مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1748 قېتىم كۆرۈلدى
«1234»Pages: 1/4     Go
تېما: ھەسرەتكە كۆز يۇمغان كۆڭۈل_ھېكايە
amqi
پۇلغا نامرات غورورغا بايمەن ،غورور بىلەن يالغۇز ..
دەرىجە: يېتىلىۋاتقان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 30
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 2
ئومومىي يازما: 235
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە235دانە
ياخشى باھا: 92 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 4451 سوم
تۆھپىسى: 106 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 532(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-19
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-12-28
0 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-12-12 03:07 PM

1 ھەسرەتكە كۆز يۇمغان كۆڭۈل_ھېكايە

ئەسكەرتىش: تېما باشقۇرغۇچى خوك تەرپىدىن نادىرلاندى. (2010-12-14)
ھەسرەتكە كۆز يۇمغان كۆڭۇل



بۇگۇن بىر كۇنلۇك خىزمەت ئالدىراشچىلىقىنى تۇگۇتۇپ ئۆيۇمگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن كىيۇ –كىيۇرىمنى ئېچىپ پاراڭلىشىش ئارقىلىق خىزمەت ھاردۇقىمنى چىقىرىش ئۈچۈن ئىرىنچەكلىك بىلەن كومپىيۇتىرىمنىڭ ئالدىغا كەلدىم ،كىيۇ-كىيۇرىمنى ئېچىپ تۇنجى كۆرگۇنۇم مېنىڭ تولۇقسىز مەكتەپتىن تا ئالىي مەكتەپكىچە بولغان ئوقۇش تارىخىمدىكى ھەمرايىم مېنىڭ ئەڭ يېقىن دوستۇم رۇستەمنىڭ ماڭا قالدۇرغان خېتى بولدى ، مەن بىر نەچچە ئايدىن بىر ئۇنىڭ كىيۇ-كىيۇسىغا قانچە قېتىملاپ خەت قالدۇرغىنىمنى ئۆزۇممۇ بىلمەيمەن ئەمما جاۋاپ كەلمىگەندى ، مانا بۇگۇن ئۇنىڭ خېتىنى كۆرۇپ قەۋەتلا خۇشال بوپ كەتتىم ، ھەم ئۇنىڭ قالدۇرغان خېتىنى تەپسىلى كۆرۇشكە باشلىدىم .
دوستۇم : مۇرات ياخشىمۇسەن
مەن سېنىڭ قالدۇرغان خېتىڭنى بۇگۇن كۆردۇم ، كەچۇرگىن دوستۇم خەتلىرىڭگە ۋاقتىدا جاۋاپ خەت قايتۇرالمىدىم ، مانا بۇگۇن ساڭا خەت يېزىش ئۈچۈن كومپىيۇتىرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپتىمەن ،ئەمما نىمىنى يازاىمەن ،بۇ ماڭا نامەلۇم ئاداش .
بىزنىڭ ئوقۇش ھاياتىمىز ھېلىمۇ ئېسىڭدىمۇ ؟ شۇ ۋاقىتتا بىز ئۆز كەلگۇسىمىز توغىرسىدا شىرىن خىياللارنى سۇرەتتۇق ، شۇ خىيالنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن تىرىشاتتۇق ، بىز ئەنە بىر قەدەم قالدى ئىككى قەدەم قالدى دەتتۇق ، ھەممىسى ئوقۇش ھاياتىدىكى مۇھەببەت ئونتۇلغۇسىز بولىدۇ دەپ قارىسا ئىككىمىز ئوقۇش ھاياتىدىكى تىرىشىپ ئۆگىنىش شۇ ئارقىلىق كەلگۇسىنى پارلاق يارىتىش ئۇنتۇلغۇسىز دەتتۇق دوستۇم مانا بىز شۇ پىكىرىمىز بۇيىچە ئوقۇش ھاياتىمىزدا ئۆگىنىشتىن باشقا ھېچ بىر ئىشنى كۆرمەي ئوقۇش پۇتۇردۇق ، ئوقۇش پۇتكەندە بولسا سەن يۇرتقا قايتىشنى مەن بولسام مۇشۇ ناتۇنۇش شەھەرنى تاللىدىم ، سەن كەتتىڭ ئەمما مەن مۇشۇ ناتۇنۇش شەھەردە قالدىم ،مەن شۇ ۋاقىتتا ئۆزۇمنى ئەڭ بەخىتلىك ھېساپلىغاندىم ،شۇ بەخىتلىك چاغلىرىمدىن سېنى خەۋەردار قىلىپ تۇرۇش ئۈچۈن ساڭا خەت قالدۇرۇپ ، تىلىفۇن قىلىپ تۇراتتىم ، مانا ھازىر چۇشەندىمكى دوستلۇق ھاياتتىكى تەڭداشسىز خۇشاللىق ئىكەن ، ئۇنىڭ شۇنداق بولىشىدىكى سەۋەپ شۇكى ئىشىنىپ سىرىڭنى ئېيتىشىڭ مۇمكىن بولغان ئادىمىڭ بولغانلىقىدا ئىكەن .
سەن ھازىرقى ئەھۋالىمدىن ئازدۇر كۆپتۇر خەۋەردار بولغاندىن كىيىن ماڭا ھازىرقى ئەھۋالىم توغىرسىدا چۇشەنچە بىرىشىمنى نەچچە –نەچچە رەت تەلەپ قىپسەن دوستۇم ، مەن ئەسلى بۇ ئىشلارنى ساڭا دىمەي دىگەندىم ، بۇ ئەھۋاللارنى سەن بىلسەڭ مەندىن سەسكىنىشىڭ ، مەندەك بىر دوستۇڭنىڭ بولغانلىقىدىن نۇمۇس قىلىشىڭ مۇمكىن مەيلى خەير سەن سوراپسەن مەن ساڭا تەپسىلى سۆزلەپ بىرەي دوستۇم .
مەن بۇ شەھەردە قالغاندىن كىيىن كۆڭلۇمدىكىدەك خىزمەتكە ئىرىشتىم ، مەن بۇ خىزمىتىمدىن ناھايتى رازى ئىدىم ، شۇڭا كۇنلىرىم شۇنداق مەنىلىك خۇشال ئۆتكەندەك ھېس قىلاتتىم ،ئەنە شۇنداق خۇشال يۇرگەن كۇنلىرىمدە گۇلنىگار ئىسىملىك بىر قىز ھاياتىمغا بۆسۇپ كىردى ، ئۇنىڭ بىلەن تۇنۇشقان شۇ كۇن ھېلىمۇ ئىسىمدە تۇرۇپتۇ ، شۇ كۇنى خىزمەتدېشىم ھەم بۇ جايدا كۆڭلۇمنى ئەڭ يېقىن تۇتىدىغان دوستۇم ئەركىننىڭ تۇغۇلغان كۇنى ئىدى ، بىز شۇ كۇنى ھەمىمىز يىغىلىپ رىستۇراندا ئولتۇرۇشقان ئەنە شۇ سورۇندا گۇلنىگارمۇ بار ئىدى ، شۇ سورۇندىن كىيىن مەن ئۇ قىز بىلەن پات- تىلىفۇنلىشىدىغان ھەتتا كۇرىشىدىغان بولدۇم ،شۇ ۋاقىتتا ئۆمۇرۇمدە بولۇپ باقمىغان بىرخىل سىزىم بار ئىدى ، مەن بۇنى مۇھەببەت ئوخشايدۇ دەپ ئويلىدىم ، ھەم ئۇ قىزغا تەلەپ قۇيۇپ مۇھەببەتلىك ھاياتقا قەدەم قويدۇم ، نىمىسىنى دەيسەن دوستۇم مۇھەببەتنى ھەممىسى ئولۇغ دەيدىكەن ، مەنمۇ ئەنە شۇ كۇنلەردە ئاندىن ئۇنىڭ ئولۇغلىقىنى ھەقىقى ھېس قىلىپ ياتتىم ، مەن ئۆزۇمنى بۇرۇنقىدىنمۇ بەك بەخىتلىك ھېس قىلارتتىم ، كۇنلىرىم شۇنچىلىك خۇشال مەنىلىك ئۆتەتتى ، ئەنە شۇ خۇشال كۇنلىرىمدە ئىدارىمىز بۇيىچە ئولتۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇلدى بۇ ئولتۇرۇشقا توي قىلغانلار ئايالىنى توي قىلمىغانلار ئۆزىنىڭ مۇھەببىتىنى ئېلىپ بېرىشقا يول قۇيىلاتتى شۇنىڭ ئۈچۈن مەن شۇ كۇنى گۇلنىگارنى بىرگە ئېلىپ باردىم ، سورۇن شۇنچىلىك قىزىغان ئىدى ، بىر چاغدا بىزنىڭ ئىدارە باشلىقىمىز كىلىپ گۇلنىگارنى تانسىغا تاتتى ، مەن گۇلنىگارغا ئىشىنەتتىم ئۇنى چۇقۇم قوپمايدۇ ، ئۇنى رەت قىلىدۇ دەپ ئويلاتتىم ،ئەمما گۇلنىگار خۇشاللىق بىلەن ئورنىدىن تۇرۇدى ، مەن يەنىلا ئۇ چۇقۇم مېنىڭ يۇزۇم ئۈچۈن دەپ ئولىدىم ، كۇندەشلىكىم شۇنچىلىك تۇتۇپ تۇرسىمۇ ئۆزۇمنى زورىغا بېسىپ ئولتۇردۇم ، بۇ تانسا ماڭا شۇنچىلىك ئوزۇن بىلىندى ، ئۇ كۇن ئۆتۇپ بىر نەچچە كۇن ئۆتكەندىن كىيىن ئىدارەمدىكى نۇرغۇن خىزمەتداشلىرىم مېنى كۆرسە مەسخىرە ئارلاش كۆلىدىغان مېنى كۆرۇپلا قۇلاقلىرىنى يېقىشىپ بىر نەرسە دىيىشىدىغان بولۇۋېلىشتى ، بۇنىڭ سەۋەبىنى ئىزدەتتىم ئەمما تاپالماتتىم ، شۇ كۇنلەردە ھېلىقى دوستۇم ئەركىن  مېنى پاراڭلاشقاچ چاي ئىچىشكە تەكلىپ قىلدى ، مەن ماقۇل بولدۇم ، بىز بىر چايخانىغا كىرگەندىن كىيىن ئۇ گۇلنىگارنىڭ بىزنىڭ ئىدارە باشلىقى  بىلەن تېپىشىۋالغانلىقىنى شۇڭا ۋاقتىدا ئۇ قىزدىن ئايرىلىپ كىتىشىمنى ئېتتى ، مەن دەماللىققا ئۇنىڭغا ئىشەنمىدىم ، ئۆز مۇھەببىتىمدىن قىلچە گۇمان قىلماتتىم ، ئەمما ئۇ مېنى سىلكىشلەپ تۇرۇپ «كالاڭنى سىلكىۋەت رۇستەم ، ئۇ ھەرگىزمۇ ياخشى قىز ئەمەس ، ئىشەنمىسەك قىزىل گۇل رىستۇرانىنىڭ ئايرىم خانىسىغا ھارىزلا بارساڭ چۇشىنىسەن » دەپ قۇيۇپ چىقىپ كەتتى ، شۇ ۋاقىتتا ئاسمان پىقىرغاندەك ، پۇتۇن جاھان تىتىرەۋاتقانداق بىلىپ ئورنىمدىنمۇ تۇرالماي قالدىم بىردەم ئۆزۇمنى تۇتىۋالغاندىن كىيىن ئودۇل ئەركىن دىگەن رىستۇرانغا كىلىپ ئۇ دىگەن ئايرىمخانىغا كىرىپ ئۆز كۆزۇمگە ئىشەنمەيلا قالدىم  گۇلنىگار ئىدارە باشلىقىمىز بىلەن چىرمىشىپ ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچىۋاتاتتى ، ئىدارە باشلىقىمىز مېنى كۆرۇپ «ھە ياخشى كەپسەن كەل ئولتۇر ، سەن بىلەن بىر پاراڭلاشقۇم باتتى ، ياخشى ئۆزۇڭ كەپسەن » دەپ مېنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى ، مەن ئاچچىقىمنى تەستە بېسىپ ياقىدىكى ئورۇنغا كىلىپ ئولتۇردۇم ، ئۇ يەنە سۆز باشلىدى «گۇلنىگار بىلەن بولغان مۇناسىۋېتىڭنى بىلىمەن ، سەن ئۇنى بەك ياخشى كۆرىسەن ، ئەمما سەن ئۇنىڭغا مۇھەببەت بەرسەڭمۇ مەن بەرگەن ھوزۇر ھالاۋەت ھەشەمەتلىك تۇرمۇشنى بىرەلمەيسەن شۇڭا بىز مانا مۇشۇ مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قالايلى سەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن يۇرىۋەر مەنمۇ مۇشۇ مۇناسىۋېتىمنى ساقلاپ قالاي شۇنداق قىلساڭ ئىدارىدىمۇ يوزۇڭنى قەۋەتلا قىلىپ قۇيىمەن » ئۇنىڭ بۇنداق لاۋزا تېتىقسىز گەپلىرىنى ئەمدى ئاڭلاشقا تاقىتىم قالمدى شۇنىڭ ئۈچۈن « بولدى بەس... سەن مېنى نىمە كۆرۇپ قالدىڭ » دەپ توۋلاپلا كەينىمگە ئۆرۇلۇپ بۇ جايدىن چىقىپ كەتتىم ، مانا شۇ ۋاقىتتا مەن ئۆزۇمدىن ئەنە شۇنداق بىر قىزنى ياخشى كۆرۇپ قالغانلىقىمدىن شۇنچىلىك نۇمۇس ھېس قىلدىم ، يىغلىدىم ، قاخشىدىم ،ئاخىرقى قەلبىمگە ئۆز ئېلىش ،ئىنتىقامدىن ئىبارەت بىر سۆز ئورنىدى ، ئەتىسىدىن باشلاپ بىزنىڭ ئۇ چاكىنا ئىدارە باشلىقىمىزنى مېنى يەكلەشكە ، مەندىن قۇسۇر تېپىپلا يۇرۇشكە باشلىدى ، بۇنداق ئىشلىگەندىن ئشلىمىگىنىم ياخشى دەپ ئولاپ باشقا خىزمەت ئوقۇشۇپ بۇ ئىدارىدىن يۆتكىلىپ كەتتىم ، ئەنە شۇ كۇندىن باشلاپ مەندىكى ئۆچ ئېلىش ئىستىكى كۇچەيدى ، مەن قىزلارنى ئالدىسام ئۇلارنى يىغىسىنى ، نالە –پەريادىنى ئاڭلىسام ئۆزۇمگە خۇشاللىق تاپقاندەك ھېس قىلاتتىم ، توۋا دەيمەن دوستۇم ، ھازىرقى ئادەملەر پۇل دىگەنگە شۇنچە چۇشۇنۇپ كەتكەنمىدۇ ، پۇل ھەممىگە قادىرمىدۇ ، مەن ئۆزۇم يىغقان پۇللار ئارقىلىق قايسى بىر قىز بالىنى قولغا كەلتۇرىمەن دىسەم تىزلا كىلىپ قالاتتى ، مەن سىناپ باقتىم دوستۇم بىر قىز بالىنىڭ قېشىغا بېرىپ مەن بىر گاداي مەندە پۇل يوق ئەمما سىزگە بىرىدىغان چىن كۆڭلۇم بار ، پۇل دىگەننى كىيىن تاپىمىز دىسەم كۆتە ئۇنداق گىپىڭنى دەپ مەندىن قاچتى ئەمما مەن دىگەندە پۇل كۆپ قانچىلىك دىسىڭىز شۇنچىلىك بار دىسەم مەندىن ئايرىلماي يۇرۇشتى ، بۇ نىمە دىگەن ئىپلاسلىق ھە دوستۇم ، مەن ئەنە شۇنداق قىلىپ قانچىلىك قىز بالىنىڭ يىغا زارىنى ئاڭلىغانلىقىمنى بىلمەيمەن ،شۇ خىل يول بۇيىچە ماڭسام ئۆزۇمگە خۇشاللىق تاپىدىغاندەك ھېس قىلاتتىم ، ئەمما مەن ئويلىغاننىڭ دەل ئەكسىچە مەن شۇنداق قىلغانسىرى ھەسرىتىم كۇچەيدى دوستۇم ، تېخىمۇ سولغۇنلاشتىم ، تېخىمۇ ئازاپلاندىم ، ئەمدى مەن قانداق قىلاي ؟ زادى قانداق قىلاي ؟
دوستۇمنىڭ بۇ ختىنى كۆرۇپ ئاجايىپلا بوپ قالدىم ، بۇنىڭغا نىمە دەي ئۇنى ئەيىپلەيمۇ ،ئۇنى تىللايمۇ ؟ ياق ..مەن ئۇنداق قىلالمايمەن ، مۇھەببەت ئادەمنى نىمە كويلارغا سالمايدۇ ،دوستۇمغا تەقدىر ئاجايىپ چاقچاق قىپتۇ ، ئۇنى خارلىنىشقا ، باشقىلارنىڭ ئالدىدا خۇرلىنىشقا ، غورورىنىڭ دەپسەندە بولىشىغا باشلاپ بېرىپتۇ ، مۇھەببەت ئەنە شۇنداق نەرسىمۇ ؟ ئۇ زادى قانداق نەرسە ؟ مەن ئۇنىغا جاۋاپ خەت يېزىشقا باشلىدىم
دوستۇم رۇستەم قانداق ئەھۋالىڭ ؟ ياخشى تۇرۋاتامسەن ؟ خېتىڭنى كۆرۇپ ساڭا شۇنچىلىك ئېچىندىم ، ساڭا شۇنداق ھېستاشلىقىم قوزغالدى ،دوستۇم ،ئەمما سېنىڭ كىيىنكى تاللىغان يولۇڭ سەنچە توغىرىمۇ ؟ سەن بۇرۇن ماڭا قىزلار دىگەن ئاللا بىز ئۈچۈن يارىتىپ بەرگەن بىر مۆجىزە ، بىز شۇ مۆجىزىنى ئاسرىشىمىز قوغدىشىمىز كىرەك دىگەن ئىدىڭ  ، بۇ گىپىڭنى مەن تا بۇگۇنگىچە ئۇنتۇپ قالمىدىم دوستۇم ، ئەمما سەن ئاللانىڭ بىز ئوغۇللار ئۈچۈن يارىتىپ بەرگەن شۇ مۆجىزىنى خارلىغىنىڭ نىمىسى ؟ شۇ گۇلنىگار دىگەن بىر ئەرزىمەس قىز سېنى شۇنچە ئۆزگەرتىۋەتتىمۇ ؟ كاللاڭنى سىلكىۋەت دوستۇم ياخشى ئويلا ، بىلىمەن ، سەن ئۇ قىزنى ئاناڭنى كۆرگەن ھۆرمەتتە كۆرۇپ ھۆرمەتلىگەن بارلىقىڭنى بىرىپ سۆيگەن ئەمما دوستۇم ، ئۇ قىز ئۈچۈن باشقا قىزلار بەدەل تۇلىمەسلىكى كىرەك ، « ھەركىم قىلسا ئۆزىگە تىكەن كىرەر كۆزىگە » دوستۇم ، سەن گۇھەردەك بىر يىگىت تۇرۇپ شۇ ئەرزىمەس قىز ئۈچۈن بۇنداق ناچار قاراشقا كىلىپ قالغىنىڭ مېنى قاتتىق ئۆمۇدسىزلەندۇردى ، ئەتراپىڭغا قارىمامسەن سەنچە ھەممە قىز شۇنداقمىدۇ ، ياق دوستۇم ياق .. ئاللانىڭ ئۇ مۆجىزىسىنىڭ ھەممىسى ئۇنداق ئەمەس ، گۇلنىگار دىگەن ئۇ قىزنى ئۇنتۇپ كەت ، بىلىمەن ئۇنتۇش قىيىن ئىش ئەمما ئۇ قىلغىلى بولمايدىغان ئىش ئەمەس ،ئىرادىلىك بول دوستۇم ، سەن ئۆچ ئېلىش دىگەن بۇ سۆزنى قەلبىڭدىن چىقىرىپ تاشلا ئۇ سېنى ھەرگىز ياخشى قىلمايدۇ ، گۇلنىگار دىگەن ئۇ قىز سەن ئۆچ ئالىمەن دىمىسەڭمۇ ھالا بۇگۇنكى كۇنلەردە ئۇ چۇقۇم تىگىشلىك جاجىسىنى يەپ يىغلاپ ياتىدۇ دوستۇم ، سېنىڭ ھېلىقى باشلىقىڭدەڭ ناپاك ، بۇزۇق ئۆزىنىڭ ئەرلىك غورۇرىنى يۇقاتقان ئۇنداق كىشىلەر گۇلنىگاردەك قىزلارنى كۆڭۇل خۇشى ،ئويۇنچىقى قىلىدۇ ، خۇش ياقمىغاندا خۇددى ئەخلەتنى تاشلىغاندەك تاشلايدۇ دوستۇم سەن ئۇنىڭغا كۇچىمىساڭمۇ بولىدۇ ، شۇڭا دوستۇم ، سەن كالاڭنى سىڭلكىۋەت ھەقىقى ياشاش يولۇڭغا قايىت ..خەيىر ئامان بول ....
مەن ئۇنىڭغا مانا بۇ خەتلەرنى قالدۇرۇپ قويۇپ كومپىيۇتىرىمنى ئۆچۇرۇپ كارۋېتىمغا چىقىپ ياتتىم ،ئەمما ھېچ ئويقۇم كىلىدىغاندەك قىلماتتى ، پۇل ، مۇھەببەت ۋە غورۇر مانا بۇ ئۈچ ئوقۇم كالامدا پىيقىراتتى ، پۇل ھەقىقىتەن بەكلا مۇھىم نەرسە ھازىرقى جەمىيەتتە ئەنە شۇ نەرسە بولمىسا بولمايدۇ ، بىز ھەرقانچە سۆزلىسەكمۇ بۇنى ئۆزگەرتەلمەيمىز ،ئەمما مۇھەببەت ، غورۇر ۋىجداننى يۇقاتماي تۇرۇپ ئەنە شۇ نەرسىنى تاپالماسمىزمۇ ؟ بىر ئادەمنىڭ بىر ئۆمۇر خەجلىىشى ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتە ، يۇز مىڭ ئىككى يۇز مىڭ ياكى بىر مىلىيۇن ....بىز شۇ پۇللارنى غورۇرىمىزنى ، ۋىجدانىمىزنى يۇقاتماي تۇرۇپ تاپالماسمىزمۇ توۋا ....
شۇ كۇندىن كىيىن دوستۇمدىن يەنە بىر نەچچە ئايغىچە جاۋاپ خەت كەلمىدى ، مەن ئۇنىڭدىن ئانسىرەتتىم ،ئۇنىڭغا تىلىفۇن قىلغان بولساممۇ «سىز ئورغان ئابۇنىت مەۋجۇت ئەمەس »دىگەن بۇ سۆزگە ئىرىشتىم ، بىر نەچچە ئايدىن كىيىن ئۇنىڭ جاۋاپ خېتىنى يەنە بىر قېتىم كۆردۇم .
دوستۇم مۇرات قانداق ئەھۋالىڭ ؟ ياخشى تۇرىۋاتامسەن ؟ يۇرتىمىزنىڭ توپىلىق بۇرانلىق بولسىمۇ مەن ئۈچۈن تۇتىيا بولغان تۇپرىقىدا تېنىڭ سالامەت ، ئىشلىرىڭ ئوڭۇشلىق كىتىپ بارامدۇ ؟
مەن ساڭا يەنە نىمە دەي ؟نىمە يازاي ؟ بۇ گەپلەرنى ئېغىزىمدىن قانداق چىقىراي دوستۇم
ئاللا مېنىڭ مۇھەببەت يولۇمنى بەكمۇ قاراڭغۇ ياراتقان ئوخشايدۇ ، سېنىڭ خېتىڭنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن باشتا كالامدىن ياخشى ئۆتمىدى ،ئەمما بىر ۋەقەدىن كىيىن ئاندىن ئۆزۇمنى ئوڭشىۋالدىم دوستۇم ، بىر كۇنى يېڭىدىن تۇنۇشقان بىر ئولجامنى ئەگەشتۇرۇپ كىتىپ باراتتىم ،ئالدىمدا ئىتايىن تۇنۇش ،ئەمما سايرايغان تاتارغان چىراي پەيدا بولدى ، مەن ئۇنىڭ گۇلنىگار ئىكەنلىكىنى تەسلىكتە تۇنىدىم ، ئۇ مېنى كۆرۇپ پاڭڭىدە ئېتىلىپ يىغلاپ كەتتى ،ئەسلى كارىم بولماي كەتسەم توغىرا بۇلاتتى ،ئەمما ئۇنداق قىلالمىدىم ،ئۇنى باشلاپ بىر چايغانىغا ئېلىپ كىردىم ئۇ يىغلاپ ئولتۇرۇپ ئۆز كەچۇرمىشىنى سۆزلەپ بەردى ئۇ ھېلىقى باشلىق بىلەن ئارلىشىپ يۇرگەن كۇنلىرىدە ئۇنىڭ ئايالى بىلىپ قېلىپ ئۇنىڭ تازا ئەدىۋېىنى بىرىپتۇ ،شۇندىن كىيىن ئۇنىڭ ھېلىقى باشلىق بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۆزۇلۇپتۇ ، شۇندىن كىيىن ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلىرى بىر يىگىتىنى تۇنۇشتۇرۇپ شۇنىڭ بىلەن تويىنى قىلىپ قۇيۇپتۇ ،ئەمما ئۇ يىگىت ۋىجدانلىق غورۇرلۇق بولغاچقا ئۇنىڭ ئۇستىگە ئائىلىسىدىكىلەر دىندار كىشىلەر بولغاچقا ئۇ قىزنى پاك ئەمەسكەن دەپ قايتۇرۇپ بىرىپتۇ ،ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنى يۇزىمىزنى چۇشۇردۇڭ دەپ ئورۇپ تىللاپتۇ ، مانا ھازىرقى ھالى شۇنچىلىك ئىكەن ، ئۇ تەپ تاتماي سىزدىن ئايرىلغانغا پۇشايمان قىلدىم دەپ يۇرۇيدۇ ، مەن ئۇنىڭ بۇ ھالىغا قاراپ يا كۇلىشنى يا يىغلاشنى بىلمىدىم دوستۇم ،ئەمما سېنىڭ دىگىنىڭ ھەقىقىتەن توغىرا ئىكەن بۇنداق كىشىلەر ھامان ئۆز جاجىسىنى يەيدىكەن ، مېنىڭ قۇلۇمدىن نىمە ئىش كەلسۇن دەيسەن بۇ قېتىم ئۇنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ بەردىم خالاس ، باشقا ھېچقانداق بىر ئىش قىلىپ بىرەلمىدىم ، ئەنە شۇ كۇندىن باشلاپ مەندىكى ئۆچ ئېلىشتىن ئىبارەت بۇ ئىدىيە ئاستا –ئاستا سۇسلاشتى ، مەن بىلەن بىر ئىشخانىدا ئىشلەيدىغان گۇلىستان ئىسىملىك بىر قىز بار ئىدى ، ئۇنىڭ بىلەن بىز ئادەتتە كۆپ پاراڭلاششماتتۇق ، مەن نەچچە رەت شۇ قىزنىمۇ ئۆزۇمنىڭ ئولجا نىشانىم قىلىشنى ئولىغان ئەمما تەقدىر شۇنداقمۇ مەن ئۇنداق قىلمىغان ئەمما مېنى ھەر قېتىم قىزلار ئىزدەپ كىلىپ ناز كەرەشمىلىرى بىلەن گەپ قىلغان ۋاقىتتا ئۇنىڭ چىرايلىرى تاتىرىپ قىلىدىغان قىلىق تاپالماي قالىدىغانلىقىنى سىزەتتىم ، ئۇ مۇشۇ شەھەرلىك بولۇپ ئاتا –ئانىسى خېلى يۇز ئابرۇيلۇق كىشىلەر ئىدى ، مەن بۇ قېتىم شۇ قىزغا چىن كۆڭلۇمنى بىرىپ شۇنى ئۆزۇمگە مەڭگۇلۇك ھەمرايىم قىلىشنى تاللىدىم ، ھەم ئۇنىڭغا بۇ پىكىرىمنى ئېتتىم ،ئۇمۇ خۇشاللىق بىلەن قۇبۇل قىلدىم ،ئەمما مەن ئۇنىڭغا ئۇنچىلىك قىزغىن ئەمەس ئىدىم ، مەن كۇندە ئۇنىڭغا بىر نەچچە قېتىم قاراپ كۇلۇپ قۇياتتىم ئەمما ئۇ بولسا ماڭا سائەتلەپ قاراپ ئولتۇرۇپ كىتەتتى ، شۇ تۇپەيلى بۆلۇم مەسئۇلىمىز ئۇنىڭغا بىر نەچچە قېتىم گەپ قىلدى ، بىراق ئاداش ئىنسانلار دۇنياسى ئاجايىپ بۇلىدىكەن ئۇنىڭ بىلەن يۇرگەندىن كىيىن ئىككىمىز كەينىدىن ئاجايىپ گەپ-سۆزلەر چىقىشقا باشلىدى ، ئاڭلىشىمچە مېنىڭ گۇلىستان بىلەن يۇرۇشۇمدىكى مەقسەت ئۇنى ھەقىقى ياخشى كۆرگەنلىكىمدىن ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ دۆلەتمەن ، ئابرۇيلۇق بولغانلىقىدىنمىش ھەم مەن شۇنىڭدىن پايدىلىنىپ يۇقرى ئۆرلەشنى مەقسەت قىلىپتىمىشمەن ، بۇ نىمە دىگەن چوڭ تۆھمەت ، نىمە دىگەن ھاقارەت ئاداش ، مەن بۇ گەپ سۆزلەرنى كۇتىرەلمەتتىم ، ئەمما گۇلىستاننىڭ مەدەت بىرىشى بىلەن بۇ گەپ سۆزلەرنىمۇ ئىچىمگە سىغدۇرۇدۇم چىداپ يۇردۇم ، ئۇ ئاتا-ئانىسىغا مەن بىلەن توي قىلىش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى دىدى ،ھەتتا مەن ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن كۆرۇشتۇم ، ئۇلار مېنىڭ ئەھۋالىمنى بىلگەندىن كىيىن بۇ تويغا قۇشۇلمىدى ،ئۇلارنىڭ قارىشىچە مەن گۇلىستاننى بەخىتلىك قىلالمايدىكەنمەن ، ھۆكىمەتنىڭ بەرگەن ئۇ ئىككى –تۆت تال پۇلىسى ھېچنىمىگە دال بولمايمىش ، ئۇلار گۇلىستاننى باي ،دۆلەتمەن ئائىلىنىڭ بالىسىغا بىرىدىكەن ، ھەي يەنە شۇ پۇل يەنە شۇ پۇل.... پۇل نىمانچە قۇدىرەتلىك نەرسە ھە پۇل ئۇستىگە قۇرۇلغان شۇ ئائىلە قانچىلىك بەخىتلىك بوپ كىتەر ، گۇلىستان ئاتا-ئانىسىنىڭ پىكىرگە قەتتى قارشى تۇرغاچقا ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى قۇشۇلدى ،ئەمما شەرتى مەن تويلۇق ئۈچۈن ئۇلارغا 200مىڭ يۇەن بىرىدىكەنمەن ، 200مىڭ يۇۋەن .... سەن ئويلاپ باقە ئاداش مەن يىمەي –ئىچمەي ھازىرقى خىزمىتىم بۇيىچە يىغسام بۇ پۇلنى يەنە 10يىلدا ئاندىن يىغىپ بۇلالايدىكەنمەن ، بۇ ئىش بېشىمنى قاتتىق قاتتۇردى ، شۇ باش قېتىقچىلىقىدا تۇرسام ئىدارىمىزدىن ھەمىمىزنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۇرتۇش ھەم قان تەقدىم قىلىش پائالىيىتىگە ئويۇشتۇرغانلىق تۇغىرىسىدا خەۋەر كەلدى ، بىز ھەمىمىز بەدىنىمىزنى تەكشۇرتتۇق قان تەقدىم قىلدۇق ،بەدەن تەكشۇرۇش نەتىجىمىز ئوزۇنغا قالماي چىقتى ، مەن ناھايتى ساغلامكەنمەن ،ئەمما گۇلىستاندىن چاتاق چىقتى ، ئۇنىڭ سالامەتلىك تەكشۇرۇش نەتىجىسىدە ئۇنى ئەيدىز دىيىلگەن ئىدى ..... ئەيدىز ..............
دوستۇمنىڭ بۇ تەقدىرىگە نىمە دەي ؟ توۋا ھازىرقى كىشىلەر نىمە بوپ كىتىپ بارىدىغاندۇ ، ياخشىلىققا كۇن يوقمۇ ، ئاللا ياخشىلارنى شۇنداق يىغلاشقا ياراتقانمۇ ؟ توۋا قىلماي ئامال يوق جۇمۇ ، ئۇ قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى قىزىنى ساتامدۇ ياكى ئۇنىڭغا ئائىلە قۇرۇپ بىرەمدۇ ھازىرقى ئىنسانلاردىكى مىھرىبانلىق قېنى ، ھايا نۇمۇس قېنى ، ئۇ قىزنى باشتا ياخشى قىزكەن ، دوستۇم شۇ قىزدىن بەختىنى تاپقۇدەك دەپ ئويلاپتىمەن ئەپسۇس ، دوستۇمغا ئېچىنىمەن ، مەن شۇ خىياللار بىلەن ئۇنىڭغا جاۋاپ خەت يازدىم
دوستۇم كۆڭلىڭنى يېرىم قىلما ، ئاللا ھەر بەندىسىنى ھەرخىل قىسمەتلەر بىلەن ياراتقان ،ئاللا ئىگەم ھەممە بەندىسىنى ئۆز جۇپتى بىلەن يارىتىدۇ ، ساڭىمۇ ئاللا چۇقۇم ياخشى قىزدىن بىرنى تەييارلاپ قۇيدى دوستۇم پەقەت ۋاقىت ھەممىنى بەلگۇلەيدۇ ، ئۇ قىزنىڭ بۇنداق چىقىشىغا ئىشەنگۇم كەلمەيۋاتىدۇ ، بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلىپ باقمىدىڭمۇ دوستۇم ، بۇ نىجىس كىسەل ئەيدىز دىگەننىڭ يۇقۇش يوللىرى كۆپ ئەمەسقۇ سەۋەبىنى بىردەمدىلا بىلەلەيسەنغۇ ، يەنە بىر گەپ دەي دوستۇم ھەر قانداق بىر ئىشقا يولۇقساڭ سۇغۇق قان بول ، ھەرگىزمۇ قاراملىق قىلما دوستۇم ، ھەر بىر قەدىمىڭنى ئويلىنىپ تۇرۇپ باس ، سېنىڭ ھامان بىر كۇنى بەختىڭ كىلىدۇ دوستۇم ، قاراڭغۇلىقنىڭ ھامان يۇرۇقلىقىمۇ بولىدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشەن ...خەيىر دوستۇم ....
دوستۇمنىڭ بۇ بىر –بىرسىگە ئولۇشۇپ كىلىۋاتقان كۆڭۇلسىزلىكىگە ئاجايىپ ئېچىناتتىم ، مانا مېنىمۇ قاتتىق يىغا تۇتۇپ تۇراتتى ، قانداق قىلىمىز ، بىز ئىنسان تەقدىرنىڭ بۇ ئۆزۇلمەس چاقچىقى قاچان ئاخىرلىشاركىن تاڭ .. قالغىنىنى دوستۇمنىڭ ماڭا قايتۇرغان جاۋابىدىن كۆرىمىزغۇ ؟.. يەنە ئالتە ئايدىن كىيىن دوستۇمدىن جاۋاپ خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم
دوستۇم ياخشى تۇرىۋاتامسەن ؟ ئالدىنقى خېتىمدە تىلغا ئالغاندەك گۇلىستانى ئەيدىز ئىكەن دىگەن خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ئۆزۇمنىڭ شور پىشانىسىدىن قاتتىق ئۆكۇندۇم ، يىغلىدىم –قاقشىدىم ئولۇغ ئاللانىڭ نىمە ئۈچۈن ماڭا بۇنداق رەھىمسىزلىك قىلىدىغاندۇ دەپ رەبىمىزدىن ئاغىرىندىم ئەمما بۇ ئىشلار ئەسلىگە كەلمىدى ، شۇ كۇندىن باشلاپ گۇلىستان خىزمەتكە كەلمىدى ، مېنىڭمۇ ئۇنى كۆرگۇم يوق ئىدى ، مېنىڭ نەزىرىمدە ئۇ ھازىر بىر ئىستىلى ناچار قىز ھېساپلىنىدىغان بولۇپ قالدى ، شۇ كۇنلەردە كۇندىلا قارىسا مەسلا يۇرىدىغان بولۇپ قالدىم ، ئۆزۇممۇ بىلمەتتىم ھاراق ئىچىۋالسام ھەممىنى ئۇنۇتقاندەك ھېس قىلاتتىم ، مۇنداقچە قىلىپ ئېتقاندا ئۆزۇمنى تاشلىۋەتتىم ، كىمدىن ئاغىرناي دوستۇم ، كىمگە دەردىمنى سۆزلەي بۇنى بىلمەتتىم ، بۇندىن كىيىنكى يولۇمنى قانداق بېسىشنى قايسى يول بىلەن مېڭىشنىمۇ بىلمەتتىم ، ئۆزۇمگە بولغان ئىشەنچەم يۇقالدى ، ئەنە شۇ كۇنلەردە دوستۇم ماڭا بىر خۇشاللىق يىتىپ كەلدى ، ئەسلى گۇلىستان ئەيدىز ئەمەسكەن دوستۇم ،ئۇ ساپساقكەن ، بۇنى ئاڭلاپ ھەيران قېلىۋاتقانسەن دوستۇم ،ئەمما ئۇ ھەقىقىتەن ساقكەن ، ئالدىرماي تۇر بۇنىڭ تەپسىلاتىنى مەن ساڭا ھازىرلا دەپ بىرىمەن ، شۇ قان تەكشۇرۇشتىن بۇرۇن گۇلىستان بىر دوختۇرنىڭ كەينىگە كىرۋەلغانلىقىنى ئۇنىڭدىن قۇتىلالمەيۋاتقانلىقىنى ماڭا دىگەن ئىدى ، مەن شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ گەپلىرىگە ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمەپتىمەن ، بىز بەدەن تەكشۇرتىدىغان ۋاقتىمىزدا ئۇ ئىپلاس گۇلىستاندىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن قەستەن ئەنە شۇ دىئاگىنۇزنى چىقىرىپ بىرىپتۇ ،بۇنىڭ مەقسىتى شۇ ئارقىلىق گۇلسىتان بىلەن ئىككىمىزنى ئايرىپ كىيىن پۇرسەت كەلگەندە گۇلىستاننى قولغا كەلتۇرۇش ئىكەن ئاللاغا شۇكىرى گۇلىستاننىڭ دوختۇر ئىككى تۇققان ئاكىسى ئۇنى قايتا تەكشۇرتۇپ بېقىش تەكلىپنى بىرىپ قايتا تەكشۇرگەندە ئۇنىڭ ساقلىقى ئىسپاتلىنىپتۇ، ھېلىقى نائەھلى ھازىر ئۆز جاجىسىنى يىدى ئاداش ،شۇ ئىشتىن كىيىن گۇلىستاننىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ يۇرىكى سەل ئىزىلدى بولغاي بىزنىڭ توي ئىشىمىزغا قۇشۇلدى ئۇزۇن ئۆتمەي بىز توي قىلىمىز ، ئەمما ئادازش بۇ چوڭ شەھەر مېنى قارشى ئالمىدى ، ئەمەلىيەتتىمۇ مەن بۇ شەھەرگە تەۋە ئەمەس ئىدىم ، ھېلى ھەممۇ تەۋە ئەمەسمەن ، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن تەۋە بولغان يۇرتىمىزغا قايتىشىنى قارار قىلدىم ، بۇ شەھەر كىشىلىرىنىڭ قارىغا توشقان قەلبىنى چۇشۇنۇپ بولىغىلى بولمايدىكەن ، مەن ئەمدى كىتىمەن ،ئۆز يۇرتۇمغا سېنىڭ يېنىغا كىتىمەن ئاداش ، خەيىر ئامان بول ، بۇ جايدىكى ئىشلىرىمنى تۇگۇتۇپلا كۆز ئالدىڭدا پەيدا بۇلىمەن .
دوستۇمنىڭ بۇ خېتى مېنى قەۋەتلا خۇش قىلدى ، ئۇنىڭ قايتىپ كەلگەندىن كىيىن يۇرتىمىزدا چۇقۇم بەخىتلىك بۇلالايدىغانلىقى ، تېنىچ –خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۇرەلەيدىغانلىقى ئېنىق ئىدى .


مەنبە ؛ ئۆز قەلىمىم


[ بۇ يازما OBRAZ تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]
تېما تەستىقلىغۇچى : shakira
تەستىقلانغان ۋاقىت :
2010-12-12, 07:47
-سىز كۆرۋاتقان تىما ھەسرەتكە كۆز يۇمغان كۆڭۈل_ھېكايە,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
بۇ يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • مۇنبەر پۇلى:+100(anamihri) يوقاپ كىتىپ ..
  • arman1222
    دەرىجە: يىـڭى ئــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 4098
      جىنسى: خانىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 43
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە43دانە
    ياخشى باھا: 27 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 2301 سوم
    تۆھپىسى: 47 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 765(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-07-16
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-12-28
    1 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-12-12 05:07 PM

    ياخشى يېزىپسىز، لىكىن ئازراق ئىملا خاتالىقى باركەن، "بىلمەتتىم"
    ئادەملەر ئارزۇ بىلەن تۇغۇلۇپ، ئۈمىد بىلەن ياشاپ، ئارمان بىلەن كىتىدىكەن......
    musilina
    ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلۈمگە ئىنساپ تىلەيمەن
    دەرىجە: ئالىي ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 120
      جىنسى: خانىم
    نادىر تېما: 3
    ئومومىي يازما: 2168
    ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2168دانە
    ياخشى باھا: 464 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 22876 سوم
    تۆھپىسى: 345 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 774(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-20
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-12-27
    2 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-12-12 09:13 PM

    بىر يىگىتنىڭ تۇرمۇش يولىدىكى ئوڭۇشسىز مۇھاببەت كەچۈرمىشلىرىنى ياخشى ئىپادىلەپ بېرىپسىز........
    ئېسلى ئەسەرلىڭىزنى دائىم كۆرۈپ تۇرسام دېگەن ئۈمىدتىمەن...
    مەيلى ئادەم بار چاغدا بولسۇن ياكى يالغۇز قالغان  ۋاقىتتا بولسۇن،ئازىراقمۇ يامان ئىش قىلما،ئۆز ئىززىتىنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىم.
    DILNAZI
    قەدىرلە.قەدرىڭنى قىلغانلارنى
    دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 2976
      جىنسى: خانىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 566
    ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە566دانە
    ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 3718 سوم
    تۆھپىسى: 77 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 1434(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-06-24
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-12-28
    3 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-12-12 09:44 PM

    ناھايىتى ياخشى ئاياقلىشىپتۇ بۇ ھىكارە،بېشىنى ئوقۇپ سەل مەيۇسلەنگەنىدىم.ئاخىرىنى ناھايىتى ئاياغلاشتۇرۇپسىز.
    سودا تورى ،ئەڭ ياخشى مال سېتىۋىلىش سۇپىڭىز
    قەدىرلە.قەدرىڭنى قىلغانلارنى.
    alone
    ئادەم كۈلسىلا خۇشال بولغان بولامدۇ؟؟؟؟!!!
    دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 17352
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 157
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە157دانە
    ياخشى باھا: 26 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 1274 سوم
    تۆھپىسى: 52 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 828(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-11-13
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-12-27
    4 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-12-12 10:26 PM

    ياخشى يىزىپسىز يانا شۇنداق ياخشى ئەسەرلەر بولسا ئايىىماي.........
    چىھرىمدە پارلىغان كۈلكىلەر يالغان،
    قەلبىمدە تەنھا بىر قەبرە ياسالغان .
    جاھاننىڭ <<ئۇز>>لىرى تىكىلمە ماڭا،
    ئەقىدە كۆيۈكتىن كۈل بولۇپ بولغان.
    ruhcar
    ھەممنى ئۇنتۇلدۇردىغىنى ۋاقىت ئەمەس،چىن مۇھەببەت
    دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 12066
      جىنسى: خانىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 580
    ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە580دانە
    ياخشى باھا: 58 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 4270 سوم
    تۆھپىسى: 50 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 785(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-09-29
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-12-28
    5 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-12-13 11:44 AM

    جەمىئىيەتتىكى ئىشلارنى ناھايتى ياخشى سۈرەتلەپسىز.     
    ئەگەردە دۇنيادا ھەققىي پاك،ھەققىي ساپ ۋە مۇكەممەل مۇھەببەت بار دىيىلسە ئۇ دەل ئانىنىڭ بالىغا بولغان مۇھەببىتىدۇر !!!!
    radina
    رادىنا
    دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 16228
      جىنسى: خانىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 74
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە74دانە
    ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 1304 سوم
    تۆھپىسى: 40 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 8(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-11-04
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-12-18
    6 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-12-13 12:46 PM

    بەك  ياخشى  ھىكايىكەن  ،  بەك  تەسىرلەندىم  ،  مۇشۇ  ئىقتىزات نۇرغۇن  ياشلىرمىزنى  بەختسىز  قىلىپ  قويماقتا     ھەي  
    سەن قىلالىغاننى مەنمۇ قىلالايمەن
    hyal
    دەرىجە: يىـڭى ئــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 19566
      جىنسى: خانىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 22
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە22دانە
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 88 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 512(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-11-29
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-12-28
    7 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-12-13 02:08 PM

    تەقدر قسمەت دىگەن ئاجايىپ دىسە،بەزلەرنى كۇلدۇردۇ ،بەزلەرنى يىغىلتىدۇ.
    yaprak520
    سىنى ئەمدى قەدىرلەيمەن جىنىم !@
    دەرىجە: يېتىلىۋاتقان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 8222
      جىنسى: يوشۇرۇن
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 240
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە240دانە
    ياخشى باھا: 51 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 3098 سوم
    تۆھپىسى: 60 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 2421(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-28
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-12-28
    8 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-12-13 03:26 PM

    كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ ، كۆرمىگەننى كۆرسەن ئۆلمىگىنىڭ !
    ياخشى چىقىپتۇ ، قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن !!!!!
    ئۇلۇغ اللاھ بارلىق بەندىللىرىنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ . ئىمان ئاتا قىلغايسەن، ئامىن!
    ayyultuz
    ئوزگىنى سۇيۇش ئۇچۇن ئۇزەڭنى سويگىن!!!!
    دەرىجە: يېتىلىۋاتقان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 1193
      جىنسى: خانىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 314
    ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە314دانە
    ياخشى باھا: 32 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 3922 سوم
    تۆھپىسى: 50 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 716(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-28
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-12-28
    9 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-12-13 04:47 PM

    ياخشى يېزىپسىز، يەنىمۇ ياخشى ھېكايىلەرنى يوللاپ تۇرارسىز.
    ئوزگىنى سۇيۇش ئۇچۇن ئۇزەڭنى سويگىن!!!!
    payzigul
    سۆيگۈسىز كۆڭۈلدە مەقسەت بولمايدۇ...
    دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 5323
      جىنسى: خانىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 90
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە90دانە
    ياخشى باھا: 27 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 2508 سوم
    تۆھپىسى: 54 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 996(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-01
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-12-28
    10 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-12-13 06:23 PM

    كىشىلىك تۇرمۇشتىكى بەزى ئىشلارنى ئەينەن ئىپادىلەپ بىرىپسىز.

    ئاخىرى ناھايىتى ياخشى ئاخىرلىشىپتۇ.

    مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرلەرنى داۋاملىق يېزىپ تۇرۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
    دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسە: نۇقسانسىز ۋە خۇلۇقسىز ئايالنىڭ بولۇشى؛
    ئاياللاردىكى ئەڭ قىممەتلىك ئىككى خىسلەت: ياخشى - ياماننى پەرق ئىتىش ئۇسۇلى ۋە خىجىل بولۇشتۇر.
    bikara520
    ھەر ئادەم ئۉز ئەقىدىسى بويىچە ياشىسۇن.يوللىرىمن ..
    دەرىجە: يىـڭى ئــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 19496
      جىنسى: يوشۇرۇن
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 6
    ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە6دانە
    ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 41 سوم
    تۆھپىسى: 6 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 46(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-11-28
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-12-20
    11 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-12-13 11:22 PM

    حۇدايىم قىزلىرىمىزنىڭ كوڭنىعا كوپلەپ ئىنساپ.ئۇعۇللىرىمىزنىڭ كوڭنىعا ساپ ۋىجدان عۇرۇر ئاتا قىلسۇن. .ياحشى ئاقكوڭۅل كىشىلەر ھەرگىزمۇ داعدا ھەسرەتتە قالمايدۇ........
    جاندىن كەچمىگىچە جانانعا يەتكىلى بولماس.