مۇنازىرە قىلىپ كۆرەيلى.
coWB KWF يىڭناسقۇ 麦粒肿
gy{
a+Wbc* p[b\x_0%c سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، بۇزۇق سەۋدا ۋە قان خىلىتىنىڭ يەرلىك ئورۇنغا تەسىر كۆرسىتىشى، ئاچچىق – چۈچۈك نەرسىلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش نەتىجىسدە ھەزىم قىلىش ياخشى بولماي، خام خىلىتنىڭ ھاسىل بولۇشى ھەمدە تازىلىققا قىلماسلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئالامىتى: كۆز گىرۋەكلىرىنىڭ ئاستى ياكى ئۈستىدە دەسلەپتە كىچىك مۇدۇر پەيدا بولۇش، ئازراق قىچىشىش، ئاغرىش، تەدرىجىي مۇدۇر دائىرىسى قىزىرىپ، ئاغرىق كۈچىيىپ، مۇدۇر ئۇچى ئاقىرىپ، يىرىڭ يىغىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 1 – رېتسېپ تەركىبى: رۇسۇت، گىلى ئەرمەن ئۈچ گرامدىن، مامسا بىر گرام. تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، كاسىنە سۈيى بىلەن يۇغۇرۇپ خېمىر تەييارلىنىدۇ. ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىنىدۇ. 2 - رېتسېپ تەركىبى: سەبرە سۇقۇترى، ئوسارە ئەپسەنتىن، مەستىكى رۇمى، غارىقۇن 10 گرامدىن، ئاچچىقتاۋۇز، سوقمۇنىيا بەش گرامدىن. تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، كەرەپشە سۈيى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ. ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېىتمدا 2 ~ 6 تالدىن ئاخشىمى ئىستېمال قىلىنىدۇ. 3 – رېتسېپ تەركىبى: سېرىق ھېلىلە پوستى 30 گرام، تەمرى ھىندى 60 گرام، ئەينۇلا 30 دانە، سەرپىستان، بىنەپشە، سېرىق ئوت ئۇرۇقى، كاسىنە ئۇرۇقى 15 گرامدىن، پۇنۇس 75 گرام، تەرەنجىبىن 60 گرام. تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى سۇغا بىر سوتكا چىلاپ قويۇپ، ئەتىسى قاينىتىپ تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ، مەتبۇخ تەييارلىنىدۇ. ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
tX251S pd#/;LT http://www.4tadu.com ئۇيغۇر تېبابەت بلوگى يازغۇچىسى سەيپىدىن تەييارلىغان.
&f*d FUM]I sYXS#;|M يىڭناسقۇ ھەققىدە ۋە نۇر بىلەن داۋالاش ھەققىدە بىلىمى بار دوستلارنىڭ بىزنى قايىل قىلارلىق ئىسپاتلاشلار بىلەن تەمىنلىشىنى ئىستەيمىز. تۆۋەندىكىلەر بلوگدىكى بىر تۈركۈم ئىنكاسلار......
.N=hA سەيپىدىن:
+]-KzDsr"V سالام ياسىنجان، كونىلار يىڭناسقۇ چىقىپ قالغان كۆزگە يىڭنە ئېسىپ قۇيىدىكەندۇق ، بەلكىم بۇنىڭ بىرەر ئىلمىي ئاساسى بولۇشى مۇمكىن، بۇ ھەقتە بىلىدىغانلىرىڭىزنى سۆزلەپ بىرەمسىز ؟ رەھمەت !
z (3"\ ^T %U
GlAyj [Ni4[\ 4تادۇ :
[f
p"MPP3 Nd!VR+IZ ئېسىمدە قالغانلىرى بەكلا چولتا بولۇشى مۇمكىن، بىر يەردىن ئوقۇشۇمچە بۇنى ھازىرقى زاماندىكى نۇر ئارقىلىق داۋالاش بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرۈپتىكەن. مەن ئىزدىنىپ ئاندىن تولۇقلىما ئىنكاسىمنى يازاي.
8-:k@W D,\=zX; : Eparhan
-`OR6jd سالام ياسىنجان. مەنمۇ شۇنداق بىر گەپ ئاڭلىغان ھەم كۆرگەن
>Mw &Tw}o يىڭناسقۇ چىقىپ قالغان كۆز بار تەرەپتىكى قولغا قىزىل لاتا چېگىپ قۇيۇش بۇنىڭمۇ بىر ئاساسى بارمىدۇ؟ ياكى بۇنى كونىلىق دىيىش كېرەكمۇ؟
(x
qA.(F Nz*sD^SJa 4تادۇ :
d|]O<]CG_ كېسەل داۋالاشنىڭ ئۇسۇلى ھەر خىل بولۇشى مۇمكىن، كونىلاردا قورسىقىڭ ئاغرىسا گېلىڭنى يىغ، كۆزۈڭ ئاغرىسا قولۇڭنى دېگەن گەپ بار(بۇ ماقال – تەمسىل تازا تولۇق ئىسىمدە قالماپتىكەن، توغرا خاتالىقىغا ئىشەنچ قىلالمىدىم). خۇددى شۇنىڭدا دېيىلگەندەك يىڭناسقۇ چىققان تەرەپتىكى قولىغا قىزىل لاتا چىگىپ قويسا ئاشۇ قولىنى قالايمىقان مىدىرلاتماي تۇرۇشى ۋە شۇ سەۋەبتىن يىڭناسقۇنىڭ ساقىيىشى تىزلىشىشى مۇمكىن. كونىلارنىڭ ھەر ئىشىنىڭ ئاساسى بار، لېكىن بۇلار ھازىرغا كەلگەندە ئىسپاتلاشنى كۈتۈپ يېتىپتۇ، بۇرۇنغۇ نېرى-بېرىسىنى سۈرۈشتۈرمەي قىلىدىغان، لېكىن ھازىر ئۇنداق ئەمەس، بىر بولسا پۈتۈنلەي كونىلىق (توغرىسى خۇراپىيلىق بولسا كېرەك)دەيدىغان ياكى بولمىسا شۇنىڭغىلا ئېسىلىۋېلىپ باشقا داۋالاشلارنى قىلمايدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىۋاتىدۇ.
W(h8!} hyiMOa سەيپىدىن :
-vHr1I< مېنىڭچە ، قولدا بەدەننىڭ باشقا جايلىرىغا قارىغاندا مىكرو ئورگانىزىملار كۆپرەك بولىدۇ ، يىڭناسقۇ چىققان جاي قىچىشىدۇ ، كىيىن ئاستا-ئاستا ئاغرىشقا باشلايدۇ ، قول بىلەن بىۋاستە تاتىلاش ياكى بېسىش ھەركىتىنى ئېلىپ بارغاندا يەرلىك ئورۇن ناھايتى ئوڭايلا يۇقۇملىنىشى مۇمكىن.شۇڭا لاتا چىگىپ قويىدۇ، نىمىشقا قىزىل لاتا چىگىپ قويىدۇ ؟ بۇنى مەنمۇ ئويلاپ باقماپتىكەنمەن، بەزىدە ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ئەقلىگە ھەيران قالىدۇ كىشى…
P/Kit?kngS toqzS!&.v نېمىشقا چىگىپ قۇيۇلىدىغان لاتىنىڭ قىزىل بولىدىغانلىقىنى بەلكىم ماۋۇ نوقتىدىن چۈشەنسەك بولامدىكىن: ئادەتتە نۇرلارنىڭ دولقۇن ئۇزۇنلىقى تەرتىپى قىزىل،قىزغۇچ سېرىق ،سېرىق،يېشىل ،كۆك ھاۋارەڭ…
ex\W]5 بۇ نوقتىدىن قارىغاندا ئۇلتىرا بىنەپشە نۇر ۋە ئېنفىرا قىزل نۇر قىزىل نۇردا ئەڭ ئاسان سۇنۇپ كۆزگە بولغان زىياننى ئازايتىشى مۇمكىن… سىلەر قانداق قارايسىلەركىن؟
YM`pNtQ KC:4 4تادۇ:
!y-2# راست، بۇ تەرىپىنى ئويلاشقا تېگىشلىك ئىكەن ھەم مۇمكىن بولسا ئىلمىي نۇقتىدىن ئىسپاتلاشنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ.
RR!!hY3 K