مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 90 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئوقۇش پۇلىنىڭ ئۆسۈشىدە ئىككى خىل مۈشكۈل شارائىت بار
تارىم
ھايات_ ھاياتلىق ئۈچۈن كۆرەشتۇر!
دەرىجە: ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 155
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 3110
ئۇنۋان:خۇشخۇي ھازىرغىچە3110دانە
ياخشى باھا: 1294 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 7151 سوم
تۆھپىسى: 22693 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 4575(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-20
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-12-28
0 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 17:24

0 ئوقۇش پۇلىنىڭ ئۆسۈشىدە ئىككى خىل مۈشكۈل شارائىت بار

ئوقۇش پۇلىنىڭ ئۆسۈشىدە ئىككى خىل مۈشكۈل شارائىت بار



شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى:


ئەنگىلىيە پارلامېنتى يېقىندا ھۆكۈمەت ئوتتۇرىغا قويغان ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇش پۇلىنى ئۆستۈرۈش لايىھىسىنى ماقۇللىدى. 2012- يىلىدىن باشلاپ، ئەنگىلىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرى ئۆز دۆلىتىدىكى ۋە ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلاردىن ئالىدىغان ئوقۇش پۇلىنى ھازىرقى 3 مىڭ 290 فوندىستىرلىڭدىن 9 مىڭ فوندىستىرلىڭغا ئۆستۈرىدۇ. يېقىنقى بىر مەزگىلدە ئەنگىلىيىدىكى ئىستودېنتلار بۇ لايىھىگە كۈچلۈك قارشىلىق بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لايىھە يەنىلا ئوڭۇشلۇق ماقۇللاندى. چۈنكى ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھەميېنى بوشاپ قالدى. ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى بۇ يىل 10-ئايدا 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ زور چىقىمنى كېمەيتىش لايىھىسىنى ئېلان قىلدى، بۇ لايىھە مائارىپقىمۇ چېتىلىدۇ. ئالىي مەكتەپ ئوقۇش پۇلىنى ئۆستۈرۈش ھەقىقەتكە ئايلاندى، لېكىن بۇ ئىشنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ئۇنچىلىك ئاددىي ئەمەس.

ئوقۇش پۇلىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى، ئەنگىلىيىدىكى يېڭى بىر ئەۋلاد پۇقرالارنىڭ ساپا تەربىيىسىگە خېلى زور تەسىر كۆرسىتىشى مۈمكىن. يېقىندا ماقۇللانغان بۇ لايىھىدە نامرات ئوقۇغۇچىلارغا ئېتىبار بېرىلىپ، ئۇلارغا ئوقۇش ياردىمى قەرزى دېگەندەك ياردەملەر بېرىلگەن بولسىمۇ، بىراق تارقىتىلىش دائىرىسى چەكلىك بولغانلىقتىن، نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار ئىقتىسادىي بېسىمغا بەرداشلىق بېرەلمەسلىك سەۋەبىدىن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشتىن ۋاز كېچىشى مۈمكىن. نۆۋەتتىكى رىقابەت كەسكىن بولغان ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرىدا، ياشلار ئالىي مەكتەپ تەربىيىسىنى ئالمىسا، كەسىپ ئىستىقبالى ھەمىشە ياخشى بولمايدۇ. ساپا پەرقى بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ بۆلۈنۈشى، كەلگۈسىدىكى ئون نەچچە يىلدا يېڭى ئىجتىمائىي تەبىقىنىڭ بۆلۈنۈپ چىقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بۇ قېتىملىق ئوقۇش پۇلىنى ئۆستۈرۈش ئاساسلىق ئەنگىلىيىلىك ۋە ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان بولسىمۇ، بىراق ئەنگىلىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلاردىن ئالىدىغان ئوقۇش پۇلىنىڭ يىلدا ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئېشىش قانۇنىيىتى بويىچە ھېسابلىغاندا، كەلگۈسى نەچچە يىلدا چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەنگىلىيىدىكى ئوقۇش پۇلى يەنىلا ئۆسۈشى مۈمكىن.

ئەنگىلىيىگە قوشنا دۆلەت فرانسىيىنى مىسالغا ئالساق، فرانسىيىدىكى ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى ئالىي مەكتەپلەر ئاز مىقداردىكى تىزىملىتىش پۇلى بىلەن پارچە-پۇرات پۇل ئالغاندىن سىرت باشقا ئوقۇش پۇلى ئالمايدۇ. چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغىمۇ ئوخشاش. فرانسىيىنىڭ ئالىي مائارىپىنىڭ تارىخى ئۇزۇن، ئەۋزەل دەرىس تۈرىگە ۋە ئۆزگىچە ساھەگە ئىگە، ياۋرۇپالىق ئوقۇغۇچىلار ۋە باشقا دۆلەتنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى جەلىب قىلىش كۈچى كۈچلۈك.

ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ خامچوتىنى كېمەيتىش خەۋىرى تارالغاندىن كېيىن، ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن ئالىي مەكتەپلەر ئەنگىلىيىلىك ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش سالمىقىنى ئاشۇردى، ئامېرىكىدىكى بەزى ئۇنىۋېرسىتېتلار ھەتتا 20 مىڭ فوندىستىرلىڭدىن ئارتۇق سوممىدىكى ئوقۇش مۇكاپاتى ۋە ئوقۇش ياردەم پۇلى تەسىس قىلىپ ئەنگىلىيىلىك ئوقۇغۇچىلارنى ئامېرىكىغا كېلىپ ئوقۇشقا جەلىب قىلدى. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، بۇلتۇر 8 مىڭ 700 ئوقۇغۇچى ئامېرىكىدا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغان. مۆلچەلىنىشىچە، كېلەر يىلى بۇ سان تېخىمۇ كۆپىيىدىكەن. شۇڭا، مەيلى ئالىي مائارىپنىڭ ئىزچىل تەرەققىياتى ۋە مەڭگۈلۈك ئىناۋىتىدىن ياكى مائارىپ ئىقتىسادىنى يېتىشتۈرۈش جەھەتتىن بولسۇن، ئوقۇش پۇلىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى بىلەن كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلار چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشنى تاللىسا، بۇنىڭ ئەنگىلىيىگە ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنىنى مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ.

ھۆكۈمەت ئاجىراتقان مەبلەغ كېمەيگەنلىكتىن ئەنگىلىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ راسخوتىنىڭ يېتىشمەسلىكى يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئەنگىلىيىنىڭ ئالىي مائارىپ تۈزۈلمىسىنىڭ ئۆزىدىمۇ بەزى مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۈتلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. نۇرغۇن غەرىب ئەللىرىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار مائارىپ راسخوتىنى توپلاش يولىنى كېڭەيتىشكە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ، مەسىلەن، ئامېرىكا، ساۋاقداشلار جەمئىيىتىنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ جەمئىيەتتىن ياردەم پۇل توپلايدۇ، كارخانىلار بىلەن كەڭ دائىردىكى ھەمكارلىقلارنى قانات يايدۇرىدۇ. ئەنگىلىيىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ جەمئىيەتتىن ياردەم پۇل توپلاش ئارقىلىق راسخوتىنى تولۇقلاش ئەنئەنىسى بولسىمۇ، پەقەت جەمئىيەت ياردەم قىلىدىغان مەكتەپلەرنىڭ سانىنى ئاشۇرالايدۇ، ياردەم پۇلىنىڭ سوممىسى يەنىلا ئىنتايىن چەكلىك.ئەنگىلىيە دۆلەت ئىجتىمائىي تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، 2007- 2008- يىللىق ئوقۇش يىلىدا، ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى قوبۇل قىلغان ياردەم پۇل ئەنگىلىيىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار قوبۇل قىلغان ياردەم پۇلنىڭ ئومۇمىي سوممىسىنىڭ يېرىمىدىن ئارتۇقىنى ئىگىلەيدىكەن. مۇشۇنىڭدىن ئەنگىلىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرى ئېرىشكەن ياردەم پۇل سوممىسىنىڭ قانچىلىك چەكلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

ئۇلۇغۋار پىلانلارنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مائارىپنى ئاساس قىلىش كېرەك. ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى يۈزلەنگەن ئىككى مۈشكۈل شارائىت، ھازىرقى مائارىپ سىستېمىسىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئىنتايىن قىيىنلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ھازىرقى زامان مائارىپىنىڭ تەننەرخى بارغانسېرى ئېشىۋاتقاندا، مائارىپنىڭ رولىمۇ كۈندىن كۈنگە زورايماقتا. ئىقتىساد ناچار مەزگىلدە، مائارىپنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىنى قانداق كاپالەتلەندۈرۈش مەسىلىسى، نۇرغۇن دۆلەتلەر ئۈچۈن قىيىن مەسىلە ھېسابلىنىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن، مائارىپ بىر دۆلەتنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك.
تېما تەستىقلىغۇچى : سەھرا ئوغلى
تەستىقلانغان ۋاقىت :
2010-12-27, 11:34
-سىز كۆرۋاتقان تىما ئوقۇش پۇلىنىڭ ئۆسۈشىدە ئىككى خىل مۈشكۈل شارائىت بار,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
←★ئەزىز توردىشىم،مۇنبەردىكى خەنزۇچە،ئىنگلىزچە خەتلىك ئېلانلارنى كۈنىدە بىر قېتىم چىكىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ،بۇ ئۇيغۇر تورچىلىقىنى قوللىغانلىقىڭىز!
kamina
بېلسەڭ[جېنېم]: ئايرېلغانغا ئۆلمەيمەن،چۈنكى سەن ئ ..
دەرىجە: يىـڭى ئــەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 23867
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 21
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە21دانە
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 84 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 7(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-12-26
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-12-28
1 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 21:39

ۋاي نېمە كارامەت بۇ!!  بۇيەردە ئوقۇش پۇلى  9 مىڭ فوندىستىرلىڭغا چىقسا مەكتەپلەر چۆلدەرەپ قالار؟
℡كۆڭلۈڭ ئشەككە چۈشۈپ قالسا ئېغېلدا ياتماي ئامال يوق
دانىش
ئىللەت يوقالمىسا ،مىللەت يوقىلدۇ.
دەرىجە: ئاكتىپ ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 16375
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 662
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە662دانە
ياخشى باھا: 37 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 40 سوم
تۆھپىسى: 91 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 599(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-11-05
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-12-28
2 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 23:28

نىمىشقا   چۆلدەرەپ  قالدۇ  ؟،،،،،بىزنىڭ  ئۇقۇش  پۇلىمىزمۇ   ئاز  ئەمەسقۇ  
ئىللەت يوقالمىسا ،مىللەت يوقىلدۇ.
ئەجەل
ئۆزۈڭنى يەڭ ,شۇندىلا باشقىلارنى يېڭىسەن!!!
دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 23152
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 88
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە88دانە
ياخشى باھا: -1 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 361 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 18(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-12-20
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-12-28
3 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 19سائەت ئىلگىرى 02:08

بۇ قانداق گەپ ئەمدى؟9000قانچىلىك ئوقۇشنىڭ ۋاقتى؟
سودا تورى ،ئەڭ ياخشى مال سېتىۋىلىش سۇپىڭىز
كىمىكى قېلىچنىڭ قارا دەستىسىنى تۇتۇشنى خالىمىسا،ئۇنىڭ ئۆتكۈر بىسىغا دۇچ كېلىدۇ.
kaxkar
بەندە  يىغلار، تەقدىر كۈلەر.
دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 3175
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 186
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە186دانە
ياخشى باھا: 64 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 4379 سوم
تۆھپىسى: 120 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 188(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-07-02
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-12-28
4 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 7سائەت ئىلگىرى 13:46

ئەگەر شىنجاڭدىمۇ ئاشۇنداق ئىش بولۇپ قالسا نېم بولۇپ كېتەر ... ئوقۇش پۇلىنى ئۆستۈرۋەتسە نۇرغۇن يېزا بالىلىرى ئوقۇشسىز قالىدۇ، ھېلىمۇ سىنىپىمدا 2008 تولۇق ئوتتۇرىغا چىققان 62 نەپەر بالىدىن ھازىر 38 نەپىرى قالدى، ئىقتىساد سەۋەبىدىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيالماي چېكىنىۋاتىدۇ. نەۋاق ھەقىسز قىلىمىز دەۋاتقىلى
ئادەمگە چىن دىلدىن سۆيۈلمەكتىنمۇ،
چىن دىلدىن سۆيمەكلىك بەختتۇر قەۋەت.