تەدانغا ئامال يوق
بۈگۈن سىلەرگە ئېيتىپ بەرمەكچى بولغىنم،تەدان بۇرادىرىمنىڭ ھېكايىسى.
بۇ دوستۇم بىلەن تونۇشقىلى گەرچە ئۇزاق بولمىسىمۇ،لېكىن ئۇنىڭ ماڭا بەرگەن تەسىرى ئىلگىرىدىكى ھەر قانداق بىر دوستۇمنىڭكىدىنمۇ ئارتۇق،مەن ھازىر سىلەرگە ئۇ توغرىلىق ئاڭلىغان بىلگەنلىرىمنى سۆزلەپ بېرەي،ئۇنىڭ ئىش-ئىزلىرىدىن ئورتاق بەھىر ئالايلى!ئەتراپىمىزدا مۇشۇنداق ئادەملەر بارمۇ-يوق بۇنى بىلمەيمەن؟
مېنىڭ بۇ ئاغىنەم بويى پاكارغىنا كەلگەن،ئاقپىشماق،سېمىزرەك بولۇپ،تۇرقىدىن ھېچقانداق ئېۋەن تاپقىلى بولمايدۇ باشلىق بولۇشنىڭ تىپىك ماتېرىيالى دېسەكمۇ بولىدۇ،ئىلگىرى قانداق يەردە ئىشلىگەن قانداق بولۇپ بىز بىلەن بىللە ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا كەلگەن،ئىدارىسىدە قانداقراق ئىشلىگەن ،بۇنىسى ماڭا قاراڭغۇ،ئەمما بۇ دوستۇمنى كۆڭلۈمدە بىر تۇرۇپ ئويلاپ قالىمەن،ئەپەندىمدىن تەلىم ئالدىمىكى دەپ،نېمىشقا ؟دەپ سورىساڭلار،بىر تۇرۇپ كاللىسى بەك ئىشلەيدىغاندەك،بىر تۇرۇپ ھېچنىمىنى بىلمىگەندەك ،ئاغزىغا نېمە كەلسە دەۋېرىدىغان خارەكتىرگە ئىگە،بەك تەدانچۇ!
بىز دەسلەپتە يۇرتتىن ئايرىلىپ،بۇ يىراق يەرگە ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا كەلگەندە تونۇشقان،گەرچە سانىمىز ئاز بولسىمۇ،ئارىمىزدا ھەر خىل مىجەز تىپىدىكىلەرنى تاپقىلى بولاتتى،مەن كىچىكىمدىن باشلاپ باشقىلارنى كۆزىتىشكە ھېرىس ئىدىم.ئۇشششاق ئىش ھەرىكەتلىرىگىچە كۆزىتىپ،شۇ ئادەمنىڭ مىجەزىگە قارىتا مۇئامىلە قىلاتتىم.
باشتا بۇ بۇرادىرىمنى ئانچە چۈشەنمەپتىكەنمەن،كېيىن ئاستا-ئاستا چۈشەندىم،بىر قېتىم بۇ دوستىمىز تۇيۇقسىزلا ئىشلەۋاتقان يېرىدىن بىر ھەپتىدەك يوقاپ كەتتى، رەھبەرلىك ھېچ بىر يەردىن ئىز دېرىكىنى ئالالماي تىت-تىت بولاپ تۇرسا بىزنىڭ نوقتىدىكى سالى(بۇرادىرىمنىڭ پارتىيە مەكتەپتىكى يېقىن دوستى) بۇ دوستۇمنىڭ نەدىلىكنى ئېيتىپ بەردى.خۇداغا شۈكرى!ھەر نېمە بولسا ئۇنى تاپتۇق،ئىش مۇشۇنىڭ بىلەن تۈگىسە مەيلى ئىدىغۇ!
بىراق بۇرادىرىم تەكشۈرۈشنامە يازغاندا سالىنىمۇ بۇ ئىشقا چېتىۋالدى،ئاڭلىساق بۇرادىرىمىز قىزلار بىلەن ياتاق ئاچقاندا كىملىكىنى ئۇنتۇپ قالغاچقا،يېقىن دوستى سالى ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ كىملىكىدە ياتاق ئېچىپ بەرگەنمىش،يۇقىرى تەكشۈرسە بۇرادىرىمنىڭ دېگىنىدەكلا رچىقىپتۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۇنى تېپىشقا ياردەملەشكەن سالىمۇ،مۇكاپاتنىڭ ئورنىغا تەكشۈرۈشنامە يازدى.
سالىمۇ كۆڭلى تۈز بالا ئىدى،كېيىن ئۇنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە:بۇرادىرىمىز شەھەرنىڭ مەلۇم بىر يېرىدە سالىنى ئۇچرىتىپ قاپتۇ،ھەمدە تېچلىقمۇ سورىمايلا كىملىكىڭنى بېرىپ تۇرە دەپلا بىر مېھمانخانىغا كىرىپ كېتىپ يېرىم سائەتلەرگىچە چىقماپتۇ،سالى ئۇنىڭ مىجەزىنى بىلگەچكە كەينىدىن كىرىپ قارىسا ئۇ سالىنىڭ كىملىكىنى ياجىڭ قويۇپ قويۇپ ياتاق ئېچىپ كىرىپ كېتىپتۇ،سالىنىڭ بەك ئاچچىقى كېلىپ شۇ يەردىلا بۇرادىرىمنى تىللاپ كىملىكىنى ئېلىپ كېتىپ قاپتۇ.
يەنە بىر قېتىم بىزنى شەھەرلىك تەشكىلات بۆلۈمى شىمالدىكى ئىقتىسادى تەرەققى قىلغان رايونلارنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە بىر كىرا ماشىنىسىنى بولاپ ئېلىپ چىققاندا ،يولدا مۇنداق بىر ئىش يۈز بەردى،بۇرادىرىمنىڭ يېنىدىكى شامال پۈۋ دېسىمۇ ئۆرۈلۈپ چۈشكىدەك ئايۇپ ئىسىملىك بىر قېرىندىشىمىز بىز ئېكىسكۇرسىيەنى تۈگىتىپ ماشىنىغا چىقىۋاتقان چاغدا كىچىك ھاجىتى قىستاپ كېتىپ،ھاجەتكە كېتىپتۇ.بىز دىققەت قىلمايلا ماشىنىنى قوزغىتىپ كېتىۋېرىپتىمىز،بىر يەرگە بارغاندا بۇ بۇرادىرىم تۇيۇقسىزلا :ھوي ماشىنىدا ئايۇپجان يوق تۇرىدۇ دېمەسمۇ،ماشىنا ئىچىدىكىلەر ئۆرە-تۆپە بوپ كەتتۇق،ئايۇپقا تېلىفۇن قىلساق تېلىفونى ئېتىك.
باشلىقىمىز: ئەتراپىڭدىكىلەرگە ھېزى بولۇپ قويۇڭلا دېسەك نېمە ئىش قىلغان دەپ بۇرادىرىمگە دېسە.ئۇ خىيالىدا يوق،مەن ئايۇپجاننى ئارقىدىكى بوش ئورۇنغا كەتكەن ئوخشايدۇ-دەپ ئويلاپتىمەن دەيدۇ،ھەممىمىز ئۇنى بىر ھازا شاڭخو قىلدۇق،كېيىن ئايۇپجان تېپىلغاندا ئۇ يەنە ئايۇپقا بىر يەرگە كەتسەڭلا ماڭا دەپ قويۇڭلا يىتىپ كەتسەڭلا مەن قالماي يەنە بالاغا دەيدۇ تېخى.
شۇ كۈنىنىڭ ئەتىسى بىز چۈشكەن مېھمانخانىدا بۇرادىرىمنىڭ يەنە بىر قېتىملىق قىزىقارلىق لەتىپىسىنى كۆرۈشكە مۇۋەپپەق بولدۇق،مېھمانخانىنىڭ ئاشخانىسىدا ھەر خىل تاماقلار ئالدىن تەييارلاپ قويۇلىدىكەن مېھمانلار ئۆزى نېمە يىگۈسى كەلسە شۇنى ئۆزى بېرىپ ئەكىلىپ يەيدىكەن،ئەمما بىر شەرت ئەكەلگىنىنى يەپ بولالمىسا 100 يۈئەن جەرىمانە تۆلەيدىكەن،بۇرادىرىم بۇنى بىلدىمۇ بىلمىدىمۇ ۋە ياكى تەلەي سىنىغۇسى كەلدىمۇ ئۇقمىدۇق .ئۆزى ئەكەلگەن تاماقنى ھەرقانچە قىلىپمۇ يەپ بولالماپتۇ،شۇنىڭ بىلەن بىكارلىق تاماقنى 100يۈئەن تۆلەپ يەپ چىقىپتۇ.بۇ ئىشىنى بىز ئىككى كۈنگىچە ئېغىزدىن چۈشۈرمەي لەتىپە قىلىپ سۆزلەپ يۈردۇق.
دوستۇمنى مۇنداق دېسەم كالۋا ئىكەن دەپ ئويلاپ قالماڭ،بىر قېتىم پارتىيە مەكتىۋىدە نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىدە ئاغىنەم شۇنداق ئۇزۇن ماقالىنى بىر خەتنىمۇ چۈشۈرۈپ قويماي دېگۈدەك يادلاپ بەردى.ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى ھالىتىنى بىر كۆرگەن بولسىڭىز ئىدى.
سەل گەۋدىسىنى ئالدىغا ئېڭىشتۈرۈپ ئىككى پۇتىنى ئالمىلاپ،ئىككى قولىنى ئۈستەل ئۈستىگە قويۇپ ،خۇددى يىغىن ئېچىۋاتقاندەك تۇيغۇدا سۆزلىشى ھەممەيلەننى ھەيران قالدۇرغانىدى،باھالىغۇچىلار ئۇنىڭ نۇتۇق سۆزلىگەندىكى قىياپىتىدىن نومۇر تارتىۋەتمىگەن بولسا ئۇ مۇسابىقىدە بىرىنچى بولغانمۇ بولار ئىدى.
بۇ بۇرادىرىمنىڭ ساق ۋاقتىدىكى ئىش ئىزلىرى،ئەمدى ئۇنىڭ شاراپ سورۇنىدىكى ئەھۋالىنىڭ قانداقلىقىنى كۆرۈپ باقايلى:
ھەر ئالتە ئايدا بىر قېتىم بىزنى بىر ئايلىق قويىۋېتىدىچۇ،شۇ ۋاقىتتا بۇرادىرىم ناھىيىسىدىكىلەرنى باشلاپ بىزنىڭ ناھىيىگە ئۆز نۇقتىسىدىكى بىز بىلەن بىرگە چېنىقىۋاتقان بىر ساۋاقدىشىمىزنىڭ كېسەل ئانىسىنى يوقلاشقا كېلىپتۇ.
ساۋاقدىشىممۇ ئۇلارنى بەلەن كۈتىمەن دەپ ئايرىمخانىدىن بىرسىگە باشلاپتۇ،ئۇلار مېنى سورۇنغا چاقىردى.مەنمۇ باردىم،بارغان چېغىمدا ئۇلار ئاللىبۇرۇن تەڭشىلىپ بولغان بولۇپ،مېنىڭ ياتاقدېشىم،مېھمان قىلغان ساۋاقدىشىمىز ئاق ئىچمەي زەبىبكە كىرىشىۋاپتۇ.ئاق ھاراق ئىچمىگەچكە سورۇن ماڭىلا قاپتۇ.مەن ناھىيەمگە ۋاكالىتەن ئەڭ ئاخىرقى بىر بوتۇلكا ھاراقنى قۇيىمىشمەن.
مەنمۇ كۆڭۈلچەك بولغاچقا قۇيدۇم،بىرىنچى رومكىسىدىلا بۇ بۇرادىرىمگە كەپ قاپتىكەن ،ئۇنى دېسەم بۇنى دەپ،بۇنى دېسەم ئۇنى دەپ ،پەقەت ئىچكىلى ئۇنىمىدى،ئۇنى ئاز دەپ يېنىدا مەن بىلەن بىر يېزىدىكى 40ياشلار چامىسىدا بار دۇتتارچى دوستىمىزغا كۆڭۈل چۈشەندۈرىۋاتسام <مېنىڭ قېينىئاتاممۇ شۇ كەنىتتن>-،دەپ بۇ بۇرادىرىمىز سورۇندىلا بېشى ئاينىپ قالدىمۇ، قېينئاتا دېسەڭلا بولىدۇ دېمەسمۇ،قۇيقا چېچىم تىك تۇردى.كېيىن بولدىلا كاللىسىنىڭ تورمۇزى ساق ۋاقتىدىمۇ تۇتمايتتى،بولدى قىلايلا تەڭ بولماي دەپ ئۆزۈمنى چىڭ تۇتىۋالدىم.
<<ئۆزەڭ تاپقان بالاغا نەگە باراي دەۋاغا >>،-دېگەن شۇدە.كېيىن سورۇندا مەن ھاراقنى ئەمەس،ھاراق مېنى ئىچىپ چىقتى.
كېيىن بۇرادىرىمنىڭ دوستلىرىدىن ئاڭلىسام.ئۇنىڭ ئىشلەيدىغان ئورنى دۆلەت تاشيولىنىڭ يېنىدا بولغاچقا بارغۇچە شوپۇرغا ماشىنىنى توختات ھەممەيلەننى مېھمان قىلىمەن-دەپ،ماشىنىنى مەجبۇرىي توختىتىپ،ھەممەيلەننى چۈشكىلى ساپتۇ.ئۇلارنى چۈشۈرگەندىن كېيىن بۇرادىرىم ئۇلارنى بىر ئاشخانىغا ئېلىپ كىرىپ يېرىم ئاش بۇيرۇتۇپ قويۇپ،كاۋاپ سالدۇرىمەن دەپ چىقىپ كەتكەنچە تېلىفونىنىمۇ ئېتىۋاپتۇ.
چۈشكەنلەر ساقلا ساقلا ئاخىرى يېرىم ئاشنى يەپ،پۇلىنى ئۆزلىرى تۆلەپ چىقىپ كېتىپتۇ.كېيىن شۇ ناھىيىگە ئازلا قالغاندا بۇرادىرىمىز بىرسىگە تېلىفون قىلىپ ماشىنىدا بىر نەرسەم قاپتۇ،ئەكىلىپ بېرىڭلا دەيمىش.
ھېكايەمنى مۇشۇ يەردە ئاياغلاشتۇراي.بۇنداق تەدانلار جەمئيەتتە ئاز ئەمەسقۇ؟
مەنبە :ئۆز قەلىمىم