ئەسسالامۇ ئەلەيكوم !
ئەسلى بۇ پوۋىستنى مەن مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتىگە تەييارلىغان ئىدىم ، ئەمما خىزمەت ئالدىراشلىقى بىلەن ئاخىرىنى چىقىرىشقا ۋاقىت يار بەرمىدى ، ھەم بىر قىسىم مەزمۇنلار ئىدىيەمدىن ئۆتمىگەچكە قايتا پىششىقلاپ ئىشلەشكە توغرا كەلدى .شۇڭا بۇ يازمامنى مۇنبەرگە قىسىملىق قىلىپ يوللايدىغان بولدۇم . ئەسلى تولوق يېزىپ بولۇپ يوللاي دىگەن ئەمما كومپىيۇتېرىم سەل بىتاب بولۇپ قىلىۋاتىدۇ . مەن يېزىپ بولغۇچە ساقلىغانلىرىم يوقاپ كىتەمدىكىن دەپ ئەنسىرەپ قالدىم . مەن 6 كۈندە ئۆيگە بىر قىتىم بارىمەن ، ئىدارىدە يازما يازغىدەك ۋاقىت يوق ، شۇڭا سىلەرنىڭ تىرىكمەي ، زىرىكمەي ، سۈيلىمەي تۇرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن . ھەر 6 كۈندە بىر بۆلەك يوللايمەن .
1-ئالدىنقى ئەسىردە خاتا بېسىلغان قەدەم
2-مىنى ساقلىغىن ئاسىيە!
3-ھايات ھىچكىمنى ئۆگەيلىمەيدۇ .
4-ئوغۇل بالىمۇ يىغلامدۇ ؟!
5-شاگىرتلىقتىن -ئاسپىرانىتلىققىچە.
6.مۇھەببەت مىنى ئازدۇرمىغىن .
7-ئاپامنىڭ تەۋەررۈكى.
8-تارىخ قايتىلىنىۋاتىدۇ !
9- يارغا يېزىلغان ئاخىرقى خەت .

سەبى چاغلاردا يۈرەككە بىرەر ئىش ئورناپ كەتكەن بولسا ئۇنى ئۇنۇتماق ، كۆڭۈلدىن كۆتۈرۋەتمەك بەكلا تەس ئىكەن . ياشنىڭ چوڭ بولىشىغا ئەگىشىپ دىلدا شۇنداق بىر ئۆچمەنلىك كۆيىدىكەن ، ئەتىراپتىكى دوسىتلار ياكى ئۇرۇق تۇققانلارنىڭ نەسىھەتلىرى بالا ۋاقىتتا قالغان ئازاب ھىجرانلارنى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇلدۇرالمايدىكەن ، كۈچ-قۇۋۋەتكە تولۇپ ، ئەرلىك ئۇرغىغان چاغدا ئاشۇ ئازابلار كىشىنى كۈندۈزلىرى ئالدىراش ، كىچىلىرى غەمكىن قىلىپ قويىدىكەن ، باشقىلار بەخت ، كۈلكە ، راھەت ئۈچۈن كۈن بويى مىدىرلىغان بولسا، مەن كۈندۈزلىرى پىلان ، كىچىلىرى قانداق قىلىپ ئۆچ ئېلىش ئۈستىدە باش قاتتۇراتتىم ، ئانام كىچىلىرى ئۆزنىڭ تۆككەن كۆز ياشلرىنى ئۆزى سۈرتكەن بولسا ، مەن شۇ ناھەق تۆكۈلگەن كۆز ياشلارنىڭ ئەنتىنى ئېلىش ئۈچۈن يۈرەكلىرىمنى قىساس ئوتىدا تاۋلىماقتا ئىدىم .
1-ئالدىنقى ئەسىردە خاتا بېسىلغان قەدەم .
- دادا ، ئاپا ئەمىسە مەن كەتتىم ، پەرھات ئاتا-ئانىسىغا ، ئۆزى 17 يىلدىن ياقى ياشاپ كەلگەن يۇرتىدىن ئايرىلىش ئالدىدا ئاتا-ئانىسى بىلەن مۇشۇنداق ئايرىلغان ئىدى ، كۆپ سۆزلەشنىڭ ھاجىتى يوق . چۈنكى دادىسى ئۆزى ئىشلەۋەتقان ئىدارىغا پەرھاتنى كىرگۈزگەن ئىدى . ئاۋال يىراق ناھيە –قىشلاقلاردا بىر –ئىككى يىل ئىشلىمىسە بولمايدىغانلىقى ئۈچۈن پەرھات غۇلجا شەھرىدىن 100 نەچچە كىلومىتىر يىراقلىقتىكى نىلقا ناھيىسىگە توغىرسىنى ئىيتقاندا نىلقا ناھيىسىنىڭ بىر يىزىسىغا ماڭغان ئىدى .
كونا ياغاچ كوزۇپلۇق ماشىنىدا ساپلا پەرھات بىلەن تەڭ دىمەتلىك يىگىت –قىزلار بولۇپ ، باشتا پەرھات ماشىنىنىڭ بىر بۇلىڭىدا ئولتۇرۇپ غۇلجا شەھەرگە قىيمىغاندەك شەھەر ئىچىدىن چىقىپ كەتكىچە بويۇنلىرىنى سوزۇپ بۇرۇن ماڭغان كوچىلارغا ، يول بويىدىكى دەرەخلەرگە ئىشقىلىپ ماشىنا ماڭغان كوچىنىڭ قاسنىقىدىكى ھەربىر شەئىيگە تويماي قاراپ ئۆتتى ، ماشىنا خىلۋەتكە چىققاندا بولسا يىنىدىن ئايرىمايدىغان ئىسكىرىپكىسىنىنىڭ ئۈستىگە بىر ئاق قەغەزنى قويۇپ رەسىم سىزىشقا باشلىدى ، باشقا بالىلار بولسا ھەرخىل سۆزلەر بىلەن بەنىد ئىدى . يەنە بەزىلىرى قانداقتۇر بىر خىياللارغا مەلەك ئىدى ، ئارلىقتا جىمجىتلىقنى پەرھاتنىڭ يان تەرىپىدە ئولتۇرغان بۇرۇتلىرى قويۇق ، ئاق يۈزلۇك بىر بالا بۇزدى ،
-ئاداش ، ئىسكىرىپكا چالامسەن ؟
-ھە ،
-ئىسمىم ، ئىسرايىل ، سىنىڭچۇ ئاداش ، ھەي ، غۇلجىنى تاشلاپ ماڭدۇق ، چوقۇم ئادەم يوق ، تۆت ئەتىراپى تاغ بىر يەرگە ئاپىرىپ تاشلاپ قويىدۇ ، ياشلىقىمىز چۆللۈكتە ئۆتۈپ كىتىدىغان ئوخشايدۇ ، ئىسرايىل ئاتلىق بۇ يىگىت ئۇھسىنىپ قويدى.
-ئىسمىم پەرھات ، غۇلجا سۇ دەرۋازىدىن ، ئۇنداق بولوپ كەتمەس ئاغىنە ، دادام ئىيتتىى جىق تۇرساق 1-2 يىل تۇرىمىزكەن .
-تەس جۇمۇ ، بىز تۇنجى تۈركۈمدە ماڭغانلاركەنمىز ، ئۇنىڭ ئۈستىدە نىلقىدا بۇ ئىدارە يوق ئىكەن ، بىز بىرىپ قۇرىمىزكەن . نەدە ئاۋال ئىش باشلىغانلارنىڭ يىنىپ كىلىدىغان ئىشى بار ،.
-ئۇنداق بولسا دادام ماڭا....
-ۋاي بولدى قويە ، كۆنۈپ كىتىمىز بەلكىم . ئالە ئىسكىرىپكاڭنى ، بىر پەدىگە چالە ، بۇ يول ئۇزاق يول ، مۇڭ بىلەن ماڭايلى ، پەرھات ئىسكىرىپكىسىنى ئېلىپ سازلاپ چىلىشقا باشلىدى ، باياتىن ياقى جىم ئولتۇرغانلار ، خيالغا چۆككەنلەر ھەم قىزغىن پاراڭغا چۈشكەنلەرنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك پەرھاتنىڭ ئەتىراپىغا ئولاشتى . ماشىنا ئوڭغۇل-دوڭغۇل يولدا چايقىلىپ كىتىپ باراتتى ،ئەمما ئىسكىرىپكىدىن چىقىۋاتقان مۇڭ بۇ بىر كوزۇپتىكى ياشلارنى بىرخىل سىزىمدا جىمجىت بۆلىمەكتە ئىدى .
تەخمىنەن نەچچە سائەتتتىن كىيىن ماشىنا پاكار –پاكار ئۆيلەر سىلىنغان بىر يەردە توختىدى ، كاپىنكىدىن 40 ياشلاردىن ئاشقان ، روسچە بۇرۇت قويىۋالغان بىر كىشى چۈشۈپ كوزۇپتىكى بالىلارغا
-كەلدۇق باتۇرلار ، مانا مۇشۇ بىزنىڭ بۇندىن كىيىنكى ماكانىمىز ، دەپ يىراقلارغا قارىدى ،
بالىلار بولسا روھسىز ، نىشانسىز ،كىشلەر ئۆزىمۇ تونىمايدىغان ئادەم يوق بىر يەرگە كىلىپ قالغان قوچاق ئەسكەرلەردەك مەيۇس ئىدى ، بۇنداق چاغدا قارشىلىق ، پىكىر ، ياكى نازلىنىش دىگەندەك قىلىقلارنىڭ ھىچقايسىسى ئىشلىمەيتتى ، ئامال قانچە ، كۆنمەي ئامال يوق ، باياقى سۆزلىگەن كىشى ئەسلى مۇشۇ بالىلارنىڭ تۇرمۇشىغا مەسئول كىشى بولۇپ ئىسمى ئابلا ئىدى . تۇرقىدىن سۈرلۇك كۆرۈنگەن بىلەن . كۆيۈمچان ، پەرزەنىت كۆيەر ئادەم ئىدى .
ھايات شۇنداقتۇر بەلكىم نى- نى ئارزۇلار ياشاش ئۈچۈن باش ئىگىدۇ . خۇددى نى –نى باتۇرلار سىلىقلانغان تۆمۈر تەرىپىدىن قەتلى قىلىنغاندەك . تاغ چوققىسىدا تۇرغان تاشمۇ ھالا بىر كۈنلەردە دۇملاپ تاغ باغرىغا چۈشۈپ قالىدۇ ئەمەسمۇ . شەھەردە ئويناپ كىيىپ يۈرگەن ، ئاستىدا مەپىلىك ئات ھارۋا ئۈستىدە سەۋىتتىن كىرگۈزۈلگەن كىيىم-كىچەك كىيگەن باي باللىرى مانا بۈگۈن قولىدا تۆمۈر گۈرجەك ياكى جوتۇ تۇتقان ھالدا پىژغىرىن ئاپتاپ ياكى شىۋىرغان بورانلاردا ئىشلىمەكتە ، ئەمدىلا بۇرۇتلىرى خەت تارتقان يىگىتلەرنىڭ جانانلىرى يىراق شەھەردە قالغان بولسا ، ئەمدى گىرىم قىلىشنى ئۈگەنگەن قىزلارنىڭ ئاشىقلىرى يىراق-يىراقلاردا قالغان ئىدى ، كۈندۈزلىرى ھىرىپ –چارچاپ ئىشلىگەن بۇ ياشلار كىچىلىرى بىر ئۆيگە يىغىلىپ ئانچە –مۇنچە سورۇن قىلاتتى ، بەزى چاغلاردا بەردەم يىگىتلەر قازاق چارۋىچىلارنىڭ قوتانلىرىدىن قويلارنى ئوغىرلاپ كىلىپ پىشۇرۇپ يەتتى ، ياشلىق –شاشلىق دەپتىكەن . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەتىراپى تاغلىق پەقەت بىر نەچچە چارۋىچى قازاقلار بىلەن بۇ بىر توپ ياش باللار بار يەردە ئۇنىڭدىن باشقا خوشاللىق تاپماقمۇ تەس ئىدى . قازاق چارۋىچىلارمۇ ئاقكۆڭۈل كىشلەر بولغاچقا يۈتكەن قويلىرىنىڭ ھىسابىنى ئالغىلى بۇ باللارنىڭ يىنىغا كىلىپ يۈرمەيتتى ، پەقەت باللارنىڭ ياتىقىنىڭ يىنىدىن ئاتلىق ئۆتۈپ كىتىپ بارغاچ ،
-بالالار ، دېن ساۋلىق ئەيبەتما ؟ دەپ قوياتتى . بالىلار بولسا كۈلىشىپ قوياتتى. بالىلارمۇ ئۆيىدىن ئەۋەتىلگەن مىۋىلەردىن بۇ قازاق چارۋىچىلارغا بىرىپ قوياتتى . كۈنلەر شۇنداق ئۆتمەكتە ئىدى ، تۇرمۇش بىر رېتىمدا بولسىمۇ مەنىلىك ئىدى، كۈلكە دىسە كۈلكە ، جاپا دىسە جاپا بار ئىدى . قىزلارنىڭ گۈرجەكلەر پاتتۇرۇپ يەرگە سالالماي يىغلاپ كەتكەنلىكىنى كۆرسە كىشىنىڭ كۆڭلى بۇزۇلاتتى ، ئەمما يىگىتلەرنىڭ شۇ قىزلارنىڭ قولىدىكى گۈرجەكنى تارتىۋىلىپ تەرگە چۆمۈپ ئىشلەشلىرىنى كۆرسە كىشىنىڭ مەسلىگى كىلەتتى .مانا بۈگۈنمۇ تازا ئىشلەپ چارچىغان بالىلار ياتاقلىرىغا قايتىپ كىلىشتى . پەرھات يۈز-كۆزلىرنى يۇيۇپ ئازىراق تاماق يەپ بولۇپ ياتاق سېلىنغان يەردىن بىر كىلومىتىردەك كىلىدىغان يەرگە كەلدى ، ئۇ بىر ئىگىزلىك بولۇپ ئۇ يەردە تۇرۇپ يىراققا قارىسا پۈتكۈل ئەتىراپ شۇنداق ئىنىق كۆرىنەتتى ، ئەگەر بىرەر رەسسام بۇ يەرگە كىلىپ قالسا چوقۇم مەنزىرىنى قەغىزىگە كۆچۈرمەي قالمايدۇ ، بىرەر شائىر بۇ يەرگە كىلىپ قالسا چوقۇم بۇ مەنزىرىنى كوبلىتلارغا نىقتىماي قالمايدۇ . پەرھاتمۇ ئانچە-مۇنچە كىلىپ رەسىم سىزاتتى ، ياكى ئىسكىرىپكا چالاتتى ، ئەمما بۈگۈن ئۇ قۇرۇق قول كەلدى ، پەقەت ئېلىۋالغىنى تىگى يوق خىيال بىلەن ، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇنى ئۇزاتقاندىكى مىسكىن سىماسى ئىدى . ئۇ ئۆزىگە پىچىرلايتتى ،
-ئىي ھايات ، نىمە ئۈچۈن بىزنى شۇنداق بىر يەرلەرگە تاشلىغانسەن ، ئەر بولاي دىگەندە ئاتا-ئانامنى تاشلاپ بۇ يەرگە كەلدىم . بەلكىم بۇ مويسىپىتلەرمۇ مىنى ئويلاپ كۆزلىرىگە ياش ئالار ، ئانام كىچىلەردە مەن ئۈچۈن مىڭ دۇئالارنى قىلار ، دادام ھەربىر ئىشىدا مىنى ئويلاپ ‹ پەرھات بولغان بولسا، ياردەملىشەتتى ، پەرھات بولغان بولسا ئۆزىلا قىلىۋىتەتتى ، پەرھات بولغان بولسا .... › خىياللارنى قىلار ، مەنمۇ كۈندۈزلىرى جاپادا بولسام كىچىلىرى كۈلكە-چاقچاقتا ، ئەمما ئاتا –ئانام....... خىياللارنىڭ ئاخىرى چىقىدىغاندەك ئەمەس ئىدى . پەرھات ئۆرىلىپ ياتاققا قايتاي دەپ تۇرسا ئۆزىدىن ئانچە يىراق بولمىغان يەردە بىر سىماھنى كۆردى ، تۇرۇپ جىنمىكىن دەپ ئەندىشە قىلسا تۇرۇپ خىزمەتداشلىرىمدىن بىرىمىكىن دەپ يىقىن بىرىپ قاراپ باقماقچى بولدى . قەدەملىرىنى ئاستا بېسىپ ئۇ سىماھقا يىقىنلاشتى ،
-ئۇھ ، سىزمىتىڭىز ، مەن تىخى ،
-جىنمىكىن دىگەنما ؟ باياتىن ياقى پەرھاتقا جىن كۆرۈنگەن بۇ سىما خىزمەتتىشى ئاسىيە ئىدى .
-ھە ، شۇ ، كەچ كىرىپ قالدى ، يەنە 10 مىنۇت ئۆتسە يولنىمۇ كۆرەلمەي قالىمىز ، كىتەيلى ھە ، دەپلا ياتاق تەرەپكە بۇرۇلدى پەرھات ،
-توختاڭ ، قوقىمەن ، ئاسىيەمۇ قىزلارغا خاس نازلىق بىلەن پەرھاتقا ئەگەشتى ، پەرھاتنىڭ مىجەزى ئېغىر بولغاچقىمۇ يول بويى بۇ ئىككى ياشنىڭ ئارسىدا ھىچقانچە پاراڭ بولمىدى ، پەقەت ئۆينى سىغىنىش ، ئۈستىدىلە بىر نەچچە ئىغىز سوئال –جاۋاب بولدى . پەرھات بىلەن ئاسىيە ياتاق ئالدىغا كەلگەندە ياتاق ئالدىدا تاماكا چىكىپ ئولتۇغان بىر نەچچە ياش يىگىتلەر
-ئۈشىىت ، دەپ ئىسقىرتىپ قويدى . پەرھات مىيىقىدا كۈلۈپ قويدى . ئاسىيە بولسا يەرگە قاراپ قويدى ،
-ئاداش ، ئاسىيە بىلەن ..... ئىسرايىل كۆزىنى دىرىزە تەرەپنى كۆرسىتىپ سوئال نەزىرىدە پەرھاتقا قاراپ قويدى .
- قويە سىنى ، ھىلىقى دۆڭلۈكتە ئۇچىرشىپ قالدۇق ، بەلكىم ئۇ قىزمۇ ئاتا-ئانىسىنى سىغىنغان بولسا كىرەك . پەرھات شۇ گەپلەرنى قىلغان كارۋاتقا تاشلىنىپ يىتىشقا تەمشەلدى .
- پەرھات ، ھازىرلا ئۇخلىمايدىغانسە ھە ؟
-نىم قىلاتتۇق ئەمىسە .
- قوپە ، قوپە ، ھىلىقى باقىت قازاقنىڭ ئۆيىگە بارىمىز ، باياتىن ياقى بالىلار شۇ مەسلىھەتتە . ئىسىڭدىدۇ كۈندۈزى باقىت ئاكىمىز بىزنى كۆرۈپ ، « جىگىتتېر ، كېشتە ، بىزدىڭ ئۈيگە بارىڭدار ، ئايران ئىشىمىز ، ›› دىگەنغۇ ، بىرىپ كىلىمىز،
- قازاقچە گەپلىرىڭدىن ئۆرگىلەي ، ئۈگىنىپ قاپسەن جۇمۇ ، بىرەر قازاق قىزغا ئۆيلەپ قويىمىزمۇ سىنى ، بوپتۇ بارساق بارايلى . بىرنەچچە يىگىت قوللىرىدا كىرسىن لامپىنى كۆتۈرشۈپ باقىت ئاكىنىڭ ئۆيگە قاراپ مىڭىپ كىتىشتى .
كۈنلەر ئۆز نۆۋىتىدە ئۆتمەكتە ئىدى . بالىلارنىڭ بەزىلىرى شەھەردىكى دادىلىرىغا خەت ئەۋەتىپ بۇ يەردىن تىزاراق كىتىشنىڭ ئامالىنى قىلماقتا ئىدى . يەنە بەزىلىرى بۇ يەرگە كۆنۈپ كەتكەن بولۇپ ، ھىچقانداق قايغۇسى يوقتەك كۈندە كۈلۈپلا يۈرەتتى ، پەرھات بىلەن ئاسىيە بولسا مۇھەببەت يولىغا قەدەم بىسىپ قالغان ئىدى . ئانچە –مۇنچە پاراڭلىشىپ تۇراتتى ، ياتاقلاردا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئولتۇرۇشلاردا بىر-بىرگە يىقىن ئولتۇرشاتتى ، باشقا بالىلارمۇ بۇ ئىككىسىنىڭ بىرگە بولىشىنى ئۈمىد قىلاتتى ، پەرھاتنىڭ كۆڭلى ياخشى ، باشقىلارغا يامانلىقى يوق ئىكەنلىكى ، ئاسىيەنىڭ ئاقكۆڭۈل ، چىچەنلىكى بۇلارنىڭ ھەرقانداق ئەيىپ-نۇقسانلىرىنى يىپىپ كىتەلەيتتى .
ئايلار ئۆتىۋاتىدۇ ، باھاردا نەم تۇپىراقنىڭ ھىدىغا چۆمگەن تاغ باغرى مانا ئەمدى ماڭسا تاپاننى كۆيدۈرگىدەك بولغان ئىدى . ۋاقىت ئۇ ئۆزى بىلەنلا ئەمەس ، ھەربىر كۈن تەبىيئەتتىن بىر تال نەرسىنى ئىلىپ ماڭىدۇ ، شۇڭا بۇ دۇنيادا ھىچكىمنىڭ ھەققى يوق دىيىلگەنمىكىن . بۇ ياش باللارمۇ شۇ تەبىيئەتنىڭ قوينىدىكى مەۋجۇداتلار بولغاچقا ئايلارنىڭ ئۆتىشى بىلەن بۇرۇنقى بالىلارنىڭ بىر نەچچىسى يىغلاپ ، قاقشاپ يۈرۈپ غۇلجا شەھەرگە يۆتكىلىپ كىرىپ كەتتى . ئادەم دىگەن شۇ ، قانەئەتسىز كىلىدۇ . ھامان يۇقىرغا يامىشىش ئۈچۈن كۆرەش قىلىدۇ .
يىللار ئۆتىۋاتىدۇ ، بۇ يەردە ھەممە نەرسە بۇرۇنقىغا ئوخشىماي قالدى ، چارۋىچى باقىت ئاكا تۈگەپ كەتتى ، بالىلار ياردەمدە ئۇ كىشىنى يەرلىگىگە قويدى ، باقىت ئاكىنىڭ ئايالى كۆزلىگە ئىسسىق ياش ئېلىپ بالىلار بىلەن قۇچاقلىشىپ خوشلىشىپ نىلقا ناھيە بازىرى ئىچىگە كۆچۈپ كىتىشتى ، ئەمدى بالىلارغا ئۇنداق پاقلان گۆشى ، قىمىزلار يوق بولدى . يىللار يەنە بىر يىلنى قوغلاپ ئۆتىۋىرىدۇ . ھىلىقى ياش باللارنىڭ يىشىمۇ بارغانسىرى چوڭيىشقا باشلىغان ئىدى . بىر نەچچە بالا شەھەرگە كىرىپ توي قىلىپ قايتىپ كەلدى . قىزلاردىن بىر قانچىسى شەھەرلىك بالىلارغا ياتلىق بولۇشپ ، شۇ كەتكىنىچە قايتىپ كەلمىدى . پەرھات بىلەن يىقىن ئۆتىدىغان ، ئىچ –سىرىنى تۆكىشىدىغان يىگىتتىن پەقەت ئىسرايىللا قالغان ئىدى . ئاسىيە بولسا پەرھاتقا تارتىشىپ مۇشۇ يەردە يۈرمەكتە ئىدى . ھەتتا ئاتا-ئانىسى تاپقان لايىقلارغىمۇ پەرۋا قىلمىدى .
بىر كۈنى ئىسرايىل بىلەن پەرھات ياتاقتا ئولتۇرۇپ تازا ئىچىشتى . بىر –بىرگە دىمىگەن سۆزلىرى قالمىدى . قاراڭغۇ چۈشەي دىگەندە ئىسرايىل كارۋاتقا تاشلىنىپ ئۇيقۇغا كەتتى ، پەرھات بولسا ئاسىيەنى چاقىرىپ ھىلىقى دۆڭلۈككە بار ئىدى . مەسىت بولغاچقىمۇ ياكى راسىتلا سۆزلىگۈسى كىلىپ قالدىمۇ ، پەرھات بىر ئايدا دەيدىغان سۆزىنى بۈگۈن بىر كۈندىلا ئاسىيەنىڭ ئالدىغا تۆكتى . ھايات ، تۇرمۇش ، ئاتا-ئانا ، قىشلاق ، شەھەر ..... ھەر تىما ئۈستىدە ھەرخىل قايغۇ بار ئىدى . بىر چاغ بولغاندا پەرھات ئاسىيەنىڭ بىلىدىن تۇتۇپ يىراقنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ،
- قارا ، ئاسىيە ، بىزنىڭ ئۆيىمىز ئاشۇ تاغنىڭ كەينىدە قالدى ، ئاتا-ئانىمىز شۇ يەردە غىرىپ ، بىز بۇ يەردە غىرىپ.. ئاسىيە بېشىنى پەرھاتنىڭ مەيدىسىگە قويدى ، پەرھات ئاسىيەنىڭ لىۋىگە يىنىك سۆيۈپ قويدى ، ياپيېشىل چىم ئۈستىدە ئىككى تەن ئاستا –ئاستا بىرلەشمەكتە ئىدى . بۇ ئىككى ياش ئۈچۈن زىمىن كۆرپە ئاسمان يوتقان بولدى.....
2.مىنى ساقلىغىن ئاسىيە
بىر نەچچە ئايدىن كىيىن پەرھات دادىسىن كەلگەن بىر پارچە خەتنى تاپشۇرىۋالدى . خەت ئاددىيلا يېزىلغان بولۇپ ،:« پەرھات ئۆيگە بىر كەلگەن بولساڭ ، مەسلىھەتلىشىدىغان ئىش بار ئىدى ›› ، بۇ پەسىلدە بۇ يەردىكى بالىلار ئاساسەن بىكار ئىدى، چۈنكى سوغۇقتا يول ياساش تەس بولغاچقا بالىلار كۈندە دىگۈدەك ياتاقتا ياتاتتى ، يەنە ئانچە-مۇنچە ئۆيلىرىگە بىرىپ كىلىشكىمۇ پۇرسەت بار ئىدى . نىمىلا بولمىسۇن ئاتا-ئانىسىنىڭ سۆزىنى يەيدىغان پەرھات ئاسىيەنى بۇ قىشلاققا يالغۇز تاشلاپ قويۇپ ئۇزۇندىن بىرى قەدەم باسمىغان غۇلجا شەھرىگە يۈرۈپ كەتتى ، خوشلىشىدىغان چاغدا ئاسىيەگە :« ئاسىيە ، ئۆيگە بىرىپ كىلەي ، بۇ قىتىم بارغىنىممۇ ياخشى بولدى ، ئۆيدىكىلەرگە ئىككىمىزنىڭ ئىشىنى دەيمەن ، تويغا تەييارلىق قىلغاچ تۇرسۇن ئۇلار . مىنى ساقلا ھەپتىگىچە يىنىپ كىلىمەن›› دىدى ، ئاسىيە ئوڭلۇق قىز بولغاچقا ئارتۇقچە سۆز قىلمىدى .
پەرھات تاغ باغرىدىن چۈشۈپ ئەسكى توپىلىق يولدا بىرەر ماشىنا ياكى ئات ھارۋىسىنىڭ كىلىشىنى ساقلاپ تۇردى ، تەلىيىگە كۆمۈر باسقان بىر تىراكتۇر ئۇنى چىقىرۋالدى ، تىراكتۇرنىڭ ۋات ۋات ئاۋازى پەرھاتنىڭ خىيالىنى بۇزالمايتتى ، غۇلجىنىڭ ئىللىق مىھرى ، ھىلىقى تونۇش كوچىلار پەرھاتنى ئالدىرتاتتى ، قاراڭغۇ چۈشەي دىگەندە پەرھات ئۆيىگە يىتىپ كەلدى .
-جىنىم بالام ، ئورۇقلاپ كىتىپسەن ، قارىداپ كىتىپسەن . ئانا بىر ھازا كۆز يېشى قىلدى ، دادىسى بولسا پەرھاتنى بىر چەتكە تارتىپ
-ھىرىپ كەتتىڭ ھەقاچان ، كىرىپ ئۇخلىۋال ، ئەتە پاراڭلىشايلى ، دىيىشگە ئاپىسى ،
-ھوي ئادەم ، تاماق بەرمەيلا ياتقۇزۇپ قوياي دىگەنما ، دەپ جوزا قويۇشقا تەمشەلدى
-ھا ھا ھا ، ۋاي خوشاللىقتا ئۇنتۇپ قاپتىمەن ما ئىشنى ، قىنى قىنى تاماق يەۋال راسىت .
‹‹ يول ئازابى ، گۆر ئازابى ››دىگەن گەپ بار ئەمەسمۇ ، پەرھات چارچاپ كەتكەچكىمىكىن ھوجرىسىغا كىرىپ ئۇخلاپ قالدى .
غۇلجا شۇنداق بىر ماكان ، بۇ يەرنىڭ كۈندۈزلىرى شوخ ، كىچىلىرى قايناق ، ھەربىر قورودىن موزىكىنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ . غىنى باتۇرلار دەسسەپ ئۆتكەن كوچىلاردىن ئاتنىڭ كىشنەشلىرى ئاڭلىنىدۇ ، خۇددى ئۇرۇش دەۋىرلىرىدە كۈندۈزلىرى مىيىت توشۇلغان كوچىلاردىن كىچىلەردە ياش باللا مۇزىكا چىلىشىپ ئۆتكەندەك ، ھازىرمۇ شۇ ئەنئەنە بويچە داۋام قىلىنۋاتاتتى ، ئۇيغۇرلار ، ئۆزبىكلەر ، تاتارلار .... ھەممە كىشى پەقەت غۇلجىنىڭ قايغۇسى يوقتەك ، جەم بولۇشقان جايدا چوقۇملا تەنتەنە قىلىشاتتى . كىچىلەردە كىنوخانا ئالدىغا يىغىلىشىپ ، 10 تىيىنلىك شىمىشكا بىلەن 2-3 سائەتنى ئۆتكۈزىشەتتى ، بەلكىم مۇشۇ غۇلجنىڭ تىز سىزمىسى بولسا كىرەك ، بۇ خىل كەيپىيات غۇلجىنىڭ قان قىنىغا سىڭىپ كەتكەن ئىدى ، ياق ، غۇلجا بۇ خىل كەيپىياتنىڭ قوينىغا سىڭىپ كەتكەن ئىدى .
نىمىدىگەن ساپ ھاۋا ، ھاۋا سەل سوغۇق بولسىمۇ قوشلارنىڭ سايراشلىرى تىخى ئۈزۈلۈپ قالمىغان ئىدى ، پەرھات ئورىنىدىن تۇرۇپ داستىخان ئۈستىگە كەلدى . ئاتا- ئانىسى بىر –بىرگە قارىشىپ سىز دەڭ ، سەن دە دىيىشىپ بىر –بىرگە ئىشارەت قىلىشىۋاتاتتى ،
-نىمە ئىش بار ئىدى دادا ، پەرھات ئاۋال سۆز ئاشتى .
-يەنە نىمە ئىش بار دەيسەن بالام . ئۇزۇن بولدى ئاناڭنىڭ كۆز يېشى قۇرىمىدى ، سىنى يىراقلاردا جاپا تارتىۋاتىدۇ ، دەپ غەم قىلىپلا يۈردى . شۇڭا سىنى شەھەرگە ئەكىلىۋالايلى دەپ خىلى ئاۋارە بولدۇق ، يىقىندا بۇ ئىشمۇ ھەل بولۇپ قالىدىغاندەك تۇرىدۇ .
-شۇنداق بالام -،- ئانىمۇ سۆز قاتتى ، قايتىپ كەلگىن . توي قىلىدىغان ۋاقتىڭمۇ كىلىپ قالدى . بىزمۇ ياشىنىپ قالدۇق . .. شۇ سۆزلەرنى دىگەچ يەنە كۆز يېشى قىلىدى .
-يۆتكىلىدىغان ئىش بولسا بولىدۇ ، ئەمما تويغا كەلسەك ئاپا . مىنىڭ لايىقىم بار، ئۇنىڭغا يۈزسىزلىك قىلسام بولمايدۇ ، ئالسام شۇ قىزنى ئالىمەن .. پەرھاتنىڭ گەپلىرى كەسكىن ئىدى .
-بالام . يۆتكىلىدىغان ئىشىڭ بىلەن ، تويۇڭ چىتىشلىق ، توي قىلساڭ يۆتكىلىسەن . توي قىلمىساڭ .... پەرھات دادىسغا « بۇ نىمە ئىش ›› دىگەن مەنادا قاراپ قويدى ، دادىسى
-قارا بالام . ھىلىقى ئەخمەت زاپخوسنى بىلىسەن . ھازىر ئۇ ئىدارىنىڭ مەنساپتارى بولۇپ قالدى . ئۇنىڭ بىر قىزى بار ، سەن بىلەن بىرگە ئوقىغان ئۇ قىزنىڭ ساڭا مەيلى بار ئوخشايدۇ . ئۆتكەنكى مەشرەپتە ئەخمەت ئاكاڭ ماڭا سىنى يۆتكەش توغۇرلۇق ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئەمما بۇ يۆتكىلىشنىڭ سەۋەبى قىزىنىڭ خوشاللىقى ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئىيتتى . بىلىسەن ئاپاڭ بۇرۇنقىدەك چىچەن ئەمەس، ياشاندۇق ئەمەسمۇ ، ئەمدى ئۆيگە كىلىن كىرمىسە بولمايدۇ ... پەرھات ئۇزۇن ئولتۇرۇپ كەتتى . ئالدىدا ئاتا-ئانا ، ئارقىدا چىن مۇھەببەت، ئۇ ئارتۇقچە گەپ قىلمىدى ، قىلاي دىسە ئاپىسىنىڭ يەنە ياش تۆكىدىغانلىقى ئىنىق . ئاستا ئورىنىدىن تۇرۇپ ھوجىرىسىغا كىرىپ كەتتى . قولىغا قەلەم ئېلىپ يىراقتىكى نىگارىغا مۇنۇ قۇرلارنى يازدى .
-ئامانمۇسەن ئاسىيە ،
بۇ يەردىكى ئىشلار تۈگەيدىغاندەك ئەمەس ، ئاتا-ئانام خىلىلا ياشىنىپ قاپتۇ ، ئاپامغىمۇ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىش تەسكە توختاۋىتىپتۇ . ئۆيدىكىلەر مىنى ئۆيلىمەكچىكەن . ئەمما مەن سەندىن باشقىسىنى ئالمايمەن . ھازىرقى مەسىلە مىنىڭ خىزمەت ئىشىم بىلەن توينىڭ بىر-بىرگە چىتىشلىق بولغانلىقى . ئەنسىرىمە ، مەن ساڭا مىنى ساقلا دىگەن ئىدىم ، بۇ يەردىكى ئىشلارنى تۈگىتىپلا سىنى ئالغىلى بارىمەن . جىق گەپ قىلىپ ئولتۇرماي پەقەت شۇ ئىسىڭدە بولسۇن ، سىنى ياخشى كۆرىمەن .
پەرھات 1982-12-6
ئاسىيە خەتنى تاپشۇرۋىلىپ ئويغا چۆكۈپ كەتتى . پەرھاتقا ئىشەنسىمۇ ، باشقىبىر كۆڭۈلسىزلىكلەردىن ئەنسىرەييتتى. ئەگەر ئۇ باشقا بىرسى بىلەن توي قىلسا، مەن..... ئاسىيەنىڭ كۈلگۈن چىرايى ئەمدى خۇنۇكلەشكىلى تۇردى ، بۇرۇنقىدەك قوڭغىراق ئاۋازلار نەلەرگىدۇ يوقالدى . كۈنبويى خىيال قىلىدىغان ، كۆز ياشلىرى ئىختىيارسىز ئېقىپ چۈشىدىغان بولۇپ قالدى . كۈنلەر ئۆز رىتىدە ئۆتىۋاتاتتى ، يىراق قىشلاقتا بىر قىز ئۆز شاھزادىسىنى كۈتىۋاتاتتى .
قىشلاق دىگەن يەنىلا قىشلاق . ئاپئاق قار پۈتۈن تاغ باغرىنى قاپلىغان چاغدىلا بۇ ماكاننىڭ نەقەدەر جىمجىتلىقىنى سەزگىلى بولاتتى . ئەمدى قويلارنىڭ مەرەشلىرى ، قوشلارنىڭ سايراشلىرى يوق ئىدى . سىرت سوغۇق بولغاچقا دىرىزىلەر مۇزدىن نەقىش چىقىرىپ ئىشىك قىرلىرى قىراۋدىن چاپان كىيەتتى ، سىرتقا چىقسا سوغۇق ھۆكىمران ، ئۆي ئىچىدە تەنھالىق.....
ئون نەچچە كۈندىن كىيىن ئاسىيە يەنە بىر پارچە خەت تاپشۇرىۋالدى
-: « جىنىم ئاسىيە ، ئاپام مەندىن رازى بولماي كۆز يۇمىدىغان ئوخشايدۇ ، بەكلا تەڭقىسلىقتا قالدىم . دادام ماڭا كۆپ سۆزلىدى ، بېشىم بەكلا قاتتى. ئەسلى ئۇلار ،مەن غۇلجىغا كەلگۈچە توي ئىشلارغا قول تىقىپ بولۇپتىكەن . يۆتكىلىش ئىشىم پۈتۈپ قالدى . ئەمما توي ئىشىم... قانداق قىلارمەن. نىمىشقىمۇ ئۆيگە يىنىپ كەلدىمكىن دەپ قالىمەن . شۇ يەردە سەن بىلەن يۈرگەن بولسام بۇنچە تەڭقىسلىقتا قالماس بولغۇيتىم . ئانا دىگەن يەنىلا ئانا . ئانام ئۈچۈن سەندىن كىچەيمۇ ؟ ياكى سەن ئۈچۈن ئانامدىن كىچەيمۇ؟ مەن نىمانچىلا بەختسىز بولۇپ قالغاندىمەن ،. ئىيتقىنا جىنىم مەن زادى قانداق قىلىمەن ؟ ››
ئاسىيە خەتنى ئوقۇپ ئۇزۇن ئولتۇرۇپ كەتتى . پەرھاتقا قايتۇرۇپ خەت يازاي دىسە تىخى ، يازماي دىسە تىخى ، ھايات دىگەن شۇنداق نەرسىمىدۇ ؟ بىراۋلارنى باشقا بىراۋلارنىڭ ئوتىدا قىينايدىغان . ئاران خوشاللىق تاپقان كۆڭۈللەرگە ئېغىر –ئېغىر چاقچاقلارنى قىلىپ قويىدىكەن ، ئەجىبا ھايات ئىنسانلارنىڭ يىغىدىن كۈلكىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلمەسمۇ ؟ ئاي يۈزلۇك قىزلارنى ئازاب ، ھىجران بىلەن توپىغا مىلەرمۇ ؟ .... نۇرغۇن سوئاللار سورالدى ، ئەمما ئاسىيەنىڭ بۇ سوئاللىرىغا جاۋاب قايتمىدى ، ئۆزىنى-ئۆزى بەزلەشكە ئاجىزلىق قىلغان بىر قىز پەقەت سۈكۈت قىلىشنى لايىق تاپتى .
مۇھەببەت – يىرىم كىچىدە تار كوچىدا ئازغىشىپ قالغان قىز .
مۇھەببەت- يىرىم كىچىدە شۇ قىزنى ئۇچىرتىپ قالغان تەلەيلىك يىگىت.
سەھەر ئۇ ساپلىقى بىلەن قەدىرلىك ، كۈن نۇرى ساپ ، ھاۋاسى ساپ يەنە يىقىملىق سايراشلارمۇ ساپ .مۇھەببەتمۇ شۇ سەھەرگە ئوخشاش پاكلىقى بىلەن ئەتىۋاردۇر ، مۇھەببەت ئۇ تەننىڭ بىرلىشىشى ئەمەس بەلكى دىلنىڭ بىرلىشىشى . كۆڭۈل ئۇ قويۇپ بىرىلگەن شامال ، بەزەن ئۇچۇپ ئەسكى تام يىنىدا ئۇخلاپ قالسا ، بەزەن ئۇچۇپ ئالتۇن تاۋاقلاردا ئارام ئالىدۇ . پەرھات بىلەن ئاسىيەنىڭ مۇھەببىتىنى پاك دەيلى دىسەك تەن بىرلەشتى ، ساپ ئەمەس دەيلى دىسەك دىلمۇ بىرلەشتى . ئەمدى گەپ ئۇچىۋاتقان كۆڭۈلنىڭ ئەسكى تام يىنىدا ئۇخلىشى ياكى ئالتۇن تاۋاقتىن ئورۇن ئىلىشى .
يەنە بىر ئايدىن كىيىن پەرھاتتتىن 3- پارچە خەت ئاسىيەنىڭ قولىغا تەگدى .
-:« ئاسىيە ، ئۇزۇن گەپ قىلىپ سىنى قىينىغىم يوق . مەن توي قىلىدىغان بولدۇم .پەقەت ئامال قىلالمىدىم . تويغا ئۇنمىسام ئاپام تۈگىشىپ كىتىدىغان ئوخشايدۇ . ساڭا يۈز كىلەلمەيمەن
- پەرھات 1983-1-13
ئاسيە بۇ خەتنى قولىغا ئېلىپ شۇنداق يىغلاپ كەتتىكى ، پۈتكۈل قىشلاق ماتەم تۇتقاندەك جىمىپ كەتتى ، باشقا ياتاقتىكى قىز-ئوغۇللار پەرھاتنىڭ تويىدىن خەۋەر تاپقان بولسا كىرەك ئارتۇقچە تەسەللى بىلەن ئاسىيەنى بەزلەشنى خالىمىدى . ھازىر بۇ قىشلاقتا نازىنىن بىر قىز ھۆكۈمران ئىدى . قىزنىڭ يىغىسىدىن زىمىن تىتىرىسە ، ئاسمان ياش تۆكەتتى . تاغلار سىلكىنىپ ، قاش دەرياسىنىڭ سۈيى توختىماي چايقىلاتتى . ئاسىيە قورسىقىنى سىلاپ قويدى . ئەلۋەتتە ھىلىقى كۈندىكى يىقىنچىلىق ئاسىيەگە پەرھاتتىن ئەڭ ئاخىرقى خاتىرىنى قالدۇرۇپ قويغان ئىدى . بۇ پەيتتە ئاسىيەگە ئەڭ زور ياشاش ئىستىگىنى پەقەت مۇشۇ كىچىك جانلا بىرەلەيتتى ، ئانا! پەقەت بالا ئۈچۈن ياشايدۇ ئەمەسمۇ . مەيلى ئۇ تۇغۇلۇشقا نىسىپ بولغان بولسۇن ياكى بولمىسۇن .ئانا ئۈچۈن شۇ كىچىككىنە جان مەڭگۈ پەپىلەشكە ئەرزىيدۇ . ئاسىيەنىڭ قەلبى ئۆلگەندەك ، كۆزى نۇرلىرى كۆرمەس بولغاندەك ، ئېغىزى سۆزدىن قالغاندەك جايىدا ئۈن-تىنسىز ئولتۇراتتى . بىر ھازادىن كىيىن ئۇ شىرە يىنىغا كىلىپ بىر ئاق قەغەزگە خەت يېزىشقا باشلىدى .
-سالام پەرھات ،
مىنىڭ قورسىقىمدا سىنىڭ بالاڭ بار ، مۇشۇ قۇرنى قانچە قىتىم يېزىپ قانچە قىتىم ئۆچىرگىنىنى بىلمەيدۇ . جىمجىت يوقاپ كىتىشكە كۆڭۈل ئۇنىمايدۇ ، ئەھۋالنى ئىيتاي دىسە توينى ھامان قايتۇرغىلى بولمايدۇ . ئاسىيە ئاخىرى مۇشۇنداق ئاددى سۆزلەر بىلەن يېزىلغان خەتنى يىزىپ چىقتى ، خەتنىڭ مەزمۇنى .
-سالام ،
مەيلى ساڭا بەخىت تىلەيمەن ، ئاتا-ئانا رازى خۇدا رازى . مەن يالغۇز ئەمەس ، ئاز كۈندىن كىيىن ماڭا قاش كۆزى ساڭا ئوخشايدىغان يىڭى بىر جان ھەمراھ بولىدۇ ، مەندىن ئارتۇقچە غەم قىلما ، مەن ياخشى ياشايمەن ....
ياتاقتا پەرھاتنىڭ تويى توغىرلىق ئانچە-مۇنچە گەپ –سۆزلەر بولۇپ تۇردى ، بەزى يىگىتلەر شەھەرگە كىرىپ تويغا قاتنىشىپمۇ چىقتى . پەقەت ئاسىيەنىڭ كۆڭلنى ئاياپ ئاسىيەنىڭ يىنىدا توي توغىرلىق گەپ-سۆز قىلىنمىدى . ئەمما ئەزەلدىن ئاسىيەگە كۆزى قىزىرىپ كىلىۋاتقان باھار بىر كۈنى ئاسىيەنىڭ ياتىقىغا كىرىپ ھارغىچە سىسىق گەپ قىلدى . شۇنچە ئازابلارغا كۆنگەن ئاسىيەنى بۇ گەپلەرگە يىقىلىپ كىتىدۇ دەمسىز . يەنىلا شۇ جىجىمتلىق ئىچىدە سۈكۈت قىلدى . ئەمما باھار ياتاقتىن چىقىپ كەتكەندە ياستۇقنى قۇچاغلاپ تازا يىغلىدى . ئايلارنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئاسىيەنىڭ قورسىقى ئىپادىلىنىپ چىقىشقا باشلىدى . ئەمدى ياتاق ئارسىدا سۆز چۆچەك باشلاندى
-ۋاي ، يۈزى يوق رەسۋا ، قارا ھالىنى ،
-ئوغول بالا دىگەننىڭ ھەممىسى ئوخشاش ،ھارامتاماقلار . ئىسىت ، پەرھاتمۇ بىر ھايۋانكەنغۇ.
-ئەمدى قانداق قىلار ، شۇنچە ئوڭلۇق قىز ئىدى ، ھەي ، بىردەملىك ھىسياتنىڭ قۇلى بولدى مانا ......
ياخشى گەپ بوسۇغىدىن چىققۇچە يامان گەپ تاغدىن ئېشىپتۇ دىگەندەك ، ئاسىيەنىڭ ھامىلدار بولۇپ قالغىنى مۇشۇ كىچىككىنە قىشلاقتىن ھالقىپ غۇلجا شەھرىگە ، ئاسىيەنىڭ مەھەللىسىگە يىتىپ كەلدى . پەرھاتمۇ بۇ خەۋەرنى خەت بىلەن تەڭ دىگۈدەك بىلدى ، ئەمدى نىمە چارە ، ياندا بىر ئايال تۇرسا ، ئۇنى تاشلاپ يەنە بىر ئايالنىڭ يىنىغا بارغىلى بولمايدۇدە . مۇشۇ سۆز-چۆچەك ، غەيۋەت پاراڭلاردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئاسىيەنىڭ بۇ يەردىن كىتىشتىن باشقا چارىسى يوق ئىدى . ئاسىيەنىڭ دادىسى ئاسىيەنىڭ بىر خىزمەتدىشىغا « دەپ قوي ، ئاسىيە ئەمدى مىنىڭ قىزىم ئەمەس، بۇ ئۆيدىن ئىسمىنى ئۆچىرۋەتتىم ›› دەپ گەپ ئىيتىپ بىرىپتۇ . پەرھات كىچىلىرى ئۆزىنىڭ گۇناھ قىلغانلىقىنى ئويلاپ ئۇخلىيالمايدىغان بولۇپ قالدى . ئاسىيە بولسا كۈندۈزى قوياشتىن خىجىل بولسا ، كىچىسى ئايدىن يىتىرقايتتى . بىر كۈنى ياتاقتا يالغۇز يىتىپ ئىسىگە ھىلىقى باقىت چارۋىچىنىڭ ئايالى كىلىپ قالدى ، ئۇيان ئويلاپ بۇيان ئويلاپ ئاخىرى شۇ ئايالنى ئىزدەپ بارماقچى بولۇپ نىلقىغا يولغا چىقىشقا تەييارلىق قىلدى ، دىمىسىمۇ بۇ بىچارە قىزنىڭ شۇ ئايالدىن باشقا تونۇشى يوق ئىدى . يەنە كىلىپ باقىت ئاكىنىڭ ئايالى شۇنداق كۆيۈمچان ، كۆڭلى-قارنى توق ئايال ئىدى ، بۇرۇن بۇ قىزلارغا ئانا ئورنىدا مۇئامىلە قىلغان بولۇپ ، يولدىشى باقىتنى دەپنە قىلىپ بولۇپ بۇ يەردىن كىتىدىغان چاغدا ھەربىر بالىغا ئېسىلىپ يىغلاپ كەتكەن ئىدى .
مانا ھاياتقا يىڭى بىر قەدەم ئېلىندى ، بۇ ھەرگىزمۇ يەڭگىل بىسىلغان قەدەم ئەمەس ئىدى ، ھەربىر قەدەمنىڭ ئاسىيە ئۈچۈن قانچىلىك تەسكە توختايدىغانلىقىنى پەقەت شۇ قىز ئۆزىلا بىلەتتى . چىقىلغان كوزىنىڭ ئەسلىگە قايتمىغى تەس ، ئەمما شۇ كوزىنى ياماپ بولسىمۇ يىڭى بىر ھاياتلىق ئۈچۈن سۇ تەييارلاش كىرەكتە .
ئاسىيە تاغ باغرىدىكى چىغىر يولدا نىشانسىز ماڭماقتا ، ئۇ ياتاقتىن قانچە يىراقلىغانسىرى بىر خىل سىزىم ئۇنى كەينىگە قاراشقا دەۋەت قىلاتتى ، ئاھ ،تاغ باغرى، ئىككى ياشنىڭ قەلبىگە ئوت تۇتاشتۇرغان جاي ، يەنە مۇشۇ ئىككى ياشنىڭ تىنى بىلەن دىلىنى چىرمەشتۈرگەن جاي . ئاھ، ئاسىي ماكان.
3-ھايات ھىچكىمنى ئۆگەيلىمەيدۇ !
مەيلى ئۇ قويلارنىڭ مەرىشىدىن باشقا ئاۋازنى ئاڭلىغىلى بولمايدىغان قىشلاق بولسۇن ، مەيلى ئۇ تۆت تېمىدا بىرەر پارچە گىلەممۇ يوق ياتاق بولسۇن ، نىمىلا دىمىگەن بىلەن ئاسىيەگە بىر نەچچە يىل ھەمرا بولغان ماكان ئىدى . يازنىڭ پىژغىرىن ئاپتاپلىرى كۆيدۈرگەن بولسىمۇ ، قىشنىڭ شىۋىرغانلىرى نەشتەرلىرىنى يۈزلىرگە سانجىغان بولسىمۇ ئاسىيە يەنىلا بۇ كىچىك دۇنيانى ياقتۇراتتى ، ئىنىق قىلىپ ئىيتقاندا مىھرى چۈشۈپ قالغان ، كۆنۈپ قالغان ئىدى . ئۇ شۇ سانجىلغان نەشتەرلەرگە چىدىغان بىلەن خىزمەتداشلىرىنىڭ نەشتەر سۆزلىرگە چىدىمىدى . ھايات كىشىنى ھەرخىل ئويلارغا سالىدۇ ، بەلكىم ئاسىيەنى مۇساپىرلىق ئويىدا پۇچىلىماقچى بولغان بولسا كىرەك ، خۇدا ئۆزەڭ بار ، مەزلۇملارنى يىغلاتمىغىن ،
خۇددى پەرھات نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا مۇشۇ توپىلىق يولدا غۇلجا شەھەرگە ماڭىدىغان ماشىنا تورىغاندەك ، مانا بۈگۈن ئاسىيە يەنە شۇ توپىلىق يولدا ئەزەلدىن ئاياغ بېسىپ باقمىغان نىلقا ناھيىسىگە ماشىنا تورىماقتا ، بىرنىڭ قەلبىدا ئۆيىنى سىغىنىش ھىسياتى ئالدىرىتىپ ماشىنىنىڭ تىزراق قىلىشنى ساقلاپ تاقىتى تاق بولغان بولسا ، ئەمما يەنە بىرنىڭ كۆڭلىدە غەشلىق ، كاللىسىدا مىڭ خىل خىيال ، يەنە ئاي يۈزلىرىدە نومۇس داغلىرى ئۇنى بۇ ماكاندىن تىزاراق كىتىشكە ، ئۆتمۈشنى كوچىلىمايدىغان شۇ ناتونۇش يۇرتقا بىرىشقا مەجبۇر قىلاتتى. ئالاھەزەل بىرەر سائەتلەردىن كىيىن بىر ئات ھارۋىلىق كىشى بۇ يەردىن ئۆتتى ،
- چوڭ دادا ،
-ھوي قىزىم، قەيەرگە باراتتىڭىز؟
-نىلقا ناھيىسىگە ،
-ھە ، تۇققانلار باركەندە ،
- ھە ، لىكىن ئۆينىڭ ئىنىق ئادىرسىنى بىلمەيمەن ،
- نىلقا دىگەن مۇشتۇمدەكلا يەر ، قىنى قاراپ تۇرماي چىقىڭە ، كەچكە قالمايلى بولمىسا ، ئاسىيە بىرخىل تارتىنىش ئىىچىدە ھارۋىغا چىقتى . ھارۋا چاقىنىڭ غىچ-غىچ ئاۋازى ئاسىيەنىڭ خىيالىغا مۇزىكا چىلىپ بىرىۋاتاتتى ، بۇ خىياللار تاتلىق ئەمەس ئىدى ، بەلكىم ئاسىيەدىن باشقا ھەرقانداق بىر كىشى بۇ ئازابنىڭ تەمىنى بىلمەسلىكى مۈنكىن .
ئاسىيە خىيالدىن نىرى بولغان چاغلىرىدا ھارۋىكەش كىشىنى كۈزىتەتتى ، چاچلىرىنىڭ ئۇ يەر -بۇ يەرلىرى ئاقارغان ، بۇرنى كەڭ ، پىشانىسىگە چوڭقۇر قورۇقلار چۈشكەن بۇ كىشىنىڭ چىھرىدىن بىرخىل ئاڭكۆڭۈللۈك چىقىپ تۇراتتى . ئاسىيە بۇ كىشىگە ھەر نۆۋەت قارىغان چىغىدا دادىسىنى ئەسكە ئالاتتى .داسىنىڭ يېشى بۇ كىشىدىن جىق پەرىقلەنمەيتتى . دادىسىمۇ مۇشۇ كىشىدەك ئىللىق كۆرىنىدىغان ئادەم ئىدى. ئەمما شۇ كىشىنىڭ ئېغىزىدىن ‹‹ سەن ئەمدى مىنىڭ قىزىم ئەمەس، بىزنىڭ ئائىلىدىن سىنىڭ ئىسمىڭنى ئۆچۈرۋەتتىم ›› دىگەن سۆز چىقىتى . بەلكىم.... ئاچچىق شۇنداق نەرسىدۇ ، كەلگەندە تۇتقىلى بولمايدىغان ، ھەم ئىچىگە يۇتقىلى بولمايدىغان. جىمجىتلىقنى ھارۋىكەش بۇزدى ،
- قىزىم ، بىرەر دەردىڭىز باردەكلىغۇ ، بايا سىزنىڭ قەيەردىن كەلگىنىڭىزنىمۇ سورىماپتىمەن ؟
- غۇلجا ...
-شەھەر ئىچىدىنمۇ؟
- ياق ، غۇلجا ناھيىدىن ، ئاسىيە ئامال بار ئۆزىنىڭ ئەسلىنى يۇشۇرماقتا ئىدى . چۈنكى ئۇ يىڭى ماكاندا يىڭىچە ياشاپ ، ئۆزىنىڭ ئۈستىدىكى غەيۋەت ، قارغىش ، تىللاشلاردىن قۇتۇلماقچى ئىدى . دىمىسىمۇ مۇشۇ ئازابلارنى يەڭگىلەتمەكچى بولمىسا بۇ نازىنىن قىزغا تۆت تاغنىڭ ئوتتۇرسىدىكى بۇ ماكاندا نىمە بار . تەخمىنەن 30 كىلومىتىردەك بۇ يولمۇ ئاخىرى تۈگەي دىدى ، نىلقىغا كىرەي دىگەن يەردە نىلقا سۈيى لەك ئۇرۇپ ئاقماقتا ئىدى . ھارۋىكەش يولدا ئىككى قىتىم قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغان ئىدى ، ئاسىيە
-چوڭ دادا ، يانا ئىككى قىتىم دۇئاغا قول كۆتۈردىلە ، سەۋەبى نىمىكىن ؟
-ھە ، بىرسى زاراتكاللىق ، سىز كۆرمەي قالدىڭىز . يەنە بىرسى باياتىن بىز بېسىپ ئۆتكەن يول ‹ تاش داۋان› ،بۇ دادىمىز نىمە يوللارغا دۇئا قىلىپ يۈرىدىغاندۇ دىمەڭ . تاش داۋاننىڭ يوللىرى خەتەرلىك ، مەن ھەر قىتىم مۇشۇ يەردىن ئۆتكەندە ئۇلۇغ ئاللاھدىن ئامانلىق تىلەپ دۇئا قىلىمەن قىزىم .
-ھە ، ئاسىيە شۇنداق دەپلا دۇئاغا قول كۆتۈردى ،
- قىزىم ، ئەمدى سىز نىمە سەۋەبتىن دۇئا قىلدىڭىز،
- يىراقتىكى ئاتا-ئانام ئۈچۈن .. ئاسىيەنىڭ بۇلاق كۆزلىرىدىن ياش ئىختىيارسىز ئېقىپ چۈشمەكتە ئىدى .
-سەۋىر ، سەۋىر ،، شۇ ئەزىزانلىرىڭىزنىڭ ئامانلىقىنى بەرسۇن. بۇ كىشىمۇ ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ قويدى ، يولدا كەلگۈچە ئاسىيە بىلەن ھارۋىكەش بىر -بىرنىڭ ئىسمىنىمۇ سوراشمىدى . ھارۋىكەش بۇ قىزنىڭ مەيۇس تۇرقىغا قاراپ جىق سوئال سورىماي دەپ ئويلىغان بولسا ، ئاسىيە يەنىلا ئۆزىنىڭ ‹ ئارخىبىنى› مەخپى تۇتۇش ئۈچۈن ئىدى .
-ھە ، قىزىم ، بارىدىغان يەرنى ئىيتىڭ مەن ئاپىرىپ قوياي، ھارۋىكەش ئاسىيەگە قاراپ تۇراتتى.
-بىلمەيمەن ، پەقەت ئۆي ئىگىسىنىڭ ئىسمىنىلا بىلىمەن ، سىز مىنى ھارۋىغا چىقارۋالغان يەردە بۇرۇن چارۋىچىلىق قىلىدىغان بىر ئائىلىلىك بار ئىدى ، باقىتكام تۈگەپ كىتىپ ئايالى جەننەت ھەدىمىز مۇشۇ يەرگە يىنىپ كەلگەن.
- ھا ھا ، مانا مانا ئويلىغىنىمدەك بولدى ، بىزنىڭ قوشنا ئۇ ئايال ، قاراق مىللىتىدىن ، سىز قانداق قىلىپ تونۇيسىز ؟ بايا تۇققان يوقلاپمۇ دىگەندە سىز « ھە » دىگەندەك قىلغان... ھارۋىكەش قىززىقسىنىپ سوئال سوراۋەردى .يەنە جىمىپ ھارۋىسىنى مەھەللىسىگە تارتتى.
ئەمدى جەننەت ھەدىنىڭ ئۆيىدىكى گەپلەرنى قىلساق ، ئىككى مەزلۇم ، يەنە بىر بالا ، جەننەت ھەدە بۇرۇنقىدىن خىلىلا ئاجىزلاپ قالغان ئىدى ، باقىت ئاكا بار چاغلاردا بىللە قويلارنى قۇرۇشۇپ بىرەتتى ، ئات ئۈستىگە ئەر كىشىلەردەك چاققانلىق بىلەن مىنگىشەتتى، لىكىن ھازىر ئاتىدىن ئايرىلغان بۇ ئۆيدە بۇ ئايال جىندەك يالغۇز ئىدى ، بالىسى بولسا چارۋىلارنى نىلقا بازىردىن ئانچە يىراق بولمىغان ئوداق دىگەن يەردە باقاتتى ، ھەپتىدە ياكى ئايدا بىر كىلىپ ئۆيگە لازىمەتلىك نەرسىلەرنى ئەكىلىپ بىرەتتى ، ئاسىيە كەلگەن دەسلەپكى كۈنلەردە بۇ يىڭى ماكاندىن يىتىرقاپ يۈردى ئەمما جەننەت ھەدىنىڭ ئاقكۆڭۈللىكى ، دىلكەشلىگى ، ئاسىيەنىڭ كۆڭلىدىكى تۈگۈنلەرنى يەشتى ، بولۇپمۇ ئاسىيە كىلىپ ئىككىنچى كۈنى كەچتە جەننەت ھەدە ئورۇن راستلاپ بولۇپ ئۇخلاي دىگەندە ، ئاسىيە ياستۇقنى قۇچاغلاپ يىغلاپ كەتتى، جەننەت ھەدە ،
-:‹‹ قىزىم ، ئۆمۈر پەقەت بىر قىتىملا كىلىدۇ ، يىغلىما ، ئايال كىشىنىڭ كۆز يېشى ئۆزىگە دۈشمەن ، قەيسەر بول ، بالاڭنى تۇغ، مانا مەن باقىمەن . داداڭ شۇنداق دىگەن بولسا دىسۇن، مەن ساڭا ھەم دادا ، ھەم ئانا بولىمەن . ھىلىقى يىگىت توي قىلغان بولسا بوپتۇ ، بەخىت تىلە ، سىنىڭ كۆز ياشلىرىڭغا ھامان بىر كۈنى جاۋاب چىقىدۇ . باقىت ئاكاڭ كەتتى ، چىدىدىم ، مەن قىرى ئايال تىك يۈرىۋاتىمەن، سەن تىخى ياشقۇ ›› . بىر چارۋىچى ساۋاتسىز ئايالنىڭ ئېغىزىدىن ياق چىن كۆڭلىدىن چىقققان بۇ رەدىيە ھەم ئىلھام سۆزلىرى ئاسىيەنى قايتىدىن ياشاشقا ئۈمىد باغلاتقان بولسا كىرەك شۇنىڭدىن بىرى ئاسىيە يىغلاپ باقمىدى ، ئاستا-ئاستا ئۆز ئەسلىگە قايتىشقا باشلىدى ، تۇغۇت كۈنىگىمۇ ئاز قالغان ئىدى . بۇرۇنلاردا بولسا ئاسىيە خىجىللىق ئىچىدە يۈرەتتى . ئەمدى بولسا قوشنىلارنىڭ ئۆيىگە خاتىرجەم كىرىۋىرىدىغان بولدى ، جەننەت ئانىمۇ ئاسىيەنى قوشنىلارغا باشقىچە تونۇشتۇرغان ئىدى . قولۇم-قوشنىلار پەقەت . ئاسىيەنىڭ يولدىشىنىڭ تۈگەپ كەتكەنلىكىنى ، ئەمدىلا تۇرمۇشقا چىققان بۇ قىزنىڭ تۇل قالغانلىقىنى ، قايتا توي قىلماي ، قورساقتىكى بالىنى تۇغۇپ قاتارغا قوشۇشقا بەل باغلىغانلىق يالغان مولۇماتنىلا بىلەتتى ،
ئاسىيە نىمىشقىكىن غەمدىن نىرى بولالمىدى ، بەلكىم ئايال كىشى مۇشۇ دەدىقىلەردە ئەركەكنىڭ قەدىرىگە يەتسە كىرەك ، بۇ يەردىكى ئەركەك قەدىرى بولسا تۇغۇت ئۈستىدە ئۆزىنى سۆيىدىغان بىر ئەر كىشىنىڭ بېشىدا تۇرۇپ ئۇنىڭ تۇغۇت ئازابىنى يىتىكلىشتۇر . ئەلۋەتتە بىر ئايال زاتى ئۈچۈن دادىسى يوق بۇۋاقنى يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچقۇزۇش تولىمۇ تەس ، يىنىك قىلىپ ئىيتقاندا ئاسىيە بىر نىكاھسىز بالىنى تۇغماقچى ، قوپال تىل بىلەن ئىيتساق بىر بۇۋاق بۇ دۇنياغا كۆز ئېچىپلا يىتىمەك ئاتالماقچى . باشقىلارنىڭ ھەرقانداق ئىلھام سۆزلىرى ، ئەپۇ قىلىشلىرى ، كۆڭۈل بۆلۈشلىرى ئەلۋەتتە بىر دادىنىڭ :" خوتۇن ، غەيرەت قىلىڭلا ، " دىگەن سۆزىچىلىك ئۈنۈملۈك ئەمەس ئىدى .
جەننەت ھەدە ئاسىيەنى ئۆز قىزىنى كۈتكەندەك كۈتتى ، تۇغۇتىغا ئاز قالغانسىرى ئاسىيەگە ئانچىكى ئىغىرى بار نەرسىلەرنىمۇ كۆتۈرگۈزمىدى . ھەر قىتىم جەننەت ھەدە ئاسىيەگە :" بولدى ، قىزىم ، مەن قىلىمەن ، سەن بىرىپ ئارام ئال . بولدى قويۇپ قوي ، ئۆزۈم قىلىۋىتىمەن " دىگەندەك سۆزلەرنى قىلغاندا ،ئاسىيەنىڭ ئويلىرى ئىختىيارسىز يىراق شەھەردە قالغان ئانىسىنى ئەسلىتەتتى ، كۆزىگە لىققىدە ياشلار تولاتتىيۇ ئەمما سىرغىپ چۈشمەيتتى ، يىغا ئىچنىىمىگە ئەسقاتمايدۇ ، ئەگەر ئەسقاتقان بولسا ئاسىيە بۇ ناھيەگە كەلمەي غۇلجا شەھەرگە بارغان بولاتتى ، ئۆيىگە كىرىپ ئاتا- ئانىسىغا يالۋۇرۇپ ياش تۆككەن بولاتتى ، پەرھاتقا خەت يېزىپ يۈرمەي ئۇددۇل ئۇنى ئىزدەپ تېپىپ كۆز يېشى قىلغان بولاتتى ، ئەمما يىغا كىشنى ئاجىز كۆرسىتىدۇ ، يەنە بىر جەھەتتىن ئاسىيەنىڭ تۆككەن يىشىغا ھىچكىم ئىشەنمەيدۇ . ئاسىيە باشقا تونۇشلارنىڭ كۆڭلىدە ئازغان بەندە ، قەدىرسىز ئىنسان ، ئەجدادلارنىڭ يۈزىنى تۆككەن ھاياسىز ئىدى .
- بول ، ياسىن ئاغاي ، قىز يەڭگىيدىغان بولدى ، ئايالىڭنى چاقار ، جەننەت ھەدە قوشنىسىنىڭ ئۆيىگە ھۆمۈدەپ كىرىپ مۇشۇ گەپلەرنى دەپلا يەنە يۈگىرىگەن پىتى چىقىپ كەتتى .
- جىنىم قىزىم ، غەيرەتلىك بول ، كۈچە ،
-چوڭقۇر نەپەس ئىلىڭ قىزىم ، جەننەت ھەدە بىلەن ياسىن بۇۋاينىڭ ئايالى ئاسىيەنىڭ بېشىدا تۇرۇپ مەدەت بەرمەكتە ئىدى. تاغ ئارسىدا نە دوختۇر ، نە تۇغۇت ئانىسى بولمىغان شارائىتتا ئوڭوشلۇق يەڭگىگەن جەننەت ھەدە بۇ ئىشلارغا خىلىلا پىششىق ئىدى . ياسىن بۇۋاينىڭ ئايالى .
- ھوي ياسىن ، قايناقسۇ قاينىتىڭ ، يەنە ئات ھارۋىنى قوشۇپ قويۇڭ ، دەپ تاشقىرقى ئۆيدە موخۇركا چىكىپ ئولتۇرغان بۇۋاينى ئىشقا بۇيرىدى .
-ھە بولىدۇ ، ھوي ئاپىسى ھارۋىنى نىمە قىلىسەن .
-خۇدا ساقلىسۇن ، شۇندىمۇ ئىھتىيات ئۈچۈن ، بەلكىم بۇ موماي ئالىم ھادىس بىرەر ئىش بولۇپ قالسا ئاسىيەنى ناھيە بازىرىدىكى شىپاخانىغا ئېلىپ بارارمىز دەپ ئويلىغان بولسا كىرەك. بىر ھازادىن كىيىن ئۆيدىن بالىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. ئىڭڭە ،ئىڭڭە بالا قىيغىتىپ يىغلىماقتا ، ئانا ھالسىز بەدنلىرىنى كاۋاتقا چاپلاپ ، كۆزىنى تەستە ئېچىپ ئۆزىنىڭ يۈرەك پارىسىگە تويماي قارىماقتا ، ئىككى ئايال بولسا بىر -بىرگە مەمنۇنلۇق بىلەن قارشىپ
- ئوغۇل بالىكەن
- ئاسىيەگە يۆلەك بولسۇن ، جىنىم قىزىمىنىڭ جىنىغا جان قوشسۇن دىيىشىپ ئاسىيەدىن مەملۇنلاندى
، تاشقىرقى ئۆيدىكى ياسىن بۇۋاي بولسا خۇددى ئۆزىنىڭ كىلىنى يەڭگىگەندەك كۈلۈمسىرەپ خوشاللىق ياشلىرىنى تۆكمەكتە ئىدى .
شۇنداق ھايات ھىچكىمنى ئۆگەيلىمەيدۇ ، ئۇلۇغ ئاللاھ مانا مۇشۇ ئانىنىڭ تۇغۇتىنى ئاسان قىلىدى . يات يەردىكى ئەزەلدىن ئۇرۇق -تۇققانچىلىقى بولمىغان بىر توپ كىشلەر ئاسىيە ئۈچۈن ، بالا ئۈچۈن پايپىتەك بولۇشتى . ئەلۋەتتە ھەرقانداق بىر ئىنساننىڭ سەبىيدىن يامانلايدىغانغا سەۋەبى يوق . بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقان ھەر قانداق بىر بەندىنى ئاللاھ رىسقسى بىلەن يارىتىدۇ . ئاشۇ سەبى ئۈچۈن قانداقتۇر بىر جايلاردا دەرەخلەر تىكىلگەن ، قايسى بىر شىرەلەردە ئوزۇق -يىمىكى تەييارلانغان بولىدۇ . ئۇنىڭ يىغا ئاۋازى ھاياتقا قەدەم بىسىپ كىرىش مارشى ، ئۇنىڭ ۋىلىقلاپ كۈلىشى ھايات يولىغا چىچىلغان بەخىت ئاپتىپى . ئۇنىڭ ئويناق قىلقلىرى ھاياتلىق ئۈچۈن رەڭگارەڭ بىزەك .شۇڭا بۇ بالىنى ياسىن بوۋاي ، جەننەت ئانا ، بۇۋاينىڭ ئايالى ئۆگەيلىمىدى . نىلقىنىڭ قوينىدا سوزۇلۇپ ياتقان ئابرال تىغى ، نىلقىنىڭ باغرىدا ئويناقشىپ ئىقىۋاتقان قاش دەرياسى ئۆگەيلىمىدى ،
داۋامى داۋاملىق يوللىنىدۇ !
[ بۇ يازما axkar تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]