مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 172 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلىم-پەن ۋە ئىجادىيەت قۇدرىتى
باياۋان
مەن ئۆز كۈچۈمگە تايىنىپ ياشاشنى ياخشى كۆرىمەن
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 3912
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 421
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە421دانە
ياخشى باھا: 136 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 3705 سوم
تۆھپىسى: 171 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 1212(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-07-13
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-12-27
0 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 12:51

0 ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلىم-پەن ۋە ئىجادىيەت قۇدرىتى

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلىم-پەن ۋە ئىجادىيەت قۇدرىتى i@6 kI C  
ياسىنجان مەمتىمىن
BR*U9K|W  
BC3I{Y |  
_XN sDW4|  
بىز تارىختەك يەنە ئىلىم - پەن دۇنياسىدا ئالدىنقى قاتارغا ئۆتەلەمدۇق- يوق ؟ مەن سەمىمىيلىك بىلەن شۇنى كۆرسىتىمەنكى، ئەگەر پۇتكۈل جەمىيەت بۇلۇپمۇ ياشلىرىمىز ئەنە شۇنداق ئۈمۈدلىك نىشانىنى كۆزلەيدىغانلا بولسا، بىز يىتەلىشىمىز  مۇمكىن. كۆپلىگەن تەجىربىلەر بىزگە شۇنى ئۇقتۇرىدىكى، ئىلىم -پەندە ئاسان يول يوق . R[6&{&E:  
ئۈچ مۇراجئەت : بىرىنچى مۇراجىتىم ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئىشلەۋاتقان بارلىق ئالىملارغا ۋە كەسىپداشلارغا : ئىككىنچى مۇراجىتىم ئۆز تەلىماتى ئارقىلىق جەمىيىتىمىزنى ئالغا يىتەكلىۋاتقان خادىملارغا، ئۇچىنچىسى:  دۆلىتىمىزنىڭ رەھبىرى خادىملىرى ۋە مەمۇرى باشقۇرۇش خادىملىرىدىن كۈتىدىغان ئۈمۈت. نىمە ئۇچۇن تۈرۇكلەر ،ئەرەپلەر ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىرادىسى باشقىلاردىن بىر دەرىجە تۈۋەن تۇرۇشى كىرەككەن ؟ئۇلۇغۋار نىيەت ۋە قەيسەر ئىرادە بۇلسىلا ، پۇتۇن زىھىن-كۇچى بىلەن ئىشقا كىرىشسە ،ئەلۋەتتە ئىقتىدار پەيدا بۇلىدۇ . تىنماي كۈرەش قىلىدىغان بەندىسىگە ئاللا ئەنە شۇنى ئاتا قىلىدۇ. مەكتەپلەر ۋە دەرىسلىكلەر ئىبىن سىنا دەۋرىدىكى ئىلىم- پەنلەر بۇلۇپلا قالماستىن بەلكى ھازىرقى زامان ئىلىم - پەنلەردىكى چۈشەنچىلەرنى تەتقىق قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئېلىش لازىم. پەندىكى كەشپىياتلار بىزگە ماددي مەنپەئەت بىرىدۇ، قىسقىسى، ئىلىم- پەن ھەممىلا يەرگە ئۇمۇميۈزلۇك باپ كىلىدىغانلىقى ئۇچۇن . ئۇ پۇتكۈل ئىنسانىيەت ۋە تۇققان مىللەتلەرنىڭ ھەمكارلىشىشىدىكى ۋاستە بۇلىدۇ. بىز خەلقىئارا ئىلىم- پەن ئىشلىرىدا قەرىزدارمىز . بىز چۇقۇم غۇرۇرىمىزغا تىگىدىغان بۇ خىل قەرىزنى ئادا قىلىشىمىز كىرەك . xE:p)B-]  
-مۇھەممەت ئابدۇسسالام نۇتۇقلىرىدىن. FD8Hx\oF  
'k hJZ:  
UCFef,VW  
مەن ياسىنجان گەرچە  ئاددي بىر ئادەم بىر مىللەت ياكى بىر قەۋىمنىڭ ئىلىم- پەن ،ئىجادىيەت تەرەققىياتى ھەققىدە تىرەن پىكىرگە ئىگە بولالمىساممۇ،لېكىن قۇدرەت يەتكەن دائىرىدە ئۆز قارشىمىنى ئوتتۇرغا قۇيۇشنى شەرەپ دەپ بىلدىم. غەربىي ئاسىيا، شەرقى جەنۇبىي ئاسىياغا ئوخشاشلا،ئوتتورا ئاسىيامۇ دۇنيانىڭ سىياسى ۋەزىيىتىگە ئۈزلۈكسىز تەسىر كۆرسىتىۋاتقان بىر جاي. بۇ يەردە ياشايدىغان ئىنسانلار توپى  ھەر خىل مۇھىتتا ھەر خىل روللارنى ئۆتەپ ياشاۋاتماقتىمىز. رايونىمىز تۈركى تىل سىسىتىىمىسىدىكى مىللەتلەر ياشايدىغان رايۇن. ئابدۇسالام ئۆز نۇتىقىدا ئەرەب،پارىسلار بىلەن بىر قاتاردا مانا مۇشۇ رايۇندا ياشىغۇچى تۈرك،ئافغان قوۋۇملىرىنى ئىپتىخارلىق بىلەن تىلغا ئالىدۇ. ئۇيغۇرلار مانا مۇشۇ تۈركى مىللەتلەر ئىچىدىكى بىر مەدىنيەتلىك،يىتەكچى ئۇرۇندا تۇرىدىغان ئۇلۇغ خەلىق. يىڭى ئېرا باشلىنىپ كەتكىلىمۇ خىلى بولدى. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ مۇشۇنداق يىللىرىدا نوبىل مۇكاپاتىنىڭ زىلزىلىسى تازا ئەۋجىگە چىققان ئىدى. چۈنكى ئۇ ئەينى دەۋىردىكى جاپاكەش ئالىملارنىڭ ئىجادىى خىزمىتىگە زور ئلھام،ھاياتى كۈچ ئېلىپ كەلگەن ئىدى.نوبىل مۇكاپاتنىڭ ھەر يىلى پەيدا قىلىدىغان زىلزىلىسى يەنىلا ئىلگىركىدىن پەسلىگىنى يوق. نوبىل مۇكاپاتى ھازىر ئىلىم- پەننىڭ ئەڭ يۇقۇرى چوققىسغا ۋەكىللىك قىلىدىغان دەۋىر بۆلگۈچ نەتىجىگە بىرىلىدۇ. بەلكىم ئىلىم- پەن تەرەققىياتى بىلەن نوبىل مۇكاپاتىنىڭ باغلىنىشى جەھەتتە  ئۇنداق بەك ئەزۋەريلەپ كىتىدىغان يىرى يوقتۇ.ئەمما بىر نوختا ھەممىگە ئايان: كىشىلەر يۇقۇرى ئىلمي تەتقىقات نەتىجىسىنى ھامان مانا مۇشۇنداق يۇقۇرى شۆھرەت،مۇكاپاتلار بىلەن باغلاپ تەسەۋۋۇر قىلىشقا ئادەتلەنگەن.شۇنداقلا ئىلىم-پەن تارىخىنى ۋاراقلاپ كۆرگەنلەرگە شۇ نەرسە ئايدىڭكى، نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن ئالىملارنىڭ مىللىتى ھامان  نۆۋەتتە  دۇنيادىكى كۈچلۈك مىللەتلەر قاتارىدىن ئۇرۇن  ئالدى. ئۇنىڭدىن باشقا نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن مەلۇم شەخىسنىڭ كەينىدە،ئۇنى شۇنداق ئۇرۇنغا كۈتۈرۈشكەن بىر ئىجتىمائى توپ بولغان بولىدۇ. شۈبىھىسىزكى ئىلىم- پەن تەرەققىياتى ئارقىدا قالغان ھەر قانداق  بىر گەۋدە ،مۇنداق  شەخىسىلەرنى مەڭگۈ يۈكسەك ئۇرۇنغا كۈتۈرەلمەيدۇ. شۇنداقلا بۇنداق شەخىسلەرگە ھېچقانداق ماددي ،مەنىۋى  ئىنىرگىيە بىرەلمەيدۇ. pq4frq  
4r %NtXAa  
sBh|y F,  
:%{8lanO  
ئابدۇسالامنىڭ پىكىرىنى ئۆزىمىزنىڭ  تىلىغا ئايلاندۇرۇپ دىگەندە، ئىلىم- پەن كەشپىياتلىرىنىڭ يارىتىلىشىغا  بىر مىللەت ياكى دۆلەت ئەمەس، جەنۇپ، ۋە شىمال، غەرپ ۋە شەرق تىكى ئەللەر تەڭ قاتناشقان. ئۇ ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق بايلىقى. ئۇنداقتا ئۇيغۇرلار  ئىنسانىيەت ئىلىم -پېنىگە زادى قانچىلىك تۆھپە قوشقان؟ ئۇيغۇرلار ھازىرقى زامان  دۇنيا ئىلىم- پېنىگە زادى قانچىلىك تۆھپە قوشۇۋاتىدۇ؟  ئىلم- پەن ھەممىنى بەلگىلەيدىغان بۇ دۇنيادا، خۇددى بارلىق مىللەتلەر ئۆز تەقدىرى  ۋە كەلگۈسى ئۈستىدە ئويلانغىنىدەك،بىزنىڭمۇ تەقدىرىمىز زادى قانداق بولىدۇ؟ بۇ چوقۇم ھەر بىر ئۇيغۇر ياش چوقۇم ئويلىنىشقا تىگىشلىك مەسىلە.دۆلىتىمىزنىڭ گۈللەپ روناق تېپىشىدا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ھەسسىسى  بولوشى ،تېخنىكا ۋە ئىلىم- پەن مەدەنىيەت ئىشلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئىسىم- فامىلىسى يېزىلىشى كىرەك. K.k=\N  
fz%u rbJR  
$8b/"Qm  
+=*ZH `qX  
20- ئەسىر، مەركىزى ئاسىيا خەلىقلىرىگە يىڭى چىگرا، يىڭى دۆلەت، يىڭى  ئىزىملارنى ئاتا قىلدى.ئەگرى- بۈگرى پاسىللار سىزىلىشتىن ئىلگىرى بىرگە ياشاپ،ئۆز- ئارا قۇدىلىشىپ كەلگەن بۇ قەۋىملەردە،ئوخشاش تۇرمۇش ئادىتى، قان- قېرىنداشلىق، تىل، ئىتىقاد... قاتارلىق يېقىن مۇناسىۋەتلەر يىمىرلىپ ،مۇتلەق پەرىقلىنىدىغان،بىر- بىرسىنى چەتكە قاقىدىغان يىڭى مىللەتلەر پەيدا بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئەسلى ئۆزلىرىنى پالانى- پۇكۇنى  مىللەتكە ئايرىماي،ئىنسانىيەت مەدىنيىتىگە ئۇنتۇلماس تۆھپىلەرنى قوشقان نۇرغۇن مەركىزى ئاسىيا ئالىملىرى، بۇ چاغقا كەلگەندە ھەر قايسى قېرىنداش مىللەتلەر تەرپىدىن بۈلۈنىۋېلىشقا ئۇچرىدى. بولۇپمۇ تەبىئەت ئالىملىرىنىڭ مىللەت تەۋەلىك مەسىلىسى تا ھازىرغىچە ئىنق ئايرىلماي، يىڭى زىدىيەتلەرنىڭ چىقىشىغا سەۋەپچى بولدى.ئەينى دەۋىر ئالىملىرى تۇلىمۇ ھەركەتچان پائالىيەت ئېلىپ بارغان ئىدى.تۇغۇلغان يىرى باشقا يەردە، ئىجادىيەت ئېلىپ بارغان،ئۆلگەن يىرى باشقا يەردە بولغان سەرگەندان ئالىملار كۆپرەك ئىدى.شەرىقتە بېيجىڭدىن تارتىپ غەرىپتە كورداۋاغىچە بولغان زىمىندىكى بۇ  ساما يولىدا،پەن -مەدىنيىتى گۈللىنىپ يۇلتۇزلاردەك چاقنىغان قەشقەر،سەمەرقەنىت، بۇخارا، كابول،ھىرات، باغدات.. قا ئوخشاش چولپان شەھەرلەر،ئىسلام دەۋرىدىكى يىپەك يۇلىنى بەرپا قىلغان ئىدى.(مەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامغا ئىتىقاد قىلىشتىن ئىلگىركى شانۇ- شۆھرىتىنى تىلغا ئالمىدىم). بۇ شەھەرلەردىن ئەل خارازىمى، فەرغانى، ئىبىن-سىنا،بىرونى، ئۆمەر ھەييام، نەسىردىن تۇسى،ئەل رازى،جامالىدىن،ئولوغبىك...قا ئوخشاش نۇرغۇن بۈيۈك ئالىملار  چىقتى. ھەم مۇشۇ يىپەك يۇلىنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى. ئۇلار ئىچىدە زور بىر قىسىم ئالىملار تۈركى قەۋىملەردىن چىققان بولوپ،ئۇلاردا مىللىي مۇناسىۋەت دىنىي مۇناسىۋەتتىن كىيىن تۇرىدىغان بولغاچقا،كىيىنچە ھەتتا زور بىر قىسىم ئالىملارنى تىلغا ئالغاندا،ئەرەبلەر كۆز ئالدىغا كىلىدىغان،كىتاپلاردا ئەرەب دىيىلىدىغان ئەھۋاللارمۇ بولدى.يىپەك يۇلى بىر قىسىم مەدىنيەت شەھەرلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپلا قالماستىن،غەرىبنىڭ ھەقىقى مەنىدىكى تارىخى سەكرىشى ئۈچۈنمۇ ئاز بولمىغان تەسىرلەرنى كۆرسەتتى. V\A?1   
3a =KgOvp  
PR6{Y]e%  
مەن يوقارقى ئالىملارنى يالغۇز ئۇيغۇرلارغىلا مەنسۇپ قىلالمايمەن،لېكىن ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتسىز دەپمۇ قارىيالمايمەن.تارىخ مەيلىكى ھەر قانچە مۈجمەل بولسىمۇ، ئەجداتلىرىمىز يىپەك يۇلىدىكى سودا كارۋانلىرى،شەرق بىلەن غەرپنىڭ تۈرلۈك مەدىنيەت ئالمىشىشنىڭ بىۋاستە ئۆتىڭى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ئەنە شۇنداق مەشھۇرلارنىڭ  يىتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن ئىجتىمائى، تەبىئى سەۋەپلەرنىڭ جاۋاپكارى بولالىغان ئىدى. ئۇلار ئۆز ساھالىرى بويىچە كۆپلىگەن ئىجادىيەت، كەشپىياتلارنى روياپقا چىقاردى. بىز ئەبۇ ناسىر فارابى بىلەن گىئومىتىريە پىشۋاسى ئېۋكىلىدنى ئۆز- ئارا باغلاپ تەھلىل قىلالايمىز. فارابى ئېۋكىلىدنىڭ 1- ۋە 5- توم  كىتابلىرىدىكى بىر قىسىم قىيىن مەسىللەرگە شەرھى يازدى. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئېۋكىلد گىئومىتىريىسىگە شەرھى يازغان،تۈزۈتۈشلەرنى ئېلىپ بارغان ئالىملاردىن يەنە قىدىر ئەل خوجەندى،ئۆمەر ھەييام،نەسىردىن تۇسى قاتارلىقلارنى  سېلىشتۇرما تەتقىقاتىمىزنىڭ  ئوبىكتى قىلالايمىز. يەنە ئەل بۇزجانى بىلەن دىئوفاتنى،ئۆمەر ھەييام بىلەن ئارخىمىدنى،نەسىردىن تۇسى بىلەن پىتولمىنى بىۋاستە سېلىشتۇرما قىلالايمىز. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا مۇتلەق ئوخشاش بولغان ئىلمىي تېما، ئوخشاش تەتقىقات ئوبىكتى بولغان. ئىبىن نەفىس بىلەن خورۋىنى،ئىبىن ھىسام بىلەن فىرماتنى،ئىبىن ھىسام بىلەن نىيوتۇننى،ئەل بىرونى  بىلەن گالىلىينى مۇتلەق پاراللىل ئورۇنغا قويالايمىز. 1720-يىلىلىرىدا موغۇل شاھ ئوردىسىدا مۇھەممەد شاھنىڭ كالىندار ھىساپلاش كىتابى بارلىققا كەلگەندىن  كيىىن، شەرق مەدىنيەت تارىخىدىن بۈيۈك تەبىئەت ئالىملىرىنى ئۇچرىتىش مۇمكىن بولمايدىغان ھالەت شەكىللەندى.خۇددى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن ئېيتقاندەك:« ھوما قۇشى بۇنداق تالانىت ئىگىللىرىنىڭ  تۇخۇمىنى يىپەك يۇلىغا ئەمەس،بەلكى غەربى ياۋۇرپا،شىمالى ئامىركىغا كۆمگەن ئىدى.» بۇنىڭدىكى تۈلۈك سەۋەپلەرنى ئابدۇسالام ئىچكى نىزا،ئىچكى سەۋەپكە باغلايدۇ. مەن بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر سەۋەپمۇ بار دەپ قارايمەن. تۈرلۈك ئارقىغا چىكىنىش ئىللىەتلىرىنىڭ تۈپكى سەۋەبىدە ئىچكى زىدىيەت ئاساسى رول ئوينىسىمۇ،لېكىن ئلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مەشھۇر ئالىملار بىۋاستە ھالدا پادىشا،ئوردا بىلەن زىچ باغلانغان ئىدى. كۈچلۈك ئارقا تىرە بولمىغاندا خاتىرجەم ھالدا  ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىش  مۇمكىن ئەمەس ئىدى.ئىسلامنىڭ كېڭىيىشى،نىسپى مۇقىم ھالەتتىكى تەرەققىيات مۇساپىسىدە،قەشقەر،بۇخارا،سەمەرقەنىت،  قاھىرە، ئىستانبول،دەمەشىق، باغدات، ئىسفاھان،فاس،كورداۋا،،دەك مۇھىم شەھەرلەر مەدىنيەت مەركىزى بولۇشتىن ئاۋۋال،بىر سىياسى كۈچ سۈپىتىدە،پۈتكۈل مۇسۇلمانلار رايونىنى ئۆز كونتىرولىلىقىغا ئالغان. «بۇمەركەزلەرئىلمي دىنىيەت جەھەتلەردىكى پائالىيەتلەردە سىياسىنىڭ زىمىن ئايرىش تەسىرىگە ناھايتى ئاز ئۇچۇرىغان ئىدى(ئەرەب-ئىسلام مەدىنيىتى)». 4:7z9h]  
3AWg43L7  
t>^An:xT  
Av{1~%hU  
موڭغۇللارنىڭ يۈرۈشىمۇ مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش  خانلار  تۇرۇشلۇق مۇھىم شەھەرلەرنى ئاخىرقى تۇرالغۇسى قىلدى. بۇ شاھلار  ئۆز ھۈكۈمرانلىقىنى  كۈچەيتىش،شۆھرىتىنى خەلقى- ئالەمگە يېيىش ئۈچۈن زامانىسىنىڭ تالانىت  ئىگىللىرىنى ئەتراپىغا يىغدى. بىراق، ئەرەبلەر تەسىرىنىڭ ئاجىزلىشىشى،ھوقۇقنىڭ ئاجىزلىشىشى،مەزھەپلەرنىڭ كۈپۈيىشى سەۋەبىدىن « ئەرەب- ئىسلام سىستىمىسى» يىمىرلىپ كەتتى. شۇنىڭ تەسىرىگە بارلىق مۇسۇلمان رايونى ئۇچرىدى.مۇسۇلمانلارنىڭ ھاكىميەت ئاپپاراتىنىڭ پارچىلىنىشى،مەزھەپلەر كۈچىيىشىدىن خالى  پەن- مەدەنيىتى  يۈكسەك ئۇرۇندا تۇرىدىغان ھېچقانداق مۇسۇلمان قالمىدى. ئۇيغۇرلارمۇ بۇ تەقدىر- قىسمەتتىن قۇتۇلالمىدى.  ھازىرقى زامان تەپەككۈر ئىگىللىرى دەل ئاشۇ  پارلاق ئۆتمۈشنى،دۇنيا ئىلىم-پەن تەرەققىياتىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئەشۇ دەۋىرنى پەخىرلىك بىلەن  تىلغا ئېلىشىدۇ. شەرق بىلەن غەرىپنىڭ مەدىنيەت ئالاقىسى يىپەك يۇلىنىڭ خاراپلىشىشى بىلەن توختىغىنى  يوق. ئىتالىيە ئەدەبىيات-سەنئەت گۈللىنىشى شەرق مۇسۇلمان مەدىنيىتىدىن زور مەنپەئەت ئالدى. سىلىتسىيە ئارىلى،ئىسپانىيە قاتارلىق ئەرەب- ئىسلام مەدىنيىتى بىلەن بىۋاستە سۈركۈلۈپ تۇرىدىغان مەملىكەتلەر ئىسلام مەدىنيىتىنىڭ غەرپكە تارقىلىشىدا ئۆتەڭ بولدى. سىلىتسىيە ئارىلى غەرب- شەرق  مەدىنيەت ،سودا ئالماشتۇرۇشتىكى تۈگۈن شەھەر بولۇپ،ئەرەپلەر بۇ رايوننى  ئىگەللىگەندىن  كىيىن،بۇ  ئارال ئىسلام مەدىنيىتىنڭ  تەسىرىگە بىۋاستە ئۇچرىدى. ھەم بىر  قەدەم  بالدۇر ئويغاندى. ئاخىرقى ھىساپتا ئىتالىيە ئەدەبىيات- سەنئەت گۈللىنىشى  مۇشۇ يەردىن باشلاندى. 1224-يىلى  ياۋورپادىكى  تۇنجى ھۈكۈمەت ئاچقان ئۇنۋىرسىتىتنىڭ نىئاپولدا قۇرلىشى بۇنىڭ بەلگىسى بولدى.XI-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا غەربى ياۋورپانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى چەۋاندازلار ئىسپانىيىگە توپلىشىپ،يەرلىك نىستورىيانلار بىلەن ئەرەبلەرنىڭ قولىدىن تارتقۇزۇپ قويغان يەرلەرنى  قايتۇرۋېلىش ھەركىتىنى قوزغىدى. نۇرغۇنلىغان ئەرەب ئالىمىلرى ۋە ئەرەبلەشكەن يەھۇدىلار ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدىن قېچىپ،فىرانسىيەنىڭ جەنۇبى قىسمىغا ۋە غەربى ياۋۇرپادىكى باشقا  جايلارغا كۈچۈپ بېرىپ،شۇ يەرنىڭ ئىلىم-پەن تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇنىڭ بىلەن غەربىي ياۋورپا ئالىمىلرىنىڭ ئەرەب كىلاسسىك ئەسەرلىرىنى  تەرجىمە  قىلىش ھەركىتى قوزغالدى. {' JoVJKv  
J?V8uEly  
~R3@GaL1  
&R25J$  
كاردىنال لىمىن(1126-1152) تەخىتتە ئولتۇرۇپ 1130-يىلى تورىدودا مۇنتىزىم تەرجىمە مەدرىسى قۇرغان. بۇ 200 يىلدىن كۆپرەك «ئەرەب- ئىسلام مەدىنىيىتى» گە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئىلم- پەن كىتاپلىرىنى  مەخسۇس ياۋۇرپا تىللىرىغا تەرجىمە  قىلغان. بۇ ئەسەرلەر خىرىستىئان پوپلىرى بىلەن تىغمۇ- تىغ ئېلىشىدىغان ياۋۇرپا يىڭى پەيلاسوپ- ئالىمىلرىنىڭ ئىدىيە،ئۈسۈپ- يىتىلىشىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسەتكەن. كېپلىر، بىرونو، كوپىرنىك، گاللىي، دانتى، سىرۋانتىس، نىيوتون...قاتارلىق ياۋورپا گۈللىنىشنىڭ ئاساسچىللىرى دەل  بۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئىدى. ئەدەبىيات- سەنئەت گۈللىنىشىدىن كىيىن، فىرانسىيە، ئەنگىليە قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ ئاقارتىش ھەركەتلىرى بولدى. ئەنگىليە ئەڭ ئاۋۋال پەننى تېخنىكىغا ئايلاندۇرۇشتا كەڭ- كۈلەملىك نەتىجە ياراتتى. ھاكىميەت بىر قەدەر تۇراقلىشىپ پادىشاھلار ئارقا- ئارقىدىن ئىسلاھات پەرمانى جاكارلىدى. قىسقىسى  ئىلىم-پەن كۈچلۈك سىياسى ئارقا  تىرەككە ئىگە بولدى.  مائارىپتا ئىسلاھات بولدى. پەن تېخنىكىدا قوللىنىلدى. ئىسپانىيە،گىرىتسىيە، سىلىتسىيە  قاتارلىق جايلار ئىسلام مەدىنيىتىنڭ غەرىپكە تارقىلىشىدا مەدىنيەت قونالغۇسى بولغانغا ئوخشاشلا،سەمەرقەنىت، قەشقەر، ئىدىقۇت..قاتارلىق  قەدىمي مەركىزى ئاسىيا شەھەرلىرىمۇ،ئىسلام مەدىنيىتىنڭ يىراق شەرىققە تارقىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىدى. ئىسلام مەدىنيىتى تەكلىماكان قۇملىقىنىڭ زىرىكىشلىك سۈكۈناتىغا دەپنە بولۇپ كەتمەي،تارىم ۋادىسىدا ياشىغۇچى مەدەنىي ئۇيغۇر خەلىقىنىڭ ۋاستىىسى بىلەن يۇەن ئىمپىريىسىنىڭ  ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك،جۇڭگونىڭ دېڭىز بويى قىرغاقلىرى،موڭغول ۋادىللىرىغا قەدەر ئۈزۈپ باردى. ئىسلام مەدىنيىتىنڭ يىراق شەرىققە تارقىلىشى ئۇيغۇرلارنى ۋاستە قىلدى. موڭغۇللار ئۇلارنى  ئىمپىرىيە ئۇستازى  دەرىجىسىگە كۈتۈرۈپ،سىياسى، ئىختىسادى جەھەتتە ئارقا تىرەك بولدى. بۇنىڭ تارىخى پاكىتلىرى ئىنتايىن كۆپ.خەنلىن ئاكادىمىيىسىنىڭ 47 نەپەر ئەزاسى ئۇيغۇر بولغان.1229-يىلى بېيجىڭدا ئۇيغۇر دورىگەرلىك مەھكىمىسى قۇرۇلغان. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە 36 جىلىدلىق «خۇر دورا نۇسخىللىرى» دىگەن ئەسەر يېزىلغان. بېيجىڭدا جامالىدىن ناملىق ئاستىرونومنىڭ شۆھرىتى شەرق ئاسمىنىنى قاپلىغان. ئۇيغۇرلار مىخ مەتبەئە تېخنىكىسىغا مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان. بۈيۈك تىلشۇناش ۋە پىداگوگ تاتاتۇڭا موڭغۇل تىلىنى ئۇيغۇر  يېزىقى  بىلەن  ئىپادىلىگەن. مۇڭغۇللارنىڭ  ۋاستىسى بىلەن  ئۇيغۇر  يېزىقى شەرىقتە بېيجىڭدىن  غەرىپتە كورداۋا،رىم،پارىژلارغىچە ئىشلەيدىغان بىر  ئۇنۋىرسال تىل بولغان ئىدى. ئەرەب ئىمپىريىسى ئەرەپ تىلىنىڭ ئىناۋىتىنى يۇقۇرى ئۇرۇنغا كۈتۈرگەن بولسا،موڭغول ئىمپىريىسى  ئۇيغۇر تىل -يېزىقىنىڭ ئىناۋىتىنى يۇقۇرى ئورۇنغا كۈتۈرگەن ئىدى. تۈركولوگ پىللوتنىڭ خاتىرىسىگە  قارىغاندا، چىڭگىزخاننىڭ ۋارىسىلىرى رىم ئىمپىراتورىغا ئەۋەتكەن بىر  پارچە خەتكە ئۇيغۇر  يېزىقىدىكى تامغا بېسىلغان ئىكەن. ئەرەب-ئىسلام ئىمپىريىسى،موڭغول ئىمپىريىسى، ئوسمان تۈرۈك ئىمپىريىسى قاتارلىق كۈچلۈك  سىياسى ھاكىميەتلەر ۋەيران بولغاندىن كىيىن،شەرىقتە ئۇرخۇن- تارىم ۋادىسىدىن،غەرىپتە  ئاناتولىيە تۈزلەڭلىكى ھەتتا تېخىمۇ نېرىسىدىكى جايلارغىچە بولغان كەڭرى زىمىندا بىرەر  قۇدرەتلىك سىياسى كۈچ شەكىللىنەلمىدى، بۈلۈنمە  كۈچ، مەزھەپلەر ئوتتورىسىدكى تار مەنپەئەتچىلىك كۈرىشى،بۇ يەردە پەن مەدىنيەتنىڭ يۈكسىلىشىگە شارائىت بەرمىدى. .(D-vkz'  
26j ; RV  
gW RSS=8%  
0P z"[  
ئارلىقتا غەرىپتىكىگە ئوخشاش  يۈز نەچچە يىللىق تەرجىمە ھەركىتى بۇ يەردە يۈز بەرمىدى. بۇ يەردە مەدەنىي ئاقارتىش ھەركىتى بولمىدى. پادىشاھلار بىۋاستە قۇرغان ئاكادىمىيىلەر مەيدانغا كەلمىدى. ياۋۇرپانىڭ ئاستا خارەكتىرلىك ئۆزىنى  قۇتقۇزىشىنىڭ ئەكسىچە،ئاسىيا مەدىنيەت ئاسمىنىدا قاغا- قۇزغۇنلار كۈپۈيۈپ كەتتى. ياۋۇرپا مەدىنيەت ئېقىمىنىڭ  يىراق ياۋرۇ-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلىقىدىن تارىم ۋادىسىغا يىتىپ كىلەلىشى مۇمكىن بولمىدى. شەرىقتىكى  مەنچىڭ خاندانلىقى  بولسا ئۆزىنىمۇ قۇتقۇزالمىدى. ئۇلار ئۇيغۇر  رايونىغا ئاپەت ئەكەلسە ئەكەلدىكى،مەدىنيەت ئەكىلەلمىدى. چىڭ خانلىرى ئاكادىمىيە سېلىشنىڭ ئورنىغا ئوردا سالدى. ئالىم- ئۆلىمالارنى  ئەتراپىغا يىغىشقا  قارىغاندا،خانىش- كىنىزەكلەرنى  كۆپرەك يىغدى. چىن شىخۇاڭ مۇداپىئە سېپىلىنى غەرپ-شەرق يۈنۈلىشىدە سالغان بولسا،چىڭ پادىشاھلىرى مۇداپىئە سېپىلىنى تۆت چاسىلاشتۇردى. دۇنيا بىلەن كارى بولمىدى. ئۇلار جىسمانى  جەھەتتىكى كەمتۈكلىكى تۈپەيلىدىن،ئوردىدىكى يارام ئەرلەرنى  ئاغۋات قىلدى. دىمەك يىراق شەرىقتىكى ئەڭ قەدىمىي خەلىقلەرمۇ زاۋاللىق ئىچىدە ياشاپ،مەركىزى ئاسىيانىڭ مەدەنىيەت ھالقىشى ئۈچۈن ھېچقانداق ئىجابىي تەسىرلەرنى بىرەلمىدى. تارىم ۋادىسىنىڭ ئۇيقۇسى ئەنە شۇنىڭدىن باشلانغان ئىدى...! ? 3Td>x  
sRqFsj}3e  
  ئوكيان تورىدىن ئېلىندى
تېما تەستىقلىغۇچى : يارزات
تەستىقلانغان ۋاقىت :
2010-12-27, 05:06
-سىز كۆرۋاتقان تىما ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلىم-پەن ۋە ئىجادىيەت قۇدرىتى,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
كىتابلاردىن قانائەت تاپالىسام ئۆزۈمنى بەختلىك ھېسابلايمەن .
ALUMID
دەرىجە: يىـڭى ئــەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 11735
  جىنسى: يوشۇرۇن
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 24
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە24دانە
ياخشى باھا: 23 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 2095 سوم
تۆھپىسى: 50 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 1093(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-09-26
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-12-28
1 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 13:17

ياخشى تىما يوللاپسىز، ئەجرىڭىزگە رەخمەت. ياخشى تىمىلارغا ئىنكاس چۇشمەيدىكەن دىسە ھەي!
ilovemypeople
ئۆزگىچە ئىمزا
دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 21956
  جىنسى: يوشۇرۇن
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 85
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە85دانە
ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 407 سوم
تۆھپىسى: 3 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 134(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-12-12
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-12-27
2 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 13:26

....................................................................................................... (Rj'd>%c  
k   
ئاۋال ئولتۇرىۋالاي
ئىمزا
eltekin26
كۈلگىن، كۈلگىنىڭ سېنىڭ سالامەت،بەختلىك،شادىمان ..
دەرىجە: دائىملىق ئــەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 1424
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 1065
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1065دانە
ياخشى باھا: 344 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 812 سوم
تۆھپىسى: 348 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 2053(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-29
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-12-28
3 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 13:30

مېنىڭچە ئۇيغۇرلار ئىچىدىنمۇ نۇرغۇن ئالىم، ئىقتىساسلىقلار چىقىدۇ، ئىلىم - پەندە يېڭىلىقلار يارىتىدۇ. بۇنى ھىس قىلالماسلىقىمىزدىكى سەۋەپ، ھازىرقى مۇھىت بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدۇ، ئۇچۇرلاشقان، دۇنياۋىلاشقان دەۋردە، بۇرۇنقىلاردەك ھەتتا بۇرۇنقىلارنىڭ بەزى تۆھپىلىرىدىن ئاشۇرۇپ ئىش قىلساقمۇ، بۇنىڭ سېلىشتۇرما، ئومۇمى مەدەنىيەت سەۋىيەنىڭ يۇقىرىلىقىدىن بۇنى چوڭ بىلىپ كەڭ تەشۋىق قىلىدىغان ، ئۇنى باشقا ئېلىپ كۆتۈرىدىغان ۋەزىيەت شەكىللىنەلمىدى. كىشىلەرنىڭ ئاڭ سەۋىيسى يۇقىرىلىغانلىقتىن ئۆزىنى مۆجىزىلەرچە قايىل قىلىدىغان بىرەر ئىشنى كۆرمىسە ئالدىراپ بىراۋلارنى ئەتىۋارلاپ، مەدىھيلەپ كەتمەيدۇ. 4C m+xAXG  
شۇڭا ، بۇرۇنقىدەك داڭلىق كىشىلىرىمىز چىقمىغاندەك تۇيغۇدا بولىمىز، شۇنىڭغا ئىشىنەيلى ۋە پەخىرلىنىشىمىز كېرەككى ئاتاقلىق، داڭدار، دانىشمەن كىشىلىرىمىز ھېلىمۇ بار ھەم كۆپ.
سودا تورى ،ئەڭ ياخشى مال سېتىۋىلىش سۇپىڭىز
قوشقارنىڭ كەينىگە يانغىنى،قورققىنى ئەمەس.
kokyal
تۆت تادۇ ئۇيغۇر تېبابىتى
دەرىجە: مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 4418
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 1859
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1859دانە
ياخشى باھا: 433 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 1620 سوم
تۆھپىسى: 345 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 1859(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-07-21
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-12-28
4 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 13:32

ئاۋۋا؛ ئىنكاس بىلەن ساقلىۋالاي، قولۇم بوشىغاندا ئوبدان ھەزىم قىلاي.
ئۇيغۇر تېبابىتى تور خاتىرىسى
www.4tadu.com/
tewelgha
دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 18902
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 102
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە102دانە
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 632 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 661(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-11-24
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-12-28
5 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 14:32

بۇ ياخشى تېما تېمىكەن،ئەتراپلىق تەپەككۈر قىلىپسىز . بۈگۈن بىزىدىكى ئىلىم -پەن روھىنىڭ ئۇيغۇنالماسلىغىنىڭ سەۋەپلىرى بەك كۆپ....بىزدىكى ئىلىم پەن روھى مەشھۈر ئالىم ئاستۇرونۇم ئەل باشى ئۇلۇغبەگنىڭ، بىرقىسىم نادان دېنى كۈچلەرنىڭ قوترىتىشى ئاستىدا ئۆز بالىسى تەرىپىدىن قەتلى قىلىنىشى بىلەن ئۈلۈشكە باشلىغان.خوجىلار بىزدىكى ئىلىم-پەن روھىنى بىراقلا يەرگە كۆمۈپلاۋەتتى.ئۇلۇغبەك سالدۇرغان ئاشۇ سەمەرقەنتتىكى رەسەتخانىدا خىزمەت قىلىدىغان ئالىملار ئىچىدە جەمشىد .ئەل.قارشى ئىسىملىك بىر ئالىم بولۇپ ،ئۇنىڭ ماتېماتىكا جەھەتتىكى بايقاشلىرىنى ياۋروپالىقلار 200يىل ئۆتكەندە ئاران بايقىغان.(ئىككى ئەزالىقلار تېئومىسىدىكى كويفىنسىنتلار بىرىكىش قائىدىسىنى جەمشىد .ئەل.قارشى فىرانسىيەلىك پاسكالدىن بۇرۇن بايقىغان)  
ماتېماتىكا ئىنسان تەپەككۈرىنىڭ گېمناستىكىسى
UYGURZAT
ۋەتەننىڭ قەدرىنى ۋەتەنسىز بىلەر
دەرىجە: يېتىلىۋاتقان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 5987
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 285
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە285دانە
ياخشى باھا: 179 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 3749 سوم
تۆھپىسى: 200 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 243(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-09
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-12-28
6 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 14:36

بىز ھامان بۇرۇنقىدەك دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى مىللەت بولۇپ يىتىشىپ چىقىمىز شۇنىڭ ئۈچۈن ئۈگەنمەي بولمايدۇ . ?hfyQhR  
{ياراتقان رەببىڭنىڭ نامى بىلەن ئوقۇغىن} دىگەن ئاللاتائالا قۇرئان كەرىمدە . 4arq lz lo  
مەيلى پەن بولسۇن مەيلى دىن بولسۇن ئوقۇش كىرەك تاشلاپ قويۇشقا ھەرگىزمۇ بولمايدۇ.
قۇياش يىيىشكە بولمايدىغان نان    ۋەتەن بىرىشكەبولمايدىغان جان
zumrattax
ئىناق ئائىلەم
دەرىجە: دائىملىق ئــەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 14907
  جىنسى: خانىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 1235
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1235دانە
ياخشى باھا: 33 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 7931 سوم
تۆھپىسى: 94 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 1171(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-10-22
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-12-28
7 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 15:59

مېنىڭچە ھېلىھەم شۇنداق ئىلىم-پەن ساھەسىدە نۇر چېچىۋاتقان زاتلىرىمىز بار،پەقەت بىز ئۇلارنى بېشىمىزنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ كۆتۈرۈپمىدۇق ،باشقىلارغا تۇنۇتمىدۇق خالاس......تىرىشايلى،يېڭى-يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەيلى! 1ZZ}ojq  
ناھايىتى ياخشى يېزىلغان ئوي-پىكىرلەركەن...........بىز ئۇلارنى ھۆرمەتلەيلى،قوغدايلى!
باشقىلارنىڭ ئەيىبىدىن تىلىڭنى يىغ،بار ئۇنىڭمۇ تىلى ،ساڭاقارالغان تىغ
abdukeram
دەرىجە: يىـڭى ئــەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 16562
  جىنسى: يوشۇرۇن
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 7
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە7دانە
ياخشى باھا: 28 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 1068 سوم
تۆھپىسى: 50 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 33(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-11-06
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-12-28
8 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 19:42

شۇنداق ، ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !  
XATUT507
سەن بەخىت بىلەن پەقەت بىرلا قارار يىراقلىقتا........
دەرىجە: ئاكتىپ ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 10373
  جىنسى: خانىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 750
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە750دانە
ياخشى باھا: 173 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 4499 سوم
تۆھپىسى: 117 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 1847(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-09-14
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-12-28
9 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 20:54

ياخشى  پىكىرلەركەن...  مەنمۇ  ئاۋال  ئىنكاسلىرىم  ئارقىلىق  ساقلىۋالاي........
سىز ماڭا كۈلۈپ قاراڭ ،مەنمۇ سىزگە كۈلۈپ قاراي شۇندىلا دۇنيانىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلالايسىز!!!
uygar
yexil kabristan
دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 12301
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 157
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە157دانە
ياخشى باھا: 52 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 3570 سوم
تۆھپىسى: 166 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 75(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-10-01
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-12-27
10 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 21:30

    يۇقارقى ماقالە ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان قەۋىملىرىنىڭ ئارقىدا قېلىش سىرلىرىنى خېلى ئەتراپلىق يورۇتۇپ بېرىپتۇ .تارىختىن شۇ نەرسەئايانكى دۇنيادا ھەرقانداق بىر دۆلەت ياكى مىللەتنىڭ تۈز سىزىقلىق تەرەققىياتى بولغان ئەمەس .بەزىدە ئۆرلەش بەزىدە چۆكۈش ھەممە رايونلاردا مەۋجۇت ھادىسە .دېمەك يۇقارقى سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن شەرىق مىللەتلىرى ئارقىدا قالغان بولسا ئەمدى يېڭى يىپەك يولىنىڭ ئېچىلىشى ۋە مائارىپ ئىلىم پەننىڭ راۋاجلىنىشى بىلەن شەرق قايتا ئورنىدىن تۇرىدۇ .يېقىنقى 10نەچچە يىللىق سودا ،ئىقتىسات ۋە پەن تېخنىكىدىكى يۈكسىلىشلەر بۇنى ئىسپاتلاپ بەرمەكتە .