مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 74 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئىشىنىش ( شەرمىناز )
Xarminaz
شەرمى - ھايا ___ قىز بوينىدىكى زۇننار ....... !
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 675
  جىنسى: خانىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 567
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە567دانە
ياخشى باھا: 117 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 5490 سوم
تۆھپىسى: 96 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 462(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-25
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-12-27
0 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 14:45

0 ئىشىنىش ( شەرمىناز )

ئىشىكنى ئېچىپ ئۆيگە كىرگەن ھەلىمە ئۆيدىكى ئايالنى كۆرۈپ ھەيران قالدى .
_ سەن كىم ؟ - ھەلىمە ئاچچىقى بىلەن سورىدى .
_ ئۆزۈڭ كىم ؟ _ ئۆيدىكى ئايالمۇ ياندۇرۇپ سورىدى .
_ مەن مۇشۇ ئۆينىڭ ئايال خوجايىنى _ دېدى ھەلىمە ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ .
- نېمە ؟ ئۇ ماڭا ئايالىم بىلەن ئاجرىشىپ كەتتىم دەپ ئۆيىنىڭ ئاچقۇچىنى بەرگەنتىغۇ ؟ - دېدى ئۆيدىكى ئايال ھەيران قالغان قىياپەتتە .
_ نېمە ؟ ئۇ مەن بىلەن ئاجرىشىپ كىتىپتىما تېخى ؟! نۇمۇسسسز ئەبلەخ !  چىق ئۆيدىن رەسۋا بۇزۇق ، ساڭا بىكارلاپ بېرىدىغان ئۆي يوق ! _ ھەلىمە ئاچچىقىدا ئۆيدىكى ئايالنى ئاغزىنى بۇزۇپ تىللاشقا باشلىدى .
ئۆيدىكى ئايال ھەلىمەگە گەپ ياندۇرماستىن ئۈستەل ئۈستىدىكى سومكىسىنى ئالدى :
- خەپ ، ئالدامچى ئەبلەخ ، مېنى ئالداپسەن - دە ؟ ساڭا كۆرگۈلۈكىڭنى كۆرسەتمەيدىغان بولسام ، دەپ كوتۇلدىغىنىچە چىقىپ كەتتى .
ھەلىمە ئېرىنىڭ سىرتتا باشقا ئايال بىلەن ناشايان ئىشلارنى قىلىپ يەنە تېخى ئاجرىشىپ كەتتىم دەپ ئۇ ئايالنى ئۆيگە باشلاپ كەلگەنلىكىنى ئىچىگە سىغدۇرالماي ئاچچىقىدا ئېرىنى سەت تىللار بىلەن تىللاپ يىغلاشقا باشلىدى ، ھەم ئۆيدىكى قولىغا چىققانلىكى نەرسىلەرنى يەرگە ئېتىشقا باشلىدى . ئۇزۇن ئۆتمەي ھەلىمەنىڭ ئېرى قايتىپ كەلدى . ھەلىمە ئېرىنى تىللىغىنىچە قولىدىكى گۈل لوڭقىسىنى ئېرىگە ئاتتى .
- ئېيتە ، ئۇ بۇزۇق كىم ؟ تېخى مەن بىلەن ئاجراشتىم دەپ ئۇنىڭغا ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى بېرىپ، ئۆيگە باشلاپ كەپسەن .
ھەلىمەنىڭ ئېرى ھەيران بولغىنىچە سورىدى :
- نېمە دەۋاتىسىز ؟ قايسى بۇزۇق ؟ _ دەپ سورىدى .
- خۇپسەنلىك قىلما ! سەن بەك نۇمۇسسسىز ئادەم ئىكەنسەن . ئېيتە ، ھېلىقى داپشاق كىم ؟ - ھەلىمە تېخىمۇ بەكرەك ۋارقىرىدى .
ھەلىمەنىڭ ئېرى بۇ ئىشلاردىن ھەقىقەتەن خەۋەرسىزدەك يەنىلا << نېمە دەۋاتىسىز ؟ >> دېگەن سۇئالنى تەكرارلىدى .
_ خۇپسەنلىك قىلما ، - دېدى ھەلىمە ۋە بېرىپلا ئېرىنىڭ ياقىسىغا ئېسىلدى .
قولۇم- قوشنىلار ئۆي - ئۆيىدىن چىقىپ بۇ ئىككەيلەننىڭ جېدىلىنى ئاجراتتى ۋە :
- نېمىگە ئۇرۇشىسىلەر ؟ گەپ بولسا چىرايلىق دېيىشمەمسىلەر ؟ - دەپ نەسىھەت قىلىشتى .
- باشقا گەپنى تۈزۈك دېيىشكىلى بولغان بىلەن بۇ گەپنى چىرايلىق دېيىشكىلى بولمايدۇ . مەن ئۇنى بوش قويىۋەتمەيمەن ، - دېدى ھەلىمە ئۈن سېلىپ يىغلاپ .
ھەلىمەنىڭ ئېرى ھېچ ئىشتىن خەۋىرى يوق قىياپەتتە << چۈشىنىكسىزلا ىر ئىش بولىۋاتىدىغۇ ؟ >> دەيتتى .
ھەلىمە توختىماستىن يىغلىدى يىغلاپ تۇرۇپ :
- سەن مەن بىلەن ئاجراشماقچى بوپسەنغۇ ، ئاجراشساق ئاجراشتۇق . مەن ساڭا چاپلىشىۋالمايمەن ، جۇرە ، سوتقا بارىمىز ! - دېدى .
ھەلىمە سۆزلىگەچ نەرسە - كېرەكلىرىنى يىغىشتۇرماقچى بولۇپ كىيىم ئىشكاپىنى ئاچتى . ئاچتىيۇ ، ئىشكاپ ئىچىدىكى كىيىم - كېچەكلەرنىڭ ئوڭتەي - توڭتەي تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتى .
ئۇلار ئىشنىڭ تەكتىنى چۈشەندى - دە ، دەرھال قىممەت پۇللۇق زىننەت بۇيۇملىرى ، پۇل چەكلىرى ، نەق پۇل قويۇلغان يەرنى ئاقتۇردى . بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى قۇرۇقدىلىپ قويۇلغانىدى .
ھېلىقى ئايالنىڭ ئوغرى ئىكەنلىكىدە شەك يوق ئىدى . ھەلىمە جېدەل قىلىشتىن توختىدى ۋە ساقچىغا مەلۇم قىلدى . ھەلىمە ھېلىقى ئوغرىنى قاچۇرۇپ قويغىنىغا قاتتىق ئۆكۈندى .
بۇ دېلونىڭ پاش بولۇپ قېلىش ئېھتىمالى بار ئىدى . چۈنكى ھېلىقى ئايال ئۇلارنىڭ ئۆيىدىن نەچچە مىڭ يۈەنلىك ئامانەت چېكىنى قوشۇپ ئوغرىلاپ چىقىپ كەتكەنىدى . ئەگەر ئۇ ئايال بانكىغا بېرىپ بۇ پۇلنى ئالماقچى بولسىلا تۇتۇلۇپ قالاتتى .
ئەپسۇسكى ، ئوغرى پۇلنى ئالغىلى بانكىغا بارمىدى ، ئەكسىچە پۇل چېكىنى لىپاپىغا سېلىپ ئۇلارغا ئەۋەتىپ بەردى . لىپاپىنىڭ ئىچىگە يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان بىر باغاقچىمۇ سېلىپ قويۇلغانىدى :
<< ئەپۇ قىلغايسىلەر ، مېلىڭلارنى ئالدىم . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەر خوجايىنغا ۇۋال قىلدىم . ئۇ چاغدا مەن ئايال خوجايىن تەرىپىدىن سېزىلىپ قېلىپ بەك قورقۇپ كەتكەنىدىم ، مۇشۇنداق خەتەرلىك ئەھۋال ئاستىدا يالغان گەپ توقۇپ چىقىشقا مەجبۇر بولدۇم . ئايال خوجايىننىڭ ئىشىنىپ قالىدىغانلىقىنى ئويلىماپتىكەنمەن . ئايال خوجايىن ئېرىگە ئىشەنمەيدىكەن ، ئېرىگە نىسبەتەن ئازرراقمۇ ئېتىقادى يوق ئىكەن . ئەگەر ئايال خوجايىن ئېرىگە ئىشەنگەن بولسا ئىدى ، مەن بۇنداق ئاسان قۇتۇلالمىغان بولاتتىم . پۇل چەكلىرىنى سىلەرگە قايتۇردۇم ، چۈنكى بانكىدىكىلەر ماڭا ئايال خوجايىن ئىشەنگەندەك ئىشەنمەسلىكى مۇمكىن . ئۆزۈمنى ئاشكارلاپ قويغۇم يوق . ھا... ھا... ھا... >> .
خەتنى كۆرۈپ بولغاندىن كىيىن ئەر - خوتۇن ئىككىيلەن بىر - بىرىگە قارىشىپ ئۈندىمىدى .


___________ شەرمىناز ( سۇبھانە ) ______________
[ بۇ يازما Xarminaz تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]
تېما تەستىقلىغۇچى : ئۇيغۇرۇم007
تەستىقلانغان ۋاقىت :
2010-12-27, 07:40
-سىز كۆرۋاتقان تىما ئىشىنىش ( شەرمىناز ),دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
ئەگەردە ، قايغۇنى غەم بىلەن كەتتۇرگىلى ، قەلبىمدىكى ئازابلىرىمنى كۆز ياشلىرىم بىلەن يۇيۇپ چىقىرۋەتكىلى بولغان بولسىدى ، بۇنچىلىك دەرد - ئازابقا قالماس ئىدىم ......
Giripjan
سۆيدۈرمىگۈچە سۆيگىنىڭنى بىلدۈرمە.......
دەرىجە: يېتىلىۋاتقان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 6873
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 278
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە278دانە
ياخشى باھا: 147 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 3745 سوم
تۆھپىسى: 271 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 108(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-19
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-12-28
1 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 15:45

ۋاي توۋا،نىمىدىگەن ئۇستا ئارتىس ئۇ....
ئاپلا ،باشقىلارمۇ ئۈگىنىۋالىدىغان بولدى ئەمدى......
قاقاقلاپ شوخ كۈلگەن بەلكىم ئەڭ غەمكىن،
قەلبىدە مىڭ ئەلەم ۋايسىماس لىكىن....
xahana
دەرىجە: يىـڭى ئــەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 20534
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 16
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە16دانە
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 68 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 227(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-12-03
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-12-28
2 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 18:29

قىسقىلا بولغان بىلەن مەنېسى چۇڭقۇركەن           
ئەجەل
ئۆزۈڭنى يەڭ ,شۇندىلا باشقىلارنى يېڭىسەن!!!
دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 23152
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 88
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە88دانە
ياخشى باھا: -1 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 361 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 18(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-12-20
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-12-28
3 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 18سائەت ئىلگىرى 02:54

ھىم..! ئوغرىلارغا يېڭى دەرسلىك بولدىدە بۇ!
لېكىن ئاۋۇ ئوغرى ئايال مۇنبەردىكى ئاياللارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالسا چاتاق،يۈز_كۆزىنى ساپان سالغاندەك قىلىپ ،ئۇرۇپ پېتىغلاپ ئېرى كەلگەندە ئاندىن ھېسابلىشىدۇ!
سودا تورى ،ئەڭ ياخشى مال سېتىۋىلىش سۇپىڭىز
كىمىكى قېلىچنىڭ قارا دەستىسىنى تۇتۇشنى خالىمىسا،ئۇنىڭ ئۆتكۈر بىسىغا دۇچ كېلىدۇ.