چەت ئەلدە ئائىلە تەربىيىسى w%~Mg3|
ئامېرىكىدا : بالىنى ماختاش ئادەت \1oN't.
ئامېرىكىدا ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنى دائىم ماختاپ تۇرىدۇ . مەسىلەن: «بالام سىز بەك زېرەك!» ،«بەك ياخشى قىپسىز!» ،« كاتتا ئىش قىلىپسىز!» ، «سىز ئەڭ ياخشى!» ، «سىز ئادەتتىكى بالا ئەمەس جۇمۇ!» ، «سىزگە گەپ كەتمەيدۇ!» ،«سىز مېنىڭ خۇشاللىقىم!» .. دېگەنگە ئوخشاش . \'+P5,
ئامېرىكا مائارىپ مىنىستىرلىكى تەتقىق قىلىپ مۇنداق يەكۈن چىقارغان: «قارا! دۆتلۈكۈڭنى!» ، «سەندىن قەتئىي ئۈمىد يوق» ،«ھەر قانچە ئۆگەنگىنىڭ بىلەن ھالىڭ شۇ!»، «ئاغزىڭنى يۇم!» دېگەن سۆزلەر بالىلارغا زەربە بولىدۇ ، بالىلارنىڭ زىتىغا تېگىدۇ . >uwd3
XW5
فرانسىيىدە : مائارىپ — ئىجادىيەت 5)i+x-
فرانسىيە ئائىلىلىرىدە قول سېلىپ ياسايدىغان ئويۇنچۇقلار باشقا ئويۇنچۇقلاردىن كۆپ . ئاتا–ئانىلار بالىلارنىڭ ئىختىيارىي رەسىم سىزىشى ئۈچۈن تامغا قەغەز چاپلاپ بېرىدۇ ، ئۆينىڭ ھەممىلا يېرىدە رەسىم سىزىش ماتېرىياللىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ . فرانسىيە مەكتەپلىرىدە بالىلارنىڭ ئىجادچانلىقىنى يېتىلدۈرۈش ، بالىلاردا ھېسسىي تۇيغۇ ئارقىلىق كۆرگەن نەرسىلەرنى بىلىش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ . ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا ئوقۇتقۇچى بالىلارغا ئوقۇغان نەرسىلەرنى سىزدۇرىدۇ . جۇغراپىيە ، مۇزىكا ئوقۇتۇشىدىمۇ ئوقۇتقۇچى بالىلارنىڭ تەپەككۇر قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ ، بالىلارنىڭ سەنئەتكە بولغان قىزىقىشىنى يېتىلدۈرىدۇ. moE!~IroG
بېلگىيىدە: تېجەشلىك بولۇش — گۈزەل ئەخلاق ?;DzWCL~9
بېلگىيىدە ، ئادەتتە ، ئاتا – ئانىلار بالىلىرىغا سەككىز يېشىدىن باشلاپ ھەر ھەپتىدە پارچە خىراجەت پۇلى بېرىدۇ ، لېكىن كۆپ پۇل بەرمەيدۇ. بالىلار ياخشى كۆرگەن نەرسىنى سېتىۋالماقچى بولسا ، پۇل يىغىپ سېتىۋالىدۇ . ھەر بىر ئائىلىنىڭ بالىلارغا پارچە پۇل بېرىشىدە ئوخشاش ئۆلچەم بولمىسىمۇ ، لېكىن ئاتا – ئانىلارنىڭ بالىلارنىڭ تېجەشلىك بولۇش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش پرىنسىپى بىردەك . ئاتا – ئانىلار بالىلارغا ئارتۇقچە پارچە پۇل بەرمەيدۇ ، بالىلار پارچە پۇلىنى پىلانلىق خەجلەيدۇ . J"Nn.iVq
شۋېتسارىيىدە : ئائىلە تەربىيىسى — « يېرىم نوپۇز» .:iO$wjp5
شۋېتسارىيە مائارىپ مۇتەخەسسىسلىرى بالىلارغا «يېرىم نوپۇزلۇق»تەربىيىنى يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ . يەنى، ئۇلار بالىلار خاتا ئىش قىلغاندا ، ئاتا – ئانىلار بالىلارنىڭ ئورۇنسىز تەلىپىنى رەت قىلىشى كېرەك . «رەت قىلىش»بالىلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرسىمۇ ، ئاتا – ئانىلار ئۆز قارىشىدا چىڭ تۇرغاندىن كېيىن ، بالىلارنىڭمۇ ئاستا – ئاستا ئىدىيىسىدىن ئۆتىدۇ ھەم تەدرىجىي ياخشى ئادەت يېتىلدۈرىدۇ . شۇڭا ئاتا – ئانىلارنىڭ پوزىتسىيىسى ئېنىق بولۇشى ، بالىلارغا «ياق» دېيەلەيدىغان بولۇشى كېرەك ، دەپ قارايدۇ. `}#n#C)
Z+
)
مەنبە: تەڭرىتاغ تورى O[R
h/7_I uD