ئۆز كەچمىشلىرىم. ياتاقتىكى پاراڭلار تېمىسىدىكى چاتما ئەسەرلىرىمنى كۈنىگە بىر پارچىدىن تورداشلارغا سۇنىمەن
بەلكىم ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرمىسەم بۇلارنىڭ راستلىقىغىمۇ ئىشەنمەيتىم.
مەكتەپنىڭ ياتىقىنى مەينەت، ھەم باشقا ئوقۇغۇچىلار ياتاقتا ئەيمەنمەي نىشە چىكىپ، ھاراق ئىچىپ يۈرگەچكە سىرتنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئىجارە بېرىدىغان ياتىغىدا تۇراتتىم. ئۇ ياتاقتىكىلەر ئاساسەن خۇسۇسىيلار ئاچقان تەربىيىلەش مەكتىۋىدە ئوقۇيدىغان بالىلار تۇراتتى. بەزى ئالىقاپلىرى چىقسىمۇ ھەرھالدا مەن بىلەن پىكىرداش، مەن بىلەن ئوخشاش ئىدىيىدىكى، ئەخلاقلىق بالىلارمۇ بار دەپ ئويلىغان ئىدىم.ئەپسۇس........
ياتاققا كەلگەن تۇنجى كۈنى ئۇلار ماڭا قىزغىن مۇئامىلە قىلىشتى. مەنمۇ تىزلا چىقىشىپ كەتتىم. بىللە نەرسە-كېرەكلىرىمنى يىغىشتۇرۇپ ئارام ئالاي دەپ كارۋىتىمغا چىقىپ تۇرىشىمغا، ساقىلىنى سەل قويىۋەتكەن بىر ئاداش مەندىن گەپ سورىدى:
-قەيەردىن سىز؟
-قەشقەردىن.
-ئوقۇمسىز ياكى تىجارەت قىلامسىز؟
-شىنجاڭ ئۇنىۋىرىستېتىنىڭ قانۇن فاكۇلتىتىدا ئوقۇيمەن.- بۇنى ئاڭلىغان باشقا ياتاقداشلىرىم سەگەكلىشىپ پارىڭىمىزغا قۇلاق سالدى.
-نىمىشقا مەكتەپنىڭ ياتىقىدا تۇرمايسىز؟
-تۇرغۇم كەلمىدى.-ئۇنىڭغا ئارتۇق سەۋەب كۆرسىتىشىمنى خالىمايدىغانلىقىمنى بىلدىمۇ ئەتىمالىم. ئۇمۇ ئاغزىمنى تاتىلىمىدى.
-قىز دوستىڭىز باردۇ؟
-ياق.
ئۇ سەل ئىشەنمىدى.-ھازىرقى قايسىبىر سىتۇدېنتنىڭ قىز دوستى يوق؟ يالغان سۆزلەۋاتامسىز؟
-يالغان سۆزلەپ نېمە قىلاي، ئۇ ئىشلارنى ئويلىغۇدەك بولمىدىم. بولمىسا ھايات پىلانلىرىمغا تەسر قىلىدۇ.
-بۇ ئۈرۈمچىدە بىرەر قىزدوستى بولمىسا زېرىكىپ كىتىدىكەن كىشى. شاياردا بولغان بولسام ھازىر مۇشۇ چاغدا بىرسىنىڭ قوينىدا بولاتتىم.-ياتاقتا يىنىك كۈلكە كۆتىرىلدى.ئەمما مەن سەل ئوڭايسىزلىنىپ قالدىم.
شۇنىڭ بىلەن ياتاقداشلىرىم قىزلارنىڭ پارىڭىنى باشلاپ چۈشۈپ كەتتى. مەن بۇ ئىشنىڭ<<ئەھلى>>بولمىغاچ قولۇمغا ژورنىلىمنى ئېلىپ ئوقۇغىلى تۇردۇم.
بىردەمدىن كىيىن ھىلىقى شايارلىق بالىنىڭ تېلفونى جىرىڭلىدى، قارىغاندا بىرەر قىز ئىدى. ئۇ بىزنىڭ ئالدىمىزدىلا ئۇ قىز بىلەن ھاياسىز پاراڭلارغا چۈشۈپ كەتتى. بەلكى قىز ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىگە كېلىدىغانلىقىنى ئىيتقان بولسا كېرەك، ئۇ بىردىنلا ئاۋازىنى يۇقىرى كۆتىرىپ، روھلىنىپ سۆزلەشكە باشلىدى.
-ئەگەر راستتىن ئۈرۈمچىگە كەلسەڭ سىنى ئالىمەن. ئەسلى سېنى ئالماسلىق قارارىغا كەپ بولغان. ئەمما ئۈرۈمچىگە كېلىدىغانلىقىڭنى ئاڭلاپ نىيىتىمدىن ياندىم......
ئۇ مۇشۇ تەرىقىدە بىر ھازا گەپ ساتتى. 15مىنۇتچە سۆزلىشىپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن تېلفوننى قويدى.
-كىمۇ ئۇ، خوتۇن ئالامسەن؟-ئۆزىنى پىچانلىق دەپ تونۇشتۇرغان بىر ئاداش ئۇنىڭدىن سورىدى.
ياقەي، ئۇنى ئەخمەق قىلىۋاتقان.
-ئۇنىڭ بىلەن قانداق تونۇشۇپ قالغان؟
-ئۇ بۇرۇن دادىسى بىلەن بىزنىڭ يېرىمىزدە كىۋەز تەرگەن. شۇ چاغدا مەن ئۇنى كىۋەزلىك ئارىسىدا ئوينىغان. ئۇنى ئەرىز قىلمىسۇن دەپ تا ھازىرغىچە سېنى ئالىمەن دەپ ئالداپ يۈرىۋاتىمەن.
-قانچىلىك يېرىڭ بارتى خەققە تەرگۈزگۈدەك؟
-500مو!
-ھوي سېنىڭ ئۆيۈڭ ئۆيمۇ ياكى بىڭتۈەنمۇ؟
-قۇرۇق گەپنى ئاز قىلە.
-ئۇ قىز چىرايلىقما؟
-ياق، بەك چوقۇر بىرنەرسە. ئۇنىڭ چىرايىنى دىمەيمەن. ئۈرۈمچىگە چىقسا پۇل بىلەن چىقىدۇ. كوملايمەن، دوستى بولسا ئوينايمەن شۇ. ئۇنداق شاپاقلارنى شۇنداق ئوينىمساق، قانداق قىلىمىز
ئۇنىڭ گەپلىرىدىن سەسكىنىشكە باشلىدىم. ھەم بىر تۇرۇپ ھېلىقى قىزغىمۇ ئىچىم ئاغرىپ قالدى. بەختسىز بىچارە!
شۇ ئەسنادا يەنە بىرى ياتاققا خۇشال كىرىپ كەلدى. ئۇتتۇر كەلگەنچە مېنىڭ كارۋىتىمدا ئولتۇرۇپ، ياتاقتىكىلەرگە قاراپ:
-بۈگۈن يەنە بىر قۇشقاچنىڭ نۇمۇرىنى يېزىپ كەلدىم.
ياتاقداشلىرىم ھاياجانلىنىپ ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولاشتى. ئۇ يانفونىنى چىقىرىپ بىر نۇمۇرغا ئۇرۇشقا باشلىدى.
-ۋەي، جىنىمما؟
ئۇ ماڭا يېقىن بولغاچقا قارشى تەرەپنىڭ ئاۋازى ماڭا ئازىراق ئاڭلىناتتى.
-كىمنى ئىزدەيسىز؟-قىزنىڭ ئاۋازىدىن خېلى ياش ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇراتتى.
-مېنى تونىمىدىڭىزما؟
-ياق، كىم سىز؟
-ۋاي جىنىم، بىز ھېلىقى كۈنى بىللە ئولتۇرغانتۇققۇ؟ ئىسىڭىزدىن كۆتۈرلۈپ قالدىمما؟
-قانداق لاۋزا نېمىسەن؟ يوقال كۆزۈمدىن.-قىز ۋارقىراپ تۇرۇپ تېلفوننى بىسىۋەتتى.
-نەدىن تاپقانتىڭ ئۇ نۇمۇرنى؟
-كوچىدا بىر ئەمۋاي ساتىدىغان قىزنىڭ نۇمۇرى ئىدى. چىرايى دېگەندەك ئەمەس، ئەمما پۇلى باردەك قىلغان، نام كارتىڭىزنى بېرىڭ دەپ ئېلىۋالغان ئىدىم.
ئۇنى ھەممسى زاڭلىق قىلىشتى. ئەمما مېنىڭ غەزىپىم تېشىپ تۇراتتى.
-ئاداش، سىڭلىڭ ياكى ئاچاڭ بولسا نۇمۇرىنى بېرە، تېلفون قىلاي.-ئاچچىقىمدا ئۇنىڭغا شۇنداق دېدىم. ئۇ ماڭا ھۈرپىيىشكە باشلىدى.
-نىمە دەيسەن؟
-ئۆزۈڭنىڭ مىللىتىنىڭ قىز-ئاياللىرىنى نېمە كۆرۈپ قالدىڭ سەن؟ سەندە ۋىجدان بارمۇ؟
-نېمە قىلسام سېنىڭ نېمە كارىڭ، ئۇ قانجۇقلارنىڭ ھەممىسى شاپاق،جالاپلار. قانداق ئوينىغۇم كەلسە شۇنداق قىلىمەن.
-ئەمسە سېنىڭمۇ كارىڭ بولمىسۇن،ئاچاڭنىڭ نۇمۇرىنى دېگىنە؟
شۇنداق دىيىشىم بىلەن تەڭ ئۇ ماڭا مۇشت ئاتتى. مۇشت ئۇدۇل مېنىڭ يۈزۈمگە تىگىۋىدى، مەنمۇ كەينىدىنلا ئۇنىڭ يۈز-كۆزلىرىگە نەچچە مۇشت ئۇرىۋەتتىم. ئۆزى ئۇستىخانلىق بولغىنى بىلەن سەل كالانپايكەن، تاياقنى يەپ قالدى. ياتاقداشلارمۇ بىزنى ئاجراتمىدى. ئاچچىقىمدا ھىچنەرسە كۆزۈمگە كۆرۈنمەيتى. بېرىپلا ئىشىك ئارقىدىكى پول سۈرتكۈچنىڭ سېپىنى سۇندۇرۇپ ئېلىپلا ھارغۇچە ئۇرۇپتىمەن. بىر چاغدا ئېسىمنى يىغسام ئۇ يەردە تۈگۈلۈپ ياتىدۇ، ھېلىمۇ ياخشى، بېشىغا ئۇرماپتىمەن. بولمىسا تىنقىدىن قالاتتىكەن.
گۇناھ ئۆزىدە بولغاچ ئۇمۇ ئارتۇق گەپ قىلالمىدى. مەن ئىشكنى قاتتىق يېپىپ چىقىپ كەتتىم.
كۆڭلۈم پەرىشان، ھەم ئېچىنىش ھەم غەزەپ. ھەممەخىل پىكىرلەر كاللامنى ئىلەشتۈرمەكتە ئىدى. زادى كىم شاپاق دېگەن خىيال مېنى ئازاپلايتى. ھەي!ئۇيغۇر قىزلىرى!
[ بۇ يازما Tughrul تەرپىدىن 2010-06-20 02:19 PM دە ق ]