ھەر كۈنى تاڭ سەھەردە تۇرۇپ سىېنىڭ قەسىرىڭ تەرەپكە يۈزلىنىپ ئامانلىقىڭنى تىلەشنى ئادەتكە ئايلاندۇردۇم،كۆڭلۈمگە تىنىچلىقىڭ ئايان بولغاندىلا ئاندىن خاتىرجەم بولىمەن.مەن ھەر كۈنى تاڭ سەھەردە تۇرۇپ سەن بىلەن غايىبانە دىدارلىشىمەن،يىراقتا تۇرۇپ چىرايلىق زىناقلىرىڭنىڭ گۈلدەك ئېچىلىپ كەتكىنىنى كۆرۈپ تۇرىمەن.تىنىقلىرىڭنى پۇراپ جاھاننىڭ بارلىق دىشۋارچىلىقلىرىنى ئۇنتۇپ كىتىمەن.كۆزلىرىڭگە شۇڭغۇپ كۆڭۈل دېڭىزىدا شوخ بېلىق بولۇپ ئۈزۈپ ئويناشنى،ئەقىل مەرۋايىتلىرىڭنى سۈزۈپ چىقىپ قاشتېشىدەك سۈزۈك بوينۇڭغا تىزىق قىلىپ ئېسىشنى جان دەپ خالايمەن.ھەر كۈنى تاڭ سەھەردە سېنىڭ ئاجايىپ خۇلقىڭغا يەنىمۇ سۈلكەت بېغىشلىنىشنى،نازاكەت بابىدا تەڭداشسىز يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلۈپ قەلبىم تەختىدە مەڭگۈلۈك سۇلتانلىق سۈرۈشۈڭنى ئۈمىد قىلىمەن جېنىم..
)fl+3!tq ناۋادا مەندىن كۆڭلۈڭ سوۋۇپ كەتسە،كۆزلىرىمدىكى نۇرلار بۇرۇنقىدەك يارقىن كۆرۈنمىسە،ساڭا ياخشى كۆرۈنمەك بولۇپ قىلغان ئىشلىرىم قىلچە كۆڭلۈڭگە ياقمىسا ئامرىقىم ئەڭ ياخشىسى مېنى ئىككىلەنمەي تەرك ئەت.يىراقتىكى گۈلزارلىققا بېرىپ بەس-بەستە ئۇچۇشۇپ يۈرگەن ئاق،سېرىق،قىزىل ۋە باشقا رەڭدىكى تۈرلۈك گۈللەر بىلەن بېزەلگەن شوخ كېپىنەكلەرنى قوغلاپ ئويناش بىلەن دىلىڭنى شاد ئەتكىن ئامرىقىم.
TPn#cIPG سىرتتا تاراسلاپ يامغۇر يىغىۋاتىدۇ،ئۇنىڭ ھەيۋىسى شۇنچىلىك يامانكى بىردەمدىلا جاھاننى يالماپ ئېقىتىپ كېتىدىغاندەك قىلىدۇ،ئەمما قىلچە غەم يىمىگىن گۈزەلىم،چۈنكى مېنىڭ قەلبىم ئاللىقاچان سېنىڭ زىلۋا قامىتىڭگە ماس كېلىدىغان يامغۇرلۇق بولۇپ بولغان،قۇياش نۇرىدا يالتىراپ ئاپئاق لالە كەبى كۆرۈنۈپ تۇرغان يەلكەم بۇ يامغۇر تۈپەيلى ئېچىشىپ كېتەرمۇ دەپ غەمسىنما.ئۇنىڭمۇ ئامالى مەندە بار،يۈرىكىمدىن تامچىلاپ چۈشكەن مەلھەم بىلەن شۇنداقلا ئەملەپ قويسام ئۇمۇ دەرھال ساقىيىپ كېتىدۇ.......كىرپىكلىرىمنى پايانداز قىلىپ ئايىغىڭغا سېلىپ قويغىلى نەۋاق،ئاشۇ پاياندازنى دەسسەپ يۈرىكىمگە كىرىپ كېلىۋەر!چۈنكى مەن سېنىڭ دەردىڭدە جېنىم تولا ھەسرەت چېكىشتىن ھاسىل بولغان ياشلىرىمدا نەملىنىپ كىرپىكلىرىممۇ يۇمشاق يىپەككە ئايلىنىپ كەتتى،ئۇنىڭ ئاپئاق پۇتلىرىڭغا سانجىلىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىشىڭ ھاجەتسىز...
Mq='|0, سېغىنىش ئازابى چەككە يەتكەن مۇشۇ كۈنلەردە سېنىڭ غەمكىن شائىرىڭ پەقەت سېنى كۈيلەپ قەسىدە توقۇش بىلەنلا كۈن ئۆتكۈزىۋاتىدۇ،سەن جاھاندىكى ھەر قانداق دەھشەتلىك بوران سوقۇۋەتسىمۇ قىلچە ۋايساپ قويمايدىغان سولماس ئەتىرگۈلدەك قىياپىتىڭ بىلەن ئۇ مىسكىن شائىرىڭ ئۈچۈن پۈتمەس سۆيگۈ ئىلھامى تەييارلاپ بەردىڭ.كۆزلىرىڭ ھامان ئۇنىڭ يولىغا تەلمۈرۈش بىلەن،خىيالىڭ ھامان ئاشۇ غېرىپ يۈرەكنى تاتلىق گەپلىرىڭ بىلەن بەزلەش ئىچىدە تەمتىرەپ ئۆتتى.
,W BKN)%u ئەگەر سۆيگۈڭنى ماڭا تەئەللۇق دەپ ئويلىساڭ،قېنى مەرھەمەت قىلىپ قەلىپ ئۆيۈمگە كىرىۋەرگىن،سەن ئۈچۈن ئىشىكىم ھەر زامان داغدام ئوچۇق.گۈللىرىمنى قىسىشنى خالايدىغانلا بولساڭ ھەرگىز ئىككى خىيالدا بولماي كۆڭلۈڭنى بىر ماڭىلا بېرىپ خالىغىنىڭنى ئۈزىۋەرگىن،چۈنكى ئۇ سەن ئۈچۈنلا پورەكلىگەن.ماڭا سۆيگۈڭنى ھەقىقى تۈردە ئاتىغانلا بولساڭ قەلبىڭدىكى بارلىق غەملەرنى ئارقاڭغا چۆرىۋەت،چۈنكى مەن سېنى خۇشال قىلىش ئۈچۈن ھەممە دىشۋارچىلىقلارنى تارتىشقا ئاللىقاچان تەييارلىنىپ قويدۇم،كۆزلىرىم يولۇڭغا تەلمۈرگىلى نەۋاق،ئەگەر سۆيگۈڭنى ماڭا ئاتىۋەتكەنلا بولساڭ ئىككىلەنمەي باغرىڭنى باغرىمغا ياق گۈزەلىم .
/\MkH\zg p,BoiYdi مەنبە : ئۆزەم
[ بۇ يازما HANJAR تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]