داۋامى ...
11
بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كىيىن، ئايقۇت ئىشتىن چۈشۈپ يەنە ئادىتى بويىچە دوختۇرخانىغا ماڭدى. ھەر كۈنى ئىشتىن چۈشۈپ دوختۇرخانىغا بېرىپ چوڭ دادىسىنى كۆرۈۋېتىپ ئاندىن ئۆيگە قايتىش ئۇنىڭ كۈندىلىك ئادىتىگە ئايلانغانىدى. چوڭ دادىسىمۇ ھەركۈنى ئايقۇتنى بىر كۆرمىسە چىدىمايتتى.
ئايقۇت ھارغىن ھالدا ياتاقنىڭ ئىشىكىدىن كىرىپلا ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالدى. كۆز ئالدىدىكى مەنزىرىدىن ئۇ قاتتىق ھەيران قالغانىدى، چوڭ دادىسىنىڭ كارۋېتىنىڭ يېنىدىكى ئورۇندا مىرئالىم ئالما ئاقلاپ ئولتۇراتتى. ئايقۇت بىر ئاز تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن يەنە دەرھال ئېسىگە كېلىپ چوڭ دادىسىنىڭ يېنىغا باردى.
_ تېچلىقمۇ، چوڭ دادا؟ قانداقراق تۇرىسەن؟
_ كەلدىڭمۇ بالام. كىلە، كەل، ما يېنىمدا ئولتۇر. بۈگۈن مىرئالىم بالام بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ خېلىلا كۆڭلۈم ئېچىلىپ ياخشى بولۇپ كەتتىم.
ئايقۇت بۇرۇلۇپ مىرئالىمغا قارىدى، ئۇ كىرگەندىن بۇيان مىرئالىمغا تېخى سالاممۇ قىلمىغانىدى.
ئۇلار بىر-بىرىگە قارىشىپ بىر پەس تۇرۇپ قالدى، مىرئالىمنىڭ كۆزلىرىدىن غەم-ئەندىشە تۇمانلىرى كۆتۈرۈلۈپ تۇراتتى، ئايقۇت بولسا ھودۇققان كىيىكنىڭكىدەك كۆزلىرىنى ھەريان ئەپقېچىشقا ئۇرۇناتتى.
- تېلىفۇنىڭنى...
- ياخشى تۇردۇڭمۇ؟_ مىرئالىم ئەمدىلا گەپ باشلىشىغا، ئايقۇت گەپنى بۇرىۋەتتى.
- ياخشى، ئۆزەڭچۇ؟
- مەنمۇ ياخشى.
ئايقۇت مىرئالىمنىڭ بۇ يەردە ئارتۇق سۆزلىشىدىن ئەنسىرەپ چوڭ دادىسغا قايناقسۇ ئەكىرمەكچى بولۇپ سىرتقا مېڭىۋىدى، ياتاقنىڭ ئىشىكىدىن ئايقۇتنىڭ ئاپىسى بىلەن دادىسى كىرىپ كەلدى. ئۇلارنىڭمۇ كىرىپلا مىرئالىمغا كۆزى چۈشتى بولغاي، ئايقۇتنىڭ ئاپىسىنىڭ چىرايىدا بىلىنەر-بىلىنمەس كۈلۈمسىرەش پەيدا بولدى. ئايقۇت ئاپىسىنىڭ مەنىلىك كۈلۈشلىرىگە قاراپ، ئۇلۇغ كىچىك تىنغىنىچە سىرتقا چىقىپ كەتتى. ئۇ قايناقسۇنى ئېلىپ ياتاققا قايتىپ كىرگىنىدە ھەممەيلەن قىزغىن پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتى. ئايقۇت چاي دەملىگەن بولۇپ ياتاقتىكى ھەممىسىنىڭ چىرايىغا سەپ سالدى، ھەممىسى خۇشال، ھەممىسىنىڭ كەيپىياتى شۇنداق ياخشى، ئاددىيسى نەچچە ۋاقىتنىڭ ياقى تۈزۈك تاماق يېمەيۋاتقان چوڭ دادىسمۇ بۈگۈن مىرئالىم ئەكىرگەن پېتىر مانتىنى ئىشتىھا بىلەن يەپ، گەپ قىلىپ ئولتۇراتتى. بۇ ياتاقتا پەقەت ئايقۇتلا غەمگە چۈشكەن، پەقەت ئۇنىڭلا كەيپىياتى ئۇنچىۋالا ياخشى ئەمەس، لېكىن ئۇ چوڭ دادىسنىڭ بۈگۈنكى كەيپىياتىنى كۆرۈپ كۆڭلى خېلى خاتىرجەم بولۇپ قالدى.
- چوڭ دادا، ۋاقىتمۇ بىر يەرگە بېرىپ قاپتۇ، مەنمۇ قايتاي،- دېدى مىرئالىم ئورنىدىن قوزغالغاچ. ئۇ ئايقۇتنىڭ كىرگەندىن بۇيان ئۇنىڭغا تۈزۈك قاراپمۇ قويماي ئۆزىنىڭ ئىشىنى قىلىۋاتقىنىدىن ئۇنى خاپا بولۇپ قاپتۇ دەپ ئويلىدى.
- ماقۇل بالام، ۋاقتىڭ بولسا كەپ تۇرغىن، مەنمۇ زىرىكىپ كېتىدىكەنمەن بۇ يەردە. سەندىن بولسىمۇ يېزىدىكىلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلاپ تۇراي، كۆڭلۈم كۆتۈرۈلۈپ قالىدىكەن.
- بولىدۇ، ئامال بار كۈندە كېلىپ تۇرىمەن چوڭ دادا،- ئۇ بۇ گەپلەرنى دەۋېتىپ چاندۇرماي كۆزىنىڭ قۇيرىقىدا ئايقۇتقا قاراپ قويدى.
ئايقۇتنىڭ ئاپىسى تۇيۇقسىز:
- ئاي بالام، بۇ يەردە دادىڭىز بىلەن بىز بولغاندىكىن سىز قايتىۋېرىڭ بولمىسا،-دېدى.
ئايقۇت ئاپىسىنى مەقسىدىنى چۈشىنىپ قىزىرىپ يەرگە قارىۋالدى. بۇ ۋاقتتا چوڭ دادىسىمۇ :
- شۇنداق قىل بالام، مىرئالىم بالامنى ئۇزىتىپ قويغاچ سەنمۇ قايتىۋەر بولدى.
ئايقۇت ئۇلارغا گەپ تېپىپ بېرەلمەي ماقۇل دەپ سومكىسىنى قولىغا ئېلىپ مىرئالىم بىلەن ياتاقتىن چىقتى.
- بۇ نەچچە كۈن تېلىفۇنىڭنى ئېتىۋالغىنىڭدىنلا سېنىڭ قانداق جاۋاپ بەرمەكچى بولىۋاتقىنىڭنى بىلىپ بولدۇم، ئايقۇت. بولدى، سەنمۇ مەندىن قېچىپ بۇنچە قىينىلىپ يۈرمە. بۈگۈن گېپىڭنى ئاڭلاي دەپ كەلدىم، مەيلى قانداق جاۋاپ بەر، مەيلى نېمە ئويلىغان بول، گەپنى ئوچۇق قىلىۋىتەيلى، بولامدۇ؟- ئۇلار ياتاقتىن چىقىپ خېلى بىر يەرگىچە جىم ماڭغاندىن كېيىن مىرئالىم ئاخىر كۆڭلىدىكىنى دېدى.
- ...
- ئايقۇت، ساڭا گەپ قىلىۋاتىمەن. بۇنداق قىلىپ ئۆزەڭنىمۇ، مېنىمۇ قىينىما، ماقۇلمۇ؟ نېمە ئويلىغان بولساڭ بىر دەۋەتكىنە، سەندىن خوش بولاي!
- قورسىقىڭ ئاچتىمۇ؟ بىرەر يەردە تاماق يىگەچ پاراڭلىشايلى،- ئايقۇت شۇنداق دېگىنىچە مىرئالىمنىڭ بېلىكىدىن تارتتى. مىرئالىم ئۇنىڭ بۇنداق مۇئامىلىسىدىن ھېچنىمىنى چۈشىنەلمەي، گاڭگىرىغىنىچە ئۇنىڭغا ئەگەشتى.
ئۇلار «باي دادام تائاملىرى» ئاشخانىسىنىڭ دېرىزە تەرەپتىكى بىر ئورۇنغا كېلىپ ئولتۇردى. ئايقۇتنىڭ كاللسىدا ئاخىرقى توقۇنۇشلار بولۇۋاتاتتى، ئۇ بۇ نەچچە كۈندە قايتا-قايتا ئويلىنىپ مىرئالىمغا ماقۇل بولۇش نېيىتىگە كەلگەنىدى. لېكىن كۆڭلىدە يەنىلا بىر يەرلىرىدىن ئۇنىمايۋاتاتتى، بىر يەرلىرىدىن قانداقتۇر نەرسىلەرگە تارتىشىۋاتاتتى، ئاخىر ئايقۇت يەنىلا چوڭ دادىسى ئويلىدى. يەنە كېلىپ بايىقى ياتاقتىكى كۆرۈنۈشلەر، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ بۈگۈنكى خۇشال كەيپىياتى، بولۇپمۇ چوڭ دادىسنىڭ ئىپادىسى ئايقۇتنى ماقۇل دېيىشكە ئۈندەۋاتاتتى.
بۈگۈن مىرئالىممۇ جىمىپ كەتكەنىدى. ئۇ نەچچە قېتىم گەپ قىلىشقا ئاغزىنى ئۆمەللەپ بولۇپ توختاپ قالدى.
- ئويلىنىپ بولدۇڭمۇ؟- دېدى ئۇ ئاخىر غەيرەتكە كېلىپ.
- ...
ئايقۇت گەپ قىلمىدى، بۇنىڭ بىلەن مىرئالىمنىڭ ئۈنى تېخىمۇ ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى. ئۇلار شۇ تەرىقىدە ئولتۇرۇپ قالدى، بىر ۋاقىتلاردىن كېيىن مىر ئالىم يەنە ئېغىز ئاچتى.
- ئايقۇت؟
- ھە؟
- ماڭا بىر جاۋاپ بەرگىنە.
- ماقۇل،- ئايقۇتنىڭ ئاۋازى ئۆزىگە ئاران ئاڭلانغۇدەك چىقتى.
- ھە؟! ؟ ..
- ماقۇل شۇ،- ئايقۇت ئەمدى كەيپىياتىنى تەڭشىۋالغان بولۇپ، مىرئالىمغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ بېشىنى لىڭشىتقىنىچە بۇ گەپلەرنى ئېيتتى.
- ئاھ خۇدا ئايقۇت! ياشاپ كەت، جېنىم ئايقۇت!- مىرئالىم قاتتىق ھاياجانلاندى، ئۇنىڭ بايىقى جىمجىت كەيپىياتىدىن ئەسەر قالمىغانىدى،- ئايقۇت، ماڭا ئىشەنگىنىڭگە، ماڭا پۇرسەت بەرگىنىڭە رەھمەت... رەھمەت ساڭا ئايقۇت.
- ئايقۇت...
- ھە؟
- بىلىمەن، سېنىڭ كۆڭلۈڭ ئارامىدا ئەمەس، مېنى چىن دىلىڭدىن ياخشى كۆرمەيدىغىنىڭنىمۇ بىلىمەن. ئۆزەڭنى كۈلكىگە زورلاپ تۇرىۋاتقانلىقىڭنى ھېس قىلىۋاتىمەن.
- بۇنداق دېمە، مىرئالىم.
- ياق، مېنى دېگىلى قوي، ئايقۇت. بۇرۇنقى ئىشلارنى ئۇنتۇپ كېتەلمىگىنىڭنى بىلىمەن، لىكىن مەن تىرىشىمەن، بولامدۇ؟ ھامان بىر كۈنى سېنىڭ مېنى چوقۇم ياخشى كۆرۈپ قالىدىغانلىقىڭغا ئىشىنىمەن. سېنى چوقۇم بەختلىك قىلىمەن. مەنمۇ ئەسلى سېنى بۇنداق ئالدىراتمىسام بولاتتى، لىكىن... لىكىن... خاتىرجەم بول ئايقۇت، سېنى چوقۇم بەخىتلىك قىلىمەن... ماڭا ئىشەن.
ئايقۇت بېشىنى لىڭشىتتى. راستىنى دېگەندە، ئۇ نەچچە ۋاقىتتىن بۇيانقى كۆڭۈلسىز تۇرمۇشتىن زېرىككەن ئىدى. ئۇنىڭ بۇرۇنقى كۆڭۈلسىزلىكلەرنى بالدۇرراق ئاخىرلاشتۇرغۇسى، ئۆيدىكىلەرنىڭ كۆڭلىنى تىزراق خاتىرىجەم قىلغۇسى، ئۆزىنىڭمۇ بۇرۇنقى غەمسىز ھالەتلىرىگە قايتقۇسى كەلدى. قىسقىسى، بابۇرنىڭ سايىسى ئەگىپ يۈرگەن تۇرمۇشتىن يۇلقۇنۇپ چىققۇسى كەلدى. بۈگۈن ئۇ خوشالمۇ؟ بۇنىڭغا جاۋاپ بېرىش تەس. لىكىن ئۇنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇرۇپ تاماق يەۋاتقان بۇ يىگىتنىڭ، ئاتا-ئانىسىنىڭ، نەچچە كۈنلىكى قالغان چوڭ دادىسىنىڭ خوشال بولغانلىقى ئېنىق. شۇڭا ئايقۇتمۇ ئۆزىنى خوشال تۇتۇشقا تىرىشتى. ئۆز يېقىنلىرىنىڭ خوشاللىقىنى كۆرۈشنىڭ ئۆزىمۇ بىر بەخت ئەمەسمۇ؟ ئايقۇت مۇشۇنداق خىياللار بىلەن ئۆز كۆڭلىگە تەسەللىي ئىزدەۋاتاتتى.
ئۇلار تاماقنى يەپ بولۇپ،چاي ئىچكەچ پاراڭلىشىپ ئولتۇردى.
- ھەي، بۈگۈن ھەجەپ قىلدىڭ ئادەمنى خىجىل قىلىپ، سېنى دوختۇرخانىغا بارار دەپ ئويلىمىغانىدىم مەن.
- نېمە بولدى؟ تونۇشمايدىغان ئادەملەر ئەمەسقۇ بىز؟
- شۇنداقتىمۇ ... ئۆيدىكىلەرنىڭ ئالدىدا ئۆزەمنى قويىدىغان يەر تاپالماي قالدىم.
- ئۆزۈڭ جىق ئويلاپ كېتىدىكەنسەن، ئۆيدىكىلەرنىڭ مۇئامىلىسى شۇنداق ياخشىغۇ.
- ۋاي ئۆزۈڭگە ئالمىغىنىغە، مېھمانغا ئىللىق چىراي ئېچىش دىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ گۈزەل ئۆرپ-ئادىتى ئۇ .
- ھى ھى ھى ، ياق، پەقەت ماڭىلا شۇنداق ئىللىق مۇئامىلە قىلىدۇ .
- قېلىنلىقىنى...
-ئايقۇت...
- ھە ؟
- ئەتە ئىشقا بارماي، مىھمانغا تەييارلىق قىپ ئولتۇرۇپ تۇر ھە.
- ھە؟ نېمە مىھمان؟
- ئەلچىلەرچۇ؟
- ماڭەۋاي ساراڭ. نەدە شۇنداق تېز بولىدىغان ئىش بار؟
- ئاپاملار نەۋاخ دەيمەن تەييارلىنىپ بولغىلى، مېنىڭ گېپىمگىلا قاراپ ئولتۇرىدۇ.
-ۋاي توۋا دىگىنە.
-توۋا...
- مىرئالىم چاقچاق قىلما.
- مەن چاقچاق قىلمىدىم.
-ئەتە بىزنىڭ ئۆيدە ئادەم يوق تازا...
- ئۇنداقتا ئەلچىلەرنى دوختۇرخانىغا ئەۋەتىمەن ئەمىسە، چوڭ داداڭ ھېچ نەرگە چىقالمايدۇ.
- ھەي ساراڭلىق قىلما دەيمەن.
- قىلىمەن.
-ئەمىسە مەن يېنىۋالىمەن. ماقۇل دىگەنگە تويغۇزما مېنى.
- ھى ھى ھى ، قورقۇپ كەتكىنىنى بۇنىڭ، چاقچاق ھەممىسى.
- ئۇف..ساراڭ.
- ئۆتكەندە گۈلنى قولۇڭغا تۇتقۇزساممۇ شۇنداق دېگەنتىڭ. چىرايلىقراق گېپىڭمىغۇ يوق سېنىڭ.
- ھى ھى، شۇ ئەمدى.
ئۇلار پاراڭنى تۈگۈتۈپ يېنىپ چىققاندا كوچا چىراقلىرى يېنىپ، ۋاقىتنىڭ خېلى بىر يەرگە بېرىپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ تۇراتتى. مىرئالىم ئايقۇتنى ئىشىكىنىڭ ئالدىغا ئەكىلىپ قويۇپ قايتىپ كەتتى.
ئايقۇت ئۆيگە كىرگەندە ئاپىسى تېلىۋېزور كۆرۈپ ئولتۇراتتى.
- قايتىپ كەلدىڭىزمۇ قىزىم، تاماق يىگەنسىز؟
- ھەئە، يىگەن...- ئايقۇت سەل خىجىل بولۇپ گەپ قىلمىدى.
- ھە.. مەنمۇ تاماق يەپ كېلەرمىكىن دەپ ئويلىغان. مىرئالىم بىلەن يىگەنسىلەر ؟
- ھەئە...
- شۇنداق ئوڭلۇق بالا بوپتۇ دېسە...
ئاپىسى ئايقۇتنى قانداق پوزىتسىيەدە بولىدىكىن دەپ، قەستەن مىرئالىمنىڭ ئىسمىنى چىقاردى.
-ئاپا...
- قاراڭ شۇنداق ئەدەپلىك، تېتىك بالىكەن. يەنە تېخى كۆيۈمچان...
- ئاپا ... بولدى قىلىڭچۇ،- ئايقۇت خىجىل بولغىنىدىن يۈزلىرى قىزىرىپ ياتاق ئۆيىگە ئارانلا كىرىۋالدى.
شۇندىن كېيىن مىرئالىم دىگىنىدەك ھەر كۈنى دىگۈدەك دوختۇرخانىغا باراتتى، ھەر كىرگىنىدە، مانتا، كاۋاپ ياكى سامسا دىگەندەك بوۋاي ئامراق تاماقلارنى ئالغاچ كىرىپ چاي دەملەپ بېرىپ ئۇنىڭغا يىگۈزىۋېتىپ قايتىپ كېتەتتى. ئايقۇت ئىككىسىمۇ ھەر كۈنى ئايقۇت ئىشتىن چۈشكەندە كۆرۈشۈپ بىللە تاماق يەپ، چۆگىلەپ، بەزىدە تېخى دوختۇرخانىغا بىللە بېرىپ دىگەندەك كۈنلىرىنى بىر خىل رېتىم ئىچىدە ئۆتكۈزىۋاتاتتى.
- ۋاي مېڭىڭە، شۇنداقمۇ بولامدۇ؟
- بولمايچۇ؟
بۇ گەپلەرنىڭ ساھىبى بولغان ئىككىيلەن بىزگە ناتونۇش ئەمەس. ئۇلارنىڭ بىرى شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى ئىز-دېرىكى بولمىغان بابۇر، يەنە بىرى بولسا ئايقۇتنىڭ يېقىن دوستى گۈزەلنۇر ئىدى. ئىككىسى شۇ تەرىقىدە پاراڭلىشىپ ئاشخانىدىن چىقىشتى.
ئۇلار شۇنداق مېڭىپ تۇرسۇن، بىز بابۇرنىڭ يېقىنقى كۈنلەردىكى ئەھۋالىغا نەزەر سېلىپ باقايلى:
بابۇر ئايقۇتنىڭ ئۆيىگە تېلىفۇن ئۇرۇپ ئۇنىڭغا چۈشەندۈرەلمىگەندىن كىيىن، قانداق قىلىش توغرىسىدا كۆپ باش قاتۇردى. نىجادنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن، ئايقۇتقا توردا خەت قالدۇرغان بولسىمۇ، ھېچقانداق جاۋاپقا ئېرىشەلمىگەچكە، كۈندە ھەرخىل خىياللارنى قىلىپ تىت-تىت بولدى، جىلە بولدى، ئىچى سىقىلدى. ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ، بابۇرنىڭ قىلىشىنى كۈتۈپ تۇرغان بىر مۇنچە ئىشلار ئۇنى خېلىلا ھالسىراتتى. دېمىسىمۇ بابۇر ھەر كۈنى كۆپ قىسىم ۋاقتىنى دوختۇرخانىدا ئۆتكۈزەتتى، لىكىن ئۇ ھەر كۈنى ئوخشاش تەكرارلىنىۋاتقان تۇرمۇشتىن بۇرۇقتۇرمىچىلىق ھېس قىلدى ۋە ئەمدى خىزمەت تاپمىسا بولمايدىغان يەرگە يەتكەنلىكىنى ھېس قىلدى. شۇڭا ئۇ دادىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىغا پەرۋا قىلماي، ئۆزى ئېلانلارنى كۆرۈپ، بەزى شىركەتلەرگە بېرىپ سىناپ، ئامال بار شۇنداق باشقا ئىشلارغا ئۆزىنى ئۇرۇشقا تىرىشتى. سۈرۈشتۈرۈپ كەلسەك ئۇنىڭ ئەسلى مەقسىتى خىزمەتتىمۇ ئەمەس، لىكىن ئۇ شۇنداق ئالدىراشچىلىقلار ئارقىلىق قەلبىدىكى ھىجران ئوتىنى بىردەملىك بولسىمۇ ئۇنتۇشقا، ياق، پەسەيتىشكە ئۇرۇناتتى. لىكىن ئايقۇت ئۇنىڭ خىيالىدىن بىردەممۇ نېرى بولىدىغاندەك ئەمەس ئىدى.
« زادى قانداق قىلىش كېرەك؟ ئۇنى ئۇنتۇپ كېتىپلا ئازاد بولۇش كىرەكمۇ؟ ئايقۇت دېگەن ئىسىمنى كۆڭۈل خاتىرىسىدىن ئۆچۈرۈپلاۋېتىپ ئارام تېپىش كىرەكمۇ؟ ياق! بۇ مۇمكىن ئەمەس، قەتئىيلا مۇمكىن ئەمەس...»
شۇ كۈنلەردە بابۇرنىڭ مىجەزى بارغانسىرى چېچىلاڭغۇ بولۇپ كەتتى. ئۇ ھەتتا كىچىككىنە يوقىلاڭ ئىشلارغىمۇ چېچىلىپ، خاپا بولۇپ كېتەتتى، يولدا ماشىنا توسۇلۇپ قالسىمۇ كىملەرنىدۇ تىللاپ كېتەتتى، ئۆيدە بولسا بىرنەرسىلەرنى ئۇرۇپ چاققۇسى كېلەتتى. ئۇنىڭ ئەھۋالىنىڭ كۈندىن-كۈنگە يامانلىشىپ كېتىۋاتقىنىنى كۆرگەن ئاپىسى ئۆزى ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىپ نەتىجە چىقمىغاندىكىن، بابۇرنىڭ دوستتى نىجادقا تېلىفون قىلىپ، ئايقۇت بىلەن بابۇر ئوتتۇرىسىدا بولغان ئىشلاردىن ئاز-تولا خەۋەر تاپتى.
بىركۈن ئۆتتى، ئىككى كۈن ئۆتتى، بىر ھەپتىمۇ ئۆتتى، يەنىلا جاۋاپ يوق، بابۇر نەچچە قېتىم تورخانىلارغا كىرىپ ئۆزىنىڭ مۇڭداشقۇسىغا قارىدى، ھېچنىمە يوق. ئۇ خېتىنى يەنە قايتىلاپ ئەۋەتىپ باقتى، يەنىلا ھېچنىمە يوق. بابۇر شۇنداق ئىنتىزارلىق ئىچىدە بىر ئاينى ئۆتكۈزدى. بۇ بىر ئاي ئۇنىڭغا شۇنداق تەستە ئۆتتىكى، ئەيھانناس، بىچارە ساراڭ بولۇپ قالاي دېدى، لېكىن بىر ئايدىن كېيىنمۇ يەنە جاۋاپ يوق، يا خەت كەلمىدى، يا بىر تېلىفۇن كەلمىدى.
« نېمە قىلغىنى بۇ ئۇنىڭ؟ مۇشۇنداق قىلىپ كەتكۈدەك ئىشما بۇ؟ نېمانچە قىلىدۇ دەيمەن، مەنمۇ ئامالسىز تۇرسام، مېنىڭ ئورنۇمدا تۇرۇپ ئويلاپ باقسا بولمامدىغاندۇ؟ كەچۈرۈم سورۇدۇم، تېلىفۇنمۇ قىلدىم، خەتمۇ يازدىم، يەنە نېمە قىلىپ بەرسەم بولىدۇ؟ ئۇ ئۆزى يازلىق تەتىلدە كېلىپ ئۈرۈمچىدە خېلى ئۇزۇن تۇرىدىغانلىقى، ئۈرۈمچىدىن خىزمەت ئىزدەپ بېقىش توغرىلىق ئۆيدىكىلەرنىمۇ قايىل قىلغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرمىگەنمۇ؟ ئەجەپ مەن ئۇنى ئەشۇ بىر نەچچە كۈن ئىزدىيەلمەي قالغانغا مۇشۇنداق قىيداپ كەتتى-ھە؟ ئۆزى تېلىفۇننى ئالماي، يا يانفۇننى ئاچماي يوقاپ كېتىپ، ئەمدى مەندىن خاپا بولغىنى نېمىسكىنە؟» تورخانىدا ئۆزىنىڭ قۇرۇق خەت ساندۇقىغا قاراپ ئولتۇرۇپ، نېرۋىسى قالايمىقانلاشقانلىقتىن نۇرغۇن خىياللارنى قىلىپ كەتكەن بابۇر تۇيۇقسىز كومپىيوتېرنى پالاق-پۇلۇق ئۆچۈرۈپ قايتىپ چىقتى-دە، شۇنىدىن كېيىن خېلى ئۇزۇنغىچە تورخانىغىمۇ كىرمىدى. ئۇنىڭمۇ ئاچچىقى كەلگەنىدى، ئايقۇتنىڭ كىچىككىنە ئىشقا مۇشۇنداق قىلىپ كەتكىنىگە، شۇنچە قىلسىمۇ ئۆزىنى كەچۈرمىنىگە خاپا بولغانىدى.
ئۇ ئۈمىدسىزلىك ۋە ئالدىراشچىلىق ئىچىدە يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئويلاپمۇ باقمىغان بىرى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى. ئۇ كۈنى بابۇر ئالدىراش كېتىپ باراتتى، تۇيۇقسىز ئارقىدىن چىققان بىر ئاۋاز ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتتى.
- بابۇر؟
بابۇر ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ قارىدى. جاھان دىگەنمۇ كىچىك نېمە جۇمۇ. ئۇنىڭ كەينىدە ئايقۇتنىڭ يېقىن دوستى، پويىزدىكى ھېلىقى «ئۇرغۇي» گۈزەلنۇر تۇراتتى.
- ھوي، گۈزەلنۇرغۇ بۇ؟ بۇيەردە نېمە قىلىپ يۈرىسىز؟- بابۇر خوشاللىقىدىن كۆزلىرىگە ئىشەنمەيلا قالدى.
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ياخشى تۇردىڭىزمۇ ؟
- ئاپلا، ما دۆتلىكىمنى. ھەجەپ خىجىل قىلدىڭىزا ئادەمنى؟ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.
- ھى ھى ھى، بىر دەۋالدىم-دە! نېمە قىلىپ يۈرەتتىم شۇ، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كېلىپ، ئۈرۈمچىدە قېلىش ئۈچۈن خىزمەت ئىزدەپ يۈرىۋاتىمەن.
- ھە، مۇنداق دەڭ، توۋا بۇ يەردە ئۇچىرىشىپ قالغىنىمىزنى كۆرۈڭ.
- شۇنى دەيمەن، ئارقىڭىزدىن قاراپ بىرىگە ئوخشاتتىم، شۇمۇ-ئەمەسمۇ دەپ ئىشەنچ قىلىپ بولالماي قالغانىدىم.
-تاماق يېمىگەنسىز، يۈرۈڭ تاماق يىگەچ پاراڭلىشايلى.
بابۇر گۈزەلنۇردىن چوقۇم ئايقۇتنىڭ بىرەر خەۋىرىگە ئېرىشىمەن دەپ ئويلىدى، شۇڭا گۈزەلنۇرنىڭ يولدا بۇنداق تۇيۇقسىز ئۇچراپ قېلىشىنى ئاللاھنىڭ ئۆزىگە قىلغان ياردىمى دەپ ئىچىدە قاتتىق ھاياجانلاندى، لېكىن كۆرۈشە-كۆرۈشمەيلا ئايقۇتنى سوراپ كەتسە، سەل ياخشى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ ئۆزىنى تۇتىۋالدى.
ئۇلار ئاشخانىغا كېلىپ ئولتۇرۇپ تاماقنى بۇيرۇتقاندىن كېيىن بابۇر چاندۇرماي سورىدى:
- ئايقۇت بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇرىۋاتقانسىز؟
- ھە؟ ياقەي، يوقاپلا كەتتىغۇ ئۇ،- گۈزەلنۇر پەرۋاسىز ھالدا جاۋاپ بەردى.
- نېمىشقا؟
- ۋاي تاڭ، كىم بىلىدۇ، شۇ ئوقۇش پۈتتۈرۈپلا يوقاپ كەتكەن پېتى...
بابۇرنىڭ ئاخىرقى ئۈمۈدىمۇ يوق بولدى. «ئايقۇت گۈزەلنۇر بىلەنمۇ ئالاقىلاشمىغان بولسا... مەن بىلەن تېخى كۆرۈشمىسە... ئۇ بىرەر پىشكەللىككە ئۇچرىدىمۇ-يا؟» بابۇرنىڭ يۈرىكى ئەنسىز سوقۇپ، خىياللىرىنى داۋاملاشتۇرالماي قالدى. گۈزەلنۇر بابۇردا بولىۋاتقان بۇ كەيپىيات ئۆزگىرىشىگە قاتتىق دىققەت قىلىپ ئولتۇراتتى، ئۇ بابۇرنىڭ ئايقۇتنى خېلى بەك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، ئايقۇت بىلەن ئالاقىلىشالماي ئىچى پۇشۇپ يۈرگىنىنى ھېس قىلدى. تاماقمۇ ئانچە كۆڭۈللۈك بولمىغان كەيپىياتتا يەپ تۈگىتىلدى. تاماقتىن چىقىپ، گۈزەلنۇرنىڭ بابۇر بىلەن سىرتنى ئايلانغۇسى بار ئىدى، لېكىن بابۇر مۇھىم ئىشى بارلىقىنى ئېيتىپ ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىشقا تەمشەلدى.
- ئەمسە تېلىفون نۇمۇرىڭىزنىغۇ دەپ بېرەرسىز؟ مەن بۇ شەھەرگە مۇساپىر جۇمۇ.
- تېلىفۇن نۇمۇرۇم xxx،- بابۇر تېلىفۇن نۇمۇرىنى گۈزەلنۇرنىڭ يانفۇنىغا كىرگۈزۈپ بەرگەچ دېدى،- قانداق ئىشلار بولسا مېنى ئىزدەڭ، قولۇمنىڭ يېتىشىچە ياردەم قىلىمەن.
-ھە، ماۋۇ گېپىڭىز ئوغۇل بالىدەك بولدى مانا. ماقۇل ئەمسە كېيىن كۆرۈشەيلى.
- ماقۇل، خۇداغا ئامانەت
- خۇداغا ئامانەت.
بابۇر گۈزەلنۇرنى ماشىنىغا سېلىپ قويغاندىن كېيىن، يەنە دوختۇرخانىغا يۈرۈپ كەتتى. شۇندىن كېيىن نەچچە كۈنلەر ئۆتۈپلا گۈزەلنۇر بابۇرنى ئىزدىدى، بابۇرنىڭ چىققۇسى يوق بولسىمۇ گۈزەلنۇر ئايقۇتنىڭ يېقىن دوستى دەپ قارىغاچقىلا دېيىشكەن يەرگە باردى. گۈزەلنۇر ئۇنى تاماق يېيىشكە تەكلىپ قىلغانىدى، بابۇر گۈزەلنۇر بىلەن ئولتۇرسا تۈزۈك گەپمۇ تاپالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى، لېكىن گۈزەلنۇر بولسا توختىماي گەپ قىلاتتى. بابۇر ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ بېشىنى لىڭشىتىپ ئولتۇرۇپلا بېرەتتى.
12
شۇندىن كېيىن ئۇلار نەچچە قېتىم ئۇچرىشىپ تاماقلارغا چىقىپ، بىللە ئايلىنىپ يۈردى، بابۇر بۇ يالغۇز قىز بۇ يات شەھەردە يالغۇزسىراپ قالمىسۇن دەپلا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنى ئىقتىساسلىقلار بازىرىغا، خىزمەت تونۇشتۇرۇش ئورۇنلىرىغا ئاپىرىپ يۈرەتتى، گۈزەلنۇر بولسا ئىشلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئويلىغىنى بويىچە راۋاجلىنىۋاتقىنىدىن خۇشال ئىدى. ئۇنىڭ خىيالىچە بابۇرنىڭ دادىسىنىڭ ھوقوقى ئۇنى بۇ شەھەردە پۇت دەسسەپ تۇرغۇدەك بىرەر ئورۇنغا ئورۇنلاشتۇرۇشقا يېتەتتى.
- ئايقۇت بىلەن قانداق بوپ كەتتىڭلار؟
ئادەتتە ئايقۇتنىڭ گېپىنى بابۇرنىڭ ئالدىدا پەقەت چىقارمايدىغان گۈزەلنۇر بۇ قېتىم تاماق يەپ ئولتۇرۇپ شۇنداق سوراپ قالدى.
- نېمە تۇيۇقسىز بۇنى سوراپ قالدىڭىزغۇ؟
- تۈنۈگۈن تورغا چىقسام ئۇ چىقىپتىكەن، پاراڭلاشقان.
- ھە ؟ ئايقۇت تورغا چىقىپتىكەنما؟- بابۇرنىڭ كۆزلىرى چاقناپ كەتتى. ئۇ خۇددى چۆلدە يۈرگەن يولوچى تۇيۇقسىز سۇ مەنبەسىنى تاپقاندەك، قايتىدىن ئۈمىدكە تولدى.
- ھاياجانلانماڭە. شۇ تورغا چىقسام باركەنتۇق، نەچچە ئېغىز پاراڭلاشتىم.
- ئۇ ياخشى تۇرىۋېتىپتىمۇ؟ نېمە قىلىۋېتىپتۇ؟ نېمىشقا مېنى ئىزدىمەپتۇ؟ نېمە ئۈچۈن...
- ۋاي بۇلارنى سورىغىدەك بولمۇدۇم. دېمىسەممۇ بوپتىكىنا. قېنى بىر دەپ بېرىڭە ماڭا، ئىككىڭلار زادى قانداق بوپ كەتتىڭلار؟
بابۇر ئۇلۇغ كىچىك تىنىۋەتكەندىن كىيىن، ئايقۇتقا يازغان خېتىگە ئوخشاش، گۈزەلنۇرغىمۇ بولغان ئىشلارنى ئاساسىي جەھەتتىن بىر قۇر سۆزلەپ بەردى. تېخى ئاخىرىغا كېلىپ، ئايقۇتنىڭ ئۆزىگە چۈشەندۈرۈش پۇرسىتى بەرمىگەنلىكى، تېلىفۇننى ئالماي تۇرىۋالغانلىقى، ئىشلارنىڭ تەپسىلاتىنى بايان قىلغاچ ئۆز كۆڭلىنى ئىزھار قىلىپ شۇنچە ئۇزۇن خەت يازسا جاۋاپ قايتۇرمىغانلىقىنى، ئۈرۈمچىدە تۇرىمەن دېگەن ۋەدىسىگە ۋاپا قىلمىغانلىقى... قاتارلىقلارنىمۇ قوشۇپ قويدى. گۈزەلنۇر ھەيران قالغان قىياپەتتە سورىدى:
- ھە؟ ئىلخەتمۇ يازغانمىتىڭىز؟ قاچان؟
- 2- ئايلاردىغۇ دەيمەن، ئىچكىردىن كېلىپلا ئۇنىڭغا تېلىفۇن قىلىپ چۈشەندۈرەلمىگەندىن كىيىن يازغان.
- لىكىن ئايقۇت تۈنۈگۈن ئۇنداق خەتنىڭ گېپىنىمۇ قىلمىدى.
- ھە؟
گۈزەلنۇر بابۇرنىڭ سالپىيىپ كەتكىنىگە قاراپ، ئايقۇتقا يەنە ھەسىتى قوزغالدى.
- كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ، بابۇر. ئۇ خېتىڭىزنى كۆرمەي قالغاندۇ، ياكى ئالدىراشچىلىقتا خەت قايتۇرالمىغاندۇ،- گۈزەلنۇر كۆڭلى خالىمىسىمۇ، بابۇرنىڭ كۆڭلىنى ياساش ئۈچۈن بۇلارنى دېدى.
- ئۇنىڭغا بىر ئىش بولدىمىكىن دەپ ئەنسىرەپ قېلىۋاتىمەن.
- ھېچ ئىش بولماپتۇ، ئۇ شۇنداق ياخشى تۇرىۋاتىمەن دەيدىغۇ؟ مېنىڭچە ئۇنىڭ سىزنى ياخشى كۆرىشىمۇ ناتايىن، بولمىسا خىيالىدا يوق يۈرمەستى؟
- ياق، ئۇ مېنى ياخشى كۆرىدۇ. چوقۇم...
- سىزنى ئۇنداق ياخشى كۆرگەن بولسا مىرئالىم بىلەن قايتا...
- ھە؟
- ھە، ھېچنىمە،- گۈزەلنۇر ئۆزىنىڭ ئاغزىغا ئۇرىۋەتكۈدەك بولۇپ كەتتى.
- دەڭە، نېمە مىرئالىم؟- بابۇر «مىرئالىم» دېگەن ئىسىمنى تېخى ئۇنۇتمىغان ئىدى، گۈزەلنۇرنىڭ ئاغزىدىن ئۇ ئىسىم چىقىشى بىلەنلا، بابۇرنىڭ يۈرىكى «ۋىژژىدە» قىلىپ، قۇيقا چېچى تىك تۇردى.
ئەمدى دېمەي بابۇردىن قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلغان گۈزەلنۇر ئامالسىز:
- شۇ ئايقۇت مىرئالىم بىلەن توي قىلىدىغاننىڭ گېپىنى قىلىۋاتقان.
- نېمە؟ توي؟!! نېمە توي؟ ئايقۇت مىرئالىم بىلەن توي قىلامدىكەن؟ مېنىڭ ئايقۇتۇم؟
- ئۇ ئۆتكەندە شۇنداقراق گەپلەرنى قىلغان. «ئات ئايلىنىپ ئوقۇرىنى تاپتى، زادى باشتىلا مىرئالىمنى تاللايدىغان ئىشكەنتۇق» دېگەندەك گەپلەرنى قىلىپ كاللامنى قايدۇرۇپلاۋەتتى. مەن گەپ قىلاي دەپ بولغىچە، «مىرئالىم ساقلاپ قالغانتى، كىيىن پاراڭلىشايلى» دەپ توردىن چۈشۈپ كەتتى. مەنمۇ قانداق ئىشلىقىنى بىلمەيلا قالدىم، ئۇنى ئۇنچىۋالا تېز ئۆزگىرىدۇ دەپ ئويلىماپتىكەنمەن... راستىنى دېسەم ئايقۇتنى تونۇيالمايلا قالدىم.
بابۇرنىڭ بېشىدا چاقماق چاققاندەك بولدى.
- بولدى، بابۇر، كۆپ ئويلاپ كەتمەڭ، ئۆزىڭىزنى تۈگەشتۈرىۋالىسىز. نۇرغۇن ئىشلار سىزنىڭ قىلىشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرىدۇ، ئاپىڭىزغا تېخى سىز بولمىسىڭىز بولمايدۇ، ئۇ ئىشلارنى ئۇنتۇپ كېتىڭ.
« ياق، بۇ... بۇ .. مۇمكىن ئەمەس، ئايقۇت توي قىلمايدۇ، ئۇ توي قىلسا بولمايدۇ! ياق، توي قىلىدۇ، لىكىن مەن بىلەن قىلىدۇ! ياق! ياق!» بابۇرنىڭ كاللىسى خۇددى ھازىرلا پارتلاپ كېتىدىغاندەك چىڭقىلىپ، قانلىرى ۋاراقشىپ قايناپ كەتكەندەك تۇيۇلۇپ كەتتى. «قانداقسىگە بۇنداق بولىدۇ؟ ئايقۇت...»
بابۇر ھېچنىمىگە قارىماي چىقىپ كەتتى، گۈزەلنۇرنىڭ ئۇنى چاقىرىشلىرىمۇ ئۇنىڭغا ئاڭلانمىدى. ئۇ توختىماي « بېرىشىم كېرەك، چوقۇم كۆرۈشۈم كېرەك» دىگەننىلا تەكرارلايتتى. ئۇ شۇ ماڭغىنىچە ئۇدۇل دوختۇرخانىغا بېرىپ ئاپىسىنىڭ يېنىغا كىردى، ئاپىسى يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ كىتاپ كۆرۈۋاتاتتى. ئۇ گەپنى نەدىن باشلاشنى بىلەلمەي بىرئاز تۇرۇپ قالدى.
- ئاپا...
ئاپىسى بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا قارىشى بىلەن تەڭ، بابۇرنىڭ دېماقلىرى ئېچىشىپ، بېشىنى تۆۋەن سېلىۋالدى.
- ھە؟ نېمە گېپىڭ بولسا دەۋەر، بالام،- ئاپىسى نۇرسىز كۆزلىرىنى ئۇنىڭغا تىكتى.
- ئاپا، مەن... مېنى كەچۈر ئاپا، ساڭا ياخشى قارىيالمىدىم.
- نېمىلەرنى دەيدىغانسەن؟ نېمە بولدۇڭ بۈگۈن؟ سەندەك ۋاپادار ئوغۇلنى تۇغقىنىم مېنىڭ بەختىم، جېنىم بالام!
بابۇرنىڭ ئاپىسى شۇنداق دېگىنىچە قولىنى سۇنۇپ، ئۇنىڭ يۈز-كۆزلىرىنى، باشلىرىنى سىلاپ ئۇنى باغرىغا ئالدى. شۇ تاپتا بابۇرنىڭ ئاۋازىنى بولىشىغا قويۇۋېتىپ، ئۈن سېلىپ يىغلىغۇسى كەلگەنىدى، يەنىلا ئۆزىنى بەكمۇ تەستە تۇتىۋالدى. لىكىن ئۇنىڭ كۆزىدىن ياش ئاقمىغان بىلەن يۈرىكىدىن زارداپ-قانلار تامچىلاۋاتاتتى.
- ئاپا، مەن بىر مەزگىل يېنىڭدا بولالمايدىغان بولدۇم. بىر يەرگە بارىدىغان جىددىي ئىشىم چىقىپ قالدى،- بابۇر ئاپىسىغىمۇ قارىماستىن، پەس ئاۋازدا شۇلارنى ئېيتتى. ئەمەلىيەتتە، ئۇ بۇرۇنلا نەچچە قېتىم ئايقۇتنىڭ يۇرتىغا بېرىپ ئۇنى ئىزدەشنى ئويلىغان ھەمدە بۇ خىيالىنى ئاپىسىغىمۇ دېگەن، لىكىن ئاپىسى ئۇنى يېنىدىن ئايرىشنى پەقەتلا خالىمىغاچقا، بابۇر ئاپىسىنىڭ كۆڭلىنى دەپ ئۇ نىيىتىدىن يانغان. بۇ قېتىممۇ ئاپىسىنىڭ قوشۇلماسلىقىنى كۆڭلى تۇيۇپ تۇرسىمۇ، لىكىن ئايقۇت بىلەن چوقۇم يۈز تۇرانە كۆرۈشمىسە بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلغان بابۇر يەنە بىر قېتىم بۇ ئىشنى ئاپىسىغا دىيىش ۋە قەتئىيلىك بىلەن چىڭ تۇرۇش قارارىغا كەلدى.
- بېرىپ ھېلىقى قىزنى ئىزدەمسەن؟ ماڭا قارا، بابۇر، جېنىم بالام، مېنىڭ بىر تاللا ئوغلۇم، جان-جېگىرىم، مەن نەچچە قېتىم دەيمەن، ئۈرۈمچىدىن پەقەت قىز چىقمامدۇ ساڭا؟ مېنى مۇشۇنداق تاشلاپ قويۇشقا كۆڭلۈڭ ئۇنامدۇ؟
- سەندىن ئۆتۈنەي جېنىم ئاپا، مېنى توسىما بولامدۇ؟ مۇشۇ بىر قېتىم، بىر قېتىملا! مەن سېنىڭ ئالدىڭدا مەڭگۈ قەرزدار، سېنىڭ مېنى باققان ئەجرىڭنى قانداق قىلىپمۇ قايتۇرۇپ بولالمايمەن. ئۆزەڭ بىلىسەن، شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى گېپىڭنى يىرماي كەلدىم، لىكىن بۇ قېتىم مېنى بارغىلى قوي، مۇشۇ بىر قېتىملا. ئوغلۇڭنىڭ بەختى بىلەنمۇ ھىسابلاشمامسەن، ئاپا؟- بابۇرنىڭ كۆز ياشلىرى چاناقلىرىدا لىغىرلاپ قالدى.
- ھېلىمۇ مەن سېنى بەختلىك بولسۇن دەپلا كېچە-كۈندۈز سېنىڭ غېمىڭنى يەپ كېلىۋاتىمەنغۇ، بالام؟
بابۇرنىڭ «ماڭا بۇنداق كۆيۈنۈشلىرىڭ كىرەك ئەمەس، ئاپا!» دەپ ۋارقىرىغۇسى كەلدىيۇ، لىكىن ئاپىسىنىڭ سارغايغان چىرايىغا، ئورۇقلاپ بىر تېرە، بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغان تۇرقىغا، ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ ئۆچەي دەپ قالغان شامدەك پىلدىرلاپ تۇرغان كۆزلىرىگە قاراپ، گېپىنى ئىچىگە يۇتۇپ، ئازاپ ئىچىدە ئوتقا چۈشكەن قىلدەك تولغاندى. ئۇنىڭ ھىجران ۋە كۈندەشلىك ئوتىدا پۇچىلانغان قەلبىنى ھېچبىر ئىنسان چۈشىنىدىغاندەك قىلمايتتى. بىر ئىنسان ئۈچۈن دۇنيادا ئانىدىنمۇ يېقىن كىم بار؟ ئانا—سىرداش، ئانا—گۈلخان، ئانا—غەمگۈزار، ئانا قەلبى—پەرزەنت جەننىتى. لىكىن بابۇرنىڭ ئاپىسى ئۇنىڭ قەلبىدىكىنى چۈشەنمەيدۇ، بەزى ۋاقىتلاردا ھەتتا چۈشىنىشنىمۇ خالىمايدىغاندەكلا قىلىدۇ.
بابۇر ئاپىسىنىڭ يېنىدىن قوپۇپ، دەرىزە ئالدىغا بېرىپ سىرتقا قاراپ بىردەم تۇردى. ئۇنىڭ قەلبى چېگىش خىياللار ۋە مۇرەككەپ ھېسىياتلار بىلەن تولغانىدى.
- ئاڭلىسام ئۇ قىز توي قىلماقچى بولىۋېتىپتىغۇ؟ شۇنداق تۇرسا يەنە ئۇنى ئىزدەپ بارامسەن؟ ئۇنىڭغا يالۋۇرامسەن؟
ئاپىسىنىڭ بۇ گەپلىرى بابۇرنى چۆچۈتتى. ئۇ ئىتتىك ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ ئاپىسىغا قارىدى.
- بۇنى قانداق بىلدىڭ؟
- قانداق بىلگەنلىكىم مۇھىم ئەمەس، لىكىن شۇنداقلىقى راستتۇ؟
- دېگىنە، ئاپا، قانداق بىلدىڭ؟- بابۇر ھەيران قېلىۋاتاتتى. ئۇ ئۆزىمۇ ئەمدىلا ئاڭلىغان خەۋەرنى ئاپىسىنىڭ ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئاڭلاپ بولغىنى قىزىق.
- گۈزەلنۇر شۇنداق دېدى.
- گۈزەلنۇر؟ ئۇ تېخى بۇيەرگىمۇ كەلگەنما؟ قاچان كەپتىكەن؟
- بىر قانچە قېتىم كەلدى. ھەر قېتىم كەلگىنىدە شۇنداق كايىپ بىر نەرسىلەرنى كۆتۈرۈپ كېلىدۇ، شۇنداق ئوچۇق، چىرايلىق قىزكەن، بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇنمۇ كەپتىكەن.
بابۇر بىر چاغلاردا گۈزەلنۇرنىڭ ئاپىسى ياتقان ياتاقنىڭ ئادرىسىنى سورىغانلىقىنى ئېسىگە ئالدى-دە، كۆزلىرىدىن غەزەپ ئۇچقۇنلىرى چاقناپ كەتتى. « گۈزەلنۇرنىڭ بۇ گەپلەرنى ئاپامغا دەپ يۈرۈشىنىڭ ئورنى بارمۇ؟ نېمە ئويلايدىكىن-تاڭ! »
- ياق، ئۇ يالغان دەپتۇ ئاپا، ئۇنداق ئىش يوق، ئايقۇت مەندىن باشقا ھېچكىم بىلەن توي قىلمايدۇ، ئۇ ھېلىھەم مېنى ساقلاۋاتىدۇ،- بابۇرنىڭ يۈرەكلىرى تەرتىپسىز سوقۇۋاتقان بولسىمۇ، ئۆزىنى ناھايىتى سالماق تۇتۇشقا تىرىشىپ، بۇ گەپلەرنى دېدى. ئۇ ئەنسىرەۋاتاتتى، بايا تېخى ئايقۇتنىڭ تويى توغرىسىدىكى خەۋەرنىڭ راست چىقىپ قېلىشىدىن، ئايقۇتنىڭ ئەتىلا بىرسى بىلەن توي قىلىۋىلىشىدىن ئەنسىرىگەن بولسا، ئەمدىلىكتە ئاپىسىنىڭ گۈزەلنۇر سەۋەبلىك بۇ ئىشقا تېخىمۇ بەك ئارىلىشىپ، توسقۇنلۇق قىلىشىدىن ئەنسىرىدى.
- يالغان؟ گۈزەلنۇر قانداقسىگە ماڭا يالغان ئېيتىدۇ، بالام؟ ئۇ ئايقۇتنىڭ دوستىكەنغۇ؟ شۇنداق ياخشى قىزكەن، ئۇمۇ ساڭا كۆيۈنۈپ، مېنىڭ ساڭا نەسىھەت قىلىپ قويۇشۇمنى ئۈمىد قىلىپ بۇ گەپلەرنى ماڭا دەپ بەردى...
- بولدى! سەن گۈزەلنۇرغا ئىشەن، مەن ئايقۇتقا ئىشىنەي، نېمىنىڭ راست، نېمىنىڭ يالغانلىقى ھامان ئايدىڭلىشىدۇ!- بابۇر يەنە چېچىلدى ۋە شۇ ئاچچىقلانغىنىچە ياتاقتىن چىقىپ كەتتى. لىكىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ يۈگۈرگەندەك مېڭىۋاتقان قەدەملىرى توختاپ قالدى. «ئاپامغا نېمە قىلدىم-ھە؟ بىچارە، ئاغرىق ئاپامغا مەن نېمە قىپ قويدۇم؟! ئاھ خۇدا! مەن نېمە بولدۇم؟ ئاپا، مېنى كەچۈرگىن، مېنىڭ كۆڭلۈمنى چۈشەنگىن، مېنى مۇشۇ بىر قېتىم بولسىمۇ ئۆز ئەركىمگە قويۇۋەتكىن. ئاپا، مەن ۋاپاسىز سېنىڭ كۆڭلۈڭگە ئازار بەردىم...» بابۇرنىڭ ئىككى تامچە يېشى شۇنچە تىركىشىشلەرگە قارىماي يەنىلا ئۇنىڭ يۈزىنى بويلاپ سىرغىپ چۈشتى. ئۇ نەچچە سىكۇنت تېڭىرقاپ تۇرىۋەتكەندىن كىيىن، تۇيۇقسىز بىر نەرسىنى ئېسىگە ئالغاندەك، يانفۇنىنى ئالغاچ، يەنە تېز قەدەملەر بىلەن ئۇزۇن يوللۇق قاتناش بېكىتىگە قاراپ ماڭدى.
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! نىجاد، بۇ مەن. مەن ھازىر جىددىي بىر يەرگە بارىدىغان بوپ قالدىم. بۇ بىر نەچچە كۈن...
- ۋوي، ۋوي، ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئالدىرىماي سۆزلىگىنە، نېمىگە بۇنچە ھاسىراپ كەتتىڭ؟
- ئالدىرىماي سۆزلىگۈدەك ۋاقىت يوق، ئاداش. سەن... سەن بۇ نەچچە كۈن ئاپامنى پات-پات يوقلاپ...
- ۋاي نېمە بولدۇڭ؟ تۈزۈك گەپ قىلە، نېمە بولدى؟ نەگە بارىسەن؟
- نەگە بارىدىغانلىقىنى كىيىن دەپ بېرىمەن. ئىشقىلىپ شۇنداق بولسۇن ئاداش، قاچان قايتىپ كېلىدىغانلىقىمنى ئۇقمايمەن، ئاپامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئەپ قوي، دادامغۇ بار، لىكىن دادام جىق ۋاقىت چىقىرىپ بولالمايدۇ.
- ماقۇل خاتىرىجەم بول.
بابۇر نىجادنىڭ تېلىفۇنىنى قويۇپ، بىكەتكە بېرىپ بىلەت ئالدى. ئۇ دادىسىغا تېلىفۇن قىلىپ ئۇنىڭغىمۇ ئەھۋالنى چالا-پۇلا چۈشەندۈرۈپ، بانكىغا بېرىپ پۇل ئېلىپ، لازىمەتلىك ئىشلارنى بىر قۇر بىجىرىپ بولغۇچە ماشىنىنىڭ ماڭىدىغان ۋاقتىمۇ توشۇپ قالغان بولۇپ، ئۇ ھەتتا بىرەر بوتۇلكا سۇمۇ ئېلىۋىلىشقا ئۈلگۈرمەي ماشىنىغا چىقىپ، ئايقۇتنىڭ يۇرتىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.
- ھە، ماقۇل. ئەمىسە كەچتە دوختۇرخانىغا ئۆزەم باراي. سەن ئىشلىرىڭنى قىلىۋەر... ۋاي، ھەئە، خاتىرىجەم بولە. ماقۇل، خوش.
ئايقۇت مىرئالىمدىن كەلگەن تېلىفۇننى قويۇپ، ئەمدىلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇقىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن قولىغا قەلەم ئېلىپ تۇرىۋىدى، ئىشىكتىن كىرىپ كەلگەن خىزمەتدىشى ئالىيە ئۇدۇل ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، كۈلگىنىچە دېدى:
- ئايقۇت، ئاشىقلار رەت-رەتمۇ تىزىلىپ كەتتىمۇ نېمە؟
ئايقۇتمۇ ئۇنىڭ گېپىدىن كۈلۈپ كەتتى:
- ۋاي نەدىكىنى؟
- بايا قەلەم سېتىۋالغىلى دەرۋازىنىڭ ئالدىغا چىققانتىم، قارىسام بىرسى تۇرۇپ كېتىپتۇ ئېڭەك يۆلەپ.
- ھە؟ مېنى ساقلاپما؟
- ئەلۋەتتە.
- كىملىكىنى دېمىدىمۇ؟
- ياق، كىلىشكەن بىر ياش بالىكەنغۇ؟
- ھە.
ئايقۇت ئالىيەگە رەھمەت ئېيتىپ سىرتقا ماڭدى، بۇ كىمدۇ دىگەن سۇئال ئۇنى قىزىقتۇراتتى. « مىرئالىم؟ لېكىن ئۇنىڭ بىلەن تېخى بايىلا سۆزلەشكەن تۇرسام؟ ماڭا كەچتە ئىشىم بار دەپ قويۇپ تۇيۇقسىز ھەيران قالدۇراي دېدىمۇ-يا؟ ياق، ئالىيە ئۇنى ئۆتكەندە كۆرگەن، مەكتەپتىكى يېقىن ئۆتىدىغان بىر نەچچەيلەنمۇ ئۇنى تونۇيدىغان تۇرسا. ئۇنداقتا ... بەلكىم بىرەر ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىىسىدىكىلەردۇ... ياكى... ۋاي ئالىيە كېلىشكەن بالىكەن دەپ چاقچاق قىپ قويدىمۇ تېخى، كىم بىلىدۇ...» ئايقۇت شۇلارنى كاللىسىدىن ئۆتكۈزگەچ مەكتەپ دەرۋازىسىغىمۇ ئاز قالدى. ئۇ كۈن نۇرىدا كۆزلىرىنى ئاچالماي، قولىنى پىشانىسىگە تېرەپ سايە چۈشۈرۈپ، ئۇياققا قارىدى. بويلىرى ئىگىز بىرى مەكتەپ ئىچىگە كەينىنى قىلىپ تۇراتتى. « تونۇشتەك قىلىدىغۇ بۇ گەۋدە؟» ئايقۇتنىڭ يۈرىكى جىغ قىلىپ قالدى. « ياق، مۇمكىن ئەمەس، قەتئىي مۇمكىن ئەمەس، ئارتۇق ئويلىماي بولدى» ئۇ ئۆزىنىڭ خىيالىنى مەجبۇرى ئۈزۈپ دەرۋازا ئالدىغا چىقتى. ئۇنىڭغىچە ھېلىقى گەۋدە تۇيۇقسىز بىر نەرسىنى سەزگەندەك ئارقىسىغا ئۆرۈلدى.
« ئاھ خۇدا... بۇ ... » ئايقۇت ئايلىنىپ چۈشكىلى تاس قالدى، كۆز ئالدىكى بۇ ئادەم ئۇ كۆرۈشنى شۇنچە ئارزۇ قىلىپ ئىنتىزار بولغان، كېچە-كېچىلەپ ئۇيقۇدىن بىدار قىلىپ، ئۇنى تۈگىمەس سېغىنىشقا، تەلپۈنۈشكە مەھكۇم قىلغان بابۇر...
ھەقىقەتەن بابۇر ئايقۇتنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى. بابۇرنىڭ بۇرۇنقى كېلىشكەن تەقى-تۇرقىمۇ، چاچ پاسونىمۇ، كىيىنىش ئۇسلۇبىمۇ ھېچقانچە ئۆزگەرمىگەن. ياق! بۇلارنىڭ ئۆزگەرمىگىنى ھېساپ ئەمەس! ئەمەلىيەتتە ھەممىسى ئۆزگىرىپتۇ، ھېلىقى ئىللىق كۈلۈمسىرەپ تۇرىدىغان چىراي بۇرۇنقى نۇرانىلىقىنى يوقىتىپتۇ، ھېلىقى «سۆزلىيەلەيدىغان» كۆزلەر ئاللىقانداق قايغۇ-ھەسرەت تەسىرىدە جانسىز تىكىلىدىغان بولۇپ قاپتۇ. يەنە...
ئۇلار جىمجىت ھالدا بىر-بىرىگە قارىشىپ قانچىلىك تۇرغىنىنى بىلمىدى. لىكىن تىكىلىشىپ تۇرغان ئىككى جۈپ كۆزنىڭ ۋە بىر-بىرىگە تەلپۈنۈپ تۇرغان بىر جۈپ يۈرەكنىڭ قانچىلىك كەسكىن «كۆرەش»لەرنى باشتىن كەچۈرىۋاتقانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئەمەس ئىدى.
بابۇر يول بويى ئايقۇت بىلەن كۆرۈشكەن چاغدىكى ئەھۋاللارنى پەرەز قىلىپ، ئايقۇتنى ئۆزىنى كۆرۈش بىلەنلا تەڭ، يۈگۈرۈپ كەلگىنىچە ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ «بۇ سىزمۇ، بابۇر؟ مېنى مۇشۇنداقمۇ ساقلىتامسىز، ئەسكى؟» دەپ بابۇرنىڭ مەيسىدىگە بوشقىنە مۇشتلاپ يىغلايدۇ، ئاندىن... دەپ تاتلىق خىياللار ئىلكىدە ئەللەيلەنگەنىدى. ئەپسۇس، تولىمۇ ئەپسۇس! ئايقۇت ھېچكىم خىيالىغا كەلتۈرۈپ باقمىغان بىر تەمكىنلىك بىلەن ئۇنىڭ چىرايىغا ئۇزاق قاراپ تۇرىۋەتكەندىن كىيىن، سۇسقىنە بىرنى كۈلۈپ، «ياخشىمۇ سىز؟» دەپ بابۇردىن ئەھۋال سورىدى. بابۇرنىڭ يۈرىكىگە مۇزدەك بىر ئېقىم ئېقىپ كىرگەندەك بولۇپ، ئىچكى دۇنياسى بىر سىلكىنىپ كەتتى.
ـ ياخشى، ئۆزىڭىزچۇ، ئايقۇت؟
بابۇر «ئايقۇت» دېگەن ئىسىمنى جانلىق، ئۇرغۇلۇق ئېيتتى.
ـ يامان ئەمەس. قاچان كەلدىڭىز؟
ـ ئۇزۇن بولمىدى. سىزنى ئىزدەپ ئاران تاپتىم.
ـ ئىزدەپ؟ «ئىزدەش» دېگەن سۆزنى سىز چۈشىنەمسىز؟- ئايقۇت مىيىقىدا كۈلدى. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ يۈرەكلىرى ئېزىلىپ كېتىۋاتاتتى.
بابۇر ئايقۇتنى بۇنداق سوغۇق مۇئامىلە قىلىدۇ دەپ ئويلاپ باقمىغان ئىدى. ئايقۇت بابۇرنىڭ چاقچىقىدىن رەنجىگەن، ئۇنى ئەيىپلىگەن تەقدىردىمۇ، بۇ دەرىجىدە تاش يۈرەكلىشىپ كېتىشىنىڭ ئورنى يوق ئىدى. «كۆرۈشۈپ يۈز تۇرانە چۈشەندۈرۈشلەردىن كىيىن، ئىشلار ئۆز ئەسلىگە قايتىدۇ، ھەممە ئۇقۇشماسلىقلار تۈگەپ، بەخت قايتىدىن قۇچاق ئاچىدۇ» دەپ بالىلارچە خىيال قىلغان بابۇر كۆز ئالدىدىكى ئەھۋالنىڭ تامامەن باشقىچە بولىۋاتقىنىدىن قاتتىق ئەپسۇسلاندى. ئۇ بايا ئايقۇتنىڭ كۆزلىرىگە سېغىنىش ۋە ئىشەنچ بىلەن قارىغان بولسا، ھازىر بۇ كۆزلەردىن تېگى چىقماس ئازاپ ئۇچقۇنلىرى چاقناپ ئۈلگۈردى. ئايقۇت يەنىلا چىرايىنى ئۆزگەرتمەي بىر خىللا تۇراتتى. ئۇنىڭ ھېچبىر ئىپادىسىز كۆزلىرىدىن، بابۇر بۇرۇنقى مۇھەببەت ئىزنالىرىنىمۇ، ئۆزى تەسەۋۋۇر قىلغان سېغىنىش ئۇچقۇنلىرىنىمۇ، ۋەياكى غەزەپلەنگەن ئۆچمەنلىك ئوتلىرىنىمۇ كۆرەلمىدى. ھەممە-ھەممە گويا مۇز ئاستىدا قالغاندەك، شۇنچىلىك جانسىز ، شۇنچىلىك سوغۇق.
- ماقۇل، مەن چۈشەنمىگەن بولاي. توي قىلماقچى بولىۋىتىپسىز ئاڭلىسام.
- مۇشۇ خەۋەرنى بولسىمۇ ئاڭلاپسىز ھە؟ ئاڭلىمىغان بولسىڭىز مېنى مەڭگۈ ئىزدىمەمتىڭىز؟
- يەنە شۇنداق دەيسىزغۇ، ئايقۇت؟ مەن ئىزدىمىدىمما؟ ھېلىمۇ بارچە ئامالنى ئىشلىتىپ بولۇپ، ئاخىر ئۆيىڭىزگە كەلدىمغۇ ئىزدەپ؟ يەنە مەن ئىزدىمىگەن بولدۇمما؟ تېلىفۇن ئۇرسام ئالمىسىڭىز، خەت يازسام قايتۇرمىسىڭىز، مېنى يەنە قانداق ئىزدىسۇن دەيسىز؟
- نېمىگە چېچىلىسىز؟ بېمەنە چاقچاقنى قىلغان ئادەم ئۆزىڭىز تۇرۇپ، يوقاپ كەتكەن ئادەم ئۆزىڭىز تۇرۇپ، يەنە مەندىن بەك سۆزلەيسىزغۇ؟ سىز ماڭا «بەختلىك بولۇڭ» دېگەنغۇ؟ شۇنداق دەپ مېنىڭ بەختىم بىلەن ئويناشقانغۇ؟ مېنىڭ بەختىم سىزنىڭ چاقچاق قىلىدىغان ئەرزىمەس نەرسىتىغۇ، بابۇر؟ ئەمدى بولغاندا ھەجەپ مېنى ئىزدەپ قاپسىزغۇ؟
ئايقۇت تىلىنىڭ ئۇچىغا كېلىپ قالغان «قولتۇقلىشىپ ماڭغانلار تاشلاپ كېتىپ قالغانمىتى يە؟» دېگەن گەپنى مىڭ تەسلىكتە يۇتىۋەتتى.
- ئايقۇت، مەن چۈشەندۈردۈمغۇ؟ بىلىمەن، خاتالىق مەندىن ئۆتتى، مەن كىچىككىنە چاقچاقنى دەپ سىزنى كۆپ ئازابلىدىم، سىز مېنى ئەيىپلەشكە ھەقلىق. لىكىن مەن...
ـ بولدى سۆزلىمەڭ! ئاڭلىغۇم يوق! ئۆزىڭىزچە چاقچاقلىرىڭىز شۇنچىلىك كىچىكمۇ؟ كىچىككىنە چاقچاقنى كۆتۈرەلمىگەن گۇناھ مەندە، شۇنداقمۇ؟
ئايقۇت يەنە بابۇرنىڭ ئاغزىدىن شۇنداقلا چىقىپ كېتىپ قالغان «كىچىككىنە» دېگەن سۆزنىڭ زەربىسىگە چىدىماي، ئارقىغا بۇرۇلۇپلا مەكتەپ ئىچىگە ماڭدى. ئۇ ئارقىسىغا قاراپمۇ قويماي تېز قەدەملەر بىلەن كىرىپ كېتىۋاتقان شۇ مىنۇتلاردا، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئۇقۇشماسلىق تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ كەتكەندەك قىلاتتى. بابۇرمۇ دەماللىققا گەپ قىلالماي، تۇرغان يېرىدە تۇرۇپلا قالدى. ئۇ ئايقۇتنىڭ بۇنداق قىلارىنى پەقەت ئويلىمىغان، ئايقۇتنىڭ بۇ دەرىجىدە خاپا بولغىنىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەنىدى، ئايقۇت بۇ قېتىممۇ يەنە ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈشكە پۇرسەت بەرمىدى. بابۇرنىڭ بېشى قاتتى. «ئايقۇت نېمىگە بۇنچىلا خاپا بولۇپ كېتىدىغاندۇ؟ ئايقۇت راستىنلا بۇرۇنقى ئايقۇتقا ئوخشىماي قاپتىغۇ؟ ئىككىمىزنىڭ ئىشى تېخى بىر ياقلىق بولماي تۇرۇپلا خەق بىلەن توي قىلىشقا دىيىشكەن ئۇغۇ؟ يەنە نىمانداق... ؟ ئەجىبا ئۇنىڭ ئايقۇتى مۇشۇنداقلا باشقىلار بىلەن توي قىلىپ كېتەرمۇ؟ باشقىلارنىڭ گۈلى بۇلۇپ كېتەرمۇ ؟ ياق!» بابۇر بېشىنى كۈچەپ سىلكىدى، « بۇنداق بولسا بولمايدۇ، ئوتتۇرىدىكى ئىشلارنى چوقۇم ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك! قاراپ تۇرۇپ ئايقۇتنى خەققە ئۆتۈنۈشكە ھەرگىز بولمايدۇ...»
داۋامى بار ...