يېرىم كىچە سائەت 2دىن ئاشقان ۋاقىت بولسا كېرەك، مەن ھۇجىرا ئۈيۈمدە يالغۇز ئۇخلاۋاتاتتىم. تۇيۇقسىز ئىشىك تاراقلاپ كەتتى، بۇ كىچە بولغاندا كەلگەن زادى كىمدۇ؟ تۇيۇقسىز يۈرۈگۈم قارتتىدە قىلىپ قالدى.توۋا!ماڭا نىمە بولدى ؟ ھەجەب يۈرۈگۈم ئەنسىز دۈپۈلدەپ كىتىۋاتىدۇ يا! ئۆز يۈرۈگۈمنىڭ سۇقۇشى ، ئۆزۈمگە ناھايىتى ئېنىق ئاڭلىنىشقا باشلىدى.ئارقىدىنلا ئىشىگىمنى، كىمدۇر بىرىنىڭ ئاستا ئىتتىرىپ كىرىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندەكمۇ بولدۇم. كىرگەن كىم بۇلىشىدىن قەتئي نەزەر ، بىشىمنى كۈتۈرۈپ قاراشقىمۇ پىتىنالمىدىم. چۈنكى ماڭا يىقىنلىشىپ كىلىۋاتقان، ئۇ كۆلەڭگە ناھايىتى نۇرلۇق بۇلۇپ پەقەت ماڭىلا شۇنداق كۆرۈنەتتى .ئەمما ئۆي ئىچىنى يۇرۇتالمىغان ئىدى، مەن ھەتتا ياتقان جايىمدا قىمىرلاشقىمۇ پىتىنالمايتىم. ئاخىرى ئۇ كۈلەڭگە دەل مىنىڭ يىنىمدىلا پەيدا بولدى. ۋايجان!!!توۋلىساممۇ، ئۈنۈم ھىچ سىرىتىغا چىقىدىغاندەك ئەمەستى.شۇنىڭ بىلەن ئۇ كۆلەڭگىگە ئاستا قارىدىم، ۋاي ئاللا!نىمانچە سەت، نىمانچە كۆرۈمسىز! بۇ ياكى ئادەمگە ياكى ھايۋانغا ئوخشىمايتى. نەپسىم سىقىلىشقا باشلىدى، پۇت-قۇلۇم ئاللا بۇرۇن قىتىپ كەتكەندەك، مىدىرلاشقا پەقەت جۈرئەت يوق ئىدى، ئۇكۆلەڭگە بىردىنلا ئاپئاق چاچلىق بىر ئىسكىلىتكە ئايلاندى. ئۇنىڭ نە كۆزى ، نە ئېغىزى ،نە بۇرنى ،باردەك قىلمايتى.ھەممىلا يىرى تۈشۈك ،ھەممىلا يېرى قۇرۇق ئۇستىخان،مەن بۇ كۆرۈنۈشلەرنى قۇبۇل قىلماي دىسەممۇ، ئىلاجىم قانچە؟ئامالسىز قىتىپ قالدىم. توۋا بۇ مىنىڭ چۈشۈممىدۇ؟ ئۆزۈمگە بوي سۇنمىغان قۇلۇمنى، ئاستا بىلىمنىڭ تىرىسىنى چىمداشقا مەجبۇري يۆتكەي دەپ- تۇرىشىمغا، سۇغۇق بەكمۇ سۇغۇق بىر قول قۇلۇمدىن تارتتى،ئاھ!!!!!!بۇ نىمە ئىشتۇ ئەمدى؟مەن ئۇ سوغۇق قولنى ئامالسىز تۇتۇپ سالدىم،بۇ سوغۇق جان -جىنىمدىن ئۈتۈپ كەتتى . نەق شۇ چاغدا ھىلقى مەخلۇق ماڭا قاراپ، بەكمۇ سەت ئاۋاز چىقىرىپ كۈلۈپ كەتتى.ئۇنىڭ كۈلگەن ئاۋازىنى ئاڭلاپ پۈتۈن ئەزايىمدىن تەر چىقىپ كەتتى ۋە قورقۇنچىلىقتا كىچىك تەرەتمۇ چىقىپ كەتكەندەك قىلدى.مەن قانداق قىلىمەن؟مەن قانداق قىلىمەن؟ھەي ئاللاھ !مىنى قۇتقۇزىۋالغىن -دەپ ،ئىچىمدە ئاللاھ قا نالە قىلىپ يىغلاشقا باشلىدىم.
ئۇ مەخلۇق ،مىنىڭ كۆزۈمدىن ئاققان ياشلىرىمنى سەزدىمۇ ئاستا ماڭا قاراپ يىقىنلىشىقا باشلىدى.ئۇنىڭ ئاغزىدىن قىپقىزىل قانلار ئېقىشقا باشلاپتۇ.مەن ئەمدى بۇ كۆرۈنۈشلەرنى قۇبۇل قىلالماي ،ياراتقان ئاللاھ مىنى قۇتۇلدۇرۋال !دىگىنىمچە ئورنۇمدىن قانداقتۇر بىر كۈچ ئىتتىرگەندەك تۇرۇپ كەتتىم.
ئۇف.........مەن ئازادلىققا چىقتىم!ئەتىراپىمغا كۆزۈمنى شۇنداق يوغان ئىچىپ قارىۋىدىم ،مەن كارۋاتتا ئەمەس، مەھەللە سىرتىدىكى بىر خەنزۇ زاراتكاللىقىغا يىقىن يەردە،قېلىن قارنىڭ ئۈستىدە يىتىپ قاپتىمەن.
ۋاي توۋا! بۇ نىمەئىش ؟دەپ ئەتىراپىمغا ،كۆزۈمنى يوغان ئىچىپ قارىدىم.ئەتىراپىمدا مەندىن باشقا ھىچقانداق ئىنسى-جىن كۆرۈنمەيتى.تۇيۇقسىزلا كۆزۈم يىنىمدا تۇرغان ، زۇمچەك-زۇمچەك قەۋرىلەرگە چۈشۈپ بايامقىدىنمۇ بەكىرەك قورقۇشقا باشلىدىم.مەن قانداق بۇلۇپ، بۇيەرگە كىلىپ قالغاندىمەن؟تۇيۇقسىز بۇرنۇمدىن ئاققان قاننىڭ ئاغزىمغا چۈشۈپ قىتىپ قالغانلىقىنى سەزدىم.ۋاي خۇدا! مەن بايا چۈش كۆرۈپتىمەندە،مەن دوسلار بىلەن يىڭى-يىل ھارپىسى دەپ- يىغىلىشىپ ئولتۇرۇپ، دوستۇم پەرھاتنىڭ زورلىشى بىلەن تازا ئىچىپ كەيىپ بۇلۇپ كەتكەنلكىم ئۈچۈن ،ئۇلار مىنىڭ تەلەپ قىلىشىم بىلەن بالدۇر قايتىشىمغا روخسەت قىلىپ يولغا سىلىپ قويغان ئىدى.مەن رېستۇراندىن چىقىپ ئۈيۈمگە قايتقان ئىدىم،توۋا بۇيەرگە قانداق كىلىپ قالغاندىمەن؟چۇقۇم شۇ مەسلىگىمدە ئىگىز-پەس مىڭىپ ،مۇشۇ يەردە يىتىپ قالغان ئوخشايمەن.
شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈمنى دەرھال ئوڭشىۋىلىپ، قەدەملىرىمنى ئىتتىك -ئىتتىك ئىلىپ بۇيەردىن قۇپۇپ ماڭدىم.ئەمما، كەينىمدە بايامقى چۈشۈمدىكى كۆلەڭگە ماڭا ئەگەشكەندەك قىلاتتى.ئاھ خۇدا!نىمىشقىمۇ ھاراقنى ئىچكەندىمەن،مۇشۇ تاپتا تاھارەتسىز مەينەت ئاغزىمدا ،ئاللاھ !بۈيۈك نامىڭنى ئاغزىمغا ئېلىۋاتىمەن،مەندەك ئازغۇن بەندەڭنى كەچۈرگىن!مىنى قۇتقۇزىۋالغىن!
مەن ئەمدى ئالدىمغا قاراپ كۈچۈمنىڭ بارىچە يۈگۈردۈم،ھىلىقى كۆلەڭگىمۇ مىنى تەڭ قوغلاۋاتاتتى.
ھەسىرەپ-ھۈمىدەپ ئاخىرى ئۈيۈمگە كىلىۋالدىم.ئىشىك يىنىغا كىلىپ ،ئۇ كۈلەڭگە كەينىمدە بارمىدۇ-يوقمىدۇ -دەپ ،شۇنداق كەينىمگە ئۆرۈلۈشۈمگە ۋايجان!!!!!!!!!
- ئالىمجان بالام كۆزۈڭنى ئاچقىن!ئالىمجان!
كۆزۈمنى مىڭ تەستە ئاچتىم،يەنىلا ئىتتىك يۇمىۋالدىم.
- ئالىمجان نىمە بولدۇڭ؟يەنە مىجەزىڭ يوق بۇلىۋاتامدۇ؟
ئاپامنىڭ يىقىملىق ئاۋازىنى ئاڭلاپ، يەنە زورلاپ يۈرۈپ كۆزۈمنى ئاچتىم.بۇ قىتىم راستلا ئۈيۈمدە ،يەنى ئۆز كارۋىتىمدا يىتىپتىمەن.قىشىمدا دادام -ئاپاملار ماڭا قاراپ تەلمۈرۈپ ئولتۇرۇپتۇ.
- ئالىمجان ،ئاخشام نەلەردە يۈردۈڭ؟ بىز سىنى ياخشى ئادەم بۇلامدىكىن، ياراملىق ئالىم بۇلامدىكىن -دەپ ئىسمىڭنىمۇ ئالىم قويغان ئىدۇق.ساڭا نىمە بولدى؟مۇشۇ كۈنلەردە سەن دوسلارنىڭ كەينىگە بەك كىرىپ كىتىۋاتىسەن ئوغلۇم،سىنىڭ ئاتا-ئاناڭغا يۈز كىلەلىگۈدەك ئوغۇل بۇلۇشۇڭنى ئۈمۈت قىلاتتۇق.
ئاپام شۇنداق دىگۈنىچە يىغلاپ كەتتى. دادام بولسا قۇشۇمىسىنى تۈرگىنىچە سىرتقا چىقىپ كەتتى.
مەن دادام چىقىپ كىتىشى بىلەن تەڭ ئاپامغا تۇلىمۇ تەستە سۆز ئاچتىم:
- ئاپا ،مىنى كەچۈرۈڭ! ئەمدى ئۇنداق سورۇنلارغا قەدەم ئاتلىمايمەن.ماڭا نىمە بولدى؟دەپ بەرسىڭىز.
- نىمە بۇلاتتى، داداڭ ئەتتىگەن سەھەردە، بامدات نامىزىغا تاھارەت ئىلىش ئۈچۈن ھويلىغا چىقىپتۇ،قارىسا سەن ئېشەكنىڭ سۈيدۈكىنى ئىچىپ،ئۆزۈڭنى ئۇنۇتقان ھالدا ئۆينىڭ ئىشىكنىمۇ ئاچالماي تۇرۇپسەن، شۇنىڭ بىلەن داداڭ ساڭا نەگە باردىڭ؟ دىيىشىگە سەن ۋايجان!!!!دەپ چىقىرىغىنىڭچە يەرگە دۈملا چۈشۈپسەن.شۇنىڭ بىلەن تاكى ھازىرغا قەدەر، داداڭ ئىككىمىز سىنىڭ ھۇشۇڭغا كىلىشىڭنى تەققازارلىق بىلەن كۈتۈپ قاراپ تۇردۇق،ھىلىمۇ ياخشى ھۇشۇڭگە كەلدىڭ بالام.
ئانام شۇ سۆزلەرنى ماڭا ئېيتىپ بۇلۇپ ئېزىلىپ يىغلاشقا باشلىدى.مەن ئەمدى ھەقىقەتەن چۈشەندىم ،راس!تۆنۈگۈن كەيپچىلىكتە شۇ خەنزۇ زاراتكاللىقىغا بىرىپ قالغانتىم،ئۇ يەردىكى ئۈلۈكلەرمۇ مىنىڭ تىنىمدىن تاراۋاتقان بەتبۇي ھىدىمدىن سەسكىنىپ قوغلىۋەتكەنتى.
بىردىنلا ھىلىقى سەت چىراي، كۆز ئالدىمغا كىلىۋىلىپ لاغ-لاغ تىتىرەشكە باشلىدىم.
ئاپامنى يەنە ئەنسىرەپ قالمىسۇن-دەپ ،ئامال بارچاندۇرماسقا تىرىشتىم.ئاپامنىڭ سۆزىدىن كىيىن، ئۆزۈمنىڭ خاتا قىلغانلىقىمنى بىلىپ قاتتىق نۇمۇس قىلدىم ۋە ئورنۇمدىن مىڭ تەستە تۇرۇپ، ھويلىغا دادامدىن ھەقىقي كەچۈرۈم سوراشقا ،بۇنىڭدىن كىيىن ياخشى ئادەم بۇلۇشقا چىن -دىلىمدىن ۋەدە بىرىشكە چىقتىم.
مەنبە:كۆڭۈل .
[ بۇ يازما hokumran تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]