مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1218 قېتىم كۆرۈلدى
«12345»Pages: 1/5     Go
تېما: خوتۇن باشقۇرۇش سەنئىتى <ھىكايە>
parwin
bir lukqakman ,sining koqangda
دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 848
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 1
ئومومىي يازما: 181
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە181دانە
ياخشى باھا: 101 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 5478 سوم
تۆھپىسى: 95 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 429(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-26
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-12-28
0 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-12-23 04:38 PM

1 خوتۇن باشقۇرۇش سەنئىتى <ھىكايە>

ئەسكەرتىش: تېما باشقۇرغۇچى hokumran تەرپىدىن نادىرلاندى. (2010-12-26)

خوتۇن باشقۇرۇش سەنئىتى
پەرۋىن 
<ھىكايە>

      توڭگۇز بازىرىنى سېغىنىپ قالدىم، چۈنكى ئۇ يەردە كۈن غەرىپتىن چىقىدۇ. چىرماپ تۇرغان ئۆمۈچۈك تورىدەك تۆت تام مەندىن يىراقلىشىدۇ. نۇرسىز كۆزلىرىمگە قان تولۇپ، قىپ-قىزىل لەۋلەر مىڭ ئىككىنچى كېچىنىڭ چۆچەكلىرىگە باشلايدۇ. ئاۋاز لامپىلىرىم «بۇلبۇل»دەك سايراپ، مەستلىكنىڭ راھىتىنى سۈرىمەن. چۈنكى تۇڭگۇز بازىرىدا مەست بۇلۇش شەرەپ، مەستلىك راھەت، بىر سەر ئويناپ قۇيۇش نوچىلىق. تاشقى پىلانتتىن كېلىپ قالغان مارى مەرگەننىڭ «تۇمۇچۇق»لىرى مىنى باغرىغا ئالىدۇ. دەللال يانفۇنۇم بۇ تومۇچۇقلارنىڭ ھەپتىدە ئۆزگىرىپ تۇرغان تېلىفۇن نومۇرى بىلەن توشۇپ كەتسىمۇ، دائىم چىقىراپ مىھماندارچىلىققا چىللاپ تۇرىدۇ. تېكە سۈيدىگى پۇراپ تۇرغان بۇ بازاردا مەندەك پۇلدارنىڭ نامىنى بىلمەيدىغىنى يوق. شەرقتىن چىققاندا، ھاراق باغرىدا شىرىن ئۇيقۇم ناتۇنۇش چۈشەكتە ئازاپلىق ئېڭرايدۇ. ئەمما بۇ بايقۇشلار مىنىڭ يەنە توي قىلغانلىغىمنى ھەرگىز بىلمەيدۇ. بۈگۈن مىنىڭ قۇتلۇق توي كۈنۈم، يېنىمدا پۇلنىڭ قەستىدە ماڭا چاپلىشىپ ئۆلتۇرغىنى« سەت» يەتتىنچى خوتۇنۇم. يەنە كېلىپ مەندىن يىگىرمە ياش كىچىك ... ،كۆزۈمنى ‹ئۈسكەكنىڭ›يوغان چىرىغىدەك پاقىرتىپ، « سەت» يەتتىنچى خوتۇنۇم بىلەن تېغى بايىلا موللامنىڭ شاپائىتىدە تويۇمنى قىلىۋالدىم.ئۆزەمنى ئاشكارلىسام،مەن بويتاق ئىدىم، چۈنكى مەن پۇلدار. بويتاقلىق ماڭا شەرەپ ئىدى.
     مەن بويتاق ئىدىم, چۈنكى مەن بەك چىرايلىق ،«سەت» سۇيۇق مىجەزىم قاملاشقان چىرايىمغا بەكمۇ چىرايلىق قالقان، كۈنلۈك. مەن بويتاق ئىدىم، چۈنكى ھىچكىمدىن قورقمايتىم....ھەي...خوتۇنۇمنىڭ شۇنچىلىك دوستى بارلىغىنى بۇرۇنلا بىلسەم-ھە...نىمانداق چىرايلىق كاساپەتلەر ئۇ، سۈت پۇراپ تۇرغان بۇ سەھرا پەرىلىرىنىڭ كۆزۈمنىڭ بالىخانىسىغا ئەيمەنمەي تىكىلىشلىرىچۇ ... پۇشايمان دىگەن شۇنداق نەرسىكەن. چۈنكى مەن بويتاقلىقتا شاتلىققا چۆمۈلەتتىم، كوڭكىلاردا ئۇچاتتىم، مەيلەردە ئۈزەتتىم، چىرايلىق قىزلار بىلەن دىبالاردا پىقىراتتىم، ئۆتلۇق كۆزلەرنىڭ ئىچىدە ،قىپ-قىزىل لەۋلەرنىڭ بەرگىدە بويتاقلىق راھىتىنى سۈرەتتىم...يەتتىنچى خوتۇنىمغا قارىسام قۇسقۇملا كېلىدۇ،ئەر كىشى خوتۇن ئالىدىغان چاغدا كۆزى قارغۇ بولىدۇ دىگىنى يالغان ئەمەسكەن. خوتۇن بىلەن كىرىلىپ كوچا ئايلانسام...ئاھ،نىمە كۈن بۇ...كوچىدا نىمانداق چىرايلىق قىزلار،بويتاق جۇۋانلار،مەن بۇ چىرايلىق تۇمۇچۇقلارنى نىمىشقا بالدۇرراق  سەزمىگەندىمەن، يەتتىنچى خوتۇنۇمغا قارىسام، گىدىيىپ يۈرۈشلىرىچۇ؟ كاساپەت، خېتىنى ئۆيگە بارغاندا ئۈچ تالاققا باغلاپ، دىباغىلا يولغا سالمىسام.نىمە دەيدۇ تېغى؟ ئۆينىڭ غەزىنىسىنى مەن باشقۇراي، ھازىرقى ئۆينى ساتايلى، جىن ئۇرغان بۇ قىيامەتتىن قۇتۇلۇپ، ئۈرۈمچىدىن ئۆي ئالايلى دىيىشلىرىچۇ؟...خوتۇن كىشىنىڭ چېچىمۇ قىسقا ، ئەقلىغۇ تېغىمۇ ...ئۈرۈمچىنى سېغىنىپ قاپتۇ بۇ خوتۇن...«قوتاندىن چاچراپ چىققان »مالچىنىڭ قىزىغۇ ئۇ؟بۈگۈنكى قىزلارنىڭ ئۆزگىرىشى نىمانداق تىز،نىمكەش كىيىمنى كىيىۋېلىپ،يۈزىنى بوياپلا يۈرسە ئەسلىنى ئۇنتۇيدۇ...بويتاقلىغىمنى سېغىنىپ قالدىم....كىم مىنى قىرىق ياشنىڭ قارىسىنى ئاپتۇ دەيدۇ؟ يەتتە خوتۇنىمنىڭ ھىچقايسىسى ئۇنداق دەپ باققان ئەمەس، چۈنكى پۇل دىگەن نەرسە مىنى ئۆزگەرتكەن، شاتۇت مىجەز خوتۇنلىرىمنى ئۆزگەرتكەن. بويتاقلىغىمنى سېغىنىپ قالدىم، چۈنكى مىنى ھىچكىم باشقۇرمەن دىمەيتى ،لېكىن تونۇگۈن ئالغان خوتۇن مىنى باشقۇرمەن دەيتۇ.«تاماكا چەكمەڭ، ھاراق ئىچمەڭ، كېچىدە سىرتىدا نىمە بار سىزگە» دىيىشلىرىچۇ...نىمە بار ئىدى، سەندىن چىرايلىق قىزلىرىم بار ،چاك-چاك تىلىنى چىقىرىپ مىنى ساقلاپ تۇردىغان دىسەم ،نىمە دەيدۇ«ئالتە خوتۇن بىكار يامانلاپ كەتمەپتىكەن» دىمەسمۇ ،كەلتۈرۈپ سەت ئىڭەكلىرىدىن ئوت چىقىرۋەتتىم. پۇت قۇلى تۆت كۈن ئاسمىدا تۇرۇپ ، بەشىنچى كۈنى« ئۆينى سېغىندىم» دەيدۇ. قانداق قىلىمەن،«كەر بالانىڭ چۆلىدىكى رودىپايغا ئۇچراپ قالدىممۇ نىمە» دەپ ئاستا ياقامنى چىشلىدىم. بىر قوشنام بولىدىغان، سەينا نوچىسى. كۈندىسى قارىسىڭىز شۇنداق مۇلايىم، تېغى كېلىپ بىر مەكتەپنىڭ مۇدىرى دەڭە...گوركىدەك چاچلىرىنى چوقچايتىپ مېڭىشلىرى بىزنىڭ بۇ كوچىدا ئۆزگىچە،لېكىن خۇدايىم بەرگەن چىرايلىق بىجىرىم كۆزىگە تاقىۋالغان كۆزەينىگى ئىدىيەمدىن ئۆتمەيدۇ،ساق-ساق كۆزىگە تاقىۋالغان كۆزەينىگى ئۇنىڭ سۆلىتى،كۆزەينەك توغرىسىدا گەپ تىشىلسە ئاغزىمىزنى ئېچىپلا قالىمىز.نىمە دەيدۇ دىمەمسەن«زىيالى دىگەن زىيالىدەك بۇلۇشى كېرەك» دىمەسمۇ سۇرۇندىكىلەر ياقىمىزنى چىشلىمىسەك بىكار.نەسىھىتىمىز غازغا يۇقسا يۇقىدىكى بۇ ئەپەندى قوشنامغا ھەرگىز يۇقمايدۇ،ئەپەندى قوشنامنىڭ بىر ئەركەكلىگى بار، ئۇ بولسىمۇ، كەچ بولسىلا تۇڭگۇز بازىرىغا بىر بېرىپ كەلمىسە ئۆيىگە كىرەلمەيدۇ.بىر كۈنى تازا ئىچىۋالغان چېغى‹ سۇرۇننىڭ پۇلىنى ئەپەندى قوشنام تولىگەن بۇلۇشى مۇمكىن › ، ئۆيىنى تاپالماي ، ئۆزەمنىڭ ئۆيىغۇ دەپ ،ئۆزىنىڭ ئۆيىگە ئوخشايدىغان بىر ئۆينى بار كۇچى بىلەن بىرنى تىپىپ ئېچىپلا ھويلىغا كىرىپتۇ.ئەسلىدە بۇ ئۆي تۇل خوتۇننىڭ ئۆيى ئىكەن .تۇل خوتۇن ئۆيىنىڭ ئىشىگىگە يوغان دەمنى قايتىدىن سېلىپ دەرىزىدىن قارىسا تونۇش چىراي، ئۆزى بىر مەكتەپنىڭ مۇدىرى بولغاندىكىن، مەھەللىدە كىم تونىمايدۇ دەيسىز، تۇل خوتۇن ھىچ ئىش بولمىغاندەك ئەپەندىم قوشنامنى يۆلەپ ئۆيگە ئەكىرىپ مىھمانخانا ئۆيىگە ياتقۇزۇپ قۇيۇپتۇ .تۈن يانغاندا مەستلىگى يېشىلىپ تۆت تامنىڭ بۇلۇڭ پۇشقاقلقرىغا قارىسا ئۆزىنىڭ ئۆيىگە ئوخشىمىغان، كىيىم-كېچىكى جايىدا، ئاغىنەمنىڭ ئۆيى ئوخشايدۇ دەپ ،ئاستا يوتقاندىن سۇغۇرۇلۇپ ياندىكى ئۆيگە قارىسا ئۇزۇن چاچ بىر ئايال ياتقان. ئەپەندى قوشنام پۇتنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ يوتقانغا مۇكۈنۈپ بولغىچە بىر ئايالنىڭ ئاۋازى قۇلاق تۈۋىدە جاراڭلاپتۇ:
     - ئىسسىق ئۈگرە ئىچەملا؟ بىر دەمدىلا پىشىدۇ...
... ...
     ئەپەندى قوشنام يوتقاننىڭ ئىچىگە تېغىمۇ مۆكۈنۈپ تۈگۈلۈپ يېتىۋېپتۇ.تۇل خوتۇن ئۈندىمەي چىقىپ كېتىپتۇ.بىر ئاش پېشىم ئۆتكەندە تۇل خوتۇننىڭ ئاۋازى ئەپەندى قوشنامنىڭ قۇلاق تۈۋىدە يەنە جاراڭلاپتۇ؛
     - ئەپەندىم، قورساقلىرىمۇ ئېچىپ كەتكەندۇر،ئىسسىق ئوخشۇتۇپ چۆچۈرە قىلىپ بېرەيمۇ؟
... ...
     تۇڭگۇز بازىرىدا ئىچكەن ئاچچىق ھاراق قوشنامنى قىيناپ ،بىر يۇتۇم سۇ كۆزىگە زەم-زەم كۈرۈنۈپ ياتقاندا قوشنامنىڭ ئىسسىق ئۈگرىنى ئىچكىسى يوق دەمسىز؟ قانداق بۇلۇپ بۇ ئۆيگە كىرىپ قالغىنىنى بىلەلمەي تۇرغاندا ناتۇنۇش بىر خوتۇننىڭ ئاۋازى ئۇنى تېغىمۇ ساراسىمغا، ۋەھىمىگە سېلىۋېتىپتۇ.بىچارە قوشنام نىمە دىيىشنى بىلەلمەي ئىسسىق يوتقاننىڭ ئېچىگە تېغىمۇ پۈركۈنۈپ لام –جىم دىمەستىن يېتىۋېپتۇ.تۇل خوتۇننىڭ ئىلتىجاسى شۇنداقلا يوتقاننى يىنىك ئىككى قېتىم تارتىپ قۇيۇشى كارغا كەلمىگەندىن كىيىن تۇل خوتۇنمۇ قوشنامغا ئاڭلىغىدەك ئېغىر بىرنى ئاھ تارتىپ قۇيۇپ ئۆز ھوجرىسىغا كىرىپ كېتىپتۇ.تاڭ سۈزۈلۈپ ھويلىدىكى تاراق –تۇرۇق ئەۋجىگە چىققاندا ،قوشنام يوتقاندىن ئاستا سۇغۇرۇلۇپ، سىرتقا چىقىپ قارىسا ئۆزى باشقۇرۇپ كېلىۋاتقان مەكتىۋى تۇرۇشلۇق مەھەللە، بىر خوتۇن ئوندەك قوينى يولنىڭ نېرى قىرغىدىكى ئوستەڭ بويىدا بېقىۋاتقان. «ئاپلا» دەپتۇ قوشنام ،«مەن قانداق بۇلۇپ مەكتىۋىمنىڭ يېنىغا كېلىپ قالدىم»، غىپپىدە تىكىۋەتسە سەت بولارنى بىلگەن قوشنام تۇل خوتۇننىڭ قېشىغا بېرىپ ئاخشام ئۆزىنىڭ مەستچىلىكتە بىر مۇنچە ئاۋارچىلىك سالغانلىغىنى چۈشەندۈرۈپ ئاخىردا ئۆتلاۋاتقان قويلارغا قاراپ سوز باشلاپتۇ:
     - سىلە قويلارنى بېقىش قايدىسىنى بىلمەپلا ،قارىسىلا يەتتە سەككىز قوشقار بىلەن بىر چىشى مالنى باقسىلا قانداقمۇ سىلىگە نەپ بېرەر-ھە،
تۇل خوتۇن نىمە دەپتۇ دىمەمسىلەر ،كەلتۈرۈپ قوشنامنىڭ ئەدىۋىنى بېرىپتۇ:
     - قارىسىلا شوجاڭ،سىلىمۇ بىلمەيدىكەنلا،ئاۋۇ ئۈژمە تۈۋىدە تۇرغىنى قوي قوشقىرى قالغانلىرى شوجاڭ قوشقار...
     تىلنىڭ ئۇسقىنى يوق دىگەندەك بىزنىڭ بۇ ئەپەندى قوشنام شۇ كۈنى كەچتە تۇڭگۇز بازىرىدا خۇددى ئۆتتۇز مو يەرنىڭ خامىنىنى بىر كۈندە ئېلىپ بولغاندەك،كۆپتۈرۈپ،چۆكتۈرۈپ سۇرۇن ئەھلىگە لاپ ئۇرۇشقا باشلاپتىكەن،بۇ ئىشنىڭ ئۆزىگە يېنىپ قېلىشىنى ئۆزىمۇ بىلمەپتۇ.«تامچە سۇ دېڭىز بولار»دىگەندەك بۇ لەتىپە ھەش –پەش دىگىچە تۇڭگۇز بازىرىدىن كىچىككىنە بۇ شەھەرگە پۇر كېتىپتۇ.

     تۇڭگۇز بازىرىنى سېغىنىپ قالدىم.ھەلەپ يالىڭاچ تۇڭگۇز بازىرىدىكەن دىسە ،تۇڭگۇز بازىرىدا دۇتتار بىلەن تامبۇرنىڭ سايىسىدا كۈن ئالدىغان،«تىلى بۇلبۇل،دىلى ئۇسۇرۇق» يانچۇغى يوق،چوپقەتلەر يېنىمغا «قۇشتەك»پەيدا بولىدۇ.«بىر پەردە ئىككى-ئۈچ كۈرۈنۈشلۈك»تۇڭگۇز بازىرىدا سۇرۇنىمىز ئەنە شۇنداق باشلىنىدۇ.قوشنام بىلەن دائىم سىردىشىپ قالىمىز.ھەي...نىمىسىنى ئاشكارلاي،ئەتىسىلا يەنە ناتۇنۇشتەك،بىر-بىرىمىزگە قاراشماي يۈرۈيمىز.كەچلىگى ناخشا دىگەننى توۋلاپ مەھەللىنى بېشىغا كىيىپلا دەرۋازىنى بار كۇچى بىلەن تىپىپ ئۆزىنىڭ ئەركەكلىگىنى كۆرسىتىدۇ...بىچارە خوتۇن بۇ سەينا نوچىسىدىن ،ئالۋاستىدىن قورقاندەك قورقامدىكى دەيمەن.ئۆزەمنى ئويلاپ قالىمەن،پۇل دىسە تۇرسا،مۇش تۇرسا بازغاندەك،ساراي دىسە ئەرەپلەرنىڭ داچىسىدىن قېلىشمايدۇ لېكىن، قايسى خوتۇننى ئالاي سەينا نوچىلىغىنى قاملاشتۇرالمەيمەن.چۈنكى ھۆكۈرەپ بولغىچە تىلى بۇلبۇل بولىدۇ،«مىنىچۇ ئاتا-ئانام تاك ئېتىپ چەكمىگەن...ئۇرە.بىز دىگەن ئالتە ئۇغۇل جۇما.ئاكىلىرىمغا دەپ...»بوشلۇقتا پىقىرغان قۇلۇم ئۇسۇلچىنىڭ قولىدەك خوتۇنۇمنىڭ يۈزىگە تەگمەي تاماكا چىكىشكە تۇتۇش قىلىمەن.خوتۇن بولسا چاقىدىغاننى چېقىپ،ئاتىدىغاننى ئېتىپ،ئاكىلىرىغا تېلىفۇن ئۇرۇشۇپ،مىنىڭ داچامنى بىر كېچە تالاج-تارتىش قىلىپ،تۆت تام ئىچىنى سۈپۈرۈپلا غايىپ بولىدۇ.مەھەللىدە ھەقسىز ئۇيۇنىمىز بەكمۇ قىزىيدۇ...ئاشكارلىسام يەتتىنچى خوتۇنۇم ئالدىنقى خوتۇنلىرىمغا ئوخشىمايدۇ،چۈنكى ئۇ شەھەردىن بەكمۇ يىراقتىكى مالچىنىڭ قىزى.ئۆيىدە يا تېلىفۇن يا ئاكىلىرى يوق...ئەپسۇس،سۇنۇقتىن باشقىسى يۇقۇدۇ دىگەندەك بۇ خوتۇنمۇ تىزلا ئۆزگەردى.توي قىلغاندىن باشلاپ يېرىم كېچىدە قوپۇپ «كىتىر-كىتىر»قىلىپ،ناماز ئۇقۇپ،ھويلا-ئارامنى تازلاپ ئۇيقامنى بۇزۇپ يۈرەتتى،ئاران ئۈچ كۈنلۈك بولدى.تۇڭگۇز بازىرىدا ئىچكەن ھاراق چىشلىۋالغان چېغى يانغا ئۈرۈلۈپ قارىسام خوتۇن يوق.ناماز ئۇقىغىلى يان ئۆيگە چىقىپ كەتكەن ئوخشايدۇ دەپ يان ھوجرىغا قارىسام ئەينەككە قاراپ مۇزلاپ قاپتۇ،يۈز كۆزىنى مايمۇننىڭ كۆتىدەك قىلىپ ھازىرلا دىباغا يۈرۈش قىلىدىغان جەڭگىۋار قىزلار قۇشىۇنىدەك...
     - نىمە قىلىق بۇ خوتۇن،-دىدىم نوقۇپ.
     - نىمە قىلىق بولاتتى-،دىدى ئۇ،ماڭا ئىرەڭمۇ قىلىپ قويماي،-سىز ھاراق ئىچىپ يۈرسىڭىز،مىنىڭ ناماز ئۇقۇپ يۈرگىنىمنىڭ نىمە پايدىسى...
«خوتۇن كىشىنى ئۈچ كۈندە بىر ئۇرۇپ يۈرمىسەك،يىگەن تامىقى چىرايىغا چىقماپتۇ»دىگەن شۇدە.نەدىن كەلدى بۇ ئاچچىق،ئاستىمغا بېسىۋېلىپ يۈز مايلىرىنى يۈز كۆزىگە تۆكۈپ،ئۇماچ يالىغان مۈشۈكتەك قىلىۋېتىپ ئۆزەمنى سىرتقا ئاتتىم.
      تۇڭگۇز بازىرى بۇرنۇمغا پۇراپ تۇراتتى.چۈنكى ئاخشامقىنىڭ چىشىنى چاقمىسام،بۈگۈن ماڭا كۈن ھارام.كۈندە ئالتە قىزغا تەلەپ قويمىسا ئۇيقۇسى كەلمەيدىغان بالا ئاغىنەم سىيىت تەلەپنى بىر تېلىفۇن بىلەن چاقىرىپ ئىت پوق يىمەستە تۇڭگۇز بازىرىغا يۇرۇپ كەتتۇق.يۇلدا قاسىم تايلاڭ بىلەن ئوسمان ھاشارەتنى قېتىۋالدۇق.لەقەم دىگەن ئاجايىپ بولىدىكەن.ئەپەندى قوشنامنى مىسالغا ئالساق،بىر كېچىدىلا «پىر-پىر»لەقىمى «شوجاڭ قوشقار»غا ئالمىشىپ قالدى.مىنىڭ بۇ «يالىڭاچ» لەقىمەممۇ ئاتا-بوۋامدىن مىراس قالغان،پۇل –مالمۇ ئاتا-ئانامدىن مىراس قالغان...ھېكىم دىگەن چىرايلىق ئىسمىم ھېلىمغا ،گاھىدا ھەلەپكە ئۆزگۈرۈپ تۇرىدۇ.باشقىلارنىڭ ئاغزىنى تۇسۇۋالغىلى بولاتتىمۇ ؟كۆنۈپمۇ كەتتىم.كۆنمەيمۇ ئامال يوق،«لەقەم نەدىن كەلدى،ئاناڭنىڭ قېشىدىن» دىگەن شۇدە... كىم مىنى ئاقسوڭەكنىڭ پۇشتى بولسۇن دەپتۇ،لېكىنزە...«ھەلەپ يالىڭاچ» دەپلا قويسا ئېتىلىپ تازا ئەدىۋىنى بېرىمەن،«ھەي،ئىنجىمارۇق ھىزىم گوتۇ،گېزىنى پۇرۇچ مەنتەڭ كۆز،ئۇماچ پاتتاڭ يالاڭئاياق كېسەك ئۆرىسى،بۈرگە پۇشتى...»بوراندەك چىققان بۇ ئاھانەتنى تۇڭگۇز بازىرىدىكىلەر ئوبدان بىلىدۇ.لەقىمەمنى كۆز ئالدىمدا چاقىرىپ قويسا بۇ بىچارە زابويلار تۇغۇلغانغا مىڭنى...
     سۇرۇنغا «شوجاڭ قوشقار»سالامنى چوڭ قىلىپ كىرىپلا يېنىمدىن ئۇرۇن ئالدى.ئولتۇرا –ئولتۇرماي بىر قەدەھ ھاراقمۇ بىزىرىپ ئالدىغا پەيدا بولدى. ئىككىلىك تىك چېچى بىلەن كۆزۈگە تاقىۋالغان كۆزەينىگى ئېچىمنى پۇشۇرسىمۇ ئىچىمدە مىڭنى تىللاپ جىم بۇلۇپ قالدىم.نىمە دىيەلەيمەن،سىنى كىم چاقىردى دىسەم يارىشامدۇ،بۇ دىگەن تۇڭگۇز بازىرى.تۇڭگۇز بازىرىدا قايسى قاۋاقنىڭ ئىشىگىنى كىم چىكىپ كىرىدۇ...مەنمۇ شۇنداق ئۇسۇپلا كىرىمەن.گوركى ئۇسۇپ كىرسە بولمامتىما قارىم...لېكىن بۇ شوجاڭ قوشقارنىڭ كارنىيىگە ئۈچ قەدەھ ھاراق كىرسىلا تۇش يانچۇغىدىن قاتلىشىپ يىرتىلىپ كېتەي دىگەن بىرنەچچە قاغەزنى كۆتۈرۋېلىپ شىئېر ئۇقۇپ بېرەي دىمىسىلا بولاتتىغۇ؟
     ئۈچ قەدەھ مەي ئەپەندى قوشنامنىڭ كارنىيىغا كىرىپ بولغاندىن كىيىن بۇ قوشنامنىڭمۇ ئاۋاز لامپىسى يۇرىدى:
     - مەكتەپنى بىر يوقلاپ قۇيۇپلا،ئىدارىدە يىغىن باركەن دەپلا كېلىشىم،كېچىدىن بىرى خوتۇن دىگەن كاساپەتنى تازا ئۇرۇپ ،نەدىن كەلدى ئىلھام «خوتۇن ئالساڭ ئۇرۇپ تۇر » دەپ بىر شىئېر يازغان.مەن سىلەرگە بۇ شىئېرنى قىز چېغىدا بىر ئۇقۇپ بېرەي ...
     «بۈگۈن بىر مەھەللىك دوستلار يىغىلىپ قاپتىمىز.ھازىردىن باشلاپ سۇرۇن مىنىڭكى بولسۇن، مەن مىھمان قىلاي» دىگەن ئىبارە بۇ قوشنامنىڭ لۇغىتىدە مەڭگۈ يوقمىكەن دەپ ئۆيلاپ قالىمەن.دەسمىسى ئىككى ۋاراق قەغەز،ئۈچ كۇپلىت شىئېر...بولمىسا بۇ گوركىنىڭ شىئېرغا خېلى ئېپى بار،لېكىنزە ،ھەييامنىڭ رۇبائىلىرىغا چاچ-بۇرۇت ياساپ مىنىڭكى دىۋىلىشى بەكمۇ كۈلكىلىك...
     ئەپەندى قوشنام ئورنىدىن تۇرۇپ تۇش يانچۇغىدىن قاتلىشىپ يىرتىلىپ كەتكەن بىر ۋاراق قەغەزنى چىقىرىپ،خۇددى باشلانغۇچنىڭ ئۇقۇغۇچىلىرىغا دەرس سۆزلەپ ئۆزىنىڭ ھەيۋىسى كۆرسەتكەندەك بارلىق ھۈنىرىنى ئىشقا سالدى: 


                                                  خوتۇن ئالساڭ ئۇرۇپ تۇر ،
                                                    تونىۋالسۇن ئېرىنى.
                                                   كۆرسەتمىگىن كۈلكەڭنى، 
                                                     سوراپ سالما نېرىنى. 

                                                   خوتۇن ئالساڭ ئۇرۇپ تۇر ،
                                                    قاش-كۆزىنى قاپاق قىپ. 
                                                    سولاپ قويغىن ئۆيىڭگە، 

                                                     پۇت-قولىنى ياماق قىپ.
 
      - ھەي گوركى بولدى قىل،- دىدى ئوسمان ھاشارەت دىككىتە ئورنۇدىن تۇرۇپ،- بۇ شىئېرنى سەن يازدىڭما؟
     - سەن يازغاندەك گەپ قىلىسەنغۇ؟
     - ئەگەر بۇ ساترىك شىېئرنىڭ ئاخىرنى ئۇقۇپ بەرسەم قانداق قىلىسەن؟
«موللا يوق يەردە موللىمەن،موللىنى كۆرسەم يۇلدىمەن»دىگەن شۇدە،ئوسمان ھاشارەتنىڭ داڭلىق ئۈنۋېرسىتنىڭ ئەدەبىيەت كەسپىدى ئۈچ يىل ئۇقۇپ ،قالغان ئىككى يىلىنى دىبادا مۇش-پەشۋاغا تېگىشۋەتكىنىنى ئەپەندى قوشنام ئۇنتۇپ قالغان چېغى،ھاشارەتكە يەنە تۇتۇلۇپ قالدى.«كېچىچە خوتۇن دىگەن كاساپەتنى ئۇرۇپ...» دىگەن لاپلىرىمۇ نەگىدۇر يوقاپ ھاشارەتكە ئالىيىپ توختاپ قالدى.«يەڭگەن بەگ بولار» دىگەن شۇدە.ئوسمان ھاشارەت ئەپەندى قوشنامنى دوراپ ئەتراپقا بىر قۇر مەغرۇر گىدىيىۋېتىپ «خوتۇن ئالساڭ ئۇرۇپ تۇر» دىگەن شىئېرنىڭ ئاخىرنى ئۇقۇشقا باشلىدى: 

                                                      خوتۇن ئالساڭ ئۇرۇپ تۇر ،
                                                      ئۈچ كۈن ياتسۇن ئۈلۈكتەك.
                                                      سىزىپ بەرگىن سىزىقنى،
                                                       سېلىپ قويغان چۈلۈكتەك.

                                                       خوتۇن ئالساڭ ئۇرۇپ تۇر ،
                                                       خوتۇن دىگەن خوتۇن خەق.
                                                         بىر ۋاراقلا قەغەزغۇ ؟
                                                         نېرى-بېرى بولغان نەق.

                                                       خوتۇن ئالساڭ ئۇرۇپ تۇر ،
                                                       ئۇرالمىساڭ سەن سايىم.
                                                        بالا بېقىپ يۈرۈيسەن،
                                                         بەزمىلەردە گۈل ئايىم.

                                                     خوتۇن ئالساڭ ئۇرۇپ تۇر ،
                                                        ئېسىلمايدۇ ئۆلدۇم دەپ.
                                                       قۇل بولىدۇ چىرايلىق،
                                                       تىزلىنىدۇ كۆيدۇم دەپ.

                                                      خوتۇن ئالساڭ ئۇرۇپ تۇر ، 
                                                         قاراپ يۈرمە كۆزىگە. 
                                                         ئىشەنمىگىن ئەبىدى،
                                                       تاتلىق شىرىن سۆزىگە.

                                                       خوتۇن ئالساڭ ئۇرۇپ تۇر ،
                                                            خۇمار بولار تاياققا.
                                                          كەتسە يەنە  كېلىدۇ،
                                                           قالماي دىسە ئاتاققا .

     سۇرۇننى قىقاس-چۇقان بىر ئالدى. ئۇزاق بوپتىكەن مۇنداك ساترىك شىئېرنى ئاڭلاپ باقمىغىلى.تۇرۇپلا مىنىڭمۇ خوتۇنۇمنى ئۇرغۇم كېلىپ كەتتى، ھەي، سەھەردە تۈزۈكلا ئۇرۇپ قويسام نامىزىنى باشلارمۇ بۇ مالچى خوتۇن، ئىككى قۇلىنى چېقىپلا ئالدىغا تاشلاپ قويسام، تاڭ سەھەردە ئەينەككە قاراپ يۈرمەستى، «ئەكەك چىۋىن قونۇپ باقمىغان ماڭا » دەپ شەلپەردەك قىزىرىپ يۈرگەن بىلەن كىم بىلىدۇ، قايسى تاز مالچىغا كۆيۈپ قالغان...
خىيالىمنى مارى مەرگەن چېچىۋەتتى، ئېيىقتەك سەت بەستىنى لەڭپۇڭدەك لىغىرلىتىپ ھىجايغىنىچە ھاشارەتنىڭ قېشىغا بېرىپ ھۆپۈپتەك سايراپلا كەتتى:
     - ھېلىم باينى دىمىسەم ،سەندەك سايىم لاتىلىنى پالازنى سۆرۈگەندەك ئىككىنچى قەۋەتتىن چۆرۈپ ئاتقان بولاتتىم، ئوسمان دەپ باقا ،سىنىڭ سەتەڭ خوتۇنۇڭ «ھىم» دىسە ئىشتانغا چىقىرىپلا تاشلارسەن تايىنلىق. شوجاڭنىڭ خوتۇنىنى ئۇردىغانلىغىنى ھەممىمىز بىلىمىز.تايلاڭمۇ بىزىرىپ يۈرگەن بىلەن ئۇنىڭغا ئىت بولسىلا بولدى، قايسىڭ قايسىڭنى ئۆيۈڭگە داستىخان سېلىپ سوغۇق سۇ بىلەن گىدىيىپ مىھمان قىلالىدىڭ؟ يەنە شۇ ھېلىم بايدىن باشقىسى سايىم لاتىلار...
     مارى مەرگەننىڭ ئاغزىغا نىمە كەلسە دىۋالمىسا، ئۇيقۇسى كەلمەيدىغان مۇشۇ مىجەزىنى قەۋەتلا ياخشى كۆرىمەن.«ئوتنى ياققان ئۆزىڭىز» دىگەندەك ئەپەندى قوشقارنىڭ خوتۇن توغرىسىدىكى ئەپقاچتى تىمىسىگە مارى مەرگەن ئوتنى يېقىپ بەرسە بالاسىغا ھاشارەت بىلەن تايلاڭ قالدى. ئۇلار دائىم سۇرۇندا بىر-بىرسىگە گەپ بەرمەيدۇ. چۈنكى تايلاڭدا پۇل بار لېكىن ئۇ تۇغما ساۋاتسىز، ئوسمان بولسا ئۆچەككە كىرىۋالغان ، چوققىسى بىلىمغا تولغان ھاشارەت، سۇرۇننىڭ قىزىغى ئەمدى باشلاندى.
     - يەنە شۇ خوتۇن توغرىسىدا پاراڭدە، مەن سىنى مېھمان قىلسام يەنە مىنى خوتۇنىدىن قورقىدۇ دەۋاتامسەن؟ خوتۇندىن قورقمىساڭ ئۆيۈڭگە بىرەر قېتىم چاقىرىپ سوغۇق سۇ چاغلىق نەرسەڭ بىلەن مىھمان قىلالىدىڭمۇ؟
     - ما گەپنى سەن دىدىڭ ھە!، -ئوسمان ھاشارەت شۇ گەپنى كۈتكەندەك ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى ھەم پاكار، ۋىجىك قاسىم تايلاڭغا قاراپ سوزىنى داۋام قىلدى، -بىلەمسەن ؟ مەن دىگەن خوتۇننى «ھىم » بىلەن باشقۇرىمەن،ساراڭ دىدىڭما ؟ ھە ، مەن ساراڭ.نوچى بولساڭ ئالدى بىلەن بىزنىڭ ئۆيگە بارىمىز،ئاندىن سىنىڭ ئۆيىڭگە.كىم نوچى ، كىم سايىم ، شۇ چاغدا بىلىمىز.يەنە بىر گەپ،«ھىم »بىلەن جۇما،«ھىم »دىسەم تاماق كېلىدۇ،«ھىم» دىسەم قورىما ،«ھىم »دىسەم مەي . يەنە بەش يۈز يۇەنلىك مىھماندارچىلىق بار كىم ئۇتتۇرۋەتسە.
     - ئەكىلە قولۇڭنى .
قاسىم تايلاڭمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ قولىنى ئوسمان ھاشارەت ئۇزاتتى.
     - ئاداش ما چاقچاق ئېشىپ كەتتى-،دىدىم مەن سۆز قىستۇرۈپ.
     - ئېشىپ كەتمىدى گاڭلەش .مەن بارغۇ خوتۇننى «ھىم» بىلەن باشقۇرىمەن ،تايلاڭدەك سايىمجان ئەمەس.
     - ھىلى كۆرىمىز.

     تۇڭگۇز بازىرىدىكى تۇڭگۇز قوتىنىدەك كىچىك قاۋاقتا يۈز سوم پۇلنىڭ يۈزىگە توپا چېچىپ ئىككى شىشە مەينى قۇرۇقداپ ئۈچىنچى پوتۇلكىسىغا كەلگەندە ،ئاغزىدا شەھەر ئالىدىغان بۇ ئىككى ئاغىنەمنىڭ نوچىلىغىنى كۆرۈڭ.تايلاڭ بىلەن ھاشارەت بىر-بىرىگە گەپ بېرىدىغاندەك ئەمەس.مەستچىلىك قانداق بولاتتى؟ قاۋاقتىن چاچراپ چىقىپ ،بىر تاكسى توسۇپ ئوسمان ھاشارەتنىڭ ئۆيىگە يۈرۈپ كەتتۇق.قىزىق ئىش،ئوسمان ھاشارەتنىڭ ئۆيىگە باشلىغىنى تېخى بىرىنچى قېتىمغۇ،مەست بولۇپ قالدىمۇ بۇ ھاشارەت...
ئوسمان ھاشارەتنىڭ ئۆيىگىمۇ كەلدۇق.كىرىسلودىمۇ ئولتۇردۇق،ئەمدى گەپ ھاشارەتتە قالغان ئىدى.
     - ھىم،
بىز كۆزىمىزگە ئىشەنمەي قالدۇق. ھاشارەتنىڭ ئايالى پەتنۇستا ئىسسىق چۆچۈرىنى بىزنىڭ ئالدىمىزغا ھەش-پەش دىگۈچە ھازىرلىدى.
     - ھىم،
ھاشارەتنىڭ ئايالى چىرايىدا كۈلكە تەبەسسۇم بىلەن ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ كەتتى.
     - چۆمۈچ يەيدىغان بولدۇڭ ھاشارەت -دىدىم چاقچاق قىلىپ.
     - چۆمۈچنى تايلاڭ يەپ قالمىسىلا بولاتتىغۇ؟
ھاشارەت تايلاڭغا قاراپ مەسخىرىلىك كۈلدى.
     غەلىتە ئىش، ھاشارەتنىڭ <ھىم >پەرمانى بىلەن قورىما ،ھاراقمۇ تەييار بولدى.بىر جىڭ مەينى تۈگۈتۈپ ئىككىنچى كۆرۈنۈش ئۇيۇننى كۆرۈش ئۈچۈن تايلاڭنىڭ ئۆيىگە مەس-ئەلەس يۈرۈپ كەتتۇق.
     قاسىمنىڭ كەسپى ئۆزگىچە. بىر ئىتنى 10 مىڭ يۈەنگە بەرمەيدۇ، ئاتىسىغا بەرمىگەن گۆش بىلەن ئىت باقىدۇ. ئېشەكتەك-ئېشەكتەك يوغىناپ كەتكەن ئىت قاسىمنىڭ قولىدىن چىقىدۇ، قىش كەلدىمۇ، ئىت بۇغۇشتۇرمەن دەپ يۇرتنى تاشلاپ چىقىپ كېتىدۇ. گاھىدا ئاڭلاپ قالىمىز : «تايلاڭ قارا ئىتىنى 20 مىڭ يۇەنگە بەرمەپتۇ،خوتەنلىكنىڭ ئەڭ يامان ئىتىنى يېڭىپ ، جىق-جىق پۇل ئۇتۇۋېپتۇ . ......»
     - سايىمجان،- ھاشارەتنىڭ چاقچىغى يەنە باشلاندى،-مىنى كورگەنسەن.ئۆيۈڭگىمۇ كېلىپ قالدۇق،يۈزىمىزنى چۈشۈرمە -ھە.
تايلاڭ ھاشارەتنىڭ چاقچىغىغا پەرۋامۇ قىلماستىن بىزنى مىھمانخانىسىغا باشلىدى ھەم خوتۇنىغا قاراپ سۆز باشلىدى.
     - خوتۇن، ھىم.
     - نىمە؟
     - ھىم دىۋاتىمەن خوتۇن،ھىم.
بىز بىر-بىرىمىزگە قارىشىپ قالدۇق،تايلاڭنىڭ ئايالى ئېرىگە قاراپ ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالغان ئىدى.
تايلاڭ ئۈچۈنچى قېتىم خوتۇنىغا ئاۋازىنى ئۈنلۈك چىقىرىپ ۋارقىردى.
     - ھىم دىۋاتىمەن،ساراڭ خوتۇن! ھىم،
     - نىمە بولدى قاسىمغا،ھېلىم.؟ ھىم دەيدۇ، ھىم دىگىنى نىمە ئۇ ؟ سىلەر گەپ قىلمامسىلەر؟
قاسىمنىڭ ئايالى نىمە قىلىشنى بىلىپ بولغۇچە قاسىم تايلاڭنىڭ شاپىلىقى ئايالىنىڭ يۈزىگە تۇيۇقسىز تەگدى.

 
     ئىككى كۈندىن كىيىن بىلدۇقكى- ئوسمان ھاشارەت قاسىم تايلاڭنىڭ سېسىق گىپىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئايالىغا بىلەيزۈك ئېلىپ بېرىش بەدىلىگە بۇ ئويۇننى قۇراشتۇرۇپ چىققان ئىكەن.
بىچارە تايلاڭ ئىككى شاپىلاق بەدىلىگە خوتۇندىن ئايرىلىپ بويتاق قالدى.





باشقىلارنىڭ ئىجادى ئەمگىگىگە ھۆرمەت قىلىڭ
[ بۇ يازما hokumran تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]
تېما تەستىقلىغۇچى : ئۇيغۇرۇم007
تەستىقلانغان ۋاقىت :
2010-12-23, 08:56
-سىز كۆرۋاتقان تىما خوتۇن باشقۇرۇش سەنئىتى <ھىكايە>,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
چ چ :876974497 سىلەرنى بەك سېغىندىم قېرىنداشلىرىم...
ablkm504
ablkm504
دەرىجە: يىـڭى ئــەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 18574
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 38
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە38دانە
ياخشى باھا: 6 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 163 سوم
تۆھپىسى: 49 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 575(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-11-22
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-12-28
1 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-12-23 05:08 PM

؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
ئادەم ئۇ ئاخىرى بىر ئۇچۇم تۇپراق،
كەتتىمۇ ئەبەتكە كەلمەيدۇ بىراق.
شۇئۇچۇم تۇپراقتىن ئۈنەر قىزىل گۈل،
ۋەياكى شۇمبۇيا ۋە ياكى يانتاق.
zapar
دەرىجە: ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 1766
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 2763
ئۇنۋان:ھۆرمەتلىك ھازىرغىچە2763دانە
ياخشى باھا: 282 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 13690 سوم
تۆھپىسى: 207 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 1750(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-31
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-12-28
2 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-12-23 05:15 PM

       قارا ما ھاراقكەشلەرنىڭ ئۇيۇننى. ئا شوجاڭمۇ بىرقېتىم قوشقارلىق قىلمىغاننىڭ دەردىنى تارتىپتۇ مانا.
مىھىر-مۇھەببتىمىز قۇياش نۇرىدەك ساپ، سېخى بولسۇن.
parwin
bir lukqakman ,sining koqangda
دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 848
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 1
ئومومىي يازما: 181
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە181دانە
ياخشى باھا: 101 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 5478 سوم
تۆھپىسى: 95 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 429(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-26
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-12-28
3 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-12-23 05:16 PM

نەقىل ئېلىش
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت  ablkm504 كە 2010-12-23 05:08 PMئەۋەتىلدى  :
؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

نىمانداق ئوخشىغان قۇلاقلار بۇ؟

ئىنكاس يېزىشمۇ سىزگە بېسىم بۇلۇپ قالغان ئوخشىمامدۇ.
سودا تورى ،ئەڭ ياخشى مال سېتىۋىلىش سۇپىڭىز
چ چ :876974497 سىلەرنى بەك سېغىندىم قېرىنداشلىرىم...
atir
سۇ بەك سۇزۇك بولۇپ كەتسە بېلىقمۇ ياشىيالمايدۇ..... ..
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 5651
  جىنسى: خانىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 402
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە402دانە
ياخشى باھا: 49 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 3579 سوم
تۆھپىسى: 54 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 1021(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-05
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-12-28
4 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-12-23 05:26 PM

ئجايىپ چىقىرىۋېتىپسىزغۇ بۇ ھېكايىنى ............................................
نىمە ئۇچۇن بوشۇك بىلەن قەبرىنىڭ شەكلى ئوخشاش؟
چۇنكى ھەر ئىككىلىسى ئۇيقۇ ئۇچۇن ياسىلىدۇ،پەرقى شۇكى ،بىرى ۋاقىتلىق ئۇيقۇ ئۇچۇن بىرى بولسا مەڭگۇلۇك ئۇيقۇ ئۇچۇن............
ahkam
ئەھكاملىرىمىز بۇزۇلمىسۇن !
دەرىجە: يېتىلىۋاتقان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 659
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 371
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە371دانە
ياخشى باھا: 49 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 532 سوم
تۆھپىسى: 97 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 1649(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-24
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-12-28
5 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-12-23 05:27 PM

بەلەن يېزىۋېتىپسىز  ~ سىزنىڭ ئاۋازغا ئېلىنغان ئەسەرلىرىىزنى ياقتۇراتتىم ~ بۇنى ئوقۇپ مەمىتىمىن ھۇشۇرنىڭ قىرلىق ئىستاكان ناملىق ھىكايىسى ئېسىمگە كەلدى  ~ قەلىمىڭىز ھارمىسۇن ~ !  سىز خوتەندىنمۇ ؟ 
[ بۇ يازما ahkam تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]
تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغان نەدە بار ؟ ~ شۇ تۇخۇمنىڭ تاشتا دەردى بار !؟
MSN  -  AHKAM@live.cn   ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ قوشىلىشىنى قارشى ئالىمەن !
mubish
دەردىم سىغماس ئالەمگە،سىغماي قالدىم ئۆزۈم ھەم.
دەرىجە: ئاكتىپ ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 3120
  جىنسى: يوشۇرۇن
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 802
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە802دانە
ياخشى باھا: 60 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 7243 سوم
تۆھپىسى: 124 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 649(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-07-01
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-12-28
6 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-12-23 05:27 PM

    
ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن،يەر قىلغانمۇ خوتۇن.....
نەدىن تاپىدىغانسىلە مۇنداق گەپلەرنى...
خوتۇننى باشقۇرۇپ باقىدىغانلار گەپ يوق چىقىدۇ مۇنبەردە ئاۋۇ ھاشارەتتەك..
ئانىلارغا شۇنداق دىگۈم كېلىدۇ :«قىز تۇغماڭلار،شەرمى ھايا تۇغۇڭلار،ئوغۇل تۇغماڭلار،غورۇر جاسارەت تۇغۇڭلار » .
ئامان بولۇڭلار ،ۋاقتىڭلارنى قەدىرلەڭلار.
قـوزام
سەلكىنداشلارنى سېغىندىم!!!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 14632
  جىنسى: خانىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 605
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە605دانە
ياخشى باھا: -5 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 3881 سوم
تۆھپىسى: 40 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 167(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-10-20
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-12-28
7 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-12-23 05:31 PM

يىگىتلە ئۈگۈنىۋالمىسا بۇلاتتىغۇ بۇ سەنئەتنى
ئەسكى...ئەسكى...ئەسكــــــى!!!
OTYAK
ئوتياق
دەرىجە: دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 13482
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 1027
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1027دانە
ياخشى باھا: 73 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 6049 سوم
تۆھپىسى: 197 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 213(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-10-11
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-12-28
8 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-12-23 05:31 PM

پەرۋىن قىرىندېىشىمنىڭ يازمىلىرىنى ئوقۇسام ، كۇلۇپ تىلىقىپ قالىمەن. نىمە دىگەن قىزىق ۋەقەلىك. توڭگۇز بازىرىدا مۇنداق ۋەقەلىكلەر كۆپ ئوخشايدۇ... بۇلارنىڭ خوتۇن باشقۇرۇش سەنئىتى بىر-بىرىدىن قىلىشمايدىكەن. ۋەقەلىك بىلەن لەقەملىرى بەك ماسلىشىپ كەپتۇ.
يەنە يوللاپ تۇراسىز.
sahar0999
كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم ،سۇ بولايمۇ يىلتىزمۇ ؟
دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 9318
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 180
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە180دانە
ياخشى باھا: 58 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 2736 سوم
تۆھپىسى: 109 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 478(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-09-06
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-12-27
9 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-12-23 05:36 PM

     ۋىيۇۋ ..... ئەمدى ئايپاتەم بوزەك قىلالمايدىغان بولدىدە .....قىنى دەپتەر قەلەم .
ئاللاھ ئىيتقانكى ئاراڭلاردىن پادىشاھ سايلاپ ئۇنىڭڭغا ئىتائەت قىلىڭلار ......مانا بۇ سۆز بۇرۇنمۇ ھازىرمۇ قۇلاقتا چىڭ ساقلايدىغان سۆز ئىدى..............
خالىد
ئېنىرگىيە كېلىۋاتىمەن دىمەيدۇ !!!
دەرىجە: دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 3304
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 1431
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1431دانە
ياخشى باھا: 127 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 8953 سوم
تۆھپىسى: 297 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 1910(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-07-04
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-12-28
10 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-12-23 05:53 PM

خوتۇن ئالساڭ ئۇرۇپ تۇر
______________________
نېمىدىگەن پاساھەتلىك سۆزلەر ھە بۇ .......
mihir
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 594
  جىنسى: خانىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 572
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە572دانە
ياخشى باھا: 49 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 4508 سوم
تۆھپىسى: 65 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 2039(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-24
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-12-28
11 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-12-23 05:55 PM

ھىكايىدىكى قاپاق نوچىلارنىڭ لەقەملىرى قىززىقكەن .