Jv|uI1V B} %B4&Ij شىنخۇا تورى : ھىندىستان بىلەن جۇڭگونىڭ نۇرغۇن ئىستراتېگىيەلىك مەسىلىلەردىكى جىددىلىك ۋەزىيىتى بارغانسېرى كەسكىنلەشمەكتە ، لېكىن يېڭى دېھلى بۇ كۈچلۈك قوشنا دۆلەت بىلەن بولغان ئۇچرىشىشنى كېڭەيتىشتە يەنىلا چىڭ تۇرۇۋاتىدۇ .
#sn2Vmi ھىندىستان ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە تەرەققىيات مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى كاچىل شىبار : ھىندىستاندىكى نۇرغۇن مەكتەپلەر ناھايىتى تېزلا خەنزۇ تىلى دەرس تەسىس قىلىدۇ دېدى . تاشيول قاتناش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى كامال ناتېس بېيجىڭنىڭ ھىندىستان تاشيول تۈرىگە مەبلەغ سالسا بولىدىغانلىقىنى ، بۇ مەزكۇر دۆلەتنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى سەزگۈر ئىشتاتلار ۋە شىمالىي قىسمىدىكى جاممۇ ۋە كەشمىر ئىشىتاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۇردى.
'8Q:}{ شىبار يېقىندا : جۇڭگو قۇدرەتلىك قوشنا دۆلەت بولۇپ ، پۈتۈن يەر شارىدىكى بايلىقنىڭ ئەڭ زور ئىستېمال دۆلىتىگە ئايلانماقتا . جۇڭگو ھىندىستانغا تونۇشتۇرغان ئەڭ ياخشى ئۇسۇل باشلانغۇچ مائارىپىقا خەنزۇ تىلىنى كىرگۈزۈشتىن ئىبارەت ، مۇشۇنداق قىلغاندا بىزنىڭ بالىلىرىمىزدا جۇڭگوغا قارىتا قىزىقىش ھەمدە تونۇش پەيدا بولىدۇ دېدى .
_k0X)N+li ئىككى مىنىستىرنىڭ بىلدۈرگەن پوزىتىسىيەسى ھىندىستاننىڭ جۇڭگوغا قارىتا ئىككى قوللۇق تاكتىكا قوللىنىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى . بىر تەرەپتىن ، بۇ غايەت چوڭ قوشنا دۆلەت بىلەن ئىقتىساد–سودا ، مەدەنىيەت جەھەتتە ئۇچرىشىشنى تەكىتلىسە ، يەنە بىر تەرەپتىن ، ھىندىستان ئۇزۇن ، بېكىتىلمىگەن چېگرا لىنىيەسىنى بويلاپ پائال ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ . گەرچە ئىككى دۆلەتنىڭ چىگرا سۆھبىتىدە ئىلگىرىلەش بولمايۋاتقان بولسىمۇ ، لېكىن ئىككى تەرەپنىڭ يىللىق سودا سوممىسى ھازىرغا قەدەر 60 مىلىيارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ ، جۇڭگو ھىندىستاننىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھى بولۇپ قالدى . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ھىندىستان جۇڭگو بىلەن تالاش–تارتىشى بار رايونلاردا دۆلەت مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىۋاتىدۇ .
iBq|] يېقىندا ، جۇڭگو ھىندىستاننىڭ شىمالىي قوماندالىق ئىشىتابىنىڭ بىر گېنېرالىغا ۋىزا بېرىشنى رەت قىلغان ئىدى ، يېڭى دېھلى تېزلىكتە ئۆچ ئېلىش تەدبىرى قوللىنىپ ، جۇڭگو ھەربىي تەرەپنىڭ ئىككى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ ھىندىستاننى زىيارەت قىلىشنى ئەمەلدىن قالدۇردى . شىبار مۇشۇ قېتىمقى جىدەل–ماجىرادىن كېيىن جۇڭگونى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلغان ھىندىستان كابېنت مىنىستىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . ھىندىستان بىلەن جۇڭگو ھەر ئىككسىلا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يامانلىشىپ كېتىشىنى خالىمايدىغاندەك قىلىدۇ ، بۇمۇ يېڭى دېھلىنىڭ نىمە ئۈچۈن باشقا يۇقىرى قاتلاملىق ئالماشتۇرۇشلارنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ سەۋەبى .
y&HfF~ شىبار تىيەنجىندە يىللىق دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىگە قاتنىشىپ ھىندىستانغا قايتىش يولىدا بېيجىڭدە يۇقىرى ئېيتىلغان سۆزىنى ئېلان قىلغان ، ھىندىستان ۋەكىللەر ئۆمىكى تەركىۋىدە يەنە ناتمۇ باربولۇپ ، ئۇ ھىندىستاننىڭ ھەر يىلى يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان تاشيول پىلانىنىڭ مەسئۇلى . ھىندىستان بۇ يىل تەخمىنەن 188 تاشيول قۇرۇلۇشى تۇرىنى باشلىدى ، بۇنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى 7500كىلومېتىرغا يېتىدۇ . نات : يېڭى دېھلى جۇڭگونىڭ بۇ تاشيول تۇرلىرىگە قاتنىشىشقا قارشى تۇرمايدۇ دېدى . ئۇ ، ھىندىستان يېقىندا ھىندىستان كونتروللىقىدىكى كەشمىرنىڭ بىر تاشيول قۇرۇلۇشىنى جۇڭگو قاتناشقان بىر شېرىك كارخانىغا بەردى . جۇڭگو تەرەپ قاتناشتۇرىدىغىنى قۇرۇلۇشقا مەبلەغ سېلىش ،باشقۇرۇش ۋە تېخنىكا بولۇپ ، يول ياساشقا ئۆز دۆلىتىنىڭ ئادەملىرىنى ئەۋەتمەيدۇ ، شۇڭا بۇنىڭدا ھىچقانداق مەسىلە يوق ، دېدى.
4xg7oo0iJ Hl,.6>F? http://bbs.huanqiu.com/forumdisplay.php?fid=57&filter=type&typeid=119&page=1 Q -!,yCu مەنبە.
http://www.xjtsnews.com/normal/content/bak/homepage/content/2010-09/21/content_103716.htm TTS.wBpR, ,X[lC\1a pZS0;T]W,