مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 149 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئېچىنىشلىق تەغدىر
yaziman
مەن دىگەن ئەلچۈن،شۇڭا ئەل ئۈچۈن يازىمەن،يەنە يا& ..
دەرىجە: دائىملىق ئــەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 4026
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 957
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە957دانە
ياخشى باھا: 112 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 2419 سوم
تۆھپىسى: 110 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 999(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-07-15
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-12-27
0 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-12-25 12:12 AM

0 ئېچىنىشلىق تەغدىر

ئېچىنىشلىق تەغدىر



ھېكايە




(پەرھات قۇربان ئەلچۈن)




1



_ شۇنداق قىلىپ ئوقۇشتىن چېكىنىدىغان بولدىڭىز؟
_ھەئە.
مەھەللە چېتىدىكى سۆگەتلىكتىن بىر جۈپ ياش قىز _ يىگىتنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.
_ئەسلىدە سىزمۇ مەن بىلەن بىللە شەھەرگە بېرىپ ئوقىسىڭىز ياخشى بولاتتى.
_مېنىڭمۇ شۇنداق ئوقۇغۇم باتتى مەردان،لېكىن دادام...دادام«قىز بالا بەرىبىر خەقنىڭ ئادىمى،ئوقۇپ نىمە قىلىدۇ»؟!دەيدۇ.خۇددى مەن ئوقۇپ بولۇپ خەقنىڭ بالىسى بولۇپ قالىدىغاندەك.
_ھا ھا ھا ...بوپتۇ پەزىلەت،دادىڭىزنىڭمۇ ئويلىغىنى باردۇ،ئوقۇمىغاندىكىن دادىڭىزغا دەپ بىرەر ھۆنەرنىڭ بېىشىنى تۇتۇڭ.
_سىز شەھەرگە كەتسىڭىز ئىككىمىز كۆرۈشەلەيمىزمۇ؟
_كۆرۈشىمىز،بىر مەۋسۈمدە بىر قايتىپ كېلىمەن ئەمەسمۇ.
_پەزىلەت!ھوي پەزىلەت!يىراقتىن سارىخان ئانىنىڭ توۋلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى.
_ئاپلا،ئاپام چاقىرىپ قالدى-.پەزىلەت شۇنداق دەپلا يۈگۈرۈپ دىگۈدەك كېتىپ قالدى.
پەزىلەت مۇشۇ مەھەللىدىكى سارىخان ئانىنىڭ يالغۇز قىزى ئىدى.گەرچە بۇ يىل ئاللىبۇرۇن تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن بولسىمۇ،لېكىن ئۇنىڭ بەزى كىچىك بالىلارغا خاس مىجەز ھەم قىلىقلىرى ئۇنى ھېلىمۇ گۈدەك بالا قىلىپ كۆرسىتەتتى.ئاتا-ئانىسى بولسا چالا ساۋات دېھقانلار بولۇپ ئازغىنە يېرى بىلەن تىرىكچىلىك قىلاتتى.ئۈچ يىلدىن بۇيان قىزىنىڭ ئارزۇسى ئۈچۈنلا ئۇنى تولۇپ ئوتتۇرىدا ئوقۇتتى،ئەمدى ئۇلارنىڭ قىزىنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتۇشقا زادىلا قۇربى يەتمەيتتى،پەزىلەتمۇ ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالىنى ئوبدان بىلگەچكە ئارتۇقچە ئالىي مەكتەپ غەۋغاسى قىلمىدى.
   مەردان بولسا كىچىكىدىلا مۇشۇ مەكتەپتە پەزىلەت بىلەن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان،كېيىنمۇ بىللە ئۆتمەكچى بولىۋاتقان،ئىنىقىنى ئېيتقاندا پەزىلەتنىڭ سۆيگىنى ئىدى.ئۇ پۇللۇق ئائىلىنىڭ بالىسى بولغاچقا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشى مۇتلەق ئىدى.مەردان پەزىلەتنىڭ ئارقىسىدىن ھەر بىر قەدەم ماڭغاندا تاشلىنىپ تۇرىدىغان ئۇزۇن ئۆرۈمە چېچىغا قاراپ خىيالغا كەتتى...
ئۇ مەرداننىڭ 11 ياش ۋاقىتلىرى ئىدى،ئۇ بىر كۈنى ئۆستەڭ بويىدىن كېلىۋىتىپ مەھەللىدىكى بىر توپ ئۇششاق بالىنىڭ پەزىلەتنىڭ ياغلىقىنى تارتىۋېلىپ،ئۇنى يىغلىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۇلارنى قوغلىۋەتكەنىدى،ئەنە شۇ چاغلاردىلا مەردان پەزىلەتنىڭ مەھەللىدىكى گۈزەللەرنىڭ گۈزىلى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يەتكەنىدى...
_نىمە خىيال قىلىۋاتىسەن ئاداش؟
ئۇ ئادىلنىڭ ئاۋازىدىن چۆچۈپ ئېسىگە كەلدى-ھە،سەنمىدىڭ ئاداش ئاڭلىسام چاقىرىق قەغىزىڭ كەپتۇ،قانداق؟مېڭىش تەييارلىقىڭ پۈتۈپ قالغاندۇ؟
_ نەدىكىنى ئاداش،مەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيالمايمەن،ئۆزۈڭمۇ بىلىسەن دادام يالغۇز ئېتىز ئىشىغا يىتىشەلمەيدۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالىي مەكتەپكە بەك كۆپ پۇل كېتىدىكەن،شۇڭا ئوقۇماي دادامغا ياردەملىشەيمىكىن دەيمەن.
_بۇ دىگىنىڭمۇ توغرا،ئۈچ يىلدىن بۇيان پەزىلەت ئىككىڭلارغا كۆنۈپ قالغانىدىم،ئەمدى يالغۇزچىلىق تارتىپ قالىدىغان بولدۇمدە.
تۇيۇقسىز ئادىلنىڭ چىرايى ئۆڭدى.
_ساڭا نىمە بولدى چىرايىڭ بۆلەكچىلا بولۇپ كەتتىغۇ؟
_ھە،ھېچنىمە،مەن ماڭغاچ تۇراي.ئۇ چاندۇرمىدى،بۇ پەقەت تۇنجى قېتىمى ئەمەس،ئۇ ئۈچ يىلدىن بۇيان تالاي قېتىم مۇشۇنداق چاندۇرماي ئۆتۈپ كەتكەنىدى،ئەمدى مۇشۇ كۈنلۈكتە چاندۇرۇپ قويسا ياخشى بولمايدىغانلىقى ئۇ ئوبدان بىلەتتى،چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ ئائىلىسى بىلەن مەرداننىڭ ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالىنى سېلىشتۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ.ئەقەللىسى ئۇ ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن تۇرۇپ بارالمىدى،مەردانچۇ؟ئۇ ئۆتەلمىدى،لېكىن دادىسى ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپكە كىرىش رەسمىيەتلىرىنى ئاللىبۇرۇن پۈتتۈرۈپ بولدى.ئۇ مەردانغا قىلچە يامان كۆزدە قارىمايدۇ،چۈنكى ئۇنىڭ نەزىرىدە مەردانمۇ ياخشى يىگىت ئىدى.ئۇ بۇ سىرنى پەقەت ئۆزىلا بىلىدۇ،ئۇ پەزىلەتنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى پىنھان تۇتۇشقا ئۆزىگە ۋەدە بەرگەن ئىدى.
ئەتە سەھەردە مەردان خىلۋەت يېزىسى،ئاتا-ئانىسى بىلەن خوشلىشىپ شەھەرگە ماڭىدۇ.شۇڭا ئۇ بۈگۈن كەچتە ھېلىقى سۆگەتلىكتە پەزىلەت بىلەن خوشلاشماقچى بولغانىدى،لېكىن پەزىلەت تېخىچە كەلمەيۋاتاتتى.ئۇ ئادەتتە ئاسانلىقچە كېچىكمەيتتى.ئالاھەزەل يېرىم سائەتتى كېيىن پەزىلەت ئىتتىك-ئىتتىك مېڭىپ يىتىپ كەلدى،ئۇ مەرداننىڭ يېنىغا كېلىشى بىلەنلا ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەلگەن غەلىتە پۇراقلار مەرداننىڭ كۆڭلىنى ئىلىشتۇرۋەتتى.كىيىۋالغان كىيىمىمۇ ئادەتتىكىچە ئەمەس،ياقىسى ئويما،ئىشتىنى تار بولۇپ،بۇ كىيىملىرى ئۇنىڭ يېزا قىزى ئىكەنلىكىنى يوشۇرۇپ تۇراتتى.
_بۇ ھالىتڭىزدە مەن سىزنى تونۇيالمايۋاتىمەن پەزىلەت.
_نىمىشقا؟مەن نىمە بوپتىمەن؟ئەمەلىيەتتە ئۇ ئۆزىنىڭ نىمە بولغانلىقىن بىلىپ تۇراتتى.
_شۇ... مەن سىزنى شەھەرگە ماڭغاندىكىن شەھەرچە ئۇزىتاي دەپ...ئۇ گىپىنىڭ ئاخىرىنى دىيەلمەي قالدى.
_مېنى خاپ بولمىسۇن دىسىڭىز بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق كىيىم كىيگۈچى بولماڭ.پەزىلەت ھېچنىمە دىمەي يەرگە قاراپ تۇراتتى،ئۇ ھازىر مەردان ئالدىدا ئوسال ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ نىمىشقىدۇر ئىچ-ئىچىدىن خۇشال بولىۋاتاتتى.
ئۇلار ئۇزاق پاراڭلاشقاندىن كېيىن بىللە قايتتى،پەزىلەت مەرداننىڭ بىلىكىدىن يېنىكلا قولتۇقلىۋالدى،بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم مەرداننىڭ قولىنى تۇتىشى ئىدى.


2



بۇ يېزىدا يامغۇر ياغدى،ئادەتتە بۇ يەرنىڭ ياز ئايلىرى يامغۇرسىز ئۆتەتتى،شورلۇق دالىنى تونۇردەك قىزىتىپ تۇرىدىغان قۇياش بۇ يېزىدا ئۈچ كۈندىن بۇيان دىدارىنى كۆرسەتمەي قويدى.ئۇپۇقنى قاراڭغۇلۇق قاپلىغان،قويۇق بۇلۇتلار ئاسماننى قاپلاپ ئېسىلىپ تۇراتتى،ھەممە جاي پاتقاقچىلىق بولۇپ كەتكەنىدى.
ئىشىك ئالدىدىكى ئوتۇنلارنى يىپىۋاتقان سارىخان ئانا پاتقاق يولدا ئاۋايلاپ دەسسەپ كېلىۋاتقان مەرداننىڭ ئانىسىنى كۆرۈپ قالدى.
_ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئايزىمخان،بۇ يامغۇردا نەدىن كېلىۋاتىلا؟
_ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام سارىخان،نەدىن كېلەتتىم،مەردان پۇل ئەۋەتىڭلار دەپتىكەن شۇنىڭغا پۇل ئەۋەتىپ كېلىۋاتىمەن.
_ئالدىنقى ھەپتىلا پۇل ئەۋەتىمەن دەپ نەھىيىگە كېتىپ باراتتىلا؟
_شۇنى دىمەملا،مۇشۇ بىر يىلدىن بۇيان بۇ بالامغا پۇل توشىمايۋاتىدىغۇ تاڭ،ماتىرىيال ئالىمەن دەۋاتاتتى،بەلكىم شۇنىڭغا خەجلىگەندۇ،بوپتۇلا ئوقۇشنى ئامان ئېسەن پۈتتۈرۈپ كەلسىلا بىر گەپ بوپ قالا.
لېكىن بۇ بىر يىل جەريانىدا ئۈرۈمچى مۇھىتى مەردانغا خېلىلا تەسىر قىلغانىدى.ئۇمۇ«شەھەرلىشىش»كە قاراپ يۈزلەنگەنىدى.
ئەتە مەرداننىڭ تەتىل قىلىپ قايتىپ كېلىدىغان خەۋىرى ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن بەكرەك پەزىلەتنى خۇشال قىلغاندى.چۈنكى بۇ بىر يىلدىن بۇيان ئۇ پەزىلەت بىلەن بىرەر قېتىممۇ ئالاقىلىشالمىغان،ھەتتا بىرەر پارچىمۇ خەت تاپشۇرۋالمىغانىدى،ئەگەر يەنە بىر يىل كۆرۈشەلمىگەن بولسا ئۇ مەرداننى ئىزدەپ شەھەرگە بارغان بولاتتى.
بۇگۈن ئۇ زادىلا ئۇقلىيالمىدى،بۈگۈنكى تاڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن ناھايىتى ئۇزۇن بىلىندى.ئۇ بىر كۈنلۈك ئىشلىرىنى تۈگىتىپ ھېلىقى ئەتىر،لەۋسۇرۇقلىرىنى ئېلىپ ئەينەك ئالدىغا كەلدى،كەلدىيۇ بىر يىل ئاۋالقى ئىشلارنى ئېسىگە ئېلىپ ئۇ نەرسىلەرنى جايىغا سېلىۋىتىپ چېچىنى ئۆرۈپ بېشىغا ياغلىقىنى ئارتىپ ھېلىقى سۆگەتلىككە كېلىپ مەرداننى ساقلاپ تۇردى.ئۇ قانچىلىك ساقلىغىنىنىمۇ بىلمەيتتى،بىر چاغدا ئاياق تىۋىشى ئاڭلاندى،پەزىلەتنىڭ يۈرىكى قېپىدىن چىقىپ كېتىدىغاندەك دۈپۈلدەيتتى.
_ياخشىمۇ سىز؟
_ھە...ياخ..شى ئۆزىڭىزچۇ؟
پەزىلەت ئالدىدىكى پادىچىلار ئىشتىنى كىيگەن،ئاللىقانداق مايكا كىيىپ چېچىنى گەدەنگىچە قويىۋەتكەن مەردانغا قاراپ ئارانلا شۇنداق دىيەلىدى،ئۇ ھودۇققانىدى،ھەيران بولغانىدى،خۇددى تۇنجى قېتىم يىگىتى بىلەن ئۇچراشقان قىزدەك،چۈنكى،بۇ پەزىلەت ئالىي مەكتەپكە ئۇزاتقان چاغدىكى مەردان ئەمەس ئىدى.ئۇلار بىرەر سائەت پاراڭلىشىپ قايتتى،مەردان يانچۇقىدىن بىرتال تاماكا چىقىرىپ تۇراشتۇردى ھەم پەزىلەتكە بۇرۇلۇپلا:
_ماۋۇ ياغلىقىڭنى ئېلىۋىتىپ،چېچىڭنى قويىۋەتسەڭ بولمامدۇ-؟دىدى.
بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم پەزىلەتنى سەنلىشى شۇنداقلا تۇنجى قېتىم ئۇنىڭ ئالدىدا تاماكا چېكىشى ئىدى.
پەزىلەت ھەممىنى چۈشەندى،مەردان ئۆزگەرگەنىدى،پەزىلەت ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدىن ئەنسىرەشكە باشلىدى.
ئادىلمۇ مەردان بىلەن كۆرۈشۈپلا پەزىلەتنى ئويلىدى،ئۇ پەزىلەتكە مەرداندىن قول ئۈزۈشكە نەسىھەت قىلماقچى بولدىيۇ،توختاپ قالدى،چۈنكى ئۇ پەزىلەتنىڭ ئۆزىنى باشقىچە چۈشىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيتتى.
كېيىنكى يىللىرى مەردان پەزىلەتنى كۆپ ئىزدىمەيدىغان،كۆرۈشكەن چاغلاردا ئۇنىڭغا سوغۇق مۇئامىلە قىلىدىغان بولىۋالدى.بۇلارغا مەرداننىڭ ئۈرۈمچىدىكى گۈزىلى ئاسىيە سەۋەبچى ئىدى.ئاسىيە مەردانى ئۆزىگە جەلىپ قىلىۋالدى،ئۇ مەكتەپتە ئوقۇمىغاچقا دائىم مەرداننى سىرتقا تەكلىپ قىلاتتى،ھەتتا ئۇلار بىر نەچچە قېتىم سىرتتا بىللە قوندى.پەزىلەت بۇ ئىشلاردىن خەۋەرسىز ئىدى...


3



مانا،كۈنلەر،ئايلار،يىلار شۇ تەرىقىدە ئۆتىۋەردى.
مەردانمۇ ئەڭ ئاخىرقى بىر ئوقۇش يىلىنى ئوقۇپ كېلىش ئۈچۈن يولغا چىقىپ كەتتى.ئۈرۈمچىگە بېرىشىغىلا ئاسىيە ئۇنى ئىزدەپ تاپتى:
_چاتاق بولدى مەردان،ئاپام ئاغرىپ قالدى ھازىر دەرھال 20 مىڭ يۈەن تاپشۇرمىساق ئاپامنى داۋالىمايدىكەن،ياردەم قىلسىڭىز بولاتتى،بىر ئاي ئىچىدىلا قايتۇرۇپ بېرەتتىم.
ئاسىيەنىڭ چىرايىدىكى جىددىيلىك مەرداننى ئەنسىرىتىپ قويدى،ئۇ ياردەم قىلمىسا بولمايتتى،چۈنكى ئاغرىپ قالغىنى ئۇنىڭ كەلگۈسىدىكى قىيىن ئانىسى ئىدى،ئۇ ئوقۇش پۇلى ھەم تۇرمۇش خىراجىتى ئۈچۈن ئېلىپ كەلگەن 10 مىڭ يۈەن پۇلنى بەردى ھەم كەچ كىرگۈچە 10 مىڭ يۈەن تېپىپ قويىدىغانلىقىنى،مەكتەپكە كېلىپ ئېلىۋېلىشنى ئېيتىپ بىر نەچچە تىجارەتچى دوستلىرىنى ئىزدەپ چىقىپ كەتتى.
بىر ئاي ۋاقىت توشتى،بۇ بىر ئاي ۋاقىتتا ئاسىيە مەرداننى بىر قېتىممۇ ئىزدەپ كەلمىدى،مەردان سەل ئەنسىرىگەندەك بولدى،لېكىن يەنىلا ئاسىيەگە ئىشەندى.مانا 2ئاي،ئۈچ ئاي ئۆتۈپ كەتتى.مەردان ئاخىرى ئاسىيەنى ئىزدەپ چىقتى،چۈنكى مەكتەپ پۇلنى بەك سۈيلەپ كەتكەنىدى،ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىغىمۇ پۇل يىتىشمەيۋاتاتتى،ئۇ ئاخىرى ئاسىيەنىڭ ئادرىسى بويىچە بىر ئىشىكنىڭ ئالدىغا كەلدى.
_خاپا بولماي ئاسىيەنى چاقىرىپ قويغان بولسىڭىز.
_قايسى ئاسىيە؟ھە...ھېلىقى ئۆي ئىجارىگە ئالغان قىزما؟ئۇ ئۈچ ئاي بۇرۇنلا كۆچۈپ كەتتى.
_نەگە كۆچۈپ كەتكىنى بىلەمسىز؟
_بىلمەيدىكەنمەن،گەپ قىلمايلا كېتىپ قالغان.
مەردان تۇرغان جايىدا قېتىپلا قالدى،ياتاققا قانداق كېلىپ قالغانلىقىنىمۇ بىلمەيلا قالدى.ئۇنىڭ كاللىسىدا پەقەت 20 مىڭ يۈەن پۇللا بار ئىدى.ئەمدى قانداقمۇ قىلارمەن؟ئاتا-ئانامغا نىمىمۇ دەرمەن؟ئۇ شۇلارنى ئويلىغانسېرى ئازاپلىناتتى.
ئەمدى قەرز ئىگىلىرىمۇ ياتاققا پات-پات كېلىدىغان بولدى،ئۇ پەزىلەتكە «پۇلۇمنى يۈتتۈرۈپ قويدۇم»دەپ يالغان ئېيتىپ سالدۇرغان ئەڭ ئاخىرقى 100 يۈەن پۇلغىمۇ ھاراق ئىچىپ تۈگىتىۋەتتى. كۈندە ياتاققا مەست كېلەتتى،دەرىسلەرگىمۇ قاتناشمايتتى.
ئۈچ ئايدىن كېيىن يېزىغا مەرداننىڭ مەكتەپتىن قوغلاندى بولغانلىق خەۋىرى كەلدى،لېكىن مەردان ئۆيىگە قايتىپ كەلمىگەنىدى ئۇ قەرز ئىگىلىرىدىن قۇتۇلالمايۋاتاتتى.ئايزىمخان ئانا كېسەل بولۇپ يىتىپ قالدى،ئۇ بەلكىم بالىسىنىڭ جىنايەت يولىغا مېڭىپ قالغانلىقىنى،ئەپيۇنغا خۇمار بولۇپ قالغانلىقىنى بىلمىگەندۇ.لېكىن پەزىلەت بىلىدۇ،چۈنكى ئۇ مەرداننى ئىزدەپ شەھەرگە بارغان مەرداننىڭ ئەھۋالىنى بىلگەن،ھەم بۇ ئىشلارنى مەرداننىڭ ئاتا-ئانىسىغا ئېيتماسلىق قارارىغا كەلگەنىدى.ئۇ ئەمدى مەرداندىن پۈتۈنلەي ئۈمۈدىنى ئۈزدى.
لېكىن بۇ ئىشلاردىن خەۋەرسىز سارىخان ئانا قىزىنىڭ مەردان بىلەن ئىش پەش تارتىشىپ يۈرگىنىنى بىلگەچكە،ھەم مەرداننى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان،پۇللۇق ئائىلىنىڭ ئارزۇلۇق ئوغلى دەپ قارىغاچقا قىزىنى مەردانغا بېرىش قارارىغا كېلىپ ئايزىمخان بىلەن پۈتۈشۈپ بولغاندىن.ئايزىمخانمۇ ئوغلىنىڭ«ئۈرۈمچىدە تىجارەت قىلىۋاتىمەن،ئاز كۈندىن كېيىن قايتىپ بارىمەن»دىگەن گىپىگە ئىشىنىپ يۈرەتتى.كەچلىك تاماق ۋاقتىدا سارىخان پەزىلەتكە كۆڭلىدىكى گەپنى ئېيتتى. لېكىن پەزىلەت قوشۇلماي تۇرىۋالدى،ئۇ قانداقمۇ قوشۇلالىسۇن؟!چۈنكى مەرداننىڭ ھاياتى ئاخىرلىشىش ئالدىدا.ئۇ شۇنداق ئادەم بىلەن توي قىلامدۇ؟ئۇنىڭ بىلەن توي قىلسا جەسەت بىلەن توي قىلغانغا باراۋەر ئەمەسمۇ...ئۇ ئاخىرىنى ئويلاشقا جۈرئەت قىلالماي دادىسىنىڭ تۈرۈلگە قاپىقى،ئانىسىنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازىغا قارىماي يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتتى،شۇ يۈگۈرگىنىچە مەھەللىدىكى ئېتىزلىققا باردى.كاللىسىدىكى چىگىش خىياللا ئۇنىڭ بېشىنى ئاغرىتىۋاتاتتى،ئۇ ھاياتىدا بۇنداق مۈشكۈل ئەھۋالغا قېلىپ باقمىغانىدى.ئۇنىڭ پۇت-قولى تىترىمەكتە،ياق،يۈرىكى ئەلەم ئامبۇرىدا قىسىلغان بىر پارچە گۆش بولۇپ تىترەۋاتاتتى.
تۇيۇقسىز قوناقلىقتىن ئادىل چىقىپ قالدى،ئۇ قوناققا سۇ تۇتىۋاتاتتى،پەزىلەت بارلىق دەرت-ئەلىمىنى ئۇنىڭغا تۆكمەكچى بولۇپ ئېرىق قىرىدا ئولتۇرۇپ مەرداننىڭ ئىشىدىن تارتىپ توي ئىشىغىچە بولغان بارلىق جەريانلارنى يىغلاپ تۇرۇپ سۆزلەپ بەردى.
_بولدى يىغلىماڭ،مۇشۇنداق بولىدىغىنىنى مەن بۇرۇنلا بىلگەن،ئەمەلىيەتتە مەنمۇ سىزنى...
_بولدى سۆزلىمەڭ-،پەزىلەت قولى بىلەن ئادىلنىڭ ئېغىزىنى توسىۋالدى.ئادىل ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلىپ بېشىنى ئاستا سىلىدى،پەزىلەت تېنىدە چەكسىز راھەت ھېس قىلىپ ئۆزىنى ئادىلنىڭ قۇچىقىغا تاشلىۋەتتى.ئادىل ئۇنىڭ چىرايىغا قارىدى:ئۇنىڭ كۆزلىرى چىڭ يۇمۇلغان،ئۇ ئادىلدىن بىر نەرسە تەلەپ قىلغاندەك چوڭقۇر-چوڭقۇر نەپەس ئېلىۋاتاتتى.
ئادىل تەمتىرەپ قالدى،قانداق قىلىش كېرەك؟يىگىتلىك ھېسىياتى ئۇنىڭ غۇرۇرىغا بويسۇنمىدى،ئۇنىڭ ئىرادىسىنى بېسىپ چۈشتى...
ئىككى قەلپ بىر-بىرى بىلەن ئۈن-تىنسىز سىرداشتى ئىككى بەدەن بىر-بىرىگە مەڭگۈلۈك تەئەللۇق ئىكەنلىكىنى ئۈن-تىنسىز ئېلان قىلىشتى،بولۇپمۇ ئادىل ھايات تەقدىم قىلغان بۇ ئىنئامدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى چۈشەندى.ئۇلار تەخمىنەن يېرىم سائەتتىن كېيىن مەۋجۈتلۇقىغا قايتتى...


4



كېچە،ھەممە تنچ ئۇيقۇدا،پەزىلەت خىيال ئىلكىدە...
شۇ كېچە،يەنى پەزىلەت مەرداننى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ھېلىقى سۆگەتلىكتە ئۇزۇتۇپ قويغان كېچە،ئۇ كۈنى مەردان پەزىلەتنىڭ تەلەپ قىلىشى بىلەن خوشلىشىش ئۈچۈن سۆگەتلىككە چىقتى،لېكىن بۇرۇنقىدەك ئولتۇرۇپ پاراڭلاشماي،ھە دەپ پەزىلەتكە يىپىشاتتى،پەزىلەت نىمىشقىدۇر ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ئۇرۇناتتى.
_نىمىشقا بۇنداق قىلىسەن پەزىلەت؟سەن مېنىڭ مۇھەببىىتىم.
_لېكىن بىز تېخى توي قىلمىدۇق.
_تولا سۆزلىمە-!مەردان ئۇنىڭ گىپىنى بۆلۈپلا ئۇنى قۇچاقلاپ ئۆزىگە تارتتى«چاڭ»قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ مەردان كەينىگە نەچچە قەدەم سەنتۈرۈلۈپ كەتتى.پەزىلەت نىمىشقا شۇنداق قىلغانلىقىنى ئۆزىمۇ بىلمەيتتى.ئۇ كۈنى ئۆز يىگىتىنىڭ شۇنچىلىك تەلىپىنى رەت قىلغانىدى،ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە باشقا بىر يىگىتكە ئۆز مەيلى بىلەن...
پەزىلەتنىڭ خاتىرىسىدە شۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشى مەڭگۈلۈك ۋىدالىشىش بولۇپ قالغانىدى.خورازنىڭ قىچقىرغان ئاۋازى بىلەن تەڭ ئۇ خىيالدىن ئويغاندى،بۇ چاغدا تۈن قارا قانىتىنى يىغىپ،ئاسمان بوشلۇقى سۈزۈلۈشكە باشلىدى.
_ۋاي خۇدايىم،ۋاي جىنىم بالام ساڭا نىمە بولدى؟!!!
_ئىسىت،ئىسىت جىنىم بالام قانداق بولۇپ مۇشۇ كۈنگە قالغانسەن؟
ئايزىمخاننىڭ ھويلىسىدىن چىققان بۇ يىغا ئاۋازىنى ئاڭلاپ پۈتۈن مەھەللىدىكىلەر ئۇلارنىڭ ھويلىسىغا كىردى.دەرۋازا ئالدىدا بىر ساقچى ماشىنىسى بىلەن بىر نەچچە ساقچى تۇراتتى،ھويلىنىڭ ئوتتۇرسىدا ئورۇقلاپ بىر ئۇستىخان بىر تېرە بولۇپ قالغان مەرداننىڭ جەسىتى تۇراتتى.
_ھەي ئىسىت،ياپياش تۇرۇپلا...
_ھەي مۇشۇ زەھەر دىگەننىزە...
مەھەللىدىكى چوڭلارنىڭ ئېچىنىشلىرى توغرا ئىدى،ئاق تاماكا دىگەن بۇ ئىبلىس نۇرغۇنلىغان ياشلىرىمىزنىڭ ۋەيران بولىشىنى،نۇرغۇنلىغان جىنازىلارنىڭ ئۈنسىز قەبرىستانلىققا توشۇلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتاتتى.
ئەمدى بارلىق تارتقۇلۇقنى پەزىلەت تارتىشقا باشلىدى.چۈنكى ئۇنىڭ قورسىقى كۈندىن-كۈنگە يۇغىناپ كېتىپ باراتتى.ئاتا-ئانىسىنىڭ تىل-دەشنامى،مەھەللىدىكىلەرنىڭ سۆز-چۆچەكلىرى ئۇنى بەكمۇ قىيناۋاتاتتى.ئۇ بۇ بالىنىڭ دادىسى ئادىل ئىكەنلىكىنى ئېغىزدىن چىقارمىدى،چۈنكى ئۇ ئادىلنى ئايايتتى.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاتا-ئانىسى ھەم مەھەللىدىكىلەر بۇ بالىنى مەرداننىڭ بالىسى دەپ قارايتتى.
لېكىن ئادىل چىدىيالمىدى،ئۇنىڭ ۋىجدانى قانداقمۇ ئۆز يۈرەك پارىسىنى،گەرچە نىكاھسىز بولسىمۇ ئۆز پۇشتىنى بىر جەسەتنىڭ، بىر ئەپيۇنكەش مۇردىنىڭ بالىسى دەپ ئېتىراپ قىلالىسۇن؟ئەتىسى تاڭ سەھەردە ئۇ ھەممىنى ئاشكارلىماقچى بولۇپ پەزىلەتنىڭ ئۆيىگە باردى.لېكىن ئۇ كېچىككەنىدى.پەزىلەت ئاخشام ئۆيىدىن چىقىپ كەتكەنىدى.چۈشكە يېقىن مەھەللىنىڭ تۆپىدىكى ئۆستەڭنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىن پەزىلەتنىڭ جەسىتى سۈزىۋېلىندى.ئانىنىڭ قولىدا ئاخشام پەزىلەت يېزىپ تاشلاپ قويغان بىر پارچە خەت تۇراتتى:
قەدىرلىك ئاپا،دادا مەن ئالدى بىلەن سىلەردىن كەچۈرۈم سورايمەن،مەن قىزلىق بۇرچۇمنى ئادا قىلالمىدىم،قورسىقىمدىكى بۇ بالا مەرداننىڭ بالىسى ئەمەس!ئۇ بىر پاك ئىنساننىڭ،مەن قەلبىنى چۈشەنمىگەن بىر ئىنساننىڭ بالىسى،بۇ بالا تۇغۇلسا بالىسىنى بىلمەي خورلۇقتا قالىدۇ،تەنھالىقتا قالىدۇ. شۇڭا ئۇنى ئۆزۈم بىلەن بىللە تنچ،خاتىرجەم جايغا ئېلىپ كەتتىم.مېنى كەچۈرۈڭلار،مەندىن رازى بولۇڭلار،مەن كەتتىم...
ئادىل قاتتىق ئېچىندى،ئىچ-ئىچىدىن ئۆكۈندى.كىشىلىك ھاياتتا ئادەم قانچىلىغان گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلار ئەپسۇس بىلەن ئۆتۈپ كېتىدۇ ھە؟!شۇنداق،ئۆتۈپ كېتىدۇ،لېكىن ئاخىرقى ھېساپتا يۈرەكتە قالىدىغىنى يەنىلا قايغۇ ئەلەمنىڭ ئاچچىق خاتىرىسى بولىدۇ.
سارىخان ئانا«قىزىم!»دىگىنىچە پەزىلەتنىڭ جەسىتى ئۈستىگە يىقىلدى.مەھەلىنىڭ كۈن چىقىش تەرىپىدىكى قەبرىلەر ئىچىگە يېقىن-يېقىن كولانغان ئىككى يېڭى قەبرە قوشۇلدى.



مەنبە _________ قەلىمىم(ئەلچۈن)

تېما تەستىقلىغۇچى : خوك
تەستىقلانغان ۋاقىت :
2010-12-24, 19:05
-سىز كۆرۋاتقان تىما ئېچىنىشلىق تەغدىر,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
يۇرتۇم__ توققۇزتارا تاشتۆپە
dilqun
~ئويغان*_*ئۇيغۇر~
دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 18939
  جىنسى: يوشۇرۇن
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 86
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە86دانە
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 355 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 530(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-11-25
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-12-28
1 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-12-25 03:37 AM

ياخشى ھېكايىكەن   
ئوغۇل بول شوخ بول،
بولمىسا يوق بول.
قىز بول تاتلىق بول،
بولمىسا ياتلىق بول.
ajap爱你
孤独的心
دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 16333
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 100
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە100دانە
ياخشى باھا: 18 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 1389 سوم
تۆھپىسى: 40 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 92(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-11-05
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-12-27
2 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-12-25 03:58 AM

كەلگەن ئۇيقۇم نى ئېچىپلا ۋەتتىغۇ ھىكايە ۋاي بىچارە بالىلا ياش تۇرۇپلا ھەي
بولدىلا تاخشى يېزىپ سىز رەھمەت
ياخشى كۇرمەيمەن دىسەم
   يۇرەك يول قويمىدى
Mousejan
چىدىمىسا چىچىۋەتسۇن
دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 3553
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 170
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە170دانە
ياخشى باھا: 42 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 2921 سوم
تۆھپىسى: 77 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 1665(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-07-08
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-12-27
3 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-12-25 04:38 AM

قوناقلىققا بىرىپلا ئادىل دىگەن بىلەن ئىشنى پۈتتۈرۋىتىپتىدە ئاۋۇ خان....
مۇھابىتىدىن ئايرىلماي تۇرۇپ ،يەنە بىرسى بىلەن يۈرمەي تۇرۇپ .....توۋا...
بىز تىخى توي قىلمىدۇق دەپ كىتىشلىررىنى قانداق قىلاي بۇ خاننىڭ....
توي قىلماي تۇرۇپ قورسىقىڭىزدىكى نىمە ئەمسە خان...
بۇنداق شاللاق قىزلارنىڭ ئۆلگىنى ياخشى...

ھىكايىڭىزنىڭ تىلى بەك راۋان چىقىپتۇ،،،
ئەجرىڭىزگە رەھمەت.
سودا تورى ،ئەڭ ياخشى مال سېتىۋىلىش سۇپىڭىز
موزدوزنىڭ ئاغزىدىن بىلىقچىنىڭ قوڭى پاكىز
yaziman
مەن دىگەن ئەلچۈن،شۇڭا ئەل ئۈچۈن يازىمەن،يەنە يا& ..
دەرىجە: دائىملىق ئــەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 4026
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 957
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە957دانە
ياخشى باھا: 112 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 2419 سوم
تۆھپىسى: 110 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 999(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-07-15
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-12-27
4 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-12-25 08:46 AM

نەقىل ئېلىش
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت  dilqun كە 2010-12-25 03:37 AMئەۋەتىلدى  :
ياخشى ھېكايىكەن   

ياخشى ئىنكاسكەن...
يۇرتۇم__ توققۇزتارا تاشتۆپە
msran009
ئادەم ئەتكەنگە تازىم ئەت.
دەرىجە: يىـڭى ئــەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 20901
  جىنسى: يوشۇرۇن
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 26
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە26دانە
ياخشى باھا: 1 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 105 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 380(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-12-05
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-12-28
5 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-12-25 12:04 PM

چىۋىن يەۋالغاندەك بوپ قالدىما . ئىسىت .
ئادەم ئەتكەنگە تازىم ئەت.
xaklat
ئۆزۈڭگە ئىشەن،ئۆزگىنى دورىما~~!
دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 9700
  جىنسى: يوشۇرۇن
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 70
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە70دانە
ياخشى باھا: 28 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 2413 سوم
تۆھپىسى: 51 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 24(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-09-09
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-12-28
6 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-12-25 12:59 PM

تۇرمۇشتىكى بەزى ناچار ئادەملەرنى بەك يارقىن گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىپسىز.........قولىڭىزغا دەرىت كەلمىسۇن ئېلاھىم~~~~
GULUM404
يالغۇزنىڭ يارى خۇدا!
دەرىجە: يىـڭى ئــەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 7914
  جىنسى: خانىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 29
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە29دانە
ياخشى باھا: 28 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 2216 سوم
تۆھپىسى: 50 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 356(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-26
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-12-28
7 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-12-25 03:14 PM

بەك ياخشى، تەسىرلىك ھېكايىكەن.. بىراق مەن پەزىلەتنىڭ ئادىل بىلەن شۇنداق تېزلا باشقا ئىشلارنى قىلىپ كېتىشىنى چۈشەنمىدىم.. مېنىڭچە ئادىل ئۇ قىزنى ياخشى كۆرگەن ئىكەن چوقۇم بۇنداق قىلىشىنى توسايدۇ ئەمما..... ئىشقىلىپ ياخشى چىقىپتۇ.. قولىڭىز ھارمىغاي...
nurluk1010
konglingiz azada bolsun
دەرىجە: يىـڭى ئــەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 23942
  جىنسى: خانىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 11
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە11دانە
ياخشى باھا: 1 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 49 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 46(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-12-26
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-12-28
8 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 20:13

5-قەۋەت (msran009) نىڭ يازمىسىغا

شۇنداق ئاسانلا بىرگە بولغان بارمۇ ؟پەزىلەت ئادىل بىلەن تۈي قىلسا تامامەن بۇلاتتىغۇ نىمىشقا ئۆلىۋالىدۇ دەيمەن بۇ ھىكايە تەپسىلىرەك ھىسياتلىق تېزىلغان بولسا تېخىمۇ ياخشى چىقاركەن