يۈرۈش- تۇرۇشتىكى ئەدەپ- ئەخلاق يوسۇنلىرى
ئاپتور:تۇرغۇن يىلتىز
بىزنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاق - پەزىلەت مىزانلىرىمىز ئىچىدە، يۈرۈش - تۇرۇشقا قويۇلىدىغان ئەدەپ - ئەخلاق يوسۇنلىرى ئىنتايىن مۇھىم سالماق تۇتىدۇ. چۈنكى، سىز كۈندىلىك تۇرمۇش، خىزمەت، ئىجتىمائىي ئالاقىلەردە ناتونۇشلار، تونۇشلار ۋە يېقىن - يورۇقلىرىڭىز بىلەن ھەر خىل سورۇنلاردا ئۇچرىشىپ تۇرىسىز. بۇنداق ئۇچرىشىشلاردا سىزنىڭ كىشىلەرگە قانداق مۇئامىلىدە بولۇشىڭىز ھەمدە قانداق تەسىر بېرىشىڭىز ئۆز ئوبرازىڭىزغا، تېخىمۇ مۇھىمى مىللەت ئوبرازىغا بېرىپ تاقىلىدۇ. دائىم سەمىڭىزدە بولسۇنكى، سىز ھالقىلىق پەيتلەردىكى ئەدەپ -ئەخلاقئىپادىڭىز بىلەن پۈتۈن بىر مىللەتكە ۋەكىللىك قىلىسىز. تەھقىقكى، سىزنىڭ شەخسىي ئوبرازىڭىز بىلەن مىللىتىڭىزنىڭ ئوبرازى چەمبەرچاس باغلانغان بولۇپ، بۇنداق يۈكسەك ئوبرازنى رەسساملار رەسىم سىزغانغا ئوخشاش سىزگە ئۆزگىلەر تىكلەپ بەرمەيدۇ، بەلكى ئۆزىڭىزگە، شۇنداقلا مىللىتىڭىزگە خاس بولغان ئوبراز - ئىناۋىتىڭىزنى سەمىمىيىتىڭىز، ئىخلاسمەنلىكىڭىز، ئالىيجانابلىقىڭىز بىلەن ساقلايسىز، ۋايىغا يەتكۈزىسىز ۋە يارىتىسىز.
جەمئىيەتنى تەشكىل قىلغۇچى كىشىلەر مۇئەييەن ئەخلاق - پەزىلەت تەربىيىسىنى مۇھىم مەزمۇن قىلىدىغان ئائىلە تەربىيىسى، مەكتەپ تەربىيىسى ۋە جەمئىيەت تەربىيىسى كۆرگەن ياكى كۆرۈۋاتقان بولسىمۇ، ھەركىمنىڭ ئەخلاق - پەزىلەت جەھەتتىكى تەربىيىلىنىش دەرىجىسىدە مەلۇم پەرقلەر بولىدۇ. شۇڭا، بىز كىشىلەر بىلەن ئۇچراشقاندا ياكى مۇئامىلە قىلغاندا، ئۇنداق ياكى مۇنداق ئەدەپسىزلىك، ئەخلاقسىزلىك، پەزىلەتسىزلىك قىلمىشلىرىغا دائىم دېگۈدەك دۇچ كېلىپ تۇرىمىز. بىر ئادەمنىڭ يۈرۈش - تۇرۇشتىكى ئەمەلىي ئىپادىسى ئۇنىڭ ئەدەپ - ئەخلاقىدىن، پەزىلىتىدىن بېشارەت بېرىدۇ. يۈرۈش - تۇرۇشتىكى ئەدەپ - ئەخلاق جۇلالىرى سۆز - ھەرىكەت، چىراي ئىپادىسى، ياسىنىش قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەردە ئىپادىلىنىدۇ. يۈرۈش - تۇرۇشتىكى ئەدەپ - ئەخلاق يوسۇنلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئاساسلىقى تۆۋەندىكىدەك بىر قاتار مۇھىم نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش، ئەھمىيەت بېرىش زۆرۈر.
سالاملىشىش - كۆرۈشۈش ۋە ئولتۇرۇش - قوپۇش، سۆزلىشىشتە دىققەت قىلىش زۆرۈر مەسىلىلەر
1. كىچىكلەر چوڭلارغا، ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلار ئولتۇرغانلارغا، ئاز سانلىقلار كۆپ سانلىقلارغا، ئۇلاغلىق كىشى پىيادىلەرگە، ئىشىكتىن كىرگۈچىلەر خانا ئىچىدىكىلەرگە سالام قىلمىقى ئەۋزەلدۇر. سالام بەرگۈچىلەر ‹‹ئەسسالامۇئەلەيكۇم›› دەپ ئەھۋال سورىشى، سالامنى ئىلىك ئالغۇچىلار ‹‹ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام›› دېيىش بىلەن ئەھۋاللىشىشى كېرەك. كىشىلەر بىلەن سالاملىشىش - كۆرۈشۈش ۋە خوشلىشىشلاردا كۈلۈمسىرەش، تەبەسسۇم قىلىش ياخشىراقتۇر. قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەندە، باشقىلارنىڭ قولىنى بەك چىڭ قىسىۋېتىش ياكى خوشياقمىغاندەك قول بېرىش، باشقا ئادەم بىلەن قول ئېلىشىۋېتىپ تۇرۇقلۇق، يەنە باشقا ئادەمگە، باشقا ياققا قاراش، قول ئېلىشىۋاتقان ئادەمگە ئېتىبارسىز مۇئامىلە قىلىش قاتارلىقلار ئەدەپسىزلىك جۈملىسىگە كىرىدۇ. بىر ئائىلە ئەزالىرى، قوشنىلار ۋە بىر ئىدارىدە ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلارنىڭ ئەتىگەندە سالاملىشىپ ئەھۋال سورىشىدىغان، سىرتلارغا چىققاندا ياكى ئىشتىن چۈشكەندە ئۆزئارا ئامانلىق تىلەپ خوشلىشىدىغان ئادىتى ئەدەپ - ئەخلاق مىزانىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىدۇر. سالام بەرگەندە، ئوڭ قولىڭىزنى كۆكسىڭىزگە (قورسىقىڭىز ياكى كىندىك ئەتراپىغا ئەمەس!)ئېلىپ، بېشىڭىزنى سەل ئېگىڭ.
2. ئولتۇرۇش - قوپۇش ھالىتىڭىز دۇرۇس بولسۇن. ئادەم بارلىكى جايلاردا، بولۇپمۇ ئاممىۋى سورۇنلاردا ئولتۇرۇش ھالىتىڭىزنىڭ دۇرۇس بولۇشىغا دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك. مەسىلەن، باشقىلارغا بەك يېقىن ئولتۇرۇش، سۈركىلىپ ئولتۇرۇش، پۇتىنى ئۆز ئۇدۇلىغا قويماي باشقىلارنىڭ ئالدىغا سۇنۇپ ئولتۇرۇش، پۇتىنى باشقىلارنىڭ پۇتىغا تەگكۈزۈش، پۇتىنى توختىماستىن لىكىلدىتىش، باشقىلارنىڭ ئورۇندۇقى كەينىگە پۇتىنى ئېلىۋېلىش، چېتىنى كېرىپ، پۇت ياكى يوتىسىنى ئېچىپ ئولتۇرۇش، نامۇۋاپىق ھالدا باشقىلارغا كەينىنى قىلىۋېلىش، ئادەم بار يەردە قاقىرىپ تۈكۈرۈش، مىشقىرىش، باشقىلارغا قاراپ تۇرۇپ يۆتىلىش - چۈشكۈرۈش، كېرىلىش، قۇلاق - بۇرنىنى كولاش، چىشلىرىنى تازىلاش، ئاغزىنى توسۇۋالماي ئەسنەش، كىيىمىنى سېلىپ قېقىشتۇرۇش، ئاممىۋى سورۇنلاردا ئاچچىقلىنىش ياكى ھەددىدىن زىيادە تېلىقىپ كۈلۈش، ۋارقىراش - جارقىراش، تېلېفونلىشىش قاتارلىقلار ئەدەپسىزلىك بولىدۇ.
ئاشخانا - رېستورانلارغا ياكى بىراۋنىڭ ئۆيىگە ۋە ياكى توي - تۆكۈن، نەزىر - چىراغ قاتارلىق جامائەت سورۇنلىرىغا بارغاندا، تەكلىپ بويىچە ئۆز ۋاقتىدا بېرىش، تېگىشلىك جايدىن ئورۇن ئېلىپ ئولتۇرۇش، مويسىپىتلارنى ۋە چوڭلارنى، ئالىم - زىيالىيلارنى تۆرگە تەكلىپ قىلىش، تۆر تالاشماسلىق لازىم. سىرتتىن كىرگۈچىلەر ئولتۇرغانلارغا سالام بېرىپ، ئىمكان قەدەر ئولتۇرغانلارنى قوزغىۋەتمەستىن ئورۇن ئېلىشى، ناۋادا ئۇلار غىزالىنىۋاتقان بولسا، ئۇلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەسلىكى كېرەك. ئەگەر سورۇندا كۆرۈشۈش زۆرۈر كىشىلەر بولسا، جامائەتنى ئارىلاپ ئۇدۇل ئالدىغا بېرىپ كۆرۈشۈشكە ئالدىرىماسلىق، داستىخاندىن كېيىن مۇۋاپىق پۇرسەتتە كۆرۈشۈپ ئەھۋاللىشىش لازىم. باشقىلارغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇش ياكى بەدىنىنى ئۆزگىلەرگە تەگكۈزۈپ ئولتۇرۇش، قىستاش، دىۋاندا ئولتۇرغاندا سونايلىنىۋېلىش، ئولتۇرغان پېتى ئۇخلاش، بىراۋ سىرتقا چىقىپ كىرىش ئۈچۈن ماڭسا ئۇنىڭ جايىدا ئولتۇرۇۋېلىش، يېنىدا ئولتۇرغان بىراۋ بىلەن قانداقتۇر ئىشلار ئۈستىدە ۋالاقلاپ كۈلۈشۈش، بولمىغۇر قىلىق چىقىرىپ باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا ئۇرۇنۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەدەپسىزلىك جۈملىسىدىندۇر.
داستىخاندا ئاۋۋال چوڭلار مەزەگە قول ئۇزاتسۇن. تەخسىلەردىكى قورۇمىلارنى چوكىڭىز بىلەن ئاستىن - ئۈستۈن ئۆرۈمەڭ، بىر نەرسىلەرنى ئىلغىماڭ. ئالدىڭىزغا ئايرىم قاچىدا كەلتۈرۈلگەن غىزانى ئاشۇرۇپ قويماڭ، يەپ بولالماسلىق ئېھتىمالىڭىز بولسا، قاچىغا تەگمەي تۇرۇپ، ئېھتىياجىڭىزنى ساھىبخانغا ئېيتىڭ. غىزا - تائاملارغا ۋە گېزەك، يەل - يېمىشلەرگە ئاچ كۆزلەرچە تېگىش قىلماڭ، ئۇنىڭدىن - بۇنىڭدىن تېتىپ كۆرسىڭىزلا كۇپايە.
ئۆيىڭىزگە مېھمان كەلگەندە، روھىي كەيپىياتىڭىزنىڭ نورماللىقىنى ساقلىشىڭىز، قىزغىن بولۇشىڭىز، قانداقتۇر مۇھىم ئىشلارنىڭ سىزنى كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى ئەسكەرتمەسلىكىڭىز، سائەتنىڭ نەچچە بولغانلىقىنى سۈرۈشتۈرمەسلىكىڭىز ياكى سائەتكە تولا قارىماسلىقىڭىز،بالىلارغا ياكى ئىت - مۈشۇك، توخۇ - ئۆردەكلەرگە ئاچچىقلانماسلىقىڭىز لازىم. باشقىلارنى تائامغا، ئىچىملىك - چېكىملىكلەرگە زورلاش، قولنى يۇغاندا سىلكىش، يېمەكلىكلەرنى چېچىش، ئۇيەر - بۇ يېرىنى قاشلاش، قولىنى ياكى غىزا سايمانلىرىنى يالاش، داستىخانغا دەسسەش، باشقىلارنىڭ ئالدىدىكى يېمەكلىكلەرنى تارتىپلا ئېلىۋېلىش، باشقىلار غىزادىن قولىنى تارتماستىنلا قول سۈرتۈشكە باشلاش قاتارلىقلار ئەدەپ جۈملىسىدىن ئەمەس. غىزادىن كېيىن ئاۋۋال چوڭلار دۇئاغا قول كۆتۈرسۇن، ئاندىن چوڭلارنىڭ ئىشىكتىن چىقىشىنى كۈتۈڭ؛ ئاۋۋال ئىشىككە يېقىن ئولتۇرغانلار، ئاندىن تۆردە ئولتۇرغانلار ئىشىكتىن چىققىنى مۇۋاپىق.
پۇت ۋە پايپاقنىڭ تازىلىقىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. بىز كۈندىلىك تۇرمۇشتا بەزى كىشىلەرنىڭ پۇت ۋە پايپىقىنىڭ تازىلىقىغا دىققەت قىلمايدىغانلىقىنى، ئايىغىنى سالسىلا سېسىق پۇراپ كېتىدىغانلىقىنى دائىم دېگۈدەك ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. سىز ئۆزگىلەرنىڭ گىلەم سېلىنغان ئۆيلىرىگە، ئىشخانىلىرىغا ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش سورۇنلارغا كىرگىنىڭىزدە ۋەياكى كۆرپە ئۈستىدە ئولتۇرۇشقا توغرا كەلگەندە، جەزمەن ئايىغىڭىزنى سېلىۋېتىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ. بۇنداق چاغلاردا پايپىقىڭىزدىن پۇراق چىقسا، سىزنىڭ بۇنداق بولمىغۇر ئادىتىڭىز تەبىئىي ھالدا باشقىلارنى بىزار - بىئارام قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئۆي ئىگىسى ئىشىك - دېرىزىلەرنى ئېچىۋېتىشى، ئەتراپىڭىزدىكىلەر سىزدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشى مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋالدا ئوزىڭىزمۇ ئوسال بولىسىز. ئادەتتە پۇت پۇراش ناھايىتى ئاز ساندىكى پۇت تەرلەش كېسەللىكىدىن كۆرۈلسە، كۆپ ساندىكىلىرى ئاخشىمى پۇت ۋە پايپاقنى يۇيۇۋېتىپ ياتماسلىقتەك ناچار ئادەتتىن كېلىپ چىقىدۇ. دېمەك، ھەر كۈنى ئاخشىمى پۇت ۋە پايپاقنى يۇماسلىق، ئاياغنى پاكىزە تۇتماسلىق، ھەتتا گىلەم، كۆرپىلەرنىڭ ئۈستىگە ئاياغ بىلەنلا چىقىپ ئولتۇرۇش قاتارلىقلار ئەدەپ - قائىدىگە يات ئىللەتلەردۇر.
تاماكا چېكىش ئادىتىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ. باشقىلارنىڭ ئۆيىدە، ئىشخانىدا، تاماكا چەكمەيدىغانلار قېشىدا، ئاممىۋى سورۇنلاردا، خانىم - قىزلار، بالىلار - ئۆسمۈرلەر ھەمدە مويسىپىت - چوڭلارنىڭ ئالدىدا تاماكا چېكىش ئەدەپسىزلىك بولىدۇ. بۇ جەھەتتە، چەت ئەللەردىكى بەزى ئەدەپ - قائىدىلەر بىزنىڭ ئۆرنەك قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. چەت ئەللەرنىڭ كىنو - تېلېۋىزىيە فىلىملىرىدىن شۇنداق كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈپ تۇرىمىز: تاماكا چەكمەكچى بولغان بىر كىشى ئۆي- خانىلەردىلا ئەمەس، بەلكى دەم ئېلىش، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى، باغچىلاردا، ھەتتا ئوچۇقچىلىقلاردىمۇ يېنىدىكى ھەمراھىدىن: ‹‹يېنىڭىزدا تاماكا چەكسەم بولامدۇ؟› دەپ ئىجازەت سورايدۇ. بۇ، ئۇلارنىڭ تاماكا چەكمەيدىغان كىشىلەرنىڭ يېنىدا ئۆز مەيلىچە تاماكا چېكىشنى ئۆزگىلەرگە قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك، باشقىلارنىڭ ئىززەت - نەپسىگە تەگكەنلىك، كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزگەنلىك، دەپ قارىغانلىقىدىن بولغان. بىزدە ئاممىۋى سورۇنلاردا، كىشىلەرنىڭ يېنىدا تاماكا چېكىش چەكلىنىدىغانلىقى ھەممىگە ئايان بولسىمۇ، ئەمما بەڭگىلەرنىڭ ئۆز مەيلىچە ئۇدۇل كەلگەن يەرلەردە تاماكا چېكىپ يۈرگىنىنى دائىم دېگۈدەك ئۇچرىتىپ تۇرىمىز.
سىزنىڭ ئەدەپسىزلىككە ياتىدىغان تاماكا چېكىشتەك ناچار ئادىتىڭىزنى ئۆزگەرتىپ ياكى تاماكا تاشلاپ، ئۆزىڭىزنىڭ سالامەتلىكىنى ئاسراش ھوقۇقىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ سالامەتلىكىنى قوغداش مەسئۇلىيىتىڭىز باركى، ئۆز خۇمارىڭىزنى بېسىش بەدىلىگە مۇھىتنى بۇلغاشقا، جۈملىدىن ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەرنىڭ تەن سالامەتلىكىگە زىيان - زەخمەت يەتكۈزۈشكە زىنھار ھەققىڭىز يوق.
3. سۆزلەش ۋە سۆزلىشىشتە دىققەت قىلىش زۆرۈر بولغان مەسىلىلەر يۈرۈش - تۇرۇشتىكى ئەدەپ - ئەخلاق مىزانىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسىملىرىدىن بىرىدۇر. دانىشمەن ئاتا - بوۋىلىرىمىز ‹‹ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ ئويلاپ سۆزلە›› دېگەن ھېكمىتى ئارقىلىق، كىشىلىك مۇناسىۋەتتە سۆزلەش ۋە سۆزلىشىشنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقىدىن بىزگە تەربىيە بەرگەن. سۆز خۇددى ئاتقان ئوققا ئوخشىشىدۇ، ئۇ ئېغىزدىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن مەڭگۈ قايتىپ كەلمەيدۇ؛ سۆز خۇددى تۇغۇلۇپ بولغان بوۋاققا ئوخشىشىدۇ، قىز ياكى ئوغۇل ئىكەنلىكىگە ئاساسەن ئۇنىڭغا ئىسىم قويۇلىدۇكى، ئۇنى قايتىدىن تۇغۇش - تۇغدۇرۇش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس؛ سۆز خۇددى ئۆتكۈر تىغقا ئوخشىشىدۇ، يامان سۆز قەلبنى جاراھەتلەندۈرىدۇ، تەن جاراھىتىنى ساقايتىش ئاسان، ئەمما قەلب جاراھىتىنى ساقايتماق تەستۇر. دېمەككى، ئەدەپ - قائىدىگە مۇخالىپ كېلىدىغان سۆزلەردىن ھەربىر ئەقىل ئىگىسى ئۆزىنى چەكلىشى، ئېغىز قۇلۇپىنى ئەقىل - پاراسەت ئاچقۇچى بىلەن ئاچمىقى توغرىدۇر.
‹‹يولۋاس ئىزىدىن يانماس، يىگىت سۆزىدىن›› دېگەن ماقالدىكى ‹‹يىگىت›› سۆزى ئەرلەر تائىپىسىگىلا قارىتىلغان بولماستىن، بەلكى ‹‹لەۋزىدە تۇرىدىغان چىن ئادەم›› دېگەن مەنىدە كەلگەن بولۇپ، ئەر - ئايال پۈتكۈل ئىنساننى ئۆز ئىچىگە مۇجەسسەملەيدۇ. بۇ ماقال جىنس ئايرىمىسىدىن مۇستەسنا ھالدا چىن ئىنساننى ‹‹يىگىت›› سۆزى بىلەن سۈپەتلەيدۇ. بۇ يەردىكى چىن ئىنسانلىق دەرىجىسى ئىنتايىن يۈكسەك بولۇپ، راستچىللىق، سەمىمىيلىك ۋە ئۆزى قىلغان سۆزگە مەسئۇل بولۇشتا ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. ئەخلاق - پەزىلەتكە ئىگە چىن ئىنسانلىق دەرىجىسىنى ساقلاشنى، ئۇنى تاكامۇللاشتۇرۇپ ۋايىغا يەتكۈزۈشنى، ئۆزىنىڭ جەمئىيەتتىكى ھەقىقىي قەدىر - قىممىتىنى ھەم ئابرۇي - ئىناۋىتىنى ساقلاشنى، شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھاياتلىق يولىنى نۇرلاندۇرۇشنى ئويلايدىغان ھەربىر ئەقىل ئىگىسى ‹‹يەتتە ئۆلچەپ بىر كەس›› دېگەندەك، گەپ - سۆزنى كۆڭۈل تارازىسىدىن ئۆتكۈزۈپ ئاندىن ئاغزىدىن چىقىرىشى، راست گەپ قىلىشى، سەمىمىي بولۇشى، كۆڭۈلدە غۇم ساقلىماسلىقى ۋە قىلغان سۆزىگە مەسئۇل بولۇشى شەرت. يالغانچىلىق، لەۋزىدە تۇرماسلىق، سەمىمىيەتسىزلىك، ئىككى يۈزلىمىلىك، ئالدامچىلىق، مەسئۇلىيەتسىزلىك قاتارلىق قەبىھ ئىللەتلەر ئىنساننىڭ ئەخلاق - پەزىلىتىنى پايخان قىلىدۇ، قەدىر - قىممىتىنى ۋە ئابرۇي - ئىناۋىتىنى يەرگە ئۇرىدۇ.
سۆزلەش - سۆزلىشىشتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر قاتار كونكرېت مەسىلىلەر بار. مەسىلەن، سۆزلىگەندە ئاڭلىغۇچىغا بەك يېقىن تۇرۇۋالماسلىق، ئاڭلىغۇچىغا تىنىق ئۇرۇلۇپ كېتىشتىن، تۈكۈرۈك چاچراپ كېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئەلۋەتتە، ھەربىر ئادەم ئېغىز بوشلۇقى تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىشى زۆرۈر. سۆزلىگەندە توختىماي قول پۇلاڭلىتىدىغان، قول شىلتىيدىغان، ئاڭلىغۇچىنى پات - پات نوقۇپ قويىدىغان، ئۈستەلگە مۇشتلايدىغان، ئۇرىدىغان، يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلەيدىغان ئادىتىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ. باشقىلار سۆزلەۋاتقاندا گەپنى بۆلۈپلا سۆزلەپ كېتىش، سۆزلىگۈچىنىڭ سۆز تېمىسىنى باشقا ياققا بۇراش، سۆزلىگۈچىگە دىققەت - نەزەرنى بەرمەي ئۇياق - بۇياققا قاراش ياكى قولغا قانداقتۇر بىر نەرسىلەرنى ئېلىۋېلىپ باشقا ئىشقا مەشغۇل بولۇپ كېتىش قاتارلىقلار ئەدەپسىزلىككە ياتىدۇ. سىز ئىشلەۋاتقاندا، قېشىڭىزغا كەلگەن كىشى سىزگە گەپ قىلغان بولسا، قىلىۋاتقان ئىشىڭىزنى قويۇپ، ئۇنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلاڭ. ئۈچ ئادەم بار يەردە ئىككىسى كۇسۇرلىشىپ سۆزلەشمىگىنى ياكى بىرنېمىلەرنى دېيىشىپ كۈلۈشمىگىنى ياخشى. ئەگەر سىز سۆزلەۋاتقاندا ئاڭلىغۇچى گېپىڭىزگە قىزىقمىغاندەك پوزىتسىيىدە بولسا، ئۇنى گېپىڭىزنى ئاڭلاشقا زورلىمىغىنىڭىز ياكى گەپنى باشقا تېمىغا يۆتكىگىنىڭىز ۋە ياكى گېپىڭىزنى پەم بىلەن ئاخىرلاشتۇرغىنىڭىز تۈزۈك. مېھمان بولغاندا ياكى مېھمان كۈتكەندە، سۆزلىشىشكە تېگىشلىك گەپنى سورۇندا تۈگىتىش، ئۇزىتىش ياكى خوشلىشىشتا ساھىبخاننى، مېھماننى تولا گەپكە تۇتماسلىق لازىم. جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ تەربىيىلىنىشى، مەدەنىيەت سەۋىيىسى، مەسىلىلەر ۋە شەيئىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيىسى، تونۇشى ئوخشاش بولمايدۇ. شۇڭا، بىراۋ ‹‹تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەك›› سۆزلەپ كەتسە ياكى ئەمەس گەپلەرنى دېسە، ئۆزىڭىزنى تۇتۇشنى بىلىشىڭىز، ئۇنى مەسخىرە - مازاق قىلماسلىقىڭىز لازىم.
ئورۇنسىز گەپ قىلىش، نادان بىلەن گەپ تالىشىش، قىلچە ئەھمىيىتى يوق گەپلەر ئۈستىدە مۇنازىرىلىشىش، بىراۋنى يوقىلاڭ ئىشلار ئۈچۈن ئەيىبلەش ياكى تەنقىدلەش جىم تۇرغان تامغا ئۈسۈگەنلىك بىلەن باراۋەر. بىزدە: ››ئالدىدا ماڭغاننىڭ بۇرنى قاناپتۇ، كەينىدە قالغاننىڭ كۆتىگە تاياق تېگىپتۇ›› دەيدىغان گەپ بار، ‹‹پۇت يۈگۈرۈكى ئاشقا، تىل يۈگۈرۈكى تاشقا›› دەيدىغان گەپمۇ بار. گەپ - سۆزدە ئالدىراقسانلىق قىلىش، گېپىم بار دەپ ھەممىنى بىراقلا تېرە ئۈستىگە تۆكۈۋېتىش، مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەندە ھاپىلا - شاپىلا پوزىتسىيە بىلدۈرۈۋېتىش، چوڭلارنىڭ سۆزىگە رەددىيە بېرىش، بىراۋ گەپنىڭ بېشىنى چىقىرىپ بولغۇچە ئاخىرىنى سۆزلەپ ئالدىپەشلىك قىلىش، كۆپ سانلىقلارنىڭ پىكىر يۆنىلىشىگە قارشى چىقىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەدەپ - قائىدىسىزلىك بولۇپ، بۇ خىل ئىللەتلەر ئادەمگە زىيان ئېلىپ كېلىدۇ. پالتىنىڭ ئىشىنى يىڭنە، يىڭنىنىڭ ئىشىنى پالتا قىلالمىغىنىغا ئوخشاش، ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىگە يارىشا ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكى بولىدۇ. شۇڭلاشقا، كىشىلەرگە باھا بەرگەندە ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەشكە، بىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، يەنە بىرىنى چۆكۈرۈشكە بولمايدۇ. كىشىلەرنى ماختىغاندا چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىش، تەنقىدلىگەندە ھەممىنى ئىنكار قىلىش ئەقىل ئىگىسىنىڭ ئىشى ئەمەس. غەيۋەتخورلۇق، چېقىمچىلىق، كاززاپلىق، پىتنە - پاسات تارقىتىش، بوھتان چاپلاش، گۇمانخورلۇق قاتارلىق ئىللەتلەر ئىنسان قېلىپىدىن چىققان نائەھلىلەرنىڭ قىلمىشى بولۇپ، ئەخلاق - پەزىلەت گۈلىستانىغا تەگكەن ۋابا، ئادىمىيلىك قوغۇنلۇقىغا ئۈنگەن شۇمبۇيىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
مەخپىيەتلىكىڭىزنى بىراۋغا سۆزلەپ يۈرمەڭ، ئۆزىڭىز ساقلىيالمىغان مەخپىيەت ئىككىنچى بىرسىنىڭ قورسىقىدا جىم تۇرمايدىغانلىقى ئېسىڭىزدە بولسۇن. مەيلى مەقسەتلىك ياكى مەقسەتسىز ھالدا كىشىلەردىن گەپ كوچىلىماڭ، بىراۋنىڭ ئاللىقانداق مەخپىيەتلىكى بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن. باشقىلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى سۆزلەپ يۈرۈش، شەخسىيىتىگە چېقىلىش، ئەيىب - نۇقسانلىرىنى ئاشكارىلاش، بىلىشكە تېگىشلىك بولمىغان ئىشلارغا يېپىشىۋېلىش، كىشىلەرنىڭ نەرسىلىرىنى ئاختۇرۇش، خەت - چەكلىرىنى كۆرۈش، نام - شەرىپىگە، غۇرۇرىغا چېقىلىش ئاقىللارنىڭ قىلىقى ئەمەس. ئۆزىدىن چوڭلارغا چاقچاق قىلىش، قىزىقچىلىق قىلدىم دەپ كىشىلەرگە ياقمايدىغان قىلىقلارنى چىقىرىش، ئۆزىدىن كىچىكلەرگە قاملاشمىغان گەپلەرنى قىلىش قاتارلىقلارمۇ ئەدەپ - قائىدىدىن چىققانلىق، تېتىقسىزلىق ھېسابلىنىدۇ. ئېرىڭىز ياكى ئايالىڭىزغا باشقىلارنىڭ ئەر - ئاياللىرىنى ماختاپ ئۇچۇرىدىغان سۆزلەرنى قىلىپ يۈرمىگىنىڭىز ياخشىدۇر. ئائىلىدە بولۇنغان ھەر خىل گەپلەرنى، بولۇپمۇ ئائىلىنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىگە تاقىلىدىغان ئىشلارنى باشقىلارغا دەپ يۈرۈش ھاماقەتلىك بولىدۇ.
چىرايلىق سۆزلەش، گەپ - سۆزدە ئىلمىي ھەم سىلىق - سىپايە بولۇش، گەپنى مېغىزلىق، ئىخچام قىلىشقا ئادەتلىنىش ئىنسانغا ئەدەپ - ئەخلاق خەزىنىسىنىڭ ئېسىل نېمەتلىرىنى تەقدىم قىلىدۇ. سەت، بەدەۋى سۆزلەرنى قىلىش، گەپ - سۆزدە قوپال بولۇش، ئادەم تىلغا ئېلىشقىمۇ ئۇيىلىدىغان قىپيالىڭاچ سۆزلەرنى، ئۇياتلىق ئاتالغۇلارنى ئاتاش، تېتىقسىز گەپلەردىن تىلنى تارتماسلىق، تولا گەپ قىلىش، ئەزمىلىك، تەنە - ياپتا گەپ قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەدەپ -ئەخلاق گۆھىرىنى تاشقا ئۇرىدۇ. بۇرۇنقى زاماندا بىر پادىشاھ مۇنداق چۈش كۆرۈپتۇ: چۈشىدە ئۇنىڭ ھەممە چىشى چۈشۈپ كەتكۈدەكمىش، پەقەتلا بىر تال چىشى قالغۇدەكمىش. ئەتىسى چاقىرتىلغان چۈش تەبىرچىسى: ‹‹پادىشاھىم، بۇ، سىلىنىڭ بارلىق ئۇرۇق - تۇغقانلىرى سىلىدىن بۇرۇن ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى، سىلىنىڭ يالغۇز قالىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرىدۇ›› دەپتۇ. پادىشاھ دەرھال بۇ تەبىرچىنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىپتۇ. يەنە بىر چۈش تەبىرچىسى چاقىرتىلىپتۇ. ئۇ: ‹‹پادىشاھى ئالەم، بۇ، ئۆزلىرىنىڭ ئۆمرى بارلىق ئۇرۇق - تۇغقانلىرىدىن ئۇزاق بولىدىغانلىقىدىن بېشارەتتۇر›› دېگەنىكەن، بۇنىڭدىن پادىشاھ مەمنۇن بوپتۇ ۋە تەبىرچىنى تارتۇقلاپتۇ. ئىككى تەبىرچى ئېيتقان تەبىرلەرنىڭ مەنىسى ئوخشاش بولسىمۇ، ئەمما ئىپادىلەشتە، سۆزنىڭ ئېيتىلىشىدا مۇئەييەن پەرق بار. شۇڭا، بۇ ئىككى خىل تەبىرنىڭ ئاڭلىغۇچىغا ئىككى خىل − بىرىنىڭ يېقىملىق، يەنە بىرىنىڭ قوپال ئاڭلىنىشى تەبىئىي ئەھۋال. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، سۆزنى چىرايلىق قىلىشقا، كۆڭۈلدىكىنى ئەڭ گۈزەل تىل ۋاسىتىسى بىلەن ئىپادىلەشكە، سۆزنى مېغىزلىق ھەم ئاددىي قىلىشقا ئادەتلەنگەن كىشى ھەردائىم ئەخلاق - پەزىلەت بۇلىقىدىن كەۋسەر سۈمۈرىدۇ، گۈزەل سۆزلەر خاسىيىتىدىن نۇسرەت تاپىدۇ.
يانفون، تېلېفون ئىشلەتكەندە ۋە ئىنتېرنىت تورىغا چىققاندا ئەدەپ - قائىدىلىك بولۇشمۇ ناھايىتى مۇھىم. تېلېفوندا تولا گەپ قىلىش، ئەتراپتا ئادەم بار - يوق دېمەي، تېتىقسىز سۆز - ئىبارىلەرنى تىلغا ئېلىش، كىشىلەر يىغىلغان تىنچ سورۇنلاردا تېلېفون قوبۇل قىلىش - ئۇرۇش، ۋارقىراپ - جارقىراپ سۆزلەش، ئۆزى تونۇيدىغان ياكى يېقىن ئۆتىدىغان يۇقىرى ئابرۇيلۇق ئەربابلارغا كىشىلەر ئالدىدا تېلېفون قىلىپ ئۆزىنى كۆز - كۆز قىلىش دېگەندەك قىلمىشلار ئەدەپ - ئەخلاق بابىغا زىت ناچار ئىللەت ھېسابلىنىدۇ. تىياتىرخانا، دەرسخانا، مەجلىسخانا قاتارلىق سورۇنلاردا يانفون ئىشلەتكۈلۈك ئەمەس. يانفونىڭىزنىڭ ئېكرانىدىن، ئېلېكترونلۇق يوللانما قوبۇل قىلىش - يوللاش ئىقتىدارىدىن، ئاۋازسىزلاندۇرۇش، تىترىتىش قاتارلىق ھەر خىل رولىدىن پايدىلىنىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ. بۇلار سىزنىڭ يانفون ئىشلەتكەندە ئەدەپ - قائىدىلىك بولۇشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ. يانفون شەخسىي مۈلۈك بولۇپ، ئۇنى ئىگىسىنىڭ رۇخسىتىسىز باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشى ئەدەپسىزلىك بولىدۇ.
ئائىلە ۋە ئىشخانىلاردىكى خاس تېلېفونلارمۇ ئىگىسىگە تەۋە بولۇپ، ئۇنى باشقىلارنىڭ خالىغانچە ئىشلىتىشىمۇ ئەدەپ جۈملىسىگە كىرمەيدۇ. دوستلىرىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ، ئايالىڭىز ياكى ئېرىڭىزنىڭ يانفونىنى نازارەت قىلىدىغان، ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرلىرى ھەمدە يانفوندىكى قىسقا ئۇچۇرلارنى ئوغرىلىقچە كۆرىدىغان بولمىغۇر قىلىقتىن ھەزەر ئەيلەڭ. باشقىلارنىڭ يانفونى ياكى خاس تېلېفونىنى ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، ئىگىسىدىن ئىجازەت سورىغىنىڭىز، باشقىلارنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە، ئۆي تېلېفونىنى ئىشلەتمىگىنىڭىز دۇرۇستۇر.
ئىنتېرنىت تورىدا ئەدەپلىك بولۇشنى تەكىتلەش ھازىرقى ئىنتايىن مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ھەممە نەرسىنىڭ ياخشى ۋە يامان تەرىپى بولغىنىدەك، ئىنتېرنىت تورىدىمۇ بەزى پاسسىپ، ناچار نەرسىلەر مەۋجۇت. ئىنتېرنىت تورىدىن شەھۋانىي، مەزمۇنى ساغلام بولمىغان نەرسىلەرنى كۆرۈش، ناتونۇش كىشىلەرگە قالايمىقان يوللانمىلارنى ئەۋەتىش، تور بېكەتلىرىنىڭ سۆز قالدۇرۇش مۇنبەرلىرىگە قاملاشمىغان مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى قالدۇرۇپ قويۇش قاتارلىقلار ئەخلاقسىز، پەزىلەتسىز، روھىي جەھەتتىن چۈشكۈنلەشكەن بىنورمال ئادەملەرنىڭ قىلمىشىدۇر. ئىنتېرنىت تور بېكەتلىرىدىكى ‹‹چايخانا›› ۋە QQ لاردا ناتونۇشلار تونۇشىدۇ، تورداشلار پاراڭلىشىدۇ، يېقىن دوستلار كۆرۈشۈپ ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرىدۇ. بۇ يەردىكى پاراڭلىشىش - مۇڭدىشىش ھەر خىل تېمىلاردا، كىشىلەرنىڭ ئۆز ئىختىيارىچە بولىدۇ. بۇ خىل پاراڭلىشىشتا، مەدەنىيەتلىك، ئەدەپ - قائىدىلىك بولۇش، گۈزەل سۆز - ئىبارىلەرنى ئىشلىتىش، ئۆزئارا ھۆرمەت - ئىززەتنى ساقلاش لازىم. ھە دېسىلا، بىر - بىرىنىڭ شەخسىيىتىگە، غۇرۇرىغا تېگىش، يوقىلاڭ سەۋەبلەرنى دەپ قوپال، سەت سۆزلەرنى ئىشلىتىش، ھەتتا تىللىشىش، ھاقارەت قىلىشتەك ئەدەپسىزلىك ئامىللىرىدىن ساقلىنىڭ.
4. ۋاقىتقا رىئايە قىلىش، ۋاقىتنى قەدىرلەش − ئىنسانىي سۈپەتنىڭ ئالدىنقى شەرتى
ئادەم ئۈچۈن نېمە ئەڭ قىممەتلىك؟ ھايات، تۇرمۇش، مۇھەببەت، ئۆگىنىش، ئىجاد - ئىختىرا، تىرىكچىلىك، خىزمەت، دوستلۇق، ئەخلاق - پەزىلەت، ئابرۇي - ئىناۋەت، ئىززەت - ھۆرمەت، قەدىر - قىممەت، ۋىجدان - غۇرۇر، ۋاپا - ساداقەت، پۇل، مال - دۇنيا ... شۇنىڭغا ئوخشاش ئامىللارنىڭ ھەر بىرسى يۇقىرىقى سوئالغا جاۋاب بولالىشى مۇمكىن. ئەمما، تېگى - تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ ئامىللار سوئالىمىزنىڭ ھەقىقىي، توغرا ھەم مۇپەسسەل جاۋابى بولالمايدۇ. ئۇنداق بولسا، بۇ سوئالغا قانداق جاۋاب بېرىش كېرەك؟ بىز بۇ سوئالغا ئەجدادلىرىمىزنىڭ ھايات - پائالىيىتى، ۋاقىت قارىشى، توغرا دۇنياقارىشى، كىشىلىك قىممەت قارىشى بويىچە ۋە ھاياتلىق مەركىزىمىزدە تۇرۇپ مۇنداق جاۋاب بېرىمىز: ئادەم ئۈچۈن ۋاقىت ئەڭ قىممەتلىك. چۈنكى، ۋاقىت بولغاندىلا ھەممە مەۋجۇت بولىدۇ. دۇنيا ۋاقىتنىڭ سىرتىغا چىقىپ كېتەلمەيدۇ، ۋاقىت ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ۋاقىت ھەممىنى تەشكىللەيدۇ، ۋاقىت ھەممىنى ئۆزگەرتىدۇ، ۋاقىت ھەممىنى ئىسپاتلايدۇ، ۋاقىت ھەممىنى ھەل قىلىدۇ.
شۇڭا، ۋاقىتنى قەدىرلىگەنلىك − ھاياتنى قەدىرلىگەنلىكتۇر. تەھقىقكى، ۋاقىت − ھايات، ۋاقىت − تۇرمۇش، ۋاقىت − مۇھەببەت، ۋاقىت − ئۆگىنىش ھەم نەتىجە، ۋاقىت − ئىجاد - ئىختىرا، ۋاقىت − ھۈنەر - كەسىپ، ۋاقىت − خىزمەت، ۋاقىت − دوستلۇق، ۋاقىت − ئابرۇي - ئىناۋەت، ۋاقىت − قەدىر - قىممەت، ۋاقىت − ۋىجدان - غۇرۇر، ۋاقىت − ۋاپا - ساداقەت، ۋاقىت − پۇل ھەم مال - دۇنيا، ۋاقىت − مۆجىزە ...
كىشىلىك قەدىر - قىممىتى ئىلىم بىلەن ئۆلچىنىدۇ. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان ئىلىم − ئىنسانغا پايدىلىق بولغان پۈتكۈل بىلىم - ساۋاتلارنى كۆرسىتىدۇ، بۇ بىلىم - ساۋاتلار چوڭ - كىچىك دەپ ئايرىلماستىن، ھاياتلىقنىڭ ھەممە تەرىپىنى، جۈملىدىن مەنىۋى ۋە ماددىي ئامىللارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دېمەك، ئادەم ھەقىقىي قەدىر - قىممەتكە ئېرىشىش، ئىنسانىيەت ئۈچۈن بەخت يارىتىش، ھاياتىدىن مەڭگۈلۈك ئىز قالدۇرۇش، ئەقەللىيسى ئۆز تۇرمۇشىنى ياخشى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز ئىلىم ئىگىلىشى، ئۆگىنىشى، ئىزدىنىشى، بىرەر ھۈنەر - كەسىپ بىلەن مەشغۇل بولۇشى، ئىختىرا قىلىشى لازىم. مانا بۇلارنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ۋاقىت بولۇشى شەرت. ۋاقىت − ئىنسان ھاياتىنى تەشكىل قىلغۇچى بىردىنبىر مۇھىم ئامىل بولۇپ، ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆزىگە تەۋە ۋاقتى شۇ كىشى ئۆمرىنىڭ مۇئەييەن بۆلىكىدۇر. شۇڭا، كىشىلەر ۋاقىتتىن، ماھىيەتتە ئۆز ئۆمرىدىن قانداق پايدىلىنىشنى بىلىشى دۇنيادىكى ھەرقانداق بىلىمدىنمۇ مۇھىم بىلىم ھېسابلىنىدۇ.
ئەجدادلىرىمىز بىزگە ۋاقىتنىڭ قىممىتى ھەققىدە ‹‹ۋاقتىڭ كەتتى − بەختىڭ كەتتى››دېگەنگە ئوخشاش نۇرغۇنلىغان ھېكمەتلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن. بۇ ھېكمەتلەر ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ ۋاقىت قارىشىنى، شۇنداقلا مىللىتىمىزنىڭ گۈزەل ئەدەپ - ئەخلاق يوسۇنلىرىنىڭ ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. ۋاقىتنى قەدىرلەشتىن ئىبارەت گۈزەل ئەخلاق ئەلمىساقتىن تارتىپ بىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىمىز بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن خېلى كۆپ ساندىكى كىشىلىرىمىزدە ۋاقىت قارىشى تۆۋەن بولۇشتەك يامان ئادەت داۋاملىق مەۋجۇت بولماقتا. ئالايلۇق، بىزدە توي باغاقلىرىغا‹‹سائەت ئىككىگە›› دەپ يېزىلسا، مېھمانلار سائەت تۆتكە بارىدىغانلىقى، باشقا ھەرخىل سورۇنلارغا تەكلىپ قىلىنغاندىمۇ مېھمانلارنىڭ كۆپىنچىسى بىر سائەتتىن ئىككى سائەتكە قەدەر كېچىكىپ بارىدىغانلىقى، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ‹‹سائەت مانچىدە كۆرۈشەيلى...›› دەپ ۋەدىلەشكەن تۇرۇپمۇ، ۋاقىتقا رىئايە قىلمايدىغانلىقىدەك ئىنتايىن ناچار ئىللەتلەر مەۋجۇت. شۇنى قەيت قىلىش زۆرۈركى، ۋاقىتنى بىكار ئۆتكۈزۈش − ئۆزىنى ئاستا خاراكتېرلىك ئۆلتۈرۈۋېلىشتۇر؛ ۋاقىتقا رىئايە قىلماسلىق − ئۆزىنىڭ گۆھەردەك قەدىر - قىممىتىنى تاشقا ئۇرغانلىقتۇر؛ باشقىلارنىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىش − قاتىللىق قىلغانلىق، قان تۆككەن بىلەن باراۋەردۇر.
بىز ھەقىقىي مەنىسىدىن ئىنسانىي سۈپەت يېتىلدۈرىمىز دەيدىكەنمىز، ئەڭ ئالدى بىلەن، ۋاقىتقا رىئايە قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىشىمىز، ئۆزىمىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ۋاقتىنى قەدىرلىشىمىز، جۈملىدىن ئۆز ھاياتىمىز ۋە باشقىلارنىڭ ھاياتىغا مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشىمىز شەرت. يۈكسەك دەرىجىدىكى ۋاقىت قارىشىغا ئىگە بولماي تۇرۇپ ئۆگىنىش، تەتقىقات، خىزمەت، ھۈنەر - كەسىپ، تۇرمۇش، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ۋە باشقا ئىشلاردا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىن سۆز ئېچىش مۇتلەق مۇمكىن ئەمەس. ۋاقىت قارىشىغا ئىگە بولۇش ھەمدە ۋاقىتقا رىئايە قىلىش ئۈچۈن، ئىشنى يەنىلا كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى كىچىك ئىشلاردىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ. يەنە كېلىپ، ۋاقىتقا رىئايە قىلىش مەلۇم ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئىشى ئەمەس، بەلكى ئۆزىنى ئادەم دەپ ھېسابلايدىغان ھەر بىر ئەقىل ئىگىسىنىڭ ئورتاق ئىشى.
ۋاقىت قارىشى يېتىلدۈرۈش ھەمدە ۋاقىتنى قەدىرلەش ئۈچۈن، ھەر بىر ئادەمنىڭ تەرتىپلىك پىلانى بولۇشى لازىم. بۇ خىل پىلاننى يىللىق، پەسىللىك، ئايلىق، ھەپتىلىك، كۈنلۈك، سائەتلىك دەپ تۈزۈۋېلىش مۇمكىن. ھەممىگە ئايانكى، بىر كۈن سەھەردىن باشلىنىدۇ. شۇڭا، بىر كۈنلۈك ئىشنى سەھەردىن باشلاپ تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرۇۋېلىپ، بىر كۈن ئىچىدە شۇ بويىچە ھەرىكەت قىلغاندا، ۋاقىتنىڭ بىلىپ - بىلمەي ئىسراپ بولۇپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئالدى بىلەن، ياخشى تۇرمۇش ئادىتى يېتىلدۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئاتا - بوۋىلىرىمىز قەدىمدىن تارتىپلا سەھەر تۇرۇشقا ئادەتلەنگەن بولۇپ، مىللىتىمىز كىشىلىرى ئارىسىدا ئادەتتە تاڭ يورۇش ئارىلىقىدا ئورۇندىن تۇرۇپ كېتىش ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشقان. شۇڭا، بىزدە كۈن قىزىلى ۋاقتىدىمۇ ئورۇندىن تۇرماسلىق، ھەتتا ئاخشىمى ياتقانچە ئەتىسى قۇياش چىققاندىمۇ ئورۇندىن قوپماسلىق ئىنتايىن قەبىھ ئىللەت، مەينەتچىلىك ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، سىز سەھەر تۇرماسلىق، ۋاقىت قىستاپ كەلگەندە ھاپىلا - شاپىلا ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ، يۈز - كۆزىڭىزنى چالا - بۇلا يۇيۇپلا ئىشقا مېڭىش، ئاندىن ئىش ئورنىڭىزدا ناشتا قىلىشتەك ناچار ئادىتىڭىز بولسا دەرھال ئۆزگەرتىڭ. ئاخشاملىرى تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، بەك كەچ يېتىشمۇ ئەتىسى سەھەر تۇرۇشىڭىزغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، ھەتتا بىر كۈنلۈك كەيپىياتىڭىزنىڭ نورمال بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، پۈتۈن بىر كۈنلۈك ئىشلىرىڭىزنى تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرۇۋېلىڭ.
تۈرلۈك سورۇنلارغا دەل بېكىتىلگەن ۋاقىتتا بېرىپ بولۇڭ. باشقىلار بىلەن مەلۇم جايدا كۆرۈشمەكچى بولغان بولسىڭىز، بېكىتىلگەن ئورۇنغا دەل ۋاقتىدا ھازىر بولۇڭ، كىشىلەرنى ساقلاتماڭ، كىشىلەرنىڭ ۋاقتىنى زايە قىلماڭ.
بىراۋ بىلەن كۆرۈشمەكچى، بىراۋنى ئىزدەپ بارماقچى، كېسەل يوقلاپ بارماقچى ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلارنى قىلماقچى بولسىڭىز، شۇ كىشى بىلەن ئالدىن ئالاقىلىشىپ، ئۇنىڭ ۋاقتى بار - يوقلۇقىنى سوراڭ ھەمدە مەقسەتنى ئېنىق ئېيتىپ، كۆرۈشمەكچى بولغان يەرنى، ۋاقىتنى ئېنىق بېكىتىۋېلىڭ. بۇنداق بولغاندا، ھەم باشقىلارنىڭ ۋاقتىغا ھۆرمەت قىلغان بولىسىز، ھەم ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز بىھۇدە ئاۋارە قىلىۋېلىشتىن ساقلىنالايسىز.
ھەرخىل سورۇنلاردا، سورۇندىكى كىشىلەرنىڭ ۋاقتىغا ھۆرمەت قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. باشقىلارنى ئۇزاق ئولتۇرۇشقا قىستاش، قۇرۇق گەپ سېتىپ، باشقىلارنىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىش، باشقىلارنى ئۆزىڭىزگە ھەمراھ بولۇشقا زورلاش قاتارلىق قىلمىشلار ئەخلاق جۈملىسىدىن ئەمەس.
5. ۋاقىتنى ئىسراپ قىلماسلىق ۋە ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش
‹‹ئۆمۈر − ئاتقان ئوق››. خۇددى مىلتىقتىن ئېتىلىپ چىقىپ كەتكەن ئوقنى قايتۇرۇپ ئەسلىدىكى ھالىتىگە كەلتۈرگىلى بولمىغىنىدەك، كەتكەن ئۆمۈرنى زىنھار قايتۇرۇپ كەلگىلى بولمايدۇ. ئادەمنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرىنى 70 يىل دېگەندىمۇ، مۇشۇ ۋاقىتنىڭ يېرىمى دېگۈدەك ئۇخلاش ۋە ئارام ئېلىش ئۈچۈن سەرپ بولىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئادەمنىڭ ئۆمرى ناھايىتى قىسقا بولۇپ، ئۆگىنىش، ئىختىرا، خىزمەت، ھۈنەر - كەسىپ قاتارلىقلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ۋاقتىمىز ئاران 15 − 20 يىل ئەتراپىدا بولىدۇ... بۇنى ئويلىسا، ھەر كىمنىڭ كۆڭلى يېرىم بولماي قالمايدۇ.
ۋاقىتنى قەدىرلەش ۋە ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئۈچۈن، ھەممە نەرسىگە تەڭ ئېسىلىۋېلىشتىن، ئۇدۇل كەلگەنلا ئىشلارغا زېھىننى چېچىشتىن، پىلانسىزلىقتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك. گېرمانىيىلىك ئالىم ھېگىننىڭ ستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، بىر ئالىم كېچە - كۈندۈز تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلىسىمۇ، ئۇ، بىر كۈن ئىچىدە ئۆز كەسپىگە مۇناسىۋەتلىك كۆرۈش زۆرۈر بولغان ماتېرىياللارنىڭ پەقەت بەش پىرسەنتىنىلا كۆرەلەيدىكەن.
بىر خىمىيە ئالىمى ئەگەر ھەپتىلىك كىتاب ئوقۇش ۋاقتىنى40 سائەت بويىچە ھېسابلىسا، ئۇنىڭ دۇنيا بويىچە بىر يىلدا نەشردىن چىققان خىمىيىگە ئائىت ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ماتېرىياللارنى بىر قۇر كۆرۈپ چىقىشى ئۈچۈن 48 يىل ۋاقىت كېتىدىكەن. لوندوندا ‹‹دۇنيا ئەدەبىياتى بىئوگرافىيىسى›› نەشر قىلىنغان بولۇپ، ئۇ جەمئىي754تومنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، ھەجمى52 مىليون 72 مىڭ بەت ئىكەن، ئېغىرلىقىمۇ ئىككى يېرىم توننا كېلىدىكەن... بۇ مىساللار بىزگە كىتاب ئوقۇش، ئۆگىنىشتىمۇ ئېنىق نىشان بولۇشى كېرەكلىكىنى، چەكلىك ۋاقىتتىن ئەڭ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، ۋاقىتنى ئىسراپ قىلماسلىق كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
ھەردائىم سەمىڭىزدە بولسۇنكى، يۈرىكىڭىزنىڭ ھەر بىر سوقۇشى − سىزنىڭ ئۆلۈم دەرۋازىسىغا بىر قەدەم يېقىنلىشىۋاتقانلىقىڭىزدىن، ۋاقتىڭىزنىڭ بارغانسېرى ئاز قېلىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۆمۈر دېمەك − ۋاقىت دېمەكتۇر. بىز ئۆمرىمىزنى قەدىرلەيمىز دەيدىكەنمىز، ھەر بىر سائەت، ھەر بىر مىنۇت ۋاقتىمىزنى ئىسراپ قىلماسلىقىمىز، شۇنداقلا ئۆزگىلەرنىڭ ۋاقتىنىمۇ ئىسراپ قىلىشنى ئەڭ چوڭ جىنايەت ھېسابلىشىمىز لازىم.
كىيىنىش ۋە ياسىنىشتا دىققەت قىلىش زۆرۈر مەسىلىلەر
دۇنيادىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆزىگە خاس كىيىنىش ۋە ياسىنىش ئەنئەنىسى، ئۆرپ - ئادىتى، قائىدە - يوسۇنلىرى بار. شۇڭا تارىختىن بېرى ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئېستېتىكىلىق قاراشلىرىدا مۇئەييەن پەرقلەر ساقلىنىپ كەلگەن. ئەمما، مەيلى قايسى مىللەت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىنسانلا بولىدىكەن، يەنىلا ئۇلارنىڭ كىيىنىش ۋە ياسىنىش سەنئىتىدە ھەم ئەخلاقىدا نۇرغۇن ئوخشاشلىقلار، ئورتاق تەرەپلەر ھامان مەۋجۇت بولىدۇ.
گۈل ئۆزىنىڭ ياپرىقى بولغانلىقى ئۈچۈن گۈزەللىككە ۋە چىنلىققا تويۇنغىنىدەك، ئادەم كىيىنىش ۋە ياسىنىش بىلەن ئېسىل، قەددى - قامەتلىك، سالاپەتلىكتۇر. ئادەم سىرتقى جەھەتتىن ئېيتقاندا كىيىم - كېچىكى، ئۆزىنى تۈزىشى ۋە ھاياسى بىلەن ئادىمىيلىككە، جەلپكارلىققا ھەم ئەخلاققا ئىگىدۇر. ئادەملەرنىڭ ھايۋاناتتىن روشەن پەرقلىنىپ تۇرۇشىمۇ، ئۇنىڭ كىيىم - كېچەك ئارقىلىق ئۈستۋېشىنى يۆگەيدىغان مەخلۇقات بولغانلىقىدا خاراكتېرلىنىدۇ.
ئادەم ئۈچۈن ئىنتايىن زۆرۈر بولغان ھايا، جۈملىدىن ئەدەپ - ئەخلاق ھەرقاچان - ھەرزامان كىيىم -كېچەكنى، ياسىنىشنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ. كىيىم -كېچەك ئادەمنىڭ يۆگەشكە تېگىشلىك جايلىرىنى يۆگەپ، «ئادەم»نى ئادەم قىلىدۇ. يارىشىملىق كىيىم - كېچەك ئادەمنىڭ ھۆسنىگە ھۆسن قوشىدۇ، قامىتىگە سۆلەت، چىرايىغا بەرنالىق ۋە زىبالىق بەخش ئېتىدۇ.ئۈستۋاشتىكى كىيىم - كېچەك كۆپىنچە ھاللاردا ئادەمنىڭ ئوبرازىغا، ئابرۇي - ئىناۋىتىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. كىيىم - كېچەك يەنە ئادەمنى سوغۇق، ئاپتاپ، شامال قاتارلىقلارنىڭ زەربىسىدىن ساقلاپ، سالامەتلىك جەھەتتە كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. شۇڭا، مىللىتىمىزنىڭ كىيىنىش ۋە ياسىنىش مەدەنىيىتىدە ئەزەلدىن ئىلمىيلىك، مەنتىقە، ئېستېتىكا كەم بولغان ئەمەس.
بىزنىڭ كىيىنىش ۋە ياسىنىشىمىز گۈزەل ئەنئەنىۋى ئۆرپ - ئادەتلىرىمىزگە، قائىدە - يوسۇنلىرىمىزغا، مىللەت خاراكتېرى ۋە ئوبرازىغا، كەسپىي ئالاھىدىلىككە، تۈرلۈك سورۇن - يىغىلىشلارغا ئۇيغۇن، يارىشىملىق بولسۇن. ئادەتتە، كىيىم - كېچىكىنى ياش ئالاھىدىلىكى، بەدەن قۇرۇلمىسى ۋە كەسىپ خاراكتېرى قاتارلىق تەرەپلەرگە، شۇنىڭدەك زامان، ماكانغا لايىقلاشتۇرۇپ كىيەلىگەن ئادەم كىيىنىش ئەخلاقىنىڭ ئەقەللىي ساۋادىنى ھازىرلىغان بولىدۇ. مەسىلەن، بەدىنىڭىز زىلۋا بولسا بەك كەڭ كىيىملەرنى، سېمىز بولسىڭىز، بەك تار كىيىملەرنى كىيمىگىنىڭىز تۈزۈك. يېشى چوڭلار ئۆزىگە ماس كەلمەيدىغان ياش - ئۆسمۈرلەرگە خاس كىيىملەرنى، ياشتا كىچىكلەر چوڭلارنىڭ كىيىمىنى كىيمىگىنى ياخشى. رەتسىز كىيىنىش، ئىسكەتىنى تۈزەپ يۈرمەسلىك ۋە كىيىمنىڭ رەڭگى، پاسونى، رەختىنى ئۆزىنىڭ رەڭگى، قامىتى، يېشى بىلەن ماسلاشتۇرۇشقا ئېتىبارسىز قاراش، ئۆزىنىڭ يېشى، بەدەن قۇرۇلمىسى بىلەن ھېسابلاشماستىن، قارىغۇلارچە مودا قوغلىشىش، ئۆزىگە ياراشقان - ياراشمىغانلىقى بىلەن كارى بولماي غەلىتە گىرىم قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاقىلانىلىك بولمايلا قالماي، بەلكى مەنىۋى پۇچەكلىك ھېسابلىنىدۇ. ھەممىگە ئايانكى، ئايرىم خانىم - قىزلىرىمىزدا مودا قوغلىشىش خاھىشى خېلىلا گەۋدىلىك.
تەھقىقكى، مودا كىيىملەرنىڭ ئۆمرى ئىنتايىن قىسقا بولغاچقا، ئۆتكەن يىلدىكىنى بۇيىل كىيىشكە بولمايدۇ - دە، ئۈزلۈكسىز يېڭىسىنى سېتىۋېلىشقا توغرا كېلىپ، ئىسراپچىلىقتىن ساقلانماق تەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مودا كىيىملەر ھەركىمگە ماس كېلىۋەرمىگەچكە، نۇرغۇن مودا قوغلاشقۇچىلار كىشىلەرنىڭ ‹‹پىچىر - پىچىر›› تېمىسى بولۇپ قالىدۇ. سەمىڭىزدە بولسۇنكى، مودا قوغلىشىش بىر خىل پسىخىكىلىق كېسەللىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس. كىيىم كىيگەندە قارىغۇلارچە مودا قوغلىشىشتىن ساقلىنىپ، كىيىم - كېچەكنىڭ پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى، بەدەنگە ھۇزۇرلۇق بولۇشىنى ۋە گۈزەللىك قىممىتىنى ئويلاشقان تۈزۈكتۇر.
كىيىم تاللاپ سېتىۋېلىشتا ۋە ھەر خىل كىيىملەرنى ماسلاشتۇرۇپ كىيىشتە، پەسىل، سورۇن، تۈرلۈك مۇراسىم - يىغىلىشلارغا دۇرۇس كەلتۈرۈشمۇ ناھايىتى مۇھىم. خاس پاسون، رەڭ تاللاش ۋە كىيىملەرنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇپ كىيىش كىشىنى سۆلەتلىك، قەددى - قامەتلىك، جەسۇر، لىۋەن، گۈزەل ۋە ئەدەپ - قائىدىلىك قىلىپ كۆرسىتىدۇ. ئەرلەر ئايالچە كىيىملەرنى، ئاياللار ئەرەنچە كىيىملەرنى كىيمىسۇن. كىيىم - كېچىكىڭىز دائىم پاكىزە - رەتلىك، تۈگمىلىرىڭىز مۇۋاپىق ئېتىلگەن بولسۇن. ئىش ئورنىغا رەتسىز كىيىنىپ كېلىش،ساپما كەشى كىيگەن پېتى كېلىش مۇۋاپىق ئەمەس (ئىشخانىڭىزغا گىلەم سېلىنغان بولسا بۇ باشقا ئەھۋال). پۇلۇم بار دەپ ھەددىدىن زىيادە سۆلەتۋازلىق قىلىشتىن، قولۇم قىسقا دەپ بەك ئاددىي، كىشىلەر ئالدىدا چېنىپ قالىدىغان كىيىملەرنى كىيىپ يۈرۈشتىن ساقلىنىڭ. بەزى سورۇنلاردا كىيىم - كېچەككە قاراپ مۇئامىلە قىلىنىدىغانلىقىمۇ سەمىڭىزدە بولسۇن.
نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرىدە مۇنداق بىر ھېكايە بار: نەسىردىن ئەپەندى ئۆزىنىڭ كونا، ئادەتتىكىچە كىيىملىرىنى كىيگەن پېتى ئېشىكىنى يېتىلەپ، پادىشاھ ئوردىسىغا كىرمەكچى بولىدۇ. ياساۋۇللار ئۇنىڭ ئۈستۋېشىدىن ئۇنى گاداي ياكى ئادەتتىكى ئادەم دەپ قارايدۇ - دە، دەرۋازىدىن كىرگۈزمەيدۇ. ئەھۋالنىڭ تېگىگە يەتكەن نەسىردىن ئەپەندى قايتىپ كېتىدۇ ۋە ئېسىل تون - سەرپايىلەر بىلەن ياسىنىپ ھايال ئۆتمەستىنلا يەنە كېلىدۇ. بۇ چاغدا، ھېلىقى ياساۋۇللار نەسىردىن ئەپەندىگە ئېگىلىپ تەزىم بەجا كەلتۈرۈشىدۇ ۋە ئۇنى پادىشاھ ھۇزۇرىغا مەرھەمەت قىلىدۇ... بۇ گەرچە كونا زاماندىكى ئىش بولسىمۇ، ئەمما بۇ لەتىپە ھەر زامان، ھەر ماكاندا ئۆز تىندىنسىيىسى بىلەن كىشىلەرگە كىيىنىش ۋە ياسىنىشنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقى ھەققىدە ئەمەلىي دەرس بېرىدۇ. دېمەك، سىزنىڭ كىيىنىش ئادىتىڭىز ياكى سەنئىتىڭىز ئەدەپ - ئەخلاققا باغلىق بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى سىزنىڭ ئوبرازىڭىز، مىللەت خاراكتېرىڭىز ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتىكى مۇۋەپپەقىيىتىڭىز بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.
گېزى كەلگەندە تەكىتلەپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇكى، مىللىتىمىزنىڭ ئۆزىگە خاس كىيىم - كېچەك مەدەنىيىتى دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىنىڭ مۇھىم ئەڭگۈشتەرلىرىدىن ھېسابلىناتتى. لېكىن، ھازىر يېزا - قىشلاقلاردىكى ئايرىم ئەھۋاللارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، مىللىتىمىزگە خاس كىيىم - كېچەكلىرىمىزنى سەھنىلەردىكى ئارتىسلارنىڭ ئۈستۋېشىدىلا كۆرۈۋاتىمىز. ئەسلىدە، بىر ئادەمنىڭ كىيىم - كېچىكىگە قاراپلا،ئۇنىڭ قايسى مىللەتتىن ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرۈۋالغىلى بولسا، ئاندىن كىيىم - كېچەك جەھەتتە مىللەت خاراكتېرىدىن سۆز ئاچقىلى بولاتتى. بىز بۇ جەھەتتە ياتلاشقان روھىمىزنى بالدۇرراق تونۇپ، ئۆزلۈك ئېڭىمىزغا سادىق بولۇشىمىز، مىللەتكە مەسئۇلىيەتچانلىق، پەرۋىشكارلىق پوزىتسىيىسىنى تۇتۇشىمىز قىممەتلىكتۇر.
بۇ يەردە ئالاھىدە تەكىتلەشكە تېگىشلىك بىر مۇھىم مەسىلە بار، ئۇ بولسىمۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كىيىنىش ۋە ياسىنىش مەسىلىسى. ئىنسان روھىنىڭ ئىنژېنېرلىرىدىن بولغان ئوقۇتقۇچىلار ئۈستۋېشىدىكى كىيىم - كېچىكىنىڭ مەدەنىي، ئاددىي - ساددا، پاكىزە، رەتلىك بولۇشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى لازىم. ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىلاردىن پەننىي بىلىملەرنى ئۆگىنىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە كىيىنىش ۋە ياسىنىش سەنئىتى، خاراكتېر، ئەخلاق - پەزىلەت قاتارلىق جەھەتلەردە كۆپ تەرەپلىمىلىك بىلىملەرنى، تەسىرلەرنى ئالىدۇ. ئوقۇتقۇچىنىڭ كىيىنىش - ياسىنىشى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ھەم ئەمەلىي، ھەم تەسىر كۈچى زور، جانلىق ئۈلگىدۇر. ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىسىنى دورايدۇ، ئوقۇتقۇچى مەيلى ئەر، مەيلى ئايال بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئاجايىپ - غارايىپ كىيىنىپ - ياسىنىپ، زىبۇزىننەت - زۇننارلارنى تاقاپ ياكى ئالىيېشىل كىيىملەرنى كىيىپ، چاكىنا ياسىنىپ دەرسخانىغا كىرمەسلىكى لازىم. بۇنداق قىلىش ئاممىۋى ئەدەپ - قائىدىگە خىلاپ بولۇپلا قالماستىن، بەلكى كەسپىي ئەخلاققىمۇ مۇخالىپ كېلىدۇ.
ئوقۇتقۇچى ئاجايىپ - غارايىپ كىيىنىپ - ياسىنىپ دەرس ئۆتسە، ئوقۇغۇچىلارغا يامان تەسىر بېرىپ قويىدۇ، ھەتتا ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىلار قەلبىدىكى ئوبرازىغا ئېغىر تەسىر يېتىدۇ. ھەممىدىن يامىنى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىققىتى چېچىلىپ، پسىخىكىسى غىدىقلىنىپ، دەرس ئۆزلەشتۈرۈش ئۈنۈمى تەبىئىي ھالدا تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. ئوقۇتقۇچى خانىم - قىزلار غەيرىي كىيىنسە، ئالتۇن زىبۇزىننەت - زۇننارلارنى كۆپلەپ تاقىسا، چېكىدىن ئاشۇرۇپ گىرىم قىلسا، مۇقەررەر ھالدا قىز ئوقۇغۇچىلاردا بىنورمال ياسىنىش ئادەتلىرىنىڭ شەكىللىنىشىگە سەۋەب بولماي قالمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن، كىچىك قىزلار ياسانچۇق بولۇپ قالىدۇ، كىيىم - كېچەك دېسە ئۆزىنى ئۇرىدىغان مىجەز يېتىلدۈرۈۋالىدۇ، ناچار ئادەتلەرنى ئۆزىگە سىڭدۈرۈۋالىدۇ، ھەتتا تەدرىجىي ھالدا يامان يولغا مېڭىپ قالىدۇ. چۈنكى، خانىم - قىزلار ئۆزلىرىنىڭ كىيىم - كېچەككە، زىبۇزىننەت - زۇننارلارغا ئامراق بولۇشتەك كەمچىلىكىگە ھەر دائىم دىققەت قىلمىسا، ئۇلار ئائىلە تۇرمۇشىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىشى، ئۆينى بۇزۇشى، ھەتتا ئاسانلا خاتا يولغا كىرىپ قېلىشى مۇمكىن. بۇ سەترىدە شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ: «بوياق بىلەن بويىغىچە تېشىڭنى، ئىلىم بىلەن زىننەتلىگىن ئىچىڭنى» دەپ ئىنتايىن توغرا ئېيتقان. بۇ يەردىكى مەنە چوڭقۇرلۇقى كىيىنىش ۋە ياسىنىش گۈزەللىكىگە قەلب گۈزەللىكىنىڭ ماس كېلىشى، بولۇپمۇ قەلب گۈزەللىكى كىيىنىش ۋە ياسىنىشتا ئالدىنقى شەرت بولىدىغانلىقى لىنىيىسىدە تىرەنلىشىۋاتىدۇ. مۇبادا، ئوقۇتقۇچىلاردا بۇ خىل ئەدەپسىزلىك ئىللەتلىرى ساقلىنىدىكەن، ئۇ ھالدا ئوقۇغۇچىلار تۈرلۈك پاسسىپ ئامىللارنى ئوقۇتقۇچىلىرىدىن ئۆگىنىۋالىدۇ. ئەر ئوقۇتقۇچىلار ساقال - بۇرۇتلىرىنى ئۆستۈرۈۋالماسلىقى، چاچلىرى رەتسىز، ئاياغلىرى توپا ھالەتتە دەرسخانىلارغا كىرمەسلىكى لازىم. ئايال ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان بەك قىسقا كىيىملەرنى، تار كىيىملەرنى ياكىمەيدىسى ئوچۇقكىيىملەرنى كىيمەسلىكى كېرەك. دېمەك، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كىيىنىش ۋە ياسىنىش ئەخلاقى بىر پۈتۈن مائارىپنىڭ سۈپىتىگە بېرىپ تاقىلىدۇ.
كىيىم - كېچەكنى رەتلىك، پاكىزە، ئۆزىگە ماس كىيمەسلىك، زىبۇزىننەت - زۇننارلارنى مەنمەنلىك تالىشىپ چېكىدىن ئاشۇرۇپ تاقىۋېلىش، ئېسىۋېلىش،ئادەتتىن تاشقىرى گىرىم قىلىۋېلىش، بەدەننىڭ يۆگەشكە تېگىشلىك جايلىرىنى ئوچۇق قويۇش قاتارلىقلارمۇ ئەدەپ - ئەخلاققا يات ئىللەتلەرگە كىرىدۇ. خانىم - قىزلارنىڭ گىرىم قىلىشى مەسىلىسىدە، بىز يەنىلا تەبىئىي گۈزەللىكنى تەكىتلەيمىزكى، چېكىدىن ئاشۇرۇپ گىرىم قىلىش، ئۆزىنىڭ مىللەتكە خاس ئالاھىدىلىكىنى يوقىتىپ چەت ئەللىكلەرنى قارىغۇلارچە دوراش، بەدەن تېرىسىنىڭ ئۇ يەر - بۇيېرىگە ياكى يۈز - كۆزىگە، قاش - قاپىقىغا خال چېكىش، خەت ۋە رەسىملەرنى سىزىۋېلىش قاتارلىق قىلمىشلارنى ناچار ئىللەت ھېسابلايمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھازىرقى زامان پەن - تېخنىكىسى قېنىق گىرىم قىلىشنىڭ تەن سالامەتلىككە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. شۇڭا، چەكتىن ئاشۇرۇپ ياسانماسلىق، غەلىتە گىرىم قىلماسلىق، گىرىم قىلغاندا تەبىئىي گۈزەللىك ئاساس، سۈنئىي گۈزەللىك قوشۇمچە بولۇشى لازىم.
ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، كىرلەشكەن، داغ چۈشكەن كىيىملەرنى، بولۇپمۇ ياقىسى كىرلەشكەن، پۈرلەش كىيىملەرنى، تۈگمىلىرى ئۈزۈلگەن، سىيرىتمىلىرى بۇزۇلغان كىيىملەرنى كىيىپ يۈرۈش ئۆز - ئۆزىنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى ساقلاشنى بىلمىگەنلىك بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئەدەپ - قائىدىنى بۇزغانلىق سانىلىدۇ. بىزدە: «دوستۇڭ بېشىڭغا قارار، رەقىبىڭ ئايىغىڭغا» دەيدىغان گەپ بار.بۇ، ئادەمنىڭ تاشقى سۈپىتىدە ئاياغ كىيىمنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى، ئاياغ كىيىمگە ئېتىبارسىز قارىماسلىق لازىملىقىنى دەلىللەيدۇ. بەزى كىشىلەر قىممەت باھالىق ئاياغلارنى قوغلىشىپ كىيىدۇ - يۇ، ئايىغىنىڭ پاكىزىلىكىگە دىققەت قىلمايدۇ. بىلىشىڭىز كېرەككى، سىزنىڭ كىيىملىرىڭىزدە ئايىغىڭىزنىڭ پاكىزىلىكى كىيىمىڭىزنىڭ ياقىسىدىن قالسىلا، بەلگىلىگۈچ سالماق تۇتىدۇ.
ئايىغىڭىزنىڭ قىممىتى پۇتىڭىزغا كىيگەندىن باشلاپلا، ماگىزىندىكى باھاسى بىلەن ئەمەس، بەلكى پاكىزە - پارقىراقلىقى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. ئاياغ كىيىمنى مايلاپ، پارقىرىتىپ كىيىش، ھەركۈنى سۈرتۈشنى ئۇنتۇپ قالماسلىق، ئاياغ بوغقۇچىنى چىڭ چېگىش، ئاياغ ئىچىدىكى پېتەكلەرنى ۋاقتى - ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، ئىمكانىيەت يار بەرسە ئاياغ كىيىمنى پات - پات ئالماشتۇرۇش، پايپاقنى پاكىزە تۇتۇشمۇ ئەدەپ - ئەخلاق جۈملىسگە تەۋەدۇر.
ئەرلەر چاچ ۋە ساقال - بۇرۇتلىرىنى ۋاقتى - ۋاقتىدا ياسىتىشقا دىققەت قىلسۇن. ساقال - بۇرۇت قويمايدىغان كىشىلەر ساقال - بۇرۇتلىرىنى قىرىپ، ئىڭەكلىرىنى پارقىرىتىپ يۈرۈشكە ئادەتلەنسۇن. بەزى ئەرلەرنىڭ خانىم - قىزلارچە، ئايرىم خانىم - قىزلارنىڭ ئەرەنچە چاچ قويۇۋېلىشلىرى مىللىتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىغا، قائىدە - يوسۇنلىرىغا تۈپتىن يات، خىجىل بولۇشقا تېگىشلىك قىلمىشتۇر. بىز ئىككى خىل جىنسقا خاس چاچ پاسونلىرىنى ئېلىشتۇرۇۋەتكۈچىلەرنى ۋە چاچلىرىنى غەلىتە، ئالىيېشىل بويىۋالغۇچىلارنى مىللىتىمىزنىڭ ئەخلاق تارازىسى بىلەن ئۆلچەپ قاتتىق تەنقىد قىلىمىز ھەمدە ئۇلارنىڭ تېزراق ئۆزىنى تېپىۋېلىشىنى، ئۆزلۈك ئەخلاققا قايتىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىز ئەرلەرنىڭ ئەركەكلەرچە چاچ قويۇشىنى، خانىم - قىزلارنىڭ ئۆزىگە خاس گۈزەللىك ئېلېمېنتلىرىدىن بىرى بولغان چېچىنى كەسمەسلىكىنى بۇ ھەقتىكى پارلاق تارىخىمىزنى سېغىنىش ئىلكىدە تەكىتلەيمىز. قۇشلار ئۆزىنىڭ پەي - قاناتلىرى بىلەن گۈزەل بولغىنىدەك، ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ مەجنۇنتالدەك ئۇزۇن چاچلىرى بىلەن ئوماق - چىرايلىقتۇر، مىللىتىمىزگە خاستۇر ھەم جەزبداردۇر.
خانىم - قىزلىرىمىز كىيىنىش ۋە ياسىنىشتا كۆپرەك سادىر قىلىۋاتقان ھەمدە دىققەت قىلمىسا بولمايدىغان يەنە بىر مەسىلە بار. نۇرغۇن ئاياللار سىرتتا كىيىنىش ۋە ياسىنىشقا ئەھمىيەت بەرسىمۇ، ئەپسۇسكى ئائىلىدە بۇ ئىشقا ئېتىبارسىز قارايدۇ. «بۇ دېگەن ئۆز ئۆيۈمغۇ... قانداق كىيىنسەم بەرىبىرغۇ...» دەپ ئويلاپ، ئۆي ئىچىدە مەينەت - كىر، پۈرلەش كىيىملەرنى، جۇلۇقى چىقىپ كەتكەن ساپما كەشىنى كىيىۋالىدۇ. چاچلىرىنى تارىمايدۇ، ھەتتا ئۆزىنى تۈزەشتۈرمەي ئېرىنىڭ ۋە بالىلىرىنىڭ ئالدىدا خۇددى ھازىرلا مۇنچىدىن چىققاندەك يۈرۈۋېرىدۇ... سىز ئاياللىق خاراكتېرىڭىز ۋە قىياپەت جەھەتتە ياسىنىش جەزبدارلىقىڭىز بىلەن ئايالسىز، سىزنىڭ ياسىنىشىڭىز ئالدى بىلەن ئائىلىڭىز ئۈچۈن، ئېنىقراقى ئېرىڭىز ئۈچۈن، ئاندىن ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر ئۈچۈن بولۇشى كېرەك. «ئاياللار ئۆينىڭ گۈلىدۇر» دېگەن گەپ بىكاردىن چىقمىغان. بەزۈ ئەرلەرنىڭ:«خوتۇنۇمنىڭ تالالىقى بارۇ، ئۆي ئىچىلىكى يوق» دېگەن گېپىنى ئاساسسىز دېگىلى بولماس. بۇ گەپ گەرچە نوقۇل ھالدا كىيىنىش ۋە ياسىنىشنى كۆزدە تۇتمىسىمۇ، ئەمما ئاياللارنىڭ ئۆي ئىچىدە ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈپ يۈرۈشكە سەل قارايدىغانلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالماي قالمايدۇ. خانىم - قىزلار:«بۈگۈن مەن سىرتلارغا چىقمىغاندىكىن... زۆرۈرىيىتى يوققۇ...» دېمەسلىكى، ئۆي ئىچىدىمۇ مۇۋاپىق كىيىنىش ۋە ياسىنىشقا ئەھمىيەت بەرگىنى ياخشى.
ئېرىڭىزنى «ئۆز» كۆرۈپ، ئەسكى كىيىملەرنى كىيىۋالغىنىڭىز، چېچىڭىزنى تۈزەشتۈرۈشكە ئېرىنگىنىڭىز بىلەن، شۇنداق چاغلاردا ئۆيىڭىزگە تۇيۇقسىز مېھمان كېلىپ قېلىشى، دەرھال سىرتلارغا چىقىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلۇشى ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار يۈز بېرىشى ھەم ئوسال ئەھۋالدا قېلىشىڭىز مۇمكىن. بىزدە يەنە: «ئاناڭنى داداڭغا پەردازسىز كۆرسەتمە» دەيدىغان گەپمۇ بار. مانا بۇ، خانىم - قىزلارنىڭ ئەخلاق گۈزەللىكىنى، قىياپەت ئوبرازىنى ۋە جەزبدارلىقىنى ساقلىشىدا كەم بولماسلىقى زۆرۈر يەنە بىر مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.
يول يۈرۈشتە دىققەت قىلىشتىكى زۆرۈر مەسىلىلەر
شەھەر - بازار يول - كوچىلىرىدا يول يۈرگەندە، قاتناش قائىدىسى بويىچە يۈرۈش، يەنى پىيادىلىكلەر ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى ۋە ۋېلىسىپىت يوللىرىغا كىرىۋالماسلىق، پىيادىلىكلەر يولىدا ئوڭ قولىنى بېسىپ مېڭىش، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى يولىنىڭ ئۇدۇل كەلگەن يېرىدىن كېسىپ ئۆتمەسلىك، ئۆتۈشكە توغرا كەلسە بەلگىلەنگەن يەرلەردىن، يەر ئاستى يوللىرىدىن، يول ئۈستى كۆۋرۈكلىرىدىن ئۆتۈش قاتارلىق قائىدىلەرنى ھەممە ئادەم دېگۈدەك بىلسىمۇ، ئەپسۇسكى ئايرىم بىر قىسىم كىشىلەر مۇشۇنداق ئەقەللىي ساۋاتلارنى بىلىپ تۇرۇقلۇق، يەنە ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلىدۇ. بۇ، ئەدەپ - قائىدىسىزلىك بولۇپلا قالماستىن، بەلكى بىر خىل قاراملىق، مەدەنىيەتسىزلىك ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، سىز پىيادە يول يۈرگەندە، كىچىككىنە قۇلايسىزلىقتىن قېچىپ ياكى ئازراق ۋاقىتنى تېجەيمەن دەپ ئەدەپ - قائىدىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىڭىز، تېخىمۇ مۇھىمى ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقىڭىز لازىم.
كۈندىلىك تۇرمۇشتا كىشىلەرنىڭ بىرمۇنچە پالاكەتكە، مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىشىغا ۋە بەختسىزلىكلىرىگە ئۆزلىرىنىڭ ئەخلاقسىزلىق ئامىللىرىنى سادىر قىلغانلىقى سەۋەب بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا، ئاتا - بوۋىلىرىمىز:«تەلىيىڭنىڭكاجلىقىنى ئۆز خۇيۇڭدىن كۆر» دېگەن. يول - كوچىلاردا ماڭغاچ ئۇياق - بۇياققا قاراپ ھاڭۋاقتىلىق قىلىش، يول بويلىرىدىكى ۋىۋىسكا، ئېلان قاتارلىقلارنى ئوقۇش، مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلىنىش،ماتېرىيالكۆرۈش،بىرنەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىش ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇش ئەدەپسىزلىككە ياتىدۇ. يول يۈرگەندە دىققىتىڭىز بۆلۈنسە ياكى ئەتراپىڭىزغا سەل - پەللا دىققەتقىلمىسىڭىز، كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچە بولغان ئارىلىقتا كۈتۈلمىگەن ئىشلار يۈز بېرىشى تۇرغانلا گەپ. كىشىلەرگە سوقۇلۇپ كېتىشىڭىز، بۇنىڭ بىلەن كۆڭۈلسىزلىككە يولۇقۇشىڭىز مۇمكىن. كىچىك بالىلارنى ئۇرۇۋېتىشىڭىز، پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشۈشىڭىز، بىرەر نەرسىگە ئۈسۈۋېلىشىڭىز مۇقەررەر ئەھۋال. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەدەپ - قائىدىسىزلىكنىڭ ئاقىۋىتى بولۇپ، ناۋادا چوڭراق بىرەر كېلىشمەسلىككە يولۇقسىڭىز، ئۇ چاغدا ئۆمۈرلۈك پۇشايماننى ئالىدىغانغا قاچا تاپالماي قالىسىز. شۇڭا، يول بويلىرىدىكى ۋىۋىسكا، ئېلانلارنى كۆرمەكچى، مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلانماقچى ياكى ماتېرىيال كۆرمەكچى بولسىڭىز، يولنىڭ چېتىگە چىقىپ توختاڭ. مانا بۇ ھەم ئەدەپ - قائىدىلىك بولغانلىق، ھەم بىخەتەرلىككە دىققەت قىلغانلىق بولىدۇ.
كوچىلاردا بوۋاي - مومايلارغا، ئاجىز - مېيىپلارغا، خانىم - قىزلارغا ۋە ئۆسمۈرلەر - بالىلارغا، ئىككىقات ئاياللارغا يول بەرگۈلۈك. بىرقانچە ئادەم بىللە كېتىۋاتقان بولسا، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىن بۆسۈپ ئۆتمىگۈلۈك. بولۇپمۇ ئەرلەر ئاياللارنىڭ ئوتتۇرىسىدىن، ئاياللار ئەرلەرنىڭ ئاراچلىرىدىن قىسىلىپ ئۆتكۈلۈك ئەمەس. كېتىۋاتقان كىشىلەرگە بەك سەپسېلىپ قاراش، يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان يات جىنسلىق كىشىلەرگە قايرىلىپ تۇرۇپ كەينىدىن كۆز يۈگۈرتۈش، بىللە كېتىۋاتقان كىشىنى توختاشقا مەجبۇرلاپ پاراڭ قىلىش، كوچىدا ئۇزاق توختاپ گەپلىشىش، يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلەش، ۋارقىراش - جارقىراش، قاتتىق تېلىقىپ كۈلۈش ياكى يىغلاش، جېدەل - ماجىرا قىلىش، كىشىلەرنىڭ قوي - كالا، ئىت - مۈشۈك، توخۇ - ئۆردەك، كەپتەر قاتارلىق ھايۋانلىرى ۋە قۇشلىرىنى ئۆركۈتۈۋېتىش، يول - كوچىلاردا يېتىش، ئۇخلاش، ئۇدۇل كەلگەنلا يەرگە بىرنەرسە تاشلاش، تۈكۈرۈش، مىشقىرىش قاتارلىق ئىللەتلەر ئەخلاقسىزلىقتىن، تومپايلىقتىن بېشارەت بېرىدۇ.
باشقىلار بىلەن سالاملىشىش - كۆرۈشۈشكە توغرا كەلگەندە ھېچنېمىدىن ھېچنېمە يوق: «نەگە؟»، «نەدىن كېلىۋاتىسىز؟»، «نەگە ماڭدىڭىز؟»، «نېمە ئىش قىلماقچىسىز؟»، «بۈگۈن نېمە ئىش قىلدىڭىز؟»، «قولىڭىزدىكى نېمە؟» دېگەندەك ئورۇنسىز سوئاللارنى سورايدىغان، كېتىۋاتقان ۋە ئالدىغا ئۇچرىغان كىشىلەرنى بىكاردىن - بىكار ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق قۇرۇق گەپكە تۇتىدىغان ئادەملەرنى دائىم دېگۈدەك ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. بۇمۇ ئەدەپسىزلىكنىڭ ساقىندىلىرىدۇر. ئەگەر كېتىۋاتقان ياكى ئالدىڭىزغا ئۇچرىغان بىراۋدا ئىشىڭىز بولمىسا، ئۇنىڭدىن يۇقىرىدىكىدەك تۇتۇرۇقسىز گەپلەرنى سوراپ يۈرمەڭ. قىزغىنلىقىڭىزنى سالاملىشىپ قىسقىچە ئەھۋاللىشىش ئارقىلىق ئىپادىلىسىڭىزلا كۇپايىلىنىدۇ. بىرمۇنچە كىشىلەر مۇشۇنداق قىلچە زۆرۈرىيىتى بولمىغان ئورۇنسىز سوئاللارنى سوراپ، باشقىلارنى قۇرۇق گەپكە تۇتۇپ تەڭقىسلىقتا قويىدۇ... يول - كوچىلاردا ئۇچراتقان تونۇش - بىلىش، دوستلىرىڭىزنى بىھۇدە گەپكە تۇتماڭ. يولدا باشقىلار بىلەن بىللە كېتىۋاتقان بولسىڭىز، يولدا ئۇچرىشىپ قالغان بىراۋلار بىلەن ئۇزاق پاراڭغا چۈشۈپ كېتىپ، بىللە مېڭىۋاتقان ھەمراھىڭىزنى ساقلاتماڭ. باشقىلارنى ئاللىقانداقتۇر بىر يەرلەرگە بىللە بېرىشىپ بېرىشكە ياكى بىللە كوچا ئايلىنىشقا زورلىمىغىنىڭىز ياخشىراقتۇر.
كىشىلەر سۇ ئىچىدىغان ئېرىق - ئۆستەڭلەرگە، كۆللەرگە چۆمۈلمەڭ، ئۇ يەرلەردە قول - پۇت، باش - كۆزىڭىزنى يۇماڭ. ئادەم ساقلاشقا ۋە ئۆچىرەتلەردە تۇرۇشقا توغرا كەلگەندە، جەزمەن تېگىشلىك ئورۇنغا بېرىپ تۇرۇش، جىق ئادەم بار يەردە قىستاشماسلىق، كوچا ئاپتوبۇسلىرىغا چىققاندا، پەلەمپەيلەردە، لىفىتلاردا، تار - قىسىلچاقلاردا بوۋاي - مومايلارغا، چوڭلارغا، ئاجىز - مېيىپلارغا، كېسەلمەن كىشىلەرگە، ئاياللارغا ۋە ئۆسمۈر - بالىلارغا ئورۇن بېرىش؛ باشقىلارغا يۆلىنىۋالماسلىق، چاپلىشىۋالماسلىق كىشىلەرنىڭ ئايىغىغا دەسسەپ سېلىشتىن ياكى ئايىغىڭىزنى بىراۋنىڭ ئايىغىغا تەگكۈزۈۋېتىشتىن ئېھتىيات قىلىشىڭىز كېرەك. ئەرلەر ئەرلەرنىڭ قېشىدىراق، ئاياللارمۇ ئاياللار قېشىدىراق تۇرغىنى ياخشىدۇر. باشقىلارنى ئىتتىرىۋېتىشتىن، باشقىلارغا ئۇرۇلۇپ كېتىشتىن ھېزى بولۇڭ. ئاپتوبۇستا، پويىزدا ياكى ئايروپىلان، پاراخوتلاردا قېشىڭىزدا ئولتۇرغان كىشىگە يۆلىنىپ ئۇخلىماڭ، يات جىنسلىق كىشىلەر بىلەن بىر ئورۇندا ئولتۇرغان بولسىڭىز تېخىمۇ ئېھتىيات قىلىڭ. سەپەردىشىڭىزغا ھەمكارلىشىڭ، يول قويۇڭ ئۇ بىرەر ئىش بىلەن ئورنىدىن ئايرىلسا، ئۇنىڭ ئورنىدا ئولتۇرۇۋالماڭ، يېتىۋالماڭ، ئۇنىڭ ئورنىغا ۋە نەرسە - كېرەكلىرىگە قاراپ قويۇڭ. كىچىك ماشىنىلارغا ئولتۇرغاندا يىغىنچاق ھالىتىڭىزنى ساقلاڭ، باشقىلارنى قىستاپ قويسىڭىز ئوبدان بولمايدۇ.
يولدا كېتىۋاتقاندا، مەقسەتسىز ياكى مەقسەتلىك ھالدا گال قىرىش، غەلىتە يۆتىلىش، قالايمىقان ئاۋاز چىقىرىشتىن ساقلىنىڭ. يول - كوچىلاردا بولۇنۇۋاتقان ناتونۇش كىشىلەرنىڭ پارىڭىغا، ئىشىغا ئۆزىڭىزچە ئارىلاشماڭ. زۆرۈر تېپىلمىسا، ناتونۇش كىشىلەرنىڭ جېدەل - ماجىرالىرىدىن نېرى بولغايسىز، ئۆز يولىڭىزغا ماڭغايسىز. ئەتراپتا ئادەم بولسۇن - بولمىسۇن، يول بويلىرىغا، دوقمۇشلارغا، بۇلۇڭ - پۇچقاقلارغا ياكى يول بويلىرىدىكى دالدا يەرلەرگە چوڭ - كىچىك تەرەت قىلىشتىن ئۆزىڭىزنى تارتىڭ. شەھەر - بازار يوللىرىدا كېتىۋاتقاندا چوقۇم ھاجەتخانىلارغا كىرىشىڭىز، يېزا يوللىرىدا بولسا يولدىن يىراقراق دالدىغا ئۆتۈپ ھاجەت قىلىشىڭىز شەرت. يېزا يوللىرىدا يۈرگەندە زىرائەت ئېتىزلىرىنى، كىشىلەرنىڭ ھويلا - ئارام، باغلىرىنى ئارىلاپ كېسىپ ئۆتۈشتىن ھەزەر ئەيلەڭ. كىشىلەرنىڭ مال - مۈلكىگە چېقىلىش، يول بويلىرىدىكى مېۋە - چېۋىلىرىگە خالىغانچە قول ئۇزىتىش، ناتونۇش كىشىلەرنىڭ ئىشىكى ئەتراپىدا ئولتۇرۇش، ئىسقىرتىش، ناخشا ئېيتىش قاتارلىقلارمۇ ئەدەپ - قائىدە بىلمىگەنلىك بولىدۇ. بىرەر ئىش بىلەن باشقىلارنى ئىزدەپ بارغان بولسىڭىز، ئىشىڭىزنى تۈگىتىپلا قايتقىنىڭىز، ئۇنىڭ يېنىدا بىھۇدە پاراڭ قىلىپ ئولتۇرمىغىنىڭىز ياخشىدۇر.
يۈرۈش - تۇرۇشتا دىققەت قىلىش زۆرۈر بولغان ئەدەپ - ئەخلاق ئۆلچەملىرى يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەنلىرىمىز بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. بۇلاردىن باشقا، يەنە قانداق قىلغاندا يۈرۈش - تۇرۇشتا تېخىمۇ ئەدەپ - قائىدىلىك بولغىلى، كىشىلەردە ياخشى تەسىر قالدۇرغىلى بولىدىغانلىقى ئۈستىدە ھەربىر ئەقىل ئىگىسى ئويلىنىپ كۆرسە بولىدۇ.
(ئاپتور: «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى تەھرىراتىدا)