققاچ نېمىلەرنىدۇر غىڭشىپ ناخشا ئوقۇپ قويۇشى،بالىلار بىلەن پات-پات چاقچاق قىلىشلىرى،قاقاقلاپ كۈلۈشلىرى،مېنى سەل ھەيران قالدۇردى.ئۇ،بۈگۈن ئەجەب خوشال بولۇپ كېتىپتا؟نېمە ئىش بولغاندۇ؟ئۇنىڭ خوشاللىقىنى بىرىنچى بولۇپ ماڭا ئېيتىدىغىنىنى بىلىپ تۇرساممۇ،ئاخىر تاقەت قىلالماي يېنىغا كەلدىم.
-ئاداش،بۈگۈن ئەجەب خوشالغۇ سەن.قانداق،مەنمۇ خەۋەر تاپسام بولامدۇ يا؟
-بولىدۇ.لېكىن...
-لېكىن نېمە؟
-كەچتە بۇ ئىشنى ئوبدانراق تەبرىكلەپ،ئاندىن ئېيتاي دېگەن شۇ...
-تەبرىكلەپ ئېيتقۇدەك شۇنچە چوڭ ئىشمىدى بۇ؟
-...ئۇ ئىپادىسىزلا كۈلۈپ قويدى.
-كەچتە ئېيتاي ھە...
-ماقۇل.
مەن ئۇستاملارنىڭ بۇيرۇغان ئىشلىرىنى قىلىپ بۇلۇپ ئاندىن دىلمۇراتنىڭ قىلىپ بولالمىغان ئىشلىرىغا ياردەملەشتىم.بىز خېلى كېچىكىپ ئىشتىن چۈشتۇق.چوڭ يولغا چىققاندا دىلمۇرات تۇيۇقسىز:
-بۈگۈن ئۆيگە بىرەر رومكىدىن ئىچىشىپ ئاندىن قايتايلى،بولامدۇ؟-دېۋىدى،ھەيرانلا قالدىم.
-نېمە...نېمە؟!ۋوي گاچا،سەن ئەزەلدىن ئىچمەيتتىڭغۇ.بۈگۈن نېمىدەپ...
-...
ئۇ ئاپپاق چىشلىرىنى چىقىرىپ كۈلدى.
-ئەمدى شۇ بۈگۈنكىدەك خوشاللىق چاغدا بىرەر رومكا ئىچىۋالمىساق قاچان ئىچىمىز.خاتىرجەم بول،ئاۋۇ ئاق ھاراق،قىزىل ھاراق دېگەنلەرنى ئاغزىمىزغا ئالمايمىز.مېۋە پىۋىسى ئىچىمىز.
-ياق،شۇنداقتىمۇ مەن ئىچمەيمەن.ئۆزۈڭ ئىچ،ئۇ ئېشەكنىڭ سۈيدۈكىنى ...
-...بوپتۇ،ئىچمىسەڭ ئىچمىگىن.سېنى زورلىماي،بىللىغۇ بارارسەن.
-ئەلۋەتتە بارىمەن-دە.
بىز يەر ئاستىدىكى بىر چايخانىغا كىردۇق.چايخاننىڭ لىرىك ساكىس مۇزىكىسى،ئالا-يېشىل يېنىۋاتقان چىراغلار قوشۇلۇپ ئادەمنى رومانتىك تۇيغۇغا چۆمدۈرەتتى.دىلمۇرات تۆت بوتولكا پىۋا،مېۋە سۈيى ۋە گازىر-پۇرچاق دېگەنلەرنى ئويلىدىم.لېكىن،دوستۇم خوشال بولغان بۇنداق پەيىتلەردە قىممەت بولسىمۇ مەيلى ئىدى.ئادەم دېگەن خوشال بولىمەن دەپلا خوشال بولغىلى بولمىسا يا...
دىلمۇرات ئاخىر ئېغىز ئاچتى:
-قارا ئاداش،ئىككىمىز جاپا تارتساقمۇ بەختىيار ياشاۋاتىمىز.سەن ماڭا يولۇققان قىممەتلىك گۆھەر،شۇڭا مەن دۇنيادىكى ئەڭ باي بالا.ئەتىگەن 《خوش بولۇپ كېتىپسەن》دەپ سوراپ قالدىڭ.ئەمدى دەپ بېرەي ساڭا.مەن بۈگۈن19ياشقا كىردىم،تا بۇ كەمگىچە بىرەر قېتىم تۇغۇلغان كۈنۈمنى ئۆتكۈزۈپ باققان بەندە ئەمەسمەن.گەرچە،تۇغۇلغان كۈنىنى قىلىش بىلەن ئانچە خوشۇم بولمىسىمۇ،ئىلگىرى دوست-بۇرادەرلىرى بىلەن بىللە كۈلۈشۈپ چاقچاقلىشىپ تۇغۇلغان كۈننى قىلغانلارغا ھەۋەس قىلىپ كېتەتتىم.《مېنىڭمۇ ئاشۇنداق دوستلىرىم بولغان بولسا-ھە》دەپ ئويلاپ كېتەتتىم...مانا ئەمدى يېنىمدا سەن بار.شۇڭا،بۈگۈن تۇغۇلغان كۈنۈمنى سەن بىلەن بىللە تەبرىكلەي دېدىم.بۇ ھاياتىمدىكى ئەڭ خوشاللىق بىر كۈن بولۇپ قالسۇن،قانداق ئاداش!؟
-ھەي،ماۋۇ قىلىقىڭ بولماپتۇ جۇمۇ،-دېدىم مەن،-بۇرۇنراق دەپ قويساڭ ئوبدانراق تەبرىكلىمەمتۇق.تۇغۇلغان كۈنۈڭگە تورتمۇ ئالماي،سوۋغاتمۇ ئالماي قانداق گەپ بۇ...
-سەن بىلەن ماڭا سوۋغا كەتمەيدۇ.ئىككىمىزنىڭ ساداقىتى ئەڭ چوڭ سوۋغات.
-شۇنداق بولسىمۇ...
يەنە نېمىلەرنى دېمەكچى ئىدىمكى،بىرسىنىڭ مۆرەمگە تۇيۇقسىز پاققىدە ئۇرۇشى بىلەن كەينىمگە قاراپ چۆچۈپ كەتتىم.كۆز ئالدىمدا چاچلىرى رەتسىز،كۆزلىرى قىزىل مۇچ قۇيغاندەك قىزارغان،نېمە سەۋەبتىندۇر يۈزىنىڭ بىر نەچچە يېرى پلاستېردا تېڭىلغان تۇرغۇن،يەنى مېنىڭ دادا بىر ئاكام،ئەينى يىللىرى ئاپامنىڭ ئابرويىنى يەرگە ئۇرغان مەلئۇن قاراپ تۇراتتى.
-ۋۇ،تۇزكور ھارىمى،بۇ يەردە نېمىش قىلۋاتىسەن!؟
ئۇ كۈچلۈك قوللىرى بىلەن ياقامنى سىقتى.ئۇنىڭ ياقامنى قاماللىغان بارماقلىرىنى قايرىپ تۇرۇپ ئېغىز ئاچتىم:
-مەن ھارىمى بولۇپ،تامنىڭ تۆشۈكىدىن چۈشۈپ قالمىغان،ئاتا-ئانام بار مېنىڭ.ئۇ گېپىڭنى بېرىپ شۇ ھارامدىن بولغانلارغا دەپ بەر.مەندە ئېلىشىڭ بولمىغاندىكىن،ياقامنى قويۇۋەت!
-ۋوي،گۈركىرەيسەنغۇ لالما قانجۇقنىڭ كۈچىكى.كۆتۈڭگە تېپىپ ئۆينى موككىدە سېتىپ،بۇ يەرگە كېلىۋالدىم دېگىن،ئوغرى مۈشۈك.
-ئۆينى مەن ساتمىدىم.
-ئەمدە كىم ساتتى؟
-ساڭا جاۋاب بېرىش مەجبۇريىتىم يوق.
-ما قوڭالتاقنىڭ گېپىنى...ھەي ئوغرى مۈشۈك،ئۆينى ساتقاندىكىن داداڭدىن خەۋەر ئېلىپ قويمامسەن؟ئاۋۇ گۈلئامىنەم ئاپاڭ ئۇنى ئىتنى تاشلىغاندەك تاشلاپ قويۇپتۇ،داداڭنىڭ ھالى بەكلا خاراب ئىكەن...-ئۇنىڭ ياقامنى تېخمۇ كۈچەپ سىقىشى بىلەن نەپەس ئالالماي قالدىم.
-يا...ياقامنى قويۇۋەت...
-مانا ئەمسە،قويۇۋەتتىم.
بۇرنۇمغا تويۇقسىز تەگكەن قاتتىق مۇشت زەربىسىدىن كۆزلىرىمدىن ئوت چاقناپ كەتتى.بىر دەمدىلا يۈز-كۆزلىرىم قانغا بويالدى.يىقىلغان جايىمدىن قوپۇپ بولغۇچە تۇرغۇننىڭ ياقىسىغا دىلمۇرات چاڭگال سالدى.
-ۋوي ئىتنىڭ بالىسى،نېمىشقا ئۇرىسىەن ئۇنى؟
-ئۇرسام ئۇكامنى ئۇردۇم.سەن نېرى تۇر،ھېلى بىكار...
-ئۇكام دەپ قوي تېخى!سېنىڭ ئۇكاڭ بارمۇ؟مەن ئىتنىڭ ئۇكىسى بارلىقىنى تۇنجى قېتىم ئاڭلاۋاتىمەن جۇمۇ...
-مەن سېنى نېرى تۇر دېدىم...ھېلى بىكار...
-ھېلى بىكار نېمە قىلىسەن؟مېنىمۇ ئۇراي دەمسەن يا!؟-غەيرەت قوپە،-دىلمۇرات ئۇنى قويۇۋېتىپ مېنى يۆلىدى.
-ئېيتە،پەرىشتىدەك ئاپاڭغا تىل تەگكۈزۈپ ئىشىكىڭلارنى تەپكەن توڭگۇز مۇشۇ شۇمۇ!
دىلمۇراتنىڭ كۆزىدىن غەزەپ ئوتى چاقنايتتى.مەن ئېغىزىمنى تەستە ئۆمەللەتتىم.
-شۇ...
دىلمۇرات گېپىمنى ئاڭلا-ئاڭلىمايلا تۇرغۇنغا مۇشت-تېپىكلەرنى ياغدۇرۋەتتى.تۇرغۇن ئۇنىڭ مۇشىت-تېپىكلىرى ئاستىدا يېلى چىقىپ كەتكەن توپتەك كېلەڭسىز دومىلايتتى...مەن نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەي گاڭگىراپ تۇرغىنىمدا،ئاسماندىن چۈشكەندەكلا پەيدا بولغان ئامانلىق قوغدىغۇچىلار ئۇلارنى ئاجىراتتى.تۇرغۇننىڭ ھالى خېلى خاراب بولۇپ،كۈپتەك ئىششىپ يېرىلغان قاش-قاپاقلىرى،يانغا قىيسىيىپ قالغان پاناق بۇرنى خېلى زەخمىلەنگەنىدى.دىلمۇرات توساتتىن ئامانلىق قوغدىغۇچىلارنىڭ قولىدىن يۇلقۇنۇپ ئاجىرىدى،ئاندىن چايخانىدىن قۇلۇمنى تۇتۇپ غىپپىدە چىققانچە شامالدەك يۈگۈردى...
بىز چوڭ يولغا چىقىپ بىر تاكسىنى توسىدۇق.دىلمۇرات ئۆيگە كېلىپلا سۇ قايناتتى،ئاندىن تەڭشەپ لۆڭگىنى ھۆل قىلىپ يۈزلىرىمدىكى قان يۇقىنى ئېرىتتى.
ئۇ يۈزۈمدىكى ئىششىپ قالغان يەرلەرگە دورا سۈرتكەچ سورىدى:
-ئاغرىۋاتامدۇ ئاداش!؟
-ياق.
-ھېلىمۇ ياخشى بۇرنۇڭ ماكچىيىپ كەتمەپتۇ.يۈزۈڭمۇ يېرىلماپتۇ.ئەتە دوختۇرخانىدىن ياخشىراق دورىلارنى ئالايلى.بىرنەچچە كۈندىن كېيىن ياخشى بولۇپ كېتىسەن.
مەن دىلمۇراتقا قارىدىم.ئۇنىڭ سول مەڭزى ئازراق سۈرۈلۈپ كەتكەندىن باشقا چوڭراق زەخمىلەنمىگەنىدى.مەن ئۇنىڭ قولىدىكى دورىنى ئالدىم.
-قارا،سېنىڭمۇ يۈزۈڭ زەخمىلىنىپتۇ.مەنمۇ دورا سۈرتۈپ قوياي...-ئۇ،يۈزىگە دورا سۈرتۈۋاتقىنىمدا خۇرسىندى.
-ھەي،ھەممىسى مېنىڭ كاساپىتىم.سېنى ئۇ يەرگە باشلاپ بارمىغان بولسام،بۇ ئىشلارمۇ بولماس ئىدى.سەنمۇ بىكاردىن-بىكار تاياق يېمەس بوغىيتتىڭ.
-نەدىكى گەپلەرنى قىلىپ يۈرىسەن ئاداش،بۇ قانداقمۇ سېنىڭ سەۋەنلىكىڭ بولسۇن؟بۇنداق كۆڭۈلسىزلىك ھامان بىر كۈنى يۈز بېرەتتى.ھېلىمۇ ياخشى سەن ئوتتۇرغا چىقىپ مېنى قوغداپ قالدىڭ،بولمىسا مېنى يەنە ئۇرۇپ خېمىر قىلىۋەتتى ...
-خەپ،كۆڭلۈمدىكىدەك ئۇرالمىدىم دېسە.نەدىن پەيدا بولدى ئامانلىق قوغىدىغۇچىلار،بولمىسا ئۇ گۇينى تېخىمۇ ئوبدان ساۋىداپ قوياتتىم.
-ھېلىمۇ خېلى ئۇردۇڭ،يەنە ئۇرساڭ ئۆلۈپ قالار ئىدى.سەندىن قورقسا بولامدۇ نېمە!ئالامەت مۇشىتلىشىدىكەنسەن جۇمۇ.
-قورىقما،سېنى ئۇرمايمەن.ئەمما،ئۇنىڭدەك ئادەمگە تاياق ئۆتمەيدۇ،بازغاندا سالسىمۇ ئازلىق قىلىدۇ جۇمۇ.
-بازغاندىمۇ ئۇرمىغىن ئەمدى،يېتەر ئۇرغىنىڭ ئاداش...
-نېمە؟...ئىلىگىرى ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنىمەن دەۋاتاتتىڭ،ئەمدى ئىچىڭ ئاغرىۋاتقان ئوخشىمامدۇ؟
-شۇنداق ئاداش،ئىچىم ئاغرىپ قالدى.ئەسكى بولسىمۇ ئادەم ئەمەسمۇ.يارىسىنى تاڭدۇرالىغانمىدۇ.ئەپتىگە قارىسام،بەكلا ئاۋارە كۆرۈندى.يۇرتتىن چىقىپ كوچا چىڭداپ يۈرگەن ئوخشايدۇ...
-بولدى قىلە،ئۇنىڭ گېپىنى قىلساڭ ئاچچىقىم كېلىپ قالدى.ئىشقىلىپ ئاپاڭنى تىللىغانلىرىنى ئويلىسام ئۇرۇپ بەك بەلەن قىپتىمەن.ئۇنىڭدىن تاياق يەپ تۇرۇپ يەنە ئىچىڭ ئاغرىسا،توۋا...بولدى،ئۇخلايلى ئاداش.
كېچىچە كۆزلىرىمدىن ئۇيقۇ قاچتى،تۇرغۇن نەلەردە يۈرگەندۇ؟يارىسىنى تاڭدۇرغانمىدۇ؟دېگەنلەرنى بىرتەرەپتىن ئويلىسام،ئۇنىڭ《داداڭنى گۈلئامىنەم ئىتنى تاشلىغاندەك تاشلاپ قويۇپتۇ.ئۇنىڭ ھالى بەك خاراب ئىكەن》دېگەنلىرىنى ئويلاپ بەكلا بىئارام بولدۇم.
دادام مېنى 《نەلەردە يۈرگەندۇ،يانچۇقىدا پۇلى يوق ئىدى،ئاچ قالغانمىدۇ؟》دېگەنلەرنى يا ئويلىغاندۇ.ئەمما،مەن دادامنى ئويلىماي تۇرالمىدىم.گەرچە،ئۇ ئاپامنى بىھۇدە ئازابلاپ نابۇت قىلغان،ئاپامغا كۈن بەرمىگەن بولسىمۇ،مېنى سەرسان،مۇساپىر قىلسىمۇ،يۈرەك قېتىمدىكى ئۆزۈممۇ تەسۋىرلەپ بېرەلمەيدىغان بىر مېھىر،نەپرەتلىرىمنىڭ پىلىكىگە سۇ چېچىۋاتاتتى.تۇرغۇن كىچىكىدىنلا لايغەزەل،ئويۇنچى ئىكەندۇق.ئۇنىڭ دادامنىڭ يېنىغا بېرىپ ھالىنى سورىشى مۇمكىن ئەمەس.
تۇرغۇننىڭ دىگەنلىرىنىڭ راستلىقىغا تامامەن ئىشىنەلمىسەممۇ،ئەمما ئىشەنمەيمۇ تۇرالمىدىم.باغرىم ئېزىلىپ يۈرىكىم ئېچىشتى...
نەچچە كۈندىن بېرى خامۇش يۈردۈم.مەيلى نېمىلا ئىش قىلاي،دادام خىيالىمدىن كەتمىدى.خىياللىرىم نېرىۋىلىرىمغا ئارام بەرمەيىتتى.ئاشخانىدا قويغان-تۇتقىنىمنى بىلمەي ئۇستامدىنمۇ سېسىق گەپلەرنى ئاڭلىدىم.دىلمۇرات كەيپىياتىمنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى تېزلا سېزىۋالدى.چوڭقۇر خىيالغا پېتىپ ئولتۇراتتىم،ئۇ يېنىمغا كېلىپ سورىدى:
-ئاداش،ساڭا زادى نېمە بولدى؟
مەن ئەلەملىك كۆزلىرىمنى ئۇنىڭغا ئاغدۇردۇم.
-ئاداش،كۆڭلۈم بەك پاراكەندە.بۇ ئىشلارنى ئويلىماي دېسەممۇ خىيالىمدىن چىقىرىتەلمىدىم.
-قايسى ئىشنى ئاداش،-ئۇ ھەيرانلىق بىلەن ماڭا تىكىلدى.
-تۇرغۇن بىلەن سوقۇشقاندا ئۇنىڭ 《داداڭنى گۈلئامىنەم ئىتتەك تاشلاپ قويۇپتۇ.ئۇنىڭ ھالى خاراب ئىكەن》دېگىنى ئېسىڭدىمۇ!؟
-ھە،ئېسىمگە كەلدى.ئۇ شۇنداق دېگەندەك قىلغان،ئەمما بۇ راسىتمۇ ياكى ئۇ بىرنېمە يالغان گەپ قىلدىمۇ،بىلگىلى بولمايدۇ.تېلفۇن بېرىپ باقامسەن يا!
-مەن ئۆيدىن چىقىپ كەتكىلى ئۇزۇن بولغاندىكىن،قوشنىلارنىڭ تېلفۇن نومۇرىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن.ئۆيگە تېلفۇن بەرسەم،ئۇنداق نومۇر يوق دەيدۇ.
-مەن تۇرغۇننىڭ گېپىگە بىر ئىشىنىپ-بىر ئىشەنمەي قالدىم.
-ئاداش،دادامنىڭ ئىقسادىي ئەھۋالى ياخشى تۇرسا نېمىدەپ...
-ئىشنى ئۇنداق ئاددىي ئويلىما ئاداش،ئۆگەي ئاپاڭدەك خوتۇنلارنىڭ قولىدىن ھەربالا كېلىدۇ.داداڭنىڭ ئالتۇن تېغى بولسىمۇ ئۇ يەپ قۇرۇتۇۋېتىدۇ.ئۇنداقلاردا ۋىجدان يوق،بولمىسا سېنىڭ ئائىلەڭنى ۋەيران قىلامدۇ!؟داداڭ راستىنلا شۇنداق بولغان بولسا،ئۇنىڭ داداڭنى بېقىشى مومكىن ئەمەس.
ئۆپكەم ئۆرۈلۈپ كۆزلىرىمگە ياش كەلدى.
-بولدى ئاداش،كۆڭلۈڭنى بۇزما.شۇ تاپتا قانداق ھېسسىياتتا بولۇۋاتقىنىڭنى چۈشىنىمەن.داداڭ سېنىڭ بىچارە بولۇپ قېلىشىڭغا يۈرىكى چىدىغان بىلەن سەن داداڭغا چىدىمايۋاتىسەن...
دىلمۇرات ئىسسىق ئالقانلىرى بىلەن يېشىمنى ئېرىتتى .
-شۇنداق ئاداش، مەن راستىنلا چىدىمايۋاتىمەن .
كۆزلۈرۈمگە يەنە ياش كەلدى . يۈرۈكۈم تۇز قۇيغاندەك ئېچىشتى ... ھەر ئىككىلىمىز جىمىپ كەتتۇق ...بىرچاغدا دىلمۇرات يەنە ئېغىز ئاچتى :
- ئاداش، نىمىلا بولسۇن داداڭنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۆزكۆزۈڭ بىلەن كۈرۈپ كىلەمسەن يا!؟
- قانداق بۇلار ؟
- نىمنى قانداق بۇلار دەيسەن ؟ يۇرتۇڭغا بارساڭ بەك كەتسە نەچچە يۈز يۈەن پۇل كىتىدۇ شۇ . مەن خۇجايىنغا ئېيتىپ رۇخسەت ئېلىپ بىرەي بېرىپ كەلگىن .
-خۇجايىن رۇخسەت بىرەر مۇ ؟
-سەن بۇنىڭدىن غەم يىمە ، ئامالنى ئۆزۈم قىلىمەن .
-ماقۇل .
دىلمۇرات بىلەن تۇنۇشقانداندىن بىرى ، ئۇماڭا ئىزچىل ھېسداشلىق قىلدى ، كۆيۈندى .ئاشخانىدا ئېغىز ئىشلارنى قىلىپ ،تۇلىمۇ جاپا چەكتى .
بۇلارنى ئويلاپ كۆڭلۈم تۇلىمۇ غەش بولدى . يېتىپ ئۇخلاپ قالغان ئىكەنمەن ئىشىكنىڭ ئېچىلىشى بىلەن ئويغۇنۇپ كەتتىم .
دىلمۇرات قايتىپ كەلگەنىدى .
-ئاداش،ئۇخلاپ قالغانمىدىڭ،-دىدى ئۇ يېنىمغان كىلىپ.
-ھەئە،-مەن كۆزلۈرۈمنى ئۇۋۇلاپ ئورنۇمدىن تۇردۇم. ئۇ قۇلىدا ئىككى خالتا نەرسە كۆتۈرۈپ كەلگەن بۇلۇپ،خالتىلارنىڭ ئاغزىنى بىرمۇ-بىر يەشتى ،- قارا ئاداش، مەن ساڭا نېمىلەرنى ئېلىپ كەلدىم . كۆرۈپ باق، ساڭا يارامدىكىن .
ئۇ بىرنەچچە قۇر كىيىم – كېچەك ۋە چىرايلىققىنا بىر ئاياغ ئەكەلگەنىدى .مەن ھەيران بولۇپ سورىدىم:
-ئاداش،بۇلارنى راستلا ماڭا ئالدىڭمۇ؟
-ئەلۋەتتە ساڭا ئالدىم.داداڭنىڭ يېنىغا ماڭغىلىۋاتىسەن.دوست-دۈشمەنلىرىڭنىڭ ئالدىدا بىرەر قۇر يېڭى كىيىم كىيىپ بارمىساڭ قانداق بولىدۇ.قانداق،ساڭا يارىدىمۇ يا؟
-ھەئە،ئاداش.بەك چىرايلىق ئىكەن.خۇجايىن رۇخسەت بەردىمۇ!؟
-ھەئە،بىلىپ تۇرۇپتىمەن،كۆڭلۈڭ پاراكەندە.كېرەك يوق،بەك كۆپ ئويلاپ كەتمە.نېمىلا بولسۇن،داداڭنى بىر كۆرۈپ كەلگىن.ئەسلى مەنمۇ سەن بىلەن بىللە باراي دىگەن،لېكىن خۇجايىن《بىرسىڭلارغىلا رۇخسەت بېرىمەن》دەپ ئۇنىمىدى.شۇڭا،سەنلا بېرىپ كەل،داداڭغا مەندىن سالام ئېيتقىن،-ئۇ شۇلارنى دەۋىتىپ يانچۇقىدىن پۇل ئېلىپ قولۇمغا تۇتقۇزدى.
-بۇ 800يۈەن،ماۋۇ ئەتتىگەن سائەت12نىڭ ئاپتۇبۇس بېلىتى.ساڭا ئاق يول تىلەيمەن.
ئۇنىڭ قولىدىكى پۇل بىلەن بېلەتنى ئېلىۋېتىپ كۆزلۈرۈمگە ياش كەلدى.
-رەھمەت ئاداش،بىز تونۇشقاندىن بېرى ماڭا ئىزچىل...
ئۇ ئالقانلېرى بىلەن ئاغزىمنى توسۇۋالدى.
-بولدى،سۆزلىمە.نېمە دەيدىغىنىڭ ماڭ ئايان.بۇنداق دەۋەرسەڭ مەن خاپا بولىمەن.سېنىڭ ئىشىڭ ،مېنىڭ ئىشىم.بۇنىڭغىمۇ رەھمەت دىيىشىپ كەتسەك جان توشۇمايدۇ.بول،تەييارلىقىڭنى قىلغاچ تۇرغىن.ئەتە ئالدىراپ قالىسەن بولمىسا.
* * *
بۇ ئۆيگە كەلسەم ھېچكىمنىڭ مېنى قارشى ئالمايدىغانلىقىنى بىلەتتىم.ئىشىكتىن كىرىپ《ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم》دېگەن سالىمىمغا گۈلئامىنەم نەشتەردەك سۆزلىرى بىلەن جاۋاپ قايتۇردى:
-《مۇزاينىڭ يۈگۈرۈشى سامانلىققىچە》دەپ،ئاخىرى كەپلا-ھە،غوجام.كەلگەنلىرى ئوبدان بوپتۇ.مەن خەۋەر بېرەي دېسەم،سىلىدەك ئېسىل زاتنىڭ قايسى داچىدا تۇردىغانلىقلىرىنى بىلمەيدىكەنمەن.دادىلىرى قان قۇسۇپ ياتقىلى خېلى ئۇزۇن بولدى.داۋالىتاي دېسەم پۇلۇم يوق.ماڭا نېمە ئامال؟ئەينى چاغدا ئاپىلىرى خېتىنى ئالغىلى ئۇنمىغاندا،دادىلىرى:
《سېنى چۇقۇم ئالىمەن،گۈلئامىنەم،ئەتىرگۈلۈم》دەپ ئالداپ قويسا،تۆت يىل يۇشۇرۇن نىكاھىغا كىرىپ خىزمىتىنى قىلىپ كۈنلىرىمنى بىھۇدە ئۆتكۈزۈپتىمەن.ئاخىرى قۇرۇپ قاق سەنەم بولغاندا،ماڭا تاپىنى ئاستى بۇ ھۆپۈپ.قېرىغاندا بىرەرسىنىڭ كەينىدىن مېڭىپ پۇل تېپىپ داۋالىتاي دېسەم،ماڭ ھېچكىم قارىماس.دادىلىرىدىن ھەنىم بولسا تۇغماپتىكەنمەن.بولمىسا،ئۇمۇ نەدە سەرگەردان بولۇپ يۈرۈركىن تاڭ.ئاۋۇ تۇرغۇنەك دېگەن ئىت يالىغىمۇ نەدە يۈرىدىكىن،ھەر نىمە بولسا سىلى بولسىمۇ كەپتىلا ئەمدى.دادىلىرىنى قوللىرىغا ئالسىلا،مېنىڭ ئۇنىڭغا قارىغۇدەك ھالىم يوق.
گەرچە گۈلئامىنەمگە ناۋاتتىن تاتلىق گەپلىرىم بولسىمۇ دېگۈم كەلمىدى،ئۇ گەپلەرنى ئىچىمگە يۇتىۋەتتىم.ئاپام ھايات ۋاقتىدا ھەر قانداق ئىشتا سەۋر-تاقەتلىك بولىشىمنى تەكىتلەيتتى.
-خاپا بولماڭ،ئالدىڭىزدا خىجىلمەن.دادامنىڭ يېتىپ قالغىنىدىن خەۋىرىم بولمىغاچقا ۋاقتىدا كېلەلمىدىم.دادامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغىنىڭىزغا رەھمەت.ئۇنداق بىمەنە گەپلەرنى قىلماڭ.سىز بىرەرسىنىڭ كەيندىن ماڭىدىغان ئايال ئەمەسقۇ.داداممۇ سىزنى پەرىشتە دەيتتى،-دېدىم ئۇنىڭغا.
-ۋىيەي،ئۇغۇ راسىت.ئادەم ئاچچىقى كەلگەندە ئويلىمايلا گەپ قىلىپ قويىدىكەن.نىمە بولسام دادىلىرنى دەپ بولدۇمغۇ مەن.
بۇ دۇنيادا پەسكەش ئادەملەر ئۆزىنىڭ قانداقلىقىنى ئۆزى بىلىپ تۇرۇپمۇ،شەرمەندىچىلىكلىرىنى باشقىلار بىلگەن ھەم ئاڭلىغان بولسىمۇ،يۈزى قىزارماي تۇرۇپ《مەن سېغىزخاندىن ساق،قاغىدىن ئاق》دەيدىكەن.ئادەم بەزىدە بۇلارنى كۆرۈپ ياقىسىنى چىشلەشكىمۇ ئۈلگۈرمەي قالىدىكەن.گۈلئامىنەمنى خۇددى مەن تونۇمايدىغاندەك،قىلغان-ئەتكەنلىرىنى بىلمەيدىغاندەك تەنە قىلىپ:《سىز كوچىدىكى ئايال ئەمەسقۇ》دېگىنىمدە يۈزىنىڭ قىزارمىغىنىدىن ھەيرانمەن.
گۈلئامىنەمگە ئەكەلگەن سوۋغاتلىرىمنى ئەدەپ بىلەن ئالدىغا قويدۇم.
-بۇ لايىقىڭىزدا بولمىسىمۇ قۇبۇل قىلارسىز.
ئۇ ئالدىغا قويغان نەرسىلەرنى كۆرۈپ چالا ھىجايدى.
-ئاۋارە بولۇپ...
-ھېچقىسى يوق.دادامچۇ،ئۇ نەدە؟ئۇنى كۆرسەم بولامدۇ؟
گۈلئامىنەم مېنى قازناق ئۆيگە باشلاپ كىردى.ئاھ...دادا!...دادامنىڭ كۆرۈپ يۈرۈكۈم جىغغىدە قىلىپ ئاغدى.بېشىمغا تۇيۇقسىز قاتتىق بىر تۇقماق تەگكەندەك تۇرغان جايىمدا قېتىپلا قالدىم.ئۇ،يىرتىلىپ مازلىرى پاخپىيىپ قالغان بىر كونا كۆرپىنىڭ ئۈستىدە تۈگۈلۈپ ياتاتتى.ئىلگىركى سېمىز،ھەيۋەت بەستىدىن ئەسەرمۇ قالمىغان بولۇپ،ئورۇقلاپ ئىسكىلىتقىلا ئوخشاپ قالغانىدى.بېشىنىڭ ئۈستۈنكى تەرىپىگە قويۇپ قۇيۇلغان پاسكىنا پۇچۇق داس قىپقىزىل قانلار بىلەن توشاي دەپلا قالغانىدى.ئۆيدىكى سېسىق پۇراققا چىداپ بولغىلى بولمايتتى.مەن دادامغا تاشلاندىم.
-دادا،جېنىم دادا،ئېيتىڭە سىزگە نىمە بولدى،نەرىڭىز ئاغرىيدۇ؟ئېيتىڭە دادا،-ياشلىرىم يامغۇردەك قۇيۇلۇپ بىرى مېڭەمگە پىچاق تىققاندەك پۈتۈن بەدىنىم زىڭىلداپ ئاغرىپ كەتتى.دادام ئۆچەي دەپ قالغان جىنچىراغدەك نۇرسىز كۆزلىرىنى ماڭا ئاغدۇردى.
-غەي...غەيرەتجان بالاممۇ سەن؟
-شۇنداق دادا،مەن غەيرەتجان بالىڭىز.
مەن دادامنىڭ ئورۇق تارشىدەك قوللىرىنى ئالقىنىمغا ئېلىپ ئالدىغا يۈكۈندۈم.دادام ئېغىزىنى تەستە ئۆمەللەتتى.
-مۇشۇ كۈنلەردە سېنى بەكمۇ سېغىندىم،كۆپ ئويلىدىم بالام.ئاخىرى كەپسەن،كېچىدىن چۈشۈمگە كىرىپ قاپتىكەنسەن.ئەسلى خۇدايىم كېلىشىڭدىن بىشارەت بېرىپتىكەن.مەن ئاپاڭ بىلەن ئىككىڭلارغا يۈز كېلەلمەيمەن.
دادامنىڭ مۇنچاق-مۇنچاق ياشلىرى مەڭزىگە دومىلاپ چۈشتى.
-ئۇنداق دېمەڭ دادا،ئۇ ئىشلارنى ئەمدى دېيىشمەيلى.
دادام بېشىنى ئەلەم بىلەن چايقىدى.
-ياق بالام،تىغ يارىسى ساقايسىمۇ،دىل يارىسى ساقايمايدۇ.مەن قىلغانلىرىمغا قاتتىق پۇشايمان قىلدىم.خۇدايىم جاجامنى بەردى.سىلەرگە قىلغانلىرىمنىڭ سورىقىنى تارتتىم.سېنىڭ ئالدىڭدا《مېنى كەچۈر》دىگۈدەكمۇ يۈزۈم يوق.
تۇرغۇننىڭ دېگەنلىرى ھەقىقەتەن راست ئىدى . ئۇنىڭ بۇلارنى باشقىلاردىن ئاڭلىغىنىنى ، يا ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگىنىنى بىلمەيمەن .ئەمما ، ئۇ بۇلارنى بىلىپ تۇرۇپمۇ قۇيرۇقىنى خادا قىلغان ئىدى.
گۈلئامىنەممۇ دادامغا ئادەمدەك مۇئامىلە قىلمىغان ئىدى . مەن ياشلىرىمنى سۈرتۈپ ئۈلگۈرتەلمەيىتتىم . داستىكى قېتىپ قالغان قانلارنى دادام قۇسقان ئىدى . مەن ئۇنىڭ بۇھالىتىنى كۆرۈپ پەقەتلا چىدىمىدىم ، بۇقۇلداپ يىغلاپ ئۇنى باغرىمغا باستىم ...
بىر ئازدىن كىين ، ئۆزۈمگە كىلىپ گۈلئامىنەمگە يانچۇقۇمدىن ئىككى يۈز يۈەن چىقىرىپ ئۇزاتتىم .
-بۇنى ئېلىپ ئازراق قوي گۆشى ئەكىرسىڭىز ، دادامغا شورپا قىلىپ ئىچكۈزۈپ باقسام .
- ۋاي بۇلىدۇ ، - دېدى ئۇ،- تېخى ھېلىلا دوقمۇشتىكى قاسساپ بوز پاقلاندىن بىرنى سويۇپتىكەن . پۇل بولمىغاچقا ئالالماي تىلىمنى يالاپ قالغان . جىقراق ئەكىرەي بالىلارمۇ ئېغىز تەگسۇن .
- ئىختىيارىڭىز ...
گۈلئامىنەم ئۆردەكتەك ئېغاڭلاپ چىقىپ كەتتى .مەن دادامنىڭ ئورۇقلاپ سۆڭۈكى بۆرتۈپ چىققان يۈزىنى سىلاپ تۇرۇپ سورىدىم :
-دادا، نېمە كېسەل بۇلۇپ قاپسىز ؟ دوختۇرغا كۆرۈندىڭىزمۇ ؟ ئەگەر كۆرۈنمىگەن بولسىڭىز مەن سىزنى دوختۇرخانىغا ئاپىراي .
دادام خىرقىراپ تۇرۇپ جاۋاپ بەردى :
- كۆرۈنگەن بالام . بۇرۇن پەرۋاسىز قاراپتىمەن ، ئاشقازان راكى دەپ دىئاگىنوز قويدى .
بۇگەپنى ئاڭلاپ كۆزلۈرۈمگە قايتىدىن يىغا ياماشتى .
- دادا، داۋالاتساق چوقۇم ساقىيىپ كىتىسىز . قاراڭ ، ماۋۇ كۈچلۈك بېلەكلىرىمگە ، مەنمۇ چوپچوڭلا يىگىت بولدۇم . ئىشلەپ پۇل تېپىپ سىزنى داۋالىتىمەن ، ھەرگىزمۇ ئۈمۈتسىزلەنمەڭ .
دادام گەپلىرىمنى ئاڭلاپ سۇس كۈلۈمسىردى .
-شۇنداق دېگىڭنىڭگە مىڭ مەرۋىتە رەھمەت بالام . لېكىن ، ئەمدى مەندە ئۈمۈت يوق .ئاخىرقى باسقۇچى ئىكەن . كۆڭلۈم تۇيۇپلا تۇرىدۇ ، نەچچە كۈنلۈكۈملا قالدى . سىنى كۆرەلمەي ئۈلۈپ كىتەرمەنمۇ دەپ بەك ئەنسىرگەن ئىدىم . ھەرنىمە بولسا خۇدايىم سەن بىلەن كۆرۈشۈشكە نىسىپ قىلدى . ئەمدى ئۆلۈپ كەتسەممۇ ئارمىنىم يوق . مەن سىنىڭ بەختىڭگە ئولتۇردۇم ... ئاپاڭنى تۈگەشتۈردۈم...مېنىڭ سەۋەنلىكىم تۈپەيلى نەلەردە سەرگەردان بۇلۇپ يۈرگەنسەن – ھە ، غۇجام بالام .
-ئۈرۈمچىدە بىرئاشخانىدا ھۈنەر ئۈگۈنىۋاتىمەن ، بىرئىككى – يىلغا قالماي ھۈنەرنى ئۈگۈنۈپ بۇلىمەن . سىزنى ئەمدى ئەكىتىپ ئۆزەم باقىمەن دادا. قانچىلىك جاپا چەكسەممۇ ئىشلەپ پۇل تېپىپ ساقايغۇچە داۋالىتىمەن .
- رەھمەت بالام ، خۇدايىم ئىنسابىڭ بىلەن يارىتىپتۇ ، مېنى دورىماپسەن . كۆڭلۈڭ ماڭا تېگىل بولدى . ئەمدى كېچىكتىم . جاھاننىڭ چاقى داۋاملىق مۇشۇنداق چۆرگىلەيدۇ ،دەپ ئويلاپ ئەقىلسىزلىك بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈپتىمەن . ھەممىس ئۆزۈمدىن كەتتى . مىڭ پۇشايمان قىلغىنىم بىلەنمۇ ئورنىغا كەلمەيدۇ ، بالام . ئاخىرەتلىكىم ئۈچۈن ئاۋۇ بۇلۇڭدىكى چاشقان تۆشۈكىگە ئازراق پۇل تىقىپ قويغان ئىدىم .ئەسلى ئۇنى سەكراتقا چۈشكەن ۋاختىمدا بۇلارغا ئېيتاي دىگەن . ئەمدى سەن كېلىپ ياخشى بولدى . ئۇ پۇلنى چاشقان قىيىۋەتمىگە بولسىلا جايىدا بار ، بىر قاراپ باققىنە .
مەن دادام كۆرسەتكەن تۆشۈكنى ئاختۇرۇپ لاتىغا يۆگەلگەن پۇلنى ئالدىم .
-بار ئىكەن دادا، چاشقان قىيىۋەتمەپتۇ .
-يانچۇغۇڭغا سالغىن ، - دېدى دادام ، - ئاۋۇ جوھوت كۆرۈپ قالمىسۇن.
مەن پۇلنى لاتىدىن ئايرىپ يانچۇغۇمغا سالدىم .
-ئۇھ... – دېدى دادام يۈرۈكىنىڭ ئۈستىگە قۇلىنى قۇيۇپ ، - ئەمدى خاتىرجەم بولدۇم ھەرنىمە بولسا مېيىتىم بۇلارغا بەسكە چۈشۈپ قالمايدىغان بولدى . سەن كەپسەن ،گۆرۈمگە ئىككى كەتمەن توپا تاشلايدىغان ئادەم بار بولدى .
مەن دادامنىڭ قۇلىنى چىڭ سىقتىم .
-ئۇنداق دېمەڭ دادا ، مەن سىزنى ئەكىتىپ داۋالىتمەن . شۇنداق ياخشى بىر دوستۇم بار . ئۇسىزنى ئۆزدادىسىدەك ياخشى كۆرىدۇ ، مەن گىپىڭىزنى تۇلا قىلىپ بەرگەن . ئۇسىزگە سالام ئېيىتىتى . مېنىڭ سىزنىڭ يېنىڭىزغا كېلەلىشممۇ ئۇنىڭ ياردىمى بىلەن بولغان .
- دوستۇڭغا مەن ئۈچۈن رەھمەت ئېيىتقىن ، بالام ئۇياخشى بالا بولسا ئۇنى قەدىرلە . ئىناق ئۆتۈڭلار . مەن ئۆلۈپ كەتسەم ، بۇدۇنيادا ھېچنىمەڭ قالمايدۇ .شۇڭا ، ساڭا ئاشۇنداق ۋاپادار دوست كېرەك .
گۈلئامىنەمنىڭ ئىشىكتىن كىرىشى بىلەن تەڭلا پارىڭىمىزمۇ ئۈزۈلۈپ قالدى.
-ۋىيەي،تازىمۇ بىر پىخسىق قاسساپ ئىكەن،تالىشىپ يۈرۈپ مىڭ تەسلىكتە لوق يېرىدىن ئېلىۋالدىم.مەن پىننە كۆكى سېلىپ شورپا قىلاي.ھازىرلا تەييار بولىدۇ.
ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتۈپ كەتتى.دادامنى ئۇنىمىغانغا ئۇنىماي دوختۇرخانىغا ئاپارغا ئىدىم،دوختۇر 《ئۇزۇن ۋاقتى قالماپتۇ،ئاپىرىپ گېلىدىن ئۆتكەننى بېرىپ بېقىڭلار》دەپ تولىمۇ ئۈمىدسىزلەندۈردى.ياشلىرىم تاراملاپ ئاقتى...مەن گۈلئامىنەمگە ئېيتىپ،دادامنى باشقا ئۆيدە ياتقۇزدۇم.دادامنىڭ ئۆينى سېتىپ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتقان ئۆگەي قىزى مۇشۇ ئۆيدە بار ئىكەن.ئۇنىڭ يالغاندىن بولسىمۇ دادامدىن ئىككى ئېغىز ئەھۋال سوراپ قويماي چىرايىنى تۈرۈپ،مۇز تەلەت يۈرىشى كۆڭلۈمگە تەگدى.گەرچە،دادام ئۇنىڭغا ئۆگەي بولسىمۇ مەندىن ياخشىراق مۇئامىلە قىلغان.مەندىن ياخشى كۈنلەرگە ئېرىشتۈرگەن.بەلكىم ئۇنىڭ ئاپىسى گۈلئامىنەم بولغاچقا،قىزىمۇ ئاپىسىنى دورىغان بولسا كېرەك.ئۇنىڭ ھېچبىر تەرىپى ئاپىسىدىن قېلىشمايتتى.بىز ئادەتتە تاشنى قاتتىق دەيمىز،مەن دۇنيادا بۇ دەقىقىلەردە تاشتىنمۇ قاتتىق بىر نىمىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلۋاتاتتىم،ئۇ بولسىمۇ ۋاپاسىز ئادەملەرنىڭ يۈرىكى ئىدى.
دادام كېچىچە قان ياندۇرۇپ پەقەت ياتمىدى.مەن ئۇنىڭ ئەتراپىدا پەرۋانىدەك چۆرگىلەپ كەتتىم.ئۇنىڭ ئاغزىدىن بۇلدۇقلاپ يېنىۋاتقان قانلار ھېچ توختاي دېمەيتتى.چىرايى سارغىيىپ كەچ كۈزدىكى يوپۇرماققىلا ئوخشاپ قالغانىدى.بەدىنى غال-غال تىترەيتتى.مەن دادامنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ پەقەت چىداپ تۇرالمىدىم...كېيىن ،گۈلئامىنەمنى ئويغاتتىم.ئۇ كۆزلىرىنى ئۇۋۇلاپ تەستە چىقتى.
-نېمە...نېمە؟بۇ كېچىدە ئادەمنى ئۇخلاتماي...
-دا...دادام پەقەتلا بولالماي قالدى.ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپارساق بولاتتى.ماشىنا چاقىرىپ بەرسىڭىز بوپتىكەن.
-بۇ كەچتە ماشىنىنى نەدىن تاپقىلى بولار ئەمدى،خەپ...-ئۇ غودۇراپ قىزىنىڭ يانفۇننى ئاچىقىپ ئالىقانداق بىر نومۇرنى باستى.مەن دادامنى يوتقانغا ئوراپ قۇچىقىمغا ئالدىم.دادامنىڭ تەنلىرى مۇزلاپ كەتكەن بولۇپ،ئېغىزى ئېچىلىپ قالغانىدى.قورقۇپ كەتكىنىمدىن گەپنى ئارانلا قىلدىم.
-دا...دادامغا قاراپ باقسىڭىز بوپتىكەن،ئۇ مۇزلاپ كېتىپتۇ...
گۈلئامىنەم دادامنىڭ تېنىقىنى تىڭشاپ بېقىپ بېشىنى چايقىدى.
-ئۆتۈپ كېتىپتۇ...مانا،ئېڭىكىمۇ چۈشۈپ قاپتۇ.
-نېمە؟!
مېڭەمدىن كىرگەن بىر ئاغرىق پۈتۈن بەدىنىمگە تاراپ كەتتى.
-ئۆتۈپ كېتىپتۇ دېدىڭىزما؟
-شۇنداق...
ئۆي ئىچىنى مېنىڭ ئچىنىشلىق يىغا-زارىم بىر ئالدى.گۈلئامىنەمنىڭ بالىلىرى نېمىلەرنىدۇ دېيىشىپ غۇدۇڭشۇپ چىقىشتى.دادامنى باغرىمغا بېسىپ،ئورۇق،قانسىز يۈزىنى سىلاپ بوزلاپ يىغلىدىم.ئاھ...جېنىم دادا!...
تاڭ ئېتىپ يېقىن-يىراقتىكى كىشىلەرگە دادامنىڭ خەۋىرىنى بەردۇق.دادام بۇيەرلىك بولمىغاندىكىن،نامىزىغىمۇ ئانچە كۆپ ئادەم كەلمىدى.دادامنىڭ ئۆلۈمى ئاددى ئۇزۇتۇلدى.دادامنىڭ گۆرىگە توپا تاشلاۋاتقان چېغىمدىكى گۈپ-گۈپ قىلغان ئاۋاز قۇلاق تۈۋىمدىلا...
مەن بۇ ئۆيدە ئۇزۇن تۇرلمايتتىم.گۈلئامىنەممۇ مېنىڭ تۇرۇشۇمنى خالاپ كەتمەيىتتى.دادام بەرگەن پۇللار ئۇنىڭ يەتتە نەزىرىنى ئۇزاتقۇچە ئازادە يەتتى.مەن بۇ توغۇرلۇق گۈلئامىنەمگە تىنمىدىم.ھەم دادامنىڭ نامىزىنى چىقىرىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ھاجىتىم چۈشۈپمۇ قالمىدى.مەن بۇ ئۆيدىن ئايرىلغاندا گۈلئامىنەم سوغوقلا ئۇزۇتۇپ قويدى.ئېغىر قەدەملىرىم بىلەن گاراژغا كەلدىم.كۆزلىرىمدە ئايىغى ئۈزۈلمەس ياشلار ئەگىيتتى،ئىچىمنى پىغان ئۆرتەيتتى.بېلەتنى قانداق ئېلىپ ئاپتۇبۇسقا قانداق چىققىنىمنى بىلمەيمەن.ئاپتۇبۇس ئەينىكىدىن يىراقلارغا قاراپ لەۋلىرىمنى قاتتىق چىشلىدىم...
[ بۇ يازما hijran تەرپىدىن 2010-06-20 05:43 PM دە قا ]
 |