مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 196 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ھاراق ئىچكەنلەر ياخشى كادىر بولغۇدەك
kapsiz
ۋاقىت ھەممىنى ئۆزگەرتىدۇ!
دەرىجە: دائىملىق ئــەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 393
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 1166
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1166دانە
ياخشى باھا: 336 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 5 سوم
تۆھپىسى: 243 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 629(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-22
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-12-28
0 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: ئۈلۈشكۈن 22:15

0 ھاراق ئىچكەنلەر ياخشى كادىر بولغۇدەك

_ بىر رومكا ئىچ !  
_ بولدى، مەن ھاراق ئىچمەيمەن.
_ سەن ** دەرىجىلىك باشلىق تۇرساڭ، ھاراق ئىچمىسەڭ قانداق بولىدۇ !


_ بىر رومكا ئىچ !
_ بولدى، مەن ھاراق ئىچمەيمەن.
_ سەن ** دەرىجىلىك باشلىق تۇرساڭ، ھاراق ئىچمىسەڭ قانداق بولىدۇ !
بۇنداق پاراڭلار ھەممە ھاراق سورۇنلىرىدا دېگۈدەك بولۇپ تۇرىدۇ. ھەتتا بەزىلەر: «پارتىيە ئەزاسى تۇرۇپ ھاراق ئىچمىسەڭ قانداق بولىدۇ» دېگەندەك بىمەنە گەپلەر بىلەن ھاراق ئىچمەيدىغانلارنى ھاراق ئىچىشكە زورلايدۇ. بۇنداق گەپلەرنى ئاڭلىغىنىمدا، «ھاراق ئىچسە باشلىق بولامدىغاندۇ، ياكى باشلىق بولسا ھاراق ئىچىش زۆرۈرمىدۇ ! ؟ پارتىيە تەشكىلاتى ھاراقكەش، مەستلەرنىڭ ئەمەس، ئاۋانگارتلارنىڭ تەشكىلاتى تۇرسا، ھاراق ئىچىشكە پارتىيە ئەزالىقنى شەرت قىلغىنى پارتىيە تەشكىلاتىغا ھاقارەت قىلغانلىق بولماسمۇ؟ !» دەپ ئويلاپ قالىمەن. ھاراق بىلەن ھوقۇق، ھاراق بىلەن پارتىيە ئەزالىقىنىڭ قانداق باغلىنىشى بارلىقىنى تازا ئېنىق ئاڭقىرالماي يۈرگەن كۈنلىرىمنىڭ بىرىدە، مەلۇم بىر يېزىغا خىزمەت تەكشۈرۈشكە بېرىپ قالدۇق. تاماق ۋاقتىدا شۇ يېزىنىڭ پارتكوم شۇجىسى ئۆزىنىڭ يېزا تەۋەسىدە ئېلىپ بارغان يېڭىچە خىزمەت ئۇسۇللىرىدىن ماختىنىپ سۆزلەپ كېلىپ، مۇنداق دېدى: «مەن ھاراق ئىچمەيدىغان كەنت ياچېيكا شۇجىلىرى ۋە كەنت مۇدىرلىرىنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇۋېتىپ، ئورنىغا ھاراق ئىچىدىغانلاردىن قويۇۋېدىم، خىزمەت ئۈنۈمى قالتىس بولدى. ھاراق ئىچمەيدىغانلارنى قانداقمۇ ئىشەنچلىك، ياخشى كادىر دېگىلى بولسۇن !يەپ - ئىچىشنى بىلمىگەنلەر خىزمەتنىمۇ قىلالمايدۇ».
پارتكوم شۇجىسىنىڭ بۇ سۆزى توغرىسىدا چوڭقۇر ئويلاندىم ...
توغرا، ھاراق ئىچمەيدىغانلار تولىمۇ نادان، ھۇرۇن بولىدىكەن. ئۆز خىزمىتىمنى ياخشى قىلدىمغۇ دەپ ئۆزىنى چوڭ چاغلاپ، باشلىقلىرىغا كۆڭۈل ئىزھار قىلمايدىكەن. ئۆزىنى تاللاپ، ئۆستۈرۈپ قويغان باشلىقىنى تونۇماي، «ئاش بەرگەنگە مۇشت بەرگەندەك» تۇزكورلۇق قىلىدىكەن. باشلىقنىڭ قىلغان ياخشىلىقىغا ياخشىلىق قايتۇرۇش ئۈچۈن باشلىقنى پات - پات رېستوران، قاۋاقخانىغا باشلاپ ئۈلپەت بولمايدىكەن. باشلىسىمۇ ئاددىي ئاشخانىغا باشلاپ قويۇپ بىزىرىپ ئولتۇرىدىكەن. كىشىلەر توپلاشقان ھاراق سورۇنلىرىدا، باشلىق ئۆزىنىڭ ئىناۋىتىنى قىلىدىغانلارغا تولىمۇ موھتاج بولىدۇ، قاغا ئاق دېسە، ئاپئاق دەپ باشلىقنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىدىغان چاغدا ھاراق ئىچمەيدىغانلار يوق ئىكەن. بولسىمۇ باشلىق ھاراقنى ئىچىپ بولالمىسا، چاقماق تېزلىكىدە قولىدىن ئېلىپلا ئىچىۋەتمەي، ئايغا باققان توشقاندەك ھاڭۋىقىپ ئولتۇرىدىكەن. باشلىق مەست بولۇپ قالسا، قۇسۇۋەتسە، بېرىپ يۆلىمەي، تازىلىماي، بۇرنىنى يۆگەپ تىكىۋېتىدىكەن.
ھاراق ئىچمەيدىغانلار ئاجايىپ پىخسىق بولۇپ، ئومۇمنىڭ پۇلىنى دادىسىدىن قالغان مىراستەك پوكىنىغا بېسىپ يېتىپ، چاشقانغا كېپەك ئالدۇرمايدىكەن. كىرىمنى ئاشۇرۇپ، چىقىمنى تېجەيمەن دەپ، يا ئۆزى يېمەيدىكەن، يا باشقىلارغا يېگۈزمەيدىكەن. مەست بولمىغاچقا، مەردلىكى تۇتۇپ، داستىخاننى كەڭرەك سالمايدىكەن. ئۆزى ئىچمىگەننىڭ ئۈستىگە مەدەنىيەت سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن قايسى ھاراقنىڭ ياخشى، قايسىسىنىڭ ناچارلىقىنى پەرقلەندۈرەلمەمدۇ ياكى بېخىللىقىدىنمۇ سورۇنغا ھاراق كەلتۈرسە، نەدىكى دېھقانلار، مۇساپىرلار، پىيەنچۈكلەر ئىچىدىغان ھاراقلارنى كەلتۈرۈپ، باشلىقلارنىڭ غۇرۇرىغا تېگىدىكەن.
ھاراق ئىچمەيدىغانلار خىزمەت قىلىشنى ئاز - تولا بىلسىمۇ، لېكىن دوكلات قىلىشنى بىلمەيدىكەن. باشلىقلار يازدا سالقىن، قىشتا ئىسسىق ئىشخانىلىرىدىكى ئالدىراشلىق ئىچىدىن ئالاھىدە ۋاقىت چىقىرىپ، ئىسسىقتا شامدەك ئېرىپ، سوغۇقتا چوكا مۇزدەك قېتىپ خىزمەت تەكشۈرگىلى كەلسە، ھاراقنىڭ گىرادۇسىنى تەڭشەپ، داپ - دۇتىرىنى چىڭىتىپ، پاقلاننى تونۇرغا تىقىپ، رەققاسلارنى قاتار تىزىپ، باشلىقنىڭ چارچاپ كەتكەن مېڭىسىنى، سېرقىراپ كەتكەن پۇت - قوللىرىنى راھەتلەندۈرۈشنى ئويلىماي، خىزمەت دوكلات قىلىمەن دەپ قۇرۇق قەغىزنى قولتۇقلاپ يۈرىدىكەن.
ھاراق ئىچمەيدىغانلار تولىمۇ قورقۇنچاق كېلىدىكەن. ئۇلار ھالال - ھارامنى ئايرىيالماي، كىشىنىڭ ھەققىنى يېسە گۇناھ بولىدۇ دەپ قورقىدىكەن، خەقنىڭ قارغىشىغا كېتەرمەنمۇ دەپ قورقىدىكەن، قانداقتۇر ئاخىرەتتە سورىقى بار دەپ قورقىدىكەن، قانۇن - نىزاملارنى بەك مۇقەددەس بىلىپ قورقىدىكەن. قورقۇپ يۈرۈپ، تېنەپ - تەمتىرەپ ھېچ ئىشنى قاملاشتۇرالمايدىكەن. باشلىقلار بىلەن ھاراقتا ئۈلپەتلىشىپ، سىردىشىپ يۈرمىگەچكە، قارتا، ماجاڭ ئويناپ ئۇتتۇرۇپ بەرمەيدىكەن، مەست بولۇۋېلىپ، يانفونىنى مەردلىك بىلەن سوۋغا قىلمايدىكەن.
ھاراق ئىچمەيدىغانلار «دەردى يوق ئېشەك، ئىشقى يوق كېسەك» ئىكەن. ئىچمىگەننىڭ ئۈستىگە قىزىل چىراغ رايونلىرىغىمۇ يېقىن يولىمايدىكەن. مەدەنىيەتسىزلىكىدىن تانسا دېگەننى ئۇقمايدىكەن. ئەمما داپ، دۇتار ئاۋازىنى ئاڭلىسا ئوغلاقتەك سەكرەپ كېتىدىكەن. ئۇلار باشلىقلارنى پات - پات نازىنىنلار دۇنياسىغا باشلاپ بېرىپ، باشلىقنىڭ قىزلارنى قۇچاقلاشلىرىدىن، يالاشلىرىدىن، غاجاشلىرىدىن لېۋىنى يالاپ تۇرۇپ ھۇزۇرلىنىشنى ئەسلا بىلمەيدىكەن.
ھاراق ئىچمەيدىغانلار قائىدە ئۇقمايدىكەن. باشلىقلارغا بىرنەرسە تەستىقلىتىشقا توغرا كەلسە، ئاۋۋال داڭلىق رېستوراندىن خاس ھۇجرا ئېلىپ پەيزى قىلغاچ مەسلىھەت سوراپ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ بولۇپ، ئاندىن ئەتىسى ئىشخانىغا ئىلتىماسىنى كۆتۈرۈپ بارماي، تومپايلارچە ئىشخانىغا ئۇدۇل بېرىپ، باشلىقنى بىئارام قىلىدىكەن. باشلىق قوشۇلمىسا، ئۆزىنىڭ بولۇمسىزلىقىدىن كۆرمەي، ئورۇنسىز خاپا بولۇپ يۈرىدىكەن.
ھاراق ئىچمەيدىغانلار بەك شەخسىيەتچى بولۇپ، ئومۇمىيلىق ئېڭى پەقەت يوقكەن. ئۇلار ھاراق ئىچمىسە، ھاراق زاۋۇتلىرىغا كىرىم بولمايدىغانلىقىنى، نەتىجىدە، ھاراق زاۋۇتلىرىدىكى نەچچە يۈز مىڭ ئىشچىنىڭ ئىش ئورنىدىن قالىدىغانلىقىنى؛ ئىشسىزلار كۆپىيىپ كەتسە، سىياسىي، ئىجتىمائىي مۇقىملىق بۇزۇلىدىغانلىقىنى ئويلىمايدىكەن.
دەپ كەلسەم گەپ جىق. ئىشقىلىپ، ھاراق ئىچمەيدىغانلار ھېچ ئىشقا يارىمايدىكەن. پارتكوم شۇجىسىنىڭ دانالىقىغا، ئالدىن كۆرەرلىكىگە قول قويدۇم. ھەقىقەتەن ھاراق ئىچكەنلەر ياخشى كادىر بولغۇدەك ...


(ئاپتور: گۇما ناھىيە كېلياڭ يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى)

مەنبە؛جۇڭگو مىللەتلەر ژورنىلى
سەلتەنەت تورى
[ بۇ يازما گۈل-چۈشى تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]
تېما تەستىقلىغۇچى : گۈل-چۈشى
تەستىقلانغان ۋاقىت :
2010-12-26, 17:17
-سىز كۆرۋاتقان تىما ھاراق ئىچكەنلەر ياخشى كادىر بولغۇدەك,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
ئاتاڭنـــڭ ئىززىتىنى قىل،
ئاناڭنــــڭ خىزمىتىنى قىل.
sawapkar
مىسرانىم مۇنبىرى بەلەنكەن جۇما
دەرىجە: يېتىلىۋاتقان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 14934
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 350
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە350دانە
ياخشى باھا: 44 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 3593 سوم
تۆھپىسى: 104 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 58(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-10-23
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-12-27
1 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 03:36

بەزى ئوغۇل-قىزلىرىمىز ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن نومۇس قىلىدۇ-يۇ،ئادەتتە كىتاپخانىلارغا بىرەر قېتىم كىرىپ باقمىغانلىقىدىن،دىبا،ۋاڭبالاردا يۈرگەنلىكىدىن نومۇس قىلمايدۇ. ئۆزىنىڭ ئىشسىزلىقىدىن نومۇس قىلىدۇ-يۇ، كەسپ ئىگەللەڭ دەپ  ياتاقلىق تەربىيەلەش ئورۇنلىرىغا  ئاپىرىپ بەرسە ياخشى ئۆگەنمەي  مۇھەببەت قاينىمىغا غەرق بولۇشتىن نومۇس قىلمايدۇ.بەزىلەر ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلىقىدىنمۇ نومۇس قىلىدۇ-يۇ(ئىنتايىن ئاز بىر قىسىملار)،ئۇيغۇر تىلىنى،ئۆرپ-ئادىتىنى بۇزۇپ يۈرگەنلىكىدىن نومۇس قىلمايدۇ.
           بەزى ئوغۇللار قارا ئىش قىلىشتىن ياكى ئېتىزغا چىقىپ ئىشلەشتىن نومۇس قىلىدۇ-يۇ،ئىشسىز ھالەتتە بىر پۇلغا زار يۈرۈشتىن،ئۆيدىن قېچىپ چىقىپ يانچۇق كولاشتىن نومۇس قىلمايدۇ.بەزى قېرى يىگىتلەر ئۆزىنىڭ يېشى ئۆتۈپ كىتىۋاتسىمۇ توي قىلماي يۈرگىنىدىن نۇمۇس قىلىدۇ-يۇ،كۈندە قىز قوغلۇشۇپ يۈرگىنىدىن نومۇس قىلمايدۇ.ئالى مەكتەپتىكى بەزى ئوغۇللار دېھقان ئاتا-ئانىسىدىن نومۇس قىلىدۇ-يۇ، شۇ ئاتا-ئانىسى ئەۋەتكەن پۇلغا ھاراق ئىچىپ يۈرۈشتىن نومۇس قىلمايدۇ.  
      بەزى قىزلار ئاشخانىلاردا قاچا-قۇچا يۇيۇپ ئايلىق مائاشقا ئىشلەشتىن نومۇس قىلىدۇ-يۇ، ھە دېسىلا ئاتا-ئانىسىغا كىيىم غەلۋىسى قىلىشتىن نۇمۇس قىلمايدۇ.باشقىلارنىڭ بالىسىنى بېقىپ بېرىشتىن نومۇس قىلىدۇ-يۇ، باشقىلارغا«ھەمرا خېنىم»بولۇپ بېرىشتىن نومۇس قىلمايدۇ. كېۋەز ئوتاش،كېۋەز تىرىش قاتارلىق ئىشلاردىن نومۇس قىلىدۇ-يۇ، بەزمىخانىلاردا،ساتىراچخانىلاردا «پۇل تېپىش»تىن نومۇس قىلمايدۇ. ئالى مەكتەپتىكى بەزى قىزلار دېھقان ئاتا-ئانىسىدىن نومۇس قىلىدۇ-يۇ،شۇ ئاتا-ئانىسى ئەۋەتكەن پۇلغا گىرىم بويۇملىرى سېتىۋېلىپ، يۈزلىرىنى مايمۇندەك بوياپ يۈرۈشتىن نومۇس قىلمايدۇ.
      
   قىسمەن كادىرلىرىمىز ئىئانىگە پۇل بېرىڭ دىسە قاخشايدۇ-يۇ،قاتار چايلارغا،قاۋاقخانىلارغا دادىللىق بىلەن پۇل خەجلەيدۇ.خىزمەت بېسىملىرىنىڭ ئېغىرلىقىدىن قاقشايدۇ-يۇ،كەسپى كىتاپلارنى كۆرمەيدۇ،خىزمەتنى ئەستايدىل ئىشلىمەيدۇ.يېزا-كەنتلەردە سىياسەتنى ئەمىلىلەشتۈرۈشنىڭ تەسلىكىدىن قاقشايدۇ-يۇ،دېھقانلارغا تەشۋىقنى ياخشى ئىشلىمىگەنلىكىدىن نومۇس قىلمايدۇ.    
       )
    ئىلگىرىكى ئەرلەر ئات ئۈستىدە يۈرۈپ، جەسۇرلۇقنى شەرەپ دەپ بىلگەن،مەرتلىكنى ئۆزىگە پەزىلەت قىلىپ يېتىلگەن.تۇتۇشۇپ قالسا بىرگە بىر، روبىرو تۇرۇپ ئېلىشقان،يىقىلغاننى ئۇرماي يۆلەپ تۇرغۇزۇپ قويۇپ تۇرۇپ گەپ سورىغان.يېڭىلگەنلىكىگە تەن بەرسە بېرىپ بىللە مىھمان بولۇشۇپ دوست بولۇشقان.يىگىتلەر قىزلارنى بولسا ئۆزىنىڭ باتۇرلىقىغا،قەيسەرلىكىگە تايىنىپ تەسىرلەندۈرۈپ قولغا كەلتۈرگەن.ھەرگىزمۇ ھازىرقىدەك يىغلامسىراپ تەلەپ قويۇپ،بىچارىلەرچە يالۋۇرۇپ ھەتتا كۆز يېشى قىلىپ يۈرۈپ كەلتۈرگەن ئەمەس،بەزىلىرى ھەتتا ئەل ئۈچۈن چوڭ ئىشلارنى قىلىپ  قىزلارنىڭ قايىللىقىنى كەلتۈرگەن.چوڭ-كىچىكلەر،ئەر-ئاياللار،ئۇرۇق-تۇققانلار ئارىسىدىكى پەدىشەپنى قاتتىق ساقلاپ نومۇس تۇيغۇسىنى ئاشۇرغان.   
         
    كېيىن ئىقتىسادنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، ھەممە پۇلغا يۈرۈش قىلىپ،«پۇل ھەممىگە قادىر»دەيدىغان قاراش كۆپلىگەن ئەرلەرنىڭ كاللىسىدا ھۆكۈم سۈرۈشكە باشلاپ،ئەخلاق،نومۇس دىگەنلەرنى قايرىپ قويۇپ،بارلىق ئاماللار بىلەن پۇل تېپىشقا تۇتۇندى.« پۇلى كۆپنىڭ گېپى ئوڭ،پۇلى يوقنىڭ گېپى توڭ»،«ساراڭ بولسىمۇ باينىڭ بالىسى سۆزلىسۇن» دەپ قارالدى.ئاقىۋەتتە پۇل تېپىش ئۈچۈن قىسمەن ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنتلەر،ئەر-ئاياللار ئارىسىدىكى بەزى نازۇك پەدىشەپلەر بۇزۇلۇشقا،ئىلگىرى نومۇس دەپ قارىلىدىغان بەزى ئىشلار ئادەتتىكى ئىشقا ئايلىنىشقا باشلىدى.مەسىلەن،ئايالىنى ھاراق دۇكىنى ئېچىشقا يول قويۇش،تېخى توي قىلمىغان ئوغلىغا پۇلى،مائاشى بار دەپ بالىسى بار ياكى توي قىلىپ ئاجرىشىپ كەتكەن چوكانلارنى مەجبۇرى ئېلىپ بىرىش،تېخى توي قىلمىغان كىچىك قىزىنى پۇلى ياكى خىزمىتى بار دەپ ۋە ياكى ئەمىلى بار دەپ بۇ قىزدىن ياشتا خېلى بەكلا چوڭ،بىر ياكى بىرنەچچە بالىسى بار، ئاتىسى دېمەتلىك كىشىگە ياتلىق قىلىش،پەرزەنتلىرىدىن تاللىغان لايىقىنىڭ«خىزمىتى بارمىكەن،ئاتىسى باشلىقمىكەن،بايمىكەن…» دىگەنلەرنى ئەيمىنمەيلا سوراش ھەم شۇنداق بولۇش تەلىپىنى قويۇش…قاتارلىق نومۇسسىز قىلمىشلار پەيدا بولۇشقا باشلىدى. بۇرنقى مەرت كىشىلەرنىڭ قىسمەن ئەۋلاتلىرى سەل نامەرتلەشتى، بۇ نامەرتلەرنىڭ قىسمەن ئەۋلاتلىرى ئەمدىلىكتە بولسا نومۇسسىزلاشتى.بۇرۇنلاردا بولسا باشقىلاردىن  ئۆز مەھەللىسىنىڭ يامان گىپىنى ئاڭلىسىمۇ نارازلىق بىلدۈرۈپ،ئۆكتە قوپىدىغان كىشىلەرنىڭ ھازىرقى ئەۋلاتلىرى بولسا، يۈزىدىن يۈزىگە ھاقارەت قىلىنسىمۇ لام-جىم دىمەي تۇرىدىغان قورقۇنچاقلاردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقتى.«غۇرۇر،ۋىجدان،نومۇس تۇيغۇسى دىگەنلەرگە قوساق تويامتى؟»دىگەندەك گەپلەرنى ھېچ نومۇس قىلمايلا دىيەلەيدىغان بولدى.شۇ تاپتا مەن بۇ قۇرلارنى يېزىۋاتقىنىمدا ئىچىم ئۆرتىنىپ بوغۇزۇمغا بىر نەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك بولۇپ كەتتىم.بىزدىكى نومۇس تۇيغۇسى زادى نەگە كەتتى؟! تويماس نەپسىمىزگە تېگىشىۋەتتۇقمۇ؟

ئاپتورى :UYGHUR ACADEMY
گەپ قىلمىسا كەم سوز .يالغۇز يۈرسە يالغۇز دىمگىن ئۇلارنىڭ بېشىغا قانداق كۈنلەر كەلگىنى پەقەت ئاللاھ بىلدۇ
eltekin26
كۈلگىن، كۈلگىنىڭ سېنىڭ سالامەت،بەختلىك،شادىمان ..
دەرىجە: دائىملىق ئــەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 1424
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 1065
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1065دانە
ياخشى باھا: 344 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 812 سوم
تۆھپىسى: 348 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 2053(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-29
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-12-28
2 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 10:24

ھاراق ئىچمىگەنلەر باشلىق بولالمايدۇ ئەمەس، گەپ شۇ كىشىنىڭ ئەتراپىدىكى "دوس" ۋە خىزمەتداشلىرىنىڭ ئۇنىڭغا قانداق ياردەم قىلىشىدا. باشلىق ھاراق ئىچمىدىڭ دەپ كەتمىسىمۇ، "ئېچىتقۇ"لار، يۈزىدىن يۈزىگە "ھۆرمەت قىلمىدىڭ، نىيىتىڭ توغرا ئەمەس..." دېگەندەك "زەمبۇرۇغ" سۆزلەر بىلەن زىددىيەت پەيدا قىلىپ، كىشىنى تەڭقىسلىقتا قويىدۇ.
  بۇ تېمىدا ئېيتىلغان ئىش، مېنىڭ بېشىمغا كېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ، لېكىن ، ھازىرغا كەلگىچە ھاراق ئىچمەي مۇشۇ ئورۇنغىچە كەلدىم، كەلگۈسىدىكى خىزمەت ئورنىغا چىققىچىمۇ بەرداشلىق بېرىش، تاقابىل تۇرۇشنى ئويلىشىۋاتىمەن.
قوشقارنىڭ كەينىگە يانغىنى،قورققىنى ئەمەس.
albax
قايىللىق قۇرقۇشتىن ئەۋزەل!
دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 6147
  جىنسى: يوشۇرۇن
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 103
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە103دانە
ياخشى باھا: 17 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 2489 سوم
تۆھپىسى: 51 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 617(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-12
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-12-27
3 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 11:51

مىنى نەچچە قېتىم ، نۇرغۇن ئادەم ئەمدى ئىدارە باشلىقى بولدۇڭ ھاراق ئىچمەي قۇتۇلالمايسەن ، قانچىلىك ئىرادىلىك ئىكەنلىگىڭنى بىر كۇرۇپ باقىلى دىگەن . مانا بىر يىل بولدى مەن ئوخشاشلا ئىچمەيمەن . ئېھتىمال مەن بۇ يەردىكى بىردىنبىر ھاراق ئىچمەيدىغان باشلىق . نۇرغۇن بىردىنبىر لىرىم بار . ھەممىسى جاھىللىق ، قەيسەرلىك ،ۋاز كىچىشتىن قورقماسلىق ئارقىسىدا قولغا كەلگەن . شۇڭا دەيمەن : ئادەم ئۆزى بىرىنچى ئامىل ! مەن مەغلۇپ بۇلۇشۇم مۇمكىن ، لېكىن مەغلۇپ بولغىچىلىك چۇقۇم غەلىبە قىلىشقا تىرىشىمەن !
سودا تورى ،ئەڭ ياخشى مال سېتىۋىلىش سۇپىڭىز
alafasy
alafasy
دەرىجە: يېتىلىۋاتقان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 22705
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 313
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە313دانە
ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 1165 سوم
تۆھپىسى: 23 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 94(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-12-17
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-12-28
4 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 15:45

ئەجەپ ياخشى يېزىلىپتۇ دىسە
ئەلەفەسىي
Khalifa
ئىرادىسىز ياشاش،كىشىگە زۇلۇم.
دەرىجە: يېتىلىۋاتقان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 8329
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 269
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە269دانە
ياخشى باھا: 85 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 502 سوم
تۆھپىسى: 77 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 1724(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-29
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-12-28
5 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 16:49

...........ھاراققا ئىچىشكە مەجبۇرلىغانلىق..ھازىرقى زاماندىكى خۇشامەتچىلىك...........ئارقا ئىشكىنىڭ مېڭىش يۇلى....قاچانمۇ ئۇلۇغ دىيارىمىزدا مۇشۇنداق قالاق ئىللەت.تۈگەپ كېتەر....
haled
دەرىجە: يىـڭى ئــەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 21562
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 3
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە3دانە
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 12 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 24(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-12-09
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-12-28
6 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 16:54

ئاپتۇر (kapsiz) نىڭ يازمىسىغا

ياخشى يىزىپسىز  
     
ھەممە ئىش نىيەتكە باغلىق
sardar1123
بالىلىققا قايتقۇم بار !
دەرىجە: يىـڭى ئــەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 23822
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 1
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە1دانە
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 4 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 9(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-12-25
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-12-27
7 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 20:52

ياخشى يېزىپسىز !   
ئادەم بولماق بەك تەس .  لېكىن مېنىڭ يەنىلا ئادەم بولغۇم بار !
amanim
bu dunyada hakiki muhabat barmu
دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 19193
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 73
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە73دانە
ياخشى باھا: -3 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 54 سوم
تۆھپىسى: 15 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 10(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-11-26
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-12-27
8 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 23:27

ئەجەپ ياخشى يېزىلىپتۇ دىسە ؛
M@ζㄒAη@
@M@ζㄒAη
دەرىجە: يىـڭى ئــەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 23913
  جىنسى: يوشۇرۇن
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 19
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە19دانە
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 76 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 7(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-12-26
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-12-28
9 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 20سائەت ئىلگىرى 01:13

{sawapkar] دىگەن دوسـىمىز مۇ ياخشى يىزىپتۇ.....ئوقوپلا ئۇزۇمدىكى ناچار  ئىللەتنى ھىس كىلىۋاتىمەن.....
M@ζㄒAη@
kabiljan
axik yigit
دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 17099
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 110
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە110دانە
ياخشى باھا: 40 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 1562 سوم
تۆھپىسى: 74 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 712(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-11-10
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-12-28
10 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 19سائەت ئىلگىرى 01:27

مەنمۇ ھاراق ئىچمەيمەن، لىكىن شۇ سەۋەپلىك بالىقلىرىم مىنى كۆزگە ئىلمايدۇ.ئىچىدىغان خىزمەتداشلىرىم ئارىغا ئالمايدۇ.
قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن