ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم مىسرانىم مۇنبىرىدىكى بارلىق ئەزىزلەر ۋە مىسرانىم مۇنبىرى ئارقىلىق ماڭا ئۆزۈمنىڭ يالغۇزلۇقىمنى بىلىندۈرمەي كىلىۋاتقان ھەدىلىرىمگە ئىنىڭلار ياسىن203دىن مىننەتتارلىق قىياپىتىدە سالام!!
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزى مىنى بىر قوللۇق بېقىپ چوڭ قىلغان قەدىردان ئانامغا چوڭقۇر سالىمىنى يوللايمەن!!
مەن بۇ دۇنياغا كۆر ئاچقاندىن باشلاپ تا ھازىرغىچە بولغان 21 يىللىق ھايات مۇساپەمدە مىنى پەقەتلا شۇ ‹‹دۇنيادا بىر ئوغلۇم››دەپ بىلىپ كەلگەن ئاناملا بېقىپ كىلىۋاتىدۇ!ئاتىلىق مىھرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى مەن تا ھازىرغىچە بىلمەيمەن.مەن ئاتامنى كۈندە دىگۈدەك كۆرۈپ تۇرساممۇ لىكىن ئۇنىڭ ماڭا ئازراق ئاتىلىق مىھرى بەرگىنىنى ئەسلا بىلمەيمەن.شۇ ۋەجىدىن چوڭ بولۇپ جەمىيەتكە چىقىپ جەمىيەتتىكى بەزىبىر ئىشلارنى كۆردۈم ۋە كۆرۈۋاتىمەن.
لىكىن ھەممىڭلار بىلىسىلەر ئاتا-ئانىسى بىر ئۆيدە باققان پەرزەنت بىلەن ئاتىسى ياكى ئانىسى بىر قوللۇق بېقىپ چوڭ قىلغان پەرزەنت ئوخشاش بولمايدىكەن.گەرچە مەن يالغۇز ئوغۇل بولغاچقا ئانامغا ئەركىلەپ بەزىدە تىل ياندۇرۇپ سالىدىغانلىقىمنى ئىنكار قىلالمايمەن.لىكىن چىن كۆڭلۈمدىن تىل ياندۇرمايمەن.ھەممە ئادەم ئاتا-ئانىسىغا ئامراق،لىكىن ئاتا-ئانىسىدىن نەپرەتلىنىدىغان پەرزەنتلەرنىمۇ يوق دىگىلى بولمايدۇ ئەلۋەتتە!
ئەۋەتتە مىنى مۇشۇنچىلىك قىلغۇچە قانچىلىك جەۋر-جاپا تارتقانلىقىنى مەن بىلىمەن ھەم كۆندە كۆرۈپ تۇردۇم،شۇڭلاشقا ئۇنى قانداق تەرىپلىسەم ئارتۇقلۇق قىلمايدۇ!
لىكىن مەن بۇ دۇنياغا يالغۇز ئوغۇل بولۇپ تۇغۇلغىنىمدىن بەكلا ھەيران،باشقا دوستلىرىمغا قاراپ شۇنداق ھەۋسىم كېلىدۇ،چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ئۆز ئوغلىنىڭ بەختى ئۈچۈن تىنىمسىز قان-تەر ئاققۇۇزۇپ ئاخىرىدا ئۆز پەرزەنتىنىڭ بەختى ئۈچۈن ئەر-ئايال پەرزەنتىنىڭ بەختىنى بىللە كۆرىدىكەن،ھەمدە مەڭگۈ بەختلىك ياشاپ ئۆز ئائىلىسىنىڭ خاتىرجەم،تىنچ،كۆڭۈللۈك بولىشى ئۈچۈن ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە جان كۆيدۈرىدىكەن.
لىكىن مىنىڭ ئائىلەمچۇ!!مىنىڭ ئائىلەمدە مەن كىچىكىمدىنلا ئاتامدىن ئۆگەي قېلىپ ئانامنىڭ قولىغا قالغان!مەن شۇ جاپاكەش ئانامنىڭ قولىغا قالغاندىن بېرى ئانام قانچىلىك جاپا تارتسۇن،مىنى ئاچ-توق قويماي ئۆز ھاجىتىدىن چىققاندىن سىرت يەنە مىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش خىراجىتىم ئۈچۈن ئىقتىساد توپلاپ مىنىڭ ھازىرقىدەك ساغلام،پاكىز بولغان ھالىتىمگە كەلتۈردى.مەن ئانامنىڭ بۇ تارتقان جاپاسى ئۈچۈن نىمە قىلسام ئەرزىيدۇ،لىكىن ھەر قانچە قىلساممۇ ئۇنىڭ تارتقان جاپاسىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ بولالمايمەن.
لىكىن ئەڭ كۆڭلۈم يېرىم بولىدىغىنى:ئاتىسىز قالغىنىمنى ئويلىساملا كۆڭلۈم بۇزۇلۇپ يىغلاپ كىتىمەن.
يا ئاچام،يا سىڭلىم،ۋە ياكى بىر تۇققان ھېچنىمەم بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۆزۈم ئەركىن بولۇپ كۆنۈپ قالغانمەن.بەزىدە ئاپامنىڭ سۆزىنى ئاڭلىماي قالىمەن،چۈنكى مەن بەكلا جايىل ،ئانام بەزىدە ماڭا گەپ ئاڭلىتالمىسا يىغلاپ كىتىدۇ،بۇنى كۆرۈپلا ئېسىلىپ يالۋۇرۇپ كېتىمەن.
ئانامنىڭ تا ھازىرغىچە تارتقان قان تەر بەدىلىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن مەن ئۆزۈمنى كونترول قىلىپ سۆزىنى ئاڭلاپ بۇنىڭدىن كىيىن داۋاملىق ئائىلىمىزنىڭ خراجىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىققاندىن سىرت يەنە ئانامنىڭ كۈندىلىك خراجىتىنى راسلاپ بېرىپ ئاپامنىڭ شۇ كۈلپەتلىرىگە ئازراق بولسىمۇ جاۋاپ قايتۇرۇشنى ئويلاۋاتىمەن.
يېقىندا كىچە كۈندۈز ئويلىنىپ يازغان‹‹ئانا-ئەمدى سىزنى يىغلاتمايمەن››ناملىق كۆڭلۈمدىكى بارلىق سىرلىرىم تۆكۈلگەن ئۆزۈمنىڭ تۇنجى ئائىلەمنىڭ تۇرمۇش ھالىتى تەسۋىرلەنگەن يازمامنى سوۋغا قىلماقچىمەن.
شۇڭلاشقا ئاخىرىدا دەيدىغىنىم،بۇ مۇنبەرگە ماڭا ئوخشاش يىتىم دوستلارمۇ كىرىشى مۇمكىن،شۇڭلاشقا ئاتا-ئانىنىڭ قەدرىنى قىلىپ ھايات ۋاقتىدا ئۇلارغا ياخشى خىزمەت قىلىپ ئۇلاردىن رازىلىق ئېلىشىنى سورايمەن.ھەمدە ئۇلارنىڭ دىلىنى رەنجىتكەن بولساڭلار كۆزى ئۇچۇق ۋاقتىدا ئۇلاردىن كەچۈرۈم سوراپ ئۇلارنىڭ رازىلىقىنى چىن كۆڭلىدىن ئاڭلاڭلار!شۇنداق قىلساڭلار ئۆزۈڭلارمۇ يىنىكلەپ قالىسىلەر،ئاتا-ئاناڭلارنىڭمۇ كۆڭلى سىلەردىن خۇشال بولىدۇ.
ئۇلۇغ اللاھ ئىگەم ھەممە دوسلۇرۇمغا ماڭا ئوخشاش يالغۇزلۇقتىن ئىبارەت يالغۇزلۇق ئازاپىنى بەرمىسۇن.ھەممە ئەزالىرىمىزنىڭ كۈنلىرىنىڭ خۇشال ئۆتىشىنى ئۆز ئائىلىسىنىڭ تېخىمۇ خۇشاللىق ئىچىدە گۈللىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
باشقۇرغۇچىغا:تىمامدا قاملاشمىغان يەرلەر بولسا ئۆزۈڭلار بىلىپ چىرايلىق تەھرىرلەپ تورداشلارغا يۈز كۆرۈشتۇرساڭلار!
 |