پۈتكۈل دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن ‹Wikileaks› ۋەقەسى

«Wikileaks» ناملىق ئىنتېرنېت تور بېتى، ئامېرىكىلىق دىپلوماتلارنىڭ ئاتالمىش مەخپى ھۆججەتلىرىنى ئېلان قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. «Wikileaks» بۇندىن بۇرۇن ئېلان قىلغان ھۆججەتلىرىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئافغانىستان ۋە ئىراق ئەسكىرى ئوپېراتسىيەلىرنى پاش قىلغانىدى. «Wikileaks» يېقىندا كۆپ سانلىقى ئوتتۇرا شەرق رايونى دۆلەتلىرى ۋە بۇ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى نىشان قىلغان ھۆججەتلەرنى ئېلان قىلىشقا باشلىدى. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 250 مىڭ دىن ئارتۇق مەخپى ھۆججەتتىن ھازىرغىچە 10 مىڭغا يېقىنى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە تېخىمۇ كۆپ ھۆججەت تەدرىجىي ھالدا ئېلان قىلىنىدىكەن. ھازىرغىچە ئېلان قىلىنغان ھۆججەتلەردە رۇسىيە فېدېراتسىيەسىدىن فىرانسىيەگە، گېرمانىيەدىن كورېيەگىچە نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭ دائىرىلىرىدىن سىرت يەنە؛ تۈركىيە، ئىران، ئەزەربەيجان، مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىستان، سۈرىيە ۋە باشقا ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك دەۋالار ئورۇن ئالىدۇ. بەزىلەرگە كۆرە، «دىپلوماتىيەنىڭ 11 - سېنتەبىر ۋەقەسى» دەپ ئاتالغان بۇ پەۋقۇلئاددە ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟
:::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::
«Wikileaks» ناملىق ئىنتېرنېت تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ھۆججەتلەر شۇنچىلىك دەرىجىدە كۆپ ۋە ھەيران قالارلىق بولۇپ، ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان پۈتكۈل دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپىنى مەشغۇل قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىدا كۈنتەرتىپ ياراتقان بۇ ۋەقەنى كۆپ جەھەتتىن ئانالىز قىلىش مۇمكىن. چوڭ پارتلاشتىن كېيىن ماددىلارنىڭ پۈتكۈل كائىناتقا تارقىلىپ كەتكىنىگە ئوخشاش، «Wikileaks» ۋەقەسىدىن كېيىن نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەرنىڭ ھەممە ياققا تارقىلىپ پۈتكۈل دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپىگە ئايلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. بۇلارنىڭ ھەر بىرى ئالدىمىزدىكى كۈنلەر ۋە ئايلاردىمۇ ئىزچىل غۇلغۇلا قوزغايدىغاندەك قىلىدۇ. تۆۋەندە ئۈچ مۇھىم نۇقتا ھەققىدە توختىلىمىز:
بىرىنچى، بۇ ھۆججەتلەر ۋە مەزمۇنلىرىغا قارىتا قانداق پوزىتسىيە تۇتۇش كېرەك؟ ھەمدە قانچىلىق دەرىجىدە جىددىي قاراش كېرەك؟ بۇ ھۆججەتلەر، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئوخشىمىغان دۆلەتلەردە ۋەزىپە ئۆتىگەن دىپلوماتلىرى تەرىپىدىن ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ تەشكىل قىلىنىشىغا ھەسسە قوشۇش مەقسىتىدە يېزىلغان خەت - چەكلەردۇر. كۆپىنچىسى شەخسىي قاراش خاراكتېرىگە ئىگە بۇ خەت - چەكلەرنىڭ بەزىلىرى توغرا مەلۇماتلارغا ئاساسلانسا، يەنە بەزىلىرى تامامەن شەخسىي قاراش ۋە شەخسىي چۈشەنچە قاتارلىقلارغا ئاساسلىنىدۇ. دېپلوماتلار، ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدا قولغا كەلتۈرگەن بارلىق مەلۇماتلارنى ئىلمىي مېتودلارغا تايىنىپ سىناق ئېلىپ بېرىپ بېرىش ۋە ئىسپاتلاش ئارقىلىق ئۆز قاراشلىرىنى ھۆججەتكە ئايلاندۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە ئەمەس. دېپلوماتلار، مەلۇماتلارغا خۇددى ئالىملارغا ئوخشاشلا ئوبېيكتىپ مېتودلارغىلا ئاساسلىنىپ ئەمەس، تېخىمۇ كۆپ بيۇروكراتلار ھەتتا سىياسىئونلارغا ئوخشاش شەخسىي / سۇبيېكتىپلىق كۆزىتىشلەر ۋە مەلۇمات توپلاش يوللىرى ئارقىلىق ئېرىشىدۇ.
ئىككىنچى، تېخنىكىلىق جەھەتتىن، دېپلوماتلار ئوتتۇرىغا قويغان مەلۇماتلار ياكى كۆز قاراشلار، دىپلوماتىيە ۋە تاشقى سىياسەت تەشكىل قىلىنىشى ئۈچۈن «تەۋسىيە» خاراكتېرىگە ئىگە. دىپلوماتلارنىڭ مەلۇماتلىرى ۋە كۆز - قاراشلىرى، تاشقى سىياسەتنىڭ ئاساسلىق ئىجرا قىلغۇچىلىرى بولغان پىرېزىدېنت / جۇمھۇر رەئىس، باش مىنىستىر ۋە مىنىستىرلاردىن تەشكىل تاپقان مەركەزدىكى كۈچلەرنىڭ سىياسەت تەشكىل قىلىش باسقۇچىغا «ھەسسە قوشۇش» نى نىشان قىلىدۇ. مەركەزدىكى سىياسەت ئىجرا قىلغۇچىلار قارار چىقىرىشتا بۇ تەۋسىيەلەرنى نەزەرگە ئېلىشلىرىمۇ، ھېچ ئېتىبارغا ئالماسلىقلىرىمۇ مۇمكىن. دەرۋەقە سىياسەت ئىجرا قىلغۇچىلار، دىپلوماتلارنىڭ ھەر بىر مەلۇمات ۋە كۆز قارىشىنىڭ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلمايدىغانلىقىنى ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ. شۇنداقلا ھەر بىر سىياسەت ئىجرا قىلغۇچىسىنىڭ قانچە يۈز مىڭلىغان ھۆججەتنى ئوقۇشقا نە ۋاقتى، نە سەۋرى - تاقىتى يەتمەيدۇ.
باشقىچە ئېيتقاندا، «Wikileaks» ناملىق ئىنتېرنېت تور بېتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ھۆججەتلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ھېچ ئىشلىتىلمىگەن بولۇش ئېھتىمالى ناھايىتى يۇقىرى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، مەركەزدىكى سىياسەت ئىجرا قىلغۇچىلارنىڭ بىر بىرىدىن پەرقلىق كۆز قاراشلاردىن تەشكىل تاپقان ھۆججەتلەرگە ئاساسلىنىپ قارار چىقىرىشى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلانغىنىدەك، بۇ ھۆججەتلەردىن بىر - بىرىگە زىت كۆز قاراشلار ۋە مەلۇماتلار ئورۇن ئالماقتا.
روشەنكى، بۇ ھۆججەتلەرنىڭ مەزمۇنىغا قاراپلا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ مەلۇم بىر دۆلەت ياكى رايونغا قارىتا يولغا قويغان ياكى قويۇاتقان سىياسىتى ھەققىدە ئېنىق چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش مۇمكىن ئەمەس. بۇ ھۆججەتلەردىن قايسىسىنىڭ ئېتىبارغا ئېلىنغانلىقى ۋە ئىشلىتىلگەنلىكىنى بىلىشمۇ مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا «Wikileaks» ناملىق ئىنتېرنېت تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ھۆججەتلەرنىڭ كۆپىنچىسىگە گۇمان بىلەن قاراشقا توغرا كېلىدۇ.
ئۈچىنچى، شۇنداقتىمۇ بۇ ھۆججەتلەردە ئوتتۇرىغا چىققان ۋە نەزەرگە ئېلىشقا تېگىشلىك ناھايىتى مۇھىم بىر نۇقتا بار. ئۇ بولسىمۇ ھەم ۋەزىپىلىرى ھەمدە شەخسىي ئالاھىدىلىكلىرى تۈپەيلى، ئامېرىكىلىق دىپلوماتلارنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە غەيرىي ئېتىكىلىق بىر خىل كاراكتېرگە ئىگە ئىكەنلىكىدۇر. بۇ ھۆججەتلەر مەيلى ئىشلىتىلگەن بولسۇن ياكى ئىشلىتىلمىگەن بولسۇن، ئامېرىكىلىق دىپلوماتلارنىڭ باشقىلار بىلەن مۇناسىۋەتلىرىدە قانچىلىك دەرىجىدە ئىككى يۈزلىمىچىلىك قىلغانلىقىنى، ئۇلار توغرۇلۇق نە قەدەر كۆپ غەيۋەت شىكايەتتە بولغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى.
بۇ غەيرىي ئېتىكىلىق ئەھۋاللار، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ دۇنيا سىياسىتىدە تۇتقان ئورنى ۋە رولىغىمۇ ئەكس تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە. دەرۋەقە دۇنياغا قانۇن نىزام ئورنىتىش، ھەمدە تىنچلىق، مۇقىملىق ھەتتا دېموكراتىيە قاتارلىق قىممەت ئۆلچەملىرىنى كەڭ تارقىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچلۈك بىر دۆلەتنىڭ ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلىرى ۋە دىپلوماتىك بىيۇكراتىيەنىڭ، بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن قانچىلىك دەرىجىدە يىراق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى. يەنە بۇ ھۆججەتلەردىن، ئامېرىكىلىق دىپلوماتلارنىڭ دۇنيا قارىشىنىڭ مۈجمەل ئىكەنلىكىنى، باشقا دۆلەتلەرنى تونۇپ يېتىشلىرىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى، ئانالىزلىرىدا قانچىلىك دەرىجىدە تەكەببۇرلارچە پوزىتسىيە تۇتقانلىقلىرىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
بۇنداق بىر ئامېرىكا دىپلوماتىيەسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشىنى كۈتۈش توغرا بولماسلىقى مۇمكىن. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئوتتۇرا شەرق، ئىراق، پەلەستىن نەمۇلىرىدىكى مۇۋەپپەقىيەتسىزلىكلىرىنىڭ سەۋەبىنىڭ بېشىدا، ئەنە شۇ دىپلوماتىك سىستېما كېلىدۇ، دېسەك نېمىشقا بولمىغۇدەك؟
خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا، «Wikileaks» ناملىق ئىنتېرنېت تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ھۆججەتلەر ئومۇمەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى خۇسۇسەن ئوباما ھاكىمىيىتى ۋە ئۇنىڭ دىپلوماتىك خادىملىرىنى ناھايىتى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى، شۇنداقلا نوپۇزى ۋە دۇنيادا تۇتقان ئورنىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزدى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بۇ قىيىن ئۆتكەلدىن ھىلارىي كلىنتونغا ئوخشاش پەقەت كەچۈرۈم سوراش بىلەنلا ئۆتەلىشى مۇمكىن ئەمەس. دەل ئەكسىچە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئېتىبارىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرەلىشى ۋە «Wikileaks» خارابىلىكلىرىنىڭ ئاستىدىن قۇتۇلۇپ چىقالىشى ئۈچۈن، ئالدى بىلەن، ئوچۇق - يورۇقلۇق، توغرا، دۇرۇس ۋە «ئىنسانپەرۋەرلىك» قاتارلىق قىممەت ئۆلچەملىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا يۇقىرى سەۋىيەلىك دىپلوماتىيە سىياسىتىنى يولغا قويۇشىغا توغرا كېلىدۇ. بۇ دائىرىدە، «دىپلوماتىيەنىڭ 11 - سېنتەبىر ۋەقەسى» نىڭ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى 2001 - يىلقى 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن كۆرۈلگەن كۈچكە تايىنىدىغان ۋە تەكەببۇرانە پوزىتسىيەسىدىن ۋاز كەچتۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىسا ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق بولمايدۇ.
[ بۇ يازما ئۇيغۇرۇم007 تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]